بابۇر شاھ ئشىق-مۇھەببەت مىسرالىرىدىن تاللانما
ئابدۇمىجىت مۇھەممەد تەييارلىدى
(ئىزاھاتلار: شېئىر نومىرى، بېيىت نۇمىرى، بەت نۇمىرى)
(1)
لۇتفى ئەت كى خەراب بولدى ھالىم،
رەھىم ئەيلە كى قالمادى مەجالىم.
خوش ئول كى يۈزۈڭنى يانا كۆرسەم،
ھەيران باقىبان يۈزۈڭە تۇرسام.
ئۆپسەم ئاياغىڭ قويۇپ يۈزۈمنى،
سۈرتۈپ ئاڭا ھەرزامان كۆزۈمنى.
بوينۇڭا قولۇم ھەمايىل ئەتسەم،
سەرۋىڭنى ئۆزۈمگە مايىل ئەتسەم.
گاھ ئەلگىمە گاب گابىڭنى ئالسام،
گاھ ئاغزىما ئول لەبىڭنى ئالسام.
كۆزۈمنى كۆتۈرمەسەم كۆزۈڭدىن،
يۈزۈمنى كېتەرمەسەم يۈزۈڭدىن.
گاھ ئاغزىمغا تىلىڭنى ئالسام،
گاھ ئاغزىڭا تىلىمنى سالسام.
ھاسىل كى ئەگەر قاشىڭا يەتسەم،
كۆڭلۈم تىلەگەنچە ئىشرەت ئەتسەم.
يۈزۈڭ يەنە كۆرسەم ئىردى ئەي جان،
ئۆلسەم داغى قالماس ئىردى ئارمان.
يۈز مۇنچە خەياللەر قېلۇرمەن،
يادىڭ بىلە ھاللەر قىلۇرمەن.
مەن ئۈشبۇ خەياللەر بىلە شاد،
سەن مېنى قىلۇرسەن ئۆزگەچە ياد.
(126/16-26/194)
(2)
سەندىن نەفەسى مۇراد تاپىمەن،
ئىشقىڭدا كۆڭۈلنى شاد تاپىمەن.
ئىشق ئەھلىگە ئىلتىپات كۆرىمەن،
ھۈسۈن ئەھلىدە ئېتىقاد تاپىمەن.
قىلسام ساڭا ھەر نەچە تەزەللۇم،
فەريا دۇ فىغان كى دات تاپىمەن.
فەريادكى دەرگى ئىشق رازىن،
بىر كىشىنى ئىتىماد تاپىمەن.
قاشىڭ غەمى شەرھىنى يازارغا،
كۆز قاراسىدەك مەدات تاپىمەن.
مەن بەندە جۈز ئىنقىياد بىلىمەن،
سەن شاھتا جۈز ئىناد تاپىمەن.
(119/1-6/187،188)
داۋامى بار...
بېيىتلار مەنبەسى: يۈجەل بىلال[تۈركىيە]: «بابۇر دىۋانى»، 1995-يىل، ئەنقەرە، ئېكىم نەشرىياتى
ئەسەرنى تەييارلىغۇچى: مەركىزى مىللەتلەر ئۇنۋېرستېتى قازاق تىل-ئەدەبىيات فاكۇلتېتى 2013-يىللىق جۇڭگۇ ئازسانلىق مىللەتلەر تىل-ئەدەبىيات كەسپىنىڭ دوكتۇر ئاسپىرانتى ئابدۇمىجىت مۇھەممەت
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-13 17:39