كۆرۈش: 1049|ئىنكاس: 7

ئىسكەندەر پادىشاھ -‹‹شاھنامە ›› سەككىزىنچى بۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 02:25:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىسكەندەر پادىشاھلىقى
‹‹شاھنامە›› سەككىزىنچى بۆلۈم
ئىراننىڭ كەيانى جەمەتىنىڭ پادىشاھلىرى  ئارقىمۇ-ئارقا ئالەمدىن ئۆتۈپ شاھلىق ئۆز نۆۋىتىدە داراغا مىراس بولۇپ قالدى.شۇ چاغقىچە  يىراق -يېقىندىكى نۇرغۇن پادىشاھلار بۇرۇنقى شاھلار دەۋرىدىن تارتىپلا  ئىرانغا ئىتائەت قىلىپ كېلىۋاتقان بولغاچقا  ھەر يىلى  بەلگىلەنگەن ۋاقىتتا داراغا  سېلىق تاپشۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ ھېلىمۇ كەيانىلار شاھلىقىنىڭ ئىتائىتىدە ئىكەنلىكلىرىنى ئىپادىلىشىپ تۇراتتى.
ئەشۇ بېقىندى شاھلار ئارىسىدا رىم دۆلىتىنىڭ پادىشاھى پەيلەقۇسمۇ داراغا بويسۇناتتى.ھەر يىلى ئالتۇندىن  مىڭ دانە تۇخۇم  قۇيدۇرۇپ شۇنى سېلىق ھىسابىدا تاپشۇرۇپ ئەمىنلىككە ئېرىشەتتى. پەيلەقۇس گەرچە ئادىل ،مىھرىبان خەلىقپەرۋەر پادىشاھ بولسىمۇ  لېكىن ئۆز پۇشتىدىن بىرمۇ ئوغلى يوق ئىدى.شۇڭا كېچىلەردە  ئۇيقۇدىن بىدار بولۇپ تەھارەت بىلەن ئولتۇرۇپ،كۆزلىرىدىن بۇلۇت كەبى ياشلارنى ئاقتۇرۇپ دۇئالىرىدا  تەڭرىدىن پەرزەنىت تىلەيتتى.لېكىن شاھنىڭ ياشلىق- قىرانلىق دەۋرى ئۆتۈپ،ئىلىپتەك بەللەر يادەك ئېگىلىپ، مەرمەردەك سىلىق پارقىراق يۈزلەرگە قېرىلىق ئۆمۈچۈك تورلىرىدەك ئىز سېلىپ ئۆمۈرنىڭ كەچكۈز پەسلى كېلىپ قالدى.ھە دېسە كېسەل چىرماپ  بىر پۇتى گۆرگە ساڭگىلىدى. قارىغاندا ئەمدى پەرزەنىت كۆرۈشتىن ئۈمۈد يوقتەك قىلاتتى.قېرى كالا جېنىدا موزىيىنى ۋارىس قىلىپ قويۇپ دۇنيادىن كۆز يۇمىدۇ،توخۇ جېنىدا  تۇخۇم بېسىپ چۆجىلىرى ئارقىلىق نەسەبىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.ئەجەبا پەيلەقۇس شۇنچە بەختسىزمىدۇ؟! شۇنچە قىلغان دۇئالىرى تەڭرى دەرگاھىدا مەقبۇل بولمىغانمىدۇ؟
تەڭرى رەھىمسىز ئەمەس.ئۇ تىلىگەن بەندىسىنى ئۈمىدسىز قويمايدۇ!  ئۇ ئىرادە قىلىدىكەن تاشتىمۇ گۈل ئېچىلىدۇ.چىرىگەن كۆتەكمۇ قايتا كۆكلەپ چىچەكلەپ مىۋە بېرىدۇ .پەيلەقۇس گەرچە قېىرىپ پەرزەنىت تېپىش ئىقتىدارىدىن قالغان بولسىمۇ ئاللاھ ئۇنى پەرزەنتسىز قويمىدى.گەرچە ئۆز پۇشتىدىن بولمىسىمۇ مىڭ ئوغۇلغا تېگىشكۈسىز قەھرىمان ئوغۇلدىن بىرنى ئاتا قىلدى.
بىر كۈنى پەيلەقۇس ئۆز يېقىنلىرى بىلەن ئوۋدىن قايتىپ كېلىۋېتىپ بىر خارابە ئۆينىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ قالدى.ئۇنىڭ تەڭرىدىن تىلىگەن تىلىكىنىڭ مۇشۇ ۋەيرانە خارابىدە باشقىلارنىڭ ۋاستىسى ئارقىلىق ئەمەلگە ئاشىدىغانلىقنى كىم ئويلىغا دەيسىز؟! ئۇلار كېلىشتىن خېلىلا بۇرۇنلا  بۇ خارابىدە  بىر بەختسىز يالغۇز  ئانا قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كېلىپ بالىسىنى تۇغۇپ بولۇپلا ئاجىز ھەم  ھىماتسىز بولغاچ  ئۆلۈپ كەتكەن ئىدى.  بۇ دۇنياغا مىڭ تەستە  تۇغۇلۇپ ئۆز ئانىسىنى بىرەر قېتىم ئىمىشكىمۇ ئۈلگۈرەلمەي قارا يىتىم بولۇپ قالغان بۇ بىچارە  ئوغۇل بوۋاق بەختسىز تەقدىرىدىن زارلىنىپ ۋە بىچارە ئانىسىغا ھازا ئېچىپ قىرقىراپ يىغلىماقتا ئىدى. تەقدىر شاماللىرى شۇنچىۋالا دۇپۇر- دۈپۈر ،ۋاڭ- چۇڭلار ئارىسىدىن ئەشۇ يىتىم بوۋاقنىڭ ئاجىز مىرقىراشلىرىنى سالامەت ئۆتكۈزۈپ پەيلۇقۇسنىڭ قۇلۇقىغا يەتكۈزدى.پەيلۇقۇس شۇئان ئېتىنى ۋە يارانلىرىنى توختۇتۇپ ئاۋازغا سەگەكلىك بىلەن  قۇلاق سېلىپ مەنبەسىنى ئىزدىدى.ئاۋازنىڭ يان تەرەپتىكى خارابىلىكتىن كېلىۋاتقانلىقنى بىلگەندىن كېيىن باشقا ھەمراھلىرىنى  جايىدا قويۇپ بىرنەچچە يېقىن كىشىلىرى بىلەنلا ئاۋاز كېلىۋاتقان تەرەپكە ئېتىنىڭ بېشىنى بۇرىدى...
پەيلۇقۇس ئەھۋالنى كۆرگەندىن كېيىن ئېتىدىن چۈشۈپ بالىغا يېقىنلاشتى.يېنىدىكى  خاس خىزمەتچىلىرىمۇ ئاتلىرىدىن سەكرەپ چۈشۈشۈپ شاھقا ئەگەشتى.بوۋاقنىڭ تېخى كىندىكىمۇ كېسىلمىگەن بولۇپ پۇت قوللىرىنى كىندىكىگە يىغىپ قىقىراپ يىغلىغىنىچە بىچارە ھالەتتە ئوڭدىسىغا  ياتتاتتى.شاھ شەمشىرىنى چىقىرىپ بالىنىڭ كىندىكىنى ئۆز قولى بىلەن كەستى.نەۋكەرلىرىنىڭ توسقىنىغا قارىماي بالىنى ئۆز قۇچۇقىغا ئېلىپ  پەرىجىسىگە يۆگىدى دە باغرىغا چىڭ باستى.شۇئان كۆزلىرىدىن بىرنەچچە تامچە ياش دومىلاپ چۈشۈپ كەتتى.بۇ بالا ۋە ئۇنىڭ ئانىسىغا ئىچ ئاغرىتىشتىن چىققان ياشمۇ ياكى ئۇزۇن يىلللار بالىغا زار بولۇپ مانا ئەمدى مىڭ تەسستە خەقنىڭ بولسىمۇ بىر ئوغۇل بالىغا ئېرىشكەنلىكىدىن ھاياجانلىنىپ تۆككەن ياشمۇ بىلگىلى بولمايتتى.
پەيلەقۇس شۇئان نۆكەرلىرىنى بۇيرۇپ ئۆلگەن ئايالنىڭ خۇلۇم خوشنىلىرىىن بىرنەچچە ئايالنى  چاقىرتىپ كېلىپ ئۇ ئايالنى مۇسۇلمانلار قائىىدىسى بويىچە دەپنە قىلغۇزدى. ئۇ قەبرە بېشىدا قىرائەت قىلىۋاتقان پەيتىدىمۇ  ئۈنى بوغۇلۇپ ياشلىرىنى توختۇتۇۋالالمىدى.
شاھ ئوردىسىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن خەزىنە ئىشىكلىرىنى كەڭرى ئېچىپ بىر ھەپتىگىچە يىتىم -يىسىر، غېرىپ- مۇساپىر،ئاجىز بىچارىلەر، كەمبەغەل نامراتلارغا  سەدىقە تارقاتتى.ھېلىقى ئوغۇل بوۋاقنى بالا قىلىپ بېقىۋېلىپ قاۋۇل، سۈتلۈك ئاياللاردىن ئون نەچچىنى ئىنىك ئانا قىلىپ بەلگىلەپ بالىنى ئۇلارنىڭ بېقىشىغا تاپشۇردى.لازىمەتلىكلەرنى بىھىساپ تەييارلاپ ھەشەمەتلىك ‹‹ئات توي››ئۆتكۈزۈپ  بالىغا ‹‹ئىسكەندەر ›› دەپ ئىسىم قويدى.
داستاننىڭ دەسلىپى ۋاقىت مۇناسىۋىتى بىلەن   بۈگۈن مۇشۇنچىلىك يېزىلىپ تورغا يوللاندى.
ئاخىرى ھەر كۈنى ئىنكاس شەكلىدە  داۋاملىق يوللىنىدۇ.‹‹ شاھنامە››دە ئىسكەندەر ھەققىدىكى بايانلار  ئانچە كۆپ ۋە مۇكەممەل ئەمەس ئىكەن. شۇڭا ئىسكەندەر ھەققىدىكى باشقا مۇناسىۋەتلىك ماتېرياللاردىنمۇ  مۇۋاپىق پايدىلىنىپ بۇ قىسسىنى خېلى تولۇق،خېلى ياخشى قىلىپ يوللاش ئۈچۈن تىرىشىمەن. مۇنبەرداشلارنىڭ قىزغىن ئىشتىراك قىلىشىنى ئىلھام ۋە مەدەتلىرى بولسا ئايىماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن.
مەنبەسى:‹‹ شاھنامە››نىڭ ئابدۇشۇكۈر مۇھەممەتئىمىن،ئابدۇۋەلى خەلپەتلەر ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان نەزمى نۇسخىسى .
نەسرىلەشتۈرگۈچى مەن ئۆزۈم يەنى ئابدىغېنى ئابدۇراخمان

idraksoft

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 16:57:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاق شاھ ئوردىسىدا ئەتىۋارلىنىپ كۆڭۈل قويۇپ بېقىلغاچقا كۈندىن كۈنگە ساغلام ئكسۈپ چوڭ بولدى.پەرزەنت داغىنى كۆپ تارتقان شاھ بۇ ئوغلىنى جېنىدىنمۇ ئەتىۋار بىلىپ ئۆز پەرزەنتىدىنمۇ چارە مىھىر مۇھەببەت بىلەن پەرۋىش قىلماقتا ئىدى.بالا تىلى چىقىپ سۆزلىيەلەيدىغان بولغاندا پەيلىقۇس ئىسكەندەرنىڭ ‹‹ئاتا›› دەپ چاقىرغانلىقىنى تۇنجى قېتىم ئاڭلىغىنىدا بەخت ياشلىرىنى توختۇتۇۋالالماي قالدى.بالا شۇ تەرىزدە چوڭ بولۇپ تال چىۋىقنى ئات ئېتىپ يۈگرەپ ئوينىيالىغۇدەك بولغاندا پەيلىقۇس ئۇنى ئوقۇتۇپ دىلىغا ئىلىم سالماق بولۇپ ئوردىسىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئۆلىما يەقۇماس ھېكىمگە تاپشۇرۇپ بىلىم ئۆگىتىش ،ئىلمى ھىكمەتلەردىن تەلىم بېرىپ زاماننىڭ بىلىملىك پازىللىرىدىن قىلىپ يېتىشتۈرۈپ چىقشنى بۇيرۇدى. كىچىك ئىسكەندەر  ئاجايىپ ھۇشيار ،ئەقىللىق ۋە زېھنى ئۆتكۈر بالا ئىدى ،ئۇستازى قايسى ئىلىمدىن تەلىم بەرسە بىر ئاڭلاش بىلەنلا ئەستە تۇتۇۋالاتتى.شۇڭا بىلىم مەنزىلىدە تېز ئىلگىرلەيتتى.ئىسكەندەر ئۆگىنىشكە تېگىشلىك بىلىملەرنى ئۆگىنىپ بولغاندىن كېيىن پەيلىقۇس ئۇنى لەشكىرى بىلىملەر جەھەتتىنمۇ تەربىيەلەشنى قارار قىلىپ ئۇنى مەملىكىتىدىكى ئەڭ مەشھۇر ھەربى مەشقاۋۇلنىڭ تەربىيەلىشىگە تاپشۇردى.ئىسكەندەر ھەربى ماھارەت ئۆگىنىشكىمۇ زور ئىشتىياق باغلاپ جەڭ تاكتىكا ئىلمىدىكى دۈشمەننى يوقۇتۇشقا دائىر بىلىملەرنى پۇختا ئۆگىنىشكە،  جەڭ ماھارەتلىرىنى جاپالىق مەشىق قىلىشقا كىرىشتى.شۇ تەرىقىدە  ھەر كۈنى ئىزچىل  مەشىق قىلىپ 15 ياشلاردىن ئاشقاندا باتۇرلۇقتا شۇ قەدەر كامال تاپتىكى يەكمۇ يەك ئېلىشىشتا ئۇنىڭغا تەڭ كەلگۈدەك باتۇر تېپىلمىدى.
   ئىسكەندەر شۇنداق ئۆسۈپ يېتىلىپ يىگىتلىك دەۋرلىرىگىمۇ قەدەم  قويۇپ بىلىم- ماھارەت،ئەقىل پاراسەت،قەددى-قامەت،چىراي -سالاپەت دېگەندەك  بارلىق جەھەتلەردە كامالەتكە يېتىپ ھەممىنىڭ ئالدى بولدى.شاھ بۇ ئوغلىدىن پەخىرلىنەتتى.ھەر كۈنى ئاللاھقا شۈكرى ساناھلار ئېيتىپ تەشەككۈرىنى ئىزھار قىلاتتى.شاھ ئەمدى ئۇنى ھەركۈنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلىپ ئوردىغا ئېلىپ كىرىپ تەختى يېىنىدا ئولتۇرغۇزۇپ ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى باشقۇرۇش جەھەتتە ئۆزى تەربىيەلەشكە كىرىشتى.چۈنكى شاھلارنىڭ يالغۇز  شاھزادىسى شەكسىز تەخت ۋارىسى ھېساپلىنىپ شاھ ئۆلگەندە ئاتىسىنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلاتتى.شۇنداق ئىكەن ئۇنى بۇ جەھەتتىمۇ تەربىيەلەپ دۆلەت باشقۇرۇشنى ئۆگەتمەي بولمايتتى.
  ئىسكەندەر شاھ ئاتىسىنىڭ ھەممە ئىشىدىن رازى ،مەملىكەت باشقۇرۇش تەدبىرلىرىگىمۇ قايىل ئىدى.لېكىن بىر ئىشىدىن نارازى بولاتتى.ئۇ بولسىمۇ ھەر يىلى داراغا مىڭ ئالتۇن تۇخۇم سېلىق تاپشۇرۇش ئىشى ئىدى.شۇڭا نارازىلىقنى ئىپادىلەپ شاھ ئاتىسىدىن شۇنداق دەپ سورايتتى:
     -ئەي ئاتا،بۇ نىمە قىلغىنىڭىز؟ دارامۇ بىر پادىشاھ،سىزمۇ بىر پادىشاھ تۇرۇپ نىمىشقا ئۇنىڭدىن قورقۇسىز؟ نىمىشقا ھەر يىلى ئۇنىڭغا شۇنچىۋالا كۆپ بايلىقلارنى باج-سېلىق قىلىپ بېرىسىز؟ بۇ سېلىق تكلەشلا بولۇپ قالماي يۈزىمىزنى تۆككەنلىك،ئۆزمىزنى ئاجىزلىتىش ھېسابىغا خەقنى كۈچلەندۈرگەنلىك ئەمەسمۇ؟ مەن بۇ ئەلەمگە پەقەتلا  چىدىمىدىم !
  شاھ ئاتىسى ئۇنىڭغا چۈشەنچە بېرىپ شۇنداق دەيتتى.
-ماڭىمۇ نىمە ئامال بار دەيسەن ئوغلۇم، سەن دېگەندەك ھەر ئىككىلىمىز پادىشاھ بولغان بىلەن تەسىر دائىرىمىز،ئورنىمىز،ھەربى كۈچىمىز ئوخشىمايدۇ.ھەربى كۈچ -قۇدرەت جەھەتتە دارا بىرقۇدرەتلىك  شىر بولسا مەن بولسام ئاجىز بىر قېرى بۆرە.ئەلمىساقتىن تارتىپ قاچانمۇ بۆرە شىر بىلەن تەڭ بولالىغان؟ باشقىلارغا بوزەك بولمايمەن دېسەڭ ئۇنىڭدىن قۇدرەتلىك بولۇشۇڭغا توغرا كېلىدۇ.دارا دېگەن چوڭ پادىشاھ ،پەقەت ئىرانغىلا ئەمەس يەر يۈزىدىكى قانچىلىغان خوشنا دۆلەتلەرگىمۇ ئۇنىڭ ھۆكمى ئۆتىدۇ.ئۇ پادىشاھلار ئىچكى جەھەتتە  ئۆز مەملىكىتىدىكى پۇقرالارغا ھۆكمىرانلىق قىلغان بىلەن تاشقى جەھەتتە داراغا بېقىنىپ ياشايدۇ.چوڭ- چوڭ ئۇرۇشلار بولۇپ قالسا داراغا بولۇشۇپ لەشكەر تارتىپ ئۇنىڭ بىر سەركەردىسى سۈپىتىدە جەڭگە قاتنىشىدۇ.كىمىكى دارادىن يۈز ئۆرۈپ قارشىلىق قىلسا،باج- سېلىق تۆلەشتىن باش تارتسا دارا شۇئان قۇم تۇپراقتەك ھېساپسىز لەشكەر تارتىپ كېلىپ ئۇپادىشاھنى ئۆلتۈرۈپ مەملىكىتىنى  خاراپ قىلىۋېتىدۇ.ئۇنىڭغا ھىچكىم تەڭ كېلەلمەيدۇ.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-14 16:57:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەنمۇ شۇلارنىڭ ئىچىدە.شۇڭا ‹‹ئۆتىدىغان ئىشىكىڭ پاكار ھەم  تار بولسا ئېڭىشىپ ھەم ئۆمىلەپ ئۆتمەي ئامالىڭ يوق›› دېگەن بويىچە دەردىمنى ئىچىمگە يۇتۇپ ھەر يىلى سېلىق تۆلەپ كېلىۋاتىمەن ئوغلۇم.دارا بولسا بىر پارچە تاش ،بىز بولساق تۇخۇم.چېقىلىپ كەتمەي تىنىچ ياشاي دەيدىكەنمىز ئۇنىڭغا بېقىنىشىمىز،رايىبويىچە ئىش كۆرۈشىمىز كېرەك.
  -ئىشقىلىپ مەن بۇئەلەمگە چىدىمىدىم،ھامان بىر كۈنى كۈچىيىپ قۇدرەت تېپىپ دارانى غۇلىتىپ يۈزىمىزدىكى بۇ قارا داغنى يۇيۇپ تازىلايمەن!
  پەيلىقۇس ئوغلىغا ۋەزىيەتنى ،دارانىڭ كۈچ قۇدرىتىنى،ئۆزلىرىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالىنى چۈشەندۈردى. سەۋرىچان بولۇش،ئەھۋالىغا يارىشا ئىش تۇتۇش،قولىدىن كەلمەيدىغان ئىش ئۈچۈن بەل باغلاپ چىقىپ دۈشمىنى ئالدىدا ئوسال بولۇپلا قالماي خەلقى ئالەم ئالدىدا نومۇس ئازابىدا قالماسلىق...توغرىسدا نەسىھەتلەر قىلدى.
  
  -
   

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 22:12:15 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹ قوغۇن پىشسا ساپىقىدا تۇرماس›› جانمۇ تەندە دائىم ئامانەت تۇرالماس.جان ئاللا بەندىلىرىگە ئامانەت قىلىپ بەرگەن سىرلىق مۆجىزە.ئامانەت ھامان ئۆز ئىگىسىگە قايتىدۇ.بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە بولغان ھەر بىر جان مەيلى بالدۇر،مەيلى كېيىن بولمىسۇن ھامان بىر كۈنى ئۆلۈم شەربىتىنى تېتىپ ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇرۇشقا مەجبۇر بولىدۇ.مەيلى شاھ،مەيلى پۇقرا؛مەيلى باي، مەيلى گاداي؛مەيلى باتۇر ،مەيلى يۇۋاش بوزەكلەر بولمىسۇن ھەممىسىگە ئوخشاشلا ئۆلۈم بار.ۋاقتى كەلگەندە ئەزرائىل بۇ ئالەمنىڭ خۇشمەتكۇيلىرىدەك ئادەم خىللاپ ئولتۇرمايدۇ، چۈنكى ئاللاھ ئالدىدا ھەممە ئادەم باپ -باراۋەر.،پەيلىقۇسقا قېرىلىق يىتىپ ئامانەتنى ئىگىسىگە قايتۇرۇش ۋاقتى كېلىپ ئاغرىپ يېتىپ قالدى.ئوردا تېۋىپلىرىمۇ بار كارامەتلىرىنى ئىشقا سېلىپ داۋالاپ بېقىپ ئۇنىڭ كېسىلىنى ياخشىلىنىشقا يۈزلەندۈرەلمىدى.بىر قىسىم ئادەملەرگە ئۆلۈمدىن بۇرۇن قان ئالغۇچى پەرىشتىدىن بىرەر بىشارەت بولامدۇ قانداق پەيلىقۇسمۇ ئۆزىنىڭ ئۆلۈپ كېتىدىغانلىقىنى كۆڭلى تۇيۇپ ۋەسىيەت قىلىش ئۈچۈن ئوغلى ئىسكەندەرنى يېنىغا چاقىرتتى.ئۇ ھىممەتلىك بولۇشۇنى ئىنسان ئۈچۈن ھەممىدىن ياخشى خىسلەت دەپ قارايتتى.شۇڭا ۋەسىيىتىمۇ شۇ توغرىلىق باشلاندى:
   -ئەي ئوغلۇم،ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالغاندەك تۇرىدۇ،ئىنساننىڭ جېنى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىن كەل‍گەن،ئۇ يەنە ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىدۇ.ئۆلۈم بارسا كەلمەس يول.ئاتا بولغۇچى قايتماس سەپەرگە يول ئالماق بولغان  چېغىدا ئۆز پەرزەنتلىرىگە نەسىھەت پەندىلىرىنى، تېخى قىلىپ بولالمىغان ئىشلىرىنى، يېتەلمىگەن ئارزۇ ئارمانلىرىنى سۆزلەپ بېرىپ، پەرزەنىتلىرىنىڭ ئۆز ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىشىنى،قىلىپ بولالمىغان ئۇلۇغۋار ئىشلىرىنى داۋاملاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.چۈنكى پەرزەنت دېگەن ئاتا ئانىنىڭ ۋارىسى،دۇنيا ئىشلىرىدىكى داۋاملاشتۇرغۇچىسى.مەن ئۆلۈش ئالدىدا ساڭا ئۆزۈم مۇھىم دەپ قارىغان نەسىھەت ۋە تاپىلاشلىرىمنى سۆزلەپ بەرمەكچىمەن.ياخشى قۇلاق سېلىپ شۇ بويىچە ئىش قىلساڭ پايدىسىنى كۆرۈسەن.مەنمۇ ئۇ دۇنيادا سەندىن خاتىرجەم بولۇپ تىنىچ ياتىمەن.ئەي ئوغلۇم ساڭا بىرىنچى نەسىھىتىم شۇكى،دائىما ھىممەتلىك(غايىلىك،ئارزۇ-ئىستەكلىك،مەرد،سېخىي،كۆڭلى-كۆكسى كەڭ،بىرەر ئىشنى قىلماقچى بولسا جان دىلى بىلەن كىرىشىدىغان) بولغىن. قۇشمۇ ھىممەتتىن قاناتلانسا ئىگىز ئۇچالايدۇ.ھىممەتلىك كىشىنى ئەل ياخشى كۆرىدۇ.چىن دىلىدىن ئەزىزىلەيدۇ.ئەگەر بىراۋنىڭ بىر دىنار پۇلى بولمىسىمۇ ئۇ ھىممەتلىك بولسىلا ئۇنى باي ھېساپلاشقا بولىدۇ. ئالتۇندىن تېغى بولسىمۇ ھىممىتى يوق،قارا نىيەت،ئاچكۆز ،ئىرادىسىز شەخسىيەتى كىشىلەرنى ھەرەىز باي دەپ قارىغىلى بولمايدۇ.ئاللاھ ھەمىشە ھىممەتلىك كىشىلەر بىلەن بىللە،شۇنداقلارنى دوست تۇتىدۇ.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 22:12:41 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
-بىلدىم شاھ ئاتا-دېدى ئىسكەندەر ياش تۆكۈپ يۈكۈنۈپ ئولتۇرۇپ-ھىممەتلىك كىشىلەردىن بولۇپ كۆكسى قارنىمنى كەڭ تۇتىمەن،ھىممەتسىز قارا كۆڭۈللەردىن بولمايمەن.
  - ئىككىنچى ۋەسىيىتىم شۇكى-دەپ داۋاملاشتۇردى شاھ بىر ھازا ھاسىراپ ھۆمىدەپ قىينالغاندىن كېيىن ۋەسىيىتىنى داۋاملاشتۇرۇپ-مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ دۆلەت ساڭا قالىدۇ.دۆلەت گۇياكى بىر كېمە بولسا پادىشاھ ئۇنىڭ كېمىچىسىگە ئوخشايدۇ.كېمىنىڭ قاياققا مېڭىشى ۋە تەقدىرى كېمىچىگە باغلىق.مەندىن كېيىن مەملىكىتىمىزگە ياتلارنى ئاياق باستۇرما،لەشكەرلەر بىلەن بىر نىيەت بىر مەقسەتتە جەڭ قىلىپ ۋەتەننىڭ بىر غېرىچ يېرىنمۇ دۈشمەنگە تارتقۇزۇپ قويما،شاھ قەسىرى بولۇپمۇ ھەرىمى پادىشاھلارنىڭ نومۇسى ۋە ئىززەت ھۆرمىتىنىڭ خەزىنىسىدۇر.شۇڭا ئۇنى قاتتىق قوغدىماق كېرەك.شۇڭا قەسىرىمىزگە غەيرى كىشىلەرنىڭ قەدىمى يەتمىسۇن.ئۇنداق بولمىغاندا ئارىمىزدىن شەرمى- ھايا كۆتۈرۈلۈپ، ئابرۇي ئىناۋىتىمىز خەس تۇپراقتەك تۆكۈلۈپ خار بولغۇسىدۇر.ئاتا-نامىنىڭ يادلىنىپ تۇرۇشى ياكى ئۆچۈپ قېلىشى پەرزەنتلەرنىڭ ئاتا-ئىزىدىن باسقان ياكى باسمىغانلىقىغا مۇناسىبەتلىك .ئەگەر ئاتامنىڭ ئىشلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىسۇن دېسەڭ تەختىمدە چىڭ ئولتۇرۇپ سەلتەنەت سۈرگىن.شاھلىق تەختىنى ھەرقانداق سەۋەپ بىلەن  ياتلار قولىغا تارتقۇزۇپ قويما!

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-15 22:13:11 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شاھنىڭ ۋەسىيەتلىرى تۈگىگەندىن كېيىن ئىسكەندەر شاھ ئاتىسىنىڭ نەسىھەتلىرىگە بىر ئۆمۈر ئەمەل قىلىدىغانلىقى،ھەرگىز ئۇنتۇمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدىلەر بېرىپ شاھنى خاتىرجەم قىلدى.شاھ ۋەسىيەتلىرىنى تاماملاپ ئوغلىنىڭ ۋەدىلىرىنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن خاتىرجەم كۆز يۇمدى.
  ئىسكەندەر شاھ ئاتىسىنىڭ ئۆلۈمىدىن قاتتىق قايغۇردى.بۇ ئۆلۈم ئۇنىڭغا شۇ قەدەر چوڭ ئازاپلارنى ئېلىپ كەلدىكى قاتتىق يىغلاپ ھازا ئاچقاننىڭ سىرىتغا نەچچە كۈنلگرىچە گېلىدىن غىزا ئۆتمىدى.ھەسرەت تۈپەيلى ھەممىدىن كېچىپ شاھلىقنى،ھەممە –ھەممىنى تاشلاپ چۆل باياۋانلارغا سەرسان-سەرگەردان بولۇپ چىقىپ كەتكىلى تاس قالدى.
  ئىسكەندەرنىڭ ئۇستازى يەقۇماس ھېكىم ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ ئوغلى ئەرەستۇ ئوردا دانىشمەنلىكىگە خىزمەتكە ئېلىنغان ئىدى.ئۇلاردىن باشقا بەلىناس ھېكىم قاتارلىق نۇرغۇن داڭلىق دانىشمەنلەرمۇ ئىسكەندەرنىڭ خىزمىتىدە ئىدى.ئۇلار بىرلىشىپ ئىسكەندەرگە پەندىلەر قىلىپ،تەسەللىلەر بېرىپ قايغۇ- ماتەمدىن ئازاد قىلدى.نۆۋەتتىكى مۇھىم ئىشلارنى ئەسكەرتىپ  يۈرۈپ پەيلىقۇسنىڭ ئورنىغا شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.
  شۇ كۈنى كېچىسى ئىسكەندەرنىڭ زادىلا ئۇيقۇسى كەلمىدى.ئۇ بۇرۇن ئانىسى ئەتراپىدا شوخ قىيغىتىپ ئوينايدىغان تاي بولغان بولسا مانا ئەمدىلىكتە ئېغىر يۈك ئارتىلغان يۈكلۈك ھارۋىنى سۆرەپ كېتىۋاتقان جاپاكەش ھارۋا ئېتىغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.بۇ يۈك‹‹ سۆرىمەيمەن›› دەپ ‹‹تاشلىۋەتكىلى بولىدىغان يۈك›› ئەمەس ئىدى. بۇ يول داغدام يول ئەمەس بولۇپ بەزىدە تۈز يوللارغا دۇچ كەلسە،بەزىدە ئويداڭ چوڭقۇرلاردىن بەزىدە تاشلىق يەرلەردىن ئۆتۈشكە توغرا كېلەتتى.ئۇيقۇسى قاچقان ئىسكەندەر يېرىم كېچىلەردىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ پاكىز يۇيۇندى ئاندىن ئاستىغا پاكىز بىسات سېلىپ ئولتۇرۇپ تەڭرىگە سەجدىلەر  قىلىپ قۇللۇق بىلدۈرۈشكە ،  گۇناھلىرى ئۈچۈن يىغلاشقا،كېيىنكى ئۇلۇغۋار  ئىشلىرى ئۈچۈن مەدەتلەر تىلەشكە   باشلىدى.شۇ تاپ ئۇ ئۆزىنى بىر دۆلەتنىڭ شەۋكەتلىك شاھى سۈپىتىدە ئەمەس بەلكى خەستەك قەدىرسىز،قۇرۇتتەك ئاجىز ھىس قىلماقتا ئىدى.سەھەر قۇياشى ئوت شارىدەك قىزىرىپ پەلەك تەىتىگە  چىقىشقا باشلىغىنىدا يۇلتۇزلارنىڭ كۆزلىرى خىرەلىشىپ دەرھال جېنىنى ياقىغا ئالدى.ئىسكەندەر دەرھال شاھلىق تاجىنى بېشىغا كىيىپ ئۆزىمۇ سەھەر قۇياشىدەك پارلاپ شاھ سارىيىدىكى شاھلىق تەختىىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ شاھلىق ھۆكۈمىنى سۈرۈشكە تەييارلاندى.بارلىق ئوردا ئەمەلدارلىرى شاھ تەختىنىڭ ئالدى تەرىپىدىكى قوبۇل ئورنىنىڭ ئىككى تەرىپىدىكى تېگىشلىك ئورۇنلىرىدىن جاي ئېلىپ ئولتۇرۇشتى.

قابىلجان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1015
يازما سانى: 36
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 76
تۆھپە : 0
توردا: 10
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-4-1

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 00:22:35 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدىمقى ئەسەرلەرنى ئوقۇغانسىرى-ئوقۇغۇسى كېلىدىكەن كىشىنىڭ.  دادىسىنىڭ قۇچىقىدا يېتىپ چۆچەك ئاڭلاۋاتقان ۋاقىتنى ئەسلىتىدىغان بۇ ئەسەرلەر ھەقىيقەتەن ياخشى.

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-16 00:51:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېڭى شاھنىڭ تەختكە چىققانلىقنى مۇبارەكلەش ۋە ئەرزى ھاللىرىنى بايان قىلىش يۈزىسىدىنمۇ تەرەپ-تەرەپلەردىن  نۇرغۇن پۇقرالار توپلىشىپ كەلگەن ئىدى. ئۇلارمۇ تەخىت ئالدىدىكى ئەرىز دات ئېيتقۇچىلار تۇرىدىغان كەڭرى  ئورۇندا  قاتار تىزىلىشىپ قول باغلىشىپ تۇرۇشاتتى.
شاھ ئىسكەندەر خالايىققا تەكشى نەزەر سېلىپ چىققاندىن كېيىن كۆڭۈل سۆزلىرى ۋە ئىرادىسىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دەپ گېپىنى باشلىدى:
-ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى بولغان ئۇلۇغ رەببىمىز مېنى سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ھەر خىل دەۋا –دەستۈرلەرنى سوراش،قانۇننى ئادىل يۈرگۈزۈپ يامانلارنى جازالاش، ياخشىلارنى تېگىشلىك ھەققىگە ئىگە قىلىپ تۆھپىكارلارنى مۇكاپاتلاش ئۈچۈن قازى قىلىپ تەيىنلەپتۇ.شۇنداق بولغان ئىكەن مەن بۈگۈندىن ئېتىبارەن بۇ تېگىشلىك بۇرچۇمنى تولۇق ۋە ياخشى ئادا قىلىش ئۈچۈن تىرىشىمەن.مەن گەرچە سىلەرنىڭ پادىشاھىڭلار بولساممۇ ئۆزۈمنى سىلەردىن ئارتۇق ھېساپلاپ ھەرگىز كىبىر ۋە سۈر ھەيۋە كۆرسەتمەيمەن. ئۆزۈمنى سىلەرنىڭ يېقىن قېرىندىشىڭلار ھېساپلاپ دەردىڭلارغا يېتىمەن.شۇڭا مەندىن تارتىنىپ قورۇنۇپ ئولتۇرماي ھەرقانداق ئەرىز- دادى بولسا كېلىپ بايان قىلسۇن.مېنى ئۆزلىرى بىلەن تەڭ كۆرسۇن!
ىالايىق بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ دەسلەپ ئۆز قۇلاقلىرىغا ئىشىنەلمەي قېلىشتى.كېيىن بولسا ھەممىسى تەڭلا تىزلىنىپ ئولتۇرۇشۇپ تازىم قىلىشىپ  چوڭقۇر مىننەتدارلىق يۈزىسىدىن  ھەشقاللا- بارىكاللا ئىزھار قىلىشتى.ئاندىن كېيىىن بولسا بىر-بىرلەپ كېلىپ ئەرىز دات ئېيتىشتى.
خەلىقنىڭ دات پەريادى ياش شاھنى قوقاستا ئولتۇرۇپ قالغاندەك ئازاپلىدى.يامانلارنىڭ ئەشەددى  يامانلىقلىرىنى ئاڭلاپ بەزىدە غەزىپى قايناپ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ كەتسە، بەزىدە كىشىلەرگە بىھۇدە زۇلۇم سالغۇچى ‹‹ئادەمسىمان مەخلۇق››لاردىن  نەپرەتلىنىپ يەر تېپىپ ۋارقىراپ كېتەتتى.ئىسكەندەر شاھ خالايىققا بەرگەن ۋەدىسىنى ھەقىقەتەن  ئەمەلگە ئاشۇردى.قوبۇل قىلىنغان ھەربىر ئەرىزگە مۇناسىۋەتلىك يامانلار،زالىملار بىر-بىرلەپ تۇتۇپ كېلىنىپ  سوراق قىلىندى.قاتىللىق قىلغانلارنىڭ كاللىسىنى ئالدى. ئوغرۇلۇق قىلغانلارنىڭ قولى كېسىلدى.باسقۇنچىلىق قىلغانلار ئاختا قىلىۋېتىلدى.كىشىنىڭ ھەققىنى يەۋالغانلار ھەسسىلەپ قايتۇردى. ئەمىلىدىن پايدىلىنىپ پۇقرانى بوزەك قىلغان زالىم ئەمەلدارلارنى ئەمىلىدىن ئېلىپ تاشلاپلا قالماي پۇقرانىڭ ئالدىدا ئات-ئېشەكتەك ئۆمۈلۈتۈپ ھەيۋىسىنى يەرگە ئۇرۇپ زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچىلارنىڭ ئەنتىنى ئېلىپ بەردى..ئىشقىلىپ ھەر خىل يامانلارنى ئۆز لايىقىدا قاتتىق جازالاپ ئادالەتنىڭ كۈچىنى كۆرسەتتى.بۇ ئارقىلىق باشقىلارغا ئىبرەت قىلىپ ئىككىنچىلەپ ئەسكىلىك قىلىشقا پېتىنالماس قىلىۋەتتى.بۇرۇنقى قانۇن-مىزانلار قائىدىلەر ۋە تەرتىپلەرن بىر قۇر ئىسلاھ قىلىپ پۇقراغا زىيان سالىدىغان، زىيانلىق قىلمىشلارنى چەكلىيەلمەيدىغان ،قانۇننىڭ ئادىل يۈرگۈزۈلىشى،پۇقرانىڭ ئەمىن بولۇپ باياشات ياشىشىغا توسالغۇ بولىدىغانلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇپ خەلىقنى ئازاپ كۈلپەتتىن،دۆلەتنى زەئىپ ھالەتتە تۇرۇۋېرىشتىن ساقلاپ قالدى.

قابىلجان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش