يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 557|ئىنكاس: 15

مەخەت ئابدۇرېھىم:ياياخاننىڭ يارلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ياياخاننىڭ يارلىقى

مەخەت ئابدۇرېھىم


يامۇلدىكى ياياخان
يالغان يارلىق يوللىغان،
ياياخاننىڭ يارلىقى
يېزىلارغا ياڭرىغان .

‹ ي› نى يۆتكەپ يۈز يەردە،
يۇمۇر يازدىم يىڭنىدەك .
ياياخاننى يىغلىتار ،
يۇرتداشلارغا يار-يۆلەك .

يېڭشەھەر يامۇلىنىڭ يايسى ياياخان يېزلاردىكى ياساۋۇللارغا يالغاندىن يارلىق يوللىغان ،
يارلىقنىڭ يېڭى ياڭزىسىنى يولداشلارغا يەتكۈزمەكچىمەن.

يارلىق

يولداشلار ، يۇرتداشلار يامۇلدىكى يايىلار ياشلغىدا ياغ يەپ ، ياشانغاندا يالڭلاچ ياتماقچى .يېزىلاردىكى ياساۋۇللار يەتمىش ياڭزا يىمەكلىك يىغىپ، يېڭى يىلنىڭ يەكشەمبىسى
يامالۇلغا يەتكۈزۈلسۇن !
يارلىقنى يازغۇچى : ياياخان

يامۇلدا ياساۋۇللار ياغ يەپ يالڭاچ ياتقان ،
يوقسۇللار يېلېڭ -يەكتەك يىكەن يۆگۈنۈپ ياتقان.

ياياخاننىڭ يېزىلاردىكى ياساۋۇللىرى ياياخاننىڭ يارلىقنى يەتمىش يەتتە ياڭزا ياساندۇرۇپ ، يەتتە ياشتىن -يەتمىش ياشقىچە يۇرۇت ياۋاشلىرىغا يەلدەك يەتكۈزۈپ ، يىلىمدەك يېپىشتۇرۇپ ، ياڭزىمۇ -ياڭزا يىمەكلىك يىغىپ ، يامۇلغا يانغاندا يېرىم يولدا يول ياقسىدا ياتقان يامان يولۋاسقا يولۇقۇپتۇ .يولدا ياتقان يامان يولۋاس يىمەكلىكنى يۆتكەتمەپتۇ .
يامان يولۋاس يولدا ياتسا ،
يەلمۇ يول يۈرەلمەس .
يالغانچىلىقتا يامان يولۋاس،
يالاقچىغا يىتەلمەس .

