يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 867|ئىنكاس: 24

سۇلتان مامۇت ئىبراھىم: «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن نام توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-12-15 15:35:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
«زەرەپشان دەرياسى» دېگەن نام توغرىسىدا
* l5 a- E3 p3 S1 X8 d! }, j
( A1 B: ]' c8 @. H! O6 U
سۇلتان مامۇت ئىبراھىم

/ A: I# ?$ v; Y1 I7 L8 D
3 \4 V) N' D) M2 z8 R
$ z* j6 D4 N8 [" x2 a* l& h1 h
    20- ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدا ئىشلەنگەن «تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە بىر بوۋاينىڭ مەلۇم بىر دەريانىڭ بويىدا دۇتارغا تەڭكەش قىلىپ، «زەرەپشان دەرياسى، ھەيۋەتلىك دەريا» دەپ باشلىنىدىغان ناخشىنى ئېيتىدىغانلىقى كىشىلەرگە مەلۇم. ئەينى چاغدا تېلېۋىزۇردىن بۇ فىلىمنى كۆرگەنلەر «بۇ قايسى دەريادۇ» دەپ ھەيران قىلىشقان ھەم شۇنىڭدىن كېيىن سورۇنلاردا بۇ يېڭى نامنىڭ قانداق پەيدا بولۇپ قالغانلىقى ۋە ئۇنىڭ قايسى دەريانى كۆرسىتىدىغانلىقى توغرىسىدا غۇلغۇلا قىلىشىدىغان بولغان ئىدى. كېيىن بىلسەك، «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن بۇ غەيرى نام ئەسلىدە ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا نەشر قىلىنغان «قىزىل تاغ باتۇرلىرى» دېگەن روماندا تۈنجى بولۇپ «يەكەن دەرياسى» دېگەن تەۋەررۈك نامنىڭ ئورنىدا قوللىنىلغان ئىكەن. شۇنىڭدىن كېيىن پارىسچىلاشقان بۇ نام بەزى شائىر، ئەدىبلەرنىڭ قۇلىقىغا ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىكى نامدىنمۇ بەكرەك يېقىپ كەتكەنمۇ - قانداق، ئۇلارمۇ بۇ نامنىڭ نېرى - بېرىسىنى سۈرۈشتۈرمەيلا ئۇنى زوق - شوق بىلەن قەلەمگە ئېلىشتى. ناتىقلار نۇتۇقلىرىدا تەكرارلاشتى. بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا بۇ مەسىلىگە نىسبەتەن خاتا چۈشەنچە پەيدا بولدى. نەتىجىدە ۋىۋىسكىلار ۋە تاۋار ماركىلىرىدا «زەرەپشان» دېگەن سۆز بەس- بەستە ئىشلىتىلسە، ئەدەبىي ئەسەرلەر ۋە گېزىت سەھىپىلىرىدە «زەرەپشان ناۋاسى»، «زەرەپشان سۆيگۈسى»، «زەرەپشان گۈلزارى»، «زەرەپشان چېچەكلىرى» دېگەندەك دەپدەبىلىك سۆزلەر قايناپ كەتتى. ھەتتا «يەكەن دەريا باشقارمىسى» دېگەن ئىدارىمۇ نامىنى «زەرەپشان دەريا باشقارمىسى» دەپ ئۆزگەرتتى. تېخىمۇ كۈلكىلىك بولغىنى شۇكى، يەكەن ناھىيە بازىرىدا «زەرەپشان شەھەرلىك ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى» دېگەنگە ئوخشاش ۋىۋىسكىلارمۇ پەيدا بولدى. شۇنداقلا شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تەرىپىدىن 2007- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىدا تارقىتىلغان بەزى مەشرەپ پىروگراممىلىرىدىمۇ ئاتالمىش «زەرەپشان دەرياسى»غا مەدھىيە ئوقۇلغان ناخشىلار ئوتتۇرىغا چىقتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا، بىلىملىك ياكى ئەدىپ ھېساپلانغان كىشىلەرنىڭ بەزى خاتا قاراشلىرىنىڭ باشقىلارنى قايمۇقتۇرۇش جەھەتتىكى رولىنىڭ خېلى زور بولىدىغانلىقىنى، شۇڭا بۇنداق كىشىلەر تارقاتقان بەزى خاتا ئۇقۇملارنىڭ باشقىلار تەرىپىدىن سەپسەتىلىك ماھىيىتى پەرق ئېتىلمەي، ھەقىقەت سۈپىتىدە قوبۇل قىلىنىپ قالىدىغانلىقىنىمۇ بىلگىلى بولىدۇ.
' C$ N$ m4 g' \6 O! x  h* n    يۇقىرىقىدەك ئەھۋاللار بۇنداق «يېڭىلىق»لارغا بىر قەدەر جىددى قارايدىغان، جۈملىدىن تىلى ۋە يەر- جاي ناملىرىغا ئەستايىدىل مۇئامىلە قىلىدىغان كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى قوزغاپ، «يەكەن دەرياسى» دېگەن بۇ ئۇيغۇرچە نام نىمە ئۈچۈن «زەرەپشان دەرياسى» دەپ ئاتىلىشقا يۈزلەندى؟ بۇنىڭ نىمە زۆرۈرىيىتى بار؟ ئەجدادلىرىمىزدىن مىراس قالغان تەۋەررۈك ناملارنى تاشلىۋىتىش نىمىدىن دېرەك بىرىدۇ؟ دېگەندەك سۇئاللار كېلىپ چىقتى. بۇنداق سۇئاللار ماڭىمۇ تەسىر قىلىپ، ئەجدادلىرىمىزنىڭ تارىختا بۇ دەريانىڭ نامىنى نىمىدەپ ئاتىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنىڭ زۆرۈرلىكى توغرىسىدا ئىزدىنىشىمگە تۈرتكە بولدى. 7 B* z" C" a1 y0 n/ {$ C
   تارىخى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەجدادلىرىمىز قارا قۇرۇم تاغلىرىدىن باشلىنىپ، ئاۋات ناھىيىسىنىڭ شورچاقتى دېگەن يىرىدە تارىم دەرياسىغا قوشۇلىدىغان دەريانى «ياركەند دەرياسى» دەپ ئاتىغان. شۇڭا 16- ئەسىردە يېزىلغان «تارىخى رەشىدى» بىلەن 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا يېزىلغان «تارىخى ھەمىدى» قاتارلىق تارىخى كىتابلاردا بىردەك «ياركەند دەرياسى» دەپ ئىلىنغان. بۇ دەريا قارا قۇرۇم تاغ ئىغىزىدىكى «قارا بۇلۇڭ كۆل» دېگەن جايدا راسكوم، ئاق تېكە دەپ ئاتىلىدىغان ئىككى تارماق دەريانىڭ قوشۇلىشىدىن شەكىللەنگەن بولۇپ، تارىم دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرى ئىچىدە ئەڭ ئۇزۇنى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ يەنى بۇ دەريانىڭ ئومومى ئۇزۇنلىقى 996 كىلومېتىر كىلىدۇ. ياركەند دەرياسى (ھازىرقى تەلەپپۇزى يەكەن دەرياسى) قەشقەر ۋىلايىتى تەۋەسىدىكى تاشقورغان، يەكەن، قاغىلىق، پوسكام، مەكىت، مارالبېشى ناھىيىلىرى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتۇنۇم ئوبلاستى تەۋەسىدىكى ئاقتۇ ناھىيىسى ھەمدە يېزا ئىگىلىك 3- دىۋىزىيەسىنىڭ تۈەن- مەيدانلىرىنى كېسىپ ئۆتىدۇ. ( X  k. z4 O% ~3 u
بۇ يەردە شۇنى ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، مەيلى يۇقىرىقى ئىككى كىتابتا بولسۇن ياكى 11- ئەسىردە يېزىلغان ۋە نۇرغۇن يەر- جاي ناملىرى خاتۈرىلەنگەن «تۈركىي تىللار دىۋانى»دەك شاھانە ئەسەردە بولسۇن ۋە ياكى 17- ئەسىردىن 20- ئەسىرگىچە بولغان ئارىلىقتا يېزىلغان «سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ تارىخىغا دائىر ماتېرىياللار»، «چىڭگىزنامە»، «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»، «تارىخى ئەمىنىيە» قاتارلىق تارىخى كىتابلاردا بولسۇن، ئۇلارنىڭ ھېچقايسسىدا يۇرتىمىزدىكى ھەر قانداق بىر دەريا ياكى تارماق ئېقىننىڭ «زەرەپشان» نامى بىلەن ئاتالغانلىقىغا دائىر ھېچقانداق مەلۇمات يوق. بەلكى يۇقىرىقى تارىخى كىتابلارنىڭ ھەممىسىدە بىردەك «ياركەند» دېگەن شەھەر نامى خاتېرىلەنگەن.
. \7 ~2 X% w$ x# c6 f   بۇ يەردە شۇنى ئەسكەرتىپ ئۆتۈش كېرەككى، بەزى مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئەجدادلىرىمىز بۇ دەريانىڭ نامىنى «ياركەند دەرياسى» دەپ ئاتاپ كەلگەندىن باشقا يەنە بۇ دەريانىڭ بەزى ئالاھىدىلىكلىرىگە ئاساسەن، ئۇنى قەدىمكى ئۇيغۇرتىلىدىكى  «سۇغۇت» ۋە «تارىم» دېگەندەك ناملار بىلەنمۇ ئاتىغان. «دىۋان»نىڭ 1- توم 462- بېتىدە «سۇغۇت» دېگەن سۆزنىڭ «پىشلاق، قېتىق پىشلىقى» دېگەنلىك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. دەرۋەقە ھەر يىلى 7- ئايدىن 10- ئايغىچە بولغان مەزگىلدە بۇ دەرياغا لاي سۇ كېلىدۇ. ئەجدادلىرىمىز مۇشۇنداق ئەھۋالغا ئاساسەن بۇ دەريانىڭ سۈيىنى پىشلاققا ئوخشۇتۇپ، ئۇنى «سۇغۇت دەرياسى» دەپمۇ ئاتىغان. بۇنىڭدىن باشقا يەنە بەزى دەۋرلەردە بۇ دەريانىڭ نامى «تارىم دەرياسى» دەپمۇ ئاتالغان. بۇنى 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا يېزىلغان «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»نىڭ 65- بېتىدىكى «سۇلتان ئۆز ۋەزىر- ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەخت ياركەندتىن ئاتلىنىپ چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى» دېگەن باياندىن بىلگىلى بولىدۇ. دېمەك، بۇ باياندا ياركەند دەرياسى «تارىم دەرياسى» دەپ ئېلىنغان. «دىۋان»نىڭ 1- توم 175- بېتىدە ھازىرقى تارىم دەرياسىنىڭ ئەسلىدە «ئۈسمى تارىم» دەپ ئاتىلدىغانلىقى كۆرسىتىلىش بىلەن بىللە يەنە 514- بېتىدە «تارىم» دېگەن سۆزنىڭ «دەريا تارماقلىرى» ياكى «تارماق دەريا» دېگەنلىك بولىدىغانلىقى كۆرسىتىلگەن. شۇڭا ئەجدادلىرىمىز ئەنە شۇ «ئۈسمى تارىم»نىڭ ئاساسلىق تارمىقى بولغان ياركەند دەرياسىنى «تارىم دەرياسى» دەپمۇ ئاتىغان. ئەجدادلىرىمىزنىڭ بۇ دەريانىڭ نامىنى «ئۈسمى تارىم»نىڭ تارمىقى دېگەن مەنىدە «تارىم دەرياسى» دەپ قوللانغانلىقىنى ئىسپاتلايدىغان مەلۇماتلار يەنە ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يەر ناملىرىدىنمۇ تېپىلىدۇ. مەسىلەن: بۇ دەريانىڭ غەربىي قىرغىقىغا جايلاشقان، يەكەن ناھىيىسىنىڭ ئارال يېزىسىغا تەۋە «تارامبويى» دەپ ئاتىلدىغان بىر كەند بولۇپ، كىشىلەر بۇ يەر نامىدىكى «تارام»نىڭ مەنىسىنى «تارىم»غا ئوخشاشلا دەريا تارمىقى دېگەن مەنىدە ئىستېمال قىلىشىدۇ. بۇنىڭدىن بىز ئەسلىدىكى «تارىم» دېگەن سۆزنىڭ كېيىنكى ۋاقىتلاردا جانلىق تىلدا «تارام» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىشى نەتىجىسىدە ئەسلىدىكى «تارىم بويى» دېگەن يەر نامىنىڭمۇ «تارامبويى» دەپ ئاتىلدىغان بولۇپ كەتكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلارغا كەلگەندە، ئەسلىدىكى «ئۈسمى تارىم»نى «تارىم» دەپ ئاتايدىغان يۈزلىنىش مەيدانغا چىققاندىن كېيىن مۇشۇنىڭغا ماس ھالدا «تارىم دەرياسى» دەپ ئاتالغان تارماق دەريا نامىنىمۇ ئۆزگەرتىش زۆرۈرىيتى كىلىپ چىقىپ، نەتىجىدە بۇ دەريا يۇرت نامى بىلەن «ياركەند دەرياسى» دەپ ئاتىلدىغان بولغان. دېمەك، ياركەند دەرياسى بەزى دەۋرلەردە «سۇغۇت» ياكى «تارىم» نامى بىلەن ئاتالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ ھېچقاچان «زەرەپشان» نامى بىلەن ئاتالغان ئەمەس.
( w$ H8 L  {) v. M" r    تارىخى مەلۇماتلار يۇقىرىقىدەك بولغاچقا، سوۋىت ئىتتىپاقى دەۋرىدە نەشىر قىلىنغان خەرىتىلەردە بولسۇن ياكى دۆلىتىمىزدە نەشىر قىلىنغان خەرىتىلەردە بولسۇن، بۇ دەريانىڭ بېشىدىن- ئايىغىغىچە بىردەك «ياركەند دەرياسى» ياكى «يەكەن دەرياسى» دەپ ئىلىنىپ كەلگەن. جۈملىدىن 2009- يىلى 7- ئايدا جۇڭگۇ خەرىتە نەشرىياتى نەشر قىلىپ تارقاتقان، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق تىل- يېزىق خىزمىتى كومېتېتى تەرجىمە قىلغان «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتى خەرىتىسى»دىمۇ ئوخشاشلا «يەكەن دەرياسى» دەپ ئېلىنغانلىقىنى كىشىلەر يەنە بىر قېتىم بىلگەن بولسا كېرەك.
' K/ {. Y- P# b) j8 k    يۇقىرىقىلاردىن باشقا يەنە شۇنىمۇ ئالاھىدە كۆرسىتىپ ئۆتۈش زۆرۈركى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق كارتوگرافىيە ئىدارىسى تۈزگەن، شەندۇڭ ئۆلكىلىك خەرىتە نەشرىياتى تەرىپىدىن 1985- يىلى 9- ئايدا نەشر قىلىپ تارقاتقان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ خەرىتىسى»دە ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى چوڭ دەريالاردىن تارماق ئېقىنلارغىچە، يېزا- بازار مەركەزلىرىدىن باشقا ئاھالە نوقتىلىرىغىچە تەپسىلىي كۆرسىتىلگەن بولۇپ، بۇ خەرىتىدىمۇ ئوخشاشلا ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ھەر قانداق بىر دەريا ياكى تارماق ئېقىننىڭ «زەرەپشان» نامى بىلەن ئاتىلدىغانلىقى پەقەت كۆرسىتىلمىگەن. «زەرەپشان» خۇمارلىرى چوڭايتقۇچى ئەينەك (لوپا) بىلەن ئاقتۇرۇپمۇ، بۇ خەرىتىدىن ئۆزلىرىگە يېقىپ قالغان نامنى ھەرگىز تاپالمايدۇ. يۇقىرىقىدەك تارىخى ماتېرىياللار ۋە خەرىتىلەردىن باشقا يەنە 1985- يىلى 12- ئايدا نەشر قىلىنغان «قەشقەر يىل نامىسى»دا «يەكەن دەريا باشقارمىسى» دەپ ئىلىنغان. 1988- يىلى 7- ئايدا نەشر قىلىنغان «قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»دىمۇ باشتىن- ئاياغ «يەكەن دەرياسى» دەپ ئىلىنغان بولۇپ، ئەكىسچە بىرەر ئېقىن ياكى بىرەر جاينىڭ «زەرەپشان» نامى بىلەن ئاتىلىدىغانلىقى پەقەت كۆرسىتىلمىگەن. بەلكى بۇ تەزكىرىنىڭ 531- بېتىدە ئېنىق قىلىپ: «يەكەن دەرياسىنىڭ تارماق ئېقىنلىرى كۆپ بولۇپ، ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنىدىن ئولچىن دەرياسى بار» دەپ كۆرسىتىلگەن ھەمدە ئۇنىڭ كىرىش سۆز قىسمىدا: «بۇ پەرمان خاراكتىرلىك قۇرال كىتاب بولۇپ، ھەر قايسى تارماقلار يەر ناملىرىنى ئىشلىتىشتە بىردەك مۇشۇنى ئاساس قىلىشى، ئۆز مەيلىچە ئۆزگەرتمەسلىكى لازىم» دەپ ئىنىق ئەسكەرتىلگەن. ' z" h. k3 ~' o; j& V* b
    گەرچە تارىخى پاكىتلار ۋە ئۇنىڭغا ماس ھالدىكى مەلۇماتلار يۇقىرىقىدەك بولسىمۇ، ئەمما بەزى كىشىلەرنىڭ خۇددى «قىزىل تاغ باتۇرلىرى»نىڭ ئاپتۇرىغا ئوخشاش ئۆزىنىڭ ئانا تىلىدىكى يەر ناملىرىنىڭ ئەھمىيۈتىگە بولغان تونۇشىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كىلىپ چىققان بىر خىل مەسئۇلىيەتسىزلىكى تۈپەيلىدىن كېيىنكى ۋاقىتلاردا نەشر قىلىنغان بەزى ماتېرىياللاردا يەنىلا خاتا قاراشلار ئوتتۇرىغا قويۇلدى. مەسىلەن: 1995- يىلى 11- ئايدا نەشر قىلىنغان «يەكەن ناھىيەسىنىڭ يەر ناملىرى خەرىتىلىك تەزكىرىسى»نىڭ 540- بېتىدە خىيالى قاراش بىلەن: «بۇ دەريانىڭ باشلىنىش نوقتىسىدىن يەكەن چېگىراسىغىچە بولغان ئارىلىقى ‹زەرەپشان دەرياسى› دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان ھەمدە يۇقىرىدا كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن پەرمان خاراكتىرلىك بەلگىلىمىلەرگە ئېغىر دەرىجىدە خىلاپلىق قىلىنغان. نەتىجىدە بىزنىڭ بەزى پروفېسسورلىرىمىزمۇ بۇنداق خاتا مەلۇماتلارنى تەكشۈرۈپ كۆرمەيلا ئۇنى ئۆز ئەسەرلىرىگە ئاشۇ خاتا پېتى كىرگۈزۈپ قويغان. مەسىلەن: ئابدۇشۇكۇر مۇھەممەدئىمىن ئەپەندى 2002- يىلى 3- ئايدا نەشر قىلىنغان «قەدىمكى مەركىزى ئاسىيا» دېگەن كىتابنىڭ 256- بېتىدە يۇقىرىقى خاتا قاراشنى ئەينەن تەكرارلاپ: بۇ دەريانىڭ «يەكەنگىچە بولغان قىسمى زەرەپشان، يەكەندىن كېيىنكى قىسمى يەكەن دەرياسى دەپ ئاتىلىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويغان. كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدىغان يەنە بىر مىسال شۇكى، تېخى يېقىندا يەنى 2010- يىلى 4- ئايدا نەشر قىلىنغان «قەشقەر يەر ناملىرى» دېگەن كىتابنىڭ 380- بېتىدە قانداقتۇر پەرەزنى ئاساس قىلغان بىر خىل خاتا قاراش بىلەن: «بۇ دەريانىڭ يەكەنگە كىرگىچە بولغان ئارىلىقتىكى قىسمى يەرلىك كىشىلەر تەرىپىدىن (زەرەپشان دەرياسى) دەپ ئاتىلىدۇ» دېيىلگەن. ئەگەر يۇقىرىقى كىتابتا دېيىلگەندەك «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن نامنى ئاشۇ يەرلىك كىشىلەر قوللىنىپ كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا ماقالىمىزنىڭ بېشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكەندەك، 1990- يىللىرى ئىشلەنگەن «تۇتقۇن قىلىنغان قاچقۇن»  ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدە «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن غەيرى نام ئوتتۇرىغا چىققاندا ئالدى بىلەن ئاشۇ يەرلىك كىشىلەر «بۇ قايسى دەريادۇ؟» دەپ ھەيران قالمىغان بولاتتى. ' I, z' W9 J) q6 k7 ?
     تولىمۇ ئەپسۇسكى، يۇقىرىقىدەك توغرا مەلۇماتلار بىلەن خاتا مەلۇماتلارنى پەرق ئىتەلمىگەن بەزى تەرجىمانلار تارىختىن تارتىپ ھازىرغىچە «ياركەند» دېگەن ئۇيغۇرچە نامنىڭ خەنزۇچە ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ كەلگەن 叶尔羌 نى ھازىرقى ۋاقىتتىمۇ «زەرەپشان» دەپ تەرجىمە قىلىۋاتىدۇ.  بۇنىڭغا 2010- يىلى كۆرۈرمەنلەر بىلەن يۈز كۆرۈشكەن «مۇقام بىلەن ئۆتكەن ھايات» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىمىدىكى «ئەي، زەرەپشان» دەپ باشلىنىدىغان ناخشىنى مىسال كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. شۇنداقلا يەنە شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ 2011- يىلى 11- ئايدىكى «ساياھەت ۋە دۇنيا» پروگراممىسىدا پوسكام ناھىيىسىدىكى گۈلباغ يېزىسىنى «زەرەپشان دەرياسى بىلەن تىزناپ دەرياسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا جايلاشقان» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغانلىقى ھەمدە 11- ئاينىڭ ئاخىرىقى ھەپتىسىدىكى «تەلەي يۇلتۇزى» پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى تەرىپىدىن ئاپتۇنۇم رايونىمىزدىكى ئاساسلىق دەريالارنىڭ ئىسمى قاتارىدا «زەرەپشان دەرياسىمۇ بار» دەپ ئالاھىدە ئەسكەرتىپ ئۆتكەنلىكىنىمۇ مىسال كەلتۈرۈپ ئۆتۈشكە بولىدۇ. 叶尔羌 نىڭ قانداقتۇر «زەرەپشان»نىڭ ئەمەس، بەلكى ئەسلىدە «ياركەند»نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى بولۇپ كەلگەنلىكى توغرىسىدا «تىل ۋە تەرجىمە» ژۇرنىلىنىڭ 1994- يىلى 1- سانىدا ئابدىسايىت ئوشۇر نامىدا ئېلان قىلىنغان «زەرەپشان بىلەن 叶尔羌 نىڭ كېلىپ چىقىشى» دېگەن ماقالىدە: «(زەرەپشان) دېگەن نام خەنزۇچىدا 叶尔羌 دەپ تەرجىمە قىلىنماقتا. ئەمەلىيەتتە (زەرەپشان) بىلەن 叶尔羌 ئۆز- ئارا مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى نام. خەنزۇچىدىكى  叶尔羌 دېگەن نام ئەسلىدە (يەكەن)نىڭ ئەسلى تەلەپپۇزى بولغان (ياركەند)نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت» دەپ ئىنىق كۆرسىتىلگەن ئىدى. شۇنداقلا بۇنىڭدىن سەل كام يىرىم ئەسىر بۇرۇن يەنى 1964- يىلى ئاپتۇنۇم رايونلۇق قاتناش نازارىتى تەرىپىدىن ياركەند دەرياسىغا سېلىنغان كۆۋرۈكنىڭ تام تشىغا ئۇيغۇرچە «ياركەند دەرياسى كۆۋرۈكى»، خەنزۇچە 叶尔羌河大桥 دېگەن خەتلەر ئويۇلغان ئىدى. تارىختىن بۇيان قوللىنىلغان ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن شۇ بويىچە بېكىتىلگەن يەر ناملىرىنى ھېچكىمنىڭ خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ھەققى يوق ئىدى. ئۇنىڭ ئۈستىگە بۇ ھەقتە ھەر دەرىجىلىك ھۆكۈمەتلەر ئېنىق بەلگىلىمىلەرنى چىقارغان بولۇپ، ئۇلاردا ھەممە كىشىنىڭ بۇ بەلگىلىمىلەرگە بويسۇنىشى تەلەپ قىلىنغان. ئالايلۇق، گوۋۇيۈەن 1986- يىلى 8- ئاينىڭ 23- كۈنى ئېلان قىلغان «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش نىزامى»نىڭ 3- ماددىسىدا: «يەر ناملىرىنى باشقۇرۇشتا چوقۇم مەملىكىتىمىز يەر ناملىرىنىڭ تارىختىكىسى بىلەن ھازىرقىسىنى ئاساس قىلىپ، ئۇلارنىڭ نىسبېي تۇراقلىقىنى ساقلاش كېرەك» دەپ بەلگۈلەنگەن. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى 1989- يىلى 9 ئاينىڭ 6- كۈنى ئېلان قىلغان «شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىنىڭ يەر ناملىرىنى باشقۇرۇش ھەققىدىكى يولغا قويۇش چارىسى»نىڭ 4- ماددىسىدا: «ھەر قانداق ئورۇن ۋە شەخسنىڭ جايلارغا ئۆز ئالدىغا تەستىقسىز نام بىرىشىگە ۋە يەر ناملىرىنى ئۆزگەرتىشىگە يول قويۇلمايدۇ» دەپ، 6- ماددىسىنىڭ 1- تارمىقىدا: «نامى ئاز سانلىق مىللەت تىلىدا قويۇلغان يەر ناملىرىنى خالىغانچە قىسقارتىشقا، شۇ جايدىكى ئامما قوللىنىپ ئادەتلەنگەن يەر ناملىرىنى خالىغانچە ئۆزگەرتىشكە ياكى ئەمەلدىن قالدۇرۇشقا بولمايدۇ» دەپ، 10- ماددىسىدا: «ھۆججەت- ئالاقە، خەرىتە، ئوقۇتۇش ماتېرىيالى، گېزىت- ژۇرنال، رادىئو، كىنو- تېياتىرلاردا ئىشلىتىلگەن يەر ناملىرى توغرا ھەم قېلىپلاشقان بولۇشى لازىم» دەپ بەلگىلەنگەن. ھالبۇكى، بەزى ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ يۇقىرىقىدەك پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىدىغان ئىشلار سادىر بولۇپ تۇردى. مەسىلەن: يۇقىرىدا كۆرستىپ ئۆتۈلگەن ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قاتناش نازارىتى تەرىپىدىن بىكىتىلگەن «ياركەند دەرياسى كۆۋرۈكى» دېگەن نامنىڭ يېنىغا ئۆتكەن ئەسىرنىڭ 90- يىللىرىغا كەلگەندە «زەرەپشان دەرياسى كۆۋرۈكى» دېگەن ۋىۋىسكا ۋە بۇ كۆۋرۈكنىڭ ئاياغ تەرىپىدىن بىر قانچە 10 كىلومېتىر  يېراقلىقتىكى يەنە بىر كۆۋرۈكنىڭ بېشىغا «ئىگەچى زەرەپشان دەريا كۆۋرۈكى» دېگەن غەلىتە بىر ۋىۋىسكا ئېسىلدى. / F2 A+ |" h0 G0 \9 A
    بۇ يەردە شۇنى كۆرسىتىپ ئۆتۈش كېرەككى، ئەجدادلىرىمىز قوللانغان يەر ناملىرى ئاشۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ «قەدەم ئىزى» سۈپىتىدە تارىخى ھۆججەت بولغاچقا، ئۇلارنى قوغداش ھەممىمىزنىڭ بىر خىل مەسئۇلىيتى، بەلكى مەجبۇرىيتى ھېسابلىنىشى كېرەك ئىدى. ناھايتى ئەپسۇسكى، يۇقىرىقىغا ئوخشاش ئەجدادلىرىمىز تارىختا قوللانغان يەر ناملىرىنى خالىغانچە تاشلىۋىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا باشقا تىلدىكى ناملارنى قوللىنىشتەك نادانلىقلار تارىختىمۇ بولغان ۋە ھازىرمۇ بولىۋاتىدۇ. مەسىلەن: «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ 1- توم 449- بېتىدە كۆرسىتىلىشچە، ئەجدادلىرىمىز ئەسلىدە چوڭ شەھەر مەنىسىدە قوللانغان «سېمىز كەند»نى پارسلار «سەمەر قەنت» دەپ ئاتىغان. نەتىجىدە مەنىسى تۈركىي خەلقلەرگە چۈشىنىشلىك بولغان «سېمىز كەند» دېگەن نام يوقۇلۇپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «سەمەر قەنت» دېگەن نام ئوموملىشىپ كەتكەن. شۇڭا بىزمۇ «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن نامغا مەھلىيا بولۇپ كېتىۋىرىدىغان بولساق، ئۇ ھالدا «ياركەند دەرياسى» (ھازىرقى تەلەپپۇزى يەكەن دەرياسى) دېگەن تەۋەررۈك نامنىڭ تەغدىرىمۇ خۇددى «سېمىز كەند» دېگەن نامنىڭ يوقىلىشىدەك پاجىئەگە ئۇچراپ، كېيىنكى ئەۋلادلارغا تولۇق پارسچىلاشقان «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن نامنى تەقدىم قىلىشتەك سەۋەنلىككە يەنە بىر قىتىم يول قويغان بولىمىز. مۇشۇنىڭغا ئوخشاش ئەھۋاللارنى ھازىرمۇ ئۇچرۇتۇپ تۇرىۋاتىمىز. مەسىلەن: ئەجدادلىرىمىز «سۇغا تويۇنغان جاي» دېگەن مەنىدە قوللانغان ۋە ھۆكۈمەت تەرەپتىن ناھىيە نامى قىلىپ بېكىتىلگەن «توقسۇ» دېگەن يەر نامىنى بەزى كىشىلەر خەنزۇچە ئاتاۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما خەنزۇچىدىكى 新和 نىمۇ  بۇزۇپ «شىڭخا» دەپ تەلەپپۇز قىلماقتا.  شۇنداقلا بەزى جايلاردا كەنت نامىلىرىمۇ رەقەم بىلەن ئاتىلىۋاتىدۇ. يەر ناملىرىمىز مۇشۇنداق تاشلىۋىتىلىۋەرسە، ھۆكۈمەت پەرمانلىرىغا خىلاپلىق قىلىنغاندىن باشقا، تېخىمۇ يامان بولىدىغىنى، بىر خىل تارىخى ھۆججەت ھېسابلىنىدىغان ئاشۇ يەر ناملىرىمىز بىر- بىرلەپ يۇقىلىپ كىتىشتەك پاجىئە كىلىپ چېقىدۇ.
0 S$ F: ?7 I6 }2 d    ماقالىمىزنىڭ بېشىدا كۆرسىتىپ ئۆتكىنىمىزدەك، ئەجدادلىرىمىز قوللىنىپ كەلگەن «ياركەند دەرياسى» دېگەن تەۋەررۈك نامنى ئاشۇ 20- ئەسىرنىڭ 70- يىللىرىدا مەلۇم يازغۇچىنىڭ ئۆز ئەسىرى ئارقىلىق «زەرەپشان دەرياسى» دەپ ئۆزگەرتىپ قوللىنىشى نەتىجىسىدە پەيدا بولغان يۇقىرىقىدەك قالايمىقانچىلىقلار تەنقىد قىلىنغان بىر قاتار ماقالىلەر «قەشقەر گېزىتى»نىڭ 2000- يىل 1- مارت سانىدا، «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2000- يىل 12- ئۆكتەبىر سانىدا، «شىنجاڭ ئىجتىمائى پەنلەر مۇنبىرى» ژۇرنىلىنىڭ 2001- يىللىق 6- سانىدا، «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2003- يىل 8- ئاينىڭ 15- كۈنىدىكى سانى بىلەن 2008- يىل 1- ئاينىڭ 18- كۈنىدىكى سانلىرىدا ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئۇلاردا ئوتتۇرىغا قويۇلغان پاكىتلارغا قايىل بولغان بىر قىسىم مەسئۇلىيەتچان كىشىلىرىمىز مەتبۇئاتلار ئارقىلىق «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن نامنى قوللىنىشنىڭ خاتا ئىكەنلىكى توغرىسىدىكى ھەققانىي قاراشلىرىنى ئارقىمۇ- ئارقا ئوتتۇرىغا قويۇشتى. مەسىلەن: ئابدىقادىر ئىممەت ئەپەندى «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2002- يىل 19- ئۆكتەبىر سانىدا ئېلان قىلىنغان «(زەرەپشان) ئاتالغۇسى توغرىسىدا» دېگەن ماقالىسىدە: «كۆرۈپ تۇرۇپتىمىزكى، زەرەپشان دەرياسى بىلەن يەكەن دەرياسى جۇغراپىيىلىك ئورۇن جەھەتتە ئالدىنقىسى كۈن پېتىشتا، كېيىنكىسى كۈن چىقىشتا بولۇپ، ئىككىسىنىڭ ئارىلىقى تۈز سىزىق بويىچە 850 كىلومېتىردىن ئارتۇق. تەۋەلىك جەھەتتىن ئالدىنقىسى ھازىرقى ئۆزبېكىستان ئېلىنىڭ تېررىتورىيەسىدە، كېيىنكىسى جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيتىنىڭ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنى تەۋەسىدە. بۇ ئىككى دەريانىڭ جايلاشقان ئورنى ۋە ئىگىسى تامامەن باشقا. مۇشۇنداق ئەمىلىي پاكىتقا كۆز يۇمۇپ، يەكەن دەرياسىنى زورمۇزور زەرەپشان دەرياسى دېيىش بىمەنىلىك. بۇنداق نادانلىق، ئەخمەقلىق، بىمەنىلىككە ۋاقتىدا خاتىمە بېرىلمىگەندە ئاخىرى چوقۇم بىھۇدە ئاۋارىچىلىققا قالىمىز. ئەگەر ئەزەلدىن ئۇيغۇرلار ئېچىپ، گۈللەندۈرۈپ، ياشاپ كەلگەن بۇ زىمىندىكى (يەكەن دەرياسى)، (يەكەن ناھىيىسى) دېگەن ئۇيغۇرچە سۆزلەر (زەرەپشان دەرياسى)، (زەرەپشان ناھىيىسى) دېگەن پارسچە سۆزگە ئۆزگىرىپ كەتسە، كۈنلەرنىڭ بېرىدە پارسچە سۆزلىشىدىغانلاردىن بېرەرسى چىقىپ، بۇ زىمىن بىزنىڭ. چۈنكى بۇ يەرنىڭ (زەرەپشان) دېگەن نامىنى بىز قويغان، دەپ دەۋا قىلسا، ھازىرقى زەرەپشان خۇمارلىرىنىڭ ئەۋلادىنى ئۆز ۋاقتىدىكى ھىندىستان دىپلۇماتلىرى ئوسال بولغان ئاقىۋەتكە قالمايدۇ، دەپ كىم ئېيتالايدۇ؟ شۇڭا (زەرەپشان) دېگەن سۆزنى ياخشى كۆرۈپ قالغان ۋە ئۇنى (يەكەن) بىلەن بىر مەنىدە ئىشلىتىۋاتقانلارغا (ئويناپ سۆزلىسەڭمۇ، ئويلاپ سۆزلە) دېگەن ئەقلىيىنى تەقدىم قىلىمەن» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. سەمەت دۇگايلى ئەپەندىنىڭ «ئۈن- سىن گۈلزارى» ژۇرنىلىنىڭ 2004- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان «ئاخبارات تىلىدىكى بەزى مەسىلىلەر» ناملىق ماقالىسىنىڭ «قانۇنغا تاقىشىدىغان سۆزلەر» دېگەن قىسمىدا: «بىزدە جىددى كۆرسىتىلگەن بولسىمۇ، تۈزىتىلمەيۋاتقان بىر ئاتالغۇ بار. ئۇ بولسىمۇ (يەكەن دەرياسى)نى (زەرەپشان دەرياسى) دەۋىلىش. (زەرەپشان)نى (يەكەن دەرياسى)نىڭ ئورنىغا دەسسەتكىلى بولمايدۇ. ئەگەر مۇشۇنداق قىلىنسا قانۇنغا خىلاپلىق قىلىنغان بولىدۇ» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. توختى مۇھەممەت ئارىش ئەپەندىنىڭ «ئاسىيا كىندىكى» گېزىتىنىڭ 2007- يىل 15- مايدىكى سانى بىلەن «ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى»نىڭ 2007- يىل 26- مايدىكى سانىدا ۋە «قەشقەر» ژۇرنىلىنىڭ 2007- يىللىق 6- سانىدا ئېلان قىلىنغان «زەرەپشان دەرياسى خۇمارلىرىغا بىر قانچە سۆز» دېگەن ماقالىسىدە: «بەزىلەرنىڭ (زەرەپشان)نىڭ ئەسلى مەنىسىنى چۈشەنمەي، خاتا ئىستېمال قىلىشى بىمەنىلىك تۇيۇلمىسىمۇ، ئەمما بىلىم ساپاسى يۇقىرى، ئاق- قارىنى پەرق ئېتەلەيدىغان ئۇقۇمۇشلۇق زىيالىلىرىمىزنىڭ بۇ ئاتالغۇنى زورمۇزور ئىستېمال قىلىشى تولىمۇ بىمەنىلىك!» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. ئۆمەر موللا ئەپەندى بىلەن تاشقىن جاپپار ئەپەندىنىڭ «قۇرغاق رايۇن جۇغراپىيىسى» ژۇرنىلىنىڭ 2009- يىللىق 2- سانىدا ئېلان قىلىنغان «(زەرەپشان دەرياسى) ئەمەس، (يەكەن دەرياسى)» دېگەن ماقالىسىدە: «يەر نامى يەرنىڭ كىملىكىگە ئوخشايدۇ،  ئۇنى ئىختىيارىچە ئۆزگەرتىشكە بولمايدۇ. ئۆزگەرتىشكە توغرا كەلسە يۇقىرىنىڭ تەستىقى ۋە ھۆججەتلىرى ئاساسىدا ئۆزگەرتىلىدۇ. (زەرەپشان دەرياسى) دېگەن نامنىڭ تارىختىن بۇيان (ياركەند دەرياسى) دەپ ئاتىلىپ كەلگەن ئۇيغۇرتىلىدىكى نامنىڭ ئورنىغا دەسسەتكەنلىكىنى كىم تەستىقلىغان ياكى قايسى ئورۇننىڭ ھۆججىتىدە بىكىتىلگەن؟ بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنىڭ جاۋاپ بىرىشىنى كۈتىمىز» دەپ ئوتتۇرىغا قويۇلغان. زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىنىڭ «شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژۇرنىلىنىڭ 2009- يىللىق 3- سانىدا ئېلان قىلىنغان «زىيالىلارنىڭ كىملىكى ۋە رولى ئۈستىدە ئويلىنىش» دېگەن ماقالىسىدە ئابدۇقادىر جالالىدىن ئەپەندىنىڭ: «ئادەمنى تەرلەتكۈدەك ئوپىراتسىيە قىلىدىغان نېيىتى دۇرۇس تەنقىدچىگە ئۇچراشمۇ بىر بەخت... مەن، ھازىرغىچە مۇنداق ئىككى تەنقىدنى ئىچ- ئىچىمدىن قايىل بولۇپ تۇرۇپ قوبۇل قىلدىم. بىرى، قەشقەردە ياشاپ ئىجاد قىلغان مەرھۇم مۇھەممەد ئوسمان ھاجىمنىڭ بىر پارچە خېتى. يەنە بىرى، يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرى ئۈستىدە چۇڭقۇر ئىزدەنگەن، يەكەنلىك مائارىپچى سۇلتان مامۇت ئەپەندىنىڭ زەرەپشان دەرياسى ھەققىدە يازغانلىرى... سۇلتان مامۇت ئەپەندى (زەرەپشان دەرياسى) دېگەن گەپنى (يەكەن دەرياسى) دەپ ئىلىش ھەققىدە يازغان خېتىدە: (مەن يەكەن دەرياسى ھەققىدە ئىزدىنىپ ھازىرغا كەلگىچە نەچچە پارچە ماقالە يازدىم. سىز شۈنچە كىتاب ئوقۇيدىغان ئادەم تۇرۇغلۇق ماقالىلىرىمنى ئوقۇپمۇ قويماپسىز. كىتابىڭىز ياخشى يېزىلغان، ئەمما يەكەن دەرياسىنى زەرەپشان دەرياسى دەپ ئاپسىز، بۇ توغرا ئەمەس) دەپتۇ ۋە ئۆزىنىڭ ئاساسلىرىنى بايان قىپتۇ. مەن خىجىل بولۇپ، ئۇ كىشىدىن تېلېفۇندا ئۆزرە سوراپ، تەنقىدىنى قوبۇل قىلىدىغانلىقىمنى بىلدۈردۈم» دېگەنلىكى كۆرسىتىپ ئۆتۈلگەن. - _0 u- [* |  r
    «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن پارسچە نامنى ئەسلىدىكى «ياركەند دەرياسى» (ھازىرقى تەلەپپۇزى «يەكەن دەرياسى») دېگەن تەۋەررۈك نامنىڭ ئورنىغا دەسسىتىشكە قەتئى بولمايدىغانلىقى توغرىسىدىكى يۇقىرىقىدەك سادالار كىشىلەرنىڭ دېققىتىنى بىر- بىرلەپ قوزغىدى. بۇنىڭ بىلەن ئاپتۇنۇم رايۇنىمىزدىكى ئاخپارات ۋاستىلىرى «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن خاتا نامنى تاشلىۋىتىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرۇنقى «يەكەن دەرياسى» دېگەن نامنى قايتىدىن قوللىنىشقا باشلىدى. شۇنداقلا 2002- يىلىنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە «زەرەپشان شەھەرلىك ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېلىۋىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا بۇرۇنقى «يەكەن بازارلىق ئامانەت- قەرز كوپىراتىپى» دىگەن ۋىۋىسكا ئەسلىگە كەلتۈرۈلدى. 2011- يىلى 10- ئايغا كەلگەندە «زەرەپشان دەريا باشقارمىسى» دېگەن ۋىۋىشكا ئېلىۋىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا «تارىم دەريا ۋادىسى قەشقەر باشقۇرۇش ئىدارىسى» دېگەن ۋىۋىسكا ئېسىلدى. تېخىمۇ مۇھىم بولغىنى شۇكى، 2011- يىلى يەكەن دەرياسىغا سېلىنغان يىڭى كۆۋرۈك پۈتكەندىن كېيىن، «زەرەپشان دەريا كۆۋرۈكى» دېگەن ۋىۋىسكا پۈتۈنلەي ئېلىۋىتىلىپ، ئۇنىڭ ئورنىغا 1964- يىلى ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق قاتناش نازارىتى بىكىتكەن نام بويىچە ئۇيغۇرچە «يەكەن دەرياسى كۆۋرۈكى»، خەنزۇچە «叶尔羌河大桥» دېگەن ۋىۋىكسا ئېسىلدى. بەلكى بۇنداق ۋىۋىسكا بۇ كۆۋرۈكنىڭ پوسكام تەرەپتىكى جەنۇبى قىسمى بىلەن يەكەن تەرەپتىكى شىمالى قىسمىغا بىردىن ئېسىلدى. ئەمما «ئىگەچى زەرەپشان دەريا كۆۋرۈكى» دېگەن غەلىتە ۋىۋىسكا ھازىرغىچە ساقلىنىپ تۇرماقتا.  گەرچە «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن خاتا نام يۇقىرىدا دېيىلگەندەك بەزى جايلاردا ئانچە- مۇنچە ساقلىنىپ تۇرىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما بۇ نامغا  ئاخىرىقى ھېساپتا خاتىمە بىرىلدى.
8 m+ M; H% i) C0 t. M     خوش، زەرەپشان خۇمارلىرى، يۇقىرىقىدەك پاكىتلارغا ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئەمىر- پەرمانلىرىغا ئەمدى نىمە دەيدىكىن؟
4 B) X. N4 I7 s" Q7 M0 p بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   parhat kazim تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-15 16:11  
( C0 D8 U2 @5 R' W6 X+ }; N
2 M/ j8 s. |) Y) }( F7 t

