كۆرۈش: 1312|ئىنكاس: 30

مەقسەت: ساختا ئوبرازنىڭ يالغان ياخشى كۆرۈشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-21 12:49:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
                                       ساختا ئوبرازنىڭ يالغان ياخشى كۆرۈشى
  
                                                      سۇلتان مەقسەت

   ئادەمدە دېگەن مۇھەببەت-نەپرەت ئېنىق بولىشى كېرەك. مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق ئەمەس ئادەم دىققەتنى بۇرىيالمايدۇ، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. يازغۇچىنىڭمۇ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بولغاندا قىممىتى بار ئەسەرنى يېزىپ چىقالايدۇ. ئەكسىچە، يازغۇچىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بولمىسا، يازغان ئەسىرى قىممەتكە ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا، ئەسەر يازغۇچى قىممىتى بار تېمىنى يېزىشى ھەم تېمىنى قىممەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن يازغۇچىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئەسەرنىڭ قىممىتىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ھاياتلىقتىكى دىققەتنى بۇرىغان، قىممەتكە ئىگە بولغان، قايىل بولۇشقا ياكى سەسكىنىشكە تىگىشلىك بولغان ئادەملەردىكى مۇھەببەت-نەپرەت يازغۇچىلىق ئىستىدات ئارقىلىق ئەدەبىياتتا ئىپادىلىنىدۇ. ئەدەبىيات ئادەمگە بىۋاستە باھا بەرمەيدۇ، ئەمما راست-يالغان ئادەمنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ئەدەبىي ئەسەردە يالغان ئادەمنى ياساپ چىقىش قىلمىشىغا ئەدەبىي تەنقىت نۇقتىسىدىن يولغا قۇيۇشقا بولمايدۇ.
    «تارىم» ژورنىلىنىڭ 2015-يىللىق 3-ساندىكى بۇخەلچەم مەتتوختىنىڭ «سەن مېنىڭ، لالەم»  نامىدىكى ھېكايىسىنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن، بۇ ھېكايىنىڭ قىممىتى، يازغۇچىنىڭ يېزىش مەقسىدى، ئەسەرگە سىڭدۈرگەن مۇھەببەت-نەپرىتىنڭ ئىپادىلىنىشى قاتارلىق جەھەتلەردە ساقلانغان مەسىلىلەرنى ئورتاقلاشقىم كەلدى.
  ئۆزىنى ياخشى كۆرمەي باشقا ئەر بىلەن توي قىلىپ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ بولغان ئايالنى، ئىككى بالىنىڭ دادىسى بولۇپ 20 يىلدىن كىيىنمۇ، يەنە ياخشى كۆرىمەن، ئۇنىڭ بىلەن توي قىلسام بولاتتى دەپ تەلمۈرۈپ يۈرگەن بىر ئەرنىڭ ئوبرازىنى ياراتقان «سەن مېنىڭ، لالەم» ھېكايىسىنى يېزىلىش قىممىتى يوق ئەسەر دەپ قارىدىم. چۈنكى، ئەدەبىي ئەسەر  ئاپتورنىڭ تىل ئىشلىتىشكە ماھىرلىقىنى نامايەن قېلىپ، نېمىنى يازسا، قانداق يازسا بولىۋېرىدىغان، يارىتىلغان ئوبرازنىڭ ئىككى تەرىپىدىن قايىل بولغىدەك قىممىتىنى تاپقىلى بولمايدىغان، بازارغا سېلىنىۋاتقان ھەر خىل (سۈپەتلىك-سۈپەتسىز، ئىشەنچىلىك-ساختا) ئىستىمال مەھسۇلاتلىرىدىن ئالاھىدە پەرقلىنىدىغان ئىدىيە مەھسۇلاتىدۇر. شۇڭا، يازغۇچىنىڭ ئىدىيىسى قانداق ئۇسۇلدا ئەكس ئەتتۈرىلىشىدىن قەتئىنەزەر ئەسەر قىممەتكە ئىگە بولۇشى كېرەك. چۈنكى، ھەرقانداق يازغۇچى ئۆز ئەسىرىنى مۇئەييەن سەۋەپ-مەقسەتتىن يازىدۇ، سەۋەپ-مەقسەتتە ئىپادىلەنگەن ئىدىيە-تەپەككۇرنىڭ قانچىلىك ئىكەنلىكى، توغرا-خاتانى، ياخشى-ياماننى ئىپادىلەش، ئەكس ئەتتۈرۈش ئىقتىدار سەۋىيەسىنىڭ قايسى دەرىجىدە ئىكەنلىكى،  يەنى، ئەسەرنى نېمە ئۈچۈن يېزىپ قايسى مەقسەتكە يەتمەكچى بولغانلىقى يازغان ئەسەردىن بىلىنمەي قالمايدۇ. خاتالىققا قارشى تۇرماسلىق، توغرا بولماسلىققا ئەگىشىپ يۈرۈش ئىدىيىسىنى ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىگە ئايلاندۇرىۋېتىدىغان، خۇددى، مەزكۇر ھېكايىدىكىدەك، خوتۇن-بالىلىرى بار بىر ئەرنىڭ ئېرى-بالىلىرى بار باشقا ئايالنى ياخشى كۆرۈش ئۇسۇلىغا ئوقۇرمەنلەردە قايىللىق پەيدا قىلالمايدىغان، نەپرەتلىنىشكىمۇ  لايىق كەلمەيدىغان، قوللاشقىمۇ ئەرزىمەيدىغان،  ھەقىقى ئادەمنى ئەمەس، ساختا (يالغان) ئادەم ئوبرازىنى يارىتىپ يېزىپ چىققان ئەسەرنى ئارتۇقچە يېزىلغان، مەقسىدى ئېنىق بولمىغان ئەسەر دەپ باھا بەرمەي تۇرالمايمىز. ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇم، ئادەمدە دېگەن غورۇر بولىدۇ، بولۇپمۇ ئەر-ئاياللىق مۇناسىۋەتتە غورۇر تېخىمۇ بەكرەك ئىپادىلەنمەي قالمايدۇ. شۇڭا، ئۆزىنى ياراتماي باشقا ئەرنى تاللىغان ئايالنى 20 يىلغىچە ياخشى كۆرۈشنى بازارغا سېلىشنىڭ قىلچىلىك قىممىتى يوق، ئەرزىمەسلىك بىلەن قەلەم تەۋرىتىش دېيىش كېرەك. شۇنداقلا، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايالنىڭ باشقا ئەركىشى بىلەن توي قىلىپ كىتىشىگە قىيداپ بولسىمۇ، رەسمىيەتكە توي قىلغان، ئۆزى ياخشى كۆرگەن ئايالنىڭ ئىشىكى ئالدىدا خوشنا ئولتۇرۇپ باشقا ئەركىشىنىڭ خوتۇنى بولىۋاتقانلىقىغا چېدىماي كۆچۈپ كەتكەن  ئەركىشىنىڭ  ئىككى بالىسى، ئون نەچچە يىل تۇتقان ئائىلىسى، ئون نەچچە يىل ھەمرا بولغان ئايالى ھېچنېمىگە ھېساب ئەمەس بولۇپ قالسا ھەقىقى-چىن ئادەمنىڭ قىلىقى بولماي قالىدۇ. ئايال كىشىگە قىيدىغان، چىدىمىغان ئەر كىشى ئايال كىشىنىڭ پەرۋاسىز مۇئامىلىسىگە قاراپ ئۆزگەرمەي قالمايدۇ. ئادەم دېگەن باشقىلارنىڭ مۇئامىلىسىگە قاراپ ۋاقىتتنىڭ ئۆتۈشى بىلەن ئۆزگىرەيدۇ، ياخشى كۆرسە تەسىرلىنىدۇ، 20 يىلغىچە كۆڭلىنى بىلدۈرسىمۇ ياراتمىسا، كارى بولمىسا پەرۋا قىلمايدۇ، ئۇنتىلىدۇ، كارى بولمايدۇ.  مانا مۇشۇنداق ئادەمنى «سەن مېنىڭ، لالەم» ھېكايىسىدىكىدەك، يارىتىپ چىقىش ساختا ئادەمنىڭ ئوبرازىنى بارلىققا كەلتۈرگەنلىك بولۇپ، ئاپتورنىڭ ئادەمنى چۈشۈنىشىنىڭ تېخى يېتەرلىك ئەمەسلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بىرىدۇ. باشقا نۇقتىدىن، ھاياتلىققتا مۇشۇنداق ئادەملەرنىمۇ بار، مۇشۇنداق ياخشى كۆرۈشنىمۇ يوق دېگىلى بولمايدۇ دەپ قارىساق، سەۋەپ-نەتىجىلىك جەريان-تەپەككۇرغا ئۇيغۇن كېلىشى كېرەك. ئادەم دېگەن ھەر خىل بولىدۇ، چۈشەنگىلى بولمايدۇ، مۇشۇنداق ئوزۇنغىچە يوقالمايدىغان ياخشى كۆرۈشمۇ بولىدۇ دەپ قارىساق، ئەدەبىياتتا يارىتىلغان ئوبراز ئادەمگە مۇھەببەت-نەپرىتى بار چىن ئادەم تۇيغۇسى بىلەن ئىپادىلىنىشى كېرەك. شۇنداقلا، مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بولمىغان ئادەمنىمۇ ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئىپادىلەپ قىممەتكە ئىگە قىلىش كېرەك. ھېكايىدىكىدەك ئەرلىك ھەم بالىلىق ئايال كىشىنىڭ قۇبۇل قىلىش سالاھىتىگە ئېرىشەلمىگەن  يۈزى قېلىن ھېسسىياتقا قوللاپ قايىل بولۇش مايىللىقىنى ئىپادىلەش خوشاللىققا دۈشمەنلىك قىلىپ، دەرت-ئازاپقا ئامراق بولۇشنىڭ كەتمىنى چېپىشتىن باشقا ئىش ئەمەستۇر. ئەمەلىيەتتە، ئادەملەرنىڭ ھاياتىدا-قىز-ئوغۇللار بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندەك ھېس-تۇيغۇدا بولىدىغان ئەھۋاللار بولۇپ تۇرىدۇ. ئەمما، بۇنداق ياخشى كۆرۈپ قېلىشنىڭ ئەمەلگە ئېشىپ داۋاملىشىش ئۈچۈن، ئۆزئارا مېھىر- مۇھەببەت بېغىشلىيالايدىغان قەلب بولۇشى كېرەك. بولمىسا، ئۇنداق ياخشى كۆرۈش ئۇنتىلىدۇ، ھەرگىزمۇ بۇنداق قەدىزسىزلىك بىلەن «ئىت يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە» سۆرۈلۈپ يۈرۈيدىغان ئىش بولمايدۇ.
   ئادەمدە دېگەن مۇھەببەت-نەپرەت بولماي قالمايدۇ. ئەگەر ئاپتور بۇ ئەسەردە ئىپادىلەنگەن بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئەمما مۇھەببەتلىشىش تارىخىمۇ بولمىغان، ياخشى كۆرۈشتە ھەم توي قىلىشتا باشقا ئەرنى تاللىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۆزىمۇ رەسمىيەتكە توي قىلىپ ئىككى بالىلىق بولۇپ 20 يىلدىن كىيىنمۇ مېھرىنى ئۈزەلمىگەن بۇنداق رېزىنكىدەك سۇزۇلغان ياخشى كۆرۈشنى ئەيىپلەپ، مەسخىرە قىلىپ، بۇنداق سۈيى يوق، لامزەللە، مۇھەببەت-نەپرەتنى بىلمەيدىغان، مەسئۇلىيەتنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدىغان ئەرنى ئوبراز ئارقىلىق ئوقۇرمەنلەرگە ئىبرەت قىلدۇرماقچى بولغان دەپ ئويلىساقمۇ، ئاپتور بۇ مەقسەتكە يېتەلمىگەن. ئەسەرگىمۇ «سەن مېنىڭ، لالەم» دەپ ئىسىم قۇيۇپ، ئەسەرنىڭ بېشىدىن ئاخىرىغىچە «مەن»نىڭ ياخشى كۆرۈشىنى قوللاپ-قۇۋۋەتلەپ ئۇنىڭ كەتمىنى چاپقان. شۇنداقلا، «مەن»نىڭ يارىماسلىقىغا، ئۇنىڭ بىر كۆرۈپلا ئاشىق بولۇپ قالغان، ئەكسىچە ياخشى كۆرۈشنى، سۆيگۈ-مۇھەببەتنى بىلمەيدىغان خىيالپەرەسلىكىگە  ئىدىيە-تەپەككۇرىنى سىڭدۈرەلمىگەن. ئاقىۋەت، مۇشۇنداق مۇھەببەتنىمۇ، نەپرەتنىمۇ بىلمەيدىغان يالغان ئادەمنى ياساپ چىققان. شۇڭا، بۇنداق مۇھەببەت-نەپرىتى ئىپادىلەنمەيدىغان ئادەملەرنى ئالاھىدە قەلەمگە ئېلىپ كەتمىنىنى چېپىپ يۈرۈشنىڭ ھاجىتى يوق. شۇنداقلا بۇنداق ئوبرازنى بارلىققا كەلتۈرۈش ھېچنېمىگە ئەرزىمەيدۇ. ئەگەر ئەتراپىمىزدا-رىئاللىقىمىزدا مۇشۇنداق ھەمدەمخىيال، تۇترۇقسىز، سۆيگۈ-مۇھەببەتنى، ئائىلىدىكى ئەرلىك مەسئۇلىيەتنى، پەرزەنتلەرگە بولغان دادىلىق بۇرۇچنى بىلمەيدىغان بىغەم ئادەملەرنى بار دەپ قارىساق، ئۇلارنىمۇ ئۆزگىچە ئۇسۇلدا ئوقۇرمەنلەرگە ئىستىتىك تەسىر بەخش ئىتەلەيدىغان، ئىبرەت ئالايدىغان ھالەتتە ئەكس ئەتتۈرۈش كېرەك.
  مەزكۇر ھېكايىدە ياساپ چىقىلغان «مەن»نى يالغان ئادەم دىيىشىمدىكى سەۋەپ، «مەن» ھېكايىنىڭ بېشىدىن-ئاخىرىغىچە ھەقىقى ھېس-تۇيغۇلۇق ئادەمگە، مۇھەببەت-نەپرەتكە ئىگە ئەركىشىگە ئوخشىماي قالغان. شۇڭا، 20 يىلغىچە بىر قىز-ئايالنىڭ مۇھەببىتىگە ئېرىشەلمىگەن، «مەن»نى ياراتماي باشقا ئەركىشىنىڭ خوتۇنىغا ھەم شۇنىڭ بالىسىنىڭ ئانىسىغا ئايلىنىپ كېتىپمۇ، يەنە «مەن»نى مەيدىسىدىن ئىتتىرىپ يۈرگەن ئايالنى ياخشى كۆرۈشنى ئىنسانى چىنلىق بىلەن يارىتىلمىغان يالغان «ياخشى كۆرۈش» ئوبرازى دېمەي تۇرالمايمىز. دېمىسىمۇ، « مەن» بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن، «مەن» بىلەن مۇھەببەتلىشىنى ھەم توي قىلىشنى خالىمىغان، مۇھەببەتلەشمەسلىك ھەم توي قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىنىمۇ ۋاقتى كەلگەندە ھېچقانداق چۈشەندۈرمىگەن، باشقا ئەرنى تاللاپ توي قىلىپ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ بولغان، بىر ئايالنى مەستانىلەرچە ياخشى كۆرۈشنى بازارغا سېلىش، ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان توقۇپ چىققان «ياخشى كۆرۈش»تۇر.
  ئۇنداقتا، ئاپتورنىڭ بۇ ئەسەرنى يېزىشىنىڭ نېمە مەقسىدى بار دېگەننى ئويلىساق، ئاپتورنىڭ ئۆزىنىڭ ئىدىيە-تەپەككۇرىدا مۇھەببەت-نەپرەتنى چۈشەنمەسلىك، ئەسەرنى قانداق قىممەتكە ئىگە قىلىشنى ئويلاپ يېتەلمەسلىك، ئەدەبىي ئەسەر بىلەن ئادەمنىڭ مۇناسىۋىتىنى باغلىيالماسلىق، ئادەمنى ھەم ئەر-ئاياللارنىڭ سۆيگۈ-مۇھەببىتىنى بىلمەسلىك، كۆزىنى يۇمۇملا ئىنسانغا ماس كەلمەيدىغان مۇھەببەت ھېكايىسىدىن بىرنى يېزىۋېتىش دېگەنلەرنى ھېس قىلماي تۇرالمايمىز.


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەقسەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-21 21:08  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-21 18:09:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« دېمىسىمۇ، « مەن» بىر كۆرۈپلا ياخشى كۆرۈپ قالغاندىن 20 يىل ئۆتۈپ كەتكەن، «مەن» بىلەن مۇھەببەتلىشىنى ھەم توي قىلىشنى خالىمىغان، مۇھەببەتلەشمەسلىك ھەم توي قىلماسلىقنىڭ سەۋەبىنىمۇ ۋاقتى كەلگەندە ھېچقانداق چۈشەندۈرمىگەن، باشقا ئەرنى تاللاپ توي قىلىپ ئىككى بالىنىڭ ئانىسى بولۇپ بولغان، بىر ئايالنى مەستانىلەرچە ياخشى كۆرۈشنى بازارغا سېلىش، ئەمەلىيەتكە ماس كەلمەيدىغان توقۇپ چىققان «ياخشى كۆرۈش»تۇر.»
سۇلتان مەقسەتنىڭ بۇ قاراشلىرى ھەقىقەتەن بىر ۋىجدانلىق ئادەمنى ئويغا سالىدىكەن. ھەرقانداق بىر ئىش ئەمەلىيەتتە چېكىدىن ئاشماسلىقى كېرەك...

باھا سۆز

ئىملادا سەل-پەل كېتىپ قالغان يەرلەرنى بايقىدىم، سۇلتان ئەپەندىم...  ۋاقتى: 2015-12-21 06:21 PM
ۋاقتى: 2015-12-21 20:07:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمدە دېگەن مۇھەببەت-نەپرەت ئېنىق بولىشى كېرەك. مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق ئەمەس ئادەم دىققەتنى بۇرىيالمايدۇ، بار بىلەن يوقنىڭ ئارىلىقىدا ياشاپ ئۆتۈپ كېتىدۇ. يازغۇچىنىڭمۇ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بولغاندا قىممىتى بار ئەسەرنى يېزىپ چىقالايدۇ. ئەكسىچە، يازغۇچىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بولمىسا، يازغان ئەسىرى قىممەتكە ئىگە بولالمايدۇ. شۇڭا، ئەسەر يازغۇچى قىممىتى بار تېمىنى يېزىشى ھەم تېمىنى قىممەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك. ئەسەرگە سىڭدۈرۈلگەن يازغۇچىنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئەسەرنىڭ قىممىتىگە تەسىر كۆرسەتمەي قالمايدۇ. ھاياتلىقتىكى دىققەتنى بۇرىغان، قىممەتكە ئىگە بولغان، قايىل بولۇشقا ياكى سەسكىنىشكە تىگىشلىك بولغان ئادەملەردىكى مۇھەببەت-نەپرەت يازغۇچىلىق ئىستىدات ئارقىلىق ئەدەبىياتتا ئىپادىلىنىدۇ. ئەدەبىيات ئادەمگە بىۋاستە باھا بەرمەيدۇ، ئەمما راست-يالغان ئادەمنى پەرقلەندۈرەلەيدۇ. شۇڭا، ئەدەبىي ئەسەردە يالغان ئادەمنى ياساپ چىقىش قىلمىشىغا ئەدەبىي تەنقىت نۇقتىسىدىن يولغا قۇيۇشقا بولمايدۇ.
     نېمە دېگەن توغرا گەپلەر ھە !  - دەردى   بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   دەردى تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-21 20:07  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-21 21:20:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت سىزگە ئابلاجان بوۋاقى ئەپەندىم. سىز دېگەندەك بىرىنچى سۆزدىلا ئىملادا كەتكۈزۈپ قۇيۇپتىكەنمەن. ئوڭشاپ قويدۇم. ئەسلىدە بۇ ئوبزورنىڭ ماۋزۇسىنى بۈگۈن تورغا يوللايدىغان چاغدا ئۆزگەرتكەن ئىدىم. شۇ چاغدا خاتالىق كۆرۈلۈپ قالغان ئىكەن. سىزنىڭ بۇ كۆرسەتمە ياردىمىڭىزگە كۆپ تەشەككۈر! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەقسەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-23 09:18  


ۋاقتى: 2015-12-22 11:29:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تىلى تېتىملىق،مەزمۇنى كەسكىن،چىن قەلبنىڭ ساداسى-‹ساختا ئوبرازنىڭ يالغان ياخشى كۆرۈشى›دىن ھوزۇرلاندىم.

ۋاقتى: 2015-12-22 12:56:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ تىتىملىق يىزىلىپتۇ مەندەك ھەۋەسكارلارغىمۇ بىر ئبرەت بولوپ قالدى. بۇ ئوبزۇرنى ئوقۇپ  ئۆزۇمنىڭ  ئەدەبىياتتا تىخى «پىشمىغىنىم» نى ھىس قىلدىم. رەھمەت، مۇشۇنداق ئىسىل ئوبۇزرلارنى كۆپىرەك يىزىپ تۇرغايسىز.

باھا سۆز

ئوبۇزرلارنى كۆپىرەك يىزىپ - ئوبزورلارنى كۆپرەك يېزىپ...  ۋاقتى: 2015-12-22 04:30 PM
تىتىملىق يىزىلىپتۇ-تېتىملىق يېزىلىپتۇ، ھىس-ھېس، ئىسىل-ئېسىل...يەنە بار...  ۋاقتى: 2015-12-22 04:29 PM
ۋاقتى: 2015-12-22 13:29:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلۇغ پرولتارىيات يازغۇچىسى ئالېكساندىر ماكسىموۋېچ پىشكوپ (گوركىي) شۇنداق دېگەن: سەن توقۇ، ئۇ ئىشەنسۇن! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-22 13:29  


ۋاقتى: 2015-12-22 16:28:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسەرنىڭ نۇقسانلىرىنى ئەينەن ئوپىراتسىيە قىلغان، قىسقا، مەزمۇت ئوبزور بوپتۇ. ئىزدىنىشلىرىڭىزگە نۇسرەت يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-22 17:19:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بوۋاقى ئاكا، رەھمەت. بۇندىن كىيىن دىققەت قىلاي.

ۋاقتى: 2015-12-22 17:33:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       سۇلتان مەخسەتنىڭ سەمىمى ۋە ئەستايىدىللىقىغا قول قويدۇم.ماقالىدا كۆڭۈلدىكى گەپلەرنى قىپتۇ. تۇرمۇشتا يۈز بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنىلا ھېكايە دەپ كۆتۈرۈپ چىقساق، ئېچىنىشلىق ئاقىۋەت كېلىپ چىقىدۇ. دېمىسىمۇ،«تارىم»ژورنىلىدەك بىر ئانا ژورنال ئۆزىنىڭ نوپۇزى ۋە ئوبرازىغا دېققەت قىلماي،سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتماي،مۇشۇنداق ئېغى بىلەن بېغى يوق نەرسىلەرنى بېرىدىغان بولىۋالدى. گاھىدا بىز بۇ ژورنالنىڭ ئىلگىركى سەلتەنەتىنى يوقۇتۇپ قويىۋاتقاندەك تۇيغۇغا كېلىپ قالىمىز. «تارىم»ژورنىلىدەك بۇ ژورنالغا ئەسەر مەنبەسى كەملىك قىلمايدىغانلىقىغا چىن پۈتسەكمۇ،بىز كۆرۈپ تۇرىۋاتقان رىياللىق يەنىلا شۇنداق بولىۋاتىدۇ.شۇڭا جانابىي مۇھەررىرلەرنىڭ بۇ ھەقتە ئوبدانراق بىر ئويلۇنۇپ بېقىشىنى تەۋسىيە قىلىمەن.شۇنداقلا سۇلتان مەخسەتنىڭ بۇ ماقالىسىنى ژورنالغا بېرىپ، ئۆزىنىڭ سەمىمىيىتىنى بىلدۈرۈپ قويسىكەن دەيمەن.
       سۇلتان مەخسەت،ماقالىڭىزدا ئىملا مەسىلىسى يەنىلا باردەك قىلىدۇ.مۇمكىن بولسا ماقالىنىڭ تىلىغا يەنە بىر قېتىم ئوبدانراق ئىشلەپ،ژورنالغا سۇنۇپ باقسىڭىز دەيمەن.ئەدەبىيات- كىملەرنىڭدۇر ئىچ پۇشۇقىنى چىقىرىدىغان ئويۇنچۇق ئەمەسلىكىنى شۇ خىلدىكى كىشىلەرمۇ بىلىپ قالسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-23 09:24:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قارچۇق يوللىغان ۋاقتى  2015-12-22 11:29
تىلى تېتىملىق،مەزمۇنى كەسكىن،چىن قەلبنىڭ ساداسى-‹ساخ ...


سىزگە ھوزۇر ئاتا قىلالىغىنىمدىن خۇش بولدۇم. ئەسەرنى يېزىلىش نىشانى بىلەن قىممىتى نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ تەھلىل قىلىپ باھا بىرىش كېرەك. ياخشى يېزىلغان بولسا ياخشى دىيىش كېرەك، ياخشى بولمىسا كەسكىن پۇزىتىسىيە بىلەن پىكىر بىرىش كېرەك. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   مەقسەت تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-23 09:59  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-23 09:33:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دەردى يوللىغان ۋاقتى  2015-12-21 20:07
ئادەمدە دېگەن مۇھەببەت-نەپرەت ئېنىق بولىشى كېرەك. مۇھە ...

توغرا دەيسىز دەردى ئەپەندى، دېمىسىمۇ ئەسەر قانداق مەقسەتكە يەتمەكچى، ئوقۇرمەنلەرگە نېمىنى ھېس قىلدۇرماقچى دېگەن نۇقتىدىن چىقىپ مۇلاھىزە قىلساق، ئاپتورنىڭ ئەدەبىيات چۈشەنچىسىگە باھا بەرگىلى بولىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-23 09:39:57 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەيھانگۇل يوللىغان ۋاقتى  2015-12-22 12:56
تولىمۇ تىتىملىق يىزىلىپتۇ مەندەك ھەۋەسكارلارغىمۇ بىر  ...

رەھمەت ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە. بۇ ئوبزورنى ئوقۇپ چىققاندىن كىيىن ھېس قىلغانلىرىڭىز سىزنىڭ ئەدەبىياتتا پىشمىغان ئىكەنلىكىڭىزنى بىلدۈرمەيدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-23 09:55:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆزيول يوللىغان ۋاقتى  2015-12-22 16:28
ئەسەرنىڭ نۇقسانلىرىنى ئەينەن ئوپىراتسىيە قىلغان، قىس ...

رەھمەت! چۈشەنگەن، قوللىغان ياخشى نىيىتىڭىزدىن مەمنۇن بولدۇم.
سەۋەپ-نەتىجە ھەم سەۋەپ-مەقسەت نۇقتىسىدىن چىقىپ تۇرۇپ، ئەسەرنى قانچىلىك قىممەتكە ئىگە دېگەن ئۆلچەمگە سېلىپ ئەسەرگە باھا بىرىشىمىز كېرەك. ئەدەبىياتنىڭ نىشانى نۇقتىسىدىن چىقىپ ئويلىساق، ئەسەرگە تەلەپ قويغىلى بولىدۇ. ئەسەرنىڭ يەتمەكچى بولغان مەقسىدىنى چۈشەنسەك، ئاپتورغا ياخشى نىيەت بىلەن ياردەم قىلغىلى بولىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-23 10:33:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.سېيىت يوللىغان ۋاقتى  2015-12-22 17:33
سۇلتان مەخسەتنىڭ سەمىمى ۋە ئەستايىدىللىقىغا قول ق ...

رەھمەت ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە. مەن بۇ ئەسەرنى بۇ يىل 3-ئايدا ژورنالدىكى ھېكايىنى ئوقۇغاندىن كىيىنلا دەرھال يېزىپ «تارىم» ژورنىلى تور بىكىتىدىكى مۇھەررىرلەرنىڭ كىكىيۇ نومۇرىغا يوللىۋەتكەن. ئالتە ئايدىن كىيىن سۈرۈشتۈرسەم، توردىن ئەۋەتكەن ئەسەرلەرنى كۆرمەيدىغان تۈزۈم ئورنىتىلغان ئىكەن، مېنىڭ بۇنىڭدىن خەۋىرىم بولمىغاچقا ئۇقماي يۈرىۋېرىپتىمەن. شۇنىڭ بىلەن 9-ئايدا باسما نۇسخىسىنى ئاپىرىپ بەرگەن ئىدىم.
ئەمدى قارىسام يىل ئاخىرى كىلىپ قاپتۇ. 3-ئايلىق ساندا چىققان ھېكايىگە يېزىلغان ئوبزور بولغاچقا، يازغۇچىلار مۇنبىرى ئەدەبىيات ساھەسىدىكى دوستلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇندۇم.
جەمىيەتتىكى مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلىش ئۈچۈن قانۇن تۈزۈلۈپ، توغرا-خاتانى ھۆكۈم ئارقىلىق ئايرىۋاتىدۇ. ئەدەبىي ئەسەرلەردىمۇ ئەلۋەتتە مەسىلە يوق ئەمەس، شۇڭا ئوبزور ئارقىلىق ئۇنىڭ توغرا-خاتالىقىغا، قىممىتى بار-يوقلىقىغا باھا بىرىش كىلىپ چىققان. مۇشۇ نۇقتىدىن چىقىپ تۇرۇپمۇ، «شىنجاڭ يازغۇچىلىرى» ژورنىلىنى مەخسۇس «شىنجاڭ ئەدەبىي ئوبزورچىلىقى» ژورنىلىغا ئۆزگەرتكەن بولسا كېرەك. ئەدەبىي ئەسەرلەرنىڭ ھەم ئەدەبىي ژورناللارنىڭ تېخىمۇ بازارلىق بولۇشى ئۈچۈن، ئەدەبىي ژورناللار ئوبزورلارنى ئېلان قىلىشنى كۈچەيتىشى كېرەك دەپ قارايمەن.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش