|
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم
ياراتقۇچىنىڭ ئىلتىپاتى بىلەن بىز ئەقلىي ئىقتىدارغا ئىگە بولدۇق . ئىنساندىكى ئەڭ كاتتا نىھمەت ئەقىل ! ئەقىل - پاراسەت بولغاندىلا جاسارەت بولىدۇ ھەمدە ھەممىگە ئېرىشكىلى بولىدۇ . قېنى ، ھەممىمىز بىرلىكتە ئەقىل - پاراسەت ئىشىكىنى ئاستا ئاچايلى !
ئېيتىشلارغا قارىغاندا ، مىلادىدىن ئىلگىرى ، ماكېدونىيە پادىشاھى ئالېكساندىر ئاسىياغا لەشكەر تارتقانىكەن. ئۇ ئاسىيانىڭ خورنىگىيە شەھرىگە يىتىپ بارغاندا ، شەھەر ئىچىدە تارقىلىپ يۈرگەن مەشھۇر بىر گەپنى ئاڭلاپتۇ : نەچچە يىللار ئىلگىرى خورنىگىيە پادىشاھى گوردىياس كالا ھارۋىسىغا ئارغامچا بىلەن ، ناھايتى مۇرەككەپ بىر توقۇناق تۈگۈچنى تۈگۈپ ، ئەگەر كىم بۇ تۈگۈچنى يېشەلىسە ، شۇ كىشى ئاسىياغا پادىشاھ بولىدۇ ، دەپ ئېلان قىلغانىكەن . شۇنىڭدىن تارتىپ ، ھەر يىلى نۇرغۇن ئادەم نە- نەلەردىن ، شە - شەلەردىن كېلىپ بۇ تۈگۈچنى يېشىپ بىقىشقا ئۇرنۇپ بېقىپتۇ . ئەپسۇسلىنارلىقى ، ئاردىن ئۇزۇن ۋاقىتلار ئۆتۈپ كەتكەن بولسىمۇ ، كىشىلەر بۇ تۈگۈچنى يېشىشكە ھېچقانداق ئامال قىلا
ئالېكساندىر بۇ ئىشقا تولىمۇ قىزىقىپ قاپتۇ ھەمدە ئادەملىرىگە ئۆزىنى بۇ سىرلىق تۈگۈچ بار يەرگە ئاپىرىشقا بۇيرۇق قىپتۇ . ئالىكساندىر تۈگۈچ بار ئورۇنغا بىرىپ شۇنچە ئۇزۇن كۈزىتىپمۇ ، بۇ تۈگۈچنىڭ ئۇچىنى تاپالماپتۇ . شۇنچە يىلدىن بىرى بۇ تۈگۈچنى يېشىدىغان بىر ئادەمنىڭ چىقمىغىندىن تېخىمۇ بەك ھەيران قاپتۇ . ئالېكساندىر ئەقىلنى ئىشلىتىپ بۇ ئاسانغۇ ، « بۇ تۈگۈچنى نىمە ئۈچۈن ئۆز قائىدەم بويىچە ئاسانلا يەشمەيمەن ؟! بۇ بەك ئاددىغۇ ؟ » شۇنىڭ بىلەن ئۇ قىلىچىنى شارتتىدە سۇغۇرۇپ ئاپتۇ-دە ، تۈگۈچنى بىرلا چېپىپ يېشىۋىتىپتۇ . شۇنداق قىلىپ ، نەچچە يۈز يىلدىن بىرى ھېچكىم يېشەلمىگەن بۇ تۈگۈچ ئاسانلا كۆزنى - يۈمۈپ ئاچقىچە يىشىۋېتىلىپتۇ .
`ئالېكساندىرنىڭ ئەقىل -پاراسىتى ، كونا - قائىدە ئەپسانىلەرگە ئېسىلۋالماسلىقى ، ئۆزىنىڭ ئەقلىي تەپەككۇرى بويىچە يىڭىلىق يارتىش ھەركەت مىزانى ئۇنى جەسۇر قىلىپ يېتۈلدۈرگەن . مانۇ بۇ ئەقىلنىڭ T, ^ئەقىل - پاراسەت ئاددى ئىشلاردىمۇ ئىشلىتىدىغان مەنبە . ئەقىلنى ئىشلىتىپ ئىش كۆرگەندە ئۈنىمى بەكمۇ يۇقۇرى بولىدۇ .
v# Xئامېركىنىڭ نيۇيورك شەھرىدە مەشھۇر بىر ئۆسۈملىك باغچىسى بار ، ھەر كۈنى نۇرغۇنلىغان ساياھەتچىلەرنى ئۆزىگە جەلپ قىلىپ تۇرىدۇ . دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىردىن كەلگەن كىشىلەر ئايىغى ئۈزۈلمەي كىرىپ ھەر خىل گۈل ۋە ئۆسۈملۈكلەرنى تاماشا قىلىپ ھوزۇر سۈرىدۇ . ئۆسۈملىك باغچىسىنىڭ باشقا باغچىلار بىلەن ئوخشىمايدىغان يېرى شۇكى ، باغچا دەرۋازىسى ھەم بەلگىلىك يەرلىرىگە تاختا ئېسىلغان : « گۈل- گىياھ ، ئۆسۈملۈكلەرنى دەسسىگەن ، خالىغانچە ئۈزگەن ، ئوغۇرلىغانلارنى پاش قىلغانلارغا 30 دوللار مۇكاپات نەقلەشتۈرلىپ بىرلىدۇ » دېگەن سۆزلەر يېزىلغان . ئەسلىدە ، باغچىنىڭ دەسلەپكى باشقۇرغۇچىسى « گۈل - گىيالارنى بۇزغان ، دەسسىگەن ،ئوغۇرلىغانلاردىن 30 دوللار جەرىمانە ئېلنىدۇ » دەپ تاختا ئاسقانىكەن . لېكىن بۇنىڭ ئۈنىمى بولمىغان ، چۈنكى مۇنداق يازغاندا باشقۇرغۇچىنىڭ ئىككى كۆزىگە تايانغاچقا ، گۈل- گىياھلار دەسسىلىپ ئوغۇرلىنىشتىن ساقلىنالمىغان . «30دوللار مۇكاپات بىرلىدۇ » دېگەن ئېلان چىقىرىلغاندىن كېيىن نەچچە مىڭلىغان كۆزلەر گۇل _گىياھ ئۆسۈملىكلەرگە دېققەت قىلدىغان بولغان . بۇنىڭ ئۈنىمى كۆرنەرلىك چوڭ بولۇپ باشقا باغچىلارمۇ ئۆرنەك ئىلىپ« جەرىمانە » دېگەننىڭ ئورنىغا « مۇكاپات » نى ئىشلەتكەن . ئەمىلىيەتتىمۇ شۇنداققۇ ؟ ئىشەنمىگەنلەر سىناپ باقساڭلار بولىدۇNمانۇ بۇ ئەقىل - پاراسەتنىڭ نامايەندىسى ، ئەقىلنىڭ قابىليىتى !
|
|