كۆرۈش: 324|ئىنكاس: 6

زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەت « قامۇسى » [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 16:46:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

زوردۇن سابىرنىڭ ئىجادىيەت « قامۇسى »

ئابدۇرېشىت ئوسمان
(غۇلجا شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن)



يازغۇچى زوردۇن سابىر كۈزىتىشكە ماھىر ۋە يېزىشتا ھارمايدىغان ئىجتىھاتلىق ، قەيسەر يازغۇچى ئىدى.يازغۇچى زوردۇن سابىر ئادەتتە خاتىرە دەپتىرىنى ئايرىمايدىغان ئادەتنى يېتىلدۈرگەنىدى.بۇ خاتىرە دەپتەرلەر ھەقىقەتەن يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شوغۇللىنىشتىكى « قامۇسى »ئىدى. بۇ خاتىرە دەپتەرلەر زوردۇن سابىرنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتىنى مول ، جانلىق ماتېرىيال ۋە تېما بىلەن تەمىنلەيتى. ئۇ ھەرۋاقىت ، ھەرجايدا كۆرگەن ، ئاڭلىغانلىرىدىن لازىملىق دەپ بىلگەنلىرىنى ئاشۇ خاتىرىسىگە يېزىۋالاتتى. بۇ ھەقتە يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ « تالانت ئىگىلىرىنى يېتىشتۈرۈش ۋە نادىر ئەسەر يارىتىش توغرىسىدا ئويلىغانلىرىم » ( «شىنجاڭ گېزىتى » 1996- يىل 5- ئاينىڭ 31- كۈنىدىكى سانى ) ناملىق ماقالىسىدە مۇنداق دەيدۇ: « ..... مەن چىرايلىق جۈملە بىلەن يېڭى ئاتالغۇ ئاڭلىساملا خاتىرىلىۋالىمەن . مېنىڭ مەكىت ، خوتەن ، تۇرپان ، قومۇل ، غۇلجا قاتارلىق جايلىرىنىڭ شېۋىلىرى ۋە چىرايلىق جۈملىلەر بىلەن تولغان ئون نەچچە دەپتىرىم بار . مەن بۇ دەپتەرلىرىمدىن پايدىلىنىمەن ». بۇ ھەقتە يەنە تۇردى داۋۇت « ئۇ مەڭگۈ ھايات » ناملىق ئەسلىمە ( « ئىلى تارىخى ماتىرىياللىرى » ، 11- قىسىم كىتاپ ، 260- بەت ) دە مۇنداق دەپ يازىدۇ:  « .... ئارىمىزدىكى ناخشىچىمىز سىدىق بەكرى بىر يۈرۈش ئىلى خەلق ناخشىلىرىدىن ‹ كۆچ - كۆچ › ناخشىسىنى ئىيتىپ بەردى. ئۇ ‹ كۆچ - كۆچ › ناخشىلىرىنىڭ


         ‹چۆللەرگە چىقىپ كەتتۇق ،
          چۆلنىڭ بۆرىسى باردۇر .
         كۆچۈپ كۆنمىگەن ئەلنىڭ ،
         قىرى - چۆرىسى باردۇر . ›


دېگەن مىسرالىرىنى ئېيتقاندا زوردۇن سابىر ئاكا كىچىك خاتىرىسىنى ئېلىپ خاتىرىلىۋالغانىدى.
ـــ بۇ مېنىڭ ئادىتىم، خاتىرىنى يېنىمدىن ئايرىمايمەن، سىلەر باشقىچە ئويلاپ قالماڭلار، - دەپ ئىزاھات بەردى. مەن قەدىرلىك يازغۇچىمىزنىڭ تۇرمۇش ئۆگىنىشتىكى ئەستايىدىل ئېستىلىغا كۆڭلۈمدىن ئاپرىن ئوقۇدۇم ھەم تولىمۇ قايىل بولۇپ، ئۆزۈمگە ئۆرنەك قىلىشنى نىيەت قىلدىم.... »
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ مانا مۇشۇنداق ئۈچ پارچە خاتىرە دەپتىرى ھازىر « زوردۇن سابىر خاتىرە ئۆيى » دە ساقلىنىۋاتىدۇ. مەن مۇشۇ ماقالىنى يېزىش جەريانىدا بۇ ئۈچ پارچە خاتىرە دەپتەرنى تەپسىلى ئوقۇپ چىقتىم . بۇ ئۈچ پارچە خاتىرە دەپتەرنىڭ بەزى بەتلىرى ئۇيغۇرچە، بەزى بەتلىرى خەنزۇچە يېزىلغان. يازغۇچى زوردۇن سابىر بۇ خاتىرە دەپتەرلەردىن ئۆز ئەسەرلىرىدە قانداق پايدىلانغان ؟
1- خاتىرە دەپتەر : قىزىل سولياۋ تاشلىق مۇخبىرلىق خاتىرىسى ، جەمىئي 31 بەت يېزىلغان . بۇ خاتىرە دەپتىرىنىڭ بىرىنچى بىتىگە يىڭى يېزىقچە « ZORDUN.SABIR» دەپ ئۆز ئىسىم - فامىلىسىنى يېزىپ قويغان. بىر بەتتە « قۇياش ۋەھىمىسى » ناملىق ھېكايىنىڭ ماۋزۇسى ۋە بۇ ھېكايىنىڭ تۆت قۇر تېزىسى يېزىلغان. يەنى مۇنداق : « ماشىنا توختىدى، بىر زىيالى، بىر سودىگەر، بىر دىندار، يەنە بىر قانچە ئىچكىرىدىن كىرگەنلەر، بىر چەت ئەللىك بار، خىلمۇ خىل مۇلاھىزە، بىر ماشىنا ياندىلا توختايدۇ، لېكىن ماي بەرمەيدۇ » ، يەنە بىر بەتتە غۇلجا ناھىيە بايتوقاي يېزا چىغلىق مازار كەنتى ۋە چىغلىق مازار ھەققىدىكى ئۇچۇرلار خاتىرلەنگەن. يەنە بىر بەتتە يېزا ياشلىرىنىڭ ئەخلاقىدىكى ناچار ئىللەتلەر ھەققىدىكى مۇھاكىمىسى يېزىلغان. مەسلەن:« ياشلار ھە دېسىلا ھەشەمەتلىك تۇرمۇشقا قىزىقىپ ئۆيلىرىدىن قاچىدۇ. ئۈرۈمچىگە ، گۇۋاڭجۇغا قاچقانلار خېلى كۆپ، ھاراق ئېچىپ سوقۇشىدۇ، تاياق يەپ نەچچە كۈنلەپ ياتىدۇ، سەلىمنىڭ ئوغۇللىرى پۇل ئۈچۈن دادىسىدىن يامانلايدۇ، قاچىدۇ. قىزلىرىمۇ شۇنداق يېزا ياشلىرىنىڭ ئەخلاقىدا ياتلىشش ئېغىر، ئوقۇمايدۇ، مەدەنىيەتكە قىزىقمايدۇ، كىتابخانا، مەدەنىي ئويۇنخانا يوق، ھېچنىمە يوق ، يامان ئىشلار كۆپ » .
2- خاتىرە دەپتەر : يېشىل قەغەز تاشلىق كىچىك خاتىرە دەپتەر، جەمئىي 53 بەت يېزىلغان. بۇ خاتىرە دەپتەرنىڭ ئىچ مۇقاۋىسىغا « 祖尔东 » دەپ خەنزۇچە ئىسمى يېزىلغان. بۇ خاتىرە دەپتەرنى يازغۇچى زوردۇن سابىر 1987- يىلى 10- ئايدا غەربىي گىرمانىيىگە بارغاندا يازغان. بەزى بەتلەر ئۇيغۇرچە، بەزى بەتلەر خەنزۇچە يېزىلغان. بۇ خاتىرە دەپتەردە ئاساسلىقى نېمىس تىلىدىكى بىر قىسىم سۆزلۈكلەر ۋە دىئالوگلارنىڭ تەلەپپۇزى ھەم مەنىسى بويىچە سېلىشتۇرۇپ يېزىلغان. يەنە بۇ خاتىرىدە زوردۇن سابىرنىڭ غەربىي گىرمانىيىدىكى ئاڭلىغان – كۆرگەنلىرى ناھايتى تەپسىلى خاتىرلەنگەن. يازغۇچى زوردۇن سابىر مانا مۇشۇ خاتىرە دەپتىرىدىكى ماتىرىياللار ئاساسىدا چەت ئەل تۇرمۇشىدىن يېزىلغان«سىزىق ئادەملەرگىلا » ، « ئىشسىزلار تېخىمۇ ئىشچان » ناملىق ھېكايىلىرىنى ۋە « ياۋرۇپاغا سەپەر » ناملىق زىيارەت خاتىرىسىنى يېزىپ چىققان.
3- خاتىرە دەپتەر : قارا خۇرۇم تاشلىق سىرىتمىلىق چوڭ خاتىرە دەپتەر ، جەمئىي 69 بەت يېزىلغان. بۇ خاتىرە دەپتەرنى يازغۇچى زوردۇن سابىر 1984- يىل بېشىدىن تاكى 1993- يىل ئاخىرغىچە يازغان. بەزى بەتلەر ئۇيغۇرچە، بەزى بەتلەر خەنزۇچە يېزىلغان. بۇ خاتىرە دەپتەردە ئاساسلىقى يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئاپتونۇم رايونىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىكى شەھەر، ناھىيە، يېزا( كەنت ) لەرگە تۇرمۇش ئۆگەنگىلى بارغان چاغدىكى كۆرگەن- بىلگەنلىرى ۋە ئاڭلىغانلىرى ناھايتى تەپسىلى خاتىرلەنگەن. يازغۇچى زوردۇن سابىر مانا مۇشۇ خاتىرە دەپتەردىكى ماتىرىياللار ئاساسىدا « ئېھ ، توپىلىق يول » ، « بۇركۇت » ، « بوش كەلمە تۇرپانلىق » ، « جىگدىلەر پىچىرلايدۇ » قاتارلىق نادىر ھېكايىلىرىنى يازغان .
ئوقۇرمەنلەر يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇغاندا، ئەسەردە يارىتىلغان تېپىك پېرسۇناژ ۋە تېپىك ۋەقە - مۇھىتنىڭ خۇددى ئۆزى كۆرگەن ئادەم ۋە ئىشلار بىلەن ئۇچرىشىۋاتقاندەك ئىنتايىن يېقىملىق ھېس قىلىشىدۇ. بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى ، يازغۇچى زوردۇن سابىر ئەسەرلىرىدىكى يارىتىلغان تېپىك پېرسۇناژ ۋە تېپىك ۋەقە – مۇھىتلار كەڭ ئىجتىمائىيلىققا، يۈكسەك يىغىنچاقلىققا ئىگە بولۇپ، ئەسەرلىرىنىڭ تۇرمۇش ئاساسىي ناھايتى كۈچلۈك، يارىتىلغان پېرسۇناژلار رېئال ئىجتىمائي تۇرمۇشتىكى راست ئادەم ( پروتوتىپ ) لەرنى ئاساس قىلغان.
يازغۇچى زوردۇن سابىر بارغان - تۇرغان يەرلىرىدە بىرەر يات كىشى بىلەن سۆھبەتلەشسىلا ئۆزىنىڭ ئاشۇ ناتۇنۇش كىشى توغرىسىدىكى ئەڭ دەسلەپكى تەسىراتلىرىنى، سۆھبەت مەزمۇنلىرىنى قىلچە بىپەرۋالىق قىلماستىن ئەستايىدىل، تەپسىلى خاتىرىلىۋالاتتى. ئۇ مۇشۇنداق خاتىرە كەلگۈسىدىكى ئەدەبىي ئىجادىيەتتە ئەسقاتىدۇ ، دەپ قارايتتى. بۇ سۆزىمىزنىڭ دەلىلى سۈپىتىدە ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ « قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر » ناملىق ئەسلىمە كىتابىدىن مۇنۇ نەقىلنى ئالايلى : « ...... 1986- يىلى خۇتەندە ئېچىلغان يېزا تېمىسىدىكى ئەسەرلەر سۆھبەت يىغىنى ، مەن ئۈچۈن ئالاھىدە ئۇنتۇلماس بىر ئەسلىمىدۇر ...... خۇتەندىكى كۈنلەردە زوردۇنكامنىڭ ياتىقى ھەمىشە ئاۋات بولۇپ تۇراتتى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرىمۇ، نە – نەلەردىن ئالايتەن كەلگەن خۇتەنلىك ئاپتۇر، ھەۋەسكارلارمۇ ئۇنىڭ مەزمۇنلۇق، ئۇچۇر، بىلىمگە باي، يەنە كېلىپ قىزىقارلىق سۆزلىرىنى ئاڭلاشقا خۇشتار ئىدى. ئۇ قايسى تېمىدىن گەپ ئاچمىسۇن ئادەمنى قايىل قىلارلىق ھالدا سۆزلەيتتى.
..... خۇتەندە تۇتقان خاتىرەمدە ئۇنىڭ قىلغان سۆزلىرىدىن كەلگەن پارچە – پۇرات خاتىرىلەر ھېلىمۇ ساقلانماقتا ....... ‹ خاتىرە يازغىن، زېرىكمەي، ئۇچرىغاننى يازغىن ، يېزىقچىلىققا ئولتۇرغان چېغىڭدا ساڭا ھېچنىمە ياردەم قىلالمايدۇ، پەقەت كاللاڭدا قېپقالغان ئەسلىمىلىرىڭ بىلەن ئاشۇ قالايمىقان بىر نېمىلەر بىلەن تولغان خاتىرەڭلا ئەسقاتىدۇ ....› » ( 77- ، 78- بەتلەر ) يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ خاتىرە دەپتەرلىرىدە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ جاي - جايلىرىغا بېرىپ تۇرمۇش ئۆگەنگەندە ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى كىشلەر بىلەن قىلىشقان سۆھبەتلىرىنىڭ يازما خاتىرىسى ناھايتى كۆپ.
يازغۇچى زوردۇن سابىرنىڭ ئاكىسى نۇرۇم سابىر بۇ ھەقتە مۇنداق دەيدۇ : « ئىنىم خەلق بىلەن ئىچقۇيۇن- تاشقۇيۇن ئىدى، ئۇنىڭ ‹ قۇشنىلار › ، ‹ ۋاپادارلىق › ، ‹ ئاخىرىقى پادىچى › ، قاتارلىق ئەسەرلىرىنىڭ ماتىرىيال مەنبەسى مۇشۇ مەھەللىدىن ئېلىنغان. شۇڭا تا ھازىرغىچە مەھەللىمىزدىكى بەزى كىشلەرنىڭ ئۆز ئىسىملىرى بىلەن ئاتالماي، شۇ ئەسەردىكى پېرسۇناژلارنىڭ ئىسمى بىلەن چاقىرىلىدىغانلىقى سۆزىمىزنىڭ دەلىلى » ( نۇربانۇم نۇرۇم : « دادام ۋە مېنىڭ خاتىرەمدىكى زوردۇن سابىر » ، « ئىلى تارىخ ماتېرىياللىرى 14- قىسىم كىتاب 247- بەت »
بۇ ھەقتە يەنە ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەت يازغۇچىنىڭ خاتىرە دەپتىرى توغرىسىدىكى بىر سۆھبەتتە يازغۇچى زوردۇن سابىر ئۆزىنىڭ خاتىرە يېزىش ئۇسۇلى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: « ـــ مەن ئۆزۈم ئەڭ مۇھىم دېگەن بىر سۆز ياكى بىرەر ئىسىم، ئاتالغۇنى دەپتىرىمگە تىركەپ قويىمەن، كېيىن ئۇنى كۆرسەملا شۇ  ۋەقە، شۇ ئىش يادىمغا كېلىدۇ. ئەلۋەتتە، بەزىدە مۇپەسسەل خاتىرە قالدۇرۇش كېرەك » ( ماخمۇت مۇھەممەت : « ئابرال ئوغلى » ( شىنجاڭ ياشلار ئۆسمۈرلەر نەشىرىياتى ، 2011- يىل نەشىرى، 74- بەت )


