قۇربانجان توختى خەۋىرى:
2015-يىلى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاتۇش شەھىرى ئۈستۈنئاتۇش بازار ئېكساق باشلانغۇچ مەكتىپىدە 10مىڭدىن ئارتۇق ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچى ۋە ئامما قاتناشقان داغدۇغلۇق يىغىن ئۆتكۈزۈلۈپ،ئۇيغۇر يېڭى مائارىپى بارلىققا كەلگەنلىكىنىڭ 130 يىللىقىنى قىزغىن خاتىرىلەندى.
پائالىيەت ئۈرۈمچى ۋاقتى چۈشتىن بۇرۇن سائەت9:00دا ئىكساق باشلانغۇچ مەكتەپ مەيدانىدا باشلانغان بولۇپ،خاتىرىلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن ئۈرۈمچى،قەشقەر شەھىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان مېھمانلار،ئۈستۈنئاتۇش بازىرىدىكى ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ۋە يىراق-يېقىندىن كەلگەن ئامما بۇ قېتىمقى پائالىيەتكە قىزغىن ئىشتىراك قىلدى.
پائالىيەتتە ئالدى بىلەن مەكتەپ مۇدىرى مۇھەممەتئېمىن جىلىل مەكتەپنىڭ ئومۇمىي ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى.مېھمانلار ۋەكىلى سۆز قىلىپ ئۇيغۇر يېڭى مائارىپىنىڭ بارلىققا كېلىش تارىخى،شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى نامايەندىلىك رولىنى ئەسلەپ ئۆتتى. پائالىيەتتە يەنە تومرىز مۇسابايىۋا مۇسابايوفلار جەمەتىگە ۋاكالىتەن سۆز قىلدى.
پائالىيەت ئاخىرىدا،ئۈستۈنئاتۇش بازىرىدىكى ھەرقايسى مەكتەپلەردىن كەلگەن ئوقۇتقۇچى،ئوقۇغۇچىلار ۋەكىللەر كوماندىسى،دېھقانلار ۋەكىللىرى،پۇتبول ئەترىتى،مەشئەل ئەترىتى قاتارلىق كوماندىلار پاراتتىن ئۆتۈپ، پائالىيەت كەيپىياتىنى تېخىمۇ ئەۋجگە كۆتۈردى. خاتىرلەشكە كەلگەن مېھمانلار،مەكتەپداشلار،يۇرتداشلار ئۆزلىرىنىڭ كۆڭۈل سوۋغىلىرىنى بىلدۈرۈپ،ئىكساق باشلانغۇچ مەكتىپىنىڭ بۇنىڭدىن كېيىنكى مەكتەپ باشقۇرۇش شارائىتى ۋە ئوقۇ-ئوقۇتۇشىنىئىشلىرىنى ئەمەلىي قوللىدى. يىغىندا، تۈرلۈك ئەدەبىيات- سەنئەت نومۇرلىرى ئورۇندالدى،خاتىرىلەش پائالىيتىگە ئاتاپ مەخسۇس ئىشلەنگەن«مەشئەل» ناملىق كىتاپ ھەقسىز تارقىتىلدى.
3 [; Z; J# s6 I* l8 m8 d5 W* x
4 {8 s7 W& F) y( I! S6 X- } بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ARKZAT تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2015-11-25 01:36 & Q; U6 j# v/ i$ u. Z
) S! @* X' ^2 q) p, ]