ئىگىسى: مەقسەت

مەقسەت: ساختا ئوبرازنىڭ يالغان ياخشى كۆرۈشى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-25 15:19:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۇلتان مەخسەتنىڭ بۇ ئەسىرى ھەقىقەتەن  ياخشى يېزىلىپتۇ.
  مېنىڭدەك   بۇ سەپكە  ئەمدى  قەدەم  باسقانلارغا بىر  ياخشى دەرسلىك  ئىكەن.
قەلەمنى  قولغا  ئالغاندا  مەن زادى نېمە مەقسەتتە  نېمىنى  يورۇتماقچى دېگەننى  ئويلانسام  بولغۇدەك.
سۇلتان مەخسەتكە  رەھمەت

ۋاقتى: 2016-1-3 15:21:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزۇور بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. تاشنى تاياققا تاڭغاندەك، مۇھەببەتنى تۇقۇپ چىققان ۋەقەلىككە مەجبۇرىي رەۋىشتە سىغدۇرۇپ كىرگۈزۈش ئانچە ياخشى تەسىر بىرەلمەيدۇ، ئوقۇرمەننى ئۇڭايلا زىرىكتۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا، بۇنداق نازۇك مەسىلىگە ئاددىيلا قارىماسلىق كېرەك دەپ ئويلايمەن.

ۋاقتى: 2016-1-9 23:17:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    سۇلتان مەقسەت ئەپەندىنىڭ ئوبزورىنى قوللاپ قۇۋەتلەيمەن . مەشھۇر يازغۇچى گارسىيە ماركوز :‹‹ ئەمىلىيەتتە چىنلىق مەڭگۈ ئەدەبىياتنىڭ ئەڭ ئېسىل شەكلى .
    ئاي-يىللارنىڭ ئۆتۈشى بىلەن مەن خالىغانچە ئويدۇرۇپ ياكى قۇرۇق تەسەۋۋۇرغا تايىنىپ يازسا بولمايدىغانلىقىنى ھىس قىلدىم . چۈنكى بۇ بەك خەتەرلىك ئىكەن ، بۇنداق بولىۋەرسە ئەدەبىي ئەسەرلەر يالغانچىلىقلار بىلەن تولۇپ كېتىدىكەن .
    ئەدەبىي ئەسەرلەردىكى يالغان گەپلەر رېئال تۇرمۇشتىكى يالغان گەپلەردىنمۇ خەتەرلىك .›› دېگەن .  (   دۇنيا ئەدەبىياتى 2015- يىللىق 6- سان  )

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-11 14:46:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ يوللىغان ۋاقتى  2015-12-22 13:29
ئۇلۇغ پرولتارىيات يازغۇچىسى ئالېكساندىر ماكسىموۋېچ پ ...

شۇنداق، گوركىي باشقىلار ئىشەنگىدەك توقۇيالىغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ ھېكايە ئادەمنى ئىشەندۈرەلمەيدىغان ھالەتتە توقۇلغان ئىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-12 10:21:11 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ھېكايىنىڭ ئاپتورى بۇخەلچەم مەتتوختى يازغۇچىلار مۇنبىرىگە كىرمەيدىغان ئوخشىمامدۇ! ناۋادا بۇ مۇنبەردە بولسا ئورتاقلاشقان بولساق...

ۋاقتى: 2016-1-12 16:31:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇئوبزورنى ئوقۇپ،ھەر بىر قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ قانچىلىك مەسئوليەتچانلىق بىلەن يېزىقچىلىق قىلىشىنى  ئەستايىدىل ئويلىنىشىنى كېرەكلىگىنى ھىس قىلدىم.مەنغۇ نەچچە  يىلدا ئاران بىرەر پارچە بىر نەرسە يازالايمەن.يازساممۇ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن،مەقسەت ئەپەندىمگە مۇپەتتىش قىلدۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم.بولمىسا مەقسەتسىز يېزىپ قويساق،مەقسەت ئەپەندىمنىڭ قولىدا مەغلۇپ بۇلۇپ قالغۇدەكمىز.... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   رىشتىم تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-12 17:18  


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-14 11:40:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىشتىم يوللىغان ۋاقتى  2016-1-12 16:31
بۇئوبزورنى ئوقۇپ،ھەر بىر قەلەم تەۋرەتكۈچىنىڭ قانچىلى ...

يازساممۇ ئېلان قىلىنىشتىن بۇرۇن،مەقسەت ئەپەندىمگە مۇپەتتىش قىلدۇرۇشنى ئويلاپ قالدىم.بولمىسا مەقسەتسىز يېزىپ قويساق،مەقسەت ئەپەندىمنىڭ قولىدا مەغلۇپ بۇلۇپ قالغۇدەكمىز..

  ئېلان قىلىنىپ بولغاندىن كىيىن مۇشۇنداق ئوبزور يازساقمۇ بولىدۇ. ياخشى يېزىلغان بولسا، ياخشى دەپ باھا بىرىمىز. يېزىلىش مەقسىدى قىممەتكە ئىگە بولمىسا، «دوست يىغلىتىپ ئېيتار، دۈشمەن كۈلدۈرۈپ» دېگەندەك، ياخشى تەكلىپ-پىكىرلەرنى بەرسەك بولىدۇ. ئەدەبىياتتا ھېكايە يېزىش نۇرمال ئىش بولغاندەك، ھېكايىلەرگە مۇناسىۋەتلىك ئوبزور يېزىشمۇ خاتا ئىش ئەمەستۇر. ئەدەبىي ئەسەرلەرگە قارىتا تەنقىدى ئوبزورلار يېزىلسا، مەغلۇبىيەت دەپ قارىماي، بەلكى ئۆسۈپ يىتىلىش دەپ قارىشىمىز كېرەك.
لېكىن شۇنى ئېسىمىزدە تۇتىشىمىز كېرەككى، مەقسەتسىز ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا بولمايدۇ. خۇددى مەقسەتسىز ياشاشنىڭ قىممىتى بولمىغاندەك.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-15 14:34:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
aqma يوللىغان ۋاقتى  2016-1-3 15:21
ئوبزۇور بەكمۇ ياخشى يېزىلىپتۇ. تاشنى تاياققا تاڭغاندە ...

رەھمەت! ئەسەرنى نېمە ئۈچۈن يېزىش ۋە قانداق مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنىشىدە نېمىنى ئەكس ئەتتۈرۈشنى نىشان قىلىشنى ئويلاپ يېتىش ئارقىلىق ئوبزور يېزىشنى ياخشى كۆرىمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-18 14:32:04 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىيان. يوللىغان ۋاقتى  2016-1-9 23:17
سۇلتان مەقسەت ئەپەندىنىڭ ئوبزورىنى قوللاپ قۇۋەتلەي ...

قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت! يېقىندىن بىرمۇنچە ئەسەرلەرنى ئوقۇپ چىقتىم. يېڭىلىقى يوق، قىممىتى يوق توقۇلما بىلەن يېزىلغان ئەسرلەرمۇ، مۇستەققىل ئىجادىيلىقى يوق ئاخىرلاشقان ئەسەرلەرمۇ باركەن. ئوقۇپ چىققان ئەسەرلىرىمنى بىر باشتىن باھالاپ چىقىۋاتىمەن.

ۋاقتى: 2016-1-18 19:20:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
راست دەيسىز!مەقسەت ئەپەندىم راستنى -راست دەيدىغان ئازلاپ كېتىۋاتقان مۇشۇ كۈنلەردە،سىزدەكلەرنىڭ  كۆپرەك چىققىنى ياخشى.ھازىر سان ئاۋۇپ كېتىپ بېرىۋاتىدۇ،لېكىنزە.........بۇندىن كېيىنكى ئىجادىيەتلىرىڭىزگە مول-ھوسۇللۇق تىلەيمەن!ھارمىغايسىز!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-18 23:30:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رىشتىم يوللىغان ۋاقتى  2016-1-18 19:20
راست دەيسىز!مەقسەت ئەپەندىم راستنى -راست دەيدىغان ئازل ...

رەھمەت ياخشى تىلەكلىرىڭىزگە، دېگەنلىرىڭىز كەلسۇن! ئەدەبىيات ئۆز تەرەققىياتى ئۈچۈن كەسكىن  پۇزىتسىيە تەلەپ قىلىدۇ.

ۋاقتى: 2016-2-17 11:55:14 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوبزورىڭىزنى ئوقۇپ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە تۇتقان مەسئۇلىيەتچانلىق پوزىتسىيەرىڭىزنى ھىس قىلىپ سىزگە بولغان قايىللىقىم ئېشىش بىلەن بىرگە بۇ ئەسەرگە ، ئاپتۇرغا قارىتا كۆز قارىشىڭىزنىڭ بىر تەرەپلىمە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىم . مەنغۇ بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ باقمىدىم ، ئەمما سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز بويىچە ئاپتۇر خام ماتىرىيال توپلاشتىلا مەغلۇبىيەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان دېگەن مەنا چىقىدىكەن . گارسىيە ماركوسنىڭ « خولېرا يىللىرىدىكى مۇھەببەت » ناملىق ئەسىرىدە باش پىرسۇناژ فېرمىنا ۋە فىلورىنتىنونىڭ ئەللىك يىلغا سوزۇلغان ئۆچمەس مۇھەببىتى تەسۋىرلىنىدۇ . مەزكۇر رومانمۇ دۇنيا ئوقۇرمەنلېرى تەرىپىدىن ئەڭ ئۇلۇغ مۇھەببەت ھېكايىسى دەپ تەرىپلەنگەن . دېمەك ئەدەبىي ساھەدە يازسا بولمايدىغان ئىش يوق ، گەپ شۇ تېمىنى قانداق قىلىپ ياخشىراق يېزىشتا . ئۇستاز مەمتىمىن ھوشۇرمۇ مېكياننىڭ توساتتىن خورازغا ئايلىنىپ قېلىشتەك بىمەنە ئىشتىن شۇنداق نادىر ھېكايىدىن بىرنى ياراتقان .


 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-19 11:07:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئا.يۈسۈپ يوللىغان ۋاقتى  2016-2-17 11:55 AM
ئوبزورىڭىزنى ئوقۇپ ئەدەبىي ئەسەرلەرگە تۇتقان مەسئۇلى ...

مەنغۇ بۇ ھېكايىنى ئوقۇپ باقمىدىم ، ئەمما سىزنىڭ كۆز قارىشىڭىز بويىچە ئاپتۇر خام ماتىرىيال توپلاشتىلا مەغلۇبىيەتنى ئۆزىگە ھەمراھ قىلغان دېگەن مەنا چىقىدىكەن .

   ئەسلى ھېكايىنى ئوقۇپ باقماي تۇرۇپ ،  مېنىڭ ھېكايىگە بولغان كۆز قارىشىمدىكى مەنانى  باشقىچە ئويلاپ  قاپسىز.
ئەسلىدە ئاپتورنىڭ مۇھەببەت-نەپرىتى ئېنىق بولمىسا، خام ماتىرىيال توپلاشتا مەسىلە كۆرۈلىدىغانلىقىنى ئويلاپ باقتىڭىزمۇ؟

ۋاقتى: 2016-2-19 11:20:39 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭمۇ «زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھاببەت»كۈنلىكى ئاستىدا شۇنداق «ئويدۇرما» ۋە ياكى توقۇلما پېرسۇنازلىرى بارىدى...

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-22 22:36:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىبنۇرى يوللىغان ۋاقتى  2016-2-19 11:20 AM
يازغۇچى ئەخەت تۇردىنىڭمۇ «زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھاببەت ...

"زەئىپ روھ ۋە زەئىپ مۇھەببەت" دېگەن يالقۇن رۇزىنىڭ مەمتىمىن ھوشۇرنىڭ پوۋىستىغا يېزىلغان ئوبزور ئىدى. سىز ئەخەت تۇردىنىڭ دەپسىزغۇ...

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش