* * *
15.ئىنقىلاب، ئاسىيلىق شېئىرنىڭ تۈپ خاراكتېرى، يۈرىكىدۇر.
* * *
16. شېئىر ھەرقانداق نەرسىگە تىز پۈكسە بولمايدۇ، ھەرقانداق ئېقىمغا بۇرنىنى يېتىلەتكۈزسە بولمايدۇ. سەنئەت بارلىق شەيئىگە بولغان يارىتىشتۇر.
* * *
17.ھېچكىم باشقىلار بىلەن ئوخشاش بىر چۈشنى كۆرمەيدۇ، ھېچكىمنىڭ باشقىلار بىلەن ئوخشاش مۇھەببەتلىك، ئازاپلىق كەچۈرمىشى بولمايدۇ. ھەر كىمنىڭ ئۆزىگە خاس بولغان، مەخپىي روھىي دۇنياسى بولىدۇ. شۇڭلاشقا، ھەممە ئادەم ئوقۇيالايدىغان شېئىر يازىدىغان شائىر چوقۇمكى يۈزەكى شائىردۇر. ئۇلارنىڭ يازىدىغىنى شۇ سىياسىي، ئازادلىق ھەركىتى، مىللەتچىلىك قاتارلىق نەرسىلەر. ئۇلارنىڭ دەۋاتقىنى پەقەت ئىككىگە ئىككىنى قوشسا تۆت بولىدۇ دېگەندەك ئاددىي قائىدىلەر...
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا مەردان تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-15 23:27