كۆرۈش: 310|ئىنكاس: 5

قۇربان مولنىياز:شائىر نىمشېھىت ۋە نىمشېھىت مەقبەرىسى [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  70
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 423
تۆھپە : 0
توردا: 124
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 17:56:08 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شائىر نىمشېھىت ۋە نىمشېھىت مەقبەرىسى
قۇربان مولنىياز
شىنجاڭنىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر  ئەدةبىيات تارىخىدا نىمشېھىت دىگەن بىر ئۆچمەس ئىسىم ھېلىھةم  نۇر چېچىپ چاقناپ  تۇرماقتا.
    نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى 1904-يىلى كۇزدة  باي ناھيىسنىڭ توقسۇن يېزا تېزةك قاغا كەنتىدة ئېلاخۇن ئىسىملىك نامرات دېھقان  ئائىلىسىدة  دۇنياغا كەلگەن،14ياشقا كىرگەندة دادىسى ۋاپات بۇلۇپ كېتىپ يار-يۆلەكسىز قالغان،شۇنىڭ بىلەن ئۇ داموللىنىڭ ئۆي ئىشلىرنى قىلىشىپ بېرىشكە مەجبۇر بولغان،كۈنلىرى ئاچ-زېرىنلىق ۋة جاپا-مۇشاقەت ئىچىدة ئۆتكەن.ئۇ تۇغما تالانىتلىق ،تىرىشچان بولغاچقا،1922-يىلدىن 1929-يىلغىچە باي،كۇچا ناھيىلىردىكى مەدرىستە ئۇقۇغاچ تالىپلارغا دةرىس ئۆتكەن.ئۇ بۇمەزگىلدة خەلىق قوشاقلىرى شەكلىدة يازغان تۇنجى ئةسىرى ‹‹بازار ۋة مازار››ناملىق شىئېرلار توپلىمى قوليازما ھالىتىدة خەلىق ئىچىگە كەڭ تارقالغان.نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى تېخىمۇ كۆپ بىلىم ئېلىش ئىستىگىدة 1929-يىلى شۇ زاماننىڭ داڭلىق ئىلىم مەركىزى بولغان  قەشقەر خانلىق مەدرىسكە ئۇقۇشقا كىرىپ ،كېيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە پۇختا ئاساس سالغان بۇ مەزگىلدة ‹‹مادار ئەئىزةم ››(چوڭ ياراشتۇرۇش)ناملىق شىئېرلار توپلىمى بىلەن مۇھەببەت تېمىسىدا يېزىلغان ‹‹ئەنۋارۇلھۇدا››(ھەقىقەت نۇرلىرى)ناملىق قەسىدىسنى يېزىپ،جامائةتچىلىككە تالانىتلىق شائىر سۈپتىدة تۇنۇلغان.بۇ ئەسەرلىرنىڭ ھةممىسى گومىنداڭ دائىرلىرى تەرپىدىن مۇسادىرة قىلىنغان.ئۇ 1932-يىلى قەشقەر كونا شەھةردة جىن شۇرېننىڭ ھۆكۈمرانلىقىغا قارشى دېھقانلار قوزغىلىڭىغا ئاكتىپ قاتنىشىپ ،1932-يىلى 10-ئايدا ئوق تېگىپ ئېغىر يارلانغان.شۇنىڭدىن ئېتىۋارةن يازغان ئەسەرلىرنى ‹‹نىمشېھىت››(يېرىمجان)دېگەن ئةدةبىي تەخەللۇسى بىلەن ئېلان قىلغان.1933-يىلى 4-ئاينىڭ 15-كۈنى سالامەتلىگى ئانچە ياخشى بولمىغاچ قەشقەردىن بايغا قايتىپ كەلگەن..1933 –يىلى 10-ئايدا كۇچاغا بېرىپ يېڭى پەننىي مەكتەپنىڭ ئوقۇتۇش پىروگىراممىلىرنى ئۈگۈنۈپ ھةم بىر يۈرۈش دةرىسلىك ماتىريالى سېتىۋېلىپ،باي ناھيىسدة تۇنجى قۇرۇلغان ‹‹ئىقبالىيە››باشلانغۇچ مەكتىۋىنىڭ تۇنجى ئوقۇتقۇچىسى بولغان.1934-يىلى 5-ئايدا سايرامدىكى پەننىي باشلانغۇچ مەكتەپكە  مۇدىر ۋة ئۇقۇتقۇچى بولغان.1935-يىلى 9-ئايدا قېيىر يېزىسدا قۇرۇلغان پەننىي باشلانغۇچ مەكتەپكە  مۇدىر ۋة ئۇقۇتقۇچى بولغان.1935-يىلى10-ئايدا بايغا قايتىپ كېلىپ مائارىپ خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1936-يىلى يازلىق تەتىلدىن كېيىن يۇقۇرنىڭ بۇيرۇقى بۇيچە ئاقسۇ  ئۇيغۇر مەدةنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسغا بېرىپ ئىشلەپ،نەشىريات بۈلۈمىگە مەسۇل بولغان ۋة ‹‹ئاقسۇ ئۇچۇرى›› گېزىتىنىڭ مەسۇل مۇھةررىرلىگىنى ئۈستىگە ئالغان.1943-يىلى 7-ئايدا ئاقسۇ ئۇيغۇر مەدةنىي ئاقارتىش ئۇيۇشمىسى تەشۋىقات بۈلۈمىنىڭ باشلىقى بولغان،شۇ مەزگىلدە بىر قانچە سەھنە ئەسىرى يازغان .بۇ جەرياندا نۇرغۇن داڭلىق ئەسەرلەرنى يېزىپ ئېلان قىلغان.ئىككى يىلدىن كېيىن ،كېسەل سەۋەبى بىلەن باي ناھيىسنىڭ توقسۇن يېزىسى تېزةك قاغا كەنتىدىكى ئائىلىسگە قايتىپ كەلگەن. 1945-يىلى 9-ئاينىڭ باشلىردا ئۈچ ۋىلايەت مىللي ئارمىيىسى بايغا كەلگەندة،  ئۇ ناھيىلىك ھۆكۈمەت ئورگىنىدا باسما ئىشلىرغا ئۇرۇنلاشتۇرۇلغان.شۇ يىلى 10-ئاينىڭ باشلىردا ئۈچ ۋىلايەت مىللي ئارمىيىسى قىسىملىرى بىلەن بىرگە ئىلىغا بېرىپ، ‹‹ئىلى گېزىتى››دة مۇھةررىر بولغان .1946-يىلى 1-ئايدا ئۇنىڭغا كاپىتان ھةربىي ئۇنۋانى بېرىلگەن،1946-يىلى 7-ئايدا نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلاۋىي ھۆكۈمىتى دىنىي نازارةت ئىلىم -پەن بۆلمىنىڭ باشلىقلىقىغا تەيىنلىنىپ  نەشىريات خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1948-يىلى 8-ئايدا  ئۇ شىنجاڭ تىنىچلىقنى ھىمايە قىلىش دېمىكراتىيە ئىتپاقىنىڭ نەشىر ئەپكارى ‹‹ئىتپاق›› ژۇرنىلىغا كېلىپ تەھرىرلىك خىزمىتى بىلەن شۇغۇللانغان.1950-يىلى 9-ئايدا بايغا قايتىپ كەلگەن. يېڭى جۇڭگۇ قۇرۇلغاندىن كېيىن نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى كومپارتىيىنى ھىمايە قىلىپ ،ۋەتەننى  قىزغىن سۈيۈپ،ئۇلۇغ ۋەتەننى،يېڭى تۇرمۇشنى مەدھىلەيدىغان نۇرغۇن ئەسەرلەرنى ئىجات قىلغان،ئۇنىڭ  ‹‹ۋةتەن مۇھةببىتى ››،‹‹نىمشېھىت شىئېرلىردىن تاللانما››(خەنزۇ تىلىدانەشىر قىلىنغان) ،‹‹يۈرةك سۈزى›› قاتارلىق شىئېرلار توپلاملىرى بار.ئۇ يەنە خەلىق ئىچىدىكى رىۋايەتلەردىن  پايدىلنىپ ‹‹پەرھات –شىرىن ››داستانىنى،‹‹لەيلى- مەجنۇن››دىراممىسنى يېزىپ چىققان. ئۇ بىرىنچى، ئىككىنچى نۆۋةتلىك ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق خەلىق ۋةكىللەر قۇرۇلتىينىڭ ۋةكىلى  بولغان.1954-يىلدىن 1955-يىلغىچە ئۈرۈمچىدة تۇرۇپ ئۇيغۇر خەلقىنىڭ بۈيۈك نامايەندىسى بولغان 12مۇقامنىڭ تۇنجى قېتىملىق رةتلىنىپ ،سىنغا ئېلىنىشىغا ئالاھىدة تۆھپە قوشقان،ئەرةپ پارىس تىللىردىكى مۇقام تېكىسىتلىرنى رەتلەپ تەرجىمە قىلىپ نوتىغا ئالغان.شائىر نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى 1971-يىلى 8-ئاينىڭ 22-كۈنى باي ناھيىسنىڭ ئومباش يېزا كېۋةزلىك كەنتىدة كېسەل سەۋەبى  بىلەن ئالەمدىن ئوتتى.ئۇ سوتسىيالىستىك مەدةنيەت ئىشلىرنى گۈللەندۈرۈشكە زور توھپە قوشقان،ئۇيغۇر كىلاسسىك شىئېرىيىتىنى ھازىرقى زامان شىئېرىيىتىگە تۇتاشتۇرۇپ ،ئۇيغۇر ھازىرقى زامان ئةدةبىياتىنىڭ گۈللىنىشىگە تۆھپە  قوشقان ئۇستاز ۋەتەنپەرۋەر شائىردۇر.
نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى ۋاپات بولغاندىن كېيىن باي ناھيە ئومباش يېزا كېۋةزلىك كەنتىنىڭ جەنۇبىدىكى چولتاغ باغرىدىكى ئويقۇمۇش دىگەن يەردىكى  يۇلغۇن تۈۋىگە دةپنە قىلىنغان،1979-يىلى 5-ئاينىڭ 30-كۈنى باي ناھيىلىك پارتىكوم خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ قۇشۇلۇشى بىلەن شائىرنىڭ جەسىتى ئومباش يېزاسىنىڭ چولتاغ باغرىدىكى ئويقۇمۇش دېگەن يېرىدىكى يۇلغۇن تۈۋىدىن بۇلۇڭ يېزىسنىڭ يۇقۇرقى بۇلۇڭ دېگەن يېرىدىكى شىمالىي تاش ئوستەڭ بۇيغا يۆتكەپ دةپنە قىلىندى ،قەبرة سۇپۇسى قۇپۇرلۇپ ‹‹ۋەتەنپەرۋەر شائىر نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامى››دېگەن خەت يېزىلدى.گۈل سېۋىتى قۇيۇلۇپ شائىر ۋاپاتىنىڭ 8يىللىقى خاتىرلەندى،قەبرة ئەتراپىدا گۈل ئۆستۈرۈلدى.2007-يىلى شائىرنىڭ  بۈۋھةجەر ئارمىيە ئېلى  قاتارلىق پەرزةنىتلىرنىڭ كۈچلۈك تەلۋى ۋة شائىر قەبرىسىنى زىيارةت قىلغۇچىلارغا قولايلىق يارتىپ بېرىش ئۈچۈن باي ناھيىلىك پارتىكوم خەلىق ھۆكۈمىتىنىڭ 50مىڭ يۇةن مەبلەغ ئاجىرتىپ بىۋاستە رةھبەرلىك قىلىشى بىلەن شائىرنىڭ جەسىدىنى ناھيە بازىرغا يېقىن مەنزىرسى گۈزةل بولغان كانچى قەبرىستانلىقىغا  ئىككىنچى قېتىم كۆچۈرۈش ،نىمشېھىت مەقبەرىسى قۇرلۇشى باشلاندى.شۇ يىلى 11-ئايدا مەقبەرە قۇرلۇشى تاماملىنىپ،نىمشېھىت ئارمىيە ئېلى سايرامىنىڭ جەسىدى ئىسلام ئۆرۈپ ئادىتى بۇيچە مۇھاپىقيەتلىك كۈچۈرۈلدى.نىمشېھىت مەقبەرىسى  قۇرلۇشى ئىسلام بىناكارلىقى بىلەن زامانىۋى بىناكارلىق قۇرلۇش ئۇسلۇبى بىرلەشتۈرلۈپ ياسالغان بۇلۇپ،ئىگىلىگەن ئومۇمى  كۆلىمى 44كۇۋادىرات مېتىر ،مەقبەرە ئۇل قىسمىغا 0.50مېتىر ئېگىزلىكتە بىتون ياتقۇزۇلغان.ئۈستى گۆمبەز تۇرۇسلۇق قىلىپ يېپىلغان بۇلۇپ،سەككىز تۈۋرۈك قۇپۇرۇلغان، گۆمبەز ئاق رةڭلىك سىر بىلەنن سىرلانغان گۆمبەزنىڭ ئوتتۇرسىغا قەبرة قوپۇرۇلغان بۇلۇپ ،ئاق سىردا سىرلانغان، قەۋرة تېمىغا نىمشېھىتنىڭ نادىر شىئېرلىردىن نەمۇنىلەر يېزىلغان،گۆمبەزنىڭ يەر يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6مېتىر،مەقبەرىنىڭ كىرىش ئىشىكى تۈمۈردىن نەپىس قىلىپ ئىشلەنگەن.مەقبەرە ئەتراپى بىرمېتېر 80سانتېمېتېر  ئىگىزلىكتىكى تۈمۈر رىشاتكا بىلەن قورشالغان.رىشاتكا بويلاپ گۈل ئۆستۈرۈلگەن.مەقبەرە ئىشىكىنىڭ ئىچى ئوڭ ۋة سول  تەرپىگە نىمشېھىتنىڭ ۋةكىللىك ئەسەرلىرنىڭ سىمۋولى نەپىس قىلىپ قۇپۇرۇلغان ۋة نىمشېھېتنىڭ قىسقىچە  تەرجىمھالى ئۇيغۇر ،خەنزۇ يېزىقىدا نەپىس قىلىپ يېزىلغان  .مەقبەرە ئىچى قاتتىقلاشتۇرۇلغان.ھازىر نىمشېھىت مەقبەرىسى  ياش ئۆسمۈرلەرنىڭ ئىنقىلاۋىي ئەن-ئەنە  تەربىيە بازىسى،ساياھةتچىلەرنىڭ ۋة ھةر مىللەت ئاممىسنىڭ مۇھىم زىيارةتگاھى بۇلۇپ  قالدى.

ئاپتور :باي ناھيىلىك مالىيەئىدارىسدة  ,تېلفۇن:13779743107
مەنبە:‹‹ئاقسۇ ئەدەبىياتى ››ژۇرنىلى 2012يىللق 2-سان

idraksoft

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  46
يازما سانى: 239
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 773
تۆھپە : 0
توردا: 125
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 23:32:12 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەقىقەتەنمۇ دانا شائىر ئىكەن...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qaynami تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-14 23:46  


Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  174
يازما سانى: 134
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 464
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 23:50:30 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەسىملىرى بولسا شۇنىمۇ يوللاپ قويسىڭىز بوپتىكەن . 2008-يىلى بارغان ئىدىم . ئۇ چاغلاردا ئۇنىڭ قەبرىسى شۇنداق ياخشى ساقلىنىپتىكەن .

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  17
يازما سانى: 265
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 1427
تۆھپە : 0
توردا: 265
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-6

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 00:35:37 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېمىنى يەنە بىر يەردە كۆرگەن ئېسىمدە ،بىراق نەدىلىگىنى دەماللىققا ئېسىمگە ئالامىدىم، شۇ چاغدىمۇ نىمىشقا سۈرەت بىلەن قوشۇپ يوللىمىغاندۇ دەپ ئويلىغان ، مۈمكىن بولسا ئېرىنمەي سۈرەتلەرنىمۇ تەييارلاپ بىر تولۇقلىۋەتكەن بولسىڭىز .بۇ سىزگە ئانچە تەس كەلمەيدۇ ، بىرە دەم ئېلىش كۈنىڭىزنى ئاجراتسىڭىز ،پەقەت بېرىپ كېلىشكە 50 كىلومىتىرچە يول ماڭىسىز .......

گۈلنىڭ گۈزەللىگى ھۆسنىدە ، ئادەمنىڭ گۈزەللىگى قەلبىدە.....

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1058
يازما سانى: 34
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 193
تۆھپە : 0
توردا: 19
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-7-20

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 12:02:38 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىرادە ئادەمنى نىمجان ھالەتتىن بىرجان ھالەتكە ئايلاندۇرىدۇ.تىنىمسىز تىرىشىپ ئىشلىگەن شائىر.

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  190
يازما سانى: 1216
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 3088
تۆھپە : 1
توردا: 545
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 12:50:03 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرىدۇ تۇرقۇڭ غەزەلدەك  كۆزۈ-كۆڭلۈم  ئالدىدا.
مەن تېخى لال،سەن كەبى شىرىن تەكەلۇم ئالدىدا.

بۇندا باشلامچى ئىدىڭسەن مەرىپەت ئەشئارىغا ،
يېڭىچە سەنئەتتە نامىڭ  بولدى مەلۇم ئالدىدا.

  زومىگەر قۇززات يولۇقسا   ھومىياتىڭ  قەھرىلىك،
  ئىگىلەتىڭ يا كەبى، دەپسەندە مەزلۇم ئالدىدا.
............
  «شىنجاڭ ئەدەبىيات -سەنئىتى »ژورنىلى (ھازىرقى «تارىم») 1979-يىللىق مەلۇم بىر سانى)  تېيىپجان ئېلىيۇپنىڭ «نىمشېھىت خاتىرسىگە » ناملىق مەشھۇر شئېىرنىڭ ئالدىنقى ئۈچ بېيىتى.1989-يىلى ئوقۇغان ئىدىم.ئېسىمدە ئەينەن ساقلىنىپ قاپتۇ.
       خۇددى مەشھۇر شائىر تېيىپجان ئېلىيۇپ يۇقۇرقى شئېىردا ئوتتۇرغا قويغاندەك شائىر نىمشېھىت «باشلامچى » ئەدىپلەرنىڭ بىرى.نىمشېھىت ئەسەرلىرى كۆپ جەھەتلەردە ئۆرنەكلىك رول ئوينىغان.نېمشېھىت ھەقىقەتەن ئۇلۇغ شائىرلىرىمىزنىڭ بىرى.

ئۇلۇغ غايە،قەيسەر روھ،خوشال-خورام كەيپىيات-كىشىلىك ھاياتتىكى ئېسىل ئۈچ ئەڭگۈشتەردۇر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش