يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1631|ئىنكاس: 45

ئابدۇمىجىت: ئەجداتلىرىمىزغا ئائىت ئەڭ قەدىمقى شېئىر پارچىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
                            ئەجداتلىرىمىزغا ئائىت ئەڭ قەدىمقى شېئىر پارچىسى

                                                       ئابدۇمىجىت مۇھەممەد

   ئەجداتلىرىمىزغا ئائىت بۈگۈنگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى يازما ئەدەبى پارچە خەنزۇچە مەنبەلەر ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان مىلادى 4-ئەسىرگە تەۋە تۆۋەندىكى بېيىتتۇر.

秀 支  替 戾 剛, 僕 谷 劬  秃 當
Xiù zhī  tì lì gāng  pú gǔ qú  tū dāng
Siu-k’i t’i-li-kang, puh-koh t’ü-tang
سۈكە تالىكاڭ، بوكۇكگى تۇتاڭ.

بۇ ئىبارە ھازىرغىچە نورغۇن قېتىم تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ھەرخىل شەكىلدە ئىزاھلاشقا تىرىشچانلىق كۆرسىتىلگەن. دەسلەپكى قەدەمدە «قوشۇننى ئەۋەتىڭ، بوكۇكنى تۇتۇڭ!» ياكى «قوشۇننى ئەۋەتىپ، بوكۇكنى تېپىپ كەل!» شەكلىدە تەرجىمە قىلىنغان. قەدىمقى خەنزۇ يېزىقى بىلەن يېزىلغان ۋە خەنزۇچە مەنبەلەردىكى ھۇنلارغا ئائىت بولغان بۇ بېيىت بۈگۈن پەقەت ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلى بىلەن چۈشەندۈرۈلمەكتىدۇر(پېتىر زېمىن 1991: 13، پەرىقلىق تەرجىمىلىرى ئۈچۈن مەھمەت ئۆلمەزنىڭ 1994-يىلىدىكى يازمىسىغا قاراڭ). يەنى ئەسەردىكى تۆت ئاساسلىق كەلىمە «سۈ» ياكى «سۈي-» كەلىمىسى  ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى كىرمە سۆز «سۈيلەش» بىلەن تومۇرداش بولسا، «تېلى/ تالې-» سۆزى «تالا» كەلىمىسىگە، «بوكۇكگى» كەلىمسى «بوكۇك(خاس ئىسىم)+نى» كەلىمىسىگە، «تۇتاڭ» سۆزى بولسا «تۇتماق» پېئىلىنىڭ بۇيرۇق شەكلى «تۇت+ۇ+ڭ»غا ئۇيغۇن كېلىدۇ. يۇقارقى بېيىت ئومۇمى جەھەتتىن تۈركىي تىللارغا تەۋە ئەڭ قەدىمقى شېئىرى ئۆرنەك سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىدىغان بولسىمۇ، بىراق مەزكۇر بېيىتنىڭ يېنسەي بويلىرىدا خاتىرىگە ئىلىنغان قەدىمقى تۈركىي تىللارغا ئائىت ئىكەنلىكى ھەققىدىمۇ خېلى كۆپ تارتىشمىلار مەۋجۇت.(ئا.ۋوۋېن 2002-يىلىدىكى يازمىسىغا قاراڭ).
ئەمدى، بۈگۈنكى شېئىرىيەت نەزەرىيىلىرى ئاساسىدا مەزكۇر قوشاققا نەزەر سالساق شۇنى بايقايمىزكى، بۇ شېئىرى پارچە ئەمىلىيەتتە بىر پارچە بېيت شەكلىدە بولۇپ، بۇ خىل شەكىل ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ قەدىم نادىر ئۆلگىلىرىدىن بىرىدۇر. بېيىتنىڭ ھەر بىر مىسىراسى 5 بوغۇمدىن ھاسىل بولغان بولۇپ، ھەربىر مىسىرا ئاخىرىدىكى «ڭ» تاۋۇشىدىن ھاسىل بولغان قاپىيە، ئەسەرنىڭ مۇكەممەل بوغۇم قۇرۇلىشىغا ماسلاشقان ھالدا ئۆزگىچە بىر شېئىرىي تۈسنى ياراتقان. ئۇنىڭ ئۈستىدىكى بىرىنچى مىسىرادىكى سۆزلەر ئاخىرىدا كەلگەن «ئى» تاۋۇشى بىلەن، ئىككىنچى مىسىرادىكى سۆزلەرنىڭ ئاخىرقى تاۋۇشىدا كەلگەن «ئۇ» تاۋۇشى بىزگە خەنزۇچە تەرجىمە قىلىنىشدىن بۇرۇنقى ئەسلى شېئىردا بار بولغان ئېچ قاپىيەدىن ئۇچۇر بېرىدۇ. ئەگەر بىز بۇ قوشاقنى بىر قەدەم ئىلگىرلىگەن ھالدا «تۈركىي تىللار دىۋانى»دېكى
كەلدى ماڭا تات،
دېدىم ئاڭا يات.
...............
كەبى مىسىرالارغا سىلىشتۇرساق كۆز ئالدىمىزدا تېپىك بىر قوشاق ئۆلگىسى نامايەن بولىدۇ. ياكى بىز بۇ بېيىتنى يەنە؛
ئاسماندىكى ئاي،
زېمىندىكى لاي.
چېدىمايسەن ماڭا،
ۋاي ، ۋاي ، ۋاي.
كەبى قوشاقلارنىڭ دەسلەپكى ئىككى مىسىراسىغا ئوخشىتىپ تۇرۇپ، بۇ بېيىتنى مەلۇم بىر قوياشنىڭ دەسلەپكى بۆلەكلىرى بولىشى مۆمكىن دەپ پەرەز قىلساق، ئۇ ھالدا ئوخشاش بېيىتلىق، قاپىيە ياكى بوغۇم تۈزلىشىگە ئىگە تېخىمۇ چوڭ ھەجىملىك ئەسەرلەردىن ئۇچۇر بىرىدۇ ئەلۋەتتە.

پايدىلىنىش مەنبەسى:
1.        مەخمەت ئۆلمەز: «ئورخون ئۇيغۇر خانلىغى دەۋرى موڭغۇلىيەدىكى قەدىمقى تۈرك يازما يادىكارلىقلىرى»(مەتىن، تەرجىمە ۋە لۇغەت)، بىلگە سۇ نەشرىياتى، 2015-ئەنقەرە
2.        پېتېر زىمې: «تۇرپان ۋە دۇنخۇاڭدىن تېپىلغان ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر»، تۈركولوگىيە تەتقىقاتى، بوداپېشت، 1991
3.        ئالېكساندىر ۋوۋىن: «ھۇنلار يېنسەي تىلىدا سۆزلىگەنمۇ؟»، «مەركىزى ئاسىيا تەتقىقاتى ژۇرنىلى»،2000، 44، 87-104.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-1 18:00  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2016-1-1 18:21:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       ئەپچىل ماقالىنى ئوقۇپ تەسىرلىنىپ، قولۇمدىكى مىلادىدىن خېلى يىللار ئىلگىرى شىنا يېزىقىدا يېزىلغان تۈركىيە مۇھەببەت لىرىكىسىنى يوللۇغۇم كەلدى:

                         قىلدىڭ ماڭا ئەي ئاشىقىم ،ئالەمچە بار شادلىق ماڭا ،
                         تەييارلىسۇن ئانام تائام،تۇتسۇن ئاتام سوۋغات ساڭا.
                        
                        ئېھ  ئاشىقىم، يۈرەك پارەم،  ئۇز جامالىڭ  قىلدى  لال،
                        ixk ئوتۇڭدا ئەقلىم يىتتى، لەۋلىرىڭدىن بەر ماڭا بال . بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئا.جۇدۇن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-1 18:23  


SHEYDAI بۇ ئەزا ئۆچۈرۈلگەن
ۋاقتى: 2016-1-1 23:53:47 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسكەرتىش: يوللىغۇچى چەكلەنگەن. مەزمۇننى كۆرەلمەيسىز .
ۋاقتى: 2016-1-2 00:04:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەك ياخشى ھۆججەت ئىكەن....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-2 04:42:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالام. ئا.جۇدۇن ئەپەندى، ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ «قوللىرىدىكى مىلادىدىن خېلى ئىلگىرىكى ۋاقىتلاردا شىنا يېزىقىدا يېزىلغان تۈركىيە مۇھەببەت لېرىكىسى»غا قىزىقىپ قالدى. بۇ ھەقتە سەل تەپسىلىراق ئۇچۇر بەرگەن بولسىلا:

1. «مىلادىدىن ئىلگىرى» بىلەن «تۈركىيە لېرىكىسى»نىڭ مۇناسىۋىتىنى ئويلاپ ئويلاپ چۈشىنەلمىدىم.
2. شىنا يېزىقى قانداق يېزىق ئىكەن، مەزكۇر ئەسەر سىلنىڭ قوللىرىدا قانداق ھالەتتە، دېمەكچى مەتېنمۇ؟ قول يازمىمۇ؟ تاشقا، تارشىلارغا ياكى تاشپاقا قاپلىرىغا يېزىلغانمۇ؟ ياكى مەلۇم نەشرىياتتا چىققان يات تىللاردىكى ئەسەرلەردىن ئىلىنغانمۇ؟ (ئەلۋەتتە، بۇ سەل ئەخمىقانە سۇئال بولۇپ قالدى)

3. سىلى بەرگەن ئاۋۇ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلدىكى تەرجىمىسىنى كىم ئىشلىگەن؟ مەنبەسى قەيەردە؟

ۋاقتى: 2016-1-2 14:03:48 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوسمانلى  سۇلتانلىقى مىلادى 1299ـيىلى قۇرۇلغانىكەن، تۈركىيە دېگەندە مۇستاپا كامال قۇرغان ھازىرقى تۈركىيە جۇمھۇرىيىتى كۆزدە تۇتۇلىدۇ. شۇڭا جۇدۇن ئاكىمىزنىڭ  مىلادىدىن ئىلگىرىكى تۈركىيە دېگەن سۆزىدە زور خاتالىق بار. گەپ قانداق تەرىزدە يېڭىلىشىپ ئېيتىلىپ قالدى، ياكى يۈكسەك بىر قۇرۇق ھاياجان قارىسىغا گەپ قىلىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ، چۈشەندۈرۈش بېرىلسە . .. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئە.جۇلا تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-2 14:05  


ۋاقتى: 2016-1-2 14:12:37 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىلادىدىن ئىلگرىكى چاغلاردا تۈركلەر ئالتاي تاغلىرىدا ئات چاپتۇرۇپ، گۆشنى پۈتۈن ـپۈتۈن يەپ، جەرەن ـ يولۋاس، بۇلغۇن تېرىلىرىدە ئىسسىق جۇۋا تىكىپ كىيىپ ئەركىن ياشاۋاتقان بولغىيتتى .

باھا سۆز

ئىنسا بولغاندىكىن مۇھەببەتسىز ئەمەستە .  ۋاقتى: 2016-1-4 10:47 AM
ۋاقتى: 2016-1-4 10:25:15 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2016-1-2 04:42
سالام. ئا.جۇدۇن ئەپەندى، ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ «قوللىرىد ...

       ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ئابدۇمىجىت مۇھەممەد  ئۇكام تېچلىقمۇ، سىزنىڭ ئىزدىنىشلىرىڭىز  ۋە
تەتقىقاتلىرىڭىزغا  قايىل ھەم مايىلمەن.  كىتابخۇمار بولغېنىم ئۈچۈن،  قەلەمداشلار ئېۋەتكەن كونا  ئۇچۇرنى
ئۆز پېتى يوللاپ قويغانىدىم، سىزنىڭ سۇئاللىرىڭىز بەكمۇ ئورۇنلۇق. بىرلىكتە ئىزدىنىپ باقايلى، مەن بولسام
ئارامدىكى كومنىڭ ئالدىدا سىزلەرگە دىققەت قىلغۇچى، سىز بولسىڭىز  كىتابخانا، مۇنبەر، كۈتۈبخانىدىكى
ئىزچىل ئىزدەنگۈچى،  

ۋاقتى: 2016-1-4 10:46:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى  2016-1-2 14:03
ئوسمانلى  سۇلتانلىقى مىلادى 1299ـيىلى قۇرۇلغانىكەن، تۈر ...

     ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جۇلا ئەپەندى تېچلىقمۇ ،راستىنى دېسەم،  ئۇچۇرۇمدا سەۋەنلىك بارىكەن [ ئەمما،
زور خاتالىق ئەمەس ]  ئوسمانلى سۇلتانلىقى  1299 - يىلى قۇرۇلغانكەن، دېمەك ،  تۇركلەرنىڭ يىلتىزى ئۇزۇندۇر- ئۇزۇن . مەنبەسى ھازىرچە نائېنىق بولغان يۇقىرىقى يازمامدا تۇركىيە دەپتىمەن [ ئەپۇ  قىلىڭ ]
سىزنىڭ سەزگۈر تۇيغۇڭىزغا ئاپىرىن ! راستىنى دېسەم، ئانا تىىلىمدىن باشقا تىللارغا گالمەن،سىزنىڭ
تىرىشچانلىقىڭىز،  كۆپتىللىقىڭىز ، تىنىمسىز ئىزدىنىشىڭىز، يېڭى- يېڭى تەپەككۈرىڭىزگە  قايىللىقم بار،
يازمىلىرىڭىزغا كۈنسىرى دىققەتتىمەن. ئامان بولايلى !

ۋاقتى: 2016-1-5 21:38:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.جۇدۇن يوللىغان ۋاقتى  2016-1-4 10:46
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم جۇلا ئەپەندى تېچلىقمۇ ،راستىنى ...

رەھمەت، جۇدۇنكا! ئۇنداق سەھۋەنلىك ھەممىمىزدىن ئۆتۈپ تۇرىدۇ. مەن پەقەت ۋاقىت پەرقىنىڭ چوڭ بولۇپ كەتكەنلىگى تۈپەيلىدىن زور خاتالىق ئۆتكۈزۈپسىز دېگەنىدىم.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-8 13:42:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، ئا.جۇدۇن ئەپەندى. مەنمۇ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ يېڭى ئۇچۇرلار بولسا ئۈگەنمەكچى بولغان ئىدىم. يوللىغان ئاۋۇ شېئىرى پارچىنىمۇ ساقلىۋالدىم. مەن مەنبەسى ھەققىدە ئىزدىنىپ كۆرەي.

ۋاقتى: 2016-1-8 20:29:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2016-1-8 13:42
رەھمەت، ئا.جۇدۇن ئەپەندى. مەنمۇ ئىنكاسلىرىنى كۆرۈپ يېڭ ...

       سىزگىمۇ رەھمەت، مەنمۇ  سىزنىڭ ئورۇنلۇق سۇئاللىرىڭىزغا جاۋاپ ئىزدەۋاتىمەن، بىرلىكتە ئىزدىنەيلى!

ۋاقتى: 2016-1-8 21:49:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئابدۇمىجىت مۇھەممەد ئۇكام ياخشىمۇ سىز؟ سىزنىڭ «ئەجداتلىرىمىزغا ئائىت ئەڭ قەدىمقى شېئىر پارچىسى» ناملىق ماقالىڭىز مېنىڭ قىزىقىش دائىرەمدىكى ماقالە بولغىنى ئۈچۈن سىزدىن بىر قانچە سوئالنى سورىۋالاي دېگەن ئىدىم. بۇ سوئالىمنىڭ بىرىنچىسى شۇكى، سىز 秀 支  替 戾 剛, 僕谷 劬  秃 當 دېگەن نەزم (شېئىر دېسەكمۇ، بېيىت دېسەكمۇ بولۇر) نى «ئەجداتلىرىمىزغا ئائىت بۈگۈنگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى يازما ئەدەبى پارچە خەنزۇچە مەنبەلەر ئارىسىدا ساقلىنىپ قالغان مىلادى 4-ئەسىرگە تەۋە تۆۋەندىكى بېيىتتۇر» دەپ يېزىپسىز. ئۇنداقتا مۇشۇ ئىككى مىسرا بېيىت خەنزۇچە قايسى مەنبەدە ساقلىنىپ قالغان؟ ئۇ «مەنبە» زادى قايسى دەۋردە قانداق قەغەزگە قايسى خەت شەكلىدە قانداق پېچېركىدا يېزىلغان؟  
       سوئالىمنىڭ ئىككىنچىسى شۇكى، ئاشۇ مەنبەنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنىڭ زامانىۋى تېخنىكا (شەكىلپۈتەر ـــ ساۋمياۋجى) نىڭ ۋاسىتىسى بىلەن ئىشلەنگەن فوتو نۇسخىسىنى بىۋاسىتە كۆرۈشىمىز مۇمكىن بولۇرمۇ؟ (مۇمكىن بولمىسا ھېچقىسى يوق، پەقەت ئاشۇ مەنبە ئىشەنچلىك بولسىلا بولدى).   
      سوئالىمنىڭ ئۈچىنچىسى شۇكى، ئاشۇ ئىككى مىسرا خەنزۇچە نەزم (بېيىت) نىڭ «سۈكە تالىكاڭ، بوكۇكگى تۇتاڭ» دەپ ئوقۇشقا قانداق فونېتىكىلىق ئاساس بار؟
     سوئالىمنىڭ تۆتىنچىسى شۇكى،  ئون خەتتىن تۈزۈلگەن مۇشۇ بېيىتنىڭ ئىچىدە قايسىسى خاس ئىسىم؟ قايسىسى پېئىل؟ قايسىسى سۈپەت؟ قەدىمكى خەنزۇچە خەتنىڭ ئۇقۇلۇشىغا قاراپ ئۇنىڭ قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى (قەدىمكى تۈرك تىلى دېسەكمۇ بولۇر) دا قانداق تىرانسكرىپسىيە قىلىنىدىغانلىقىنى توغرا ئېنىقلاپ چىققىلى ۋە ئۇنىڭ توغرىلىقىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولامدۇ؟  
      سىز يەنە [تۆت ئاساسلىق كەلىمە «سۈ» ياكى «سۈي-» كەلىمىسى  ھازىرقى زامان ئۇيغۇرتىلىدىكى كىرمە سۆز «سۈيلەش» بىلەن تومۇرداش بولسا، «تېلى/ تالې-» سۆزى «تالا» كەلىمىسىگە، «بوكۇكگى» كەلىمسى «بوكۇك(خاس ئىسىم)+نى» كەلىمىسىگە، «تۇتاڭ» سۆزى بولسا «تۇتماق» پېئىلىنىڭ بۇيرۇق شەكلى «تۇت+ۇ+ڭ»غا ئۇيغۇن كېلىدۇ] دەپ يېزىپسىز.  بۇنىڭدىكى «سۈ» ياكى «سۈي-» كەلىمىسى خەنزۇچە قايسى خەتنىڭ ئوقۇلۇشى؟ ئۇ «سۈيلەش» سۆزى بىلەن تومۇرداش بولسا، ئۇنداقتا، «سۈيلەش» سۆزى ئەڭ دەسلەپ قاچان قولىنىلغان؟ «تېلى/ تالې-» سۆزى «تالا» سۆزىگە ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنداقتا، بۇ سۆز قاچان قوللىنىلغان؟ «بوكۇكگى» كەلىمسى «بوكۇك(خاس ئىسىم)» قا ئۇيغۇن كەلسە، ئۇنداقتا، «بۇكۇك» دېگەن بۇ خاس ئىسىم قاچان، قايسى مەنبەدە قوللىنىلغان؟  «تۇتاڭ» سۆزىنىڭ «تۇتماق» پېئىلىنىڭ بۇيرۇق شەكلى «تۇت+ۇ+ڭ»غا ئۇيغۇن كېلىشىگە قانداق فونېتىكىلىق ئاساس بار؟ ...
       مۇشۇ سوئاللارغا ئىلمىي رەۋىشتە جاۋاب بېرىلسە ۋە قايىل قىلارلىق ئىسپاتلانسا، يۇقىرىقى ئىككى مىسرا نەزمنىڭ قىممىتى بەكمۇ ئاشقان بولاتتى. مانا مۇشۇ سەۋەبتىن مەن سىزگە يۇقىرىقى سوئاللارغا جاۋاب بېرۇرمىكىن دېگەن ئۈمىدتىمەن. سوئالىمنىڭ چىقىش نۇقتىسىنى توغرا چۈشىنىشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.

ۋاقتى: 2016-1-9 19:05:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئابدۇمىجىت مۇھەممەد ئۇكام سىزدىن سورايدىغان يەنە بىر قانچە سوئاللىرىم بار:
      بىرىنچى، سىز 秀 支  替 戾 剛, 僕谷 劬  秃 當 دېگەن ئىككى مىسرا نەزمنى «مىلادى 4-ئەسىرگە تەۋە» دېيىشىڭىزدە قايسى پاكىتنى ئاساس قىلغان؟ يەنە «ئەجداتلىرىمىزغا ئائىت بۈگۈنگىچە مەلۇم بولغان ئەڭ قەدىمقى يازما ئەدەبى پارچە» دېگەن جۈملىڭىزدىكى «ئەجدادلىرىمىز» كىملەرنى كۆرسىتىدۇ؟ ئۇلار 4- ئەسىردە قايسى نامنى قوللانغان؟
      ئىككىنچى، سىز «مەزكۇر قوشاققا نەزەر سالساق شۇنى بايقايمىزكى، بۇ شېئىرى پارچە ئەمىلىيەتتە بىر پارچە بېيت شەكلىدە بولۇپ، بۇ خىل شەكىل ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ قەدىم نادىر ئۆلگىلىرىدىن بىرىدۇر» دەپ يېزىپسىز. ئۇنداقتا «مەزكۇر قوشاق» (قوشاق دېسەك بولماس، چۈنكى پەقەت تۆت مىسرالىق ۋە قاپىيەلىك مۇكەممەل شەكىللا قوشاق دېيىلىدۇ، ئىككى مىسرالىق نەزمنى قوشاق دېسەك قاملاشماسمىكىن؟) نى «ئۇيغۇر خەلق قوشاقلىرىنىڭ قەدىم نادىر ئۆلگىلىرىدىن بىرىدۇر» دېيىشىڭىزدە قانداق پاكىتلارنى ئاساس قىلغان؟ سىز يەنە ئاشۇ ئىككى مىسرالىق خەنزۇچە قاپىيەلىك جۈملىنى «قوشاق» دەپ ئاتىشىڭىزدا قايسى پاكىتلارنى ئاداس قىلغان؟
     ئۈچىنچى، سىز ماقالىڭىزنىڭ «پايدىلىنىش مەنبەسى»نىڭ 3- سىدە  ئالېكساندىر ۋوۋىننىڭ «ھۇنلار يېنسەي تىلىدا سۆزلىگەنمۇ؟» ناملىق ماقالىسىدىن پايدىلانغىنىڭىزنى يېزىپسىز. ئۇنداقتا، مەزكۇر پايدىلانمىدىكى ئالېكساندىر ۋوۋىن دېگەن كىشى «ھۇنلار» دېگەن سۆزنى ئىشلەتكەنمىدۇر؟ ئىشلەتكەن بولسا ئۇنىڭ «ھونلار» سۆزىنى قانداق ھەرپ بىلەن قانداق پوچېركىدا يازغانلىقىنى بىۋاسىتە ئىسپاتتىن ئۆتكۈزۈش ئىمكانىيىتى بولامدۇ؟ («ھونلار» دەپ يېزىش تۈركىي تىللىرىغا مەنسۇپ تۇرسا، ئالېكساندىر ۋوۋىن دېگەن كىشى «ھۇنلار» دېگەن سۆزنى قانداق يازغاندۇ؟ دېمەكچىمەن). ئەمدى ئالېكساندىر ۋوۋىن ئەپەندى تىلغا ئالغان «يېنسەي تىلى» دېگەن زادى قانداق تىل؟ ئۇ قايسى تىلنى كۆرسىتىدۇ؟ ...

ۋاقتى: 2016-1-9 22:11:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قايسى بىر كۈنى «بايىغۇلىن گېزىتى»دىن «ئۇيغۇرچە-خەنزۇچە چېتىشى بار سۆزلەر»دىگەن بىر ماقالىنى ئوقۇغان.  بۇمۇ شۇنداقراق بىر گەپ بولسا كېرەك.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش