«ئىزگۈ» تور ئەدەبىياتى مۇكاپاتلىق پائالىيىتىگە تەۋسىيە:
خۇش بولۇپ قالاي
(ھېكايە)
ئەنۋەرجان خوجا ئەرتېكىن
(1)
-ئۇنداق قىلماڭ مەمەتجان، ماڭا ئۇنداق ئۇۋال قىلماڭ!
-قانداق ئۇۋال قىپتىمەن؟ ئۆينىمۇ بەردىم، تويلۇقۇڭغا ئالغان زىبۇ-زىننەت، كىيم-كېچەكلىرىڭنىمۇ بەردىم. ئېيتە قېنى، ساڭا يەنە قانداق قىلىپ بەرسەم بولاتتى؟!
-بالىنى تارتىۋالماڭ، بالا تېخى كىچىك، ئۇ ھىچنىمىنى بىلمەيدۇ، ئۇنىڭدا گۇناھ يوق!
-نېمە دېدىڭ؟ بۇ گەپنى دېگۈچە ئەجەپ قىزارمىدىڭا؟ ئويناپ يۈرگەن چاغلىرىڭدا ئەجەپ بالىنىڭ كىچىكلىكىنى، ئۇنىڭدا گۇناھ يوقلىقىنى ئويلىماپسىنا؟ بىلىپ قوي، قانۇن دېگەن نەرسە بولمىغان بولسا، مۇشۇ بالىمىزنىڭ كەلگۈسىنى ئويلىمىغان بولسام سەندەك پاسكىنا نېمىنى چانىۋەتكەن بولاتتىم!...
-ئۇنچىۋالا ئاھانەت قىلماڭ، مەن ھىچ ئىشنى خاتا قىلغىنىم يوق. ھېلىمۇ ئەھلى-مەھەللە ئالدىدا يۈزىمىزگە سەت بولمىسۇن دەپ دېگىنىڭىزگە ماقۇل دېدىم...
-سەت بولمىسۇن دەپ!؟ ھېي...! سەت بولۇشنى ئويلىغان ئادەم سەندەك ئۇ يەر-بۇ يەردە سەكىلدەپ يۈرەمدا؟!
-بولدى، گەپ تەگەشمەيلى، ھەممە ئىش ئۆتۈپ كەتتى. ماڭا ئۆي، ئالتۇن جابدۇق، يەنە باشقا ھىچقانداق نەرسىڭىزنىڭ لازىمى يوق. پەقەت بالىمىزنى بەرسىڭىزلا بولدى!؟
-سەندەك نېمىگە بېرىدىغان بالا يوق. ئېيتە، شۇ ئەپتىڭ بىلەن ئۇنى قانداق تەربىيلىمەكچىسەن!؟ تولا گەپ قىلماي ماڭ، ئاجىرىشىمىز!
-خۇش بولۇپ قالاي مەمەتجان، ئۇنداق قىلماڭ!
-...
(2)
-ئەجەپمۇ يېنىكلىك قىلدىڭ ئاداش، قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن چىداپ ئۆيۈڭنى تۇتىدىغان ئىشتى!؟
-ئۆزەڭمۇ بىلىسەن ئاداش، بۇ يا بىر-ئىككى قېتىملىق ئىش ئەمەس. ھەر قېتىم بىرەر يەرگە بېرىپ كەلسەملا مۇشۇنداق ئىش چىقىردۇ. ئادەم دېگەننىڭ ساۋاقداشلىرى بولىدىكەن، خىزمەتداشلىرى بولىدىكەن. بەزى-بەزىدە يىغىلىشلارغا بېرىشقا ياكى بىرگە تاماق يىيىشكە توغرا كېلىپ قالىدىكەن، ھىچنەگە بارمايمەن، ھىچكىم بىلەن ئارىلاشمايمەن دېگىلى بولمايدىكەن. ئەت دېگەن يۇمشاق، تاياق دېگەن قاتتىقكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇنداق سوقۇشۇۋەرسەك خۇلۇم-خوشنا، خىزمەتداشلار ئارىسىدىمۇ سەت. ھېلىمۇ تەنە-دىخمار گەپلەرنى ئاز ئاڭلىمىدىم. شۇڭا ئاجىرشىپلا قۇتۇلاي دېدىم...
-قارىغىنە، ساڭىمۇ، مەمەتجانغىمۇ تەس بولدى...
-ماڭا نېمىسى تەس؟! ئۆزۈمنىڭ مۇئاشىنى خەجلەيمەن، ئۆزۈمنىڭ ئۇيۇنىنى ئوينايمەن. خەقنىڭ قاش-قاپىقىغا قاراپ كىرىنى يۇيۇپ، ئېشىنى ئېتىپ مەدىكارچىلىق قىلىشمۇ يوق.
-ئۇنداق دېگىنىڭ بىلەن بالاڭمۇ يېتىم بولدى ئەنە!؟
-يېتىم ئەمەس ئاداش، بىز تېخى ھايات. بالىنى ئۇ بىر نېمىدىن تالىشىپ كېتىپتىكەنمەن، ئويلاپ باقسام بەرگىنىممۇ ئوبدان بوپتۇ. پوق-سۈيدۈكىدىن ئادالاپ قويدۇم، ئەمدى ئۇمۇ قالدى جاپاسىنى تارتىپ باقسۇن.
-ھەي ئايزۆھرە، سېنىزە... بالا دېگەننى دەرقەمدە تۇرۇپ بېقىپ چوڭ قىلغانغا يېتەمدۇ!؟...
-خۇش بولۇپ قالاي ئاداش، ئەمدى مۇشۇ گەپنى بىر قىلمىغىنە!؟
-...
(3)
-ۋەي ئاپا، تېنىچلىقمۇ؟ بايا تېلىفۇن ئۇرۇپتىكەنسەن، يىغىندا بولۇپ قېلىپ ۋاقتىدا قايتۇرالماي قالدىم...
-مەن تېنىچلىق قىزىم. تېز بول، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا شەھەرلىك دوختۇرخانىغا كەلگىن. بالاڭ... ئۇ...
-نېمە؟... ئاپا، نېمە دەۋاتىسەن؟ بالام!؟ ئۇ... ئۇنىڭغا نېمە بوپتۇ؟
-ئۆزەڭنى تۇتىۋال قىزىم. بالاڭنى ماشىنا سوقىۋىتىپتىكەن، ھازىر ئوپراتسىيە ئۆيىدە...
-نېمە... ئاھ خۇدا!؟ ھۈ... ھۈ... ھۈ... بالىنى ماشىنا سوقىۋەتكىچە نېمىش قىپتۇ مەمىتەك دېگەن تاز؟
-قىزىم، ھازىر بۇنى تالىشىدىغان چاغ ئەمەس. مەمەتجانمۇ خىزمەتتىكى ئادەم. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەمەتجان ئۇنى يەسلىگە ئەكىرىپ بېرىپ ئاندىن ئىشقا كېتىپتىكەن، قارىغاندا بالاڭ سېنى سېغىنىپ تەربىيىچىلەر دىققەت قىلمىغان پەيىتتە يەسلىدىن چىقىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. باشقا گەپنى قويۇپ دوختۇرخانىغا تېزرەك كەلگىن!
-ماقۇل ئاپا، مەن ھازىر يولدا. جېنىم ئۇستام، ماشىنىنى تېزرەك ھەيدىسىڭىز بوپتىكەن، خۇش بولۇپ قالاي، ھۈ...ھۈ...ھۈ...
-...
2016-يىل 25-يانۋار، ئونسۇ
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئەرتېكىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-26 10:21
|