يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1991|ئىنكاس: 10

«نۇر ھايات» تېمىسىدا مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
«نۇر ھايات» تېمىسىدا مۇكاپاتلىق ئەسەر قوبۇل قىلىش پائالىيىتى باشلاندى


233831h0ti3i3ycst5v0rd.gif


    ئەسسالامۇئەلەيكۇم! ھۆرمەتلىك ئۇستازلار! ئۆزىنىڭ ھەم ئۆزگىلەرنىڭ تەن ساقلىقىغا كۆڭۈل بۆلگۈچى مۆھتەرەملەر ،«نۇر ھايات تېببىي تور بېكىتى» (تۆۋەندە قىسقارتىپ «نۇر ھايات تورى» دەپ ئېلىنىدۇ) نىڭ ئەزىز ئىشتىراكچىلىرى ۋە قوللىغۇچىلىرى، سىزلەرگە «شىنجاڭ نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقات چەكلىك شىركىتى» ۋە «نۇر ھايات تېببىي تور بېكىتى» يالقۇنلۇق سالام ۋە ئالى ئېھتىرام!  مۇبارەك تىنىڭلار ئامان بولسۇن، ئىشلىرىڭلار دەريا سۈيىدەك راۋان بولسۇن!
    بىز ھەممىڭلارنىڭ ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك، كۆڭلۈڭلارغا ئاراملىق، ئىش-كارلىرىڭلارغا قىممەت ھەم بەرىكەت تىلەش بىلەن بىللە، ئۇچقۇر سەمىڭلارغا شۇنى يوللايمىزكى: «شىنجاڭ نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقات چەكلىك شىركىتى» نىڭ قارمىقىدىكى «نۇر ھايات تېببىي تور بېكىتى» ئېلان قىلىنغاندىن بىرى، ھەر ساھەدىكى كەسىپداشلارنىڭ، ئۆت يۈرەك دىلداشلارنىڭ، ئۆزى ۋە ئەتراپىدىكى قېرىنداشلارنىڭ سالامەتلىكىگە كۆڭۈل بۆلۈشنى ئۆزىگە ئىنسانىي بۇرچ ھېسابلايدىغان قەلبىداشلىرىمىزنىڭ جاپالىق ئەجىر سىڭدۈرۈشى نەتىجىسىدە، بۈگۈنكىدەك دىدار مۇلاقەتتە بولغۇچىلارغا ھەققى نەپ بېرىدىغان، ئۇيغۇر تېبابىتىنىڭ قىممەتلىك ھېكمەتلىرىنى سىزلەرگە ئايانماي دەپ بېرىدىغان، ئىسمى-جىسمىغا لايىق تېببىي تور بېكىتىگە ئايلاندى، ساناقسىز ھاجەتمەنلىرىمىز تور بېكىتىمىز ئارقىلىق، ئۇيغۇر تېبابىتىگە دائىر قىممەتلىك ئۇچۇرلارغا ئىگە بولۇپلا قالماستىن، مۇھىمى جىسمانىيىتىدىكى كېسەل-ئاسارەتلەرگە داۋا، كۆڭۈل رەنجىگە شىپا تاپتى. ئەلۋەتتە، تور بېكىتىمىزنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى تەرەققىيات مۇساپىسىمۇ، سىزلەرنىڭ سېخى ياردىمىڭلاردىن ئايرىلالمايدۇ. قىسقىسى، بۇنىڭدىن كېيىنكى يولىمىز ئۇزۇن ھەم پارلاقتۇر!

    شىركىتىمىز ئۇيغۇر تېبابىتى تەتقىقاتىنى تېخىمۇ چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاۋامنىڭ تەن ساقلىقى ئۈچۈن تېخىمۇ ياخشى خىزمەت قىلىش مەقسىتىدە،«ساغلام ھايات-نۇر ھايات» تېمىسىدىكى مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىپ،«نۇر ھايات» تورىمىزدا ئېلان قىلىشنى شۇنداقلا تاللاپ مۇكاپاتلاشنى قارار قىلدى، مۇناسىۋەتلىك ئىشلارنى تۆۋەندىكىچە ئۇقتۇرىمىز:

پائالىيەت نامى: «ساغلام ھايات-نۇر ھايات» تېمىسىدا مۇكاپاتلىق ئەسەر قۇبۇل قىلىش پائالىيىتى
پائالىيەت شوئارى: ساغلام ھايات-نۇر ھايات! پائالىيەت
مۇددىتى: 6 ئاي
    پائالىيەت ئورنى: نۇرھايات مۇنبىرى (http://bbs.nurhayat.cn) نىڭ مۇناسىۋەتلىك سەھىپە قانالىرى (مەسىلەن: سىز يوللىماقچى بولغان ماقالە يۈرەك كېسىلىگە ئائىت بولسا، سىز بۇ ماقالىنى مۇنبەر باش بېتىگە كىرىپ، ئاستىدىكى تۈرلەردىن «ئىچكى كېسەللەر» دېگەن سەھىپە ئىچىدىكى «يۈرەك كېسىلى» دېگەن كىچىك تۈرنى چېكىپ يوللايسىز.
    پائالىيەت تەشكىللىگۈچى ئورۇن:

    شىنجاڭ نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقات چەكلىك شىركىتى

    قوبۇل قېلىنىدىغان ماقالىلەرگە قويۇلىدىغان تەلەپلەر:

    بىرىنچى، قوبۇل قېلىنىدىغان ئەسەرلەر تېببىي ساھەگە ئائىت ئىجادىي ياكى تەرجىمە ئەسەرلەر بولۇشى، ئىدىيەسى ساغلام، دەلىل-ئىسپاتلىرى ئېنىق، ئىلمىي تەجرىبىلەر تولۇق شەرھىيلەنگەن، مۇئەييەن تەتقىقات قىممىتى بار، بولۇپمۇ نۆۋەتتە كىشىلەر ئەڭ ئېتىبار بىلەن قاراۋاتقان بىر قىسىم مۇرەككەپ كېسەللەرنى ئۈنۈملۈك داۋالاش ۋە ئالدىنى ئېلىشنىڭ سىناقتىن ئۆتكەن ئىلىمى تەجرىبىلىرى تەتقىقات ماقالىلىرى بولۇشى لازىم.
    ئىككىنچى، مۇكاپاتقا قوبۇل قىلىنىدىغان ماقالىلەرنىڭ ھەجىمىگە چەك قويۇلمايدۇ، ئەمما ماقالىلەر چوقۇم يېڭى بولۇشى، ئۇيغۇرچە ھەرقانداق مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنمىغان بولۇشى كېرەك.
    ئۈچىنچى، ماقالىلەر بىردەك نۇر ھايات مۇنبىرىنىڭ (http://bbs.nurhayat.cn) مۇناسىۋەتلىك سەھىپە، تۈرلىرىگە يوللىنىشى، ماۋزنىڭ كەينىگە «نۇر ھايات مۇكاپاتى» دەپ قىستۇرۇپ قويۇشى لازىم. ئەگەر ئالاھىدە سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئەسەرنى تور بېكەتكە يوللاش ئىمكانىيىتى بولمىسا، بىز بىلەن تېلېفون ئارقىلىق ئالاقىلىشىڭ.
    قوبۇل قىلىنغان ماقالىلەرنى مۇكاپاتلاش ئۇسۇلى: مۇكاپاتلىق ماقالىلەر تور بېكىتىمىزدە ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن كەڭ ئوقۇرمەنلەردىن پىكىر ئېلىنىدۇ. كېيىن ئورنىمىز تەكلىپ قىلغان مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ باھالاپ بېكىتىشى بىلەن دەرىجىگە ئايرىلىپ مۇكاپاتلىنىدۇ. مۇكاپاتلاش يىغىنى ئۈرۈمچىدە ئېچىلىدۇ. مۇكاپاتقا قوبۇل قېلىنغان ماقالىلەردىن ئەڭ ياخشىلىرىنى تاللاپ كىتاب نەشر قىلدۇرۇلىدۇ. دىيارىمىزدىكى ھەر دەرىجىلىك دوختۇرخانىلار، يەككە داۋالاش ئورۇنلىرىدىكى ئۇستازلار، ئالى مەكتەپلەردىكى ھەۋەسكارلار، ھەر ساھەدىكى كەسىپداشلارنىڭ مۇكاپاتلىق ماقالە قوبۇل قىلىش پائالىيىتىمىزگە ئاكتىپلىق بىلەن قاتنىشىپ ئۆزلىرىنىڭ تېببىي تەتقىقاتىنى ئاۋامنىڭ ئېتىكىگە تۆكۈشنى، بۇ ئارقىلىق ئۆزلىرىنىڭ يۈكسەك كەسپى ساپاسىنى نامايەن قىلىشىنى سەمىمىي ئۈمىد قىلىمىز!

   ماقالىلەرنى باھالاپ بېكىتىشكە تەكلىپ قېلىنغان مۇتەخەسسىسلەر:
1.ھاجى مۇھەممەت باقى ئالىم مۇدىرۋراچ (خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ سابىق باشلىقى، پېنسىيونېرى، داڭلىق يۈرەك، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكى مۇتەخەسسىسى)
2. ئابدۇخالىق ھاجىم(خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابىتى دوختۇرخانىسىنىڭ پېشقەدەم تېۋىپى، پېنسىيونېرى، مۇدىر ۋىراچ، قان تومۇر، پالەچ ۋە ئۆسمە كېسەللىكلىرى مۇتەخەسسىسى)
3.مۇھەممەد روزى غازى (غەرب تېبابىتى، ئۇيغۇر تېبابىتى ھەم جۇڭگوچە داۋالاشنى ئىلىمى ئۇسۇلدا بىرلەشتۈرۈپ كېسەل داۋالاپ، نامى خەلقئاراغا تونۇلغان پېشقەدەم دوختۇر)
4. ئابدۇقادىر ئابدۇۋايىت: («شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابىتى ئالى تېخنىكومى ئىلىمى ژۇرنىلى» نىڭ سابىق مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى)
5. ئەركىن تۇردى: (خوتەن ۋىلايەتلىك ئۇيغۇر تېبابەتچىلىك دوختۇرخانىسىنىڭ دوختۇرى، مۇئاۋىن مۇدىرۋراچ)
6. مۇھەممەدسېلىم مۇھەممەدقاسىم (ئۇيغۇر تېبابىتى تارىخ تەتقىقاتچىسى، يازغۇچى، «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلىنىڭ كاندىدات ئالى مۇھەررىرى)
7. مۇھەممەدئەلى ئوبۇل: (كۆزگە كۆرۈنگەن ئۇيغۇر تېبابەت تەتقىقاتچىسى، گىپنۇز بىلەن ئۇيغۇر تېبابىتىنى بىرلەشتۈرۈپ تۈرلۈك روھىي-نېرۋا كېسەللىرىنى داۋالىغۇچىسى، دۆلەتلىك ئىككىنچى دەرىجىلىك ئوزۇقشۇناس، شىنجاڭ نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى، نۇر ھايات تېببىي كەسپىي تور بېكىتىنىڭ قۇرغۇچىسى)

مۇكاپات تۈرى:
بىرىنچى دەرىجىلىك ئەسەر مۇكاپاتى (بىر پارچە):
مۇكاپات سوممىسى:  3500.00 يۈەن نەق پۇل، 300.00 يۈەنلىك نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق سارىيى نەق پۇل بېلىتى، 200 يۈەن قىممىتىدىكى تېببىي كىتاب؛
ئىككىنچى، 2-دەرىجىلىك ئەسەر مۇكاپاتى: (بىر پارچە)
مۇكاپات سوممىسى: 2500.00 يۈەن نەق پۇل، 200 يۈەنلىك نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق سارىيى نەق پۇل بېلىتى، 150 يۈەنلىك تېببىي كىتاب.
ئۈچىنچى، 3-دەرىجىلىك مۇكاپات (بىر پارچە)
مۇكاپات سوممىسى: 1500.00 يۈەن نەق پۇل، 100  يۈەنلىك نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق سارىيى نەق پۇل بېلىتى، 100 يۈەن قىممىتىدىكى تېببىي كىتاب؛
تۆتىنچى، رىغبەتلەندۈرۈش مۇكاپاتى: (5 پارچە) مۇكاپات بويۇمى: 500.00 قىممىتىدىكى «نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق سارىيى نەق پۇل بېلىتى» ۋە 50 يۈەن قىممىتىدىكى تېببىي كىتاب.

   «نۇر ھايات نەق پۇل كارتىسى» ئارقىلىق بەھرىمان بولىدىغان تۈرلەر:
   بىرىنچى، سىز بۇ كارتا ئارقىلىق شىركىتىمىز قارمىقىدىكى «ئۈرۈمچى نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەت ساغلاملىق سارىيى» دا يۈرەك، مېڭە، قان تومۇر كېسەللىكى، تۈرلۈك ئەر-ئاياللار كېسەللىكى، جاھىل تېرە كېسەللىكى، ياشلاردىكى پىسخىكىلىق توسالغۇغا ئۇچراش، روھىي نېرۋا ئاجىزلىق ۋە ھەر خىل سەۋەبلەردىن كېلىپ چىققان ئومۇمىي بەدەن ئاجىزلىقى قاتارلىق كېسەللەرنى ئۇيغۇر تېبابىتى بىلەن خەلقئارادا زور ئالقىشقا ئېرىشكەن گىپنۇز تېخنىكىسىنى بىرلەشتۈرۈپ داۋالاش مۇلازىمىتىدىن بەھرىمان بولالايسىز؛
   ئىككىنچى، سىز بۇ كارتا ئارقىلىق ئۆزىڭىزنىڭ كېسەللىك ئەھۋالىغا ماس كېلىدىغان تۈرلۈك دورا ماتېرىياللارنى سېتىۋالالايسىز؛
   ئۈچىنچى، بۇ كارتىدىن ئۆزىڭىز بىۋاستە بەھرىمان بولسىڭىزمۇ ياكى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىڭىز بەھرىمان بولسىمۇ بولىدۇ؛

پائالىيىتىمىزنى ئالاھىدە قوللىغان ئورۇنلار:

شىنجاڭ ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى ئالىي تېخنىكومى
شىنجاڭ سەھىيە نەشرىياتى
شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى
ئۈرۈمچى تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى شەھەر خاتىرىسى پىروگراممىسى
خوتەن يېڭى قاشتېشى ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى
شىنجاڭ ئەرقال مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتى
خوتەن شەھەر ئەللامە ئەلائۇددىن ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى
قەشقەر شەھەر نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى دوختۇرخانىسى
شىنجاڭ كەرىم بىئو پەن تېخنىكا مەھسۇلاتلىرى زاۋۇتى
شىنجاڭ ئۇلىنىش تور تېخنىكا چەكلىك شىركىتى
خوتەن ئىنئام ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىكى پەن-تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ ئەنسار ئۇيغۇر تېبابەت دورىگەرلىك چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ خەلچەم خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتى
شىنجاڭ باغداش ئېلېكتىرون پەن-تېخنىكا چەكلىك شىركىتى

كامالىي ئېھتىرام بىلەن:

شىنجاڭ نۇر ھايات ئۇيغۇر تېبابەتچىلىكى پەن-تېخنىكا تەتقىقات چەكلىك شىركىتى
نۇر ھايات تېببىي تور بېكىتى

www.nurhayat.cn

2015-يىلى 12-ئاينىڭ 23-كۈنى


ئەسلى تېما ئادرىسى:

http://bbs.nurhayat.cn/forum.php?mod=viewthread&tid=931





ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-5 17:08:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇمۇ بىر كاتتا پائالىيەت بولغۇسى...

ۋاقتى: 2016-1-5 19:46:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەر قۇبۇللاش دائىرىسى پەقەت، ئويغۇر تىبابىتىگە ئائىت تەتقىقات ماقالىسىلا ئىكەن، مۇنبىرىمىزدە بىر قانچە تىۋىپ قېرىنداشلىرىمىز بار، ئۇلاردىن باشقا بىز بىلمەيدىغان  ئەل ئىچى تىۋىبلىرى بولۇشى مۇمكىن، بۇ پائالىيەتكە قاتنىشىپ باقسا بولغۇدەك.
مەن بۇ پائالىيەتنىڭ  ، بولۇپمۇ قۇبۇل قىلىنىدىغان ماقالىنىڭ  خاراكتىرىنى ھىچ چۈشەنمىدىم. ئويغۇر تىبابىتىگە ئائىت ھېكايە دېگەن بولسا بۇ ئاسان ئىشتى...

باھا سۆز

يۇمۇرىڭىزنى قاتناشتۇرۇپ بېقىڭ،مۇكاپاتلىنىپ قالامسىز تېخى...  ۋاقتى: 2016-1-5 08:16 PM
مەندە يۇمۇر بار  ۋاقتى: 2016-1-5 08:05 PM
ۋاقتى: 2016-1-5 20:52:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-1-5 22:07:29 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋوي، تېمىنى ۋاشاڭ قىلىپسىلەرغۇ، ئارىمىزدىكى غازىباي، ئىبىن سىنا، خۇا تو، لوقمان ھەكىم، خىسلەتلىك تىۋىپ شى لەيلېنىڭ شاگىرت - تالىپلىرى، مۇئاۋىن مۇدىر ۋراچ مەقامىدىكى تىۋىپ - تىۋىبەلەر ئۆزىنى سىناپ باقسا بولغۇدەكقۇ.

ۋاقتى: 2016-1-7 15:15:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نۇر ھايات تېمىسىدىكى شېئىر دېگەن بولسا مۇنبىرىمىزنىڭ شائىرلىرى چۇقۇم يۇقۇرى سەۋىيىسى بىلەن مۇكاپات ساھىبى بولالايتتى ……

ۋاقتى: 2016-1-7 16:04:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ شىپالىق دورىسى -ئادەم
http://bbs.misranim.com/forum.ph ... 8&fromuid=86954
(مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى)

ۋاقتى: 2016-1-7 16:11:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىپالىق تىۋىپتۇر ھەركىمگە ئىنساپ
http://bbs.misranim.com/forum.ph ... 7&fromuid=86954
(مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى)

ۋاقتى: 2016-1-7 16:14:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىپالىقتۇر ئۇيغۇر دورىسى(قاراخان)
http://bbs.misranim.com/forum.ph ... 8&fromuid=86954
(مەنبەسى: مىسرانىم مۇنبىرى)

شېئىر ژانىرى لازىم بولغان بولسا مۇشۇ تېمىنى ‹‹نۇر ھايات››قا مۇناسىپ كېلەرمىكىن دىگەن ئىدىم...

ۋاقتى: 2016-1-29 15:48:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بۇلۇپتۇ ............ پۇرسەتنى   چىڭ  تۇتساق  بولغۇدەك .............

ۋاقتى: 2016-2-21 11:38:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن تىببىي ئىلىمدىن خەۋىرى بار قېرىنداشلارنىڭ بۇ بەيگىگە قاتنىشىپ بېقىشىنى چىن دېلىمدىن تىلەيمەن.ھەرقايسىڭلارغا ئۇتۇق يار بولغاي!

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش