يازغۇچىلار تورى

كۆرۈش: 1065|ئىنكاس: 12

«كۆزنەك» مەجمۇئەسىنى تونۇشتۇرۇش

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-25 17:52:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتو سۈرەت نەشرىياتىدىن خۇشخەۋەر" ?, v" ^1 s$ W; j; h& W/ a

3 Q4 W. Q1 C- F% ]0 E   نەشرىياتىمىز ئىجادىيەت ئىشخانىسى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا ئازراق بولسىمۇ گۈللىنىش ئېلىپ كېلىش، «دۇنيا ئەدەبىياتى»ژۇرنىلىنىڭ 80-يىللاردىكى گۈزەل مەنزىرىسىنى ئوقۇرمەنلەر كۆز ئالدىدا قايتا نامايەن قىلىش، مىللەتلەر نەشرىياتى 1982-يىلىدىن 1994- يىلىغىچە خاس نادىر ئەسەرلەرنى تونۇشتۇرۇشنى مەقسەت قىلىپ نەشىر قىلغان 24 توملۇق «گۈلىستان» مەجمۇئەسىگە ئىجادىي ۋارىسلىق قىلىش، يازغۇچى- ئوقۇرمەنلىرىمىزنى دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى ئۈلگىلىك، ئەڭ نادىر ھېكايا-پوۋېستىلار بىلەن سېستىمىلىق ،دائىملىق تونۇشتۇرۇش مەقسىتىدە 2016-يىلىدىن باشلاپ ھەر پەسىلدە بىردىن «كۆزنەك» ناملىق مەجئۇئەنى نەشىر قىلىپ تارقاتماقچى.
- i$ _0 a* P+ W4 l) N  بۇ مەجمۇئە ئاساسلىقى دۇنيا ئەدەبىياتى غەزىنىسىدە گۆھەردەك چاقناپ تۇرغان، چوقۇم بىزگە تونۇشتۇرۇلىشى زۆرۈر بولغان، ئەمما ھازىرغىچە تېخى تەرجىمە قىلىنمىغان، ئىلگىرى تەرجىمە قىلىنغان بولسىمۇ مەلۇم سەۋەبلەر تۈپەيلى تەرجىمىسى كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغان ھېكايە- پوۋېسىتلاردىن تەركىب تاپىدۇ. ھەر پەسلىدە بىردىن 320 بەتلىك كىتاب شەكلىدە نەشىردىن چىقىپ كىتابخانىلارغا سېلىنىدۇ.
2 m+ r" Z: \3 G8 t5 N  ئىجادىيەت ئىشخانىمىز «بارلىقىمىز ئەدەبىياتىمىز ئۈچۈن» دېگەن ئەھدىسى بويىچە پىشقان تەرجىمان، تەتقىقاتچىلاردىن تەھرىر ھەيئەت تەشكىللەپ، دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى زۆرۈر ئەسەرلەرنى كۈچىمىزنىڭ يېتىشىچە سېستىمىلىق ھالەتتە يازغۇچى- ئوقۇرمەنلىرىمىزگە تونۇشتۇرىدۇ.
* T- W3 v  d# O" J   بۇ مەجمۇئەيىمىزگە تەرجىمە ئەسەرلىرىنى بەرمەكچى بولغانلار بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك ئىشلار:' `2 v4 T) C/ N
   1. بۇ مەجئۇئە ئاساسلىقى دۇنيا ئەدەبىياتىنى تونۇشتۇرۇشنى ئاساس قىلغان بولۇپ، ئەسەر تەرجىمە قىلىشتىن بۇرۇن تەھرىر بۆلۈمىمىز بىلەن ئالاقىلىشىپ، قايسى ئەسەرنى تەرجىمە قىلماقچى ئىكەنلىكى ھەققىدە مەسلىھەت سورىسا بولىدۇ. تەرجىمىدە ئىقتىدارى بار، ئەمما ياخشى ئەسەرلەرنى تېپىش ئىمكانىيتى يوق تەرجىمانلىرىمىزنى ئىشخانىمىز ئەسەر بىلەن ھەقسىز تەمىنلەيدۇ.6 e0 B- D# A/ o+ @
2. پوۋېستىلارنى تەرجىمە بۆلۈمىمىز ئۆزى تاللاپ تەرجىمىگە ئۇيۇشتۇرىدۇ. ئەسەر تاللاش ۋە تەرجىمە تەھرىرلىك ئۆتكىلىگە ئالاھىدە يۇقىرى تەلەپ قويۇلىدۇ.- r& i: f& r% ^# X( c
3. ئەدەبىي ئەسەرلەردىن باشقا ھەر خىل ئېقىملار، بۈگۈنكى دەۋىردىكى نامايەندە يازغۇچىلارنى تونۇشتۇرۇشمۇ چىڭ تۇتۇلۇپ، ئەدەبىياتىمىزنىڭ بۈگۈنكى دۇنيا ئەدەبىياتىدىن قىسمەن بولسىمۇ تونۇشۇش سەھنىسى ھازىرلىنىدۇ.
! o& l* J' j( O8 I4. كىتابقا كىرگۈزۈلگەن ئەسەرلەرنىڭ خەت سانىغا ئاساسەن قەلەم ھەققى بىرىلىدۇ., Q' |- d/ q( a9 T. x2 |
  كەڭ مەسئۇلىيەتچان تەرجىمانلارنىڭ بىزنى يېقىندىن قوللاپ، ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن بىز بىلەن بىللە كۈچىشىنى سەمىمىي ئۈمۈد قىلىمىز. 9 d  a- c) x( p
  % H' \3 k/ C9 t) v) V% r
كېلەر يىللىق 1- پەسىللىك كۆزنەك مەجئۇئەسىگە ئەسەر قوبۇل قىلىش بۈگۈن باشلاندى. كەڭ تەرجىمانلارنىڭ تەرجىمە قىلىپ تۈگەتكەن، ئەمما ژۇرناللاردا ئېلان قىلىنمىغان ئەڭ نادىر ئەسەرلىرىنى ئەۋەتىشىنى، كەڭ تەرجىمانلارنىڭ بىز بىلەن ئالاقىلىششنى، ياخشى ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىپ بېرىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز.; v# D9 Q6 H* T
  مەسلىھەت سوراش تېلفونى: 13095004790
0 G5 @8 T& X% r4 e8 H ئالاقىلاشقۇچى: ئەھەدجان تۇردى
- b$ l( P. }' ~; d- [' r ئەسەر قوبۇللاش خەت ساندۇقى:( j) D, W3 O4 N2 i9 ^$ S8 \4 M0 c# y
1651982695qq@.com+ Q+ s. U; E# }" k) }
ھۆرمەت بىلەن: شىنجاڭ گۈزەل سەنئەت- فوتۇ سۈرەت نەشرىياتى ئۇيغۇر تەھرىر بۆلۈمى1 Y" W. [- p4 a9 E; J' T
  ' Z7 x) S3 P. ~1 ~+ i5 F$ S6 T" {

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

ۋاقتى: 2015-11-25 19:27:19 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ئىشقا تۇتۇش قىپسىلەر.  قۇتلۇق بولسۇن! «دۇنيا ئەدەبىياتى» نىڭ 1980-1990-يىللىرىنى سېغىنىمەن. ئاجايىپ ئېسىل ئەسەرلەر چىققان ئىدى.

ۋاقتى: 2015-11-25 20:41:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەنىۋىيىتىمىزنى بېيىتىدىغان ئەھمىيەتلىك ئىشتىن يەنە بىرى روياپقا چىقىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ. «كۆزنەك»كە مۇۋەپپەقىيەتلەر يار بولغۇسى.

ۋاقتى: 2015-11-25 20:46:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
1 B% ~. O) \4 W8 x9 V7 T
2 z/ N( ]7 D- z+ C; |' ?# p4 p
- b) |, x* ?+ x- B5 [
        ياخشى نىيەتلەرنىڭ نەتىجىسى خەيرلىك بولغۇسى!
0 W7 i& W! y4 w; ~$ J  a, R2 D# i         

ۋاقتى: 2015-11-25 22:17:50 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قالتىس ياخشى ئىش بوپتۇ، بەكمۇ سۆيۇندۇم!

ۋاقتى: 2015-11-25 22:46:59 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش، دۇنيا ئەدەبىياتىدىكى نادىر ئەسەرلەر بىلەن يەنىمۇ كۆپلەپ تونۇشۇش پۇرسىتىمىز بولغۇدەك

ۋاقتى: 2015-11-25 23:26:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەسسىلامۇ ئەلەيكۇم ئەھەدجان تۇردى، تەرجىمە قىلماقچى بولغان ئەسەرنى سىلەردىن خەۋەرلەندۈرەمدۇق؟

ۋاقتى: 2015-11-25 23:28:34 يانفوندا يوللانغان | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى باشلىنىش،مەن 《دۇنيا ئەدەبىياتى》نىڭ 88-،89-يىللىق سانلىرىدا ئىلان قىلىنغان 《كۆل بويىدىكى ئەما قىز》قاتارلىق نادىر ئەسەرلەرنى ئوقۇغاندىن كېيىن ،ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىم بىر بالداق يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن.مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى ئۇيغۇرچىغا تەرجىمە قىلىپ بىزگە يەتكۈزگەن ئۇستاز تەرجىمانلارغا غايىبانە ھۆرمىتىم قوزغالغان ئىدى، بەلكىم ھازىر ئەدەبىي تەرجىمە بىلەن شۇغۇللىنىشىمغا شۇ قىزىقىشىم ساۋەب بولغان بولسا كېرەك. پۈتۈن كۈچۈم بىلەن قوللايمەن

ۋاقتى: 2015-11-26 00:43:02 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ، كەڭ ئوقۇرمەنلەر ۋە تەرجىمانلار ئۈچۈن ناھايىتى ياخشى ئىش بوپتۇ. دۇنيا ئەدەبىياتىدا بىزگە ناتونۇش بولغان تۈگىمەس نادىر ئەسەرلەر بار....

ۋاقتى: 2015-11-26 10:20:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە بىر غەزىنىنىڭ ئىشىكى چاڭقاقلارغا ئېچىلىش ئالدىدا تۇرۇپتۇ، بۇ ھەقىقەتەن خۇشاللىنارلىق خۇشخەۋەر ئىكەن. بالدۇرراق روياپقا چىققاي بۇ ئەمگەكلەر...

ۋاقتى: 2015-11-26 12:55:40 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تولىمۇ ئەھمىيەتلىك ئىشقا تۇتۇش قىپسىلەر...

ۋاقتى: 2015-11-28 00:33:58 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى ئىش ئىكەن، بۇ ھەقتە ئىزدىنىپ باقايلى. ئەمگىكىمىز ياراپ قالسا ئەجەپ ئەمەس!

ۋاقتى: 2015-11-28 10:32:43 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەك ياخشى خەۋەر ئىكەن . بولۇپمۇ «تەرجىمىسى كۆڭۈلدىكىدەك چىقمىغان ھېكايە-پوۋىستلار» نىڭ قايتا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرلىدىغانلىقىدىن بەك خۇش بولدۇم...بولسا بەزى نادىر شىئېرلارمۇ چەتتە قالمىسا....«پۇشكىن شىئېرلىرىدىن تاللانما» ناملىق كىتابنى قۇربان بارات ئاكا قايتا تەرجىمە قىلغان بولسا ،شىئېريىتىمىز ئۈچۈن كاتتا ئىش بولغان بولاتتى...

باھا سۆز

مەن تېرىشاي، رەھمەت  ۋاقتى: 2015-11-30 10:41 AM
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆维吾尔自治区作家协会(维文)网
 
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش