كۆرۈش: 603|ئىنكاس: 19

يۈسۈفىي: ئىسلامىيەتتىن ئاۋۋالقى سوفىستىك ئىدىيە مەنبەلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ئىسلامىيەتتىن ئاۋۋالقى سوفىستىك ئىدىيە مەنبەلىرى

يۈسۈپجان ئابدۇشۈكۈر


    ئىنسانلارنىڭ تۈرلۈك ئاساسىي تۈزۈملىرىنىڭ ھەممىسى جاھالەتلىك جەمئىيەتتىن كېلىپ چىققان.
-مورگان

   
    دىن - نوقۇل ئىلاھقا بولغان شەرتسىز بويسۇنۇش ۋە چوقۇنۇش بولۇپلا قالماستىن، بەلكى ئۇ يەنە مۇكەممەل ۋە مۇرەككەپ بولغان پەلسەپە-ئىدىيە سىستىمىسىغا ئىگە كىشىلىك ئىدىئولوگىيىدۇر.  مەلۇمكى،ئىدىيە ئۆزگەرمەس قېلىپ ئەمەس، بەلكى ھەرىكەتچان سۇبىستانسىيە بولغانلىقىتىن، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ كىشى ئېڭىنى يۈكسەلدۈرۈشى ۋە بارغانسىرى ئازاد قىلىپ مېڭىشى نەتىجىسىدە، ھەر قايسى كاتىگورىيىلىك جەمئىيەتنىڭ پەلسەپ-ئىدىيە سىسىتىمىسى ھەر بىر تارىخىي مەزگىللەردە ئۆزىدە يېڭىدىن-يېڭى ئۆزگىرىش دولقۇنى ياساپ كەلدى. ئەلۋەتتە بۇ گاھىدا ئىنقىلاپ شەكلىدە تۈپتىن ئۆزگىرىش ھاسىل قىلسا، بەزىدە ئىسلاھات سۈرىتىدە قىسمەن ئۆزگەرتىش، تۈزىتىش ۋە رەتكە سېلىش ئېلىپ باردى.
    ئىنسانىيەت جەمئىيىتىدە دىنلار ئىنسانلارنى ئىلاھقا بويسۇنغۇچى قىلىپ تەشكىللەش بىلەن بىرگە يەنە بىر-بىرىدىن پەرق ھاسىل قىلىپ ئىچكى تۈزۈلمىلىك قۇرۇلمىلارغا ئىگە. ئۈچ چوڭ دىن ئىچىدىكى تارىخى ئەڭ ئۇزۇن دىن - بۇددىھا دىنى( ئويغىنىش دىنى) كۆپ ئىلاھلىق دىن بولۇش سۈپىتىدە چوڭ تەڭرى ساكيامۇنى(ماھاياناچىلار نەزىرىچە)دىن باشقا يەنە بىر مۇنچە كىچىك تەڭرىلەرنى ئېتىراپقا ئالىدۇ. ھەر خىل سەنئەتلىك ھەيكەل تاشلىرى بۇ دىننىڭ مۇخلىسلىرى نەزىرىدە ‹‹ئەرشتىكى ساكيامۇنى ۋە باشقا مەبۇد-مەبۇدىلەرنىڭ پەرشتىكى ۋاكالەتچىسى›› ھېسابلىنىدۇ. بۇ دىن مۇخلىسلىرى ئۆز دىنىي كىتابى بولمىش ‹‹نوم-سۇترا››لىرىنى ئېتىراپقا ئالغان ھالدا ئۆز ئىچىدىن ‹‹ ماھايانا كۆلۈڭگۈسى›› ۋە ‹‹ ھىنايانا كۆلۈڭگۈسى›› دەپ ئىككى ئاساسىي چوڭ تارماق ھاسىل قىلىدۇ. بۇ ئىككى مەزھەپنىڭ تەڭرىگە بولغان قاراشلىرىنىڭ ئوخشاشماسلىقى ۋە سوفىستىك قاراشلارغا بولغان پوزىتىسىيىنى بىلىش ئۈچۈن ئازراق توختىلىپ ئۆتىمىز.
    ماھايانا مەزھىپى راھىب-راھىبەلەرگە بىر قەدەر كەڭچىل دىنىي سىياسەت يۈرگۈزۈشنى مىزان قىلغان بولۇپ، بۇ غەيرى بۇددىھا تەلىماتلىرىنىڭ ئۇلارغا قارىتا تەسىرچانلىقى ۋە شۇ نەتىجىدە ئۇلارنىڭ ئەسلىي بۇددىھا ئەقىدىلىرىنى ھىناياناچىلىقىتىن ماھاياناچىلىقىققا راۋاجلاندۇرغانلىقى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بۇلارچە ئىنسان ئۆز روھىنى بۇددىھا نۇرىغا چۆمۈلدۈرۈپ ۋە ئۇنىڭدا پاكلاپ، پۈتكۈل نىيەت-ئىخلاسى بىلەن ئىستىقامەت قىلسىلا، دۇنيانىڭ ماددى ھالاۋەت ھەم ئەيش-ئىشرەتلىرىگە پەرۋا قىلمىسىلا ئۇ شۇ دەۋرىدىكى تۆت قاتلاملىق جامائەت توپى ئىچىدىكى قايسى تەبىقىدىن كېلىپ چىقىشىدىن قەتئىينەزەر بىر كۈنلەردە بۇ ئالەمنىڭ ئازابلىرىدىن قۇتۇلۇپ، ‹‹بۇددىھا››غا ئايلىنالايدۇ. شۇڭا بۇددىھا دىنىدا بۇ مەزھەپكە مايىللار كۆپرەك نىسبەتنى ئىگىلەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزھەپ ‹‹ چوڭ مەزھەپ››، ‹‹ چوڭ ھارۋا››، ‹‹ ئۇلۇغ كۆلۈڭگۈ››(大乘) مەنىسىدە قەدىمكى ھىندىستان سانسىكرىتىچە ‹‹ماھايانا مەزھىپى›› دەپ ئاتالدى. دەرۋەقە ئۇيغۇر بۇددىھا ئالىمى كومراجىۋامۇ ‹‹ ھىنايانا مەزھىپى››دىن  ‹‹ماھايانا مەزھىپى››گە ئۆتكەن. ئۇ ئەنەتكەك (بۈگۈنكى ھىندىستان) دىن ھىنايانا تەلىماتلىرى بويىچە بىلىم ئاشۇرۇپ، كۈسەن(بۈگۈنكى كۇچا)غا ياناشىدا، ساكارائۇل (بۈگۈنكى يەكەن)دا بىرمەزگىل تۇرۇپ قالغان. شۇ دەمدە ئۇ بۇ يەردە ماھايانا مەزھىپىدىكى ئاچا-سىڭىل راھىبەلەرنىڭ تەسىرىدە ھىنايانا مەزھىپىدىن ماھايانا مەزھىپىگە ئالماشقان. شۇ نەرسە سېلىشتۇرمىلىققا ئىگە ئىدىكى، شۇ دەۋردە ئۇدۇن( بۈگۈنكى خوتەن)، سۇلې( بۈگۈنكى قەشقەر) ۋە ساكارائۇل( يەكەن) رايونلىرى بۇددىھا دىنىنىڭ چوڭ مەزھىپى - ماھايانا مەزھىپى ئاستىدا ئىدى. كۈسەن ( بۈگۈنكى كۇچا)، ئىدىقۇت (بۈگۈنكى تۇرپان) رايونلىرى بولسا كىچىك تارماق - ھىنايانا مەزھىپى تەلىملىرى ئاستىدا ئىدى. شۇ چاغدىكى شىنجاڭ رايونى ھەر ئىككىلا مەزھەپنىڭ دىن تارقىتىش ئوچاقلىرى بولغانىدى. شۇنداق قىلىپ كومراجىۋا ساكارائۇلدىن ماھايانا تەلىماتىنى كۈسەنگە ئېلىپ كېلىپ، بۇ يەردە بۇ تەلىماتنى تارقاتتى. ئۇنىڭ تەسىرىدە نۇرغۇن مۇخلىسلار، جۈملىدىن ئۇنىڭ كەشمىردىكى ئۇستازى، ھىنايانا مەزھىپىنىڭ پىرىمۇ ماھايانا مەزھىپىگە مۇرىتلىق بىلدۈرۈشتى. ھىنايانا مەزھىپى بۇ يەردىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىدىن ئايرىلىپ قېلىش خەۋپىگە دۇچ كەلدى. چۈنكى ھىنايانا مەزھىپى ماھايانا مەزھىپىگە قارىغاندا مۇخلىسلارغا قارىتا بىر قاتار چەكلىمىلەرنى بىكىتىپ بەرگەنىدى.  ئىچكى بېسىم ۋە تاشقى تەسىر ئاستىدىكى ھىنايانا مەزھىپى ئۆز ئىخلاسمەنلىرىنىڭ ئىشەنچىدىن قېلىشقا باشلىدى. ھىنايانا مەزھىپىچە، بۇددىھا راھىب-راھىبەلىرى ھەر قانچە ئىستىقامەت بىلەن ئۆمۈر ئۆتكۈزسىمۇ، قەلبىنى مەخلۇقلارغا (ماھايانا مەزھىپىدىكىدەك تەڭرىگە ئەمەس) ھەر قانچە يېقىن تۇتسىمۇ، بەرىبىر بۇددىھالىق(ئويغانغۇچىلىق) دەرىجىسىگە يېتەلمەيدۇ. ‹‹بۇد››قا ئايلىنىش ئۇلاغا نېسىپ بولمايدۇ، نىرۋانالىق(ئىلاھى مەنزىل) پەللىسىگە يېتىش پەقەت ساكيامۇنى بىلەن مايتىرى(بورھان)غىلا تەئەللۇق بولۇپ، بۇلاردىن باشقىلىرى پەقەت ئارخاتلا بولالايدۇ، ئۇلار بىلەن تەڭلىشەلمەيدۇ. شۇنىڭ ئۈچۈن بۇ مەزھەپ ‹‹ تار مەزھەپ››، ‹‹ كىچىك كۆلۈڭگۈ››، ‹‹ كىچىك ھارۋا››(小乘) مەنىسىدە سانسىكرىت تىلىدا ‹‹ ھىنايانا مەزھىپى›› دەپ ناملاندى.
    ‹‹ دۇنيا - ئازاب دېڭىزى››. مانا بۇ بۇددىھا دىنىنىڭ ئومۇمىي ۋە ئاساسىي كۆز قارىشى. شۇڭا بۇددىھا دىنى ئۆز مۇرتلىرىنى ئازابتىن قۇتۇلۇپ ماھايانا مەزھىپى قارىشى بويىچە ھەقىقىي نىرۋاناغا يېتىش ياكى ھىنايانا مەزھىپى قارىشىچە ئارخات بولۇش ئۈچۈن، دۇنيا مەئىشەتلىرىگە بىپەرۋا پوزىتسىيىدە بولۇش، ئالتە ئوغرى( كۆز، قۇلاق، بۇرۇن، ئېغىز، جىنسىي ئەزا ۋە قەلب)نىڭ گۇناھ ئۆتكۈزۈپ قويۇشىدىن ئاگاھ بولۇش، كۆڭلىنى ساپ تۇتۇش، يۈكسەك ئىستىقامەت ئارا كۈن ئۆتكۈزۈش، ساكيامۇنىچە ياشاش ئىزىنى ئىزلاش ۋە شۇ ئارقىلىق مەڭگۈ ئۆلمەسلىك ھەم سانسارا(قايتا-قايتا تۇغۇلۇش) مەقامىغا يېتىشكە چاقىردى. ھاياتتىن ھۇزۇرلىنىشنى ئاساسىي جەھەتتىن چەكلەپ، تەركىدۇنياچىلىقتا زاھىدلارچە تۇرمۇش كەچۈرۈش بولسا ساكيامۇنىنىڭ دەسلەپكى ھايات پائالىيەتلىرىنى ئۈلگە قىلىش ئارقىلىق كەلگەنىدى.
    ساكيامۇنى( تەخمىنەن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 560-يىلىدىن مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 480-يىلىغىچە) - ئەسلىي ئىسمى گائۇتاما سىددىخارتا بولۇپ، مىلادىيىدىن بۇرۇنقى 6-ئەسىردىكى قەدىمكى ھىندىستان( بۈگۈنكى نىپال چىگرىسىدىكى) كاپلوۋاستو پادىشاھىلىقىنىڭ شاھى سوددۇھۇدانانىڭ شاھزادىسى ئىدى. ئۇ 29يېشىدا ئۆلۈم، كېسەللىك ۋە مەنىۋىي ئازابلار ئۈستىدە ئويلىنىپ، زامان ۋە جاھاننىڭ ماھىيىتىنى ‹‹ ۋاپاسىزلىق ۋە ئازاب دېڭىزى›› دەپ يەكۈنلىدى ۋە ئۆز ئاتا-ئانىسىدىن، خوتۇنىدىن ھەم تەخت ۋارىسلىقىدىن كېچىپ، چۈشكۈنلۈكتە تەركىدۇنياچىلىق يولىغا ماڭدى. ئۇ 35يېشىدا چوڭ بىر تۈپ  فىكوس (پىپپارا) دەرىخى ئاستىدا يەتتە كۈن ( بەزى مەنبەلەردە 49كۈن دېيىلگەن)چوڭقۇر ئويلىنىش، ئىستىقامەت قىلىش ئارقىسىدا ئۆزىنىڭ ئويغانغانلىقىنى ھىس قىلغان ۋە ئىپتىدائىي بۇددىھا تەلىماتلىرىنى تەرغىب قىلىشقا باشلىغان ئىدى. بۇددىھا دىنى مۇرتلىرىنى بارا-بارا زاھىدلىق تۇرمۇشىنى تېتىشقا يېتەكلەپ، دۇنيا نېممەتلىرىنى تەرك ئېتىشكە بۇيرۇدى. بۇ ئارقىلىق ساكيامۇنىدەك تۇرمۇش شەكلىنى ئۆزلىرىگە تاللاش ئۈلگىسى قىلىشنى تەشەببۇس قىلدى. ساكيامۇنى دەل شاھزادە سىددىخارتانىڭ ئۆز بولۇپ، ئۇ ئەسلىي نىپال تەۋەسىدە ياشايدىغان ساك نەسەبىدىن، ئۇ بۇددىھا مۇرتلىرى تەرىپىدىن بىردەك ‹‹يامۇن››(دانىشمەن، ئاقساقال) دەپ ھۆرمەتلەنگەن ۋە شۇ تەرزدە ‹‹ ساك خەلقىنىڭ دانىشمىنى›› دېگەن مەنىدە ‹‹ساكيامۇنى›› دەپ ئاتالغان. يەنە باشقا مەنبەلەردە ئېيتىلىشىچە، ئۇ ساكيا قەبىلىسىنىڭ مۇنىسى(پەيغەمبىرى) دەپمۇ قارالغان، لېكىن ئالدىنقى قاراش بىر قەدەر كەڭ ئومۇملاشقان.
    بۇ خىل «كۆڭۈلدىكى ئىلاھقا بولغان ئاشىقلىق» ئاساسىدىكى زاھىدانە تۇرمۇش شەكلىنى مۇرىتلارغا تەشەببۇس قىلىشمۇ ھەر قايسى پىرلارغا ئاسانغا چۈشمىدى. ھەر خىل پىكىرلەر ئارقىسىدا، بۇددىھا دىنىغا يات تەلىماتلارنى ئۆزلەشتۈرگەن ‹‹ئالتە پىر›› مەيدانغا كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە تۆت تادۇ(ئاناسىر)نى تەشەبىۇس قىلىپ، ماتىرىيالىستىك خاھىشقا ئىگە بولغان ‹‹جاھاندارچىلىق ئېقىمى›› (پىرى ئاجىتا كېساكامبالا) بىلەن ساكيامۇنىغا دەسلەپكى تەلىمنى بەرگەن ‹‹جەينا ئېقىمى›› قاتارىدا ‹‹سوفىزم ئېقىمى››مۇ سانجابا ۋائىراتپۇترانىڭ پىرلىقىدا داڭلىق بولدى. زاھىدلىقىنى چەكلەيدىغان جاھاندارچىلىق ئېقىمى قوللىغۇچىلىرى ‹‹ ياخشىلىق ۋە يامانلىقىنىڭ سورىقى ھەم نەتىجىسى بولمايدۇ، ھەممە نەرسە تەبىئەتنى تەشكىل قىلغۇچى تۆت ئېلىمىنىت(تۆت تادۇ) بولغان ئوت، سۇ، تۇپراق، ھاۋادىن پەيدا بولۇپ، يەنە شۇنڭغا قايتىدۇ›› دېيىش ئارقىلىق بۇددىھا دىنىغا بىر قەدەر ئەقىل بىلەن مۇئامىلە قىلىشقا باشلىدى. بۇنىڭ ئەكسىچە بۇددىھا سوفىزمى مۇرتلارنى كىشىلەردىن چەتنەش، ئۆزىنى پاك تۇتۇش، ئورمان، تاغ-دالالاردا زاھىدلىق تۇرمۇشىنى تېتىپ ئۆز ئىتىقادىنى چېنىقتۇرۇش ۋە شۇ ئارقىلىق ئازاب دېڭىزىدىن (پانىي ئالەمدىن) ‹‹راھەت-پاراغەت دۇنياسى››غا يېتىشنى تەلەپ قىلىشتى. شۇنى دەپ ئۆتۈش كېرەككى، ساكيامۇنىمۇ دەسلەپ زاھىدلىقىتا بىر مەزگىل ياشاپ، بۇنىڭدىن پايدا چىقمايدىغانلىقىنى ھىس  قىلغانىدى.
    ئىسلامىيەتتىن ئاۋۋالقى دەۋرلەرگە نەزەر تاشلىغىنىمىزدا، سوفىستىك ئىدىيە ۋە زاھىدانە تۇرمۇش شەكلىنىڭ بۇددىھا دىنىدىن تاشقىرى يەنە ئوتتۇرا جۇڭگو تۈزلەڭلىكىدە نەچچە مىڭ يىل ئىدىيە ھۆكۈمرانلىقىنى كۇڭزىچىلىق بىلەن تەڭ يۈرگۈزۈپ، ‹‹رۇجىيا مەدەنىيىتى››(儒家)نى شەكىللەندۈرگەن لاۋزى باشچىلىقىدىكى تەرىقەتچىلىك مەزھىپىدىمۇ بەلگىلىك ئىپادىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز. ئەلۋەتتە خرستىيانچىلىقتىمۇ بۇنداق سوفىستىك خاھىش مەلۇم دەرىجىدە ئەكس ئەتكەن.
    دېمەك، تەركىدۇنياچىلىق شەكلىدىكى زاھىدانە تۇرمۇش يالغۇز بۇددىھا دىنىدىلا تەشەببۇس قىلىنغان ھادىسە بولۇشتىن باشقا، بۇنداق سوفىستىك قاراش ۋە تۇرمۇش شەكلى باشقا دىن-مەزھەپلەردىمۇ بەلگىلىك ئورۇن ۋە تەسىرگە ئىگە ئىدى.



ئىزاھات: يۇقىرىقى پارچە  «ئىسلام سوفىستىك قاراشلىرى ۋە ئۇنىڭ تارىخىي راۋاجى» ناملىق ماقالەمنىڭ 1-بۆلىكى. مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى بۇ ئۈچ بۆلەك قىلىپ پىلانلانغان ماقالە پۈتمىگەن ئىدى، مانا ئەمدى قايتا قولغا ئالماق بولىۋاتىمەن. ھازىر ماقالىگە دائىر كۆپرەك بىلىم توپلاش ئۈچۈن ماتېرىياللارنى يىغىۋاتاتتىم. ئىلتىماس شۇكى، مۇشۇ دائىرىدە ئىزدەنگەن، ئىزدىنىۋاتقان كىشىلەرنىڭ ماڭا ماتېرىيال ياكى ماتېرىيال مەنبەسى توغرىسىدا ئۇچۇر بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن، يۇقىرىقى يازمىدا خاتالىقلار بولسا پاكىت ۋە مەنبەلىرى بىلەن كۆرسىتىپ بەرسە، تۈزىتىپ كەتسەم دېمەكچىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۈسۈفىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-14 20:32  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 23:08:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹رۇجىيا مەدەنىيىتى››(儒家)نى شەكىللەندۈرگەن لاۋزى باشچىلىقىدىكى تەرىقەتچىلىك مەزھىپىدىمۇ     دەپ يېزىپسىز. ر儒家نى كۇڭزىچىلار دەپ قويىدۇ، بۇنىڭ قۇرغۇچىسى كۇڭزى، تەرەققىي قىلدۇرغۇچىلىرى يەنزى، مېڭزى، زىسىزى، زېڭزى، شۈنزى ،جۇشى(سۇڭ سۇلالىسى) قاتارلىقلار. بۇ جۇڭگونىڭ پەلسەپە مەزھەپلىرىدىن بولىدۇ.  لاۋزى ۋە ليېزى،جۇاڭزى قاتارلىقلار بولسا تەرىقەتچىلىكنىڭ قۇرغۇچى ۋە قوغدىغۇچىلىرى. بۇنى تويىن دىنى دەپمۇ قويىدۇ. لاۋزى ئىدىيىسىنىڭ ۋە كېيىن جاڭ داۋلىڭ ئوچۇق قۇرۇپ چىققان تويىن دىنىنىڭ كۇڭزىچىلىققا تەسىرى ئاساسلىقى خىلۋەت جايلاردا ئەركىن ياشاشتەك(归隐) ئىدىيىۋى ئەركىنلىكتە ئىپادىلىنىدۇ. ئەمما، بۇ ئىككىسى ئىككى دىن. خەنزۇ ئالىملىرى ئىچىدە كۇڭزىچىلىقنى ئايرىم دىن دەپ قارىغۇچىلارمۇ بار. بۇ ھەقتە بەيدۇ ئىنسىكلىدۇپىيىسىدە نۇرغۇن ماتېرىياللار بار.
  دېمەكچى بولغىنىم سىزنىڭ جۈملىڭىزدە كۇڭزىچىلىق پەلسەپە ئېقىمىنى لاۋزى بىلەن كۇڭزى شەكىللەندۈرگەن ، دېگەن مەنە ئىپادىلىنىپ قالغاندەك تۇرىدۇ.
儒家, 儒教, 儒学ئۈچىسىگە خەنزۇ ئالىملىرى ئايرىم مۇئامىلە قىلىدۇ.
道家, 道教, 老庄دەپ باسسىڭىز تويىنىزمغا ئائىت ماتېرىياللار بار.

ۋاقتى: 2016-1-14 23:22:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىپسىز،تەتقىقات ئەجرىڭىزگە تەشەككۇر.

ۋاقتى: 2016-1-15 00:04:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇ يازما ماۋزۇدىن باشلانغان ئالدىراقسانلىق  بىلەن پۈتكۈل تېكىستە داۋاملىشىش بولىۋىتىپتۇ .

ۋاقتى: 2016-1-15 01:30:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زاھىدلىق بىلەن  سوفىزىمنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىلمىسىڭىز ئوقۇتقۇچىمىز ھۆرمەتجان ئابدۇرھمان فكرەتنىڭ كىتابىدىن ئۆگەنسىڭىز بولىدۇ، بۇلارنى خىرستان دىنىغا باغلىىشڭىز تېخىمۇ كۈلىكىلىك،  ھەرقانداق دىندا مىستىتىك تەركىبلەر بولىدۇ، مىستىتىك تەركىبلەرنى كۆرۈپلا سوفىزىم ياكى تەسەۋۋۇپقا باغلاپ چۈشىنىش قارا يۇمۇردۇر. بۇنداق ئېغىزغا كەلسىلا سۆزلەۋېرىدىغان ئىش بولسا ئېيتنىشتىيننىڭ ئىشققا ئائىت ھېلىقى گەپلرى بىلەن ئۇنى مۇتەسسەۋۇۇپ ئالىم دېسەم تامامەن بولىدۇ.
بېشىدا بۇدا دىنى ھەققىدە بىر پاتمان سۆزلەپ ئاخىرىدا تۇلۇمدىن توقماق چققاندەك سەكرەپ چۈشۈپلا بۇنى سوفىزمغا باغلىشىڭىز سىزنىڭ بەك ئۆزىڭىزنى بىلىملىك كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىدى بىلەن بىلمەسلىكنى چاندۇرشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ۋەھالەنكى، بىلمەسلىك ئۇنچلىك تەشۋىق قىلغۇدەك نەرسىمۇ ئەمەس.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 12:23:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆركەش ئابلىز يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 23:08
‹‹رۇجىيا مەدەنىيىتى››(儒家)نى شەكىللەندۈرگەن لاۋزى باشچ ...

ئىنكاسىڭىزغا رەھمەت. سىز بىر مەزمۇننىڭ كېيىنكى جۈملىسىنى نەقىل قىلىپسىز، مەن «رۇجيا مەدەنىيىتىنى لاۋزى يالغۇز ياراتقان» دېمەكچى ئەمەس ئىدىم، ئىپادىلەش جەھەتتە كەتكۈزۈپ قويغىنىمنى ھىس قىلدىم. ئەسلى تولۇق مەزمۇن مۇنداق:
ئوتتۇرا جۇڭگو تۈزلەڭلىكىدە نەچچە مىڭ يىل ئىدىيە ھۆكۈمرانلىقىنى كۇڭزىچىلىق بىلەن تەڭ يۈرگۈزۈپ، ‹‹رۇجىيا مەدەنىيىتى››(儒家)نى شەكىللەندۈرگەن لاۋزى باشچىلىقىدىكى تەرىقەتچىلىك مەزھىپىدىمۇ بەلگىلىك ئىپادىلەرگە ئىگە ئىكەنلىكىنى كۆرىمىز.

مېنىڭ دېمەكچى بولغىنىم، «رۇجيا مەدەنىيىتى دېگەنلىك كۇڭزىچىلىق بىلەن لاۋزى تەرىقەتچىلىكىنىڭ ئومۇمىي بىرىكمىسى» ئىدى، مۇشۇ قاراشتا مەندە بىر سەۋەنلىك كۆرۈلگەن ئوخشايدۇ، مەن يەنە بىر تەپسىلىي ئىزدىنىپ كۆرەي.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 12:26:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
گۇلگۇن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 00:04
ماۋۇ يازما ماۋزۇدىن باشلانغان ئالدىراقسانلىق  بىلەن پ ...

ئاشۇ «ئالدىراقسانلىق»نى پاكىتلىرى بىلەن تەپسىلىي يازغان بولسىڭىز، مېنىڭچە شۇ ئىنكاسىڭىز بۇ ئىنكاسىڭىزدىن مىڭ ھەسسە قىممەتلىك بولار ئىدى. ھېلىھەم قاراشلىرىڭىزنى ساقلايمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 13:08:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
tvnyukuk يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 01:30
زاھىدلىق بىلەن  سوفىزىمنىڭ قانداق پەرقى بارلىقىنى بىل ...


تۈنيۇكۇك ئەپەندىم، ئىنكاس يازغانلىقىڭىزغا رەھمەت.  لېكىن  « سىزنىڭ بەك ئۆزىڭىزنى بىلىملىك كۆرسىتىپ قويۇش مەقسىدى بىلەن بىلمەسلىكنى چاندۇرشتىن باشقا نەرسە ئەمەس، ۋەھالەنكى، بىلمەسلىك ئۇنچلىك تەشۋىق قىلغۇدەك نەرسىمۇ ئەمەس» دەپ قوشۇپ قويۇشىڭىزنىڭ قىلچىمۇ ھاجىتى يوقتى. بولۇپمۇ سىزدەك «دانا» ئاسپرانت ئۈچۈن بۇنداق پەزىلەتسىزلەرچە زەھىرىنى چېچىش ياراشمايتى! چەتئەللىكلەردە شۇنداق بىر ياخشى ھېكمەت باركەن: «ساڭا ئۆچلەر سېنىڭ غەلىبەڭنى قۇلىقىغا پىچىرلىشىدۇ، مەغلۇبىيىتىڭنى بولسا جار سېلىشىدۇ» دەيدىغان، شۇڭا بوشراق ۋارقىراڭ.
بىلىمەن، قىساسكار روھىڭىز «ئەدىپىڭنى بەرگۈدەك بىر پۇرسەت ئاخىر تېپىلدى» دەپ ھاياجانلىنىپ كېتىپ، شۇڭا مۇشۇنداق ئىنكاس يېزىشقا بۇيرىدى. ئەمما سىزدەك بىلگىنىنىڭ تايىنى يوق، قىلدەك بىلىۋالغىنىنى تېخى تېشىغا چىقارغۇسى يوق ياكى چىقىرالمايدىغان  شوئارۋاز ئادەملەرگە قارىغاندا مەن خاتا بولسىمۇ ئۆگەنگىنىمنى تېشىمغا چىقىرىپ ئورتاقلاشماقچى بولىۋاتىمەن، بۇنىڭ مەڭگۈ خاتاسى يوق. مەن ئېنىق ئەسكەرتتىم، بۇ ماقالە يۈز پىرسەنت توغرا ئەمەس، بەلكىم خاتالىقلار بولۇشى مۇمكىن، شۇڭا سىزدەك زەردە بىلەن ئەمەس، بەلكى ئۆركەش ئابلىزدەك سىلىق-سىپايىلىك بىلەن ئېھتىماللىق قويۇپ تۇرۇپ يول كۆرسىتەلىسە ئاندىن شۇ نوچى، ھەم ئۇ بىر بىلىملىك، پەزىلەتلىك كىشىنىڭ ئىشى. جودا تېرىيمەن دەپلا يۈرمىگەيسىز، مېنىڭ ئەدەبىيات ساھەسىدە دۈشمىنىم يوق، ھەم بۇندىن كېيىنمۇ  يوق بولۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئەسلىي گەپكە كېلەيلى، زاھىدلىق بىلەن سوفىزىمنىڭ بىر نەرسە ئەمەسلىكىنى ئوبدان بىلىمەن، بىراق ئىككىسىنىڭ تامامەن مۇناسىۋەتسىز نەرسە ئەمەسلىكىنىمۇ ئوبدانلا بىلىمەن. ئۇ ئىككىسىنىڭ ئارسىىدا مەلۇم بىر تارىخىي راۋاجلىق ۋە باغلىنىش مۇناسىىۋىتى بار، بۇ مۇناسىۋەت ماقالەنىڭ 2-بۆلىكىدە (قىسىمىدا) ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، شۇڭا گەپنىڭ بېشىنى ئاڭلاپلا سەكرەپ كەتمەي تۇرسىڭىز. ھۆرمەتجان مۇئەللىمنىڭ «تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى» ناملىق كىتابىنى «ئوقۇپ ئىچىۋەتتىم» دېسەممۇ بولىدۇ، ھەتتا ئۇ كىتابتىن مەن خاتىرىمۇ قالدۇرغان. بىراق چوقۇم فىكرەت مۇئەللىمنىڭ سىزىپ بەرگەن ئۆلچىمىدىن ھالقىپ كەتمەي يازىدىغان ئىش بولسا يازماسلىق كېرەك، چۈنكى باشقىلار يېزىپ بولغاننى تەكرارلىغاندىن، شۇ ئەسەرنى قايتىلاپ نەشر قىلسىلا بولىدۇ. مەن ئۇ كىتابقا يانداش قىلپ باشقا ئالاقىدار كىتابلارنىمۇ سېلىشتۇرۇپ ئوقۇپ چىقتىم، زىتلىقلىرى بارلىقىنى ھىس قىلدىم. بۇلارنى كېيىنكى قىسملاردا تىلغا ئېلىنغۇسى.

بۇلارنى خىرستان دىنىغا باغلىىشڭىز تېخىمۇ كۈلىكىلىك،  ھەرقانداق دىندا مىستىتىك تەركىبلەر بولىدۇ، مىستىتىك تەركىبلەرنى كۆرۈپلا سوفىزىم ياكى تەسەۋۋۇپقا باغلاپ چۈشىنىش قارا يۇمۇردۇر.

بۇ گېپىڭىزگە مەن كۈلۈپ قويىمەن، خالاس.چۈنكى ماقالەمنى ئىنچىكە ئوقۇماپسىز، قۇسۇر ئۈچۈنلا ھاپىلا-شاپىلا ئوقۇپسىز. مەن ماۋزۇدىلا «ئىسلامىيەتتىن ئاۋۋالقى سوفىستىك ئىدىيە مەنبەلىرى» دەپ يېزىش ئارقىلىق، ئىسلام دىنى بارلىققا كەلمەستىمۇ زاھىدلىقنىڭ بارلىقىنى يازدىم. چۈنكى دىن بولسىلا مىسسىتىكا بولىدۇ، مۇخلىسلابولىدىكەن، زاھىدلارنڭ بولۇشى تەبىئىي. بۇ گەپ مۇشۇ يەردە تۈگىدى.  زاھىدلىق ھادىسسى ئىسلام دىنىدا كېيىنچە تەرەققىي قىلىپ سوپىلىققا ئۇلىشىدۇ. دېمەك، سوپىلىقنىڭ يىلتىزى زاھىدلىق.(تەپسىلاتى كېيىنكى قىسىمدا)
مەن دەل مۇشۇ ئىپتىدائىي سوپىلىقنىڭ باشقا دىنلاردىمۇ بولۇپ باققانلىقىنى 1-قىسىمدا تەكىتلەپ ئۆتتۈم. لاۋزىنىڭ تەرىقەتچىلىكىدە زاھىدانە قاراشلار بار، ئۇ ھەتتا چەكتىن ئېشىپ «ئۇرۇش-تالاش بولامسلىق ئۈچۈن، قەلبنى تاۋلاش ئۈچۈن قوشنىلارنىڭ توخو-خورازلىرىنىڭ ئۈنى ئاڭلىنىپ تۇرسىمۇ قەتئىي ئالاقە قىلماسلىق»نى تەشەببۇس قىلغان. ئۇنىڭ مۇخلىسلىرى تەرىقەتچىلەر دەپ ئاتالغان. ئەلۋەتتە ئىسلامدا تەرىقەت دېگەنلىك «يول» دېگەنلىك. ئىسلام سوپىلىرىمۇ تەرىقەتچى دەپ ئاتالغان. (فىكرەت:«تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسى» 319-بەت.) دېمەك بۇ يەردە ھەتتا ئاتاق جەھەتتىمۇ ئوخشاپ قېلىش بار. ساكيامۇنىنى دوراپ راھىبلار زاھىدلىققا بېرىلگەن، كېيىن ساكيامۇنى بۇنىڭ خاتالىقىنى بىلگەن. ئىسلام دىنىدىكى زاھىدلىقتىمۇ ساكيامۇنىدەك كىشىلەردىن يىراقلىشىش، تاغلاردا تەنھا يۈرۈش ئەھۋاللىرى بار ئىدى، بىراق بۇ ھەرگىزمۇ «ئىسلام دىنىدىكى سوپىزىم ۋە ياكى زاھىدلىق دەل باشقا دىنلاردىن كەلگەن» دېگەنلىك ئەمەس!  شۇڭا ماۋزۇدىمۇ «ئىسلامىيەتتىن ئاۋۋالقى» دېدىم، ھەرگىزمۇ «ئىسلامىيەتكە باغلىنىشلىق بولغان» دېمىدىم. بۇ ئوخشاپ قېلىشلار ھەرگىزمۇ بىر-بىرىنىڭ يىلتىزلىرى ئەمەس.
بىلەمسىزكى بىلمىدىم، ئىسلامدىكى سوپىلىق بىر-ئىككى كۈندە توككىدىلا بىر يەردىن پەيدا بولۇپ قالمىدى، ئۇنىڭمۇ بىر يىلتىزى بار....

بۇنداق ئېغىزغا كەلسىلا سۆزلەۋېرىدىغان ئىش بولسا ئېيتنىشتىيننىڭ ئىشققا ئائىت ھېلىقى گەپلرى بىلەن ئۇنى مۇتەسسەۋۇۇپ ئالىم دېسەم تامامەن بولىدۇ.

مانا مۇشۇ سۆزلىڭىزدىنلا سىزنىڭ سوپىلىق ھەققىدە قانچىلىك بىر نەرسە بىلىدىغىنىڭىز ئايان بولۇپ تۇرۇپتۇ. ئېينىشتىيىننىڭ ئىشقى-مۇھەببەت سۆزلىرىنى تەسەۋۋۇپقا ئۇنداق قالايمىقان باغلىۋالغىلى بولمايدۇ. سوپى بولۇش ئۈچۈن شەرىئەت، تەرىقەت، مەرىپەت، ھەقىقەت قاتارلىق تۆت باسقۇچ (بەزى ماتېرىياللاردا سەككىز باسقۇچ ئوتتۇرىغا قويۇلغان)نى چوقۇم بىر-بىرلەپ بېسىپ چىقىش كېرەك، ھەرگىزمۇ ئېينىشتىيىندەك ئاددىيسى بىر شەرىئەتنىمۇ بىلمەيدىغان ئادەم سوپى بولۇپ قالمايدۇ. شۇڭا سىز «ئېيتنىشتىيننىڭ ئىشققا ئائىت ھېلىقى گەپلرى بىلەن ئۇنى مۇتەسسەۋۇۇپ ئالىم دېسەم تامامەن بولىدۇ» دېگىنىىڭىز خاتا، ئېينىشتىيىن شۇ تۆت باسقۇچىنى تولۇق ۋە غەلىبىلىك تاماملىماي تۇرۇپ مىڭ قىلسىمۇ سوپىلىققا يېقىن كەلمەيدۇ. «مۇتەسسەۋۇپ ئالىم» دېگەن بۇ ئىجادىي ئاتالغۇڭىزمۇ كۈلكىلىككەن.(ئۇنىڭ ئىشىق ھەققىدە نېمە دېگەنلىكىنىمۇ بىلمەيدىكەنمەن، قارىغاندا ئىلاھىي ئىشىق ھەققىدە توختالماي، مەجازىي ئىشىق ھەققىدە توختالغان چېغى).

سۆزۈم ھازىرچە تۈگىدى، ئەمدى سىزنىڭ تېخىمۇ سەكرەپ چىقىشىڭىزنى بىلىمەن، لېكىن سەل ئەدەب بىلەن سىلىقراق مەيدانغا چىقارسىز، چۈنكى بۇ بىر ئىلىم مۇنبىرى، بولمىسا مەنمۇ ئېغىزىمنى قويۇۋېتىشىم مۇمكىن. مەن بىلەرمەنلىك قىلغۇدەك بىلىمگە ئىگە ئەمەس، مېنىڭ بىلمەيدىغان نەرسەم كۆپ، شۇڭا بىلەي دېدىم، بۇ خاتا ئەمەس. ماقالىدە خاتالىق بولسا يەنە كۆرسىتىپ بەرگەيسىز، ئەلۋەتتە ئىسپات بىلەن... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   يۈسۈفىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 13:20  


ۋاقتى: 2016-1-15 13:39:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھەقتە كۆپ ئىزدىنىپىز، ئىزدىنىشلىرىڭىز قاناتلانسۇن.

ۋاقتى: 2016-1-15 15:40:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنيۇقۇق ئەپەندىم، يۈسۈپجان تېخى ئوقۇغۇچى بالا، شۇنچە چوڭقۇر تەتقىقات قىلىپ بۇ يازمىنى ئوتتۇرىغا قويغاندا بىر تىپىك بىلەنلا يوققا چىقارساق ياكى نەشتەر سانچىغاندەك ئىش قىلساق تازا توغرا بولمايدۇ.
يۈسۈپجان ئۇكام، ماقالىنى بەك ياخشى يېزىپسىز، چوڭقۇر ئىزدىنىپسىز، سىزگە مەستلىكىم كەلدى، بولسا تېخىمۇ چوڭقۇرلاپ رۇمىينىڭ «مەسنەۋىي مەئەنەۋىي» سىنىمۇ بىر ئوقۇپ چىقىڭ، بۇ ھەقتىكى چۈشەنچىلىرىڭىز تېخىمۇ بېيىغۇسى.
ئىلىم پوزىتىسىيىسى تۇتقانلارنىڭ ئىنكاسىغا كۆڭۈل بۆلۈڭ، قالغانلىرىغا ئۇنچە ئېرەن قىپ كەتمەڭ، يەنە تىرىشىڭ

ۋاقتى: 2016-1-15 15:48:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئىبراھىم ھەققۇلۇۋنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ كۆرۈپ قويغۇلۇق، چۈنكى ئۇ ھۆرمەتجانغا ئۇستاز يوللۇق كىشى.
تەتىلدە يۇرتقا قايتىپ قالسىڭىز مەن ئىبراھىم ھەققۇلۇۋنىڭ سىلاۋيانچە ماقالىلەر توپلىمىنى سىزگە يەتكۈزەي

ۋاقتى: 2016-1-15 16:11:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەنزۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزى ئېتىقادچىلار داۋنى دىن دەرىجىسىگە كۆتۈرىۋالغان بولسىمۇ، ئەمما مۇتەپپەككۈر لاۋزى، شۇنداقلا بۈگۈنكى زاماندىكى چوڭ-چوڭ خەنزۇ كىلاسسىك زىيالىيلىرى داۋنى دىن دەپ قارىمايدۇ.
لاۋزىنىڭ «داۋدېجىڭ»دېگەن ئەسىرىدە «داۋ»دېگەن بۇ مەجھۇلنى تەڭرىدىنمۇ ئەۋۋەلقى نەرسە دەپ ئاتىغان.
مەسىلەن ئېسىمدە قېلىشىچە مۇنداق مىسرالىرى بار:
«داۋ بىر بوش قاچا، تولمايدۇ...مەن قارىسام ئۇ تەڭرىدىنمۇ بۇرۇندەك قىلىدۇ».


ۋاقتى: 2016-1-15 16:22:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالاقىدارلارنى چۈشىنىش ئۈچۈن ئىنسانىيەت تارىخىدىكى كىشىنى ئىنتايىن ھەيران قالدۇرىدىغان ئاشۇ دەۋرگە، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرگە قايتىشقا توغرا كېلىدۇ. يۇناندا، بىز ھېلىلا دەپ ئۆتتۇق، ئاشۇ پوتوگىراس ياشاپ ئۆتكەن دەۋردە يەنە تالىس ۋە باشقا مۇتەپەككۈرلەرمۇ بار ئىدى. بۇ دەۋرگە ياندىشىپ پەلسەپە بىلەن ئىلىم-پەن دۇنياغا كېلىپ، ئەقلىيلىككە ۋە لوگىكىلىق دەلىللەشكە ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويۇلدى.
‏   ھىندىستاندا، ئوخشاش دەۋردىكى مەدەنىيەت ئوتتۇرىسىدا ھېچقانداق ئۇچرىشىشلار بولمىغان بولسىمۇ، ئەمما ئىنسانلارنىڭ ئورنى، شەيئىلەرنىڭ ماھىئىيىتى، تەقدىر ھەمدە تېنچلىنىش ئۇسۇلىغا دائىر پەۋقۇلئاددە ئىدىيە ھەرىكىتى باش كۆتۈردى. سەل كېيىن بۇددا دىنى ئىدىيىسىگە ئەگىشىپ، ھىندىستاندا يەنە بىر خىل ئويلىنىش ئۇسلۇبى پەيدا بولدى، ئۇلارنىڭ نۇرغۇن ئالاھىدىلىگى پەلسەپىگە ئىنتايىن يېقىنلىشىدۇ.
‏   جۇڭگودا، يەنىلا ئوخشاش مەزگىلدە ئاشۇ پەرقلىق مەدەنىيەت زىلزىلىسى بىلەن تۈزۈك ئۇچراشمىغان ئەھۋال ئاستىدا بىر خىل يېڭى ئىدىيە شەكلى مەيدانغا كېلىپ، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 6-ئەسىرنىڭ بەلگىلىرىدىن بىرى بولۇپ قالدى. لاۋزى دېگەن بىر بۈيۈك پەيلاسوپ «داۋدېجىڭ» (ماھىئىيەت ۋە خۇلق ھەققىدىكى ئەسەر)نى يېزىپ بىر تارىخى ئۇزۇن ئىدىيىۋىي ئېقىمنى ئاچتى، ھەمدە ئىدراكنى تەھلىل قىلىش بىلەن ئەقىل-پاراسەت ئىزدەشنى ئۆزئارا بىرلەشتۈردى.
‏   قىزىقارلىقى، بۈگۈنمۇ كىشىلەر بۇ كىتاپنى ئوقۇيدۇ، خۇددى كىشىلەر تېخىچە نوم ياكى يۇنان دەۋرىدىكى ئەسەرلەرنى ئوقىغاندەك.

‏ئۇ ئىدىيەلەر ئىنتايىن كونا تۇرسا قانداقسىگە بۈگۈنگىچە كۈچكە ئىگە بولىدۇ؟
‏   بۇ ئېھتىمال ئۇ خىل ئىدىيەلەرنىڭ ھازىرقى رىياللىق بىلەن ئالاقىسى بولغانلىقىدىن بولسا كېرەك. ئۇلارنىڭ تەپەككۈرى بىزنىڭ مەۋجۇتلۇققا تۇتقان پوزېتسىيىمىزگە چېتىلىپ، بىزنىڭ ئارزۇ، ئۆلۈم، ئۆزىمىز ۋە باشقىلار بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىمىزگە ئاتىدارچىلىق قىلىدۇ. بۇ خىل ھاياتلىق مەسىلىلىرى ئىچىگە كىشىلەر ئورۇن ئالغان جەمئىيەت تىپلىرىمۇ ئارىلىشىدۇ، لېكىن كۈچلۈك يوسۇندا ئەمەس. گەپنىڭ قىسقىسى، ناھىيىتى قەدىمقى دەۋردە ياشىغان مۇتەپەككۈرلەر بىلەن ئۇلارنىڭ جەمئىيىتىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان ھازىرقى دۇنيادىكى بىز ئوتتۇرىمىزدا ئورتاقلىق پەرقنى بېسىپ چۈشىدۇ. يۇنان جەمئىيىتى بىلەن بىز تۇرىۋاتقان بۈگۈنكى جەمئىيەت قىلچىمۇ ئوخشىمايدۇ. لېكىن بۇ قەدىمقى پەيلاسوپلارنىڭ ئىدىيىسى يەنىلا بىز بىلەن مۇناسىۋەتلىك، گەرچە ۋاقىت ئارىلىقىمىز بەك ئۇزۇن بولسىمۇ يەنىلا باشتىن-ئاخىر بىز بىلەن بولغان ئارىلىقى بەكمۇ يېقىن.
‏   قەدىمقى ھىندىستان، ئەنئەنىۋىي جۇڭگو، «ئىنجىل» دەۋرىدىكى يېرۇسالىم ياكى ئەرەپ ئىدىيىسىنىڭ مەركىزىگە نىسبەتەن ھەممىسىنى بىز شۇنداق ئېيتالايمىز. ئەمىلىيەتتە، قەدىمقى تېكىستلەرگە مۇناسىۋەتلىك بولغان پۈتۈن مۇھىتنىڭ ھەممىسى يوقالدى. قەدىمقى دەۋردىكى ئۆيلەر، ئاھالىلەر، ئۇلارنىڭ كىيىمى، تاماق يىيىش ۋە يۆتكىلىش ئۇسۇلى، كۈندىلىك تۇرمۇش بۇيۇملىرى...بۇ نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى يوقالدى. بۇ جەھەتلەرنى كۆزدە تۇتقاندا بىز پۈتۈنلەي ئوخشىمايدىغان دۇنيادا ياشاۋاتىمىز. شۇنداق بولغان تەقدىردىمۇ قەدىمىي ئىدىيىلەر داۋاملىق بىزگە گەپ قىلىدۇ، بىز دائىم ئۇلاردى ئۆزلەشتۈرىمىز ھەم مۇنازىرە قىلىمىز.

‏   قانداق بولۇشتىن قەتئىنەزەر ئۇ تېكىستلەرنىڭ ئاپتورلىرى ھايات بولمىغاچقا جاۋاپ بېرەلمەيدۇ!
‏   بۇ ئەلۋەتتە شۇنداق. لېكىن ئەسىرلەردىن بۇيان كىشىلەر ئۇلار بىلەن توختىماي مۇنازىرىلىشىپ كېلىۋاتىدۇ. پەيلاسوپلار ۋاقىتتىن ھالقىپ بىر دەۋردىن يەنە بىر دەۋرگىچە ئۆزئارا جاۋاپ قايتۇرۇپ كېلىۋاتىدۇ. كىتاپلارنىڭ ياردىمىدە ئۇلار ۋاقىتتىن ھالقىپ ھايات ئادەملەر بىلەن دىيالوگلىشىۋاتىدۇ. بۇ ئىنتايىن ئالاھىدە ئەھۋال. لېكىن ئىلىم-پەن ساھەسىدىكى بىرمۇ كىشىنىڭ قەدىمىي ئىدىيىلەر بىلەن ئىشى يوق. فىزىكا، بىيولوگىيە ۋە باشقا پەنلەر ئارىسىدىكى بىلىملەرنىڭ يېڭىلىنىشى قەدىمقى ئىدىيەلەرنىڭ ئورنىنى ئالدى. بىر قىسىم تارىخچىلار ئۆتمۈشتىكى بىلىملەرنى تەتقىق قىلىپ قايتىدىن قۇردى. لېكىن، ئالىملار بىر نەچچە ئەسىرنىڭ ئالدىدىكى ئىدىيىلەرگە قىزىقمايدۇ. بۈگۈنكى ئىلىم- پەنگە نىسبەتەن قەدىمقى ئىدىيىلەرنىڭ ۋاقتى ئۆتتى.
‏   ئۇنىڭ ئەكسىچە، پەلسەپە ساھەسىدە ئۇنىڭغا ئوخشايدىغان تەرەققىيات ھەقىقىي تۈردە يۈز بەرمىدى، قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر ئوخشاش بىر مەنە  قاتلىمىدىن ئەمەس. بىر قىسىم نەزەرلەر ئۆزگەردى، بىر قىسىم يېڭى قاراشلار پەيدا بولدى، لېكىن بۇلار قەدىمىي ئىدىيىلەرنى تۈپتىن يوقىتىۋېتەلمىدى. بۇ ئىلىم- پەن ساھەسىدە ساقلانغان پاسىللىق قەدىم بۈگۈن مۇناسىۋىتىگە پەقەتلا ئوخشىمايدۇ. ئۇ ئەدەبىيات ساھەسى (كىشىلەر ھەمىشە ھومېر داستانى ياكى  «ئودېسسا»دىكى يولىسىسنىڭ خەتەرلىك ھېكايىلىرىنى ئوقۇيدۇ) ياكى سەنئەت ساھەسى (كىشىلەر بۈگۈنمۇ قەدىمىي ھەيكەللەر ۋە ئەسىرلەر ئىلگىرىكى تام رەسىملىرىگە مەھلىيالىق قىلىدۇ) بىلەن تېخىمۇ يېقىن كېلىدۇ، لېكىن شۇنداقتىمۇ يەنىلا پەرق بار: پەلسەپە ساھەسىدە بىز ھەرگىزمۇ قەدىمقى قاراشلارغا چوقۇنۇشقا قانائەت قىلمايمىز، لېكىن كىشىلەر ئۇنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭ ئۈستىدىن مۇھاكىمە ۋە مۇنازىرە ئېلىپ بارىدۇ ھەمدە ئۆزگەرتىدۇ.

‏   قانداقلا بولمىسۇن، قەدىمدىن ھازىرغىچە يەنىلا بىر قىسىم ئىشلار يۈز بەردى! سىزنىڭ بىزگە سۆزلەپ بەرگىنىڭىز پەقەت مىلادىدىن خېلى بۇرۇنقى ئىشلاركەنغۇ.
‏   تەخمىنەن بەش ئەسىر ئىلگىرىكى. ئەلۋەتتە، ھەر بىر ئەسىرنىڭ نۇرغۇن پەيلاسوپلىرى بار، تا بۈگۈنگىچە شۇنداق بولۇپ كېلىۋاتىدۇ. قەدىمقى يۇنان، رىم دەۋرلىرى ئىنتايىن مۇھىم، چۈنكى يەنە بىر قېتىم تەكىتلىسەم كىشىلەر قەدىمقى دەۋرنى توختاۋسىز ئەسلەيدۇ. لېكىن يەنىلا يېنىپ چىقىدۇ. يېنىپ چىققىلى قويۇڭلار. ئۇزۇنغا سوزۇلغان پەلسەپە تارىخىنىڭ مۇھىم باسقۇچلىرىنى قۇچۇپ ئىدىتلىشىمىزغا ئىجازەت بېرىڭلار. ئېنىقكى، ھەممىنى بايان قىلىپ بولمايدۇ. تەسەۋۋۇر قىلالامسىزكىن؟ 25ئەسىردە مىڭدەك پەيلاسوپ ئۆتتى، 10مىڭدەك پەلسەپە كىتاپلىرى يېزىلدى...بىز نۇرغۇن ۋاقىت سەرپ قىلساق ئاندىن ئۇنى بىر قۇر ئوقۇپ بولىمىز، ئۇ بىزنى ناھىيىتب ھاردۇرىۋېتىدۇ. ئۇنداقتا، دەسلەپكى قەدەمدە يېقىنلىشىش ئۈچۈن مەن سىزگە ناھىيىتى ئاددىي بىر پاسىلنى تەۋسىيە قىلاي. مەن پۈتۈن غەرپ پەلسەپە تارىخىنى پەقەت 2 چوڭ قىسىمغا ئايرىيمەن. بىرىنچى باسقۇچتا  كىشىلەر دانىشمەنگە ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلغان. قىسقىسى، بۇ قەدىمقى يۇنان، رىم دەۋرىدە يۈز بەرگەن. ئىككىنچى باسقۇچتا كىشىلەر بىلىمى مول ئالىملارغا ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلدى، يىرىك قىلىپ ئېيتقاندا بۇ ھازىرقى زاماندا يۈز بەردى.

‏   دانىشمەنگە ئايلىنىش دېگەن زادى نېمىنى كۆرسىتىدۇ؟
‏   ئەڭ ئاددىي ئۇسۇل بىلەن ئېيتقاندا، دانىشمەنلەر مۇنداق ئادەملەردۇر: ئۇلار تاپقان چىن ئىدىيىلەر ئۇلارنىڭ تۇرمۇشىنى يېتەكلىيەلەيدۇ ھەمدە ئۇنى پۈتۈنلەي ئۆزىنىڭ مەۋجۇتلۇق شارائىتىغا غەلىبىلىك كىرگۈزەلەيدۇ.
‏   بىر نۇقتىنى تەكىتلەش زۆرۈر: ئەقىل-پاراسەت ئىزدەش بىر خىل ئۆزگەرتىشتىن دېرەك بېرىدۇ. قەدىمقى پەيلاسوپلارنى چۈشىنىشتە بۇ ئىنتايىن مۇھىم نۇقتا. ئۇلار ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى ئويلايدۇ. ئۇلار بىر قىسىم قەلبنى تاۋلاش ئۇسۇلىنى ئىجات قىلىش ئارقىلىق بۇ نۇقتىنى ئورۇنلايدۇ. ئۇلار ئۆزىنى مەشقلەندۈرۈش ئارقىلىق پەيلاسوپقا ئايلىنىدۇ. بۇ كۆرۈش دائىرىسىدە ئۇلار  ئالىم-پىروفېسسور ئەمەس. ئۇ بىر قىسىم دەرسلەرنى ئۆتۈپ قويۇش ياكى بىر قىسىم كىتاپلارنى يېزىپ قويۇش بىلەن پۈتىدىغان ئىش ئەمەس. ئۇ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، مەۋجۇتلۇق ئىچىدە ئوخشىمىغان پوزېتسىيە قوللىنىشتىن دېرەك بېرىدۇ.

‏   بۇ پەيلاسوپلار كىتاپ يازمامدۇ؟
‏   ھەممىسىلا يېزىپ كەتمەيدۇ. ئاۋۇ كىتاپ يازغان پەيلاسوپلار كىتاپ يېزىشنى ئەقىل-پاراسەتكە قاراپ قانداق ئىلگىرىلەشنى تېخىمۇ ياخشى چۈشىنىش ئۈچۈن قىلىدۇ؛ ياكى قەلبنى تاۋلاش ئۇسۇلى سۈپىتىدە ئۆزىنى مەشقلەندۈرۈپ دانىشمەنگە ئايلىنىدۇ.

‏   ئۇلار نىمىشقا دانىشمەنگە ئايلىنىشنى ئارزۇ قىلىدۇ؟
‏   ئاددىي قىلىپ ئېيتقاندا، بەختلىك ئادەم بولۇش ئۈچۈن! يەنە قېلىپ ھەل قىلغۇچ ئۇسۇل بىلەن. دانىشمەنلەر ئۆزىنى ئۆزگەرتىشنى بېشىدىن ئۆتكۈزىدۇ، ھەتتا ئۇلار ئۆزلىرىنى بەختسىزلىك، تەشۋىش، ئەنسىزلىك، ئۈمىتسىزلىك، ھەسەت، كۈتۈش ۋە ھەرخىل ئەپسۇسلىنىشلاردىن ئاجرىتىدۇ. ئۇلارنىڭ قەلبى ھامان تەشۋىشسىز،  قىلچىمۇ ئىسەنكىرىمەيدۇ. ئۇلار ھەتتا خالىغان ۋاقىتتا پانىينى تەرك ئېتىدۇ، قىلچىمۇ ئىككىلەنمەيدۇ، خۇددى تاماق شىرەسىدىن ئايرىلغاندەكلا...

‏   ھېچكىم بۇنداق قىلالماسمىكى!
‏   ئۆتمۈشتىكى پەيلاسوپلارمۇ بىلىدۇ، ئۇ ھەرگىز مەۋجۇت ئەمەس. بەزى ۋاقىتلاردا ئۇلارمۇ ئېيتىدۇ، ئېھتىمال ئەزەلدىن ئادەتتىكى ئادەمدىن ئۆزگەرگەن ئەۋلىيا بولۇپ باقمىغان. بۇنداق ئەۋلىيا تىپىدىكى دانىشمەنلەر پەقەتلا بىر غايە. ئۇ بىر خىل سېزىم. ئېھتىمال كىشىلەر ئۇنىڭغا يېتەلمەيدۇ. لېكىن كىشىلەر تىرىشىش ئارقىلىق بۇ پەللىگە يېقىنلىشالايدۇ. كىشىلەر مۇشۇ يۆلىنىشكە قاراپ ئالغا باسالايدۇ.
‏   قانداق ئورۇنلايدۇ؟
‏   ئوخشىمىغان ئېقىم، تۇرمۇش ئۇسۇلى، بولۇپمۇ كۆزقاراشلارنىڭ ھەممىسىدە مەلۇم پەرقلەر بار. بىر قىسىم كىشىلەرگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، دەل ئىدراكىي تۇرمۇشنى تەتقىق قىلىش، قەلبنى تاۋلاشنى ئۆزلەشتۈرۈش كىشىنى بەختكە يەتكۈزىدۇ. مەسىلەن پىلاتونى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇنىڭ قارىشىچە بىزنىڭ روھىمىز بىلەن چىنلىق ئىدىيىسى چېتىشلىقتۇر. روھىمىزنىڭ ئىدراكىي قىسمى دەل ھەقىقەتنى سوغۇققانلىق بىلەن كۈزىتىشتىن كەلگەن. ئۇ بولسىمۇ دەل ئىنسانىيەتنىڭ ئەڭ زور بەختى، دەل ئىنسانىيەت ھاياتلىقىدا ئورۇندىيالايدىغان ئەڭ ياخشى پەللە. ئارېستوتېل ئەسلىدە پىلاتونىڭ بىر ئوقۇغۇچىسى بولۇپ، كېيىن ئاندىن پىلاتونىڭ نۇرغۇن كۆزقاراشلىرى ئۈستىگە تىغدەك قارشى تۇرغان. ئۇنىڭدىنمۇ پىلاتونىڭكىگە ئىنتايىن يېقىنلىشىپ كېتىدىغان بىر خىل كۆز قاراشنى تاپقىلى بولىدۇ: ئىنسانلار بىلىش ئۈچۈن تۇغۇلغان. كىشىلەر بىلىمگە تەشنا، ھەمدە بىلىش دەل ئۇلارنىڭ ئەڭ زور بەختى.

‏   بۇ خىل تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئويناش ئاسان ئەمەسكەن!
‏   مۇشۇنداق ئويلايدىغىنىڭىزنى چۈشىنىمەن...مەيلى نىمىلا دېمەيلى، مۇھىمى پىلاتو، ئارېستوتېل ياكى باشقا كىشىلەرنىڭ سۆزىنى ئەستە تۇتۇشتا ئەمەس. مۇھىمى بارلىق كىشىلەر كۆڭۈل بۆلىۋاتقان مەسىلىلەردە. گەرچە ئۇلارنىڭ ھەرقايسىسى ئوخشىمىغان ئۇسۇلدا جاۋاپ بەرگەن بولسىمۇ: ئىنسانىيەت قانداق تۇرمۇش كەچۈرگەندە ئاندىن تېخىمۇ ياخشى ياشىيالايدۇ، ئۇلارنىڭ تۇغما خۇسۇسىيىتىگە ئەڭ ماس كېلىدىغان تۇرمۇشقا يېتەلەيدۇ، ئىنسانىيەت شارائىتىدىكى ئالاھىدە قابىلىيەتنى تېخىمۇ تولۇق ئەمەلگە ئاشۇرالايدۇ؟
‏   خۇددى كۆرگىنىڭىزدەك بۇ بەخت مەسىلىسى بىلەن ئورتاق بىر مەسىلە.  ئەمىلىيەتتە، مۇۋەپپىقىيەت قازانغان، مۇنەۋۋەر، بىر ئادەمنىڭ ئەڭ زور تىرىشچانلىقى بىلەن ئەڭ ياخشى كىشىلىك ھاياتنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش مۇقەررەركى، بەختلىك ھاياتتۇر.

‏   ئۇنداقتا يەنە باشقا جاۋاپلارمۇ بارمۇ؟
‏   مەسىلەن، خوشاللىق.

‏   بۇ بەك ياخشىكەن!
‏   شۇنداق. مەسىلەن، تەتقىقاتتىكى خۇشاللىق، ئىدراك، بايقاش ۋە بىلىنگەن خوشاللىق...دېگەندەك خۇشاللىققا مۇناسىۋەتلىك پەلسەپىلەرنى بىز پەقەت بىلمەيدىغان يەردە ئەمەس. لېكىن، كىشىنى بەختلىك ھېس قىلدۇرىدىغان خۇشاللىقنىڭ ئاساسىي مەنبەسى بەدەن، جىنسىيەت ۋە يېمەكلىكتۇر. ئېپىكورغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئەگەر پەلسەپە ئارقىلىق كىشىلەر ئۆزىنى سەراسىمگە سالىدىغان كېرەكسىز ئىستەكلەردىن خالىي بولالىسا ئۇنداقتا ئۇ كىشى بەختكە يەتكەن بولىدۇ. بۇ خىل پەلسەپىلەر بىر خىل تېببى ئۇسۇلدىكى داۋالاشتەك، رېتسىپتەك، تۇرمۇشىمىزدىكى نامۇۋاپىقلىقنى داۋالاۋاتقاندەك كۆرىنىدۇ. زور كۆپ ساندىكى قەدىمقى پەلسەپە ئېقىملىرى ئەقىل- پاراسەتكە تۇتاشقان ئويلىنىش سەپىرىدە مەلۇم خىل پەلسەپىنىڭ «شىپالىق دورا»سىنى نامايەن قىلغان.
‏   ئېپىكور ئېقىمىدا كۆزدە تۇتۇلغىنى 4 گۇرۇپپىدىن تۈزۈلگەن رېتسىپ. بىرىنچى، ئاسمان- زېمىن تەڭرىلىرىدىن قورقماسلىق. ئىككىنچى، ئۆلۈمدىن قورقماسلىق. ئۈچىنچى، شەخسىي ئىستەكنى تەڭشەش. يەنى، كېرەكسىز ياكى مەۋھۇم نەرسىلەرنىڭ ئارمىنىنى قىلماسلىق. تۆتىنچى، ئازاپقا چىداش. ئەگەر بىز كۈندىلىك تۇرمۇشىمىزدىكى مەۋجۇتلىقىمىزدا بۇ تۆت نۇقتىنى بىرلەشتۈرەلىسەك ئاندىن بىر خىل خاتىرجەم تۇرمۇشنى ئۆتكۈزەلەيمىز، دەيدۇ، ئېپىكور. ئۇ بىر خىل ئازاپ ۋە بەختسىزلىك بولمىغان بەختلىك مەۋجۇتلۇق. ئەلۋەتتە جىمجىتلىق بىلەن ئازادىلىكنىڭ بىزنى بەختلىك تۇيغۇغا ئىگە قىلالايدىغىنىنى ئېتىراپ قىلغان ئالدىنقى شەرت ئاستىدا...

‏   سىز بۇ نۇقتىغا ئىشەنمەنسىز؟
‏   قانداق بولىشىدىن قەتئىنەزەر، ھەممىسىدە باشقا ئېھتىماللىق نەزەرلىرىمۇ بار. مەسىلەن، بىز بىر قىسىم پەيلاسوپلارنىڭ ئېپىكور ئېقىمى تەشەببۇس قىلغان بۇنداق تېنچ-خاتىرجەم خۇشاللىققا قارشى چىققىنىنى بايقايمىز. بىر قىسىم ئادەملەر «ھەرىكەت ئىچىدىكى» خۇشاللىقنىڭ تېخىمۇ ئېسىللىققىنى قوللايدۇ.

‏  ‏     بۇ يەردە كۆرسىتىلىۋاتقىنى نېمە؟ تەننىڭ خۇشاللىقىمۇ؟
‏ ‏ئىككى خىل خۇشاللىق ئۇقۇمى ئۆزئارا زىت كېلىدۇ. تېنچلانغان ھالەتتىكى خۇشاللىقتا: يەنى، ئۇ يەردە ئازاپلىنىش بولمايدۇ. قورسىقىڭىز ئاچمايدۇ، ئۇسسىمايسىز، ھېرىپ-چارچىمايسىز. ئازاپتىن خالىي ھوزۇر ۋە خۇشاللىقتىن بەھرىمان بولىسىز. ھەرىكەت ھالىتىدىكى خۇشاللىقتا: كىشىنى خۇشال قىلىدىغان يېڭى سېزىمدىن دېرەك بېرىدۇ. تاماق يىيىش، سۇ ئىچىش، جىنسىي مۇناسىۋەت، ئۇسۇل ئويناش، ئۇخلاش...بۇنداق خۇشاللىقنى ھېس قىلىش ئۈچۈنمۇ ئاچلىق، ئۇسسۇزلۇق، ئىستەكنىڭ كېرىلىش كۈچىگە ئېھتىياجلىق بولىسىز. ئەگەر سىز خۇشاللىقنى ماڭا ھۆكۈمرانلىق قىلسۇن دېسىڭىز، ئەگەر مەن مۇشۇنداق دېيەلىسەم بىلىشىڭىز كېرەككى، ئۇ بىر خىل تېنچ خۇشاللىقنىڭ ئازاپنى يەڭگىلىتىشكە ئورۇن بوشىتىشىدۇر، ياكى كېرىلىش كۈچى بىلەن شاتلىققا تولغان خۇشاللىقتۇر. بۇ مۇھاكىمە قىلىشقا ئەرزىيدىغان مۇھىم نۇقتا.
‏   قەدىمقى دەۋردىكى يەنە بىر قىسىم باشقا پەيلاسوپلار ئىرادىنى ھۆكۈمرانلىق ئورۇنغا قويىدۇ، يەنە روھنىڭ خاتىرجەملىكىنىمۇ. ئۇلارنىڭ تەشەببۇس قىلىشىچە، ھېچكىممۇ ھەرقانداق قىلىپ بىزنىڭ روھىمىزغا تاقابىل تۇرالمايدىكەن. روھ گويا بىر قەلئەگە ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ ئىچىدە ئەركىنمىز، گەرچە تېنىمىز ئىسكەنجىگە ئېلىنغان ياكى كېسەلگە گىرىپتار بولغان تەقدىردىمۇ. كىشىلەر ئېيتقان سىتويىك ئېقىمىمۇ مۇشۇنداق قارايدۇ. بۇ ئېقىمنىڭ قارىشىچە، كىشىلەر تەن ئازابى، مۇشەققەت، مۇستەبىتلەرنىڭ ئېزىشىگە ئۇچرىسىمۇ يەنىلا بەخت ھېس قىلىشى مۈمكىنكەن. چۈنكى بۇ دۇنيادا پەقەت بىرلا خىل نەرسە بىزگە، پەقەت ئۆزىمىزگىلا باغلىق ئىكەن، ئۇ بولسىمۇ ئىرادە. قەدىمقى دەۋر پەلسەپە ئېقىملىرى ئىچىدە ھاياسىزلىق ۋە گۇمانچىلىقنى تىلغا ئېلىش زۆرۈر. ھاياسىزلىق ئېقىمىدىكىلەرنىڭ قارىشىچە، بەختكە يېتىدىغان ئەڭ بىۋاستە يول دەل تۇغما تەبىئەت بويىچە تۇرمۇش كەچۈرۈش ئىكەن. شۇڭا ئۇلار خۇددى ئىتقا ئوخشاش تۇرمۇش كەچۈرىدىكەن (بۇ يەردىكى «ھاياسىز»نىڭ مەنىسى kunos تىن كەلگەن بولۇپ، گىرىك تىلىدا ئىت مەنىسىگە ئىگە)، بۇ پەيلاسوپلار ھوزۇر، ئەدەپ-ئەخلاق ۋە بارلىق ئىجتىمائىي قائىدىلەرنى رەت قىلىدۇ، ئۇلار داق يەردە، كوچىلاردا ئۇخلايدۇ، كوچا بويلاپ تىلەمچىلىك قىلىدۇ.

‏   بۇ بەكلا مۇشەققەتلىككەن، لېكىن ھېچبولمىغاندا ئۇلار ئەركىن ئىكەن!
‏   گۇمانچىلىقچىلارغا كەلسەك، ئۇلار بىزنىڭ بىر خىل ھەقىقەتكە مەڭگۈ غەلىبىلىك يېتەلمەيدىغىنىمىزغا ئىشىنىدۇ.  شۇڭا، ئۇلار ئاسما (ئېھتىماللىق قالدۇرۇپ) ھۆكۈم چىقىرىشنى تەشەببۇس قىلىدۇ، مۇنداقچە ئېيتقاندا، مەڭگۈ يا «ھەئە»، يا «ياق» دېمەيدۇ، مەڭگۈ بىر نەرسىنىڭ ياخشى- يامانلىقىغا، بىر ئىدىيىنىڭ چىن- ساختىلىقىغا جەزم قىلمايدۇ. ئۇلارنىڭ نەزىرىدە بۇ خىل ئومۇمىي گەۋدىدىن گۇمانلىنىش دەل ئەقىل-پاراسەت ۋە بەختكە تۇتىشىدىغان يولدۇر.
‏   باشقا مىڭ خىل چۈشەندۈرۈشكىمۇ بولىدۇ. بىز ھەرخىل كىتاپلارنى يېزىپ، ھەقىقەت ئىزدەۋاتقان ئاۋۇ كىشىلەر بىلەن ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئىزاھلىيالايمىز. لېكىن بۇ بىزنىڭ نىشانىمىز ئەمەس! مەن پەقەت سىزگە بۇ ئېقىملارنىڭ موللىقى ۋە كۆپخىللىققىنى بىلدۈرسەملا بولدى. گىرىتسىيە، رىم، ئوتتۇرا دېڭىزنىڭ قىرغىقىنى قورشاپ تۇرغان يەرلەرنىڭ ھەممىسىدە، بۇ ئېقىملار ئىلگىرى بىر نەچچە ئەسىر جانلانغان. كېيىن، ھەممىسىدە ئۆزگىرىش يۈز بەردى.

‏  نېمە سەۋەپتىن؟
‏  خىرىستيان دىنى سەۋەبىدىن. مىلالىدىندىن كېيىنكى ئالدىنقى ئۈچ ئەسىر ئىچىدە خىرىستيان دىنى پۈتكۈل رىم ئېمپىرىيىسىدە بارغانسېرى زور تەسىرگە ئىگە بولدى. ئېھتىمال بىلگىنىڭىزدەك، 323-يىلى، ئېمپىراتور كونىستانتىننىڭ بىر بۇيرۇق ئېلان قىلىشى بىلەن خىرىستيان دىنى ئەڭ ئاخىرى رىم ئېمپىرىيىسىنىڭ قانۇنلۇق دۆلەت دىنى بولدى.
‏   بۇ شۇ ۋاقىتتىكى ئىجتىمائىي پىسخىكىغا غايەت زور ئۆزگىرىش ئېلىپ كەلدى. بۇ خىل تەۋرىنىشنىڭ نۇرغۇن ئاقىۋەتلىرى ئىچىدە بىزنى قىزىقتۇرىدىغان بىر نۇقتا بار. دانىشمەنلەرنىڭ ئىدىيىلىرى ئۇزۇن ئۆتمەي چۆكۈپ كەتتى، يەنە پەلسەپىۋىي ھاياتنىڭ بارلىق تىرىشچانلىقلىرىمۇ بىكارغا كەتتى.

"پەلسەپە"ناملىق تەرجىمە كىتابىمدىن ئۈزۈلگەن.

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 16:31  


ۋاقتى: 2016-1-15 16:40:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«يەنە ئىبراھىم ھەققۇلۇۋنىڭ ئەسەرلىرىنىمۇ كۆرۈپ قويغۇلۇق، چۈنكى ئۇ ھۆرمەتجانغا ئۇستاز يوللۇق كىشى.
تەتىلدە يۇرتقا قايتىپ قالسىڭىز مەن ئىبراھىم ھەققۇلۇۋنىڭ سىلاۋيانچە ماقالىلەر توپلىمىنى سىزگە يەتكۈزەي»
يۈسۈپجان، يەنە مەرھۇم مۇھەممەد ئوسمان ھاجىم، ئابدۇرېھىم سابىت قاراخان، مۇھەممەدرېھىم ھاجى تۇرسۇن، ئابدۇۋاقى ھاجىملارنىڭ بۇ ھەقتىكى ئايرىم تەتقىقاتلىرى بار...

ۋاقتى: 2016-1-15 18:04:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     بۇ تېمىدىكى سۆھبەتلەر، مۇزاكىرىلەر چوڭقۇرلىشىۋاتىدۇ. لېكىن مەن شۇنداق قارايمەنكى، سوفىزىم ياكى سوفىستىك ئىدىيە(شۇنىڭغا ئوىشاپراق كېتىدىغان ئويلىنىش قىلىقلىرى دېسەك توغرا بۇلار)، «خولىپايى راشىدىن»دەۋرىدىن باشلاپ رەسمىي، بەلكى ئىجابىي مەنىدىكى بىر خىل پەلسەپە سېستېمىسى بولۇپ ئوتتۇرىغا چىققانلىقى بىلەن، مۇشۇ «سوف، سوفى، سوفىستىك...» دېگەن سۆز ئىسلامىيەت بىلەن زىچ باغلانغان. شۇڭا ئىسلامىيەتتىن ئىلگىرىكى تېخى سېستېمىلىق بىر ئىدىيە ھەركىتى بولۇپ شەكىللەنمىگەن ئويلىنىش ئۇرۇنۇشلىرىنى «سوفىزىم ياكى سوفىستىك» دېگەن سۆزگە ئالدىراپ باغلىماسلىقىمىز كېرەك. ئۇنىڭ ئۈستىگە، سوفىزىم ياكى سوفىستىك ئىدىيە دىن ئىبارەت بۇ ئىسلامىيەتكە خاس ئويلىنىش فورمىسىنى، قانداقتۇر كۆزقاراش ۋە ھېسسىي ھۆكۈملىرىمىزنى ئىسپاتلاش ئۈچۈن يەھۇدىي-خىرىستىيان دىنىنى مەنبە قىلغان يۇنان پەلسەپىسى ياكى يۇنانچە ئويلىنىش ھەركەتلىرىگە، ھىندىستاندا پەيدا بولغان بۇددا دىنىنى مەنبە قىلغان بۇددىزىم -ھىندى پەلسەپىسىگە، ھەتتا تەرەقەت(تەرىقەت-دىننى جەمئىيەتكە تەدبىقلاش ئۈچۈن تىرىشىدىغان يول)نى مەنبە قىلغان كۇڭزىچىلىق(قۇللۇق)پەلسەپىسىگە باغلاپ ئويلىنىش ھەتتا خىيال قىلىشمۇ، تولىمۇ ئەھمىيەتسىز ئۇرۇنۇش.
  بۇ ئەلۋەتتە، يۈسۈفىنىڭ تىرىشچانلىقى، ئىزدىنىشى پۈتۈنلەي ئەھمىيەتسىز، دېگىنىم ئەمەس. پەقەت بۇ مۇھاكىمە «ئىسلامىيەتتىن ئاۋالقى»دەپ ماۋزۇ قويۇلۇپ، ئىسلامىيەتنى دەۋر چېكى قىلىمىسىمۇ،يىللار، ئەسىرلەر ياكى جۇڭگو سۇلالىرىنىڭ ناملىرى بىلەن ئېلىنسا، ئاندىن «سوفىستىك ئىدىيە» دېيىلمەي باشقا مۇئاپىق ئاتالغۇلار بىلەن ئېلىنىپ، ئاشۇ خىل ئىدىيەلەرنىڭ مەنبەلىرى قىدىرىلغان، تەتقىق قىلىنغان بولسىمۇ بۇلاتتى، دېمەكچىمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 18:10  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش