كۆرۈش: 311|ئىنكاس: 6

ئابدۇمىجىت(ت): بابۇر مىرزا ئىشىق-مۇھەببەت مىسىرالىرىدىن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
بابۇر شاھ ئشىق-مۇھەببەت مىسرالىرىدىن تاللانما
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد تەييارلىدى

(ئىزاھاتلار: شېئىر نومىرى، بېيىت نۇمىرى، بەت نۇمىرى)

(1)
لۇتفى ئەت كى خەراب بولدى ھالىم،
رەھىم ئەيلە كى قالمادى مەجالىم.

خوش ئول كى يۈزۈڭنى يانا كۆرسەم،
ھەيران باقىبان يۈزۈڭە تۇرسام.

ئۆپسەم ئاياغىڭ قويۇپ يۈزۈمنى،
سۈرتۈپ ئاڭا ھەرزامان كۆزۈمنى.

بوينۇڭا قولۇم ھەمايىل ئەتسەم،
سەرۋىڭنى ئۆزۈمگە مايىل ئەتسەم.

گاھ ئەلگىمە گاب گابىڭنى ئالسام،
گاھ ئاغزىما ئول لەبىڭنى ئالسام.

كۆزۈمنى كۆتۈرمەسەم كۆزۈڭدىن،
يۈزۈمنى كېتەرمەسەم يۈزۈڭدىن.

گاھ ئاغزىمغا تىلىڭنى ئالسام،
گاھ ئاغزىڭا تىلىمنى سالسام.

ھاسىل كى ئەگەر قاشىڭا يەتسەم،
كۆڭلۈم تىلەگەنچە ئىشرەت ئەتسەم.

يۈزۈڭ يەنە كۆرسەم ئىردى ئەي جان،
ئۆلسەم داغى قالماس ئىردى ئارمان.

يۈز مۇنچە خەياللەر قېلۇرمەن،
يادىڭ بىلە ھاللەر قىلۇرمەن.

مەن ئۈشبۇ خەياللەر بىلە شاد،
سەن مېنى قىلۇرسەن ئۆزگەچە ياد.

(126/16-26/194)


(2)
سەندىن نەفەسى مۇراد تاپىمەن،
ئىشقىڭدا كۆڭۈلنى شاد تاپىمەن.

ئىشق ئەھلىگە ئىلتىپات كۆرىمەن،
ھۈسۈن ئەھلىدە ئېتىقاد تاپىمەن.

قىلسام ساڭا ھەر نەچە تەزەللۇم،
فەريا دۇ فىغان كى دات تاپىمەن.

فەريادكى دەرگى ئىشق رازىن،
بىر كىشىنى ئىتىماد تاپىمەن.

قاشىڭ غەمى شەرھىنى يازارغا،
كۆز قاراسىدەك مەدات تاپىمەن.

مەن بەندە جۈز ئىنقىياد بىلىمەن،
سەن شاھتا جۈز ئىناد تاپىمەن.

(119/1-6/187،188)

داۋامى بار...

بېيىتلار مەنبەسى: يۈجەل بىلال[تۈركىيە]: «بابۇر دىۋانى»، 1995-يىل، ئەنقەرە، ئېكىم نەشرىياتى

ئەسەرنى تەييارلىغۇچى: مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى قازاق تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2013-يىللىق جۇڭگۇ ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى ئابدۇمىجىت مۇھەممەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-13 17:39  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-13 18:14:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
(3)

تۈنۇ-كۈن بىرلە پۈتۈن مەجلىسى ئەسرۇ خۇش ئىدى،
مەجلىس ئەھلى بارى دىلخاھۇ -بارى دىلكەش ئىدى.

بەرىنىڭ سۆزى ئىدى خوب  ئۇ لەتىفۇ رەڭگىن،
نە پەرىشا-نۇ ، نە بىمەنى يۇ چىرماش ئىدى.

ياخشى مەي يوق ئىدىيۇ، نەشەئى مەي ياخشى ئىدى،
ناخۇش ئەل يوق ئىدىيۇ ئەسرۇ ھەۋايى خۇش ئىدى.

بەرى ئەھباب ئىدى ھازىر بەرى ئەسباب ئىدى جەم،
سازۇ خانەندە بىلە، نۇقل ئۇ مەي بىھىش ئىدى.

گاھ بىر خەندە ئىدى ئەل لەبى سەرخۇشلۇقتىن،
مەستلىكتىن يانا گاھ ئەل كۆزى تولا ياش ئىدى.

بارچە تازىم قىلىپ بىر-بىرىگە مەستانە،
گاھ باشتا ئاياق ئىردى گاھ ئاياقتا باش ئىردى.

تۈن يارىمىگە چە بۇ نەۋ ئىدىيۇ ئاندىن سوڭ،
مەجلىس ئەھلىنىڭ ئىشى ھەرسارىغا تارقاش ئىدى.

مەن بىلەكتىن بارىپ ئىردىم تۇتۇپ بىلىگىمنى بىرىپ،
مېنى ئويغاتتى كۆز ئاچتىم ئېسە ئۇل مەھۋەش ئىدى.

تارتىپ بىلەكىنى كۈچەپ بوينىنى، ئاغزىنى ئۆپۈپ،
تاڭغىچە ئوينىماق ئىش ئىردى نە خۇش ئويناش ئىردى.

بابۇر گەر خەرزە دېدى مەجلىس ئېلى ئەيىب ئەتمەڭىز،
كەرەم ئەيلەڭ ئانى ما زۇر تۇتۇڭ سەرخۇش ئىدى.

(108/1-10/181،182)

ۋاقتى: 2016-1-13 21:06:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بارىكاللا ! مەنىۋىي ئۇسسۇزلۇق مانا شۇنداق ئىسىل دۇردانە قەترىلەر بىلەن قانغۇسى...

ۋاقتى: 2016-1-15 11:16:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش



تېتملىق مىسرالاردىن زوقلاندىم، ئاكا !

باھا سۆز

تېتملىق -تېتىملىق...  ۋاقتى: 2016-1-18 07:08 PM
ۋاقتى: 2016-1-18 19:02:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قولىڭىزغا دەرت كەلمىسۇن ،ئىنىم !

ۋاقتى: 2016-1-18 19:09:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ ھوزۇر ئالدىم...يەنىلا ھەقىقىي شېئىر باشقىچە بولىدىكەن. ھەقىقىي غەزەل دېگەن مۇنداق بولمامدۇ...ئاپىرىن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ABLAJAN.BOWAKI تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-18 19:09  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-20 00:17:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شېئىرىيەتنى چىن مەناسى بىلەن چۈشىنىدىغان ئۇستازلارنىڭ بۇ تېمىغا نەزەر ئاغدۇرغىنىدىن خۇرسەن بولدۇم. ساختا شېئىرلار بىلەن تولغان دۇنيادا ساختا شائىرلارنىڭ سۈرە چۇقانلىرىدىن خالى بولۇپ، ئۆزۈمنى ھەقىقى شېئىر ۋە شائىرلارغا يېقىن تۇتالىسام شېئىردەپ ئالغان ھەربىر تېنىقىمدىن رازى بولىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش