يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 499|ئىنكاس: 17

مەخەت ئابدۇرېھىم: بىشارەت باغىقى (سۆز ئويۇنى)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-27 23:58:17 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
بىشارەت باغىقى


(سۆز ئويۇنى)


مەخەت ئابدۇرېھىم


بىز بىلىدىغان، بىلمەيدىغان بارلىق بۇرادەرلەرگە:



بۇرۇننىڭ بۇرۇنىسىدا بىزنىڭ بەشكىرەمدىكى باغۋەنلەرنىڭ باھادىرى بوستان بوۋاينىڭ بەش بالىسى بولۇپ،بوستان بوۋاي بارلىق بايلىقلىرىنى بەش بالىسىغا بۆلۈپ بەرگەن بولسىمۇ، بۇ بالىلارنىڭ بەزىللىرى بوۋىسى بەرگەن بايلىقلاردىن بەلگۈلۈك بەھىرلىنەلمىگەن. بۇنداق بولىشىدىكى بانىلار،بالىلارنىڭ بىرسى -بەك بىپەرۋا، بىغەم بولغاچقا بوۋىسى بەرگەن بايلىقنى باشقىلارغا بىكارغا بىرىۋىتىپ بەزگەكتەك بىزىرىۋالغان. بىرسى بەك بەڭۋاش بولغاچقا، بارمىسىمۇ بولىدىغان باراۋەت-بەزمىلەرگە باغاق بەرسۇن-بەرمىسۇن بېرىۋىرىپ، باھا بىكىتمەي بايلىقنى بىرىۋىرىپ بۇزىۋەتكەن. بىرسى بەك بوشاڭ،بىچىقىم بولغاچقا بوۋىسى بەرگەن بايلىقلارنى باشقىلارغا،بۇلاڭچىلارغا بىرىۋەتكەن. بىرسى بەك بايۋتچى بولغاچقا بايلىقىنىڭ باھاسىنى بىكىتمەي بىرىۋىرىپ بۇزىۋەتكەن.


بىرسى بايلىقنىڭ بەھرىنى بىلىدىغان بولۇپ بوۋىسى بەرگەن بايلىقلاردا بەركەت، بەخىت،بايلىق بارلىغىنى باشتىلا بايقاپ بەشكىرەمنىڭ بوستانلىق باغچىسىدىكى باغۋەن بۇرادەرلىرىنىڭ بايلىقى بىلەن بىرلەشتۈگەچكە بەشكىرەمدە بىھىشنىڭ بەلگىسىنى بىلدۈردىغان بەشكىرەمنىڭ بوستانلىق باغلىرى بىنا بولغان.


بۇرادەرلەر، بوستان بوۋايغا بېغىشلانغان بۇ بايانلار بىر بىيىتتەك بىلىنىدۇ. بەلكىم بۇ بايانلاردىكى بىشارەتلەرنى بىلدىڭلار، بىلىم بەكمۇ بەركەتلىك،بەكمۇ بەلەن باھاسىز بايلىق. بىلىم-بەخىتنىڭ، بايلىقنىڭ بىشارەت بەلگىسى.


بىلىم بولسىلا باياۋانلاردا باغۇ-بوستانلىق بەرپا بولالايدۇ. بىلىم بولسىلا بىز بالىلارنى، بالىلار بىزنى باغچىلارغا باشلىغىلى بولىدۇ.


بىلىم بىزنى بەخىت بايرىمىغا باشلايدىغان بايراق. بىلىم باشقىلار بىزگە بىرىۋاتقان بەركەتنىڭ بەيگىسى.


بىلىم بولسا باشقىلارغا، بايلارغا،بىلىمسىز باشلىقلارغا، بۇلاڭچىلارغا، بۇزغۇنچىلارغا بوزەك بولمايمىز.


بۇرادەرلەر؛ باھار بايرىمىدا بىرىنچى بولۇپ بەشكىرەمگە بېرىشقا <بەخت> باغىقى بىرىپ بەخىتنىڭ باھاردىن باشلىندىغانلىقىدىن بىشارەت بەردىم، بالىلار بايرىمىدا بالىلار بىلەن باغچىلارغا بېرىپ بالىلارغا بارلىغىمىزنى بېغىشلاشقا <بەركەت> باغىقى بەردىم، بۈگۈن بوستان بوۋاينىڭ بالىلىلىرغا بايلىق بۆلۈپ بەرگەن بايانلىرىنى بىلىۋىلىشقا <بىشارەت> باغىقى، بۇ بۇرادەرلىرىمگە باغرىمدىن بىرىلگەن بىشارەت. بەشكىرەمدىكى بوستان بوۋاينىڭ باغلىرىغا بىر-بىرىمىزنى،بولۇپمۇ بالىلىلىرمىزنى باشلاپ بەس- بەستە بارايلى. بالىلار بىلمىگەنلىرىنى بىلىۋالسۇن. بالىلار بىزنىڭ بەختىمىز. بىزنىڭ بەختىمىز بالىلارنىڭ بەختى بىلەن باغلانغان.


بالىلار بىلىملىك بولالىسا؛-بوستان بوۋايدەك باغۋەن بولالايدۇ، باھاۋۇدۇن بايدەك باي بولالايدۇ، باھادىرخاندەك باھلىنالايدۇ، بىلگايدىستەك بايلارنىڭ بىرىنجىسى بولۇپ بايلىقىنى باشقىلارغا بىرەلەيدۇ.


بۈگۈندىن باشلاپ بارلىق بۇرادەرلەر،باغرىمىز بولغان بالىلار بەخىتلىك بولسۇن! باغرىمىز بالىلارغا بېغىشلانسۇن!





بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-28 16:03  


ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-28 17:15:32 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھە  مانا   گەپ دېگەننى مۇشۇنداق دېگۈلۈك .

ۋاقتى: 2015-11-28 18:30:57 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك بەلەن بوپتۇ بۇ بابتىكى بايانلار...بايانلارنى بېزەشكە بەكمۇ بېرىلىپسىز...بەختلىك بولۇڭ بۇرادەر.

ۋاقتى: 2015-11-28 21:13:41 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر چېچەن قىزىقچى بار ئىسمى مەخەت
قايىلمىز بولغاچقا ئۇنىڭدا سۈپەت
توقۇسا ئۇ يۇمۇر قىلمايمىز ھەسەت
توقۇڭچۇ يۇمۇردىن يەنە بىر نۆۋەت

ۋاقتى: 2015-11-28 21:28:28 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەلەملىرى توختاپ قالمىغاي.

ۋاقتى: 2015-11-28 22:46:20 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەخەت مۇئەللىمنىڭ مۇنبەردىكى مۇڭى، مەنىۋىيىتى، مۇھەببىتى موللاشماقتا.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-29 10:26:51 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆتتاش يوللىغان ۋاقتى  2015-11-28 22:46
مەخەت مۇئەللىمنىڭ مۇنبەردىكى مۇڭى، مەنىۋىيىتى، مۇھەب ...

توردىشىم تۆتتاشنىڭ تەلەپ تەكلىپلىرى،تاتلىق تەلىم تەربىيسىدىن تولىمۇ تەسىرلەندىم.تاتلىق تىلىمدىن تۆتتاشقا تەشەككۇ.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-29 11:07:25 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىمىر يوللىغان ۋاقتى  2015-11-28 21:13
بىر چېچەن قىزىقچى بار ئىسمى مەخەت
قايىلمىز بولغاچقا ئۇ ...

ياخشى تەكلىپ بىرىپسىز ئىمىر غىياس،
يۇمۇر يازالايدۇ دەپ قىلغاچ قىياس.
قىزىقارلىق ئەسەرلەرنى يازىمىز،
بۇ بىزلەرگە ئەجداتتىن قالغان مىراس.


ۋاقتى: 2015-11-29 11:25:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-11-29 13:50:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
mahatjan يوللىغان ۋاقتى  2015-11-29 11:07
ياخشى تەكلىپ بىرىپسىز ئىمىر غىياس،
يۇمۇر يازالايدۇ د ...


مەخەتچان مۇئەللىم، مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋىي مەدىنىيتى مۇجەسسەملەشكەنكەن مىللىي ماسلىق مول مۇجەسسەملەنگەن مەرىپەتپەرۋەرلىك، مەرىت-مەردانىلىق، مىللى مەستانىلىققا ماسلاشتۇرۇلغان مۇنبەرگە مۇھىم مەسىلەرنى، مەكتۇپلىرىڭىزدە  مىللىتىمىزنىڭ مەنىۋيىتىنى مەدھىلىدىڭىز.
  مەنمۇ مەخەت  مۇئەللىمدەك ماھىر مەرىپەتچى، مەشئەلچى، مائارىپچىنى  مەرىپەت مېۋىسى مولللاشقا مەدىھىيەلەپ  ماختايمەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   تۆتتاش تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-29 13:51  


ۋاقتى: 2015-11-29 20:40:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ مەخەتچان مۇئەللىمدىن مىننەتدارمەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-1 22:35:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەرزەنىتنىڭ ئىززىتى ، ئاتا –ئانىنىڭ ھۆرمىتىدۇر
كىشىلىك ھايات بىر -بىرىمىزنى قەدىرلەش ، بىر –بىرىمىزگە بولغان ئىشەنىچ ۋە ھۆرمەتنى كۈچەيتىش بىلەن نۇرلىنىدۇ ، كۆپ ھاللاردا كىشىلەر بىرەر كۆڭۈلسىزلىككە ، ئوڭۇشسىزلىققا يولۇقسا باشقىلاردىن ئاغرىنىدىغان ئەھۋاللارنى دائىم ئۇچرىتىپ تۇرىمىز ، ئۆزىنىڭ شۇ ئوبىكتىپ دۇنيادا مەن ئۆزۈم رولۇمنى قانداق جارىي قىلدۇرىۋاتىمەن ؟ قايەردە كەتكۈزۈپ قويدۇم ؟ دەپ ئويلاشمايدۇ ، قەدىرلەش ، ھۆرمەت ، ئىززەتلەش شۇ شەخسنىڭ قەلىپ تۆرىدىن ئورۇن ئالغان بولسا ، كېسىپ ئېيتىشقا بولىدۇكى شۇ شەخىسنىڭ تۇرمۇش ۋە ھايات يولىدا ئېرىشىدىغان مىننەتدارلىق تۇيغۇسى يۇقىرى بولىدۇ .بۇ ئۈچ ئەنگۈشتەرنىڭ چېتىلىش دائىرىسى ئىنتايىن  كۆپ بولۇپ ، بۇ ماقالىدا  بىز نۇقتىلىق تۈردە پەرزەنىتكە بولغان ئىززەتنى كۈچەيىتسە ئاتا –ئانا بولغۇچىنىڭ شۇ پەرزەنىت ئالدىدىكى ھۆرمىتىنىڭ يۇقىرى بولىدىغانلىقى توغرىسىدا توختىلىمىز .
ھەرقانداق ئاتا –ئانىدا پەرزەنىتكە نىسبەتەن ئوتتەك مېھىر –مۇھەببەت بولىدۇ ، پەرزەنىت ئىشقىدا كۆيمەيدىغان ، پەرزەنىت ئۈچۈن قولىنى كۆسەي ، چېچىنى سۈپۈرگە قىلمايدىغان ئاتا –ئانا يوق بولىشى مۈمكىن ، بىراق پەرزەنىتكە نىسبەتەن مېھىر –مۇھەببەت ھەددىدىن زىيادە كۈچىيىپ كەتسە ئەكسى تەسىر بېرىپ قويىدىغان ئىشلارمۇ يۈز بېرىپ قالىدۇ ، ئادەتتە پەرزەنىتلەرنىڭ ئىززىتىنى قىلىشتا ئۇنىڭ ئائىلىدىكى ، جەمىيەتتىكى ، دوسلىرى ئالدىدىكى ئىززىتى بەك مۇھىم ، بىز ئادەتتە پەرزەنىت تەربىيىسىدە ئۇلاردىن كۈتىدىغان ئۈمىدىمىز ، ئارزۇ –نىشانلىرىمىز ئوبېكتىپ ئەمىلىيەتنى ، بالىنىڭ كۆتىرىش ئىقتىدارىنى ئويلاشمىغان ھالدا ئۆزىمىزنىڭ سوبىكتىپ ئارزۇسىنى ئاساس قىلىپ قالىدۇ ، كۆپىنچە ئاتا –ئانىلاردىكى ئەجەللىك ئاجىزلىق شۇكى ، پەرزەنىتنىڭ ماددىي كاپالىتىگە كۈچەپ ، ئۇلاردىكى مەنىۋىي قۇرغاقلىققا نىسبەتەن سەل قارايدىغان ، ئۇلارغا باھاردىكى شىپالىق يامغۇردەك قەلىپ تۆرىگە سىڭىپ كىرەلمەيدىغان ، ئۇلار بىلەن سىردىشىشقا سەل قارايدىغان ئۆزىنىڭ ھايات يولىدا كەچۈرگەن كەچمىشلىرىدىن ۋاقىپلاندۇرمايدىغان ئەھۋال بىر قەدەر ئېغىر ، بۇنىڭدىن باشقا ئاتا –ئانا بولغۇچى چوقۇم كۆز ئالدىدىكى ئائىلە مەسىلىلىرىنى پەرزەنتى بىلەن مۇزاكىرە قىلىپ ئورتاق ھەل قىلىش چارىسى ئۈستىدە پىكىرلەشسە بۇنىڭ شۇ پەرزەنىتنىڭ ئىززىتىنىڭ قەدىرلىنىشىدە رولى چوڭ بولىدۇ .ئەگەر ئۇنداق بولمىسا  پەرزەنتىمىز بىز كۈتكەن شۇ ئارزۇنىڭ ئەكسىچە بولۇپ قالسا ھەم يەنە كۈتكەن يېرىمىزدىن چىقمىسا ئوڭايلا پەرزەنىتتىن ئۈمىتسىزلىنىدىغان ، ئۇنىڭ ئىززىتىنى قەدىرلىمەيدىغان ياكى بالىنىڭ ئىززەت –غۇرىرىغا تەسىر يەتكۈزىدىغان مەسىلىلەرنى سادىر قىلىپ قويىمىز .
پىشقان مائارىپچىلارنىڭ شۇنداق بىر سۆزى بار پەرزەنىت تەربىلىنىش باسقۇچىدا مۇنداق ئىككى ياقلىق نابۇت قىلىنىشقا ئۇچرايدۇ .بىرى ئائىلىنىڭ نابۇت قىلىشى ،يەنە بىرى مائارىپنىڭ نابۇت قىلىشىنى كۆرسۈتىدۇ .ھەر ئىككىلا تەرەپتىن نابۇت قىلىنىشتا ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغىنى شۇ پەرزەنىتنىڭ ئىززىتىگە تاقىلىدىغان ،غۇرىرىنى دەپسەندە قىلىدىغان سۆز ۋە ھەرىكەت بىلەن تەربىيە بېرىش ئۇسۇلىدۇر ، بۇنداق ئۇسۇلنىڭ دەسلەپكى قەدەمدە پىچاق بىسىدەك ئۈنىمى بولغان بىلەن ئاقىۋەتتە ئۇنىڭ كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان زىيىنى بەك ئېغىر بولىدۇ . ئەگەر پەرزەنىت ئۆز ئاتا –ئانىسى ۋە ياكىي ئۇستازى ئالدىدا ئۆز ئىززىتىنى تاپالىسا ئۇنىڭ روھىدا ئۇنى داۋاملىق ئالغا ئىنتىلدۈرىدىغان ئېنىرگىيە زاپىسى مول بولىدۇ ھەم بۇنداق پەرزەنىتلەرنىڭ ئاتا –ئانىسى ۋە ئۇستازىغا بولغان ھۆرمىتىمۇ باشقىچە بولىدۇ ، يېقىندا مەن بىر ئاتا -ئانىغا ئالىي مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان ئوغلىدىن كەلگەن ئۇچۇرنى ئوقۇپ ، بۇ ئاتا –ئانا بولغۇچىغا بەكمۇ ھەۋەسلەندىم ھەم قايىل بولدۇم ئۇچۇر مەزمۇنى قىسقىلا بولۇپ « قەدىرلىك دادا ۋە ئاپا مەن سىلەرنىڭ پەرزەنتىڭلار بولۇپ قالغانلىقىمدىن تولىمۇ پەخىرلىنىمەن ›› دىيىلگەن ، بۇ گەپنىڭ نىمە ئۈچۈن دىيىلگىنىنى سورىغۇم كېلىپ ئەھۋالنى ئۇقسام ، بۇ ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى شۇ بىر قېتىملىق بايراملىق دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىر نەچچە جەنۇپلۇق ئاغىنىسىنى يۇرتىغا باشلاپ ئەكەلگەن ئىكەن ، بۇ يەردە ئاتا –ئانىسىنىڭ قىلغىنى ئوغلىغا بولغان ئىززەتنى مىھمانلارغا ئېغىز بۇرنىدىن چىققۇچە يىگۈزۈش بولماستىن ، بەلكى پەرزەنتى ۋە كەلگەن مېھمانلار بىلەن دائىم بىرگە بولۇپ ، ئۇلارنى تاشلىۋەتمەي ئوغلى ۋە مېھمانلار بىلەن بار مەسلەھەت ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش ئېلىپ بارغانلىقى بولۇپتۇ ، قارىماققا بۇ ئاددىي ھەممە ئادەم قىلالايدىغان ئىشتەك كۆرىنىدۇ ، ئەمىلىيەتتە بولسا پەرزەنتىگە ۋاقىت ئاجراتماي پەقەتلا  پەرزەنىت ئىززىتىنى پۇلغا ، يىمەك –ئىچمەككە تاقاپ قويىدىغان ئاتا –ئانىلار بولسا بۇنى قاملاشتۇرالمايدۇ ، ئۇلارنىڭ ئىدىيىسىدە مەئىشەتنىڭ ئۆزى رازى قىلغانلىق دەپ قارىلىدۇ .
يېقىندا  بىزنىڭ يۇرتتا بىر تۇل موماينىڭ قىزى ئالىي مەكتەپكە ئۆتتى ، مەن بۇ ئائىلە بىلەن خېلى يېقىن مۇناسىۋەتتە بولغانلىقىم ئۈچۈن ،ئانا –بىلەن نەۋرە ئوتتۇرىسىدىكى پەدىشەپ ، ئانىنىڭ نەۋرە ئالدىدىكى ھۆرمىتى بىلەن نەۋرىنىڭ ئانا ئالدىدىكى تەبىئىي ئىززىتى مېنى ھەيران قالدۇراتتى ئۇلار قانداقتۇر ئالىي مەلۇماتلىقمۇ ئەمەس ، نورمال كېتىۋاتقان بىر ئائىلە يەنە كېلىپ تۇرمۇشتا ھەرگىزمۇ باشقىلارنىڭ خەيرىخاھلىقىغا ، ئىچ ئاغرىتىشىغا مۇھاج بولۇپ قېلىشنى خالىمايدىغان ھويلا –ئاراملىرىغا ئوتياش تېرىپ ، تۇخۇ –غاز بېقىپ ، باشقىلارغا ياردەملىشىپ ياشاپ كېتىۋاتقان ئائىلە ئىدى ، مەن بۇ ئائىلىنىڭ گەرچە ئىككى جان بولسىمۇ ئۇلاردىكى شادىمانلىقتىن سۆيىنەتتىم ، قىز ئالىي مەكتەپكە ئۆتكەندىن كېيىن ئانا تۈككەن تۈگۈچلىرىدىكى پۇلنى تۆكۈپ لايىقىدا يول تەييارلىقىنى قىلدى ، ھۆكىمەتمۇ تېگىشلىك ياردەم پۇلنى ئايىمىدى ، مېنىڭ قەلبىمنى لەرزىگە سالغىنى شۇ بولدىكى قىز سەپەرگە ئاتلانغاندا ،بىز بۇ تەلەيلىك قىزنى كارىۋاتلىق ئاپتوبۇسقا چىقىرىپ قويۇپ ،قىزنىڭ مومىسى بىلەن بىرلىكتە ئاپتوبۇسنىڭ قوزغۇلىشىنى كۈتۈپ ئولتۇرساق بىر ھازادىن كېيىن قىز ئاپتوبۇستىن چۈشۈپ ئانىسىنىڭ قولىغا ئۈچ يۈز يۈئەن پۇلنى تۇتقۇزدى .ئۇنىڭ دىيىشىچە ھېساپلاپ باقسا ئۆزىگە خەجلەش ئۈچۈن بېرىلگەن پۇل بەك كۆپ بولۇپ كېتىپتۇ ، قالغان پۇل ئۇنىڭ تۇرمۇشىغا يېتىدىكەن شۇڭا مومىسى بۇ ئۈچ يۈز يۈەن پۇلنى چاي –تۇز قىلىپ تۇرسۇن دەپ ئېلىپ چۈشكىنى ئىكەن ، بۇ يەردە سۆزلەپ كەلسەك سۆز جىق ، ئەمما ئىززەتتىن تۇغۇلغان بۇ مېھىر –مۇھەببەت ئادەمنى ھەقىقەتەن سۆيۈندۈرىدۇ .چۈنكى قانچىلىك بالا ئۆزىگە بېرىلگەن شۇ پۇلدىن ماۋۇ ئارتۇق بولۇپ كېتىپتۇ ئانام ياكى ئاتام خەجلىسۇن دىيەلەيدۇ ؟ بۇ خېلى –خېلى مەدىنىيەت سەۋىيىسى يۇقىرى ئائىلىلەردىنمۇ تەستە چىقىدۇ .
دىمەك ، بىزنىڭ تۇرمۇشىمىزدا كەم بولىۋاتقان پەرزەنىت ئىززىتىگە مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا ، ئاتا –ئانا بولغۇچى پەرزەنىتنى ئىززەتلەشنىڭ توغرا يولىنى تېپىپ چىقىشتا ئىزدىنىشى كېرەك ، ھەر دائىم پەرزەنىتتىن ھۆرمەتلىنىشنى كۈتۈشنىڭ ئورنىغا چوقۇم تەشەببۇسكار بولۇپ ئۇلارنى ئىززەتلەشنىڭ يوللىرىنى ئۈگىنىش كېرەك .بۇنىڭ ئەڭ ئاددىي ئۇسۇلى بىرەر قېتىم بولسىمۇ ئالدىدا تۇرغان شۇ پەرزەنتىنىڭ مەسلەھەتى بويىچە ئىش قىلىپ بېقىش ، ئەپلەشسە رىغبەتلەندۈرۈش ،ئەپلەشمەي قالسا كايىپ ، بۇتناپ يۈرۈشنىڭ ئورنىغا ئەنە شۇ ئەپلەشمەسلىكتىنمۇ بىرەر قىزغىن تەجىربىنىڭ مەيدانغا كەلگەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويالىساق نۇرغۇن ئىشلاردا نۇرغۇن پۇتلىكاشاڭلاردىن قۇتۇلۇپ قالىمىز ، مانا بۇ پەرزەنىتنىڭ ئىززىتى ئاتا –ئانىنىڭ ھۆرمىتى بولۇپ ھېساپلىنىدۇ


ۋاقتى: 2015-12-1 22:46:23 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇئەللىم سىزدىمۇ ئالاھىدە تالانت بار ئىكەن. ب  ھەرىپى بىلەن باشلانغان ھېكمەتلەر كىشىنى قايىل قىلىدىكەن.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-1 23:06:27 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نازى3 يوللىغان ۋاقتى  2015-12-1 22:46
مۇئەللىم سىزدىمۇ ئالاھىدە تالانت بار ئىكەن. ب  ھەرىپى ب ...

مىنى ماختىغىنىڭىزغا رەھمەت،سىز بىلەن دوست بولغۇم بار.

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-12-3 21:52:30 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ساراڭ ساقايماس
( سۆز ئۇيۇنى)

مەخەت ئابدۇرېھىم

     سەھرادىكى سەمىمىيەت سۇلتانلىقىدا سوفىلىق سالاھىتىنى ساقلىيالمىغان ساۋاتسىز ساراڭ سوفىلار سەرگەردان-سەرسانلىقتا، سالمدەك سۆرۈلۈپ، سايىدەك ساڭگىلاپ سەنئەتكارلار سارايلىرىدىن سېتىۋالغان ساپايە-سۇنايلىرىنى سايرىتىپ، ساۋاتسىزلار ساسلىقىدىن سۈزۈۋالغان سوقا-سۆرەملىرىنى سۆرەپ، سەككىزىنجى سىنتەبېر سەھەردە سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەييارە سەھنىسىگە سالمىدەك سەكرىدى .
سەرگەردان سوفىلار سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەمىمىيەت سورۇنلىرىدا ساخاۋەت سۇلىرىنى سۈمۈرۈپ، سۆگەت سايىسىدا سەگىدەپ ،سىياسى سەھنىدە سېغىزخاندەك سايراپ ، سوفىزىمنىڭ سېرىق سەپسەتىسىنى سانىماي ساتتى. سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەھرالىرىدىكى سەمىمى، ساددا، ساخاۋەت، سائادەتلەرنى سۆكۈپ سەتلەشتۈرۈۋەتتى .سانسىزلىغان سەبىلەرنىڭ ساغلام سىياقىنى ساماندەك سارغايتىۋەتتى.
سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سۇلتانغا سادىق،سالاپەتلىك ساقچىلىرى، ساراڭ سوفىلارنىڭ سۆزلىگەن سۆزلىرىنىڭ سۈپىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ، سوفىلارنىڭ سۆزلىرىدىكى ساۋاتسىزلىقىنى، سىياقىدىكى ساقسىزلىقىنى، سالاپىتىدىكى سۈپەتسىزلىكىنى سىزىپ، ساراڭ سوفىلارنى ساراڭلار ساناتورىيىسىگە سولىدى. ساراڭ سوفىلار ساناتورىيىنىڭ ساغلاملىق ساندۇقىدىكى سۈزۈك سۇدا سۈزۈلمەي، سېسترالارنىڭ سەمىمىيلىكىنى سېزەلمەي، سېسىق، ساختا سۆزلەرنى سۆزلەۋەرگەچكە سوفىلارنى سىرىپ-سۈپۈرۈپ، ساراڭلار ساناتورىيىسىنىڭ ساقايماس ساندۇقىغا سەكسەن سەككىز سائەت سولاشنى سوتلىدى.
- ساراڭ سوفىلار ساراڭلار ساناتورىيىسىدە ساقايسا ساقايدى، ساقايمىسا سېرىق سەللىسىنى سالدۇرۇپ ساغرىسىغا ساۋىداپ، سالمىغا سۆرۈتۈپ، سادەك سايرىتىپ سامان سودىگەرلىرىگە سېرىق سىنتىغا سېتىلسۇن.
ساقچىلار سۆزىدىكى ساغلام،سالاپەتلىك ،سەركەردىدەك سۈرلۈك سادا،ساۋاتسىز ساراڭ سوفىلارنى ساراسىمغا سالدى،سوفىلارنىڭ سەۋزىدەك سىماسى ساماندەك سارغايدى،سامان ساقلايدىغان سۇلياۋ سۆۋەتتەك سەمرىگەن سامسىدەك ساغرىسى سېغىزخاندەك سايراپ، سوڭىنىڭ سايىسىغا سامساقتەك ساڭگىلىدى،
سەبداشلار ،سىرداشلار سەمىڭلارغا سۇنغان سەمىمى سۆزۈم- سەئىدىيە سۇلتانلىقىنىڭ سەھرالىرىدىكى ساغلاملىق ساناتورىيەسىنىڭ سۈزۈك سۇلىرىدا ساقايمىغان ساۋاتسىز سوفىلار ،سامان سودىگەرلىرىنىڭ سامان ساقلايدىغان ساندۇقلىرىدا ساقايمايدۇ.سەۋەپ ؛-ساراڭ ساقايماس!


                            مەخەت ئابدۇرېھىم


كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش