يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 348|ئىنكاس: 9

ئەلتۇغ: ئۆچمەس چىراغ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

ئابدۇروسۇل مۇھەممەد ئەلتۇغ تەرجىمىسى

ئۆچمەس چىراغ

(ھېكايە)


      -بەك كەچ بوپ كەتتى، ئەمدى ئۇخلا! - ئانىسى ئۇنى يەنە بىر قېتىم ئۇخلاشقا دەۋەت قىلدى.
ئۇ سائىتىگە قارىۋىدى، ئون بىردىن قىرىق مىنۇت ئۆتۈپتۇ. ئۇ ھەقىقەتەن ھېرىپ كەتكەن بولسىمۇ، پەقەتلا ئۇخلىغۇسى كەلمىدى. ئەلۋەتتتە، ئۇدۇلدىكى بىنادىكى جىمىرلاپ تۇرغان چىراغ نۇرىغا قارىغان چېغىدا ئۇنىڭ قۇلاق تۈۋىدە يەنە ھېلىقى  قىزنىڭ گەپلىرى ئاڭلىنىۋاتقاندەك بولدى...
    يېرىم يىل ئاۋۋال ئۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى نەتىجىسى چىقىرىلغان تاختاي يېنىدا ئۆزى يالغۇز ئۆي تەرەپتىكى سېتكا توپ مەيدانىدا تېگى يوق خىياللارنى سۈرۈپ يالغۇز ئولتۇراتتى...
   - ھەي، خاپا بولماي ئاۋۇ پۇتىڭىزنىڭ يېنىدىكى توپنى بۇ ياققا تاشلاپ بېرىڭە!
ئۇ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قارىۋىدى، تەخمىنەن 17، 18ياشلار چامىسىدىكى بىر قىز تەرلەپ پىشىپ كەتكەن ھالدا  پالاقنى تۇتقىنىچە ئۇنىڭغا قاراپ ۋارقىراۋاتاتتى. ئۇ توپنى قىزغا تاشلاپ بەردى.
ئانچە ئۇزاق ئۆتمەي قىز يەنە بىر قېتىم ئۇنىڭ كۆڭۈل ئارامىنى بۇزدى:
  - ھەي، سىز...
  - سىز نېمانداق گالۋاڭ؟ تېخنىكىڭىز تۆۋەن بولغاندىكىن ئوينىمىسىڭىز بولمامدۇ؟
   - ئۇنداقتا سىزمۇ كېلىپ سىناپ باقمامسىز؟
   ئۇلار چىلىق - چىلىق تەرگە چۆمۈلۈپ كەتكەن چاغدا ئاللىقاچان ئوبدانلا تونۇشۇپ بولغانىدى.
    ئۇ قىزنىڭمۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدىن ئۆتەلمىگەنلىكىنى ئۇقتى. قىز ئۇنىڭغا:
   - بىر ئادەم قەتئىي ھالدا بەل قويۇۋەتمىسىلا، ھەر قېتىملىق مەغلۇبىيەتتىن  يەنىلا مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشەلەيدۇ، -دېدى. ئۇ قىز بىلەن «پەۋقۇلئاددە كېلىشىم» ئىمزالىدى: پەقەت قىزنىڭ ئۆيىدىكى چىراغ ئۆچمىسىلا ئۇلارنىڭ قارارى قەئىي ئۆزگەرمەيتتى...
قىزنىڭ ئۆيى ئۇنىڭ ئۆيىنىڭ ئۇدۇلىدىكى بىنادا ئىدى. دېرىزىلىرىمۇ شۇنچىلىك يېقىن ھەم ئۇدۇل ئىدى. ئۇ دېرىزىدىن قاراپ قىز بىلەن پاراڭلاشقان چاغلارنى ئەسلىدى... ئاشۇ چىراغ نۇرىلا ئۇنىڭ قەلبىگە ئىرادە  ھەم قەتئىيلىك بېرەلەيتتى. بىر قىز جېنىدا مەغلۇببيەتكە دادىل يۈزلىنەلىگەن يەردە مەن قانداقمۇ بەل قويىۋېتەي؟
   ئارىدىن بىر نەچچە ئاي ئۆتۈپ كەتتى. ئۇلارنىڭ كۆرۈشمىگىنىگىمۇ ئۇزۇن بولغان، پەقەت ئىككى ھۇجرىدىكى چىراغ نۇرىلا ئۆز ئارا سىردىشىۋاتقاندەك ئىدى. ئۇ: «بەلكىم ئۇ بەك ئالدىراش بولۇپ كەتكەن بولسا كېرەك!» دېگەنلەرنى خىيالىدىن ئۆتكۈزدى.
   ئىككىنچى قېتىملىق ئىمتىھاندىن چىقىپ ئۇ شۇنداق ئازادىلىك بىلەن قىزنىڭ ئۆيىگە رەھمەت ئېيتماقچى بولۇپ كەلدى.
    قىزنىڭ چوڭايتىلغان سۈرىتى ھۇجرىسىنىڭ تېمىغا ئېسىلغان، ئاستىغا بىر جۈپ پالاق ئىلىپ قويۇلغان ئىدى. ئىككى ئاي بۇرۇن ئۇ راك كېسىلى بىلەن بۇ دۇنيادىن مەڭگۈلۈك خوشلاشقان ئىدى. قىزنىڭ ئانىسى ئېسەدەشكە باشلىدى:
   -ئۇ راك كېسىلى بىلەن ئۆزىنىڭ بۇ يىل ئاران  تۆتىنچى ئايغىچە ياشىيالايدىغانلىقىنى بىلەتتى. ئۇ يەنە: ئەگەر تەڭرى ماڭا يەنە بىر قېتىم ياشاش پۇرسىتى بەرگەن بولسا بۇ دۇنيانى، بۇ تۇرمۇشنى شۈنچىلىك قىزغىن سۆيۈپ، دۇنيادىن ئارمانسىز كەتكەن بولاتتىم... - ئانىنىڭ ئاۋازى بوغۇلۇپلا كەتتى، - بالنىسىتقا كىرىپ قالغان ئاشۇ كۈنى ئۇ ھۇجرىسىنىڭ چىرىقىنى ھەر كۈنى كېچە دائىم ياندۇرۇپ قويۇشىمىزنى ئۆتۈندى، ئۇنىڭ دېيىشىچە بىرسى ئۇنىڭغا موھتاج ئىكەن...
    ئۇنىڭ كاللىسى بىردىنلا قۇپقۇرۇق بولۇپ قالدى - دە، ئىختىيارىسز كۆز چاناقلىرى ياشقا تولدى...

  «ئەڭ گۈزەل ھېكايىلار تورى»دىن تەرجىمە قىلىندى.

تەرجىمان: يەكەن ناھىيە مىشا يېزىلىق ئوتتۇرا مەكتەپتىن
.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-18 22:18  


باھا سۆز

بۇ كىچىك ھېكايىنىڭ ئاپتۇرى يوق بولغىيمىدى، ئەلتۇغ؟!  ۋاقتى: 2016-1-18 10:19 PM
ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-18 22:35:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك تەسىرلىك ھېكايە ئىكەن،

ۋاقتى: 2016-1-19 00:34:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇستازنىڭ  قىلغان ئەجىرىدىن سۇيۇندىم،

ۋاقتى: 2016-1-19 13:08:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايىتى تەسىرلىك ھېكايە ئىكەن،ياخشى تەرجىمە قىلىپسىز. ھارمىغايسىز.

ئىھسان بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2016-1-19 13:18:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-1-19 15:22:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئىنسانغا ئۈمىد ئاتا قىلالايدىغان ئىنسانلاردىن ئادەمنىڭ كۆڭلى ئاجايىپ سۆيىنىدۇ. دەرھەقىقەت، كىشلىك تۇرمۇشنىڭ ھەر بىر دوقمۇشلىرىدا گاڭگىراپ قالغان ئىنسانلارنىڭ كۆڭلىدە بىر قېتىملىق ئۈمىد ئۇچقۇنىنى چاقنىتىش ــ ھاياتنى، تۇرمۇشنى ۋە ئىنسانلارنى سۆيىدىغان ھەم قەدىرلەيدىغان  ھەقىقى بىر ئىنساننىڭ ئادىمىيلىك مىزانى ۋە مۇقەددەس بۇرچى دەپ قارايمەن.
قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2016-1-19 16:29:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىگە خېلىلا پىشىپ قاپلا  جۇما، ئەلتۇغ ئەپەندى.

ۋاقتى: 2016-1-19 17:54:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەرجىمىگە ھەقىقەتەن ئېپىڭىز باركەن، شۇنداق ياخشى ئەسەرنى تاللاپسىز....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-19 18:04:45 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئەزىزلەر! تور ئارىلاۋېتىپ بۇ چىرايلىق ھېكايە تۇيۇقسىز كۆزۈمگە چېلىقىپ قالدى. قارىسام، خەنزۇ تورداشلارمۇ بۇ ھېكايىگە ناھايىتى ياخشى ئىنكاسلارنى قالدۇرۇپتۇ. بەزىلىرى بۇ ھېكايىگە ئوبزۇرمۇ يېزىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن تەرجىمە قىلىپ باققانتىم...قىسمەن جايلىرى ئانچە راۋان چىقماي قالدى. بولۇپمۇ «ئۇ(يىگىت)، ئۇ (قىز)، ئۇ(ئانا)'نى بىر بىرىدىن پەرقلەندۈرۈپ تەرجىمە قىلىش ۋە دەل جايىدا ئىپادىلەش سەل قىيىنكەن.

ۋاقتى: 2016-1-19 20:09:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ، بۇ ئەسەر تەرجىمىدەك ئەمەس، ئۆزىڭىز يازغاندەكلا يېقىشلىق چىقىپتۇ، مەن شۇ يېرىدىن بەك سۆيۈندۈم، رەھمەت ئەجرىڭىزگە، ئەدەبىي ئىشلىرىمىزدا ساپالىق تارجىمانلار بەكمۇ كەمچىل، مەنىسىگە چۆكمەي خەتمۇ خەت تەرجىمە قىلىدىغان ئەھۋال ئېغىر ئىدى، شۇڭا تەرجىمە ئەسەرلەرنى ئۇنچە ئوقۇغۇم كەلمەيتتى، بۇ تەرجىمە ئەسىرىڭىزدىن شۇنچىلىك ھوزۇرلاندىم، يەنە بىر رەھمەت!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش