كۆرۈش: 464|ئىنكاس: 9

ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 130 يىللىقى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
ۋاقتى: 2015-11-25 01:20:26 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش |كۆرۈش شەكلى
ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 130 يىللىقى داغدۇغلۇق تەبرىكلەندى

  ^$ Q4 |; l4 S' o
      قۇربانجان توختى خەۋىرى:
     2015-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈنئاتۇش بازار ئېكساق باشلانغۇچ مەكتىپىدە 10مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ۋە ئامما قاتناشقان داغدۇغلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ،ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 130 يىللىقىنى قىزغىن خاتىرىلەندى.
پائالىيەت ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت9:00دا ئىكساق باشلانغۇچ مەكتەپ مەيدانىدا باشلانغان بولۇپ،خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى،قەشقەر شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار،ئۈستۈنئاتۇش بازىرىدىكى ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ۋە يىراق-يېقىندىن كەلگەن ئامما بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قىزغىن ئىشتىراك قىلدى.
    پائالىيەتتە ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى مۇھەممەتئېمىن جىلىل مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.مېھمانلار ۋەكىلى سۆز قىلىپ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى،شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى نامايەندىلىك رولىنى ئەسلەپ ئۆتتى. پائالىيەتتە يەنە تومرىز مۇسابايىۋا مۇسابايوفلار جەمەتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
   پائالىيەت ئاخىرىدا،ئۈستۈنئاتۇش بازىرىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللەر كوماندىسى،دېھقانلار ۋەكىللىرى،پۇتبول ئەترىتى،مەشئەل ئەترىتى قاتارلىق كوماندىلار پاراتتىن ئۆتۈپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجگە كۆتۈردى. خاتىرلەشكە كەلگەن مېھمانلار،مەكتەپداشلار،يۇرتداشلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى بىلدۈرۈپ،ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنىئىشلىرىنى ئەمەلىي  قوللىدى. يىغىندا، تۈرلۈك ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندالدى،خاتىرىلەش پائالىيتىگە ئاتاپ مەخسۇس ئىشلەنگەن«مەشئەل» ناملىق كىتاپ ھەقسىز تارقىتىلدى.

) a! d0 P/ U7 t0 M# x) Z, x
% `( j1 T7 S, U2 K: s بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2015-11-25 01:36  
! C( K) Q& q% z, u1 Z& x# o* y' P9 m$ V5 u: j  a

ئىنكاس

جابدۇق پاش قىلىش

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-25 01:39:10 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ۋاقتى: 2015-11-25 02:00:12 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەدەنىيەت بۆشۈكىمىزنى قايتا تەۋرەتكەن،  ئەۋلادلار قەدىمىنى ئەجدادلار ئىزىغا ئۇلاپ كېلىۋاتقان ئاتۇشتىكى مەرىپەتۋەرلەرگە سەمىمىي سالام.

ۋاقتى: 2015-11-25 03:07:53 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە شۇ ئاتۇشتا ئۆزمائارىپىمىز ، ئۆزمەدەنىيىمىز ھەققىدە كاتتا پائالىيەت بولۇنالىغىىدىن سۆيۈندۈم% C: A2 a/ U# j0 p. e+ H3 l4 e
تەپسىلى مەلۇماتلارۋە سۈرەتلەر «شىنجاڭ مائارىپى»ژورنىلىدا كەڭ تارقىتىلار ھەقاچان؟

ۋاقتى: 2015-11-25 10:44:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كاتتا، ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بۇپتۇ.

ۋاقتى: 2015-11-25 10:51:35 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ پائالىيەتنىڭ مەزمۇنلۇق، تەسىرلىك بولغانلىقى ھەققىدە مەنمۇ كۆپلەردىن ئاڭلىدىم، ياخشى ئىش ھامان ئىگىسىنى تاپىدۇ...

ۋاقتى: 2015-11-25 14:23:54 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەشئەل ناملىق كىتابنىڭ مەزمۇنىدىن ئازبولسىمۇ خەۋەردار بولۇش مۇمكىنمىدۇ ؟
7 D- R; j5 m6 J; y; s' p كىتابخانىلاردا  سېتىلامدۇ ياكى پائالىيەت ئۈچۈنلا تەييارلانغانمۇ ؟

ۋاقتى: 2015-11-25 14:27:33 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  پاھ، ئاجايىپ ئەھمىيەتلىك ئىش بوپتۇ. ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 130 يىللىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن! مۇمكىن بولسا بۇ پائاليەت خەۋىرى سۈەتلىرى بىلەن قوشۇلۇپ يوللانغان بولسا تېخىمۇ ياخشى بولاركەن، شۇنداقتىمۇ بىزگەئۇچۇر يەتكۈزگەن تېما يوللىغۇچىنىڭ ئەجرىگە رەھمەت!
5 W7 s$ ~  f  d+ V, I4 N2 G      مۇمكىن بولسا «مەشئەل» ناملىق كىتابنىڭ خەۋىرى يوللانغان بولسا، كۆپچىلىك يېڭىلىقلاردىن بىرلىكتە بەھىر ئالغان دىگەن ئۈمىدتە مەن!  

ۋاقتى: 2015-11-25 18:27:46 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەھمىيەتلىك پائالىيەت بوپتۇ، بۇنداق پائالىيەتنى قانچە داغدۇغىلىق قانچە چوڭ ئۆتكۈزسە ئەرزىيدۇ. پائالىيەتنى تەشكىللىگەن بارلىق ئەزىزلەرنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى ئىشلىرى ئۇتۇقلۇق، تەنلىرى سالامەت دۆلەتلىرى زىيادە بولغاي.$ v0 \' d7 h: z' ]* Q/ ]+ a: F6 o

 ئىگىسى| ۋاقتى: 2015-11-26 02:42:48 | ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۈرەتلەرنى يوللىسام چىقمىدى ، شۇ سەۋەپتىن ئامالسىز قالدىم.مەشئەل ناملىق كىتاپنىڭ مۇندەرىجىسىنى چوقۇم يوللاپ قوياي.

كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

سەھىپە جۇغلانما قائىدىسى


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家协会网
Powered by Discuz! X3.2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش