ئەدۇنىسنىڭ شېئىر ھەققىدە ئېيتقانلىرى
1. شېئىر ئاۋام بىلەن بەلگىلىك ئارلىقنى ساقلىشى لازىم، ئەمما شېئىر ئوقۇرمەنگە موھتاج، بۇ يەردىكى ئوقۇرمەن شائىر بىلەن دىئالوگ ئېلىپ بارالىغۇچى ئوبيېكتتۇر. شۇڭلاشقا بىر شائىرنىڭ شېئىرى ئۆزىنى ئىپادىلەشتە قانچىكى چوڭقۇر، گۈزەل، تەبىئىي بولسا، ئۇ تەبىئىيلا باشقا ئادەم، ئوقۇرمەن بىلەن مۇناسىۋەت باغلىيالايدۇ، تۇيغۇدا ئورتاقلىققا ئېرىشەلەيدۇ. ھەرگىزمۇ زورىغا ئاۋامغا باقماسلىقى كېرەك، ئاۋامنى كۆپرەك ئويلىشىدىغان شائىر ئېنىقكى يۈزەكى شائىردۇر.
* * *
2. بىرىنچىدىن، مەن ئۆزلۈكۈمنى تېخىمۇ ياخشى تونۇش ئۈچۈن، يېزىقچىلىق جەريانىدا ئۆزۈمنى تېخىمۇ چوڭقۇر چۈشۈنۈش ئۈچۈن؛ باشقىلارنى ۋە دۇنيانى تونۇش ئۈچۈن، تېخىمۇ ياخشى ياشاش ئۈچۈن شېئىر يازىمەن. چۈنكى مېنىڭ ھاياتلىقىمنىڭ مەنىسى يېزىقچىلىقتا، ئەگەر يازمىسام ياشىغىنىمنىڭ ئەھمىيىتى يوق دەپ قارايمەن. ئىككىنچى قاتلامدا، بىر ئۇلۇغ شائىر شېئىر يېزىۋاتقاندا ئاۋامنى ئويلاشمايدۇ، ئۇ مېنى ئوقۇيالامدۇ- ئوقۇيالمامدۇ، پىكىرىمگە قوشۇلامدۇ- قوشۇلمامدۇ دېگەندەك...
* * *
3. بىر ئۇلۇغ شائىر مەلۇم مەنىدىن ئېيتقاندا، چوقۇمكى بىر ئۇلۇغ مۇتەپەككۇردۇر. ئۇ پەقەت يېڭى ئېستېتىك قىممەتنىڭ ئاساسىنى تۇرغۇزۇپلا قالماي،يەنە يېڭى دۇنيا قارشى، قىممەت قارشى يارىتىدۇ. پىكىر شېئىرغا سىڭىپ كەتكەن بولۇشى كېرەك، بىر تۈپ ئەتىرگۈل تۇپراق، سۇ، ئوغۇت، كۈن نۇرى ۋە ھاۋانىڭ جەۋھىرىدۇر. لېكىن ئەتىرگۈلنى ئەتىرگۈل قىلغىنى يەنىلا ئۇنىڭ پۇرىقى، ياخشى پىكىر بولۇپ ئۇنى ئىپادىلەپ بېرەلمىسە، ئۇنداقتا يېزىپ چىققانلىرى تۇپراق ۋە ئوغۇتتىن باشقا نەرسە ئەمەس.
داۋامى بار . . .
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-9 12:40