كۆرۈش: 171|ئىنكاس: 1

شاھنامە ئۈچىنچى بۆلۈم-سوھراب [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 193
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 572
تۆھپە : 2
توردا: 89
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-26

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 20:07:27 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رۇستەم ۋە سوھراب ھەققىدىكى تەسىرلىك قىسسە(شاھنامە 3-بۆلۈم)
رۇستەم بىلەن سوھراب ھەققىدىكى قىسسە ‹‹شاھنامە››دىكى ئەڭ قىزىقارلىق شۇنداقلا ئەڭ تەسىرلىك قىسسە،بۇ قىسسىنى كىم ئوقۇسا تەسىرلەنگىنىدىن يىغلاپ تاشلايدۇ.شۇنداقلا ئۇلۇغ قەھرىمان،ئالەم پالۋىنى رۇستەمنىڭ بەختسىز قىسمىتىدىن كۆڭلى تولىمۇ غەش بولىدۇ.
تېخى پىشمىغان خام مىۋىنى ئۈزگۈچىنى سېتەمكار دىيىش كېرەكمۇ ياكى ئۇنىڭ ئۈستىدىن داھگاھقا بېرىپ داد ئېيتىش كېرەكمۇ؟!بۇنداق كىشىنى ھۈنەرۋەن دەمدۇق ياكى ئەقىلسىز نادان دەمدۇق؟!
ئەگەر پۈتۈن ئالەم خەلقىنىڭ ھەۋىسى كەلگۈدەك قابىل بىر  ياش يىگىتنىڭ ئۆلۈمىنى شەپقەت دەپ ئاتاشقا توغرا كەلسە ئۇ چاغدا غەم ئەندىشىنىڭ،داد پەريادنىڭ،نېمە كېرىكى بار؟! ئەگەر ئكلۈمنى شەپقەت دىيىشكە توغرا كەلسە ئەشۇ ياش يىگىتنىڭ ئانىسى بولغان گۈزەل بەختلىك مەلىكە  ئۆز ئاتىسى تەرىپىدىن قەتلى قىلىنغان ياش نەۋقىران ئۈچۈن دەريا- دەريا ياش تۆكۈپ پەلەكنىڭ رەھىمسىز قىسمىتىدىن  دات پەرياد كۆتۈرۈپ  ئېلىشىپ قالمىغان ۋە ئىچىگە سىغدۇرۇپ بولالمىغان دەرت ھەسىرتى تۈپەيلى قان يۇتۇپ ئۆلۈپ كەتمىگەن بولار ئىدى.
كىشىلەر ئاسماندىكى ئاينىڭمۇ خېلى بار دىيىشىدىكەن.شۇنىڭدەك دۇنيادىمۇ پۈتۈنلەي مۇرادىغا يەتكەن ،ھەممە ئىشلىرى كۆڭۈلدىكىدەك بولغان،دۇنيادىن ئارمانسىز كەتكەن بىرمۇ ئىنسان ئۆتكەن ئەمەس.رۇستەم مەيلى كۈچ،مەيلى ئەقىل،مەيلى پۇل بايلىق،مەيلى ھوقۇق ئىمتىياز،مەيلى شان شۆھرەت،مەيلى ئۇزۇن ئۆمۈر،مەيلى بارلىق رەقىپلىرىنى بويسۇندۇرۇپ غالىبىيىتىدىن ھوزۇرلىنىشتا بولسۇن دۇنيادا ھىچكىم يېتەلمىگەن چەككە يەتكەن ئىدى.لىكىن مۇشۇنداق بىر بەخت ساھىبىنىڭ ئۇقۇشماستىن تېخى يۈزىنىمۇ كۆرۈش ۋە تونۇشۇشقا مۇيەسسەر  بولالمىغان،جېنىدىن ئېزىز كۆرۈدىغان جان جىگەر ئوغلىنى ئۇقۇشماستىن ئۆلتۈرۈپ قويۇپ  باشقىلارنىڭ ئۆمۈر بويى تارتقان ئازاپلىرىنىمۇ بېسىپ چۈشكىدەك ،بىر ئاتا بولغۇچى ھەرگىزمۇ چىداپ بولالمىغۇدەك ئەڭ ئېغىر قايغۇ دەرت ئەلەمگە مۇپتىلا بولۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋېلىش ھېسابىغا ئۆزىدىن قىساس ئاماقچى بولغانلىقىنى قانداق چۈشۈنۈش كېرەك.بۇ رۇستەمنىڭ خاتالىقىمۇ ياكى تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ؟بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن رۇستەمنىڭ كېيىنكى تەقدىرى زادى قانداق بولىدۇ؟ بۇ قىسسىگە قىزىقسىڭىز نەزىرىڭىز 1-ئاۋغۇستتىن باشلاپ دىققىتىڭىزگە سۇنۇلىدىغان‹‹ شاھنامە››نىڭ ئۈچىنچى بۆلۈمىدە بولسۇن.
رۇستەمنىڭ ئوۋدىكى كەچۈرمىشلىرى
بىر كۈنى رۇستەمنىڭ كۆڭلىگە دالىغا چىقىپ ئوۋ قىلىپ كىرىش ھەۋىسى چۈشتى.شۇنىڭ بىلەن ئوۋغا چىقىشقا بەل باغلاپ تەييارلاندى.ساداق ئوق  بىلەن لىق تولدى.ئۇ پىلدەك زور ۋەكۈچلۈك تۇلپارىغا مىنىپ ئوۋ قىلىدىغان يەرگە قاراپ تېز يۈرۈپ كەتتى.
رۇستەم خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن شىر ئولجا ئىزدىگەندەك ئوۋلايدىغان ياخشى ئولقا ئىزدەپ دالا تۈزلەرنى،ئويمان دۆڭلەرنى كېزىپ  يۈرۈپ ئۆزىمۇ سەزمەيلا ئىران زىمىنىدىن چىقىپ تۇران يەرلىرىگە كىرىپ قالدى. ئۇنىڭ بارغان يېرىدە قۇلان كىيىكلەر بەكمۇ كۆپ ئىدى.رۇستەمنىڭ خۇشال بولۇپ كەتكىنىدىن يۈزلىرى گۈلدەك ئېچىلىپ كەتتى.
رۇستەم تۇلپارىنى چاپتۇرۇپ يۈرۈپ ئوۋنى باشلىدى.قولىدىكى كامان ۋە نەيزىلەرنى ئىشلىتىپ كەچكىچە ناھايىتى كۆپ ئوۋ غەنىمەتلىرىگە ئىگە بولدى.قۇرسىقى ئاچقان ئىدى.كاۋاپ پىشۇرۇپ يىيىش ئۈچۈن ئەتراپتىكى قۇرۇق ئوتۇن ،تەمەچ ۋە شاخ شۇمبىلاردىن ئوتۇن راسلاپ، چاقمىقىدىن ئوت چىقىرىپ ەۇلخان يېقىپ كاۋاپ پىشۇرۇپ يىمەكچى بولدى.ئوت ئوبدان كۆيۈپ نۇرغۇن چوغ چۈشكىچە قۇلاندىن بىرنى سويۇپ گۆشنىمۇ تەييار قىلىپ بولغان ئىدى.قارىسا كاۋاپنى سانچىپ پىشۇرىدىغانغا زىخ كەملىك قىلاتتى.رۇستەم ئۇياق- بۇياققا قاراپ ئۆزىدىن ئانچە يىراق بولمىغان يەردىكى يوغان بىر دەرەخنى كۆرۈپ ئۇنى تېگى يىلتىزى بىلەنلا قوشۇپ يۇلىۋالدى.ئۇنىڭ غولىدىن زىخ ياساپ ئەشۇ زىخ بىلەن كاۋاپ پىشۇرۇپ تويغۇدەك يىدى.قۇرسىقى تويغاندىن كېيىن بۇلاقتىكى سۇ بويىدا دۈم يېتىپ تۇرۇپ قانغۇدەك سۇ ئىچتى.تەشناىلى قانغاندىن كېيىن بىر كۈنلۈك ئوۋ جاريانىدا چارچىغانلىقىنى ھىس قىلدى.كۆزلىرىنىمۇ ئۇيقۇ بېسىپ ھەدەپ يۇمۇلۇپ كېتىۋاتاتتى. ئادەم غەمسىز تىنىچ مۇھىتتا تۇرغان ۋاقىتتا ئازراقلا ھېرىپ چارچىسا ئۇيقۇسى كېلىدىغان گەپكەن.شۇڭا رۇستەممۇ تۇلپارىدىن ئىگەر جابدۇقلارنى ئېلىپ تاشلاپ ئوتلاش ئۈچۈن قويۇپ بەردى دە ئەپلىك بىر چىملىقتا يېنىدىن ئايرىمايدىغان ھېلىقى يولۋاس تېرىسىنى يېپىنىپ ئۇخلاش ئۈچۈن ياتتى.
ئادەمنى پالاكەت بېسىپ غەپلەتتە قالغاندا ئاسان ئۇيقۇ كېلىدىغان گەپ ئىكەن.رۇستەم بۇ يەردە بىمالال ئۇىلاپ ياتقىنى بىلەن بۇ يېقىن ئەتراپتا سەككىز نەپەر ئاتلىق تۈرىك ئەسكىرىنىڭ ئايلىنىپ يۈرگىنىنى ئۇلارنىڭ رۇستەمنىڭكىدەك ئىسىل تۇلپار ئاتنى كۆرۈپ قالسا ھەرگىز بوش قويۇۋەتمەيدىغانلىقىنى خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىگەن ئىدى.
دەل رۇستەم ئۇخلاپ ياتقان مەھەلدە بۇ يەردىن سەككىز نەپەر تۈر*ۈك ئاتلىق ئۆتۈپ قالدى .ئۇلار ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ رۇستەمنىڭ تۇلپارىنىڭ ئىزىنى كۆرۈپ قالدى. ئۇلار بۇ ئات ئىزىنىڭ يېڭى، چوڭ ۋە چوڭقۇرلۇقىغا
قاراپ ئۇنىڭ ئادەتتىكى ئات ئەمەسلىكىنى، بۇنى قولغا چۈشۈرۈپ ساتسا ناھايىتى كۆپ پۇلغا يارايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشىپ ئۇنى ئىزدەشكە چۈشتى.
ئىزدە ئاخىر ئوت سۈيى مول بىر توقايلىقتىن ئكزلىرى تەسەۋۋۇر قىلغاندىنمۇ نەچچە يۈز ھەسسە ئىسىل بىر شىر ئاتنىڭ ئوتلاپ يۈرگەنلىكىنى كۆرۈپ دەرھال بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ بۇ ئاتنى قورشاپ تۇتۇشقا كىرىشتى.ئۇلار تۇلپارنى تۆت تەرەپتىن قورشاپ كېلىىپ كامان تاشلاشتى.ئات ئۇلارنىڭ ھەركىتىنى ۋە ئۆزىگە تاشلاۋاتقان سىرتمىقىنى كۆرۈپ  ئۇلارنىڭ نيامان نىيىتىنى چۈشەندى.ئۇلاردىن  ئاسانلىقچە قۇتۇلالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ ئېلىشىش ئارقىلىق ئۆزىنى قۇتۇلدۇرۇش نىيىتىگە كەلدى.تۇلپار قۇترىغان ئارىسلاندەك ئۆزىنى ھەر ياققا ئۇرۇپ، شىددەت بىلەن چاپچىپ پۇت قويۇپ  ئۇلار بىلەن باتۇرلارچە ئېلىشتى.ئۇلارنىڭ ئىككىسىنى تېپىپ ئۆلتۈردى.بىرسىنىڭ بېشىىنى چىشلەپ ئۈزىۋالدى.
بىرەر سائەتكە يەتمىگەن شىددەتلىك ئېلىشىشىتا بىردەمدىلا ئۈچ ئادىمىدىن ئايرىلىپ قالغان تۈر*ۈكلەر مەغلۇبىيىتىگە تەن بەرمەي تۇلپار بىلەن داۋاملىق ئېلىشىپ ھەر تەرەپتىن كامان ئېتىشتى.ئۇلار داۋاملىق ئېلىشىپ ئاخىر تۇلپارنى ئىككى ئۈچ كامان بىلەن بەنىد قىلىپ تۇتۇۋالغانغا قەدەر ئېلىشىپ ئاخىر نائىلاج قالغان تۇلپارنى ئېلىپ شەھەرگە كىرىپ كېتىشتى.رۇستەم بىر چاغدا ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇپ تۇلپارىنى ئىزدىدى.تۇلپارى ھىچيەردە كۆرۈنمەيتتى.ئۇ جىددىلىشىپ ئەتراپنى ئايلىنىپ تۇلپارىنى چاقىردى.لىكىن تۇلپار ئاقتىمۇ كۆكتىمۇ كۆرۈنمەيتتى.
رۇستەم ئۇزاق ئىزدەپ بىر يەردە ئۈچ تۈرىكنىڭ ئۆلۈپ ياتقانلىقىنى،ئەتراپتا نۇرغۇن ئاتلىقلارنىڭ تۇلپار  بىلەن ئېلىشقان ئىزى تۇرغانلىقىنى كۆردى. دىمەك تۇلپارنى تۇرانلىق تۈر*ۈكلەر تۇتۇپ كەتكەن ئىدى.رۇستەم   بۇ يەرگە يېقىن بولغان سەمەنگانغا پىيادە بېرىپ ئېتىنى شۇ يەردىن ئىزدەپ بېقىشنى قارار قىلدى.لىكىن خېلى ئارىسالدى بولدى.نىمىشقا دىگەندە رۇستەم داڭقى ئالەمگە تارالغان پالۋان بولغاچقا ئۇنى تونۇيدىغانلار كۆپ ئىدى.ئۇخلاپ يېتىپ ئېتىنى يوقۇتۇپ قويۇپ پىيادە قالغانلىقىنى خەق ئاڭلىسا ئۇنىڭ نام ئابرۇيىغا چوڭ تەسىر كۆرسىتەتتى.
لىكىن شۇ تاپتا نومۇستىن قورقۇپ بۇ يەردە تۇرىۋەرسىمۇ بولمايتتى.قانداقلا بولمىسۇن تۇلپارنى ئىزدەپ تېپىش كېرەكتە؟ قاپ يۈرەك ئوغرىلار جۇرئەت قىلىپ رۇستەمدەك باتۇرنىڭ تۇلپارنى بۇلاپ كەتسە بۇنىڭغا قانداقمۇ سەۋر قىلىپ تۇرغىلى بولسۇن.؟
رۇستەم گۈرزە قىلىچ ۋە كامان قاتارلىق جەڭ قۇراللىرىنى يۈدۈپ سەمەنگان شەھىرىگە قاراپ راۋان بولدى.
رۇستەم سەمەنگان شەھرىگە يېقىنلىشىپ كەلگەندە ئۇنىڭ ئوتلاقتا ئېتىنى يوقۇتۇپ قويۇپ، سەمەنگانغا پىيادە كېلىۋاتقانلىق خەۋىرى ئۆزىدىن بۇرۇن سەمەنگانغا كىلىپ بولغان ئىدى.سەمەنگەننىڭ پادىشاھى قول ئاستىدىكى ئەمەلدار ۋە ئۇلۇغلىرى، ئەسكەرلىرىدىن بىر بۆلۈك كىشى بىلەن  رۇستەمنى كۈتۈۋالغىلى ۋە كۆڭۈل سورىغىلى ئالدىغا چىقتى.ئۇلار رۇستەمنى كۆرگەندە ئۇنىڭ شىر قامەت ئەزىمەت بولۇپلا قالماي يىگىتلىك ھۆسىندىمۇ كامالەتكە يەتكەنلىكىنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن:
-بۇ كىشى رۇستەممۇ ياكى پارلىغان قۇياشمۇ ؟!      -دېېيىشىپ كېتىشتى.
رۇستەم كۆرۈنگەندە سەمەنگان پادىشاھى ئۇنىڭ ئالدىغا پىيادە بېرىپ قىزغىن كۈتىۋالدى ۋە ھال ئەھۋال سورىدى.رۇستەمدىن ئەھۋالنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ھەيران بولغان ھالدا
-ئەي ئالەمگىر باتۇر،سېنى ھەممە ئادەم تونۇيدۇ.پۈتكۈل ئىنسان سەندىن قورقۇدىغان ۋە تەپتارتىدىغان تۇرسا ، كىممۇ سەن بىلەن ئېلىشىشىنى خىيال قىلىپ، ئېتىڭنى بۇلاپ كېتىپ ساڭا قەست قىلار؟ئۇنۇڭ ئۈستىگە بىزنىڭ سەمەنگان پۇخرالىرى ئۇزاقتىن بۇيان سېنىڭ ئۇلۇغ نامىڭنى كۆپ ئاڭلاپ دىدارىڭنى بىر كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىپ كەلگەن.ئۇلار سېنى شۇ قەدەر ھۆرمەتلەپ بېشىدا كۆتۈرىدۇكى ئۇلار ھەتتا يولۇڭدا ئەزىز جانلىرىنى پىدا قىلىشقىمۇ رازى.
بۇ سۆزلەر باتۇرنىڭ قەلبىدىكى شەك ۋە گۇمانلارنى پۈتۈنلەي يوق قىلىۋەتتى.شۇنىڭ بلەن ئۇمۇ ‹‹ئىگىلگەنگە ئىگىل ›› دىگەن ماقال ئىددىيىسى بويىچە شاھقا جاۋابەن ھۆرمەت كۆرسۈتۈپ تازىم بەجا كەلتۈردى دە دىدى:
-تۇلپار ئېتىم قولۇمدىن چىقىپ كەتتى.ئۇنى ئوتلاشقا قويۇۋەتكىنىم ئۈچۈن ئۈستىدە ئىگەر ۋە يۈگەنلىرى يوق ئىدى.پەقەت توقۇم،ئېغىزدۇرۇق ۋە ئۇنى يىراق كەتمىسۇن دەپ سېلىپ قويغان كىشەنلا بار ئىدى.ئۇ ئوتلىغان يەردىكى ئېرىق ۋە توقاي بويلىرىدىن تۇلپارنڭ ۋە ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشقان باشقا ئاتلىقلارنىڭ تۇياق ئىزىنى بايقىدىم.تۇلپارىم بىلەن ئېلىشىش جەريانىدا بۇلاڭچى ئوغرىلاردىن ئۈچى ئۆلۈپتۇ.قالغانلىرى تۇلپارىمنى بەنىد قىلىپ سەمەنگان تەرەپكە ئېلىپ كېتىپتۇ.مىنىڭ مەقسىدىم شۇكى ئەگەر تۇلپارىم بۇ يەردىن ئامان ئىسەن تېپىلسا  سىلەر بىلەن دوستانە مۇناسىبەتتە بولۇپ ھەممىڭلارنى مۇكاپاتلايمەن.ئەگەر تۇلپارىمنى ساق ساامەت تاپالمايدىكەنمەن ھىچكىمنىڭ بېشىنى ئامان قويمايمەن.
-ئەي ئاچچىقى يامان كىشى،مۇشۇمۇ ياخشى ئادەمنىڭ دەيدىغان سۆزىمۇ؟ بۇنداق قوپال سۆزلەرنى قوي.ياخشىسى رايىمىزغا بېقىپ بىزگە مىھمان بول.بىز سېنى ياخشى كۈتۈۋېلىشقا،بۈگۈن كېچە ياخشى مەي،ئىسىل تائام ۋە ناخشا سازلار بىلەن كۆڭلۈڭنى ئېلىشقا  ھەرقاچان تەييار. ھەرقانچە قاپ يۈرەك كىشى ئوغرىلىغان بولسىمۇ سېنىڭ ئېتىڭ ئىكەنلىكىنى ئۇقسا ئۇزاققىچە يوشۇرۇپ قالالمايدۇ.خاتىرجەم بولغىنكى بىز ئېتىڭنى تېزلىكتە ئىزدەپ  تېپىپ ساڭا ساق سالامەت قايتۇرۇپ بېرىمىز.
رۇستەم بۇ چىن سۆزلەرگە ئىشىنىپ كۆڭلىدىكى غەشلىك ۋە غەزەپ يوقالدى.ئورنىنى خوشاللىق تەبەسسۇمى ئىگەللىدى.شۇنىڭ بىلەن شاھقا ئەگىشىپ ئۇنىڭ ئېلىپ كەلگەن ئىسىل ئېتىغا مىنىپ بىرلىكتە شەھەرگە شاھ سارىيىغا كەلدى.سەمەنگەن شاھى شەھەرنىڭ كاتتا ئۇلۇغلىرىنى ۋە ئۇستا سازەندە ناخشىچىلىرىنى تەكلىپ قىلىپ سارىيىدا كۆرگەنلەر ئاپىرىن ئېيتقۇدەك كاتتا بىر شاتلىق سورۇنى ھازىرلاپ رۇستەمنى مىھمان قىلىشتى.ئويۇن تاماششا ،ناخشا سازلار تاكى تاڭ ئاتقۇچە داۋاملاشتى.پەرىزاتلاردەك گۈزەل نازىنىن قىزلار خىزمەت قىلىپ ئىسىل شاھانە مەيلەرنى ناز كەرەشمە بىلەن سۇناتتى.سازچىلار سازلىرىنى ئەڭ گۈزەل كۈيلەرگە چالسا ،ناخشىچىلارمۇ ئەڭ لىرىك،ئەڭ شوخ ناخشىلارنى ئېيتىپ رۇستەمنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشقا تىرىشاتتى.سورۇن تاكى رۇستەم ئېغىر كەيىپ بولۇپ  ئۇيقۇ بېسىپ بولالمىغانغا قەدەر داۋاملاشتى.كىيىن رۇستەمگە ئەڭ ھەشەمەتلىك سارايغا تېخى تۇتمىغان يوتقان كۆرپىلەرگە مۈشك ئەنبەرلەرنى سېپىپ تۆشەك راسلاپ بېرىشتى.

سەمەنگەن شاھىنىڭ قىزى تەھمىنەنىڭ رۇستەمنى كۆرۈشكە كەلگەنلىكى
تۈن تەڭدىن ئېشىپ تاڭنىڭ چولپان يۇلتۇزى پارلاپ چىققان ، رۇستەم شىرىن ئۇيقۇدا ئۇخلاۋتقان بىر چاغدا رۇستەم ياتقان ھوجرىنىڭ ئىشىكى ئاستاغىنە ئېچىلىپ رۇستەمنىڭ قۇلۇقىغا خۇددى مەيىن شاماللارنىڭ تىۋىشىدەك شىرىن بىر شىۋىرلاش ئاڭلىنىپ قالدى.بۇ نىمە سىر ئەمدى؟!
قولىدا شام كۆتۈرگەن غۇلام يىگىتنى ھەمراھ قىلىپ، خۇشبۇي ئىپار ئەنبەر ھىدلىرىنى ھەريانغا چېچىپ،بوي بەستى پەرىلەردىن ،ھۆسنى قۇياشتىن ئېشىپ چۈشىدىغان بىر ماھىرۇي نازىنىن غۇلامنىڭ كەينىدىن كېلىۋاتاتتى.ئۇنىڭ قېشى بىر كامان بولسا،سېكىلەك چاچلىرى بىر كامان بولۇپ كۆرگەن كىشىنىڭ يۈرىكىنى ئىشىقنىڭ رەھىمسىز ئوقى بىلەن يارىدار قىلىشقا تەييار ئىدى.بويى سەرۋى دەرخىدەك تۈز ۋە زىلۋا،يۈزى يەمەن ھېقىقىدەك سۈزۈك،ئاغزى بولسا ئاشىق دىلىدەك تار ئىدى.بۇ سەنەم ئەقىل پاراسەتتىلا تولغان بولۇپ قالماي خۇددى نۇردىن يارالغاندەك شۇنداق پاك ۋە تەڭداشسىز گۈزەل ئىدى.


       

        رۇستەم ئۇنى كۆرۈپلا  ھەيرانلىقتا ئەقلى لال بولۇپ قالدى.ۋە ئىىتىيارسىز  خۇدا نامىنى تىلغا ئېلىپ تەھسىن ئاپىرىن ئېيتىپ كەتتى.رۇستەم قىزدىن سورىدى:
-ئەي گۈزەل ماھ،كىمسەن ؟نامىڭ نىمە ؟ بۇ خىلۋەت كېچىدە بۇ يەردە نىمە قىلىپ يۈرىسەن ؟
-مەن سەمەنگان شاھىنىڭ قىزى بولىمەن-دىدى قىز جاۋاپ بېرىپ-ئىسمىم تەھمىنە.بىزنىڭ ئەجدادىمىزمۇ سىلىدەك يولۋاس سۈپەت ئۇلۇغ باھادىرلاردىن.مەن ئۇزاقتىن بېرى سىلىنىڭ ئۇلۇغ ناملىرىنى ئاڭلاپ  غايىبانە ئاشىق بولۇپ دىدارلىرىنى بىر كۆرۈشنى تەڭرىدىن تىلەپ كىلىۋاتقان ئىدىم.مانا بۈگۈن تىلىكىم ئىجابەت بولۇپ سىلىنىڭ مۇبارەك قەدەملىرى بۇ تەرەپكە يەتتى.مەن سېلىنىڭ جەڭنامە داستانلىرىنى كۆپ ئاڭلىغان ئىدىم.سىلى نۇرغۇن جەڭلەرنى قىلىپ،يولۋاس،شىر،دىۋە،جىن،ئەجدىھا ۋە لەھەڭلەردىن بولۇپ نۇرغۇن ۋەھشى دۈشمەنلەرنى يوقۇتۇپ ئالەمگە مەشھۇر بولدىلا.بۇ قېتىم سىلى ئىرانلىقلاردىن ھىچكىم كىرىشكە جۇرئەت قىلالمايدىغان تۇران تەۋەسىگە ئوۋغا چىقىپ نۇرغۇن قۇلانلارنى ئوۋ قىلپ كاۋاپ قىلىپ يەپلا،ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋاتقانلىرىدا ئاتللرىنى باشقىلار ئېلىپ كېتىپ شۇ ئاتنى ئىزدەش باھانىسى بىلەن دىيارىمىزغا قەدەم تەشرىپ قىپلا.سىلىدەك ئېغىر گۈرزىسىنى ساماغا كۆتۈرۈپ دۈشمەن يۈرىكىنى تىترىتىدىغان،قىلىچ يالىڭاچلاپ كۆكتە پەرۋاز قىلىۋاتقان بۈركۈتكىمۇ ۋەھىمە سالالايدىغان،ھەتتا بۇلۇتلارنىمۇ قان يىغلىتالايدىغان،كامان تاشلاپ دائىم شىر يولۋاسلارنى بەنىد قىلىپ ۋەھشى ھايۋانلارنىمۇ تىنىچ قويمايدىغان ئالەمگەىر پەھلىۋان كەمدىن كەم ئۇچرايدۇ.مەن سىلى ھققىدە مۇشۇ خىلدىكى داستانلارنى كۆپ ئاڭلىغان بولغاچقا قەلبىمدە دائىم شىرىن خىياللىرى ماڭا ھەمراھ بولىدۇ.مانا مەن لىۋىمنى چىشلەپ يۈرۈپ كۈتكەن ۋىسال پەيتى ئاخىر يېتىپ كەلدى.بۇ دۇنيادا مەلەكلەر ئىچىدە ماڭا تەڭ كەلگۈدەك يەنە بىر سەنەم تېخى تۆرەلگىنى يوق. ھەم شۇنداقلا مىنى شۇ كەمگىچە ھىچبىر يات ئەركەك چۈمبەلسىز كۆرۈپ باقمغان.ئاۋازىمنى ئاڭلاپ باققانلارنىمۇ تاپقىلى بولمايدۇ.شۇڭا مىنىڭدەك بىر دىلرەبانى دەرگاھىڭدىن قوغلىمىساڭ،ئۇزاقتىن تەشنا بولغان نۇرجامالىڭنى قانغۇدەك  بىر كۆرۈپ تەشنا يۈرىكىمنى قاندۇرۇۋالسام.سىلىدىن ئۆتۈنۈشۈم شۇكى مېنى بۈگۈن ھەرگىز رەت قىلمىغايلا،ماڭىمۇ يىگىتلىك ئىشقى ھەۋەسلىرىدىن بېرىپ قىزلىق ئارمىنىمغا يەتكۈزۈپ بەخىتىيار قىلغايلا،يەنە ىر مەخسىدىم شۇكى مەن ھوزۇرلىرىغا سىلىدىن بىر پەرزەنىت تىلەپ كەلدىم.سىلى بۇيەردىن قايتىپ كەتكەندىن كېيىن پەرزەنىتلىرى ماڭا ھەمراھ بولۇپ سىلىنىڭ ئىشىق دەتلىرىنى ئۇنتۇلدۇرۇپ كۆيۈۋاتقان يۈرىكمنى سەگىتىپ سۆيگۈ ئازاپلىرىمنى يىنىكلىتىدۇ.ئەگەر مەن سىلىدىن ئوغۇل پەرزەنىت كۆرۈپ قالسام ئۇمۇ سىلىدەك ساھىپ ھۈنەر باتۇر ئەزىمەت بولۇپ ئۆسىدۇ.ئۇنىڭ تەلەي يۇلتۇزىمۇ ئاتىسىنى دوراپ سىلىدەك بولىدۇ.يەنە بىر ئىش سىلى مىنى ئوبدان رازى قىلسىلا مەنمۇ سىلىنى رازى قىلىپ تۇلپارلىرىنى تېپىپ بېرىشكە ۋەدە قىلىمەن.
رۇستەم قىزنىڭ سۆزلىرىنى باشتىن ئاخىر ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن ھەممىنى چۈشەندى.قىزنىڭ ئېيتقانلىرىنى توغرا تېپىپ ئۇنىڭ تەلىپىگە قوشۇلماقچى ئۇنىڭمۇ ئۆزىنىڭمۇ ئارزۇسىنى بىرگە ئەمەلگە ئاشۇرماقچى بولدى. رۇستەم  داڭلىق باتۇر بولۇپلا قالماي يەنە تەڭرى يولىنى تۇتقان ئىخلاسمەن ئادەم ئىدى.نىكاھسىز ھارام زىنانىڭ بەكمۇ زور گۇناھلىقىنى ياخشى چۈشىنەتتى.شۇڭا ئىشنى توغرا يول توغرا ئۇسۇل بىلەن ھەل قىلماقچى بولۇپ ىىزمىتىنى قىلىۋاتقان خىزمەتكارلاردىن بىرىنى چاقىرىپ كىرىپ بۇيرۇدى:
-دەرھال چىقىپ دانىشمەن ھەم سۆزمەن مۇبەدتىن بىرنى تېپىپ كىر.ئۇ مىنىڭ ئورنۇمدا شاھقا ئەلچى بولۇپ كىرىپ قىزى تەھمىنەنى ماڭا ھالال جۇپتىلىققا سوراپ ماڭا ۋاكالىتەن قۇللۇق قىلسۇن! ئەجرىنى ئوبدان بېرىمەن.
ئىشلار رۇستەمنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ناھايىتى ياخشى بىجىرىلدى.سەمەنگان شاھى  ناھايىتى خۇشال بولۇپ رۇستەمنى كۇيوغۇللۇققا قوبۇل كۆردى. ناھايىتى چوڭ ھەشەمەتلىك چاي-توي مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈپ قىزىنى رۇستەمگە ئۇزاتتى.بۇ تويدىن ھەممە كىشى شاتلادى.يۇرت ئاۋاتلاشتى.ھەممە رۇستەمگە تەھسىن ئاپىرىنلار ئېيتىشىپ بىردەك:‹‹ بۇ مەھلىقا ھەقىقەتەن رۇستەمگە مۇناسىپ ئىدى.گۈلى-گۈلىگە،خىلى-خىلىغا دىگەندەك ئىش بولدى.بۇلارغا بەخت ئامەت مەڭگگۈ يار بولسۇن،دۈشمەنلىرى زەھەر يۇتۇپ قان يىغلاپ قالسۇن››دىيىشتى.
بىر جۈپ يۈرەك زارىقىپ كۈتكەن كەچمۇ بولۇپ گۈزەل پەرى قىز بىلەن پەھلىۋان يىگىت قاراڭغۇ تۈندە ئۆزلىرىگە ئارزۇ  قىلغان بەخت ئىقبالى قۇچاق ئاچقان خاس ھوجرا ئۆيدە ئاي بىلەن كۈن تېپىشقاندەك پىنھان بولۇشۇپ  شىرىن مۇھەببەتنىڭ ئەستىن چىقماس پەيزىنى سۈرۈشتى.غۇنچە گۈل مەلىكە ىشاللىق ياشلىرىنى تۆكۈپ شەبنەمگە پۇر بولدى.ئەۋرىشىم بويلىرى مۇھەببەت لەززىتىنى قانغۇچە تېتىپ يىگانە دۇر بولدى.سەدەپلىرى ئىچرە ئىسىل قەترىلەر تولۇپ ئىللىق باغرىدا مىسلىسىز قىممەتلىك گۆھەر پەيدا بولدى.بۇ كىچە پۈتكۈل جاھان ئىچىنى ئاختۇرسىمۇ بۇ ئىككىسىدىن خۇشال،بۇ ئىككىسىدىن بەخىتلىك ئىككىنچى بىرسى تېپىلمايتتى.
قىز بىلەن يىگىتكە ئۆمۈر بويى ئۇنتۇلغۇسىز شىرىن ئەسلىمىلەرنى ئاتا قىلغان بۇ كىچىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئاشىقلار يۈرىكىنى داغلاپ شەرىقتىن قىزىل قۇياش شەپەق يېرىپ كۆتۈرۈلۈپ چىققاندا  ئۇلار بىر بىرىدىن ئايرىلغۇسى كەلمىگەندەك تېخىمۇ چىڭ قۇچاقلاشتى.لىكىن ‹‹ئامراقبىز› دەپ ھوجرىدىن چىقماي يېتىۋەرگىلىمۇ بولمايتتى.ئاخىر رۇستەم بىلىكىنى مەھبۇبىنىڭ ئۇقادەك ئاپپاق بوينىدىن ئاجرىتىپ ئورنىدىن تۇردى.يۇيۇنۇش ۋە بىرگە ناشتىلىق قىلىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن رۇستەم ئايرىلىش ئالدىدا بىلىكىدىن قۇياشتىن زىيادىراق نۇر چاچىدىغان بىر قىممەتلىك گۆھەرنى چىقىرىپ تەھمىنەگە بېرىپ مۇنداق دىدى:
-ئەي گۈل يۈزلۈك ،بۇنى ئال!بۇ مەن بولغۇسى پەرزەنتىمىزگە قالدۇرغان سوۋغات ۋە نام نىشان.ئەگەرتەڭرى تائالا بىزگە قىز پەرزەنىت ئاتا قىلىپ قالسا سەن بۇنى ئۇنىڭ چېچىغا تاقاپ قوي.ئەگەر ئوغۇل پەرزەنىت تۇغۇلسا ‹‹ئاتىسىنىڭ ئىزىنى بېسىپتۇ›› دەپ بىلىپ بۇنى ئوڭ بىلىكىگە تاقاپ قوي.بۇ ئۇنىڭغا مېنىڭ ئورنۇمدا ھەمراھ بولۇپ پارلاپ نۇر چاچسۇن.ئۇمۇ ئەجدادىمىزنى تارتىپ سام ۋە نەرىماندەك شۆھرەتلىك باتۇرلاردىن بولۇپ يىتىشىپ چىقسۇن.
قۇياش كۆتۈرۈلۈپ خېلى ۋاق بولۇپ قالغان بولسىمۇ رۇستەمنىڭ تەھمىنەدىن ئايرىلغۇسى كەلمەي ئۇنى قۇچىقىغا ئېلىۋېلىپ ئۇنىڭدىن ‹‹بۇسە›› مۇكاپات ئالماقتا ئىدى.‹‹مۇكاپات ئېلىش›› قېيناتىسى سەمەنگان شاھى تۇلپاردىن خۇش خەۋەر ئېلىپ كەلەن ۋاقىتقىچە داۋاملاشتى.رۇستەمنىڭ كېچىدىن بېرىقى خوشاللىقىغا يېڭى خوشاللىق قوشۇلدى. ئۇ شۇ دەرىجىدە خوشال بولدىكى بېشى ئاسمانغا يەتكەندەك بولدى. ئۇنىڭ بۇ خوشاللىقىغا گۇمان بىلەن قارايدىغانلار ئۆزىنىڭ  ئەڭ قىممەتلىك نەرسىسىنى بىر قېتىم يوقۇتوپ قويۇپ، ئۇنىڭدىن ئۈمىدى ئۈزۈلگەن چاغدا تۇيۇقسىز قايتا ئېرىشىپ باقسۇنچۇ قېنى؟! بۇ خوشاللىق ئۇنىڭغا يېڭى ئېرىشكەن چاغدىكىدىنمۇ شېرىن بولىدۇ.
رۇستەم تەھمىنە بىلەن خوشلىشىپ بولغان ئىدى.ئەمدى ئاتنى كۆرگەن چېغىدا بۇ‹‹ قانىتى›› بىلەن ‹‹ئۇچۇپ›› يەنە پەرۋاز قىلغۇسى كەلدىمۇ سەمەنگەان شاھىغا رەھمەت تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ بولۇپ ناشتىسىنى قىلىپ بولغاندىن كېيىن ئېتىنى مىنىپ سىيىستانغا قايتىپ كەتتى.
ئۇنىڭ بۇ يەردە ئۇزاق تۇرماسلىقى تۆۋەندىكىدەك سەۋەپلەردىن ئىدى.بىرى مەردانە باتۇرلار مەردلىك ۋاپادارلىقنى قەدىرلەيدۇ.ئىشقى ھەۋەسلەرگە ئۆزىنى بەك ئۇرۇپ كەتمەيدۇ. قىزدىن پادىشاھلىق ئىشىنى،ئومۇمنىڭ مەنپەتىنى ئەلا بىلىدۇ. بۇ خىل مىجەز خاراكتىر‹‹ سۇ بويىدا›› رومانىدىكى ۋۇ سوڭ،لى كۈي،سۇڭ جىياڭ قاتارلىقلاردا ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان. ئىككىنچىدىن ئەينى زاماندا ئىران بىلەن تۇران تېخى  ئەشەددى دۈشمەنلىشىكلىك ئەھۋالدا بولۇپ رۇستەمنىڭ تۇرانلىقلار زىمىنىغا بېرىپ دۈشمەنلىرىدىن بىرىەە كۇيئوغۇل بولغانلىقىنى كاۋۇس ئۇقسا رۇستەمدىن شەكلىنەتتى.ئارىغا ئاداۋەت چۈشۈپ مۇناسىۋەتكە ئېغىر تەسىر يېتەتتى. كىيىن سوھرابنىڭ تۇغۇلىشى ۋە تۇراننىڭ بىرىنچى پالۋىنى بولۇپ ئىران بىلەن سوقۇشىشى،ئاتىسى بىلەن ئېلىششى بۇ خىل كۇيئوغۇللۇق مۇناسىۋەتنىڭ خاتالىقى ئىدى.ئۈچىنچىدىن رۇستەمدەك ۋاپادار ئوغۇلنىڭ ئاتىسىغا ئۇقتۇرمايلا تويدىن ئىبارەت ئكمۈرلۈك ئىشىنى ئۆزى بىكىتىپ ئكزىلا قىلىپ كېتىشىمۇ ئۇلارنىڭ رەسىم قائىدىسىدە يوق ئىش ئىدى.
سوھرابنىڭ تۇغۇلىشى
ئارىدىن توققۇز ئاي توققۇز كۈن ئۆتكەندە تەھمىنەنىڭ كۆزى يورۇپ تولۇن ئايدەك نۇرلۇق بىر ئوغۇل تۇغدى.ئۇ ئاتىسى ۋە ئەقدادىنى چىراي قامەتتە تۇغۇلىشىدىنلا تارتقان بولۇپ ئۇنى كۆرگەن كىشى‹‹ بۇ رۇستەممۇ ياكى ساممۇ ۋە ياكى نەيرەممۇ ؟!›› دىيىشىپ ھەيران بولۇشاتتى.بالىنىڭ يۈزى گۈلدەك ئىسىل ۋە كۈلگۈنچەك بولغىنى ئۈچۈن ئىسمىنى ‹‹ سوھراب›› دەپ قويۇشتى.بۇ بالا رۇستەمنى چىرايدىلا تاتىپ قالماي،كۈچ قۇدرەت،جاسارەت،ۋە تېز ئۆسۈپ يېتىلىش جەھەتتىمۇ شۇنداق تارتقان بولۇپ بىر ئايدا بىر ياشلىق بالىدەك تەرەققى قىلىپ تېز ئۆسۈپ يېتىلمەكتە ،ئۇمۇ ئاتىسى رۇستەمدەك بىر ئانىنىڭ سۈتىەە چىقىش قىلماي 20-30ئانىنىڭ سۈتىگە ئاران تويار ئىدى. بۇمۇ يەتمەي چىلەكلەپ سىيىر سۈتى بېرىشەتتى.
ئۇ شۇنداق تېز تەرەققى قىلغان بولغاچقا ئۈچ ياشقا كىرگەندە كۈچ قۇۋۋەتتە تولۇپ، 10-12 ياشلىق بالىلاردەك بوي تارتىپ  باتۇرلار بىلەن ئېلىشىپ بېقىش ئۈچۈن مەيدان تەلەپ قىلدى.بەش ياشقا كىرگەن چېغىدا شىر يولۋاسلاردىنمۇ قورىقمايدىغان ئەزىمەت بولۇپ يىتىشتى.ئون ياشقا كىرگەن چېغىدا بولسا تۇراننىڭ داڭلىق پەھلىۋانلىرى بىلەن كۈچ سىنىشىپ ئۇلاردىن زور چىقتى.
لىكىن سوھرابقا شۇ كۈنگىچە ئاتىسىنىڭ كىملىكىنى ھىچكىم دەپ بەرمىەەنئىدى.
بىر كۈنى سوھراب  ئانىسى تەھمىنەنىڭ يېنىغا كىرىپ ئاخىر بۇ سىر توغرىسىدا ئېغىز ئاچتى:
  -ئەي ئانا،سەن مۇشۇ كەمگىچە مېنى كۆز قارىچۇقۇڭنى ئاسرىغاندەك ئاسراپ بېقىپ كەلگەن بولساڭمۇ لىكىن تا ھازىرغىچە ماڭا ئۆز ئاتامنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى دەپ بەرمىدىڭ.مەن باشقىلارغا ئوخشىمايمەن.بويۇم باشقىلاردىن ئۆسكىلەڭ،تەڭتۇشلىرىمنىڭ بويى تىزىمغىمۇ كەلمەيدۇ.كۈچ قۇۋۋىتىممۇ ئادەتتىكى ئادەملەرنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە يۇقۇى.مەندە چوقۇم باشقىلارغا ئوخشىمايدىغان سىر بار.مۇھىم سىر دىگەننى بىلىشكە تىگىشلىكلەرگە  چوقۇم بىلدۈرۈش كېرەك.مەن بۈگۈن مۇشۇ سىرنى جەزمەن بىلىش ئۈچۈن يېنىڭغا كىردىم.مەندىن يوشۇرىمەن،داۋاملىقسىر قىلىپ ساقلايمەن دەپ ئاۋارە بولما ! قېنى ئېيتچۇ ! باشقىلارنىڭ ‹‹ئاتاڭ كىم ؟›› دەپ سورىغان سۇئالىغا نىمە دەپ جاۋاپ بېرىمەن؟
-بولىدۇ ئوغلۇم،دىسەم دەپ بېرەي،بۇ سەندىن يوشۇرغۇدەك سىر ئەمەس،سەن كىملىكى ى يوشۇرغۇدەك ئەمەس نامىنى پەخىرلىنىپ تىلغا ئالغۇدەك كىشىنىڭ بالىسىسەن. بۇندىن كېيىن كىم سورىسا دادىل جاۋاپ بەر. سېنىڭ ئاتاڭ نامى پۈتكۈل ئالەمگە مەشھۇر بولغان ئالەم پەھلىۋانى، شۆھرەتلىك رۇستەم بولىدۇ.ئۇنىڭ ئۇلۇغ نامى تىللاردا داستان بولۇپ كەتكەن بولغاچ كىشىلەر ئادەتتە ئۇنى‹.رۇستەمى داستان›› دەپ ئاتايدۇ. ئۇ ئىران زىمىنىدىكى زابۇلىستان مەملىكىتىنىڭ پادىشاھى مەشھۇر زال زەرنىڭ يالغۇز ئوغلى.ئۇ ھازى ئىسپاھان شەھىرىدە ھۆكۈمران بولۇپ تۇرىۋاتىدۇ. بۇ شەھەر ئۇنىڭ مازەندىراندا دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلىپ قانخور دىۋىلەرنى  يوقاتقانلىقى ئۈچۈن مۇكاپات قىلىپ بېرىلگەن.
شۇندىن كېيىن تەھمىنە ئوغلىغا رۇستەم قالدۇرغان ‹‹ئەجەپنامە›› دەپ ئاتىلىدىغان ھېلىقى بىباھا قىممەتلىك گۆھەر تاشنى بەردى ۋە بىلىكىگە تاقاپ قويۇپ ئۇنىڭ رۇستەمنىڭ سوۋغىتى ۋە بەلگە نىشانىسى ئىكەنلىكىنى ئۇنى يېنىدىن ئايرىمسلىقى ۋە يوقۇتىۋەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى ئالاھىدە تاپىلىدى.
رۇستەم بۇرۇن خوتۇنىنىڭ ئوغۇل پەرزەنت تۇققانلىقىنى ئاڭلاپ خوشاللىقىنى ئىپادىلەپ ۋە ئايالىنىڭ تۇغۇتىنى مۇبارەكلەپ  ئىراندىن خەت بىلەن قوشۇپ ئۈچ دانە قىممەتلىك گۆھەر ۋە ئۈچ خالتا تىللا ئەۋەتكەن ئىدى. تەھمىنە نىشان ئۈچۈن سوھرابقا ئۇلارنىمۇ بەردى:
-ئەي ئەزىز ئوغلۇم،مانا بۇلار ئاتاڭ رۇستەم ساڭا ئەۋەتكەن يادىكار بويۇملار،سەن ئۇنى تۇماردەك ئەتىۋا بىلىپ ئەزىزىلىشىڭ،يېنىڭدىن ئايرىماسلىقىڭ كېرەك. بۇلار ساڭا ئاتاڭنى ۋە ئۇنىڭ ساڭا بولغان مىھرى مۇھەببىتىنى نامايەن قىلىپ تۇرىدۇ.كۈنلەردىن بىر كۈنى پۇل مالغا ھاجىتىڭ چۈشۈپ قالسىمۇ قالتىس ئەسقاتىدۇ.چۈنكى بۇ ئۈچ گۆھەرنىڭ جاھاندا تەڭدىشى يوق.ئاتاڭ ئۇنى مازەندىراندىكى دىۋىلەر ئۇۋسىدىن ئېلىپ كەلگەن.ئادەم بالىسى تېخى بۇنداق ئىسىل گۆھەرلەرنى كۆرۈپ باقمىغان.ساڭا تاپىلايدىغان يەنە بىر مۇھىم سۆزۈم شۇكى سېنىڭ رۇست5ەمنىڭ بالىسى ئىكەنلىكىڭدىن تۇران شاھى ئەپراسىياپ خەۋەر تاپمىسۇن.چۈنكى ئۇ ئاتاڭنىڭ ئەشەددى دۈشمىنى،ئەگەر ئۇ بۇسىردىن خەۋەر تاپسا سەن بىزنى ھەرگىز تىنىچ قويمايدۇ.بوۋاڭغىمۇ ياخشى بولمايدۇ...
-ئەي ئانا،بۇنى سىر تۇتۇپ نىمىمۇ قىلىمىز؟   -دىدى سوھراب قايىل بولماي    -مەن رۇستەمدەك بىر ئۇلۇغ ئەرنىڭ پۇشتى تۇرۇپ  نىمىدەك ئاتا بالىلىق مۇناسىۋىتىمىزنى يوشۇرۇپ يۈرگىدەكمەن.ئاتامنىڭ شۇنداق ئۇلۇغ ئەر تۇرۇپ ئىران تەختىگە ئولتۇرالماسلىقى مەن ئۈچۈن نوپمۇس.ھېلىقى كاۋۇس دىگىنى ئىران شاھى بولۇشقا  مۇناسىپ ئەمەس. مەن تۇرانلىق باتۇر ئەرلەردىن لەشكەر ئېلىپ  ئىرانغا قارشى ئۇرۇش باشلايمەن.كاۋۇس دىگەن بەدبەختنى ئىران تەىتىدىن چۈشۈرۈپ ئورنىغا ئاتام رۇستەمنى شاھ قىلىپ تىكلەيمەن.يەنە شۇنىمۇ دەپ قويايكى ئەفراسىياپتىنمۇ قورقۇشۇم يوق. ئەگەر ئۇ يۇۋاشلىق بىلەن رايىمغا باقماي  مەن ۋە ئاتامغا  دۈشمەنلىك قىلىدىكەن ئۇنىمۇ تەختتىن غۇلۇتۇپ ئامەتلىك كۈنلىرىنى ئاپەتكە ئايلاندۇرىمەن.ئىراننىمۇ تۇراننىمۇ  بويسۇندۇرۇپ ئاتامنى ۋە سېنى پۈتۈن دۇنيانىڭ شاھلىق تەختىگە چىقىرىمەن...

سوھراابنىڭ ئات تاللىشى

باتۇر سوھراب ئانىسىغا دىدىكى:
  -ئەي ئانىجان،زاماندىن ماڭا بەخت تەلەي كۈلۈپ بېقىپتۇ.دىمەك مەن بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۇلۇغ ئىشلارنى قىلمىقىم لازىم.بۇنىڭ ئۈچۈن مەندەك كىشىلەرگە ئادەتىتكى ئاتلار بولمايدۇ.ئاتامنىڭ تۇلپار ئېتىدەك كۈچلۈك،چوڭ،غەرەز ئۇقىدىغان،تېز چاپىدىغان،جەڭ قىلالايدىغان بىر ياخشى ئات كېرەك.ئۇ ئاتنىڭ تۆت تۇۋىقى چاپقاندا تاشقا تەگسە ئوت چاچرىتالايدىغان،ئىەىز تاغلارغىمۇ يەلدەك ئاسان ،تېز چىقالايدىغان؛ئېدىرلاردىن بوران ياكى سەلدەك ئۆتەلەيدىان ،چاپقاندا،ھاۋادىكى قۇشلار،سۇدىكى بېلىقلاردىن تېز چاپىدىغان،چۆلدە يۈرگەندە كىيىكلەردىنمۇ تېز چاپىدىغان،بەدىنى پىلدەك چوڭ بولۇپ مېنى ۋە  ئېغىر قۇرال ياراقلىرىمنىمۇ كۆتۈرۈپ يىراقلارغا بارالايدىغان پىلدەك كۈچلۈك ئات بولۇشى كېرەك.ئۇنداق بولمىغاندا كۈچلۈك ياۋ بىلەن تۇتۇشقاندا ئۇلار بىلەن قانداقمۇ پىيادە جەڭ قىلغىلى بولسۇن؟!
تەھمىنە بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ ناھايىتى خوشال بولغىنىدىن بېشى كۆككە يەتكەندەك بولدى.شۇنىڭ بىلەن بارلىق ئات باققۇچى چوپانلارغا بارلىق ئاتلىرىنى ئېلىپ كىلىپ سوھرابنڭ نەزىرىدىن ئۆتكۈزۈش توغرىسىدا پەرمان چۈشۈردى.پەرمانغا بىنائەن چوپانلار بارلىق  يىلقىلىرىنى ئېلىپ كىلىپ توپلىغاچ، شەھەر ئەتراپىدىكى سەھرا دالىلىرىنى خۇددى تۈتۈندەك يىلقا قاپلاپ كەتتى.
سوھراب يىلقىلار ئارىسىدا ئىسل كۆرۈنگەن ئاتلارنى قوغلاپ يۈرۈپ  ئات تاللاشقا تۇتۇندى. ئۇ كەمەند تاشلىسا ھەرقانداق بىر ئات بەنىد بولاتتى.ئۇ تۇتۇۋالغان ئاتنىڭ بېلىگە قولىنى قويۇپ باقاتتى.ئاتنىڭ بېلى كاماندەك ئىگىلىپ كەتسە دەرھال <<بۇ ئات يارامسىزكەن >> دەپ شاللاپ تاشلايتتتى.
بۇ خىل تاللاشلارغا بەرداشلىق بېرەلمەي نۇرغۇن ئاتلار مېيىپ بولۇپمۇ قالدى.سوھراپ بۇ قېتىم نەچچە ئونمىڭ ئاتنى سىناپ باققان بولسىمۇ  لىكىن لايىق كەلگۈدەك ئات تاپالمىدى.
شۇ ئارىدا قېرىراق بىر چوپان ئالدىغا  چىقىپ سوھرابقا مۇنداق دىدى:
  -مەن تۇلپار زاتىدىن  شۇنداق بىر ئىسىل قۇلۇننىڭ ئۇچۇرىنى بىلىمەن. ئۇنىڭ كۈچ قۇدرىتى شىردىن ئارتۇق تۇرىدۇ.قامىتىمۇ يوغان تاغدەك بار.ئۇنىڭ چېپىشىغا ئۇچار قۇشلارمۇ يېتىشەلمەيدۇ.ئۇنىڭدەك ئاتنى تېخى ھىچكىم كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، تۇياقلىرى پولاتتىن سوقۇلغاندەك مەزمۇت ۋە چىڭ، ئەەەر سەكرەيدىغان بولسا كۆكتە چاقماق چاققاندەك زاھىر بولىدۇ. دەريا دېڭىزلارغا كىرسە بېلىقتەك ئۈزۈپ،  چۆل -باياۋانلاردىمۇ ئۇچار ئوقتەك تېز چاپالايدۇ.ئەگەر جەڭگە مىنىپ كىرىپقالسىڭىزمۇ ياۋ بېشىنى بىر ئۆزىلا ئۈزۈپ تاشلىغۇچىلىكى بار...
قېرى چوپاننىڭ تەرىپلىرى دەل سوھرابنىڭ ئارزۇسى بىلەن بىردەك ئىدى شۇڭا ئۇ بۇ ئۇچۇردىن ئالەمچە شاتلىنىپ كەتتى.سوھرابنىڭ تەلىپى بىلەن قېرى چوپان ئۆزى سۈپەتلىگەن ئات بار يەرگە سوھرابنى باشلاپ باردى.
بۇ تېخى تاي ئات بولۇپ  سوھراب ئۇنى سىناپ بىلىنى قانچە باسسىمۇ ئىگىلمىدى.شۇنىڭ بىلەن سوھرابنىڭ ئۇنىڭغا تېزلا مىھرى چۈشتى.شۇنىڭ بىلەن سوھراب بۇ ئاتنى دەرھال ئىگەرلەپ مىنىپ سىناپ كۆردى.بۇ ئات بوي بەستى،رەڭگى،كۇچ قۇۋۋىتى،چېپىشىدىن تارتىپ سەكرەشلىرىگىچە ھەر تەرەپتىن سوھرابنىڭ دىتىغا ياقتى شۇڭا ئۇ تەڭداشسىز گۆھەر تېپىۋالغاندەك خوش بولۇپ ئات ئىگىسىنى تىللا ۋە گۆھە ر  ياقۇتلارغا كۆمىۋەتتى.
سوھراب كۆڭلىدە:‹‹مۇشۇنداق بىر ئىسىل ئاتقا ئىگە بولغىنىم يولۋاسقا قانات چىققاندەك بەك كاتتا ئىش بولدى.ئەمدى بۇ ئات بىلەن لەشكەر تارتىپ جەڭ قىلىدىغان بولسام كاۋۇسقا جاھان تارلىق قىلىدىغان بولدى.›› دىگەنلەرنى ئويلىدى.
سوھراب شۇ كۈندىن بۇيان ئۇرۇش تەييارلىقلىرىغا كىرىشىپ بىر تەرەپتىن ئۆزىگە باپ كەلەۈدەك چوڭ ۋە ئىسىل قۇرال ياراق تەييارلىسا، يەنە بىر تەرەپتىن لەشكەر توپلاشقا كىرىشىپ كەتتى.تەرەپ تەرەپتىن لەشكەر ۋە سىپاھلار كىلىپ ئۇنىڭ سېپىگە قوشۇلۇپ ئەسكىرى كۈچلىرىمۇ كۈندىن كۈنگە يۇقۇرى كۆتۈرۈلۈشكە باشلىدى.
سوھرابنىڭ بارلىق تەييارلىقلىرى پۈتۈپ بولغاندىن كېيىن  بىر كۈنى بوۋىسى سەمەنگان شاھىنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭدىن پاتىھە سورىدى:
-ئەي شاھ بوۋا،مەن نەۋرىڭىزمۇ چوڭ بولۇپ ياراملىق ئەرلەر قاتارىغا قېتىلدىم.لەشكەر ۋە قۇرال ياراقلارنى تەييارلاپ ئىران زىمىنىغا قارشى ئۇرۇش قىلىپ بارماققا تەييارلىنىپ بولدۇم.ئىشلىرىمنىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇشى،تىلىكىمنىڭ ئەمەلگە ئېشىشى ئۈچۈن پاتىھە بەرسىڭىز.
سەمەنگان شاھى نەۋرىسىنىڭ قىلغان سۆزلىرىنى ۋە قىلماقچى بولغان ئىشلىرىنى‹‹ توغرا›› دەپ قاراپ ئۇنىڭغا نۇرغۇن سوۋغا سالاملارنى بېرىپ ياخشى دۇئالارنى قىلىپ ئۇنى سەپەرگە ئۇزۇتۇپ قويماقچى بولدى.
ئەفراسىياپنىڭ   بەرمان بىلەن ھۇمماننى سوھراب ھوزۇرىغا ئەۋەتكەنلىكى
ئەفراسىياپ  سوھراپنىڭ بىھىساپ لەشكەر توپلاپ ئىرانغا كاۋۇس  بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى بارماقچى بولۇۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلاپ قالدى. ئۇ بىلىدىغانلاردىن سۈرۈشتۈرۈپ  سوھرابنىڭ  تېخى ئاغزىدىن سۈت ھىدى كەتمىگەن كىچىك بالا بولسىمۇ، لىكىن، ئۇنىڭ ناھايىتى باتۇر ئىكەنلىكىنى،خەنجەر بىلەن پۈتۈن يەر يۈزىنى بويسۇندۇرالىغۇدەك جاسارەتلىك ئىكەنلىكىنى بىلدى. بۇ ئەفراسىياپتەك كاۋۇسنىڭ كۈچىدىن قورقۇپ تاجاۋۇزچىلىق ۋە قىساسخورلۇق ئۇرۇشى قوزغىيالماي تۇرغان بىماجال دۈشمەن ئۈچۈن ئەلۋەتتە كاتتا خوش خەۋەر ئىدى.شۇڭا ئۇمۇ دەرھال جىددى ھەركەتكە ئۆتۈپ ناھايىتى كۆپ قوشۇن توپلىدى.بۇ قوشۇنلارنىڭ ئىچىدىن باتۇر لەشكەرلەردىن ئون ئىككى مىڭنى تاللاپ ئالاھىدە قوشۇن قىلىپ تۈزۈپ ئۇنىڭغا ھۇممان بىلەن بەرمان  ئىسىملىك قورقۇمسىز باتۇر ئىككى   سەركەردىلەرنى  قوماندان قىلىپ تەيىنلىدى.
بىر كۈنى ئەفراسىياپ ھۇممان بىلەن بەرماننى يېنىغا چاقىرتىپ ئۇلارغا مەخپى يارلىق بېرىپ شۇنداق دىدى:
ـ ئەي باتۇر ۋە دانا سەركەردىلىرىم  ،مەن سىلەرنى ئالاھىدە جەڭ ۋەزىپىسى بىلەن سوھرابنىڭ قوشۇنىغا ياردەمگە ئەۋەتىمەن.سىلەر ئۇنىڭ قوشۇنلىرى بىلەن بىرلىشىپ ئىرانغا قارشى جەڭ قىلىسىلەر. مېنىڭ ئىگەللىشىمچە  بۇ سوھراب دىگەن  رۇستەمنىڭ ئوغلى ئىكەن.لىكىن ئوغلى تۇغۇلغاندىن بۇيان بۇ ئاتا- بالىلار تېخى كۆرۈشۈپ  باقمىغان بولغاچقا، تېخىچە بىر بىرىنى تونىمايدىكەن.يەنە بىر پايدىلىق ئۇچۇر شۇكى رۇستەم كۆڭلىدە ‹‹ئوغلۇم تېخى كىچىك،ئەمدىلا ئون ياشقا كىردى.ئۇ تېخى بالىلىق ئويۇنلىرىنى ئويناپ يۈرگەن گۆدەك›› دەپ ئويلىغاچقا بۇ ئۇرۇش قوزغاپ چىققان سوھرابنىڭ ئۆز ئوغلى ئىكەنلىكىنى قىلچىمۇ خىيالىغا كەلتۈرمەپتۇ. بۇ تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان ئىنتايىن ياخشى پۇرسەت.ئىككى قۇدرەتلىك ئەجدىھا ئېلىشقاندا چوقۇم بىرى يېڭىلىپ ئۆلىدۇ.بۇ ئۇرۇشتا ئۇلاردىن قايسىلا بىرى يىڭىلىپ ئۆلسە بىز ئۈچۈن پايدىلىق. چۈنكى ئۇلار ئاتا -بالا، ھامان بىر كۈنى ئۇلار  بىرلىشىۋالسا تېخىمۇ چوڭ ئاپەتكە ئايلىنىپ، كاۋۇسقىمۇ ماڭىمۇ   ئەڭ زور تەھدىت بولاتتى.ئاڭلىشىمچە سوھراب دىگەن بۇ شىر يىگىت كۈچ ۋە ماھارەتتە  ئاتىسى رۇستەمنى بېسىىپ چۈشەر  ئىمىش.ئەگەر بۇ قېتىم رۇستەم ئۇنىڭ قولىدا ئۆلسە بىزنىڭ ئەڭ چوڭ دۈشمىمىمىز يوقۇتۇلغان بولىدۇ. رۇستەم يوقۇتۇلغاندىن  كېيىن بىز سوھرابنى ئۇيقۇغا مايىل قىلىپ قويۇپ ئۇنىمۇ ئۆلتۈرىۋېتەلىسەك ئەڭ كۈچلۈك دۈشمەنلىرىمىزنىڭ ھەر ئىككىسىلا يوقۇتۇلغان بولىدۇ.بۇ جەڭدىكى يەنە بىر پايدىلىق تەرەپ  شۇكى،جەڭدە  بۇ ئىككىسى بىر بىرى بىلەن ئېلىشىپ قايسىسى قايسىسىنى ئۆلتۈرمىسۇن ئۆلمەي ھايات قالغىنى كىيىن ئارىدىكى ئاتا- بالىلىق مۇناسىبەتنى بىلىپ قالسىمۇ ،چىدىغۇسىز  ئىچ قاينىقى ۋە ۋىجدان ئازابى تارتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن  ئۆزىدىن ئۆزى قىساس ئېلىپ ،ئۆزىنى ھالاك  قىلىۋېتىشى مۈمكىن.ئەگەر ئىش شۇنداقلا بولۇپ قالسا بىزگە قوش ئامەت يار بولدى دىگەن گەپ.شۇڭا سىلەر بۇ ئۇرۇش جەريانىدا سوھرابقا ئالاھىدە يېقىنلىشىپ يېنىدىن بىر مىنۇتمۇ ئايرىلماڭلار! نىمە قىلساڭلار قىلىپ،ئۇنىڭ  زور ئىشەنچىسىگە ئېرىشىۋېلىڭلار.سىلەرنىڭ ئالاھىدە مۇھىم ۋەزىپەڭلار ئۇرۇش قىلىش ئەمەس،بەلكى  تۈرلۈك چارە ئاماللار بىلەن بۇ ئاتا بالىلار ئارىسىدىكى خەۋەرلەرنى كونتىرۇل قىلىپ رۇستەم بىلەن سوھرابنىڭ  ئۆز-ئارا تونۇشۇۋېلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش.سىلەر  مۇشۇ بىر ئىشنىلا ئورۇندىيالىساڭلار بىھىساپ زور خىزمەت كۆرسەتكەن ھېساپلىنىسىلەر.
شۇ مەقسەد بىلەن ئەفراسىياپ بۇ ئىككى خائىننى نۇرغۇن قىممەتلىك سوغا سالام ۋە مەكتۈپ بىلەن سوھرابنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى.
  ئەفراسىياب سوھرابقا ئەۋەتكەن سوۋغات  بۇيۇملار ئىچىدە،كۈمۈش ئىگەرلىك ئو ئىككى ئەرەپ ئېتى بىلەن ئون ئىككى قېچىر.ئىسىل گۆھەر تاشلار بىلەن بىزەلگەن تاج،پىرۇزە بىلەن پىل چىشىدا زىننەتلەنگەن شاھانە تەخت قاتارلىق نەرسىلەر بار ئىدى.ئەفراسىياپنىڭ نامىسىدە مۇنداق سەپسەتىلەر پۈتۈلگەن:‹‹ئەگەر ئىران تەختىنى قولغا كەلتۈرەلىسەڭ جاھان تىنچىپ ھەممە ئادەم ئۆز بەختىنى تاپقان بولىدۇ.ئىران بىلەن تۇران ۋە سەمەنگانلارنىڭ ئارىلىقى بىر بىرىگە يېقىن.ئۇلار ئەزەلدىن بىر زىمىن ئىدى. سەن ئىران تەختىنى قولغا كەلتۈرەلىسەڭ مەن ساڭا تۇران زىمىنىنىمۇ ئۆتۈنۈپ بېرىپ، پۈتۈن يەر يۈزىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تىكلەپ ئەمرىڭنى قوبۇل قىلىمەن. بۇ ئۇرۇش تولىمۇ مۈشكۈل ئۇرۇش ،ھەمكارلىق بولمىسا نۇسرەت قازانغىلى بولمايدۇ.شۇڭا ئەگەر ساڭا بۇ ئۇرۇش  جەريانىدا ياردەم كېرەك بولسا مەن ساڭا يېتەرلىك لەشكەر چىقىرىپ بېرىمەن.ئالدى بىلەن ئىشلىرىڭغا يار يۆلەك بولۇشى ئۈچۈن تۇراندىكى باتۇرلانىڭ باتۇرى  ھېساپلىنىدىغان شىر ئەزىمەتلىرىمدىن ھۇممان بىلەن بەرماننى ساڭا ئەۋەتتىم.ئۇلار سەن بىلەن  مىھمان تەرىقىسىدە بىرگە تۇرۇپ ھەرقانداق تاپشۇرۇقۇڭ بولسا جان دىل بىلەن ئورۇندايدۇ.
ھۇممانلار سەمەنگانغا يېتىپ كەلدى. سوھراب ئۇلارنىڭ  كەلگەنلىك خەۋىرىنى ئاڭلاپ بوۋىسى ۋە باشقا يېقىن كىشىلىرى بىلەن  ئالدىغا چىقىپ  كۆرۈشۈپ قىزغىن كۈتۈۋالدى. ھۇممان كۆردىكى سوھراب ھەقىقەتەن قىرانلاردەك ئىگىز بويلۇق،پۈتۈن ۋۇجۇدىدىن كۈچ قۇدرەت تۆكۈلۈپ تۇرىدىغان ياش نەۋقىران ئىدى.سوھراب كەلگەنلەرنى شەھەرگە ئېلىپ كىرىپ زىياپەت بېرىپ ھاردۇق سورىدى.ئەڭ ئېزىز مىھمانلار قاتارىدا كۈتتى.  ھۇممان بىلەن بەرمانمۇ سوھرابقا ئەفراسىيابنىڭ مەكتۇبىنى ۋە سوغا سالاملىرىنى تاپشۇرۇپ بەردى.
سوھراب ئەفراسىياپنىڭ خېتىنى كۆرگەندىن كېيىن  ئۇنىڭ مەدىتىدىن خۇشال بولدى. باشقا تەييارلىقلىرى پۈتۈپ بولغاچقا جاھانغا سىغمىغۇدەك بىساناق كۆرۈنىدىغان  لەشكەرلىرىنى باشلاپ ،ناغرا دۇمباقلىرىنى چالدۇرۇپ ،جىن شەيتان، دىۋە پەرىلەرنىمۇ ھەيرانلىقتا قالدۇرۇپ زور داغدۇغا بىلەن ئىرانغا يۈرۈش قىلدى.
ئۇلار ئىران زىمىنىغا ئۆتكەندىن كېيىن ئاۋات زىمىنلارنى خاراپ قىلىپ پۇخرالارنىڭ مال مۈلكىنى بۇلاپ تالاپ،ئۆي ماكانلارغا ئوت قويۇپ ئاپەت ياغدۇرۇپ ماڭدى.
سوھرابنىڭ ئاق قەلئەگە يىتىپ كەلگەنلىكى
سوھراب قوشۇنلىرىنى باشلاپ ئىراندىكى ئەڭ مۇستەھكەم قەلئەلەرنىڭ بىرى ھېساپلىنىدىغان ‹‹ئاق ››دىگەن سۈپەت نامى بىلەن ئاتىلىدىغان قەلئەگە يېتىپ كەلدى.بۇ قەلئەنىڭ بېگى ھەجىر دىگەن كىشى بولۇپ- باتۇر،مەرگەن ۋە ئاقىل بەگلەردىن ئىدى.بۇ قەلئەدە يەنە گەجدەھەم ئىسىملىك يەنە بىر باتۇرمۇ بار بولۇپ ئادالەتنى ياقلايدىغان،زۇلۇمدىن قورىقمايدىغان،قىلىچ شەمشەر ئوينۇتۇشتا مەن مەن دىگەن باتۇرلارنى بېسىپ چۈشىدىغان پالۋانلاردىن ئىدى.ئۇنىڭ تولىمۇ گۈزەل لىكىن كۆندۈرۈلمىگەن ئاساۋ تايلاردەك باتۇر بىر قىزى بولۇپ ئىسمى گۇرداپەرىد ئىدى.
سوھراب قوشۇنلىرى بىلەن ئاق قەلئە يېنىغا كەلگەن ھامان ھەجىر ئاتقا بوراندەك تېز مىنىپ،قەلئەدىن   قوشۇن باشلاپ چىقىپ  سوھرابنىڭ لەشكەرلىرىنىڭ ئالدىنى توستى.سوھرابلار يولسىزلىق بىلەن قوشۇن باشلاپ بېسىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن غەزىپى قايناپ تاشقان ھەجىر بىرىنىچى بولۇپ سوھرابقا قارشى ئات سېلىپ چىقىپ تىل سالدى:
  -ئەي ئۆلۈم ئىزدەپ ئىران زىمىنىغا بېسىپ كىرىشكە پېتىنغۇچى،كىمسەن؟ سېنى نىمە دەپ ئاتايدۇ؟ نەسەبىڭ نىمە؟ بۈەۈن قولۇمدا ئۆلۈپ كېتىپ قالساڭ تۇققانلىرىڭنىمە دەپ يىغلايدۇ؟سېنىڭ نىمەڭگە نىمە يەتمەي نىزا ئىزدەپ زىمىنىمىزغا بېسىپ كىرىپ ناھەق قان تۆكىسەن؟
ھەجىر تىل سالغىنىچە ئات ئوينىتىپ كېلىپ سوھرابنىڭ بوغۇزىغا قارىتىپ نەيزە ئۇردى.سوھراب چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بۇ نەيزىنى ئۆتكۈزىۋەتتى.ئارقىدىنلا نەيزىگە كۈچىگەن پېتىچە سەنتۈرۈلۈپ ئۆزىگە  يېقىن كېلىپ قالغان ھەجىرگە قول ئۇزۇتۇپ  ئۇنىڭ كەمىرىدىن تۇتۇپلا ئىگەردىن يۇلۇۋالدى.ئاندىن كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك  بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ   يەرگە ئۇردى.يەرگە قاتتىق چۈشكەن ھەجىر  ئورنىدىن چاچراپ تۇرۇپ كېتىش ئورنىغا نەپەسمۇ راسلىيالماي قالدى.سوھراب ئۇنىڭ بېشىنى كەسمەك بولۇپ سەكرەپ ئېتىدىن چۈشتى. ھەجىرنىڭ يېنىغا كىلىپ ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن ياش ئېقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ تۇرۇپلا قالدى. بۇ ھالدا باتۇرنىڭ قىلىچ چېپىشقا قانداقمۇ كۆڭلى ئۇنىسۇن؟
ھەجىرنىڭ ئۇستىخانلىرى سۇنغان ئىدى.شۇڭا، زار قاخشاپ تولغىنىپ ئاران دىگەندە بېشىنى كۆتۈرۈپ سوھرابتىن ئۆتۈندى:
   -ئەي پالۋان،بۇ قەدەر باتۇرلۇقۇڭنى بىلمەپتىمەن. مېنى ئۆلتۈرمەي ئامان قوي!
سوھراب ئۇنى ئۆلتورۈشتىن قولىنى تارتىپ ئەسىر ئالدى.ئاندىن قول ئاستىدىكىلەرگە باغلاتقۇزۇپ يىراقتىكى ھۇمماننىڭ يېنىغا ئەۋەتىپ بەردى.
ھۇمماننىڭ قوشۇنىدىكىلەر داۋاملىق ئۇرۇشۇشتىن يالتىيىپ دەرھال چېكىنىپ قەلئە ئىچىگە كىرىۋالدى.سوھرابمۇ ئۇلارنىڭ كەينىدىن قوغلىمىدى.


سوھراپنىڭ گۇرداپەرىد بىلەن ئېلىشقانلىقى
بۇ ئۇرۇشتا تۇرانلىقلار سېپىدىكى ياش باتۇرنىڭ ئۈستۈن كېلىپ بىر زەربىدىلا ھەجىرنى يېڭىپ ئەسىر ئالغانلىقى ،ئۇنىڭ مىسلىسىز كۈچلۈك، توسقۇنسىز باتۇر ئىكەنلىكى ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى ئاڭلىغان  گەجدەھەم قىزى گۇرداپەرىد ھەجىرنىڭ قىسمىتىدىن بەك قايغۇردى.ئۇ باشتا تەرىپلىگىنىمىزدەك باتۇر چەۋەنداز قىز ئىدى.پۈتۈن قەلئەدىكىلەر ئۇنىڭ باتۇرلۇقىغا قول قويۇپ ئۇنىڭدىن ئۈمىد كۈتىشەتتى. گۇرداپەرىد ھەجىرنىڭ قىساسىنى ئېلقىش ئۈچۈن ئەتىسى تۇرقىنى ئۆزگەرتىپ ئەر چەۋەندازلاردەك ياسىنىپ سوھراب بىلەن ئېلىشىش ئۈچۈن   قەلئە سىرتىغا لەشكەر باشلاپ چىقتى.سوھرابمۇ  يىراق كەتمەي لەشكەرلىرى بىلەن قەلئەنى قورشاپ تۇرغان ئىدى.
گۇرداپەرىد  باتۇرلاردەك نەرە تارتقىنىچە ئات سېلىپ چىقىپ سوھرابنى جەڭگە چاقىردى:
  -ئەي تۇران لەشكەرلىرى قېنى سىلەر؟ سەردارىڭلار قېنى؟ مەن بىلەن ئېلىشالايدىغان،بىرگە بىر زەربە قايتۇرالايدىغان رەقىبىم قېنى؟!سىلەر بىز ئىرانلىقلارنى بوش چاغلاپ قالدىڭلارمۇ؟سىلەر ئادەم بولماي شىر چايان،ياكى لەھەڭ بولغان تەقدىردىمۇ بۈگۈن بۇ مەيداندا ئۆلۈمىدىن قۇتۇلالمايدۇ. قېنى نوچىسى بولسا چىقىپ ئالدىمدا ھۈنىرىنى كۆرسەتسۇن!
بۇ پوپۇزا گەپلەر ئالدىدا سوھرابنىڭ كۈلكىسى قىستاپ لىۋىنى چىشلىدى ۋە  دىدى:
-ياخشى قۇلاندىن يەنە بىرى قىلىچ دامىغا چۈشكىلى ئۆز ئايىقى بىلەن ئالدىمىزغا كەپتۇ.ئۇنىمۇ ياىشى كۈتىۋالايلى!
سوھراب ساۋۇت دوبۇلغىلىرىنى كىيىپ ،ئېتىنى مىنىپ تېزلىكتە گۇرداپەرىدنىڭ ئالدىغا ئات چاپتۇرۇپ كەلدى. سوھراب كامانىنى  قولىغا ئېلىپ ئۇنىڭغا ئوق سالدى.گۇرداپەرىد بۇنداق چوڭ كاماننى كۆرۈپ باقمىغاچقا ھەيران قالدى.بۇ شۇنداق كامان ئىدىكى ئوقى ئېتىلىدىغان بولسا ھەرقانداق چەبدەس قۇشمۇ ئۇنىڭدىن ئامان قالالمايتتى.گۇرداپەرىد خۇددى‹‹  قانداق ئاتساڭمۇ ماڭا ئوق تەككۈزەلمەيسەن!›› دىگەندەك  قىلىپ سوھرابنىڭ ئالدىدىا ئات ئويۇنى كۆرسۈتۈپ چەۋەندازلىق قىلدى.سوھرابنىڭ تېخىمۇ چىشى قېرىشتى.ئۇ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ قالقان تۇتقىنىچە بۇ ئاتىكاچا رەقىبىگە قارشى ئات سېلىپ كەلدى.گۇرداپەرىد:
- ئەي مەرىد،نەيزەمدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن. جېنىڭدىن ئۈمىدىڭنى ئۈز!   -دىگىنىچە شىددەت بىلەن نەيزە ئۇردى.سوھراب شۇئان قالقان تۇتتى.‹‹جاڭ›› قىلغان ئاۋاز بىلەن تەڭ قالقاندىن كۈچلۈك ئۇچقۇن چاچرىدى.سوھرابنىڭ قالقىنى مەزمۇت پولات قالقان بلغاچقا نەيزە ئۇنىڭدىن تىشىپ ئۆتەلمەي بىسى قايرىلىپ كەتتى.ئەگەر بۇ قالقاننى سوھرابتىن باشقا بىرى تۇتقىنىدا نەيزە قالقاننى تىشەلمىگەن تەقدىردىمۇ نەيزىنىڭ قاتتىق ئۇرۇلۇش زەربىسىدىن  قول بېغىشى سۇنغان بولار ئىدى.سوھرابنىڭ قولى ھىچنىمە بولمىدى.سوھراب ئارقىدىنلا قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ  چاقماقتەك شىددەت بىلەن گۇرداپەرىدنىڭ كەمەربەندىگە نەيزە ئۇردى.  بۇ زەربىدىن گۇرداپەرىدنىڭ ساۋۇتى سۆكۈلۈپ چاك چىكىدىن ئاجراپ كەتتى.سوھراب ئۇنى نەيزىسىنىڭ ئۇچى بىلەن ئىلىۋىلىپ خۇددى چەۋگەن توپنى ئاتقاندەك پىرقىرىتىپ يىراققا ئاتتى.بۇ ھالنى كۆرگەنلەر ئۇنى‹‹ چەۋگەن توپقا ئۇستا يىگىتكەن›› دەپ ئويلاپ قىلىشاتتى.گۇرداپەرىد چاقماق تىزلىكىدە ئورنىدىن تۇرۇپ يۇگۇرەپ كىلىپ ئاتىقا مىنىۋالدى.
سوھراب قايتا ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ گۇرداپەرىدكە قىلىچ ئۇردى.گۇرداپەرىد قېچىشقا ئۈلگۈرەلمەي نەيزە دەستىسى بىلەن تورىۋىدى نەيزە سۇنۇپ ئىككى بۆلەك بولۇپ كەتتى. بۇ قاتتىق زەربىنىڭ قاڭقىتىشى بىلەن گۇرداپەرىد يەنە كېسەكتەك ئاتتىن ئۇچۇپ كەتتى.ئۇ ھەقىقەتەن چاققان چەۋەنداز ئىدى.يىقىلغان يېرىدىن بىر موللاق بىلەنلا سەكرەپ تۇرۇپ ئاڭغىچە يېنىغا كېلىپ بولغان ئېتىغا يەنە مىنىۋالدى.سوھراب يېقىنلىشىپ كېلىۋىدى يەنە نەيزە ئۇردى.سوھراب يەنە قالقان بىلەن توسۇۋالدى...
ئۇلار شۇ تەرىزدە خېلى ئۇزۇن ئېلىشتى. سوھراب تەڭداشسىز باتۇر بولغاچقا گۇرداپەرىدنىڭ نەيزە تۇتقان قوللىرى تېلىپ سىرقىراپ ئاغرىپ  بولالماي قالدى.ئۇ داۋاملىق ئېلىشىۋەرسە سوھرابنىڭ قولىغا چۈشۈپ قالىدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ  سوھرابنى ھىلە  بىلەن قايمۇقتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپلا غەزەپ بىلەن  بىلەن قامچا ئۇرۇپ قەلئەتەرەپكە قاچتى. ئات تۇياقلىرىدىن چاڭ توزان كۆتۈرۈلدى. سوھراب شۇنداق قاتتىق غەزەپلەندىكى رەڭگى تۆمۈردەك كۆكۈرۈپ كەتتى.ئۇمۇ ئېتىنىڭ تىزگىنىنى بۇراپ تاپ باستۇرۇپلا  گۇرداپەرىدنىڭ كەينىدىن قوغلاپ ماڭدى.سوھراب ئۇنىڭغا يىتىشىپ كىلىپ قول ئۇزۇتۇپلا دوبۇلغۇسىنى يۇلۇۋالدى.دوبۇلغا ئېلىنغان ھامان دوبۇلغا ئىچىگە يوشۇرۇنغان سۇمبۇلدەك قاپقار گۈزەل چاچلار چۇۋۇلۇپ چىقتى.شۇنىڭ بىلەن تەڭ تۈن يورۇپ قۇيش چىققاندەك   قىزنىڭ ئاپتاپتەك روشەن گۈزەل جامالى  سوھرابنىڭ كۆز ئالدىدا نامايەن بولۇپ  ئۇنى ھاڭ -تاڭ قالدۇردى.
بۇ تەئەججۈپلۈك ھال سوھرابنى پىكىر قىلىشقا مەجبۇر قىلدى:‹‹ بۇ قەلئەنىڭ قىزلىرى شۇنچە باتۇر تۇرسا ،يىگىتلىرى قانچىلىك باتۇردۇ؟! ئەەەر ئەر چەۋەندازلىرى بىلەن قەڭ قىلىشىپ قالسام بۇلۇتتىن تارتىپ تا كۈنگە قەدەر چاڭ چىقىرىۋەتكەيمۇ؟!›› سوھراب خىيال سۈرۈپ تۇرىۋەرسە جانان قېچىپ قولدىن چىقىپ كېتەتتى.ئۇ دەرھال قولىغا ئارغامچا ئېلىپ  قىزنىڭ بوينىغا كەمەنىد  تاشلاپ ئۇنى ئاتتىن موللاق ئاتقۇزۇپ  بەنىد قىلىۋالدى. گۇرداپەرىد ئوۋچى قولىغا چۈشكەن كىيىكتەك تىپىرلاپلا قالدى.

سوھراب گۇرداپەرىدنى بەنىد قىلىۋالغاندىن كېيىن ئۇنىڭغا دىدى:
   -ئەي مەھلىقا ،سەن بىر قىز بالا تۇرۇپ نىمە دەپ جەڭگە كىردىڭ؟ مىنىڭ كەمەندىم دائىم كىيك قۇلانلارنى بەنىد قىلىپ تۇرسىمۇ تا ھازىرغىچە سېنىڭدەك كىيىكنى بەنىد قىلىپ باقمىغان ئىدى.ئوۋچى قولىغا چۈشكەن كىيىكنىڭ قانداق ئاقىۋەتكە قالىدىغانلىقىنى سەن ياخشى بىلىسەن.سېنى ئەمدى مەندىن ھىچكىم قۇتۇلدۇرۇۋالالمايدۇ.ئەمدى قانچە تىپىرلىساڭمۇ مىنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.
گۇرداپەرىد كەمەندىن قۇتۇلۇشقا قانچە ئۇرۇنسىمۇ پايدىسى بولمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ سوھرابقا يۈزلىنىپ ئېغىز ئاچتى:
  -ئەي مەردانە شىر،مەردانىلار ئارىسىدىكى شىر ئالقانلىق ئەر،ھازىر ھەر ئىككى تەرەپ قوشۇنلىرى سەپراس بولۇپ ،تۇغ ئەلەملىرىنى لەپىلدىتىپ ئىككىمىزنىڭ جېڭىنى تاماششا قىلىۋاتىدۇ.مانا شۇنداق جەڭ سورۇنىدا يۈزۈمنىڭ ئېچىلىپ كېتىشى،ۋە مىنىڭ قىز ئىكەنلىكىم ئاشكارە بولۇپ قېلىشى، قوشۇن ئىچىدە پىتنە- ئىغۋا ۋە باشقا تۈرلۈك مىش-مىش گەپلەرنىڭ پەيدا بولۇشىغا سەۋەپچى بولىدۇ. سەنمۇ ھەقىچان بۇ تەرەپلەرگە ئاياللار بىلەنلا جەڭ قىلىش ئۈچۈنلا  كەلمىگەن بولغىيدىڭ؟ شۇنى بىلەمسەنكىن،ئاياللار بىلەن ئېلىشىپ ئۇنى يەڭگەن ئەر شەرەپكە ئېرىشىشئۇياقتا تۇرسۇن ، بەلكى ئۈستىگە ئۇياتلىق يۈكىنى ئارتىۋالىدۇ.شۇڭا بۇ جەڭنىڭ نەتىجىسىنى يوشۇرغىنىڭ،مېنى ئەسىر ئالماي قويۇۋەتكىنىڭ خوپ بولۇرمىكىن.قورغان مەسىلىسگە كەلسەك ،قورغاندىكىلەر سەن بىلەن جەڭ قىلىشنى ئەمەس تىنىچ ئەل بولۇشنى خالايدۇ.شۇڭا سەن ئۇلارنى ئۆزۈڭ بىلەن يارىشىشىقا قايىل كەلتۈرگىن .
گۇرداپەرىدنىڭ گۈزەل ھۆسنى جامالىدىن ۋە قىلغان ئۆتكۈر سۆزلىرىدىن لال بولۇپ كەسكىن قول سېلىشقا پېتىنالمىغان سوھراب ئاخىرى ئۇنى قويۇۋەتتى.گۇرداپەرىد قايتىش ئۈچۈن  قورغانغا قاراپ ماڭغاندا سوھراب ئۇنى ئاگاھلاندۇرۇپ شۇنداق دىدى:
  -ئەي دىلرابا،مىنى ئالدايمەن دىمە، ۋەدەڭگە ۋاپا قىل. تېزراق ئەل بولۇشنىڭ يولىنى تۇت.سەن جەڭ قىلىش  جەريانىدا مېنى سىناپ كۆردۈڭ.قەلئەيىڭدە ماڭا تەڭ كىلەلىگۈدەك،مەن بىلەن روبىرو ئېلىشالىغۇدەك باتۇر قالمىدى.قەلئەيىڭنىڭ پۇختىلىقىغا ئىشىنىپ مېنى ساختىلايمەن دەپ ئاۋارە بولما،قەلئەيىڭلار ئاسمان پەلەك ئىگىز بولغان تەقدىردىمۇ مىنىڭ گۈرزەم ئۇنى چوقۇم  بويسۇندۇرالايدۇ.
گۇرداپەرىد ئېتىنىڭ تىزگىنىنى بۇراپ قەلئە تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.سوھرابمۇ ئۇنىڭغا ئەگەشتى.سوھراب دەرۋازىغا يېقىن كەلگەندە گەقدەھەم ئۇنىڭ ئالدىنى توسۇۋالدى.گۇرداپەرىد دەرۋازىنىڭ ئېچىلغان پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ قورغان ئىچىگە ئامان –ئېسەن كىرىۋالدى.ئاتا –بالا دەرۋازىدىن  كىرىپ بولغاندىن كېيىن دەرۋازىنى چىڭ يېپىۋېلىشتى.
سوھرابنىڭ تەڭداشسىز باتۇرلۇقى،ھەجىرنىڭمۇ،گۇرداپەرىدنىڭمۇ ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىگەنلىكى قورغاندىكىلەرنى قاتتىق ئۈمىدسىزلەندۈردى. قورغاندىكىلەرنىڭ ھەممىسى  دەرد- ئەلەمدە ھەسرەت يۇتۇشتى.قورغاننىڭ تەقدىرىدىن قاتتىق ئەنسىرەشتى.
گەجدەھەم قىزىنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا دىدىكى:
   -ئەي پاك كۆڭۈل،باتۇر قىزىم،سېنىڭ بۈگۈنكى ئەھۋالىڭنى كۆرۈپ دىلىم غەمگە تولدى.سەن قاتتىق ئېلىشىۋاتقان چېغىڭدا ساڭا زەخمەت يىتىپ قېلىشتىن قانچىلىك ئەنسىرىگىنىمنى بىلەمسەن؟! ئەگەر ساڭا جەڭ مەيدانىدا بىر ئىش بولۇپ قالغان بولسا  ئكزۈڭنىلا ئەمەس قەلئەيىمىزنىمۇ نومۇسقا قويغان بولار ئىدىڭ، قانداق سىھىر ئىشلەتتىڭكىن خۇدا ساقلاپ ئامان ئېسەن قالدىڭ.
گۇرداپەرىد بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ قويۇپ قوشۇنلىرىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ئۈچۈن كەتتى. قوشۇنلارنى ككزدىن كەچۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ،قەلئە تېمىغا چىقىپ سىرتنى كۈزەتتى.سوھراب ئورنىدا مۇقىم تۇرۇپ گۇرداپەرىدنىڭ جاۋابىنى كۈتۈۋاتاتتى.گۇرداپەرىد ئۇنىڭغا قاراپ دىدى:
   -ئەي تۇرانلىق پالۋان،سۆزۈمگە قۇلاق سال! سەن قەلئەيىمىزنى ئىشغال قىلىمەن دەپ  بىزگە چىڭ يېپىشىۋالماي بۇ يەردىىن چاپسانراق  كەت.ئۆتكەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى ئۇنۇت.بۇ قەلئەنى ئىشغال قىلىمەن دىگەنلىك ساراڭنىڭ خىيالىنى قىلغانلىق بولىدۇ.ۋاقتىڭنى ئىسراپ قىلمىغىن.
سوھراب بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ جاۋابەن شۇنداق دىدى:
  -ئەي مەھلىقا، تولا ئويۇن ئوينىماي ۋەدەڭدە تۇرۇپ چاپسانراق چىقىپ ئەل بول، چىرايلىقچە ئەل بولساڭ بۇرۇنقىدەكلا ئىززەت ئابرۇيۇڭ،مەرتىۋەڭ بولىدۇ.ئەگەر ھىيلە ئىشلىتىمەن دىسەڭ ، مەن سېنى تونۇغان بىلەن گۈرزەم ئادەم تونۇمايدۇ.بۇدا قولۇمغا چۈشۈپ قالساڭ ،قىزلىقىڭغا باقماي يەر بىلەن تەڭ قىلىۋېتىمەن. ئۈستىڭگە گۈرزە تەككەن مەھەلدە پۇشايمان قىلىشقىمۇ ئۈلگۈرمەي ئازاپلىق تولغۇنۇپ ھۇشۇڭدىن كېتىسەن.
    -ئەي تۇرانلىق باتۇر،   -دىدى گۇرداپەرىد كۈلۈپ    -سەن بىز ئىرانلىقلارنى شۇنچە ئىرادىسىز،ۋىجدانسىز كۆرۈپ قالدىڭمۇ؟ بىز ئىران قىزلىرى قانداقمۇ ئۆز دۈشمىنىمىزگە كۆڭۈل بېرىپ ئۇنىڭغا مەھبۇب بولغايمىز؟سەن مېنى تولا ئارزۇ قىلماي،ئۈمىدىڭنى ئۈز،يولۇڭغا ماڭ،مەن سەندەك ئۇرۇق ئەۋلادىنىڭ تايىنى يوق تاجاۋۇزچىلارغا ئەمەس، بەلكى داڭلىق ئىران باتۇرىغا لايىق.سەن گەرچە ھازىر ھەممىدىن بۈيۈك، ھەممىدىن باتۇر بولساڭمۇ،قەلئەيىمىزدىن ساڭا تەڭ كىلەلىگۈدەك بىرەرسى چىقمىسىمۇ لىكىن بۇ ئىش ئۇزاققىچە شۇنداق تۇرۇۋەرمەيدۇ. شاھىنشاھىمىز كەيكاۋۇس  سېنىڭ قوشۇن باشلاپ كىلىپ ئېلىمىز زىمىنىنى تالان تاراج قىلىۋاتقىنىڭنى،بىگۇناھ پۇقرالارنى قىرىۋاتقىنىڭنى ئاڭلاپ قالسا جەزمەن  ياردەمگە زور قوشۇن ئەۋەتىدۇ.ئىراننىڭ ئەڭ زور باتۇرى ۋە ئىپتىخارى رۇستەم ئۆزى قوشۇن باشلاپ كىلىپ بىزنى بەنىدتتىن ئازاد قىلىدۇ.سەندەك ئۆزىنى بىلەلمەي قالغان ئەقىلسىزنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ، ئىككىنچىلەپ ئىران تەرەپكە قارىيالمايدىغان،ئىران خىيالىنىمۇ قىلالمايدىغان قىلىۋېتىدۇ.ئەگەر سەندە ئەقىل بولسا ھازىرلا لەشكەرلىرىڭگە بۇيرۇق بېرىپ تۇرانغا قايتىپ كەت.جېنىڭ ئامان قالسۇن.بىھۇدە قانلار تۆكۈلمىسۇن.
بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ سوھرابنىڭ شۇنداق ئاچچىقى كەلدىكى ئەلەمدىن بوغۇلۇپ ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ كەتتى.‹‹ھەي ئىسىت   - دەيتتى ئۇ ئەلەم يۇتۇپ تۇرۇپ،   -مەن نىمە دىگەن ئەخمەق،باتۇر ئايجامال قىزمۇ،بۇ گۈزەل ئاۋات قەلئەمۇ قولۇمغا چۈشۈپ بولغاندا ،قىزنىڭ ھىلە ئىشلىتىپ قىلغان تەنىلىرىگە ۋە يالغان ۋەدىلىرىگە ئالدىنىپ ھەر ئىككىلىسىنى قولدىن چىقىرىپ قويدۇم.ئەمدى كۆرسۇن ،ھەر ئىككىلىسىنى يەنە قانداق قولغا كىرگۈزىمەنكىن؟!››  سوھراب شۇلارنى ئويلاپ غەزەپ كۈچىدە  قوشۇنلىرىغا بۇيرۇق بەردى:
   -ھەممەيلەن قورغانغا قاتتىق تىگىش قىلىڭلار، قورغاننى ئىشغال قىلىپ كىرىپ قورغاندىكى چوڭ كىچىك ھەممىنى تاراق قىلىڭلار!
قوشۇنلار قۇرال ياراقلىرىنى تەقلەپ،ئاتلىرىغا مىنىپ ئەمدىلا بۇيرۇقنى ئىجرا قىلىشقا ئاتلىنىش ئالدىدا سوھراب بۇيرۇقىنى يەنە ئۆزگەرتتى.
-        توختاڭلار! بۈگۈن ھەممىمىز بىر كۈن جەڭ قىلىپ ھاردۇق-چارچىدۇق.شۇڭا ھازىر  ھەممەيلەن بارگاھقا قايتىپ ئوبدان ئارام ئېلىۋېلىڭلار.ئوبدان ئوزۇقلىنىپ كۈچ ماغدۇر يىغىۋېلىڭلار.ئەتە قورغانغا تىگىش قىلىپ شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلايلىكى گۈرزە قىلىچلىرىمىز ھەيۋىتىدىن ئاق قەلئەنى توپا دۆۋىسىگە ئايلاندۇرۇۋەتسۇن!
شۇ سۆز بىلەن قوشۇن كەينىگە قايتىپ ئارام ئېلىشقا چۈشتى.

گەجدەھەمنىڭ كاۋۇسقا مەكتۇپ يازغانلىقى
سوھراب بارگاھىغا قايتقاندىن كېيىن گەجدەھەم ئىران شاھى كاۋۇسقا قارىتىپ- ‹‹لەشكەر ئەۋەتىپ ياردەم بېرىش›› توغرىسىدا جىددى نامە يېزىپ- چاققان،پەملىك ،باتۇر بىر چاپاردىن ئەۋەتتى.مەكتۇپتا: تۇراندىن 14ياشلار چامىسىدىكى كاتتا بىر سىپاھنىڭ كەلگەنللىكىنى،ئۇنىڭ قامىتى سەرۋىدىن ئىگىز،يۈزلىرى قۇياشتىن يورۇقراق،ئالقىنى تاغنى تالقان قىلغۇدەك شىر ئالقان،خىسلەتلىك بىر پالۋان ئىكەنلىكى؛ئۇنىڭ ھەر كۈنى بىر ھىندى قىلىچىنى كۆتۈرۈپ جەڭگە كېلىدىغانلىقىى؛باتۇرلۇقتا تاغۇ-دېڭىزلارنى بېسىپ چۈشكىدەك بۇ نەۋقىران يىگىتكە ھىچقانداق ئىران باتۇرىنىڭ بەھس كىلەلمىگەنلىكىى؛تا ھازىرغىچە ھىچكىم ئۇنىڭ قەڭدە نەرە تارتقان چېغىدىكىدەك گۇلدۇر چاقماق دەھشەتلىك ئاۋازنى ئاڭلاپ باقمىغانلىقىى،ئۇ جەڭ مەيدانىدا قولىدىن ھىچبىر ئىنسان بالىسىنى تىرىك چىقارمايدىغان ھايات ئەزرائىل ئىكەنلىكىى؛مەيلى ئىران،مەيلى تۇراندا بولسۇن، ئۇنىڭغا تەڭ كىلەلىگۈدەك ھىچبىر پالۋاننىڭ تېپىلمايدىغانلىقى؛ئۇنىڭ نامىنىڭ سوھراب بولۇپ ،ئۇرۇشتا نە شىر ،نە دىۋىىن يانمايدىغان باتۇر قاپ يۈرەك ئىكەنلىكى؛باتۇرلۇق –قەھرىمانلىقى،بوي بەستى،چىرايى قاتارلىق جەھەتلەردە نەيرەم،سام،رۇستەملەردىن پەرىقسىزلىكى... قاتارلىق تەرىپلەرنى يېزىپ كىلىپ ،ئالدىنقى كۈنى ھەجىر بىلەن جەڭ قىلىپ  ئۇنى ئەسىر ئالغانلىقى، ئۇنىڭدىن كىيىنكى جەڭلەردە ھىچكىم ئۇنىڭغا  تەڭ تۇرالمىغانلىقى ھازىر قەلئەدىكىلەر چېكىنمىسە ئەتە ئۇنىڭ زور قوشۇن بىلەن توپان بالاسىدەك باستۇرۇپ كىرىپ ھەممىنى قىرىپ تاشلايدىغانلىقىى،شۇڭا باشقا  ھىچ ئىلاج  قىلالمىغاچقا قەلئەنى تاشلاپ چېكىنىشكە مەجبۇر بولغانلىقى،كۈچلۈك سەردار ۋە خىل قوشۇن ئەۋەتىپ ئۇنى توسىمىغاندا ئىران بېشىدا ئوت كۆيۈپ پۈتۈن زىمىن تۇرانغا ئۆتۈپ كېتىدىغانلىقىغىچە بولغان پىكىر قاراشلىرىنى يېزىپ ياردەم تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان ئىدى.
چاپارمەن بوراندەك ئۇچقۇر جۈپ ئاتقا دەملەشتۇرۇپ مىنىپ، بىكەت راباتلاردىمۇ توختىماي،توسقۇنغا ئۇچرىماي ئۈزلۈكسىز ئىلگىرلەپ كاۋۇسنىڭ يېنىغا يۈرۈپ كەتتى.
ئەمدى ئاق قەلئەدىكىلەرگە كەلسەك چاپارنى يولغا سېلىپ بولۇپلا گەقدەھەم ‹‹پۈتۈن قوشۇن مەخپى يوللار بىلەن قەلئەدىن چېكىنىپ چىقسۇن!›› دەپ بۇيرۇق بېرىپ،بارلىق تەييارلىقلىرىنى پۈتتۈرۈپ، يېرىم كىچىدىن ئاشقاندا سېپىل ئاستىدىكى پىنھان يەر ئاستى يولى بىلەن بارلىق لەشكەرلىرىنىۋە پۇقرالارنى ئېلىپ قەلئەدىن چېكىنىپ چىقىپ كېتىشتى.قەلئەدە بىرمۇ ئادىمىزات قالمىدى.

سوھرابنىڭ ئاق قەلئەنى ئالغانلىقى
ئەتىگەندە قۇياش قىزارغان كۆزلىرىنى ئۇۋۇلاپ ئۇپۇق ھوجرىسىدىن ئويغۇنۇپ شەپەق پەردىسىنى قايرىغاندا سوھراب لەشكەر باشلاپ كىلىپ قەلئەنى ھەر تەرەپتىن قورشىدى.سوھراب خىيالىدا قەلئە باتۇرلىرى بىلەن بىر- بىرلەپ ئېلىشىپ، ئۆزىگە قارشى چىقىشقا پېتىنغانلارنىڭ بەرىنى ئەسىر ئېلىپ ئۆزىنىڭ كۈچ ۋە ھەيۋىسىنى يەنە بىر كۆرسۈتۈپ قويۇش ئۈچۈن ئات ئوينىتىپ كېلىپ يۇقۇرى ئاۋازدا  قەلئەدىكىلەرنى ئۇرۇش قىلىشقا چاقىردى.ئەپسۇسكى قەلئەدىن قىلچە سادا بولمىدى.قەلئە دەرۋازىسى ئىتىك بولۇپ سېپىل كۈنگۈرىلىرىدە بىرمۇ لەشكەر كۆرۈنمەيتتى.ئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە دەرۋازا ئالدىغا كىلىپ بىر تىپىۋىدى .دەرۋازا بۇ تىپىشكە بەرداشلىق بېرەلمەي ئۆرۈلۈپ چۈشتى.سوھراب غەزەپلىك نەرە تارتقىنىچە بىرىنچى بولۇپ قەلئەگە ئاتلىق گۈرزە ئوينۇتۇپ  باستۇرۇپ كىردى.
ئەجدىھا كەبى ھەيۋە بىلەن باستۇرۇپ كىرگەن سوھراب قەلئە ئىچىدە بىرمۇ لەشكەر  يوقلۇقىنى كۆرۈپ داڭ قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. قەلئەدىكىلەرنىڭ شۇنچە قاتمۇ قات قورشاۋ ئىچىدىن قۇش بولۇپ ئۇچقاندەك ،ياكى سۇ بولۇپ سىڭگەندەكلا غايىپ بولۇپ كېتىشى ھەرقانداق كىشىنى تەئەججۈپكە سالاتتى. سوھراب تەرەپ تەرەپلەرگە چارلامچى ئەۋەتىپ قېچىپ كېتىشكە ئۈلگۈرەلمەي قېلىپ  قالغان قېرى ،ئاجىز ،مېيىپ پۇقرالاردىن 30-40نى تاپتۇرۇپ كەلدى.ئۇلار  نىمە يامان ئاقىۋەتكە قېلىشىنى بىلەلمەي لاغىلدىشىپ تىترىشىپ  تۇرۇشاتتى.سوھرابقا ھەممىدىن بەك ئەلەم قىلغىنى لەشكەرلەرنىڭ يوقالغىنى ئەمەس بەلكى گۇرداپەرىدنىڭ يوق بولۇپ كەتكىنى ئىدى.بۇ گۈزەل مەھلىقا ئۆزى يوقالغىنى بىلەن  ئىشقى  ئوتى بىلەن سوھرابنىڭ  يۈرىكىنى ئەسىر قىلىپ،ئەقىل ھۇشىنى بىرگە ئېلىپ كەتكەن ئىدى.

سوھراب ھەدەپ گۇرداپەرىدنى ئىزدەيتتى.ئۇنىڭ ئىشقىدىن جېنى قىينىلىپ ھىچبىر ئارام تاپالماس ئىدى.كۆڭلىدە يۈزمىڭلاپ دەرد ھەسرىتى قوزغۇلۇپ جېنىغا ئىكەك بولاتتى:‹‹ئۇئاي يۈلۈك نەگە كەتكەندۇ؟! بۇلۇتلار ئارىسىغا يوشۇرۇنۇۋالغاندىمۇ؟! ئىشىق سەھراسىدا ئوۋ ئىزدەپ يۈرگىنىمدە ئاران قولغا چۈشۈرگەن ئىپار كىيىكىمنى رەھىمسىز پەلەك مىنىڭدىن تارتىۋالدى.كەمەندىمگە ئۆزى كىلىپ چۈشكەن ئاھۇ كىيىكىم  مىنى ئىشقى كەمەندىگە بەند قىلىپ قويۇپ  ئۆزى قېچىپ كەتتى.ھازىر ئوۋچى مەن بولماي ئۇ بولۇپ قالدى. ئۇ پەرىنىڭ گۈزەل رۇخسارىغا كۆزۈم چۈشكەن شۇ مىنۇتتىن بېرى غەم ئۆيىنىڭ تۇتقۇنى بولۇپ قالدىم .ئۇ دىلرابا مىنىڭ ئۈستۈمگە غەم تاغلىرىنى يۈكلەپ قويۇپ  ئۆزى نەگىمۇ كەتكەندۇ؟! ئۇنىڭ كىرپىكلىرى كىرپىك ئەمەس ئۆتكۈر تىغ ئىكەن. بۇ تىغلار قىنىدىن چىقمايمۇ قان تۆكەلەيدىكەن.بۇ تىغلار دەستىدىن قەلبىم شورلۇق،تىنىمدە ئىشىق چاڭقاقلىقىدىن مادار يوق.ئۇز ئاق ئەتىرگۈلۈم مىنى ئۆزۈمگىمۇ تۇيدۇرماي ئىشقى جېڭىدە ئەسىر قىلىۋاپتۇ.ئۇنىڭ ئىشقى ئىشىق ئەمەس سېھرى تىلسىم ئوخشايدۇ.ئۇنى كۆرگىنىمدىن بۇيان ھالىم خاراپ،يۈرۈكۈم پىژ-پىژ كاۋاپ،ھالىمنى ئېيتار ئىدىم،بولسا قولۇمدا راۋاپ.مانا تىلىمغا نىمە بولغان؟! تىلىم سۆزگە كەلمەيدۇ.ئۇنىڭدەك چېھىرنى،ئۇنىڭدەك شېرىن سۇخەننى ئىنسان بالىسى ئۇخلىسا چۈشىدىمۇ كۆرەلمەيدۇ.ئىسىمدە، ھەممىسى ئىسىمدە ،ئۇنىڭ  ماڭا قىيا باققاندىكى نۇرلۇق جامالى،دوبۇلغىنى تارتىپ ئالغان چاغدىكى چاچلىرىنىڭ دولقۇنلىنىپ ھەربىر تېلى بىر كەمەند بولۇپ ئەقلىمنى بەنىد قىلىشى،قىلغان ھەر بىر ئېغىز قاننى ئېلىپ ياندا قويىدىغان ئېزىقتۇرغۇچى سۆزلىرى ھەممىسى ئېسىمدە ! ئۇنداقنى يەنە تاپالارمەنمىكىن؟! شۇنداق پەرى پەيكەرنى،تەييار قولۇمغا چۈشكەن دىل ئارامىمنى ئەقىلسىزلىك قىلىپ قولدىن چىقىرىپ قويغىنىم ئۈچۈن بۈگۈن مەن قانلىق ياش تۆكۈپ زار-زار يىغلىساممۇ ئازلىق قىلىدۇ.›› مانا بۇلار ئۇنىڭ قەلىب سۆزلىرى ئىدى.لىكىن كۆڭلىدىكى بۇقەلىب يارىلىرىنى باشقىلارنىڭ بىلىپ قېلىشىنى خالىمايتتى.قانچە يوشۇرىمەن دىسىمۇ كۆزلىرىدىن ئاققان ياشلار قەلىب سىرلىرىنى ئاشكارىلاپ قويۇشقا ئۇرىناتتى.
زېرەك ھۇممان بىرىنچى بولۇپ ئۇنىڭ ئەھۋالىدىن خەۋەردار بولدى. ئۇ ئەپلىك بىر پۇرسەت تېپىپ سۆز باشلاپ دىلىدىكى ئويلىغانلىرىنى تۆكۈۋەتتى:
   -ئەي پالۋىنىم،بوۋىلىرىمىز ئادەتتە يىراق يات كىشىلەردىن قېرىنداش تۇققانلانى ئەۋزەل كۆرۈپ كەلگەن. مىنىڭچە بولغاندا ئۇچرىغانلا كىشىگە كۆڭۈل بەرمەكلىك ، پۈتۈن مىھىر-مۇھاببىتىنى بېغىشلاپ ئۇنىڭ ئىشقىدىن مەست بولۇپ جېنىنى ئازاپتا قويماقلىق خاتا.كىمىكى  ھەر ئىشتا دادىل ۋە پالۋان بولالىسا پەرىلەرنىڭ ئالدامچىلىقى زىيان سالالماس.يۈرەكلەرنى بەند قىلىپ ئۆزىگە ئەسىر قىلالماس.
ئەگەر كىمىكى سەۋرىلىك ۋە تاش يۈرەك بولالىسا پەلەكمۇ زۇلۇم سالالماس،ئىشقى مۇھەببەتمۇ ئىلكىگە ئالاماس. ئەزەلدىن جاھاننى ئىلكىگە ئېلىشتەك جاھانگىرلىك ئۇلۇغ مەقسىدىنى دىلىغا پۈككەن ئالەمگىر باتۇرلار پەرى يۈزلۈكلەرگە بېرىلگەن ۋە ئىشىق يولىنى تاللىغان ئەمەس.ئۇلۇغ شاھىنشاھىمىز ئەفراسىياپ سېنى ‹‹چىن پەرزەندىم›› دەپ تونۇيدۇ.بۈگۈن ئۇنىڭ ھىممەت كۆرسىتىشى بىلەن پۈتۈن قۇرۇقلۇق ۋە ھاۋا سېنىڭ ھۆكمىڭگە ئۆتتى.بىز ئىران ۋە تۇراننى بىرلىككە كەلتۈرۈپ ئۇلۇغ ئىمپىرىيە قۇرۇشتەك بۈيۈك مەقسەدنى كۆڭلىمىزگە پۈكۈپ ،نۇرغۇن قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ بۇ يەرگە كەلدۇق.بىزنىڭ ھازىرغىچىلىك قىلغان ئۇرۇشلىرىمىز نەتىجىلىك ۋە توسقۇنسىز بولدى.بىز ئىراننى پۈتۈنلەي بويسۇندۇرىمىز،يەر زىمىنىنى قوشۇۋالىمىز،دەيدىكەنمىز- باتۇرلۇق بىلەن داۋاملىق ئىلگىرلىشىمىز كېرەككى، ھەرگىز بىر ئىزىمىزدا توختاپ قالماسلىقىمىز كېرەك.بىزنىڭ ئۇچرايدىغان  جاپايىمىز،تارتىدىغان ئازاپلىرىمىز تېخى ئالدىمىزدا.بىز تېخى ئىراننىڭ تۈمەنمىڭ كىشىلىك قوشۇنلىرى بىلەن ،رۇستەم،گۇدەرىز،گېۋ، فەرامۇرزۇ،بەھرام،روھھام،گۇرگىن،پەرھاد،قاتارلىق ئاتاقلىق پالۋانلىرى بىلەن تۇتۇشۇپ رەسمى قاتتىق  جەڭلەرنى قىلىپ باقمىدۇق.ئۇلارنىڭ نامى ئۇلۇغ بولۇپلا قالماي گۈرزىلىرى پىلدىن ئېغىر.جاسارىتى قۇياشتىن ئۈستۈن.ئۇلار بۇ كەمگە بىزنىڭ ئەھۋالىمىزدىن خەۋەردار بولۇپ بىز بىلەن ھايات ماماتلىق جەڭلەرنى قىلغىلى،ھالىمىزنى يەر قىلغىلى توپلۇشۇپ كېلىشىدۇ.
مۇنداق دىگىنىم باشقىلارنى كۆتۈرۈپ ئۆزىمىزنى چۆكۈرگىنىم ئەمەس.سەنمۇ باتۇرلۇق ۋە جاسارەتتە بارلىق ئىران پالۋانلىرىنى بېسىپ چۈشەلەيسەن.مۇشۇنداق ئۇلۇغ دۈشمەنگە دۇچ كېلىۋاتقان پەيتتە پەرىلەرنىڭ غېمىنى قىلىپ يىغلاپ يۈرسەڭ چوڭ ئەيىپ بولىدۇ.ئەگەر ئەتىكى جەڭدە شەرمەندە بولماي،باتۇلۇقۇمنى نامايەن قىلىپ دۈشمەننىڭ يۈركىنى مۇجۇي دېسەڭ.دىلىڭدىكى ئىشقى ئاتەشنى ئۆچەر!بەردەم بول!سەن بۇ خەتەرلىك لىكىن ئۇلۇغ ئىشقا نىيەت قىلىپ چىققىنىڭدا بۇ ئىشنى تولىمۇ ئاسان دەپ ئويلىغان.بىلىپ قويغىنكى بۇ ئاسان ئىش ئەمەس،بۇ ئۇرۇش ئۇزۇن داۋاملىشىدۇ.سەن سەۋرىلىك،ئەقىل پاراسەتلىك،ھەر جەڭدە قەھىرلىك ۋە جاسارەتلىك بولۇپ ھەر بىر قەدىمىڭنى ئوڭۇشلۇق باسالىساڭ.دۇچ كەلگەن ھەر بىر رەقىبىڭنى رەھىمسىزلىك بىلەن بويسۇندۇرالىساڭ ئاقىۋەتتە پۈتۈن دۇنيانى بويسۇندۇرۇپ تىللاردا داستان،باتۇرلار ئارىسىدا شاھى سۇلتان  بولىسەن.نامىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارايدۇ.شاھىنشاھلىق تەختى ساڭا ھالال بولۇپ بارچە خالايىق سېنىڭ نامىڭنى ئاتاپ خۇتبە ناماز ئوقۇيدىغان بولىدۇ.مانا شۇ چاغدا كۆڭلۇڭ كىمنى خالىسا شۇنى،ھەتتا مىڭلاپ گۈزەل نازىنىنلارنى خىزمىتىڭگە سېلىپ تارتقان رەنىجلىرىڭ،قىلغان قانلىق ئۇرۇشلىرىڭنىڭ شىرىن مېۋىسىنى تېتىيسەن.شۇنى بىلىپ قويغىنكى كىمىكى ئەل غېمىنى ئېتىبارغا ئالسا بەخت ئىقبال شۇنىڭغا يار بولىدۇ.
ھومماننىڭ بۇ سۆزلىرى سوھرابنى چوڭقۇر ئويلارغا سالدى.ئۆزىنىڭ تولىمۇ يەڭگىلتەكلىك قىلىپ ئۇلۇغ ئىش ئالدىدا كىچىك ئىشلارغا بېرىلىپ چوڭ ئىشقا تەسىر يەتكۈزۈپ قويۇشقا تاس قالغانلىقىنى چۈشەندى.ۋە قىلغان ئىشلىرىدىن ھارسىندى.شۇڭا ھۇممانغا جاۋابەن مۇنداق دىدى:
   -ئەي باتۇرلارنىڭ پىرى سەرۋەرى، ساڭا ئاپىرىن! قىلغان سۆزلىرىڭنىڭ بارى چىن راستتۇر.سېنىڭ ئەقىل بىلەن قىلغان سۆزلىرىڭ قەلبىمدىكى ۋاقىتسىز قوزغالغان كېسەلگە شىپالىق دورا بولدى.بۈگۈن بۇ سۆزلىرىڭدىن نىشاندىن ئازغان يولۇچى قايتىدىن يولىنى تېپىۋالغاندەك بولدۇم .ئەمدى مىنىڭ ئەھدۇ پەيمانىم قايتىدىن يېڭىلاندى.جاھاندا قانچىلىك يەر -زىمىن بولسا ھەممىسىنى ئىشغال قىلىپ ئەفراسىياپنىڭ ئىلكىگە ئۆتكۈزۈش يولىدا بۇ جېنىم پىدا بولسۇن!
شۇندىن كېيىن سوھراب ئىشىق سەۋداسىنى قەلىب قەسرىدىن قوغلاپ چىقاردى.ئاق قەلئەنىڭ تەختىگە چىقىپ ئولتۇرۇپ مىرزىلارغا بۈگۈنكى جەڭ  ئەھۋالىدىن مەكتۇپ پۈتكۈزۈپ زەپەر خەۋىرىنى ئەفراسىياپقا ئەۋەتتى.
ئەفراسىياپ خەۋەرنى تاپشۇرۇپ ئېلىپ سوھرابقا مىڭلاپ ئاپىرىنلار ئوقۇدى. دەل شۇ چاغدا كاۋۇسقىمۇ گەجدەھەم ئەۋەتكەن خەت كىلىپ تەگدى.ئۇ خەتنى ئوقۇپ قاتتىق ئەلەم ھەسرەتكە دۇچار بولدى.
ئۇ ھايالشىمايلا بارلىق ئىران باتۇرلىرىنى ۋە لەشكەرلىرىنى جىددى يىغىلىش ئۈچۈن  چاقىرتقۇزدى.
بارلىق ئىران سىپاھدارلىرى يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن كەلگەن مەكتۇپنى يەنە بىر قېتىم ئوقۇتتى. كاۋۇس ئەھۋالدىن ھەممىنى خەۋەردار قىلىپ بولغاندىن كېيىن باتۇرلاغا قاراپ شۇنداق دىدى:
-        ئەگەر گەجدەھەمنىڭ سۆزى چىن بولسا ،بۈگۈن مەن تۇرانلىقلار بىلەن سوقۇشۇشقا  يېڭى بىر پالۋان ئەۋەتىمەن.بۇ ئۇرۇشنى قانداق قىلىش ۋە كىمنى ئەۋەتىش كېرەك.پايدىلىق مەسلىھەتلىرىڭلار بولسا بەرسەڭلار! سوھرابقا قارشى كىمنى ئەۋەتسەك ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولالار؟!
-        ئەي شاھىم كەلگەن مەكتۇپتىن قارىغاندا بۇ سوھراب دىگەن بىزنىڭ تەڭدىشىمىز ئەمەسكەن.ئۆزىمىزنى چاغلىماي ئۇنىڭ بىلەن ئۇرۇش قىلغىلى بېرىپ ،ئۇنىڭدىن يېڭىلىپ ،ئىراننىڭ يۈزىنى ۋە قوشۇنىمىزنىڭ جاسارىتىنى چۈشۈرىدىغان ئىشنى قىلساق قەتئى بولمايدۇ.بىزنىڭچە شىرنىڭ تەڭدىشى شىر بولغىنى ياخشى. ئەڭ ياخشىسى پەھلىۋان گېۋنى ئەلچى قىلىپ زابۇلىستانغا ئەۋەتەيلى.ئۇ بېرىپ تەھەمتەن رۇستەمنى چاقىرىپ كەلسۇن.ئۇ ئىران بېشىغا ئاپەت يۈزلەنگەنلىكىنى ئاڭلىسا جەزمەن ھەرقانداق  زۆرۈر ئىشىنى قويۇپ بىزنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كېلىدۇ.
-        بۇ مەسلىھەت ھەممىگە ماقۇل كەلدى.كاۋۇس شۇئان كاتىپىنى چاقىرتىپ يانمۇ يان ئولتۇرۇپ جىددى مەكتۇپنى يازدۇرۇشقا كىرىشتى.
كاۋۇسنىڭ رۇستەمگە مەكتۇپ يوللىغانلىقى ۋە ئۇنى زابۇلىستاندىن چاقىرغانلىقى
مەكتۇپنىڭ مەزمۇنىنى بايان قىلمىساقمۇ  ئاساسى مەقسەد ئوقۇرمەنلەرگە مەلۇملۇق. شۇڭا،  ئارتۇقچە بايانلارنى يېزىپ يۈرۈشنى  مۇۋاپىق كۆرمىدىم.
كاۋۇس نامىنى گېۋگە تۇتقۇزۇپ شۇنداق تاپىلىدى:
  -سەن ئاپىرىدىغان بۇخەت ئىنتايىن مۇھىم.شۇنداقلا بۇ خەت قانچە تېز تەگسە شۇنچە ياخشى.ئېتىڭنىڭ تۇيىقى ئۇپراپ كەتسىمۇ مەيلىكى يولدا ئارام ئالىدىغان،ئۆزۈڭنى ۋە ئېتىڭنى ئايايدىغان ئىشنى قىلماي تەھەمتەننىڭ يېنىغا قۇشتەك ئۇچۇپ تېز بارغىن.بارغان يېرىڭدىمۇ ئولتۇرما ،ئەڭ تېز بېرىپ ئەڭ تېز يېنىپ كىلىش ئۈچۈن ئاىشىمى تاڭغا يېقىن بېرىپ قالساڭمۇ ئەتىگىنى يەنە كۈن بىلەن تەڭ يېنىپ كىلىشنى ئىستە.بىزنى چوڭ خەتەرنىڭ كۈتۈپ تۇرىۋاتقانلىقنى ،بىر تىنىق  ۋاقىتنىڭمۇ قىممەتلىك ئىكەنلىكىنى ھەرقاچان ئېسىڭدىن چىقارما.رۇستەمەە ئەھۋالنىڭ جىددى ۋە ىەتەرلىك ئىكەنلىكىنى ئۇقتۇرۇپ ئۇنىمۇ ناھايىتى تېز ئېلىپ كەل...
گېۋ تاپىلاشلارنى ئاڭلاپ بولغاندىن كېيىن تۇلپارىنى تېز چاپتۇرۇپ زابۇلىستانغا قاراپ يۈرۈپ كەتتى.پەرمانغا بىنائەن سەپەر ئازاپلىرىغا چىداپ ئېتىغا ھاردۇق بېرىش ۋە سۇ ئوزۇق بېرىشتىن بشقا ۋاقىتلاردا ئاساسەن ئارام ئالماي سەپەرنى تېز تاماملاشقا تىرىشتى.شۇنداق قىلىپ ئۇ ئۇيقۇ ۋە ئارامنى ئۇنتۇپ ، نە سۇ ئىزدىمەي، نە نان –يىمىش يىمەي بوراندەك تېز يۈردى.
گېۋ زابۇلىستانغا يىتىپ كەلگەندە نەق سەھەر ۋاقتى ئىدى.قاراۋۇللار رۇستەمگە گېۋنىڭ جىددى مەلۇمات بىلەن كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلىشتى. رۇستەمنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بارلىق كاتتىلار قوزغۇلۇپ گېۋنىڭ ئالدىغا چىقىپ ئۇنى كۈتىۋالدى.گېۋ ئۇلارنى كۆرۈپ  ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئېھتىرام بىلدۈردى.قارشى ئېلىشقا چىققانلارمۇ ئۇنىڭغا سالام بېرىشتى.رۇستەممۇ تۇلپارىدىن سەكرەپ چۈشۈپ گېۋ بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ  ئىراننىڭ ئەھۋالىنى سۈرۈشتۈردى.
كېيىن ئۇلار رۇستەمنىڭ ئايۋىنىغا كېلىشتى .خىزمەتچىلەر گېۋنىڭ ئالدىغا داستىخان سېلىپ سىڭىشلىك غىزا ۋە ئۇسسۇلۇق شەربەتلەرنى بېرىپ ھاردۇق سوراشتى.گېۋ غىزالىنىپ  نەپەس رۇسلاپ بولغاندىن كېيىن كاۋۇسنىڭ خېتىنى بەردى .رۇستەم خەتنى ئوقۇدى.چۈشەنمىگەن تەرەپلەرنى گېۋدىن سورىدى ۋە كۈلۈپ تۇرۇپ :
  -كاۋۇس خېتىدە: ‹‹بۇ سوھراب دىگەن ياش باتۇر سامغا ئوخشايدۇ.جاھاندا بۇنداق تەڭسىز باتۇر ۋە ئالى نەسەپلىك كىشى كەم تېپىلىدۇ.ئۇنىڭ تۇران يېرىگە نەدىن كېلىپ قالغانلىقى ۋە كىمنىڭ پۇشتى ئىكەنلىكى ئېنىق ئەمەس›› دەپتۇ.مىنىڭ سەمەنگان شاھى تەھمىنەدىن بولغان بىر ئوغلۇم بار.ئۇ تېخى ئاغزىدىن سۈت چىشلىرى چۈشمىگەن گۆدەك،ئۇرۇشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدىغان  ياش غۇنان.ئۇ تېخى نە ئۇرۇش قىلىشنى،نە قوشۇن توپلاپ دۈشمەننى قوغلاپ- سۈرۈشنى بىلمەيدۇ. مەن تېخى بىرەر يىلنىڭ ئالدىدا بىر ئەسكەرنى سەمەنگانغا ئەۋەتىپ،ئەھۋالىنى سورىغاچ ،ئوغلۇمغا ئۇ ئارقىلىق ئالتۇن ۋە گۆھەر سوۋغا قىلدىم.ئەسكەر قايتاشىدا ئانىسىنىڭ سالامىنى ۋە ئوغلۇمنىڭ ئۇچۇرىنى ئالغاچ كەپتۇ.ئۇنىڭ دېيىشىچە،ئوغلۇم ناھايىتى تېز ئۆسۈۋاتقانمىش.قەددى قامىتى قىران ئەرلەردەك يوغان ئىمىش.سۈت ئېمىۋاتقان تۇرۇپ شاراپنىڭ غەلۋىسىنى قىلارمىش.چېلىشىپ قالسا دوستلىرى ئۇنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەسمىش.ئوۋغا چىقىپ قالسىمۇ  شىردەك باتۇلۇق كۆرسىتىپ پالۋانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلارمىش. سۆزۈڭدىن قارىغاندا بەزىلەر ئۇنى‹‹ سامنىڭ ئەۋلادى ›› دەپ گۇمان قىلىدىكەن.مېنىڭ ئوغلۇم تېخى ئەمدىلا 13-14ياشلارغا كىرگەن گۆدەك ئۆسمۈر تۇرسا، قانچىلىك تېز ئۆسسىمۇ قىران پالۋانلىق ماقامىغا يېتەرمۇ؟ بۇ ياشتىكى بالا قانداقمۇ قوشۇن باشلاپ ئىرانغا بېسىپ كېلىشى،داڭلىق ئىران باتۇرى ھەجەرنى پىسەنت ئەتمەي بىر زەربە بىلەنلا ئەسىر ئېلىشى مۈمكىن؟ قېنى يۈر ،بىز ساراينىڭ ئىچكىرىسىگە كىرىپ پەدەرىم زال زەر بىلەن كۆرۈشەيلى.ئۇنىڭغا بولۇنغان ئەھۋاللارنى مەلۇملاپ ئاقىل مەسلىھىتىنى ئالايلى.شۇندىلا بۇ تۇرانلىق باتۇرنىڭ كىملىكى مەلۇم بولغۇسى.
ئۇلار قاتارلىشىپ مېڭىپ  زالنىڭ كەڭرى، ھەشەمەتلىك سارىيىغا كىرىپ كېلىشتى .بۇ ساراي بەكمۇ ياسىداق ۋە كۆركەم بولۇپ كىشىنى ئىختىيارسىز مەپتۇن قىلىپ ئۆتۈلگەن غەم –غۇسسىلارنى ئۇنتۇلدۇراتتى.بىر كەمدە گېۋنىڭ ئىسىگە كاۋۇسنىڭ تاپىلىغان سۆزلىرى كېلىپ رۇستەمنى ئالدىراتقىلى تۇردى:
   -ئەي جاھان پالۋانى،ئەي زەبەردەست شىر.مەن بىلىمەن ،ئاستانەڭدە نۇرغۇن ئىسىل جايلار بار.تاجۇ تەختلىرىڭ ئېرىشكەن جىمىكى  بەختىڭنى مۇنەۋەر قىلىپ تۇرۇپتۇ.شۇ تاپتا ئېسىمگە كاۋۇسنىڭ تاپىلىغان سۆزلىرى چۈشۈپ قالدى.ئۇ ماڭا:‹‹ زابۇلىستاندا ئۇخلىما،ۋاقىتنى بىكار ئۆتكۈزىۋېتىپ كېيىن ئەپسۇس يىمە.ئەگەر تاڭدا بارساڭ كەچتە،كەچتە بارساڭ تاڭدا قايت.بىر دەقىقىمۇ ئارتۇق تۇرما،ۋەتەن زىمىنى ھازىر چوڭ خەۋىپ ئاستىدا ئىكەنلىكىنى ھەرۋاقىت ئېسىڭدىن چىقارما ›› دىگەن ئىدى.شۇڭا دەيمەن  ئەي غۇرۇرلۇق باتۇرىمىز،تېزراق بىر قارارغا كېلىپ مەن بىلەن بىرگە بارغان،ھېلىقى خەۋىپلىك ياۋغا تېزراق روبىرو بولغان بولساڭ ياخشى بولاتتى.
  -بىكاردىن قايغۇرۇپ كەتمە.ھېلىقى باتۇرۇڭ بىر جەڭ بىلەنلا يەرگە كىرىپ كەتسە ھەممە ئىش ئوڭشۇلىدۇ.سەن يىراقتىن سەپەر ئازابى تارتىپ كەلدىڭ.سېنىڭ مىنىڭ يېرىمگە مىھمان بولۇپ كەلمىكىڭ ئاسان ئەمەس.بۇنداق پۇرسەت يەنە كېلەمدۇ -كەلمەمدۇ بۇنى ھىچكىم بىلمەيدۇ.شۇڭا بۈگۈن شەرىپىڭگە زىياپەت قىلاي.ئۇنىڭغا داخىل بولغىن. شاد ئولتۇرۇپ كۆڭۈل ئاچايلى.بۈگۈن بىز نە كاۋۇسنى،نە ئىبلىسنى ئېسىمىزدىن چىقىرىۋېتىپ بىر كۈن ئويۇن تاماششا قىلىپ ئارام ئالايلى.چاڭقىغان ئېغىزلارنى شەربەت بىلەن تولدۇرۇپ ئۇسسۇلۇقنى قاندۇرايلى.ئەتىلىككە ئاتلارنى تېز چاپتۇرۇپ شاھنىڭ يېنىغا بارساقمۇ كېچىكىپ قالمايمىز.قورىقما،ھىچنىمىدىن ئەنسىرىمە،بىزنىڭ بەختىمىز تېخى غەپلەتكە چۈشۈپ قالغىنى يوق.بۇنچىلىك ئۇرۇشلار مىنى تېخى ئاۋارە قىلالمايدۇ.ئەگەر دەريا قۇتراپ ئەتراپنى دولقۇن ئۇرسا،ياكى ئورمانغا ئوت كېتىپ ھەممە يەرنى يانغىن قاپلىسا بۇنىڭغا مېنىڭ ئامالىم يوق.ئەگەر ئادىمىزاتتىن بىرەرسى ئۇرۇش قوزغاپ كەلگۈدەك بولسا قىلچە قورقۇنچۇم يوق.ھەرقانداق كۈچلۈك دۈشمەنمۇ جەڭ كۈنلىرى يىراقتىن تۇغۇمنى كۆرۈپ قالغۇدەك بولسا بەدەر قېچىپ تويلىرىمۇ ھازا ماتەمگە ئايلىنىپ كېتىدۇ.ھېلىقى ياش پالۋان جەڭدە رۇستەم سۈپەت ياكى نەيرەم سۈپەت بولسىمۇ،ياكى سامغا ئوىشاش ئۇرۇشقاق بولسىمۇ ،جەڭ ھۈنەرلىرىگە كامىل شەمشەر ئەۋلىياسى بولسىمۇ ،ھەرقانچە باھادىر،ئەقىللىق ،تىرىشچان بولۇشىدىن قەتئى نەزەر مىنىڭ كېلىش خەۋىرىمنى ئۇقسا ئالدىراپ جەڭگە چۈشمەيدۇ.بالدۇر بېرىپ قويساقمۇ ئۇنى جەڭگە چىقىرالماي ئاۋارە بولىمىز تېخى.
ئىنسان شۇنداق نەرسە،ئادەم ئاتا جەننەتتىن قوغلانغاندىن باشلاپ شەيتاننىڭ تىنىمسىز تىپىرلىشى ۋە تىرىشچانلىقى تۈپەيلى ئىنسان ئازغۇنلۇقتىن خالى بولالمىغان. ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۇرۇنقى قىسسىلىرىمىزدىكى جەمشىد قىسسىسى ئېسىڭىزدە بولسا كېرەك. ئۇمۇ دانالىق،بىلىم ماھارەت،كۈچ قۇدرەت،ھوقۇق ئىمتىياز جەھەتتە  چەككە يەتكەن پەيتىدە شەيتاننىڭ ئېزىقتۇرۇشىغا ئۇچراپ تەكەببۇرلىشىپ  تەڭرىنىڭ غەزىبىگە، ئەلنىڭ نەپرىتىگە ئۇچراپ ئاخىر تېزلا خاراپ بولۇپ كەتكەن ئىدى.
بۇ ئەسلى ئىبلىسنىڭ ئۆزىنىڭ ئۇدۇمى بولۇپ تەڭرى دەرگاھىداھەممىدىن بىلىملىك،ھەممىدىن قابىلىيەتلىك،ھەممىدىن تەقۋادار،ئەڭ يۇقۇرى ئورۇنغا ئېرىشكەن مالائىك پەرىشتە ئىكەن.كېيىن ئاللا تابارەك ئىنساننى يارىتىپ ،ئۇنى بىلىم ۋە مەرتىۋىدە ھەممىدىن يۇقۇرى ئورۇنغا چىقارغاندا ھەسەت قىلىپ چىداپ تۇرالماي،ئاللاھ ئادەمگە  سەجدە قىلىشنى بۇيرۇغاندا رەت قىلىپ ئاسى شەيتانغا ئايلىنىپ،مەڭگۈلۈك نەپرەتكە قالغان ئىكەن. رۇستەمنىمۇ ئاللاھ زىمىنغا ئەڭ قابىل،ئەڭ كۈچلۈك،مەيلى ئىنسان ،مەيلى جىن،مەيلى دىۋە ئالۋاستىلار ئارىسىدا بولسۇن بارلىق مەخلۇقاتلارنى بويسۇندۇرالىغۇدەك قۇدرەت بىلەن ياراتقان. بۇنىڭ سەۋەبى ئۇ دەسلىپىدە ئاللاھقا شۈكرى ۋە ھەمدۇ سانا ئېيتاتتى.يامان ئىشلاردىن ھەرۋاقىت ساقلىنىپ تەڭرى ئىبادىتىنى بىرىنچى ئورۇنغا قوياتتى.ئۇنىڭ گېۋگە ئېيتقان سۆزلىرىدىن قارىغاندا  ئەڭ يۇقۇرى كۈچ قۇدرەت ۋە تەڭداشسىزلىق ئۇنىڭ غۇرۇرىنى ئۆستۈرۈپ ئۆزىنى ھەممىدىن قالتىس چاغلايدىغان،ئۆزىدىن باشقا ھىچكىمنى كۆزىگە ئىلمايدىغان زىيادە تەكەببۇر ھالەتكە كەلتۈرۈپ قويۇپتۇ.بۇ تولىمۇ خەتەرلىك سىگنال.رۇستەمنى قانداق قارا قسمەتلەر كۇتۇپ تۇرۇۋاقاندۇ؟!
شۇنىڭ بىلەن گىۋمۇ باشقا بىرنىمە دىيەلمەي رۇستەمنىڭ رايىغا باقتى.
ئۇلار ئىسىل تائاملاردىن يىيىشىپ،ئىسىل شاراپلاردىن ئىچىشىپ، ئارقىمۇ ئارقا قەدەھ بوشۇتۇپ شاتلىق بەزمىسىنىڭ پەيزىنى سۇرۇشتى.سەھەردە ئۇلار ئۇيقۇسىدىن ئويغانغاندىن كىيىن تەھەمتەن(رۇستەمنىڭ شاھنامىدىكى ئۇلۇغلانما ئاتالغۇسى) نىڭ كۆڭلى يەنە مەي تارتتى.شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە ئىچكۈۋازلىقنى باشلاپ كىتىشتى.كاۋۇسنىڭ سۆزلىرىنى ئىسىگىمۇ ئېلىپ قويمىدى.
شۇ تەرىقىدە ئۇلار ئۈچ كۈن زىياپەت داستىخىنىدا ئولتۇرۇشتى.قوللار قەدەھتىن قۇلاقلار خۇش ساز مۇزىكىلاردىن،كۆزلەر گۈزەل نازىنىنلارنىڭ شوخ ئۇسۇللىرىدىن بوشىمىدى.تۆتىنچى كۈن كەلگەندىمۇ بۇ زىياپەتلەر تۈگەي دىمىدى.گىۋنىڭ تاقىتى تاق بولۇپ رۇستەمگە يالۋۇرۇشقا چۈشتى:
  -ئەي پالۋىنىم،مىنى ئايىسىڭىز،ۋەزىيەت بەكلا جىددى.ئەمدى ماڭمىساق زادى بولمايدۇ.شاھ يولىمىزغا تولا  قاراپ تىت-تىت بولۇپ كىتىدۇ.ئۇ سەۋرىسىز،ئاچچىقى يامان ئادەم.جەھلى تۇتۇپ قالسا سەن-مەن دىمەيدۇ.ھىچكىمنى ئاياپ قويمايدۇ.ئۇ مىنى زابۇلدا ئۇزۇن تۇرما دىگەن،بۇ يەردە كۆپ تۇرىۋەرسەك ھەر ئىككىلىمىز ئۇنىڭ غەزىپىگە دۇچار بولىمىز .ئەگەر ئۇنىڭ بىلەن ئاداۋەتلىشىپ قالساق جىگەرلەرنى خۇن قىلىۋىتىدۇ.
گىۋ گىپىنى ئاقتۇرالمىغاندىن كىيىن يىيىش ئىچىشنى توختتىتىپ ئاچلىق ئېلان قىلىش ئارقىلىق
رۇستەمنى قايىل قىلىش قارارىغا كەلدى.
رۇستەم ئۇنىڭغا تەسەللى بىرىپ دىدىكى:
-        بولدى كۆپ قايغۇرما، بۇ جاھاندا ھىچكىم مىنىڭ بىلەن ئېلىشىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.كاۋۇسمۇ مىنىڭ چىشىمغا تىگىشكە پېتىنالمايدۇ .
-        رۇستەم سۆزىدىن كىيىن خىزمەتچىلىرىگە تۇلپارىنى توقۇشنى،يول تەييارلىقى قىلىشنى ئورۇنلاشتۇردى.تەييارلىقلار  پۇتكەندىن كىيىن ئىككىسى ئاتلىرىنى مىنىشىپ ئىرانغا قاراپ قۇيۇندەك چېپىپ كېتىشتى.

كاۋۇسنىڭ رۇستەمگە غەزەپلەنگەنلىكى
رۇستەملەر ئىرانغا يىتىپ كېلىشكە بىر كۈن قالغاندا ئىراننىڭ مەشھۇر باتۇرلىرىدىن گۇدەرىز،كەشۋادۇ،تۇس قاتارلىقلار  قوشۇن باشلاپ ئۇلارنىڭ ئالدىغا قارشى ئېلىشقا چىقتى.ئۇلار ئۇچراشقاندىن كېيىن ئاتلىرىدىن چۈشۈشتى. پىيادە مېڭىپ كېلىپ بىر بىرى بىلەن كۆرۈشۈشۈپ  ئۆز ئارا ھۆرمەت بىلدۈرۈشتى.
رۇستەممۇ ئاتتىن چۈشۈپ پىيادە بولۇپ كەلگەن باتۇرلار بىلەن قىزغىن سالاملىشىپ ھال مۇڭ قىلىشتى.
كېيىن قايتىدىن ئاتلىرىنى مىنىشىپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كاۋۇسنىڭ  ھوزۇرىغا مېڭىپ كېتىشتى.
رۇستەملەر  ئىرانغا كىلىپلا ھاردۇقمۇ ئالماستىن خۇشال- خورام ھالدا  كاۋۇسنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ تەختى ئالدىدا يەر سۆيۈپ  ئۇنىڭغا قۇللۇق بىلدۈردى. لىكىن ئۇلارنىڭ كىچىكىپ كەلگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق غەزەپلەنگەن باغرى تاش كاۋۇس تەتۈر قاراپ،ئۇلارنىڭ ھۆرمەت سالىمىغا جاۋاپمۇ بەرمەستىن چىرايىنى پۈرۈشتۈرۈپ  ئولتۇردى.چىشلىرىنى غەزەپلىك غۇچۇرلىتىشلىرى قۇترىغان ئارسلاننى ئەسلىتەتتى.شۇ تاپتا ئۇنىڭ رۇستەملەرنىڭ ۋاقتىدا كەلمىگەنلىكى ،شاھ پەرمانىنى مەنسىتمىگەنلىكى ئۈچۈن قاتتىق ئاچچىقى  كەلگەن بولۇپ ،ئاچچىقى ئەقلىنى كېسىپ قويغان،رۇستەمنىڭ بۇرۇن ئۆزىگە قىلغان ساناقسىز ياخشىلىقلىرىنى، جۈملىدىن نەچچە قېتىم ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرۇۋالغانلىقلىرى،ئېلىپ كىلىپ شاھلىق تەىتىەە ئولتۇغۇزغانلىقلىرىنىمۇ ئۇنتۇپ قالغاندەك قىلاتتى.ئۇلارنىغۇئۇنتۇپ قالسۇن ھازىرقى جىددى ۋەزىيەتنى سوھرابقا تەڭ كېلەلمەي رۇستەمگە مۇھتاج بولۇپ چاقىرتىپ كەلگەنلىكىنى،ھازىر رۇستەم بولمىسا بولمايىدىغانلىقىنى تەقدىرىنىڭ قاش بىلەن كىرپىك ئارىلىقىدا قالغانلىقىنى نىمىشقا ئۇنتۇلۇپ قالىدۇ؟!
كاۋۇس رۇستەمگە قارىمىدى.ئىلتىپاتمۇ كۆرسەتمىدى.شاھلىق ھوقۇقىنى پەش قىلىپ قورقۇتۇپ قويماقچى بولغاندەك گېۋگە يۈزلىنىپ تۇرۇپ غەزەپ بىلەن پەرمان چۈشۈرۈپ كەتى:
-رۇستەم دىگەن كىمكەن ئۇ مېنىڭ ئالى پەرمانىمنى ئاياغ ئاستى قىلىپ،ھوزۇرۇمغا  چاقىرتسام ۋاقتىدا كەلمەي كىچىكىپ كېلىشكە پېتىنىدىغان! ھازىر قولۇمدا قىلىچ بولغىنىدا ئىدى.نەق مەيداندىلا بېشىنى كىسىپ، پەرماننى ئاياغ ئاستى قىلغۇچىلارغا ئىبرەت قىلاتتىم. جاللاتلار،قېنى سىلەر ! تۇتۇڭلار بۇنى! دەرھال ئېلىپ چىقىپ دارغا ئېسىپ  ۋاقتىدا كەلمىگەنلىك،شاھ پەرمانىغا خىلاپلىق قىلغانلىقنىڭ جازاسىنى بېرىڭلار!

بۇ پەرماندىن گېۋ تولىمۇ خىجالەتتە قالدى.شۇڭا ئۇ شاھقا قاراپ ئىلتىجا قىلدى:
-        ئەي شاھىنشاھ، بولدى قىل،غەزىپىڭنى بېسىۋال.رۇستەمنى بۇنداق خىقىل قىلىۋەرمىگىن!
شاھ ئىلتىجاغا قۇلاق سالمىدى.كىرگەن جاللاتلارمۇ يېقىن كىلىشكە پېتىنالماي يىراقتىن قارىشىپ تۇرۇشتى.
نەدىمۇ ئىتلار شىرنى تالاپ ئۆلتۈرەلەيدىغان ئىش بار.قاللاتلار رۇستەمگە ئېسىلغان ھامان ئىش بۇزۇلاتتى.غەزەپكە كەلگەن تەھەمتەن قىرغىنچىلىقنى قاللاتلاردىن باشلاپ قالسا چاشقانچىلىك جېنى بار كاۋۇسمۇ ئامان قالمايتتى.بۇ ھالدىن رۇستەم بىلەن گېۋنىڭ غەزىپى قوزغالدى.ئەتراپتىكى ئوردا ئەمەلدارلىرىمۇ ئەقىلسىزلىك بىلەن چىقىرىلغان بۇ پەرمانغا رازى ئەمەس ئىدى.
جاللاتلار بىلەن گېۋنىڭ پەرماننى ئىجرا قىلمىغانلىقىنى كۆرۈپ  كاۋۇس چىكەتكىدەك سەكرەپلا كەتتى ۋە رۇستەمنى ئۆلتۈرۈش پەرمانىنى ئەمدى  باھادىر تۇسقا چۈشۈردى.تۇسمۇ ئىندىمەي قاراپ تۇرىۋەردى.كاۋۇسنىڭ ئاچچىقى تېخىمۇ كەلدى.ئۇ خۇددى توقايدا راسا تۈتەپ كۆيۈۋاتقان ئوتتەك چاراسلاپ كەتتى.رۇستەم بۇ ھالدا كاۋۇسنىڭ ئالدىدا تۇرىۋەرسە بېرىپلا كانايدىن  ئېلىپ بىرلا سىقىپ دۇنيادىن يوق قىلىۋېتىشى،ئوردىدا ئىچكى نىزا چىقىشى تەبىئى ئىدى.كاۋۇس ئەقىلسىزلىكىدىن تېخىچە قالمايۋاتاتتى. رۇستەمنىڭ چىرايىنىڭ قېنى قېچىۋاتقانلىقىنى سېزىپ قالغان تۇس ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ كىلىپلا رۇستەمنىڭ قولىدىن تۇتۇپ سىرتقا ئېلىپ چىقىپ كەتمەكچى بولدى.ئەتراپ قايناۋاتقان قازانغا سۇ قۇيۇلغاندەك جىمجىتلىققا چۆكتى.
تۇس رۇستەمنى سىرتقا ئېلىپ چىقىپ تەسەللى بەرمەكچى،ئەپۇ سوراش،كۆڭۈل قويۇش ئارقىلىق شاھ بىلەن كىلىشتۈرۈپ قويماقچى بولغان ئىدى.لىكىن بۇ چاغدا رۇستەمنىڭ غەزىپى قوزغۇلۇپ بولغان ئىدى:
  -ئەي ئەقىلسىز، نىمانچە تۈتەپ يانىسەن! ھازىر ئۆزۈڭنىڭ قانداق خەتەرلىك ھالغا كېلىپ قالغانلىقىڭنى، بۇرنۇڭغا ئۆلۈمىڭ پۇراپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى ،ئىشلىرىڭنىڭ بىرىدىن بىرى بەتتەرلىشىپ ،خۇددى كۈچلۈك دولقۇندا ئۆرۈلۈپ كېتىش خەۋپىگە دۇچ كەلگەن ئاجىز كېمىگە ئوخشاپ قالغانلىقىڭنى تېخىچە چۈشەنمىدىڭمۇ؟ ۋەزىيەتنى بىلمەي كۆپچىلىك ئالدىدا بۇنچىۋالا رەسۋالىشىپ يۈرسەڭ بۇ ساڭا يارىشامدۇ؟! مەن ئەسلى ۋاقتىدا كېلەتتىم.سېنىڭ مۇشۇنداق يۈزسىزلىكىڭنى،تۇترۇقسىزلىقىڭنى،ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان نامەرت ئادەملىكىڭنى بىلگەچكە كېلىشكە ئالدىرىمىدىم.مەن بۇ يەرگە سېنى دەپ ئەمەس ۋەتەننى دۈشمەننىڭ تاجاۋۇزىدىن قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كەلدىم .بەك ئادەم ئۆلتۈرگىڭ كەپ كەتكەن بولسا بېرىپ، ھېلىقى سوھراب دىگەننى تىرىك تۇتۇپ كېلىپ شۇنى دارغا ئاس.شۇنى بىلىپ قوي.پۈتۈن رۇم،سەكسار،مازەندىران،مىسىر،چىن،ھەماۋەران،ھەتتا تۇرانلارمۇ مىنىڭ تۇلپارىم ئالدىدا بەندە! ھەرقاندىقى قىلىچىم ئالدىدا شەرمەندە! شۇنىمۇ ئۇنتۇپ قالمىغىنكى ئۆزۈڭمۇ مەن بولغاچقا بۈگۈنگىچە ھايات تۇرالىدىڭ.كىچىك بالىدىنمۇ ئۆتە ئەقىلسىزلىك قىلىپ جىددى ۋەزىيەتتە دۈشمەن غېمىنى يىمەي نىمە مىنىڭ قېنىمغا خۇمار بولۇپ قالدىڭ!
رۇستەم تۇسنىڭ ياخشى نىيىتىنى چۈشەنمىگەن ،بايا كاۋۇسنىڭ بەرگەن پەرمانىغا بىنائەن مىنى جازالاشقا ئېلىپ چىقماقچى دەپ ئويلاپ قاتتىق غەزىپى قوزغالغان ئىدى.شۇڭا  ئاچچىقىدا بىرنى ئۇرۇۋىدى، تۇسنىڭ رۇستەمنىڭ بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرغان قولى ئۈزۈلۈپ كەتتى.ئۇ خۇددى قۇترىغان شىردەك ئاچچىقلاپ ئىڭراپ ياتقان تۇسنىڭ ئۈستىدىن ئاتلاپ ئۆتۈپ تۇلپارى تامان ماڭدى.بېرىپ ئېتىغا مىنىپ بولغاندىن كېيىن غەزىپىنى باسالماي كاۋۇسقا قاراپ  شۇنداق نىدا قىلدى:
   -ئەي كاۋۇس،بىلەمسەن شۇنى!مەن گويا تاجى-دۆلەت  بەخش قىلغۇچى قۇدرەتلىك شىرمەن.مەن بۈگۈن غەزىپىم كۈچىدىن چۇقان كۆتۈرىمەن.ھەقنى تونۇمىغانلارغا ھەقنى تونۇتىمەن.مەن كىم؟!  سەن شاھ كاۋۇس كىم؟!ماڭا قول كۆتۈرۈشكە پېتىنغان ئاۋۇ  تۇس كىم؟ سەن مەندىن شاھلىق تارتىۋالارمىكىن دەپ قىلچە ئەنسىرىمە! مىنىڭ شاھلىقتىن تامايىم يوق.سەندىن ئىلگىرى نۇرغۇن باھادىرلار ماڭا‹‹ شاھ بول›› دىيىشتى.ئىراننىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزماق بولۇشتى.لىكىن مەن شاھلىق تەختىگە قىلچە قىزىقمىدىم.قىزىققان بولساممەن تۇرۇپ  ساڭا بۇ شاھلىق تەختى  نەدىتى؟! مەن شاھلىقتىن ئەركىن ياشاشنى، كۆڭلۈم خالىغان يەرگە بېرىپ ،كۆڭلۈم خالىغان يەردە تۇرۇپ،جاھاننى سەيلى قىلىشنى،ھايات پەيزىنى سۈرۈشنى ياخشى كۆرۈمەن.مەن ئۆزۈمگە ئۆزۈم شاھمەن. مىنىڭ لەشكىرىم يوق،لەشكەرگە ئىھتىياجىممۇ يوق.مىنىڭ غەلىبە زەپىرىم بىلىكىم كۈچىدە.تۇلپارىم ئىگىرى مېنىڭ  شاھلىق تەختىم.تۇلپارىم مېنىڭ خەلقىم- زىمىنىم.دوبۇلغام شاھلىق  تاجىمدۇر.گۈرزەم بولسا ھوقۇق يۈرگۈزىدىغان  شاھانە تامغا!  شەمشىرىم تىغى گېزى كەلسە قارا تۈننىمۇ شولىدار قىلىدۇ. ھىچبىر دۈشمەن ماڭا ئاسانلىقچە چېقىلالمايدۇ.دۈشمەنگە دۇچ كەلسەم باش چېقىپ،باش ئۈزۈپ،شۇدىگەلىكنىڭ داڭگاللىرىغا قېتىۋىتىمەن.
مەن كاۋۇسنىڭ قۇلى ئەمەس.بەلكى ئىسىللەر زاتىدىنمەن.مىنى قۇل دىيىشكە توغرا كەلسە پەقەت ياراتقان ئاللاھنىڭلا قۇلىمەن.
كېيىن رۇستەم يەنە ئەتراپتا تۇرغان ئىرانلىقلارغا قاراپ شۇنداق خىتاپ قىلدى:
  -مەن گېۋنىڭ مەلۇماتى بىلەن سىلەرنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرغىلى كەلگەن ئىدىم.ئەقىلسىز كاۋۇس،قەدرىمنى قىلماي مېنى سەۋەپسىز ئۆلتۈرمەكچى بولدى.شۇڭا قايتىپ كېتىش نىيىتىگە كەلدىم.مېنى ئۆلتۈرۈشكە پېتىنغان ‹‹باتۇر›› كاۋۇسنىڭ چوقۇم سوھرابنى يىڭەلەيدىغان كۈچ قۇدرىتى بار.ئەمدى ماڭا ئەمەس ئۇنىڭغا تايىنىڭلار.ئىسىڭلاردا بولسۇنكى، سوھراب كەلسە ياشنىمۇ قېرىنىمۇ قىرىپ تاشلايدۇ.ھىچكىمنى ئاياپ ئولتۇرمايدۇ. شۇڭا ھازىردىن تارتىپ ئەقلىڭلارنى قوماندان قىلىپ بېشىڭلارنى ئامان ساقلاشنىڭ كويىغا چۈشۈڭلار.مىنىڭدىن ئۈمىد كۈتمەڭلار. مەن قايتىپ كېتىمەن.
رۇستەم شۇنداق دەپ بولۇپلا ئېتىغا قامچا سېلىپ جامائەتنىڭ كۆزىدىن يوقالدى.

ئىرانلىق باتۇرلار ۋە ئوردا ئەھلى بۇ كۆڭۈلسىز يىغىلىشتىن دىلى پاراكەندە بولۇپ ھەيرانلىق ئىچىدە تۇرۇپلا قېلىشتى.ئۇلار ئەقىلسز ئەمەس ئىدى. ھازىرقى جىددى ۋەزىيەتنى،رۇستەمنىڭ ئىران ئۈچۈن نەقەدەر مۇھىملىقىنى چۈشىنىشەتتى.پۈتۈن ئىران لەشكەرلىرى بىر توپ پادا بولسا رۇستەم چوپان ئىدى.ھازىر بۇ پادىغا شىرلار خرىس قىلىپ كەلمەكتە.ئاقىز پاقلاندىن بىرىنى سەركە قىلىپ دۈشمەن ئالدىغا چىقىرىپ قويسا ئۇ شىرلارنى قانداقمۇ توسىيالىسۇن؟!
ئۇلۇغلار ۋە ئىران باتۇرلىرى شاھ ھوزۇرىدىن چىقىپ گۇدەرىزنىڭ ئۆيىگە   يىغىلىشىپ  ھەممىسى دىگۈدەك  شاھنى ئەيىپلەشتى.ھازىرقى جىددى ۋەزىيەتكە  قانداق تاقابىل تۇرۇش،رۇستەمنى قانداق قايتۇرۇپ كېلىش ھەققىدە مەسلىھەتلەر قىلىشتى.كېيىن ھەممىسى دىگۈدەك  گۇدەرىزنى رۇستەمنى قايتۇرۇپ كېلەلەيدۇ دەپ قارىشىپ  ئۇنىڭغا مۇراجەت قىلىشتى:
  -ئەي گۇدەرىز،بۈگۈن ئىش بۇ دەرىجىگە يەتتى.بىزنىڭ بىلىشىمىزچە رۇستەم بىلەن سېنىڭ خېلى قاتتىق دوستلۇق بۇرادەرچىلىكىڭ بار.رۇستەم بۇنداقلا خاپىلىق بىلەن كىتىپ قالسا بولمايدۇ.بىز ئۇنى خاپا قىلىش ئۈچۈن چاقىرتىپ كەلگەنمىدۇق.ئۇنى قايتۇرۇپ كېلىش بىزدىن قالغان كۆڭلىنى  ئېلىۋېلىش،يېڭىدىن پەيدا بولغان ئاداۋەت تۈگۈچىنى چاپسان يېشىۋېتىش كېرەك.بۇ ئىشلار پەقەت سېنىڭ قولۇڭدىنلا كېلىدۇ.سەن ئالدى بىلەن ئەقىلسىز دىۋانە شاھنىڭ يېنىغا بار.رۇستەمنى قايتۇرۇپ كېلىش،كۆڭۈل سوراش،ئالھىدە ھۆرمەتلەپ ئىشقا قويۇش،توسقۇنسىز كۈچلۈك دۈشمەنگە تاقابىل تۇرغۇزۇشنىڭ زۆرۅرلىكىنى تونۇتقىن.
گۇدەرىز چىقىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇلار شاھنى ئەيىپلىشىپ رۇستەمنىڭ بۇرۇنقى قىلغان ياخشىلىقلىرىنى يادىغا ئېلىشتى.
  -قانداق دىگەن شاھ بۇ،نە باتۇرلارنى،نە سىپاھلانى قەدىرلەشنى بىلمىگەن.
  - شۇ ئەمەسمۇ، بۇرۇن كاۋۇسنىڭ بېشىغا كۈن چۈشكەندە جېنىنى ئايىمىغان ،بېشىغا ئېغىر كۈنلەر چۈشكەندە تازا ئەسقاتقان رۇستەمگە بىردىنلا يۈز ئۆرۈپ ئۆلۈمگە بۇيرۇغىنى نىمىسى؟
   -مازەندىراندا دىۋىلەر قولىغا چۈشۈپ قالغىنىمىزدا ئۇ بېرىپ دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلىپ بىزنى دىۋىلەرنىڭ زۇلمىدىن ۋە خارلىق ئىچىدىكى ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغان ئەمەسمىدى؟!
  -شۇنداق ئۇ مازەندىراندا بىزنىڭ قىساسكارىمىز بولغان.دىۋىلەر بىلەن  خەتەرلىك جەڭلەرنى قىلىپ ھەممىمىزنى قۇتۇلدۇرغان،كۆزى كۆرمەس بولۇپ قالغان شاھقا دىۋە سەپىدنىڭ جىگىرىنى يىگۈزۈپ قايتا يورۇقلۇقنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر قىلغان ئەمەسمىدى.
  -ھەماۋەراندىمۇ شاھ رۇستەمنى ساقلىمايلا ئۇرۇشقا كىرىپ  رۇملۇقلارنىڭ قولىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان.كېيىن رۇستەم شۇ يەرگىمۇ ئېتىنى قامچىلاپ بېرىپ  ،نەچچە ھەپتىلەپ مۈرىسى يەر كۆرمەي قانلىق جەڭلەرنى قىلىپ ، نەچچە مىڭلىغان رۇم قەيسەرلىرىنى قىرىپ يەنە بىر قېتىم ئۆلۈپ بولغان شاھنى قۇتۇلدۇرۇپ تەخت ئۆزرە چىقارغان ئەمەسمىدى.
  -شاھتىن كۈچلۈك،ئۇنىڭدىن ئابرۇيلۇق، شاھنىڭ قۇتقازغۇچى نىجاتكارى تۇرۇپ قىلغانلىرىغا قىلچە مىننەت قىلماي ئەدەپ ئەخلاق يۈزىسىدىن دائىم شاھ ھوزۇرىغا كەلسە تەكەببۇرلۇق قىلماي شاھقا قۇللۇق بىلدۈرۈپ يەر سۆيۈپ تازىم قىلاتتى.ئەمدى ئۇنىڭ مۇكاپاتى دار بولدىمۇ؟!
  -بۇ شاھتىن مىنىڭمۇ رايىم يېنىپ كەتتى.بىزمۇ رۇستەمدەك ئۇنى تاشلاپ كېتەيلىمۇ؟!
   -ياق،تاشلاپ كەتسەك بولمايدۇ.ئۇنى تاشلىۋەتكىنىمىز،ۋەتەننى تاشلىۋەتكىنىمىز،دۈشمەننى ئۆز ھويلىمىزغا بىمالال باشلاپ قويغۇنىمىز بولىدۇ.
  -شۇ ئەمەسمۇ.ئىران ھەممىمىزنىڭ ۋەتىنى،ھەممىمىزنىڭ ئۇنى قوغداپ قېلىش مەجبۇرىيىتىمىز بار!
  -شۇڭا بىرلىكتە ئەل غېمىنى يەيلى،شاھنى پەيلىدىن ياندۇرىدىغان،رۇستەمنىمۇ قايتۇرۇپ كېلىدىغان ئىشنى قىلايلى.بولمىسا ھەممىمىز تەڭلا تۈگىشىمىز.
...
گۇدەرىز يالغۇز قېلىپ پۇشايماندا ئۆز گۆشىنى ئۆزى يىگۈدەك بولۇپ تۇرغان كاۋۇسنىڭ قېشىغا كىرىپ ئۇنى ئەيىپلەشكە باشلىدى:
  -ئەي شاھىم،بۈگۈن ساڭا نىمە بولدى؟ رۇستەمنى نىمە ئەيىپى ئۈچۈن ئۆلۈمگە بۇيرۇيسەن؟ نىمىدەپ تەستە چاقىرىپ  كەلگەن قۇتقازغۇچى نىجاتكارىمىزنى يەنە قايتىپ كېتىشكە مەجبۇر قىلىسەن؟ مازەندىران قەلئەسى ۋە ئۇ يەردىكى دىۋىلەر ئېسىڭدىن چىقتىمۇ؟ ھاماۋەراندىكى قانلىق جەڭ ئېسىڭدىن كۆتۈرۈلۈپ قالدىمۇ؟ ھەممىسىدىلا رۇستەم بىزنى ئۆلۈمدىن خالاس قىلمىدىمۇ؟ ئۇ بولمىغان بولسا بۈگۈنگىچە ياشىيالامتۇق؟ قۇدرەتلىك بىر ئەل بولۇپ دۈشمەننى تىترىتەلەمتۇق؟ مانا يېڭى دۈشمىنىمىز سوھرابقىمۇ تاقابىل تۇرۇشتىن قورقۇپ ھىچكىم مەيدانغا چىقالمىدىغۇ؟ ئەشۇنداق قۇدرەتلىك باتۇرى،قۇتقازغۇچى ھىماتقكارى بار قايسى شاھ ئۇنداقلارنىڭ قەدرىنى قىلماي ئۆلۈمگە بۇيرۇيدۇ؟ ئەفراسىياپمۇ مىليۇنلاپ ئەسكىرى بار چاغدا بىزگە چېقىلالماي مانا ئەمدى سوھرابقا ئېرىشكەندە بىزگە مۇشت ئېتىشقا، زىمىنىمىزنى تارتىۋېلىشقا پېتىندىغۇ؟ ھازىر سوھراب توسقۇنسىز بىر بۆرىگە، بىز بولساق تايانچىسىز قوي پادىسىغا ئوخشاپ قالدۇق.بىزنىڭ ئىشەنگەن بۆرىمىز گەجدەھەممۇ  بۇ بۆرىگە تەڭ كېلەلمەي قوتاننى تاشلاپ قاچتى.قالغانلارمۇ شۇنداق قاچقىلى تۇرسا بىز بۇ بۆرىنى قانداق يوقۇتىمىز؟ بىزنىڭ مەن بىلمەيدىغان باشقا قۇدرەتلىك باتۇرىمىز بارمۇ يە؟ شۇ تاپتا ساڭا ئىران باتۇرلىرىنىڭ ھەممىسىنى ياخشى تونۇيدىغان،شۇنداقلا ھەممىسىنىڭ جەڭ ماھارىتىدىن تولۇق خەۋىرى بار  ،دۈشمەننىڭ كۈچ قۇدرىتىنى كۆرگەن ۋە سىناپ باققان  گەجدەھەمنىڭ مۇنۇ سۆزلىرىنى ئېسىڭگە سالغۇم كېلىۋاتىدۇ:‹‹سوھرابقا دۇچ كەلگەنلىك-ئۆلۈمگە مەھكۇم بولغانلىق بولىدۇ.›› مۇشۇنداق پەيتتە ئەقلى پۈتۈن قانداق كىشى رۇستەمدەك جەڭچىگە ئازار بېرىدۇ؟
كاۋۇس ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاچچىقلاپ ئولتۇرۇپ ئاڭلىدى.كايىي دىسە گۇدەرىزنىڭ قىلغان سۆزلىرىنىڭ بەرى راست ئىدى.ئۇ ئۇزاق ئويلۇنۇپ ھەقىقەتەن خاتا قىلغانلىقىنى تونۇپ يەتتى.قىلغان سۆزلىرى ۋە ھەركەتلىرىدىن قاتتىق ئۇيالدى.شۇڭا جاۋاپ بېرپ شۇنداق دىدى:
  -ئەي دانىشمەنلەر پىرى،سۆزۈڭ ھەق!‹‹شاھ بېشىدا ئەقىل ئىدراك بولمىسا ئىش بۇزۇلىدۇ.›› دەپ قېرىلار پەندى نەسىھەت قالدۇرۇشقان ئىكەن.مەن بۈەۈن بۇنىڭغا رۇئايە قىلماي تېرىككەكلىك قىلىپ چوڭ ئىشنى بۇزۇۋېتىپتىمەن.دوستنى خاپا قىلىپ، دۈشمەننى كۈلدۈرىدىغان ئەخمىقانلىقنى سادىر قىپتىمەن.سەن ئەمدى بۇزۇلغان ئىشنى تۈزىگىن.تەھەمتەننىڭ كەينىدىن قوغلاپ يەتكىن.ئۇنىڭغا مىھرىبانلىق بىلەن ياخشى سۆز قىلىپ قايتۇرۇپ كەلەىن.مىنىڭ ئەقىلسىزلىك بىلەن تېررىكىپ ئىتتىكلىك قىلغىنىمنى كەچۈرىۋەتسۇن.توڭ سۆزلىرىمنى ئۇنتۇپ، ئىشنىڭ ياخشى تەرىپىنى ئويلۇسۇن. ئۇنى  قانداقلا قىلىپ بولمىسۇن ئېلىپ كېلىپ مىنىڭ بىلەن ياراشتۇرۇپ  قويغىن.بېشىدىن ئالتۇن تىللالارنى چاچقۇ قىلىپ ياغدۇرۇپ كۆڭلىنى يورۇت.
گۇدەرىز ئۇنىڭ پەرمانىغا ماقۇل بولۇپ، قولىنى كۆكسىگە ئېلىپ، چىرايلىق خوشلۇشۇپ قايتىپ چىقتى.ئاندىن ئۆيىگە قايتىپ كېلىپ خەۋىرىنى ساقلاپ تۇرغان مۆتىبەرلەرگە سۆھبەت نەتىجىسىنى يەتكۈزدى.ئۇلار خوشال بولۇشۇپ ئۈمىدكە تولۇشتى. رۇستەمنى تېپىش، رۇستەمنى تۇتۇپ قېلىش پەقەت گۇدەرىزىمنىڭلا ئىشى ئەمەس ئىدى.شۇڭا ئولتۇرغان ئۇلۇغلارنىڭ ھەممىسى تەرەپ تەرەپلەرگە تاراپ رۇستەمنى ئىزدەشكە چۈشتى.
ئۇلارنىڭ تەلىيىگە رۇستەم تېخى يىراققا كەتمىگەن ئىدى.ئۇلار  توپلىشىپ كېلىپ رۇستەمنىڭ ئالدىنى توساپ كۆڭۈل قويۇشقا،كاۋۇسنىڭ ئورنىدا ئەپۇ سوراشقا ،ئاچچىقنىڭ كەينىگە كىرمەي ئومۇمىلىقنى ئەلا بىلىپ ئىراننى يەنە بىر قېتىم چوڭ بالايى ئاپەتتىن قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشقا ئۈندەپ تىلىغا كىلىدىغانلىكى ياخشى سۆزلەرنىڭ ھەممىسى ئېيتىشتى:
  -ئۆمرۈڭ باقى بولسۇن ئەي غالىب باھادىر!دۇنيا باشتىن ئاخىر  قەدەم پايەڭ بولسۇن.ئىراندا سەندەك ئۇلۇغ باھادىر  بولغىنى ئۈچۈن ھاردائىم زەپەر بىزگە كۈلۈپ باقىدۇ.شۇڭا سېنى ‹‹زەپەر تەختىنىڭ مەڭگۈلۈك شاھىنشاھى›› دەپ تەرىپلىسەك مۇبالىغە قىلغان بولمايمىز.ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن،كاۋۇسنىڭ ئەقلى ئەزەلدىن چولتىراق،شۇڭا سۆز قىلسا  كىشىگە توڭ ياڭاقتەك  توڭ تىگىدۇ.مىجەزى ئىتتىك لىكىن كۆڭلى ياخشى بولغاچقا دائىم باشقىلارغا ئاسانلا ئازار بېرىپ قويۇپ كەينىدىنلا يەنە ئۆزى  پۇشايمان قىلىدۇ.ئەمدى بىزدە نىمە چارە دەيسەن.يە سەندەك ئۇلۇغ پەھلىۋاننى ئىرانغا باش قىلايلى دىسەك،  سۆزىمىزگە ئۇنىماي كاۋۇسنى ئۆزۈڭ تېپىپ كېلىپ تىگىشلىك  ئورنۇڭغا شاھ قىلدىڭ.نەچچە نۆۋەت يوقىلىش گىرداۋىغا بېرىپ قالسىمۇ يەنە ئۆزۈڭ قۇتۇلدۇرۇپ ئورنىنى كۆتۈردۈڭ،مۇنەۋۋەر قىلدىڭ .بۇ ئىران ئەزەلدىن كاۋۇسقا ئەمەس ساڭا تالىق،بىز كاۋۇسقا ئەمەس، ساڭا مۇھتاج.كاۋۇس گويا  ئۆز قولۇڭ بىلەن تىكىپ ئۆستۈرگەن بىر دەرەخ.ئۇنى داۋاملىق كۆكلىتەمسەن ياكى يۇلۇپ تاشلامسەن تامامەن ئۆز ئىختىيارلىقىڭدا ! بىز سەن نىمە دىسەڭ شۇ !
كۆپچىلىك بۇنچىۋالا دەۋاتسا رۇستەم يەنە نىمە دەپ پەش قېقىپ كېتەلىسۇن؟! شۇڭا ئۇ ئاچچىقىدىن يېنىپ كەتمەسلىك قارارىغا كەلدى. راست ئەمەسمۇ ؟كاۋۇسنى ئۆزى  تىكلىگەن . خالىسا ئۆلتۈرىۋېتەلەيدۇ.خالىسا  شاھلىقتىن قالدۇرۇپ ئورنىغا باشقا بىرسىنى تىكلىۋېتەلەيدۇ.لىكىن دۈشمەن تەھدىت سېلىپ تۇرغان مۇشۇنداق جىددى  پەيتتە  ئاداۋەت ساقلاپ ‹‹كاۋۇستىن ئۆچ ئالىمەن.ئورنىغا باشقا بىرسىنى شاھلىققا قويىمەن›› دەپ يۈرسە باھادىرلىق نامىغا داغ چۈشمەسمۇ؟!
رۇستەم شۇلارنى ئويلاپ قۇرساق كۆپۈكىنى چىقىرىۋېلىش ئۈچۈن قايناپ تۇرۇپ شۇنداق دىدى:
  -مىنىڭ كاۋۇس بىلەن نىمە كارىم؟ ماڭا ئۇنىڭ ھۆكمى ئۆتمەيدۇ.ئۇنداق ۋاپاغا جاپا قىلىدىغان تۇزكور ئەبلەخنى خالىسام چېپىپ تاشلايمەن. خالىسام پەرۋايىمغا ئالمايمەن.ئۇ مىنىڭ ئالدىمدا گويا بىر سىقىم تۇپراق.ئۇنىڭ  ماڭا ۋارقىراپ جارقىرىغىنىغا، دارغا ئاسماقچى بولغانلىرىغا قورقۇپ قالمايمەن.سىلەرمۇ بىلىسىلەر مىنىڭ شاھلىقتىن قىلچە تامايىم يوق.مەن ئۈچۈن  ئات ئىگىرى تەخت دەپ بايا ئېيتتىم.قېنى دەپ بېقىڭلارچۇ ئۇنىڭ قىلغانلىرى توغرىمۇ؟ ماڭا غەزەپلىك كۆزلىرى بىلەن يامان قاراشقا ئۇنىڭ نىمە ھەددى؟مىنىڭ ئۇنى قانچە رەت ئەسىرلىكتىن قۇتۇلدۇرغانلىقىمنى،قانچە رەت چۈشۈپ قالغان تەختىگە يەنە يۆلەپ چىقارغانلىقمنى،گاھى مازەندىران دىۋىلىرى بىلەن سوقۇش قىلىپ،گاھى ھامەۋىران لەشكەرلىرى بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىپ ،بىر كۈنمۇ ئۇنىڭ ئاۋارىچىلىقىدىن قۇتۇلالماي پوقىنى ئادالاپ يۈرسەم ئۇ ماڭا مۇشۇنداق جاۋاپ قايتۇرامدۇ؟ بولدى ماڭا تولا نەسىھەت قىلماڭلار .كاۋۇستىن كۆڭلۈم قالدى.ھەممىدىن تويدۇم.خۇدادىن ئۆزگە ھىچكىمدىن قورقۇنچۇم ۋە قەرزىم يوق مىنىڭ!
بۇ گەپنى ئاڭلىغان گۇدەرىز يەنە شىرىن سۇخەن باشلىدى:
  -ئەي ئالەمپاناھ باتۇرۇم ،سۆزلىرىڭنىڭ ھەممىسى توغرا ،بىزمۇ كاۋۇسنىڭ قىلىقىنى ئەيىپلەۋاتىمىز.ھەممىمىز ئۇنىڭ يارامسىز پەرمانىدىن غەزەپلىنىۋاتىمىز.ئۇنى‹‹ خاتا قىلدى›› دەپ ھەممىمىز سەن بىلەن كەتسەك ئىرانغا كىم باشپاناھ بولىدۇ.كاۋۇس بىزدىن  ‹‹يامان نىيىتى باركەن.مىنى قوللىمايدىكەن،ئوردىدىكىلەر ئەزەلدىن مېنى قالدۇرۇپ رۇستەمنى تىكلەش قەستىدىلا يۈرۈپتۇ›› دەپ ئويلاپ قېلىپ بىزدىن بەدگۇمان بولماسمۇ؟يەنە بىرسى جامائەت سورۇنلىرىدا سوھراب توغرىلىق گەپ بولۇپ قالغانلىرىدا خەق:‹‹ رۇستەممۇ كەلگەن ئىكەن،سوھرابنىڭ داڭقىنى، بەك يامانلىقىنى ئۇقۇپ ئۇرۇشقا بېرىشتىن قورقۇپ  شاھ بىلەن جىدەللىشىپ قېلىپ يامانلاپ كېتىپتۇ›، دىسە ئۇلۇغ نامىڭىزغا داغ چۈشمەسمۇ؟!...
گۇدەرىزنىڭ كىيىنكى سۆزلىرى رۇستەمنى ئاچچىقتىن يېنىشقا ،ئومۇملۇقنى نەزەرگە ئېلىپ، ئاداۋەتنى قايرىپ قويۇپ ،جەڭگە بېرىشقا تەييارلىنىشقا مەجبۇر قىلدى.
رۇستەم گۇدەرىزگە مەردانە جاۋاپ بېرىپ  بىر سۆز ئېيتتى.نىمە دەپتۇ دىمەمسىز؟:
  -سوھراب دىگىنىڭدىن دىلدا قىلچىلىك قورقۇش يوق.ئۇنىڭدىن قورىققان جان تەندە تۇرماي بار يېرىگە كەتسۇن! سەن تولا مېنى ئېچىتما ،ئۆزۈڭمۇ بىلىسەنغۇ،مەن دىگەن جەڭگە تويماس بىر ئەجدىھا.لىكىن مىنىڭ ئىززەت ئابرۇيۇمنى كاۋۇس يەرگە ئۇردى .شۇڭا بەك خاپا بولغانتىم...
رۇستەم شۇنى چۈشەندىكى بۇنداق نازۇك ۋاقىتتا ئۇنىڭ ئاچچىقىنى ئىچىگە يۇتۇپ سارايغا قايتماستىن باشقا ئامالى يوق ئىدى.ھەقىقەتەن ئۇنىڭ ئۈچۈن پالۋانلىق نومۇس كۈچلۈك كەلدى.شۇڭا نائىلاج كۆپچىلىكنىڭ نەسىھىتىگە كۆنۈپ كەينىگە ، سارايغا قايتتى.
بۇ نۆۋەت كاۋۇس رۇستەمنى يىراقتىن كۆرۈپلا تەختىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئالدىغا كىلىپ يۈكۈنۈپ تۇرۇپ كەچۈرۈم سورىدى:
پادىشاھ ئادەتتە پۇقراغا يۈكۈنسە بولمايتتى.شۇڭا رۇستەم ئۇنى تىزلانغىلى قويماي يۆلىۋالدى.كاۋۇس مۇنداق دىدى:
   -ئەي مەدەتكار پالۋىنىم،مېنى ئەپۇ قىل! تېنەپتىمەن.تەڭرى مېنى مۇشۇنداق لېيى خام ھالەتتە بۇرنىنىڭ ئۇچىنىلا كۆرىدىغان،چوڭ ئىشلارغا ئەقلى يەتمەيدىغان.ياخشىلارنىڭ قەدرىگە يەتمەيدىغان،يېقىنلىرىغا چىرايلىق سۆز قىلالماي توڭ تىگىدىغان ناباپ قىلىپ يارىتىپ قوۇيۇپتۇ.ئەسلى مەن ئۇنداق قىلمىسام بولاتتى.كۈچلۈك ياۋ بوسۇغىمىزغىلا يېقىنلىشىپ قالغىنى ئۈچۈن بېشىمغا قىلىچ تەڭلەنگەندەك بولۇپ قاتتىق قورىقتۇم.يۈرۈكۈم سىقىلدى.شۇڭا سەندىن مەدەت تىلەپ، تېز بېرىپ تېز كىلىشنى تاپىلاپ، گېۋنى ھوزۇرۇڭغا ئەۋەتكەن ئىدىم.ئەپسۇسكى سىلەر مۇشۇنداق خەتەرلىك پەيتتە   تېز كەلمەستىن ،كىلىشكە تىگىشلىك ۋاقىتتىن تۆت كۈن كېچىكىپ كەلدىڭلار.شۇڭا شاھلىق نەپسىم ئىزا تارتىپ ،غەزىپىمگە پايلىماي ناباپ ئىش قىلىپ تاشلاپتىمەن.ئىشتىن كېيىن قاتتىق ئىزا تارتىپ ،پۇشايمان يىدىم.سەندىن كەچۈرۈم سوراش،قايتىدىن يارىشىۋېلىش ئۈچۈن گۇدەرىزنى ئارقاڭدىن ئەۋەتكەن ئىدىم.مىنى دىمىسەڭمۇ دۆلەت مەنپەتىنى ئەلا بىلىپ قىلغانلىرىمنى كەچۈرگەن،باتۇرلۇقۇڭنى يەنە بىر قېتىنم ئىشقا سېلىپ ئىران خەلقىنى خەتەردىن قۇتۇلدۇرۇپ قالغىن!
  -ئەي شەھرىيار، بولدى بۇنچىۋالا تەكەللۇپ بىلەن مېنى خىجىل قىلمىغىن.سەن بولساڭ ھۆكۈمدار ،بىز بولساڭ پەرمانىڭدىكى قۇللۇرۇڭدۇرمىز.مەنمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ھوزۇرۇڭدا نەۋكەرلىككە ياراپ قالسام شۇنىڭدىن بەختىيارمەن.ھازىر پەرمانىڭغا مۇنتەزىر بولۇپ تۇرۇپتىمەن.ئەقىلمۇ، قۇدرەتمۇ،سۆز ۋە بۇيرۇقمۇ سەندىن بولسۇن!
  -بەللى ئەي پالۋان،ئالەم ئارا يۈزۈڭ يورۇق بولسۇن .ئۆمرۈڭ ئەبەدى ئۇزۇن بولسۇن.مىنىڭ پەرمانىمغا بوي سۇنىدىغان بولساڭ پەرمان شۇ،قېنى كەل،بۈگۈن كېچە بەزمە تۈزۈپ تاڭ ئاتقۇچە يەپ ئىچىپ كۆڭۈل ئاچايلى.بۇرۇنقى كۆڭۈلسىزلىكلەرنى تامامەن ئۇنتۇيلى.ئەتە ھاردۇق چىقىپ جاسارىتىمىز ئۇرغۇغان چاغدا ئاندىن ياۋغا قارشى يۈرۈش قىلايلى.
شۇ سۆزدىن كېيىن كاۋۇس پەرمان چۈشۈرۈپ چوڭ كىچىك ئوردا مۆتىبەرلىرى،لەشكەر باشلىقلىرى ۋە باشقا ئۇلۇغلارنى تەكلىپ قىلىپ، رۇستەمنىڭ شەرىپىگە  ناھايىتى كاتتا كۆڭۈل ئېچىش بەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ ئاغرىق ئاداۋەتلەرنى يۇيۇۋېتشكە تىرىشتى.
بۇ بەزمە ھەقىقەتەن بەك قىزىدى.داڭلىق ناخشىچى،چالغۇچى،ۋە رەققاسلارنىڭ ھەممىسى پەرمانغا بىنائەن  يىغىلغان،  قاتتىق ئېچىلىپ بار ماھارەتلىرىنى كۆرسۈتۈش بۇيرۇلغان بولغاچقا،  تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر تەمبۈر،راۋاپ،نەي،ۋە داپلارنىڭ ساداسى بېسىلمىدى.گۈزەل رەققاس قىزلار كېپىنىەكتەك پەرۋاز قىلىپ،ناخشىچىلار  بەسلىشىپ ئەڭ ئىسىل ،ئەڭ شوخ ناخشىلارنى تاللاپ ئېيتىپ سورۇندىن چاڭ چىقىرىۋېتىشتى.كاۋۇسنىڭ زورى بىلەن قەدەھلەرمۇ تىنىم تاپماي ئايلىنىپ .شاھانە مەيلەر سورۇن ئەھلىنىڭ كەيپىنى كۆتۈرۈپ شوخلاشمىغان،خۇشال بولمىغان بىرمۇ ئادەم قالمىدى.سورۇن ئەھلى قاتتىق مەست بولۇشۇپ ھۇش كاللىسى قالمىغان چاغدىلا ئاندىن بىر بىرىنى يۆلىشىپ بىر بىرلەپ قايتىشتى...
كاۋۇس بىلەن رۇستەمنىڭ لەشكەر تارتقانلىقى
سەھەردە قۇياش قىزىل شايى پەردىسىنى قايرىپ جاھانغا كۈلۈپ باش چىقاغاندا كەيكاۋۇس لەشكەر دۇمباقچىلارغا :‹‹ دۇمباقلار چېلىنسۇن!››دەپ بۇيرۇق بىردى.بۇ پۈتۈن قوشۇننىڭ جەڭگە ئاتلىنىش پەرمانى ئىدى. قوشۇنلارنىڭ بېشىدا گېۋ بىلەن تۇس ئالدىن يۈرەر قوشۇننى باشلاپ  يولغا چىقتى.لەشكەلەرنى سەپەرۋەر قىلىش،ياراغ تولۇقلاش،ئات ئۇلاغلارنى تەييارلاش،ئاش ئوزۇق غەملەش قاتارلىق ئىشلارغا نۇرغۇن دۇنيا دەپىنە سەرىپ قىلىندى.قوشۇن كەينىگە ھەيۋەتلىك كارۋان ئورۇنلاشتۇرۇپ ئاش ئوزۇقلارنى ئېلىپ مېڭىشقا بەلگىلىدى. بۇ قېتىمقى جەڭگە  پولات ساۋۇتلۇق يۈزمىڭ لەشكەر چىقىرىلغان بولۇپ ھەممىسىنىڭ تېگىدە ئويناپ تۇرغان ئىسىل جەڭ ئاتلىرى بار ئىدى.ئۇلاردىن باشقا سول تەرەپتىن يەنە بىر توپ لەشكەر كېلىپ قوشۇلدى.بۇلار بىلەن لەشكەر سانى ھەسسىلەپ كۆپۈيۈپ چاڭ توزان دەستىدىن كۈن يۈزىمۇ كۆرۈنمەي قالدى.ئارام ئالغانلىرىدا  تىكىلگەن چىدىرلار ئىككى مىل ئارىلىققىچە كۆرۈنەتتى. قوشۇن بىلەن بىللە يۈرىدىغان ئات،پىل ۋە قېچىرلارمۇ يەر يۈزىنى قاپلاپ كەتكەن ئىدى.قوشۇن بىلەن  بىرگە يۈرگەن دۇمباقچىلار چالغان دۇمباقلارنىڭ ئاۋازىدىن يەر يۈزىدە لەرزە پەيدا بولاتتى.سىپاھلار مەنزىلدىن مەنزىلگە كۆچكەندە قۇياش يۈزىمۇ قارىيىپ كېتەتتى.قوشۇن ئىچىدىن كۆتۈرۈلگەن چاڭ توزانلار ئىچىدە قىلىچ،نەيزە،ئايپالتىلار، قۇياش نۇرى ئەكىس ئېتىپ پارقىرىسا، خىلمۇ-خىل تۇغ ئەلەملەر ھەسەن ھۈسەندەك نۇر جۇلاسى پەيدا قىلاتتى. ،زەر رەڭ ساۋۇتلار،خىلمۇ- خىل ساداقلار بىر قارىسا قارا،بىر قارىسا سېرىق كۆرۈنۈپ،خۇددى بۇلۇتلار زەر ياغدۇرۇۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.چاڭ توزاندەستىدىن كۈن يۈزىنى كۆرگىلى بولمىغاچقا ،كىچە بىلەن كۈندۈزنى پەرىق ئەكىلى بولماي قالاتتى.
قوشۇن شۇنداق يۈرۈپ  ئاخىر بىر كۈنى  قولدىن كەتكەن ئاق قەلئەگە يېقىنلىشىپ كەلدى.تۇراننىڭ كۈزەتچىلىرى قوشۇن كەلگەنلىكىنى بايقاپ دەرھال سوھارابقا مەلۇم قىلىشتى.سوھراب ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ھۇممان بىلەن بىللە سېپىل تېمى ئۈستىگە چىقىپ كەلكۈن كەبى ھەممە ياقنى قاپلاپ دەۋرەپ كېلىۋاتقان ئىران لەشكەرلىرىنى كۆردى.بۇ سان ساناقسىز قوشۇن سوھرابنىڭ پىسەنتىگە كەلمىگەن بىلەن ھۇممان قاتتىق قورقۇپ كەتتى.سوھراب بۇنى كۆرۈپ ھۇممانغا دىدى:
  -قىلچە ئەندىشە قىلما،قورقۇشنى دىلىڭدىن ئۆچۈر! شۇنى بىلىپ قالغىنكى، لەشكەرلەر چېتى كۆرۈنمەي كېلىۋاتقىنى بىلەن ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەن بىلەن تەڭلىشەلىگۈدەك بىرەر مەرد جەڭگىۋار ئەزىمەتنى كۆرمىدىم.ئەگەر ئېغىر گۈرزەمنى كۆتۈرۈپ مەيدانغا چۈشىدىغان بولسام بۇنچىۋالا ئادەمنىڭ ئىچىدىن قايسىبىرى ماڭا روبىرو كىلىشكە جۈرئەت قىلالار؟! مەن ئۇلارنىڭ ئارىسىغا كىرىپ شۇنداق بىر جەڭ قىلايكى،كەلگەنلەرنىڭ ھەممىسى يىغلاپ قېلىشسۇن.بۇلاردا قورال ياراقلار خىل،قالقانلار كۆپ،ئوق ۋە كامانلار ھەددى ھېساپسىز بولسىمۇ،ھەتتا ئاي بىلەن كۈننى ياردەمگە چاقىرسىمۇ   ئەشۇ يۈزمىڭلىغان لەشكەرلەرنىڭ بىرمۇ سەرەپرازى يوق.شۇڭا ئەفراسىياپ بەختىدىن رازى بولسۇن ،مەن بۈگۈن بۇ چۆل باغرىنى خۇن دېڭىزىغا ئايلاندۇرۇۋېتىمەن.
سوھرابتا بۇنچىۋالا كۆپ لەشكەرگەقارىتا غەمدىن ئەسەرمۇ يوق ئىدى.ئۇ سېپىل ئۈستىدىن خوشال- خورام ھالدا پەسكە چۈشۈپ ساقىغا بۇيرۇدى:
  -ماڭا بىر جام مەي كەلتۈر! قانغۇچە بىر ئىچىۋالاي،بۇنداق چۈپرەندە لەشكەرلەر بىلەن بولغان جەڭ ئايىقىمنىڭ چاڭ توزانلىرىنى سۈرتكەنچىلىكلا ئىش!
قەلئە سىرتىغا  ئىران لەشكەرلىرى كېلىپ ھەممىسى جايلىشىپ بولۇشتى.كاۋۇسمۇ يىتىپ كېلىپ لەشكەرلىرى ئارىسىغا چېدىر تىككۈزۈپ ئورۇنلاشتى. ئىران لەشكەرلىرىنىڭ چېدىرلىرىنىڭ كۆپلىكىدىن نە تاغ،نەچۆل،نە ئىدىرلاردا بىر ئەنلىكمۇ بوش ئورۇن قالمىدى.

رۇستەمنىڭ جەندەرەزىمنى ئۆلتۈرگەنلىكى
كۈن يۈزىگە قارا تۈن ئېتەك يېپىپ قۇياش يۈزى كۆرۈنمەي قالغان چاغدا رۇستەم شاھ كاۋۇسنىڭ يېنىغا كەلدى.ۋە ئۇنىڭدىن جەڭگە كىرىشكە ئىجازەت سوراب شۇنداق دىدى:
   -ئەي شەۋكەتلىك شاھىم،ماڭا ھازىرلا جەڭگە كىرىشكە ئىجازەت بەرگىن.مەن ھىچقانداق سالا-سۇلى قىلمايلا ياۋ ئۇۋىسىغا بېسىپ كىرىپ جاھانغا پاتماي قالغان ھېلىقى ياش جاھاندارنى بىر كۆرۈپ باقايچۇ؟!
-ئەي ھۇشيار ۋە قورىقماس مەرد،  -دىدى كاۋۇس ئىجازەت بېرىپ   -ئىختىيار ئۆزۈڭدە.ئاللاھ ئىگەم پاناھىڭ بولسۇن.ياخشى نىيىتىڭ قاياشىڭ ۋە يولداشىڭ بولسۇن.قىلچە دەرد ۋە غەم كۆرمىگەيسەن!
رۇستەم كىيىملىرىنى ئالماشتۇرۇپ  تۈرىكچە كىيىنىپ ئاستاغىنە قەلئە تەرەپكە يول ئالدى.بىر ئاماللارنى قىلىپ يوشۇرۇنچە قەلئە ئىچىگە كىردى.قارىغۇدەك بولسا تۈرىك لەشكەرلىرى مەسىت ئەلەس يۈرىشەتتى.سوھراب بەزمە ئۇيۇشتۇرۇپ كۆڭۈل ئېچىۋاتقان بولۇپ بەزمە تازا ئەۋجىگە چىققان ئىدى.ھەر تەرەپلەردە كۈي- ساز ئاۋازلىرى ياڭراپ تۇراتتى.رۇستەم قىلچە قورىقماستىن بەزمە سورۇنىغا ئىچكىرلەپ كىردى.سورۇندىكى نازىنىلارنى،باتۇرلانى،ۋە باشقا سورۇن قاتناشچىلىرىنى بىر بىرلەپ كۈزەتتى.
سوھرابنىڭ يېنىدا تاغىسى جەندە رەزىم بار ئىدى.باشقىلار ئىچىپ مەست ئەلەس بولۇشۇپ كەتكەن بولسىمۇ لىىكىن ئۇ  شاراپ ئىچمىگەن ھۇشيار ھالەتتە  سوھرابنى قوغداپ تۇرغان ئىدى.( ئوقۇرمەنلىرىمىزگە مەلۇم  بولسۇنكى جەندەرەزىم سوھرابنىڭ ئانىسى تەھمىنەنىڭ قېرىندىشى يەنى ئاكىسى ئىدى.سوھراب جەڭگە ماڭار چاغدا تەھمىنە  رۇستەم بىلەن سوھرابنىڭ تونۇشماستىن تۇتۇشۇپ قېلىپ، سوھرابقا زەرەر يىتىپ قېلشىدىن ئەنسىرەپ جەندىرەزىمنى چاقىرتىپ كىرىپ ئالايىتەن سوھرابقا قورۇغدۇغۇچىلىققا بەلگىلىگەن. سوھرابتىن بىر قەدەممۇ نېرى كەتمەسلىك،ئۇنى ھەرقاچان ھۇشيار تۇرۇپ قوغداش،قاچانكى سوھراب رۇستەم بىلەن ئۇچرىشىپ قالسا، جەندىرەزىمنى دەرھال ئوتتۇرىغا چۈشۈپ، ئاتا-بالىنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇپ قويۇپ، ئاتا بالا ئوتتۇرىسىدا  قانلىق پاجىئە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئالاھىدە تەيىنلەپ ئەۋەتكەن ئىدى.)
دانالار :‹‹بالدۇر ئېچىلغان گۈل بالدۇر توزۇيدۇ››دىگەن بىر ھىكمەتنى قالدۇرۇشقان ئىكەن.ھەم كونىلار،ھەممە ئىش تەقدىر قىسمەتتىن بولىدۇ. ھىچكىم تەقدىرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ دىيىشىدۇ.راستشۇنداقمۇ ياكى سوھراب پاجئەسىنى رۇستەم كەلتۈرۈپ چىقاردىمۇ ئوقۇرمەنلىرىمىز ۋەقەنىڭ تەرەققىيات جەريانلىرىنى ئوقۇپ كۆرۈپ ئەقلى تەپەككۇرى ئارقىلىق ھۆكۈم چىقىرىپ باقسا بولىدۇ.
رۇستەم كۆردىكى بەزمىنىڭ تۆرىدىكى شاھانە تەختتە  سوھراب مەي ئىچىپ كۆڭۈل ئېچىپ ئولتۇرۇپتۇ،بىر تەرىپىدە شىر يۈرەك بەرمان،يەنە بىر تەرىپىدە بولسا جەندەرەزىم. شۇ تاپتا سوھراب پۈتۈن ئۆينى شاد خوراملىققا چۆمدۈرۈپ ئاپتاپتەك ئېچىلىپ ئولتۇرغان.رۇستەم ئۇنىڭغا سەپ سالدى،قارىغۇدەك بولسا ئاياغ ۋە قوللىرى ئاتتەك،بەستى پىلدەك،چېھرى پورەكلەپ ئېچىلغان گۈلدەك،كىرپىكلىرى تارام-تارام،ئەتراپىدا يۈزگە يېقىن باتۇر ئەر بەزمە تۈزۈپ ئولتۇرغان.ئۇلارنىڭمۇ ھەممىسىلا شىردەك ياش سەرەپراز(مەغرۇر) يىگىتلەر ئىدى.كىيىملىرى ئاجايىپ ياراشقان ئەللىك نەپەر غۇلام تەخت  يېنىدا قوللىرىغا بىردىنشاراپ كومزىكىنى ئېلىشىپ بەزمە ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ يۈرۈپتۇ.تەھەمتەن سەل يىراقتىن بۇ تۈرىكچە بەزمىنى كۈزىتىپ خېلى ئۇزاق تۇردى.بىر چاغدا ئەجەلسكرىدىمۇ ياكى شۇنداق توغرى كېلىپ قالدىمۇ جەندىرەزىم ھاجەت قىلماق بولۇپ سىرتقا چىقتى.ئۇ ئىشىك سىرتىدا تۇرغان قەددى قامەتلىك كىلىشكەن ناتونۇش ئادەمنى كۆرۈپ قاتتىق گۇمانلاندى.تۇران لەشكەرلىرى ئىچىدە سوھرابتىن باشقا بۇنداق قامەتلىك ئادەم يوق ئىدى.جەندەرەزىم يېقىنلاپ كىلىپ كاپ قىلىپ رۇستەمنىڭ ياقىسىدىن تۇتۇپ كىملىكنى سوراق قىلىپ كەتتى:
  -ھەي كىمسەن؟ بىزنىڭ يېنىمىزدا نىمە ئىشىڭ بار؟نامىڭنى ئېيت،!ماڭا يۈزۈڭنى ئېچىپ كۆرسەت!
رۇستەم ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ يۈزىنى كۆرسەتكەن بولسىمۇ ئۇ رۇستەمنى تونۇپ شۇيەردىلا ئىشنى ئوڭشىۋەتكەن بولسا كىيىنكى ئىشلارمۇ يۈز بەرمەس ئىدى.لىكىن رۇستەم بىراۋ ياقىسىغا ئېسىلىپ ۋارقىراپ جارقىراپ ئەدەپسىزلىك قىلسا قاراپ تۇرىدىغانلاردىن ئەمەس ئىدى. ئۇ گەپ سۆز قىلمايلا جەندەرەزىمنىڭ گەجگىسىگە بىر مۇشت سېلىۋىدى. جەندەرەزىم دۈم چۈشۈپلا تىن تارتماي ئۆلدى. جەندەرەزىم سىرتتا توپىغا مىلىنىپ ياتاتتى.ئەمدى ئۇنىڭ ئۈچۈن بەزمە مەزمىمۇ،قوغدايدىغان سوھرابمۇ يوق بولغان ئىدى.
ئارىدىن خېلى ۋاقىت ئۆتتى. جەندەرەزىمنىڭ ئورنى بوش بولۇپ تېخىچە سىرتتىن  قايتىپ كىرمىگەن ئىدى.سوھراب ئولتۇرغانلاردىن ئۇنى سۈرۈشتە قىلدى:
   -بەزمە گۈلى تاغام  جەندە كۆرۈنمەيدىغۇ؟
   -ئۇ بايا سىرتقا ھاجەتكە چىقىپ كەتكەن ئىدى.
   -نىمىشقا تېخىچە قايتىپ كىرمەيدۇ؟نەلەردە تەمتىرەپ يۈرىدىغاندۇ؟ چىقىپ قاراپ بېقىڭلار!
غۇلاملاردىن بىرنەچچىسى شام كۆتۈرۈپ سىرتقا مېڭىشتى.چىقىپ قاراشقۇدەك بولسا جەندەرەزىم  ئىشىك ئالدىدا ئۆلۈپ يېتىپتۇ .ئۇلار ئالاقزادە بولۇپ كىرىپ سوھرابقا مەلۇم قىلىشتى.سوھراب قاتتىق چۆچۈپ ئەتراپىدىكى باتۇرلارغا خىتاپ قىلدى:
  -ئەي ئەقلى پۈتۈن باھادىرلىرىم،ساداقەتمەن دوستلىرىم،ھۇشيار بولۇڭلار!كۆزۈڭلارنى ئېچىپ،ئۇيقۇدىن قېچىپ ،قولۇڭلارغا قۇرال ئېلىڭلار!قوتانغا بۆرە چۈشسە، پايلاقچى ئىت ئۇخلاپ قالسا، قويلارنىڭ شورى قۇرۇيدۇ. سېپىمىزنىڭ ئەركانى قەستكە ئۇچراپتۇ.ئۇ ھىيلە نەيرەڭنىڭ قۇربانى بولۇپ كەتتى. ماڭا بۇ ئىش قاتتىق ئەلەم قىلدى.ھەممىمىز بۇندىن كېيىن باتۇر، ھۇشيار،ۋە قەيسەر بولۇپ،بىر نىيەتتە كۈچ چىقىرىپ جەندەرەزىم ئۈچۈن قىساس ئالايلى!
بەزمە شۇ يەردىلا قالدى.ھەممەيلەن پاتىپاراق بولۇشۇپ ئەتراپتىن قاتىلنى ئىزدەشتى.لىكىن ھىچكىمنى تاپالمىدى.سوھراب پەرىشانلىق ئىچىدە ئۆيىگە قايتىپ كىردى.دوستلىرىمۇ جەندىرەزىمنىڭ جەسىدىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ تارقاشتى.ئەڭ يېقىن دوستلىرىدىن بىرنەچچىسى ئۇنىڭ ھوجرىسىغا تەسەللى بېرىش ئۈچۈن كىرىشتى.
سوھراپ ئېغىر قايغۇ ئىچىدە دىدى:
   -سېپىمىزدە جەندىرەزىمنىڭ ئورنى بوش قالدى.دۈشمەن ئۇنى قەستلەۋاتسا، مەستلىكتە بەزمە ئويناپ  تۇيماي ئولتۇرۇپتىمىز...
رۇستەم قەلئەدىن ئامان ئېسەن قايتىپ كېچىدە شاھ چېدىرى تامان  كېتىۋاتاتتى.ئۇنىڭ ئۇچۇسىدا تۈرىك ئەسكەرلىرىنىڭ كېيىمى بولغاچقا قاراۋۇللۇق قىلىۋاتقان گېۋ ئۇقۇشماي قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇنىڭغا ئېتىلىپ كەلدى.رۇستەم گېۋنى تونۇپ كۈلۈپ كەتتى ۋە دەرھال چاڭ ئۇردى.گېۋ ھەيۋە بىلەن ئۇرۇلغان چاڭ ئاۋازىدىن كەلگەن كىشىنىڭ رۇستەم ئىكەنلىكىنى تونۇپ ئېتىدىن  چۈشۈپ يېقىن كەلدى:
   -ئەي بىمىسال جەڭچى، بۇ تۈن كېچىدە پىيادە يۈرۈپ  قاياقتىن كېلىۋاتىسەن!
رۇستەم يېرىم تۈنگىچە ئارىلىقتا قەلئە ئىچىگە كىرىپ ئۇ يەردە كۆرگەنلىرىنى ۋە قىلغان ئىشلىرىنى سۆزلەپ بەردى.گېۋ بۇلارنى ئاڭلاپ ھەيرانلىق ئىچىدە رۇستەمگە ئاپىرىن ئوقۇدى.رۇستەم چېدىرىغا   قايتىپ كىرىپ ئازراق مەي ئىچىپ  بولۇپ ئارام ئېلىشقا ياتتى.


سوھرابنىڭ ھەجىردىن ئىران باتۇرلىرىنىڭ نامىنى سورىغانلىقى
قۇياش ئالتۇن رەڭ قالقان كۆتۈرۈپ :‹‹قېنى،مەن بىلەن قايسىڭ يەكمۇ يەك ئېلىشىسەن ؟!›› دەپ كۆزلىرىنى قىزارتىپ چىققاندا، سوھراب جەڭ لىباسلىرىنى كىيىپ ،تۇنجى جەڭ ئۈچۈن ئوبدان راسلىنىپ ،خۇددى ئاپتاپتەك ئېچىلىپ مەيدانغا ئات ئوينۇتۇپ چىقتى. يېنىغا ئۆتكۈر قىلىچ بىلەن ھىندىچە قىلىچ ئېسىۋالغان ،بېشىغا پارقىراق شاھانە دوبۇلغا كىيىۋالغان،خۇددى رۇستەمنىلا دورىغاندەك ئۇمۇ ئىگەر بېشىغا ئاتمىش ھالقىلىق ،ئۇچىغا كەمەنىد قىلىنىدىغان سىرتمىقى بار ئارغامچا ئېسىۋالغان ئىدى.جەندىرەزىمنىڭ ئىشىدىن غەزىپى قايناپ تۇرغاچقىمىكىن قاپىقى تۈرۈلگەن،قاشلىرى يىمىرىلگەن ئىدى.
سوھراب ئىرانلىقلارنى كۈزەتمەك بولۇپ ئىگىز بىر دۆڭ ئۈستىگە چىقتى.بۇ يەردىن كاۋۇسنىڭ چېدىرىنى ۋە پۈتۈن لەشكەر توپلىرىنى ئېنىق كۆرگىلى بولاتتى.سوھراب يېنىغا ھەجىرنى چاقىرتقۇزدى.سوھراب ئۇنىڭغا دوق قىلىپ تۇرۇپ ئىرانلىقلار توغرىسىدا گەپ سوراشقا باشلىدى:
  -ئەگەر ئاتقان ئوقۇڭ ئەگرى بولسا ئۇ نىشانغا تەگمەيدۇ.ناۋادا بالا- قازادىن نېرى بولاي دىسەڭ قىلچە يالغاننى ئارىلاشتۇرماي راستىنى ئېيت! بولمىسا بېشىڭغا كۈلپەت ياغدۇرۇۋالىسەن.ئەگەر مەندىن قۇتۇلۇشنى ئىزدىسەڭ مىنى ھەقىقەتتىن خەۋەردار قىلغىن.سۆھبىتىمىزنى شاد خورام،كۆڭۈللۈك داۋاملاشسۇن دىسەڭ ھەر بىر ئېغىز سۆزۈڭ راستلىقنى ئالدىنقى شەرت قىلسۇن.مەن سەندىن ئىران ۋە ئىران باتۇرلىرى ھەققىدە گەپ سورايمەن.سۆھبەتتىن كېيىن سۆزلىرىڭ راست بولسا كۆپلىگەن بايلىق،ئىسىل كىيىم كېچەك قاتارلىقلارنى ئىنئام قىلىپ بېرىمەن.قىلچىلىك يالغان ئارىلىشىپ قالسا،ئۆمرۈڭ ئەسىرلىك ئىچىدە ئۆتىدۇ.ئۆمۈرلۈك زىندانغا قامىتىۋېتىمەن.گېپىمنى چۈشەندىڭمۇ ؟!
  -شاھىمىز ئىران ھەققىدە بىلىشنى ئىختىيار قىلغان بولسا، نىمىنى سورىسىڭىز شۇنىڭغا جاۋاپ بېرەي،بىلىدىغانلىرىمنى ھەممىسىنى ئايىماي سىز ئۈچۈن خىزمەت قىلاي! سۆھبەتكە يالغان ئارىلاشسا ھىچقانداق يەردە سۆھبەت سۆھبەتتەك بولماي قالىدۇ.مەن ئۆزۈممۇ توغرىلىقنى ياخشى كۆرىمەن،ئەگرىلىكنى يامان كۆرىمەن.دۇنيادا راستلىقتىن ساز ئىش،يالغاندىن ئۆتە ئەسكى قىلمىش يوق!
  -مىنىڭ سورايدىغان سۇئالىم كۆپ تەرەپلەرگە چېتىلىدۇ. شاھ كەيكاۋۇس،پۈتۈن ئەسكەر،ئىراندىكى داڭلىق سەركەردىلەر ھەققىدە بولىدۇ.سەن ماڭا،گېۋ،گۇدەرىز،تۇس،بەھرام،كەشۋۇد،ۋە رۇستەملەر ھەققىدە بىلگەنلىرىڭنىڭ ھەممىسىنى ماڭا سۆزلەپ بەر ۋە ئۇلارنى كۆرسىتىپ قوي!
  - بولىدۇ شاھىم،سىز نەدىن سورىسىڭىز مەن شۇ يەردىن جاۋاپ بېرەي.
  -ئاۋۇ ئوتتۇرىغا جايلاشقان يوغان چېدىر كىمنىڭ؟ ئۇ نىمە ئۈچۈن رەڭگا –رەڭ؟ ئۇ نىمىشقا باشقا چېدىرلاردىن يولۋاس كەبى پەرىقلىنىپ تۇرىدۇ؟ ئۇنىڭ ئەتراپىدا يۈزلەپ پىللارتەييار تەخ تۇرار ئىكەن.ئۇ يەردىكى تەخت نىمە ئۈچۈن كۆزنى قاماشتۇرغۇدەك ئىسىل؟ بېشىغا قىزىل ئاي شەكىللىك دوبۇلغا كىيىپ ،گۈلنەپشە غىلاپلىق شەمشەر ئاسقان،سىپاھلار مەركىزىدە تۇرغان كىشى كىم؟
-ئۇ چېدىر بولسا ئىران شاھى كەيكاۋۇسنىڭ چېدىرى.پىل ۋە شىرلار ئارا ئۇ دەرگاھ قۇرغاندۇر.سىپاھلار مەركىزىدە تۇرغان كىشى دەل كەيكاۋۇس بولىدۇ.
-داۋاملىق بايان قىل!مەيمانە تەرەپتە،قانچىللىك پىل ۋە نەچچە كارۋان بار؟ نىمىشقا ئۇ يەردە قارا رەڭلىك ناھايىتى چوڭ چېدىر تىكىلگەن؟ نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ ئەتراپىنى سانسىز سىپاھلار ئورىۋالىدۇ؟ئۇ چېدىرنىڭ يېنىدا نۇرغۇن پىللارئارقىسىدا نۇرغۇن شىرلار بار ئىكەن .چېدىرىغا پىل سۈرەتلىك بايراق ئېسىپتۇ.نەۋكەرلىرىنىڭ ھەممىسى تىللارەڭ باشماق(كەش) كىيىپتۇ. ئۇ كىمنىڭ چېدىرى ؟
-ئۇ  نەۋرەز كەبى نامدار  تۇسنىڭ چېدىرى.ئۇنىڭ بايرىقىدا پىل سۈرىتى بار .
-قارا، ئاۋۇ لالەگۈن چېدىر ئەتراپىنى ناھايىتى كۆپ ئاتلىق قوشۇن ئوراپ تۇرۇپتۇ.چېدىرى ئۈستىدە شىر سۈرەتلىك بايرىقى يەلپۈنۈپ تۇرىدىكەن .بايرىقىنىڭ ئوتتۇرىسىدا نۇر چېچىپ تۇرغان گۆھەر بار ئىكەن.چېدىرىنىڭ كەينىدە ھەيۋەتلىك چېرىكلىرى ھەممىسى نەيزە تۇتۇپ تۇرۇپتۇ.بۇ چوڭ  شان-شۆھرەتتىن بىشارەت بېرىپ تۇرىدىكەن.ئېيتقىنا ئۇ كىمنىڭ چېدىرى؟
-ئۇ چېدىردا ئاق نىيەتلىكلەرنىڭ بېشى بولغان پالۋان گۇدەرىز تۇرىدۇ. ئۇ نۇرغۇن باتۇر ئوغلانلارنى تەربىيەلەپ يىتىشتۈرگەن.ئۇ تەربىيەلىگەنلەرنىڭ قىرىقى پىل بولسا،قىرىقى قاپلان.ئۇلار پىل مىنىپ جەڭگە چۈشىدىغان بولسا شىر يولۋاسلارمۇ تەڭ كېلەلمەيدۇ.


  -ئاۋۇ چوڭ يېشىل چېدىر ئالدىدا پۈتۈن بىر قوشۇن تىك تۇرىدۇ.ئوتتۇرىغا بىزەكلىك يالغۇز تەخت ئورنۇتۇپتۇ.پەشتاقلىرىغا شاھانە يۇلتۇزلار نەقىش قىلىنىپتۇ. تەخت ئۈستىدە غۇرۇرلۇق،شىجائەتلىك ئاجايىپ بىر پالۋان ئولتۇرىدۇ.يېنىدا نۇرغۇن نەۋكەرلىرى تىك تۇرۇشۇپتۇ.ئۇ كىشى ئولتۇرسىمۇ بېشى يەنە ھەممە باتۇرلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىكەن.يېنىدا ئۆزىگە خاس تۇلپارى كىشنەپ تۇرىدىكەن ،ئىگىرىدە ئاتمىش غۇلاچ ئارقىنى ئىلىقلىق ئىكەن.بۇ پالۋان گويا ئىگىز تاغدىن چۈشكەن بىر دەرياغا ئوخشايدىكەن.پىللىرىنىڭ ئۈستىدىمۇ ئوق ئۆتمەس ساۋۇت بار ئىكەن.ئۇ پەھلىۋاننىڭ كۆزلىرى ئوتتەك يېنىپ تۇرىدىكەن.مەن نە ئىراندا،نە باشقا يەرلەردە بۇنداق نوچى سۈپەت كاتتا زاتنى كۆرۈپ باقمىدىم .ئۇنىڭ چېدىرى بېشىدا ئەجدىھا سۈرەتلىك بايراق بار ئىكەن.بايراقنىڭ نەيزىسى ئۇچىدىمۇ ئالتۇن شىر بېشى تۇرۇپتۇ.ئېيتقىنا بۇ كاتتا پالۋان كىم؟
بۇ كىشى ئەلۋەتتە پالۋان رۇستەم ئىدى.ئۇ توغرىسى بويىچە تونۇشتۇرىۋەتكەن بولسا ئاتا- بالا تونۇشۇۋالغان،كىيىنكى پاجئەلەرمۇ يۈز بەرمىگەن بولار ئىدى.ھەجىر سوھرابنىڭ رۇستەمنىڭ پەرزەنتى ئىكەنلىكىنى ئەلۋەتتە بىلمەيتتى.شۇڭا ، جاۋاپ بىرىش ئالدىدا ئويلىنىپ ئەندىشە قىلىپ قالدى. ئۇ ئويلىدىكى :‹‹سوھراب تەڭداشسىز شىرمەرد ئىكەن.ئەگەر رۇستەمنى ھازىرلا تونۇشتۇرۇۋەتسەم ئۇ رۇستەمنى تونۇۋېلىپ بىرىنچى قەستلەش نىشانى قىلىۋالىدۇ.ئەگەر ئۇرۇشتا رۇستەم سوھرابقا تەڭ كېلەلمەي قولىغا چۈشۈپ قالسا ،ياكى ئۆلتۈرۈلسە پۈتۈن ئىران قوشۇنى ئۈچۈن چوڭ زەربە بولىدۇ.شۇڭا راستىنى ئېيتمىغىنىم،نامىنى يوشۇرغىنىم ئەۋزەل›› شۇڭا ئۇ بۇ سۇئالغا يالغاننى ئارىلاشتۇرۇپ جاۋاپ بەردى:
-ئۇ كاۋۇسقا ياللىنىپ كەلگەن نامدار بىر پالۋان،ئاڭلىشىمچە ئۇ چىن تەرەپلەردىن كەلگەن ئىمىش.
-ئىسمى نىمە؟
-بىلمەيدىكەنمەن جاناپلىرى .
-سەن ھەممىنى بىلىدىغان تۇرۇپ نىمىشقا ئۇنى بىلمەيسەن ؟ مەندىن يوشۇرۇۋاتامسەن قانداق؟ئۆلگىڭ كىلىۋاتامدۇ يە؟!
-ئەي شاھىم،راستىنلا بىلمەيمەن.شاھ ئۇنى ياللاپ ھوزۇرىغا چىللاپ كەلگەندە مەن يىراقتا يەنى ئاق قەلئە مۇھاپىزىتىدە ئىدىم.
سوھرابنىڭ بۇنچىۋالا ئىنچىكىلەپ سورىشىدىن مەقسىدى ئاتىسى رۇستەمنى تونۇۋېلىش ،دىدارىنى بىر كۆرۈۋېلىش ئىدى. ئۇ ھەجىرنىڭ ئاغزىدىن رۇستەمنىڭ نامىنى ئاڭلاشنى،‹‹ئەشۇ رۇستەم بولىدۇ›› دەپ كۆرسەتسە،ئاتىسىنىڭ نۇر جامالىنى،تاغ كەبى قەددى كامالىنى بىر كۆرۈۋالسا يۈرىكى قېپىدىن چىقىپ كېتەرمىدى؟! ئەمما، ئۇ قانچە سوراقلاپ ئىزدىسىمۇ بۇ قوشۇن ئارىسىدىن رۇستەمنىڭ دېرىگىنى بىلەلمىدى.ئانىسى تەھمىنە رۇستەمنىڭ نىشانىنى(بەلگە سۈپەتلىرىنى) ئېيتىپ بەرگەن ئىدى.ئۇنىڭ ئېيتىپ بەرگەن نىشانى ھەجىر ‹‹ئۇ دىگەن چىنلىق ياللانما پالۋان›› دەپ تۇرۇۋالغان كىشىگە ئوخشايتتى ئەمەسمۇ ؟! بىراق، ئۇ ئەمەس بولۇپ چىقتى. نىمىشقا ئۇ شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسەتسىمۇ ئىنتىزار بولغان دىدارنى كۆرۈشكە مۇيەسسەر بولالمايدۇ.بۇ پۈتۈلۈپ كەتكەن قارا قىسمەت تۈپەيلىدىن بولسا كېرەك؟! بولمىسا شۇنچە زار بولغان،ئىزدەنگەن تىرىشقان سوھراب‹‹ يالغان گەپ قىلساڭ ئۆلتۈرىمەن›› دەپ تۇرۇپ گەپ سوراۋاتقان ئۇچۇرچىسىدىن يالغان جاۋاپ ئاڭلارمىدى ؟!
سوھراب  يەنىلا دىلىدىن ئۇمىد ئوتلىرىنى ئۆچۈرمەي داۋاملىق سۇئال سوراشنى داۋاملاشتۇردى:
-جېنىڭنى ساقلاپ قالاي دىسەڭ راستىنى ئېيت،چەتتىكى  چېدىرنىڭ ئەتراپىدا پىللار ۋە پىل مىنگەن سەربازلار بار ئىكەن.ئەتراپىدا ھەربى كاناي ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ تۇرىدۇ.چېدىر ئۈستىگىمۇ بۇلۇتتىن ئىگىزرەك بايراق قادىلىپتۇ.بايراقتا زەردىن تىكىلگەن بۆرە چىشى بار ئىكەن. تەخت ئەتراپىدا  غۇلاملار سەپ-سەپ بولۇشۇپ قاتار تۇرۇشۇپ كېتىشىپتۇ.ئۇ كىمنىڭ چېدىرى؟
-ئۇ گۇدەرىزنىڭ ئامراق ئوغلى گېۋنىڭ چېدىرى.ئۇنى نامدار باھادىرلاردىن نېۋنىڭ نەسلى دىيىشىدۇ.گۇدەرىزنىڭ ئەۋلاتلىرىنىڭ ھەممىسى نېۋنىڭ سەردانىلىرىدۇر.ئۇلارنىڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى لەشكەر سەردارلىرى.گېۋنى رۇستەم ئۆزىگە كۇيئوغۇل قىلغان .بۇنداقلار ئىراندا كەم تېپىلىدۇ.
-سەن رۇستەمنىڭ گېپىنى چىقىرىپ قالدىڭ، ئۇنى تېخىچە كۆرسەتمەيسەنغۇ؟
-كەچۇرسىلە شاھىم،رۇستەم يىراق زابۇلىستاندا تۇرىدۇ.كاۋۇس خەتەرلىك ئەھۋالغا قالمىسىلا ئۇنى چاقىرتىپ كەلمەيدۇ.بۇ قېتىم ئۇنى تېخى چاقىرتمىغان ئوخشايدۇ.
-كۈنچىقىش تاماندا تۇرغان ئاپئاق چېدىرنى كۆردىڭمۇ؟ ئۇ چېدىر باشقا چېدىرلاردىن چۇڭراق ئىكەن.ئالدىدا مىڭلىغان پىيادە ئەسكەرلەر سۇۋارى تۇرۇشۇپ كېتىپتۇ.سەردارى گۆھەردىن بېزەلگەن پىلسۆڭەك تەختتە ئولتۇرۇپ پەرماندازلىق قىلىۋاتىدۇ.چېدىرىنىڭ پەردىلىرىمۇ سەدەپ بىلەن زىننەتلىنىپتۇ.تەىت .ئەتراپىدا ىىزمەت قىلىۋاتقان غولاملىرىمۇ بەك كۆپكەن .ئۇ كىم ؟
-ئۇ سەردارنى فەرېبۇرز  دەپ ئاتايدۇ.شاھلار نەسلىدىن بولغان شاھزادە،جەڭ كۈنلىرى خۇددى ھۆكۈزدەك كۈچتۈڭگۈر بولۇپ كېتىدۇ.
-ئاۋۇ ساپسېرىق چېدىر ئالدىدا قاۋان نەقىشلەنگەن،ئۇچىغا كۈمۈشسىمان يېرىم ئاي بار ئىگىز بايراق يەلپۈنۈپ تۇرۇپتۇ.ئەتراپلىرىدىمۇ رەڭگارەڭ بايراقلار كۆپ ئىكەن. ئۇ كىمنىڭ چېدىرى؟
-ئۇ ئەل گۇراز دەپ نام بەرگەن،جەڭ كۈنلىرى شىرغىمۇ ئارام بەرمەيدىغان باتۇرنىڭ چېدىرى.
سوھراب رۇستەمنى دېرەكلەپ قانچىلىك كۆپ سۇئال سورىغان بولسىمۇ ھەجىر ئۇنىڭدىن ھامان يوشۇراتتى.بۇ يەردە زامان خاھىشى باشقىچە بولۇپ، بىز نىمىنى كۆرۈشكە،نىمىگە ئېرىشىشكە قانچىلىك دەرىجىدە ئۇرۇنمايلى  پەرۋەردىگار ئاشكارىلاشنى خالىمىغان سىرنى بىز قانچە قىلساقمۇ ئاشكارە قىلالمايدىكەنمىز.
سوھراب كۆك چېدىرنى كۆرسىتىپ ئۇنىڭدىكى ئىسىل جەڭ ئېتى بار كاتتا شەخسنىڭ كىملىكىنى سۈرۈشتۈردى.
-        كىملىكىنى بىلمەيمەن.
-        يەنە بىلمەيمەن دەيسەنغۇ؟
-          كىملىكىنى بىلسەم ئېيتماسمىدىم .كاۋۇس بۇ جەڭ ئۈچۈن ،مازەندىران،ھاماۋەران قاتارلىق كىيىن بويسۇندۇرغان ئۆلكە ۋە مەملىكەتلەردىنمۇ لەشكەر ۋە سەركەردىلەرنى ئېلىپ كەپتۇ.
-        سەندە ئىنساپ قالماپتۇ.قانداق قىلىدىكىن دىسەم ،باشتىن ئاياغ رۇستەمنىڭ نامىنى ۋە دېرىگىنى مەندىن يوشۇرۇپ كەلدىڭ.ئالايىتەن سورىساممۇ باھانە كۆرسىتىپ  ئۇ بۇ يەرگە كەلمەپتۇ دىدىڭ.سەن مېنى قاپاقباش كۆرۈپ قالدىڭمۇ ؟رۇستەم  دىگەن جاھاندا نامى بار مەشھۇر پالۋان تۇرسا ،شۇنچە قوشۇن ،شۇنچە مەشھۇر سەركەردىلەر كەلگەن چوڭ جەڭ مەيدانىغا  كەلمەي قالامدۇ؟ سەندىن يەنە بىر قېتىم سوراي راستىڭنى ئېيت! پۈتۈن قوشۇننىڭ سۇلتانى قېنى؟ يۇرتنىڭ پاناھى،ئىراننىڭ ئەڭ مەشھۇر پاسىبانى قېنى؟!كاۋۇس پىل ئۈستىدىكى تەختىراۋانغا چىقىپ، ھىچبىر داڭدارىنى قالدۇرماي ھەممە كۈچىنى ئىشقا سېلىپ لەشكەر تارتىپ كەلگەن تۇرسا رۇستەمنى ئالماي كىلەرمۇ؟ ماڭا ماڭا تەڭ كىلىدىغان باتۇرىنى سالماي كىلەرمۇ؟ بۇنداق چوڭ قوشۇنغا رۇستەمدەك بايراق بولىدىغان كىشى بولمىسا قانداق بولىدۇ؟ مەن سېنى نىمە قىلىۋەتسەم بولۇر؟!
-        بايا دىدىمغۇ ؟ رۇستەم كەلمەپتۇ.كەلگەن بولسا مەن ئۇنى تونۇۋالاتتىم.مەن ئۇنى ياخشى تونۇيمەن. مەن ئۇنۇڭ بىلەن نۇرغۇن جەڭلەرگە بىرگە قاتناشقان.
-        ھەي سەن ئويلاپ باقمامسەن.باش سەردار نەدىمۇ جەڭدىن ئۆزىنى تارتىدۇ؟ بۇنداق چوڭ جەڭ ئۈچۈن ھەر بىر ئۆلكە ۋە ۋىلايەت ئەڭ داڭلىق سەركەردىلىرى بىلەن قوشۇپ نۇرغۇن لەشكەر چىقىرىدىغان تۇرسا رۇستەم زابۇلىستاندىن لەشكەر باشلاپ كەلمەي قالامدۇ؟! بولدى.بۈگۈن بۇندىن ئارتۇق سۆزلەشكە ۋاقتىمىز يەتمەيدۇ.گېپىمگە قۇلاق سال.بىز ئەھدى پەيمان قىلىشايلى.ئەگەر تەھەمتەن رۇستەمنى ماڭا كۆرسىتىپ قويساڭ ساڭا ئالاھىدە ئىلتىپات كۆرسىتىپ، بېشىڭدىن زەر ئۆرۈپ دۇنيادىن بىھاجەت قىلىۋېتىمەن.ھەتتا پۈتۈن غەزىنەمنى سورىساڭمۇ بېرىۋېتىمەن.ئەگەر دىلىڭدا كىر ۋە ئاداۋەت ساقلاپ رۇستەمنى مەندىن يوشۇرساڭ، تىنىڭنى بېشىڭدىن جۇدا قىلىپ، ئاناڭنىڭ يۈرەك باغرىنى خۇن قىلىۋېتىمەن.سەن مۇشۇ ئىككى يولدىن بىرىنى تاللا !
بۇرۇن بىر  مۇبەد سۆز ھىكمىتى ھەققىدا سوھرابقا چۈشەنچە بېرىپ شۇنداق دىگەن ئىدى:
-ئېيتمىغان سۆز دىلدىكى بىھىساپ گۆھەرگە ئوخشايدۇ.ئۇ گويا تاش قۇتا ئىچىدىكى باھاسىز ئالماستۇر.ئەگەر ئۇنىڭ قېپىنى پارچىلاپ دىدارىنى كۆرسەتسە قۇياشتەك پارلاپ، تىغدەك يالتىرايدۇ.
ھەجىر داۋاملىق سىر يوشۇرۇپ سوھرابنى تېرىكتۈرۈش ئارقىلىق ئۇنى رۇستەم بىلەن جەڭ قىلىشتىن يالتايتىش مەقسىدىدە گەپ ئوينۇتۇپ  دىدىكى:
  -ئەي ئازادە شاھ،ئىران قوشۇنلىرىنىڭ تاجۇ-تەختلىرى،ۋە ئىسىل چېدىر بارگاھلىرى روھىڭنى چۈشۈرۈپ كۆڭلۈڭگە تەگدىمۇ؟ نىمە دەپ قوتازغا ئوخشايدىغان رۇستەم بىلەنلا قالىسەن ؟ سەن جەڭدە پىللار بىلەن جەڭ قىلالايدىغان باتۇر ئەزىمەت تۇرۇپ  ئەشۇ رۇستەمدىن قورقۇپ قالدىڭمۇ ؟سەن جەڭ كۈنلىرى ئېغىر گۈرزەڭنى شۇنداقلا بىر سىلكىسەڭ ئۇنىڭ زەربىدىن كەم دىگەندە ئىككى يۈز ئەسكەر ھالاك بولىدىغان تەڭداشسىز باتۇر تۇرۇپ ،نىمىشقا رۇستەم بىلەن جەڭ قىلىشنىلا ئارمان قىلىسەن؟ سەن رۇستەمنى ياخشى بىلمەيدىكەنسەن .ئۇ ئۆزى بىلەن مەيدانغا چۈشكەن ھەرقانداق باتۇرنى ھەرقانچە يۈكسەك بېشى بولغان تەقدىردىمۇ باشسىز مۇردىغا ئايلاندۇرۇپ قويىدۇ.بۇ ئالەمدە بىر بېشى بار  ھىچبىر ئادەم زاتى ياكى دىۋە زاتى ئۇنىڭ بىلەن باراۋەر بولالمايدۇ.جەڭ كۈنلىرى ئۇنىڭغا دۇچ كېلىپ قېلىشتىن ھەتتا پىللارمۇ ھەزەر ئەيلەيدۇ.جەڭ پەيتلىرىدە تۇلپارىنىڭ توزانلىرىمۇ يۈز مىل يىراقلىقتىن كۆرۈنۈپ تۇرىدۇ.ئەگەر جەڭ كۈنلىرى رۇستەم قەھىر قىلىدىغان بولسا تەڭرىتائالانىڭ  ياراتقان ھىچبىر مەخلۇقاتى ئۇنىڭ زەربىسىگە چىداش بېرەلمەس.

-ئاتاڭغا لەنەت، ئەي، بەختى قارا! شۇ بىلىم،شۇ قۇدرەت،شۇ ھۈنەر بىلەن ساڭا ئاتا بولغان بولسا ساڭا ئاتا بولغان قەلبى تىكەن بىلەن تولغان ئىكەن. سەن مەردلەر جېڭىنى نەدىن بىلىسەن؟قېنى ئېيتقىنا ئۇچقۇرلارنىڭ جېڭىنى قاچان كۆرگەن ئىدىڭ؟ رۇستەم ساڭا شۇنداق تەڭداشسىز باتۇر كۆرۈنۈپ كەتتىمۇ؟ئەتىدىن كەچكىچە شۇنىلا ماختايسەنغۇ؟ شۇنى بىلەمسەن ؟! لاۋۇلداپ قۇتراپ  تۇرغان ئوت يالقۇن ئۈستىگە تاشقىنلىق دېڭىز دولقۇنلىرى بېسىپ كەلسە ئوت يالقۇننىڭ ھالى نىم بولغاي؟! ئەشۇ ئاتەشتىن بىرەر ئىز قالغايمۇ؟ كۈچلۈك ئاپتاپ  تىغ شولىسىنى چاچقاندا، قاراڭغۇلۇقنىڭ يوقۇلىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟!
ئىش بىلمەس ھەجىر رۇستەم بىلەن سوھراب ئوتتۇرىسىدىكى سىردىن بىخەۋەر بولغاچقا  كۆڭلىدە شۇنداق ئويلايتتى:‹‹ئەگەر مەن راستىنى ئېيتسام، تەھەمتەن شۇنداق يېقىملىق قامىتى بىلەن بۇ قۇترىغان ئەجدىھاغا تەڭ كىلەلەرمۇ؟ بۇ رۇستەمنى تونىۋالغان ھامان ئۇدۇل ئۇنىڭ چېدىرىغىلا لەشكەر تارتماسمۇ؟
پىلدەك ئېتىنى چېپىۋەتسە ئازار يەپ قالماسمۇ؟ بۇنىڭ ئالقانلىرى،بىلەكلىرى،چاڭگاللىرىنى كۆرمەمدىغان؟ تۇتۇشۇپ قالسا بوغۇپ رۇستەمنى غىقلا قىلىپ قويىدۇ! ئەگەر رۇستەم بۇنىڭدىن يېڭىلىپ ئۆلسە ئىراندىن كىممۇ بۇنىڭغا تاقابىل كېلەلەر؟ئۇنىڭ رۇستەمنى ئۆلتۈرگەنلىكىنى كۆرسە قاتتىق چۆچۈپ ھىچكىممۇ ئۇنىڭغا قارشى جەڭگە كىرىشكە پېتىنالمايدۇ! شۇنىڭ بىلەن بۇ ئاسانلا كاۋۇسنىڭ تەختىنى تارتىۋالمامدۇ!؟ مەن ئۇنىڭغا رۇستەمنى كۆرسىتىپ قويۇپ ۋەتىنىمنى مۇنقەرىز قىلىپ تىرىك قالغىنىمدىن ،‹‹بىلمەيمەن›› دەپ رۇستەمنى ۋە مەملىكىتىمنى قوغداپ قېلىپ بىر ئۆزۈملا ئۆلۈپ كەتسەم شەرەپ بىلەن ئۆلگەن بولمايمەنمۇ!؟ ئاتامنىڭ مەندىن باشقىمۇ يەنە شىر دىل  ئاتمىش ئالتە ئوغلى بار.ئۇلارنىڭ بىرى باھادىر گېۋ شۇ، ئۇ ھازىر كاۋۇس ئۈچۈن ئىشلەۋاتىدۇ.ھەر جەڭدە قوشۇننىڭ ئالدىدا يۈرىدۇ.يەنە شېرگىر،شېردۇش،ۋە باھادىر بەھراملارمۇ ،قورىقماس مەردانە روھھاملارمۇ بار.مەن ئۆلسەم ئۇلار ئاتامغا مىھرىبانلىق بىلەن قارىيالايدىغۇ؟!مەن ئۆلۈپ كېتىپ قالساممۇ ئۇلار بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ مەن ئۈچۈن قىساس ئالالايدۇ ئەمەسمۇ؟! گۇدەرىزدەك پالۋان ئوغۇللىرى بىلەن ياۋ قولىغا چۈشۈپ ئۆلۈپ كەتكىنىدىن جاللات پەقەت مەن بىرىمىزنىڭلا جېنىنى ئالسا  بىز زىيان تارتمىغان بولمامدۇق!؟  بۇرۇنقى بىر پاك مۇبەدنىڭ:
‹ سەرۋ بېشىنى كۆتۈرسە كۆرسىتىپ غۇرۇر،
يەردىكى خازانغە كىم قاراپ تۇرۇر›
دىگەن ھىكمەتلىك شىئىرى تېخىچە ئېسىمدە تۇرۇپتۇ.›› ھەجىر شۇلارنى ئويلاپ كۆڭۈل توختىتىپ بولۇپ سوھرابقا دىدى:
  -ئاغزىڭدا ئۆزۈڭنى قالتىس چاغلىغىنىڭ بىلەن ،دىلىڭدا ‹‹ رۇستەم،رۇستەم !›› دەپ ئۇنىڭدىن قورقۇۋاتقانلىقىڭ ناھايىتى ئېنىق.ئورۇنسىز نەرسىدىن ئەندىشە قىلما.مەن بىلگەنلىرىمنى سەندىن ئايىمىدىم،بىلمىگەنلىرىم ئۈچۈن يالغان سۆزلەشنى خالىمىدىم.ئەگەر مەقسىدىڭ مىنى ئۆلتۈرۈپ بېشىمنى كىسىش بولسا،  ئۇنىڭدىن بۇنىڭدىن دەلىل كۆرسىتىپ ئاۋارە بولماي دەرھال ئۆلتۈرىۋەتكىن.شۇنى بىلىپ قويغىنكى سەن كىم؟! رۇستەم كىم؟ ئۇ دىگەن ئاسانلىقچە سېنىڭ قولۇڭغا چۈشىدىغان يۇۋاش شىر ئەمەس!

سوھرابنىڭ كاۋۇس لەشكەرلىرىگە ھۇجۇم قىلغانلىقى
باتۇرلار سەردارى سوھراب ھەجىردىن شۇنچىۋالا كەسكىن سۆزلەرنى ئاڭلاپ  ئۇنى ئەمدىلا كۆرۈۋاتقاندەك تىكىلىپ قاراپ قالدى.ئاتۇقچە بىرنىمە دىيەلمەي ھەجىرگە بىر مۇشت سېلىۋېتىپ خامۇش ھالدا چېدىرىغا كىرىپ كەتتى.ئۇ چېدىرىغا كىرىپ ئۇزاقتىن –ئۇزاق خىياللارغا پاتتى. بەلكىم  رۇستەم بىلەن  ئۇقۇشماي جەڭ قىلىپ ئاتىسىنى ئۆز قولى بىلەن ئۆلتۈرۈپ سېلىشتىن ئىھتىيات قىلغاندۇر. ئۇ شۇبھىلىك خىياللار ئىلكىدە
ئۇزاق قىينالغاندىن كېيىن ئاخىر كەسكىن بىر قارارغا كېلىپ ئورنىدىن تۇرۇپ بېشىدىن زەر تاجىنى ئېلىپ تاشلاپ بېشىغا پولات دوبۇلغا،ئۇچىسىغا  ئوق ئۆتمەس قېلىن ساۋۇت كىيدى.قولىغا نەيزە، كامان، ئېغىر پولات گۈرزە،دىۋە بەنىد ئارقان قاتارلىق جەڭ قوراللىرىنى ئېلىپ، تۇلپار ئېتىغا مىنىپ،تېنى غەزەپتىن تىترىگەن،تومۇرلىرىدا قېنى جۇش ئۇرغان،ھالدا مەست پىلدەك جەڭ باشلىماق ئۈچۈن دۈشمەن بىلەن قەڭ قىلماق ئۈچۈن قەلئەدىن چىقىپ كاۋۇس قوشۇنلىرى تامان  راۋان بولدى،ئەلۋەتتە قوشۇنلىرىمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ بىرگە چىقشتى.
كاۋۇسلار جەڭ قائىدىسى بويىچە دۈشمەن قوشۇن باشلاپ چىقىپ قالسا قوشۇن تۇرغۇزۇشى ئۈچۈن قەلئە دەرۋازىسى ئالدىدىن  نۇرغۇن بوش يەر قالدۇرۇپ قويغان ئىدى.سوھرابلار چىقىپ شۇ يەرگە ئورۇنلاشتى.سوھراب قوشۇنلىرىنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ئېتىنى چاپتۇرۇپ نەيزىسىنى تەڭلىگىنىچە    شىرلار توپىدىن چىققان ئەر كەبى  تەنھا ئۆزى كاۋۇسنىڭ بارگاھىغا ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.ئۇ بارگاھ ئالدىغا كېلىپ ئېتىنى توختۇتۇپ ئىران باتۇرلىرىنى جەڭگە چىللىدى.ئۇ بىر قولىدا نەيزە،يەنە بىرقولىدا تىزگىن.پۇتلىرى بولسا ئۈزەڭگىدە تاغدەك قامىتى،شىردەك ھەيۋىسى بىلەن يەكمۇ يەك چىقىپ ئېلىشىشقا پالۋان تەلەپ قىلاتتى.لىكىن ئۇنىڭ ھەيۋىسىدىن قورقۇپ بىرمۇ باتۇر يېقىن كېلىشكە پېتىنالمايۋاتاتتى.ئىران باتۇرلىرى يىغىلىپ ئۆز ئارا مەسلىھەتلىشىشتى:
-مانا بۇنى ھەقىقى پىلتەن دىسە بولىدۇ.ئۇنىڭغا دۇچ كېلىپ قېلىشتىن خۇدا ساقلىسۇن.كىمىكى قەڭ قىلىمەن دەپ ئالدىغا بېرىپ قالسا بىر ئۇرۇپلا جېنىدىن جۇدا قىلىدىغاندەك پەيلى يامان تۇرىدۇ.
...
سوھراب پالۋان تەلەپ قىلىپ خېلى نەرە تارتىپ باققان،ئادت ئوينىتىپ چاڭ چىقىرىۋەتكەن  بولسىمۇ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ   ھىچكىم مەيدانغا چۈشەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ كاۋۇس شاھنى چاقىرىپ چىقىپ قوپال ئاۋازدا تىللاشقا باشلىدى:
  -ئەي كاۋۇس شاھ،قېنى سەن! ئۆلدۈڭمۇ ياكى ھاياتمۇ؟! ھايات بولساڭ مەن بىلەن ئېلىشقىلى ئادەم چىقارمامسەن؟ قېنى سېنىڭ پالۋانلىرىڭ؟ قېنى قايسىڭ بولساڭ چۈشۈپ كارامىتىڭنى كۆرسىتىپ باقمامسەن؟
ئەگەر مەرتلەر جېڭىدىن قورىقساڭ، ئىسمىڭنى ئۆزگەرتىپ يېڭىدىن ئايالچە ئىسىمدىىن بىرنى قوي! ئەگەر پالۋان چىقىرالمىساڭ توپتوغرا لەشكەرلىرىڭ ئۈستىگىلا ئات سالىمەن.نەيزەم بىلەن لەشكەرلىرىڭنى بىت- چىت قىلىپ، جەندەرەزىم ئۈچۈن قىساس ئالىمەن!مەن ئاشۇن كۈنكى بەزمىدە جەندەرەزىم ئۆلتۈرۈلگەندە ئىرانلىق نەيزىدارلاردىن بىرىنىمۇ ھايات قويمايمەن.كاۋۇسنى تۇتۇپ دارغا ئېسىپ جەندەرەزىمنىڭ روھىنى خوش قىلىمەن دەپ قەسەم قىلغان.قېنى قايسى پالۋىنىڭغا ئىشىنىپ قوشۇن باشلاپ كەلدىڭ؟! نوچىسى بولسا مەيدانغا چۈشۈر!
سوھراب شۇنچە ۋارقىرىسىمۇ  ئىرانلىق پالۋانلار يەنە جىم تۇرۇشاتتى.سوھرابنىڭ غەزىپى تېشىپ ئات چاپتۇرۇپ كىلىپ كاۋۇسنىڭ چېدىرىغا نەيزە ئۇردى.چېدىرنىڭ يەتمىش بىر قوزۇقلىرىنى بىر بىرلەپ يۇلۇپ تاشلىدى.شاھ چېدىرى ئاغدۇرۇلدى.قاتتىق قورقۇپ كەتكەن كاۋۇس زەبۇن ئاۋازدا دات پەرياد سالاتتى.پالۋانلىرىدىن ئۆزىنى قوغداشنى تەلەپ قىلاتتى:
  -ئەي باتۇرلۇق دەۋا قىلىدىغان نامدار پالۋانلىرىم،قېنى سىلەر ؟! بۇ تۈ*ركنى كۆرۈپلا  ھەممىڭلار ھۇشۇڭلارنى يوقاتتتىڭلارمۇ؟! ئاراڭلاردا بۇنىڭغا تەڭ كېلەلىگۈدەك بىرەر يولۋاس  پالۋانىم يوقما؟ ھەرقانداق  جەڭ  بولسا رۇستەمگىلا ئىتتىرىپ قويامسىلەر؟
تۇس بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ توپتوغرا رۇستەمنىڭ يېنىغا بېرىپ كاۋۇسنىڭ دىگەنلىرىنى يەتكۈزدى.
رۇستەم تېخىچە ئىرانغا يېڭى كەلگەن كۈنىدىكى كاۋۇسنىڭ  قارايۈزلۈكىنى ئۇنتۇيالمىغان ئىدى. باياتىندىن بېرى سوھرابنىڭ ھەددىدىن ئاشقان ھالىنى كۆرۈپ تۇرسىمۇ كاۋۇسقا ئۆزىنىڭ ۋە باتۇرلىرىنىڭ قانچىلىك ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن قەڭەە چىقىشقا قۇتۇلدۇرغىلى كېلىشكە ئالدىرىمىغان ئىدى. ئۇ تۇسنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى:
  -ھەرقانداق ئۇلۇغ شەھرىيار ئۈچۈن مەندەك پالۋان ھامان كېرەك بولىدۇ.ئۇلار مىنى ئىككى پەيتتە چىللايدۇ،بىرى بەزم( ئويۇن تاماششا) پەيتىدە،يەنە بىرسى رەزم ( رەنىج كۈلپەتكە قالغان) پەيتىدە.كاۋۇس مىنى بەزم پەيتىدە ئۇنتۇپ قېلىپ رەزم پەيتىدىلا ئەسكە ئالىدۇ.
رۇستەم قۇرساق كۆپۈكىنى تۆكۈۋېلىپ ئورنىدىن تۇردى ۋە ئاتچىلارغا بۇيرۇدى:
  -تۇلپارنى ئىگەرلەڭ!
ئۇ يەنە لەشكەرلىرىگە بۇيرۇدى:
-قاتتىق قىرغىنچىلىق بولىدىغان جەڭ يېقىنلىشىپ قالدى.ھۇشيار بولۇڭلار!
رۇستەم چېدىرىدىن چۆلگە نەزەر تاشلىدى.گېۋ ئۆز ئېتىغا ئۆزى ئىگەر توقۇۋاتاتتى.گۆرگىن بولسا ئۇنى ئالدىرىتىۋاتاتتى.روھھام ئېتىغا ئېغىر گۈرزىسىنى ئارتالماي ئاۋارە بولۇۋاتاتتى.تۇس ئالدىراشلىق بىلەن   رۇستەمنىڭ تۇلپارىغا ساۋۇت تاقاۋاتاتتى.ئۇ ھەدەپ ئۆزىگە ئۆزى سۆزلىمەكتە:
  -ئەشۇ ئانىسىنىڭ ئەمچىكىدىن تېخى ئايرىلمىغان بىر ياش بالا قىيامەت قوپۇرىۋەتتى دىسە،بۇ ئاددى جەڭچى ئەمەسكەن.ئۇنى ئادەم دىگەندىن كۆرە يەنە بىر ئەھرەمەن دىگەن تۈزۈك!
رۇستەم ساۋۇت كىيمەي يەنە ھېلىقى يولۋاس تېرىسىنى كۆكسىگە دالدىلىغۇچ ئورنىدا تاقىۋېلىپ بىلىگە شاھانە كەمەر باغلاپ ئۇچقۇر تۇلپارىنى چاپتۇرغىنىچە جەڭگە ئاتلاندى.زەۋارە پۈتۈن قوشۇنغا باش بولدى.ئۇ رۇستەمگە قاراپ:
-گېپىمگە قۇلاق سال،مەندىن بىسوراق جايىڭدىن قوزغالما !  -دەپ بۇيرۇق چۈشۈردى.
قوشۇن ئالدىغا شاھانە بايراق تىكلەندى.رۇستەم تۇلپارىنى چاپتۇرغىنىچە سوھرابنىڭ ئۇدۇلىغا كىلىپ توختىدى ۋە سوھرابقا يېڭىباشتىن نەزەر تاشلىدى.سوھرابنىڭ پىلدەك  بوي بەستى ئۇنى ھەيرانلىققا سالدى.
ئۇنىڭ كەڭ كەتكەن كۆكسى بوۋىسى سامنىڭ كۆكسىدىن قېلىشمايتتى.رۇستەم سوھرابقا دىدى:
-قوشۇن ئالدىدىن يان تەرەپكە چىقىپ ئېلىشايلى!يە جان ئالارمىز ،يە بېرەرمىز جەڭ مەيدانىدا كۆرەيلى!

سوھراپ ئۆزى بىلەن ئېلىشقىلى ئادەم چىققىنىغا خوش بولۇپ ئالقىنىنى ئالقىنىغا سۈركىگىنىچە قوشۇنغىمۇ قارىماي رۇستەم كۆرسەتكەن  تەرەپكە ماڭدى . ئۇمۇ رۇستەمگە قاراپ  دىدى:
-بولىدۇ،چەتكە چىقىپ ئېلىشايلى،بىرىمىز تۇرانغا، بىرىمىز ئىرانغا ۋەكىللىك قىلىپ ئېلىشايلى،باشقا ھىچكىمنى ئارىلاشتۇرمايلى.ئەمما سەن بىكارغىلا جەڭگە چىقىپسەن.خەتەرگە ئۆزۈڭنى ئۇرۇپسەن. چوقۇمكى بىر مۇشت ئۇرسام كۆتۈرەلمەي ئەبەدى يەردە ياتىسەن.كۇپتۇڭ كەڭ،قەددىڭ چوڭ،بېشىڭ ئاسماندا بولغان بىلەن قېرىپ قاپسەن.يېشىڭ خېلى بىر يەرگە بارغاندەك قىلىدۇ .
-ئەي يىگىت،ئاستىراق سۆزلە!   -دېدى رۇستەم تەمكىنلىك بىلەن   -يەر بەكمۇ قاتتىق،لىكىن ئاسمان بولسا ئىللىق ۋە يۇمشاق.مەن مۇشۇ قېرىلىق ھالىمغىچە ناھايىتى نۇرغۇن جەڭلەرگە كىردىم.تا ھازىرغىچە مىنى يېڭەلەيدىغان رەقىپنى ئۇچرۇتۇپ باقمىدىم.ساڭا ئوخشاش لاپ گەپ قىلىدىغان مەغرۇر پالۋانلاردىن قانچىسىنى ئۆلتۈرۈپ ،بېشىنى ساينىڭ تاشلىرىغا قوشۇۋەتكىنىمنى ئۆزۈممۇ دەپ بېرەلمەيمەن.مىنىڭ دەستىمدىن ھەتتا قانچىلىغان دىۋىلەرگىمۇ ئەجەل نىسىپ بولۇپ ئەزرائىل بىلەن بەزمە ئوينىغىلى كەتتى.مەن قانداق جەڭ قىلىدىكەنمەن ئوبدانراق كۆرۈپ ئۆگىنىۋال.بەك ياشكەنسەن ،ياخشىسى ئۆلمەي تىرىك قال.مەن ھەتتا نۇرغۇن تۇران نامدارلىرى بىلەنمۇ جەڭ قىلدىم .مەن ئۇلارنى قانداق ئۆلتۈرگىنىم،بېشىنى قانداق يەر قىلغىنىمغا تاغ- دەريالار  گۇۋاھ.يەنە كۆكتىكى يۇلتۇزلارمۇ شاھىد بولالايدۇ.مەن بۇ دۇنيا مەردلىرىدىن ناھايىتى كۆپلىرىنى يەر چىشلىتىپ يوقلۇق باياۋىنىغا يولغا سېلىپ قويدۇم.سېنىمۇ شۇنداق قىلاي دىسەم ياش جېنىڭغا رەھمىم كېلىپ قالدى.مىنىڭ مۇددىئايىم سېنى ئۆلتۈرۈش ئەمەس،تۇرانلىقلارنى چېكىندۈرىۋەتسەملا بولىدۇ.ساڭا ئىراندىمۇ،تۇراندىمۇ تەڭ كەلگۈدەك باتۇر تېپىلمايدىغان جاھان مەردانىسى ئىكەنسەن. شۇ نوچىلىقىڭ بىلەن ياشىۋال،سېنى قويۇۋتەي، ئەتىلا قوشۇنلىرىڭنى ئېلىپ قايتىپ كەت! قانداق دەيسەن!
رۇستەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ سوھرابنىڭ يۈرىكى جىغىلدىدى. ئۇ :‹‹بۇ كىشى ئاتام رۇستەم بولمىسۇن يەنە؟ ››دەپ گۇمانلىنىپ قالغان ئىدى. شۇڭا ئۇ رەقىبىنىڭ كىملىكىنى ئۆزىدىن سوراپ بىلىپ باقماقچى بولدى:
  -سەندىن سورايدىغان بىر سۆزۈم بار.قىلچە يوشۇرماي ئوچۇقىنى ئېيت! بىلىشىڭ كېرەككى بۇ يالغاننى قوشماي راستى بىلەن سۆزلىشىدىغان قىممەتلىك پەيت.سەن ماڭا ئەجدادلىرىڭنىڭ كىملىكىنى ئېيتىپ بەر.راست سۆزلىرىڭ بىلەن قەلبىمنى شادلاندۇر. مەن شۇنداق گۇمان قىلىمەنكى، سەن چوقۇم نەيرەم ئەۋلادىدىن بولغان شۆھرەتلىك رۇستەم شۇ!
قەلبىدە ئاتا مۇھەببىتى يالقۇنلاپ تۇرغان ۋاپادار ساپ قەلىب ئوغلاننىڭ يۈرىكى تۇيغاندەك قىلغان.بۇ كىشىنىڭ دەل ئاتىسى رۇستەم بولۇپ چىقىشىنى تولىمۇ ئارزۇ قىلغان ئىدى.ئەگەر رۇستەم راست گېپىنى دەۋەتكەنلا بولسا بۇ ئامراق ئاتا بالا تەسىرلىك ھالدا يۈز كۆرۈشۈپ چىڭ قۇچاقلاشقان،بىر بىرىنىڭ نۇر جامالىغا قېنىپ-قېنىپ قاراشقان.جەڭنى تاشلاپ خىلۋەت بىر جاينى تېپىپ  راسا مۇڭدىشىپ بىر بىرىەە بولغان ئوتلۇق سېغىنىشلىرىنى بېسىۋېلىشقان.قەلبىنى چۈشىنىشىپ،بىھۇدە جەڭ ۋە قان تۆكۈشلەرنى توختۇتۇپ ھەر ئىككىلىسى ئۆز قوشۇنلىرىنى كەينىگە ياندۇرۇپ ئىران بىلەن تۇراننىڭ بۇرۇنقى تىنىچ بىللە تۇرۇش ھالىتى ئەسلىگە كەلگەن بولار ئىدى.تەقدىر قىسمەت شۇنداقمۇ ياكى رۇستەمنىڭ ئىچىگە ئۇرۇشقاق ئەھرەمەن كىرىۋالدىمۇ سوھرابنىڭ يۈرىكى سەزگەن بىلەن رۇستەمنىڭ يۈرىكىدە ‹‹ بۇ مىنىڭ ئوغلۇم بولۇپ قالمىسۇن يەنە›› دىگەن خۇسۇستا بىرەرمۇ ھىسسى سېزىم بولمىغان ئىدى.
رۇستەمنىڭ شۇ چاغدا نىمىلەرنى ئويلىغانلىقى نامەلۇم لىكىن ئۇ سوھرابنىمۇ ئوقۇرمەنلىرىمىزنىمۇ قاتتىق ئەپسۇسلاندۇرىدىغان بىر ناچار جاۋاپنى بەردى:
  -رۇستەم دىگەن مىسلىسىز  بىر باتۇر.مەن بولسام ئۇنىڭ ئاددى بىر سەرۋازى.ئۇنىڭدىكى باتۇرلۇق،ئۇنىڭدىكى بايلىق ۋە شان شۆھرەتنىڭ مەندە يېرىمىمۇ يوق.
قاتتىق ئۈمىدلىنىپ تۇرغان سوھرابنىڭ ئۈمىد قاچىسى سۇندى.ئۇنى تاش يۈرەك ئاتا يەرگە ئۇرۇپ چۇل –چۇل قىلىۋەتتى.سوھراب ئۈچۈن كۈندۈزمۇ كېچىگە ئايلانغاندەك تۇيۇلغان ئىدى.

رۇستەمنىڭ سوھراب بىلەن جەڭ قىلغانلىقى
سوھراب كۆڭلى سۇنۇق ھالەتتە بېرىپ قولىغا نەيزە ئالدى.ئۇ قولىغا نەيزە ئېلىۋېتىپ .ئويلاپ قالدى:‹‹بۇ ئادەمنىڭ قىياپىتى ئانام تەسۋىرلەپ بەرگەن ئاتام رۇستەمنىڭ قىياپىتىگە شۇنداق ئوخشايدىكەن،شۇنداق تۇرۇپ كىملىكىنى سورىسام :‹مەن رۇستەم ئەمەس› دەۋاتىدۇ.بۇ ئادەم راستىنلا ئاتام ئەمەسمىدۇ؟! بۇ ئادەم ئاتام بولمىسا ئەمىسە كىمدۇ؟،ئاتام نىمىشقا بۇ ئۇرۇشقا كەلمىگەندۇ؟ بۇ ئادەم راستىنلا ئاتام ئەمەس ئوخشايدۇ،بولمىسا مەندىن ئۇلۇغ نامىنى يوشۇرۇپ يۈرمەستى.بوپتىلا بۇ ئادەم ئاتام بولمىغاندىكلىن بىمالال ئېلىشىۋېرەي،بۇ ئادەم راستىنلا قول ئاستىدىكى سەرۋازى بولسا بۇنى يەڭگىنىمدىن كېيىن باشقىلار تەڭ كېلەلمەي قالسا نائىلاج ئاتام رۇستەمنى چاقىرىپ كېلىشى مۈمكىن؟!
  ئىككىسى ئېلىشىش مەيدانىنى تاللاپ بولغاندىن كېيىن دەسلەپكى ئېلىششىنى، قىسقا نەيزىلەردىن باشلاشتى.ئۇلار ىېلى ئۇزاق ئېلىشىپ بىېر بىرىنى يىڭەلمىدى.نەيزىلەرنىڭ بىسلىرى سۇنۇپ قولىدا پەقەت نەيزە دەستىلىرى قالغاندىلا ئاتلىرىنىڭ تىزگىنلىرىنى تارتىشىپ نەيزە دەستىلىرىنى تاشلاپ قوللىرىغا ئەمدى ھىندى قىلىچلىرىنى ئېلىشتى. بىر بىرىدىن قېلىشمايدىغان ئىسىل تۇلپار ئاتلار ھەريان چېپىشاتتى.قىلىچلار بىر بىرىگە، بەزىدە  تورالغان قالقانلارغا  زەرىب بىلەن تەككەندە قاتتىق جاراڭلىغان ئاۋاز چىقىرىپ كۈچلۈك ئۇچقۇن چاچرايتتى.بۇنداق زەربىدە ئادەتتىكى پالۋاننىڭ قولى سىرقىرايتتىياكى قىلىچى قولىدىن چۈشۈپ كېتەتتى.لىكىن بۇ ئىككى گاڭ بىلەك ئاتا بالىلار بىر بىرىنىڭ زەربىسىگە تامامەن بەرداشلىق بېرەلەيتتى.
قىلىچلارمۇ بىر بىرىگە ئۇرۇلۇش جەريانىدا بىر بىرىنى كېسىپ ئۇششاق تۆمۈر پارچىلىرى يەرگە تۆكۈلۈپ تۇراتتى.قىلىچلارمۇ بىر بىرىنى كېسىپ تۈگىدى.
ئۇلار يەنە ئاتلىرىنىڭ بېشىنى بۇراپ قۇرال ئالماشتۇرۇشتى. بۇ نۆۋەت ھەر ئىككىلىسى دىيىشىۋالغاندەكلا ۋەزنى ئېغىر پولات گۈرزىلىرىنى قولىغا ئېلىشىپ يەنە مەيداندا ئۇچرىشىپ قايتىدىن جەڭ باشلاشتى. ئۇلار  ئىككىسى بىردە توسقۇنسىز ئىككى شىر بىر بىرىگە ھەملە قىلىپ ئېتىلغاندەك، بىردە زور ئىككى كۆچمە تاغ سۈرۈلۈپ كىلىپ بى بىرىگە ئۇرۇلغاندەك بىر بىرىگە قاتتىق خىرىس قىلىشىپ بىر بىرىنىڭ بېشىنى،مۈرىسىنى،دۈمبىسىنى نىشانلاپ گۈرزە ئۇراتتى.گۈرزىنى قالقان بىلەن توساش مۈمكىن بولمىغاچ ئۇلار قالقان ئېلىشمىغان بولۇپ   ئۆزىگە ئۇرۇلغان گۈرزىنى ئىككى خىل ئۇسۇل بىلەن قايتۇراتتى ،بىرى چاققانلىق بىلەن ئۆزىنى قاچۇرۇش،يەنە بىرى زەھەرنى زەھەر بىلەن قايتۇرۇش دىگەندەك  ئۆزىگە  ئۇرۇلۇۋاتقان گۈرزىنى گۈرزە بىلەن توراپ ئۆزىنى قوغدايتتى.ئىككى گۈرزە بىر بىرىگە قاتتىق ئۇرۇلغاندا قۇلاقنى پاڭ قىلغۇدەك قاتتىق جاراڭشىغان ئاۋاز چىقىرىپ ‹‹ يالت›› قىلىپ كۈچلۈك ئۇچقۇن چاچ        راپ كېتەتتى.بۇ چاغدا قاراپ تۇرغانلار:‹‹ ھاۋا گۈلدۈرلەپ چاقماق چېقىۋاتامدۇ قانداق؟›› دىگەن خاتا تۇيغۇغا كېلىپ قېلىپ ئىىتىيارسىز  ئاسمانغا قاراپ بېقىشاتتى. بۇ زەربىگە ئىككى پالۋان چىدىغان بىلەن گۈرزىلىرى چىدىمىدى.ھەر ئىككىلىسىنىڭ گۈرزىلىرىمۇ سۇنۇپ كەتتى.بۇنداق ئۇزۇن داۋاملاشقان كۈچلۈك ئېلىششىقا تۇلپار  ئاتلارمۇ بەرداشلىق بېرەلمەي ھالىدىن كېتىشىپ تەمتىرىشىپ قېلىشتى.ھەتتا ساۋۇتلارمۇ يىرتىلىپ كەتكەن ئىدى.لىكىن ئىككى پالۋاننىڭ قىزىغان قانلىرى تېخى سوۋۇمىغان ئىدى.شۇڭا ئۇلار ئاتلىرىنىمۇ سۇنغان گۈرزىلىرىنىمۇ تاشلاپ ھەر ئىككىلىسى پىيادە بولۇشۇپ بىردە چېلىشىپ،بىردە مۇشت پەشۋا ئېتىشىپ ،بىردە بىر بىرىنى مۈرىدەپ ئىتتىرىشىپ  غەزەپلىك ئېلىشىۋاتقان ئىككى بۇقىدەك  غەزەپ بىلەن ئېلىشىپ كېتىشتى.بىر بىرىگە ئېتىۋاتقان مۇشت پەشۋالىرى يامغۇر كەبى ياغما ئىدى.لىكىن‹‹ ئات تەپكەنگە ئات چىداپتۇ›› دىگەندەك بىر بىرىنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرىپ داۋاملىق شىددەتلىك ئېلىشاتتى.ئۇلار شۇ تەرىزدە ئىككى -ئۈچ چاي قاينىمى ۋاقىت ئېلىشقان بولسىمۇ بىر-بىرىنى يېڭەلمىدى.يىڭەلمىگەنسېرى قېنى قىزىپ يەنە قاتتىق تۇتۇشۇپ كېتەتتى.بەدەنلەردىن تەرلەر چىپىلداپ ئاقماقتا،بىر بىرىنى غەزەپ بىلەن  كۆتۈرۈپ يەرگە بېسىشىپ پومداقلاشقان چاغدىكى يۇققان توپىلار تەر سۇيى بىلەن قوشۇلۇپ يۈزلەر قوللار پاتقاق بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇلار ششۇ تەرىزدە داۋاملىق ئېلىشىۋەرگەنمۇ بولار ئىدى.ھەر ئىككىلىسىگە قاتتىق تەشنالىق يېتىپ تىللار چاك- چاك يېرىلىپ بولالماي قالغان چېغىدىلا بىر بىرىدن ئاجرىشىپ سۇ ئىچكىلى مېڭىشتى.
بۇننىڭغا مۇنۇ نەزمە دەلىل:
ئاخىر ئاجرىلىشتى ئىككى مۇقابىل،
دەرتكە تولغان ئاتا،ئەلەمللىك ئوغۇل.
ئەجەپ ئىشلىرىڭغا دىلىم لال جاھان،
ئۆزۈڭ بار قىلىسەن،ھەم ئۆزۈڭ نىھان.
نىمىشقا بۇ دىللاردىن مۇھەببەت يىراق،
ئەقىل كۆرۈنمەيدۇ ،ھەقىقەت يىراق.
باياۋاندا ۋەھشى ،دەريادا بېلىق،
تونۇپ ئالىدىغۇ پەرزەنتىن ئېنىق.
پەقەت ئادەم كۆزىن خىرىس ناملىق ئوت،
كور قىلىپ تونۇتماس،كىم ئوغۇل،كىم يات.

ئېلىشىش جەريانىدا رۇستەم تۆۋەندىكىلەرنى كۆڭلىدىن ئۆتكۈزگەن ئىدى:‹‹ئۆمرۈمنىڭ ھازىرقى پەللىسىگىچە نەچچە يۈز قېتىملىق جەڭلەرگە قاتنىشىپتىمەن. قانچىلىغان جاھان پالۋانلىرى بىلەن ھەتتا كۈچتۈڭگۈر قانخور دىۋىلەر بىلەنمۇ ئېلىشىپتىمەن ،لىكىن ھىچبىر لەھەڭ بۇنىڭچىلىك جەڭ قىلالمىغان ئىدى.ھەتتا يولۇققان ئەڭ كۈچلۈك رەقىبىم ئاق دىۋىنىڭ نالىسىمۇ كۆككە ئۆرلىگەن ئىدى.بۈگۈن تېخى نام شۆھرىتى تارقالمىغان،نام نەسەبى ئېنىق بولمىغان بۇ ئىنسان بالىسى ھوشۇمنى ئېلىپ مىنى ھالسىرىتىپ قويدى. دانىشمەنلەر ئېيتقان ‹‹ ئەي تاش ، مەن قاتتىقمەن دىمە،ئۆزۈڭدىنمۇ قاتتىقلارغا يولۇقىسەن! ئەي ئىنسان، مەن كۈچلۈكمەن دىمە،ئۆزۈڭدىنمۇ كۈچلۈكلەرگە يولۇقىسەن›› دىگەن شۇدە !مەن شۇ كەمگىچە ھىچكىمگە يىڭىلىپ باقماي ‹‹ئالەمدىكى بىرىنچى چوڭ پالۋان›› دىەەن شۆھرەتلىك نامغا ئېرىشىپ شۇ نامنى ساقلاپ كەلدىم.لىكىن بۇ ياش بالا بۇ نامىمغا خىرىس ئېلىپ كىلىدىغاندەك تۇرىدۇ. ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى قاراپ تۇرۇۋاتقان مۇشۇنداق چوڭ جەڭ سورۇنىدا بۇنىڭغا يىڭىلىپ قېلىپ ئۇلۇغ نامىمنى ئۆچۈرگىنىمدىن ئۆلگىنىم ياخشى!
ئۇرۇش تېخىچە تامام بولمىغان بولغاچقا ھەر ئىككىلىسىنىڭ ئاتلىرى ئارام ئالالمىدى.ئىككىسى سۇ ئىچىشىپ تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يەنە ئاتلىرىغا مىنىشىپ ئېلىششنى داۋاملاشتۇردى.بۇ نۆۋەت ھەر ئىككىلىسى قوللىرىغا كامان ئېلىشىپ بىر –بىرىگە ئوق ياغدۇرۇشتى.ئوقلار بىر بىرىگە مۆلدۈردەك تەككەن بولسىمۇ  نە تونلىرى يىرتىلمىدى،نە ساۋۇتلىرى سۆكۈلمىدى.شۇنىڭ بىلەن ھەر ئىككىلىسىنىڭ غەزىپى قايناپ تېشىپ كامانلىرىنىمۇ تاشلاپ ئات ئۈستىدە بىر بىرىگە قول ئۇزۇتۇشتى.ئورتاق مەقسىدى  بىر بىرىنىڭ بىلىدىن ئالماقچى،كۈچ بىلەن ئىگەردىن يۇلۇۋېلىپ كۆتۈرۈپ يەرگە تاشلاپ ئۈستۈنلۈك قازانماقچى ئىدى.رۇستەم سوھرابنىڭ بەلبېغىغا قول ئۇزۇتۇپ،ئۇنىڭ پوتىسىدىن قاماللاپ  خۇددى تاش يۇلغاندەك يۇلماقچى بولۇپ كۈچىۋىدى سوھراب خۇددى تۈمەن توننا ئېغىرلىقتقىكى تاشتەك مىدرلاپمۇ قويمىدى.سوھرابنى مىدىرلىتالمىغاچقا تەھەمتەن ئۇنىڭ بىلىدىن قولىنى تارتىۋالدى.ئۇنىڭ دىلىغا يەنە نۇرغۇن تەشۋىشلىك شۈبھەلەر چۈشتى.سوھرابمۇ رۇستەمنى ئاتتىن يۇلۇپ يەرگە ئاتماقچى بولۇپ  پوتىسىغا قول ئۇزۇتۇپ ئۇمۇ مىدىر –سىدر قىلدۇرالمىدى. شۇنىڭ بىلەن ئۇلار يەنە بىر بىرىگە قول ئۇزۇتۇپ  ئات ئۈستىدە گالاچلىتىپ مۇشتلىشىپ كېتىشتى.بىردە مۇشت ياغدۇراتتى،بىردە بىر بىرىنىڭ گېلىنى سىقىشاتتى.ئىگىلىرىگە ماسلىشىپ ئىككى تۇلپارمۇ ھارغىنىغا قارىماي غەزەپلىك  كىشنىشىپ،ئالدىغا تىك  ئۆرۈلىنىپ پۇت ئېتىشىپ بىر بىرىگە خىرىس قىلىشاتتى. ئۇلار شۇ تەرىقىدە بىرەر سائەتتىن ئارتۇق مۇشتلىشىپمۇ يەنە تەڭ كېلىشىپ قېلىشتى.بەدەنلەردە ھارغىنلىق كۆرۈلۈپ  بوشۇشۇپ ،ھەر ئىككىلىسىلا ئېلىشىشتىن زېرىكىپ تۇرغان بىر پەيتتە سوھراب ئۇرۇشنى تېزراق ئاخىرلاشتۇرۇشقا ئالدىرىدىمۇ قولىغا يوشۇرۇنچە گۈرزىسىنى ئېلىپ رۇستەمنىڭ نەق گەدىنىگە  بىرنى سالدى.ئادەتتىكى پالۋان بۇ زەربىگە ئۇچرىغىندا ئاللىقاچان بېشى ئۈزۈلۈپ،ئاتتىن يىقىلىپ، قانغا مىلىنىپ ياتار ئىدى.لىكىن رۇستەم ئاتتىن يىقىلمىدى.ئازراق تەۋرەپ كەتكەن بولسىمۇ بەدىنىنىڭ سىرقىراپ ئاغرىشىغا بەرداشلىق بەردى.
سوھراب ئۇنىڭ تەۋرەپ كەتكىنىنى مازاق قىلىپ قاقاقلاپ كۈلدى دە مۇنداق دىدى:
  -ئەي باھادىر،مەردانە زەربەمگە چىداش بېرەلمىدىڭ.چالنىڭ قەددى سەرۋىدەك تىك بولسىمۇ، ياشلارنى دوراپ ياشلارنىڭ قىلىقىنى قىلىپ يۈرسە تېتىقسىزلىق بولىدۇ.
رۇستەممۇ بوش كەلمەي سوھرابنى يوشۇرۇن قەستلەيدىغان نامەرتلىكتە ئەيىپلەپ تىل سالدى.ئۇلار بىردەم ھاردۇق ئالغاچ بىر بىرى بىلەن تىل ھاقارەت جېڭى قىلىشقاندىن كېيىن ئۆز ئارا ئېلىشىپ بىر بىرىنى يېڭەلمەي ئىچى پۇشۇپ كەتتىمۇ قانداق؟ بىردىنلا، ھەر ئىككىلىسى تەڭلا بىر –بىرىدىن يۈز ئۆرۈپ ئاتلىرىنىڭ بېشىنى بۇراپ رەقىپ قووشۇنلىرىغا تىگىش قىلىپ ئاچچىقىدا ئاددى لەشكەرلەرنى قىرغىن قىلىپ  قان ۋە جان خۇمارىنى بېسىشقا باشلىدى.
تەھەمتەن يېڭى بىر قىلىچنى كۆتۈرىۋېلىپ، تۇران لەشكەرلىرى ئۈستىگە ئات سېلىپ كېلىپ ئوۋدىكى قىران قاپلاندەك ئالدىغا كەلەەننى شارتىلدىتىپ كاللا كېسىشكە  كىرىشتى.ھەر بىر قىلىچتابىر تۇران ئەسكىرى يەر چىىشلەيتتى.
سوھرابمۇ قولىغانەيزە  ئېلىپ ئات چاپتۇرۇپ  ئىران لەشكەرلىرى توپىغا بېرىپ ئىران سىپاھلىرىنى سۈرۈپ  يۈرۈپ ئۆلتۈرۈشكە كىرىشتى.بىردەملىك ئېلىششىىتا بىرنەچچە نامدار ئەر جېنىدىن جۇدا بولدى.ئىككى قوشۇندىكى چوڭ- كىچىك ھەممىسى پاتپاراق بولۇشۇپ كەتتى.
رۇستەم قاتتىق قىرغىن قىلىۋېتىپ ئويلاپ قالدى: ‹‹ بۇ تەلۋە ئوغۇل قىرغىن جەريانىدا كاۋۇسنى ئۆتۈرۈپ قويمىسۇن يەنە؟!››
ھۈنىرى بەركامال تۈ*ركى نەۋ نىھال،
قولىدىن قۇتۇلماق شاھقا كۆپ مالال
رۇستەم شۇلارنى ئويلىغاچ تۇرانلىقلارنى قىرغىن قىلىشنى توختۇتۇپ  ئات بېشىى كەينىگە بۇراپ، ئىران لەشكەرلىرى توپىغا قارىتىپ ئات چاپتۇرۇپ كەلدى.
كىلىپ قارىغۇدەك بولسا سوھراب سىپاھلار ئارىىسىدا ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈپ بىمالال قان تۆكمەكتە،ئىدى.ئىران باھادىرلىرى مۈشۈكنىڭ ئالدىدىكى چاشقاندەك قېچىپ يۈرۈشكەن بولۇپ،سوھرابقا دۇچ كېلىپ قالغان  ئاددى لەشكەرلەرنىڭ ئۆلۈكلىرىدىن جەسەدت دۆۋىسى ھاسىل بولۇپ  قانلار  ئېرىق بولۇپ ئېقىشقا باشلىغان ئىدى.سوھرابنىڭ نەيزىسىنىڭ ئۇچىدىن قان تامماقتا .ئۇ خۇددى ئوۋى ئوڭدىن كەلگەن قانخور قاپلاندەك ئاياپ ئولتۇرماي، نەيزىۋازلىق ماھارىتىنى نامايەن قىلىپ،ھەر بىر نەيزە ئۇرۇشىدا  بەزىدە بىر، بەزىدە ئىككى -ئۈچ لەشكەرنى  نەيزە ئۇچىغا ئۆتكۈزۈپ قىيامەت پاتپاراقچىلىقى قوزغۇۋەتكەن.ھىچكىم ئۇنىڭ بىلەن ئېلىششىقا پېتىنالماي قالايمىقان قېچىپ يۈرگەچكە،  سوھراب ئېلىشىپ يۈرمەيلا بىمالال نەيزە ئۇراتتى. بۇ قىرغىن ئاز كەلگەندەك ئەسكەرلەر پاتپاراق بولۇپ قېچىش جەريانىدا ،قىستىلىشىپ بىر بىرىگە سوقۇلۇپ كاللا قۇيۇشۇپ يىقىلىشاتتى.ئورنىدىن تۇرۇپ بولغىچە باشقا قاچ قاچچىلار دەسسەپ جېنىنى ئېلىپ بولاتتى.دىمەك ئەزرائىلنىڭ بازىرى تازا قىزىپ كەتكەن ئىدى.
رۇستەم  سوھرابنىڭ بۇ ۋەھشى قىرغىنچىلىقىنى كۆرۈپ  قاتتىق قەھرى غەزىپى كەلدى.شۇڭا قاتتىق نەرە تارتىپ  سوھرابقا قايتا ئېتىلىپ كەلدى.بۇ نەرە ئاۋازىدىن تاغۇ تاشلار تىترەپ كەتتى.رۇستەم ئۇنىڭغا قارشى ئېتىلىپ كېلىۋېتىپ قەھرى بىلەن خىتاپ قىلاتتى:
  -ئەي تۈرىك،ئەقىلسىز خۇنخور ! بۇلاردىن قايسى بىرى سەن بىلەن جەڭ قىلغان ئىدى؟ نىمىدەپ كۈچۈڭنى ماڭا كۆرسەتمەي قوتاندىكى قۇترىغان بۆرىدەك بىھۇدە قان تۆكىسەن؟
  -تۇران سىپاھلىرىمۇ جەڭ مەيدانىدىن يىراقتا ئىدى.ئۇلارمۇ بىگۇناھ ئىدى.ئۇلاردىن ھىچقايسىسى سەن بىلەن ئۇرۇشۇشنى خالىمايتتى.بىگۇناھلار ئۈستىگە ئات چېپىپ بېرىپ ناھەق قان تۆكۈشنى سەن ئۆزۈڭ باشلىدىڭغۇ؟!
سوھرابنىڭ دىگىنىمۇ ئاساسسىز ئەمەس ئىدى، رۇستەم ئۇنىڭ بىلەن ئارتۇقچە گەپ تەگىشىشنى خالىمىدى. بۇ چاغدا كۈن ئولتۇراي دەپ قالغان ئىدى.شۇڭا رۇستەم ئۇرۇش توختىتىش تەكلىپىنى بەردى:
-ئەمدى كەچ بولدى.ئۇرۇشنى مەشەدە توختىتايلى.جەڭگاھتىن قايتىپ  ،قۇرساقلىرىمىزنى تويغۇزۇپ ئوبدان ھاردۇق ئېلىۋېلىپ ،ئەتە تاڭ ئاتقاندىن كېيىن بۇ مەيداندا قايتا ئۇچرىشايلى. بۇ مۇنبەر بىز ئۈچۈن مەيدان ۋە دار ھېساپلىنىدۇ.ئۆلۈم كۆرۈم ئىشى  پەرۋەردىگارنىڭ پۈتكىنى بويىچە بولىدۇ.سىنىڭ ئاغزىڭدىن ئانا سۈتى كەتمىگەن بولسىمۇ ھۈنىرىڭ قالتىسكەن.زاۋاللىق كۆرمىگىن! خوش ئەمىسە،بىز كەتتۇق.ئەتە تاڭ ئاتقاندا ،تەڭرى ئىرادىسى نامايەن بولىدۇ.كىم ئۆلۈپ كىم قالىدۇ ،شۇ چاغدا كۆرەيلى.

رۇستەم بىلەن سوھرابنىڭ ئۆز ئوردىلىرىغا قايتقانلىقى
كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە ئاز قالغان پەيتتە ئۇلار ئۇرۇش توختىتىشتى. ھەر ئىككى تەرەپ ئۆز ئورۇنلىرىغا قايتىشتى.سوھراب خۇددى ئۇرۇش ئۈچۈنلا يارالغاندەك ئالەم ئۇنىڭغا ھەيرانلىق ئىچىدە باقماقتا ئىدى.ئۇ ئۇرۇش مەيدانىغا كىرگىنىدە چاپقىنى چاپقان،ئاتقىنى ئاتقان بولۇپ  بىر دەقىقە توختاپ قالمايتتى.ھازىرقى زامان تىلى بويىچە ئېيتقاندا سېپى ئۆزىدىن ‹‹ئادەم ئۆلتۈرۈش ماشىنىسى›› ئىدى.
ئاستىدىكى ئاتمۇ تىنماي چېپىپ يۈرەتتى.بەدىنىمۇ پولاتتىن ياسالغاندەك جەڭ پەيتلىرىدە نەيزە، قىلىچ، ئوقلار كار قىلمايتتى .
ئۇ لەشكەرگاھقا قايتىپ كېلىپ ئارام ئېلىش ئۈچۈن ئولتۇردى.بېلى جەڭدە راسا تالغان.بىلەكلىرىمۇ خېلى سىرقىراپ ئاغرىشقا باشلىغان ئىدى.ئۇ ھاردۇق سوراب چىققان ھۇممانغا دىدى:
  -ئەتە تاڭ ئېتىپ قۇياش چىقىشى ھامان قىيامەت باشلىنىدۇ.بۈگۈنكى جەڭدە ماڭا دۇچ كەلگەن رەقىپ ھەقىقى شىردىل باھادىر ئىكەن. ئۇ ماڭا ھەقىقى ئۇرۇشنىڭ قانداق بولىدىغانلىقىنى كۆرسەتتى.ئۇ قوشۇنىمىزغا يالغۇز تەككىنىدە بىزگىمۇ زور تالاپەت يەتكۈزىۋەتتى.مەن ئىران سىپاھلىرى ئىچىدە ماڭا تەڭ كىلەلەيدىغان باتۇر يوق دەپ ئۆزۈمگە قاتتىق ئىشەنگەن ئىدىم.لىكىن ئۇنىڭدەك جەسۇر قاپلانغا ئۇچراپ قالارمەن دەپ ئويلاپ باقماپتىكەنمەن.ئۇ خۇددى بىر قۇترىغان شىر ئىكەن.ئالدىغا ئۇچراپ قالغان ئولجىسىنىڭ ھەممىسىنى ئالماي قويمايدىكەن.قېرىپ قالغان بولسىمۇ ياشلاردىن جاسارەتلىك ئىكەنكى جەڭگە تويمايدىكەن.پۈتۈن جاھاننى ئىزدەپ قېزىۋەتسىمۇ ئۇنىڭدەك جەڭدە مەزمۇت پۇت تىرەپ تۇرالايدىغاندىن يەنە بىرىنى تاپقىلى بولمايدۇ.
ھۇممان ئۇنىڭغا جاۋابەن مۇنداق دىدى:
   -شاھىم،سېنىڭ پەرمانىڭغا بىنائەن  بارلىق سىپاھلىرىمىز جايىدىن قوزغالماي تۇرغان ئىدى.ھەممىمىز قاتتىق جەڭگە لازىم بولۇپ قالساق دەپ  تەييار تۇرغان ئىدۇق.رەقىپلەر تەرىپىدىن بىر تىمساھ چىقىپ كېلىپ بىزگە خۇددى مەست شىردەك تاشلاندى.قانغا تولغان كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ پۈتۈن بىر قوشۇنىمىزغا بىر ئۆزى تاقابىل تۇردى. ھىچكىمنى پىسەنتىگە ئىلماي قىلىچ ئوينۇتۇپ  ھەرتەرەپكە تاشلاندى.كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچە بىرنەچچە ئۆلۈكلەر دۆۋىسىنى پەيدا قىلىۋەتتى.‹‹ئەمدى ھەممىمىز تۈگەشتۇق›› دەپ پاتپاراق بولۇشۇپ تۇرساق، بىردىنلا ئېتىنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، قانداق تېز كەلگەن بولسا، يەنە شۇنداق تېز قايتىپ كەتتى.
-  بىزنىڭ سەردارلاردىن ھىچكىم قۇربان بولمىدىمۇ؟ مەنمۇ ئىرانلىقلار توپىغا بېسىپ كىرىپ ئىرانلىقلارنى بۇغداي ئورىغاندەك قىرىپ تاشلىدىم.ئۆلگەن ئادەملىرىنىڭ كۆپلىكىدىن يەرلەر قان پاتقاق بولۇپ كەتتى.بۇنى كۆرۈپ ئۇ قوتاز  تېزلا قايتىپ كېلىپ ئىرانلىقلارنى يەنە ھىمايىسىگە ئالدى.بۈگۈنكىدەك قاتتىق  جەڭدە ئەگەر شىر ئالدىمغا دۇچ كەلسىمۇ ئېغىر گۈرزەم زەربىدىن جان تەسلىم قىلاتتى.قاپلان يولۋاسلار كەلسىمۇ يەر بىلەن يەكسان بولاتتى.نەيزەمنى بۇلۇت ئۈستىدە ئوينۇتۇپ چېقىن چىقىرىپ شىددەتلىك زەربە بەرگەن چېغىمدا ، ئەجدىھا بولسىمۇ زەربەمگە چىدىماي قېچىپ كېتەر ئىدى.لىكىن بۇڭ پالۋاننى قىلچە بويسۇندۇرالمىدىم.زەرىب بىلەن گەدىنىگە گۈرزە ئۇرغان چېغىمدا تاغ بولسىمۇ كۇكۇم –تالقان بولار ئىدى.لىكىن ئۇ ئازراقلا تەۋرەپ قويۇپ بەرداش بېرەلىدى.مەن ئۇنى ئادەم ئەمەس يىڭىلمەس جەڭ پەرىشتىسىدەك ھىس قىلىپ قالدىم.ئەتە بىز ئۈچۈن ئۇلۇغ كۈن بولۇپ ھېساپلىنىدۇ.بۇ ئۇرۇشتىن خۇلاسە چىقىرىمىز.يە غالىپ كېلىپ كاۋۇسنى دارغا ئاسىمەن،يە ئىرانلىقلارغا يېڭىلىپ كۇمپەيكۇم بولىمىز.پەرۋەردىگار نامىغا قەسەم ئىچىمەنكى، بىرەر دۈشمەننى تىرىك قالدۇرسام ئادەم بولماي كېتەي.بولدى بۇ گەپلەرنى قويۇپ تۇرايلى،مەن قاتتىق چارچاپتىمەن.ساقىنى چاقىر.بەزمە قۇرۇپ كۆڭۈل ئاچايلى.ئوبدان يەپ ئىچىپ ھاردۇق ئالايلى.

شۇنىڭغا ئوخشاشلا رۇستەممۇ شاھانە يېشىل چېدىرىغا قايتتى. گېۋ ئۇنىڭدىن ھاردۇق سوراپ كىردى.ئۇلار ئىككىسىمۇ قىزغىن پاراڭغا چۈشۈپ كەتتتى.رۇستەم سوھراب لەشكەرلەرگە ھۇجۇم قىلىپ كىرگەن چاغدىكى ئەھۋاللارنى سۈرۈشتۈردى:
-قېنى ئېيتە،بۇدۇشقاق  قاسساپ ھۇجۇم قىلىپ كېلىپ  نىمە بالالارنى تېرىدى،ئۇنىڭ زەربىسىگە كىملەر بەرداش بېرەلىدى؟
-بىزنىڭ ھالىمىزنى سورىمايلا قوي،رۇستەمى داستان! بىز ھازىرغىچىلىك نۇرغۇن دەھشەتلىك جەڭلەرنى باشتىن كەچۈرگەن بولساقمۇ بۇنداق زور رەقىپكە پەقەت ئۇچراپ باقمىغان ئىكەنمىز.ئۇ قوشۇن ئىچىگە شامالدەكلا كىرىپ كەلدى. تۇس قولىغا قۇرال ئېلىپ يولدا تۇرغان ئىدى.ئۇ يولۋاستەك چاققانلىق ،شىردەك قۇدرەت بىلەن بىردەم ئىگەردە بىردەم يەردە بولۇپ چاقماقتەك تېز ھەركەت قىلاتتى.ئۇ كىلىپلا نەيزە تۇتۇپ تۇرغان تۇسنى كۆرۈپ قۇترىغان قاپلاندەك سەكرەپ توۋلىدى.ئىگىلىپ گۈرزىسىنى ئىگەر بېشىىدىن ئېلىپ بىر ئۇرۇۋىدى.تۇس بېشىنى ئېلىپ قاچتى.گۈرزىنىڭ ئۇچى قۇلاققا تىگىپ بىر قۇلۇقىنى ئۇچۇرىۋەتتى.بىھالاۋەت بىچارە تۇس ئۇنىڭ بىلەن بىراز ئېلىشىپ بېقىپ تەڭ كىلەلمەي جەڭدىن چېكىندى.ئۇندىن كېيىن ھىچكىم ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىشقا چىقىشقا پېتىنالمىدى.ئۇنىڭغا پەقەت سەن ئۆزۈڭلا تاقابىل تۇرالايتتىڭ.مەن ئۇنىڭ خىلى بولمىغاچقا قارشى چىقىشقا پېتىنالمىدىم.باشقىلارمۇ ئۇنىڭغا قارشى چىقالمىدى.بىز چىقالمىساق لەشكەر قانداق قارشى چىقالىسۇن.شۇنىڭ بىلەن قاچ-قاچ باشلىنىپ كەتتى.ئۇ پاتپاراقچىلىق ئىچىدە ئېتىنى ئۇيان بۇيان چاپتۇرۇپ نەيزىسىنى چاقماقتەك تېز ئوينۇتۇپ ئالدىغا كىم دۇچ كېلىپ قالسا شۇنى نەيزىلەپ بىچارە لەشكەرلىرىمىزدىن ناھايىتى كۆپ ئادەمنى قىرىۋەتتى.ئەگەر سەن قۇتقازغىلى كەلمىگەن بولساڭ قىيامەت قايىم بولۇپ لەشكەرلەرنڭ يېرىمىدىن كۆپرەگى قىرىلىپ تۈگەپ كېتەتتى.
بۇ خەۋەردىن رۇستەمنىڭ كۆڭلى تولىمۇ يېرىم بولدى.بولۇپمۇ بىچارە تۇسقا تېخىمۇ ئىچ ئاغرىتتى.تېخى ئالدىنقى بىر كۈنىلا ئۇ كاۋۇس ھوزۇرىدا رۇستەمنى تارتىپ چىقىپ نەسىھەت قىلماقچى بولغاندا رۇستەم ئۇنىڭ نىيىتىنى خاتا چۈشىنىپ بىلىكىنى تۇتۇپ تۇرغان بىر قولىنى تارتىپ ئۈزىۋەتكەن ئەمەسمىدى.بۇ كەلگۈلۈكنىڭمۇ ئۇنىڭغا كېلىپ بىر قۇلىقىدىن ئايرىلىپ قالغانلىقىنى كۆرمەمدىغان.
كىيىن رۇستەم شاھتىن ھال ئەھۋال سوراش ئۈچۈن  كاۋۇسنىڭ چېدىرىغا قاراپ ماڭدى.خىزمەتچىلەر ئۇنىڭ بۇزۇلغان چېدىرىنى ئاللىقاچان ئەسلىگە كەلتۈرۈپ بولغان ئىدى.كاۋۇس رۇستەمنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ كاتتا ھۆرمەتلەپ كۈتىۋالدى.
كاۋۇس سوھراب توغرىسىدا ئېغىز ئېچىۋىدى رۇستەم سۆزلەپلا كەتتى:
  -بۇ باتۇر ئاغزىدىن ئانا سۈتى پۇراپ تۇرغان بىلەن نى-نى نوچى پالۋانلار قىلالمىغان ئىشلارنى قىلىۋاتىدۇ. بويى ئۆسۈپ بۇلۇتقا تاقاشقانسېرى،يەر ئۇنىڭ كېلەڭسىز تىنىنى كۆتۈرەلمەي  نىمجان ئىڭرىماقتا.ئۇنىڭ ئۇرۇش ئۈچۈن ئېچىلغان  چاڭگىلى ئالەمگە ۋەھىمە سالىدۇ.ئۇنىڭ كۈچى ئالدىدا تۆگىمۇ ئامالسىز ئۇنىڭدىن كۈچ تەلەپ قىلىشقا مەجبۇر بولىدۇ.مەن قىلىچىمنى،نەيزەمنى،كامانىمنى،ۋە گۈرزەمنى ئىشقا سېلىپ ئۇنىڭ بىلەن قاتتىق ئېلىشتىم.لىكىن يېڭەلمىدىم.شۇندا ئېلىشىۋېتىپ ئۆزۈمگە دىدىم:‹بۇنىڭدىن باشقىلار بىلەن ئېلىشقان بولسام بۇ چاغقا قانچىلىغان داڭدار پالۋانلارنى ئاتتىن غۇلىتار ئىدىم.شۇ خىياللار بىلەن ئۇنى ئاتتىن غۇلىتىپ تاشلىماق بولۇپ كەمىرىدىن تۇتتۇم.سۆڭەك –سۆڭەكلىرى غىرىسلاپ سۇنۇپ گۆشتىن ئاجراپ كەتكۈدەك قىستىم.مەقسىدىم ئۇنى ئىگەردىن يۇلۇپ ئالماقچى، باشقىلاردەك كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇرماقچى ئىدىم.كۈچلۈك بوراندا ئەزىم تاغلارمۇ مىدىراپ كېتىدۇ.ئەمما ئۇ مىدىراپمۇ قويمىدى.زەربەمدىن پەقەت كەمىرىلا ئۈزۈلۈپ كەتتى.شۇنداق ئېلىشىپ يۈرۈپ كەچ كىرگەندە ئايرىلىپ كەتتۇق.يەنە ئېلىشايلى دىسەك ئاسمان ئايسىز، يەر نۇرسىز كەپقالدى.ئەتە سەھەردە يەنە دۇچ كېلىشىپ كۈچ سىنىشىمىز.زەپەرنىڭ كىمگە ھەمراھ بولۇپ كىمنىڭ بېشىدىن تۈتۈن چىقىشى ئەتە ئايان بولىدۇ. قۇياش بىلەن ئاينى ياراتقان پاك پەرۋەردىگارىمىز تەقدىرىمىزگە نىمە يازغان بولسا، قايسىمىزغا ھاياتلىق، قايسىمىزغا ماماتلىق پۈتكەن بولسا، ئەتە شۇ كۆرۈمىمىز بىزنىڭ تەقدىرىمىز بولۇپ قالىدۇ.
كاۋۇس رۇستەمگە مەدەت بېرىپ شۇنداق دىدى:
  -ئۇلۇغ خۇداۋەندە كېرىم  ھەرقاچان ياخشىلارنىڭ يارى بولۇپ كەلگەن.ئۇ يامانلارنىڭ دىلىنى چاك-چاك قىلىپ ،ياخشىلارنىڭ بېشىغا شاپائەت بۇلۇتىنى سايىۋەن قىلىدۇ.مەن بۇ تۈننى پاك ئىماننى دىلىمغا يار بىلىپ، تەڭرى ئۈچۈن سەجدە قىلىپ ،ساڭا گۇمراھ تۈر*ۈك ئۈستىدىن غالىپلىق تىلەش بىلەن ئۆتكۈزىمەن.يىغلاپ تۇرۇپ زەپەر قازىنىشىڭنى ئىلتىجا قىلىمەن.دىلىڭ قۇياشتەك نۇرلۇنۇپ كەتسۇن،ئۇلۇغ نامىڭ قۇياشتىنمۇ ئىگىزدە پارلىسۇن.
-ئۇلۇغ شاھىمىزنىڭ دۇئاسى ماڭا ھەمراھ بولسا  بارلىق ئىشلىرىم ياىشىلىققا يۈزلەنگۈسى.
كېيىن رۇستەم شاھ بىلەن خوشلۇشۇپ لەشكەرگاھىغا قايتتى.ئەمدىلا كىرىپ ئارام ئالاي دەپ تۇرۇشىغا زەۋارە ھال سوراپ كىردى:
  -جاھان پالۋانىم،ھال ئەھۋالىڭ قانداقراق؟
رۇستەم ئۇنىڭغا جاۋاپ بېرىش ئورنىغا ئالدى بىلەن ئۇنىڭدىن تاماق سورىدى.شاھ كاۋۇسمۇ ئۆز غېمى بىلەن قالدىمۇ  قانداق،پۈتۈن كۈن كۈچلۈك دۈشمىنى بىلەن ئېلىشىپ بېشىغا سايىۋەن بولغان ئۇلۇغ پالۋىنىنىڭ ھالىنى سوراپ قۇرسىقىنى سوراشنى ئۇنۇتقان ئىدى.زەۋارە ئۇنىڭغا ئىسىل قۇۋۋەتلىك تاماق ۋە شىرىن ئىچىملىكلەردىن كەلتۈرۈپ قۇرسىقىنى تويغۇزدى.ئاندىن ئۇلار يېقىن سىرداش دوستلاردىن ئىدى.شۇڭا ئازادە ئولتۇرۇشۇپ پاراڭغا چۈشۈپ كېتىشتى.
پاراڭلىرى تۈگەپ  سۆھبەت مەزمۇنىنىڭ ئاخىرقى باسقۇچىغا كەلگەندە رۇستەم ئۇنىڭغا كەچلىك ۋە ئەتىلىك ياردەملىشىدىغان ئىشلىرىنى تاپىلاپ مۇنداق دىدى:
-سەن مېنىڭ يېقىن دوستۇم،شۇڭا مەندىن بەك يىراقلاپ كەتمەي مۇھىم ئىشلىرىمغا قارىشىپ بەرگىن.
مەن بەك ھېرىپ كەتتىم،ئارام ئالمىسام،تۇلپارىمنىڭ يېنىغا بېرىپ قوناق ۋە ياخشى بىدە  بېرىپ تويدۇرۇپ ئۇنىمۇ  ياخشى ئارام ئالدۇرمىسام بولمايدۇ.سەن مىنىڭ سىپاھلىرىمنى قايتىدىن سەپلەپ ئەجدىھا نەقىشلىك تۇغۇمنى ھازىرلاپ قويغىن.تەختىم،زەر ئۆتۈكۈم،ۋە قۇرال ياراقلىرىمنى ھازىرلاپ  قۇياش چىققان ھامان ئىىشىكىم ئالدىدا ھازىر بول.ئەتىكى جەڭ ئىشىغا كەلسەك،ئەگەر رەببىم ماڭا نۇسرت ئاتا قىلسا جەڭ مەيدانلىرىدا يەنە ئۇزاق ۋاقىت تۇرالايمەن.ئەگەر قىسمەت باشقىچە بولۇپ ياش پالۋاننىڭ قولىدا ئۆلۈپ كېتىپ قالسام ئاھ- ۋاھ ئەيلەپ پەريات چېكىپ كەتمە. بىكار ئاۋارە بولۇپ مەيدانغا ھىچكىمنى ئەۋەتمە.ئۇنداق قىلمايدىكەنسەن ئۇرۇش ئۇزۇنغا سوزۇلۇپ كۆپ قان تۆكۈلۈپ كېتىدۇ.چۈنكى مەن سوھراب بىلەن ئۇرۇش ئىككىمىز بىلەنلا تۈگىسۇن دەپ ئەھدە قىلىشتۇق.ئۇرۇش تۈگىگەندىن كېيىن مىنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىمنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ زابۇلىستانغا قاراپ يول ئالغىن.بېرىپ ئاتام زال زەرنى يوقلاپ ئۇلارنى خاتىرجەم قىلغىن.ئۇلار بەك ئاھ- ۋاھ قىلىشقىلى تۇرسا سەۋرى سۈيىنى سېپىپ دەردىنى يېنىكلەتكىن.يۇمشاق سۆزلەرنى كۆپ قىلىپ ئانامنىڭ ئازابىنىمۇ يىنىكلىتىپ كۆپ يىغلىماسلىق،تەقدىرگە تەن بېرىشكە كۆندۈرگىن. ئۆلۈم دېغىدا ئۇلارنىڭ دىلى سۇنسا،تىنىمسىز ياش تۆكۈپ تىنچىمىسا ،مىنىڭمۇ كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.بۇ ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار ئىش.رۇستەمنىڭ ئۆلۈمىمۇ ھىچقانچە ئىش ئەمەس.قانچىلىغان باتۇر پالۋانلار،دىۋە ئەجدىھالار،شىر قاپلانلار مەن بىلەن جەڭ قىلىپ نابۇت بولۇپ كەتتى.شۇلارنىڭمۇ ئاتا -ئانىلىرى بالا -چاقىلىرى بار بولغىيدى.شۇلارمۇ قان يىغلىشىپ قالغان بولغىيدى.شۇڭا بۇ ئۆلۈمنىڭ زىيادە ئازاپلانغۇچىلىكى يوق.مەن ھازىرغىچىلىك قىلغان ئۇرۇشلىرىمدا قانچە-قانچە ئىگىز  قورغانلارنى پەس قىلىپ،ئۇنىڭدىكى بويسۇنماس قەھرىمانلارنى يەر بىلەن يەكسان قىلدىم .كىمىكى ئۆلۈم ئىزدەپ ئەجەل ئىشىكىنى تاقىلداتسا ،مەن ئۇلارنى ئەزرائىل بىلەن كۆرۈۈشۈشكە يوللاپ بېرىپ تۇردۇم.شۇڭا بۇ قېتىم ئۆلۈپ كەتسەم ئەپسۇسلانمايمەن.بۇ دۇنيادا مىڭ يىللاپ ياشىساقمۇ بەرىبىر ئۆلىمىز.لىكىن دۇنيا قالىدۇ.پەلەك ئاخىرىدا ھەممە ئادەمگە ئۆلۈم مەرتىبىسىنى تارتۇق قىلىدۇ.نەزەر سالغىنكى، جەمشىتتەك ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھمۇ مىڭ يىللاپ ياشاپ ئاخىر ئەجەل شەربىتىدىن ئىچمەي تۇرالمىدى.بارلىق دىۋىلەرنى بەنىد قىلىپ ئاسمانۇ زىمىننى بويسۇندۇرغان شاھ تەھمۇرەستەك دىۋەبەنىد شاھلارمۇ ئۆلۈمدىن قېچىپ قۇتۇلالمىدىغۇ؟! ھىچكىم بۇ دۇنياغا باقىۋەندە ئەمەس،ئۇلار،سەن،بىز بولمىساقمۇ ۋاپاسىز پەلەك ئۆز چەرخى بويىچە ئايلىنىۋېرىدۇ.بىز ئۆمۈر بويى ئاتتىن چۈشمەي جەڭ قىلساقمۇ ناھەقچىلىك تۈەگىمەيدۇ. ئەگەر مەن دىگەندەك بەخىت بىزدىن يۈز ئۆرۈپ قالسا ھۇشيار بولۇپ قىلچە سۇسۇلۇق قىلمىغىنكى مەندىن كېيىن ھىچكىم جەڭگە چۈشمىسۇن.سوھرابمۇ ۋەدىسىدە تۇرۇپ لەشكەرلىرىنى قايتۇرىدۇ. كىمىكى بۇ سۆزۈمنى ئاڭلىماي سوھراب بىلەن جەڭ قىلىمەن دەپ مەيدانغا چۈشىدىكەن ئىش بۇزۇلىدۇ.ھىچقايسىڭلار تىرىك قايتالمايسىلەر!

  سوھرابنىڭ رۇستەمنى يىققىتقانلىقى
ئالەم قۇياشى كۆككە كۆتۈرۈلۈش ئۈچۈن قانات يايغاندا  تۈننىڭ قارا قاغىسى ئۇخلاشقا كىرىپ كەتتى.
مۈرىسىدىن ئارتىلدۇرۇپ يولۋاس تونى كىيىۋالغان رۇستەم تۇلپارىغا مىنىپ ئەجدىھا  شەكىللىك ئىگىرىدە ئولتۇردى.ئۇنىڭ سوھراب بىلەن ئېلىشىدىغان مەيدانى سىپاھلاردىن ئۈچ پەرسەڭ (بىر پەرسەڭ تەخمىنەن8كىلومىتىر)  يىراقلىقتا بولۇپ ئارىلىقتا بىرەرمۇ تىرىك جان كۆرۈنمەيتتى.رۇستەم بېشىغا پولات دوبۇلغىسىنى كىيىپ قولىغا گۈرزىسىنى ئالغان ھالدا جەڭگاھقا يىتىپ كەلدى.
ئەمدى گەپنى سوھرابتىن ئاڭلايمىز: ھىچكىشى ھەددىدىن ئاشقان ئارزۇنى دىلىغا يولداش قىلمىسۇن.بولمىسا ئۆزىگە مۇۋاپىق كەلمەيدىغان ئارزۇنى قوغلىشىپ ئۆزىگە بالا تېپىۋالىدۇ.سوھراب ئاخشىمى ئارام ئېلىشتىن بۇرۇن ھۇممان بىلەن بىللە  بەزمىدە ئولتۇرۇپ شاراپ ئىچكەچ ناخىشا –ساز تىڭشاپ روھى كەيپىياتىنى كۆتۈرمەكچى بولاتتى.لىكىن، نىمىشقىدۇ جەڭگاھتا ئۇچراشقان رەقىبىنى ۋە ئانىسىنىڭ تاپىلىغانلىرىنى ئويلىسا كۆڭلىنىڭ ئارامى بۇزۇلاتتى.رەقىبى ئۇنىڭغا ئۆز ئاتىسى رۇستەمدەك،ئۇقۇشماي ئۆز ئاتىسى بىلەن جەڭ قىلىۋاتقاندەك  تۇيۇلۇپ بىر خىل بىئاراملىق سىزىمدىن قۇتۇلالمايۋاتاتتى.ھەقىقەتەن رۇستەمنىڭ يۈرىكى تۇيمىغان بىلەن سوھرابنىڭ يۈرىكى تۇيغان ئىدى.ئۇ شاراپ ئىچكەچ ئولتۇرۇپ ھۇممانغا بۇ گۇمانىنى ئېيتىپ ئۇنىڭدىن مەسلىھەت سورىماقچى بولدى.ئەپسۇسكى ھۇمماننىڭ مەخپى  ۋەزىپىسىنىڭ ‹‹ئاتا –بالا ئىككىسىنىڭ تونۇشۇشىغا يول قويماسلىق،ئىككىسىنى جەڭ مەيدانىدىكى ئەشەددى رەقىپلەرگە ئايلاندۇرۇپ قويۇپ، بىر –بىرىنى ئۆلتۈرگۈزۈش›› ئىكەنلىكىنى،ئۇ ئۆزىنىڭ يېقىن سىرداش دوستى ئەمەس، ئەكسىچە ئەڭ پەسكەش رەقىبى،قوينىغا كىرىۋالغان قانخور ئىلان  ئىكەنلىكىنى ئاق كۆڭۈل، ساددا سوھراب نەدىنمۇ بىلسۇن؟!
-جەڭ مەيدانىدا   -دىدى سوھراب كۆڭۈل سىرلىرىنى ئېچىپ  -مەن بىلەن جەڭ قىلغان ئادەم ئەجەبمۇ شىرى مەرد ئىكەن.ئۇ ھەر بىر جەڭدە مەن بىلەن بارابەر كېلىپ قالدى. باشقا ئىران پالۋانلىرى مېنى كۆرسە كىرگىلى تۆشۈك تاپالماي قالغان بىلەن، ئۇ قورقۇشنىڭ نىمىلىكىنى بىلمەيدۇ.ئۇنىڭ بويى مىنىڭ بىلەن تەڭ.كەڭ يەلكىسى،كۆكرەكلىرىمۇ مىنىڭكىدىن قېلىشمايدۇ .چىرايى جەزبىدارلىقىمۇ ماڭا  ئوخشىشىپ كېتىدۇ ،يا پەرۋەردىگار! خۇددى ئىككىمىزنى بىر قېلىپتىن قۇيغاندەكلا ئوىشىشىپ كېتىمىز دىسە !شۇڭا ئۇ دائىما مېنى ئويغا سالىدۇ.چىرايىغا سىنچىلاپ قارىسام ئەقلىم ئازىدۇ.ئانام ئۇنىڭ نىشانلىرىنى ئېنىق ئېيتىپ بەرگەن ئىدى. شۇڭا ھەممىسى نامايەن بولۇپ ئۇنىڭ ئاتام رۇستەم ئىكەنلىكىنى يۈرەك تۇيۇۋاتقاندەك قىلىدۇ.گۇمانىم شۇكى،بەلكىم ئۇ راستىنلا ئاتام رۇستەم شۇ بولۇشى مۈمكىن.ئالەمدە ئۇنىڭدەك جەڭ قىلالايدىغىنى كەم ئۇچرايدۇ.ئەگەر ئۇ راستىنلا ئۆز ئاتام بولۇپ چىقسا مەن ئۆز ئاتام بىلەن جەڭ قىلسام قانداق بولىدۇ.ئۆلسەم قىيامەت كۈنى يۈزۈم قارا بولمامدۇ؟!
سوھرابنىڭ گۇمانلىرى ھىلىگەر ھۇمماننى چۆچۈتۈۋەتتى.سوھراب رۇستەمنى تونىۋالسا ئۇنىڭ رەزىل مەقسىدى قانداقمۇ ئىشقا ئاشسۇن ؟! ئۇچاغدا ئۇ ئەفراسىياپقا قانداق جاۋاپ بېرەلەيدۇ؟ ھۇممان كۆڭلىدە ئويلىدى: سوھراب رۇستەمنى راستىن تونۇمىدى.تېخى گۇمان باسقۇچىدا .تەڭرى ئىشىمنى ئاسان قىلىپ، رۇستەم جەڭ مەيدانىدا ئۆزىنىڭ كىملىكىنى ئاشكارە قىلماپتۇ. بۇ بەكمۇ ياىشى پۇرسەت! بولمىسا ئاتا دەردىدە سەكپارە بولۇۋاتقان بۇڭ بالايى- ئەزىمنى قانداقمۇ توساپ قالغىلى بولاتتى.ئەمدى مېنىڭ رولۇمنى جارى قىلدۇرىدىغان ۋاقتىم كەلدى.ئۇ رەقىپنىڭ راستىنلا رۇستەم ئىكەنلىكىنى بۇنىڭدىن قەتئى يوشۇرۇش ،ئۇنى باشقا يات ئادەم،ئەشەددى رەقىپ سۈپۈىتىدە تونۇشتۇرۇش كېرەك . شۇندىلا مېنىڭ سېھرى جادۇلىرىم تامامەن كۈچىنى كۆرسۈتۈپ ئۇلۇغ مەقسىدىم ئەمەلگە ئاشىدۇ.
ھۇممان شۇ نىيەت بىلەن سوھرابنى يالغان سۆز ئارقىلىق ئالداشقا كىرىشتى:
  -مەن نۇرغۇن جەڭلەرگە قاتناشقان.ئۇ جەڭلەردە رۇستەمنى كۆپ كۆرگەنمەن.شۇڭا رۇستەمنىياىشى تونۇيمەن لىكىن سەن بىلەن جەڭ قىلغان بۇ ئادەم رۇستەم ئەمەس.مەن بۇنىڭغا  ھاياتىم بىلەن كاپالەتلىك قىلالايمەن.بۇ ئادەم رۇستەمگە بوي بەست،ماھارەت جەھەتتە راست بىراز ئوخشىشىپ كېتىدىكەن.مىنىڭ بىلىشىمچە رۇستەم بۇ كىشىدىنمۇ ئىگىز.ئۇنىڭدىنمۇ قامەتلىك.تۇلپارىمۇ بۇ كىشىنىڭ تۇلپارىدەك بىر يېرىم كېلىدۇ. رۇستەم دىگەن ھەرقانداق بىرى بىلەن جەڭ قىلسا ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ نام-شەرىپىنى جاكالاپ  قارشى تەرەپ ئۇنىڭ كىملىكىنى تونۇۋالغاندىن كېيىن ئاندىن جەڭ قىلىدۇ.بۇ ئادەم رۇستەم بولمىغاچقا ساڭا نام شەرىپىنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمەپتۇ.سەن كۆڭلۈڭنى توق تۇتۇپ جەڭ قىل.جەڭدە بۇنداق ئارىسالدى بولساڭ ئاجىز دۈشمەنەىمۇ ئۇتتۇرۇپ قويىسەن! رۇستەم مازەندىراندا شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلغانكى گۈرزىسى بىلەن بويى ئاسمانغا تاقىشىدىغان مىڭلىغان  دىۋىلەرنى بويسۇندۇرۇپ ئىككىنچى قارشى چىقالمايدىغان قىلىۋەتكەن ئىكەن.
شۇ سۆھبەتتىن كېيىن ئۇلار ئايرىلىشتى.سوھراب ئارام ئېلىشقا ياتتى.
سەھەردە كۈن خېلى ئۆرلەپ ئاپتاپ ئۇرغاندا سوھراب تەستە ئورنىدىن تۇردى.ئۇ ئاخشام بەزمىنى كۆپ ئويناپ ،شاراپنىمۇ كۆپرەك ئىچىپ كەچ ياتقان بولغاچقا ئەتىگەندىمۇ ۋاقچى قوپقان ئىدى.
ياشلىق شۇنداق چاغ،شۇڭا ئاتا –ئانىلار  پەرزەنتلىرىنى‹‹ئاخشىمى بەزمە تاماششا بىلەن بالدۇر  ياتمايدىغان،ئەتىگىنى ئۇيقۇ بېسىپ بالدۇر قوپمايدىغان››دەپ ئەيىپلەيدۇ ئەمەسمۇ ؟!
سوھراب جەڭ قىلىش ئۈچۈن جەڭ لىباسلىرىنى كىيىپ ئېتىغا مىنىپ بولغان بىلەن بېشىدا ئۇرۇش غېمى، دىلىدا بولسا بەزمە سەۋداسى كېىزپ يۈرەتتى.
سوھراب ئېتىنىچاپتۇرۇپ ەۈركىرىەەن پېتىچە ئېلىشىش مەيدانغا بارغاندا رۇستەم ئۇنى ساقلاپ تۇرغىلى خېلى ئۇزاق ۋاقىت بولۇپ قالغان ئىدى. ئۇ كەلگەنچە كېلىپ رۇستەم بىلەن جەڭگە چۈشمەستىن  كۈلگىنىچە رۇستەمدىن ھال سورىدى.گەرچە ھۇممان ئۇنىڭ بېشىنى خېلى ئايلاندۇرۇۋەتكەن بولسىمۇ لېكىن بۇ‹‹رەقىبى››گە نىسبەتەن يەنىلا چىن كۆڭلىدىن بىرخىل قايناق مىھىر -مۇھەببەت ئۇرغۇپ تۇراتتى.مەيلىچە بولسا ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىش ئەمەس، بەلكى بىرگە ئولتۇرۇپ قانغۇدەك مۇڭداشقۇسى،زادى كىم ئىكەنلىكىنى،ئىچ سىرلىرىنى،بىلىۋالغۇسى ،ئۆزىنىڭمۇ قەلبىدىكى دەرت ھەسرىتى ۋە ئاتىغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىش ھىسسسىياتىنى ئىپادىلىۋالغۇسى بار ئىدى.دانالارنىڭ:‹‹ ساپ، پاك قەلىبتە،پاك ھىسسىيات،ساپ تۇيغۇ بولىدۇ›› دىگىنى ئەلۋەتتە بىكار ئەمەس ئىدى :
  -ئەي پالۋان كېچەڭ قانداقراق ئۆتتى؟! كۈندۈزدىن مۇرادىڭ نىمە؟ جەڭگە قانداق  ئارزۇ بىلەن كىرمەكچىسەن؟بۈگۈنكى ھالىڭدىن قارىغاندا جەڭنى ياخشى قىلالمىغۇدەكسەن! ئېلىشىپ ئانچە ئۇزاققا بارمايلا گۈرزەڭدىن ئايرىلىپ قالغۇدەكسەن. مېنىڭ مۇنداق تەكلىپىم بار.ئاداۋەت پەنجىسىنى يەكسان قىلىپ بىردەم بەزمە تۈزۈپ بىرگە ئولتۇرساق ،بىرەر قاچىدىن مەي ئىچىشسەك دەيمەن.بۇ بەزمە بىلەن قەھرۇ –غەزەپنى،ئۆچ ئاداۋەتلەرنى ئۇنتۇپ، تەڭرى ئالدىدا ئەھدۇ- پەيمان قىلىشساق.تۈنۈگۈنكى ئۇرۇش ۋە كېچىدىكى بەد گۇمانلار ئۈچۈن پۇشايمان قىلىشساق دەيمەن. مەيلى باشقىلار جەڭ قىلىشسا قىلىشىۋەرسۇن.ئىككەيلەن بىرگە ئولتۇرۇپ قىزغىن بەزمە سۆھبەت قۇرايلى.ئوبدانراق تونۇشۇپ بىر بىرىمىزننى چۈشىنەيلى.راستىنى ئېيتايكى، مىىنىڭ ساڭا نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلمەيمەن،ئىشقىلىپ بېسىپ بولغۇسىز چوڭقۇر مىھرى مۇھەببىتىم بار.بۇ ئاتا بىلەن بالىنىڭ ئوتتۇرىسىدىكى مىھىر- مۇھەببەتكە ئوخشايدۇ.نىمىشقىدۇر بۈگۈن غۇرۇرۇم دىيانىتىم مېنى سەن بىلەن ئېلىشماسلىققا،سەن بىلەن ئۆچلىشىش ئەمەس بەلكى يېقىن دوستلاردەك مۇناسىبەت ئورنۇتۇشقا ئۈندەۋاتىدۇ.ئاڭلىسام سىنىڭ ئەجدادىڭ نامدار پالۋانلاردىن  ئىكەن.سەنمۇ جەڭگاھلاردا زور شان شەرەپكە ئېرىشكەن  ئالەم پالۋانلىرىدىن ئىكەنسەن .ئالدىرىماي ئولتۇرۇپ ئۆزۈڭ توغرىسىدا ،ئەجدادىڭ توغرىسىدا سۆزلەپ بەرگىن.مەنمۇ كىملىكىم،ئەجدادىم ،ئاتا-ئانام ھەققىدە سۆزلەپ بېرەي.كۆڭلۈم تۇيۇپ تۇرۇپتىكى ئىككىمىزنىڭ ئوتتۇرىسىدا چوقۇم ئۈزۈلمەس رىشتە.چوڭقۇر يېقىن مۇناسىبەت بار.مەن بىلىمەن.سەن نام نەسەبىڭنى يوشۇرۇۋاتىسەن .سەن چوقۇم سامنىڭ ئەۋلادى بولغان زابۇللۇق رۇستەم شۇ!
دۇنيادا بۇنىڭدىنمۇ ياخشى سۆز بولماس دەيمەن.بۇ سۆزلەرنى ئاڭلىغاندا مىنىڭچە تاش بولسىمۇ ئېرىپ كېتەر ئىدى.لىكىن نىمىشقىدۇ رۇستەمنىڭ  يۈرىكى تاشتىنمۇ بەك قېتىپ ،مۇزدىنمۇ ئۆتە مۇزلاپ كەتكەندەك ئىدى. بولمىسا ئوغلىنىڭ يۈرىكى تۇيۇپ شۇنچىۋالا يېقىملىق سۆزلەرنى قىلىۋاتسا  نام نەسىەبىنى داۋاملىق يوشۇرۇپ مۇھەببەتتتىن ئاداۋەتنى.شاتلىق بەزمىسىدىن  قانلىق جەڭنى ئەلا بىلەرمىدى؟! ئۇ جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دىدى:
  -ئەي شۆھرەتلىك ئەر، ئەقلى ھۇشۇڭ جايىدىمۇ؟ شىددەتلىك جەڭ ئالدىدا قايسى باھادىر مۇشۇنداق يارىماس سۆزنى قىلىدۇ؟ مەن سەن بىلەن بەزمە تۈزگىلى ئەمەس،بەلكى جەڭ قىلىپ يېڭىش -يىڭىلىشنى ئايرىغىلى كەلدىم.سەن خىيالىڭدا مېنى بەزمىگە قىزىقتۇرۇپ ،شاراپ ئىچۈرۈپ مەست قىلىپ قويۇپ ،توزاققا چۈشۈرۈش يولى بىلەن باپلاي دەپ ئويلاۋاتامسەن؟ سەن ئاڭلىمىغانمۇ ؟ كونىلارنىڭ:‹‹ گوللىغىلى كىچىك بالا ياخشى،خۇدا ئۇرسۇن قاقباشنى›› دىگەن ماقالى بار ئەمەسمۇ؟ سېنىڭچە مەن قاقۋاش قېرى تۇرۇپ سەندەك بىر ياش گۆدەكنىڭ ئاددى قاپقىنىغا دەسسەرمەنمۇ؟مەن دىگەن كۆپ جاھان كېزىپ جىق ئىسسىق سوغاقلارنى باشتىن كەچۈرگەن،نۇرغۇن ياخشى يامان،ئالىجاناپ ياكى پەس ئادەملەرنى كۆرگەنمەن. مېنى سەندەك بىر ياش بالا ئەمەس، كەمەك ئەييارمۇ ئالدىيالمايدۇ. مەن بۇ جەڭ مەيدانىغا بۈگۈن تەۋەككۈل كەمىرىنى باغلاپ كەلدىم. بىز بۇيەردە قۇرۇق گەپ قىلىپ ۋاقىتنى ئىسراپ قىلماي تېزراق جەڭگە چۈشەيلى.بىر بىرىمىز بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ يېڭىش يېڭىلىشنى ئايرىيلى.تەڭرىنىڭ ھۆكمى نىمە شۇنى تېزراق بىلەيلى؟
سوھراب بۇ جاۋاپلارنى ئاڭلاپ ئۈمىتسىزلەندى.مىھرىبانلىقى ئاچچىققا ئالماشتى.شۇڭا رۇستەمگە ئەلەملىك قاراپ  ھەسرەتلىك ئۇھ تارتىپ قويۇپ دىدى:
  -ئەي قېرى ئادەم،تولىمۇ گۇمانخور ئىكەنسەن.مەن ساڭا يامان نىيەت بىلەن ئەمەس، ياخشى نىيەت بىلەن سۆز قىلغان ئىدىم.تەكلىپىمنى قوبۇل قىلمىساڭ بوپتۇ.ئۆز ئۇۋالىڭ  ئۆزۈڭگە .مەن سېنىڭ ھاياتىڭنى قانلىق ئۇرۇشتا ئاخىرلاشتۇرماي،تىنىچ ئاسايىشلىقتا يەنە  بىر مەزەىل ياشاپ ئاندىن  ئاخىرلاشتۇرۇشۇۇڭ ئۈچۈن بۇ ياخشى تەكلىپنى بەرگەن ئىدىم. سەن ئۇرۇشنى بەك ئارزۇلاپ كەتكىنىڭ بىلەن سېنىڭ يېشىڭدىكىلەرنىڭ قازانغان غەلىبىسىدىن ،ئۇچرىغان  مەغلۇبىيىتى كۆپ بولىدۇ.ياخشى پىكىرنى قوبۇل قىلمىساڭ يامان ئاقىبەتلەرگە دۇچار بولىسەن. سەندەكلەرنى شانلىق غەلىبە ئەمەس،بەلكى غېرىپ قەبرە كۈتىۋالىدۇ.تېنىڭ قەبرە زىندانىغا بەنىد بولغىنىدا روھىڭ ئەرش كۇرسىغا بۇ دۇنيادا قىلغان ياخشى يامان ئىشلىرىڭ ئۈچۈن ھېساپ بېرىشكە ئۇچۇپ كېتىدۇ.مىنىڭ سېنىڭ قېرى جېنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالغىنى ئۈچۈن سېنى ئۆلتۈرۋەتكىم  كەلمىگەن ئىدى.سېنى قويۇۋېتەي دىسەم،ئۆزۈڭ  ئۆلۈمىڭنى ئارزۇلاپ تۇرۇۋالدىڭ.خەير تەقدىرىڭ شۇ بولسا، مەندە نىمە ئامال  !
تەنە ئېيتىشىشلاردىن كېيىن ئىككى پالۋان پولات ساۋۇتلىرىنى كىيىشىپ ،ئېغىر قۇراللىرىنى ئېلىشىپ ،تۇلپار ئاتلىرىغا مىنىشىپ ،خۇددى ئۆمۈرلۈك ئەشەددى رەقىپلەردەك قاتتىق ئېلىشىشقا چۈشۈپ كەتتى.
ئۇلار شۇ تەرىقىدە  قاتتىق تەرلەپ پىشىپ، تەرلىرىگە قان ئارىلىشپ، ئەتىگەندىن تا چۈشكىچە توختىماي  ئېلىشتى.‹‹ھاي...ھۇي›› دىيىشىپ زور قىلىشىپ،غەزەپلىك نەرىلەر تارتىشىپ بىر بىرىنى تىرىك يۇتقۇدەك،چامىسى يەتسە سىقىپ سۈيىنىمۇ چىقىرىۋەتكۈدەك يامان ئەلپازدا  ئېلىششتى.بۇ ئېلىششىلاردا بىردە رۇستەم ،بىردە سوھراب زور كېلىپ قالاتتى.لىكىن يەنىلا بىر بىرىنى يېڭەلمەيتتى.ئۇلار قىزىقچىلىقتا چۈشلۈك تاماقلىرىنىمۇ يىمەي  داۋاملىق ئېلىشماقتا ئىدى.كۈن چۈشتىن قايرىلىپ خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەن  مەزگىلدە ھەر ئىككىلىسى سۇنغان قوراللىرىنى ۋە چارچىغان ئاتلىرىنى تاشلاپ ئاللىقاچان مۇشتلىشش ۋە  چېلىشش جېڭىگە چۈشۈپ بولۇشقان ئىدى.بىر  چاغدا سوھراب رۇستەمگە مەست پىلدەك تاشلىنىپ كىلىپ چەبدەسلىك بىلەن  بەل قورۇىۋىدى.خېلى چارچاپ قالغان رۇستەم ئۇنىڭ زەربىسىگە بەرداشلىق بېرەلمەي قالدى.ئۇ رۇستەمنىڭ بەلبېغىدىن قاماللاپ تۇتۇۋېلىپ ئەركىن كۆتۈرىۋىدى- بۇ زەربىگە يەرمۇ بەرداشلىق بېرەلمىگەندەك تىترەپ كەتتى.رۇستەم كۈچلۈك كىرانغا دۇچ كەلگەن ئېغىر يۈكتەك يەردىن ئاستا كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.سوھراب دەھشەتلىك ئاۋازدا  قاتتىق نەرە تارتىپ رۇستەمنى بېشىدىنمۇ ئىگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئاتتى.رۇستەم بۇرۇن ئۆزى يىقىتقان باتۇرلارنىڭ ھالىغا قېلىپ دەرمانسىز ھالدا يەردە ياتاتتى.سوھراب ئۇنى پىلدەك ئېغىرلىق بىلەن بېسىپ مىدىر –سىدىر قىلدۇرمىدى.سوھراب پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ رۇستەمنىڭ بېشىنى كىسىپ جەڭنى ئاخىرلاشتۇرماقچى بولۇپ قولىنى خەنجىرى تەرەپكە ئۇزاتتى.
رۇستەمنىڭ كۆزىگە ئۆلۈم پەرىشتىسى كۆرۈنگەندەك بولدى.بېشىنىڭ كېسىلىپ ھاياتىنىڭ ئاخىرلىششى قاش بىلەن كىرپىكنىڭ ئارلىلىقىدىكى ئىش بولۇپ قالدى.ئۇ بۇنداقلا ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمىدى.چالنىڭ مادارى ئاز قالغان بىلەن ھىيلە مىكىرلىرى كۆپ ئىدى.ئۇ ئىش كۆرمىگەن ياش پالۋاننى ھىيلە پەنتى بىلەن ئالداپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلۇپ قالماقچى بولدى.شۇڭا تىل لەشكىرىنى ئىشقا سالدى:
   -سەن ياش نەۋقىران بولغان بىلەن، كۆزۈڭ كور ئىكەن.جاھان مەرتلىرىنىڭ مەرتلىك قائىدىسىنى بىلمەيدىكەنسەن.مەرت پالۋانلاردا شۇنداق بىر ئەنئەنىۋى ئۆرۈپ ئادەت باركى، يەككە ئېلىششىتا كىم تۇنجى نۆۋەت ياۋنى يەڭسە ،قارشى تەرەپ بىچارە بولۇپ ئۇنىڭغا بويسۇنۇپ يەردە ياتسا ،نامەرتلىك قىلىپ دەرھال ئۇنىڭ بېشىنى كەسمەيدۇ.ئۇنى قويۇۋېتىپ قايتا ئېلىشىدۇ.ئىككىنچى مەرتەممۇ يەنە يىقىتىپ بېشىنى قارا تۇپراققا پاتۇرالىسا، ئاندىن يىڭىلگۈچىنى  ئۆلتۈرەمدۇ،ياكى  ئەسىر ئالامدۇ، ئىختىيار يەڭگۇچىدە بولىدۇ.
سوھراب ھەقىقەتەن تەڭدىشى يوق شىرى مەرد ئىدى.ئۇ ئالەمدە ھىچبىر ئەر تەڭ كېلەلمىگۈدەك چەكسىز كۈچ قۇدرەتكە تولغان ئىدى.لىكىن بەكلا ياش بولغىنى،كۆپ ئىش كۆرمىگىنى ئۈچۈن ساددا ئىدى.باتۇر مەرتلەر ئارىسىدا بۇنداق بىر قائىدىنىڭ بارلىقىنى ئۇ بىلمەيتتى.شۇڭا ئۇ قېرى پالۋاننىڭ ھىيلە قىلتىقىغا چۈشۈپ، يالغان قائىدىنى راست دەپ بىلىپ قېلىپ، رۇستەمنى قويۇۋەتتى.ئۇ رۇستەم بىلەن قايتا چېلىشىپمۇ يۈرمىدى.رۇستەمنى قويۇۋېتىپلا تۇلپارىنى مىنىپ  ئارقىسىغىمۇ قارىماي دەشت تەرەپكە يۈرۈپ كەتتى.
بۇ يەردىن خېلى يىراق بىر جايدا ئاجايىپ چىرايلىق بىر يايلاق بار بولۇپ ئۇ يەردە ئاھۇ كىيىك ۋە قۇلانلار ئوتلىشىپ يۈرىشەتتى.سوھراببۇ يەرەە كېلىپ  ئۇلارنى كۆرگەندىن كېيىن  رۇستەم بىلەن جەڭ قىلغانلىرىنى، رەقىبىنى تاشلاپ بۇ يەرگە دەم ئالغىلى كەلگەنلىرىنى تامامەن ئۇنتۇدى. كامانىنى چىقىرىپ كىيىك ئوۋلاشقا، كىيىك گۆشىدىن كاۋاپ پىشۇرۇپ يەپ  ئاچقان قۇرسىقىنى غەملەشكە كىرىشىپ كەتتى.
كەچكە يېقىن بىر چاغدا جەڭ نەتىجىسىگە تەقەززا بولۇپ تۇرغان ھۇممان سوھرابنىڭ تېخىچە قايتىپ كەلمىگەنلىكى سەۋەبىدىن ئىچى پۇشۇپ سوھرابلار يەككە ئېلىشىدىغان مەيدانغا كەلدى.ئۇ يەردە ئۇلار ئېلىشقان ئىزلاردىن باشقا ھىچكىم يوق ئىدى.ھۇممان ھەيران بولۇپ سوھرابنى ئىزدەشكە كىرىشتى.ئاخىر ئۇنى ھېلىقى يايلاقتىن  ئوۋ ئوۋلاۋاتقان يېرىدىن تاپتى.بۇ غەلىتە ھالەت ئۇنى تېخىمۇ ھەيران قالدۇردى.
-ئەي پالۋانىم،جەڭ نەتىجىسى قانداق بولدى؟ ئەجەبا ھىچنىمىدىن غەمسىز بۇ يەردە  ئوۋ ئوۋلاپ يۈرۈپسىزغۇ؟
سوھراب جەڭ تەپسىلاتلىرىنى سۆزلەپ بەردى. كۆڭلى قارا ھۇمماننىڭ بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ نەقەدەر ئەپسۇسلىنىدىغانلىقى ئوقۇرمەنلىرىمىزگە ئايان .شۇڭا ئۇ ئاچچىقىنى ئىچىگە يوشۇرۇپ، سوھرابنى ئەيىپلەش ئارقىلىق سەگىتىشكە كىرىشتى:
  -ھەي دەرىخ ،ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس،ئەي نەۋقىران پالۋان ! جېنىڭدىن تويۇپسەندە؟! ساڭا جان كېرەك ئەمەسمىدى؟! ئىسىت، سەندە شۇنچىۋالا بوي بەست.شۇنچە كۈچلۈك قول- ئاياغ ،شىرنىڭكىدەك كەڭ كۆكرەك بولغان بىلەن ،ئازراق ئەقىل ھۇش بولغان بولسىچۇ؟! نەدىمۇ شۇنچە ئۇزاق ئېلىشىپ مىڭ تەستە يەرگە يىقىتقان كۈچلۈك رەقىبنى شۇ يەردىلا ئۆلتۈرمەي ئەركىگە قويۇۋېتىدىغان ئەخمەقلىق بار؟! بۇ دۈشمەننى سەل چاغلىغىنىڭ،ئۇنىڭ ئەسلىگە كېلىۋېلىشى،كۈچ مادار يىغىۋېلىشى ئۈچۈن قىممەتلىك پۇرسەت يارىتىپ بەرگىنىڭ ئەمەسمۇ؟ بۇ يولۋاسقا پۇرسەت بەرگەندەك بىھۇدە زىيانلىق ئىش  بوپتۇ.ئەمدى قانچە قىلساڭمۇ ئورنىغا كەلمەيدۇ.مەن سەن سەل قارىغان شۇ دۈشمىنىڭنىڭ دەم ئېلىپ قۇۋۋەت يىغىۋالغاندىن كېيىن، سېنى مەغلۇپ قىلىشىدىن ،سەن پۇرسەت بەرگەندەك ساڭا پۇرسەت بەرمەي، جېنىڭغا قەست قىلىشىدىن بەكمۇ ئەنسىرەۋاتىمەن. مەن دانا شاھىمىزنىڭ:‹‹ئاجىز ياۋنى سەل چاغلىغانلىق- ئەجەللىك زور خاتالىقتۇر›› دىگەن ھىكمەتلىك سۆزىنى ئاڭلىغانمەن.
ھۇممان شۇلارنى دەپ بولۇپ جىمىپ قالدى. كەلگۈسى خەتەرنى ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيغان ئىدى.ئەكسىچە سوھراب خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك خۇشخۇي كۈلۈپ قويۇپ ئۇنىڭغا تەسەللى بەردى :
  -بولدى ،بولدى، خۇشۋاق بول! دىلىڭدا بىھۇدە ئەنسىرەشكە ئورۇن قالدۇرما. ئەتىكى جەڭدە يەنە مەن بار ،ئۇ بار. ئارىدىن بىر كېچە ئۆتكەنگە ئۇ باشقا بىر ئادەمگە ئايلىنىپ قالالمايدۇ.مەن ئەتىكى جەڭدە ئۇنى يەنە مەغلۇپ قىلىپ تۇلپارىنىڭ چۇلۋۇرى بىلەن باغلاپ ئالدىڭغا ھەيدەپ كېلىمەن.ئۆلۈم جازاسىنى شۇ چاغدا بىللە بېرىمىز!
رۇستەم سوھرابنىڭ قولىدىن قۇتۇلغاندىن كېيىن، دۈشمىنىگە بولغان غەزەپ نەپرىتى تېخىمۇ قايناپ تېشىپ پولات تاغدەك ئېغىر گەۋدىسىنى يەردىن كۆتۈردى.ئۇ ئەسلىدە قاتتىق ئۇسساپ ھالىدىن كەتكەن ئىدى.قوپۇپلا  توپتوغرا ئېقىن سۇ ئېقىۋاتقان يەرگە باردى.قانغۇدەك سۇ ئىچىۋىدى.پۇت قوللىرىغا باشقىدىن جان كىردى.قارىسا سوھراب كۆرۈنمەيتتى.رۇستەمگە بۇ بىر پۇرسەت بولدى.ئۇ ئېقىن سۇ بويىدا ئولتۇرۇپ پاك- پاكىز  تاھارەت ئالدى(يۇيۇندى).ئاندىن پاكىز بىر يەردە ئولتۇرۇپ بېشىنى سەجدىگە قويۇپ تەڭرىدىن تىلەك تىلەشكە باشلىدى. ئۇ كۆزلىرىدىن راۋان ياش ئاققۇزۇپ تۇرۇپ دۈشمىنى ئۈستىدىن زەپەر قازىنىشنى تىلىدى.بۇ تىلەكنىڭ ئۆزىگە ئاي ۋە كۈننى مۇكاپات قىلىپ ئەكىلىپ  بەرمەيدىغانلىقىنى، بەلكى قاغىش بولۇپ ئۆز بەخت  قۇياشى، جاندىن ئەزىز يىگانىسى،دۇنيالىقتىكى مىڭ ئوغۇلغا تىگىشكۈسىز مەرت مەردانە ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىنى تىلەۋاتقانلىقىنى بىلمىدى. سوھراب تەڭرىنىڭ قۇدرەت ئىلتىپاتى بىلەن چەكسىز كۈچ قۇدرەتكە ئىگە بولۇپ يارالغان ئىدى.ئەگەر ئۇ تاشقا ئاياغ باسسا تاشتىمۇ ئىزى قالاتتى.سالماق ئايىغى تاشقا پاتقاندا مېڭىشتىنمۇ قىينىلىپ جېنىدىن توياتتى.كۈچ ئىشلىتىپ ئەزىم تاغنى يۆتكىمەك بولسىمۇ ئۇنىڭ ئۈچۈن  ئانچە مۈشكۈل ئىش ھېساپلانمايتتى.قەلبى ئاللاھقا يېقىن دۇاخان كىشى ئۆز دۇئاسىدا ئاللاھتىن  ھەرقانداق تىلەك تىلىسە تىلىكى ئىجابەت بولۇپ نائۈمىد قالمايتتى.ئوغلىنىڭ ھال ئەھۋالىدىن بىخۇد ھالدا خەۋەرسىز قالغان رۇستەم شۇ تاپتا باشقا پايدىلىق تىلەك تىلىمەستىن ئۆز ئوغلىنىڭ ھالاكىتىنى تىلەۋاتقانلىقىنى نەدىنمۇ بىلسۇن؟!دۇئانىڭ ئاساسى قىسمى ‹‹خۇدا سوھرابقا بەرگەن كۈچ قۇدرىتىنىڭ بىر قىسمىنى ياندۇرۇۋالسۇن.ئۇمۇ باشقا باتۇرلاردەك رۇستەمدىن ئاجىز يارالسۇن ›› دىگەندىن ئىبارەت ئىدى.ئۇ تىلىكىنى داۋاملاشتۇرماقتا:  ‹‹ئەي، قۇدرەتلىك خۇدا ! مەن ئاجىز بەندەڭگە ئۆزۈڭ پۇشتى پاناھ بولغايسەن.قېرىلىق ھالىمدىن ياشلىق ھالىمغا ياندۇرۇپ، خۇددى ياشلىق مەزگىلىمدىكىدەكلا چەكسىز كۈچ قۇدرەتكە ئىگە قىلغايسەن!››
رۇستەمنىڭ دۇئاسى تېزلا ئىجابەت بولدى.ياشلىقىغا قايتىپ قول پۇتلىرى قىرانلىق چاغلىرىدىكىدەك چەكسىز كۈچ قۇدرەتكە تولدى.سوھرابنىڭ كۈچ قۇدرىتىدىن بولسا بىر قىسمى قايتۇرۇۋېلىنىپ رۇستەمدىن ئاجىزراق ھالەتكە كېلىپ قالدى.رۇستەم مەمنۇن بولۇپ ئېرىق بويىدىن جەڭگاھقا قايتىپ كەلدى.
بىر چاغ بولغاندا سوھرابمۇ مەردانىلىك بىلەن ئات چاپتۇرۇپ  يايلاقتىكى ئوۋدىن قايتىپ كەلدى.
ئۇنىڭ بىر قولىدا كامان بىر قولىدا پولات گۈرزىسى بار بولۇپ  ھۇمماننىڭ سۆزلىرىدىن ھۇشىنى تېپىپ رۇستەم بىلەن قايتا ئېلىشماق قەستىدە  شىردەك نەرە تارتىپ كەلگەن ئىدى.ئۇنىڭ نەرىسىدىن زىمىن ۋە ئاسمان لەرزىدە ئىدى.
رۇستەم ئۇنى كۆرۈپ تىكىلىپ قاراپ قالدى.ئۇنىڭ بوي بەستىنىڭ چىراي شەكلىنىڭ ىۇددى بىر قېلىپتا قۇيغاندەك ئۆزىگە  تامامەن ئوخشايدىغانلىقىنى ئەمدى ئېسىگە ئالغاندەك ئەجەپلىنىپ چوڭقۇر خىياللار قاينىمىغا غەرىق بولدى.
سوھراب بولسا رۇستەمنى كۆرۈپلا كۈلۈپ كەتتى.كۈلدىيۇ قاتتىق  ئەجەپلەندى.رۇستەمنىڭ قامىتى،سۆلىتى،چىرايى،قول ئاياغلىرىنىڭ ھالىتى...ئىشقىلىپ نۇرغۇن تەرەپلىرى  نەچچە سائەتنىڭ ئالدىدىكىدىن خېلى كۆپ ئۆزگەرگەن بولۇپ بۇرۇنقى قېرىلىق ھالىدىن ئەسەرمۇ قالمىغان ئىدى.شۇنداقتىمۇ ياشلىق كۈچىگە،تەڭداشسىز جاسارىتىگە ئىشىنىپ يەنىلا رۇستەمگە تەھدىت سالىدىغان سۆزلەرنى قىلدى:
  -سەن بايا مەندىن يېڭىلگەن،يىڭىلگەنگە تەن بېرىپ باش ئەگكەن ئەمەسمىدىڭ؟! يەنە قايسى جۈرئىتىڭ بىلەن مەن بىلەن ئېلىششىقا كەلدىڭ؟ بايا سەن  ھىلە ئىشلىتىپ شىر ئالقىنىمدىن ئاسانلا قېچىپ قۇتۇلغان ئىدىڭ.مانا ئەمدىلىكتە بولسا ئۆز ئايىقىڭ بىلەن ئۆلۈمىڭنى تىلەپ كەپسەن.قېنى ئېيتقىنا خىيالىڭ نىمە؟ شۇنچە گەپ قىلساممۇ سۆز قايتۇرمايسەنغۇ؟


سوھرابنىڭ رۇستەم قولىدا ھالاك بولغانلىقى
رۇستەم بىلەن سوھراب مەسلىھەتلىشىۋالغاندىن كېيىن يەنە ئېلىشماقچى، يىڭىش- يىڭىلىشنمى ئايرىماقچى بولۇپ  ئاتلىرىنى مەھكەم باغلاپ قويۇشتى.ھەرئىككىلىسى قۇرال كۆتۈرمەي قۇرۇق قول كېلىشىپ   قايتىدىن بەل تۇتۇشقاندىن كېيىن  ئېلىششىقا چۈشۈپ كېتىشتى.
كىمنىڭ  تەقدىرىگە شۇملۇق يۈزلەنسە كاساپىتىدىن قورامتاشمۇ مومدەك يۇمشاپ كېتىدۇ.مانا ئەمدىلىكتە سوھرابنىڭ تەقدىرىگە شۇملۇق يۈزلىنىپ  بۇرۇنقى رۇستەمدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان تەڭداشسىز كۈچ- قۇۋۋىتى قالمىغان ئىدى. رۇستەمنى قايتىدىن يىقىتىپ غەلىبىنى تېزراق قولغا كەلتۈرۈشكە ئالدىراپ ھەرقانچە كۈچىسىمۇ  ئەمدىلىكتە رۇستەمگە  كۈچى يەتمەي ھەيرانلىققا پاتتى.بىراز ئېلىشقاندىن كېيىن رۇستەم قولىنى سوھرابنىڭ گەدىنى تەرەپكە ئۇزاتتى.ئەمدىلىكتە ئۇنىڭ كۈچ- قۇۋۋىتى سوھرابتىن كۆپ ئېشىپ كەتكەن بولغاچقا بەلدىن ئېلىپ يۈرمىسىمۇ ئاسانلا بىر تەرەپ قىلالايتتى.رۇستەم ئوڭ قولى بىلەن  سوھرابنىڭ گەدىنىدىن قاماللاپ كۆتۈرۈپمۇ يۈرمەستىن كۈچەپ يەر تەرەپكە بېسىۋىدى .سوھرابنىڭ ئىگىلمەس شەمشادتەك قەددى پەسكە ئىگىلىشكە باشلىدى.سوھراب ھەرقانچە تىرماشسىمۇ ئىگىلگەن قەددىنى تۈزلىيەلمىدى.رۇستەم پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ يەنە بىر قولىنى سوھرابنىڭ بېشىدىن ئارتىلدۇرۇپ كەينى بەلبېغىدىن (دۈمبىسى تەرەپتىن ) تۇتۇپ تارتىپ كۆتۈرىۋىدى، سوھراب ئاسمان تاپىلاق بولۇپ كۆتۈرۈلۈپ كەتتى.رۇستەم  شىر كەبى قاتتىق نەرە تارتىپ ئۇنى بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ يەرگە  ئۇردى.سوھرابنى يەرگە ئۇرۇپ بولۇپلا بىردەم ساقلاپ  تۇرمىدى.ئۇ بىلەتتىكى سوھراب بوش رەقىپ ئەمەس ئىدى.يەرگە يىقىلغان بىلەن سەكرەپ قوپۇپ كېتەتتى.يەردە ئۇزاق ياتمايتتى.شۇڭا پۇرسەتنى قولدىىن بەرمەي  تېز تۇتۇش قىلدى.رەھىمسىز ئاتا ئوغلىنىڭ قېنىغا خۇمار بولۇپ تېزراق قان ئىچمەكچى بولغاندەك ، چەبدەسلىك بىلەن خەنجىرىنى چىقىرىپ سوھرابنىڭ كۆكسىگە  زەرىب بىلەن ئۇردى.بۇنداق بولۇشىنى كۈتمىگەن سوھراب  ئاچچىق بىر تولغۇنۇپ قاتتىق ئاھ تارتتى. كېيىن نۇرسىز كۆزلىرىنى رۇستەمگە تىكىپ ئاستا  پىچىرلىدى:
  -بۇ يامانلىقنى سەندىن كۆرمەيمەن. ئۆزۈمدىن ئۆتتى.چۈنكى پالاكەت ئاچقۇچىنى ئۆزۈم قولۇڭغا بەردىم.سەندە ھىچ گۇناھ يوق.بۇ تەتۈر پەلەك مېنىڭ  ئۆلۈمىمگە سېنى  سەۋەپچى قىپتۇ.مەن پەقەت بالدۇر چوڭ بولۇپ قالغىنىمغا  پۇشايمان قىلىمەن.  چۈنكى، مېنىڭ تەڭتۈشلىرىم  تېخى  بالىلىق ئويۇنلىرىنى ئويناپ يۈرگەن چېغىدا، مىنىڭ نەۋقىران بېشىم  ۋاقىتسىز قارا يەرگە كۆمۈلىدىغان بولدى.مەن ئەسلى بۇنداق ئالدىرىماسلىقىم كېرەك ئىدى.ئانام ئاتامنىڭ ئۇلۇغ نامىنى ۋە بەلگە نىشانلىرىنى ئېيتىپ بېرىپ ئاتا مۇھەببىتىنى قەلبىمگە سالدى.ئاتامنى بەكمۇ كۆرگۈم كەلدى.شۇڭا ئاتامنىڭ دىدارىنى كۆرۈشكە ئالدىراپ بالىلىقىمغا باقماي بۇ يۈرۈشكە چىقىپ ساپتىمەن.ئەپسۇس باشقىسىغا ئۆكۈنمەيمەن .كۆرۈشنى ئارمان  قىلغان ئاتامنىڭ دىدارىنى كۆرەلمەي ،ئون گۈلۈمنىڭ بىرىمۇ تېخى ئېچىلماي، باھاردا تېخى يېڭىلا ئېچىلىپ بىمەزگىل ئۈششۈك سوققان بەختسىز گۈلدەك ئۆلۈپ كېتىۋاتقىنىمغا ئېچىنىمەن.سىنىڭ كىملىكىڭنى بىلمەيمەن.سەن ماڭا ئۆزۈڭنىڭ كىملىكىڭنىمۇ ئېيتىپ بېرەلمىدىڭ.سەن ماڭا قارا تۈندەك نائېنىق ئادەم.كىملىكىڭنى ئاتامدىنمۇ يوشۇرالامسەن؟! سەن مېنى ئۆلتۈرەلىگىنىڭ ئۈچۈن خۇشال بولۇپ كەتمە. بۇندىىن كېيىن سەن بېلىق بولۇپ سۇغا  كىرىپ كەتسەڭمۇ،يۇلتۇز بولۇپ ئاسمانغا چىقىپ كەتسەڭمۇ ،ئاتامنىڭ قولىدىن ھەرگىز  قېچىپ قۇتۇلالمايسەن.ئاتام سېنىڭ مېنى ئۆلتۈرگىنىڭنى بىلسە، تۇغۇمنى كۆتۈرۈپ سەندىن خۇنۇمنى تەلەپ قىلىپ كېلىدۇ.شۇڭا سەنمۇ ئۆلۈمىڭگە تەييار بولۇپ تۇر...
-ئەي يىگىت، يېڭىلگىنىڭگە تەن بەر .نىمانچە ۋەھىمىلىك سۆزلەرنى قىلىسەن!؟ دۇنيادا مېنى بېسىپ چۈشكىدەك باتۇرنىڭ تېخى يوقلىقىنى بىلمەمسەن!؟ قېنى ئېيتقىنا ! سېنىڭ ئاتاڭ كىم؟ مىنىمۇ يىڭىپ سېنىڭ قىساسىڭنى ئالالىغۇدەك قايسى ئاتاقلىق باتۇر ئۇ؟
ئىسىت ساڭا ! سەن تېخى ئۆزۈڭنى ئاتامدىنمۇ قۇدرەتلىك دەپ ئويلىغانمىدىڭ؟ بىلىپ قوي، مەن رۇستەمنىڭ ئوغلى!
-رۇستەمنىڭ !؟ قايسى رۇستەمنىڭ!؟ تۇراندىمۇ رۇستەم ئىسىملىك پالۋان بارما ؟
-سەن نىمە دىگەن دۆت ! نەدىمۇ رۇستەمدىن ئىككىسى بولسۇن! مەن ئالەمگە مەشھۇر ئىران پالۋانى،زابۇلىستانلىق ئۇلۇغ باتۇر سامنىڭ نەۋرىسى- زال ئوغلى رۇستەمنىڭ بالىسى!
بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ رۇستەمنىڭ بېشىدا  تۇيۇقسىز گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەپ غايەت زور چاقماق چاققاندەك بولۇپ كۆز ئالدى قاراڭغۇلاشتى.قول پۇتلىرىدا جان قالمىدى.ئاھزىدىن كۈچلۈك ئوت ئېتىلىپ چىققاندەك قاتتىق بىر ئاھ تارتىپ ،خۇددى كۈچلۈك چاقماققا يولۇقۇپ تۈۋىدىن سۇنغان سەرۋى دەرىخىدەك  ‹‹گۈلدۈر››قىلىپ يىقىلىپ چۈشتى. ئۇ ھۇشىدىن كەتكەن ئىدى.
خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن رۇستەم ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچتى.مادارىدىن قاچقان كىشىدەك قوللىرىغا تايىنىپ ئولتۇردى.ۋە بايا ئاڭلىغانلىرىغا ئىشەنگۈسى كەلمىگەندەك نالە قىلىپ تۇرۇپ قايتا سۇئال سورىدى:
-ئەي ئوغۇل،سەن بايا ئېيتقان زابۇلىستانلىق سامنىڭ نەۋرىسى،  شورى قۇرغۇر زال ئوغلى  رۇستەم مەن بولىمەن! قېنى ئېيتقىنا سەندە بىرەر بەلگە نىشان بارمۇ؟
-بار،مەن ئۇرۇشقا مېڭىش ئالدىدا ئانام يۈرەك باغرى قان ھالەتتە كېلىپ بىلىكىمگە بىر گۆھەرنى باغلاپ قويغان ئىدى،ھەمدە:‹‹ئوغلۇم،مانا بۇ ئاتاڭنىڭ ساڭا ئەۋەتكەن بەلگە نىشانى.ئاتاڭ بىلەن تونۇشىدىغان چاغدا كېرەك بولىدۇ.ئوبدان ئاسرىغىن›› دىگەن ئىدى.ئۇنى كۆرمەكچى بولساڭ ساۋۇتۇمنى يەشسەڭ،كاللەك يىپ ئۇچىنى بويلاپ ئىزدىسەڭ ئىزدەپ تاپالايسەن.
-ئاھ خۇدا!ئوغلۇمنىڭ جېنىنى ئالماي مېنىڭ جېنىمنى ئال! ماڭا قىلچە رەھىم قىلماي ئەڭ ئازاپلىق دەۋزەخكە سال! مەن ئوغلۇمدىن ئايرىلىپ قانداق ياشايمەن.يۈرەك باغرىمنى ئۆرتەۋاتقان ھەسرەت پۇشايمان ئوتلىرىغا  قانداق چىدايمەن؟! بۇ نىمەدىگەن قاتتىق ئازاپ ! مېنى يەر يۇتسۇن! ساڭا خەنجەر ئۇرغان بۇ قوللۇرۇم كۆيۈپ كۈل بولسۇن! ...
رۇستەم كۆزلىرىدىن يامغۇر كەبى ياش تۆكۈپ، قاتتىق ئاۋازدا نالە قىلىپ،‹‹ۋاي داد›› سېلىپ  يىغلايتتى ئۆزىنى ئۆزى كاچاتلايتتى،چاچ -ساقاللىرىنى يۇلاتتى،ياقىلىرىنى يىرتىپ پارە- پارە قىلاتتى. ئاتىسىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ بىچارە سوھراب چىدپ تۇرالماي ھۇشىدىن كەتتى.خېلىدىن كېيىن ھۇشىغا كېلىپ بېشىدا سەكپارە بولۇپ يۈرگەن  رۇستەمگە قاراپ شۇنداق دىدى:
  -بولدى قىل! قاخشىما،بۇنچە نالە پىغان چەكمە! مەن ئۆلسەم ئۆز ئەجىلىم بىلەن ئەمەس بەلكى  سېنىڭ بەتخۇلقۇڭ تۈپەيلى ئۆلدۈم. ئانام بىچارە  مۇشۇنداق بىر پاجىئەنىڭ يۈز بېرىپ قېلىشىدىن ئەنسىرەپ تاغام جەندەرەزىمنى ماڭا قوشقان ۋە ئىككىمىز دۇچ كېلىشىپ قالغان ياكى  ئۇقۇشماي ئۇرۇش قىلماقچى بولغان چاغدا بىزنى ئۆز-ئارا تونۇشتۇرۇپ ئاتا –بالا ئوتتۇرىسىدا قانلىق پاجىئە يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا بۇيرۇغان ئىدى.ئەپسۇسكى سەن دەسلەپكى كۈنىلا تاغامنى ئۆلتۈرۈپ ئارىمىزدىكى تونۇشتۇرغۇچى نىجاتچىمىزنى يوق قىلدىڭ.بىز جەڭگە كىرىپ بىر بىرىمىز بىلەن ئېلىشماقچى بولغان  چاغدىمۇ ئانامنىڭ ئېيتىپ بەرگەن بەلگىلىرى بويىچە سېنى ئۆز ئاتامغا ئوخشۇتۇپ ئۇقۇشماسلىق يۈزبېرىپ قالماسلىقى ئۈچۈن نامىڭنى سورىسام سەن نامىڭنى مەندىن يوشۇرۇپ دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدىڭ.بۈگۈن ئەتىگەندىمۇ سېنى يۈرىكىم تۇيغاندەك بولۇپ سەن بىلەن پەقەت ئېلىشقۇم كەلمىدى.شۇڭا ئېلىشماسلىق،بىرگە ئولتۇرۇپ بەزمە قىلغاچ تونۇشۇش تەكلىپىنى بەرسەم كەسكىن رەت قىلدىڭ.نام شەرىپىڭنى ئىككىنچى قېتىم سورىسام يەنە دەپ بەرگىلى ئۇنىمىدىڭ.چېلىشىپ سېنى يىقىتقان ۋاقتىمدا رەھىم قىلماي ئۆلتۈرۈۋېتەلەيتتىم.لىكىن سېنى‹‹ ئاتام شۇبولۇپ قالمىسۇن›› دىگەن گۇماندىن تېخى قۇتۇلالمىغان بولغاچقا سېنى ئۆلتۈرۈشكە قولۇم بارماي دىگەن گەپلىرىڭنى باھانە قىلىپ قويۇۋەتكەن ئىدىم.ئەپسۇس ،مىڭ ئەپسۇس! سېنى مىنىڭ يۈرىكىم تۇيغان بىلەن سېنىڭ يۈرىكىڭ قىلچە تۇيماپتۇ.مەن سېنى ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىمىغان بىلەن سەن مېنى ئۆلتۈرۈشكە بەكمۇ ئالدىراپ كەتتىڭ.مانا قارا ئاخىر  تىلىكىڭ ئەمەلگە ئاشتى. سوھراب قاتتىق ئاھ تارتىپ يەنە ھۇشىدىن كەتتى.رۇستەم ئۇنىڭ ساۋۇت دوبۇلغىلىرىنى سالدۇرۇپ  ئۇنىڭ بىلىكىدىكى ئۆزى تەھمىنەگە ئەۋەتەپ بەرگەن  قىممەتلىك گۆھەرنى كۆرۈپ تونىدى.ئەمدى سوھرابنىڭ ئۆزئوغلى ئىكەنلىكىگە قىلچىمۇ گۇمانى قالمىغان ئىدى.
رۇستەم قايتىدىن يىغا باشلاپ بايىقىدىنمۇ بەكرەك دات- پەرياد سېلىپ كۆزلىرىدىىن ياش ئورنىغا قانلار ئاققۇزدى .باشلىرىغا توپا چاچتى.ئېغىر يارىلانغان شىردەك يۈرىكىنى قاماللاپ يەردە يۇمىلىدى.كونىلارنىڭ ‹‹بەدەن يارىسىدىن يۈرەك يارىسى يامان›› دىگەن ھىكمىتى بىكار ئېيتىلمىغان- دە؟! بولمىسا رۇستەم ئۇرۇشتا ئېغىر يارىلىنىپ پۇت قوللىرى كېسىپ تاشلانسىمۇ ئاغرىق ئازابىغا چىداپ بۇنچە ئازاپلىنىپ يىغلاپ يۈرمەس ئىدى.ئۇ  قەلبىدىكى چىدىغۇسىز ئازا]پلىرىنى نالىلىك سۆزلىرى ئارقىلىقمۇ ئىپادىلەيتتى:
  -ئاھ ئوغلۇم! جانۇ جاھانىم! مەن كۆڭلى قارىنىڭ يامان پەيلىدىن ئۆلدىڭمۇ باتۇر پالۋانىم!...
سوھراب قايتا ھۇشىغا كەلدى.قارىغۇدەك بولسا باغرى قان ئاتىسى تېخىمۇ قاتتىق نالە-زار قىلىپ ئازاپلىرى ئىچىگە   پاتمىغان ھالدا دات- پەرياد كۆتۈرۈپ يىغلىماقتا ئىدى. بۇھالغا ئۇ يەنە چىدىيالماي ئاتىسىغا تەسەللى ئېيتتى:
  -ئەي جان ئاتا،بۇنچىلىك نالە زار قىلىپ يىغلىمىغىن! سەن بۇنداق ئازاپلانساڭ پەريادىڭدىن دىلىم ئۆرتۈنۈپ چىدىيالماي  كېتىدىكەنمەن.شۇڭا سەۋرى قىلغىن.سەن ھەرقانچە قاتتىق نالە قىلساڭمۇ مەن ئەمدى ئەسلىمگە كەلمەيمەن.مېنىڭ ئۆلۈمۈم تۈپەيلى سېنىڭمۇ ئۆزۈڭنى ئۆلتۈرۈشۈڭ نە ھاجەت!  دانىشمەنلەر:‹‹ھەممە ئىش تەقدىردىن بولىدۇ ››دىيىشىدىكەن.مېنىڭ سېنىڭ قولۇڭدا ئۆلۈشۈممۇ پىشانەمگە پۈتۈلگەن تەقدىر ئوخشايدۇ.مەن سەندىن رازى،سەن مېنىڭ ئۆز  ئوغلۇڭ ئىكەنلىكىمنى بىلمەي تۇرۇپ خەنجەر ئۇردۇڭ.مەنمۇ ھەم سېنىڭ ئۆز ئاتام ئىكەنلىكىڭنى بىلمىەگەچكە سەن بىلەن جان تىكىپ ئېلىشتىم .بۇ پۈتۈنلەي تەقدىر ئورۇنلاشتۇرغان زور  ئۇقۇشماسلىق تۈپەيلىدىن بولدى.بولمىسا بىز بىر بىرىمىزنى تونىغىنىمىزدا بىر بىرىمىزنى‹‹ تاك›› ئېتىپ چېكەرمىدۇق.ئالىيپمۇ قارىشارمىدۇق.ھەرگىز ئۇنداق بولمايتتى.شۇڭا ئارتۇقچە ئازاپلانما،زىيادە قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ئالدۇرۇپ قويما! بالا قازا مىنىڭ بىلەنلا كەتسۇن.سەن مىنىڭ تۈپەيلىم داۋاملىق ئازاپلانساڭ،قان ياش تۆكۈپ يىغلىساڭ،مەن پەقەت چىدىمايمەن.ئۆلسەممۇ كۆزۈم يۇمۇلمايدۇ.پەرزەنتنىڭ بۇرچى ئاتا –ئانىسىنى خۇشال قىلىش ئىدى.مەن ھاياتلىقىمدا سىلەرنى خۇشال قىلىش ئارزۇيۇمغا يېتەلمىدىم.مەن ئۆلگەندىن كېيىنمۇ سىلەر داۋاملىق مەن ئۈچۈن ئازاپلىنىپ ياش تۆكۈپ يۈرسەڭلار  مەن ئۇ دۇنيادىمۇ خاتىرجەم بولالمايمەن.تىرىكىمنىڭغۇ ھالى مۇشۇ روھىمنى بولسىمۇ ئەمىن تاپتۇراي دېسەڭلار مەن ئۆلگەندىن كېيىن ھەرگىز يىغلىماڭلار.بۇ ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار.بەزىلەر بۇرۇن ئۆلىمىز ،يەنە بەزىلەر كېيىنرەك ئۆلىدۇ.لىكىن ئاخىر بېرىپ ھەممىمىز مەڭگۈلۈك دۇنيادا قايتا جەم بولىمىز .ئەي ئاتا مەن ئوغلىڭىز تۇرۇپ خىزمىتىڭىزنى قىلىش ئورنىغا سىز بىلەن ئۇقۇشماي دۈشمەنلىشىپ قاتتىق جەڭ قىلىپ  جېنىڭىزغا قەست قىلغىلى تاس قالدىم.مېنى كەچۈرۈشىڭىزنى ئۈمىد قىلىمەن.بۇ دۇنيادا يەتكۈزەلمىگەن پەرزەنىتلىك بۇرچۇمنى جەننەتتە جەم بولغان چېغىمىزدا يەتكۈزىۋالارمەن.
خەير ئامان بولۇڭ.
كۈن ئولتۇرۇپ قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان بولسىمۇ رۇستەم ئېلىشش مەيدانىدىن قايتىپ كەلمىدى.شاھ كاۋۇس نىمە بولغانلىقىنى بىلەلمەي خەۋەر ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن يىگىرمە نەپەر ئايغاقچىنى رۇستەملەر ئېلىشىۋاتقان يەرگە ئەۋەتتى.ئۇلار كېلىپ قارىسا ئىككى ئات تۇراتتى.لىكىن رۇستەم ھىچيەردە كۆرۈنمەيتتى.
ئۇلار:‹‹ رۇستەم سوھراب بىلەن بولغان جەڭدە ئۆلۈپ كەتكەن ئوخشايدۇ ›› دەپ ئويلاپ يىغا -زارە قىلىشىپ كەتتى.ۋە قايتىپ بېرىپ بۇ خەۋەرنى كاۋۇسقا يەتكۈزۈشتى.بۇ شۇم خەۋەردىن ئىران لەشكەرلىرى ۋە سىپاھلىرى قاتتىق بىئارام بولۇشۇپ ھەممىسى دىگۈدەك قاتتىق يىغلىشىپ كەتتى.يۈزمىڭلىغان لەشكەرلەرنىڭ يىغا ساداسىدىن يەر زىمىن لەرزىگە كەلدى.
شاھ كاۋۇس لەشكەرلەرگە شۇنداق بۇيرۇق چۈشۈردى:
-        ناغرىلار چېلىنسۇن ! بارلىق لەشكەرلەر يىغىلىپ سەپكە تىزىلسۇن!تۇسمۇ يىتىپ كېلىپ قوشۇننىڭ ئالدىغا تىزىلسۇن.ۋە چوڭ جەڭگە تەييار  بولسۇن.ئالدى بىلەن دۈشمەن ئەھۋالىنى ،سوھرابنىڭ نىمە  ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى ئۇقۇپ كېلىش ئۈچۈن جەڭ مەيدانىغا ۋە تۇرانلارنىڭ ئوڭ سول تەرەپلىرىگە مەككار ۋە چاققان ئايغاقچىلاردىن ئەۋەتىلىپ خەۋەر ئۇقۇشۇلسۇن.دۈشمەننىڭ قايغۇلۇق ھالىمىزدىن خەۋەردار بولۇپ جاسارىتى ئۆسۈپ كەتمەسلىكى ئۈچۈن يىغا- زارە توختۇتۇتلسۇن.بىز رۇستەمدەك پالۋاندىن ئايرىلساق ھالىمىز تولىمۇ يامان بولىدۇ.ئەمدى سوھراب بىلەن ئېلىششقا قوشۇنىمىزدىن كىممۇ چىقار؟بۇ ئەجدىھاغا قارشى تۇرمىغان،ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىدىغان جەڭگاھقا يېقىن يولىمىغان ياخشى.
سوھرابنىڭ قۇلۇقىغا ئىران لەشكەرلىرىنىڭ يىغا زارە قىلىشقان چېغىدىكى شاۋ-شۇۋ ئاۋازلار ئاڭلىنىۋىدى ئۇ رۇستەمگە دىدى:
   -ئەي ئاتا،ئەمدى مېنىڭ ھاياتىم ئاخىرلاشتى.مىنىڭ ئۆلۈمۈم تۈپەيلى تۇرانلىقلارنىڭ ئىشى تەتۈرىگە يېنىپ كېتىدۇ.سەندىن شۇنى ئۆتىنىمەنكى مىنىڭ ئۆلۈمىمدىن كېيىن شاھ كاۋۇس تۇرانلىقلار ئۈستىگە لەشكەر تارتمىسۇن.  بۇ ئۇرۇشقا ئۇلار ئۆزلىرى  خالاپ چىققان ئەمەس. مەن پۈتكۈل ئالەمنى بويسۇندۇرۇپ سېنى شاھىنشاھ قىلىش،كاۋۇسنى ئۆلتۈرۈپ سېنى ۋاقتىنچە ئورنىغا چىقىرىش مەقسىدىدە ئۆزۈم بۇ ئۇرۇشنى خالاپ  ئۇلارنى كەينىمگە سېلىپ كەلگەن،ئۇلارغا نۇرغۇن شانلىق زەپەر ۋەدىلىرىنى بەرگەن ئىدىم.ئەگەر مېنىڭ ئۆلۈمىمدىن كېيىن ئۇلارمۇ قىرغىن قىلىنىپ كەتسە،ئۆلۈمى ئالدىدا  مەندىن ئاغرىنىپ ھەققىمدە لەنەتلەر ئوقۇسا مەن سېنىڭدىن ئىككى دۇنيا رازى بولالمايمەن.شۇڭا ئۇلار بىلەن ئۇرۇش قىلماي تىنچ ھالدا تۇرانغا  قايتىشىغا كاپالەتلىك قىلغىن. مەن بۇنداق بولۇشىنى،جەڭدە رەقىپكە ئەمەس ئۆز ئاتام رۇستەمگە دۇچ كېلىشىمنى ،ئۆز ئاتام قولىدا ئۆلتۈرۈلۈشۈمنى ئويلاپمۇ باقمىغا ئىكەنمەن.خەيرىيەت ئۆتكەن ئىش ئۆتتى.قەلئەدە ئىرانلىقلاردىن ئەسىر ئالغان بىر باتۇر بار.مەن ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغىمندا ھايات قېلىشنى تىلەپ يىغلىغاچقا ئۇنى ئۆلتۈرمەي ھايات قويغان ئىدىم.ئۇرۇشقا كىرىشتىن بۇرۇن  ئۇنىڭدىن سەن ھەققىدە كۆپ قېتىم سورىغان ئىدىم .مەقسىدىم ئۇ ئارقىلىق سېنى تونۇپ دىدارىڭنى كۆرۈۋېلىش ،شۇنداقلا مۇشۇنداق ئۇقۇشماي ئاتا-بالا قان تۆكۈشۈپ قېلىشنىڭ  قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئىدى.لىكىن ئۇ مەلئۇن سېنى ‹‹كەلمىدى›› دەپ يالغان ئېيتىپ مېنى ئازغاشتۇرۇپتۇ.بولمىسا مەن ئۆز ئاتام بىلەن جەڭ قىلىدىغان گۇناھلىق ئىشنى ھەرگىز قىلماس ئىدىم.ئەشۇنداق يالغانچى كاززاپ ئادەملەر ئۆلۈپ يەر-يۈزىدىن نامى ئۆچسە دەيمەن.قەلئەگە بارغان چېغىڭدا ئۇ بەختى قارىنىڭ كىملىكى ساڭا مەلۇم بولىدۇ.يالغانچىلىقى تۈپەيلى كىلىپ چىققان  بۇ ئېغىر پاجىئە ئۈچۈن ئۇنىڭغا مىڭ ئۆلۈممۇ ئازلىق قىلىدۇ.لىكىن ئۇنى ئۆلتۈرمىگىن.يالغانچىلارنىڭ جازاسىنى ئاللاھ ئۆزى بەرسۇن.گۇناھ مەن ئۆزۈمدىمۇ بار.ئانام سەن توغرىلىق ئېيتىپ بەرگەن بەلگە نىشان  ئېسىمدە چىڭ تۇرغان تۇرۇپ كۆز ئالدىمدىكى ئەينەن قىياپەتكە ئىشەنمەي خەقنىڭ يالغان  سۆزلىرىگە ئىشىنىپ بۇ پالاكەتلەرگە يولۇقتۇم.ھەيئىسىت،مەن بۇ دۇنياغا چاقماقتەك كېلىپ شامالدەك تېز كېتىدىغان بولدۇم.
سوھرابنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ رۇستەمنىڭ ئەلەمدىن نەپەسلىرى بوغۇلدى.كۆزلىرىدىن ياشلار ئەگىدى.ئۇ ئورنىدىن تۇرۇپ تۇلپارىنى مىنىپ ئىانلىقلار قارارگاھىغا قاراپ ماڭدى.مەقسىدى-ئۆزىنىڭ ئەھۋالىدىن قوشۇندىكىلەرنى خەۋەرلەندۈرگەچ سوھرابنىڭ تىلىكىنى ئەمەلگە ئاشۇرماقچى ئىدى.بۇنىڭ ئۈچۈن كاۋۇس ۋە ھۇممانلارغا خىزمەت ئىشلەپ تىنىچ  ئۇرۇش توختىتىشقا كۆندۈرمەي بولمايتتى.
رۇستەمدىن قايغۇرۇشۇپ تۇرغان ئىران  لەشكەرلىرىنىڭ يېنىغا رۇستەمنىڭ ئۆزى تۇلپارىنى مىنىپ،داد پەرياد سېلىپ زار-زار يىغلاپ يىتىپ كەلدى. رۇستەمدىن ئايرىلىپ پۈتۈن ئۈمىدى يوققا چىقىپ ئۆلۈم تەھلىكىسىدە قېلىپ تىرىك قايتىشتىن ئۈمىدىنى ئۈزۈشۈپ تۇرغان ئىرانلىقلار ئۇنى كۆرۈپ خۇددى قۇتقازغۇچى نىجاتكارنى كۆرگەندەك خۇشال بولۇشۇپ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇنىڭ ئالدىغا يۈگرىشىپ كېلىشىپ سەجدە-تازىم  قىلىشىپ كېتىشتى.
لىكىن ئۇلار رۇستەمنىڭ تۇرقىنى كۆرۈپ ھەيران قېلىشتى.ئۇنىڭ باش كۆزلىرى توپا،كىيىملىرى پارە-پارە،چىرايى ناھايىتى قايغۇلۇق ،كۆزلىرىدىن تاراملاپ ياش ئېقىۋاتقان ھالەتتە ئىدى.
تۇس ھەيرانلىق ئىچىدە  ئۇنىڭدىىن سورىدى:
  -ئەي باھادىرلار  شاھى،ساڭا نىمە بولدى؟ كىم سېنى بۇ ھالغا چۈشۈرۈپ قويدى؟
رۇستەم ئۇلارغا سوھراب بىىللەن بولغان جەڭ ئەھۋالىنى سۆزلەپ بېرىپ ھەممىنى قاتتىق ھەيرانلىققا سالدى.ئۇ  سۆزىنى تۈگىىتىپلا يەنە قاتتىق‹‹ ئاھ›› تارتىپ ھۇشىدىن كېتىپ يىقىلدى.سەركەردىلەر دەرھال ئۇنى يۆلىۋېلىشتى.يۈزىگە گۇلاب سېپىپ ھۇشىغا كەلتۈرۈشتى.گېۋ بىر ئاپقۇر مىۋە شىېرنىسى تېپىپ كېلىپ رۇستەمگە ئىچكۈزدى.رۇستەم يېنىدا تۇرغان غەمخانىلىرىغا دىلىدىكى دەرتلىرىنى تۆكۈپ ۋە تۇرانلىقلار بىلەن ئۇرۇش قىلماسلىقنى تەكىتلەپ  مۇنداق دىدى:
  -بۈگۈن مىنىڭ  دىلىم پارە-پارە بولدى.چوڭقۇر ئازاپ تۈپەيلى يۈرىكىم ئېزىلدى.ئەمدى تۇرانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىشنى ھىچقايسىڭلار تىلغا ئالماڭلار.ئۇلار بىلەن بولغان جەڭ ئۈچۈن مېنىڭ قىلغان ياۋۇزلۇقۇم يېتەرلىك بولدى.ئەمدى كىم ئۇلار بىلەن جەڭ قىلىشنىئارزۇ قىلىدىكەن مىنىڭدىن يامانلىمىسۇن! ...
زەۋارە رۇستەمنىڭ ۋەيرانە ھالىنى كۆرۈپ ئۇنىڭغا  ئىچ ئاغرىتىپ يېقىن كەلدى.رۇستەم ئۇنىڭغا سوھراب بىلەن بولغان ئىشلار ۋە ئارلىقتا دىيىلگەن سۆزلەرنى سۆزلەپ بەردى.ئاخىرىدا مۇنداق دىدى:
   -مەن بۈگۈنكى ئىشىمدىن ناھايىتى قاتتىق پۇشايماندا قالدىم.قىلغان ئىشىمنىڭ ‹‹مۇكاپاتى›› ئېغىر كېلىپ باغرىم خۇن بولدى.قېرىغان چېغىمدا ئوغلۇمنى ئۆلتۈرۈپ ئۆز  يىلتىزىمنى ئۆزۈم  قۇرۇتتۇم.ئۆز ئوغلۇمنى ئۆز قولۇم بىلەن تىغ سېلىپ جان تەسلىم قىلدۇرغىنىمنى ئاڭلىسا، ھەتتا ئاسمانمۇ قىيامەت كۈنىگە قەدەر ياش تۆكۈپ يىغلايدۇ.
شۇ سۆزلەردىن كېيىن رۇستەم ھۇممانغا زەۋارەنى ئەلچى قىلىپ  ئەۋەتىپ سوھراب بىلەن بولغان جەڭ نەتىجىسىدىن خەۋەردار قىلدى .ھەمدە مۇنداق بۇيرۇق يەتكۈزدى:
  -سوھراب قازا قىلىپ تۇران لەشكەرلىرى ئەمدى ساڭا قالدى.سەن ئۇلارنىڭ باش سەردارى بولدۇڭ.ئەمدى بولار ئىش بولدى.ئاداۋەت قىلىچىنى تاشلاپ ئۇرۇش توختاتقىن.ھۇشيار بولۇپ قوشۇنىڭنىڭ ئامانلىقىنى ساقلا.بىزنىڭ سەن بىلەن ئۇرۇش قىلىش نىيىتىمىز يوق.ھازىرقى شارائىتتا بۇندىىن باشقا گەپ ئارتۇقلۇق قىلىدۇ.سەن ئوغلۇم رۇستەم بىلەن ئوتتۇرىمىزدا ھەقىقەتنى يوشۇرۇپ ئاداۋەت ئۇرۇقىنى چېچىپ ئوغلۇمنىڭ ناھەق ئۆلۈپ كېتىشىگە سەۋەپچى بولدۇڭ.بولار ئىش بولدى.ئوغلۇم بىلەن بولغان دوست بۇرادەرچىلىكىڭنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن ساڭا چېقىلمايمەن.يەنە ئاداۋەت ئىزدەپ يۈرەك جاراھىتىمنى تاتىلىمىغايسەن!
ھۇممان رۇستەمنىڭ  يەتكۈزگەن سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى:
-سەردارىمىز سوھرابنىڭ قۇربان بولغانلىقىدىن خەۋەر تېپىپ ناھايىتى  قايغۇردۇق.ئىگەللىشىمچە ئاتا -بالا ئىككىڭلارنىڭ ئۇقۇشماي جەڭ قىلىپ بۇ پاجىئەلەرنىڭ كېلىپ چىقىشىغا ھەجىر سەۋەپچى بولغان ئىكەن.ئۇ دىلىدا يامانلىق ساقلاپ سېنىڭ سوھرابنىڭ ئۆز ئاتىسى ئىكەنلىكىڭنى قەستەن ئېيتىپ بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن بۇ سىر يېپىق پېتىچە قالغان ئىكەن.مېنىڭ بىلىشىمچە ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن سوھراب ئۇنىڭدىن ئۆز ئاتىسىنىڭ كىملىكىنى قايتا –قايتا سورىغان ئىدى.لىىكىن ھەجىر قەستەن بىلمەسلىككە سېلىپ جاۋاپ بېرىشتىن باش تارتقان ئىدى.ئۇنىڭ قەلبىگە جاھىللىق ھۆكۈمرانلىق قىلغىنى،يامانلىقنى دوست تۇتقىنى ئۈچۈن بىزگە بۇ پالاكەت كېلىپ سوھراب ياش تۇرۇپ ئۆلۈپ كەتتى.مەن سەردارىمىزنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن ئۇنى ئۆلتۈرۈشكە تەييارمەن.پەقەت پەرمانىڭىزنىلا كۈتىمەن!
بۇ خىل گۇنانى ھەجىر بىلمەي تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن بولسا ھۇممان بىلىپ تۇرۇپ ئۆتكۈزگەن.ھەتتا سوھرابقا رۇستەمنى ئۆلتۈرۈشكە كۈشكۈرتكەن ئىدى.مانا ئەمدى سوھراب ئۆلۈپ بۇ ئىش سىر پېېتى قېلىۋىدى ھۇممان ھەممە گۇناھنى ھەجىرگە ئارتىپ ئۆزى ‹‹ئاق بالىخان›› بولىۋالدى.ھەتتا ھازىر تېخى ياخشى نىيەتلىك قىساسچى قىياپىتىگىمۇ كىرىۋېلىپ ئۈلگۈرگەن ئىدى.مەقسىدى رۇستەمنىڭ قولى بىلەن ھەجىرنى ئۆلتۈرۈپ ئىرانلىقلارنى تېخىمۇ زور زىيانغا ئۇچرۇتۇش ئىدى.
دەرھەقىقەت ھۇمماننىڭ بۇ سېھرى دەرھال ئۈنۈمىنى كۆرسۈتۈپ قاتتىق غەزىپى قوزغالغان رۇستەم ھەجىرنى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئېلىش ئۈچۈن قەلئەگە كەلدى.ئۇنىڭ بىلەن يېقىن دوستلىرىدىنمۇ بىرنەچچىسى بىرگە كەلگەن ئىدى.رۇستەم ھەجرنى ئۆلتۈرمەكچى بولۇپ خەنجەر كۆتۈرۈپ مېڭىۋىدى ئۇلار نەسىھەت قىلىپ توسۇۋالدى...
رۇستەم شۇيەردىن يەنە كېچىنى كېچە دىمەي چۆلدىكى ئېلىشش مەيدانىغا سوھرابنىڭ قېشىغا  بوراندەك تېز  يىتىپ كەلدى.ئۇنىڭ بىلەن بىللە تۇس،گۇدەرىز،ۋە گۇستەھەملەرمۇ بىللە كەلدى. ئۇلار دات سېلىپ داۋاملىق يىغلاۋاتقان رۇستەمگە تەسەللى بەردى.لىكىن رۇستەمنىڭ ئازابى ھىچ بېسىلاي دىمەيتتى.ئۇ بالا دەردىدە قاتتىق ئازاپلىىپ ئۆزىنىڭ قىلغانلىرىنى پەقەتلا كەچۈرەلمىدى.ئۇنىڭچە بولغاندا بۇنداق ئازاپلىنىپ يۈرگەندىن ئۆزىنى ئۆلتۈرۈپ سوھاب ئۈچۈن قىساس ئالسا، تىرىك يۈرۈپ ئازاپنىڭ دوزاخ ئوتىدا كۆيگەندىن ئاسانغا توختايتتى.ئۆز ۋىجدانىغىمۇ يۈز كېلەلەيتتى.شۇ نىيەت بىلەن ئۇ سوھرابنى ئۆلتۈرگەن خەنجىرىنى چىقىرىپ ئۇنى ئۆز  بوينىغا سېلىپ  بېشىنى كىسىپ ئۆلۈۋلىش ئارقىلىق  روھى تەسكىنلىككە ئېرىشمەكچى بولدى. ھېلىمۇ ياخشى ھېلىقى ھەمراھلىرى بىرگە كەلگەن ئىكەن.سەردارلار ئۇنى توساش ئۈچۈن  ئالدىدا تىزلىنىپ ئولتۇرۇپ ياش تۆكۈشۈپ تۇرۇپ ئۇنداق قىلماسلىقنى ئۆتۈندى.گۇدەرىز قايىل قىلارلىق سۆزلەر بىلەن رۇستەمنى توساپ مۇنداق دىدى:
   -ئەي  رۇستەم،سەۋرى قىلغىن! ئەمدى بولغۇلۇق بولدى.ئوغلۇڭنىڭ قىساسى ئۈچۈن پۈتۈن جاھانغا ئوت قويۇپ ھەممە نەرسىنى كۆيدۈرۈپ  كۈل قىلىۋەتسەڭمۇ ياكى ئۆزۈڭگە يۈزلەپ خەنجەر ئۇرۇپ  ئازاپلىنىپ ئۆلۈۋالساڭمۇ  ھىچ ئىش ئىز ئورنىغا كەلمەيدۇ.ئوغلۇڭنىڭ بىر تال تىرنىقىمۇ تىرىلمەيدۇ.دۇنيادا كىمنىڭ پەيمانى توشۇپ يەيدىغان رىزقى تۈگىسە ئۇنى بىرسى ئۆلتۈرۈۋەتمىگەن تەقدىردىمۇ ئۆيدىن چىقىپ كېتىۋېتىپ بوسۇغىغا پۇتلۇشۇپ كېتىپمۇ بولسا ئۆلۈپ كېتىدۇ.بۇگۈن سوھراب ئارىمىزدىن كەتتى. قېنى ئېيتقىنا قالغانلاردىن قايسىمىز ئەبەدى ياشىيالايمىز؟!جايىمىز مەيلى سارايدا بولسۇن،مەيلى كەپىدە ياكى ئوتلاقتا بولسۇن ئۆلۈم كۈنىمىز كەلگەندە ھىچقايسىمىز  ئالدىن خەۋەر تاپماستىن تۇيۇقسىزلا ھاياتلىق سەپىرىمىزنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ئەزرائىل بىلەن دوست تارتىپ كېتىمىز.بۇ ئۆلۈم غېمى ھىچكىمنى ئامان قالدۇرمايدۇ.
كۈنى پۈتۈپ ھەممە ھاياتتىن كېتەر.
قىسمەتتىن ھىچ كىشى تاپمايدۇ خەۋەر،
ھىچكىمنى قالدۇرماس بۇ ئۆلۈم غېمى ،
ھەركىمنىڭ بېشىدا بار ئۆز ماتىمى .
يولىمىز يىراقتۇر يا بۇنداق قىسقا ،
بارار جايىمىز بىر، ھەممىمىز ھەمراھ.

رۇستەمنىڭ  كاۋۇستىن دورا سورىغانلىقى
رۇستەم بارلىق ئاتىلارغا ئوخشاش ئوغلى سوھرابنىڭ ساقىيىپ قېلىشىنى،مۆجىزىلەرچە ھايات قېلىشىنى بەكمۇ ئۈمىد قىلاتتى.ئۇنىڭ ئېسىگە مازەندىراندىكى غەلىبىدىن كېيىن قولغا چۈشۈرۈلۈپ كاۋۇسنىڭ غەزىنىسىگە ئېلىنغان،ھەرقانداق ئېغىر كېسەللەرگىمۇ شىپا قىلىدىغان خاسىيەتلىك  نۇش دورا كەلدى .ئەگەرشۇ دورا بولغىنىدا سوھرابنىڭ ھايات قېلىشى مۈمكىن ئىدى. شۇڭا رۇستەم گۇدەرىزگە قاراپ شۇ دورىنى تېپىپ ئەكىلىپ بېرىشنى سوراپ مۇنداق دىدى:
  -ئەي لەشكەرلىرىمىزنىڭ پەخرى گۇدەرىز  پالۋان، سەن كاۋۇس شاھنىڭ يېنىغا بېرىپ مىنىڭ سوھرابقا خەنجەر ئۇرۇپ ئېغىر يارىدار قىلىپ قويغۇنۇمنى،ئۇنىڭ ھازىر ناھايىتى ئېغىر ئەھۋالدا ئىكەنلىكىنى،ئۇنىڭ مېنىڭ ئوغلۇم ئىكەنلىكىنى ئۇ يارىدار بولغاندىن كېيىن ئۇقۇپ ناھايىتى بەك ئازاپلانغانلىقىمنى، ھازىر ئوغلۇمنىڭ ھاياتىنى قۇتۇلدۇرۇپ قېلىشنىڭ بەكمۇ مۇھىملىقىنى،مېنىڭ  كاۋۇس ئۈچۈن ھازىرغىچىلىك قىلغان خىزمەتلىرىمنى نەزەرگە ئېلىپ  ماڭا غەزىنىسىدىكى خاسىيەتلىك نۇش دورىدىن بېرىشىنى  مېنىڭ ئورنۇمدا ئۆتۈنۈپ سورىغىن. ئەەەر سوھراب ئەشۇ دڭورىنى ئىچىپ ككز ئېچىپ قالسا مەن كاۋۇستىن ئالەمچە مىننەتدار بولغان بولىمەن.سوھرابمۇ قۇتۇلۇپ قالسا بۇندىن كېيىن مەن بىلەن كاۋۇسنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ.
گۇدەرىز  بۇ گەپنى ئاڭلاپ رۇستەمنىڭ تۇلپارىنى مىنىپ شامالدەك تېزلىك بىلەن كاۋۇسنىڭ يېنىغا كەلدى.كاۋۇس بىلەن كۆرۈشكەندىن كېيىن يۈز بەرگەن ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى  ھەمدە  رۇستەمنىڭ تەلىپىنى يەتكۈزدى.
كاۋۇس مۇنداق دىدى:
  -پىلتەن رۇستەمنىڭ  مەندىكى ھەققى ۋە ئەجرى ھەقىقەتەن بەك كۆپ.ئابرويىمۇ ھەممىدىن يۈكسەك.نىيىتىم ئارزۇيۇم شۇكى.خۇدا ئۇنىڭ ئوغلىنى ئامان ساقلاپ ئېغىر  مۇسىبەتكە قالمىسۇن.لىكىن شۇنىڭدىن ئەنسىرەيمەنكى خاسىيەتلىك دورىنى ئۇنىڭغا ئەۋەتىپ بەرسەم ،ئۇنىڭ بىلەن ئوغلىنى داۋالاپ ساقايتىۋالسا،ئۇ  بۇرۇنقىدىنمۇ كۈچىيىپ كىتىدۇ. بۇرۇندىن مېنى كۆزگە  ئانچە ئىلىپ كەتمىگەن رۇستەمنىڭ نەپسى تېخىمۇ يوغىناپ ھازىرقى ھالىغا شۈكۈر قىلماي  شاھلىق دەۋاسى قىلىپ قوپىدۇ.بۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ماڭا يېقىن تۇرۇپ، مېنى بارلىق كۈچى بىلەن قوللايدىغانلارنى يوقۇتۇشقا كىرىشىپ ئالدى بىلەن سېنى ئۆلتۈرىدۇ.ئاندىن ئىچكى مالىمانچىلىق چىقىرىپ  مېنى يوقۇتۇپ شاھلىق ئورنۇمنى تارتىۋېلىش قەستىگە چۈشىدۇ. شۇڭا مەن ئۇنىڭغا بۇ دورىنى بېرەلمەيمەن. بۇنىڭغا دەلىلىم شۇكى، قايسى كۈنى ئۇ زابۇلىستاندىن كېچىكىپ كەلگەندە ئاچچىقلاپ ەۇناھقا بۇيرۇسام ماڭا نىمە ھاقارەتلەرنى قىلمىدى.مېنى ككزىەىمۇ ئىلىپ قويماي:‹‹كاۋۇس دىگەن كىمۇ ئۆزى؟›› دىمىدىمۇ!ئۇ ھەددىدىن ئېشىپ شۇ كۈنى ھەتتا تۇسنىڭمۇ قولىنى سۇندۇرۇۋەتمىدىمۇ؟! سوھرابنىڭ ئۇرۇش قوزغاپ كلىپ بىزگە سالغان ئازاپلىرىنى سەنمۇ كۆردۈڭ.ئۇ رۇستەمگە ئوخشاش بىزنىڭ بەرگىنىمىزگە شۈكرى قىلىپ تۇرمايدۇ.سوھرابنىڭ بۇ نۆۋەت رۇستەمنىڭ ئىران سىپاھى ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرۇپ ئۈستىمىزگە قوشۇن تارتىپ كېلىشى بىزگە قوشۇلۇش ،بىزنى كۈچەيتىش ئەمەس. بەلكى، ئاتىسى بىلەن بىرلىشىپ مەندىن ئىران تەختىنى تارتىۋېلىشنى كۆزلىگەن. ئۇنىڭ ئالەمگە خوجايىن بولۇش ياۋۇز نىيىتى بار.بۇ نىيىتىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئالدى بىلەن مېنى يوقۇتىدۇ.ئاندىن ئەفراسىياپنى يوقۇتىدۇ. ئۇنىڭدىن  كېيىن چىن ۋە باشقا  مەملىكەتلەرگە يۈرۈش قىلىدۇ.پۈتۈن دۇنيانى ئۆز ئىلكىگە ئالمىغۇچە توختىمايدۇ. مۇشۇنداق بىر ئادەم ماڭا باش ئېەىپ كېلىپ خىزمىتىمنىق قىلارمۇ؟! ھەرگىز مۈمكىن ئەمەس. مېنىڭ ئۇنىڭ تىرىك قېلىشىغا كۆڭۈل بۆلگىنىم دۈشمىنىمنى پەرۋىش قىلغىنىم بولىدۇ. شۇڭا مەن بۇنداق ئەخمەقلىقنى قىلمايمەن. شۇڭا سەن بېرىپ ىاسىيەتلىك دورا ئىراندىكى ئوردا خەزىنىسىدە قاپتۇ.بۇ يەرگە ئالغاچ كەلمەپتۇ.دىگىن ئۇ يەنە بىرنىمە دەپ ئىرانغا ئادەم ئەۋەتىپ بولغۇچە سوھراب چوقۇم ئۆلىدۇ. كەلەۈسى بالا قازادىن قۇتۇلىمىز!
گۇدەرىز باشقىچە سىلىق سۆزلەر بىلەن يالۋۇرۇپ باققان ،رۇستەمنىڭ يامان نىيىتى يوقلۇقى،ئۇنىڭ كاۋۇسقا بەكمۇ سادىقلىقىنى پولاتتەك  دەلىللەر بىلەن چۈشەندۈرسىمۇ كاۋۇس جاھىللىق بىلەن  ئۆز سۆزىدە چىڭ تۇرۇۋالدى.شۇنىڭ بىلەن پەقەت ئامال قىلالمىغان گۇدەرىز رۇستەمنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى.
گۇدەرىز قۇرۇق قول كەلگەچكە رۇستەمنىڭ سۇئالىغا جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دېدى:
  -ئەي پالۋىنىم، بۇ كاۋۇس شاھ  ئادەم ئەمەسكەن.ئۇنىڭ خۇلقى بىر زەھەرلىك  دەرەخكە  ئوخشايدىكەن.بۇنداق دەرەخنىڭ مىۋىسىمۇ ھامان زەھەرلىك بولىدۇ.ئۆزۈڭمۇ  بىلىسەن.دۇنيادا توڭلۇقتا ئۇنىڭدىن ئېشىپ چۈشىدىغان ئەسكىدىن ئىككىنچى بىرى تېپىلمايدۇ. بۇنداق ئادەملەر مەرتلەرنىڭ قەدرىەە يەتمەيدۇ.قىلغان خىزمىتىنىمۇ ئېتىبارغا ئېلىپ  مۇناسىپ ھۆرمەت ۋە  جاۋابەن خىزمەت قىلىشنى بىلمەيدۇ.شۇنچە يالۋۇرغان،قەلبىڭنى چۈشەندۈرگەن بولساممۇ بەرگىلى ئۇنىمىدى.ئەڭ ياخشىسى ئۆزۈڭ بارساڭ يۈزۈڭ ئۈستىن كېلىپ بېرىپ قالارمىكىن!؟

رۇستەمنىڭ سوھرابنىڭ جەسىتى ئۈستىدە نالە قىلغانلىقى
رۇستەمنىڭ پەرمانىغا ئاساسەن بىر غۇلام ئىسىل زەرباب تون ئەكىلىپ بەردى.رۇستەم بۇ توننى سوھرابنىڭ ئۈستىگە يېپىپ قويغاندىن كېيىن ،تۇلپارىنى مىنىپ كاۋۇسنىڭ يېنىغا ئۆزى بارماقچى بولدى.ئۇ تۇلپارىنىڭ ئۈزەڭەىسىەەئەمدىلا ئاياغ قويۇپ تۇرۇشىغا سوھرابنىڭ دىلنى ئۆرتەيدىغان ئاجىز پىغانى ئاڭلاندى:
-        ئەي ئاتا،قۇدرەتلىك تەھەمتەن! بەختسىز ئوغلۇڭ سوھراب ئەمدى ئالەمدىن كۆز يۇمدى.ئەمدى ئۇنىڭ كېسىلىەە دورا ئەمەس،جەسىدىگە تاۋۇت ئىزدە!
رۇستەم بۇ ئاۋازنى ئاڭلاپ تۇلپارىدىن سەكرەپ چۈشۈپ ئۆزىنى سوھرابنىڭ ئۈستىگە ئاتتى.سوھراب ئاتىسىنىڭ نامىنى تىلىغا ئېلىپ سوغاق بىر ئاھ تارتىپلا جان ئۈزدى.
رۇستەم يەنە ياقىلىرىنى يىرتىپ، باشلىرىغا توپا چېچىپ، بوتىلىقىدىن ئايرىلغان نار تۆگىدەك بوزلاپ يىغا باشلىدى.ئەتراپتىكى رۇستەمگە ھەمراھ بولۇپ كەلگەن ئۇلۇغ ئۇششاقلارمۇ تەڭلا نالە- زار قىلىشىپ ھازا ئېچىشتى.ھەتتا بۇلارغا يىغلىشىپ بىرىشمەكچى بولغاندەك بۇلۇتلارمۇ توپلىشىپ كېلىپ كاۋۇسنىڭ يارىماس ناچارلىقىغا غەزەپلىنىپ كۆزلىرىدىن غەزەپ ئۇچقۇنلىرىنى چاچرىتىپ بولغاندىن كېيىن كۆز ياشلىرىنى تۆكۈۋەتتى.
رۇستەم ئوغلىنى قۇچاقلاپ  يىغلىغاچ قەلىب سۆزلىرىنى نالىلىك ئىزھار قىلماقتا ئىدى:
  -ئەي ياش پەھلىۋانىم،سەنمۇ مەندەك باھادىر نەسلىدىن ئىدىڭغۇ؟! سېنىڭدەك باتۇرنى ئاي ۋە ئاپتاپمۇ كۆرۈپ باقمىغان ئىدىغۇ؟ سەندەك ئۇلۇ باتۇر ئەجەل تۇتقۇنلۇقىغا ئەمەس،تاجۇ –تەختكە،ئۇلۇغ ئىشلارغا، قالقان ۋە گۈرزە تۇتۇپ شىددەتلىك  جەڭلەرگە كىرىشكە مۇناسىپ ئىدىڭغۇ؟!  ئاتا بولغۇچى ئۇقۇشماي ئۆز ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ سالىدىغان،ئارقىدىن مىنىڭدەك دەردى ئىچىگە پاتماي قان- قان يىغلايدىغان ئىشلار ھىچقاچان بولۇپ باقمىغان ئىدىغۇ! ؟ باتۇر ئوغلۇممۇ ماڭا ئوخشاش باتۇر سامنىڭ ئەۋلادى ئىدىغۇ! ؟ ئانا تەرىپىمۇ مەشھۇر زاتلاردىن ئىدىغۇ ! ؟ جاھان مەندەك بېشىغا ئاق سانچىلغاندا  ئۆز ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپ چىدىغۇسىز ئازاپقا قالغان ئىككىنچى بىربەختسىز ئاتىنى كۆرۈپ باققانمۇ ! ؟ مەندەك ياش گۆدەك بىلەن ئېلىشىپ زوراۋانلىق قىلغان ئەسكىنىڭ ئىككى قولى كېسىلسەبولاتتىغۇ! ؟ ئاھ ئىسىت بالام!  شەمشاددەك تىك قامىتىڭ  يەر ئۈزرە بولۇپ قارا يەر قوينىغا كىرىپ كېتەرسەنمۇ  جېنىم بالام! ؟لىۋىڭ تېخى ئانا سۈتىگە تولماي تۇرۇۇپ جاھاندىن شۆھرىتىڭ ئۆچۈپ كېتەرمۇ پالۋانىم بالام! ؟ سېنىڭدەكنى  بۇ جاھان ئەمدى نەدىنمۇ تاپار قەھرىمانىم بالام! ؟  سېنىڭدەك دۇنيادا كەم تېپىلىدىغان شىرى -مەردنى قولۇمدىن چىقىرىپ قويۇپ يۈرىكىم قان بىلەن تولدىغۇ  جەسۇرۇم بالام ! ؟ ئاناڭ خەۋەر تېپىپ كېلىپ سوھرابىم قېنى دەپ سورىسا نىمىمۇ دەرمەن  غەمخانىم  بالام! ؟ ئۇنىڭغا بۇ خەۋەرنى كىمدىنمۇ ئەۋەتەرمەن دەرمانىم بالام! ؟‹‹ئۆز ئوغلۇڭنى ئۆزۈڭ نىمىدەپ ئۆلتۈردىڭ ! ؟›› ‹‹ ئامراق ئوغلۇڭ ئالدىڭدا ئۆلۈمگە لايىق نىمە گۇناھ قىلغان ! ؟›› دەپ سورىسا نىمىمۇ دەرمەن ھەسرىتىم بالام!  ‹‹قايسى ئاتا مۇشۇنداق مۇدھىش ئىشنى قىلغان؟ نىمىدەپ يورۇق كۈنۈمنى قارا قىلدىڭ؟ ئەقىللىق ،باھادىر،نەۋقىران ئوغلىنى قايسى ئەقىلسىز ئاتا ئۆلتۈرگەن؟ دەپ سوراقلاپ تىل ياغدۇرسا ھەممىسىگە ھەقلىقمەن پەيمانىم بالام!  شاھ بوۋىڭىز بۇنى ئاڭلىسا،پاكىز ئانىڭىز دەرتكە چىداپ بولالمىسا،سام نەسلىگە نەپرەتلەر ياغدۇرسا ! مېنى ‹‹دىنسىز،ئەقىلسىز،ئىمانسىز››دەپ ئەيىپلەشسە، دەرت ئۈستىگە دەرت بولماسمۇ جېنىم بالام!  ئاھ! ئاخشامقى كىچىككىنە گۆدەكنىڭ بۈگۈنلا سەرۋىدەك تېز بوي تارتىپ ،باتۇرلارنىڭ باتۇرى بولۇپ كامان تارتىپ ،ھېساپسىز لەشكەرگە قوماندان بولۇپ ئىرانغا قارشى لەشكەر تارتىپ كېلىپ قىلىشىنى كىممۇ ئويلىغان دەيسىز جېنىم بالام ! ؟  ...
گۇدەرىز قاتارلىقلار رۇستەمگە يەنە تەسەللى بېرىپ يىغىدىن توختىتىشتى.ئاندىن سوھرابنىڭ ئاخىرەتلىك ئىشلىرىغا كىرىشىپ كېتىشتى.سوھرابنىڭ ئۈستىگە ئەڭ ئىسىل زەرلىك يىپەك رەختتىن يوپۇق يېپىشتى.تاۋۇت تېپىپ كېلىپ جەسىدىنى ئۇنىڭغا سېلىپ مۈرىسىدە كۆتۈرۈشتى.
فىردەۋسى مۇنداق يازغان:
ئارزۇسى ئۆلكەيۇ تەختۇ- تاج ياقۇت،
نىسىۋىسى بولدى تار قىستاڭ تاۋۇت.
تۇرانلىق لەشكەرلەرمۇ  سوھرابقا ماتەم تۇتۇپ ھازا ئېچىشتى.دوستلىرى قان يىغلىشىپ باشلىرىغا توپا چېچىشتى.
رۇستەمنىڭ ئادەملىرىتۇرانلىقلار بارگاھىدىن  سوھرابنىڭ چېدىرىنى ۋە ئۇنىڭدىكى سوھرابقا تەۋە بولغان شاھانە تاج،شاھانە تەخت...قاتارلىق بارلىق نەرسىلەرنى رۇستەمنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كېلىشتى.
سوھرابنىڭ جەسىدىمۇ رۇستەمنىڭ چېدىرىغا ئېلىپ كېلىندى.ئۇنىڭغا ئىسىل زەر كىمخاپتىن تون كىيدۈرۈلدى.
كىيىن سوھرابنىڭ چېدىرىنى قۇرۇپ  ئۇنىڭغا سوھرابنىڭ چېدىرىدىكى تۇرمۇش بويۇملىىرىدىن تەخت،تاج،...قاتارلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كىرىپ جايلاشتۇرۇپ بولغاندىن  كېيىن چېدىرغا ئوت قويۇپ كۆيدۈرۈۋېتىشتى.
سوھرابقا تەۋەنەرسىلەر  كۆيۈپ كۈلگە ئايلانغان بىلەن ئۇنىڭ دەرت- ھەسرىتى رۇستەمنىڭ يۈرىكى ۋە ۋۇجۇدىنى ئوتتىن نەچچە ھەسسە ئارتۇق كۆيدۈرۈپ ئۆرتىمەكتە ئىدى.ئۇ داۋاملىق نالە قىلىپ يىغلايتتى.


-        ئەي بەخت گۈلى تېخى ئېچىلماي تۇرۇپ توزۇپ كەتكەن ئوغلۇم،دۇنيا  قانچە ئىزدىسىمۇ بۇندىن كېيىن سېنىڭدەك مەرتلەرنىڭمۇ مەرتىنى تاپالمايدۇ.ئىسىت! سەندە تاغدەك مەرتلىك، دەريادەك ساپ دىللىق،سەرۋىدەك تۈز ۋە زور  قامەت،باھار گۈللىرىدىنمۇ ئۇز چىراي بار ئىدى. ئىسىت!ئۆلۈمىڭنىڭ  ئالدىدا ياكى كەينىدە يىراقتىكى ئاناڭ دىدارىڭنى بىر كۆرۈۋالغان بولسىچۇ؟! ئاناڭ بۇ دەرتلەرگە ئەمدى قانداقمۇ چىدار بالام؟! كۆزىدىن قانلار تۆكۈپ بېشىغا توپا چاچارمۇ بالام؟! ئاتام زالى زەرمۇ مېنى لەنەتلەرمۇ بالام؟ ئانام رۇدابەمۇ يىغلاپ كېتەرمۇ بالام؟ ئانام مېنى سوراقلاپ :‹‹بىر گۆدەككە كۈچۈڭ يەتتىمۇ؟››دەرمۇ بالام؟! بۇ تەنىلەرگە نىمىمۇ دەرمەن بالام؟ قانچە ئۆزۈمنى ئاقلىساممۇ ئەمدى ماڭا كىم ئىشىنەر بالام؟ ئۆلۈمىڭ بىلەن شەنىمگە داغ چۈشسە زابۇلىستاندا بۇ بۇ يۈزۈمنى نەگىمۇ قويارمەن بالام؟!...
كاۋۇس  بارلىق سەردارلىرى بىلەن يېتىپ كىلىپ سوھرابنىڭ ماتەم مۇراسىمىغا  قاتناشتى.رۇستەمنىڭ ھالىنى كۆرۈپ سوھرابقا ئىچ ئاغرىتىپ ئۇمۇ كۆز يېشى قىلدى.كېيىن كاۋۇس،مۇبەدلەر،داڭلىق سەركەردىلەر،ۋە باشقا ئۇلۇغلار بىر بىرلەپ رۇستەمگە تەسەللى بېرىپ سەۋرى قىلىشنى،بەك قايغۇرۇپ كەتمەسلىكنى ئۆزىنى ئاياشنى ئېيتىپ پەندى- نەسىھەتلەر قىلىشتى.لىكىن بۇ پەندى -نەسىھەتلەر رۇستەمنىڭ قۇلۇقىغا كىرمەيتتى. ئۇ ھامان ئۆز دەردىنى ئىپادىلەپ قانلىق ياشلىرىنى تۆكۈش بىلەن بەنىد ئىدى.
بۇ چەرخى پەلەك  ئۆز ئويۇنلىرى بىلەن ئادەملەرنى ئاجايىپ قىسمەتلەرگە دۇچار قىلىدۇ.بىراۋ بىر قولىدا تاجۇ -تەخت،بىر قولىدا كەمەند تۇتۇپ چەكسىز ھوقۇق ئىگەللەپ تازا يۇقۇرىغا ئۆرلەپ تۇرغان چاغدا، بىردىنلا بوينىغا سىرتماق چۈشۈدۇ-دە، بۇ دۇنيادىكى مېھر بەرگەن بارلىق  ‹‹تاتلىق››نەرسىلىرىدىن قىيالمىغان ھالدا ئايرىلىپ  ئارمان بىلەن ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلىدۇ.
پەلەكنىڭ قىسمىتى شۇ بولسىمۇ ،لىكىن نادان ئىنسانلار شۇنچە كۆپكى خۇددى مەڭگۈ ياشايدىغاندەك دۇنيا مەئىشەتلىرىگە بېرىلىپ ئۆلۈمىنى ئۇنتۇپ گۇناھلىق ئىشلار بىلەن مەشغۇل بولۇپ كېتىدۇ.ئۆلۈم مۆھلىتى توشۇپ ئەجەل پەرىشتىسى ئامانەتنى ئالغىلى كەلگەندە بۇ دۇنيادىكى ھىچبىر نەرسىسى ئۇنى ھالاكىتىدىن دەقىقە بولسىمۇ قۇتۇلدۇرۇشقا رىغبەت قىلالماي ئاخىر  تۇپراققا يەم بولىدۇ.كىمىكى: ‹‹مەن تەقدىرنى ئۆزگەرتەلەيمەن›› دەپ پەلەك ئىشىغا قول سوزىدىكەن ئۇنى ئاقىل دىگىلى بولمايدۇ.ئۇ سېپى ئۆزىدىن نادان گول كىشىدۇر.
مەن پەلەك ئىشلىرىدىن مۇستەسنا ياشايمەن دىگەن كىشى كور ۋە گاس گاچا بولىۋالسا مەلۇم مەنىدىن مەقسىدىگە  يېتەلىشى مۈمكىن.
رۇستەم پەندى نەسىھەتلەرگە پەرۋا قىلماي ھامان ياش تۆكۈپ نالە قىلاتتى،دەرتلىك پىچىرلايتتى.كېيىن ئۇ كاۋۇستىن تۇران لەشكەرلىرىگە ئامانلىق تىلەپ مۇنداق دىدى:
-        ئەمدى مەن بۇيەردە تۇرالمايمەن.ئوغلۇمنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ يۇرتۇمغا قايتىپ ئۇنى دەپنە قىلمىسام بولمايدۇ.ئەمدى ھۇممان سوھرابتىن ئايرىلىپ بۇ چۆلدە يالغۇز قالدى. ئۇلارنىڭ يۇرتى يىراقتا قالدى. ئارىمىزدىكى ئاداۋەتلەرمۇ سوھراب بىلەن تۈگىدى. ئەمدى ئۇلار بىلەن داۋاملىق ئاداۋەتلىشىشنىڭ  ئورنى يوق. شۇڭا سىلەرمۇ ئۇرۇش توختىتىپ قايتىپ كېتىڭلار. تۇرانلىقلارنىڭ ھىچنىمىسىگەچېقىلماڭلار.
-        تىنىچلان ئەي پالۋانىم،    -دىدى كاۋۇس بۇ تەكلىپكە رازى بولۇپ     -   تەلىۋىڭگە  قوشۇلىمەن.مەن ئۇرۇش قىلمىساممۇ پەلەك ئۆزى ئۇلاردىن قىساس ئېلىپ بولدى.ئۇلار يامان نىيەت بىلەن ئىران يەرلىرىگە ئوت قويۇپ  ئادەم ئۆلتۈرۈش ،زىمىن ئىگەللەش ئۈچۈن كەلگەن ئىدى.ئۇلار سېنىڭمۇ مېنىڭمۇ دىلىمىزنى خۇن قىلىۋەتتى. ئۆتكەن ئىش ئۆتتى.ئەمدى مەن ئۇلار بىلەن قايتا ئاداۋەتلىشىپ يۈرمەيمەن.ئۇلار يېڭىلگىنىگە تەن بېرىپ تىنىچ قايتىپ كەتسىلا  باشقا ھىچبىر زىيان زەخمەتكە   ئۇچرىمايدۇ.

رۇستەمنىڭ زابۇلىستانغا قايتقانلىقى
  كاۋۇس لەشكەرلىرىنى ئېلىپ ئىرانغا قايتپ كەتتى.رۇستەم ئۆز سىپاھلىرى بىلەن مەيداندا قالدى.رۇستەم ھۇممانغا تۇران لەشكەرلىرىنى تىنىچ قايتۇرۇپ كېتىشنى،ئۇنداق بولمايدىكەن بىرمۇ تۇرانلىقنىڭ تىرىك قايتالمايدىغانلىقىنى ئېيتىپ قويۇش ۋە ئۇلارنىڭ جاۋابىنى ئېلىپ كېلىش ئۈچۈن   زەۋارەنى ئەۋەتكەن ئىدى. شۇ سەۋەپتىن  رۇستەم ئۇنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ قايتىپ كەتمەي تۇرغان ئىدى. زەۋارە ئەزان ۋاقتى بىلەن قەلئەدىن ھۇمماننىڭمۇ قوشۇن چىكىندۈرۈپ تۇرانغا  قايتقانلىق خەۋىرىنى ئېلىپ كەلدى.ھەممە ئىش سوھرابنىڭ ئارزۇ قىلغىنىدىكىدەك بولۇپ  كاۋۇسمۇ ،ھۇممانمۇ ئوڭۇشلۇق قوشۇن چېكىندۈرگەن تىنىچلىق ئەمەلگە ئاشقان ئىدى.
كاۋۇس رۇستەمگە ھەمكارلىشىپ سوھرابنىڭ جەسىدىنى زابۇلىستانغا يەتكۈزۈش ۋە ئاخىرەتلىك ئىشلارغا ياردەملىشىش ئۈچۈن گېۋ قاتارلىق بىر قىسىم سەركەردىلەرنى ۋە مىڭدەك باتۇر لەشكەر ۋە خىزمەتچىلەرنى قالدۇرۇپ قويغان ئىدى.رۇستەم ئۇلار بىلەن بىللە سوھرابنىڭ جەسىدىنى ئېلىپ زابۇلىستانغا يۈرۈپ كەتتى. رۇستەملەردىن بۇرۇن سوھرابنىڭ ئۆلۈم خەۋىرى زابۇلىستانغا يىتىپ بولغاچقا  پۈتۈن زابۇلىستانلىقلار رۇستەملەرنىڭ ئالدىغا پېشۋاز چىقتى. (كۈتۈۋېلىشقا چىقتى).
دىلىدا دەرت ئاتەش،ئاغزىدىن تۈتۈن چىقىرىپ لەشكەرلەر ۋە رۇستەم سوھرابنىڭ تاۋۇتىنى كۆتۈرۈپ كېلىشەتتى. ئۇلۇغلار ماتەم بىلدۈرۈشۈپ باشلىرىغا توپا چېچىشاتتى.ناغرىلارنىڭ تېرىسى  شىلىۋېتىلگەن، ئاتلارنىڭ قۇيرۇقى كېسىۋېتىلگەن ئىدى. سام سوھرابنىڭ تاۋۇتىنى كۆرۈپلا  كۈمۈش يۈگەنلىك ئېتىدىن يەرگە چۈشتى. دەردى ئىچىگە سىغماي قالغان بىچارە رۇستەم خۇددى ساراڭدەكلا ھەر تەرەپكە يۈگرەيتتى.كىيىملىرى،ساۋۇتلىرى،دىلى مىڭ پارە ئىدى.تاۋۇت كۆتۈرگەن باتۇرلار  ساملارنى كۆرۈپ تاۋۇتنى يەرگە قويدى.زال زەر ۋە ساملار تاۋۇت يېنىغا كەلدى.رۇستەم كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ تۇرۇپ تاۋۇت ياپقۇچىنى ئاچتى.
بوۋىلىرى ياش سوھرابنىڭ جەسىدىنى ككرۈپ ئكزلىرىنى تۇتۇۋالالماي يىغكلىشىپ كېتىشتى.سوھرابنىڭ قىياپىتى بەئەينى سامنىڭ ئۆزىلا ئىدى. ئۇ خۇددى دۇنيا غەملىرىنى تەرىك قىلىپ مەڭگۈلۈك ئۇيقۇغا كەتكەندەك تىنىچ ياتاتتى. رۇستەمنىڭ يۈرەك جاراھىتى قايتىدىن ئەۋىج ئېلىپ يەنە داد پەريادقا چۈشتى.
-        ئېھ خۇدا،ئەي ئادىل تەڭرىم ! مىنى قېرىغان چېغىمدا نىمىشقىمۇ پەرزەنىت داغىغا سالىدىغانسەن؟! مەن قېلىپ ئۇنىڭ جېنىنى ئالغىچە ،ئۇنى قالدۇرۇپ مېنىڭ جېنىمنى ئالغان بولساڭ بولماسمىدى؟!  ...
زالغا بۇ ئىشلار راست ئەمەستەك، بىر يامان چۈشتەك تۇيۇلماقتا ئىدى.ئۇ تەئەججۈپ ئىچىدە مۇنداق دەيتتى:
-        ئادەمنىڭ ئەقلى يەتمەيدىغان ئاجايىپ بىر ئىش بوپتۇ.ئەمدىلا ئون نەچچە ياشقا كىرگەن گۆدەك بالدۇر  يېتىلىپ، چوڭ ئادەملەردىنمۇ  ئىگىزرەك بوي تارتىپ ،قولىغا چوڭ گۈرزە كۆتۈرۈپ لەشكەر باشلاپ ئۇرۇش قىلغىلى كەلسە،نامدارلار ئىچىدىمۇ ھەممىسىدىن ئۈستۈن نامدار بولۇپ كەتسە، بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىنى نىمە دەپ بولغىلى بولار؟! ئەمدى تا دەۋرى قىيامەتكىچە بۇنىڭدەك باتۇردىن يەنە بىرى تۇغۇلمايدۇ.
زال زەرنىڭ قايغۇسىمۇ رۇستەمدىن قېلىشمايتتى. بەزىلەر بوۋا بولغۇچى ئۈچۈن ‹‹پەرزەنىتتىنمۇ نەۋرىنىڭ ئوتى يامان›› دىيىشىدىكەن. سام بىلەن زال كۆزلىرىدىن يامغۇر كەبى ياش تۆكۈشكەچ  سوھراب ھەققىدە تەرىپلەرنى قىلىشاتتى...
كېيىن ئۇلار يولنى داۋاملاشتۇرۇپ زابۇلىستانغا  يۈرۈپ كېتىشتى.
سوھرابنىڭ تاۋۇتى رۇستەمنىڭ ئۆيىگە ئېلىپ كېلىندى.مومىسى رۇدابەمۇ ئېتىلىپ چىقىپ نەۋرىسىنىڭ تاۋۇتىنى كۆرۈپ قايغۇدىن ئۆزىنى تۇتالماي داد پەرياد سېلىپ يىغلاپ كەتتى.كۆزلىرىدىن ياش ئورنىغا قانلار ئاققاندەك بولۇپ ھەسرەت ئوتىدا  پۇچۇلۇناتتى.  شۇڭا سوھرابقا خىتاب قىلىپ ئاھ ئۇراتتى:
  -ئەي شادىمان ئادەم! تاۋۇتتىن بېشىڭنى بىردەمگىنە چىقارساڭچۇ!، موماڭنىڭ ھالىنى سوراپ دەردىگە دەرمان بولساڭچۇ؟!
رۇدابەنىڭ داد- پەريادى زادىلا  بېسىلمىدى. ئۇ  تاۋۇت تۆپىسىگە  ئېسىلىپ تۇرۇپ داۋاملىق پەرياد كۆتۈرەتتى:
  -ئەي پالۋانزادە،كۈچلۈك شىر بالام!  ئەمدى سەندەك باتۇردىن ئەردىن يەنە بىرىنى جاھان كۆرمەيدۇ. قېنى ئېيتقىنا،گۆدەكلىك دەۋرىڭدە نىمە بولدى ساڭا؟ خۇشال بولۇپ كۈلۈپ ئوينايدىغان دەۋرىڭدە نىمە  قازا   كەلدى ساڭا؟! ياشلىق كۈنلىرىڭدە قارا يەر زىندانىغا كىرىپسەن.دۇنيانىڭ يورۇق سارىيىدىن غايىپ بولۇپسەن. ماڭا بىر سۆز ئېيتقىنا !ساڭا پەدەرىڭ نىمىلەرنى قىلدى؟! سەن گۆدەكنىڭ جىگىرىڭ نىمىشقا ۋاقىتسىز  پارە –پارە بولدى؟!...
يىغىسى نالىسى ھىچ توختاي دېمەيتتى.ھەسرەت پىغانى جاھانغا سىغمىغاندەك پەلەككە ئۆرلەيتتى.پۈتۈن جان- جانىۋارلار رۇدابەنىڭ نالىسىگە چىدىماي ۋۇجۇدى لەرزىگە كېلەتتى.
ئۆينىڭ ئىچكىرىسىدىمۇ رۇستەم دەرت ئەلەم ئىچىگە سىغمىغان ھالدا ئۆزىنى پەقەت بېسىۋالالماي ئىككى كۆزىدىن ياش ئورنىغا قانلار ئاققۇزۇپ دەھشەتلىك نالە پەريادلارنى قىلاتتى. كۆزىگە كۆرۈنگەنلا نەرسىنى ئۇرۇپ چېقىپ قىيامەت مالامىتى چىقىرىۋەتكەن ئىدى.ھىچكىمنىڭ دىلىدا ياكى چېھرىدە شادلىقتىن بىرەر ئەسەرنى دورىلىققىمۇ تاپقىلى بولمايتتى.
  تۇققانلار راسا يىغلاپ ئىچىنى بىراز بوشۇتۇۋالغاندىن كېيىن باتۇرلار جەم بولۇشۇپ تاۋۇتنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ كېلىشتى.تاۋۇتنى ئېچىپ كىپەننى يىرتىشتى.سوھرابنىڭ قۇياشتەك يۈزى، گۈلدەك بەدىنى جامائەتنىڭ ئالدىدا نامايەن بولدى.ئەقلى لال بولغان نامدارلار ئاھ تارتىپ يىغلىشاتتى. ئۇلارنىڭ  قايغۇ ھەسرىتىدىن پەلەكتىن تۈتۈن چىققاندەك بولۇپ كەتتى.سوھرابنىڭ يۈزىەە ككزى چۈشكەن ھەرقانداق قېرى- ياش،ئەر –ئايالنىڭ كۆزلىرىدىن ياشلار ئېتىلىپ چىقىپ ياقىلىرى چاك بولاتتى. ئەقلىنى يوقىتىشقاندەك بولۇپ قاتىق يىغلىشىپ باشلىرىغا توپا سورۇيتتى. سوھرابنىڭ نۇر جامالىدىن تاۋۇت تاۋۇتقا ئەمەس شاھانە سارايغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.ئۇنىڭدا شىر قامەت مەرد پالۋان ھەممىنى دەرت ھەسرەتكە مۇپتىلا قىلىپ قويۇپ غەمسىز ياتاتتى.ئۇنىڭ سام بوۋىسىنىڭكىدەك يوغان گەۋدىسى خۇددى ئۇرۇشتىن بىزار بولغاندەك ‹‹دەم ئېلىپ›› ياتاتتى.
تاۋۇت ئۈستى ۋە قاپقىقى يېپىلغاندىن كېيىن رۇستەم دىدى:
  -پۈتۈنلەي ساپ ئالتۇندىن بىر ھەيۋەت  مەقبەرە ياساپ سوھرابنىڭ جەسىدىگە زەر يىپەك ۋە ئىسىل كىمخاپلاردىن لىباس كىيدۈرەيلى.ئاندىن مەقبەرىنى مۈشكى – ئەنبەرلەر بىلەن ئاۋات قىلايلى.سوھرابىم مۈشكى ئەنبەرلەر ئىچىدە خاتىرجەم ياتسۇن. لىكىن مەن :‹‹ مەن ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن بۇ مەقبەرىنى يامان نىيەتلىك كىشىلەر بايلىق تەمەسى بىلەن بۇلاپ ياكى ئوغرىلاپ سوھرابىمنى تىنچ ياتقىلى قويماسمۇ؟›› دەپ  بەك ئەنسىرەيمەن.
بۇنىڭغا ساملار ياخشى ئەقىل كۆرسۈتۈشتى.ئۇد ياغىچىدىن چېپىپ تاۋۇت ياساشتى.تاۋۇتنىڭ زەنجىرلىرىنى ئالتۇندىن ياساشتى.ئاندىن سوھرابنى كىمخاپ لىباس بىلەن ئوراپ، تاۋۇت ئىچىگە كۆپ مىقداردا مۈشكى ئەنبەرلەرنى بىرگە سېلىپ ئۇنى شۇ زاماننىڭ قائىدىسى بويىچە ناھايىتى ھەشەمەتلىك دەپنە قىلىشتى.
‹‹رۇستەم ئۆز ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپتۇ›› دىگەن خەۋەر تېزلىكتە دۇنيانىڭ ھەممەيەرلىرىگە تاراپ كەتتى.بۇ خەۋەردىن ئالەممۇ قايغۇغا تولدى.خەۋەرنى كىممۇ ئاڭلىمىسۇن دىلى غەش بولاتتى. ئوغلىنىڭ ئۆلۈمىدىن قەلبى چىدىغۇسىز ئەلەمگە قالغان رۇستەم كۆڭلىدىن  پۈتۈن خوشاللىقلىرى  كەتكەندەك كۈنلىرىنى  ئازاپ  ئىچىدە ئۆتكۈزەتتى.
بۇ مۇدھىش خەۋەر ھۇممان ئارقىلىق تۇرانغىمۇ يېتىپ كەلدى.پۈتۈن تۇراننىڭ تاغ دەريا شەھەرلىرى ئادەملەرگە قوشۇلۇپ ماتەم تۇتۇشتى. بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان ئەفراسىياپمۇ قايغۇغا چۆمدى.بۇ ئۇنىڭغا بىر ئاچچىق ساۋاق بولغان ئىدى.
تەھمىنەنىڭ سوھرابنىڭ ئۆلۈمىدىن خەۋەر  تاپقانلىقى
‹‹سوھراب ئۇرۇش مەيدانىدا ھالاك بوپتۇ !›› دىگەن خەۋەر ئاڭلانغان ھامان پۈتۈن تۇراندىن نالە پەرياد كۆتۈرۈلدى.
بۇ شۇم خەۋەر سەمەنگان شاھىغا يەتكەندە سەمەنگاننىڭ چوڭ- كىچىك، قېرى –ياش،ئەر-ئايال  پۇقرالىرىنىڭ ھەممىسى بىردەك ماتەم تۇتۇپ شاھىغا ئورتاقلاشتى.‹‹رۇستەمى داستان ئوغلىنى ئۆلتۈرۈپتۇ›› دىگەن خەۋەر سوھرابنىڭ ئانىسى تەھمىنەگە ئاڭلانغاندا بۇ زەربىگە بەرداشلىق بېرەلمىگەن ئانا ئازاپلىق چىرقىراپ شۇ ھامان  ھۇشىدىن كەتتى.ئەتراپىدىكىلەر گۇلاب چېچىپ ھۇشىغا كەلتۈرگەندىن كېيىن بولسا، ئەقلىنى پۈتۈنلەي يوقۇتۇپ ئېغىر دەرىجىدە ساراڭ بولۇپ قالغاندەك بولۇپ ئۆزىنىڭ يۈزلىرىگە ئۆزى چاڭ سېلىپ قىيما يارما قىلىۋەتتى. كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ، ھەتتا بەدەنلىرىنىمۇ تاتىلاپ ھىچ ساق يېرىنى قويمىدى.كۆزلىرىدىن قان ئورنىغا ياشلار ئېرىقتەك ئاقاتتى.گاھ تۇرۇپ داد سالسا، گاھ ھۇشىدن كېتىپ يىقىلاتتى.گاھى دەردى ئىچىگە پاتماي قالغانلىرىدا باشلىرىغا توپا سورۇپ ،بىلەكلىرىنىڭ گۆشلىرىنى چىشلەپ  ئۈزۈپ  تاشلاپ يېنىدىكىلەرنىڭ توسقىنىغا قارىماي ئالدىغا ئۇچرىغاننى تاتىلاپ، كۆزىگە كۆرۈنگەنلا نەرسىنى ئۇرۇپ چېقىپ مەھشەر قوزغىۋېتەتتى.ئاغزىدىن چىققان ئوتلۇق ئاھى ئەگەر يانىدىغان نەرسىلەرگە چۈشسە ئوت كەتكۈدەك دەرىجىدە يالقۇنلۇق ئىدى.بەزىدە ئەسەبىلىكى تۇتۇپ قالغاندا چاچ ۋە بىلەكلىرىنى ئوت ئاتەشكە سېلىپ كۆيدۈرۈپ بەدىنىنىڭ ساق يېرىنى قويمايتتى.سەمەنگەن شاھى قىزىنىڭ بۇ ھالىدىن قاتتىق ئەنسىرەپ ئۇنىڭ يېنىدىن قوغدىغۇچى ئالاھىدە خىزمەتچىلەرنى ئايرىماي كېچە كۈندۈز ئۇنى قاتتىق مۇھاپىزەت ئاستىغا ئالدى.
تەھمىنەنىڭ سوھراب ئۈچۈن دادلاپ ئېيتقان ئازاپلىق نىدالىرىنى ئاڭلىسا تاشمۇ ئېرىپ سۇ بولۇپ كېتەر ئىدى:
  -ئاھ مەن ئاجىز ئانىنىڭ جېنى بولغان قۇدرەتلىك ئوغلۇم سوھراب! قېنى سەن؟! نىمىشقا قايتىپ كەلمەيسەن؟!تۈنۇ-سەھەر يولۇڭغا تەلمۈرۈپ قاراپ خەۋىرىڭنى كۈتۋاتقىنىمنى بىلمەمسەن؟!سەن ئاتاڭنى ئىزدەپ كەتكەن ئەمەسمىدىڭ؟! ئاتاڭنى ئىزدەپ تېپىپسەنۇ، يەنە نىمىشقا باشقا ياققا كېتىسەن؟! سەن ئاتاڭنى سېغىنغان بىلەن ئاتاڭ سېنى سېغىنمىغان ئوخشىمامدۇ؟! سېنىڭ يۈرىكىڭ گۆش بولغان بىلەن ئاتاڭنىڭ يۈرىكى تاش ئوخشىمامدۇ؟! سەن پەرىشتە چاغلىغان ئاتاڭ يالماۋۇز چىقىپ قالغان ئوخشىمامدۇ؟!  سەن ئۇنىڭدىن ئاتىلىق مىھرى ئىزدەپ بارساڭ،ئۇ ساڭا دۈشمەنلىك خەنجىرىرىنى سانچىۋالغان ئوخشىمامدۇ؟ پۈتۈن ئالەم خەلقى ئامراقلىق قىلىدىغان قىزىلگۈلدەك  يۈزۈڭگە قارا تۇرۇپ ئۇنىڭ قانداقمۇ تىغ ئۇرغۇسى كەلگەندۇ؟سەرۋىدەك قەددىڭ قانغا مىلىنىپ نىمجان ھالەتتە يەردە ياتقىنىدا  ئازراق رەھمىسىمۇ كەلمىگەنمىگەنمىدۇ؟!  ...سېنىڭدەك پالۋان ئوغلۇمنى يەر يۇتۇپتۇ دىسە،گۈلدەك  بەدەن قانغا بويىلپ كېتىپتۇ دىسە،رەھىمسىز ئاتا خەنجىرى جىگەرنى تىلىپتۇ دېسە،ئانا سۈتى  پۇرىقى ئاغزىدىن كەتمىگەن سەبى پاكىز بەدەن ئىگىسى كىپەندىن لىباس كىيىپتۇ دىسە،كىمنىڭمۇ ئىشەنگۈسى كېلىدۇ بالام؟!ئىشەنمەي دىسەم بالام ،ھەممە ئادەم شۇنداق دەۋاتمامدۇ بالام؟!ئەمدى بۇ دەردىمگە كىمنىمۇ چىللارمەن بالام؟! ئىچىمگە پاتماي قالغان دەرتلىرىمنى كىمگىمۇ تۆكۈپ بوشۇتۇۋالارمەن بالام؟!تەن ۋە جېنىم ئىدىڭغۇ بالام؟روشەن چىرىغىم ئىدىڭغۇ بالام؟سېنى گۆرگە ئۇزۇتۇپ بېغىم باغۋەنسىز قالدىمۇ بالام؟ ‹‹ئاتام قېنى؟›› دەپ ئاتا غەلۋىسى قىلىپ رەھىمسىز ئاتاڭنىڭ قولىدا ئەجەلگە مۇپتىلا بولدۇڭمۇ بالام؟ ئاتا مۇھەببىتىدىن ئۈمىتۋار بولۇپ، ئۈمىدىڭ ئەمەلگە ئاشماي تۇرۇپ ئۈمىدىڭنىڭ قۇربانى بولۇپ، رەھىمسىز دۇنيادىن نائۈمىد كەتتىڭمۇ بالام؟ رەھىمسىز ئاتاڭ سېنى ئۆلتۈرمەك بولۇپ ،قان ئىچەر بۆرىدەك قېنىڭغا خۇمار بولۇپ، ئۈستىڭدە خەنجىرىنى ئويناتقان چاغدا ‹‹مەن ئوغلۇڭمەن!››دەپ نىدا قىلمىغانسەنمۇ جېنىم بالام؟ ‹‹سەن قانداقچە مېنىڭ ئوغلۇم بولىسەن؟›› دەپ سورىغانلىرىدا ‹‹مانا بۇ مېنىڭ نىشانىم››  دەپ بىلىكىڭدىكى گۆھىرىڭنى كۆرسەتمىگەنسەنمۇ جېنىم بالام؟ ئوغلۇم ئاتىسىنى تونىيالماي قالمىسۇن دەپ ئاتاڭنىڭ پۈتۈن قىياپەتلىرىنى ئېسىڭدە قالغۇدەك دەپ بەرگەن ئەمەسمىدىم جېنىم بالام؟! ئاتاڭ بلەن قەڭدە ئۇچراشقانلىرىڭدا ‹‹سىز كىم بولىسىز ؟›› دەپ سوراپ تونۇشلۇق بەرمىگەنسەنمۇ جېنىم بالام؟ مانا بۈگۈن ئاناڭنىڭ  دەردى ئاشتى،دىلىدا قايغۇ قىيان بولۇپ  تاشتى،يۈزلىرى زەھەر ئىچكەندەك تېز سولاشتى،بۇنىڭدا مەن ئانىڭىزنىڭمۇ قاۋاپكارلىقى يوقمىدۇ جېنىم بالام؟ سىزنى خەق بىلەن يولغا سېلىپ قويغۇچە، ئۆزۈم سىز بىلەن  بىللە بارغان بولسام، بۇ دەرت ئەلەملەرگە قالماس بولغىيمىدۇق جېنىم بالام؟  ئاتىڭىز سىزنى تونىمىغان بىلەن مېنى يىراقتىن كۆرسىمۇ  تونىيالايتتى ئەمەسمۇ جېنىم بالام؟سىز بىلەن توتۇشۇپ قالغان تەقدىردىمۇ مەن كۆزىگە كۆرۈنگەن بولسام خەنجىرىنى چۆرۈۋېتىپ ئىككىمىزنى قۇچۇقىغا ئېلىپ ‹‹بالاممۇسىز؟››دەپ يىغلاپ كېتەتتى ئەمەسمۇ جېنىم بالام؟...
تەھمىنە قوشاق قېتىپ يىغلاپ بولۇپ يەنە چاچلىرىنى يۇلۇشنى باشلايتتى.ئاھ ۋە نالىلىرى يەنە ئۇلغۇيۇپ ئۆزىنى تاملارغا ئۇرماق بولاتتى.خىزمەتچىلىرى يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنىڭغا  تەسەللى بېرىپ مىڭ بالالىقتا ئۆزىنى نابۇت قىلىشتىن توساپ قالاتتى.ئۇنىڭ مۇڭلۇق نالىلىرىنى تاش يۈرەكلەر ئاڭلىسىمۇ ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلاپ كېتەتتى.شۇ يوسۇندا ھەر كۈنى نەچچە رەت ھۇشىدىن كېتەتتى.، نەچچە رەت‹‹ ساراڭ››لىقى تۇتۇپ ئۆزىنى ئۆلتۈرىۋالماقچى بولاتتى.بۇ  قىلىقلىرى بىلەن ئەتراپىدىكىلەرنىڭمۇ يۈرىكى ئېزىلىپ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ يىغلىشاتتى.ئۇيقۇدىن،تاماق ۋە سۇدىن،خوشال خوراملىقتىن ،ۋە باشقا كۆڭۈلگە ئارام بېغىشلايدىغان بارلىق پائالىيەتلەرنى تەرىك قىلىپ غەم ۋە نالە بىلەنلا بولۇۋالغاچقا ناھايىتى تېزلا ياداپ ئورۇقلاپ، تىرىك مۇردىغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.مەيلى كېچە مەيلى كۈندۈزى بولسۇن سوھراب خىيالىدىن  مىنۇتمۇ نېرى بولمايتتى.
ھۇممانلار سوھرابنىڭ تۇلپارىنى ۋە ئۇرۇش قوراللىرىنى تەھمىنەگە  ئەكىلىپ بەرگەن ئىدى.ئۇ نەرسىلەرنى ئوغلىنى كۆرگەن كۆزى بىلەن كۆرۈپ كىچە كۈندۈز يېنىدىن كەتمەيتتى. سوھرابنىڭ تاجىغا نەزەر تاشلىسا، كۆز ياشلىرى لالە رەڭگە كىرىپ تاج قان بىلەن بويۇلۇپ كېتەتتى.سوھرابنىڭ بوش قالغان تەختىنى كۆرگىنىدە :‹‹سەرۋى قامەت ئوغلۇم سوھراب قېنىسەن ؟تەختىڭ بوش تۇرۇدىغۇ؟!››دەپ سوھرابنى ھەر تەرەپتىن ئىزدەپ ھۇشىنى يوقۇتاتتى.سوھرابنىڭ ئېتىنى تەلەپ قىلىۋىدى، ئۇنى كەلتۈرۈشتى.تەھمىنە ئاتنىڭ بېشىنى قۇچاقلاپ يەنە يامغۇردەك ياش تۆكۈپ پىغان كۆتۈردى. تەھمىنە خۇددى  سوھرابنى كۆرگەندەك بولۇپ تۇلپارنىڭ گاھ يايلىغا،گاھ يۈزىگە سۆيۈپ كېتەتتى.قانلىق ياشلىرى ئاتنىڭ تۇۋاقلىرىغا،يەرلەرگە ئېقىپ  چۈشۈپ يەرنىڭ رەڭگىنىمۇ لال رەڭگە ئۆزگەرتەتتى. قاراپ تۇرغانلار بۇ ئىشتىن ھەيران بولۇشۇپ جىمجىت تۇرۇپ قېلىشتى.تەلىپىگە بىنائەن سوھرابنىڭ شاھانە لىباسلىرىنى ئېلىپ كىلىۋىدى.ئۇنى خۇددى ئوغلىنى قۇچاقلىغاندەك بولۇپ قۇچاقلاپ يىغلاپ كەتتى.يەنە سوھرابنىڭ نەيزە،قىلىچ،گۈرزە،كامان،ۋە قالقانلىرىنى ئېلىپ كىلىۋىدى، ئۇلارنىمۇ بىر بىرلەپ قۇچاقلاپ ياكى سىلاپ يىغلاپ كەتتى.يەنە سوھرابنىڭ جەڭ ۋە ئوۋدا ئىشلىتىدىغان سەكسەن غۇلاچلىق ئارغامچىسىنى ئەكىلىۋىدى، ئۇنى كۆرۈپ چاچلىرىنى يۇلۇپ پەرياد كۆتۈردى.دوبۇلغا ساۋۇتلىرىنى ككرەىنىدە بولسا ‹‹ئەي شىر ئوغلۇم،قېنىسەن؟ساۋۇتنىڭ ئىچىگە مۆكۈۋالدىڭمۇ؟ ئاناڭنى قان يىغلىتاي دىدىڭمۇ؟››دەپ يۈرەكنى ئەزگۈدەك ئېچىنشلىق يىغلاپ كەتتى.
كېيىن تەھمىنە سوھرابنىڭ قىلىچىنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن تۇلپارنىڭ يايلىنى ۋە قۇيرۇقىنىڭ يېرىمىنى كەستى. بارلىق دەرۋىش ۋە تىلەمچىلەرگە سەدىقە تارقاتتى.سوھرابنىڭ زەر كىيىملىرى،ئات ئۇلاقلىرىنى،ۋە شاھانە تەختىنى ئېلىپ چىقىپ ئىگىز يار ئۈستىدىن پەسكە تاشلاتقۇزدى.ساراينىڭ ئىشىكلىرىنى قارا رەڭدە بوياتقۇزدى. سوھراب ئۈچۈن سالدۇرغان بىنانىڭ پەشتاق ۋە راۋاقلىرىنى مىڭ پارە قىلغۇزۇپ چاقتۇرۇۋەتتى.سوھراب جەڭگە بېرىش ئالدىدا بەزمە تۈزۈپ ئولتۇرغان بەزمىخانىسىنىمۇ تەلتۆكۈس بۇزدۇرۇۋەتتى. سوھرابقا تەۋە بارلىق نەرسىلەرنى شۇنداق يوقۇتۇپ بولغاندىن كېيىن ئۈستىگە كۆپ -كۆك لىباس كىيىپ قارىلىق تۇتتى.ككزلىرىدىن قانلىق ياشلىرى بىر كۈنمۇ توختاپ باقمىدى.ھىچكىمنىڭ تەسەللىلىرى،ئاتىسىنىڭ ئۇنى ئاسراپ قېلىش يۈزىسىدىن سالدۇرغان راۋاق،ئەھيا قىلغان باغۇ- ئېرەم،ئىسىل ساراي،قىممەتلىك كىيىم كېچەك زىبۇ زىننەتلىرى ، ئويۇشتۇرۇپ بەرگەن كۆڭۈللۈك سورۇنلىرى،تەرەپ تەرەپلەردىندانىشمەن تىۋىپ  ھۆكۈمالارنى چاقىرتىپ كېلىپ داۋالىتىىشلىرى قىلچە كار قىلمىدى.سوھرابنىڭ قايغۇ ماتىمىنى بىردىنبىر ھەمراھ قىلىپ ئازاپ ئىچىدە ياشاپ، ئوغلىدىن يېرىم يىلچە كېيىن ئۇمۇ بۇ ۋاپاسىز دۇنيانى تاشلاپ  ئوغلى بىلەن كۆرۈشكىلى باقى دۇنياغا سەپەر قىلدى.ئۇنىڭ  ۋاپاتىدىن كېيىنكى تەبەسسۇم يېغىپ تۇرغاندەك كۆرۈنگەن  چىرايىنى كۆرگەن كىشى تەھمىنەنىڭ روھى ئوغلىنىڭ روھى بىلەن يۈز كۆرۈشۈپتۇ  دەپ ئويلاپ قالاتتى.
شىرىن سۆزلۈك دانالاردىن بەھرام مۇنداق دىگەن ئىكەن:
   -كىمىكى مۇردىلار ئەلىمىنى دىلىدىن نېرى قىلماي ،ئازاپنى دوست تۇتۇدىكەن ؛ئۆزىمۇ بۇ دۇنيادىن كېتىشكە ئالدىراپ، مۇردىلار دەرگاھىغا بېرىپ قالىدۇ.بۇ ئەبەدىلىك يولغا تەييار بول!ھازىرلىق كۆر.ئاتاڭ ئۆز نۆۋىتىنى ساڭا بەرسىمۇ،ئۆزىمۇ بۇ نىسىۋىدىن قۇرۇق قالمايدۇ.بۇ دۇنيا مانا شۇنداق بىر دۇنيا ،ئۆلمەسلىك ئۈچۈن بىھۇدە ئۇرۇنۇپ ھەرقانچە كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغانلارمۇ ئاخىر ئۆلۈمنىڭ رەھىمسىز چاڭگىلىدىن قېچىپ قۇتۇلالمايدۇ.ئەلمىساقتىن بۇيان مىڭلىغان ئالىملار ۋە جاھانگىر شاھلار   ئۆلمەسلىك ئۈچۈن ئۆمۈر بويى تىرىشقان،ئىزدەنگەن،بۇ يولدا ھەددى ھېساپسىز پۇل مال دۇنيا سەرىپ قىلغان بولسىمۇ قىلچە ئۈنۈمى بولمىغان.دىمەك، ھىچكىم ئۆلۈم سىرى قەسرىنىڭ ئاچقۇچىنى تاپالمايدۇ.

كونا مۇنبەردىن  تولۇقلاپ يۆتكەپ كەلدىم. مۇنبەرداشلارنىڭ ھوزۇرلىنىشىنى سەمىمى تەكلىپلىرى بولسا بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

idraksoft

Rank: 12Rank: 12Rank: 12

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  171
يازما سانى: 1116
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 3662
تۆھپە : 0
توردا: 137
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-30

جانلىق ئەزا قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2013-4-15 22:45:48 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىجادىيەتلىرىڭىز يەنىمۇ بەرىكەتلىك بولغاي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش