كۈتۈش
گۈلمېھرە ئابدۇراخمان
بۈگۈن پىغانىم ئۆرلەپلا قالدى ، كۆڭلۈم قاتتىق يېرىم .
يامغۇرنىڭ شۇنچە قاتتىق يېغىۋاتقىنىغا قارىماستىن سېنى كۈتىۋاتىمەن . ئەتراپىمدىكى ئادەملەر مېنى مەسخىرە قىلۋاتقاندەك نەزەردە قاراپ قويۇپ نەگىدۇر ئالدىرىشىپ ئىلدام كېتىپ بارماقتا . .
مەن سەن كېلىدىغان يولغا قاراپ ئۈن - تۈنسىز بىر نوقتىغا تىكىلىپ سېنى كۈتىۋاتىمەن . ئىللىق مېھىر ، تەلپۈنۈش مېنى بىئارام قىلماقتا .
كۈتىۋاتىمەن ... خۇددى ئەتىۋارلىق بىر نەرسەمنى يوقىتىپ قويغاندەك ئەنسىزلىك ئىچىدە تەرەپ - تەرەپكە قاراۋاتىمەن . كىملەرنىڭدۇ ئوخشاپ قالغان تەققى - تۇرقى ، يۈرىكىم دۈپۈلدەپ سوقماقتا .
يەنىلا ناتۇنۇش چىرايلار ...
كۈتىۋاتىمەن ...
ساقلاۋاتىمەن ...
سوغۇقتىن مۇزلاۋاتقان جىسمىم ... ئۆزۈمگە ئىشەنمەيلا قالدىم ، سەزگۈمنىڭ مېنى ئالدىشىغا ئىشەنمەيتىم ، چۈنكى ، مەن ئەزەلدىن مۇنداق تۇيغۇغا ئالدىنىپ باقمىغان ... لىكىن مەن بۈگۈن شۇنچە تەشنا بولۇپ كۈتىۋاتقان سەن قەيەرلەرگىدۇر غايىپ بولغان ئىدىڭ .
قاتتىق خورلانغان قەلبىم بۇ ئازاپقا بەرداشلىق بېرەلمىدى ، پىغان بىلەن تەڭرىمگە نىدا قىلدىم :
- ئۇلۇغ رەببىم ، يۈركىمگە ساداقەت ، ۋاپا ، سەمىمىيلىك ئۇرقىنى چېچىپ ، باشقىلاردەك قارا يۈرەك قىلىپ ياراتماپتىكەنسەن ، ئۇلاردىن پەرقلەندۈرۈپ يارتىپتىكەنسەن ! شۇنداق تۇرۇپ مەن يەنە ئالدىنامدىم ؟ ھەسرەت چېكەمدىم ؟ مەن ئازابىڭغىلا يارالغانمىدىم ؟ مېنىڭ ۋۇجۇمدىكى بۇ مېھىرنى يوق قىلۋەتكىن ، مەنمۇ باشقىلاردەك ساداقەت ، ۋاپا ، چىن سۆيگۈ پەردىسىنى يىراق - يىراققا چۆرۈپ تاشلاپ ، بارچە ئازاپلاردىن بىراقلا قۇتۇلۇپ ، كۈلۈپ ياشاپ باقاي ...
كۆز ياشلىرىم توختىماي چۈشمەكتە ، ۋۇجۇدۇم ئۈششۈك تەگكەن ياپراقتەك تىترىمەكتە ...
شۇ تەرىزدە قانچىلىك تۇرغىنىمنى ، ۋاقىتىنىڭ نەچچە بولغىننى بىلمەيمەن . بىر ۋاقىتتا قۇلقىمغا شۇنداق بىر نىدا ئاڭلانغاندەك بولۇپ ، يەر - جاھان نۇرلانغاندەك بىلىندى .
- سەۋرىچانلىق بىلەن كۈتكىن . سەن ساقلاۋاتقان بۇ سۆيگۈ ئىگىسى سەن تامام كەلمەكتە ، ئۇنىڭىغا پۇرسەت بېرىپ يەنە كۈت ، يەنە ساقلا ...
شۇئان قەلبىم لەرزىگە كېلىپ كۈچكە تولدۇم .
خىيالىمدا ساڭا شۇنداق پىچىرلىدىم :
- ئاچچىق ھەسرەت دىشۋارلار قىينىسىمۇ گەر مېنى ،
ئاھ ، بولدىلا كەچۈرۈپ ، كۈتەي جېنىم مەن سېنى ...
كەلسەڭ كۈلۈپ بىرىلكتە تۇتۇشساق بىز جۈپ قولىنى ،
دەردكە تولغان بۇ يۈرەك تىزرەك تاپسۇن دەرماننى ...
2015- قەشقەر .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-13 17:35
|