ئىمىر ئەپەندىنىڭ مەزكۇر تېما ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب (2)
سوئالىمنىڭ ئىككىنچىسى شۇكى، ئاشۇ مەنبەنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنىڭ زامانىۋى تېخنىكا (شەكىلپۈتەر ـ ساۋمياۋجى) نىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەنگەن فوتو نۇسخىسىنى بىۋاسىتە كۆرۈشىمىز مۇمكىن بولۇرمۇ؟ (مۇمكىن بولمىسا ھېچقىسى يوق، پەقەت ئاشۇ مەنبە ئىشەنچلىك بولسىلا بولدى.)
بۇ سۇئالغا جاۋاب شۇدۇركى، بۇ بېيىت ھازىرغىچە نورغۇن قېتىم ئوقۇلغان ۋە تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، «نۇرغۇن قېتىم» دېگەندە ھەر قېتىم ئوقۇغۇچى ۋە تەرجىمە قىلغۇچىلارنىڭ چاغداش خەلىقئارا تۈركولوگىيە، خەنزۇشۇناسلىق ۋە ھېندىشۇناس ئالىملارنىڭ ئوقۇش ۋە مەنا بېرىشى كۆزدە تۇتۇلغان بولۇپ، مەزكۇر تېمىنىڭ پايدىلىنىش قىسمىغا بېرىلگەن مەخمەت ئۆلمەز، پېتېر زىمې، ئالېكساندىر ۋوۋىن قاتارلىق ئالىملارنىڭ ئېسمىنى زېكىر قىلىشقا يېتىپ ئاشىدۇ دەپ ئويلايمەن، ئەگەر بۇلارمۇ ئىشەنچ بېرەلمىسە، بىرىنچى سۇئالغا بېرىلگەن جاۋابدىكى خەلىقئارالىق تۈركولۇگلاردىن شىراتورى (1900)، رامستىد (1922)، بازىن(1948)، گابائىن (1950)، شېرۋاشېدزې (1986) قاتارلىق ئالىملارنى تىلغا ئېلىش كۇپايە، چۈنكى بۇلار بىز بىلىدىغان رادلۇف، مالۇف باشلىغان تۈركولوگىيە ۋە مەتىنشۇناسلىقنىڭ داۋامى، گېڭ شىمىن، تالات تېكىن قاتارلىق جۇڭگۇ ۋە تۈركىيە تۈركولوگىيە، ئۇيغۇرشۇناسلىق ئىلىملىرىنىڭ ئۇستازلىرىدۇر. ئۇلارسىز نە ئورخۇن يېنسەي ئابىدىلىرى، نە تۇرپان تېكىستلىرى، نە خوتەن ساك، قاراشەھەر، كۇچا تۇخار تېكىستلىرىنىڭ ئوقۇلۇشىدىن ئېغىز ئېچىش مۆمكىن ئەمەس. ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئۆزۈم گېڭ شىمىن ئەپەندىنىڭ ئاخىرقى ئوقۇغۇچىلىرىدىن، تاللات تېكىن ۋە ئۇلارنىڭ ۋارسلىرى بولغان ئېركىن ئاۋغالى، مەھمەد ئۆلمەز قاتارلىق ئۇستازلارنىڭ دوكتۇر ئاسپرانتى بولغانلىغىم ئۈچۈن ئىشەنچ بۇنىڭدىن ئاشالماس دەپ ئويلايمەن. ئەگەر ئارتۇق گۇمان بولسا ئۇ نادانلىق ۋە ئىلىمسىزلىك سەۋەبىدىندۇر.
سوئالىمنىڭ ئۈچىنچىسى شۇكى، ئاشۇ ئىككى مىسرا خەنزۇچە نەزم (بېيىت) نىڭ «سۈكە تالىكاڭ، بوكۇكگى تۇتاڭ» دەپ ئوقۇشقا قانداق فونېتىكىلىق ئاساس بار؟
جاۋابى شۇدۇركى، تولۇق ئاساس بار، ئەمما ئاساسنى پاكىت بىلەن كۆرسىتىش ئۈچۈن يوللانغان سۈرەتلەر مۇنبەردە كۆرۈلمىگەنلىكى ئۈچۈن ھازىرچە سىزگە بۇ ماقالىنىڭ يېزىلىشىغا سەۋەب بولغان ئەڭ يېڭى تەتقىقات ۋە دەرسلىك ئەسىرى «موڭغۇلىستاندىكى قەدىمقى تۈرك ئابىدىلىرى:مەتىن، تەرجىمە، لۇغەت»(مەخمەت ئۆلمەز، 2015)، دېگەن كىتابنى ۋە https://en.wikipedia.org/wiki/Jie_people دىكى فۇنېتىكىلىق تەھلىلەرنى تەۋسىيە قىلىمەن، ئەلۋەتتە، بۇ مەنبەلەر تۈركىيە تۈركچىسى ۋە ئىنگلىز، ياپۇن تىللىرىدا بولۇپ، ھېچ بولمىسا ئەسلى خەنزۇچە تېكىستلەرنى ۋە تاۋۇش لاتىنچە ئوقۇلۇش بەلگىلىرىنى كۆرۈپ بېلەلىشىڭىز مۆمكىن. مانا بۇ خىل تىل توسالغۇلىرى مەزكۇر تېمىنىڭ ئۇيغۇرچىلاشتۇرۇلۇپ يېزىلىشىدىكى يەنە بىر سەۋەبتۇر. سوئالىمنىڭ تۆتىنچىسى شۇكى، ئون خەتتىن تۈزۈلگەن مۇشۇ بېيىتنىڭ ئىچىدە قايسىسى خاس ئىسىم؟ قايسىسى پېئىل؟ قايسىسى سۈپەت؟ قەدىمكى خەنزۇچە خەتنىڭ ئۇقۇلۇشىغا قاراپ ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (قەدىمكى تۈرك تىلى دېسەكمۇ بولۇر) دا قانداق تىرانسكرىپسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى توغرا ئېنىقلاپ چىققىلى ۋە ئۇنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟
جاۋاب شۇدۇركى، بۇ مەن ئۈچۈن ۋە سىز ئۈچۈن تولىمۇ ئاددى ۋە كېرەكسىز بىر سۇئالدۇر. بىز مەتىننى ئوقۇدۇق، سۆزلەر بويىچە يېشىپ چىقتۇق. ئەمدى ئۇنى فۇنېتىكا ۋە سېنتاكىست بويىچە تەھلىل قىلىش (ئەگەر زۆرۈر بولسا)، ھازىرقى زامان تىلچىلىرىنىڭ ئىشىدۇر. شۇنداقلا ئەڭ ئاسان ئىشلاردىن بېرىدۇر. شۇڭا بۇ ھەقتە ئارتۇق توختالمايمەن. ئەمما بۈگۈنگىچە مەلۇم بولغان ھۇنشۇناسلىق نەتىجىلىرى بويىچە توغرا ئېنىقلاپ چىققىلى ۋە توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلىنغانلىغى ھەقىقەت. ئەلۋەتتە، ئۇ نەتىجىلەر ئاساسىدا سىز ۋە بىزمۇ كاپالەتلىك قىلالايمىز.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-14 02:14