يازغۇچىلار تورى

ئىگىسى: mahatjan

مەخەت ئابدۇرېھىم:ياياخاننىڭ يارلىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
 ئىگىسى| ۋاقتى: 2016-2-16 13:22:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   mahatjan تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2016-2-16 01:29 PM  

ئاپاق خوجىنىڭ تەرجىمھالى
چۈشۈرۈش  ئالبومغا ساقلاش
ئەسلى ئىسمى ھىدايىتۇللا خۇجا بولۇپ ، مىلادىيە 1626-يىلى قۇمۇلدا تۇغۇلغان . دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپ خۇجا مىلادىيە 1620 -يىلى نەمەنگاندىن قۇمۇلغا كەلگەن . ئانىسى زۇلەيخا بىكىم ئۆز ۋاقتىدا قەشقەردىن قۇمۇلغا چىقىپ ئولتۇراقلىشىپ قالغان بەشكىرەملىك مىرسەئىد جىلىل دىگەن كىشىنىڭ قىزى بولىدۇ .

ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1638-يىلى ئون ئىككى ياش ۋاقتىدا ، دادىسى بىلەن قەشقەرگە كەلگەن ۋە شۇنىڭدىن ئىتىبارەن دادىسىدىن رەسمى سوپى ئىشانلىقنى ئۈگىنىشكە باشلىغان .

مىلادىيە 1667-يىلى دادىسى مۇھەممەد يۈسۇپنى يەكەندە ( ئىسھاقىيە ) چىلار مەزھىپىدىكى ئۆزىنىڭ نەۋرە ئەۋلادى بولغان جۇجا ئەبەيدۇللا تەرىپىدىن زەھەرلەپ ئۇلتۈرۈلگەندىن كىيىن ، ئاپپاق غوجا دەرھال دادىسىنىڭ ئورنىنى ئىگەللەپ ، ئۆزىنى ( پىر ) دەپ ئىلان قىلغان ۋە دادىسى يۈرگۈزۈپ كەلگەن ئشقىيە سۈلىكىگە ھەم بۇ سۈلۈك مۇرىتلىرىنىڭ ئومۇمىي ھەركەتلىرىگە باشلامچىلىق قىلىش ھوقۇقىنى قولغا ئالغان . ئۇ كەڭ كۆلەمدە مۇرىت قوبۇل قىلىش ، تەسىرى دائىيرىسىنى كىڭەيتىشكە جىددىي كىرىشىپ ، تۇرپاندا ئەسھابۇل كەب ، قەشقەردە خان خوجىنىڭ ئوردىسى ، يەكەندە ئالتۇن مازاردا ئۈچ سۈلۈك تەسىس قىلىدۇ ، بۇسۈلۈكلەر مۇرىت قوبۇل قىلىش ۋە ھەرخىل دىننىي سىياسىي پائالىيەت بارىدىغان مەركىزى ئورۇنغا ئايلىنىدۇ . ئاپپاق غۇجىنىڭ ئاخىرقى ئۆمۈرگىچە تۆت يۈزمىڭ ئادەم مۇرىت بولىدۇ .

ئاپپاق غۇجا ئەنە شۇنداق ئۈزلىكسىز مۇرىت كۆپەيتىش ، كۈچ توپلاش ۋە تەسىرى دائىرىسىنى كىڭەيتىش ئارقىلىق ، ئەڭ ئاخىرى تىغ ئۇچىنى دىننىي پائالىيەتتىن ھالقىتىپ ، ھاكىميەتكە قاراتتى ۋە مىلادىيە 1678-يىلى جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلەرنى باشلاپ كىلىپ ، سەئىدىيە خاندانلىقىنىڭ ئون ئىككىنجى سۇلتانى ئىسمايىل خاننى ئاغدۇرۇپ ، تارىختا 164 يىل ھۆكۈم سۈرگەن شۆھرەتلىك سەئىدىيە سەلتەنىتىنى بەربات قىلدى . ئۇنىڭ ئورنىغا جۇڭغارىيە ھامىيلىقىدىكى ئاپپاق خۇجا خانلىقىنى تىكلەپ ، بۇ خانلىققا ئون بەش يىل ھۆكۈمران بولدى .

ئاپپاق غوجا ھاكىميەت يۈرگۈزگەن بۇ دەۋىردە ، ئىلگىر كىيىن بولۇپ ، ئون بىر قىتىم چوڭ قىرغىنچىلىق بولدى ، بىر يۈز سەكسەن مىڭ ئادەم قىرغىنچىلىقتا ئۆلدى .ئاپپاق غوجىغا ۋە ئۇنىڭ ھامىيىسى بولغان جۇڭغار ئىشخالىيەتچىلىرىنىڭ قاتمۇقات زۇلۇملىرىغا قارشى ئىككى يۈز قىتىمدىن كۆپرەك خەلق ئىسىيانى كۆتۈرۈلدى .

ئاپپاق غوجا مانا شۇنداق ئىسىيانچىلاردىن ۋە ئۇ يۈرگۈزگەن تەرىقەت زوراۋانلىقىغا قارشى چىققان تالىپلاردىن ئىككى مىڭدىن ئارتۇق ئادەمنى تۇتۇپ ، مىلادىيە 1679-يىلى جۇڭغارلارنىڭ كۈچى بىلەن ئىلىغا پالاپ ، غالچا يىگىت ، ۋە غالچا چوكان نامىدا جۇڭغار ئاقسۆڭەكلىرىگە قۇل قىلىپ بەردى .

ئۇ يەنە ، خانلىق يارلىقى چۈشۈرۈپ ، مەسچىت ، مەدىرىسلەرنى خانىقا بىلەن تۇۈتەكخانىلارغا ئۆزگەرىتتى ، قۇر ئان بىلەن ھەپتىيەكتىن باشقا بارلىق كىتاپ ، مەدەنىي مىراس ۋە تارىخى قول يازمىلارنى كۆيدۈرۋەتتى . بۇنىڭغا نارازى بولغان ، قارشى چىققان شەرىئەت پىشىۋالىرىنى ، دىنني ئۆلىمالارنى يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئۆلتۈردى .

ئاپپاق غۇجا ۋە ئۇنىڭ دادىسى مۇھەممەد يۈسۈپ خوجىلار ھوقۇق تۇتقان ۋە ھاكىميەت بىشىدا تۇرغان ۋاقىتلىرىدا ، خەلىقنىڭ يىلىكىدە سۇ ئىچىپ ، ھىساپسىز مال دۇنيا يىغدى . مۇھەممەد يۈسۈپ خوجا يالغۇز قەشقەردىلا ، قىرىق ئىككى جايدا مىۋىلىك باغ ئىگىلەپ داڭ چىقارغان بولسا ، ئۇنىڭ ئوغلى ئاپپاق غۇجا توقسەن يەردە باغ ئىرەم ، قىرىق مىڭ مو تىرىم يەر ، يىگىرمە بەش كوزا ئالتۇن كۈمۈش يەتتە يۈز ئەللىك پارچە زىلچە گىلەم ، ئۈچ مىڭ ئات ،يۈز جۈپ ئالتۇن ئۈزۈك ، تۆت يۈز ياقا تون سەرپاي ، بەش مىڭ جەينىماز ، ئۈچ يۈز دۇكان ، يىگىرمە ھويلا ئارام ئىگەللەپ ، دادىسىدىن نەچچە ھەسسە ئاشۇرۋەتتى .

ئاپپاق غۇجا مىلادىيە 1693-يىلى رەجەپ ئىيىنىڭ بىشىدىكى بىر پەيشەمبە كۇنى زەھەرلەپ ئۆلتۈرۈلدى . بىر كىچە كۈندۈز يەكەندىن قەشقەرگە ئىلىنىپ كىلىپ ، ھازىرقى ھەزىرەتتكى ئۆزى بىنا قىلدۇرغان مازارى شاھانغا دادىسى ھەزىرىتى بۇزۇرۇكۋار ئايىغىغا دەپنە قىلىندى . ئۇزۇن ئۆتمەي ، چوڭ ئوغلى خوجا يەھيا دادىسىنىڭ قەبرىسىنى كاتتا گۈمبەز ئىچىگە ئالدۇرۇپ ، گۈمبەز ئۈستىگە پارىسچە ( ئاپپاق غۇجا خۇدانىڭ ئاشىقى ئىدى ، يەككە يىگانە مەشۇق ئىدى ) دىگەن خەتلەرنى يازدۇرۇپ ، بۇيەرنىڭ نامىنى ( ھەزرىتى ئاپاق مازىرى ) قىلىپ بىكىتتى .
مەنبە : ئۇيغۇر تارىخى ماتىرياللىرىدىن جۇغلانما

--------------------------------------------------------------------------------

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش