ئەدىب ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ ئىجادىي ھاياتى
ئازات سۇلتان
ھازىرقى زامان ئۇيغۇر ئەدىبلىرى ئىچىدە، ئادەتتە، پىروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغانلار شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، شېئىرىيەت ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۈللانغانلار پىروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانمايدۇ، ئەمما، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ بۇ ئىككى تۈرى بىلەن تەڭ شۇغۇللىنىدىغانلارمۇ يوق ئەمەس. ھالبۇكى، ئەدەبىي ئىجادىيەتنىڭ ئىككى تۈرى بىلەن تەڭ شۇغۇللىنىدىغان، پىروزا ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللانغاندىمۇ، ھېكايە، پوۋېست، رومان يېزىش بىلەنلا قالماي، بىيوگرافىك قىسسە، ئەدەبىي خاتىرە، تېلېۋىزىيە فىلىمى، تېلىۋىزىيە تىياتىرى، ئەدەبىي ئوبزور، ئىلمىي ماقالىلەرنىمۇ يازالايدىغان، شۇنداقلا خەلق ئېغىز ئەدەبىياتى ئەسەرلىرىنى توپلاپ، رەتلەپ نەشر قىلدۇرۇشقا ئالاھىدە تۆھپە قوشقان ئەدىبلەر كەمدىن - كەم ئۇچرايدۇ، كۆپ قىرلىق ئەدىب، ئىقتىدارلىق يازغۇچى، شائىر ماخمۇت مۇھەممەت ئەنە شۇ كەمدىن - كەم ئۇچرايدىغان ئەدىبلەردىن بىرى.
ماخمۇت مۇھەممەت 1952- يىل 6 - ئاينىڭ 3 - كۈنى غۇلجا شەھىرىنىڭ ھەرەمباغ مەھەللىسىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن. ئۇ 1958 - يىلدىن 1968 - يىلغىچە غۇلجا شەھەرىدە باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئوقۇغان. 1970 – يىلدىن 1974- يىلغىچە نىلقا ناھىيەلىك ھەسەلچىلىك فېرمىسى ۋە غۇلجا شەھىرىدىكى قارادۆڭ يېزىسىنىڭ بايكۆل كەنتىدە «قايتا تەربىيە» ئالغان. شۇنىڭدىن كېيىن تاكى 2000- يىلى خىزمەت ئېھتىياجى بىلەن ش ئۇ ئا ر رادىيو-كىنو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ كەلگىچە، غۇلجا شەھىرى قارادۆڭ يېزىلىق رادىيو پونكىتى، غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت يۇرتى، غۇلجا شەھەرلىك مەدەنىيەت ئىدارىسى،سابىق ئىلى ۋىلايەتلىك مەدەنىيەت باشقارمىسى، ۋىلايەتلىك ئاممىۋى سەنئەت سارىيى، ۋىلايەتلىك كۇتۇپخانا قاتارلىق ئورۇنلاردا كەسپى ۋە رەھبەرلىك خىزمەتلىرىنى ئىشلىگەن. 2000 – يىلى، ش ئۇ ئا ر رادىيو-كىنو-تېلىۋىزىيە ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ، ئىلگىرى ـ ئاخىرى بولۇپ مەسئۇل مۇھەررىرلىك، نازارەتچىلىك خىزمەتلىرى بىلەن شۇغۇللانغان، 2012- يىل6- ئايدا پېنسىيەگە چىققان.
ئۇ 1992 - يىلى مۇئاۋىن تەتقىقاتچى كەسپىي ئۇنۋانىغا، 2002 - يىلى كاندىدات ئالىي مۇھەررىرلىك كەسپىي ئۇنۋانىغا ئېرىشكەن، 1993-يىل 10-ئايدا مۇنەۋۋەر مۇتەخەسسىس بولۇپ باھالىنىپ، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاھىدە تەمىناتىدىن بەھرىمان بولغان. ماخمۇت مۇھەممەت ھازىر جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى ، جۇڭگو خەلق ئەدەبىيات - سەنئەتچىلەر جەمئىيىتى، جۇڭگو ئاز سانلىق مىللەت يازغۇچىلىرى ئىلمىي جەمئىيىتى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتى قاتارلىق كۆپلىگەن ئىلمىي جەمئىيەتلەرنىڭ ئەزاسى.
ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى بالىلىق ۋاقتىدىنلا باشلانغان. ئۇنىڭ «غۇنچە بىز» ناملىق تۇنجى شېئىرى 1965-يىل 10-ئايدا «ئىلى گېزىتى»دە، «ئاق چاچلىق قىز يايلاقتا» ناملىق شېئىرى 1971 – يىلى 5 – ئايدا «شىنجاڭ گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغان. شۇندىن بۇيان ئۇ تاكى ھازىرغىچە 1200 پارچىگە يېقىن شېئىر يازدى ۋە بۇلاردىن زور كۆپچىلىكىنى ئېلان قىلدۇردى. شۇ شېئىرلار ئاساسىدا ئۇنىڭ «قوڭغۇراق»، «ئالتۇن مۇنار»، «چەشمىلەر»، «مۇھەببەت مۇڭلىرى»، «باغقا بارايلى» قاتارلىق شېئىر توپلاملىرى نەشر قىلىندى. كېيىنكى يىللاردا ئۇ يىرىك شېئىرى ژانېر بىلەنمۇ شۇغۇللىنىپ «يەتتە بوۋاي ھېكايىسى»، «ئۇستازىمنىڭ ئۇستازى»، «مەڭگۈلۈك ھايات»، «ئەخمەتجان تۇتقان گۈلچاي» قاتارلىق 12 داستان - باللادا يېزىپ ھەرقايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلدى. «مۇھەببەت مۇڭلىرى» ناملىق شېئىرلار توپلىمىغا ئۇنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە شېئىرلىرى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن.
1971 - يىل 8 – ئايدا «ئىلى گېزىتى»گە بېسىلغان «تاڭ قۇياشى نۇرىغا چۆمگەن لەيلىزار» ناملىق ھېكايە ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ھېكايىسىدۇر. ئۇنىڭ مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان تۇنجى ھېكايىسى - ئۇنىڭ ئادەم ھەيران قالغۇدەك چىرايلىق تەبىئەت قوينىدا، شاۋقۇنلۇق قاش دەرياسى بويىدا ياشىغان ئاشۇ يىللىرىدا زوق - شوخ بىلەن يازغان ھېكايىلىرىدىن بىرى. ئۇ بۇ يەردە يەنە «سالچىنىڭ ئوغلى»، «سەيخىندولادا باھار»، «ئىككى تال قىزىل ئالما»، «ئاھ، يانتۇ سۈرەت»... قاتارلىق نۇرغۇن ھېكايىلەرنى يازدى. بۇ ھېكايىلەرنىڭ بەزىلىرى ئەينى يىللاردا ياشلار تەرىپىدىن قولدىن – قولغا ئۆتۈپ كۆچۈرۈلگەنىدى. ئۇنىڭ «سالچىنىڭ ئوغلى»ناملىق ھېكايىسى ئاتاقلىق يازغۇچى ۋاڭ مېڭ تەرىپىدىن خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىندى ۋە 1974 - يىلى خەنزۇچە «شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئىتى» ژۇرنىلىدا ئېلان قىلىنىپ ئوقۇرمەنلەر ئارىسىدا كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىدى. ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ ھازىرغىچە مەتبۇئاتتا ئېلان قىلىنغان ھېكايىسى 400 پارچىدىن ئاشىدۇ. شۇ ھېكايىلەر ئاساسىدا كېيىنكى يىللاردا ئۇنىڭ «سالچىنىڭ ئوغلى»، «سومكىدىكى جېدەل»، «ئاھ يانتۇ سۈرەت»، «ئايالىمنىڭ دوستى»، «كۆزلەر سۆزلەيدۇ»، «كارىۋات ئاستىدىكى ئەر» قاتارلىق ئالتە ھېكايىلەر توپلىمى نەشر قىلىندى. بۇ توپلاملاردىكى «گۈزەل قىرغاق»، «ئايالىمنىڭ دوستى»، «جانىجان ئورۇندۇق»، «مەڭگۈلۈك ھەسرەت»، «مەۋاخۇن» قاتارلىق ھېكايىلەر يازغۇچىنىڭ ۋەكىللىك خاراكتېرىگە ئىگە، ئېسىل ھېكايىلىرىدۇر.
ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ يېزىقچىلىقتىكى ئالاھىدىلىكى قىسقا ۋە ھەجۋىي يېزىش بولۇپ، بۇ ئۇسلۇب ئۇنىڭ ھېكايىلىرىدا ئالاھىدە كۆزگە تاشلىنىپ تۇرىدۇ. ئۇ ئېلان قىلغان ھېكايىلەرنىڭ مۇتلەق كۆپچىلىكى قىسقا ھېكايىلەردۇر. كېيىنكى يىللاردا يازغۇچى ھېكايە ئىجادىيىتىدىكى ئۆزگىچىلىكى ۋە خاسلىقىنى ئىزدەپ ھەمدە يېتىلدۈرۈپ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا يىپيېڭى بىر ھالەت بولغان شىڭگىل ھېكايىلەر، يانفون ھېكايىلىرى قاتارلىق يېڭىچە شەكىللەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ مۇۋەپپەقىيەت قازاندى. دەۋر بىلەن نەپەسداش، يېڭىدىن - يېڭى تېمىلارغا مۇراجىئەت قىلىنغان بۇ ئۆزگىچە ھېكايىلارنىڭ ھەر بىرى ئوقۇغان ئادەمنىڭ يادىدا تولىمۇ تەسىرلىك شېئىردەك ئۇنتۇلماي ساقلىنىپ قالىدۇ. ھېكايە ئىجادىيىتىنىڭ راۋاجى سۈپىتىدە ماخمۇت مۇھەممەت كېيىنكى پەيتلەردە پوۋېست ئىجادىيىتىدىمۇ ئۆزىنىڭ ئالاھىدىلىكىنى جارى قىلدۇردى. يەنى، ئۇنىڭ قىسقا ۋە يۇمۇرلۇق بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە «نەزمەت كۆلەڭگىنىڭ ئاجايىپ سەرگۈزەشتلىرى»، «ئاخىرقى كۈلكە» قاتارلىق ساتىرىك پوۋېستلىرى ۋە «ئۆچمەس گۈلخان»، «يۈرەك چىدىمايدىكەن» قاتارلىق شېئىرى تىلغا باي پوۋېستلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 10 پوۋېستى ئوقۇرمەنلەر بىلەن ئىلگىرى – ئاخىر بولۇپ يۈز كۆرۈشۈپ، مۇئەللىپنىڭ يىرىك پىروزا ژانېرى بىلەن شۇغۇللىنىشىغا ئاساس سالدى. بولۇپمۇ ئۇنىڭ «ھاسان قايماقنىڭ سەرگۈزەشتلىرى» ناملىق قىسسە خاراكتېرلىك پوۋېستىدا ھاللىق سەۋىيەگە يېتىش يولىدا تىرىشىۋاتقان ئىلى دېھقانلىرىنىڭ ئۆزگىچە ۋە قىزىقارلىق تۇرمۇشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. يازغۇچى ھاسان قايماق ئوبرازى ئارقىلىق گۈزەل ئىلى ۋادىسىدىكى ئەمگەكچان ئۇيغۇر دېھقانلىرىنىڭ ياشاش ئالاھىدىلىكى، تۇرمۇش ئۆرپ ـ ئادەتلىرى، ئۆزگىچە خاراكتېرى ھەمدە ئۇلارنىڭ ئۆزىگە خاس يەرلىك تىلىنى ئەپچىل ۋاسىتىلەر ۋە قىزىقارلىق تۇرمۇش كارتىنىلىرى ئارقىلىق يورۇتۇپ بەرگەن. يۇقىرىقى پوۋېستلار 1991 – يىلى شىنجاڭ ياش ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى تەرىپىدىن «ئاخىرقى كۈلكە» نامىدا ۋە 2001 – يىلى شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى تەرىپىدىن «ھاسان قايماقنىڭ سەرگۈزەشتلىرى» سەرلەۋھەسىدە ئايرىم توپلام بولۇپ نەشر قىلىندى.
پىروزا ئىجادىيىتىدىكى ئۇزاق يىللىق قەلىمىنى سىناش ماخمۇت مۇھەممەتنى پىروزىنىڭ ئەڭ يىرىك ژانېرى بولغان رومان ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىش يۈكسەكلىكىگە ئېلىپ باردى. 1996 – يىلى ئۇنىڭ «شۇنداق كۈنلەرمۇ ئۆتكەن» ناملىق رومانى نەشر قىلىنىپ كەڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ بولۇپمۇ، ياش ئوقۇرمەنلەرنىڭ ياقتۇرۇپ ئوقۇشىغا ئېرىشتى. ئوبزورچىلار بۇ رومانغا «پەلسەپىۋى ئويلىنىش ئىقتىدارى نامايان قىلىنغان ئەسەر» دەپ باھا بەردى. 2004 – يىلى ئۇنىڭ «ھېسام ھەققىدە قىسسە» ناملىق بىيوگرافىك رومانىنى نەشر قىلدى. بۇ ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدا ھايات شەخس ھەققىدە يېزىلغان تۇنجى رومان بولۇپ، «زامانىمىزنىڭ ھايات نەسردىن ئەپەندىسى» دەپ نام ئالغان ھېسام قۇرباننىڭ ئەگرى – توقاي ھايات يولى تولىمۇ قىزىقارلىق رەۋىشتە مۇۋەپپەقىيەتلىك بايان قىلىنغان. بۇ رومان نۆۋىتىدە يەنە ئۇيغۇر مەدەنىيىتى، جۈملىدىن ئىلى مەدەنىيەت سەنئىتىنىڭ جانلىق كارتىنىسىنى سىزىپ بەرگەن يىرىك ئەسەر بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتتا، يەنى 2013 – يىلى ماخمۇت مۇھەممەت يۇقىرىقى بىيوگرافىك روماننىڭ ئىزىدىن، ئۇيغۇر لەتىپىچىلىكىدە كۆزگە كۆرۈنگەن شەخس ئىشقىيار نامەتنىڭ ھايات يولى ھەققىدىكى ئىككىنچى بىيوگرافىك رومانى — «ئىشقىيار نامەت»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك يېزىپ چىقتى. «چۈمبەل» رومانى يازغۇچىنىڭ ئۈچىنچى رومانى بولۇپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىدىكى تۇنجى ساتىرىك رومان ھېسابلانغان بۇ ئەسەر 2012 – يىلى نەشر قىلىنىپ، ئوبزورچىلارنىڭ ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى.
ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ يەنە بىر مۇھىم ئۇنتۇلماس ئەمگىكى ئۇنىڭ خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىنى توپلاش ۋە رەتلەش ساھەسىدە كۆرۈلىدۇ. ئۇ 30 نەچچە يىل داۋامىدا داڭلىق چاقچاقچى ھېسام قۇربان ئاكىنىڭ ھاياتى ۋە چاقچاقلىرىنى تەتقىق قىلىپ، توپلاپ رەتلەپ، ئۇيغۇرچە - خەنزۇچە 10 توپلام «ھېسام چاقچاقلىرى»نى نەشر قىلدۇردى. بۇ ساھەدە ئۇ يەنە «تېيىپجان ئېلىيوف چاقچاقلىرى»، «دۇردانە لەتىپىلەر» قاتارلىق كىتابلارنى نەشر قىلدۇردى.
ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ مۇھىم خىزمەتلىرىنىڭ يەنە بىرى ئېكران سەنئىتىدە كۆرۈلىدۇ. 2000 – يىلى ئاپتونوم رايونلۇق رادىيو كىنو تېلېۋىزىيە ئىدارىسىغا يۆتكىلىپ كېلىپ تاكى 2012 – يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر ئۇ «نيۇيوركتا مۇھەببەت ئىزدەش»، «ئۇزۇن ئورۇندۇق»، «تۇنجى مۇھەببەت» ناملىق كىنولارنى ۋە دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن 21 قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى «ھەققانىيەت يولى»نى (باشقىلار بىلەن بىللە) تەرجىمە قىلدى. «چاڭ – توزان بېسىققاندا»، «كۆرۈمسىز قىز لېتسىيە»، «جۇڭگو زېمىنى»، «ئانام»، «ناياڭپارنىڭ قىزلىرى»، «ئودرىي خېپبرون»، «تويدىكى كۈيچى»... قاتارلىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1496 قىسىم فىلىمنىڭ مەسئۇل تەھرىرلىكىنى ئىشلىدى. «گاچا كېلىن»، «سۈيىقەست ۋە نىكاھ»، «جولسۇننىڭ ھېكايىسى»، «خىلۋەتتىكى داچا» قاتارلىق كۆپ قىسىملىق تېلېۋىزىيە تىياتىرى ۋە كىنولارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 1189 قىسىم فىلىمنىڭ نازارەتچىلىكىنى ۋە فىلىم تەكشۈرگۈچىلىكىنى قىلدى. بۇ يىللاردا ئۇ خىزمەت ئالاھىدىلىكىگە ماسلىشىپ، جۈملىدىن ئېكران سەنئىتىگە بېغىشلانغان ئىجادىيەت ۋە مۇھاكىمە – تەقرىز خىزمىتىگىمۇ ئالاھىدە كۆڭۈل بۆلۈپ كەلدى. ھازىرغىچە «ئىلى ۋادىسىدا مەشرەپ»، «مارجانبۇلاق»، «ئۆلمەس ناخشىلار»، «ئىلى ئوتتۇز ئوغۇل مەشرىپى»، «چاقچاقچى ھېسامنىڭ كەچۈرمىشلىرى»، «ناخشىچى بالا»، «ئۈزۈلمەس كۈلكىلەر» قاتارلىق كۆپلىگەن بەدىئىي سەنئەت فىلىملىرىنى يازدى. ئۇنىڭ ھېكايىلىرى ئاساسىدا ئىشلەنگەن «ئايالىمنىڭ دوستى»، «سۆيگۈ گۈلى» ناملىق تېلېۋىزىيە فىلىملىرى كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. دراما ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ ئۇنىڭ ئىجادىيىتىنىڭ يەنە بىر قىسمى بولۇپ، «بۇ سەھنىدىن مەڭگۈ چۈشمەيمىز»، «بىر يىلدا ئىككى باھار» قاتارلىق دىرامىلارنى ۋە كۆپلىگەن ئېتوت، كۈلدۈرگىلەرنى يازدى. نۆۋىتى كەلگەندە ئۇنىڭ ئەدەبىي تەرجىمە ساھەسىدە قىلغان ئەمگەكلىرىنىمۇ ئاتاپ ئۆتۈپ كېتىشكە توغرا كېلىدۇ. ھازىرغىچە ئۇ خەنزۇ، ئۆزبېك، قازاق، قىرغىز، تاتار تىللىرىدىن نەچچە يۈز پارچە نادىر شېئىرلارنى تەرجىمە قىلدى. ئوتتۇرا ئاسىيا شېئىرىيىتىدىن نەمۇنىلەر بولغان «ئاق بانتىك» ناملىق شېئىرلار توپلىمى بۇنىڭ مەھسۇلىدۇر.
ماخمۇت مۇھەممەت ئۇزاق يىللىق ئىجادىيىتى داۋامىدا بالىلار ئەدەبىياتى، ناخشا تېكىستلىرى ئىجادىيىتى ۋە سەنئەت ئوبزورچىلىقى جەھەتتىمۇ نۇرغۇن سەمەرىلىك ئەمگەكلەرنى قىلدى. ئۇنىڭ «سومكىدىكى جېدەل»، «باغقا بارايلى»، «كۆڭۈل ئىزھارىم»، «سەن شۇنداق ياشا» قاتارلىق كىتابلىرى بۇنىڭ دەلىلىدۇر. ئەسلىمە – تەزكىرە ئىجادىيىتى بىلەن شۇغۇللىنىشمۇ ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ مۇھىم ئالاھىدىلىكلىرىنىڭ بىرى. «قايغۇلۇق ئەسلىمىلەر»، «قەلبىمدىكى زوردۇن سابىر»، «تارىخنىڭ كۆزى — مۇسا سايرامى»، «ئابرال ئوغلى» قاتارلىق كىتابلار ئەنە شۇ سىجىل ئەمگەكلەرنىڭ شاھىدى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ ئەسەرلىرى كۆپ يىللاردىن بېرى ئوقۇرمەنلەرنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ۋە ئەدەبىي ئوبزورچىلارنىڭ يۇقىرى باھاسىغا ئېرىشىپ كەلدى. ئۇ ھازىرغىچە 42 قېتىم مەملىكەتلىك ۋە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ھەر خىل مۇكاپاتلارغا سازاۋەر بولدى. جۈملىدىن ئۇنىڭ بالىلارغا ئاتاپ يېزىلغان «باغقا بارايلى» ناملىق ناخشا تېكىستى 1986 ـ يىلى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى بويىچە 1 ـ دەرىجىلىك ناخشا تېكىستى مۇكاپاتىغا، مەملىكەت بويىچە 3 ـ دەرىجىلىك ناخشا تېكىسىتى مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. ئۇ يازغان تېلېۋىزىيە بەدىئىي فىلىمى «ئىلى ۋادىسىدا مەشرەپ» 1993 – يىلى مەملىكەتلىك «ئالتۇن تۇلپار» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى. «ئىككى بارماق» ھېكايىسى، «ئۇيغۇر دېھقانلىرى» شېئىرى 4 – ۋە 17 – قېتىملىق «خانتەڭرى ئەدەبىياتى مۇكاپاتى»غا ئېرىشتى. «يىگىتمۇ يىغلايدۇ» ناملىق ھېكايىسى تۇنجى نۆۋەتلىك «ئىلى دەرياسى مۇكاپاتى» غا ئېرىشتى.
شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى بۇ يىل كۆپ قىرلىق ئەدىب ۋە ئىقتىدارلىق يازغۇچى، شائىر ماخمۇت مۇھەممەتنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيەتكە كىرىشكەن 40 نەچچە يىلدىن بېرى تۈرلۈك ژانېرلاردا ئىجاد قىلغان ئەسەرلىرىنى تاللاپ 10 توم قىلىپ نەشر قىلدى. مۇشۇ ئاساستا بۈگۈن ئاپتونوم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمئىيىتى بىلەن شىنجاڭ ياش – ئۆسمۈرلەر نەشرىياتى بىرلىكتە «ماخمۇت مۇھەممەت ئەسەرلىرى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى»نى ئېچىپ ئولتۇرۇپتىمىز. ئالدىمىزدىكى 10 توم ئەسەر مۇئەللىپنىڭ تىنىمسىز ئىزدىنىش روھى، تىرىشىپ ئۆگىنىش روھى، يېڭىلىق يارىتىش روھىنىڭ مەھسۇلى. بىز مۇئەللىپنىڭ ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب يارىتىپ ئىجاد قىلغان ھەر خىل ژانېرلاردىكى نادىر ئەسەرلىرىنىڭ ئوقۇرمەنلەرنىڭ سۆيۈپ ئوقۇشىغا ئېرىشىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز.
ئاخىرىدا بىز بۇ تىنىمسىز ئىزدىنىش روھىغا باي، ھۆرمەتكە سازاۋەر مۇئەللىپنىڭ تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە خاتىرجەملىك، ئىجادىيىتىگە تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەت تىلەيمەن.