bagyar يوللىغان ۋاقتى 2016-1-15 18:44
توغرا، مانا مۇشۇنداق ئىنچىكىلىگىنىمىز تۈزۈك. چۈنكى ...
مەنمۇ دەل مۇشۇنى دېمەكچى ئىدىم، سىزنىڭ ئالدىنقى ئىنكاسىڭىزنى ئوقۇپ، ماۋزۇدىكى «سوفىستىك ئىدىيە» دېگەن گەپنى ئۆگەرتىش كېرەكلىكىنى ھىس قىلدىم. ئۇلاردا شۇنداق بىر قاراشلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇ ھەرگىزمۇ ئىسلام دىنىنى مەنبە بىلەن بىۋاستە تەمىنلىگەن ئەمەس، شۇڭا مەن ھازىر خاتا ماۋزۇ ئارقىلىق توغرا مەقسىتىمنى خاتا ئىپادىلەپ قويۇپتىمەن.
بۇ بىر چوڭ تېما ئىكەن. مەن ئەسلىي 2012-يىلى ئابدۇقادىر داموللام ھەققىدە بىر ماقالە يېزىۋېتىپ، بىر ماتېرىيالدا «سوپىزىم» دېگەن ئاتالغۇنى ئۇچراتتىم، گەرچە بۇرۇنمۇ ئۇچراتقان ۋە ئانچە-مۇنچە ئۇ ھەققىدە مەلۇماتقا ئىگە بولساممۇ، بىراق تەپسىلىيرەك بىلمەيتىم. شۇڭا ئاۋۇ ماقالىنى قويۇپ تۇرۇپ سوپىزىم ھەققىدە ئىزدىنىپ باقتىم، ئاخىر توپلىغان ماتېرىياللىرىم ۋە بايقىغان زىتلىقلارنى يىغىشتۇرۇپ ماقالىنى يازماقچى بولدۇم. چۈنكى بۇ ئۆتكەلدىن ئۆتمەي تۇرۇپ، 100 يىل ئاۋۋالقى ئابدۇقادىر داموللام ياشىغان جەمئىيەتتىكى دىنىي ۋەزىيەتنى چۈشەنگىلى ۋە ھېلىقى ماقالىنى ياخشى يازغىلى بولمايدىكەن....
سىزنىڭ «سوفىزىم ياكى سوفىستىك ئىدىيە ئۆزىدىن ئىلگىرىكى شۇ سۆزلۈك، سۆز ئارقىلىق، شۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان ئىدىيەلەرنى داۋاملاشتۇرۇپ ئويلىغان بولسا، بۇنىڭ مۇمكىنچىلىكىنى چەتكە قاققىلى بولمايدۇ» دېگەن قارىشىڭزنى ئوقۇپ شۇ ئېسىمگە كەلدى: تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىنى «ئىنسان مەركەز تەلىماتى» دەپ تونۇيدىغان تەتقىقاتچىلارمۇ بار. بىلىشىمچە، سوقرات زامانىسىدىلا ئىنسان ماھىيىتى ۋە ئۇنىڭ قىممىتىنى چۆرىدەپ بىر قاتار پائالىيەتلەر بولغان، سوقرات «ئىسان مەركەز»چىلىكنى ئىدىئالىزمنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ تېلىئولوگىزىم «مەقسەتچىلىك» بىلەن چۈشەندۈرگەن. سوقراتتىن كېيىنكى مۇتەپەككۇرلار بۇ ھەقتە ئىزدەنگەندە، گاھى ئىدىئالىزىم، گاھى ماتېرىيالىزم(قانچە ساددا بولۇشىدىن قەتئىينەزەر) مەيدانىدا تۇرۇپ ئىزاھلىدى. نىچىشىمۇ ئىنساننىڭ ئىززەت-ھۆرمەت مەسىلىسىنى تىلغا ئالدى، زوروئاستېرنى سۆزلەتتى، «كامىل ئىنسان» تەلىماتىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئەلۋەتتە، كامىل ئىنسان قارىشى نىچىشىدىن نەچچە ئەسىر بۇرۇنلا ئىسلام تەسەۋۋۇپچىلىرىنىڭ ئەسىرىدە كۆرسىتىپ بولۇنغان.
بۇ داۋامدا، گاھىلىرى ئىنساننى مەركەز قىلىش ئۈچۈن ئىلاھنى پۈتۈنلەي ئىنكارقىلسا، يەنە بەزىلىرى ئىنساننى مەركەز قىلىش ئۈچۈن ئىلاھنىڭ ئورنىغا تەگمەي تۇرۇپ، ئىنساننىڭ ئۆزىنى بىلىشىنى تەشەببۇس قىلدى....
ئارستوتىلنىڭ «ئۆزۈڭنى بىل»دىن باشلاپ مۇسۇلمان مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئىنسان مەسىلىسى ئۈستىدە ئىزدىنشلىرى، يەنى مۇتەزىلىيچىلەرنىڭ ئىنساننى ئەقىلگە ئۈندەپ، ئۇنىڭ ئىنسانى ھوقۇقىنى تەكتلىشى، تەسەۋۋۇپچىلارنىڭ ئىشقنى ئەقىل ئۈستىگە قويۇپ، ئىلاھ قانچە ئۈستۈن بولسا،ئىنساننىڭ ئورنىمۇ شۇنچە ئۈستۈن بولىدىغانلىقىنى تەكىتلەشلىرىنىڭ ھەممىسى ئىنسان ھەققىدىكى ئويلىنىشلار بولدى. شۇڭا بەزى تەتقىقاتچىلار بۇلارغا قاراپلا تەسەۋۋۇپ پەلسەپىسىگە كەلگەندە ئۇنى «ئىنسان مەركەز» تەلىماتى دەپ قارايدۇ. مەيلى ئىدئالىستلار بولسۇن، ياكى ماتېرىيالىستلار بولسۇن، ھەممىسى ئىنسان ھەققىدە باش قاتۇردى، لېكىن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى تەسەۋۋۇپ ئۈچۈن بولىۋاتقان ئىش دەپ قاراشقا بولمايدۇ. ھەممىسى ئۆز مەيدانىدا ئۆز مەنپەئەتى ئۈچۈن باش قاتۇردى. غەرب مۇتەپەككۇرلىرىنىڭ بەزىلىرى ئىلاھنى ئىنكار قلىش بەدىلىگە ئىنساننىڭ ئورنىنى تەكىتلىسىمۇ، بىراق ئىسلام مۇتەپەككۇرلىرى ئىلاھقا چېقىلماي، ئاللاھنىڭ خىسلەتلىرى ۋە پەيغەمبەرنىڭ ئەخلاقىنى ئۆزىگە ئۆلچەم قىلىپ، شۇ ئارقىلىق مۇكەممەللىككە يېتىشنى ئويلايدۇ. دېمەكچى، بىر دۇنيا يۈزىدە، بىر دەۋردە ياشىغان مۇتەپەككۇرلار ئۆز-ئارا بىلىشمەي، تەسىر كۆرسىتىشمەي قالماس. شۇڭا، ھەر بىر زامانداش مۇتەپەككۇرلارنىڭ ئورتاق بىر تېما - ئىنسان تەقدىرى مەسىلىسى ھەققىدە ئورتاق ئىزدىنىشى ھەيرانلىق ئەمەس.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا يۈسۈفىي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-17 17:59