يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: ئەلتۇغ

سۇلتان مامۇت ئىبراھىم: «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن نام توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-22 15:22:07 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  يەنە باشقا سىز كۆرسەتكەن پاكىتلارغا ماتېرىيال كۆرۈپ، قايىل قىلارلىق جاۋاب بېرىمەن. ئەمما، شۇ نەرسە ئېسىڭىزدە بولسۇنكى، بۇ يەردە مەن شەخسىي ھېسسىياتىمنى چىقىش قىلىپ بىر نەرسە يازمىدىم. پەقەت «پاكىت ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ»غانلىقىنى قايتا ئەسكەرتىمەن. - n( I  f3 T2 L* a2 T& O
ئەگەر پارىسچە نامنى بىرسى زورلاپ تۈركچە دەۋالسا، مەنمۇ ئۇنى كەسكىن رەت قىلىمەن!

ۋاقتى: 2015-12-23 18:05:09 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
        ئەلقۇت ئۇكام ياخشىمۇ سىز؟ بۇ ماقالىنى تورغا يوللاپ بەكمۇ ياخشى ئىشتىن بىرنى قىپسىز. سىزگە رەھمەت! مەن سۇلتان مامۇت ئەپەندىنى يۈزتۇرا تونۇمىساممۇ، ئەمما ئىسمىنى ئۇزۇندىن بېرى تونۇيمەن ۋە بەكمۇ ھۆرمەت قىلىمەن. چۈنكى، ئۇ ئۇيغۇر يەر ناملىرى ھەققىدە بىر قەدەر ئوبيېكتىپ ئىزدەنگەن ئەستايىدىل تەتقىقاتچى. ئۇنىڭ «يۇرتىمىزدىكى يەر ناملىرىغا دائىر ئىزدىنىشلەر» ناملىق كىتابچىسى ئىزدىنىش روھىغا باي ئەسەردۇر. ئۇنىڭ «‹زەرەپشان دەرياسى› دېگەن نام توغرىسىدا» دېگەن بۇ ماقالىسىمۇ ناھايىتى ياخشى يېزىلغان. مەن بۇ ماقالىنىڭ ئەسلىي ۋارىيانتىنىمۇ ماتبۇئاتلىرىمىزدا كۆرگەن. بۇ ماقالە ھەقىقەتەن ئۇيغۇر يەر ناملىرى تەتقىقاتىدا ناھايىتى ياخشى يېزىلغان بىر پارچە ئوبزور بولۇشقا مۇناسىپ. بۇ قېتىم سىزنىڭ بۇ ماقالىنى يازغۇچىلار تورىغا يوللىشىڭىز بەكمۇ بەلەن ئىش بوپتۇ. مەنمۇ ئۇيغۇر يەر ناملىرى ھەققىدە ئىزدەنگۈچى بولۇش سۈپىتىم بىلەن بۇ ئىنكاسىمنى يوللاپ قويۇشنى زۆرۈر تاپتىم. & l7 F4 `) G) T" S: a( f1 K" ~
      ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90- يىللىرى مەلۇم گېزىتتە «تەكلىمكان» سۆزىنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدىكى بىر پارچە ماقالە ئېلان قىلىندى. بۇ ماقالىدىكى «‹تەكلىماكان› دېگەن ئەرەبچە سۆز» دېگەن جۈملىنى كۆرۈپ بەكمۇ تەئەججۈپلەنگەن ئىدىم. چۈنكى، بۇ جۈملىدىن تەكلىماكان ئاتالغۇسىنى ئەرەب كىشىلىرى قويغان دېگەن مەنە ئىپادىلىنىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ جۈملىدە ناھايىتى روشەن لوگىكىلىق ۋە تارىخىي خاتالىق بار ئىدى. بىزگە مەلۇم، تىلىمىزدىكى «تەكلىماكان» دېگەن بۇ لاتاپەتلىك ۋە خاسىيەتلىك نام «تەرك»، «-لى»  (قوشۇمچە)، «مكان» (ماكان) قاتارلىق ئۈچ سۆزنى 18- ئەسىرلەردە خوتەنلىك ئۇيغۇر ئاپتورلىرىنىڭ ئۆز خەلقىنىڭ بوران ۋە قۇم ئاپىتىنىڭ زەربىسى، سۇ مەنبەسىنىڭ ئۈزۈلۈپ قېلىشى تۈپەيلىدىن يۇرتىنى تاشلاپ ئەتراپتىكى يۇرتداشلىرىنىڭ يېنىغا كۆچۈپ كېتىشكە مەجبۇر بولغان ئېچىنىشلىق ھالىتىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن «تەرك مكان» (تەركماكان)، «تەرك- لى- ماكان» (تەكلىماكان) شەكلىدە بىرىكتۈرۈشى بىلەن تۈزۈلگەن ئۇيغۇرچە سۆزدۇر، مەنىسى «تاشلاپ كېتىلگەن يۇرت- زېمىن» دېگەنلىك بولىدۇ. دەۋەقە بۇ سۆز ئۇيغۇرچىغا ئەرەبچىدىن كىرگەن «تەرك» ۋە «ماكان» دېگەن ئىككى كىرمە سۆزنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى بىلەن ياسالغان بولسىمۇ، لېكىن بۇ تامامەن خوتەنلىك ۋە لوپنۇرلۇق ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئىجادىيىتى، ئۇنىڭ ئەرەب تىلى ۋە ئەرەب كىشىلىرى بىلەن ھېچقانداق مۇناسىۋىتى يوق. يەنە كېلىپ بۇ سۆز پۈتۈن دۇنياغا مانا شۇ ئۇيغۇرچە «تەرك مكان» (تەركماكان، تەرك –لى -ماكان، تەكلىماكان) دېگەن سۆزدىن تارقالغان، ئۇنىڭ  تېگى- تەكتى تامامەن ئۇيغۇر تىلىغا مەنسۇپ. ئۇزۇن تارىخ مابەينىدە ئۇنىڭ تەركىبىدىكى «ر» جانلىق تىلدا چۈشۈپ قالغانلىقى ۋە بۇ ئەھۋالنىڭ ئەدەبىي تىلغا تەسىر كۆرسەتكەنلىكى سەۋەبلىك «تەكلىماكان» شەكلىدە ئومۇملاشقان. شۇڭا خەنزۇ تىلىغا «تەكلىماكان»نىڭ ئۇيغۇرچە تەلەپپۇزىغا ئۇيغۇنلاشتۇرۇلۇپ «تاكېلاماگەن» (塔克拉玛干) دەپ  تىرانسكرىپسىيە قىلىنغان. تۈركىيە تۈرك تىلىغا ۋە باشقا چەت ئەل تىللىرىغىمۇ «تاكلاماكان» (TAKLAMAKAN) دەپ تىرانسكرىپسىيە قىلىنغان.
0 r7 f: r7 `4 C1 e' I$ u7 _      مېنىڭ بىلىشىمچە «زەرەپشان دەرياسى»دىكى «زەرەپشان»مۇ ئوخشاشلا «تەكلىماكان» بىلەن بىر قېلىپتىكى سۆز بولۇشى مۇمكىن. مەسىلەن، «زەرەپشان» (زەرەفشان) دېگەن سۆزمۇ ئەسلىي «زەر» (پارسچە. ئۇيغۇر تىلىدا ئالتۇن، تىللا، بايلىق ... دېگەن مەنىدە ئىشلىتىلىدۇ)، «ئەف»، «شان» (ئەرەبچە. ئۇيغۇر تىلىدا شۆھرەتلىك، بۈيۈكلۈك، ئۇلۇغلۇق، مەرتىۋىلىكنى ئىپادىلەش ئۈچۈن قوللىنىلىدۇ) سۆزلىرىنىڭ ئۇيغۇر ئاممىسى تەرىپىدىن بىرىكتۈرۈلۈشى بىلەن ياسالغان ئۇيغۇرچە سۆز دەپ ئېيتىش تامامەن مۇمكىن. شۇنداق بولغاندا بۇ سۆزنى «بايلىق ئاقىدىغان ئۇلۇغ دەريا» مەنىسىدە چۈشىنىش مۇمكىن. ئۇيغۇر جانلىق تىلىنىڭ تەسىرى بىلەن تەركىبىدىكى «ف» «پ»غا ئۆزگىرىپ «زەرەپشان» بولۇپ قالغانلىقىنىمۇ بىلىش مۇمكىن. بۇ ئۇيغۇر تىلىنىڭ فونېتىكىلىق ھادىسىسىگىمۇ تامامەن ئۇيغۇن. بۇ سۆز، يەنى «زەرەپشان» (زەرەفشان)  ھازىر «يەكەن (ياركەند) دەرياسى» دەپ ئاتىلىۋاتقان دەريانىڭ سۇلىرى ئۆركەشلەپ، كۆۋرەجەپ، «ناخشا ئېيتىپ» ئاقىدىغان يۇقىرى قىسمىنىڭ نامىنى ئىپادىلەش ئۈچۈن ئۇيغۇر خەلقى ئۆزلىرى بىرىكتۈرۈپ ياسىغان دېيىش مۇمكىن. بۇ سۆزنى يەنە «زەرب» (ئەرەبچە. ئۇيغۇر تىلىدا كۈچ، ئۇرماق، سوقماق مەنىسىدە ئىشلىتىلىدۇ) سۆزى بىلەن «شان» سۆزىنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى بىلەن ياسالغان دەپمۇ قاراش مۇمكىن. شۇنداق بولغانداندا بۇ سۆزنى «ھەيۋەتلىك ئاقىدىغان دەريا» ياكى «سۈيى كۈچلۈك زەرب ئۇرۇپ ئاقىدىغان دەريا» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن. بۇ ئىككى سۆز بىرىككەندىن كېيىن تەركىبىدىكى بەزەن تاۋۇشلار جانلىق تىلدا ئۆزگىرىش ياساپ «زەرەپشان» بولۇپ قالغانلىقى ئېنىق.  مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بىر دەريامۇ «زەرەپشان» دېگەن سۆز بىلەن «زەرەپشان دەرياسى» دەپ ئاتىلار ئىكەن. «زەرەپشان» دېگەن سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدا زادى قاچان ئىستېمال قىلىنغانلىقى ھەققىدە كەسكىن بىر نېمە دېگىلى بولمىسىمۇ، لېكىن بۇ سۆزنىڭ يەكەندىكى يەر نامى سۈپىتىدە 1950- يىللىرىدىن بۇرۇنلا مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ۋە يەكەنلىكلەر تەرىپىدىن قوللىنىلغانلىقىنى بىلىش مۇمكىن. مەسىلەن، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلىرى توپلىمى تۈزۈش ھەيئىتى تەرىپىدىن 1966- يىلى ئىشلەنگەن ئۇيغۇر يېڭى يېزىقىدىكى «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خەرىتىلىرى توپلىمى»دا يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق «زەرەپشان» ناملىق بىر كەنت كۆرسىتىلگەن بولۇپ، ئۇنىڭ جۇغراپىيەلىك ئورنى يەكەن شەھىرىنىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى ئارسلانباغ كەنتى بىلەن ياقائېرىق كەنتىنىڭ ئارىلىقىغا، يەكەن دەرياسىنىڭ غەربىي قىرغىقىغا توغرا كېلىدۇ. مەزكۇر كەنتنىڭ نامى بولغان «زەرەپشان» سۆزى خەنزۇ تىلىغا ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە 则热普先 دەپ ئىپادە قىلىنغان. ئەمما كېيىن يەكەندىكى بۇ كەنتتە تاجىك يېزىسى قۇرۇلغاندا «زەرەپشان» سۆزى نېمىشقىدۇر «زەرەپشات»قا ئۆزگەرتىلگەن ۋە مۇناسىۋەتلىك لۇغەتلەردە «زەرەپشات» دەپ ئېلىنماقتا. شۇنداقتىمۇ «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى»دە بۇ سۆز ئىملا جەھەتتىن ئەسلىدىكىسى بويىچە «زەرەپشان» دەپ يېزىلغان ۋە ئۇنىڭغا مۇنداق ئىزاھ بېرىلگەن: «(پ) ① زەر چاچىدىغان؛ ئالتۇن بىلەن تاۋلانغان؛ نۇرلۇق، پارقىراق. ② يەكەن ناھىيەسىگە قاراشلىق زەرەپشان تاجىك يېزىسىنىڭ نامى. ③ يەكەن دەرياسىنىڭ نامى». زەرەپشان تاجىك يېزىسىنىڭ نامىدىكى «زەرەپشان» سۆزى «زەرەپشات»قا ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن مەزكۇر «زەرەپشات» سۆزى خەنزۇ تىلىغا ئاھاڭ تەرجىمىسى بويىچە 孜热普夏提 دەپ ئىپادە قىلىنغان. ئەپسۇسكى، «ئۇيغۇر تىلىنىڭ ئىزاھلىق لۇغىتى» بۇ سۆزنىڭ مىللىي تەركىبىنى «پارسچە» دەپ مۇقىملاشتۇرۇپ قويغان، مېنىڭچە مۇنداق ئايرىش خاتا. چۈنكى بۇ سۆز گەرچە ئەرەب تىلى بىلەن پارس تىلىدىن ئۇيغۇر تىلىغا كىرگەن ئىككى سۆزنىڭ بىرىكتۈرۈلۈشى بىلەن ياسالغان بولسىمۇ، ئەمما ئۇ تامامەن ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئىجادىيىتى ۋە ئۇيغۇر، تاجىك خەلقى ئولتۇراقلاشقان جاينىڭ نامىدۇر. شۇڭا بۇ نۇقتىغا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كېرەك.
; \5 S* P  c$ \, ^' `      بەلكىم «زەرەپشان دەياسى»دىكى «زەرەپشان» سۆزى زەرەپشان كەنتىنىڭ ئەسلىدىكى نامىدىن كەلگەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بۇ كەنتنىڭ 1966- يىلى خەرىتىگە ئېلىنغانلىقىدىن قارىغاندا، ئۇنىڭ ئازادلىقتىن ئىلگىرىمۇ شۇ نامدا ئاتىلىدىغانلىقىنى مۇقىملاشتۇرۇش مۇمكىن. چۈنكى ئاھالىسى ئاز، شەكىللەنگەن ۋاقتى قىسقا ئادەتتىكى كەنت مۇنداق خەرىتىگە چۈشۈرۈلمەيدۇ. بۇ كەنتنىڭ خەرىتىدىكى ئورنىدىن قارىغاندىمۇ ئاھالىسىمۇ خېلى جىق، شەكىللىنىش تارىخىمۇ خېلى ئۇزۇن كەنت ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بولىدۇ. «زەرەپشان دەرياسى» دېگەن سۆزنى مەنمۇ خېلى بۇرۇنلا ئاڭلىغان ئىدىم. سۇلتان مامۇت ئەپەندى بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەدە قوللىنىلمىغانلىقىنى ئېيتقان. مەن بۇ سۆزنىڭ ئېتىمولوگىيەسى ھەققىدە مەخسۇس ئىزدەنمىگەن بولغاچقا، بۇ سۆزنىڭ ئۇيغۇر تىلىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەردە قوللىنىلمانلىقى ھەققىدە سۇلتان مامۇت ئەپەندىنىڭ پىكىرى توغرا بولۇشى مۇمكىن دەپ قارايمەن. شۇنداق بولغاندا بۇ سۆز ھەقىقەتەن تارىختا قوللىنىلمىغان بولىدۇ. لېكىن مەنمۇ بۇ سۆز ھەققىدىكى ماقالىنى كۆرۈپ تۇرغان ۋە مەلۇم چۈشەنچە ھاسىل قىلغان بولغاچقا ھەمدە يۇقىرىقى ئەھۋاللارنى ئويلاشقاندا بۇ سۆزنىڭ يەكەن دەرياسىنىڭ يۇقىرى قىسمىنى ئاتاش ئۈچۈن قوللىنىلغان بولۇشى مۇمكىنلىكىنى ئويلىشىپ بېقىشقا بولامدىكىن، يەنى بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىزدىنىپ باقساق بولامدىكىن دەپ قارايمەن. چۈنكى شىنجاڭدىكى خېلى نۇرغۇن يەر ناملىرى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى يەر ناملىرىغا ئوخشايدۇ. مەسىلەن، چىمكەنتتىكى «سايرام»، ياركەنتتىكى «ياركەنت» (ياركەت)، ئۆرەتېپەدىكى «ئاقسۇ»، زەرپشان دەرياسىدىكى «زەرەپشان» سۆزلىرى ۋە باشقا نۇرغۇن سۆزلەر شىنجاڭدىمۇ ئۇيغۇرلار ئارىسىدا يەر نامى سۈپىتىدە قوللىنىلىدۇ. ئەمدى سۇلتان مامۇت ئەپەندىنىڭ «‹زەرەپشان› دېگەن نام خەنزۇچىدا 叶尔羌 دەپ تەرجىمە قىلىنماقتا. ئەمەلىيەتتە ‹زەرەپشان› بىلەن 叶尔羌 ئۆزئارا مۇناسىۋىتى بولمىغان ئىككى نام. خەنزۇچىدىكى  叶尔羌 دېگەن نام ئەسلىدە ‹يەكەن› نىڭ ئەسلىي تەلەپپۇزى بولغان ‹ياركەند›نىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسىدىن ئىبارەت» ئىدى دېگەن پىكىرىنى ئىنتايىن توغرا دەپ قاريمەن ۋە مۇشۇ پىكىر ئۈچۈن مەن سۇلتان مامۇت ئەپەندىنىڭ قولىنى ئىككى قوللاپ سىقىمەن. ئەسلىي مەقسەتكە كەلسەم، مۇبادا «زەرەپشان» سۆزى ھەقىقەتەن يەكەن دەرياسىنىڭ مەلۇم قىسمىنى ئاتاش ئۈچۈن تارىختا قوللىنىلغان بولسا، ئۇنداقتا بۇ سۆز ئۇيغۇر ئاممىسىنىڭ ئىجادىيىتى، ئۇنىڭ ئەرەب- پارس كىشىلىرى بىلەن ھېچقانداق مىللىي تەركىبلىك مۇناسىۋىتى يوق دەپ قارايمەن خۇددى «تەكلىماكان» سۆزىگە ئوخشاش. ئەمدى سۇلتان مامۇت ئەپەندىنىڭ «بەزى دەۋرلەردە بۇ دەريانىڭ نامى ‹تارىم دەرياسى› دەپمۇ ئاتالغان. بۇنى 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىدا يېزىلغان ‹تەۋارىخى مۇسىقىييۇن›نىڭ 65- بېتىدىكى ‹سۇلتان ئۆز ۋەزىر- ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەخت ياركەندتىن ئاتلىنىپ چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى› دېگەن باياندىن بىلگىلى بولىدۇ» دېگەن جۈملىسىگە قارىتا مېنىڭ پىكىرىم باشقىچەرەك. چۈنكى، ئۇيغۇر تىلىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەرنىڭ ھېچقاندىقىدا يەكەن دەرياسى «تارىم» سۆزى بىلەن ئاتالمىغان ھەم «تارىم» سۆزى يەكەن دەرياسىنىڭ نامى سۈپىتىدىمۇ قوللىنىلمىغان. يۇقىرىقى نەقىلنىڭ «تەۋارىخى مۇسىقىييۇن»نىڭ 65- بېتىدىكى ئەسلىي ۋارىيانتى مۇنداق: «سۇلتان ئۆز ۋەزىر- ئەمىر ۋە لەشكەرلىرى بىلەن پايتەخت يەركەندىن ئاتلىنىپ چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلەندى ۋە نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى». بۇ جۈملىدىكى «تارىم دەرياسى» دېگەن سۆز ھەرگىزمۇ يەكەن دەرياسىنى بىلدۈرمەيدۇ، بەلكى يەكەن دەرياسىنىڭ ئاياق قىسمىنى ئىچىگە ئالغان ھالدا، بولۇپمۇ ئاقسۇ دەرياسى، يەكەن دەرياسى، خوتەن دەرياسىنىڭ قوشۇلۇش ئېغىزىنى ئىچىگە ئالغان ھالدا تاكى شەرقتىكى لوپنۇر كۆلىگىچە داۋاملىشىدىغان دەريانىڭ نامى تارىختىن بۇيان «تارىم دەرياسى» دەپ ئاتالغان. بۇ دەريانىڭ مۇشۇ قىسمى خەرىتىلەردىمۇ «تارىم دەرياسى» دەپ ئېلىنغان. «تارىم دەياسى» دېسە ئەلمىساقتىن مۇشۇ دەريا كۆزدە تۇتۇلىدۇ، ھېچكىم يەكەن دەرياسىنى خىيالىغا كەلتۈرمەيدۇ. ئەلۋەتتە سۇلتان ئابدۇرەشىدخان (ئەبدۇررەشىدخان) نىڭ پايتەخت يەكەن شەھىرىدىن ئاتلىنىپ چىقىپ، تارىم دەرياسىنى بويلاپ، تەكلىماكان دەشتىگە شىكارغا يۈزلىنىشى بىر قانچە كۈنلۈك مۇساپىنى ئىچىگە ئالىدۇ. بۇنى جۈملىنىڭ ئاخىرىدىكى «نەچچە كۈن شۇ ئەتراپتا بولدى» دېگەن تەركىبمۇ ئىسپاتلايدۇ. ئەلۋەتتە بىر خانلىقنىڭ سۇلتانى سۇلتانلىق سالاھىيىتى بىلەن شىكارغا يۈزلەنگەندە بىر قانچە كۈنلۈك ۋاقىتنى مۆلچەرلەپ ئاتلىق تولغا چىقىدۇ-دە. يەنە كېلىپ «يۈزلەندى» دېگەن سۆزمۇ بۇ شىكارنىڭ مۇساپىسىنىڭ يەكەن شەھىرىدىن نەچچە كۈنلۈك يىراققا داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدۇ. تېخىمۇ مۇھىمى بىزنىڭ سۇلتانىمىز ئابدۇرەشىدخاننىڭ «كېچىلىرى دېھقانچە ساددە كىيىملەرنى كىيىپ قونۇچى مۇساپىر سۈپىتىدە سەھرا ياقىلىرىدىكى ئۆيلەردە غېرىبانە قونۇدىغان ۋە شۇ يول بىلەن ئەمەلدارلارنىڭ رەئىيەلەرگە زۇلۇم- سەتەم قىلغانلىقىنى تەكشۈرىدىغان ئادىتى بار ئىدى» ئەمەسمۇ! شۇڭا سۇلتان نەچچە كۈنلۈك ۋاقىتنى ئالدىن مۆلچەرلەپ بۇ قېتىمقى شىكارغا ئاتلىنىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ تارىم دەرياسى ۋە تەكلىماكان دەشتىنىڭ بويلىرىدىكى بوستانلىقلاردا ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ئەمەلىي ئەھۋالىنى بىلىپ بېقىشنى كۆڭلىگە پۈككەنلىكى ناھايىتى روشەن. بۇنى سۇلتانىمىزنىڭ «نەچچە كۈن مۇشۇ ئەتراپتا بولغان»لىقىمۇ ئىسپاتلايدۇ. دېمەك، سۇلتانىمىزنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى نەچچە كۈن داۋاملاشقان. شۇنداق ئىكەن يۇقىرىقى نەقىلدىكى «تارىم دەرياسى» دېگەن ئاتالغۇ ھەرگىزمۇ پايتەخت يەكەن شەھىرىگە يېقىن يەكەن دەرياسىنى كۆرسەتمەيدۇ. شۇنداق بولغاندا «بەزى دەۋرلەردە بۇ دەريانىڭ نامى ‹تارىم دەرياسى› دەپمۇ ئاتالغان» دېگەن جۈملىنى تۈزىتىش ۋە «تارىم دەرياسى» دېگەن ئاتالغۇنى ئەسلىي مەنىسى بويىچە قوللىنىش كېرەك.        
% M! B) `" O1 e, y% \      ئەلقۇت ئۇكام سىزمۇ يېقىننىڭياقى يەر ناملىرىنىڭ ئېتىمولوگىيەسىگە دائىر ياخشى ماقالىلەرنى يېزىۋاتىسىز. شىنجاڭدىكى يەر ناملىرىنىڭ مىللىي تەركىبى (تەۋەلىكى)نى ھەقىقىي ئايرىسىڭىزلا مەن سىزنى قىزغىن قوللايمەن. يەر ناملىرى شۇنداق بىر مۇقەددەس كىملىككى، ئۇ ئەلنىڭ قاشقىسى، ئەلنىڭ نامى، ئەلنىڭ تۇغى، ئانا يۇرتنىڭ ئىسمى، ئانا يۇرتنىڭ كىملىكى. ئۇ مۇئەييەن بىر يۇرت خەلقى تەرىپىدىن قوللىنىلغان ۋاقتى، جەريانى، مەزمۇنى بولۇش، شۇ يەر خەلقى تەرىپىدىن بىردەك ئېتىراپ قىلىنغانلىق ۋە قوللىنىلغانلىق ئىسپاتى بولۇش، ئېتىمولوگىيە ئىلمىگە تەتقىقات ئوبيېكتى بولالايدىغان بولۇش  ئالاھىدىلىكىگە ئىگە. يەر نامى مۇشۇنداق ئالاھىدە بەلگە بولغانلىقتىن ئېتىمولوگىيە ئىلمىنىڭمۇ تۆرەم ۋە شاھەنشاھ ئەزاسى بولالىغان. مەن سۇلتان مامۇت ئەپەندىنىڭ ئىزدىنىش ۋە تەتقىقاتتا مېتودنى توغرا قوللىنىش روھىغا بولغان مىننەتدارلىقىمنى ئىپادىلەش يۈزىسىدىن بۇ ئىنكاسىمنى يوللىدىم. مۇبادا قاراشلىرىمدا خاتالىق كۆرۈلگەن بولسا تۈزىتىش بېرىلسە سەمىمىي قوبۇل قىلىمەن ۋە تۈزىتىۋالىمەن.
0 v% D9 }- \! O( D9 @4 J+ t; K

ۋاقتى: 2015-12-24 10:16:22 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ ئۇكام   ئىسمىڭىزنى «ئەلقۇت» دەپ قويۇپتىمەن، كەچۈرۈڭ ! بۇنىڭ ئۈچۈن تورداشلاردىنمۇ ئەپۇ سورايمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-24 15:38:34 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    ھېچقىسى يوق ئاكا! ماۋۇ ئىنكاس شەكلىدە يوللىغىنىڭىزنىڭ ئۆزىلا بىر ماقالە بوپتۇ. مەسئۇلىيەتچانلىق ۋە ئەستايىدىللىق بىلەن پىكىر يۈرگۈزگىنىڭىزگە ھەشقاللا! 4 O0 M6 v; A" V& S& v/ N
  ئۇستاز سۇلتان مامۇت ئىبراھىم ئەپەندىگە چوقۇم سالامىڭىزنى يەتكۈزىمەن!
" J% L8 ^$ E9 D% d    يەر-جاي ناملىرىغا ئىزدىنىشىم كېچىكىپ باشلاندى ھەم بۇ ھەقتە ئۆگىنىشنى باشلىغىنىمغا ئۇزۇن بولمىدى. ئىلگىرى كىلاسسىك كىتابلارنى ئوقۇشتىن سەل زېرىكەتتىم. مەخسۇس يەر-جاي ناملىرى تەتقىقاتىغا قىزىقىپ قالغاندىن بېرى، يەر-جاي ناملىرىغا دائىر مەخسۇس كىتابلار ۋە كىلاسسىك كىتابلىرىمىزنى ئوقۇۋېرىپ، ئۆزۈممۇ تۇيمايلا مانا بۇ بىر يېرىم يىلدىن بۇيان  150 پارچىغا يېقىن كىتابنى ئوقۇپ، ئۆگىنىپ، خاتىرە قالدۇرۇپ مېڭىپتىمەن. بۇ جەرياندا نۇرغۇن بىلىمگە ئىگە بولدۇم. شۇ تاپتا «تۈركىي تىللار دىۋانى»، «قۇتادغۇبىلىگ» يېنىمدىن ئايرىلمايدىغان ئەڭ يېقىن دوستلىرىمدىن بولۇپ قالدى.9 F) m6 X6 i' P, `4 q, ]/ }
  بۇ يولدا ئۇستازلارنىڭ يەنىمۇ يېتەكلىشىگە موھتاجمەن!
7 b' J5 y8 T8 K% }; ^, k   

ۋاقتى: 2016-1-10 15:13:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەن   سۇلتان مامۇت ئىبراھىم ئەپەندىنىڭ«‹ زەرەپشان دەرياسى› دېگەن نام توغرىسىدا» ناملىق ئەسىرىنى ئوقۇپ ،«زەرەپشان دەرياسى»دېگەن بۇ نامنىڭ «يەركەن دەرياسى»دېگەن ئۆز نامىغا قايتىپ كەلگەنلىگىدىن ئىنتايىن خۇشال بولدۇم.بۇ خىل قىسمەتكە «ئارال»دېگەن نام قىلىۋاتىدۇ.مەسىلەن :ئالار ھەق ئېلىش پونكىتى ،دېگەندەك.ئاقسۇ ۋىلايىيىتىنىڭ ھەر قايسى ناھىيەلىك تېلېۋىزىيە ئستانسىلىرى  ھاۋارايىدىن مەلۇمات بەرگەندە«ئارال»دەپ ئالماستىن «ئالار»دەپ ئېلىۋاتىدۇ.ئارال شەھىرى قۇرۇلغاندا قانۇنلىق قىلىپ«ئارال شەھىرى»دەپ نام بېرىلگەن ئىدى.بىر قىسىم شەخىس ۋە ئۇرۇنلارنىڭ بۇ نامنى ئۆزگەرتىپ «ئالار»دەپ ئاتىۋالغانلىغىنى زادى بىلىپ بولغىلى بولمىدى. بىز «ئارال»نامىنىڭمۇ «ئالار»دەپ ئاتالماستىن ،«ئارال»دەپ ئۆز جايىنى تېپىشنى ئۈمۈت قىلىمىز. ' w, T0 K' y7 l3 F' X7 O  ~
- ناۋادا شەخسىي نوقتىدىن  بۇنداق قاراشلار مەۋجۇد بولسا، مېنىڭ پەقەت بىرلاتەلەب- پىكىرىم بار، شىنجاڭ رايۇندىكى بارلىق پارسىچە-تاجىكچە يەر-جاي ناملىرنى ئۆزگەرتىش كېرەككەن دەپ چۈشەندىم... مەسلەن، ياركەند-يەكەن، پاستكان-پوسكام، كاشغەر-قەشقەر، لۇپ، توقۇزساك-توقۇزاق، دولان، ئورۇمچى، كوسراب-كۇھى سەرئاب....؟
# R6 D' Z: d' Q$ ]3 F) M0 `+ e( K- بۇ تورداشنىڭ يۇقۇرقى قاراشلىرىغا سەل ھەيران قالدىم.مەن يېقىندا كەلپىن ناھىيەلىك تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە ئەدەبىيات –سەتئەتچىلەر بىرلەشمىسى تەرىپىدىن تۈزۈپ باستۇرۇلغان «كەلپىن»ناملىق ژورنالنىڭ 2015-يىللىق 4-سانىدا«كەلپىن نامىنىڭ تاجىكچە مەنىسى توغرىسىدا»دا  باتۇرجان ئاتاخان ناملىق ئاپتۇرمۇ  بىر قىسىم قاراشلىرىنى ئوتتۇراغا قويۇپتۇ.بۇ «ماقالى»دە مۇنداق قۇرلاربار«...‹كەلپىن دېگەن نامنى ۋاختىنچە تۈركى تىل سۆز تۈركىمىگە تەۋە ئەمەس دەپ قاراپ،تاجىك تىل نۇقتىسىدىن شەرھىلەپ بېقىشقا دالالەت قىلىدۇ،كەلپىننىڭ ئېتمىلوگىيەلىك مەنىسى نېمە؟8 J; }# u, F. v& O
تۆۋەنچىلىك بىلەن شۇنى ئېيتىمىزكى ،كەلپىن (كەلفىن)تاجىكچە سۆز،كەلەفتىن ئۆزگەرگەن ديىشكە بولىدۇ.ئۇنىڭ مەنىسى –چېقىندىن ئىبارەت.كەلەف+ىن(لار،لەر) نى تولۇقلاپ ئېيىتقاندا،كەلەفىن بولۇپ،چىغلىق دېگەن مەنىىنى يۇرۇتۇپ بېرىدۇ»(شۇ ژورنال 76-بەت)،دېگەن قۇرلارنى كۆرۈپ ،سەل ھەيران قالغان ئىدىم. بۇ ماقالىنىڭ ئاپتۇرى خلى كەمتەركەن.يەنى « تۆۋەنچىلىك بىلەن شۇنى ئېيتىمىزكى »دېگەن سۆزلەرنى بولسىمۇ قىستۇرۇپتۇ.قىزىق يېىرى شۇكى،كەلپىن دېگەن بۇ يۇرتنىڭ نەرىدە«چىغ»بارلىغىنى بىلمەيدىكەنمەن.ھەم «كەلپىن»دېگەن بۇ سۆزنى كەلپىنلىك بىر قىسىم زىيالىلار «كەلكۈن»دەپمۇ ئىزاھلايدۇ،كەلپىندە«يۈرچى»،«گەزلىك»،«چىلان،«ئاچال»،«تۇرا»،«قالما»،«ئىگىش»...دېگەندەك ئۇيغۇرچە ناملار باركى،ھەرگىزمۇ باتۇرجان ئاتاخان ناملىق ئاپتۇر دېگەندەك «تاجىكچە»نامنى ئۇچراتمايمىز. بۇ يۇرۇتنىڭ جۇغراپىيەلىك جايلىشىشى،شۇ يەردىكى يەرلىك خەلىقنىڭ مىللى ئالاھىدىلىكى،ئۆرىپ –ئادىتى،بىر پۈتۈن يۇرتتىكى خەلىقنىڭ تىل ئادىتى ...قاتارلىق شۇ مىللەتكە خاس تەرەپلىرىنى تۈزۈك تەكشۇرمەيۋە نەزەرگە ئالماي، «...‹كەلپىن دېگەن نامنى ۋاختىنچە تۈركى تىل سۆز تۈركىمىگە تەۋە ئەمەس دەپ قاراپ،تاجىك تىل نۇقتىسىدىن شەرھىلەپ بېقىشقا دالالەت قىلىدۇ،كەلپىننىڭ ئېتمىلوگىيەلىك مەنىسى نېمە؟»دەپ يۈرۈش ئىلمىيلىىك نۇختىسىدىنمۇ كىشىنى ئەپسۇسلاندۇرىدۇ.چۈنكى بۇ يۇرتتا «چىغ»يوق،بولسىمۇ ،بۇ يەردىكى ئۆزنى ساپ ئۇيغۇر نەسلىدىن دەپ قاراۋاتقان كەلپىنلىك «ئۇيغۇر»لار قانداق بولۇپ ئۆزىنىڭ تىلىدا بار بولغان «چىغ»نامىنى قوللانماي،ئاتالمىش «تىجىك»چە نامنى ئارىيەت ئېلىپ ئىشلەتكەندۇ؟ئۇيغۇرچىدا ئەزەلدىن بولمىغان،كېيىن ئىسلام دىنى ۋە مىللەتلەر ئارا ئىقتىسات،مەدەنىيەت...ئالماشتۇرۇشنىڭ تەسىرىدە پەيدا بولغان ئاتالمىش «ف»ھەرىپىنى كۆتۈرۈپ چىقىپ، كەلپىن (كەلفىن)تاجىكچە سۆز،دىيىېشنىڭ قانداق بىر لوگخكىغا چۈشىدىغانلىغىنى بىلەلمەي قالدىم.چۈنكى ئۇيغۇر ئاممىسى ھازىرغىچە«ف»ھەرىپىدىن خاپا بولۇپ،«ف»نى «پ»تەلەپپۇز قىلىۋاتماپدۇ؟«فارانسىيە»نى «پارانسىيە»دەپ،«فاتىپۇن»نى پاتىپۇن دەپ ئاتاۋاتىدۇ.ئاتالمىش «ف»بىلەن زاسىلا خۇشى يوق بۇ خەلقنىڭ« كەلپىن (كەلفىن)تاجىكچە سۆز»نى «ئارىيەت»ئېىلىپ ئىشلىتىشى كىشىنى سەل ھەيران قالدۇرىدۇ.2 E4 Q* i1 ?+ H& _) k+ E: {8 i
ئاتلمىش «تاجكچە»،«مۇڭغۇلچە»...ۋە باشقا «ئۇچە –بۇچە»گە ئامراق ئادەملەرنىڭ سەمىگە شۇنى سالىمىزكى،شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنوم رايونىىنىڭ بىر قىسىم يەر-جاي ناملىرنىڭ    «ئۇچە –بۇچە» بولۇپ قېلىشىمۇ ئانچە ھەيران قالارلىق ئىش ئەمەس.چۈنكى بۇ زىمىندا «ئۇيغۇرلارنى ئاساس قىلغان ھەرمىللەت كىشىلىرى»ياشىغان.تاجىك ،قىرغىز،قازاق مۇڭغۇل...قاتارلىق ھەر  مىللەت قېرىنداشلار بىرگە ياشاپ،مۇشۇ زىمىننى گۈلەندۇرۈپ كەلگەن.ئەشۇ قېرىنداشلارنىڭ تىلى بىزنىڭ بۇ مۇقەددەس زىمىنىمىزغا يەر-جاي نامى بۇلۇپ قويۇلۇپ قالسا ئەجەپلەنگۈدەك نېمىسى بار.ئەمما ئاتلمىش ئۇيغۇرچە بولمىغان «يەر-جاي ناملىرى»غا قاراپ،ئۇنداق –بۇنداق يەكۈن،چىقىرىش،مۇھىمى ئىلمى ئاساسى بولمىغان،شۇ مىللەتنىڭ ئۆرىپ –ئادىتى،جۇۈراپىيەلىك ئالدىلىكى،تىلى،يېزىقى،مەدەنىيىتى...قاتارلىق ئىلىمنىڭ ھەرقايسى تارماقلىرىنىڭ زىچ ھەمكارلىغىدا،يىتۈك مۇتىخەسىس،ئالىملارنىڭ دەللىلىشىدىن ئۆتمىگەن «قاراش»،«يەكۈن»لەرنى ئالدىراپ ئوتتۇرىغا قويمۇغۇلىق.
7 q+ R7 d# W7 Z2 I( x; K. ^# m  R6 b. fھېلىمۇ تەلىيىمىزگە مەڭگۈ تاش يادىكارلىقلىرى،مەخمۇت قەشقىرى،ناۋائى...دەك بۇۋىلىرىمىز مۇقەددەس كىتاپلارنى ،ئىسىل يادىكارلىقلانى قويۇپ كېتىپتىكەن.بولمىسا بۇ مۇقەددەس زىمىننىڭ ھەممە ناملىرى «ئۇچە،بۇچە»بولۇپ كېتىپ بىز ئۇيغۇر قەۋمىگە ھېچ نېمە قالماسكەن.يەنە سۇلتان مامۇت ئىبراھىم ئەپەندەك تەتقىقاتچى كىشىلىرىمىز يۈرەك قېنىنى سەرىپ قىلىپ،بىر قىسىم ئىلمىي ئەمگەكلىرىنى رۇياپقا چىقىرىپ،بىې قىسىم ئۇيغۇرلانىڭ «ئۇ مىللەت ،بۇ خەلق»بولۇپ كېتىشىدىن ساقلاۋاتىدۇ.دۇلانلىقلار –مۇڭغۇل ياكى تاجىك ،لوپنورلۇقلار تىبەت ياكى مۇڭغۇل،كەلپىنلىكلەر –تاجىك ...بولۇپ كەتمىگەي.
: V4 A& N& P1 i$ c- }4 Y- c/ d9 y) z" `. [* O$ B8 v8 M

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-10 17:32:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەزىلەر سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ ئوتتۇرىسىغا پالتا ئۇرۇپ، پارچىلاپ، ئۆز لۇغىتىدىكى ماس كېلىدىغان سۆز-ئاتالغۇلارنىڭ لۇغەت مەنىسىگە تەدبىقلاپلا يەكۈن چىقىرىشقا ئۇرۇنىدۇ. شۇڭا، مۇنداق پىكىر قىلىدىغانلارنىڭ گەپ-سۆز، قاراشلىرىنىڭ تۇتامى يوق! كىچىك بالىدەك قەغىشلىك قىلىپ باققىنى بىلەن ئېتىراپ قىلىنىش مەسىلىسى بار!
. C( f; B( g- D5 s8 x- V! u  ئىلىمدە بىرلا جاۋاب باركى، ئۇ بولسىمۇ:  «ئىلىمدە، ئىجادىيەتتە، مۇھاكىمىدە، كەشپىياتتا 低保 يوق! ئۇنىڭدا تولۇق پاكت ۋە ئىلمىي قاراش بولۇشى شەرت! باشقىسى نۆل! بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-11 12:06  
  F" Y3 p  Q3 N# s; S5 j
5 D2 O( x$ ?% C3 W* ]& W% S

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-10 17:33:21 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ب. گ. غاپورۇپ (1977-1908) سوۋېت ئىتتىپاقى تاجىكىستان جۇمھۇرىيىتى كوممۇنىستىك پارتىيىسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 1- شۇجىسى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسى شەرقشۇناسلىق تەتقىقات يۇرتىنىڭ مۇدىرى، سوۋېت ئىتتىپاقى پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ ئاكادېمىكى، ب د ت مائارىپ، ئىلىم-پەن، مەدەنىيەت تەشكىلاتىغا قاراشلىق خەلقئارا ئوتتۇرا ئاسىيا مەدەنىيىتى تەتقىقات جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى)  تۈزگەن، زايىت ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلغان، ئىسلامجان شېرىپ مەسئۇل تەھرىرلىكىنى ئىشلىگەن، قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى 1988-يىلى 4-ئاي 1-نەشرى، 1988-يىلى 10-ئاي 1-بېسىلىشى بولغان ‹‹تاجىكلار تارىخى» ناملىق كىتابنى ئەستايىدىل كۆرگەي... بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئەلتۇغ تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-1-11 12:29  " H, f: W) N  H1 f4 I! J& e
. T2 O* V6 Q7 _' t/ G; j

ۋاقتى: 2002-1-1 04:49:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ ئەپەندى، سىزمۇ بەلكىم بىلىدىغانسىز، مەۋلانە سەيىف ئەللامە يەركەندى(تەخمىنەن 18-ئەسىردە ئۇيغۇر تىبابەت ئالىمى بولۇپ،يەكەندە توغۇلغان. 1780-يىلى تۈركىچە)چاغاتايچە) «موفەرھىلقۇلۇپ»دېگەن شانلىق ئەسەرنى يازغان.
# u- F. M2 o+ x7 M  b( f
( |8 m( ]/ v* |. _% o, p- nنەۋرۇزى ئاخۇن يەركەندى-14-ئەسىرنىڭ ئاخىرلىردا ئۆتكەن ئاتاقلىق ئۇيغۇر تېبابەت ھۆكۈماسى، . o$ D6 h/ M1 h4 J+ t
نىمىشقا شۇلار «يەركەندى» دەپ ئۆزىگە بۇ دىيارنىڭ نامىنى تەخەللۇس قىلىپ ئىشلەتكەن، ئۇلارمۇ شۇ ۋاقىتتا  «يەكەن» دىيارنىڭ نامىنى خاتا تەلەپپۇز قىلغانمدۇ ؟3 {4 u/ h% z. s* @3 n% o, R
سىز نىمىشقا «يەركەند »ئاتالغۇسىدىن قورقۇپ كېىتىپ، قوبۇل قىلىشنى خالمايسىز؟

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-5 16:26:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يوغىسۇ...مەن «يەركەند» ئاتالغۇسىدىن ئەنسىرەپ، قورقۇپمۇ كەتمىدىم. پەقەت سىزدىكى ئىلمىي دەستەكنىڭ ۋەزنى بەكلا ئاجىز بولسىمۇ، زېرىكمەي  سۆز-ئاتالغۇ تالىشالايدىغان ماھارىتىڭىزدىن سەل تەئەججۈپلىنىپ قالدىم.
3 _( Q# Y/ H8 F, |8 |3 e«ياركەنت» دېگەن نام  خېلى بۇرۇنلا يەنى 1600-يىللاردىن كېيىن   ئېغىز تىلىمىزدا ۋە يازما ۋەسىقىلەردە فونتىكىلىق ئۆگىرىش ياساپ «ياركەن»، «يەركەنت»، «يەكەن»گە قاراپ تەلەپپۇز قىلىنىشقا يۈزلەنگەن. بۇ خىل فونتېكىلىق ئۆزگىرىش ۋە يۈزلىنىشنى «ھودۇدۇل ئالەم»، «تارىخىي تەبەرى»، «تۈركىي تىللار دىۋانى»،  «بابۇرنامە»، «تارىخىي رەشىدىي»، «زەمەرنامە»، «تارىخىي ھەمىدى»، «تارىخي ئەمىنىيە»، «تەۋارىخىي مۇسىققىيۇن»، ؟زەلىلى دىۋانى» ۋە باشقا ئوخشاش بولمىغان دەۋلەردە مەيدانغا چىققان تارىخي ئەسەرلەر ۋە  ۋەسىقىلەرنىڭ يەكەن ئاتالغۇسى تىلغا ئېلىنغان جايلىرىدا روشەن ھېس قىلغىلى بولىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇيغۇرچىدا بولۇپمۇ يەر- جاي ناملىرىدا «ئېگىزلىك، تۆپىلىك» مەنىسىنى بلدۈرىدىغان «يا(ر)» ئاتالغۇسىنى «يە(ر)» تەلەپپۇز قىلىدىغان بىر ئادەتمۇ خېلىلا كەڭرى ئومۇملاشقان. شۇنداق بولغاچقا «ياركەندى»نىڭ «يەركەندى» بولۇپ قېلىشى ھېچقانداق ھەيران قالغۇدەك ئىش ئەمەس. بۇ يەردە  «يا(ر)» «يە(ر)»گە ئۆزگەرگەن، خالاس.
" L" B( T  X* N2 b! bسىز يۇقىرىدا تىلغا ئالغان كىشىنىڭ يىلنامىسىغا قارىغاندا ئۇ كىشىنىڭ بۇ نامنى ئىشلەتكەن ۋاقتى «ياركەنت»نىڭ ئاللىقاچان «يەركەن»لىشىپ بولغان ۋاقتىدىكى ئىشلىتىشى ئىكەن.
/ s4 f: x0 M: g' G   قايىل بولمايدىغان يېرىڭىز بولسا، يەنە پاكىتلىق سوئال تاشلاڭ. باھانىڭىزدا تېخىمۇ كۆپ مۇناسىۋەتلىك ماتېرىيال كۆرۈۋېلارمەن....

ۋاقتى: 2016-4-29 10:23:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەلتۇغ ئاكا «ئىگەچى زەرەپشان دەريا كۆۋرۈكى» دېگەن نامدىكى  ئىگەچى ئەسلىدە ئىگەرچى دەپ يېزىلىشى كېرەكمۇ قانداق؟

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش