ئىمىر ئەپەندىنىڭ مەزكۇر تېما ھەققىدىكى سۇئاللىرىغا جاۋاب (1)
سوئالىمنىڭ بىرىنچىسى شۇكى، سىز 秀 支 替 戾 剛, 僕谷 劬 秃 當 دېگەن نەزمنى
«ئەجداتلىرىمىزغا ئائىت بۈگۈنگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى يازما ئەدەبى پارچە خەنزۇچە مەنبەلەر ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان مىلادى 4-ئەسىرگە تەۋە تۆۋەندىكى بېيىتتۇر» دەپ يېزىپسىز. ئۇنداقتا مۇشۇ ئىككى مىسرا بېيىت خەنزۇچە قايسى مەنبەدە ساقلىنىپ قالغان؟ ئۇ «مەنبە» زادى قايسى دەۋردە قانداق قەغەزگە قايسى خەت شەكلىدە قانداق پېچېركىدا يېزىلغان؟
جاۋاب شۇكى، بۇ ئىككى مىسىرا بېيىت 648-يىلى تاڭ سۇلالىسى ئوردا پۈتۈكچىلىرىدىن فاڭ شۈەن لىڭ باشچىلىغىدىكى تارىخ يېزىش گۇرپىسى تەرىپىدىن تۈزۈلگەن جىن سۇلالىسى(265-420) تارىخى «جىن نامە» [晉書(晋书)]دا ساقلىنىپ قالغان. بۇ بىر كۆللىكتىپ ئەمگەك بولۇپ، ئەسەرنىڭ 1، 3، 54، 80-جېلىتلىرى تاڭ خانى تاڭ تەيزۇڭ تەرىپىدىن يېزىلغانلىغى ھەققىدىمۇ رېۋايەتلەر بار.
ئەسەر جىن سۇلالىسىدىن باشقا يەنە شەرقى جىن سۇلالىسى بىلەن دەۋىرداش 16 سۇلالىلەر ھەققىدىكى مەزمۇنلارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالغان. ئەسەردە قەيىت قىلىشىچە، مەزكۇر بېيىت كەشمىردىكى ئوقۇشىنى تاماملاپ 310-يىلى لۇياڭغا بۇددا دېنىنى تارقىتىش ئۈچۈن كەلگەن ( 232-يىلىدىن 348-يىلىغىچە ياشىغان) كۇچالىق راھىب فۇتۇدېڭ(佛圖澄) نىڭ ئېيتىپ بەرگىنى بويىچە خاتىرلەنگەن. بۇ بېيىتنى قەدىمقى زامان خەنزۇ يېزىقىدىن تۇنجى بولۇپ بايقىغان ۋە ئوقۇغان كىشى كانادالىق خەنزۇشۇناس ئېدۋىن گ. پۇللېي بىلەنك (Edwin G. Pulleyblank) [1922-يىلى 7-ئاۋغۇسېت-2013-يىلى، 13-ئاپرېل] تۇر. ئەسەر ئوتتۇرا قەدىمقى زامان خەنزۇ يېزىقىدا (中古漢語) فەن چېئە (切反) ئۇسلۇبىدا يېزىلغان.
• 東 was spelled 德 + 紅,
• 德 was spelled 多 + 特
• 多 was spelled 德 + 河.
بۇ ئىككى مىسىرانى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ، خەلىقئارالىق تۈركولۇگلاردىن شىراتورى (1900)، رامستىد (1922)، بازىن(1948)، گابائىن (1950)، شېرۋاشېدزې (1986) قاتارلىق ئالىملار ئوقۇپ چىققان. ئاندىن كېيىن ئەسەرنى تۈركىي تىللارغا تەۋە ئىكەنلىكىنى جەزىملەشتۈرۈپ، ھەرقايسى تۈركىي تىللاردىكى سۆزلەرنى سېلىشتۇرۇش ئاساسىدا مەنا ۋە تۈركچە ئوقۇلۇشىنى ئىشلەپ چىققان.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2016-1-11 09:39