mukam.cn

Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18Rank: 18

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  69
يازما سانى: 106
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 824
تۆھپە : 12
توردا: 270
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

تۆھپىكار ئەزا مۇنەۋۋەر مۇھەررىر

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 17:43:36 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇرېشىت ئوسمان! «زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى» ھەققىدە بىر تېما يوللىساڭ بولاتتى.

كارىزلارنى قۇتۇلدۇرۇش، كارىزلارغا كۆڭۈل بۆلۈش ھەر بىرىمىزنىڭ بۇرچى!
http://www.karizim.cn

Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15Rank: 15

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  416
يازما سانى: 1913
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 5679
تۆھپە : 8
توردا: 407
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-7

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 18:24:29 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ «زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى»  ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى مۇنبەدە بولسىمۇ كۆرسەم دەيمەن

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  114
يازما سانى: 317
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 800
تۆھپە : 20
توردا: 170
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 18:33:45 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدىرشىت مۇئەللىمنىڭ ئۇستاز زوردۇن سابىر ئەسەرلىرى ئۈستىدىكى تەتقىقاتى بىزنى ناھايتى سۈيۈندۇردى~

كىملىك سالاھىيتىمىز ئۈستىدە ئىزدىنەيلى

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  197
يازما سانى: 38
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 199
تۆھپە : 0
توردا: 8
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-8-30

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 18:35:02 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى قۇرۇلسا يازغۇچىلارغا ئىلھام، ياش- وسمۈرلەرگە تەلىم- تەربىيە بازىسى بولغان بولاتتى.

ئابدۇكىرىمجان ئابدۇراخمان

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  479
يازما سانى: 76
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 272
تۆھپە : 1
توردا: 70
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-2-28

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-11 18:36:58 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرھات كازىم: ئابدۇرېشىت ئوسمان! «زوردۇن سابىر خاتىرە سارىيى» ھەققىدە بىر تېما يوللىساڭ بولاتتى.

مۇنۇ ئادرىستىن كۆرۈڭ:
forum.php?mod=viewthread&tid=3052

ئانا تىل ۋە يېزىق، ئانىنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ، ئوغۇز سۈتىنى ئىچمىگەن ئوغۇلنىڭ يىلىكىدە قۇۋۋەت بولمايدۇ!

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  1159
يازما سانى: 45
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 185
تۆھپە : 0
توردا: 22
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-3

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-7-7 08:54:28 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت، يەنە تېما يوللاشقا تىرىشىمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش