30 ياش يىلنامىسى
( 30 يىشىمنى كۈتۈۋېلىش ئالدىدىكى ئىزتىراپلىق يەكۈنلىرىم)
چاتما نەسىرلەر
ئابلەت مۇھەممەد كۈيزار
ئەلبۇم ۋاراقلاش
تۇغۇم نېسىپ بولغا دەقىقىدىن باشلاپ، يېڭى بىر دۇنيادىكى يېڭى بىر سەپەر ئىللىق مېھرى بىلەن ئىنسانغا قۇچاق ئاچتى. زېمىن ئىسسىق ئىدى. ھاياتلىق مەرھەمىتىگە ئېرىشكەن بارچە جان، ئۆمۈر ئەلبۇمىنىڭ رەڭگارەڭ سەھىپىلىرىگە نۇرانە ۋە خېرە ئىزلىرىنى بىر- بىرلەپ قالدۇرماقتا. ئىز يالدامىلىرىدىن گاھ ئىزتىراپقا چۈمۈلگەن پىغانلىق ياش لىغىرلىسا، گاھ جۇشقۇنلۇق بەرق ئۇرۇپ تۇرغان شادىيانە تەبەسسۇم جىلۋە قىلاتتى. ئەلبۇم سىدام ۋە رەڭلىك ئەسلىمە بىلەن بېزەلدى.
ساپ نىيەت پىلسىراتقا ئوخشايدۇ. تالاي خۇشپۇراق گۈللەر پۇرەكلەپ خۇش ھىدى تەبىئەتكە سىڭىشىپ كەتتى. دۇرۇسلۇق يۇلتۇزلىرى ھايات ئاسمانىنىڭ زۇمرەت ئېتەكلىرىدە سۈزۈك جىمىرلىدى. دۇغ بوياقتەك بىھۇدە ئۆتۈپ كەتكەن كۈنلىرىمدە، يول- يوللاردا ئۈنگەن گۇگۇم تىكەنلىرى زۇلمىتى بىلەن ئارمان ئىمكانىيەتلىرىنى ماڭدام ماڭدامدا چۈشەپ قويدى. كەڭرى كەتكەن يوللار قېستىدى. يوللار تارايدى. ئۆزۈمنى ئىزدەش سەپىرىگە تېخىچە تورۇق ئېتىمنى جابدۇمىغىنىمنى ھېس قىلدىم. ئەمدى بولسىمۇ يولغا چىقاي. قانچىلىك مۇساپىگىچە مېڭىش ماڭا نېسىپ بولىدىغاندۇ؟!؟
كۈندىلىك خاتىرە يېزىلماقتا
كۈنلەرنى رەھىمسىز دېدۇق، قەلبىمىزدىكى رەھىم شەپقەت، كۆيۈمنىڭ ۋەزنىنى دەڭسەپ باقمايلا. يول تالاشتۇق، يەنە بىر يولنى ئېچىشقا ئۇرۇنمايلا. ھالال تەر تۆكمەي سېرىقتال كۈنلەردىن زېرىكتۇق، ئەجىرسىز ئامەتنىڭ ئالقىنىمىزغا چۈشۈپ قىلىشىنى كۈتۈپ. ئادەملەرنى رەھىمسىز دېدۇق، رەھىمسىزلىك قارا تۇمانلىرى ئۆزىمىزدىن تۆكۈلدى. باھار چېچەكلەپ تۇرسىمۇ بىپەسىل زەپىرانلىق باشلاندى.
تىمتاس ۋە ھەممىنى ئۆز قوينىدا پىنھان ساقلىغان تۈنلەرنى قاپقاراڭغۇ دېدۇق، قەلبىمىزدە بۇلدۇقلاپ ئېقىۋاتقان قارا ۋە مېھرسىز نىيەتلىرىمىزنىىڭ سايە بولماستىن، رېئاللىقىمىزنى بويلاپ داۋاملىشىۋاتقان سىتەملىرىنى نەزەردىن ساقىت قىلغانچە. بىلسەك، پاك قەلىبلەر ئۈچۈن تۈنمۇ ئاپئاق، زۇمرەتتەك سۈزۈك ئىدىغۇ؟ ھەربىر نەپەس يېڭىچە ئۈمىد، ئىشەنچ بىلەن چاقناپ، داۋان ئېشىۋاتقان بىغۇبار سابانى كۈتۈۋالاتتىغۇ؟
كۈنلەر ئۇزۇن دېدۇق، ئۇزۇن كۈنلەرنىڭ پايانىغا نېمە مەزمۇن، مەنالارنى بەخىش ئەتتۇق ۋە ئېتىۋاتىمىز بىلەلمىدۇق. گاڭگىراش، تىڭىرقاشلار ئىچىدە ئەركىن پەر قاقالماي پۈكلىنىپ. باشقىلارنىڭ ئىنسابىدىن زارلىدۇق، ئۆز ئىنسابىمىزنىڭ قانچىلىك ئاق تىلەك ۋە شۈكرى ھەمدۇلىرىغا پىچىرلىغىىنىنى سەزمەي، قوش بىسلىق ياشاش يېتىلەكلىرىگە كۆندۇق. سۈتتەك ۋۇجۇدىمىز ئۆزىنىڭ مەنزىلىنى تاپالماي دەقىقىسىرى خېرەلەشمەكتە. جۇلالىق تاڭلارنىڭ ساما ئويناۋاتقان جۇلاسى ئۆچتى.
ھالسىزلاندۇق دېدۇق؟ ھالسىزلىنىشنىڭ نېمە ۋەجىدىن كېلىپ چىققىنىنى ۋە بىزگە قامغاقتەك يېپىشىۋالغىنىنى ئاڭقىرالمىدۇق. قەدەملىرىمىز قورام باسقاندەك ئېغىرلاشتى. يول ماڭدۇق، جەھلىمىز بىلەن مول ماڭدۇق، قىر ئاشالماستىن ھارغىنلىق يەتتى. پارلاقلىق چاقىرغان مۇدەممەتلىك جاينى تاپالمىدۇق. ھالسىزلىنىشنى يېڭىشنىڭ قىنىمىزدا ئەزەلدىن بار بولغان يېڭى بىر يوچۇقى ئېچىلمىدى. ئىشىك داغدام ئوچۇق، كىرىش جۈرئىتىمىز سۇندى. يەنە <مەن مەۋجۇد!> دەپ ياشىماقتىمىز.
2016-1-28
داۋامى بار...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-29 00:25