يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 580|ئىنكاس: 8

رەشىدەم مۇھەممەدجان: تاپالمىدىم

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
    ئىزاھات : مەن بۇ شېئىرىمنى دادامنىڭ رېماتىزىم كېسىلىنى داۋلىتىش ئۈچۈن بىز ھەر يىلى يازدا پىچانغا قۇمغا بېرىش سەۋەپلىك دادامغا ئۆز ئۆيىدە خىرىدالىق قىلىپ تۇرغۇزۇپ ، دادانى كۆوگىلى كەلگەن نۇرغۇن ئىخلاسمەن ،ئوقۇرمەنلىرىگە ئىزچىل خىرىدالىق قىلىپ كەلگەن ، پىچان ناھيىلىك مائارىپ ئىدارىسىدىن دەم ئېلىشقا چىققان ئابدۇشۈكۈر جېلىل ئاكىمىزغا بېغىشلاپ يازغانتىم ، شۇڭا ھەممىمىزنىڭ ئورتاقلىشىپ بېقىشىغا سۇندۇم ،

تاپالمىدىم

رەشىدەم مۇھەممەدجان


باغرى پىچان قۇملىرىدەك ھارارەتلىك ،
سۆزى پىچان ئۈزۈمىدەك شېرىن ، تاتلىق -
شۈكۈر ئاكا كېلىپ سىزنى تاپالمىدىم ،
تۇيۇلدىغۇ بۇ كۈن ماڭا ئەجەپ قاتتىق .

پىچاننى سىز بىزگە ئۆز يۇرت قىلغانتىڭىز،
دىلىڭىزدىن شېرىن قوغۇن تىلغانتىڭىز .
دادام ئۈچۈن باغرىڭىزدىن تۆكۈپ ئۈنچە ،
پاساھەتلىك مىسرالارنى تىزغانتىڭىز .

ئابدۇشۈكۈر ئاكىمىز بار پىچاندا دەپ ،
ئۆزىڭىزدىن غۇلجىلىققا ماختىناتتۇق .
تۆرىڭىزدە مېھمان بولۇپ ،مۇڭ بولۇشۇپ ،
پىكىرلەردە ئورتاقلىشىپ ، روھلىناتتۇق .

ئەجەل ئوقى سىزگە كېلىپ تەگكەن شۇ كۈن ،
ئۇخلىيالماي تاڭ سەھەردە تۇرۇپ كەتتىم .
ياخشىلارنىڭ قەلىبتىكى قىممىتىنى ،
سىز ئۆچكەندە بۈگۈن مانا بىلىپ يەتتىم !

بارىڭىزنى تۆكۈپ بىزگە ئايىماستىن ،
ھاتەم كەبى سېخىيلىقنى دوست تۇتتىڭىز .
ئاقساپ كەىلسەك ھارۋا ،ھاسا بولۇپ بىزگە ،
دادام ئۈچۈن تالمايىغان جۈپ پۇتتىڭىز .


تۇرسىمۇ گەر رابىيخىندەم ئىشىك ئېچىپ ،
سىز بولمىغاچ بىر غېرىپلىق  يېغىپ تۇردى .
قانچە قېتىم يىغلىدىممەن قۇمغا ماڭغاچ ،
بىلدىڭىزمۇ بۇ ياشلىرىم تەستە قۇردى ؟

سىزدە بارتتى ئېسىللارغا ئېسىل قەلىب ،
شۇ قەددڭىز پەزىلەتتە بۈيۈك بىر تاغ .
كەلگەنتىڭىز ھەر كىتاتىن تىزىپ ئۈنچە ،ن
نامەرتلىكتىن تەككۈزمەستىن زەررىچە داغ .

ئىزدەپ باقتىم شۈكۈر ئاكا تاپالمىدىم ،
قۇملار تېگى بوپتۇ سىزنىڭ ياتارىڭىز .
بۇلتۇر بىزنى چىللاپ قويۇپ كەتكەنتىڭىز ،
بۇ يىل بوپتۇ قەبر دوست ھەم قاتارىڭىز .

مەن پىچاندىن تامام رازى بولۇپ قايتتىم ،
چۈنكى سىزدەك ياخشىلارنىڭ يۇرتى بولغاچ .
ئۆۇيىڭىزمۇ چىقماس بىزنىڭ يادىمىزدىن ،
چۈنكى ئورنى ئېنىق شۇنداق يۇغان قالغاچ !

ئىزاھات :قالغاچ - ئىشىكىنىڭ ئالدىدىكى چوڭ بىر تۈپ قارياغاچ كۆچىتىنى دېمەكچىمەن

يېزلغان ۋاقتى :2015- يىل 7- ئاي

يوللىغان ۋاقتىم: 2016- يىل 14- يانىۋار





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   bagyar تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 20:11  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-14 19:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
forum.php?mod=viewthread&tid=35261

ماۋزۇسى «ئالامەت» بولۇپ كېتىپتۇ. ئۆز قولىڭىز بىلەن تۈزىتىۋېتىڭە!

تىنىش بەلگىنىڭ رولى ئاجايىپ-دە! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-14 20:05  


ۋاقتى: 2016-1-14 19:55:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
forum.php?mod=viewthread&tid=35261

بۇنى قايتا-قايتا ئوقۇپ چىقىڭە! بىلەلمىسىڭىز مۇنبەر يۈزىگە زەن سېلىپ قاراپ، شەكىلدىن ئۈلگە ئېلىپ يوللىسىڭىز بولىدۇغۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 14:05:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 19:55
forum.php?mod=viewthread&tid=35261

بۇنى قايتا-قايتا ئوقۇپ  ...

تېچلىقمۇ ؟ بولىدۇ ، بولىدۇ ،رەخمەت سىزگە

ۋاقتى: 2016-1-15 20:05:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا ئەمدى ئۆلچەملىك ۋە بىر چىرايلىق بوپتۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-18 17:16:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
Erchin يوللىغان ۋاقتى  2016-1-15 20:05
مانا ئەمدى ئۆلچەملىك ۋە بىر چىرايلىق بوپتۇ.

تېچلىقمۇ ؟
مەن شۇ بەك ئەستايدىلراق بولۇشۇم كېرەكتى ، سىزنى ئاۋارە قىلىپ قويدۇم ، كەچۈرگەيىز ، يەنە ئۈستىدە بەرگەن ئىزااتىمدىمۇ بەزى نوقسانلار باردەك قىلىدۇ ، بۇندىن كيىن دېققەت قىلاي ، رەخمەت سىزگە ،

ۋاقتى: 2016-1-23 08:47:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ تېما شېئىرلار سالۇنىغا يوللانسىمۇ  بولىدىكەنغۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2002-1-1 15:57:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ي.ت.توغراق يوللىغان ۋاقتى  2016-1-23 08:47
بۇ تېما شېئىرلار سالۇنىغا يوللانسىمۇ  بولىدىكەنغۇ؟

تېچلىقمۇ توغراق ئىنىم ؟ قارغاندا يەنە شېئىرلار سالۇنىمۇ باركەندە ؟ مەن ئۇ سالۇننى بىلمەيدىكەنمەن .

ۋاقتى: 2016-2-17 19:08:16 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ-ۋاھ نىمە دىگەن مەزمونى ئېنىق شېئىردۇ بۇ، بارىكاللا،ئاپرىن سىزگە

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش