ئىگىسى: admin

ماخمۇت مۇھەممەت ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئېچىلدى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-30 00:05:24 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماخمۇت مۇھەممەتكامنىڭ  تېنىغا  سالامەتلىك ،تۇرمۇشىغا بەخىت،ئىجادىيتىگە ئۇتۇق تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-11-30 10:26:44 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماخمۇتكامنىڭ بۇ ئىجدىيەت مۇۋاپىقىيەتلىرىدىن سۆيۈنىش ئىلكىدە تۇرۇپتۇق ھەم ئەل سۆيگەن ئەدىپكە شەرەپ تونى كىيگىزگەن مىللەت سۆيەر كىشىلىرىمىزگە ھۆرمەت ئېھتىرامى بولغاي !

ۋاقتى: 2015-11-30 14:03:37 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
    مەخمۇت مۇھەممەت ھەقىقەتەن مول ھوسۇللۇق، كۆپ قىرلىق يازغۇچى... مەزكۇر ئەدىبكە بېغىشلانغان بۇ كاتتا مەرىكىدىن ناھايىتى سۆيۈندۈم. ئەدىبنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئىجادىيىتىگە يەنىمۇ زور ئۇتۇقلار يار بولغاي!...
    ئۆتكەن يىلى كورلىدا ئۆتكۈزۈلگەن مۇشائىرە پائالىيىتىدە شائىر شېئىر دىكلاماتسىيە قىلغان ئىدى... گۈزەل خاتىرىلەر ھامان يادىمدا:

IMG_10_副本.jpg

بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   kroran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-30 14:04  

ۋاقتى: 2015-11-30 14:37:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇبارەك بولسۇن!ئۇستازنىڭ تىنىگە سالامەتلىك،بۇندىن كىيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيەتلىرىگە تېخىمۇ زور مۇۋەپپىقىيەتلەر تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-11-30 14:46:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  .تولىمۇي ياخشى ئىش بوپتۇ.ماخمۇت ئەپەندىنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىنى ئۆتكۈزىدىغان ۋاختىمۇ بولۇپ قالغان ئىدى      

ۋاقتى: 2015-11-30 20:39:42 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
admin يوللىغان ۋاقتى  2015-11-29 08:38

      يۇمۇرىستىك، مول-ھۇسۇللۇق يازغۇچى ‹‹ماخمۇت مۇھەممەد ئەسەرلىرى مۇھاكىمە يىغىنى ›› نى قىزغىن تەبىرىكلەيمەن.  ‹‹زامانىمىز نەسىردىن ئەپەندىسى -ھېسام قۇربان ›› ئاكىغا ئابىدە تىكلىگەن يازغۇچىمىز نەگە بارسا، نەدە تۇرسا شۇ  سورۇن ‹‹ مۇشائىرە ›› ۋە كۈلكە چاخچاق بىلەن ‹‹ ئوت چىقىپ ›› كېتەتتى.....
                             تېنىگە سالامەتلىك، تۇرمۇشىغا خاتىرىجەملىك تىلەيمەن !

ۋاقتى: 2015-11-30 23:16:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماخمۇت مۇھەممەت ئاكىنىڭ ‹‹كۆڭۈل ئىزھارىم›› ‹‹كارىۋات ئاستىدىكى ئەر›› ناملىق ماقالە،ھىكايىلەر توپلىمىنى ھازىرغىچە ساقلاپ سۆيۈپ ئوقىۋاتىمەن.ئۇستازنىڭ تېنىگە سالامەتلىك يار بولسۇن!

ۋاقتى: 2015-12-1 10:03:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن بۇ مۇھاكىمە سورۇنىغا داخىل بولالىغانلىقىمدىن خۇشالمەن ھەم مەھمۇد مۇھەممەد ئاكىغا يەنىمۇ زور ئىجادىي مۇۋەپپىقىيەت تىلەيمەن.

ۋاقتى: 2015-12-3 19:41:00 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ

ۋاقتى: 2015-12-15 23:21:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ماخمۇت ئاكىنىڭ ھېكايە يېزىش ئۇسلۇبىنى بەك ياقتۇرىمەن. قىسقا ۋە چۈشىنىشلىك يېزىلغان مىكرو ھېكايىللىرى ھەقىقەتەن كىشىنى ئويلاندۇرىدۇ ۋە تەپەككۇر چوڭقۇرلۇقىغا يېتەكلەيدۇ. مەن ياقتۇرۇپ ئوقۇغان ھېكايىللىىرىدىن«باھادىربەگ»«كىم ئاۋال مۇش ئاتتى»
«تەئەددي»«قىزىل لەيلى»«تۇمۇچۇق»«ئىلان»«يانفۇن ھېكايىللىرى»«كاتىپ خېنىم»«يانفۇن ھېكايىللىرى2»«غەلىتە ساقال»«سەككىز ۋىۋىسكا»«يانفۇن ھېكايىللىرى3»«تېلفۇنغا توي»...... قاتارلىق تېتىملىق قىسقا  ھېكايىللىرى بىلەن ئەدەبىياتىمىزنىڭ گۈللىنىشىگە ھەسسە قوشتى.
    مىكرو ھېكايە ئىجادىيتى ئەدەبىياتىمىزدىكى ئاجىز ھالقا بولۇپ تۇرۇۋاتقان،ھەم مىكرو ھېكايە پىروزىچىلىقىمىزدا ھازىرغىچە مۇناسىپ ئورۇنغا ، ھەققانىي باھاغا ئىرىشەلمەيۋاتقان چاغدا مەھمۇت مۇھەممەت ئاكىمىز يېڭىچە نەزەر ۋە چوڭقۇر تەپەككۇر بىلەن يۇقىرقىدەك خېلى كوپ مىكرو ھېكايىللىرى ئارقىلىق ئېقىنىمزنى بېيىتتى. مەھمۇت مۇھەممەت  بۇگۈنكى ۋە ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدەبىياتى مىكرو ھېكايە ئىجادىيىتىنىڭ مۇنەۋۋەر ۋەكىلى دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.
    مەن مەھمۇت مۇھەممەت ئاكىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى ئەدەبىي ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ مول نەتىجە، تىنىگە سالامەتلىك تېلەيمەن.
  
   تىما يوللىغۇچى admin غا رەھمەت.

ۋاقتى: 2015-12-15 23:25:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-12-15 23:26:01 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقا ھىكايىللىرىنىڭ راس ئۇقۇشچانلىقى بار.ئەسەرلىرىدە سۆرەلمە تەسۋېرلەر بەك ئاز .

ۋاقتى: 2015-12-15 23:26:05 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىسقا ھىكايىللىرىنىڭ راس ئۇقۇشچانلىقى بار.ئەسەرلىرىدە سۆرەلمە تەسۋېرلەر بەك ئاز .

ۋاقتى: 2015-12-26 00:27:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماخمۇت مۇھەممەت ئەپەندى ھەقىقەتەن كۆپ قىرلىق تالانت ئىگىسى بولۇشقا مۇناسىپ.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى

ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش