يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1112|ئىنكاس: 19

ئۆمەرجان(ئىزگۈگە): ئاسىيلىق (پوۋېست)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
(«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»پائالىيتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەر)


ئاسىيلىق



(پوۋېست)



ئۆمەرجان روزىھېيت


(بۇ بىر توقۇلما، ئەگەر ۋەقەلىكلەر بېشىڭىزدىن ئۆتكىنى بىلەن ئوخشاپ قالسا، بۇ بىر تەساددىپىيلىق)


كىشىلىك ھايات مۇرەككەپ جەريان. ئۇ سېنى  ئۇخلىساڭ چۈشۈڭدە كۆرمەيدىغان، ئويلىساڭ خىيالىڭغىمۇ كىرىپ چىقمايدىغان ئاجايىپ قىسمەت دۇقاللىرىغا باشلاپ بارىدۇ. شوڭا كىشى ھاياتىدا ئۈچ ئاسىيلىقنىڭ بۇلۇشىنى ئالدىن ئويلاپ يېتەلمەيدۇ: بېرى، ئۆزىنىڭ ئۆزىگە ئاسىيلىق قىلىشىنى؛ ئىككىنچىسى، دوستىنىڭ ئاسىيلىق قىلىشىنى؛ يەنە بېرى، خوتۇنىنىڭ ئېرىگە، ئېرىنىڭ خوتۇنىغا ئاسىيلىق قىلىشىنى ئالدىن ئويلاپ يېتەلمەيدۇ.
مايسەم بىلەن مەلىكە قۇرداش ھەم بىر مەھەللىلىك بولۇپ، باشلانغۇچ مەكتەپتىن باشلاپ تولۇقسىز ئوتتۇرىغا قەدەر بىر جوزىدا بىللە ئولتۇرۇپ ئوقۇپ چوڭ بولغان يېقىن دوستلاردىن ئىدى.
مايسەم ئورۇقراق، بۇغداي ئۆڭ، غۇنچە بويلۇق، چىرايىدىن شوخلۇقى چىقىپ تۇرىدىغان قىز بولۇپ بۇيىغا يەتكەن؛ مەلىكە بولسا، سېمىزرەك، چىرايى سۈزۈك، نازاكەتلىك، كەم سۆز قىز بولۇپ بۇيىغا يەتكەن ئىدى.
مايسەم قۇشقاچتەك چاڭىلداپ سۆزلەپ تۇرىدىغان مىجەزى بىلەن ئاسانلا يىگىتلەرنىڭ كۆزىگە چېلىقاتتى. شۇڭا قوشنا مەھەللىدىن سىمىت ئسىملىك بىر كېلىشكەن يېگىت بىلەن تونۇشۇپ قالدى ۋە ئىككى- ئۈچ ئاي مۇھەببەتلەشكەندىن كېيىن توي قىلىشتى. ئۇلار توي قىلىپ تۆت ئايدىن كېيىن مايسەمنىڭ قۇرسىقىدا قالدى. سىمىت بۇ خۇشاللىقىدا مايسەمنى بېشىدا ئېلىپ كۆتۈرگەنچىلىك ئىززەت- ھۆرمەتنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، مايسەمنىڭ ئىناۋىتىنى ئاسمانغا تاقاشتۇرىۋەتتى. بېشى ئاسمانغا تاقاشقان مايسەم ئاي، كۈنى توشۇپ، ئارزۇلۇق بالىسىنى توغدى. سىمىتنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر مايسەمنىڭ مەرىكىسىنى چوڭ قىلىپ ئۆيىگە ئەكىلىۋالدى.
مەلىكەنىڭ بولسا تەلىيى كاج كىلىپ، تېخىچە بىرەر لايىق چىقمايۋاتاتتى. ئۇ بارا- بارا جىمغۇرلىشىپ كەتكەن بولۇپ، ئىلگىرىكى كەم سۆزلۇكى ئەمدى تېخىمۇ ھەسسىلەنگەندەك تۇراتتى. ئۇ ئۆيىدىن تالاغا چىقماي، خۇددى ھەپىسىگە ئېلىنغان ئادەمدەك يالغۇز ئولتۇراتتى. ئاتا-ئانىسىنىڭ سورىغان سۇئالىغا ‹‹ھەئە››، ‹‹ماقۇل›› ياكى ‹‹ياق›› دەپلا بىر ئېغىز سۆز بىلەن جاۋاب بىرەتتى. ئۆيىدە دائىم بەنت بولىدىغان ئىشى- ئۇخلاش ياكى تېلىۋىزور كۆرۈش ئىدى. بىر كۈنى ئۇ يالغۇزلۇقتا ئىچى پۇشۇپ، دوستى مايسەمنى ئىزدەپ باردى. ئۇنىڭ كۈتكىنىدەك مايسەم ئۆيىدە بار ئىدى. يەنە تېخى مايسەمنىڭ يولدىشى سىمىتمۇ بار ئىدى. مەلىكە بىلەن مايسەم كۆرۈشمىگىلى خېلى ئۇزۇن بولۇپ قالغاچقا، مايسەم مەلىكەنىڭ ئۆزىنى ئىزدەپ كەلگەنلىكىدىن قەۋەتلا خۇش بولۇپ كەتتى. ئۇ بىردەمدىلا سىمىتنىڭ بازار بۇيىدىن ئەكىرىپ بەرگەن بىر كلوگرام قوي گۆشىدە مەلىكەگە ئاتاپ ئوخشۇتۇپ پولو ئەتتى. ئۇلار تاماقنى يەپ بولغاندىن كېيىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتى:
-ئاداش، -دېدى مايسەم قۇچىقىدىكى ئۇخلىغان بۇۋىقىنى ياتقۇزۇپ قۇيۇۋېتىپ،- تولۇقسىزدا شۇنداق مەنىلىك ئوقۇپتىكەنمىز، ھە؟
-قانداق دەيسەن ئاداش،- قېشىنى يىمىرىپ سورىدى مەلىكە.
- ئوقۇش پۈتتتۈرۈشكە ئاز قالغاندا، تەساددىپەن مېنىڭ كۆزۈم سېنىڭ كۆكسۈڭگە چۈشۈپ قالدى دېسە...
-ھە يادىمغا كەلدى. شۇ چاغدا جۇغراپىيەچى مۇئەللىم دەرس سۆزلەگلىك ئىدى، سەن تۇيۇقسىز مېنىڭ كۆكسۈمنى تۇتىۋالدىڭ. چۈچۈپ كىتىپتىمەن، نىمانداق قىلىسەن ئاداش دېسەم...
- ھە شۇ،- مايسەم دەررۇلا مەلىكەنىڭ ئاغزىدىن گەپنى تارتىۋالدى، -قارىسام مېنىڭ كۆكسۈم تۈپ- تۈز تۇرىدۇ، سېنىڭ كۆكسۈڭ يۇغىناپتۇ، قانداق گەپ بۇ دەپ، تۇتۇپ باققان ئىدىم، سەن: << دەرستىن چۈشكەندە دېيىشسەك، كۆكسۈمنى قويۇپ بەرگەن بولساڭ>> دەپ يالۋۇرۇپ تۇرىۋالدىڭ، شۇ چاغدا مەن سېنى قويۇپ بەردىم.
-شۇ سائەتلىك دەرستىن چۈشكەندە مېنى بولدى دېگىچە تويغۇزىۋەتتىڭغۇ ئاداش، - مەلىكەنىڭ چىرايىغا تەبەسسۇم يۈگۈردى، ئۇ ئەمدى جىمغورلۇقتىن ئوڭشىلىۋاتاتتى.
-قانداق تويغۇزىۋەتتىم، شۇنى دېگىنە ،- مايسەم ئوڭ قۇلىنى مەلىكەنىڭ دۇلىسىغا ئېلىپ، سول قۇلىدا ئۇنىڭ سول قۇلىنى تۇتىۋېلىپ شوخلۇق بىلەن سورىدى.
-ئىستارەت○1 ۋاقتىدا، مېنى جوزىغا ئوڭدا ياتقۇزۇپ ئىككى قولۇڭدا ئىككى كۆكسۈمنى قاماللاپ تۇتقانچە، زېڭىلداپ ئاغرىتىۋەتتىڭ، ۋايجان! دەپ توۋلىساممۇ قويۇپ بەرمىدىڭ، <<جېنىم ئاداش، سەندىن خۇش بولۇپ كىتەي، قويۇپ بەرگىن>> دەپ يالۋۇرغان چېغىمدا، ئاندىن مىڭ تەستە قويۇپ بەردىڭ. شۇ چاغدا ئەتراپتىكى ساۋاقداشلىرىمىز كۈلۈپ، ئۆپكىسى تىشىلگۈدەك بوپ كىتىپتىكەنمە دەيمەن. توۋا، سەن بەكمۇ زۇمىگەر ئىدىڭ.
-ئەينا، سەنمۇ مېنىڭ كۆكسۈمنى تۇتۇمەن دەپتىڭ، مەيدەمنى كېرىپ، تۇتۇپ بەرسەم، تۇتالمىدىڭ؟!
- سېنىڭ كۆكسۈڭ يۇغىنىمىغان، بەئەينى خارەت رەندىلەپ تۈزلىگەن تاختىدەكلا تۇرسا، قولۇمغا ھېچنىمە چىقمىدى، شۇ، - مەلىكە شۇنداق دېگەچ مايسەمنىڭ سۈت كىرىپ، بۇرتۇپ چىققان كۆكسىنى سىلاپ،- ھازىر چوڭىيىپتۇ، بالاڭنى ئىمىتىپ بولساڭ، ئېرىڭ تۇتىۋېلىپ خاپا قىلمىغاندۇ، ھە ئاداش؟ - مەلىكە بۇ گەپنى دېگەنگە ئۇيۇلۇپ شەلپەردەك قىزاردى.
شۇ چاغدا بۇ قەدىناسلارنىڭ گېپىگە قىزىقىپ كۈلكىسىنى ئاران توختىتىپ ئولتۇرغان سىمىت گەپ قوشتى:
-بالىدىن ئاشمايدۇ ماڭا بۇ خوتۇننىڭ مەيدىسى،- دېدى چاخچاق ئارىلاش ۋە مەلىكەنىڭ سۈزۈك چىرايىغا، ئاندىن ئالمىدەك يوغىنىغان بىر جۈپ كۆكسىگە كۆزىنىڭ قۇيرۇقىدا ئوغۇرلۇقچە قارىدى. بۇ چاغدا مەلىكەمۇ سىمىتقا قايرىلىپ قارىدى. ئۇلارنىڭ كۆزلىرى ئۇچراشتى، كۆزلەر دەقىقە ئىچىدە قاتتى ۋە تېزلىكتە ئايرىلدى.
-ئاداش،- دېدى مەلىكە سۆھبىتىنىڭ داۋامىنى ئۇلاپ ،- ئوقۇش پۈتتۈرۈشكە بىر ھەپتە قالغان كۈنى سىنىپ مۇدىرىمىز بىزگە بىر گەپنى قىلغان ئىدى، شۇ گەپ ھەرگىز يادىمدىن چىقمايدۇ.
- نىمە گەپتى ئۇ؟- مايسەم قىزىقىپ سورىدى.
- سىنىپ مۇدىرىمىزنىڭ : << ھازىر مەكتەپنى تىزرەك پۈتتۈرگىڭلار كېلىپ قالىدۇ، لېكىن جەمئىيەتكە چىققاندىن كېيىن بىر كۈنى بۇ مەكتەپتە يەنە ئوقۇغۇڭلار كىلىپ قالسا، ھەرگىزمۇ مەكتەپكە كىرەلمەيسىلەر>> دېگەن ئىدى، شۇ چاغدا بۇ گەپ ماڭا كۈلكىلىك تۇيۇلۇپ كەتكەن، <<ھازىر بۇ مەكتەپتىن ئوقۇش پۈتتۈرەلمەي قالساق، كىمنىڭمۇ بىر قانچە يىلدىن كېيىن بۇ مەكتەپتە يەنە ئوقۇغۇسى كىلەر، ئەخمەق بولمىسا بىركىم>> دەپتىكەنمەن، ئەمدى ئويلاپ باقسام، ئاشۇ مۇئەللىمنىڭ دېگىنى توغرىكەن.
-قانداق دەيسەن ئاداش؟
- مەكتەپتە ئوقۇغان چېغىمىزدا نادانكەنمىز، ھازىرقىدەك ئەقلىمىز يوقكەن، نۇرغۇن بىلىملەرنى چۈشىنىپ ئۆگەنمەپتىكەنمىز، شۇڭا مېنىڭ ھازىر قايتا ئوقۇغۇم كېلىپ قالدى دېگىنە.
- ئەپسۇس، ھازىر بىزنى قوبۇل قىلمايدۇ- دە، - مايسەم ئۇلۇغ كىچىك تىندى.
- شۇنداقكەن،- دېدى مەلىكەمۇ بېشىنى ساڭگىلىتىپ.
- ئاداش ئادەمنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلىدىغان ئۇنداق گەپلەرنى دىيشىمەيلى، مەن توي قىلغىلى بىر يىلدىن ئاشتى، بالاممۇ بولدى مانا،- مايسەم شۇنداق دېگەچ تاتلىق ئۇخلاۋاتقان بالىسىنى ئىما قىلدى،- لېكىن سەندىن ھازىرغىچە بىرەرمۇ خۇشخەۋەر يوق، تەكىينى ئېگىز قۇيۇۋېلىپ، ئەتراپىڭدىكى يىگىتلەرنى قاچۇرۋېتىپ تۇرامسەن، يا؟
-نەدىكىنى ئاداش، ساڭا كەلگەن تەلەي، ماڭا كەلمىدى، تىگەي دېسەممۇ بىرەرى ئالاي دەپمۇ قويمىسا، مەن تىگەي دەپ ئۆيىگە بېرىۋالغىلى بولمايدىكەن شۇ...
-ماڭەۋە، چاخچاق قىلىمىغىنە، توي قىلايلى دېگەن يىگىتلەرنى ياراتمىغان گەپ.
-چاخچاق قىلمىدىم، راست ئاداش.
-يۈرگىنىڭمۇ يوقما؟
-چىنپىششىغ يوق.
-ھوي ئوبدان گەپكەن، بۇنداق ئوڭلاغ، ئۇز قىزنى قاچۇرۋەتمەيلى مايسەم!- ئەمدى يەنە سىمىت ئېغىز ئاچتى.
-نىمە، مەن يەتمىگەندەك، مەلىكەنىمۇ ئالغۇڭىز كەلدىما، سىمىتاخۇن ئاچكۆز؟!- مايسەمنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن ئىدى.
-ياقەي، نەدىكى گەپنى قىلىدىكەنسەن ، جاپپار ئاغىنەمگە ئېلىپ بىرەيلى دېمەكچىمەن.
-ھە، ئەسلىدە مۇنداق ئويلىغانمىدىڭلار، بۇ ياغدەك گەپكەنغۇ، ئالتۇن ئۈزۈككە ياقۇت كۆز دېگەن شۇ. جاپپار بولىدىغان يىگىت، ساڭا ماس كېلىدۇ ئاداش، بىز ئۇنىڭ بىلەن خوشنا، توي قىلساڭ بىزمۇ خوشنا بولىمىز، يەنە ئايرىلمايمىز دېگىنە، يۇلۇڭنى بىز ماڭايلى، ئاشۇنىڭغىلا تەگكىنە ئاداش،- مايسەمگە بۇ گەپ بەكمۇ ياققان ئىدى، شۇڭا دەررۇ يولدىشى سىمىتنىڭ گىپىنى قوللاپ قۇۋۋەتلىدى.
- مانتا كۆرمىگەن ئابدال قاسقانغا دۇم چۈشۈپتۇ، دېگەندەك، بىردەمنىڭ ئىچىدە توينىڭ گىپىنى چىقىرىپ بولدۇڭا، ئالدى بىلەن كۆرۈشۈپ باقسۇن، مەلىكەنىڭ كۆڭلىگە ياقسا ئاندىن بىر گەپ بولمامدۇ، جاپپار مېنىڭ جان دوست ئاغىنەم، ئۇ سۆزۈمنى ئاڭلايدۇ. بىراق ، بۇ ئىشنىڭ بولۇش-بولماسلىقى مەلىكەنىڭ رايىغا باغلىقتە،- سىمىت شۇنداق دېگەچ مەلىكەگە قارىدى، مەلىكە بولسا نىمىنىدۇر ئويلىغاندەك بېشىنى بوشقىنە لىڭشىتىپ قويدى.
-شۇنداق ئاداش،- دېدى مايسەم ،-جاپپار ئۆزى ئەدەپلىك، يۇۋاش، بوي-بەستى كىلىشكەن يىگىت، ئىرىم بار دەپ نەگە ئاپارساڭ ئاپارغۇچىلىكى بار، سىمىت دېگەندەك ئاۋۋال كۆرۈشۈپ باققىن، كۆڭلۈڭگە يارىسا جاۋابىنى بىزگە بەرگىن، بۇلامدۇ؟
-ماقۇل،- دېدى مەلىكە بوشقىنە ئاۋازدا، تارتىنىپراق.
شۇنداق قىلىپ مەلىكە جاپپار بىلەن كۆرۈشتى. ئەسلىدە ئۇنىڭ يىگىتلەرنى شەرت قويۇپ تاللىغۇسىمۇ يوق ئىدى، پەقەت تەندۇرۇس، گەپ-سۆزى جايىدا بولسىلا تىگىۋېرىشنى ئويلىغان ئىدى. لېكىن كۈتمىگەندە سىمىتنىڭ تونۇشتۇرىشى بىلەن ئۆزىنىڭ ئويلىغىنىدىنمۇ ياخشى بىر يىگىتكە ئۇچرىشىنى خىيالىغا كەلتۈرۈپمۇ باقمىغان ئىدى. جاپپار سىمىت بىلەن مايسەم تەسۋىرلىگەندەك، ئەدەپ-قائىدىلىك، گەپ-سۆزى جايىدا، كېلىشكەن يىگىت ئىدى. خۇددى يەر ئۇسسۇزلىقىغاقېنىش ئۈچۈن سۇغا تەشنا، سۇ سىڭىش ئۈچۈن يەرگە تەشنا بولغاندەك،  ئىككى ھەپتە ئۆتمەستىنلا ئۇلارنىڭ تۇيى بولدى. مايسەمنى ئۆيدىكىلىرى شەرىئەتنىڭ قائىدە- ئەھكاملىرى بۇيىچە يۈزىنى يۆگەپ روپاش قىلىپ چىقىرىپ بەردى. جاپپارمۇ شۇنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. تويدىن كېيىن مايسەم بىلەن جاپپار ئۇڭايلا چىقىشىپ كەتتى.
مايسەم بىلەن مەلىكە ئىلگىرى ساۋاقداش ھەم دوست بولسا، ئەمدى ساۋاقداش ھەم دوستلا ئەمەس، بەلكى يېقىن قوشنا بولدى. گاھى كۈنى تاماقنى مايسەمنىڭ ئۆيىدە ئەتسە، گاھى كۈنى مەلىكەنىڭ ئۆيىدە ئېتەتتى، ھەتتا ئېتىزغىمۇ ئىشلىگىلى بىللە چىقاتتى. بىكار قالغان چاغلىرىدا، مەلىكە مايسەمنىڭ ئۆيىگە كىرىپ قانغۇدەك مۇڭدىشىپ چىقاتتى. سىمىت بىلەن جاپپارمۇ ئۇلارنىڭ دوستلۇقىغا دەخلى قىلمىدى. شۇ چاغلاردا مەلىكەنىڭ قۇرسىقىدا قالدى. جاپپار تۇنجى پەرزەنتىنى كۆردى. ئۇمۇ مەلىكەنىڭ ئىززەت- ھۆرمىتىنى ئالاھىدە قىلدى. تۇغۇت مەرىكىدىكى ھېچنىمسىنى كەم قىلمىدى.
يىل ئۆرۈلدى، مايسەم ئىككىنچى بالىسىغا قۇرساق كۆتۈردى. قائىدە بۇيىچە مايسەمنى ئاتا-ئانىسى ئۆيىگە ئېلىپ كەتتى. شۇنداق كۈنلەرنىڭ بېرىدە، مەلىكە مايسەمنى ئىزدەپ كىردى، ئۆيدە سىمىت يالغۇز ئىدى.
-مايسەم بارمۇ؟- دەپ سورىدى مەلىكە سىمىتتىن.
-يوقتى- دېدى سىمىت جاۋابەن.
-نەگە كەتتى؟
-ئاتا-ئانىسى ئېلىپ كەتتى.
-ھە، شۇنداقمۇ؟ بىز يېقىن بولغاندىكىن داستىخان تەييارلىشىپ بىرەتتۇق، ئەجەپ ماڭا دىمەپتا، بۇ مايسەم.
- ئۆيدىكىلەر كەلگەندە كەچ كىرىپ قالغان ئىدى، ئۇنداق چاغدا ئىككىڭلارنى ئاۋارە قىلمايلى، دېگەنتۇق.
-نىمە ئاۋارىچىلىقتى، تاماققا ھە-ھۇ دەپ بىرەتتىم...
-بىزنىڭ ئۆيدىكىلەر كەپتىكەن، شۇلار تاماق قىلدى.
-شۇنداقمۇ، بۇپتۇ ئەمىسە، مەن چىقاي.
-نېمىگە ئالدىرايسىز، ماڭا تاماق قىلىپ بىرىپ چىقىڭە، شۇ تاپتا قۇرسىقىم ئېچىپ ئېچىرقاپ كەتتىم- سىمىت قۇرسىقىنى سىلاپ قويۇپ، مەلىكەگە قىرلىق گەپ قىلدى، ئۇنى دېمىسىمۇ سىمىت مەلىكەگە كۆز سالغىلى خېلى ئۇزۇن بولغان ئىدى.
-تاماقنى بىزنىڭ ئۆيدە تەييارلاي، پىشقاندا چىقىپ يەپ كىرىڭە بولمىسا.
-ياق ئۆيىڭىزدە تەييارلىغان تاماقنى يىگۈم يوق، ماۋۇ بىزنىڭ ئۆيدە تەييارلىغان تامىقىڭىزنى بىر يىگۈم بار مەلىكەم،- سىمىت <<مەلىكەم>> دېگەن سۆزنى ئۇرغۇلۇق ئېيتتى.
-ئۇنداق دېسىڭىز بولمايدۇ سىمىت، جاپپار سىزنىڭ ئاغىنىڭىز تۇرسا، سەت تۇرىدۇ، - مەلىكە سىمىتنىڭ ھامان بىر كۈنى شۇنداق دەيدىغانلىقىنى ئالدىن پەرەز قىلغان ئىدى. ئۇمۇ سىمىتنى كۆرگەندە، نىمىشقىدۇر تەمتىرەپ، يۈرىكىنىڭ سۇقۇشى جىددىيلىشىپ كىتەتتى. بۇنىڭدىن ئۇنىڭ يۈرىكىنىڭ قايسىدۇر بىر يەرلىرىدە ساقلىنىپ قالغان يۇشۇرۇن ئوتنىڭ كۆيۈۋاتقانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. راست، بۇ ئوت- مەلىكە دەسلەپ مايسەمنى ئىزدەپ كەلگەندە ئىككەيلەننىڭ كۆزى ئۇچراشقان دەقىقە ئىچىدىكى يانغان ئوت ئىدى. مەلىكە ھازىرغىچە بۇنى سەزدۈرمەسلىككە تىرىشىپ كەلدى. چۈنكى ئۇ بىرىنچىدىن، ئېرى جاپپار بىلەن دوستى مايسەمگە يۈز كىلەلمەيتتى، ئىككىنچىدىن، شەرىئەت ئەھكاملىرىدىن چەتنەپ، ئەرلەردىن ئۆزىنىڭ ئەۋرەت جايلىرىنى خالىي تۇتمىسا، رۇپاش بولغاننىڭ گۇناھى تېخىمۇ ئېغىر بۇلاتتى. لېكىن ئۇ بۈگۈن سىمىتنىڭ گىپىنى كەسكىن ، قاتتىق قوللۇق بىلەن رەت قىلالمىدى. بۇ چاغدا ئۇنىڭ يۈرىكىنى يۇشۇرۇن كۆيدۈرىۋاتقان ئوت نىيەتتىن ئۈستۈن كەلگەن ئىدى. شۇنداق، ئادەمنىڭ ئەقلى كاللىسىدىن قېچىپ چىقىپ، دۈمبىسىگە مىنىۋالغاندا، بىر دەملىك ھېسسىيات نىيەتتىن غالىب كېلىدۇ. مەلىكەنىڭ ئەقلى ئەنە شۇنداق كاللىسىدىن قېچىپ چىقىپ دۈمبىسىگە مىنىۋالدى. شۇڭا ئۇ سىمىتنىڭ ئالدىدا تەمتىرەپ، پەقەت << جاپپار سىزنىڭ ئاغىنىڭىز تۇرسا، سەت تۇرىدۇ>> دېگەن گەپنىلا دىيەلىدى.
-بىلىندۈرمىسەك بولمىدىمۇ مەلىكە،- سىمىت مەلىكەنىڭ يۇمشاپ قالغان مۇئامىلىسىدىن ئۈمىد شامىنى ياندۇرغان ئىدى. - سىز دەسلەپتە بىزنىڭ ئۆيگە كەلگەن چېغىڭىزدىن باشلاپ، يۈرىكىمگە ئوت تۇتاشقان ئىدى. شۇ چاغدىكى ئاجايىپ گۈزەل لاتاپىتىڭىز مېنى ئەسىر قىلىپ يۈرىكىمدە كۆيۈك ئوتىنى تۇتاشتۇرغان ئىدى، ھازىرغىچە بۇ ئوت ئۆچكىلى ئۇنىمىدى. سىزنى جاپپارغا ئېلىپ بىرىشتىمۇ، يىراققا ئۇچۇپ كەتمىسۇن دەپ، مەن ئارىغا چۈشكەن ئىدىم. مېنى بۇنداق قىيناۋەرمەڭ، سىزنى مۇشۇنداق ئوبدان ئۆيگە ئەكىرىپ قويغان، سىزنى ئامەتلىك- تەلەيلىك قىلغان  مەن جۇما، بۇنى ئۇنتۇپ قالمىغانسىز،-سىمىت شۇ گەپلەرنى دەپ ئىلتىجالىق كۆزلىرىنى مەلىكەگە تىكتى.
مەلىكە سىمىتنىڭ بۇ تەسىرلىك گەپلىرىدىن ئوتقا چۈشكەن بۆرەك يېغىدەك ئېرىپلا كەتتى. ئۇنى دېمىسىمۇ، مەلىكە ھەر قېتىم سېمىتنى كۆرگەندە ئىختىيارسىز تەمتىرەپ كىتەتتى. يۈرىكىنىڭ بىر يەرلىرى ئېچىشىپ، ئۆزىنى ئارانلا تۇتۇۋېلىپ كەلگەن ئىدى. ‹‹ ئۆزۈمنى قىيناپ قاچانغىچە يۈرۈيمەن، بۈگۈنكىدەك پۇرسەت ئەمدى يەنە نېسىپ بولامدۇ- يوق، بۇمۇ بىر گەپ ئەمەسمۇ›› مەلىكە مۇشۇلارنى كۆز ئالدىغا كەلتۈرۈپ، شۈكلەپ قالدى. كۆزىنى ئاستا يۇمدى ۋە <<جاپپار بىلەن مايسەم بىلىپ قالماس-ھە،>> دېدى پەس ئاۋازدا.
-بىلىپ قالمايدۇ، خاتىرجەم بولۇڭ،- دېدى سىمىت دەررۇلا ئۆزىنىڭ ياغلىما گەپلىرىنىڭ تەسىرىنى كۆرسەتكەنلىكىنى ھېس قىلىپ، ئۇ مەلىكەنىڭ يېنىغا بېرىپ ئىككى قولىنى چىڭ سىقتى. ئاندىن چاچلىرىنى يىنىك سىيلىدى. شۇئان مەلىكەنىڭ بەدىنىگە ئىللىق بىر سىزىم تارىدى. بەدىنى ئىللىق سىزىمدە ئېرىشكە باشلىدى. مەلىكە ئەمدى ئېرى جاپپارنىمۇ، دوستى مايسەمنىمۇ، ئۆزىنىڭ روپاش ئىكەنلىكىنىمۇ پۈتۈنلەي ئۇنتۇغان ئىدى، ئۇ مەستخۇش ھالەتتە ئۆزىنى سىمىتنىڭ مەيلىگە تاپشۇرىۋەتتى. خۇددى قۇرسىقى ئاچقان مۇزاي تۇمشۇقىنى ئانا كالىنىڭ ئەمچىكىنى ئىمىشكە سوزغاندەك، مەلىكە كۆزىنى يېرىم يۇمغىنىچە لېۋىنى ئۇچلاپ، سېمىتنىڭ لېۋىگە يېقىنلاشتۇردى. سىمىت قويغا ئېتىلغان ئاچ بۆرىدەك مەلىكىگە ياماشتى، چېلىشچىلاردەك بىلىدىن قۇچاقلاپ دەس كۆتۈرگىنىچە ئىچكەركى ئۆيىگە ئەكىرىپ كەتتى.
كۆڭۈل دېگەن ئىككى خىل نەرسىگە ئوخشايدۇ: بىرىنچىسى، كۆڭۈل دېگەن گىگانت قارىغايغا ئوخشايدۇ، ئۇ بىرسىنىڭ كۆڭلىدە ئۈنۈپ چىقتىمۇ ، ئۇ شۇ كىشىنىڭ كۆڭلىدە قىش- يازدىمۇ، بۇران- چاپقۇندىمۇ ياپ- يېشىل ھالدا كۆكلەۋېرىدۇ. يەنە بېرى، كۆڭۈل دېگەن ئېقىپ تۇرغان سۇغا ئوخشايدۇ، ئۇ- قەيەر چوڭقۇرراق بولسا شۇ يەرگە قاراپ ئېقىپ كېتىدۇ. كىم كۆڭلىنى بىراۋغا يېقىنراق تۇتسا، ئۇنىڭ كۆڭلىمۇ شۇ يېقىنلاشقان كۆڭۈلنىڭ كەينىدىن كىتىپ قالىدۇ. مانا، مەلىكەنىڭ كۆڭلىمۇ دەل سۇغا ئوخشاش سىمىتنىڭ چوڭقۇر يېرىگە ئېقىپ كەتكەن ئىدى.
ئارىدىن بىر قانچە كۈن ئۆتكەندىن كېيىن، مايسەم يولدىشى بىلەن كۆرۈشكىلى كەلدى. ئۆي بەكمۇ قالايمىقان ئىدى. كونىلار: ئايال كىشى ئۆينىڭ زىننىتى دەپ بىكار ئېيتمىغان. ئاياللار ئۆيگە نىسپەتەن بىر- بىرىگە قارىمۇ- قارشى بولغان ئىككى تەبىقىگە ئوخشايدۇ، بىر قارىساڭ ئاياللار ئۆينىڭ خۇجايىنىغا ئوخشايدۇ، ئۇلار ئۆيدىكى بارلىق مۈلۈكلەرنىڭ ئىگىسى، ئاياللار ئۇنى تۈجۈبىلەپ باشقۇرىدۇ؛ يەنە بىر قارىساڭ ئاياللار ئۆي خىزمەتچىسىگە ئوخشايدۇ، ئۆي تازىلاشتىن باشلاپ، كىر يۇيۇشقىچە، تاماق ئىتىشتىن باشلاپ قاچا- قۇچا يۇيۇشقىچە... ئۇلۇغ- ئۇششاق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئاياللار قىلىدۇ. مايسەم چوڭ ئۆيىگە كەتكەن بىر قانچە كۈننىڭ  ئىچىدە بۇ ئۆينىڭ شۇنچە قالايمىقان بۇلۇپ كەتكىنىگە ئانچە ۋايساپ كەتمىدى. چۈنكى ئۇ ئۆينىڭ پارچە- پۇرات ئىشىلىرىنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ كۆنۈپ كەتكەن، ئۇنىڭچە ئەرلەرنىڭ ئۆي ئىشىلىرىنى قىلىشى ئەرلىك  قەدىر- قىممىتىنى ساقلىمىغانلىق ھېسابلىناتتى. شۇڭا مايسەم تومپايغان قۇرسىقىنى كۆتۈرۈپ يۈرۈپ ئۆي يىغىشتۇرۇشقا تۇتۇندى. ئىشىك- دېرىزىلەرگە پەردە تارتىلغان بولۇپ ئۆي ئىچى غۇۋا ئىدى. دېرىزىلەرنىڭ پەردىلىرىنى ئىككى تەرەپكە تارتىۋېتىپ، ئۆي ئىچىنى يۇرۇتتى، دېرىزىلەرنى ئېچىپ ھاۋا ئالماشتۇردى. ئاندىن ياغاچ سۇپىدىكى ئۇرۇن- كۆرپىلەرنى يىغىشتۇردى، سىمىتنىڭ ئۇياق- بۇياقتا چېچىلىپ ياتقان كىيىملىرىنى رەتلىدى. دەستىسى ئۈچ يەردىن بۇغۇلغان سۈپۈركە بىلەن ياغاچ سۇپىنى يېنىش- يېنىشلاپ سۈپۈرۈپ چىقتى. ئۆينىڭ سەيناسىغا گازىر، خاسىڭ، ئالما شۈپەكلىرى، ئۈزۈم ساپىقى، پۈرلەشتۈرۈپ تاشلىۋەتكەن تازىلىق قەغىزى قاتارلىقلار يىغىلدى. بىر چاغدا مايسەمنىڭ يۈرىكى <<قارتتىدە>> قىلدى. ئۇ ئەخلەتلەرنى تاشلىۋېتەي دەپ ئىككى قۇلىدا ئۇچۇملاپ ئېلىۋېدى، پۇرلاشقان ئاق تازىلىق قەغىزى ئۇنىڭ دىققىتىنى تارتتى. ئۇ قول سۈرتكەن ياكى شىرە سۈرتكەن قەغەز ئەمەس ئىدى، بەلكى قانداقتۇر شىلىمشىق نەرسىنى سۈرتكەن قەغەز ئىدى. <<سىمىت مەن ئۆيدە يوق چاغدا باشقا بىر ئايال بىلەن ... >> دېگەنلەرنى ئويلىدى. لېكىن ئۇ بۇ خىيالىدىن دەرھال يېنىۋالدى. مايسەم سىمىتكە بەكمۇ ئىشىنەتتى. سىمىتنىڭ تۇنجى بالا يۈزى كۆرگەن چاغدىكى ۋە ئۇندىن كېيىنكى ۋاقىتلاردىكى مايسەمگە كۆيۈنگەنلىرى تاھازىرغىچە ئۇنىڭ يادىدا ساقلىنىپ تۇراتتى. شۇڭا ئۇ: << سىمىت ئۇنداق قىلمايدۇ، بەلكىم ئۇنداق ئەمەستۇ، بۇ ئىشنى سىمىتنىڭ يۈزىگە سالماي، لېكىن دارىتمىلاپ ئۆتۈپ كىتەي، بۇندىن كېيىن  دىققەت قىلسۇن، ئەگەر شۇنداق خىيالدا بولسا خىيالدىن توختىتىسىلا بولمىدىمۇ>> دەپ ئويلىدى-دە، ئەخلەتلەرنى تۆكىۋەتتى.
-سىمىت،- دېدى مايسەم ئۇنىڭ كۆزىگە تېكىلىپ تۇرۇپ.
-ھە نېمە بولدى خوتۇن،- دېدى سىمىتمۇ جاۋابەن،- بۇندىن كېيىن مەن ئۆيدە يوق چاغدا، ئايال كىشى كىرسە دەرھال چىقىرىۋېتىڭلا ماقۇلمۇ!؟
-نېمە دەۋاتىسەن خوتۇن، سەن چوڭ ئۆيگە كەتكەننىڭياقى بۇ ئۆيگە ئايال كىشى كىرىپ باقمىدى، راست گەپ،-سىمىت خۇددى ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك مايسەمنىڭ گۇمانىنى ئۆزىگە يېقىن كەلتۈرمىدى.
-ئابايام ئۆينى سۈپۈرىۋاتسام ئايال كىشى ئىشلەتكەن قەغەز تۇرىدۇ، يىغىپ ئاچىقىۋەتتىم. بۇنىڭدىن كېيىن دىققەت قىلىڭ، دېمەكچى شۇ.
سىمىت دۇدۇقلاپ قالدى ۋە : - ماقۇل سېنىڭ گىپىڭنى ئاڭلايمەن، خاتىرجەم بول خوتۇن،- دېدى.
-ئەمىسە قەسەم قىلىپ بىرىڭلا.
-قەسەم،-سىمىتنىڭ يۈزى ئوت كەتكەندەك قىزارغان بولۇپ، ئوڭ يۈزىگە مەجبۇرىي كۈلكە يۈگۈرتكەن ھالدا مۇشتىنى تۈگۈپ شۇنداق دىدى،-بۇندىن كېيىن ئايال كىشى ئۆيگە كىرسە دەرھال چىقىرىۋېتىمەن، ئۇنداق- بۇنداق ئىش قىلمايمەن، ئەگەر قەسەمگە ئەمەل قىلمىسام ئانام خوتۇنۇم بولۇپ قالسۇن! بولدىمۇ؟ ئەمدىغۇ ئىشەنگەنسىلە،- سىمىت مايسەمنىڭ يېنىغا يېقىن كىلىپ ئەركىلىگەن ھالدا بومبايغان قۇرسىقىنى سىلاپ قويدى.
-ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم،- دېدى مايسەممۇ سىمىتكە ئامراقلىق بىلەن قاراپ.
ئەرلەر ئۈچ خىل تائىپىگە ئوخشايدۇ. بېرىنچى خىلدىكى ئەرلەر ئىنسانىي ۋېجدانى بار ئەرلەر، بۇنداق ئەرلەر دۇرۇس نىيەتلىك، ساپ دىل، مۇھەببەتنى قەدىرلەيدىغان، خوتۇنىغا سەمىمىي سادىق ئەرلەردۇر. ئاياللار بۇنداق ئەرلەرنى قەدىرلىشى زۈرۈردۇر. ئىككىنچى خىلدىكى ئەرلەر شەيتان مىجەزلىك ئەرلەر. بۇنداق ئەرلەر قىز- ئاياللارنى ئالداشقا بەكمۇ ماھىر كېلىدۇ. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەرخىل شىرىن- سۇخەن، ياغلىما گەپلىرى ئارقىلىق ئاياللارنىڭ كۆڭلىنى ئېرىتسە، سۈنئىي ھالدىكى ساختا كۆيۈنۈش، زورمۇ- زور سۈركىلىش، سالجىدەك چاپلىشىۋېلىش ئارقىلىق دىلىنى رام قىلىپ، مەقسىتىگە يەتكەندىن كېيىن ئاياللارنى ئويۇنچۇق ئورنىدا ئەخمەق قىلىشقا باشلايدۇ. ئاياللار ئاخىر شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ پۇشايماننى ئالغىلى <<قاچا>> تاپالماي قالىدۇ. ئۈچىنچى خىلدىكى ئەرلەر بولسا مىشچان ئەرلەردۇر. بۇخىلدىكى ئەرلەر- ئۇڭايلا شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ، ئايالىنىڭ ئالدىدا كەچۈرگۈسىز خاتالىق سادىر قىلىدۇ. ئايالى بۇنى سىزىپ قالسا، ئايالىنىڭ ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ كەچۈرۈم سورايدۇ، ياكى قەسەمدىن ئۆتۈدۇ. ئايالىنىڭ كەچۈرىشىگە ئېرىشكەندىن كېيىن يەنە ئۆز يولىغا راۋان بولىدۇ، بىلگىنىنى قىلىدۇ. ئاياللار بۇنداق مىشچان ئەرلەردىن قاتتىق ئىھتىيات قىلمىقى كېرەكتۇر.
مايسەم سىمىتتىن خاتىرجەم بولغاندىن كېيىن، ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كەتتى. لېكىن سىمىت مايسەمگە بەرگەن قەسىمىنى ئۇنتۇپ مەلىكە بىلەن يەنىلا پاختەككە ئوخشاش <<گۇكۇڭ- گۇك>>○2 ئويۇنىنى ئويناۋەردى.
كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ سىمىتنىڭ مايسەمگە بولغان مۇھەببىتى سۇسلىشىشقا باشلىدى، مايسەم تۇنجى بالىسىنى قۇرساق كۆتۈرگەندە، سىمىت گاھى چاغدا ھەر كۈنى مايسەمنىڭ يېنىغا باراتتى، ھېچ بولمىغاندا ئۈچ كۈندىن ئېشىپ كەتمەيتتى. مانا ئىككىنچى بالىسىغا قۇرساق كۆتۈرگەندە بولسا، ھەپتىدە بىرەر قېتىممۇ بېرىپ قويمىدى، ھەتتا ئايلاپمۇ بارمىدى، بۇ چاغدا مايسەمنىڭ كۆڭلى سەل رەنجىدى. لېكىن ‹‹سىمىتنىڭ ۋاقتى يەتمىگەن گەپ›› دەپ ئۆز-ئۆزىگە تەسەللى بىرىشى نەتىجىسدە، بۇ رەنجىشى بىردەمدىن كېيىن ئۆزلىكىدىنلا يۇقاپ كېتەتتى. شۇنداق قىلىپ مايسەم ئىككىنچى بالىسىنى تۇغدى. ئۇ تۇغۇپ توققۇز كۈن ئۆتكەندە تۇغۇت مەرىكىسى بىلەن بالىنىڭ ئات تۇيىنى بىللە ئۆتكۈزدى. ئۇ بۈگۈن ھويلىسىدىكى سۇپىدا ئولتۇرۇپ ئۆزىچە سىمىتنى ئويلاپ قالدى. سىمىت مايسەمنىڭ تۇغۇت مەرىكىسى بىلەن بالىنىڭ ئات تۇيىنى ئۆتكۈزگەندە كەلگەنچە يۇقاپلا كەتكەن ئىدى. ئۇ نە بىرەر قوينىڭ كاللىسى، نە بىرەر كىلو قوي گۈشى ئېلىپمۇ كەلمىدى، ئۇنى سېتىۋېلىشقا قۇربى يەتمىسە ئىككى تال كەمپۈت بولسىمۇ ئالغاچ كىلىپ، ئەھۋال سورىغاچ، بالىسىنى كۆرۈپ كەتسىمۇ بولاتتىغۇ. مايسەم شۇلارنى ئويلاپ كۆڭلى يېرىم بولدى. كۆزىدىن ئىككى تامچە ياش چىقىپ كەتكىنىنىمۇ تۇيمايلا قالدى. تۇيماي قالدى ئەمەس، كۆزىدىن ياش چىققىنىنى تۇيدى، بەلكىم ئانىسى سىرتتىن كىرمىگەن بولسا، ئۇنىڭدىنمۇ جىقراق ياش چىقىشى مۇمكىن ئىدى، لېكىن ئانىسىنى كۆرۈپ يېشىنى توختىتىۋالدى. ئانىسى: كۆزۈڭىزدىن ياش چىقىپتۇ، نېمە بولدىڭىز؟ دەپ سورىغاندا، كۆزۈمدىن ياش چىققىنىنى تۇيماي قاپتىمەن، دەپ يالغاندىن جاۋاب بەردى. ئانىسىمۇ بۇنىڭغا ئىشەندى.
-قىزىم،- دېدى مايسەمنىڭ ئانىسى نەۋرىسىنى قۇچىقىغا ئالغاچ،- ئادىشىڭ مەلىكە يۇقاپ كىتىپتىمىشقۇ.
-نىمە! مەلىكە يۇقاپ كىتىپتۇ!؟
- شۇنداق.
-كىم شۇنداق دېدى؟
-قوشنىلا شۇنداق دىيشىۋېتىپتۇ، مەنمۇ شۇلاردىن ئاڭلىدىم.
-نىمە بۇپ يۇقاپ كېتىپتۇ، ئانا؟
-ئاڭلىساق، تۆنۈگۈن كىچىدە جىن ئېپ قېچىپتىمىش.
-قانداق جىنكەن ئۇ؟
-تاڭ بىلمىدىم.
-توۋا قانداق گەپتۇ بۇ، ئېرىنىڭ ئۆيىدىن ئېپ قېچىپتۇمۇ ياكى ئاتا- ئانىسنىڭ ئۆيىدىنما؟
-ئاتا- ئانىسنىڭ ئۆيىدىنمىش.
-كىچە سائەت نەچچىدىكى گەپكەن ئۇ ئانا؟
-سائەت ئىككى بولغان ۋاقمىش. مەلىكە ئېرىگە مەن ئاتا- ئانام بىلەن كۆرۈشۈپ ئەتە كېلىمەن دەپ قويۇپ چوڭ ئۆيگە كەپتىكەن. ئۇنىڭغا ئانىسى ئايرىم ئۆيگە جايا ○3سېلىپ بىرىپتۇ، كىچە سائەت ئىككى بولغاندا، مەلىكەنىڭ بالىسى يىغلاۋېرىپتۇ، لېكىن مۇتلەق يىغىدىن توختىماپتۇ، شۇنىڭ بىلەن ئانىسى كىرسە مەلىكە ياتقان يېرىدە يوقمىش، بىر يېرىم ياشلىق بالىنى  يالغۇز تاشلاپ قويسا ئەلبەتتە قورقۇپ يىغلىمامدۇ قىزىم، مەلىكەنىڭ ئانىسى بىچارە بالىنى قۇچىقىغا ئېلىپ بەزلەپ ئولتۇرۇپتۇ، مەلىكىنى ھاجەتكە چىقىپ كەتكەن بولسا كىرىپ قالار دەپ ساقلاپ بېقىپتۇ ، لېكىن كىرمەپتۇ، قول چىراقنى ياندۇرۇپ باغقا چىقىپ توۋلاپ بېقىپتۇ، مەلىكە <<ئوۋ>> دىمەپتۇ، ھېچيەردە كۆرۈنمەپتۇ. شۇنداق قىلىپ كىچە سائەت تۆت بۇپتۇ، مەلىكەنىڭ ئاتا-ئانىسى جىددىيلىشىپ، جاپپارغا تېلىفۇن قىلىپ، مەلىكەنىڭ بارغان- بارمىغانلىقىنى سوراپتۇ.
-يولدىشى نىمە دەپتۇ، يولدىشىنىڭ يېنىغىمۇ بارماپتىما؟-مايسەم دوستى ھەم قوشنىسى مەلىكەدىن ئەنسىرىگەن ئىدى.
- بارماپتۇ. ئەتىسى مەلىكەنىڭ دادىسى ۋە ئاكىلىرى ئۇرۇغ- تۇققانلىرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئىزدەشتۇرۇپتۇ، تاپالماپتۇ.
-ئەمىسە، ئۇنى جىن ئېپ قېچىپتۇ، دېگەن گەپنى كىم تېپىپتۇ؟
- ئەتىسى چۈشكىچە ھەممەيلەن مەلىكەنى ئىزدەپ تاپالماي تۇرسا، مەلىكە چوڭ ئاكىسىغا تېلىفۇن قىلىپتۇ.
-تېلىفۇندا نىمە دەپتۇ؟
-تېلىفۇندا: مېنى بىر جىن ئېلىپ قاچقانتى، ھازىر مەن شۇ جىن بىلەن تاماق يەۋاتىمەن، مەندىن ئەنسىرىمەڭلار،- دەپتۇ ۋە كەينىدىنلا تېلىفۇننى ئىتىۋېتىپتۇ. شۇنىڭ بىلەن ئالاقە ئۈزۈلۈپتۇ. بەلكىم ئاشۇ جىن تېلېفۇننى ئەتتۈرىۋەتكەن گەپ.
-مۇنداقمۇ ئىش باركەن دېسە، بىچارە ئادىشىم يۈزىنى يۆگەپ روپاش بولغاننىڭ كاپارىتىگە كەتكەن ئوخشايدۇ، مەن بېرىپ ئانىسىغا تەسەللىي بىرىپ كىلەيمىكىن، ئانا.
-شۇنداق قىلىڭ قىزىم، مەلىكە سىزنىڭ يېقىن ئادىشىڭىز ئىدى، بۇنداق چاغدا ئانا دېگەن بەكمۇ ئىچ- پۇشۇق تارتىدۇ، سىز بولسىڭىزمۇ ئانىسىغا تەسەللىي بىرىپ قۇيۇڭ.
مەلىكەنىڭ چوڭ ئۆيى مايسەمنىڭ چوڭ ئۆيىگە ئانچە يىراق ئەمەس ئىدى، شۇنداق بولسىمۇ، مايسەمنىڭ بەدىنى تېخى ئەسلىگە كىلىپ بۇلالمىغانلىقى ئۈچۈن، ئۇكىسى ئۇنى توكسېكىلىتتا ئاپاردى. مەلىكەنىڭ چوڭ ئۆيىنىڭ ھويلىسىدا قۇلۇم-قوشنىلار، ئۇرۇق- تۇغقانلىرى ئولتۇرىشاتتى. مايسەمنى كۆرگەن مەلىكەنىڭ ئانىسى ھۆڭرەپ يىغلاپ كەتتى:
-ۋاي قىزىم، جىن ئېپ قاچسۇن دەپ باققانمۇ سېنى قىزىم، جىن ئېپ قاچسۇن دەپ روپاش قىلغانمۇ بىز سېنى قىزىم، جىننىڭ يېنىدا قانداقمۇ تۇرالىغانسەن قىزىم، جىندىن قورقمىدىڭمۇ قىزىم، جىننىڭ يېندا نېمە يىگەنسەن قىزىم، ئاھ قىزىم، ۋاي قىزىم، ئاھ قىزىم...
مەلىكەنىڭ ئانىسىنىڭ زارىغا چىدىمىغان مايسەم ئىككى ئالقىنىدا يۈزىنى توسقىنىچە مەلىكەنىڭ ئانىسىنىڭ يېنىغا باردى. ئۇلار يىغلىشاتتى،  بىر- بىرىنىڭ يېشىنى سۈرتۈشەتتى.
-كۆڭۈللىرىنى بۇزمىسىلا مەلۇمخان، سىزمۇ يىغلىماڭ سىڭلىم،- مەلىكەنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى مەلۇمخان ئىدى، ئۇ كۆپ يىغلىغانلىقتىن كۆزلىرى قىزىرىپ، قاپاقلىرى ئىششىپ كەتكەن ئىدى. تۇغقانلاردىن پىشقەدەمرەك كەلگەن، چېچىنى ئاق ئارىلىغان بېرى ئۇلارنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزلىدى.
-مەلىكىخان ھايات تۇرسا، ھايات ئادەمگە يىغلىسا زىيىنى بار، يىغلىمىسلا مەلۇمخاچا، - قوشنىلار ئارىسىدىن ئوتتۇرا ياشلىق، قارامتۇلراق كەلگەن يەنە بىر ئايال شۇنداق دەپ تەسەللىي بەردى.
- مەلىكىنىڭ ئاكىلىرى ئىزدەشتۈرۈپ كۆرمىدىمۇ مەلۇمخاچا، سورىدى ئاينۇرخان ئىسىملىك قۇشۇما قاشلىق يەنە بىر قوشنىسى.
-ئىزدەپ بارمىغان تۇغقانلار قالمىدى، ھېچيەردە يوق، قانداقمۇ قىلارمىز ئاينۇرخان.
-مەلىكىخاننى جىن ئېپ قاچقان بولسا، ئەسكى تاملىققا، چىڭگىلىك زىچ ئۆسكەن يەرگە، كىشىلەر جىق بارمايدىغان جىنلىغ جايلارغا بېرىپ ئىزدەپ باقسا بۇپتىكەن مەلۇمخاچا.
-قىزىمنى ئاشۇنداق يەرگە ئاپىرارمۇ ئاينۇرخان، قىزىم ئۇنداق جايدىن بەكمۇ قورقاتتى ئەمەسمۇ، ئەمدى بىزنىڭ بېشىمىزغا كەلگۈلۈكتىن مۇشۇ قالغان ئوخشايدۇ،- مەلۇمخان يەنە ئۆپكىدەپ كەتتى.
-كۆڭۈللىرىنى چاچمىسىلا- دېدى قوشنىلاردىن دۇغىلاق يۈزلۈك، سىمىزرەك كەلگەن بىر ئايال، - قىزلىرى مەلىكىخان ئۇڭلۇق چوڭ بولغان ئىدى، سىلىمۇ ئۇنى تالالىق قىلغاندا، شەرىئەتنىڭ ھۆكمى بۇيىچە يۈزىنى يۆگەپ، رۇپاش قىلىپ تالاغا چىقاردىلا، مەلىكەخان ھەممە ئەۋرىتىنى ئەرلەردىن پىنھان تۇتۇپ، پاك- دىيانەتلىك بىلەن ئېرىنىڭ خىزمىتىنى قىلغان بولسا قىزلىرى جىنلارغا ياراپ قالغان گەپ. قىزلىرىنىڭ جىنلارغا ياراپ قېلىشى- ئۇنىڭ بەختى، جىنلار دېگەن خۇدايىم ئەۋەتكەن مالائىيكىلەرمىش، مەلىكەخان مۇشۇ تاپتا جىنلاردىن تەلىم ئېلىۋاتامدۇ تېخى، ھېچنىمىنى بىلىپ بولمايدۇ، ئۇ قايتىپ كەلگەندە ئۇستا جىن موللىسى بولۇپ يىتىشىپ چىقىشىدا شەك يوق، بېشىغا كۈن چۈشكەنلەر تەرەپ- تەرەپتىن چىراغ باقتۇرغىلى، ھاجىتىنى راۋا قىلغىلى كەلسە، بېيىپ كەتكۈدەكلا مەلۇمخاچا، يىغلىماي كۈلسىلە،
-مەلىكەخان قايتىپ كەلسە بۈۋۈم بولغۇدەك ئەمىسە،- قوشنىلاردىن ياشراق كەلگەن بىرسى قىزىقىپ شۇنداق دېدى.
-ئۇنىڭغا گەپ كەتمەيدۇ، ئۆلۈشۈل○4، بەشىنچى دادۈيدىن بىر خېنىمنىما جىن ئېپ قېچىپتىكەن، ئون بەش كۈندىن كىيىن پەيدا بولۇپ ئۇستا چىراغچى بۈۋۈمگە ئايلىنىپ پەيدا بولغانمىش، بېشىغا كۈن چۈشكەنلەر بەس- بەستە بارىدىكەن، بەك تاپىدىكەن دەيدۇ، ھازىر ئۇنى باشقا ۋىلايەتتىن ئاتايەن ئىككى باي كىلىپ ئېلىپ كىتىپتۇ، ئۇ ئاشۇ ئىككى باينىڭ سودىسىنىڭ ياخشى بۇلىشىغا ئۇقۇغلىغمىشقۇ، ئۇنىڭ ئوقۇغىنى بەك ماڭىدىكەن دىيشىدىغۇ...
قوشنىلارنىڭ بۇ <<مىش- مىش>> گەپلىرىنى ئاڭلاپ مەلۇمخاننىڭ كۆڭلى خېلى كۆتۇرۇلۇپ قالدى. مايسەمنىڭ بولسا دوستى ئېرىشىدىغان بۇ ئامەتنىڭ ئۆزىگە نېسىپ بولمىغانلىقىغا كۆڭلى يېرىم بولۇپمۇ ئۈلگۈردى. لېكىن مەلۇمخان بىلەن مايسەم قوشنىلارنىڭ قۇلاق يېقىپ بىر- بىرىگە كۇسۇرلۇشۇپ:  <<جىن ئېپ قاچقان ئادەمگە جىن ئاپىتىنى سالسا ساراڭ بۇلۇپ قالىمىشكەن، مەلىكە ساراڭ بۇلۇپ قالامدۇ تېخى>> دېگەن تەشۋىشلىك سۆزلىرىنى ئاڭلىمىغان ئىدى.
   مايسەم مەلىكەنىڭ ئانىسى بىلەن يەنە بىردەم مۇڭداشقاندىن كېيىن خوشلاشتى ۋە ئېرى بىلەن كۆرۈشۈپ كېتىشنى ئويلىدى. ئۇ ئېرىنى ئىزدەپ بارغاندا، سىمىت ئۆيدە يوق ئىدى. دەرۋازا ئالدىدىكى ئىزلارنىڭ كونىراپ كەتكەنلىكىدىن، سىمىتنىڭ ئۆيگە كىرمىگىنىگە بىر قانچە كۈن بولغانلىقى بىلىنىپ تۇراتتى. مايسەم ئۇدۇل قوشنىسىدىن سىمىتنىڭ ئىزدىرىكىنى قىلدى. ئۇدۇل قوشنىسى سىمىتنىڭ ئۆلۈشكۈن كېچىدە موتوسىكىلىتقا مىنىپ چىقىپ كەتكەنلىكىنى، ئۇندىن كېيىن كۆرمىگەنلىكىنى ئېيتتى. ئاندىن جاپپاردىن، قېينئاتا- قېينئانىسىدىن سورىدى، ئۇلارمۇ بىلمەيتتى. <<بۇ قانداق گەپتۇ>> دەپ ئويلىدى ئىچىدە، <<كېچىلەپ قايتىپ كەلمەيدىغان نېمە ئىشقا بەنت بولۇپ قالغاندۇ، ئېرىمنىمۇ جىن ئېپ قاچتىمۇ يە>> دەپمۇ ئويلاپ قالدى مايسەم. ئۇ ئېرىنىڭ جىن موللىسى بولۇپ قالسا، ئۆيىنىڭ ئاۋاتلىشىپ كېتىدىغانلىقىدىن باشلاپ، پۇلىمۇ كۆپىيىدىغانلىقىغىچە شېرىن خىياللارنى قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. مايسەم ئاشۇ شېرىن خىياللارنىڭ مەستخۇشلىقىدا ئاتا- ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىلىپ قالغانلىقىنى تۇيمايلا قالدى.
كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بىر ھەپتە ئۆتۈپ كەتتى. مەلىكەنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئاكىلىرى ئۇنى ئىزدەپ ھېچيەردىن تاپالمىغاندىن كېيىن بارا-بارا ئۆز ئىشىلىرى بىلەن بەنت بولۇپ كىتىشتى. شۇ ۋاقىتتا مەلىكەدىن چوڭ ئاكىسىغا تېلېفۇن كەلدى. تېلېفۇندا: جىنلار ئۇنى قوشنا يېزىدىكى بىر تۇغقىنىنىڭ ئۆيىگە ئەكىلىپ قويغانلىقىنى، شۇ تۇغقانلارنىڭ ئۆيىدىن ئېلىپ كىتىشنى دېگەن ئىدى. پۈتۈن ئائىلىدىكىلەر مەلىكەنىڭ ئىزدىرىكى بولغانلىقىدىن بەكمۇ خۇشال بولۇپ كىتىشتى ھەمدە مەلىكەنى دەرھال ئەكىلىۋېلىشتى. مەلىكە تۇغقىنىنىڭ ئۆيىدىن كىلىپلا يۈزىنى يوتقانغا چۈمكەپ گەپ- سۆز قىلماي يېتىۋالدى. باشقىلارنىڭ سورىغان سۇئالىمۇ جاۋابسىز قالدى. باشقىلارنىڭ دېگىنىدەك ئۇ يا چىراغچى (بۈۋۈم) بۇلالمىغان ئىدى، يا ساراڭمۇ بولۇپ قالمىغان ئىدى. لېكىن نېمىلا بولمىسۇن مەلىكەنىڭ ئاتا-ئانىسى ۋە ئاكىلىرى مەلىكەنىڭ ساق-سالامەت تېپىلغىنىغا خۇش ئىدى. مايسەممۇ مەلىكەنىڭ پەيدا بولغىنىنى ئاڭلاپ خاتىرجەم بولدى.
شۇ كۈنلەرنىڭ بېرىدە سېمىت مايسەمنىڭ ئۆيىدە پەيدا بولدى. بۇ كەچ كىرىپ قالغان چاغ بولۇپ، سىمىتنىڭ قولىدا قوي گۈشىدىن بىر كىلوگرام، تەييار پۇشۇرۇلغان قوينىڭ كاللا- پاقالچىقى ۋە بىر تاۋۇز بار ئىدى، مايسەم ئەسلىدە سىمىتكە ھەرگىزمۇ قارىمايمەن دەپ نىيەت قىلغان ئىدى. لېكىن مايسەم ئېغىز ئاچماستا سىمىتنىڭ ئالدىن بىلىۋالغاندەك قىلغان چىرايلىق سۆزلىرى، كۆزلىرىدىن شەھۋەت ئۇچقۇنلىرىنى چاقنىتىپ، ئوتلۇق قاراشلىرى، ئەڭ مۇھىمى مايسەمنىڭ ئىلگىرىدىن باشلاپ چوڭقۇر ئورناپ كەتكەن مېھىرلىك كۆڭلى ئاچچىقنىڭ ئۈستىدىن غالىب كېلىۋاتاتتى. كۆڭۈل دېگەن ئاجايىپ نەرسە، ئۇ ئىككى تائىپىنىڭ زورلۇقىدىن يېڭىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ: بېرى، باشقىلار زورلۇق ۋاستىسى بىلەن كۆڭلىنى باشقىغا تاڭماقچى بولسا، بۇنىڭغا پىسەنت قىلماي يېڭىپ ئۆتۈپ كېتىدۇ؛ يەنە بېرى، ئۆزى كۆڭلۈمنى باشقىغا بېرەي دەپ شۇنچە قەتئىي نىيەت قىلسىمۇ يەنىلا كۆڭلى ئۆزى ئۈستىدىن غالىپ كېلىدۇ. ئاياللارنىڭ كۆڭلى يەنە قارىمۇ-قارشى ئىككى خىل ھالەتتە بولىدۇ: بىرىنچىسى، ئاياللارنىڭ كۆڭلى دەريادەك كەڭ بولىدۇ، بۇنداق چاغدا ئېرىنىڭ بىر ئېغىز شېرىن سۆزى ياكى تاتلىق بىرنى سۆيۈپ قۇيىشى بىلەن بارلىق ئۆچمەنلىك، گىنە-ئاداۋەتلەرنى كۆڭۈل قەسىرىدىن سۈپۈرۈپ تاشلاپ، بار تەئەللۇقاتىنى ئېرىگە ئاتايدۇ. ئىككىنچىسى، ئاياللارنىڭ ئىچى يېڭنىنىڭ تۈشۈكىدىنمۇ تار بولىدۇ، بۇنداق چاغدا، ئۇلار كۈنلەمچىلىك، ھەسەتخورلۇق پاتقىقىغا پاتقان بولۇپ، يىڭنىنىڭ تۈشۈكىچىلىك كىچىككىنە ئىشنىمۇ ئۆتكۈزىۋىتەلمەيدۇ، ئۇنى تۈگىدەك يۇغىنىتىپ ئالەمنى مالەم قىلىۋېتىدۇ. شۇڭا كونىلار كۆڭۈل دېگەن پادىشاھ، دەپ بىكارغا ئېيتمىغان.
مايسەم ئاتا- ئانىسى ۋە سىمىت بىلەن داستىخانغا جەم بولۇپ تەييار تەييار پۇشۇرۇلغان قوينىڭ كاللا- پاقالچىقىنى مەززە قىلىپ يىيىشتى، ئاندىن تاۋۇزنى پىچىپ يىدى. شۇنىڭ بىلەن مايسەمنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ كۆڭلىدىكى <<كىر>>لەرمۇ چىقىرىپ تاشلاندى. مايسەمنىڭ كەيپى ئەمدى چاغ ئىدى. ئۇ گەپ- سۆزسىزلا سىمىتكە ئەگىشىپ ئۆز ئۆيلىرىگە كىلىشتى. بۇ چاغدا ئۆيدە توك يوق ئىدى، سىمىت شام ئەكىلىش ئۈچۈن يېقىن ئەتراپتىكى دۇكانغا ماڭدى. لېكىن قېرىشقاندەك بىردەمدىن كېيىن توكمۇ ياندى. مايسەم توك يۇرۇقىدا كۆردىكى، ئۆينىڭ سۈپۈرۈلمىگىنىگە، يىغىشتۇرۇلمىغىنىغا خېلى ۋاقىت بولغان ئىدى. بەلكىم مايسەم ئۆتكەن قېتىمدا كىلىپ يغىشتۇرغانچە قالغان بولسا كېرەك، سىمىت ياتقان يوتقان- كۆرپىلەر يىغىلمىغان، كىيىم- كىچەكلەر قالايمىقان ئىدى. ئۇ كىيىم- كىچەكلەرنى رەتلىدى، يوتقان- كۆرپىلەرنى قېقىشتۇرۇپ قايتا سالاي دەپ يوتقاننى قاتلاپ سۇپىنىڭ بىر تەرىپىگە تىزدى. ئاندىن كۆرپىنى يىغىشقا باشلىدى، كۈتمىگەندە ياستۇقنىڭ يېنىدىن ئايال كىشىنىڭ لىپتىكى، كۆرپىنىڭ ئاستىدىن كۆكۈش رەڭلىك ئوزۇن يوپكا چىقىپ قالدى. مايسەم بۇ نەرسىلەرگە بىرمۇ- بىر سىنچىلاپ قارىدى، ئۆزىنىڭ نەرسىلىرىگە ئوخشاتتى، لېكىن ئۆزىنىڭ ئەمەس ئىدى. يوپكىغا قارىغانسېرى ئۇنى بىرسىنىڭكىگە ئوخشىتاتتى، لېكىن ئېسىگە ئالالمىدى، زادى كىمنىڭكىدۇ؟ ئۇ خۇددى يوپكىنىڭ بىرەر يېرىدە نىشانىسى باردەك، تېخمۇ ئىنچىكە كۈزىتىشكە باشلىدى. مانا ئۇ ئويلىغاندەك نىشانە چىقتى،  يوپكىنىڭ ئىچ ئەستىرىنىڭ ئاستىدىكى تىكىش تەرىپىگە كىچىككىنە ئاق رەختكە << مەلىكە>> دېگەن خەت يېزىلغان ئىدى. بۇ - كىيىمنى قۇرۇق يۇيۇش دۇكىنىغا بەرگەندە، دۇكاندىكىلەر كىيىم ئىگىسىنى ئارىلاشتۇرۇپ قويماسلىق ئۈچۈن يېزىلغان خەت ئىدى. مايسەم بۇ خەتنى كۆرۈپ بېشىدىن تۈتۈن چىقىپ كەتكەندەك بولدى.
-راست مۇشۇ مەلىكە ئادىشىممىدۇ؟! ئۇ ئۇنداق قىلمايدۇ، ئۇ مېنىڭ ئادىشىم تۇرسا، ئۇ ماڭا ئاسىيلىق قىلمايدۇ! لېكىن بۇ ئىسىم شۇ ئادىشىمنىڭ تۇرسا، بۇ يوپكا شۇ ئادىشىمنىڭ تۇرسا، راست مەن بۇ ئۇزۇن يوپكىنى ئادىشىمنىڭ كېيگىنىنى ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرگەن تۇرسام، ئاھ خۇدا، بۇ نېمە دېگەن سەتچىلىك! مېنىڭ جان-جېگەر ئادىشىم ئېرىمنىڭ ئاشنىسى ئىكەن ئەمەسمۇ!
مايسەمنىڭ بېشى توختىماي پىرقىرايتتى، ئۇ گاھىدا، خۇددى مۇئەللەقتە تۇرغاندەك تۇيغۇدا بولسا، گاھىدا، ئۆز ئوقى ئەتراپىدا ئايلىنىۋاتقان تۈگمەن تېشىنىڭ ئۈستىگە چىقىۋالغاندەك تۇيغۇدا ئىدى. شۇ ئەسنادا ھويلا دەرۋازىسى ئېچىلدى، سىمىت دۇكاندىن كەلگەن ئىدى. مايسەم سىمىت ئىشىكتىن كىرىپ بولغىچە ياقىسىدىن ئېلىپ ئۆينى بېشىغا كىيىشنى ئويلىدى، لېكىن يەنىلا توختاپ قالدى، ئۇنىڭچە بۇ تېخى يىتەرلىك ئىسپات ئەمەس ئىدى، ئۇنىڭ كاللىسىغا چاقماق تېزلىكىدە كونىلارنىڭ: << ئوغرىنى تۇتساڭ مېلى بىلەن، زىناخورنى تۇتساڭ جۈپتى بىلەن>> دېگەن ماقالى كەلگەن ئىدى. <<ياق، ھازىرچە بىلىندۈرمەي تۇراي، ھازىر بۇ ئىشنى سۈرۈشتۈرسەم، ماڭا ئوڭ- تەتۈر جاۋاپ بىرىپ، بۇ ئىسپاتنىمۇ يوققا چىقارمىسۇن، پۇرسەت كۈتۈپ تۇرۇپ ئىككىسىنىڭ نەق ئۈستىگە چۈشەي، ئۇ چاغدا نەم- نەمگە چۈشمىگىنىنى مەن بىر كۆرەي>>. مايسەم شۇلارنى ئويلاپ لىپتىك ۋە ئوزۇن يوپكىنى پۈرلىگەنچە ساندۇققا سالدى ۋە ھېچقانداق ئىش بولمىغاندەك ئۆز ئىشى بىلەن مەشغۇل بولدى.
-توك ياندىما،- دېدى سىمىت ئىشىكتىن كىرىپلا مايسەمگە قاراپ.
-ھەئە، سىز دۇكانغا مېڭىپلا يانغان،- مايسەم سۇغۇقلا جاۋاپ بەردى.
-دۇكانغا باسام، توك يېنىغلىق تۇرىدۇ، تېخى مەن بىزنىڭ ئۆينىڭ توك سىمى ئۈزۈلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ دەپتىمەن،- سىمىت شۇنداق دېگەچ قۇلىدىكى بىر باغلام شامنى تېلېۋىزورنىڭ ئۈستىگە قويدى ۋە مايسەمنىڭ ئۈندىمەي ئولتۇرغىنىنى كۆرۈپ: << ياتىلى دەۋاتساق، ئورۇن- كۆرپىلەرنى يىغىشتۇرىۋېتىپسەنغۇ، ئالەمنى يۇرۇدى دەپ قالدىڭمۇ يە>> دەپ چاقچاق قىلدى. بۇ چاقچاقنىڭ جىدەلگە ئاپىرىپ توختايدىغانلىقىنى سىمىت نەدىن بىلسۇن، مايسەم سىمىتنىڭ بۇ چاقچىقىنى ئاڭلاپ خۇددى ئوتقا ياغ چاچقاندەك ئاچچىقى ئۇلغۇيۇپ كەتتى. << ھە، قەستەن مەلىكىنىڭ مەينەت نەرسىلىرىنى كۆرپىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇپ، مېنى بىلەلەمدۇ- بىلەلمەمدۇ دەپ كولدۇرلاتقىنىڭنى قارا، ئەجەبا مەن چىداپ تۇرسام، مېنى دۆت چاغلاپ قالدىڭمۇ، خەپ چاۋاڭنى چىتقا يايمايدىغان بولسام>> ،- مايسەم ئاچچىقىدا شۇنى ئويلىدى ۋە ئىسسىققا بەرداشلىق بىرەلمىگەن ھاۋا شاردەك <<پاڭڭىدە>> ئېتىلىپ كەتتى.
-ھە، مەلىكە دېگەن مەينەت جالاپنى ياتقۇزغان كۆرپىدە، مىنىمۇ ياتقۇزۇپ شوۋا ئىچۈرەي دېگەنما، ھۇ رەسۋا ھېجىقىز...!-مايسەم ئېغىزىدىن نېمە چىققىنىنىمۇ تۇيمايتتى، ئۇنىڭ ئېغىزىدىن پەقەت سىمىتنى جان- جەھلى بىلەن تىللاش سۆزلىرى يىپقا تىزغان مارجاندەك كەينى- كەينىدىن چىقاتتى.
-نېمە دەۋاتىسەن، ماڭىغىغۇ قارا چاپلىغىن ماقۇل، كىچىك ۋاقتىڭدىن باشلاپ بىرگە چوڭ بولغان، بىللە ئۇقۇغان ئادىشىڭغىمۇ قارا چاپلاشتىن ئۇيالساڭ بولمامدۇ!-سىمىت ئۆزىگە چاڭ ياقتۇرماسلىق ئۈچۈن مايسەمگە چاندۇرماي گەپ قايتۇرۇپ بەردى.
-قارا چاپلىدىڭ؟! مەن ساڭا، ئاندىن ئۇ رەسۋاغا قارا چاپلىدىمما، مەينەتلىرىڭنى ئېرتقان قەغەزلەر ھېچ سەۋەپسىزلا پەيدا بۇلۇپ قالدىما!؟ - مايسەم سۆزلىگەچ سەينادىكى بۈرجەككە يىغىپ قويغان پۈرلەشكەن تازىلىق قەغىزىنى كۆرسەتتى.
-ھوي دۆت، ئۇ قەغەزلەر قولۇمنى سۈرتۇپ تاشلىۋەتكەن قەغەز تۇرسا، شۇنىڭدىنمۇ گۇمان قىلدىڭما؟!
-قولنى سۈرتكەن بىلەن قوڭنى سۈرتكەن قەغەزنى پەرقلەندۈرگۈچىلىكىم با مېنىڭ.
-ئوبدان قارا، قەيەرنى سۈرتكەن قەغەزكەن،- سىمىت پۈرلەنگەن قەغەزدىن بىرنى ئېلىپ مايسەمگە كۆرسەتتى. سىمىتنىڭ دېگىنىدەك، ئۇ قەغەز قول سۈرتكەن قەغەز بولۇپ چىقتى.
مايسەمنىڭ يېڭىلگىنىگە تەن بەرگۈسى كەلمىدى. ئۇ ساندۇقتىن ھېلىقى لىپتىك ۋە ئوزۇن يوپكىنى ئالدى.
-ئەمىسە ماۋۇ نەرسىلەر كۆرپىنىڭ ئاستىدا نېمىش قىلىدۇ، ھۇ رەسۋالار!
سىمىت بۇ نەرسىلەرنى كۆرۈپ سەل ئۆڭدى ۋە دەررۇلا ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ مايسەمگە قارشى ھۇجۇمغا ئۆتتى:
- سەن ئۆزەڭنىڭ نەرسىلىرىنى كۆرپىنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويۇپ، بىزگە يەنە بۆھتان چاپلىماقچىما، مەندىن تويغان بولساڭ، ئۇنداق يوق يەردىن پۇتاق چىقارماي، ئۇدۇل دېسەڭ بولمامدۇ، ھۇ جادىي!
-مال ئىگىسىدىن ئوغرى كۇچلۈك دەپ، سەن مېنى تىللاۋاتامسەن تېخى، بۇنىغۇ تونۇمىغىن ماقۇل،- مايسەم لىپتىكنى بىر تەرەپكە ئېتىۋەتتى،- ماۋۇ يوپكىنىمۇ تۇنۇمامسەن كۆزىگە ئىشتان كىيىپ قالغىنى، قارىغىنە ما خەتكە، بۇ ئىسىمنىمۇ مەن يېزىۋالدىمما، مەن بۇنداق يوپكا كىيىپ باققانمۇ، بۇنداق ئوزۇن  يوپكىنى مەلىكەدىن باشقا يەنە كىمنىڭ كېيگىنىنى كۆرگەنتىڭ، ئېيتە قېنى!- مايسەم ئارقا-ئارقىدىن سۇئاللارنى ياغدۇرىۋەتتى. مايسەمنىڭ دېگىنىدەك، بۇ كۆكۈش رەڭلىك ئوزۇن يوپكا مەلىكەنىڭ ئىكەنلىكىگە قىل سىغمايتتى. يوپكىنى قۇرۇق يۇدۇرۇشقا بەرگەندە ئاق لاتىغا يېزىلغان مەلىكەنىڭ ئىسمى مو باسقاندەك تۇرسا بۇنىڭدىن قانداقمۇ تانغىلى بولسۇن.
ئەسلىدە بۇندىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى ئەتىگەندە جاپپار مەلىكەنى چوڭ ئۆيىدىن ئەكىلىۋالغان بولۇپ، مەلىكەگە يېتىپ ئارام ئېلىشنى تاپىلاپ قويۇپ، چار بازارچىلار بىلەن يېزا بازىرىغا كەتكەن ئىدى. جاپپار كەچ سائەت ئالتە بولغاندىمۇ بازاردىن قايتىپ كەلمىگەچكە، سىمىتنىڭ قايتا- قايتا چاقىرىشى بىلەن مەلىكە دەرۋازىنى ئىچى تەرەپتىن قۇلۇپلاپ قويۇپ، سىمىتنىڭ ئۆيىگە باغدىن  سەكرەپ كىرگەن ئىدى. ئۇلار ئەمدى ئىشنى باشلىشىغا، جاپپار بازاردىن قايتىپ كېلىپ دەرۋازىنى مۇشتلاشقا باشلىدى. مەلىكە ئالدىراشچىلىقتا ئىشتان- كۆينەكلىرىنى كېيگىنىچە ياستۇقنىڭ ئاستىغا تىقىپ قويغان لىپتىكىنى، كۆرپىنىڭ ئاستىغا سېلىپ قويغان يوپكىسىنى ئۇنتۇپ يۈگرەپ چىقىپ كەتكەن ئىدى. سىمىت ئورۇن- كۆرپىلەرنى يىغمىغانلىقى ئۈچۈن بۇ نەرسىلەرنىڭ بارلىقىدىن خەۋەرسىز ئىدى. مەلىكەنىڭ يادىدا يوقمۇ ياكى كېيىنكى قېتىم كىرگەندە ئېلىپ چىقىپ كېتەرمەن دەپ ئويلىدىمۇ، ئەيتاۋۇر لىپتىك بىلەن يوپكا تىقىپ قويغان يەردە ئاشۇ پېتى تۇرغان ئىدى.
سىمىت يىتەرلىك دەلىل- ئىسپاتلار ئالدىدا مەلىكە بىلەنكى غەيرى مۇناسىۋىتىنى بوينىغا ئېلىشقا مەجبۇر بولدى:
- ئەمدى خوتۇن ، شەيتاننىڭ كەينىگە كىرىپ سېلىگە ئاسىيلىق قىپ ساپتىمەن، خاتالىقىمنى تۇنۇدۇم، ئازمايدىغان ئىنسان يوق، مېنى كەچۈرۈڭلار، ئىككى بالىنىڭ يۈزىنى قىلىپ باشقىلارغا دېمىگەن بولساڭلار، مەن قەتئىي تۈزەتسەم، خۇدايىمنىڭ ئالدىدا قەسەم ئىچىپ بېرەي، بۇندىن كېيىن سىلىگە ئاسىيلىق قىلمايمەن ماقۇلمۇ؟ -سىمىت مايسەمگە يالۋۇرۇشقا باشلىدى.
مايسەم سىمىتنىڭ بۇ يالۋۇرۇشلىرىدىن ئازراق ئېرىگەندەكمۇ قىلاتتى. ئۇ: << بۇلار ئىش بولۇپ بولدى، ھەر قانچە تەگىگەن بىلەنمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ، ئىككى بالىنىڭ يۈزىنى قىلاي>> دەپ ئويلىغانىدى. لېكىن بىر تۇرۇپ: << نېمە ئۈچۈن ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولغان ئادەم خوتۇنىغا ئاسىيلىق قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن مېنىڭ يېقىن دەپ يۈرگەن ئادىشىم ماڭا ئاسىيلىق قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئېرىم ۋە ئادىشىم ئۆزىگە ئۆزى ئاسىيلىق قىلىدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ئېرىم بىر قېتىم قەسەم قىلىپ بەرگەن تۇرۇغلۇق يەنە تۈزەتمەيدۇ؟ >> دەپ ئۆز-ئۆزىگە سۇئال قۇياتتى. ئۇ ئەنە شۇنداق گادىرماش خىياللار ئىچىدە ئۆزىگە ئايرىم ئورۇن- كۆرپە سېلىپ ياتتى. ئۇ گەرچە كۆزىنى يۇمغان بولسىمۇ ئەمەلىيەتتە ئۇخلىمىغان ئىدى. كېچىچە سىمىت بىلەن ياخشى ئۆتكەن كۈنلىرىنى ئەسلەپ چىقتى، ئىككىنچى بالىسىنى توغۇپ ياتقاندا سىمتنىڭ يوقلاپ بارمىغان چاغلىرىنىمۇ  كۆڭۈل ئىكرانىدىن ئۆتكۈزدى.
- ئەسلىدە مېنى يوقلاپ بارمىغان چاغلاردا سىمىت مۇشۇ ئېزىتقۇ بىلەن بىللە ناشايان ئىشلارنى قىلىپ يۈرۈپتىكەندە،- مايسەم ئاشۇنداق ئويلىنشلار ئىچىدە كۆزى ئۇيقۇغا بارمىدى. ئۇ كېچىچە كىرپىك قاقمىغاچقا، كۆزلىرى قىزىرىپ كەتكەن ئىدى. ئۇ ئەتىگەندىلا لىپتىك، ئوزۇن يوپكا قاتارلىق ماددىي ئىسپاتلارنى سۇلياۋ خالتىغا سېلىپ مەلىكەنىڭ ئۆيىگە چىقتى. مەلىكە ھويلىسىدا ئىدى، ئۇ مايسەمنى كۆرۈپلا بىرەر شۇملۇقنىڭ شەپىسىنى سەزدىمۇ قانداق، كەينىگە ئۆرۈلگىنىچە ئۆيىگە كىرىپ، بېشىنى يوتقانغا چۈمكەپ يېتىۋالدى. مايسەمنىڭ غۇژژىدە ئاچچىقى كەلدى-دە، مەلىكەنى ئىز بېسىپ ئۆيگە كىردى.
- خۇدۇكى بارنىڭ مۇنىكى بار دېگەندەك، مەندىن بىرەر ئىشنى يۇشۇرىۋاتامسىلەر- قانداق ، مېنى كۆرۈپلا كەينىڭلىگە ئۆرۈلگەنچە كىرىپ كەتتىڭلارغۇ ئاداش ؟- مايسەم يەنىلا ئۆپكىسىنى بېسىۋېلىپ ئېغىر- بېسىقلىق بىلەن گەپ سوراۋاتاتتى.
-ئادەمنى كۆرسەم يۈرىكىم ئاغىدىغان بۇلۇپ قالغان ئاداش، يۈرىكىم ئېغىپ ئاران يېتىۋالدىم ، خاپا بولماڭلار،- مەلىكە ئوڭ قۇلى بىلەن يۈرىكىنى تۇتقىنىچە كۆزىنى يۇمۇۋېلىپ جاۋاب بەردى.
-ھە...!، مېنى كۆرۈپ يۈرىكىڭلار ئېغىپ كەتتىما ئاداش، قۇياڭلار ئۇنداق سېسىق يۈرەكنى،- مايسەم ئىككى پۇتىنى كەرىپ ئوڭ قولىدا بېقىنىنى تىرەپ تۇرۇپ، خۇددى ئامبالدەك تەلەپپۇزدا  <<ھە>> دېگەن سۆزنى ئاغزىغا تولدۇرۇپ سوزۇپ ئېيتتى. مەلىكەنىڭ <<ئادەمنى كۆرسەم يۈرىكىم ئاغىدىغان بولۇپ قالدى>> دېگەن سۆزى مايسەمنىڭ ئوۋغىسىنى قاينىتىۋەتكەن ئىدى.
-نىمانداق گەپ قىلىسلە ئاداش،- مەلىكە مايسەمدىن تارتىنىپراق بوش ئاۋازدا شۇنداق دېدى.
-قانداق گەپ قىپتىمەن، ئادىشىنىڭ دوپپىسىغا جىگدە سالغان ئۇنداق سېسىق يۈرەكنى ئىتقا تاشلاپ بېرەيلى دىدىم شۇ،- دېدى مايسەم زەردە بىلەن.
-گىپىڭلارنى ھېچ چۈشىنەلمىدىم ئاداش.
-مېنى ئاداش دېمە، دوپپامغا جىگدە سېلىپ، ئېرىمنى بۇزغان ئادەم مېنىڭ ئادىشىم ئەمەس! تېخى ئەقلىنى تېپىۋالسۇن دەپ ئەتىدىننىڭياقى يۇمشاق گەپ قىلسام، بىلمەس بۇلىۋالغىنىنى بۇ رەسۋانىڭ!-مايسەمنىڭ ئەمدى راسا ئاچچىقى تۇتقان ئىدى، ئۇ ھاقارەت بىلەن تەڭ قۇلىنى شىلتىشكە باشلىدى.
-نېمە دەيسىلە، كىم سېلىنىڭ ئېرىڭلىنى بۇزۇپتۇ، ئاغزىڭلىغا بېقىپ سۆزلەڭلار جۇما، يوق گەپنى تېپىپ كېيىن مەسئۇلىيەتتىن چىقىپ بولالماي قالماڭلار يەنە.
-مېنى قارىسىغا سۆزلەۋاتىدۇ، دەپ قالدىڭما، ماۋۇ نەرسىلىرىڭنى كۆرگىنە، نۇمۇس قىلماي بىزنىڭ ئۆيدە قويۇپ قويغىنىڭنى قارا،-مايسەم سول قۇلىدا كەينىگە يۇشۇرۇپ تۇرغان لىپتىك بىلەن كۆكۈش رەڭلىك ئوزۇن يوپكىنى شارتتىدە چىقرىپ مەلىكەگە كۆرسەتتى.
-بۇ نەرسىلەرنى كىم مېنىڭ دەيدا؟-مەلىكە مايسەمنىڭ قولىدىكى لىپتىك بىلەن كۆكۈش رەڭلىك ئوزۇن يوپكىنى تەپسىلى كۆرۈپ سەل جىددىيلەشتى ۋە دەرھال ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ:
-بۇنداق يوپكىدىن دۇكاندا جىق، پۇلى بارلارغا بېرىۋېرىدۇ، مەندە بار ئاق ئىشەك باشقىلاردا يوقمىكىنا، ئۇھوش، چىڭسەي قۇۋۇرغام،- مەلىكە ئاغزىنى پۈرۈشتۈرگىنىچە يەنە كەينىگە ئۆرۈلۈپ ياتتى.
-بۇنىڭغا تەن ئالمىساڭ مەيلى دەي،- مايسەم لىپتىكنى مەلىكەنىڭ بېشىغا ئاتتى،- ماۋۇ يەر سۈپۈرۈپ ماڭىدىغان يوپكىنى بۇ يەردە سەندىن باشقا كىم كىيىدۇ، ماۋۇ ئاق رەختكە يازغان <<مەلىكە >> دېگەن خەت سېنىڭ ئىسمىڭ ئەمەسما، بۇ يوپكا سېنىڭ بولماي جىن ئېپ قاچقان مەلىكەخان بۈۋۈمنىڭمىكى؟ - مايسەم << مەلىكەخان بۈۋۈمنىڭمىكى >> دېگەن سۆزنى ئىنتايىن كىنايىلىك ئېيتتى.
- ھە راست بۇ يوپكا مېنىڭكىكەن،- مەلىكە ئۆز ئىسمىنى كۆرۈپ، لەغمەن خېمىرىدەك يۇمشاپ، مۇئامىلسىنى ئۆزگەرتتى ۋە ئۆزىنىڭ يوپكىسى ئىكەنلىكىنى تەن ئالدى، - ئۆلۈشكۈن جاپپار بىلەن گەپ تەگىشىپ قېلىپ يامانلاپ ماڭغانتىم، جاپپار كەينىمدىن قوغلاپ چىقىپتىكەن، مەن يۈگرەپ كىتىپ بارسام سېلىنىڭ ئۆيۈڭلارنىڭ ئالدىغا كەلگەندە مۇشۇ يوپكا قولۇمدىن چۈشۈپ كەتتى، ئالدىراشچىلىقتا دەرۋازا تۈۋىدە قاراپ تۇرغان سىمىتكە يوپكامنى ئەكىرىپ قويۇشنى تاپىلىغان ئىدىم. شۇ چاغدا ئۆيۈڭلارغا ئەكىرىپ قويغان ئوخشايدۇ، مېنى ئۇنداق خاتا چۈشەنمىگىنە ئاداش.
-خاتا چۈشەنمىگىن! ئىنتايىن توغرا چۈشىنىۋاتىمەن، ئاخشام سىمىت ھەممە ئىشىنى بېرىنى قويماي ئىقرار قىلىپ بولدى، سېنىڭ ئۆزۈڭنى ئاقلىغىنىڭ بىكار، ئېرىمنى بۇزۇپ، يۈزۈڭنى يۆگىگىچە، قۇڭاڭنى يۆگىسەڭ بولمامدۇ، پاسكىنا!
مەلىكەنىڭ سىمىتقا قاتتىق ئاچچىقى كەلدى، << سىمىت بىر ئەر كىشى تۇرۇپ، ئايال كىشىگىمۇ تاقابىل تۇرالماپتۇ، ئۇ مايسەمگە ئىككى ئېغىز تەھدىت سۆزىنى قىلغان بولسا، ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئىشنى ئاشكارىلاش كەتمەيتتى >> دەپ ئويلىدى ۋە ئەمدى مايسەم بىلەن گەپ تالىشىپ يۈرگەننىڭ پايدىسى يوقلىقىنى ھېس قىلدى. ئۇ مايسەمگە كەينىنى قىلىپ ياتتى-دە:
-ئېرىڭنى مەن بۇزمۇدۇم، ئېرىڭ تېخى مېنى بۇزدى، سەنمۇ ئېرىڭنى ئوبدان باشقۇرۇپ يۈرگەن بولساڭ، بۇ ئىش بولمايتتى، بۇنى ئۆزۈڭدىن كۆر،- دېدى.
شۇ ۋاقىتتا، بۇ ئىككەيلەننىڭ غەلۋىسىنىڭ ئۈستىگە سىمىت كىرىپ كەلدى. ئۇ مايسەمنى دۈكۈشلىگىنىچە ئۆيىگە ئېلىپ چىقىپ كەتتى.
بۇ ۋەقە بۇنىڭلىق بىلەن تۈگەپ كەتمىدى. مايسەم بىلەن مەلىكەنىڭ پارىڭىنى ئىچكەركى ئۆيدە تىڭشاپ ئولتۇرغان جاپپار مەلىكەنى <<ئۇھ>> دېيىشكە پۇرسەت بەرمەي، ئۇلانما سۇراق قىلىشقا باشلىدى:
-ئېيتە، مايسەم بىلەن سۆزلەشكىنىڭلار نېمە گەپ زادى!
مەلىكە جاپپارنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ ھۆررىدە يىغلاپ كەتتى،- ھەممىسى ئاشۇ سىمىت دېگەن مازنىڭ ئىشى، ئۇ تويۇڭلارنى مەن قۇراشتۇرغان، مېنىڭ گىپىمگە كىرمىسەڭ، ئىككىڭلارنى ئاجراشتۇرىۋېتىمەن دەپ قۇرقۇتتى، يەنە، يەنە...-مەلىكە قورققانلىقىدىن تىلى گەپكە كەلمەيۋاتاتتى.
-يەنە نېمە، ئېيتە!-جاپپارنىڭ ئاچچىقتىن كۆزى پۇلتۇيۇپ چىقىپ كىتەيلا دەپ قالغان ئىدى.
-يەنە، يەنە، مېنى مەجبۇرىي ...
-مەجبۇرىي قانداق قىلدى!؟
- مەج ...بۇرىي ئاستىغا بېسىۋالدى.
-نەدە!؟
-ئۆ...يىدە.
-سەن ئۇ يەرگە نېمىگە چىققان!؟
-مايسەمنى ئىزدەپ چىققان.
-سېنى ئۇ ھېجىقىز بېسۋالسا مايسەم قاراپ تۇردىما!؟
-ياق.
-ئەمىسە قانداق قىلدى؟
-مايسەم ئۆيىدە يوقكەن.
-نەچچە قېتىم بىر يەردە بولۇشتۇڭ؟
-پەقەت... شۇ... بىر قېتىم.
-راستما يۈزى قېلىن،  ئادىمىي ھايۋان! -سىمىتنىڭ ھەر بىر سۇئالى قەھىرلىك ئاۋازدا چىقاتتى. مايسەمنىڭ جاۋابى بولسا ئۈنى پۈتۈپ قالغان ئادەمدەك جانسىز چىقاتتى.
-راست، خۇدايىم بۇيرۇسا راست.
- بۇ گىپىڭغىغۇ ئىشىنىپ تۇراي، يەنە بىر گەپنى سوراي، راستىنى ئېيت!
-ھە سوراڭ.
-ھېلىقى بىر ھەپتە يۇقاپ كەتكەن چېغىڭدا، سەن سىمىت بىلەن بىللىمۇ- ئەمەسمۇ؟
مەلىكە يۇقاپ كەتكەن ۋاقىتتا سىمىتنىڭمۇ ئىز-دېرەكسىز يۇقاپ كەتكەنلىكىنى جاپپار ئوبدان بىلەتتى. مايسەم ئۇدۇل خوشنىسىدىن سىمىتنىڭ نەگە كەتكەنلىكىنى سوراپ ، ئىز-دىرىكىنى ئالالمىغاندىن كېيىن، جاپپارنىڭ ئۆيىگىمۇ كىرىپ، ئۇنىڭدىن سىمىتنىڭ ئەھۋالىنى سورىغان، جاپپارمۇ سىمىتنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەرسىز ئىكەنلىكىنى ئىيتقان ئىدى. لېكىن ئۇ چاغدا جاپپارنىڭ كۆڭلىگە بۇنداق گۇمانلار چۈشمىگەن ئىدى. ئەمدى بۇلارنىڭ ئىش- پەش تارتىشىپ قالغانلىقى ئاشكارىلىنىپ قالغاندىن كېيىن جاپپارنىڭ تەبىئىي ھالدا مەلىكەنى بىر ھەپتە جىن ئېلىپ قاچقان ئەمەس، سىمىت ئېلىپ قاچقان دېگەن گۇمانى قوزغالدى.
جاپپارنىڭ مەلىكەدىن بىر ھەپتە يۇقاپ كەتكەن ئەھۋالنى سورىشى مەلىكەنى تەمتىرىتىپ قويدى. مەلىكە نېمە دەپ جاۋاب بىرىشىنى بىلەلمەي، بىر ھازا تۇرۇپ قالدى. <<ئەگەر تەن ئالمىسا بۇ ئىش ھامان ئاشكارىلىنىدۇ، ئۇ چاغدا جاپپارنىڭ ئۇنى يالغان ئېيتقانلىقى سەۋەبىدىن كەچۈرىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس. راستىنى دەي دېسە، بىر ھەپتىنىڭياقى نېمە ئىشلارنى قىلغاندۇ، ئىككەيلەن راسا قېنىشىپ كەپتۇ-دە، دەپ غەزەپتىن نىمە ئىشلارنى قىلمايدۇ دېگىلى بولمايدۇ. زادى قانداق قىلسام بۇلار، راستىنى دەيمۇ- دېمەيمۇ!؟ بولدىلا، راستىنى دەي، كونىلارنىڭ: <يالغان ئېيتتىڭ تۇتۇلدۇڭ، راستىنى ئېيتتىڭ قوتۇلۇڭ> دېگەن ھېكمەتلىك ماقالى بار ئەمەسمۇ، بەلكىم راستىنى دېگەنلىكىم ئۈچۈن قاتتىق يالۋۇرۇپ تۇرىۋالسام كەچۈرىشى مۇمكىن. ئۇنى دېمىسەممۇ، سىمىت: ئىككىمىزنىڭ ئارىسىدىكى ئىشنى جاپپار بىلەن مايسەمدىن مەخپى تۇتايلى، ھەر قانداق ئەھۋال ئاستىدا تەن ئالمايلى دەپ قويۇپ، يەنە مەندىن ئاۋال پاش قىپتىغۇ. ئەمدى نۆۋەت ماڭا كەلدى، بىر ھەپتە يۇقاپ كەتكەن ئىشنى مەن بالدۇر پاش قىلىپ، بارلىق گۇناھنى سىمىتكە ئارتىپ قۇياي، جاپپارنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلسە، ئاچچىقىنى سىمىتتىن ئالار، مەن بىر ئاجىز ئايال كىشى، مەن جاپپارغا تەڭ كېلەلمەيمەن، سىمىت ئەر كىشى بولغاندىكىن ئۇ تەڭ كىلەلەيدۇ.>> مەلىكە شۇنداق ئويلارنى قىلىپ ئاخىرى بىر قارارغا كەلدى. ئۇ راستىنى ئېيتماقچى بولدى. جاپپارمۇ سەۋىرچانلىق بىلەن ئۇنىڭ ئاغزىدىن راست جاۋابنىڭ چىقىشىنى كۈتۈپ تۇراتتى.
-راستىنى دەي،-دېدى مەلىكە يىغلامسىراپ، - جاپپار، سىز مېنىڭ بىردىنىبىر ياراملىق ئېرىم، سىزنى مەن ھېچقانداق ئەرگە تېگىشمەيمەن، مېنىڭ قىلغان مۇشۇ ئىشلىرىمنىڭ ھەممىسى سىزدىن ئايرىلىپ قالماسلىق ئۈچۈن ئىدى. راست بىر ھەپتە مەن سىمىت بىلەن بىللە يۈردۈم، لېكىن...
-لېكىن،- جاپپار گەپنى تارتىۋالدى،- سەن ئاكاڭغا: مېنى بىر جىن ئېپ قاچتى دېگەن چاغدىكى جىن- سىمىت جىن شۇما؟
-ھەئە،- مەلىكە يەنە بوش ئاۋازدا بۇرنىنى ياغلىقى بىلەن سۈرتكەچ، يەرگە قارىغىنىچە جاۋاب بېرىشكە باشلىدى.
-خاتىرجەم بولۇڭلا، مەن ھازىر جىن بىلەن تاماق يەۋاتىمەن دېگەن چاغدىكى جىن- سىمىت جىن شۇما؟
-ھەئە.
-جىن مېنى تۇغقانلارنىڭ ئۆيىگە ئەكلىپ قويدى، مېنى ئېلىپ كىتىڭلا، دېگەن چاغدىكى جىن- سىمىت جىن شۇما؟
-ھەئە.
-خوش، - جاپپار خۇددى سوتچىدەك ئالدىرىماي سۇئال سوراشقا باشلىدى،- شۇ بىر ھەپتە ئىچىدە نېمە سەت ئىشلارنى قىلىشتىڭلار، ھامبۇقتەك○5 <<چىرايلىق>> خېنىم؟
-ھېچ ئىش قىلمىدۇق، خوش بۇپ كىتەي جاپپار، ماڭا ئىشىنىڭ. خۇدايىمنىڭ ئالدىدا قەسەم قىپ بىرەي، بىز ھېچ ئىش قىلمىدۇق زادى.
-ئەمىسە، ھېچ ئىش قىلماي بىر- بىرىڭلارغا تويماي قاراپ ئولتۇرۇپسىلەر ھە، چېۋىن ئۇلاشقان پوقتەك <<پاك>> خېنىم.
-ياق ئۇنداقمۇ قىلمىدۇق.
-ئەمىسە نېمە ئىش قىلىشتىڭ بۇزۇقلار!-جاپپار ئاغزىدىن <<بۇزۇقلار>> دېگەن سۆزنى چىقرىشى بىلەن تەڭ مەلىكەنىڭ ئوڭ يۈزىگە <<چاڭڭىدە>> بىر شاپىلاق سالدى. شۇ ھامان مەلىكەنىڭ كۆزىدىن ئوت ياندى. ئوڭ مەڭزى ئانارنىڭ دانىسىدەك قىزاردى. جاپپار ئەمدى تەلۋىلىشىشكە باشلىغانىدى:
-جالاپ قېرىسا بۈۋۈم بۇلار دېگەندەك، سەن توي قىلىشتىن ئىلگىرى جالاپلىق قىلىپ، مەن ئالاي دېگەندە قېرىپسەن. شۇڭا يۈزۈڭنى يۆگەپ، يېنىمغا بۈۋۈم بولۇپ كەپتىكەنسەن ھە!؟
-ئۇنداق ئەمەس.
-ئەمىسە راستىڭنى ئېيت، بولمىسا كۆرگۈلۈكۈڭنى كۆرسىتىمەن بىكار!
- راستىنى دەي، ئۇنداق قىلماڭ جاپپار، بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۇنچىلىقنىڭ يۈز كۈنلۈك مېھرى بار دېگەن گەپ بارغۇ، سىزنىڭ ماڭا مېھرىڭىزنىڭ بارلىقىنى بېلىمەن، مەن راستىنى دەي، لېكىن مېنى كەچۈرۈڭ، مەن سىزدىن ئايرىلىپ قالسام بولمايدۇ.
-ئېيتە!
-بىز ئەسلى چىراغچى موللامنى ئىزدەپ بارغان.
-نىمە ئىش قىلغىلى!
-ماڭا ئوقۇتقىلى.
-ساڭا نىمىشقا ئوقۇتاتتىڭ؟
-سىمىتكە ئۆزۈمنى ئۆچ قىلىش ئۈچۈن.
-نىمە؟! سىمىت بىلەن بىللە بېرىپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئۆچ بولغىلى بارغانما؟!
-شۇنداق.
-مېنى كولدۇرلاتما، نەدە ئۇنداق ئىش باركەن، زادى ھازىر راستىڭنى ئېيتامسەن ياكى پۇت- قولۇڭنى چېقىۋەتكەندە ئېيتامسەن!- جاپپار شۇنداق دېگەچ سەينانىڭ بۈرجىكىگە تىكلەگلىك تۇرغان كىچىك پالتىنى قۇلىغا ئالدى.
-سىزنى كولدۇرلاتمىدىم جاپپار، دېگەنلىرىم خۇدا ھەققى راست،- مايسەم پالتىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن ئىدى.
-بۇ زادى قانداق ئىش، باشتىن باشلاپ سۆزلە!
-ماقۇل، مەن دەي ، ئەينى ۋاقىتتا مايسەمنى ئىزدەپ چىقسام ئۇ ئۆيىدە يوقكەن، مەن كەينىمگە يېنىشىمغا، سىمىت كەينىمدىن كىلىپ قۇچاقلاپ كۆتۈرگەنچە، مېنى ئىچكەركى ئۆيىگە ئەكىرىپ ئاستىغا بېسىۋالدى. شۇ ئىشتىن كېيىن مەنمۇ سىمىتكە ئازراق قىززىپ قالدىم، كېيىن ئۇقسام سىمىت مېنى ئۆزىگە ئوقۇتىۋاپتىكەن. مەن سىمىتتىن ئىككىمىزگە ئوقۇغان موللامنىڭ قەيەرلىك ئىكەنلىكىنى سورىدىم. سىمىت نېمە قىلىدىغانلىىمنى سورىدى. مەن سىمىتكە: ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى ئىشنى مۇشۇ يەردە توختىتىشنى، بولمىسا جاپپار بىلەن مايسەمگە يۈز كىلەلمەيدىغانلقىمىزنى ئېيتىم. ئۇ پىكىرىمگە قوشۇلدى. شۇنىڭ بىلەن سىمىت ئۇ موللامدىن قانداق ياندۇرىدىغانلىقنى سورايدىغان بولدى. بىر كۈنى سىمىت موللامدىن سورىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ دېيىشىچە، موللام ئۇنىڭغا: بۇ ئىشنى ياندۇرۇش ئۈچۈن بىر ھەپتە كېتىدىغانلىقىنى، ھەر ئىككەيلەن بىللە كەلسە ئوقۇيدىغان ئايەت بارلىقىنى، يىگۈزىدىغان تۇز بارلىقىنى ، شۇنداق قىلغاندا ئاندىن،  ئىككەيلەن بۇندىن كېيىن ئادا- جۇدا بولىدىغانلىقىمىزنى ئېيتىپتۇ. سىمىتنىڭ دىيىشىچە، ماڭا ئۇقۇغان بۇ ئايەتنى ئاشۇ موللامدىن باشقا ھېچكىم ياندۇرالمايمىش.
-ئاندىنچۇ؟
-مەن سىمىت بىلەن بىللە بېرىشقا قۇشۇلمۇدۇم، موللامنىڭ ئادرېسىنى دەپ بىرىڭ ئۆزۈم بارىمەن، دەپ تۇرىۋالدىم. لېكىن سىمىت ماڭا موللامنىڭ ئادرېسىنى دەپ بىرىشكە ئۇنىمىدى.
-نىمىشقا؟
-موللام بىللە كېلىڭلار دېگەن، بىللە بارمىساق بولمايدۇ، دەپ تۇرىۋالدى.
-ئاندىنچۇ؟
-ئاندىن، بىللە باردۇق، ئەسلىدە موللام بىللە كېلىڭلار دىمەپتىكەن، سىمىت شۇنداق دەپ مېنى گوللاپتىكەن، بۇنى مەن كېيىن ئۇقتۇم.
-ھە نىمە ئىش قىلدىڭلا؟
-موللامنىڭ ئۆيىگە بىز ئەتىسى كەچكە يېقىن باردۇق.
-موللامنىڭ ئۆيى شۇنچە يىراقمىكەن؟
-قوشنا يېزىدا خېلى يېقىن ئىكەن، لېكىن سىمىت ھېلى ئۇ يەرگە بارىمىز، ھېلى بۇ يەرگە بارىمىز دەپ گوللاپ، شۇ...
-موللام نېمە ئىش قىلىپ بەردى؟
-موللام ئۈچ كۈن توختىماي ئوقۇدى، مەن بۇيۇمنى سۇغا سېلىپ بولۇپ، شۇلارنىڭ يېنىدا ئولتۇردۇم. تۆتىنچى كۈنىدىن باشلاپ سىمىتكە ئايرىم، ماڭا ئايرىم ئۆيدە تۇز يىگۈزدى. ئاندىن شەكىل ○6 يېزىپ بەرگەن ئىدى، بېشى بىر، ئايىغى قۇشۇلمايدىغان ئىككى ئۆستەڭگە بۆلۈپ تاشلاپ ئېقىتىۋەتتۇق. موللامنىڭ كېتىدىغان چېغىمىزدا سىمىت بىلەن ئىككىمىزنى بىللە كەتمەڭلار دېگىنىگە ئاساسەن، مەن موللامنىڭ ئۆيىگە يېقىنراق بولغان تۇغقىنىمىزنىڭكىگە بېرىپ ئاكامغا تېلېفۇن قىلدىم.- مەلىكە شۇلارنى دەپ بولۇپ، بىردەم ئىچىگە تىنغاندىن كېيىن، چوڭقۇر نەپەس ئالدى.
جاپپار ئىككى قولىدا بېشىنى قاماللىغىنىچە سۇپىدا بىردەم ئولتۇردى، ئاندىن نىمىنىدۇر ئويلىغاندەك بولدى- دە، ئورنىدىن لىككىدە تۇردى. ئۇ مەلىكەگە قاراپ:
-گىپىڭگە ئىگە بۇپ تۇر ھە، سىمىت دېگەن ھېجىقىز بىلەن راۋرۇس ھېسابلاشمىسام خەپ!- جاپپار شۇنداق دەپلا كەينىگە ئۆرۈلگىنىچە ئۆيدىن چىقىپ كەتتى.
لېكىن بۇندىن ئۈچ كۈن ئىلگىرى مەلىكەنىڭ سىمىت بىلەن يەنە بىللە بولغانلىق ئەھۋالىنى جاپپار ئۇنتۇپ قالدىمۇ، ئىشقىلىپ سورىمىدى.
جاپپار ئۆيىدىن چىقىپ كەتكەن كۈنى تۈن كېچىدە باش-كۆزى، يېرىلغان، پۇت-قولى چېقىلغان، يېرىم جان ھالەتتىكى سىمىتنى باشقىلار ئۆيىگە ئەكىلىپ قويدى. سىمىت ناھىيىلىك دۇختۇرخانىنىڭ جىددىي قۇتقۇزۇش بۆلۈمىگە ئەكىرىلىپ ھاياتى ساقلاپ قېلىندى. لېكىن ئۇ مېيىپ بولۇپ قالغان ئىدى، ئورنىدىن تۇرالمايتتى. سىمىتنىڭ ئاتا-ئانىسى ئۇنىڭدىن كىم ئۇرغانلىقىنى سورىسا جاۋاب بەرمەي، ئۈن-تىنسىز ياتاتتى. ئۇنىڭ ھالىدىن ئاتا-ئانىسى نۆۋەتلىشىپ خەۋەر ئالدى. ئۇ تۇغقانلىرىنىڭ: مايسەم قېنى؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن ساڭا ھەمراھ بولمايدۇ؟ دېگەن سۇئالىغىمۇ جاۋاب بەرمەي، ئۈن-تىنسىز ياتاتتى. مايسەم مەلىكە بىلەن سۇئال –سۇراق قىلىشقان كۈنى سىمىتتىن يامانلاپ ئاتا-ئانىسىنىڭ ئۆيىگە كىلىۋالغانىدى ۋە بولغان ئەھۋالنى يىپتىن يېڭنىسىغىچە ئانىسىغا سۆزلەپ بەرگەنىدى. ئانىسى باشقا تۇغقانلىرىغا سۆزلەپ بەردى، شۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ سىمىتكە بولغان غەزىپى ئاشتى. مايسەمنى دەرھال ئاجرىشىپ كېتىسەن دەپ قىستىدى. مايسەمنىڭمۇ دەردى يىتىپ ئاشاتتى، ئۇ قاتتىق خورلۇق ھىس قىلغان ئىدى، سىمىت بىلەن مەلىكەنىڭ بۇزۇقچىلىقى مەھەللىدىكى ھەممەيلەننىڭ ئاغزىدا ھېكايىگە ئايلىنىپ بولغان ئىدى. ئۇ سىرتقا چىقسا خىجىل بولغانلىقىدىن بېشىنى كۆتۈرەلمەيتتى. شۇڭا ئۆزىمۇ ئاجرىشىش قارارىغا كەلگەن ئىدى.
لېكىن ‹‹بىر كۈنلۈك ئەر-خوتۈنچىلىقنىڭ، يۈز كۈنلۈك مېھرى بار›› دېگەندەك، مايسەم يالغۇز قالغان چاغلىرىدا بولغان ئىشلارنى ئويلايتتى. ئۇ كۆڭلىدە: ‹‹ئەگەر سىمىت بىلەن مەلىكەنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى غەيرى مۇناسىۋەتنى ئۇنداق كۆككە كۆتۈرمەي، مەخپىي ھالدا ئىنىقلىغان بولسام ھەمدە يېپىغلىق قازاننى يېپىغلىق پېتى قويغان بولسام بۇنداق ئاقىۋەت چىقماس ئىدى›› دەيتتى ۋە كەينىدىنلا ‹‹خۇپ بولدى، شۇنداق يېيىۋەتمىگەن بولسام، بەلكىم بۇ ئىككى بۇزۇق ھازىرغىچە راھەتنىڭ پەيزىنى سۈرۈپ يۈرەر بولغىيتتى›› دەپ، غەزەپ-نەپرىتىنى ئىپادىلەيتتى.  مايسەم بىر كۈنى ئانىسىغا دوختۇرخانىغا سىمىتنى يوقلاپ كىرگۈسى بارلىقىنى ئېيتتى. لېكىن ئانىسى ئۇنى ئاچچىقلاپ دوختۇرخانىغا بارغىلى قويمىدى. ئۆزىنىڭ سىمىتنى كۆرەر كۆزى يوقلىقىنى، لېكىن بالىلىرىنىڭ جىدەل قىلىپ ئارام بەرمەيۋاتقانلىقىنى دىگەن بولسىمۇ ئانىسى يەنىلا ئۆز گىپىدە چىڭ تۇردى. شۇنىڭ بىلەن مايسەم ئىككى بالىسىنى ئېلىپ ئاتا-ئانىسىغا دەپ قويمايلا، سىمىتنى كۆرگىلى دوختۇرخانىغا كىردى. سەكراتتا ياتقان سىمىت مايسەمنى ھەمدە بالىلىرىنى كۆرۈپ تاراملاپ ياش تۆكتى. مايسەمنىڭمۇ كۆزىدىن ئىختىيارسىز ياش تۆكۈلدى. سىمىت دوختۇرخانىدا يېتىپ ھەممىنى چۈشىنىپ يەتكەن ئىدى. ئۇ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىغا ئۆكۈندى، ئۇ ئۆزىگە، مايسەمگە، جان-جىگەر ئاغىنىسى جاپپارغا ھەتتا ئۇماق بالىلىرىغا ئاسىيلىق قىلغانلىقىغا ئۆكۈندى. لېكىن بۇلار ئىشنىڭ ھەممىسى بولۇپ بولدى، ھېچقايسىسىنى كەينىگە ياندۇرغىلى بولمايتتى. سىمىتنىڭ بالىلىقىغا قايتىپ بارغۇسى، ھەممە تۇرمۇشىنى قايتىدىن باشلىغۇسى ئوتتەك كەلدى، لېكىن  ئۇ بالىلىقىغا يانالمايتتى.
ھايات ئەنە شۇنداق رەھىمسىز. ئۇ خۇددى زەھەرگە ئۆگۈنۈپ، سەكراتقا چۈشكەن مەجرۇھلارنىڭ ھالىتىگە ئوخشايدۇ. بۇ مەجرۇھلارنىڭ بەزىلىرى دورىنىڭ ۋە داۋالاشنىڭ ئۈنۈمى بىلەن سالامەتلىكى ئەسلىگە كېلىدۇ، بۇلار زەھەرنى بەك كۆپ چەكمىگەن، زەھەر ماددىسى بەدىنىگە تېخى كۆپ تارقىمىغان، كىسەللىك ئەھۋالى يېنىك كىشىلەردۇر. يەنە بەزىلىرىگە دۇرا ۋە داۋالاش ئازراق كار قىلىدۇ، دۇرا ۋە داۋالاشنى توختاتقان ھامان يەنە قوزغىلىدۇ، بۇلار زەھەرنى ئارىلاپ چېكىپ قۇيىدىغان، ئۆزىنى بەزىدە كونتىرۇل قىلىپ، بەزىدە ئەركىگە قۇيىۋېتىدىغان، زەھەر ماددىسى بەدەنگە ئازراق تارقىغان، كىسەللىك ئەھۋالى ئوتتۇراھال كىشىلەردۇر. ئۈچىنچى خىلدىكى مەجرۇھلارغا دۇرا ۋە داۋالاش كار قىلمايدۇ. بۇ خىلدىكى كىشىلەرنىڭ كىسەللىك ئەھۋالى خەتەرلىك بولۇپ، زەھەرنى بەك كۆپ چەككەن، زەھەر ماددىسى بەدىنىگە تاراپ بولغان، كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىر كىشىلەردۇر. كىسەللىك ئەھۋالى ئېغىر مەجرۇھلار سەكرات بىلەن دوست بولغان چېغىدا، پۇشايمانلىق يېشىنى توختىماي تۆكىدۇ، ئۇلار: نېمىشقا زەھەر چەككەندىمەن، زەھەر چېكىشنى تاللىماي، باشقا ئىشنى تاللىسامچۇ، دەپ ئۆز-ئۆزىگە توختىماي خىتاپ قىلىدۇ. لېكىن  بۇ رەھىمسىز رىئاللىق ئۇ خىتابنى ئاڭلاپمۇ قويمايدۇ. مانا بۇ- بىر قەدەم خاتا بېسىلغان يول. سەن بىر قەدەم يولنى خاتا باسساڭ، بىر ئۆمۈر پۇشايمان قىلىسەن ھەمدە مۇشۇ پۇشايماننى يۈدۈپ باقى ئالەمگە بىللە ئېلىپ كېتىسەن.
مايسەم سىمىتنىڭ پۇشايمانلىق كۆزلىرىگە، نىمجان ھالىتىگە قاراپ دوختۇرخانىدىن يەڭگىلتەكلىك بىلەن چىققۈسى كەلمىدى. ئۇ سىمىتنىڭ ھالىدىن خەۋەر ئېلىش ئۈچۈن دوختۇرخانىدا بىر قانچە كۈن تۇرۇپ قالدى. دەز كەتكەن چىنەنى تاشقا ئۇرغانغا ئوخشاش، سىمىتنىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ۋەقەنىڭ مەنبەسىنى مايسەمدىن كۆردى، ‹‹ئىرىنى ئوبدان كۈتمىگەن، ئىرىنىڭ ھاجىتىدىن چىقمىغان، ئىرىگە ئوبدان ئىللىق مۇئامىلە قىلماي، توڭلۇق قىلغان، خوتۇن بولۇشقا لايىق ئەمەس، كېلىن بولۇشقا مۇناسىپ كەلمەيدۇ›› دېگەندەك بىرمۇنچە گەپلەر بىلەن مايسەمگە ئوچۇقتىن ئوچۇق قاتتىق تەگكىلى تۇردى. يەنە كۈن ئۆتسە، تىللىشى، ھەتتا، ئۇرۇپ دۈشكەلىشى تۇرغانلا گەپ ئىدى. پەرزەنت دېگەن ئاتا-ئانىنىڭ يۈرەك پارىسى. مىڭ ئۆلۈپ، مىڭ تىرىلىپ، تەستە چوڭ قىلغان بالىسى نىمجان ھالەتتە ياتسا كىمنىڭمۇ ئىچى ئېچىشماي تۇرالىسۇن!   لېكىن، سىمىتنىڭ چېكىدىن ئاشقان بىمەنە ئىشلىرىدىن، قىزلىق غۇرۇرى دەپسەندە بولغان مايسەم ئاچچىقنى ئىچىگە سىغدۇرالماي، ئۆتى تاشاي دەپ تۇرغاندا، سىمىتنىڭ ئاتا-ئانىسىنىڭ بۇ تاپا-تەنىسىنى ئۇ قانداقمۇ كۆتۈرەلىسۇن. ئۇنىڭ پىلتىسىگە ئەمدى رەسمىي ئوت يېقىلغان ئىدى. غۇژژىدە ئاچچىقى كەلگەن مايسەم:
-ئوغۇللىرىغا بۇزۇقچىلىق قىلىشنى مەن ئۆگىتىپ قويغاندەك، ئاچچىقتىن يېرىلاي دەپ تۇرسام، سەن تاز دەپ بولغىچە، مەن دەۋالاي دەپ، ئەجەپ ماڭا ھاقارەت قىلىپ كەتتىلىيا،-دىدى مايسەم قېىنىئانىسىغا قاراپ. بۇ چاغدا ‹‹چاڭڭىدە›› قىلىپ تەگكەن بىر تەستەك بىلەن مايسەمنىڭ كۆزىدىن ئوت چىقىپ كەتتى. دەستەك بىلەن سالغان سىمىتنىڭ ئانىسى ئىدى.  شۇ پەيتتە مايسەمنىڭ ئانىسى ۋە ئاكىلىرى ئوڭسېلى ئۆچكەن ھالدا دوختۇرخانىغا كىرىپ كەلدى. ئۇلار كىسەل ئۆيىنىڭ سىرتىدىن مايسەمنىڭ تاياق يىگىنىنى كۆرۈپ قالغان ئىدى.
-ھوي ھازازۇل قېرى، قىزىمنى نىمىشقا ئۇرىسەن؟ سەن تۇغۇپ، چوڭ قىلىشپ بەرگەنمۇ يا!؟ -مايسەمنىڭ ئانىسى شۇنداق دىگەچ، سىمىتنىڭ ئانىسىنىڭ يۈزىگە بىر دەستەك سالدى.
-مەن قېرى بولسام، سەن ياشما؟ ھۇ، سەت مايماق!-سىمىتنىڭ ئانىسىمۇ بوش كەلمەي، مايسەمنىڭ ئانىسىنىڭ چېچىنى قاماللىدى. شۇ پەيتتە يەنە، مايسەمنىڭ ئاكىلىرى نىمجان ھالەتتە ياتقان سىمىتنىڭ كۆزلىرىگە قوللىرىنى چىنەپ تۇرۇپ، ئۇنىڭغا ئىزا- ئاھانەت قىلىۋاتاتتى. شۇنىڭ بىلەن كىسەلخانا ئىچى خۇددى بىر توپ ھەرە كىرىۋالغان قاپاققا ئوخشاش، قالايمىقان توۋلىشىش بىلەن لىق تولدى. بۇ ۋارقىراش-جارقىراشلارنى ئاڭلىغان سېستىرالار جىددىيلىك بىلەن كىسەلخانا ئۆيىگە كىرىپ كەلدى ۋە جىدەلنى پەسەيتتى. مايسەمنىڭ ئۆيدىكىلىرى سىمىتكە ۋە ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ھۆرپەيگىنىچە، مايسەمنى قايتۇرۇپ كەتتى.
جاپپار بولسا سىمىتنى دۇمبالاپمۇ تېخىچە ئاچچىقى يانمىغان ئىدى. سىمىتنىڭ ئىقرار قىلغاندىكى <<مەلىكە بىلەن تۆت قېتىم بىللە بولدۇم، ساڭا تېخى يەنە مەلىكە ئېشىپ قالدى>> دېگەن سۆزلىرى يادىغا كىلىۋېلىپ ئۇنىڭ يېگىتلىك قەلبىنى قىينايتتى. بۇ ئوپئوچۇق يىگىتلىك غورورۇمنى يەرگە ئۇرغانلىق ئەمەسمۇ، مەلىكەنى يەنە ئايالىم دەپ يۈرۈشكە قانداقمۇ ۋىجدانىم كۆتۈرسۇن، دەپ ئويلايتتى. ئۇ مەلىكەنى مۇتوتسىكىلىتقا مىنىشكە بۇيرۇدى ، مەلىكە رايىشلىق بىلەن مۇتوتسىكىلىتنىڭ كەينىگە مىنىپ ياغلىقى بىلەن يۈزىنى چىڭ يۆگىدى. بۇنى كۆرگەن جاپپارنىڭ قاپىقى قايتىدىن تۈرۈلدى. ئۇ شۇ تاپتا غەزەپتىن يېرىلغۇدەك بولغان ئىدى.
- يۈزۈڭنى يۆگەپ، كۆتۈڭنى ئوچۇق قويماي، كۆتۈڭنى يۆگەپ، يۈزۈڭنى ئوچۇق قويساڭچۇ،- دىدى ئۇ تەنە بىلەن مەلىكىگە. مەلىكە گەدىنىگىچە پاتقان گۇناھى ئالدىدا ‹‹ئۆزۈم قىلغان گۇناھقا، نەگە باراي دەۋاغا›› دېگەندەك بىر ئېغىزمۇ غىڭ قىلىپ قويمىدى. جاپپار مەلىكەنىڭ يۈزىدىكى ياغلىقنى پىرقىرىتىپ ئېتىۋەتتى، مەلىكەنىڭ ئاپپاق تاتارغان يۈزى قۇياش بىلەن ئۇچراشتى، چاچلىرى سۇلاقتىن بۇشانغان مەھبۇستەك شامالدا يەلپۈنەتتى. جاپپار موتسېكىلىتنى خۇددى بىرسى بىلەن مۇسابىقەلەشكەندەك تىز قوزغىدى، ماينى قۇلاققىچە تولغاپ، بىردەمدە مەلىكەنىڭ چوڭ ئۆيىگە بېرىپ بولۇشتى. چوڭ ئۆيدە مەلىكەنىڭ ئاتا-ئانىسى بار ئىدى. جاپپار مەلىكەنىڭ ئاتا-ئانىسىغا ئەھۋالنى تەپسىلى سۆزلەپ بەردى ۋە ئاخىرىدا: << قىزلىرىنىڭ يۈزىنى ئېچىپ قويدۇم، ئەمدى ئەرگە بېرىۋالسىلا>> دەپلا كەينىگە ئۆرۈلگىنىچە موتۇتسېكىلىتنى مېندى-دە، بىردەمدىلا كۆزدىن غايىپ بولدى. ئۇ ئۆزىنى مەلۇم قىلىش ئۈچۈن ئۇدۇل ساقچىخانىغا بارغان ئىدى.
ئىزاھات:
○1ئىستارەت – دەرس ئارىلىقىدىكى دەم ئېلىش ۋاقتىنى دېمەكچى (خوتەن شېۋىسى).
○2<<گۇكۇڭ- گۇك>> - كونىلارنىڭ ئېيتىشىچە، پاختەكنىڭ <<گۇكۇڭ- گۇك>> دەپ سايرىغىنى- مۇھەببىتىگە: << بىر كۈن ئاچ، بىر كۈن توق(يۈردۈم)>> دەپ دەرت تۆككىنى ئىمىش.
○3جايا- يېتىش ئۈچۈن تەييارلانغان يوتقان- كۆرپە- ياستۇقنىڭ ئومۇملاشتۇرۇپ ئېيتىلىشى(خوتەن شېۋىسى).
○4ئۈلۈشۈل- ئىككى يىل ئىلگىرى دېگەن مەنىدە(خوتەن شېۋىسى).
○5 ھامبۇق- كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئىنتايىن كۆرۈمسىز، بەتبەشىرە، قورقۇنۇنچلۇق ھايۋاننىڭ ئىسمى.(خوتەن شېۋىسى)
○6 شەكىل- داخاننىڭ ئاق قەغەزگە كاتەكچە سىزىپ، كاتەكچە ئىچىگە ئەرەبچە خەتلەرنى يېزىشى.

(«ئىزگۈ تور ئەدەبىيات مۇكاپاتى»پائالىيتىگە قاتناشتۇرىلىدىغان ئەسەر)

خىزمەت ئورنۇم: قاراقاش ناھىيە تىۋەت يېزا باشلانغۇچ مەكتەپتە
新疆墨玉县吐外特乡小学                     
吾麦尔江. 柔孜艾提

邮 :848100                  تېلىفۇن نۇمۇر         13319795238



ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-4 17:50:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن . مۇكاپاتقا ئېرىششىڭىزگە تىلەكداشمەن .

ۋاقتى: 2016-1-4 19:18:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پوۋېست مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ياخشى يېزىلىپتۇ، مۇكاپاتقا ئېرىششگە تىلەكداشمەن .

ۋاقتى: 2016-1-5 13:35:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر مۇھاكىمىلەر بىلەن زىچ بىرىكتۈرۈلگەن پوۋېستىن سويۈندىم.

ۋاقتى: 2016-1-5 15:52:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسەمنى ئۆيدىكىلىرى شەرىئەتنىڭ قائىدە- ئەھكاملىرى بۇيىچە يۈزىنى يۆگەپ روپاش قىلىپ چىقىرىپ بەردى. جاپپارمۇ شۇنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. تويدىن كېيىن مايسەم بىلەن جاپپار ئۇڭايلا چىقىشىپ كەتتى.



بۇ يەرلەرنى يەنە بىر ئوقۇپ باقامسىز؟مايسەممۇ مەلكەمۇ؟

ۋاقتى: 2016-1-5 16:08:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستما يۈزى قېلىن،  ئادىمىي ھايۋان! -سىمىتنىڭ ھەر بىر سۇئالى قەھىرلىك ئاۋازدا چىقاتتى. مايسەمنىڭ جاۋابى بولسا ئۈنى پۈتۈپ قالغان ئادەمدەك جانسىز چىقاتتى.
-راست، خۇدايىم بۇيرۇسا راست.
- بۇ گىپىڭغىغۇ ئىشىنىپ تۇراي، يەنە بىر گەپنى سوراي، راستىنى ئېيت!



جاپپار مەلىكەنى سوراق قىلامدۇ؟سىمىت  مەلكەنى سوراق قىلامدۇ؟

ۋاقتى: 2016-1-5 16:13:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى كولدۇرلاتمىدىم جاپپار، دېگەنلىرىم خۇدا ھەققى راست،- مايسەم پالتىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن ئىدى


بۇ يەرنىمۇ؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 17:17:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مايسەمنى ئۆيدىكىلىرى شەرىئەتنىڭ قائىدە- ئەھكاملىرى بۇيىچە يۈزىنى يۆگەپ روپاش قىلىپ چىقىرىپ بەردى. جاپپارمۇ شۇنى ئۈمىد قىلغان ئىدى. تويدىن كېيىن مايسەم بىلەن جاپپار ئۇڭايلا چىقىشىپ كەتتى.

دىققەتسىزلىكىمدىن يۇقارقى ئىككى جۈملىدە مەلىكەنىڭ ئىسمى بىلەن مايسەمنىڭ ئىسمى  ئالمىشىپ قاپتۇ. شۇنچىلىك تەپسىلى ئوقۇغىنىڭىزغا رەھمەت ئېيتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 17:22:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راستما يۈزى قېلىن،  ئادىمىي ھايۋان! -سىمىتنىڭ ھەر بىر سۇئالى قەھىرلىك ئاۋازدا چىقاتتى. مايسەمنىڭ جاۋابى بولسا ئۈنى پۈتۈپ قالغان ئادەمدەك جانسىز چىقاتتى.
-راست، خۇدايىم بۇيرۇسا راست.
- بۇ گىپىڭغىغۇ ئىشىنىپ تۇراي، يەنە بىر گەپنى سوراي، راستىنى ئېيت!


جاپپار مەلىكەنى سوراق قىلامدۇ؟سىمىت  مەلكەنى سوراق قىلامدۇ؟



مېنىڭچە، ئالدىنقى ئەسكەرتمە جۈملىدىن كېيىنلا كەلگەن تەكرار دىيالۇگ ئارقىلىق جاپپار مەلىكەنى سوراق قىلغانلىقىنى بىلگىلى بولىدۇ، دەپ ئويلايمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 17:27:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سىزنى كولدۇرلاتمىدىم جاپپار، دېگەنلىرىم خۇدا ھەققى راست،- مايسەم پالتىنى كۆرۈپ قورقۇپ كەتكەن ئىدى


بۇ جۈملىدىمۇ مەلىكەنىڭ ئىسمىنىڭ ئورنىغا مايسەمنىڭ ئىسمى ئالمىشىپ قاپتۇ. ئۈزرىلىك سۇرايمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 17:28:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇرسۇنگۇل خانىمغا كۆپ رەھمەت!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 17:30:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چوڭقۇر مۇھاكىمىلەر بىلەن زىچ بىرىكتۈرۈلگەن پوۋېستىن سويۈندىم.

توردىشىمىز ‹‹چوڭقۇرچاق›› ئەپەندىمنىڭ باھاسىغا رەھمەت ئېيتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 17:47:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پوۋېست مەزمۇن ۋە شەكىل جەھەتتىن ياخشى يېزىلىپتۇ، مۇكاپاتقا ئېرىششگە تىلەكداشمەن

ماخمۇتجان ئاكىنىڭ شۇنچىلىك رىغبەتلەندۈرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 17:48:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىلغان ئەسەر ئىكەن . مۇكاپاتقا ئېرىششىڭىزگە تىلەكداشمەن

ئەسىرىمگە ياخشى باھا بىرىپسىز،رەھمەت سىزگە.

ۋاقتى: 2016-1-6 22:52:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئىنكاس ئۆچۈرۈلدى. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   نەزەر تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-8 17:39  


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش