ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى
(تەرجىمان: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)
ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببىتى
(مەسەل)
لېسسىنگ (گېرمانىيە)
كارولىن ئۆلۈپ قىرىق كۈندىن كېيىن،
ئېرىمۇ ئۇ ئالەمگە قىلىپ سەپەر،
تېنىدىن روھى چىقىپ ھايالشىماي،
جەننەتكە كەلگىنىنى قىپتۇ خەۋەر:
-ئەي خىرىستوس،ئىشىكنى ئاچ!
-كىمسەن ئۆزۈڭ؟
-خىرىستىيان مۇخلىسىمەن ساڭا سادىق!
-ئېيتقىنا، نە سەۋەبتىن چىقتى جېنىڭ؟
-سېل كېسەل قىينىغاچقا يەتتى ھاردۇق!
ئۇزۇن يىل تۈننى تاڭغا ئۇلاپ كەلدىم،
قورقۇنچ، دەرد - ئەلەمدە كىرپىك قاقماي.
جېنىمغا ئېكەك سالدى مۇدھىش كېسەل،
نە ئامال، پەرۋەردىگار سېنى تاپماي؟!
خىرىستوس كۈلۈپ چىقتى ئىشىك ئېچىپ:
-ھا! ھا! ھا! كارولىننىڭ ئېرىغۇ سەن!
كەل دوستۇم، جەننەت ساڭا داغدام ئوچۇق،
خوتۇنۇڭ كۈتكىلى ئاھ، سېنى نېكەم؟!
-ۋادەرىخا! ئۇ ھازازۇل جەننەتىمۇ؟
ئۇقۇشماي نېچۈن قوبۇل قىلدىڭ ئىلاھ؟!
تەشەككۈر شەپقىتىڭگە، ئامان بولغىن،
روھىمغا باشقا جايدىن تاپاي پاناھ!
【恩爱夫妻】
克洛琳德死了;六周之后
她的丈夫也一命鸣呼,
离开嚣烦的尘世,他的灵魂
踏上了通往天国的笔直道路。
“彼得先生,”他喊,“请开大门!”
“谁呀?”——“一个信奉基督的
正派人。”——
“怎么个正派法?我倒想听听。”
“我整夜整夜地惊恐、祈祷和战栗,
不得安眠,自从我卧床不起,
得了肺结核病。
快开门吧!”——门马上开了。
“哈哈!原来是克洛琳德的丈夫!
我的朋友,”圣彼得说,“快快请进!
您的太太旁边还有一个座位空着呐。”
“什么?我老婆也进了天堂?怎么可能?
你们真的收容了克洛琳德吗?
那么再见!谢谢您费心劳神!
我却想去别的什么地方栖身。”
نەمۇنىچى ئەر-خوتۇن
(مەسەل)
پۈتكۈل ئالەم قالىدۇ ھەيران،
مەدھىيەمنى قىلسام گەر بايان.
كۈندە ئۆيدە جېدەل دېگەنىڭ،
ئازغانلىقى بولىدۇ ئايان.
ماڭا تونۇش بىر جۈپ ئەر-خوتۇن،
ياشار دائىم تىپ-تېنچ كۆلدەك.
رەنجىتمەيدۇ جۈپتى كۆڭلىنى،
ئۆتكۈزىدۇ كۈنىنى گۈلدەك.
ئايال ئەمەس پەرىشتە ھەرگىز،
ياكى ئەرمۇ ئەمەس ئەۋلىيا.
ئەللەر ماختار ئۇلارنى بىردەك:
-تەڭ يېتىشكەن ھەممىدە گويا!
گەر سورىسا بىرەرسى مەندىن:
-بۇ نېمانچە سىرلىق مۇئەمما؟
دەيمەن:
-جاۋاب ئۆزىدىن ئايان،
ئېرى گاستۇر،خوتۇنى ئەما!
【模范夫妻】
我要歌颂一个罕见的典范,
全世界听了都会感到惊奇。
人人都错了,人们却相信:
天下夫妻哪对不吵架扯皮?
我见过一对夫妻中典范的典范,
他俩宁静得像最宁静的夏夜。
呵!没有谁见过了他们,
会骂我是在胡扯瞎编!
虽说妻子不是什么于使,
还有丈夫也并非圣者,
各人都有自己的缺陷,
并没谁身上全是美德。
要是有个俏皮鬼问我,
怎么会出现这种奇迹?
那就让我回答他吧:
丈夫是聋子,妻子是瞎子。
愿全国优秀出版社,浙江少年儿童出版社2009年6月第1版
<<莱辛寓言>>
جېجياڭئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2009-يىلى 6-ئايدا 1-قېتىم نەشر قىلغان خەنزۇچە «لېسسىنىگمەسەللىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-19 19:27