«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى» سەھىپىسىگە تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر
قار ياغقان كۈنلەر
مىرئەھمەد مامۇت
يىشىل چۈش
ئۇ بىر ھەرىپ ئىدى .
ھەر بىر قۇرۇلما سىزىقلاردا
تۆكۈلەتتى سىغىنىش ھىدى .
مەن
توم ،ئىنچىكڭە ،ئەگىرى -بۈگرى سىزىقلارنى تۇتاشتۇرۇپ
ياساپ چىقاتتىم ئۈنى .
سىزىقلار ئۈستىگە قۇيۇلغان چىكىتتە
كۆرۈنەتتى بىر قوياش بولۇپ ئۇ .
گۈلگە ئوخشىغان بىر پارچە ئوتلاق
يېيىلەتتى مىھىر بولۇپ ئۇ .
تاتلىق چۈشلەر ئۇنىڭ ئىدى
سىزىلاتتى باھار بولۇپ ئۇ ...
ئۇ بىر تال تىنىققا ئايلاندى
تۇغۇلدى مەغرۇر يۈرەك .
ئۇ بىر تامچە يامغۇرغا ئايلاندى
ئېچىلدى قەلبىدىكى ئاق چېچەك .
ئۇ ھاياتقا ئايلاندى
يازار قۇرلىرىغا ئۇماق كىپىنەك .
يىراقتىن قارىساڭ
نۇر بولۇپ كۆرۈنەتتى ئۇ .
يېنىغا بارساڭ
سۆيگۈ بولۇپ تۆكۈلەتتى ئۇ .
يىشىل چۈشلەر بولدى ھۆكۈمران
يەنىلا
ئۆز رەڭگىدە چېچەكلىدى ئۇ ...
ئۆلۈم
قۇشلار ئەمدى ناخشا ئىيتىمەن دېمىسۇن
شاماللار توختاتسۇن ھېكايىسىنى
يوللار چەكسىزلىككە تۇتاشسۇن
دەرەخلەر ئېگىلسۇن سارغايغان ياپراقلىرى بىلەن سۆيۈپ زىمىننى .
مېنى كەلمەيدۇ دېىگەنلەر لېۋىنى چىشلىسۇن
تىخى بالدۇرغۇ دېگەنلەر زار زار يىغلىسۇن ...
ئادەملەر سىلەر بىلمەيسىلەر مېنىڭ دەردىمنى
كۆرۈشنى خالىمايسىلەر تىنىقلىرىمنى .
سىلەر قاقشاش ، تەلمۈرۈش ئىستىكىدە
يېڭى ھىكايىلەرگە تولدۇرىسىلەر قاپقارا كېچىنى
.
مەن كېلىمەن سۇدەك تامچىلاپ
مەن كېلىمەن دەريادەك تىشىپ
مەن كېلىمەن باھاردەك مەڭزىڭلارغا سۆيۈپ
مەن كېلىمەن تۇرنىلاردەك چۆللەردىن ئېشىپ .
ئۇ تىخى ياش ئىدى دېيىشىپ قالىسىلەر
ئەجەپ بالدۇر كەتتى دەپ غىمىنى يېيىشىسىلەر
بىر ئىسىل ئادەم ئىدى دەپ ئەسلىشىسىلەر .
كۆزۈڭلاردا ياش يۇقى قەدەملىرىڭلار ئىغىر
كىيىملەر توپا چىرايلار سۇلغۇن
تاغدەك دەرت بېسىۋالغان قۇشتەك ماڭا ئەگىشىسىلەر
.
ئاۋال مېنى كېلىدۇ دېگەنلەر ماڭىدۇ ئىغىر خۇرسىنىپ
ئاندىن مەندىن قورقىدىغانلار ماڭىدۇ يىنىك تىترەپ
ئاخىرىدا ھايات ماڭىدۇ ئۆزىدىن ئەنسىرەپ .
ماڭا ئەگىشىسىلەر بىر توپ
ماڭا ئەگىشىسىلەر بىر كارۋان
ماڭا ئەگىشىسىلەر بىر تالاي ئىنسان.. .
مەن كۆپ رەھىم قىلدىم سىلەرگە
داداڭلارنى ئېلىپ كەتتىم باغرىمغا بېسىپ
ئاناڭلارنى ئېلىپ كەتتىم زار-زار يىغلىتىپ
بالاڭلارنى ئېلىپ كەتتىم باغرىڭلارنى تىلىپ ...
مەن ھەممىڭلارنى ئېلىپ كېتىمەن
ئىزىڭلارنى قۇرىتىمەن
ھەممىڭلارنى يوقىتىمەن ...
سىغىنىش ئەپسانىسى
بىر ئىستاكان قىنىق دەملەنگەن قەھۋەنى ئېچىپ ئولتۇرۇپ
سېنىڭ مەۋجۇدلىقىڭنى قىلدىم تەسەۋۋۇر .
يوقلۇق ئىچىدىكى گۈزەللىكىڭ
مىسكىن قەلبىمگە بېرەتتى ئالەمچە ھۇزۇر .
سەن بىر تال تاش ئىدىڭ يىراقلارغا ئېتىلغان
چۈشەتتىڭ قاغجىرىغان دالىلارغا .
سەن چۈش ئىدىڭ قورقۇنۇچلۇق بىر چۈش
سالاتتىڭ ھەر قەلىبنى يېڭى كويلارغا
.
سېنى ئىزدەپ تاپىمەن دەيتتىم سارغايغان غازاڭلاردىن
سېنى ئىزدەپ تاپىمەن دەيتتىم تىنىقىمدىن .
سەن كۆزۈمگە كۆرۈنمىگەنسىرى شۇنچە خۇشال بولاتتىم
تاپالمايدىغانلىقىمغا ئىشىنىپ قايتىدىن .
سېنى سوراپ قولۇمنى سۇندۇم پارچە-پارچە بۇلۇتلارغا
قولۇم ھەسرەت ياشلىرىدا قالدى پۇلاڭلاپ .
سېنى سوراپ ئۇچۇر يازدىم غەمكىن تاغلارغا
كېتەتتىڭ شۇ دەقىقلەردە مەندىن يىراقلاپ .
سېنى يۇلتۇزغا ئوخشىتاتتىم قەلبىمنى يورۇتقان نۇرلۇق يۇلتۇزغا
ئاسمىنىمدا كۆرۈنۈپ قالاتتىڭ غىل-پال لەپىلدەپ .
سېنى ئۈمۈدكە ئوخشىتاتتىم كۆزلەردىن تۆكۈلۈپ تۇرغان
بىلىجان كەبى ئۈزەتتىم قەلبىڭدە لەيلەپ .
سەن ئالۋۇن كەبى كۆرۈنۈپ قالاتتىڭ مەنزىلىمدە
كەينىڭدىن قوغلايتتىم ئاقساپ ، تەمتىرەپ .
ۋىسال كەبى قەلبىمنى ئاۋۇندۇراتتىڭ
سۇۋىناتتىم خىياللىرىمدا ساڭا ئەركىلەپ .
سېنى ئىزدىدىم سەيياھ كەبى قەلبىمنى كېزىپ
يۈرىكىمنىڭ بىر بۇرجىكىدە تۇراتتىڭ مەغرۇر .
قولۇڭدا ، بوينۇڭدا تۇراتتى قىلىچ كەبى پارقىراپ
ئۈجمە كۆڭۈللەردە توپا بېسىپ ياتقان غۇرۇر .
سېنىڭ كىلىدىغانلىقىڭنى بىلەتتىم
كېلەتتىڭ قەدەملىرىڭدە جاھاننى تىترىتىپ .
سېنىڭ سىماھىڭ كۆرۈنگەن دەملەردە
ھايات كونتۇرۇللىقىنى يوقىتاتتى قەلبىمنى يەنچىپ .
يىراق ، تولىمۇ يىراق بىر ماكاندا
سېنىڭ قەدرىڭنى قىلىۋاتقانلارنى كۆردۈم .
سەندىن قورقۇپ ، كېلىشىڭدىن ئەنسىرەپ
ئىگىلىپ تۇرۇپ ئىخلاس بىلەن تىۋىنىۋاتقانلارنى كۆردۈم .
سېنى كىلىدۇ دېگەنلەر
قورقۇنىچ ئىچىدە باساتتى ھەر بىر قەدەمنى
سېنىڭ كېلىدىغانلىقىڭغا ئىشەنمىگەنلەر
ئۆزىنى ئاتاتتى شاراپ قۇيۇلغان جايلارغا
ئېچەتتى ، ئۆمۈر بويى ئېچىپ قانمىغاندەك
كۈلەتتى ھەر دەقىقە كۈلۈپ قانمىغاندەك
ھەۋەس ئۈچۈنلا ياشايدىغاندەك
ھەر تەرەپكە ئاتاتتى ئەرزىمەس جېنىنى ...
سېنى كېلىدۇ دېدىم
ئىشەنمىدى ھېچكىم .
كەل دېدىم سېنى چاقىرىپ
تىترەپ كەتتى بۇ ئۇلۇغ زىمىن ...
قار ياغقان كۈنلەر
بۇلۇتلارنىڭ كۆزىدە لىق ياش
يۇلتۇزلارنىڭ قەلبىدە بوران .
يۇپۇرماقلار تۆكۈلەر سىم-سىم
قۇشلار مېنىڭ دەردىمگە دەرمان
.
شاماللاردەك ئۇچتۇم ھەر تامان
يۈرىكىمنى تىلدى غىرىپلىق .
لەپ-لەپ ئۇچقان قار تۇمانلىرى
ھېكايەمنى سۆزلەشكە لايىق .
1
تۇلپار ئىدىم كىشنىگەن مۇڭلۇق ،
تۇياقلىرىم ئۇچاتتى كۆكتە .
خىياللىرىم چۈش كەبى لەرزان
تەۋرىنەتتە ئالتۇن بۆشۈكتە .
شامال ئىدىم سۆيەتتىم تاتلىق ،
چىچەكلىگەن تۇيغۇلىرىمنى .
يۈرىكىدە ياشايتتىم مەغرۇر
بۇزۇپ يازنىڭ خىياللىرىنى
.
ئۈگىتەتتى ماڭا بىرمۇ بىر
باغرى دەريا بىر بۈيۈك ئادەم .
ئۇنىڭ تاتلىق سۆيۈشلىرىدە
پورەكلەيتتىم گۈل كەبى ھەردەم
.
ئۇ مىھىرلىك بىر ئۇستاز ئىدى
يۈرىكىمگە يازاتتى قىسسە .
مەغرۇر باسقان ئىزلىرى بىلەن
يارىتاتتى بۈيۈك ھېكايە
.
ئۇ ئوتقاشتەك بىر قوياش ئىدى
يۇرۇتاتتى قەلبىمنى ئاپئاق .
قەغەز ئىدى تۇراتتى مەزمۇت
مەن شېئىرنى يازغان بىر ۋاراق .
ئۇ مەردانە بىر توغراق ئىدى
ئوق يىلتىزى قەلبىمگە تۇتاش .
يارىتاتتى گۈزەل مۇھەببەت
ئاڭا ھەمراھ مەردانە ياشاش
.
ئۇ سۆيەتتى بۈيۈك ۋەتەننى
ھەر تىنىقتا ياڭرىتىپ ناخشا .
ئۆزى كەتتى قالدى ئىزلىرى
ئۇنى سۆيگەن ۋەتەن باغرىدا ...
3
جۇل-جۇل بولدى يىرتىلدى ئاسمان
تاشتى سۇلار يېرىلدى دەريا .
كۆچتى قۇملار مۇڭلاندى تۇپراق
ئاھ، باغرىمغا ئېتىلدى ئوقيا .
يۇلتۇز كۆچتى دېدى بىر كىشى
ئاقتى باغرىم چۇۋۇلدى چېچىم .
ئاھ قەلبىمدە ئاقتى شۇررىدە
دادا دېگەن بىر بۈيۈك ئىسىم .
«ئىزگۈ تور ئەدەبىياتى» سەھىپىسىگە تەۋسىيە قىلىنغان ئەسەر
|