ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى
ئۆچمەس چىراغ
(ھېكايە)
-بەك كەچ بوپ كەتتى، ئەمدى ئۇخلا! - ئانىسى ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۇخلاشقا دەۋەت قىلدى.
ئۇ سائىتىگە قارىۋىدى، ئون بىردىن قىرىق مىنۇت ئۆتۈپتۇ. ئۇ ھەقىقەتەن ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، پەقەتلا ئۇخلىغۇسى كەلمىدى. ئەلۋەتتتە، ئۇدۇلدىكى بىنادىكى جىمىرلاپ تۇرغان چىراغ نۇرىغا قارىغان چېغىدا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە يەنە ھېلىقى قىزنىڭ گەپلىرى ئاڭلىنىۋاتقاندەك بولدى...
يېرىم يىل ئاۋۋال ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى چىقىرىلغان تاختاي يېنىدا ئۆزى يالغۇز ئۆي تەرەپتىكى سېتكا توپ مەيدانىدا تېگى يوق خىياللارنى سۈرۈپ يالغۇز ئولتۇراتتى...
- ھەي، خاپا بولماي ئاۋۇ پۇتىڭىزنىڭ يېنىدىكى توپنى بۇ ياققا تاشلاپ بېرىڭە!
ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىۋىدى، تەخمىنەن 17، 18ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز تەرلەپ پىشىپ كەتكەن ھالدا پالاقنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئۇ توپنى قىزغا تاشلاپ بەردى.
ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قىز يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى بۇزدى:
- ھەي، سىز...
- سىز نېمانداق گالۋاڭ؟ تېخنىكىڭىز تۆۋەن بولغاندىكىن ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ؟
- ئۇنداقتا سىزمۇ كېلىپ سىناپ باقمامسىز؟
ئۇلار چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن چاغدا ئاللىقاچان ئوبدانلا تونۇشۇپ بولغانىدى.
ئۇ قىزنىڭمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى ئۇقتى. قىز ئۇنىڭغا:
- بىر ئادەم قەتئىي ھالدا بەل قويۇۋەتمىسىلا، ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ، -دېدى. ئۇ قىز بىلەن «پەۋقۇلئاددە كېلىشىم» ئىمزالىدى: پەقەت قىزنىڭ ئۆيىدىكى چىراغ ئۆچمىسىلا ئۇلارنىڭ قارارى قەئىي ئۆزگەرمەيتتى...
قىزنىڭ ئۆيى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىنادا ئىدى. دېرىزىلىرىمۇ شۇنچىلىك يېقىن ھەم ئۇدۇل ئىدى. ئۇ دېرىزىدىن قاراپ قىز بىلەن پاراڭلاشقان چاغلارنى ئەسلىدى... ئاشۇ چىراغ نۇرىلا ئۇنىڭ قەلبىگە ئىرادە ھەم قەتئىيلىك بېرەلەيتتى. بىر قىز جېنىدا مەغلۇببيەتكە دادىل يۈزلىنەلىگەن يەردە مەن قانداقمۇ بەل قويىۋېتەي؟
ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كۆرۈشمىگىنىگىمۇ ئۇزۇن بولغان، پەقەت ئىككى ھۇجرىدىكى چىراغ نۇرىلا ئۆز ئارا سىردىشىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ: «بەلكىم ئۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك!» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.
ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھاندىن چىقىپ ئۇ شۇنداق ئازادىلىك بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە رەھمەت ئېيتماقچى بولۇپ كەلدى.
قىزنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ھۇجرىسىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان، ئاستىغا بىر جۈپ پالاق ئىلىپ قويۇلغان ئىدى. ئىككى ئاي بۇرۇن ئۇ راك كېسىلى بىلەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى. قىزنىڭ ئانىسى ئېسەدەشكە باشلىدى:
-ئۇ راك كېسىلى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئاران تۆتىنچى ئايغىچە ياشىيالايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ يەنە: ئەگەر تەڭرى ماڭا يەنە بىر قېتىم ياشاش پۇرسىتى بەرگەن بولسا بۇ دۇنيانى، بۇ تۇرمۇشنى شۈنچىلىك قىزغىن سۆيۈپ، دۇنيادىن ئارمانسىز كەتكەن بولاتتىم... - ئانىنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپلا كەتتى، - بالنىسىتقا كىرىپ قالغان ئاشۇ كۈنى ئۇ ھۇجرىسىنىڭ چىرىقىنى ھەر كۈنى كېچە دائىم ياندۇرۇپ قويۇشىمىزنى ئۆتۈندى، ئۇنىڭ دېيىشىچە بىرسى ئۇنىڭغا موھتاج ئىكەن...
ئۇنىڭ كاللىسى بىردىنلا قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى - دە، ئىختىيارىسز كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى...
«ئەڭ گۈزەل ھېكايىلار تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى.
تەرجىمان: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-18 22:18