ياياخاننىڭ يالغان ياڭزىسىنى يۇقتۇرۋالغان يالغانچى ياساۋۇللار يالغانچىلىقىنىى يوشۇرۇپ ،
ياغاچنى يىڭنىدە يېرىپ ،يىڭناغۇچنى ياغاچتا ياتىلاپ ، يول ياقىسىدىكى يۇرۇتداشلارغا يالۋۇرۇپ ،يۇرۇتداشلارنىڭ يۈركىنى يىكەن يېغىدا ياغلاپ يۇمشىتىپ ، يامۇلنىڭ يالغان يارلىقىنى يېزىلاردىكى يۇرۇت ياۋاشلىرىغا يەككە - يەككە يەتكۈزۈپ يىمەكلىكنى ياياخانغا يەتكۈزۈشكە ياردەملەشتۈرۈپتۇ.يېزلاردىكى ياخشى يولداشلار يىغلىپ ،يالاقچىلار يىغقان يىمەكلىكنىڭ يېرمىنى يىتم - يىسىرلارغا ياندۇرۇپ يېرمىنى ياياخانغا يەتكۈزۇپتۇ.
يىلمۇ - يىل يىغىلغان يىمەكلىكلەرنى يالاپ - يالماپ يەپ يوغنىغان ياياخان ، يېزىلاردىن يىغىلغان يىمەكلەرنى يەنە ياندۇرماي ، يىپىدىن - يىڭنىسىغىچە ، ياغاچلىرنى ياپراقلىرىغىچە ،يۆل - يىمىشلەردىن-ياڭيۇلارغىچە، ياڭاقنى يارماي ،يىلپىزنى يىقىتماي ،يولۋاسنى يوڭدىماي يەپ يۈرگەن ياياخان يىغىلغان يىمەكلىكنى يالماۋۇزدەك يالماپ يەپ يۇغۇشتۇرۇپتۇ.يالغانچىغا ياخشىلىق ياراشمىغاندەك ياياخان يىمەكلىكنى يەكپاي - يالماپ،يالاقتىن يالاپ يىگەچكە يارماس يەلكىسى يولسىز يوغىناپ،يەل يولى يۆتەل يولىغا يۆتكىلىپ يامانلىشىپتۇ.
ياياخان يۆتەل يولىغا يۈزلەنگەن يەلنى،يانچۇقىدىكى ياماق ياغلىقىتا يۆگەپ يۇشۇرالماي ياستۇقى يوق يوتقاندا يۇملاپ يىغلاپ يانتۇ يېتىپتۇ .يالماۋۇزدەك يالماپ يىگەن ياخشى- يامان يىمەكلىىكلەر - ياياخاننىڭ يالغاندىن ياسالغان يارماس يەلكە يامۇلىدا يېرىم يىل يالىنىپ يېتىپمۇ ياۋاشلىماي ياغ يەپ يالڭىاچ ياتقان يارماس يەلكىسنى ياتىلاپ يۈرەك يېنىدىن يول ياساپ يېزىلاردىكى يۇرتىغا يۈگۈرەپ ، يورۇقلىققا يۈزلىنىپ ، يۇلتۇزدەك يالتىراپتۇ.
ياياخانغا يۆگۈمەچتەك يۆگۈشۈپ ، يىكەندەك ياندىشىپ ، يىلىمدەك يەملىشىپ ، يالاقلارنى يالاشقا ياردەملىشىپ يۈرگەن يالاقچىلار ياياخاننىڭ يېرىلغان يەلكىسنى يامىماي ياكى ياتقان يېردىن يۆلىمەي يۈرۈۋىرىپتۇ.ياياخاننىڭ يېرلغان يارماس يەلكسىنى يەتمىش ياشلىق يولدىشى يالغان يۆگەكتە يۆگەپ ، ياغاچ ياستۇقتا ياتقۇزۇپ ،يالغۇز يالاپ ياندۇرقى يىلنىڭ يەكشەنبىسى يەنى يانۋاردا يامۇلدىن يىراق يايلاقتىكى ياغاچ يەرلىكتە ياتقۇزۇپتۇ.
ياياخانغا يامۇلنىڭ كەينىدىن يەرلىكمۇ يوق ،ياياخاننى يەرلىكىگە يۆتكەشكە ياردەملىشىدىغان ياشلارمۇ يوق ياشانغانلارمۇ يوق. يىللار يېڭلىنىپ ياياخاننىڭ يالغاندىن ياسالغان يولسىز يارلىقى يوقۇلۇپ يوقۇرنىڭ يېڭى يول- يورۇقلىرى يېزىلارغا يەتكۈزۈلىپتۇ ، يېڭى يوليورۇقنىڭ يىتەكچىلىكىدە يېزىلارغا يېڭى يوللار ياسىلىپتۇ . يېزىلاردىكى يولداشلارنىڭ يەلكىسىدىكى يولسىز يۈكلەر يوقالغاچقا ،يولداشلار ياماق يەكتەكلىرىنى يەڭگۈشلەپ ، يېڭى ياسالغان يولدا يۈگۈرەپتۇ،يۈرەكلىرى ياشىرىپ يۈزلىرى ياقۇتتەك يالتىراپ ،يېڭلىق ياڭزىللىرى يالقۇنلۇق يۈرەكلەردىن يىراق -يىراقلارغا ياڭراپتۇ.

ياياخاننىڭ يارلىقى ،
يېزىلمايدۇ يوقالدى.
يېزىلارغا ياراشقان ،
يېڭى يوللار ياسالدى.

يامغۇر ياغدى ياقۇتتەك،
ياساندى يىشىل ياپراق.
يۇلتۇز يۈزلىنپ يەرگە ،
يورىدى يىزا - يايلاق.

يېڭى يىلدا يېزىلغان يېڭى يوللانما يوللاندى ، يازغۇچىسى يېڭلانمىدى .


بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-12-7 20:18  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-12-7 18:02:08 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پاھ -پاھ، ‹‹ ي›› ھەرپى بىلەن باشلانغان بۇ ئەسىرىڭىزدىن بەك ھوزۇرلاندىم ، قەلىمىڭىز توختىمىسۇن، يۈكسەك ئۇتۇقلار يار بولسۇن. رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-9 19:23:36 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھەسرەت

بۇيرۇق كەلدى تەشكىلدىن،
دەرھال مەكتەپ كۆچۈڭ دەپ.
كۆچۈش ئۈچۈن ھەممىمىز،
قاتار بولدۇق سەپمۇ-سەپ.

ەسلىدىكى مەكتەپنىڭ،
قوينى ىللىق ھەم كەڭتى.
باشقۇرغۇچى خادىملار،
بىر-بىرىدىن سەرخىلتى.

چىرايىمىز بەك سۇلغۇن،
كۆڭلىمىز ھەم پەرىشان.
كۆچمەسلىككە نە چارە،
يۈرەكلىرىمىز  لەختە قان.


خىزمەتداشلار كۆزلىرى،
ھەسرەت بىلەن ئۇچرىشار.
يايلاق كەبى مەكتەپكە،
چىداشماستىن خوشلىشار



ۋاقتى: 2015-12-10 00:46:13 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياڭزا سۆزى بىرقانچە يەردە ئىشلىتىلگەن ،  بۇ ئۇيغۇر تىلى لوغىتىدە يوق سۆز . بۇندىن كېيىنكى  يازمىلىرىڭىزدا تىلنىڭ ساپلىقىغا دىققەت قىلىشىڭىزنى ئۈمىد قىلمەن .

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-15 14:53:06 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەمنىڭ ئالىسى ئارماندا ئاخىر،
ئارزۇسى ئازغىنا ئاقناندا ئاخىر.

ئارقاڭدىن ئالىيار ئالدامچى ئاۋۋال،
ئاجىزدۇر ئاھلىرى ئاشىياندا ئاخىر.

ئالدايدۇ ئاقىۋەت ئائىلىسىنىمۇ،
ئامىتى ئالامەت ئاشقاندا ئاخىر.

ئايىماس ئاتىسى-ئانىسىنىمۇ،
ئاھلىنار ئامەتتىن ئازغاندا ئاخىر.

ئاقىلنىڭ ئامىتى ئازلىماس ئاڭا،
ئاقلىقنىڭ ئاپتىپى ئاققاندا ئاخىر

ئاجايىپ ئالەمدە ئالىمدۇر ئادەم،
ئاقيوللار ئاشكارە ئاسماندا ئاخىر.

ئاقكۆڭۈل ئادەملەر ئالتۇندىن ئارتۇق،
ئازغۇنلار ئاۋارە ئارقاندا ئاخىر.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-15 14:56:49 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئادەملەرگە ئارلىشىۋالغان ئادەمسىمان ئالۋاستىلار ئادەملەرنى ئالداپ،ئادەملەرنىڭ ئالقىنىدىكى ئالتۇنلارنى ئاق ئالۋاستىلارنىڭ ئاۋاق ئاسلانلىرىغا ئالماشتۇرۇپ ئادەملەرنى ئازاپلاۋاتىدۇ،ئادەلەرنى ئاگاھلاندۇرايلى،ئادەملەر ئالۋاستىلارغا ئالدانمىسۇن،ئاڭ ئامبارلىرىنى ئادالىسۇن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-17 11:02:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

مەخەت ئابدۇرېھىم


ئادەمدەك ياشار بولساڭ،ئىلىم-ھېكمەتنى دوست تۇتقىن،
ئەقىل-ئىدراك بىلەن ئىشلە،ھالال مېھنەتى دوست تۇتقىن.


قوياشتەك ئىللىتىپ ئەلگە،ئىلىم-پەن نۇرىنى چاچقىن،
شەرەپ كەلتۈر، ۋەتەن-خەلقىڭ ئۈچۈن ھىممەتنى دوست تۇتقىن.


كۆكەرسۇن بۇ ئانا تۇپراق چىكەڭدىن تامچىغان تەردىن،
ئىزىڭدىن گۈلچىچەك ئۈنسۇن، ئىسىل خىسلەتنى دوست تۇتقىن.


بىكار ئۆتكۈزمە ۋاختىڭنى، تۇلپاردەك تاغ داۋان ئاشقىن،
تېپىلماس بۇ ھايات قايتا، ۋاقىت-پۇرسەتنى دوست تۇتقىن.


ئەجىرسىز ئۆتمىسۇن ئۆمرۈڭ، كى ئەمگەك ياشنىتار ئەرنى،
بويۇن ئەگمەي مۇشەققەتكە، تىرىش، ئەمگەكنى دوست تۇتقىن.



ۋاقتى: 2015-12-17 15:44:03 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يازمىلىرىڭىزنىڭ يالقۇنىدىن يۈرىكىم يايرىدى ، يارايسىز

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-17 16:40:55 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۈمەر يوللىغان ۋاقتى  2015-12-17 15:44
يازمىلىرىڭىزنىڭ يالقۇنىدىن يۈرىكىم يايرىدى ، يارايسى ...

يازغان يازمىللىرىم يازغۇچىلارغا يارىغاندىكىن ،يەنە ياڭزىمۇ ياڭزا يېڭى يازمىلارنى يېزىپ يېڭى يىلنىڭ يەكشەمبىسى يولداشلارغا يەتكۈزىمەن.

ۋاقتى: 2015-12-17 17:09:26 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەتكە ئىستىداتىڭىزغا قايىلمەن! «ي» ھەرىپىدىن باشلانغان سۆز ئويۇنىڭىزنى ياقتۇردۇم!!!

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-17 19:38:59 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇپىتېر يوللىغان ۋاقتى  2015-12-17 17:09
مەخەتكە ئىستىداتىڭىزغا قايىلمەن! «ي» ھەرىپىدىن باشلان ...

ئىلھام بەرگەنلىرىگە كۆپ رەھمەت.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-1-6 15:50:38 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
04:45 PM
روھزات تاماققا ئۆچ،
& ]; K4 O% w2 |9 c$ e4 Q- Mتالىپ قاۋاققا ئۆچ.
9 Q8 n& r6 y6 }+ F. X  zشاگىرت ساۋاققا ئۆچ،
- K* c5 ]0 ~8 K0 eموزدوز ياماققا ئۆچ.
) ]+ }( R) w( s9 n  u! S7 Yزابوي خوتۇنغا ئۆچ،
1 G1 ]* {6 }& U6 r# |# g8 }+ v, v: Nكۆمۈرچى ئوتۇنغا ئۆچ.
5 K& ?4 j9 i9 G$ Z& q0 nقاسساپ مايغا ئۆچ،
3 X$ F$ e3 K! m2 `' `5 aگاداي بايغا ئۆچ،
( `2 R; v6 j- I2 kھەشقىپىچەك سايغا ئۆچ،7 A' ~/ O$ n; p, {+ K) V. q
سۇۋاقچى لايغا ئۆچ.
' @! i& \6 B  f9 ?يول ئىزغا ئۆچ،7 L/ m3 R" J* G5 x& b$ @
جۇۋان قىزغا ئۆچ،! l+ w) G: E$ I0 t9 S8 K
شىم تىزغا ئۆچ.* @/ P9 |$ M5 P' @% D& u. r
ئاۋاق قاۋۇلغا ئۆچ،
5 }6 b; S/ s3 y, v5 Q) Xقىشلاق ئاۋۇلغا ئۆچ.: c8 ?  h7 h- S5 r/ p" m
قىزلار ساقالغا ئۆچ،. c! D( p4 G/ f5 g6 W
ئېشەك پاخالغا ئۆچ.
1 n: c! c0 W# Mتەمسىل ماقالغا ئۆچ.0 _- X% z  o" O$ w, b
ئەدل جاھالەتكە ئۆچ،
, Z! e( f3 o& a& w0 ]# a, gغورۇر ھاقارەتكە ئۆچ.
# |5 a4 I& }" Z. |, m( Sسۆرەم سۆرەلمەسكە ئۆچ،0 G. J3 q4 Q/ w5 G: D1 G* {9 R
مەن كۆرەلمەسكە ئۆچ.: d0 f/ |& c. l, M6 j, q- j% @, }1 U

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-10 13:56:31 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


ئەسكىگە ئەگەشمەڭ(سانائىل سۆز ئۇيۇنى)
ئەسكىگە ئەگەشمەڭ.ئەسكىلەرگە ئەگىشىش ئەمەلىيەتتە،ئەدەپ-ئەخلاقنى ئەزىزلىمەي، ئەشەددى ئەلەمگە ئەگەشكەنلىكتۇر.ئەدەپ-ئەخلاقتەك ئەڭگۈشتەرنى ئەدەپسىزلەرچە ئەيىپلىگەنلىكتۇر.
ئەسكىلەرگە ئەگەشمەسلىكنى ئەينەنلەشتۈرسەك؛ئەنجانئېرىقتىكى ئەدەبىيات ئەپەندىمى ئەخمەتنىڭ ئەركىسى ئەختەرنىسا ئەزەلدىنلا ئەقىللىق،ئەمگەكچانلىقىدىن ئەنجانئېرىقتىلا ئەمەس ئەتراپتىكى ئەللەردىمۇ ئەزىزلىنەتتى. ئەجەپلىنەرلىكى !ئەختەرنىسا ئەنجانئېرىقتكى ئەلچىلەرنى ئەسلائەزىزلىمەي،ئەگىتىرەكتىكى ئەتكەسچى ئەبلەخ ئەركىنگە ئەگەشتى.ئەركىن ئەنگىلىيەلەردىنمدۇر ئەيتاۋۇر ئەۋەتىلگەن ئەمزەك،ئەلگەك،ئەتۋىركە،ئەدىيال،ئەتىر-ئەنبەرلەردەك ئەتكەس ئەۋرىشكىلىرىدە ئەنجانئېرىقتەك ئەتراپتىكى ئەللەرنى ئەپلەيدىغان ئەبگا.ئەركىن ئەسلى ئەنجۇرچى.ئەركىنمۇ ئەنجۇرچىلىك ئەجرىدىن ئەتراپتا ئەزىزلەنگەن.ئەنجۈرچىلىكمۇ ئەركىن ئەمگەك ئەلۋەتتە. ئەمما ئەركىن ئەنە ئەشۇ ئەنجۈرچىلىكتكى ئەۋزەللىكىدىن ئەتكەسچىلىككە ئەگەشكەن ئەقىلسىز.ئەركىن ئەگىتىرەكتىن ئەنجانئېرىققا ئەدىيال،ئەتىر-ئەنبەرلەرنى ئەكەلگەندە،ئەزەلدىنلا ئەتىرنى ئەتىۋارلايدىغان ئەختەرنىسائەركىننىڭ ئەتىرلىرىنى ئەگىۋاتقاندا،ئەركىن ئەختەرنىسانىڭ ئەپتىدىن ئەجەپلىنىپ،ئەتەي ئەختەرنىسانى ئەگىپ ئەسرالاشتى.ئەسرالىشىشلاردا ئەختەرنىسا،ئەركىنلەر ئەپلىشىپ،ئەركىلىشىشتى. ئەختەرنىسامۇ ئەتراپتىكىلەردىن ئەيمەنمەي ئەركىننىڭ ئەزۋەيلەشلىرىگە ئەگەشتى،ئەركىن ئەختەرنىساغا ئەتە ئەسىردەئەنجانئېرىقتكى ئەنجۇرزارلىقتا ئەسرالىشىشنى ئەسكەرتىۋىدى،ئەختەرنىسامۇ ئەركىننىڭ ئەسكەرتىشىدىن ئەجەپلەنمەي ئەسەبيلەشتى.ئەتسى ئەتىگەندە ئەختەرنىسا ئەنجانئېرىق ئەترىتىنىڭ ئەخمەت ئەپەندىمنى ئەمگەككە ئەۋەرتىشىدىن ئەركىنلىشىپ، ئەدىيال- ئەتلەسلىرىنى،ئەتىر-ئەڭلىكلىرىنى،ئەلبۇم-ئەندىزلىرىنى ئەنجۈرزارلىقنىڭ ئەتراپىدىكى ئەسكى ئەخلەتخانىغا ئەپلىۋالدى.ئەنسىزچىلىكتە ئەسىردە ئەنجۇرزارلىقنى ئەگىدى.ئەركىنمۇ ئەسكەرتكىنىدەك ئەنجۈرزارلىقتا ئەختەرنىساغا ئەسرالاشتى.ئەجەبا،ئەختەرنىسا ئەخمەت ئەپەندىمنىڭ ئەنسىرىشىدىن،ئەنجانئېرىقتىكى،ئەتراپتىكى ئەللەرنىڭ ئەيىپلىشىدىن ئەنسىرمىگەنمىدۇ؟ئەختەرنىسا ئەنسىرمىدى.ئەقىلسىزلارچە ئەركىنگە ئەگەشتى.ئەپسۇسلىنارلىقى ئەختەرنىسا ئەگىتىرەككە ئەپلىشەلمىدى.ئەركىن ئەختەرنىسانى ئەتىۋارلاشنىڭ ئەكسىچە ئەختەرنىسانى ئەدەپلەپ ئەزدى.ئەركىننىڭ ئەختەرنىسانى ئەدەپلىشىدىكى ئەمەلىيەت؛ئەركىن ئەزەلدىن ئەبگا،ئەتكەسچى، ئەخلاقسىز ئەبلەخ.ئەركىنگە ئەختەرنىسادەك ئەگەشكەنلەر ئەللىككەن.ئەركىنمۇ ئەسكىلىكتە ئەشەددىيلەشكەن.ئەركىننىڭ ئەسكىلىكىدىن ئەگىتىرەكتىكى ئەللەرلائەمەس،ئەتراپتىكى ئەللەردىكى ئەرباپلارمۇ،ئەمەلدارلارمۇ ئەيمىنىدىكەن.ئەختەرنىسا ئەركىننىڭ ئەدەپلەۋىرشىدىن ئەنسىرەپ،ئەدىلىيەدىكىلەرگە ئەرىز ئەۋەتىپ،ئەركىننى ئەيىپلىدى.ئەدىليەدىكىلەرنىڭ ئەمەلى ئەھۋالنى ئەينەنلىشىدە ئەختەرنىسا ئەگىتىرەككە،ئەركىنگە ئەبەدى ئەگەشمەسلىككە ئەھدىلەپ،ئەسلىدىكى ئەنجانئېرىققا ئەۋەتىلدى.ئەركىنمۇ ئەدەپلىنپ،ئەمگەككە ئەۋەتىلدى.ئەمما ئەختەرنىسا ئەنجانئېرىقتا ئەسلىدىكىدەك ئەتىۋارلانمىدى.ئەل ئەختەرنىسانى ئەدەپسىزلىكتە ئەيىپلىدى.ئەڭ ئەپسۇسلىنارلىقى،ئەخمەت ئەپەندىمۇ ئەختەرنىسانىڭ ئەدەپسىزلىكىدىن،ئەلەملىرى ئەدەپ، ئەزگەچكەئەبەدىي ئەرشى-ئەلاغا ئەسرالاشقانكەن.ئەختەرنىسامۇ ئەلەمدىن ئەلەڭلىدى.
ئەنە ئەسكىگە ئەگەشكەننىڭ ئەھۋالى! ئەختەرنىسادەك ئەرزىمەس ئەقىدىلەردە ئەقىلسىزلارچە ئەسكىگە ئەگەشكەنلەرنىڭ ئەلىمىدىن ئەنسىرەڭلار....ئەدەپ-ئەخلاق ئەينەنكى ئەينىكىڭلاردۇر..ئەدەپ-ئەخلاق ئەرمىكىڭلاردۇر...ئەبەدىلئەبەت ئەسكىگە ئەگەشمەڭلار!..

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-15 14:07:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەدەپ-ئەخلاق ئەرلىكنىڭ ئەقىدىسى
ياسىنجان توخنىياز توغراق
ئەدەپ-ئەخلاق ئەرلەردىكى ئەنگۈشتەر، ئەخلاقسىز ئەرلەر-ئەرزىمەس، ئەدەپسىز، ئەيىپلىك ئەرلەردۇر.  ئەرلەرنىڭ  ئەخلاقى ئەۋلاتلار ئەخلاقىدۇر. ئەركىنتۇردىكى ئەخمەت ئەختەم،  ئەزمەت ئەركىن، ئەبەيدۇللا ئەكبەر، ئەنەيتۇللا ئەنۋەر،  ئەلشىر ئەنسەرىدىن ئەڭ ئەدەپ-ئەخلاقلىق، ئەقىللىق ئەركەكلەردۇر. ئەخلاق ئەقىدىلىرى ئەرلەرنىڭ ئەدەپ ئەينىكىدۇر.
ئەپۇچانلىق، ئەيىپسىزلىك، ئەقىدىلىك، ئەستايىدىللىق، ئەمەلىيەتتە ئەدەپ-ئەخلاقنىڭ ئەن-ئەنىسىدۇر. ئەدەپ-ئەخلاق ئەركانلىرى ئەزەلدىنلا ئەپسانە ئەمەس.
ئەزەربەيجانلىق، ئەنجانلىق، ئەرەبىستانلىق، ئەدىپلەر ئەخلاق ئەقىدىسىنى ئەسەرلىرىدە ئەكىس ئەتتۈرگەن. ئەخلاقسىزلار ئەدەپ ئەقىدىسىدە ئەدەپلىنىشى، ئەدەپسىز ئەمەلدارلار ئەدەپلىنىشكە، ئەيىپلىنىشكە ئەكىتىلىشى ئەمەلىيەتسىىز ئەمەس.
ئەلدوست، ئەلتېكىن، ئەلنەپ، ئەركەكلەر، ئەردەۋەلدىكى ئەزمەتلەر ئەدەپ-ئەخلاقلىق ئەزمەتلەردۇر.
ئەقىللىقلار، ئەخلاقلىقلار ئەلۋەتتە ئەتىۋارلىنىدۇ. ئەدەپسىز ئەرلەرنى ئەيدىز ئەدەپلەيدۇ.
ئەرلەر، ئەدەپ-ئەخلاقنى ئەمىلىيىتىگە ئەسرالاشتۇرىشى، ئەخلاقسىزلىقتىن ئەيمىنىشى، ئەخلاق ئەمەلىيىتىدۇر.   

  

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-15 14:13:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1. ئەزىزلەنسۇن، ئەزىزلەر

ئەسسالامۇئەلەيكۇم ئەل، ئەزمەت، ئەركەك، ئەدىپلەر،

ئەقىل-ئەمگەك،ئەتىۋاركى: ئەزىزلەنسۇن، ئەزىزلەر؟!

ئەپسۇس،«ئەمەل»-ئەمگەك ئەلدە، ئەرمەك ئەمەس، ئەركەككە،

ئەدەپ-ئەخلاقــ ئەڭگۈشتەركى: ئەزىزلەنسۇن، ئەزىزلەر؟!

ئەرنىڭئەركى-ئەركەكلىككى: ئەل ئەزىز-ئەرمۇ ئەزىز،

ئەلدەئەركەك-ئەركەكتۇركى: ئەزىزلەنسۈن-ئەزىزلەر؟!

ئەدىپ-ئەلنىڭئەلچىسىكى: «ئەر»مۇ ئەلنىڭ-ئەركىسى،

ئەقىلئەلگە-«ئەينەك»تۇركى، ئەزىزلەنسۇن، ئەزىزلەر؟!

ئەقىل-ئەجىرئەسلىنەركى: «ئەر»-«ئەمەل»دە، ئەل-ئەلدە،

ئەلنى ئەمىنئەيلىگەنكى: ئەزىزلەنسۇن، ئەزىزلەر؟!

قايتارما:ئەقىل-ئەلگە، «ئەينەك»تۇركى: ئەزىزلەنسۇن، ئەزىزلەر؟!

«ئەر»مۇئەلدە-ئەركەكتۇركى: ئەزىزلەنسۇن، ئەزىزلەر؟!


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش