«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»پائالىيتىگە
«ئەدەبىيات ۋە ئىنسان»نىڭ ئىززىتى ۋە لەززىتى
ئىمىر غىياس
بىز شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدە ئوقۇۋاتقان ۋاقتىمىزدا شائىر، يازغۇچى ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ نۇتقىنى ئۇنىۋېرسىتېت زالىدا بىۋاسىتە ئاڭلاش مۇناسىۋىتى بىلەن بۇ تالانتلىق ئەدىبنىڭ مۇنبەرگە چىققان ۋە بىزلەرگە ئېھتىرام بىلدۈرگەن چاغدىكى مەردانە سېماسى بىزنىڭ بىردەك قايىللىقىمىز ۋە كۈچلۈك ھۆرمىتىمىزنى قوزغىغانىدى. كېيىنكى كۈنلەردە ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندى بىلەن بىۋاسىتە كۆرۈشۈش، گەپلىرىنى ئاڭلاش، خوشلىشىش جەريانىدىكى پەزىلىتى مەندە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. ئۇ ھەقىقەتەن بىر پاراسەتلىك يازغۇچىلا بولۇپ قالماي، بەلكى مىللىي تۇرمۇش ئەنئەنىسىگە بولغان ھۆرمىتىمۇ ناھايىتى يۈكسەك پەزىلەت ئىگىسى ئىدى. ئۇنىڭ سۆز ۋە ھەرىكىتىدىكى سۈلكەتلىك قەلبىمگە چوڭقۇر ئورناپ كەتكەنىدى. 1997- يىل 6- ئايدا ش ئۇ ئا ر ئاخبارات- نەشرىيات ئىدارىسى تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلغان 20 كۈنلۈك «ئاخباراتچىلىق- نەشرىياتچىلىق سىستېمىسى بويىچە داۋاملىق تەربىيەلىنىش كۇرسى»دا ئەدەبىي تەنقىدچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئەپەندى بىلەن بىللە ئوقۇش، پائالىيەت قىلىش، گەپلىرىنى ئاڭلاش جەيانىدا ئۇمۇ مەندە ئەنە شۇنداق چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغانىدى. مەن ئۇنىڭ يازغۇچى نۇرمۇھەممەت توختىنىڭ «خوتەندىن خەت» ناملىق ئەدەبىي ئاخباراتى «تارىم» ژۇرنىلىنىڭ 1996- يىللىق 1-، 2- سانلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن خوتەندىن مەلۇم بىرسىنىڭ بۇ ئاخباراتقا قارىتا خەت يېزىپ پىكىر قىلغانلىقىنى مۇئاۋىن باش مۇھەررىر بولۇش سۈپىتى بىلەن ئەيىبلىگەنلىكى ھەققىدىكى سۆزىنى ئاڭلاۋېتىپ تۇيۇقسىزلا ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىنىڭ ئوبرازى يادىمغا كەچكەنىدى. شۇ چاغدا «پەزىلىتى ئۆتكۈر ئەپەندىگە ئەجەپ ئوخشايدىكەن» دېگەن ئوي قەلبىمدە يالت قىلىپ چاقنىغانىدى. شۇندىن بېرى مەن بۇ مەسئۇلىيەتچان ئوبزورچىنى ھەر قېتىم ئۇچراتقىنىمدا خۇددى ئۆتكۈر ئەپەندىنى كۆرگەندەك بولىمەن، جۈملىدىن ئەسەرلىرىنىمۇ چامامنىڭ يېتىشىچە يىغىپ ساقلايمەن ۋە ئەتىۋارلاپ مۇتالىئە قىلىمەن.
بىزگە مەلۇم، ئەنۋەر ئابدۇرېھىم تالانتلىق ئوبزورچىمىز مۇھەممەد پولات بىلەن يالقۇن روزىدىن باشقىچەرەك يول تۇتقان، ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان، بۈگۈنكى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ تەرەققىياتىدا ئالاھىدە تۈرتكىلىك رول ئويناپ خەلقىمىزنىڭ قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالغان ۋىجدانلىق، تۆھپىكار ئوبزورچىلىرىمىزنىڭ بىرى. ئۇنىڭ «ئىجادىيەت ۋە ئىجادىيەتچى»، «ئەدىب، ئەسەر ۋە باھا»، «يازغۇچىلار بىلەن سۆھبەت»، «ئەدەبىياتنىڭ پايانى چەكسىز»، «قالدى يىراقتا»، «ۋاپادارىم مېنى كەچۈرگىن»، «مۇھەببەت قېرىمايدۇ»، «مۇھەببەتكە تولغان ماكان»، «قان تامغان يول»، «ئەدەبىيات ۋە ئىنسان» قاتارلىق كىتابلىرى نەشر قىلىنغان. بۇلارنىڭ ئىچىدە شىنجاڭ ياشلار- ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن 2008- يىل 3- ئايدا نەشر قىلىنغان «ئەدەبىياتنىڭ پايانى چەكسىز» ناملىق ئوبزورلار توپلىمى بىلەن 2013- يىل 1- ئايدا نەشر قىلىنغان «ئەدەبىيات ۋە ئىنسان» ناملىق ماقالىلەر ۋە ئوبزورلار توپلىمى يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىك تارىخىدىكى سەر خىل مېۋە ھېسابلىنىدۇ. بولۇپمۇ، «ئەدەبىيات ۋە ئىنسان» ناملىق توپلام چېتىلىش دائىرىسىنىڭ كەڭلىكى، تېماتىك مەزمۇنىنىڭ ئاكتىۋاللىقى، جۈملىلىرىنىڭ پۇختىلىقى، ئىلمىي قىممىتىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئوبزورچىلىق ئىستىلىنىڭ پاكلىقى بىلەن ئالاھىدە مۇھىم ئورۇندا تۇرىدۇ. ئۇ بىزگە مىللىي ئەدەبىيات- سەنئىتىمىزنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسى، مۇۋەپپەقىيەتلىرى، ئەدىب- سەنئەتكارلىرىمىزنىڭ قىسمەتلىرى، ئىزدىنىش جاسارىتى، نەتىجىلىرى، تۆھپىلىرى ۋە ئىجادىيەتلىرىمىزنىڭ يېتەرسىزلىكلىرى ھەققىدە يېتەرلىك مەلۇمات بېرىش بىلەن بىللە بىزنى قىممەتلىك ئەدەبىي قاراش ۋە ئۇسلۇب بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ ماقالىدە ئۇستازنىڭ مەزكۇر كىتابى ھەققىدىكى تەسىراتىمنى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئورتاقلىشىپ باقماقچىمەن.
توپلامغا بىر- بىرىدىن ئېسىل 33 پارچە ئوبزور ۋە ئىلمىي ماقالە كىرگۈزۈلگەن. ھەر بىر پارچە ماقالىدە ئوبزورچىنىڭ ساغلام ئەدەبىي تەنقىدچىلىك ئىستىلى ئەكس ئېتىپ تۇرىدۇ. ھەقىقەتەن كىتابنى ئوقۇغان ئوقۇرمەنلەر ئاپتورنىڭ كۈچلۈك ئىجادىيەت ئەقىدىسىگە، ئەتراپلىق ئىزدىنىش روھىغا، يۇقىرى كەسپىي بىلىم ئىقتىدارىغا، ساغلام تەنقىدچىلىك ئەخلاقىغا، ئەستايىدىل مەسىلە ھەل قىلىش پوزىتسىيەسىگە، كامالەتكە يەتكەن جۈملە تۈزۈش ماھارىتىگە چىن دىلىدىن قايىل بولماي تۇرالمايدۇ. پۈتۈن كىتابقا ئوبزورچىنىڭ ئەدەبىيات ۋە ئىنسانغا بولغان چوڭقۇر تونۇشى سىڭدۈرۈلگەن ھەم كىتابقىمۇ مۇشۇ ئىككى سۆز ماۋزۇ قىلىپ تاللانغان. ئەدەبىي تەنقىدچىلىكتە ئاپتورغا قويۇلىدىغان ئەڭ يۇقىرى تەلەپ مەزمۇن ساغلام، مەسىلەن، ئەسەر ۋە يازغۇچىغا بېرىلگەن باھا ئوبيېكتىپ، قەلبلەرگە يېقىشلىق بولۇش؛ شەكىل گۈزەل، مەسىلەن، قۇرۇلما باشتىن- ئاياق جىپسا، جۈملە بىلەن جۈملە، ئابزاس بىلەن ئابزاس، بۆلەك بىلەن بۆلەك، نىنچى بىلەن نىنچى ئۆزئارا پار كېلىشلىك ۋە ماسلاشمىلىق بولۇشتىن ئىبارەت. بۇ تەلەپكە يەتمىگەن ئوبزورنىڭ ئىلمىي قىممىتى ۋە مەنىۋى لەززىتىدىن سۆز ئاچقىلى بولمايدۇ. بىزنىڭ ئارمانلىق ۋە مەسئۇلىيەتچان ئوبزورچىمىز ئەنۋەر ئابدۇرېھىم ئەپەندى «ئەدەبىيات ۋە ئىنسان»نى يېزىش جەريانىدا ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ زۆرۈرىي تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل بەجا كەلتۈرگەن، ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنىڭ قىممىتى، ئۈنۈمى ۋە لەززىتىنى تۆۋەنلىتىدىغان ھەر قانداق خاھىشقا يول قويمىغان. بەكمۇ ئەھمىيەتلىك ۋە قىممەتلىك يېرى شۇكى، «ئەدەبىيات ۋە ئىنسان» مەيدانغا كېلىشى بىلەنلا مەزمۇنىنىڭ ئەتراپلىقلىقى، چوڭقۇرلۇقى، دەللىكى، ساغلاملىقى، بىلىمچانلىقى، پىرىنسىپاللىقى بىلەن يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىي تەنقىدچىلىكىنىڭ تەرەققىيات سەۋىيەسىنى مەلۇم دەرىجىدە نامايان قىلىپ بەرگەن. مانا بۇ «ئەدەبىيات ۋە ئىنسان»نىڭ ئەڭ مۇھىم مۇۋەپپەقىيىتىدۇر. ئاپتور تەھرىرلىك- مەتبۇئاتچىلىق ساھەسىدە ئۇزۇن يىل ئىشلەپ مول تەجرىبىلەرنى توپلىغان، ئوقۇرمەنلەرنىڭ ھەققىقىي ئىشەنچسىگە ئېرىشكەن مەسئۇلىيەتچان ئوبزورچى بولغاچقا، كىتابنىڭ ئەدەبىي قىممىتى ۋە لەززىتىگە باشتىن- ئاياق ئالاھىدە دىققەت قىلغان. مەسىلەن، «ئەدەبىياتنىڭ ئالىمى چەكسىز» ناملىق ئوبزوردا مەلۇم بىر ھەۋەسكارنىڭ ئوبزورچىغا: «سىز خەلقمىزنىڭ ئېتىراپ قىلغان ئوبزورچىسى تۇرۇپ ئەمدى نېمىشقا شېئىر ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغىلى تۇردىڭىز؟» دېگەن سوئالىغا تولىمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىپ مۇنداق يازىدۇ: «ھەقىقىي قەلەمكەشكە نىسبەتەن ئەدەبىياتنىڭ چەكلەنگەن رايونى مەۋجۇت ئەمەس. ئەدەبىيات بىر تۈركۈم ئاپتور ئۇ ژانىرغا، يەنە بىر تۈركۈم ئاپتور بۇ ژانىرغا تايىنىپ جان باقىدىغان ساھە ئەمەس. گەپ ئاپتورنىڭ قايسى ژانىردا ئەسەر يازغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئەسەرنى قانداق يازغانلىقىدا. قايسى ۋاقىتتا قانداق ژانىردا ئەسەر يېزىشنى ئاپتور ئۆزى بەلگىلەيدۇ. باشقىلارنىڭ ئۇنى مەلۇم بىر خىل ژانىردىلا ئەسەر يېزىشقا قىستاش، مەجبۇرلاش ھوقۇقى يوق. ئىقتىدارىڭ بولسا ھەر شاخقا ئېسىلىپ باقساڭ بولىدۇ. گەپ ئاپتورنىڭ قانچە شاخقا ئېسىلغانلىقىدا ئەمەس، بەلكى ئاشۇ شاخلاردا ئۆزىنىڭ ماھارىتىنى نامايان قىلالىغان- قىلالمىغانلىقىدا». ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاپتورلار قوشۇنىمىزدا ئىجادىيەتچىلەرنى پەقەت بىر خىللا ژانىردا ئەسەر يېزىشقا زورلايدىغان غەلىتە ئەھۋال مەۋجۇت. لېكىن، بۇنداق قىلىش چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىلسە، ئەمەلىي بولمىسا ياكى ئورۇنسىز تەكىتلىنىۋەرسە، ئاپتورلارنىڭ ئىجادىيەت ئەركىنلىكى چەكلىمىگە ئۇچراپ قالىدۇ، ھەتتا مۇشۇ سەۋەبلىك تېخىمۇ نادىر تېمىلاردىن خەۋەردار بولۇش پۇرسىتىدىن مەھرۇم قېلىشىمىز مۇمكىن. ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر ئەپەندىمۇ ئۆز ھاياتىدا شېئىر، نەسر، رومان قاتارلىق كۆپ خىل ژانىرلاردا ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللاندى، ھەتتا بىر مۇنچىلىغان ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ يازدى. شۇنداقتىمۇ ئۇ بۇ ژانىرلارنىڭ ھەممىسىدە ئۇتۇق قازاندى. بىز ھازىرغىچە ئۇنىڭ ھەممە ئەسەرلىرىدىن تېگىشلىك لەززەتلىنىپ ۋە نەپ ئېلىپ كېلىۋاتمىز، ھېچكىممۇ ئۇنى «كۆرۈنگەنلا شاخقا ئېسىلىۋالغان» دەپ ئەيىبلىگەن ئەمەس. دەرۋەقە، ئاساسەن بىر خىللا ژانىردا يېزىقچىلىق قىلىدىغان ئاپتورلارمۇ بار. بۇ ئۇلارنىڭ خاھىشى ۋە تاللىشى. ئۇنىڭ يازغىنى ياخشى بولسىلا، كۆپنىڭ كۆڭلىگە ياقسىلا، خەلقىمىز ئېتىراپ قىلسىلا بىزنىڭ ئۇلارنى قوللاش ۋە كۈيلەش مەجبۇرىيىتىمىز بار. لېكىن، مۇبادا ئۇلار بىر خىللا ژانىردا يېزىقچىلىق قىلىپمۇ ئاممىنىڭ كۆڭلىگە ياقۇدەك ئەسەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالمىسا، ئۇنىڭ مەخسۇسلىشىشى ۋە خاسلىشىشىنىڭمۇ ئۈنۈمى بولمايدۇ. خەلقنىڭ رايى نېمىگە مايىل بولسا، شۇ تېمىدا، شۇ ژانىردا قەلەم تەۋرىتىپ، ئاممىنىڭ رايىنى قانائەتلەندۈرۈش ئەدەبىياتنىڭ ئاساسىي تەلىپى ۋە بۇرچىدۇر. ئوبزورچى بۇ مەسىلىگە بەكمۇ قايىل قىلارلىق جاۋاب بەرگەن. مانا بۇ ــــ بۇ كىتابنىڭ ئەڭ يۈكسەك ئىززىتى، قىممىتى ۋە لەززىتىدۇر.
«ئەدەبىيات ۋە ئىنسان»نىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر قىسىم يازغۇچى- شائىرلىرىمىزنىڭ قىسمەتلەر ۋە تەجرىبىلەرگە باي كەچۈرمىشلىرى بايان قىلىنغان. مەسىلەن، ئاپتور ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر، زوردۇن سابىر، تېيىپجان ئېلىيېف، نۇرمۇھەممەت توختى، ئەخەت تۇردى، مەمتىمىن ھوشۇر، ئەركىن روزى قاتارلىق يازغۇچى- شائىرلىرىمىزنى يۈزتۇرا زىيارەت قىلىپ، ئۇلارنىڭ جاپالىق ۋە شەرەپلىك ئىجادىيەت مۇساپىسىدىكى ئىنتايىن ئەھمىيەتلىك كەچۈرمىشلىرىنى، ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىش جەريانىدىكى پايدىلىق ئەدەبىي پائالىيەتلىرىنى، تەشەببۇسلىرىنى نۇقتىلىق بايان قىلىپ، بىزنى ئۇلارنىڭ دۇنيا قارىشىنى ۋە يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يۈز بەرگەن تۈرلۈك ئەدەبىي ھادىسىلەر ۋە خاھىشلارنى يېتەرلىك ۋە ئەينەن چۈشىنىۋېلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلغان. بولۇپمۇ، يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا پەيدا بولغان بەزىبىر بولمىغۇر قاراشلار ئاقىلانە رەۋىشتە رەت قىلىنغان؛ ئىجادىيەتتە يېڭىدىن بارلىققا كېلىۋاتقان ئەدەبىي يۈزلىنىشلەر، ھادىسىلەر، مېتودلار مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن ۋە لىللا باھا بېرىلگەن.
كىتابنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئالاھىدىلىكى شۇكى، ئۇنىڭدا ئۇيغۇر رومانچىلىقى ۋە شېئىرىيىتىنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ئوبيېكتىپ باھالانغان، يېڭى شېئىر (گۇڭگا شېئىر) نىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە يېتەرسىزلىكى ھەمدە شېئىرىي ئىجادىيەتنىڭ تۈپ ئۆلچەملىرى نەقلەن ۋە ئەقلەن كۆرسىتىپ بېرىلگەن؛ ئىجادىيەتتىكى كۆز بويامچىلىق ۋە رەڭۋازلىقنىڭ كاساپىتى قامچىلانغان، كۆچۈرمىكەشلىكنىڭ ئېغىر زىيىنى تەنقىد قىلىنغان؛ جۈملىدىن يازغۇچىلىرىمىزنىڭ قەلىمىدە ئەدەبىي رەۋىشتە ئەكس ئېتىلگەن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكىنىڭ سېھرىي كۈچى ۋە تېبابەتچىلىك قىممىتى ئىلمىي شەرھلەنگەن.
كىتابتا يەنە ئۇيغۇر ناخشا- ئۇسسۇل سەنئىتىگىمۇ كەڭ سەھىپە ئاجرىتىلىپ، بىر تۈركۈم مۇنەۋۋەر كومپوزىتورلىرىمىز ۋە ناخشىچىلىرىمىزنىڭ ئىجادىي تۆھپىسى مەدھىيەلەنگەن، شۇنداقلا يەنە بىر قىسىم مەسئۇلىيەتسىز، بىپەرۋا ناخشىچىلارنىڭ ناخشا تېكىستلىرىنى بۇزۇپ ئېيتىش ئادىتىنى تۈگىتىشنىڭ زۆرۈرلۈكى كۆرسىتىپ بېرىلگەن.
قىسقىسى، «ئەدەبىيات ۋە ئىنسان»دا ئەسەرلەرنى تەھلىل قىلىش ۋە باھالاشنىڭ بەدىئىي ئۆلچەملىرى قايىل قىلارلىق چۈشەندۈرۈلگەن؛ تۇرمۇشنى بوياپ كۆرسىتىدىغان ساختا ئىجادىيەت بىلەن ئوقۇرمەنلەرنىڭ ئېستېتىك تەلىپىگە پىسەنت قىلمايدىغان يارامسىز خاھىش ۋە نەرسىلەر دادىل پاش قىلىنغان. توپلامدىكى ماقالىلەر يېڭى دەۋر ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنى ۋە ئۇنىڭدىكى تۈرلۈك ئەدەبىي ھادىسىلەرنى، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ تۈپ پىرىنسىپلىرىنى، ئابدۇرېھىم ئۆتكۈر قاتارلىق يازغۇچىلىرىمىزنىڭ دۇنيا قارىشى ۋە ئىجادىيەت يولىنى چۈشىنىشتە مۇھىم ماتېرىياللىق قىممىتىگە ئىگە. ئوبزورچى ئەنۋەر ئابدۇرېھىمنىڭ ئەدەبىي تەنقىدچىلىكنى تالللىشىدىكى تۈپ سەۋەب كىتابقا باشتىن- ئاياق چوڭقۇر سىڭدۈرۈلگەن. بۇنى ئۇنىڭ «سەنئەتكە بولغان ئوتلۇق مۇھەببەت، ھەقىقەتكە بولغان كۈچلۈك ئېتىقاد مېنى شەخسىي پايدا- زىيان ئالدىدا ئىككىلىنىپ ئولتۇرماي، كەسپىي بۇرچىمىزنى ئادا قىلىشقا، راست گەپ قىلىشقا قىستىغان» دېگەن جۈملىسىدىن تولۇق ھېس قىلىش مۇمكىن.
«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»پائالىيتىگە
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-12 21:25
|