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-15 17:19:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ ياخشى يېزىلغان ماقالىكەن بۇ، ئوقۇپلا قويماستىن، بەلكى ساقلاپ قۇيۇشقا تېگىشلىك...

ۋاقتى: 2015-12-15 20:06:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇماقالىنى ئوقۇپ يۇرتۇمدىن  پەخىرلىنىپ  قالدىم بىراق بېرىشقا مومكىن بولمىدى يەكەن  گە" C, b; P4 N  \' b2 f3 b: j0 y
3يىلدىن بىرى ئالدىراش بولۇپ كىتىپ.

ۋاقتى: 2015-12-15 20:08:32 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكەندە چىقىدىغان گېزىت ھازىرمۇ زەرەپشان گېزىتى دەپ چىقامدۇ ياكى يەكەن گېزىتى دەپ چىقامدۇ ؟

ۋاقتى: 2015-12-15 20:53:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەكەن گېزىتى دەپ ئېلىناتتى،10 يىل بولدى،نەشىردىن توختىدى،زەرەپشان نامىدا بىڭتۇەن 3 -دىۋىزىيەنىڭ بىر گېزىتى بار،ئورنى قەشقەر شەھىرىدە

ۋاقتى: 2015-12-15 20:58:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناۋاداشەخسىي نوقتىدىن  بۇنداق قاراشلار مەۋجۇد بولسا، مېنىڭ پەقەت بىرلاتەلەب- پىكىرىم بار، شىنجاڭ رايۇندىكى بارلىق پارسىچە-تاجىكچە يەر-جاي ناملىرنى ئۆزگەرتىش كېرەككەن دەپ چۈشەندىم... مەسلەن، ياركەند-يەكەن، پاستكان-پوسكام، كاشغەر-قەشقەر، لۇپ، توقۇزساك-توقۇزاق، دولان، ئورۇمچى، كوسراب-كۇھى سەرئاب....؟

ۋاقتى: 2015-12-16 01:09:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ماقالا ئۇشبۇ مۇنبەردە ئېلان قىلىنىپ تولىمۇ ياخشى ئىش بوپتۇ ، بۇرۇنمۇ كۆپ تالاش -تارتىشلار بولغان ئىدى ، ئەمدى كۆپچىلىك كۆرۈپ مۇقىملاشقان نام بويىچە ئاتاپ ئۆزلەشتۈرسە دىگەن ئۈمىدتە مەن .
! u6 C7 b/ F8 |$ M9 n( Zئەلتۇغ ئىنىم ئەجرىڭىزگە بارىكاللا .

ۋاقتى: 2015-12-16 01:11:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فونتان   ــــــــــــــــ-سىز ھازىر نەدە  ؟

ۋاقتى: 2015-12-16 10:27:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇداك يوللىغان ۋاقتى  2015-12-15 20:58 ; d8 z. f/ y$ |& n9 Y9 i
ناۋاداشەخسىي نوقتىدىن  بۇنداق قاراشلار مەۋجۇد بولسا،  ...

5 p2 ]6 n" D: |+ L" q/ g) @2 fھاياجانلانماڭ، ھە دەپ بەرسە ئۇيغۇر تىلىدىكى ھەممە سۆزنى پارس - تاجىك تىلىدىن كىرگەن دەيدىغان ئوخشايسىز.
2 r' r7 k3 S3 ~" c1 s& oخاتىرجەم بولۇڭ، تەكلىپ - تەلىپىىڭىز رەت قىلىنىدۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-16 15:21:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇداك يوللىغان ۋاقتى  2015-12-15 20:58 6 t. ]0 R8 ~  S
ناۋاداشەخسىي نوقتىدىن  بۇنداق قاراشلار مەۋجۇد بولسا،  ...

6 Q4 X8 j# ?  p* g ماقالىنى تۈزۈك ئوقۇمايلا، چالا-پۇچۇق ئىنكاس يېزىپسىز. شۇڭا، ئىنكاسىڭىز كىتاب ئوقۇمايدىغان، ماتېرىيال كۆرمەيدىغان بىر ناباب ئىنكاسچىنىڭ خاپىغانسىمان بىر گېپىگە ئوخشاپ قاپتۇ.. ماقالىنى ئەستايىدىلراق ھەزىم قىلىپ ئوقۇڭ. بۇ يەردە سىز دېگەندەك شىنجاڭدىكى پارسچە يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش كېرەك دەيدىغان بىر ئېغىزمۇ  گەپ يوق. ; R. t! W: r* g5 Y
  ئاۋۇ سىز ئىزاھلاپ قويماقچى بولغان بەزى يەر-جاي ناملىرىنى خىيالىڭىزدا «پارسچە ئىدى» دېگۈڭىز كېلىپ قالغاندەك بىر مۇددىئايىڭىزمۇ باردەك قىلىدۇ. بىلگەنلىرىمگە قىسقىچە جاۋاب بېرەي. % I* k  ~, S3 L5 t+ @+ f- m& x
   1.ياركەند- ساپ ئۇيغۇرچە نام. «يار ئۈستىگە جايلاشقان شەھەر» دېگەنلىك، يەكەن شەھىرىدىكى ياركوچا، يامانيار، نورۇزدۆڭ، بايدۆۋە...دېگەندەك يەر ناملىرى ۋە يەكەن شەھىرىنىڭ جۇغراپىيەلىك جەھەتتىن نىسبىي چوڭقۇرراق جايلاشقانلىقى ۋە باشقا تارىخىي پاكىتلار شەھىرىمىزنىڭ نامىنىڭ تولۇق ئۇيغۇرچە ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلى. ھەرگىزمۇ سىز دېمەكچى بولغان پارس-تاجىكچىدىكى «يار-دوست» دېگەن گەپ، «كەند-شەھەر» دېگەن گەپ، يىغىنچاقلىساق «دوستلار توپلاشقان شەھەر ئىدى» دېمەكچى بولغان پەرىزىڭىزنىڭ ھېچقانداق  ئىلمىي، تارىخىي، جۇغراپىيىۋىي ئاساسى يوق.
, F, A+ E! u4 k( r( D  2.پوسكام-ساپ ئۇيغۇرچە نام. پاسىئان نىڭ ئاھاڭ ئۆزگىرىشى. پاسىئان بەگلىكىنىڭ نامىدىن كەلگەن. («پوسكام تارىخ ماتېرىياللىرى»نىڭ 3-قىسمىغا قارالسۇن) ئىمىن تۇرسۇن ئەپەندى بۇ نام ھەققىدە: «يارغۇنچاقخانا، تۈگمەن» دەپمۇ ئىزاھلايدۇ. («ئۆتمۈشنىڭ تامغىسى-يەر ناملىرى» دېگەن كىتابقا قارالسۇن).
9 }* Q9 e# D: e" ^' J! ~- E  3. قەشقەر (كاشىغەر)-ساپ ئۇيغۇرچە نام. «قەشقەر-تون شەھىرى» دېگەنلىك.  (ئابلا ئەھمىدى ئاكىنىڭ »كاشىغەر» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنغان شۇ ناملىق ماقالىسىگە قارالسۇن).  بەزىلەر «كاشىغەر»نىڭ بىر بوغۇمىنى غاچچىدىلا فارىسچىدىكى «غەر»مۇ، «خەر»مۇ، ئەيتاۋۇر شۇنداقراق بىر سۆزگە ئوخشىتىۋېلىپ، نام ئۆزگەرتىشكە ئۇرۇنغان، خالاس. & d  i/ g5 V% j" P8 ~* E- X" f6 i
   4. لوپ- ساپ ئۇيغۇرچە نام.  (ھازىرچە بوش قالغاچ تۇرسۇن. «ئۆتمۈشنىڭ تامغىسى-يەر ناملىرى» ناملىق كىتابنى قولۇمغا ئالسام بۇ چۈشىڭىزگىمۇ يېتەرلىك تەبىر تېپىلىدۇ.)
4 j7 D+ A& g( i, V2 w8 L   5. توققۇزاق- توققۇز ساك. ساپ ئۇيغۇرچە نام. ساك-ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمىي قەبىلىسىنىڭ نامى. شۇڭا يۇرتۇم يەكەننىڭ قەدىمقى نامى ساكارائۇلى بولۇپ، بۇ يەردىكى «ساك» دەل ساك قەبىلىسىنىڭ نامى شۇ.
4 I5 }0 M1 d% ~5 ?; I  6. دولان-  ساپ ئۇيغۇرچە نام. قەدىمكى ئۇيغۇر قەبىلىلىرىنىڭ بىر نامى.
9 Y* S! x: M, `; r# w   7.ئۈرۈمچى- ساپ ئۇيغۇرچە نام. «كىچىك رۇم» مەنىسىدە. (ئۆتمۈشنىڭ تامغىسى-يەر ناملىرى»غا قارالسۇن).
  ^+ q3 @: a/ ^+ J$ G0 i  8. كوسراپ- كۇھى سەرئاب، ماۋۇ تاجىكچە نام. بولسا مەنىسىنى تەپسىلىي ئىزاھلاپ قويۇڭ. بىزمۇ ئۆگىنىۋېلايلى.0 X) R& m" s& W: b3 F, o6 U( q
   بۇ ھەقتە سىز «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر»، «يۇرتىمىزدىكى بىر قىسىم يەر ناملىرى ھەققىدە»، «ئۆتمۈشنىڭ تامغىسى-يەر ناملىرى»، «تارىختىكى كارۋان يوللىرى»، «قەشقەر يەر ناملىرى»، «شىنجاڭ يەر ناملىرىنىڭ ئېتېمېولوگىيەسى» قاتارلىق نوپۇزلۇق ماتېرىياللاردىكى ماقالىلەرنى كۆرۈپ بېقىڭ.   يەر نامى ئۈستىدە بۇ مۇنبەردىمۇ خېلى ئوبدان ماقالىلەر ئېلان قىلىندى. ئوبدان كۆرۈپ ئۆگىنىڭ. «پوسكام- پوست (جېسەكچى)نى كام قويغاچقا، پوسكام دېيىلگەن» دېگەندەك شاپاللاپلا گەپ  قىلساق، خەق كۆتىچە كۈلىدۇ.
# k: I+ x- z  d9 x3 j+ S$ T! x  ئەگەر مەنمۇ شەخسىي ھېسسىياتىمنى چىقىش قىلىپ تۇرۇپ: «ھېمىڭۋاي ئەسلى ئۇيغۇر بولۇپ ئىسمى ئىمىنباي ئىدى، ئۇ ئامېرىكىغا چىققاندا ئامېرىكىقلار ھىمىڭۋاي دەۋاپتىكەن»، «ئىدىسونمۇ ئۇيغۇر بولۇپ، ئەسلى تۈگمەنچىكەن، خەق ئىدىرىس ئۇن دەپ ئاتاپتۇ، كېيىن  ئۇ ئامېرىكىغا چىققاندا بۇ نامنى ئامېرىكىلىقلار ئىدىسون دەۋاپتۇ»، «چىڭ خاندانلىقى»نىڭ نامىنى بىز ئۇيغۇرچە «چىڭ، مۇستەھكەم، يېمىرىلمەس» مەنىسىدىكى «چىڭ» دەپ قويۇپ بەرگەن، «مالايسىيا- خەلقى مالايلىق قىلىدىغان جاي بولغاچقا، مالايسىيە دەپ ئاتالغان» دېسەم ئىشىنەمسىز؟!   باشقا بىر تىلدىن ئۆز تىلىمىزغا ماس كېلىدىغان سۆز-بوغۇملارنى غاچچىدىلا يۇلۇپ ئېلىپ، «ماۋۇ مېنىڭ تىلىمدا بار گەپتى، ماۋۇ ئىسىم مېنىڭ تىلىمدىن كەلگەن» دېسەك، قاملاشمايدۇ." i5 }$ ^" r! P1 Z# }( s
     ئىسپات-مۇنازىرىنىڭ بىرىنچى ئامىلى. بولمىسا جىمجىت ئولتۇرۇپ ھەزىم قىلىڭ ياكى ئىسپات ئىزدەڭ. يۇقارقى پاكىتلىرىمغا قايىل بولمىسىڭىز سىزمۇ  قايىل قىلارلىق ئىسپات كۆرسىتىڭ. بىلمىگەن ئىشقا ئارىلىشىمەن دېسىڭىز چېنىپ قالىدىغان ئىش چىقىدۇ. 2 j0 M* ]. v; ^5 l3 [
     يەنە بىر تەۋسىيەم: ئەگەر سىز ھەقىقەتەن مەسئۇلىيەتچان بىر زىيالىي بولسىڭىز  فارس-تاجىك تىلىدا يېزىلغان يەر-جاي ناملىرى تەتقىقاتىغا مۇناسىۋەتلىك ماقالىلەر بولسا  بىزگە ئۇيغۇرچە تونۇشتۇرۇڭ. بىزمۇ ئۇلارنىڭ تەتقىقات نەتىجىلىرىدىن خەۋەردار بولايلى. «ياخشى نەرسە مەخپىي قالمىسۇن»!6 [+ f- V% z5 B7 k
  ئامان بولۇڭ.7 B4 `: O8 Y, m9 q3 r

) h! H" m; G$ N9 n# _( j& O) G2 _& ?! ?9 l
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-16 19:21  
; F/ y# V5 e6 t8 _9 f. M1 m9 W6 b' W, \

ۋاقتى: 2015-12-19 14:36:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەر-جاي ناملار ئەينى زاماندا ،شۇ يەردە ياشغۇچى كىشلەر تۇپى تەرەپتىن قويۇلغان  ئۆلمەس نام، ئۆزگەرمەس ئەقىدە، ئونتۇش قېيىن بولغان ھەقىقەت، شۇنداقلا، تالاي شان-شەرەپگە تولغان ئابىدە تىشى!' _% ^% K& @; w; _3 O
1.دۇلان نامى ـ«دۇ-تاجىكچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ئىككى دېگەنلىك بولىدۇ».(«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى،273-بەت). «لاڭ-تاجىكچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ئاقساق، چولاق، توكۇر دېگەنلىك بولىدۇ» (يۇقىرىقى كىتاب، 579-بەت). شۇنداق بولغاندا، دۇلان (دولان ئەمەس) دېگەن سۆز ئىككى توكۇر، ئىككى ئاقساق...دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇ ھەقتە تارىخىي مەلۇماتلاردا بەلگىلىك تىلغا ئېلىنغان يازمىلار بار....
) \2 z) W1 W& b. O# ?3 yتاجىكلار تىلدا بۇنىڭغا ماس كىلدىغان بىر قانچە سۆز بار ، يەنى، «تەلان»-تالان-تاراج قىلماق دىگەن مەنىدە. ) {) f3 r% y7 ?! ~
2.ئىران لۇغىتىدا«دۇلان »ئاتالغۇسىنى «سەرگەردان »دەپ ئىزالايدۇ.
; ~, b& R& ~1 H! c4 |5 i: t*2. «تۇرپان» قەدىمكى خەلق تۇخارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، بۇ سۆز تۇخارچە «چوڭ شەھەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ، دېگەن قاراش. بۇ پىكىرنى ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق ئەپەندى «تۇرپاننىڭ تارىختىكى ناملىرى ۋە قۇچۇ ئاتالغۇسى توغرىسىدا يېڭىچە ئىزدىنىش» دېگەن ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان(1). مۇشۇنىڭغا ئوخشاپ كېتىدىغان يەنە بىر قاراشنى ئابلىكىم ئابدۇرەشىد ئەپەندى ئۆزىنىڭ «تۇرپان نامىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى توغرىسىدا قايتا ئويلىنىش» دېگەن ماقالىسىدە ئوتتۇرىغا قويغان بولۇپ، بۇ توغرىدا مۇنداق دېگەن: « …پروففېسور بېيلېي(Harold Bailei):  ‹ سىتايىل خولىستايىن پۈتۈكى › دە ئۇچرايدىغان ‹تۇرپانا› (Turpana) دېگەن نام druva-pana دىن ئۆزگەرگەن، بۇنىڭ مەنىسى ‹ بىخەتەر قوغدىلىنىدىغان، تام بىلەن قورشالغان › دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ. مېنىڭچە بۇ بىر ناھايىتىمۇ ئەھمىيەتلىك كۆز قاراش .... خوتەن ساك تىلىدا druva      (پۇختا، مۇستەھكەم ) دېگەن سۆز بار بولۇپ ، بۇ سۆز ‹ ئاۋستا› داdra  , drvatat   شەكلىدە ئۇچرايدۇ... خوتەن ساك تىلىدا  ‹تۇرپان › (Tur-pan) دىكى  pan بىلەن ئاھاڭداش بولغان  vana دېگەن سۆز بار بولۇپ ، مەنىسى ‹ئولتۇراق جاي›دېگەن بولىدۇ، بۇ سۆزنىڭ تومۇرى van  بولۇپ، مەنىسى     ‹ قورشىماق، ئورىماق›، بۇ سۆز  ‹ ئاۋستا› دا    vana    ( قورشالغان، ئورالغان) شەكلىدە ئۇچرايدۇ...ئەگەر بىز يۇقىرىقى مەنبەلەردىكى  druva  (پۇختا، مۇستەھكەم ) بىلەن   vana   (ئولتۇراق يەر،قورشاۋ،تام) نى بىرلەشتۈرسەك ، ئۇھالدا van - tura   ياكى dur-van   ‹ بىخەتەر تۇرالغۇ، مۇستەھكەم تام، بىخەتەر قورشاۋ› دېگەن خۇلاسىگە ئىگە بولىمىز....‹ تۇرپان› نامى تارىم ۋادىسىدا ياشىغان قەدىمكى خەلقلەردىن بولغان تۇخارلار بىلەن مۇناسىۋەتلىك ياكى فونىتىكا جەھەتتىن تۇخار بىلەن بىردەكلىككە ئىگە بولۇپ، ...سىمانتىكىلىق مەنىسى ‹بىخەتەر تۇرالغۇ، مۇستەھكەم قورغان، بىخەتەر شەھەر› دۇر»(2) . ئەمەلىيەتتە ئەركىن ئىمىننىياز قۇتلۇق ئەپەندى بىلەن ئابلىكىم ئابدۇرەشىد ئەپەندى «تۇرپان» نامىنىڭ مەنىسى ئۈستىدە ئوخشاش دېگۈدەك يەكۈن چىقارغان., p5 n- a6 }: n
3.كوسراب –ئەمەليەتتە بۇ تاجىكچە ئاتالغۇ بولۇپ، كوھىسەرئاب-«كوھ»(تاغ)،«سەر»(باش،ئۈستى)،«ئاب» (ئىرىش، ئىرگەن سۇ ) دىگەن مەنىدە .بۇ نام بۇ تەلەپپۇزنىڭ بۇزۇلۇشتىن «كوسراب »گە ئۆزگەرگەن.3 i- F! H/ v! W- P. ^2 ?4 s+ I5 T
4.يەكەن-«يۇركەند-ياركەند» دەپ تەلەپپۇزمۇ قىلىنىدۇ. يۇر -يار دېگەنلىك بولۇپ، «كەند»( كەنت ) دېگەنلىك بولۇپ، يارنىڭ كەنىتى دېگەنلىكتۇر. مىسالەن:« يارى شېرىن»-شېرىن يار. «يارى جانان»-جانان يار، «يارىمەن بە دىل»-يار مېنىڭ قەلبىمدە .
3 n$ u9 A# I4 K5 E9 W" D, p$ n5 Y- N0 vخەننامىدە 36 بەگلىگنىڭ بىرى «ياركەند بەگلىگى» -ئاستانىسى ياركەند شەھىرى....غەربىدىنسۇلې(كاشغەر)گە 560 چاقىرىم،غەربىي جەنۇبىدىن پولى(تاشقۇرغان)بەگلىگگە 740 چاقىرىم كېلىدۇ دەپ كۆرسەتكەن.
* A( G7 l; p# o+ X; D5.پوسكام (بۇ سۆزمۇ كان بىلەن مۇناسۋەتلىك بولۇپ،تاجىكچە «پاست كان» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن. ئۇنىڭ مەنىسى پەستىكى كان)،مىسكۈن (مىس كان ) ۋاھاكازاھلار." X# _; Q! p/ }, F
6. راسكام (ئەسلى تاجىكچە راست كان دېگەن سۆز بولۇپ،كېيىن فۇنتىكلىق ئۆزگىرشى بىلەن راسكام بولۇپ قالغان)9 s. U" \( S$ \! G8 p
6. لۇپ، ئافغان تاجىك تىلدىكى سۆز بولۇپ، يەنى ،لۇپ –ئويغۇرچىدە «چوڭ» دىگەنلىكتۇر، مىسال، «لۇپجان»-ئاقسا، ئۆزىنى چوڭ توتىدىغان، مەنمەنچى دېگەن مەنلىلەردە كىلىدۇ.- x1 Z* W, H+ Q0 M3 I, o8 a0 X
لۇپسەر-«بىشى چوڭ»2 G2 E+ ^2 E5 D2 u
2. لۇپنۇر- «بۈزۈرك نۇر »
$ u1 c: x! J4 U+ }3 T5 }1 Z9 E2. لۇپگاز-تاشقۇرغاندىكى بىر يايلاقنىڭ ئىسمى،« چوڭ قەدەم» دېگەن مەنىدە.7 ]9 U* p2 J7 i8 n& A
...مەن سىزنىڭ ئەمگىكڭغا ھۆرمەت قىلىمەن. لېكىن، بىز ئەسرلەر بۇيى ئەجدادلار تەرەپتىن ئاتىلىپ كەلگەن يەر-جاي ناملىرىنى زادى شۇ يەردە ھازىز ياشاۋاتقان كىشلەرنىڭ تىلى بىلەن ئاتاش كېرەك دېگەن شەخسىي ھىسياتىڭغا مەن ئەمەس، بەلكى  ھېچكىم قايىل بولمايدۇ. تاشقۇرغان رايۇندىمۇ تۈركىي تىلدا ئاتىلىپ كىلىنۋاتقان  نۇرغۇن يەر-جاي ناملار بار. بىز بۇنى ھازىر كىلىپ، پامىر ئېگىزلىكتە زادىلا تاجىكلار ياشاپ كەلگەن، شۇڭا بۇ ناملارنى تاجىكچىلاشتۇرۇش كېرەك دەپ جۇيلىسەك بۇلامدۇ؟ ) Q# b7 ?" i: A( T/ q" E
ياق، بىزدە چوقۇم تارىخقا ھۆرمەت قىلىش مەسئۇليەت ۋە مەجبۇرىيەت تويغۇسى بولۇش كېرەك.
1 Q: \6 B6 ?: mمەن داۋاملىق ھالدا شىنجاڭدىكى يەر-جاي ناملىرى ئۈستىدە ئىزدىنىمەن...لېكىن تارىخى چىنلىقنى ئاساس قىلىپ...مەيلى سىز قايىل بولۇڭ مەيلى قايىل بولماڭ!
8 o5 F' V9 ^( p; N0 y5 G8 p# c

ۋاقتى: 2015-12-19 14:42:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇمكىن بولسا يەر-جاي ناملىرى تۇغرىسىدا بىر-بىرلەپ پىكىر، پاكىت،ئاساسلار ئوتتۇرىغا قويۇلسا، ئاندىن  بۇنداق بەس-مۇنازرىنىڭ قىممتى، كىشلەرگە پايدىسى بولىدۇ دەپ ئۇيلايمەن./ M6 Q  ^5 Z) U/ t
يەنى، بىرنىچى تىما؛ «زەرەپشان دەرياسى» بىلەن ياركەند دەريا ئوتتۇرسىدىكى  مۇناسۋەت، باغلىنىش ۋە ئاتىلىشى مەنبەسى ....

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-22 14:05:52 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1.دۇلان نامى ـ«دۇ-تاجىكچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ئىككى دېگەنلىك بولىدۇ».(«چاغاتاي تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»،  شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى، 2002-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى،273-بەت). «لاڭ-تاجىكچە سۆز بولۇپ، مەنىسى ئاقساق، چولاق، توكۇر دېگەنلىك بولىدۇ» (يۇقىرىقى كىتاب، 579-بەت). شۇنداق بولغاندا، دۇلان (دولان ئەمەس) دېگەن سۆز ئىككى توكۇر، ئىككى ئاقساق...دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. بۇ ھەقتە تارىخىي مەلۇماتلاردا بەلگىلىك تىلغا ئېلىنغان يازمىلار بار....; V& q) D. Q2 z' j. d
+ N0 f; ^" Q# j& W5 i" l& l9 Rتاجىكلار تىلدا بۇنىڭغا ماس كىلدىغان بىر قانچە سۆز بار ، يەنى، «تەلان»-تالان-تاراج قىلماق دىگەن مەنىدە.
  O, H0 v( Q5 l! s4 o$ n# E2.ئىران لۇغىتىدا«دۇلان »ئاتالغۇسىنى «سەرگەردان »دەپ ئىزالايدۇ.
9 s# v9 X+ l+ ~3 M" C: X..................5 a8 r7 v4 X" X* [: z
  1. بۇ يەردە تارىخىي مەنبەلەردە بىر پۈتۈن سۆز سۈپىتىدە يېزىلغان «دولان»نى زورلاپ ئىككىگە  پارچىلاپ، ھېچقانداق پاكىتسىزلا قوللىنىۋاپسىز. يەنە كېلىپ بۇ ئاتالغۇ «دۇلاڭ» ئەمەس، ساپ «دولان» دەپ يېزىلىدۇ ۋە قوللىنىلىدۇ. شۇڭا، دولان ھەققىدە كۆرسەتكەن پاكىتىڭىز ئۆز ئۆزىنى كەسكىن رەت قىلدى.   2.ئۇيغۇر تىلىدا «تەلان»نى زورلاپ «دولان» دەپ تەلەپپۇز قىلىپ يۈرمەيدۇ. ئوقۇلىشى يېقىنراق سۆزدىن بىرنى تېپىۋېلىپلا، پاكىت ئورنىغا دەسسىتىشكە ئۇرۇنۇپسىز. شۇڭا، بۇ پاكىتىڭىزمۇ كەسكىن رەت قىلىندى. 4 q$ b! }3 k1 e2 \- M& b3 h) o
   3. ئۇ لۇغەتتە «دۇلان» دېيىلىپتۇ، ئەمما، بىز «دولان» توغرىسىدا مۇھاكىمە يۈرگۈزۈۋاتىمىز. شۇڭا، «ئۇ»نىڭ «ئو»غا ئۆزگرىش جەريانىغا نىسبەتەن ھېچقانداق پاكىتىڭىز يوق. # C5 v# v  ^2 |2 E
  دېمەك، مەيلى ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكى قەبىلىسى بولغان «دولان» قەبىلىسىنىڭ نامى بولسۇن ياكى موڭغۇللارنىڭ «دولان» قەبىلىسى بولسۇن، نامى جەزمەن «دولان» دەپ ئاتىلىپ كەلگەن. بۇ ئاتالغۇنىڭ تەۋەلىك مەسىلىسىنى مەيلى تارىخ نۇقتىسىدىن بولسۇن، مەيلى تىلشۇناسلىق نۇقتىسىدىن بولسۇن، سىز تەتقىق قىلغۇدەك ئىقتىدارغا ئىگە ئەمەس ئىكەنسىز.
' W; ?8 h, L4 a3 a) z7 s' q
2 a6 ~  m/ A5 o7 C4 X- I
6 f+ E# D$ L2 C& B/ { بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-22 15:11  3 \- m" K" {6 {' k. |

; a% h( R! [2 L7 Z6 n7 S

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-22 15:09:56 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
4.يەكەن-«يۇركەند-ياركەند» دەپ تەلەپپۇزمۇ قىلىنىدۇ. يۇر -يار دېگەنلىك بولۇپ، «كەند»( كەنت ) دېگەنلىك بولۇپ، يارنىڭ كەنىتى دېگەنلىكتۇر. مىسالەن:« يارى شېرىن»-شېرىن يار. «يارى جانان»-جانان يار، «يارىمەن بە دىل»-يار مېنىڭ قەلبىمدە .## ^6 _: `; ~& ]6 Z# t4 A! R- m
..................................................6 |4 Q9 z3 y1 ~$ E; o
  ئۇيغۇرلار  ئەزەلدىن «يەكەن» (ياركەنت)نى ھېچقانداق ماتېرىيالدا «يۇركەن» دەپ تەلەپپۇز قىلمىغان. ئەگەر باشقا مىللەتلەرنىڭ تىلى كەلمەي «يۇركەن» دەۋالغان بولسا ئۇ شۇ كىشىلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئىشى. سىز نەقىل ئالغان«خەننامە»دىمۇ ئېنىق قىلىپ «ياركەنت» دەپ ئېلىنغان. «ياركەنت»نىڭ «يار ئۈستىگە جايلاشقان شەھەر» ئىكەنلىكىگە دائىر پاكىتلار بەكمۇ كۆپ. شۇڭا، بۇ ھەقتىكى قاراشلىرىڭىز كەسكىن رەت قىلىنىدۇ. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-22 15:12  
( b+ d# X. S: l9 }. ?* I5 a' t/ X; H

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-22 15:15:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
5.پوسكام (بۇ سۆزمۇ كان بىلەن مۇناسۋەتلىك بولۇپ،تاجىكچە «پاست كان» دېگەن سۆزدىن ئۆزگەرگەن. ئۇنىڭ مەنىسى پەستىكى كان)،مىسكۈن (مىس كان ) ۋاھاكازاھلار.
8 }% S! N0 G+ {2 l- J3 b.............................
8 p7 _3 r0 D, U: X2 J( j1 v. h  بۇ ھەقتە مەن يۇقىرىدىكى ئىنكاسىمدا «پوسكام»نىڭ 1. ئالىم ۋە تىلشۇناس ئىمىن تۇرسۇن ھاجىمنىڭ «يارغۇنچاقخانا، تۈگمەن» دەپ قەيت قىلغانلىقىنى؛ 2. «پوسكام»نىڭ «پاسىئان قەبىلىسىنىڭ نامىدىن كەلگەنلىكى»نى ئېنىق ماتېرىيال مەنبىئى ئاساسىدا كۆرسەتكەن ئىدىم. ئەمدى بۇ ھەقتە ئارتۇق سۆزلەپ يۈرمەي. بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-23 19:43  " t8 c5 i0 C, q6 d
9 v. _( v9 \; y& i4 \

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش