يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: قارگۈلى

گۈلمېھرە:كۈتۈش (نەسر)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-14 11:12:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   يىگانە يۇلتۇز ئاسمان سەتھىدە چاقنىماقتا. مەن تاڭ ئىشقىدا گۇگۇم قاراڭغۇلۇقىدا كېتىۋاتىمەن ...
يۈرىكىمنىڭ ئاداققى تىۋىشلىرى گۇگۇم قاراڭغۇلۇقىغا سىڭىپ كېتىۋاتىدۇ.   
    مەن ئاياغ- ئاستى بولغان ئورمانلانىڭ يۈرەكئالدىلىق بىلەن پىچىرلاشلىرىغا، كەچ كۈز ئايلىرىنىڭ ھارغىنلىق توغرىسىدا ئېيتقان نىدالىرىغا قۇلاق سالىمەن.  دىكابىر ئەڭ ئاخرىقى تىنىقىنى  ئىچىگە يۇتقان ، قۇياش ھارارەتلىك لەۋلىرى بىلەن رازىلق بەرمىگەن زىمىننىڭ قوينىنى تىتما- تىتما قىلغان چاغدا، دۇنيانىڭ شۇقەدەر شەپقەتسىز ۋە رەھىمسىزلىكىگە قاراپ ئۇھ تارتىمەن...   
   
     ئاللىقاچان سۇنغان روھىم قايغۇ - ئەلەم ئىشىكىنى چەكمەكتە، قارا بۇلۇتلار ئاسماننى قاپلاپ، ئازاب يامغۇرى توختىماي چۈشمەكتە... چارچاپ ھالىمدىن كەتتىم، كۆزلىرىم ئاستا- ئاستا يۇمۇلۇپ ھالسىزلانغىنىمچەئۇيقۇ دەرياسىغا قەدەم قويدۇم...

     گۇمراھلىق جەزىرىسىدە كېتىۋاتىمەن، يۈرىكىم چىغىر يوللاردا تىمسىقلاپ، تۈن ناۋالىرى مېنى چاقىرۋاتقان ئاشۇ جايغا قاراپ ھەسرەتلەنگىنىمدە ، غايىپتىن شۇنداق بىر نىدا ئاڭلاندى .  
  - ئەي، تور ئىسكەنجىسىدىن بوشىنالمىغان گۇمراھ ،  بېشىڭنى سىلكىپ ئۇيقۇڭنى ئاچ، مەھبۇسلۇقنىڭ كويزا- كىشەنلىرىنى  چېقىپ تاشلا . ئەمدى بۇ سۇلغۇن ھاياتىڭنى دېڭىزغا چۆكتۈرۋەت .  ئۆلۈم پەرىشتىسى ئىشىكىڭنى چەككەندە سەن ئۇنىڭ ئالدىغا نىمەڭنى ئېلىپ چىقىسەن؟ - ئۈمىدۋار بول، تاڭ نۇرلىرى يەنىلا بالقىپ چىقىدۇ، تاڭ سەھەر خۇشاللىق ۋە ئازاب بەھرىدە دېڭىز دولقۇنلىرىدەك مەۋج ئۇرىدۇ...  سەھەر، تاڭ زىياسى كۆزلىرىڭنى سۆيىدۇ، تۈن بۇلۇتلىرى تارقاپ، يورۇقلۇق دۇنيانى قاپلايدۇ، يورۇقلۇق رەڭدار بۇلۇتلارغا چېچىلىپ ، زەر ئالتۇنلارغا ئايلىنىدۇ ؛ خۇشاللىقلار ياپيېشىل ياپراقلار ئارىسىغا يېيىلىپ، چەكسىز ھاياتى كۈچكە تولىدۇ... بارچە مەۋجۇدات ئالغا قاراپ ئىلگىرلەپ، ئارقىسىغا قايىتمايدۇ، ئۇنى توسۇۋالغۇدەك كۈچ يوق، ئۇلار جۇش ئۇرۇپ ئالغا ماڭىدۇ... ئەجىبا ، سەن بۇ رېتىملىق مىلودىيىگە تەڭكەش بولۇپ ، ئۇنىڭدىن خۇشاللىق ھېس قىلمامسەن؟...   
    ھەممە ئۇيقۇغا كەتكەن  جىمجىت تۈن نىسپىدە ئويغاندىم . مەن گويا قىش ئاسمىنىدىكى قالدۇق بۇلۇتتەك بوشلۇقتا لەيلەپلا قالدىم ...  
قاراڭغۇ كېچە. قورقۇنۇچ ۋە ۋەھىمىدە قالغان يۈرىكىمگە :
- ئاھ، يۈرىكىم، مەغلۇبىيىتىڭگە ئۈن- تىۋىشسىز سەرۋى قىل، قەدىمىڭنى توختاتما، ئالدى- كەينىڭگە قارىما، ئالغا ! ھارغىنلىقتىن ئاتلان؛ تەرسالىقتىن، چۈشكۈنلۈك، گۇمراھلىقتىن چىرىشتىن ساقلان، زەئىپلىشىپ يوقلىشتىن ھەم ساقلان... دۇنيايىڭدا سولغان گۈللەرنى يۇلۇپ تاشلا؛ قۇرۇپ لاي- لاتقىلارلا قالغان دەريايىڭغا سۇ باشلا... باھار شامىلى ئارزۇ - ئارمانلىرىڭىنى ھامان ئاقلايدۇ، ئۆمرۈڭنى ۋايىغا يەتكۈزمەي تۇرۇپ، كۈنلىرىڭنى ئاخىرلاشتۇرما، گۈزەل سەھەر يېقىنلاپلا قالدى،،، دەپ ئاستا شىۋىرلىدىم...  

  
5- يىلى 12- ئاينىڭ 8- كۈنى

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-14 11:18:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېھىم زۇنۇ يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 10:38
ياخشى چىققان ئەسەرلەر ئىكەن. قۇت بولسۇن !

ياقتۇرغىنىڭىزدىن خۇش بولدۇم، رەھمەت !

ۋاقتى: 2016-1-14 15:45:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسرلەرگە مۇبارەك !

ۋاقتى: 2016-1-14 15:48:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆڭۈل گۈللىرىم كەتتى...ئەۋەتەلمەي...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   uygurya تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-14 15:55  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 12:01:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
uygurya يوللىغان ۋاقتى  2016-1-14 15:48
كۆڭۈل گۈللىرىم كەتتى...ئەۋەتەلمەي...

ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت !

ۋاقتى: 2016-1-15 13:34:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىى يىزىپسىز. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئارف تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-15 13:34  


ۋاقتى: 2016-1-16 19:21:17 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ شۇنداق ياختۇردۇم قەلىمىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-1-17 13:13:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىپادىلەش ماھارىتىڭىزدىن سۆيۈندۈم، قەلمىڭىز توختاپ قالمىغاي...

ۋاقتى: 2016-1-22 00:26:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشىمۇ سىز قار گۈلى.نەسىرىڭىزنى ئوقۇپ تولىمۇ ھوزۇرلاندىم.ئىجادىيىتىڭىزگە يەنىمۇ ئۇتۇق تىلەيمەن.
   «سەۋىرچانلىق بىلەن كۈتكىن،سەن ساقلاۋاتقان بۇ سۆيگۈ ئىگىسى سەن تامام كەلمەكتە»
   «مەن سېنى كۈتىمەن.ھاياتلا بولىدىكەنمەن مەن سېنى نەقەدەر ياخشى كۆرۈدىغانلىقىمنى يۈرۈكىم دەلىللەيدۇ.يۈرۈكىم پەقەت،ۋە پەقەت سەن ئۈچۈنلا سوقىدۇ...»
   «كەچۈر ئەمدى ئىشەنمەيمەن يار،
    سەنمۇ ماڭا ئىشەنمىگەندەك»
   مەزمۇنلىرىنى قايتا ئويلىشىپ باقساق بولامدۇ،قانداق؟
   

ۋاقتى: 2016-1-22 16:07:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىر مەن تولىمۇ ياقتۇرىدىغان ژانىر. بۇ نەسىرلىرىڭىزنىمۇ بەكلا ياقتۇرۇپ ئوقۇدۇم، ئىجادىيىتىڭىزگە بەرىكەت تىلەيمەن

ۋاقتى: 2016-1-22 16:23:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەسىلنىڭ ئۆزگىچىلىگى بىلەن نەسىرنىڭ تىلى تېخىمۇ بېيىپتۇ .نەسىرىڭىزنى :سىلىق ،تاتلىق ،يېقىشلىق سۈپەتلىرى بىلەن سۈپەتلەشنى توغرا تاپتىم .ھارمىغايسىز ،ئەسەرلىرىڭىزگە ئىنتىزارمىز ......

ۋاقتى: 2016-1-22 16:23:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نەسىرلىرىڭىز چىرايلىق چېقىپتۇ. ئەمما نەگە پەش،چېكىت،ئۈندەش قويىمىز،قانچىلىك قويىمىز؟دىگەنلەر ئۈستىدە يەنە ئويلۇشۇپ بېقىڭ.

ۋاقتى: 2016-1-25 03:11:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەلمەسلەرنى كۆتمە،ۋاپاسىزدۇر ئۇلار،
سۆيمەسلەرنى كۆتمە،شەرەپسىزدۇر ئۇلار.

كۆتۈش -مۇھتاجلىق دېمەكتۇر، كۆتۈش-تەگسىز ئۈمىد دېمەكتۇر.
كۆتۈش بەخت ۋە خۇشالىقنى چېللاش بىلەن بىرگە يەنە ۋاقىت تۇنىلدا ئەخمەق بولۇش،ئاۋارە بولۇشنىڭ قۇربانى... ئەڭ ياخشىى ساقىلىماڭ، قايتىقۇسى بولسا ئۇ ھامان سەن تەرەپگە قاراپ يولغا چىقىدۇ ( )

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-25 12:20:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داڭگال يوللىغان ۋاقتى  2016-1-22 16:23
نەسىرلىرىڭىز چىرايلىق چېقىپتۇ. ئەمما نەگە پەش،چېكىت، ...

تەكلىپىڭىزنى قوبۇل قىلمەن، دىققەت قىلاي ، رەھمەت .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-25 12:21:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇداك يوللىغان ۋاقتى  2016-1-25 03:11
كەلمەسلەرنى كۆتمە،ۋاپاسىزدۇر ئۇلار،
سۆيمەسلەرنى كۆتم ...

سەممىي تىلەكلىرىڭىزگە رەھمەت !

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش