% `8 F) t' F0 y( U/ s
باياتىن بىر بۇرادىرىمدىن يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق ئاكىمىزنىڭ ۋاپات بولغانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ، ئىشەنمەي قالدىم- دە، دەرھال يەنە بىر بۇرادىرىمگە تېلىفۇن قىلىپ، يارمۇھەممەد ئاكىمىزنىڭ بۈگۈن ئەتىگەن دوختۇرخانىغا ۋاپات بولغانلىقى، مىيىتىنى قېرىنداشلىرىنىڭ ئاتۇشقا ئېلىپ كەتكەنلىكىنى ئۇقتۇم. يارمۇھەممەت ئاكىمىزنىڭ ئۈرۈمچىدىكى تونۇش- بىلىشلىرى بۇ خەۋەرنى ئۇقۇپ بولغىچە بولغان ئارىلىقتا مىيتى جىددىيلا ئېلىپ مېڭىلىپتۇ. ئاكىمىزنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي! ئاكىمىزنىڭ مىيىتى بۈگۈن ئاتۇشقا يەتكۈزۈلسە ئەتە نامىزى چۈشۈرۈلۈشى مۇمكىن، ئاتۇش ۋە قەشقەردىكىلەر ئىمكانىيىتى بولسا ئالاقىلىشىپ نامىزغا ئىشتىراك قىلالىشى مۇمكىن.
* N/ I! A# P) V0 {
يارمۇھەممەد تاھىر تۇغلۇق 1958- يىلى 12- ئاينىڭ 23- كۈنى ئاتۇش شەھىرىدە دۇنياغا كەلگەن. شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئەدەبىيات فاكولتېتىنى پۈتكۈزۈپ، 1983- يىلىدىن 1996- يىلىغىچە قەشقەر پىداگوگىكا ئىنىستىتۇتى ئەدەبىيات فاكولتېتىدا ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. كېيىن ئۈرۈمچىگە كۆچبۈپ كېلىپ، بۈگۈن (6- ئاينىڭ 10- كۈنى) ۋاپات بولغانغا قەدەر مۇشۇ يەردە ياشىغان ئىدى. 200 پارچىدىن ئارتۇق ماقالە، 30 پارچىدىن ئارتۇق كىتاب يازغان.
& c( b; V0 |6 ^; |/ E# J. s u
مېنىڭ بىلىشىمچە، ئاكىمىزنىڭ قولىدا تېخى تاماملانمىغان ئىلمىي ئەمگەكلەر بولۇپ، بۇ ئەمگەكلەر «قۇتادغۇبىلىك» ۋە «دىۋانى لۇغاتىت تۈ*رك» نىڭ شەرھىيسىگە ئائىت قىممەتلىك ئەمگەكلەر ئىدى.