كىرىش
QQ ئارقىلىق كىرىش
تىزىملىتىش
پارول قايتۇرۇش
تىزىملىك
باش بەت
Portal
مۇنبەر
BBS
ھويلا
Space
مىكروبىلوگ
تور خاتىرىسى
يازغۇچىلار لۇغىتى
خەنزۇچە
قازاقچە
يازغۇچىلار تورى
»
مۇنبەر
›
مۇنبەر مۇلازىمەت رايونى
›
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»سەھىپىسى
›
ئەرتېكىن (ئىزگۈگە): خۇش بولۇپ قالاي (ھېكايە)
1
2
/ 2 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
كۆرۈش:
1128
|
ئىنكاس:
22
ئەرتېكىن (ئىزگۈگە): خۇش بولۇپ قالاي (ھېكايە)
[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
qongkurqak
qongkurqak
توردا يوق
ۋاقتى: 2002-1-1 02:18:43
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پۈتكۈل مۇھىتنى دېئالۇگ ئىچىگە سىڭدۈرۈۋىتىشمۇ ماھارەت تەلەپ قىلىدۇ.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
داڭگال
داڭگال
توردا يوق
ۋاقتى: 2002-1-1 02:21:10
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭلۈمدىكى گەپنى قىلسام ؛شېئىرىيەتتە قېلىپلىنىپ قالغان سىز بۇ قېتىم ھېكايىچىلىقنىڭ يىڭىلىق تەرەپدارى بوپسىز.مۇشۇ تەرپىڭىز سۆيۈنۈشكە ئەرزىيدۇ.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
قىيان.
قىيان.
توردا يوق
ۋاقتى: 2002-1-1 03:01:52
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گەرچە ھېكايىڭىزدە دېئالوگلارغا كۆپ ئەھمىيەت بەرگەن بولسىڭېزمۇ چىنلىق بار . ئوبراز يارىتىشتا تېخىمۇ تىرىشىڭ .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ensak
ensak
توردا يوق
ۋاقتى: 2002-1-1 04:21:48
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ensak
ensak
توردا يوق
ۋاقتى: 2002-1-1 04:30:28
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باھا سۆز
ئەرتېكىن
بۇ گاچا تىياتىرنى چۈشەنمىدىم.
ۋاقتى: 2002-1-1 01:54 PM
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
waris
waris
توردا يوق
جۇغلانما
561
ۋاقتى: 2002-1-1 15:35:50
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش:
يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
قارچۇق
قارچۇق
توردا يوق
ۋاقتى: 2002-1-1 15:38:16
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەردە خاسلىق بار .يەنە ‹خۇش بولۇپ قالاي › -ئۈچ بۆلەكنىڭ ھەممىسىنىڭ ئاخىرىدا دىيىلگەن .
لىكىن ،مۇكاپاتلىق سەھىپىگە قانداق بولاركىن .تەھلىل نۇقتىسى ئوخشاش بولمىسا ئۇنىڭغىمۇ بىر نىمە دىمەك تەس .....
ئۇتۇقلار ھەمراھ بولسۇن .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
turgunmijit
turgunmijit
توردا يوق
ۋاقتى: 2002-1-1 15:40:44
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا دەيسىلەر، ئاتا-ئانىلارنىڭ كىچىككىنە سەۋەنلىكى پەرزەنتلەرنىڭ كېلىچىكىگە ئاجايىپ زور تەسىرلەرنى كۆرسىتىدۇ....
ئەنۋەرجان ئۇكام مەزمۇننى پۈتۈنلەي دىئالۇگ ئارقىلىق ئىپادىلەش ئارقىلىق رىئال تۇرمۇشنى تەسۋىرلەنگەن بۇ ھېكايىڭىز ياخشى چىقىپتۇ
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
باشتۇغ
باشتۇغ
توردا يوق
ۋاقتى: 2002-1-1 16:01:10
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھىكايىڭىزمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك چىقىپتۇ . مۇكاپاتقا ئېرىشىشىڭىزگە تىلەكداشمەن .
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
رەخىمە
رەخىمە
توردا يوق
ۋاقتى: 2002-1-1 16:03:29
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسالامۇئەلەيكۇم،ھېكمىايڭىزنى ئۇقۇپ چىقىتىم .تۇرمۇشتىن ئېلىنغان كىچىككىنە كارتىنا بولسىمۇ بىز ئاتا -ئانىلارغا يەڭگىللىك بىلەن قارار چىقىرىشنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولدىغىنى ياخشى ئىپادىلەپ بەرگەن .سىزگە ئۇتۇق تىلەيمەن.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئەرتېكىن
ئەرتېكىن
توردا يوق
ئىگىسى
|
ۋاقتى: 2002-1-1 16:09:08
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەكلىپ-پىكىر بەرگەن دوسىتلارغا رەھمەت.
كۆزۈمدىن چاتاق چىقتىمىكىن دېسەم مۇنبەردىن چاتاق چىققان ئوخشىمامدۇ، نىمانچە تاققا-تۇققا ئەبەينىڭ گەپلىرىدەك!؟
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
azizjan
azizjan
توردا يوق
ۋاقتى: 2002-1-1 17:11:58
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئارتۇقچە مەنزىرە، ھېسيات تەسۋىرلىرىدىن خالىي، يەتمەكچى بولغان نىشان نەقلا ئوتتۇرىغا تاشلىنىپتۇ. مېنىڭچە بولغاندا بۇنى مىكرو فىلىم قىلىپ ئىشلىسە تېخىمۇ ياخشى بولغۇدەك. ئەسەرنىڭ ئۆزىمۇ مىكرو فىلىم سېنارىيىسگە يېقىنلىشىپتۇ.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
ئەرتېكىن
ئەرتېكىن
توردا يوق
ۋاقتى: 2016-1-25 18:04:29
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
|
كۆرۈش شەكلى
«ئىزگۈ» تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتلىق پائالىيىتىگە تەۋسىيە:
خۇش بولۇپ قالاي
(ھېكايە)
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
(1)
-ئۇنداق قىلماڭ مەمەتجان، ماڭا ئۇنداق ئۇۋال قىلماڭ!
-قانداق ئۇۋال قىپتىمەن؟ ئۆينىمۇ بەردىم، تويلۇقۇڭغا ئالغان زىبۇ-زىننەت، كىيم-كېچەكلىرىڭنىمۇ بەردىم. ئېيتە قېنى، ساڭا يەنە قانداق قىلىپ بەرسەم بولاتتى؟!
-بالىنى تارتىۋالماڭ، بالا تېخى كىچىك، ئۇ ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭدا گۇناھ يوق!
-نېمە دېدىڭ؟ بۇ گەپنى دېگۈچە ئەجەپ قىزارمىدىڭا؟ ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىڭدا ئەجەپ بالىنىڭ كىچىكلىكىنى، ئۇنىڭدا گۇناھ يوقلىقىنى ئويلىماپسىنا؟ بىلىپ قوي، قانۇن دېگەن نەرسە بولمىغان بولسا، مۇشۇ بالىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىمىغان بولسام سەندەك پاسكىنا نېمىنى چانىۋەتكەن بولاتتىم!...
-ئۇنچىۋالا ئاھانەت قىلماڭ، مەن ھىچ ئىشنى خاتا قىلغىنىم يوق. ھېلىمۇ ئەھلى-مەھەللە ئالدىدا يۈزىمىزگە سەت بولمىسۇن دەپ دېگىنىڭىزگە ماقۇل دېدىم...
-سەت بولمىسۇن دەپ!؟ ھېي...! سەت بولۇشنى ئويلىغان ئادەم سەندەك ئۇ يەر-بۇ يەردە سەكىلدەپ يۈرەمدا؟!
-بولدى، گەپ تەگەشمەيلى، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى. ماڭا ئۆي، ئالتۇن جابدۇق، يەنە باشقا ھىچقانداق نەرسىڭىزنىڭ لازىمى يوق. پەقەت بالىمىزنى بەرسىڭىزلا بولدى!؟
-سەندەك نېمىگە بېرىدىغان بالا يوق. ئېيتە، شۇ ئەپتىڭ بىلەن ئۇنى قانداق تەربىيلىمەكچىسەن!؟ تولا گەپ قىلماي ماڭ، ئاجىرىشىمىز!
-خۇش بولۇپ قالاي مەمەتجان، ئۇنداق قىلماڭ!
-...
(2)
-ئەجەپمۇ يېنىكلىك قىلدىڭ ئاداش، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن چىداپ ئۆيۈڭنى تۇتىدىغان ئىشتى!؟
-ئۆزەڭمۇ بىلىسەن ئاداش، بۇ يا بىر-ئىككى قېتىملىق ئىش ئەمەس. ھەر قېتىم بىرەر يەرگە بېرىپ كەلسەملا مۇشۇنداق ئىش چىقىردۇ. ئادەم دېگەننىڭ ساۋاقداشلىرى بولىدىكەن، خىزمەتداشلىرى بولىدىكەن. بەزى-بەزىدە يىغىلىشلارغا بېرىشقا ياكى بىرگە تاماق يىيىشكە توغرا كېلىپ قالىدىكەن، ھىچنەگە بارمايمەن، ھىچكىم بىلەن ئارىلاشمايمەن دېگىلى بولمايدىكەن. ئەت دېگەن يۇمشاق، تاياق دېگەن قاتتىقكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق سوقۇشۇۋەرسەك خۇلۇم-خوشنا، خىزمەتداشلار ئارىسىدىمۇ سەت. ھېلىمۇ تەنە-دىخمار گەپلەرنى ئاز ئاڭلىمىدىم. شۇڭا ئاجىرشىپلا قۇتۇلاي دېدىم...
-قارىغىنە، ساڭىمۇ، مەمەتجانغىمۇ تەس بولدى...
-ماڭا نېمىسى تەس؟! ئۆزۈمنىڭ مۇئاشىنى خەجلەيمەن، ئۆزۈمنىڭ ئۇيۇنىنى ئوينايمەن. خەقنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ كىرىنى يۇيۇپ، ئېشىنى ئېتىپ مەدىكارچىلىق قىلىشمۇ يوق.
-ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن بالاڭمۇ يېتىم بولدى ئەنە!؟
-يېتىم ئەمەس ئاداش، بىز تېخى ھايات. بالىنى ئۇ بىر نېمىدىن تالىشىپ كېتىپتىكەنمەن، ئويلاپ باقسام بەرگىنىممۇ ئوبدان بوپتۇ. پوق-سۈيدۈكىدىن ئادالاپ قويدۇم، ئەمدى ئۇمۇ قالدى جاپاسىنى تارتىپ باقسۇن.
-ھەي ئايزۆھرە، سېنىزە... بالا دېگەننى دەرقەمدە تۇرۇپ بېقىپ چوڭ قىلغانغا يېتەمدۇ!؟...
-خۇش بولۇپ قالاي ئاداش، ئەمدى مۇشۇ گەپنى بىر قىلمىغىنە!؟
-...
(3)
-ۋەي ئاپا، تېنىچلىقمۇ؟ بايا تېلىفۇن ئۇرۇپتىكەنسەن، يىغىندا بولۇپ قېلىپ ۋاقتىدا قايتۇرالماي قالدىم...
-مەن تېنىچلىق قىزىم. تېز بول، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا شەھەرلىك دوختۇرخانىغا كەلگىن. بالاڭ... ئۇ...
-نېمە؟... ئاپا، نېمە دەۋاتىسەن؟ بالام!؟ ئۇ... ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟
-ئۆزەڭنى تۇتىۋال قىزىم. بالاڭنى ماشىنا سوقىۋىتىپتىكەن، ھازىر ئوپراتسىيە ئۆيىدە...
-نېمە... ئاھ خۇدا!؟ ھۈ... ھۈ... ھۈ... بالىنى ماشىنا سوقىۋەتكىچە نېمىش قىپتۇ مەمىتەك دېگەن تاز؟
-قىزىم، ھازىر بۇنى تالىشىدىغان چاغ ئەمەس. مەمەتجانمۇ خىزمەتتىكى ئادەم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەمەتجان ئۇنى يەسلىگە ئەكىرىپ بېرىپ ئاندىن ئىشقا كېتىپتىكەن، قارىغاندا بالاڭ سېنى سېغىنىپ تەربىيىچىلەر دىققەت قىلمىغان پەيىتتە يەسلىدىن چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. باشقا گەپنى قويۇپ دوختۇرخانىغا تېزرەك كەلگىن!
-ماقۇل ئاپا، مەن ھازىر يولدا. جېنىم ئۇستام، ماشىنىنى تېزرەك ھەيدىسىڭىز بوپتىكەن، خۇش بولۇپ قالاي، ھۈ...ھۈ...ھۈ...
-...
2016-يىل 25-يانۋار، ئونسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-26 10:21
ئىنكاس
جابدۇق
پاش قىلىش
ئىسمەت
ئىسمەت
توردا يوق
ۋاقتى: 2016-1-25 20:48:33
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەنۋەرجان بۇ ئەسەرنى ئىزگۇ ئەدىبىياتىغا قاتناشتۇرغىنىڭىزغا قاراپ تازا قاتۇرۇپ يازغان ھىكايە ئوخشايدۇ دىسەم ۋەقەلىكىمۇ،تىلىمۇ ،ئىپادىلەش شەكلىمۇ ئاددىيلا بىر ھىكايىكەن.ئالاھىدىلك بار دىيىلسە پەقەتلا دىئالۇگ بىلەن باشلىنىپ دىئالۇگ بىلەن ئاخىرلىششى بوپتۇ خالاس.
يۇقىرى باھا ۋە مۇكاپاتقا ئىرىششىكە تىلەكداشلىق بىلدۈرەلمىگىنىمگە خىجىلمەن.
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
S.M.Ramizan
S.M.Ramizan
توردا يوق
ۋاقتى: 2016-1-25 21:36:39
|
ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاتا-ئانىلارنىڭ سەۋەنلىكى بالىلارنىڭ كەلگۈسىنى ۋەيران قىلىدىغان ئىشكەن ئاخىرى ...
ئىنكاس
ئېسىل
ناچار
جابدۇق
پاش قىلىش
كېيىنكى بەت »
1
2
/ 2 بەت
كېيىنكى
تىزىملىككە قايتىش
ئالىي ئىنكاس
B
Color
Image
Link
Quote
Code
Smilies
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز
كىرىش
|
تىزىملىتىش
سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى
ئىنكاس يوللاش
ئاخىرقى بەتكە ئاتلاش
ستاتىستىكا
|
يانفون نۇسخىسى
|
新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
Powered by
Discuz!
X3.2
(
NurQut Team
)
© 2001-2011
Comsenz Inc.
For
www.xjzjxh.com
جۇغلانما 0, دەرىجە ئۆسۈش ئۈچۈن جۇغلانما
چوققىغا قايتىش