يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 297|ئىنكاس: 3

ئەلتۇغ(ت): لېسسىنگ ـــ ئىككى مەسەل

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابدۇرۇسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى

(تەرجىمان: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتە)

ئەر-خوتۇننىڭ مۇھەببىتى

(مەسەل)



لېسسىنگ (گېرمانىيە)



كارولىن ئۆلۈپ قىرىق كۈندىن كېيىن،

ئېرىمۇ ئۇ ئالەمگە قىلىپ سەپەر،

تېنىدىن روھى چىقىپ ھايالشىماي،

جەننەتكە كەلگىنىنى قىپتۇ خەۋەر:



-ئەي خىرىستوس،ئىشىكنى ئاچ!



                                 -كىمسەن ئۆزۈڭ؟

-خىرىستىيان مۇخلىسىمەن ساڭا سادىق!

-ئېيتقىنا، نە سەۋەبتىن چىقتى جېنىڭ؟

-سېل كېسەل قىينىغاچقا يەتتى ھاردۇق!



ئۇزۇن يىل تۈننى تاڭغا ئۇلاپ كەلدىم،

قورقۇنچ، دەرد - ئەلەمدە كىرپىك قاقماي.

جېنىمغا ئېكەك سالدى مۇدھىش كېسەل،

نە ئامال، پەرۋەردىگار سېنى تاپماي؟!



خىرىستوس كۈلۈپ چىقتى ئىشىك ئېچىپ:

-ھا! ھا! ھا! كارولىننىڭ ئېرىغۇ سەن!

كەل دوستۇم، جەننەت ساڭا داغدام ئوچۇق،

خوتۇنۇڭ كۈتكىلى ئاھ، سېنى نېكەم؟!



-ۋادەرىخا! ئۇ ھازازۇل جەننەتىمۇ؟

ئۇقۇشماي نېچۈن قوبۇل قىلدىڭ ئىلاھ؟!

تەشەككۈر شەپقىتىڭگە، ئامان بولغىن،

روھىمغا باشقا جايدىن تاپاي پاناھ!




  【恩爱夫妻】


  克洛琳德死了;六周之后

  她的丈夫也一命鸣呼,

  离开嚣烦的尘世,他的灵魂

  踏上了通往天国的笔直道路。

  “彼得先生,”他喊,“请开大门!”

  “谁呀?”——“一个信奉基督的

  正派人。”——

  “怎么个正派法?我倒想听听。”

  “我整夜整夜地惊恐、祈祷和战栗,

  不得安眠,自从我卧床不起,

  得了肺结核病。

  快开门吧!”——门马上开了。

  “哈哈!原来是克洛琳德的丈夫!

  我的朋友,”圣彼得说,“快快请进!

  您的太太旁边还有一个座位空着呐。”

  “什么?我老婆也进了天堂?怎么可能?

  你们真的收容了克洛琳德吗?

  那么再见!谢谢您费心劳神!

  我却想去别的什么地方栖身。”


نەمۇنىچى ئەر-خوتۇن

(مەسەل)


لېسسىنگ (گېرمانىيە)


پۈتكۈل ئالەم قالىدۇ ھەيران،

مەدھىيەمنى قىلسام گەر بايان.

كۈندە ئۆيدە جېدەل دېگەنىڭ،

ئازغانلىقى بولىدۇ ئايان.


ماڭا تونۇش بىر جۈپ ئەر-خوتۇن،

ياشار دائىم تىپ-تېنچ كۆلدەك.

رەنجىتمەيدۇ جۈپتى كۆڭلىنى،

ئۆتكۈزىدۇ كۈنىنى گۈلدەك.


ئايال ئەمەس پەرىشتە ھەرگىز،

ياكى ئەرمۇ ئەمەس ئەۋلىيا.

ئەللەر ماختار ئۇلارنى بىردەك:

-تەڭ يېتىشكەن ھەممىدە گويا!


گەر سورىسا بىرەرسى مەندىن:

-بۇ نېمانچە سىرلىق مۇئەمما؟

دەيمەن:

-جاۋاب ئۆزىدىن ئايان،

ئېرى گاستۇر،خوتۇنى ئەما!


(تامام)



  【模范夫妻】


  我要歌颂一个罕见的典范,

  全世界听了都会感到惊奇。

  人人都错了,人们却相信:

  天下夫妻哪对不吵架扯皮?

  我见过一对夫妻中典范的典范,

  他俩宁静得像最宁静的夏夜。

  呵!没有谁见过了他们,

  会骂我是在胡扯瞎编!

  虽说妻子不是什么于使,

  还有丈夫也并非圣者,

  各人都有自己的缺陷,

  并没谁身上全是美德。

  要是有个俏皮鬼问我,

  怎么会出现这种奇迹?

  那就让我回答他吧:

  丈夫是聋子,妻子是瞎子。



愿全国优秀出版社,浙江少年儿童出版社2009年6月第1版

<<莱辛寓言>>
جېجياڭئۆسمۈرلەر نەشرىياتى 2009-يىلى 6-ئايدا 1-قېتىم نەشر قىلغان خەنزۇچە «لېسسىنىگمەسەللىرى» ناملىق كىتابتىن تەرجىمە قىلىندى.



بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-19 19:27  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-20 11:46:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىلىرىڭىز بىر-بىرىدىن ئوبدان چىقىۋاتىدۇ بۇرادەر.

ۋاقتى: 2016-1-23 08:56:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يېزىلىش ئۇسۇلۇبى ئۆزگىچە مەسەلكەن.

ۋاقتى: 2016-2-5 19:13:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغنىڭ شېئىر تەرجىمە ئىجادىيىتىگە ئۇتۇقلار يار بولسۇن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش