يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 382|ئىنكاس: 9

كۈيزار: 30 ياش يىلنامىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
30 ياش يىلنامىسى

( 30 يىشىمنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدىكى ئىزتىراپلىق يەكۈنلىرىم)

چاتما نەسىرلەر

ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار

ئەلبۇم ۋاراقلاش
     تۇغۇم نېسىپ بولغا دەقىقىدىن باشلاپ، يېڭى بىر دۇنيادىكى يېڭى بىر سەپەر ئ‍ىللىق مېھرى بىلەن ئىنسانغا قۇچاق ئ‍اچتى. زېمىن ئىسسىق ئىدى. ھاياتلىق مەرھەمىتىگە ئېرىشكەن بارچە جان، ئۆمۈر ئەلبۇمىنىڭ رەڭگارەڭ سەھىپىلىرىگە نۇرانە ۋە خېرە ئ‍ىزلىرىنى بىر- بىرلەپ قالدۇرماقتا. ئىز يالدامىلىرىدىن گاھ ئىزتىراپقا چۈمۈلگەن پىغانلىق ياش لىغىرلىسا، گاھ جۇشقۇنلۇق بەرق ئۇرۇپ تۇرغان شادىيانە تەبەسسۇم جىلۋە قىلاتتى. ئەلبۇم سىدام ۋە رەڭلىك ئەسلىمە بىلەن بېزەلدى.
ساپ نىيەت پىلسىراتقا ئوخشايدۇ. تالاي خۇشپۇراق گۈللەر پۇرەكلەپ خۇش ھىدى تەبىئەتكە سىڭىشىپ كەتتى. دۇرۇسلۇق يۇلتۇزلىرى ھايات ئاسمانىنىڭ زۇمرەت ئېتەكلىرىدە سۈزۈك جىمىرلىدى. دۇغ بوياقتەك بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىمدە، يول- يوللاردا ئۈنگەن گۇگۇم تىكەنلىرى زۇلمىتى بىلەن ئارمان ئىمكانىيەتلىرىنى ماڭدام ماڭدامدا چۈشەپ قويدى. كەڭرى كەتكەن يوللار قېستىدى. يوللار تارايدى. ئۆزۈمنى ئىزدەش سەپىرىگە تېخىچە تورۇق ئېتىمنى جابدۇمىغىنىمنى ھېس قىلدىم. ئەمدى بولسىمۇ يولغا چىقاي. قانچىلىك مۇساپىگىچە مېڭىش ماڭا نېسىپ بولىدىغاندۇ؟!؟

كۈندىلىك خاتىرە يېزىلماقتا
     كۈنلەرنى رەھىمسىز دېدۇق، قەلبىمىزدىكى رەھىم شەپقەت، كۆيۈمنىڭ ۋەزنىنى دەڭسەپ باقمايلا. يول تالاشتۇق، يەنە بىر يولنى ئېچىشقا ئۇرۇنمايلا. ھالال تەر تۆكمەي سېرىقتال كۈنلەردىن زېرىكتۇق، ئەجىرسىز ئامەتنىڭ ئالقىنىمىزغا چۈشۈپ قىلىشىنى كۈتۈپ. ئادەملەرنى رەھىمسىز دېدۇق، رەھىمسىزلىك قارا تۇمانلىرى ئ‍ۆزىمىزدىن تۆكۈلدى. باھار چېچەكلەپ تۇرسىمۇ بىپەسىل زەپىرانلىق باشلاندى.
     تىمتاس ۋە ھەممىنى ئ‍ۆز قوينىدا پىنھان ساقلىغان تۈنلەرنى قاپقاراڭغۇ دېدۇق، قەلبىمىزدە بۇلدۇقلاپ ئ‍ېقىۋاتقان قارا ۋە مېھرسىز نىيەتلىرىمىزنىىڭ سايە بولماستىن، رېئاللىقىمىزنى بويلاپ داۋاملىشىۋاتقان سىتەملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانچە. بىلسەك، پاك قەلىبلەر ئ‍ۈچۈن تۈنمۇ ئ‍اپئاق، زۇمرەتتەك سۈزۈك ئ‍ىدىغۇ؟ ھەربىر نەپەس يېڭىچە ئ‍ۈمىد، ئ‍ىشەنچ بىلەن چاقناپ، داۋان ئ‍ېشىۋاتقان بىغۇبار سابانى كۈتۈۋالاتتىغۇ؟
     كۈنلەر ئ‍ۇزۇن دېدۇق، ئ‍ۇزۇن كۈنلەرنىڭ پايانىغا نېمە مەزمۇن، مەنالارنى بەخىش ئ‍ەتتۇق ۋە ئ‍ېتىۋاتىمىز بىلەلمىدۇق. گاڭگىراش، تىڭىرقاشلار ئىچىدە ئەركىن پەر قاقالماي پۈكلىنىپ. باشقىلارنىڭ ئىنسابىدىن زارلىدۇق، ئۆز ئىنسابىمىزنىڭ قانچىلىك ئاق تىلەك ۋە شۈكرى ھەمدۇلىرىغا پىچىرلىغىىنىنى سەزمەي، قوش بىسلىق ياشاش يېتىلەكلىرىگە كۆندۇق. سۈتتەك ۋۇجۇدىمىز ئ‍ۆزىنىڭ مەنزىلىنى تاپالماي دەقىقىسىرى خېرەلەشمەكتە. جۇلالىق تاڭلارنىڭ ساما ئويناۋاتقان جۇلاسى ئ‍ۆچتى.
ھالسىزلاندۇق دېدۇق؟ ھالسىزلىنىشنىڭ نېمە ۋەجىدىن كېلىپ چىققىنىنى ۋە بىزگە قامغاقتەك يېپىشىۋالغىنىنى ئ‍اڭقىرالمىدۇق. قەدەملىرىمىز قورام باسقاندەك ئ‍ېغىرلاشتى. يول ماڭدۇق، جەھلىمىز بىلەن مول ماڭدۇق، قىر ئ‍اشالماستىن ھارغىنلىق يەتتى. پارلاقلىق چاقىرغان مۇدەممەتلىك جاينى تاپالمىدۇق. ھالسىزلىنىشنى يېڭىشنىڭ قىنىمىزدا ئ‍ەزەلدىن بار بولغان يېڭى بىر يوچۇقى ئ‍ېچىلمىدى. ئ‍ىشىك داغدام ئ‍وچۇق، كىرىش جۈرئىتىمىز سۇندى. يەنە <مەن مەۋجۇد!> دەپ ياشىماقتىمىز.

2016-1-28

داۋامى بار...

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 00:25  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 00:58:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاقىتنامە

قولدىن كەتكەنلەرگە ئىچ ئاغرىتتۇق. قولىمىزدا بارىنىڭ قەدرىگە يېتىش ئۇنتۇلدى. ئۆزىمىزنىڭ سولاشقان گۈلزارىمىزغا ئىخلاس بىلەن پەرۋىش قىلىپ، مېھنەت سىڭدۈرمەستىن، مېھرى- مۇھەببەتنىڭ سولاشقان يۇمران بەرگىنى كۆرۈپ ھازا ئاچتۇق. نالە- پەريادلىرىمىز زېمىننى تىتىرەتتى، قارىچۇقىمىزدىن دەريالار تولغىنىپ- تولغىنىپ تاشتى.ئەمما مۇزلاپ كەتكەن قەلبىمىز زەررىچە لەرزىگە كەلمىدى. مېھرگە مۇھتاجلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ، بىر پىيالە ھورى كۆتۈرۈلۈپ تۇرغان چاي سۇنماستىن، ئوغا سۇندۇق. بىر كۆزىمىز بىلەن قەھرىمىزنى مۆلدۈردەك ياغدۇردۇق. ئىنسانلىقىمىزنىڭ شانۇ- شەۋكىتى يوقالدى.
ھەممىنى ۋاقىتنىڭ يۆلىنىشىگە تاشلاپ بېرىپتىمىز. ۋاقىتنىڭ ئۆزى خالىغان رەۋىشتە ئۆتۈشىگە كۆنۈپتىمىز. ئەمما، چەكلىك ۋاقىتنىڭ بىباھا بوشلۇقىدا قانداق گۈزەل ۋە مەنزىرىلىك جەريانلارنىڭ ئىلكىمىزدە چاراقلاپ تۇرغان تال- تال زىياسىنى بايقىماپتۇق. كۆزىمىز ئوپئوچۇق تۇرۇپ، ئەمالارچە ياشاپتىمىز. كوچا چىرىغىدەكمۇ رولىمىزنى سەزمەپتۇق. نانكورلۇق زىلال كەبى روھىمىزنى بۇلغاپتۇ. بەترەڭ ھال بىزگە رودىپايدەك چاپلىشىپتۇ. تاشلاش قۇربىمىز قېنى؟
يولۋاسنى پۈكلىگەن زەبەردەس روھىمىزدا ۋاقىتنى ئۆزىمىزنىڭ نىشان كېمىسىدە ئاقتۇرالايتتۇق. ئەمما، ۋاقىت ھەسرەتلىك كۆز ياشلىرىمىزدەك تۇزسىز ئېقىپ كېتىۋاتىدۇ. ۋاقىتنىڭ بىئارمان خورىشى ئۆزىمىزنىڭ قەدىرسىزلىكىنى ئاشكارلاپ قويماقتا.
مەن يەنە ۋاقىت پايانىدا مەۋجۇدمۇ؟!؟

2016-1-29

داۋامى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەت.م.كۈيزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-29 01:01  


ۋاقتى: 2016-1-29 01:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۈنلەرنى ئۇزۇن دېدۇق،ئەمما تۈنلەرنىڭ راھىتىنى خۇددى قۇم ئاستىدا قالغاندەك.مەن دەيمەن ؛چۈشلىرىمىز  گويا قۇم بارخانلىرىدەك توزۇپ تۈگەرمۇ؟ تۈگەرمۇ..ياق دىگۈم كەلمەيدۇ،بىلەمسەن بىز توزۇپ بولغان ئېدۇق..

مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر

2016-1-28

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-29 03:23:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇنەۋۋەر ئابدۇق يوللىغان ۋاقتى  2016-1-29 01:08
تۈنلەرنى ئۇزۇن دېدۇق،ئەمما تۈنلەرنىڭ راھىتىنى خۇددى ق ...


كۆز يەتكۈسىز قۇم بارخانلىرى كۆچۈپ تۇرىدۇ. ئەمما، ۋۇجۇدىدا بىقىياس باھادىرلىق قىنى ئۆركەشلەيدۇ. چۈشلىرىمىز توزۇپ كەتسىمۇ، ئارمانلىرىمىز باراقسان.

ۋاقتى: 2016-1-29 12:31:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-1-29 15:30:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارمانلارنىڭ توزانىدا دەرمانلار بولسىدى كاشكى؟ ئېچ-ئېچىدىن كۈلەلەيدىغان تۇيغۇلارنى كۆردىڭمۇ دەيدۇ قەلبىم.
-مەن نىمە دېدىم بىلەمسەن؟ ئاپئاق كېچە، ئاپپاق يۇلتۇزلار توپى تۈڭلىكىمدە تۇرسا ،يەنە نىمىنى ئۈمۈت قىلالتتىم دېدىم.
-ئۇ، كۈلدى.ياق ! ئۇ ئىسەداۋاتقان ئېكەن..

مۇنەۋۋەر ئابدۇقادىر

2016-1-29

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-31 02:50:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىدام مەنزىل

يوللارنىڭ داۋامى بار.
مەۋجۇدلۇق چىرىغى پىلدىرلىغان ھەممە يەردە ئاقيول سەپەرنى داۋاملاشتۇرماقتا. مەجنۇن كۆيگەن ھەممە تەرەپتىن ناۋا ياڭرايدۇ. كېچە بولىدۇ. ئەمما، مېھىرلىك قۇياش پاتمايدۇ. كۆزلەر خىرامان يۇمۇلغان. ئايدىڭ كېزىۋاتقان ھېسلار بۇلاق سۈيىدەك لەرزان ۋە ئويغاق.  
بۇلبۇلنىڭ خۇشئاۋازى كۈتۈش پىراقىدا بوغۇلغان. مەنزىل جۇلاسى چىغىر ۋە مۇشەققەتلىك. دەريا قۇرىغان. سۇلار ئۆركىشى جانغا مەدەتكار.
يۇلغۇن باغرىدا ئىچىگە يۇتۇلغان رەڭگارەڭ سۆزلەر شاۋقۇنى ئېغىر تېنماقتا. باھار خەندان ئۇرۇپ چېچەكلىمەكتە. سۆيگۈنىڭ پىنھان دېرىزىسى ئېچىلدى. كۆڭۈل قۇشلىرى نىگار تامان ئۇچماقتا. يىغىۋاتقان سىم- سىم يامغۇردا ھەممەت بار. كۈنلەرنىڭ ئىچىدە قاراڭغۇ ۋە يورۇقلۇقنى تەپمۇ تەڭ يوشۇرۇپ ياتقان سىدام رېئاللىق.
چىغىر يول- كولدۇرمىسى جاراڭلاپ كېتىۋاتقان بۈيۈك كارۋانغا ئەقرىبا.

2016-1-30
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەت.م.كۈيزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 03:02  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-31 14:47:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېرتىق رېئاللىق

دەرتنى يۈرەك كۆتۈرىدۇ. كۆز ياشلار ئازادىلىك بېغىشلايدۇ.
تاملاردىن سۈكۈت ئۇچقۇندىماقتا. نېمىلەرنى دەي، يۈرىكىمدىكى بىرلا ئېغىز سۆز مېنى ئىسسىق قۇچاقلاپ تۇرماقتا. كېپىنەكلەر گۈل بەرگىزارلىقنى سەيلە قىلماقتا. ئۆكۈنۈشكە تولغان كېچىلەر ئۆزىدىن بىدار.
ئېگىز قەلئەلەر مەندىن ئېگىز ئەمەس. ئەمما، ھەيۋىتى تارىخ بەتلىرىدە قان قۇسماقتا ئىدى. چۆلدىكى قورام تاشتەك پۈكلەنگەن ئارمانلار ئاپئاق قاردەك بىئامال ياغماقتا. يوللار كۆك بۆرىدەك ھوۋلىماقتا. شاماللار ئۆزىنىڭ ۋۇجۇدىنى قات- قات بېسىملاردىن قۇتۇلدۇرۇۋاتاتتى. رېئاللىق كەچكۈزگە ئوخشايتتى. قۇياشنىڭ جىلۋىدار مەنزىرىسى دىلنى سۆيۈندۈرسە، گۇگۇمى ئۆتكەن كۈنلەرنىڭ جۇدۇنلىرىنى ئەسلىتەتتى.
يولۇچىلار ئۆزىنىڭ يېرتىلغان كىملىكىنى كۆتۈرۈپ زېمىنغا ئىز سالماقتا. يوللار سۈكۈتكە پاتقان جىلغىدەك تېنىچ ئىدى. چىڭقىچۈشتە ئاۋازلارنىڭ سۆڭىكى بار. تاغلارنىڭ سەلكىنى ئۆيمۇ ئۆي يۈرۈپ زەرىب بىلەن ئىشىك قاقماقتا. چۈشكە ئەسىر بولغان ئىشىكلەر شۇقەدەر مەھكەم تاقاق.
كالېندار يېڭىلانماقتا. رېئاللىق يەنىلا كونا كۈينىڭ ساماسىغا جۇنۇندەك دەسسىمەكتە.

2016-1-31   

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابلەت.م.كۈيزار تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-31 20:38  


ۋاقتى: 2016-2-5 13:26:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ، بەك  ئىسىل چىقىپتۇ بۇ لىرىكىلار كۈيزار ئەپەندىم. ئىملا خاتالىقى بار ئەمما              


  يەنە <مەن مەۋجۇد!> دەپ ياشىماقتىمىز. بۇ جۈملە ماڭا بەك يارىدى .


ۋاقتى: 2016-2-5 16:05:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلەت.م.كۈيزار يوللىغان ۋاقتى  2016-1-29 03:23
كۆز يەتكۈسىز قۇم بارخانلىرى كۆچۈپ تۇرىدۇ. ئەمما، ۋۇج ...

                        بىر قەرنالىق  يېشىڭغا ئۈچ  قەرنا  تىلەيمەن، ئۇكام كۈيزار !
ئۇن زاۋۇتىدىكى ئاق ‹‹ توزان ›› لاردەك توزۇپ كەتسەكمۇ، رىسقى بولۇپ بىر- بىرىمىنىڭ قەلبىگە سىڭىپ كەتتۇق...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش