كۆرۈش: 196|ئىنكاس: 2

‹‹شاھنامە ›› ئىككىنچى بۆلۈم [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 01:15:53 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

<<شاھنامە>> –ئىككىنچى بۆلۈم  - رۇستەم  

زال رۇدابە بىلەن توي قىلىپ دادىسىنىڭ ئورنىغا  زابۇلىستاننىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن كۈنلىرى شاد خوراملىق ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى.ئارىدىن بىر مۇددەت ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن گۈزەل سەرۋىناز رۇدابە ھامىلدار بولۇپ قالدى.ھامىلدارلىقنىڭمۇ ئۆزىگە خاس بەلگە ئالامەتلىرى بولغاچقا ھۆسنى باھارىغا كۈز خازانلىرىدەك سېرىق داغلار چۈشۈپ دىلىنى رەنىج- ئەلەملەر چۇلغىۋالدى. ھامىلدارلىق مەزگىلى ئۇزارغانسېرى قورسىقىدىكى ھامىلە بارغانسېرى يوغىناپ ئېغىرلىشىپ بارماقتا ئىدى.كۈن تۈنلەر مۇشەققەت چېكىپ قان يىغلار ئىدى.ئەھۋالى كۈندىن كۈنگە ئېغىرلاپ يۈزى گويا زەپىراندەك سارغىيىپ كەتتى.ئانىسى قىزىنىڭ بۇ ھالىنى كۆرۈپ دىدى:

  -ئېيتچۇ جان قىزىم، ساڭا زادى نىمە بولدى.نىمىشقا گۈل يۈزۈڭ شۇنچە سۇلغۇن؟

رۇدابە جاۋاپ بېرىىپ دىدى:

  -جېنىم ئانا، بولدى سورىمايلا قوي،ھالىم بەكمۇ خاراب.تېنىم كۈندىن كۈنگە ئېغىرلىشىپ ھەركەت قىلمىقىم تەسكە چۈشىۋاتىدۇ.كېچلەردە غەم تۈپەيلى كۆزۈمگە ئۇيقۇ كەلمەيدۇ.بەئەينى بىر مۇردىغىلا ئوخشاپ قېلىۋاتىمەن .خىيالىمدا ئۆمرۈم ئاز قېلىۋاتقاندەك،بۇ ھامىلىنى ئوڭۇشلۇق تۇغالماي  تۇغۇتۇمدا ئۆلۈپ كېتىدىغاندەكلا كۆڭلۈمدىن كېچىدۇ.شۇڭا كۆپ ئازاپلىنىمەن،يىغلاپ ئۇيقۇنى تەرىك قىلىمەن.نىھايەت ئاي كۈنۈم يېقىنلىشىپ قالدى،لىكىن بۇ قورساقتىكى ھامىلىنىڭ ئادەم ياكى باشقا نەرسىلىكىنى بىلەلمەي قالدىم.نىمانچە ئېغىر ،نىمانچە قاتتىق،نىمانچە يوغان؟ مەن خۇددى قۇرسۇقۇمغا يوغان تاش ياكى ئىدىش كىرىۋالغاندەك قورقۇپ كېتىۋاتىمەن.

رۇدابە سۆزلەۋېتىپ قۇرسۇقىنىڭ تۇيۇقسىز ئاغرىقى تۈپەيلى ھۇشىدىن كەتتى.سارايدا ھەممە ئۆرە تۆپە بولۇشۇپ قورىققىنىدىن يىغلىشىپ كېتىشتى.سىندوختمۇ قىزىنىڭ بېشىدا ئولتۇرۇپ يىغا باشلىدى.قاتتىق ئازاپلانغىنىدىن ئۆزىنى تۇتالماي يۈزلىرىنى  مۈشۈك تاتىلىغاندەك تاتىلاپ يېغىر قىلىۋەتكىنىنىمۇ سەزمەي قالدى.بۇ قايغۇلۇق خەۋەر ئاخىر زالغا ئاڭلاندى.زال كۆزلىرىگە ياش ئالغان،قەلبى ئېغىر قايغۇ ھەسرەتكە تولغان ھالدا جانانى رۇدابەنىڭ يېنىدا پەيدا بولدى. ھەرەمدىكى ھەممە خۇددى ماتەم بولغاندەك يىغا- زارە قىلىشماقتا ،چاچلارنى يۇلۇپ، ياقىلارنى يىرتىپ داد پەرياد سىلىشماقتا ئىدى.

زال يىغلاۋېتىپ تۇيۇقسىز سۇمرۇغ يېنىدىن قايتىپ كېلىدىغان چاغدا ئانا سۇمرۇغنىڭ تاپىلىغان سۆزلىرىنى ئېسىگە ئالدى.سۇمرۇغ ئۇنىڭغا بىرنەچچە تال  پەيلىرىنى بېرىپ بىرەر مۈشكۈلچىىككە ئۇچراپ ھەل قىلىشقا قۇربى يەتمىگەندە پەيلەردىن بىرنى كۆيدۈرسە دەرھال نەدە بولسا شۇ يەرگە ئۇچۇپ كېلىپ ھەرقانداق مۈشكۈللۈكتىن قۇتۇلۇشى ئۈچۈن ياردەم قىلىدىغانلىقىنى تاپىلىغان ئىدى.زال بۇ ئىشنى سىندوخىتقا ئېيتىۋىدى.ئىچ ئىچىدىن خوشال بولۇپ كېتىپ دەرھال سۇمرۇغ پېيىنى كۆيدۈرۈپ سۇمرۇغدىن ياردەم تىلەش تەكلىپىنى بەردى.

خىزمەتكارلار بۇيرۇققا بىنائەن ئاتەشدان ئەكىلىشتى. زال سۇمرۇغ پىيىنى ساقلاپ قويغان يەردىن تېپىپ بىر تالنى ئاتەشداندىكى ئوتقا سېلىپ دۇت سالدى.پەينىڭ پۇرىقى ئەتراپقا تارىغان ھامان كۈن يۈزى كۆرۈنمەي  جاھان قاراڭغۇلىشىپ كەتكەندەك بولدى.بۇ زور قۇش سۇمرۇغنىڭ غايەت چوڭلۇقى تۈپەيلى بەدەن ۋە قاناتلىرى كۈن نۇرىنى توسىۋالغانلىقتىن كېلىپ چىققان ئالامەت ئىدى.سۇمرۇغ قۇش ئۇچۇپ كېلىپ  ئوردىنىڭ كەڭرى سەيناسىغا قونۇپ زال بىلەن سالاملاشقاندىن كېيىن نىمە مۈشكۈلچىلىككە ئۇچرىغانلىقىنى سورىدى:

-ئەي ئوغلۇم،ئېيتقىنا ساڭا نىمە دەرت كەلدى؟ كۆزلىرىنىڭ ياش يۇقى تۇرىدۇ سەندەك شىر يىگىتمۇ يىغلامدۇ؟

زال بېشىغا چۈشكەن كۈننى يەنى رۇدابەنىڭ ھازىرقى ئېغىر ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى،سۇمرۇغ ئاڭلاپ بولۇپ شۇنداق دىدى:

  -ئەنسىرىمە،بۇ كۈمۈش تەنلىك مەھلىقادىن شىر يۈرەك، ئاجايىپ باتۇر  بىر ئوغۇل تۇغۇلىدۇ.ئۇ دۇنياغا شۇ دەرىجىدە تونۇلغايكى ھەتتا شىر يولۋاسلارمۇ ئۇنىڭدىن قورقۇپ قەدەم ئىزلىرىنى تاۋاپ قىلغاي.ئاسماندىكى بۇلۇتلارمۇ ئۇنىڭ بىلەن تەڭ بولالمىغاي.جاڭگالنى تىترەتكەن يىرتقۇچ ئارىسلانلارمۇ ئۇنىڭ نەرە تارتقان ياكى توۋلىغان ئاۋازىنى ئاڭلاپ قالسا قورىققىنىدىن بارمىقىنى چىشلەپ قالار.مۈرىسىنى كېرىپ جەڭگە كىرسە ياكى دۈشمىنىگە قارشى گۈرزە كۆتۈرسە  مەن مەن دىگەن باتۇرلارمۇ يەرنى رۇس دەسسەپ تۇرالماس.ئۇنىڭغا ھىچبىر ئباتۇر تەڭ كېلەلمەي دۈشمەنلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ يۈرەك باغرى قان بولۇر.ئەقىلدە بوۋىسى سامنى تارتسا،قەھىردە مىسالى يىرتقۇچ شىر بولۇر.قامىتى سەرۋىدەك تۈز ۋە ئىگىز ،كۈچى بولسا بەئەينى پىل بولۇر.ئەگەر قەڭ كۈنلىرى نەيزە ئاتىدىغان بولسا نەيزە ئىككى مىل( بىر مىل1.61كىلومتىرغا تەڭ) يىراقلىققا ئۇچۇپ بارغاي.بۇ بالا خاسىيەتلىك بالا بولغىنى ئۈچۈن تۇغۇلغاندىمۇ ئادەتتىكى ئادەملەردەك تۇغۇلمايدۇ،ياشىغاندىمۇ ناھايىتى ئۇزۇن زامانلارغىچە ياشاپ ئىرانغا پاسىبان بولىدۇ.ھەممىنى غەيىپنى بىلگۈچى بىر خۇدا،بىز بولساق ئۇ بىلدۈرگەننى سۆزلىگۈچىمىز.ھازىرقى جىددى ئەھۋالدا قوللىنىدىغان تەدبىر شۇكى ئالماستەك ئۆتكۈر بىر پىچاق كەلتۈرۈڭلار.ئاندىن ئىنتايىن قابىل ۋە قەيسەر دانىشمەن تىۋىپتىن بىرنى تېپىڭلار.ئۇ ئۆتكۈر تىغ بىلەن كىلىننىڭ قۇرسىقىنى يېرىپ بالىنى ئالمىغۇچە بالا ئۆزى دۇنياغا كىلەلمىگەي !

زال سۇمرۇغنىڭ دىگىنى بويىچە ئۇ دىگەن شەرتلەرگە چۈشىدىغان قولى گۈلۋە شىپالىق،بىر تىۋىپنى تېپىپ كىلىشتى.تىۋىپ قورساقنى يېرىشتىن بۇرۇن سۇمرۇغدىن كېسىش ئۇسۇلىنى سورىۋىدى سۇمرۇغ مۇنداق دىدى:

   -كېسىشتىن ئىلگىرى تىغنى ئوت بىلەن پاكىز داغلاپ پاكىزلە، كىلىنننىڭ قۇرسىقىنى كەسكەندە ئاغرىق ئازابىنى ھىس قىلىپ دات پەرياد كۆتۈرمەسلىكى ئۈچۈن تازا مەي ئىچۈرۈپ مەست قىلىۋېتىڭلار. كەسكەندە ئاغرىش ھىس قىلماي  ياخشى ماسلىشالايدۇ ۋە بەك قىينىلىپ كىتمەيدۇ.قۇرساقنى ئاۋايلاپ كىسىپ بوۋاقنى بالىياتقۇدىن  ئېلىپ بولغۇچە تېنى قانغا بويۇلۇپ كېتىدىغان،ئەھۋال يۈز بېرىدۇ.يۇيۇش ئىشلىرى ئۈچۈنمۇ پاكىز سۇ ئىشلىتىلسۇن.قورساقتىن شىر يىگىت ئېلىپ بولۇنغاندىن كېيىن  كىسىلگەن يېرى يەنە پاكىز يىپەك يىپ بىلەن تىكىۋېتىلسۇن.مەن ساڭا بىر گىياھ بېرىمەن،سەن ئۇ گىياھنى ئاق سۈت ۋە مۈشك بىلەن قوشۇپ ئىزىپ سايىدا قۇرۇتۇپ ھەر كۈنى قورساقتىكى  كېسىلگەن يارا ئېغىزىغا سۈرتۈپ بەرسەڭ كېسىلگەن يەر تېزلىكتە ئەسلىگە كېلىپلا قالماي ھەتتا تارتۇقمۇ قالمايدۇ. كېسىلگەن جايغا يەنە پېيىمنى سۈرتۈپ بەرسە سايەمدىن  كېسىلگەن جاي تېزراق شىپا تاپار.كېيىنكى ئىشلاردىن غەم يىمە،بۇ ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن يەنە مەنۇچېھىر شاھنىڭ يېنىغا  بارساڭ ساڭا تاجۇ تەخت بېرىدۇ.كېيىنكى ئىشلىرىڭ ياش نوتىدەك ساغلام بولغۇسىدۇر.

سۇمرۇغ شۇنداق دەپلا يەنە مۈرىسىدىن يېڭى پەي تاشلاپ بېرىپ كەلگەن ماكانى تامان ئۇچۇپ كەتتى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۇ ئىككىنچى بۆلۈم يازمىمىزنىڭ دەسلەپكى قىسمىدۇر. ياش تېۋىپ قۇشنىڭ دىگىنى بويىچە قۇرساقنى يارغاندىن كېيىن بالىنى ئوڭۇشلۇق ئالالامدۇ يوق؟ كېيىنكى ئىشلار زادى قانداق بولىدۇ؟ بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلار بۇندىن كېيىنمۇ يەنە ھەر كۈنى ئىنكاس شەكلىدە يوللاپ تۇرۇلىدۇ.تەپسىلاتلارغا قىزىقسىڭىز ھەر كۈنى بۇ تېما  سەھىپىمىزنى چېكىپ تۇرۇشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز!

سۇمرۇغ قايتىپ كەتكەندىن كېيىن ئۇنىڭ كۆرسەتمىسىگە بىنائەن ياش ھېكىم داۋالاش –يېڭىچە تۇغدۇرۇش ئىشىنى باشلىدى.ئۇندىن بۇرۇن قىيىن تۇغۇتقا دۇچ كەلگەنلەر تۇغالمىسا تۇغۇتىدا ئېچىنىشلىق ئۆلۈپ كېتەر ئىدى.ئوپىراتسىيە ئارقىلىق قۇرساقنى يېرىپ بالا ئېلىش  ئۇسۇلىنى تېخى ھىچكىم بىلمەيتتى. بەلكىم رۇدابە تارىختىكى تۇنجى ئوپىراتسىيە ئارقىلىق تۇغقان ئايال بولسا كېرەك.ھەممە قانداق بولاركىن دىگەندەك غەمكىن ھالدا داۋالاش ئىشلىرىنى مۇناسىۋەتلىك ئىشلاردا تىۋىپقا ھەمكارلاشقاچ كۈزەتمەكتە ئىدى. رۇدابەگە مەي ئىچكۈزۈلۈپ مەست قىلىنغاندىن كېيىن  ياش تىۋىپ ئۆتكۈر پىچاق بىلەن رۇدابەنىڭ قۇرسىقىنى كەستى،  ئارقىدىن  بالىياتقۇنىمۇ كىسىپ بالىياتقۇدىن بوۋاقنى ئالدى.دىمەك بالا قىلچە زەرەر يەتمەي ئاسانلا تۇغۇلغان ئىدى.پۈتۈن خانىداندىكى بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغان كىشىلەر تەئەججۈپتە قالدى.تۇغۇلغان بوۋاق ئادەتتىكى بوۋاقلاردىن ئىككى ئۈچ- ھەسسە چوڭ شىر سىياقلىق ئاجايىپ ئوغۇل ئىدى.كېنىزەكلەر ھەيران قېلىشتى. بوۋاقنىڭ چېھرىنى كۆرگەنلەر:‹‹چىرايى قۇياشتىن رۇشەنراق ئىكەن›› دىيىشەتتى.رۇدابەگە شاراپ كۆپ ئىچكۈزۈلگەن بولغاچقا تېخىچە ھۇشىنى بىلمەي مەستلىكتە ھۇشسىز ياتماقتا ئىدى.ياش ھېكىم سۇمرۇغنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە يارا ئېغىزلىرىنى يىپ يىڭنە بىلەن تىكىۋېتىپ  سۇمرۇغنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە ئالدىن تەييارلاپ قويغان دورىنى يارا ئېغىزىغا سۈركەپ قويدى.

تەخمىنەن يېرىم كۈنلەردىن كېيىن رۇدابە ھۇشىغا كېلىپ كۆزىنى ئاچتى.يېنىدا ئاپتاپ مەسەللىك ،2-3ياشلارغا كىرىپ قالغاندەك چوڭ تەنلىك پىلتەن ئوغۇل بىر چىرايلىق ئۇىلاپ ياتماقتا ئىدى.ئانا ئوغلىنى كۆرۈپ ئىللىق كۈلۈمسىرىدى ۋە پىشانىسىدىن سۆيگەندىن كېيىن ئىمىتمەككە مەشغۇل بولدى.زال ھەممىدىن بەك خۇشال بولغان ئىدى.ئۇ غەزىنىدىن ناھايىتى كۆپ پۇل مال دۇنيا سەرىپ قىلىپ ئەل جامائەتنىڭ ئۈستىدىن چاچقۇ قىلغۇزدى.بالىنىڭ ئىسمىنى قويۇش كېرەك بولدى.بالا ئۈنچىدەك چىشلىرىنى چىقىرىپ كۈلۈپ  ئاتا –ئانىسى ۋە باشقىلارغا تەبەسسۇم قىلدى.چېھرىدە شاھلىق شەرىپى نامايەن بولۇپ تۇراتتى.ئۇ گويا :‹‹رۇستەممەن،تۇغۇلۇشۇمدىن رۇستەممەن›،دەۋاتقاندەك كۆرۈنەتتى.شۇڭا ئىسمىمۇ ‹‹رۇستەم›› قويۇلدى.كېنىزەكلەر بۇ شىر بوۋاقنىڭ تېنىدىن ئەنداز ئېلىپ ئەتلەستىن بىر قورچاق تىكىشتى.بۇ قورچاق رۇستەمنىڭ كەلگۈسى ئىقبالىنىڭ ئىش ئىزلىرىنىڭ سىمۋولى ئىدى.قورچاقنىڭ ئىچىگە سەۋسەن يۇڭى تىقىلغان ،بەئەينى بىر ئاتلىق داڭدار پالۋاننىڭ ئوبرازى نامايەن قىلىنغان ئىدى.قولتۇقىغا نەيزە ۋە تۇغ قىستۇرۇلغان،بىر قولىدا گۈرزە يەنە بىر قولىدا تىزگىن تۇتىۋالغان،ئاستىدا ئويناقلاپ تۇرغان ئارغىماق يەر چاپچىپ كىشنەپ تۇرغان،كەينىدىن بىر توپ لەشكەرلىرى سەپ تارتىپ كېلىۋاتقان ھالەت ئىپادە قىلىنغان ئىدى.بۇ ئالاھىدە  قورچاق ئوغۇل نەۋرە كۆرگەننىڭ سىمۋوللۇق خۇش خەۋىرى سۈپىتىدە سام بوۋىسىغا  ئەۋەتىپ بېرىلدى.بۇ بوۋاقنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى كابۇلغىمۇ خەۋەر قىلىنغاچ  بۇ تۇغۇت مۇناسىۋىتى بىلەن كابۇل بىلەن زابۇلىستان تەڭلا بايرام كەيپىياتىغا چۆمدى.تەرەپ تەرەپلەردە تەبرىكلەش مۇناسىۋىتى بىلەن شاد بەزمىلەر ئۆتكۈزۈلۈپ  داستىخان مول سېلىنىپ چاچقۇلار ئايىماي چېچىلىپ شاتلىق نامايەن قىلىندى.

سام بوۋا ئېلىپ كېلىنگەن باتۇر قورچاقنى كۆرۈپ ھەيران قالدى.ۋە ئەھۋالنى چۈشۈنۈپ باتۇر ئوغۇل نەۋرە كۆرگەنلىكىدىن  كۆپ خوشال بولدى.ئۇ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ قورچاققا كۆزىنى ئۈزمەستىن قاراپ مۇنداق دىدى:

-     گەرچە بۇ قورچاقنىڭ بويى بەلدىن ئىگىز چىقمىسىمۇ نەق ماڭا ئوخشاپتۇ.بۇ شۇنداق باتۇر ئوغۇل بولغايكى بۇلۇتلارمۇ ئۇنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلالمىغاي!

شۇ سكزدىن كېيىن سام خەۋەرچىگە بويى بىلەن تەڭ دىرھەم  سۆيۈنچە بەردى .ئاندىن دەرگاھىنى خۇددى رەڭدار خورازدەك بىزەپ ناغرا -دۇمباق،ساز- پازلانى چالدۇردى.بۇيرۇققا بىنائەن تەرەپ تەرەپتە تەبرىكلەش مۇراسىملىرىنى ئۇيۇشتۇردى.سەگساردىن تارتىپ مازەندىرانغىچە بىزىلىپ شاتلىق مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلدى.تەبرىكلەش مۇراسىملىرى بىر ھەپتە داۋاملاشتى.بۇ خوشاللىققا ئورتاقلاشمىغان ۋە دىنار چاچمىلاردىن  نەپكە ئېرىشمىگەن كىشى قالمىدى.كېيىن سام باش خەتتاتنى يېنىغا چاقىرىپ زالغا جاۋاپ خەت يازدۇردى.مەكتۇپ ياخشى سۆز ۋە تىلەكلەر بىلەن جەننەتتەك بىزەندى.ئۇنىڭدا ئەڭ ئالدى بىلەن تەڭرىگە ئاپىرىنلار ئېيتىلىپ- بەندىنىڭ تەڭرى ئاتا قىلغان ئۇلۇغ پەرزەنىت تۈپەيلى ناھايىتى شادلانغانلىقى،تەڭرىگە  رەھمەر ئېيتىش يۈزىسىدىن سانسىز ھەمدۇ سانالار ئېيتقانلىقى بايان قىلىنىپ كىلىپ پالۋان زالغا شان شەرەپلەر تىلەنگەن .ئاخىرىدا بوۋاققا نۆۋەت بېرىپ :‹‹نۇر چېھىر››،‹‹شاھانە››،‹‹پەھلىۋان قامەت›› دىگەندەك سۈپەتلەر بىلەن سۈپەتلەنگەن ۋە ئۇنى ياخشى ئاسراپ بېقىش ئالاھىدە جېكىلەنگەن ئىدى: ‹‹بالىنى جاننى پىدا قىلىپ بولسىمۇ ياخشى ئاسراڭلار.گۆدەك ھىچبىر زىيان زەخمەت كۆرمىسۇن.مەن تۈنۈگۈن خۇداغا :‹ ئەي ئاللاھ، ئوغلۇمغا ئوغۇل ئاتا قىلغىن› دەپ سېغىنىپ تىلەك تىلىگەن ئىدىم.ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ئاخىر تىلىكىمنى ئىجابەت قىلىپتۇ.مەن ئەسلى تېزلا نەۋرەمنى كۆرۈشكە بارماقچى ئىدىم. ئىشلار ئالدىراش بولۇپ قالغاچ بارالمىدىم،كىيىن چوقۇم بارىمەن.تەڭرى نەۋرەمنىڭ  ئۆمرىنى ئۇزۇن قىلسۇن.››

چاپار سامنىڭ بۇيرۇقىغا بىنائەن بۇ خەتنى ئېلىپ زابۇلىستانغا قاراپ بوراندەك ئات سېلىپ يۈرۈپ كەتتى.زابۇلىستانغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن زالنىڭ ھوزۇرىغا كىرىپ سامنىڭ سالامى بىلەن مەكتۇبىنى زال زەرگە يەتكۈزدى.شۇنداقلا سامنىڭ نەقەدەر خوشال بولغانلىقىنى،قانچىلىغان شاتلىق بەزمىلىرىنى ئۇيۇشتۇرۇپلا قالماي يەنە ناھايىتى كۆپ پۇل مال دۇنيانى شاتلىق چاچقۇسى قىلغانلىرىدىن تارتىپ ھەممە ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى.

ئەمدى گەپنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاقنىڭ ئەھۋالىدىن ئاڭلايمىز.تالاي ئاي كۈنلەر بىر بىرىنى قوغلىشىپ ئۆتۈشكە باشلىدى.بۇ ئارىدا سىر بولۇپ تۇرىۋاتقان نۇرغۇن تېپىشماقلار بىر- بىرلەپ يىشىلىشكە باشلىدى.گۆدەكنىڭ ئىشتىھاسى بەكمۇ ياخشى بولغاچقا بىر ئانىسىنىڭ سۈتى بىلەنلا بېقىپ بولغىىلى بولمىدى.ئىنىك ئانىلار كۆپەيتىلىپ ھەر كۈنى تەيىنلەنگەن ئون ئىنىك ئانا رۇستەمنى نۆۋەت بىلەن ئىمىتىپ ئۇنىڭ سۈت ئېھتىياجىنى ئاران قامدايتتى.شۇ تەرىقىدە بىر يىلچە ۋاقىت ئۆتۈپ رۇستەمنىڭ سۈتتىن ئايرىلىدىغان ۋاقتىمۇ بولۇپ قالدى.ئەمدى كۈتكۈچى ئانىلار ئۇنى نان،كالا سۈتى،ۋە گۆشلەر بىلەن بېقىشقا كىرىشتى.تاماققىمۇ بىر ئوبدانلا كىرىشىپ قالغان ئىدى.رۇستەم سەككىز توققۇز ياشلارغا كىرىپ قالغان چاغلاردا  يەيدىغان تامىقى شۇنچىلىك كۆپەيدىكى بىر ئولتۇرۇشىدا بىر يولىلا 50تاۋاق تاماقنى يەپ تۈگىتىۋېتىدىغان ھالەتكە يەتتى.بۇنى كۆرگەن كىشىلەر ھەيرانلىقتىن بارمىقىنى چىشلىشىپ:‹‹ يا خەللاق›› دېيىشەتتى.ئۇ بىر تەرەپتىن سەرۋى دەرىخىدەك كۈنسېرى  ئىگىز ۋە قامەتلىك ئۆسسە،يەنە بىر تەرەپتىن ھۆسىن جامالدىمۇ  تەڭ يېتىلىپ ئاسماندىكى ئاي بولدى.

سام نەۋرىسى رۇستەم ھەققىدىكى خەۋەرلەرنى يەنى ئۇنىڭ ناھايىتى تېز ئۆسۈپ يىتىلىۋاتقانلىقى،كىچىك تۇرۇۇپلا باتۇرلار قاتارىدىن ئورۇن ئېلىپ بولغانلىقى،ئەقىللىقلىقى،چىرايلىقلىقى...ۋاي –ۋۇي ئىشقىلىپ نەۋرىسى ھەققىدىكى ھەرقانداق خەۋەرلەرنى قىزىقىپ ئاڭلايتتى،سۈرۈشتۈرۈپ تۇراتتى.رۇستەمنىڭ داڭقى چىققانسېرى سامنىڭ ئۇنى كۆرۈش ھەۋىسى بارغاسېرى كۈچەيدى.شۇنىڭ بىلەن تاقىتى قالمىغان سام بىر كۈنى لەشكەرلىرىنى  باش قوماندانىغا تاپشۇرۇپ،ئىشلارنى ئەتراپلىق تاپىلاپ، ئۆزىگە يېقىن كىشىلىرىدىن ئون نەچچىنى ھەمراھ قىلىپ زابۇلىستانغا قاراپ ئاتلىق يولغا چىقتى.زال دادىسىنىڭ كېلىۋاتقانلىق خەۋىرىنى ئاڭلاپ دەرھال قىزىنى يوقلاپ كەلگەن قېيناتىسى مىھرابنىمۇ بىرگە ئېلىپ قارا چۈمۈلىلەردەك ناھايىتى كۆپ قارشى ئالغۇچى لەشكەرلەر بىلەن داقا –دۇمباق، ناغرا- سۇنايلارنىراسا چالدۇرۇپ شەھەردىن 2-3 مىل يىراقلىققىچە  ئالدىغا چىقىپ تەنتەنىلىك قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.بۇ مۇراسىمغا شۇنچىلىك كۆڭۈل بۆلۈنگەن ئىدىكى كاناي ئاۋازلىرى شەھەردىن يىراق يېزىلارغا قەدەر ئاڭلىنىپ تۇراتتى. قارشى ئېلىشقا چىققان لەشكەرلەرنىڭ كۆپلۈگۈدىن لەشكەرلەرنىڭ ئۇزۇن سېپى تاغدىن تاغقا قەدەر سوزۇلۇپ كەتكەن ئىدى.نەگىلا قارىسا،قىزىل ساۋۇت كىيىپ قالقان كۆتۈرىۋالغان لەشكەر كۆرۈنەتتى.پىللارنىڭ ھۆركىرىشى،ئاتلارنىڭ كىشنىشى ۋە ناغرا دۇمباق ئاۋازلىرىنى بەش مىل يىراقلىقتىن ئاڭلاشقا بولاتتى.بىر جەڭگىۋار چوڭ پىلغا كۆچمە تەخىت يۈكلەنگەن بولۇپ ئېسىللىكىدىن ھەممىلا يېرى تىللا بىلەن قاپلانغان ئىدى.رۇستەم ئەنە شۇ كاتتا تەختكە ئولتۇرغۇزۇلۇپ بوۋىسىنىڭ ئالدىغا بىرگە ئېلىپ چىقىلغان ئىدى.رۇستەمنىڭ تۇرقىدىن شىر قامەت،كۈچتۈڭگۈرلۈك،جەسۇرلۇق ۋە بەردەملىك مانا –مەن دەپ بالقىپ تۇراتتى.ئۇ بېشىغا گۆھەر تاج تاقاغان،بېلىگە ئالتۇن كەمەر باغلاپ،قولىغا ئالتۇن كامان تۇتقان،تۆت ئەتراپىدا خىزمەتچى سىپاھلار خوش ئۈستىگە خوش دىيىشىپ خىزمىتىنى قىلىۋاتقان ھالەتتە بوۋىسىنى كۈتۈپ ئولتۇراتتى.بۇ ئارقىلىق زال رۇستەمنى قانچىلىك ئەتىۋارلاۋاتقان ۋە ئاسراۋاتقانلىقىنى ئاتىسىغا كۆرسىتىپ ئۇنى خۇرسەن قىلماقچىدەك قىلاتتى.سام ئۆزىنى قارشى ئېلىشقا چىققانلارنىڭ شۇنچە كۆپلۈگىنى،ئوغلى ئۆزىنى  زور ھۆرمەت، ئالى ئىززەت بىلەن  قارشى ئېلىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ  چوڭ شەرەپ ھىس قىلدى.ئەسكەرلەر ئىككى سەپ بولۇشۇپ يولنىڭ ئىككى قاسنىقىدا سامنى ۋە پادىشاھىنى قوغداپ تۇرۇشاتتى. مىھراب بىلەن زال سامنى يىراقتىن كۆرۈپلا ئاتلىرىدىن چۈشۈپ پىيادە ئالدىغا بېرىپ يەر سۆيۈپ  سامنى قىزغىن قارشى ئالدى.باشقا دۆلەت كاتتىلىرىمۇ تاۋاپ تازىمدا بىرگە ئىدى.ئۇلار سام ھەققىدە مەدھىيەلەرنى  شېئىر قىلىپ ئوقۇپ ئۇنى شەرەپلىدى.قېرى سام تەخت ئۈستىدە ئۇلۇغۋار قىياپەتتە ئولۇرتۇرغان نەۋرىسىنى كۆرۈپ خوشاللىقىدىن چېھرى گۈلدەك ياشناپ كەتتى.   پىل ئۈستىدە سامنىڭ پەرەز قىلغىنىدىنمۇ ھەيۋەت بىر چوڭ سۈپەت باتۇر ئەزىمەت قۇياشتەك پارلاپ ئولتۇراتتى. قاتتىق زوقى كەلگەن سام بارلىق گۇمانلىرى دىلىدىن تارقاپ خوشال كۈلۈپ قويدى.خىزمەتچىلەر پىلنى سامنىڭ يېنىغا ئېلىپ كەلدى.سام نەۋرىسىنى شەرەپلەپ دۇئا قىلار ئىدى:‹‹ئەي شىر يىگىت،ياش پالۋان،مەڭگۈ ئامان بولغايسەن.››

رۇستەممۇ بوۋىسىنى كۆرۈپ تەختتىن چۈشۈپ ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىپ بوۋىىسى ئولتۇرغان تەختنى سۆيۈپ چوڭقۇر ھۆرمەت ئىھتىرام بىلەن سالام بەردى.ۋە پاساھەتلىك تىللار بىلەن بوۋىسىنى ئۇلۇغلاشقا باشلىدى:  

  -ئەي جاھان پالۋانى ۋە مىنىڭ قەدىرلىك، ئۇلۇغ،جان  بوۋام ،سەن ئەبەدى ساق –سالامەت بولغايسەن.مەن سېنىڭ نىھالىڭ،سەن بولساڭ ئىسىل بۇنيادىمسەن.مەن سېنىڭ سادىق قۇلۇڭ بولۇپ خىزمىتىڭگە ياراپ قالسام ئالەمچە شاتلىق ھىس قىلىمەن.بۈگۈن مەن ساڭا كۆرۈشۈش مۇناسىۋىتى بىلەن شۇنى ئۇقتۇرۇپ قويايكى، مەن ئەمدى چوڭ بولدۇم،ئەقىل تېپىپ ئوڭ بولدۇم .ئەمدى ماڭا بۇرۇنقىدەك بىكار يەپ يېتىۋەرسەم ياراشمايدۇ.ماڭا ئەمدى سىلەرنىڭ ئەمەس قىلىچ نەيزىلىرىمنىڭ پاناھلىقى كېرەك.قولۇمدا گۈرزىيۇ قالقان،يەنە بىر قولۇمدا كامان،ساداق ئوق بىلەن لىق تولغان.ئەمدى مىنى كىچىك بالىدەك بېقىۋەرمەي  دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى ئۇرۇشقا چىقىشقا بۇيرۇڭلار.مەن باتۇرلۇق بىلەن ئۇرۇش قىلىپ ھەممە دۈشمەنلىرىڭلارنى تارمار قىلىۋېتەي مەندىن ئەنسىرىشىڭلارنىڭ ھاجىتى يوق.ماڭا تەڭرى ئۆزى مەدەتكار.ئەي بوۋا قارىغىنا،چېھرىمدىن تارتىپ بوي بەستىمگىچە پەقەت سېنىلا تارىتتىم.باتۇرلۇق مەرتلىك جەھەتتتىمۇ سېنىلا ئەندىز قىلىپ كەلدىم.مىنى دۈشمەنلىرىمىزگە قارشى ئۇرۇشتىن توسۇۋالمىغايسەن!

كىيىن سام بىلەن رۇستەم ھەر ئىككىلىسى پىللىرىنى تاشلاپ بىر بىرىنىڭ قوللىرىنى تۇتۇشۇپ پىيادە مېڭىشتى.بوۋىسى ئامراقلىقى كېلىپ نەۋرىسىنىڭ يۈزلىرىدىن تىنماي سۆيەتتى.ئەتراپتىكىلەر بۇ خىل چوڭقۇر ئامراقلىققا ھەيران بولۇشاتتى.كېيىن ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ شەھەرگە كىرىشتى. زال ئاتىسىنى قارشى ئېلىش يۈزىسىدىن ساراينى ئالاھىدە بېزىتىپ ئاتىسىنىڭ ئولتۇرۇشى ئۈچۈن جاۋاھىرلىق تەخىت قويدۇرغان ئىدى.ھەممە شاد- خورام تەبەسسۇملۇق ئىدى . سارايدىكى بەزمىدە سۆھبەت راسا قىزىپ كەتتى.نەي،چاڭراۋاپ قاتارلىق تۈرلۈك چالغۇلار بەس بەستە سايرىشاتتى،ھاپىزلار بار كارامەتلىرىنى ئىشكقا سېلىپ بەزىدە ئەنئەنىۋى مۇقاملارنى،بەزىدەشى خەلق ناىشىلىرىنى،ۋە بەزىدە ئاشىقلارنىڭ مۇھەببەتلىك كۈيلىرىنى ئورۇنلاپ سورۇندىكىلەرنىڭ كۆڭلىنى ئاۋۇندۇراتتى.تەختنىڭ ئوتتۇرىسىدا سام،بىر تەرىپىدە زال،يەنە بىر تەرىپىدە رۇستەم قاتارلىقلار ئۆزىگە يارىشا كىيىملەرنى كىيىپ،ھۇمايۇن پەيلىك تاجلارنى تاقاپ شاد خورام ئولتۇرۇشاتتى. سامنى رۇستەمنىڭ نۇرغۇن تەرەپلىرى ھەيران قالدۇراتتى،بىرسى ناھايىتى تەقۋادار بولۇپ تەڭرى نامىنى ئاغزىدىن چۈشۈرمەيتتى.يەنە بىرى ئۇ ئادەتتىكى ئاەملەردىن زور پەرىقلىق ھالدا ھەقىقى قاھان پالۋىنىغا خاس بوي بەست بىلەن ئۆسمەكتە ئىدى.بىلەكلىرى دەرەخ غولىدەك يوغان ۋە ئۇزۇن،كۆكرەكلىرى كەڭ،بېلى قەلەمدەك تۈز شۇنداقلا ئىككى ئادەمنىڭ غۇلىچى يەتمىگۈدەك چوڭ ئايلانمىلىق،بويىنىڭ ئىگىزلىكىمۇ ئادەتتىكى نورمال ئادەملەرنىڭ  بويىنىڭ ئىككى ھەسسىسىچىلىك كېلەتتى. پۇتلىرىمۇ تۆگە پۇتلىرىدەك يوغان ئىدى.ماڭسا گۈرسىلدەپ يەرنى تىترىتىپ ماڭاتتى.ھىچنىمىدىن قورىقمايتتى.جاھان باتۇرلىرىغا خاس قاراملىق-دىلىدا شىر قۇدرىتى، يولۋاس شىددىتى ھەرقاچان نامايەن ئىدى. چېھرىمۇ تەڭداشسىز گۈزەل بولۇپ ئادەم پەرزەنىتلىرى ئىچىدە بۇنداق ھەر جەھەتتىن يىتىشكىنى كەم تېپىلاتتى.سام ئەھۋاللاردىن شاد ۋە رازى بولۇپ زالغا شۇنداق دىدى:‹‹تارىختىن يۈز ئەسىرچە ۋاقىت ئۆتسىمۇ ھىچكىم بۇنداق ئاجايىپ ئىشنىڭ بولغانلىقىنى يادىغا ئالالمايدۇ.ھىچكىم سىلەردەك تۇغۇلالمىغان بالىنى قورساقنى يېرىپ ئېلىپ باققان،ئەشۇنداق بالا جاھان پالۋىنى بولۇپ ئۆسۈپ يىتىلگەن ئىشنى تېخى قۇلاق ئاڭلىغان ئەمەس.بۇ ئىشلارنىڭ سەۋەپكارى بولغان ھېلىقى سۇمرۇغقا مىڭلارچە رەھمەت ئەڭ مۇھىمى ئەشۇنداق ئەقىل پاراسەتلىك،تەدبىرلىك،غايەت زڭور قۇشنى ياراتقان قادىر خۇداغا مىڭلارچە تەشەككۈر.ئەەەر ئۇ مەدەت قىلىپ ئىشىمىزنى ئوڭ قىلمىغان بولسا بىز بۈگۈنكىدەك خۇشال خورام جەم ولۇپ  بىرگەئولتۇرالمىغان بولار ئىدۇق.››

  بۇ بەزمە –مەشرەپلەر، خۇشال –ئويۇن تاماششىلىق سۆھبەتلەر راسا بىر ئايغىچە داۋاملىشىپ ئۇلار ھايات پەيزىنى قانغۇچە سۈرۈشتى.بۇ بەش كۈنلۈك جاھاننىڭ كارى ئەنە شۇنچىلىك.بىر قېرىسا يەنە بىر نەۋقىران يىتىشىپ چىقىدۇ.ئۇلار ھەركۈنى دىگۈدەك مەي شاراپلارنى بولۇشىغا ئىچىپ مەست بولۇشۇپ، مەستلىكتە ئوڭ- تەتۈر سۆزلەرنى قىلىشىپ مەستلىكتىكى سۆزلەرگە تە بولۇشماي شىرىن سۈخەن ئاۋات كۈنلەرنى ئۆتكۈزۈشتى.بۇ سورۇنلاردا مىھراب شاھمۇ بار ئىدى.بىر كۈنى ئۇ راسا ئىچىپ مەست بولۇپ قېلىپ ئۆزىدىن باشقىلارنى تونىماي مەستلىكتە مۇنداق دىدى:‹‹مىنىڭ رۇستەمدەك باتۇر نەۋرەم بار،مەن ئەمدى زالنىڭ سىپاھلىرىدىنمۇ،شاھىنشاھ مەنۇچېھىردىنمۇ،تىغ يامغۇرى،ئوت دېڭىزلىرىدىنمۇ قورىقمايمەن.ماڭا ئەمدى،بۇلۇتمۇ سايە سالالمايدۇ،ھىچكىم قارشى چىقىپ بوۋام زەھھاكنى تىرىلدۈرۈشۈمگە توسالغۇ بولالمايدۇ.مەن ئەمدى قايتىدىن تۇپراقنى مۈشك –ئەنبەرگە، قىممەتىك تۇتىياغا ئايلاندۇرىمەن،رۇستەمگە كابۇلدا ئاسمان پەلەك بىنالارنى ياسىتىپ راھەت تۇرمۇشتىن ھوزۇر ئالدۇرىمەن....››مىھراب شۇنداق ئاچچىق،كىشىنى غەزەپلەندۈرىدىغان،تەنە مالامەت ئارىلاشقان سۆزلەرنى قىلسىمۇ بىرىنچىدىن مىھمانلىق ھۆرمىتى،ئىككىنچىدىن قۇدا ھەم قېيناتىلىق ئىززىتى،ئۈچىنچىدىن مەستلىكتە ھەرنىمىلەر دىيىلىدىغان بولغاچ ھىچكىم ئۇنىڭ بۇ سۆزلىرىگە ئېرەن قىلىپ كەتمىدى.بەلكى سورۇندا ئېيتىلغان قىزىقچىلىق سۆزى دەپ تونۇشۇپ تېلىقىپ تېلىقىپ  كۈلۈپ ئۆتكۈزىۋېتىشتى.

ئويۇن تاماششا سورۇنى بىر ئاي داۋاملىشىپ ئاخىرلىشىپ يېڭى ئاي بېشى يىتىپ كەلگەندە سام ئۇلار بىلەن خوشلۇشۇپ يەنە  سەپەرگە چىقتىى.زال ئوغلى رۇستەم  بىلەن پىل مىنىشىپ باشقا مۇھىم دۆلەت ئەرباپلىرى بىلەن ئۇنى ئۇزۇتۇپ خېلى ئۇزاق يەرگىچە بىرگە بېرىشتى.سام كىتىۋېتىپ ئاتا مەقبۇرىيىتى تۈپەيلىدىن ئوغلى زال زەرگە پەندى نەسىھەت قىلىپ ماڭدى:‹‹ ئەي ئوغلۇم،ئىشلىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولۇپ تۇرغاي،قىلچە پالاكەت كۆرمىگەيسەن.مەملىكەت ئىشىدا ھەرقاچان ئەدلى ئادالەتنى بىرىنچى ئورۇنغا قوي.ئىىم پەن كىشىلىرىنى،دانا مۇتەپەككۇرلارنىدوست تۇت ھەرگىز يېنىڭدىن ئايرىماي مۈشكۈل ئىشلارنى ئۇلار بىلەن مەسلىھەتىشىپ ئاندىن قىل.شاھنىڭ پەرمانىدىن ھەرگىز چىقمىغىن.يامان ئادەملەر،يامان ئىشلاردىن ھەرۋاقىت نېرى قاچ. يولۇڭنى تەڭرى يولى يورۇتسۇن.دائىم ئىچىڭ بىلەن تېشىڭ بىردەك بولسۇن.نەسىھەتلىرىمنى ھەرقاچان ئېسىڭدە چىڭ تۇت.توغرا يولدىن ئۆمۈرۋايەت يانما .مەن بۇندىن كېيىن يەنە بۇنداق پەندىلەرنى بېرەلەيمەنمۇ يوق بىلمەيمەن.ئۆزۈمگىمۇ ئايان ،ئۆمرۈم ئاخىرلىشىپ قالغاندەك ئانچە بەك ئۇزاق ۋاقىت ياشىيالمايدىغاندەك كۆڭلۈمدىن كېچىۋاتىدۇ.ئۇلار شۇ تەرىقىدە ئۈچ مەنزىلگىچە ئۇزۇتۇپ بىرگە بېرىشتى. سام پەندلىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بۇ بىر جۈپ پەرزەنتىنى قۇچاقلاپ سۆيۈپ خوشلاشتى .بىللە كەلگەن سىپاھدار لەشكەرلەر ئۇنى قورۇغداپ بىرگە ماڭدى.زالمۇ رۇستەم بىلەن قايتىپ كېلىپ ئۆز ئىشلىرى بىلەن مەشۇل بولۇشتى.

رۇستەم بىر كۈنى ئاتىسى زال زەر ۋە باشقا دوستلىرى بىلەن ئوردا ئەتراپىدىكى ھاۋالىق،شىپاڭ راۋاقلىق ،گۈزەل بىر باغدا يىغىلىپ ئۈلپەت بولۇشۇپ سورۇن تۈزۈپ ئولتۇردى.ئۇلار بىر تەرەپتىن ئىسىل مەي -شاراپلاردىن ئىچىپ،يەنە بىر تەرەپتىن ناخشىچى سازەندىلەرگە شوخ ناىشا مۇزىكىلارنى ئورۇنلاتقۇزۇپ،كېنىزەك قىزلارنى لەرزان ئۇسۇللارغا سېلىپ ئۇسۇلدىنمۇ ھوزۇرلىنىپ:‹‹غىزانىڭ ياخشىسى پاخلان گۆش كاۋاپ،ئويۇننىڭ ياخشىسى شوخ ناخشا راۋاپ›› دىگەن شەرتلەرنى تولۇق ھازىرلاپ ئالامەت پەيزى قىلىپ ئولتۇرۇشتى. قىپ- قىزىل رەڭلىك كۈچلۈك ئۈزۈم شارابى كۈمۈش قەدەھلەرگە قۇيۇلۇپ نۆۋەت بويىچە ئايلىنىپ باشلارنى پەيدىن -پەي ئايلاندۇرماقتا ئىدى.ئارلىقتا زال ئوغلى رۇستەمگە مۇراجەت قىلىپ شۇنداق دىدى:

   -ئەي داڭدار ئوغلۇم،مەرتلىك،كەڭ قوللۇق،شاھ ۋە شاھزادىلەرنىڭ ياخشى خىسلىتى.باھادىر دوستلىرىڭنى تېخىمۇ خوشال قىلاي دىسەڭ- ئۇلارغا ئۆزى ياخشى كۆرىدىغان ئىسىل ئات دىگەندەك  قىممەتلىك نەرسىلەردىن مۇكاپات بەرگىن!

رۇستەم ئاتىسىنىڭ بۇ ياخشى مەسلىھەتىدىن سۆيۈنۈپ دەرھال غەزىنىدىن قىزىل ئالتۇن،قىممەتلىك گۆھەر جاۋاھىرات،ئىسىل تون سەرۇپاي،ۋە چاپچىپ تۇرىدىغان تۇلپار نەسىللىك ئەرەپ ئاتلىرىدىن كەلتۈرۈپ دوستلىرىغا ۋە شۇ سورۇندىكى پالۋان سەركەردىلەرگە سوۋغا قىلىپ ئۇلارنىڭ شاتلىقىنى پەلەككە يەتكۈزۈپ  ئۆزىنى تېخىمۇ قوللايدىغان،چوڭ بىلىدىغان قىلدى.سورۇن ھەممەيلەن ئېغىر كەيىپ بولۇپ :‹‹ئەمدى بولدى قىلايلى›› دىگۈچە داۋاملاشتى...

رۇستەم ئولتۇرۇشتىن قايتىپ كېلىپ  كەيىپنىڭ كۈچىدە قاتتىق ئۇيقۇسى كەلگەنلىكىنى ھىس قىلىپ ئالى ياسالغان ھوجرىسىدا كارۋاتقا چىقىپ ياتتى.ياتتىيۇ كۆزى ئۇيىغا ئىلىندى.پۇتكۈل ھويلا باغۇ -بوستاننى جىمجىتلىق باستى.ئارىدىن خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندە ھويلىدىن خىزمەتچىلەرنىڭ دۈپۈرلەپ قېچىشقان، ئاللا- چۇقان كۆتۈرۈشكەن ئاۋازلىرى ئاڭلىنىپ رۇستەم ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ كەتتى ۋە نىمە ئىش بولغانلىقىنى بىلىش ئۈچۈن سىرتقا چىقتى.ئەسلىدە شاھنىڭ ئاق پىلى باغلاقتىن بوشاپ كەتكەن بولۇپ ھىچكىمگە تۇتۇق بەرمەي ھەر تەرەپلەرنى مالتىلاپ ھەممەيلەننىڭ ئارامىنى بۇزىۋەتكەن ئىدى.رۇستەم تېخىچە مەستلىكتىن يىشىلمىگەن ئىدى.بۇ خۋەرنى ئاڭلاپ كەيىپچىلىكتە قاتتىق زەردىسى قايناپ پىل بىلەن ئېلىشماقچى ۋە ئۇنى بويسۇندۇرماقچى بولۇپ بوۋىسىنىڭ كالا باشلىق گۈرزىسىنى قولىغا ئېلىپ ھويلا ئىشىىكىكە يۈگۈردى .قۇلۇپنى بىرلا تارتىپ يۇلۇپ تاشلاپ  سىرتقا ئېتىلدى.لىكىن غۇلاملار ۋە چاكارلار  ئۇنى نەدىمۇ ماڭغىلى قويسۇن؟! ئۇلار رۇستەمگە ھاي بىرىپ يەڭ ۋە قوللىرىغا ئېسىلىۋېلىپ:

-     ئەي شاھزادەم،كىچىدە قۇترىغان پىلنىڭ يېنىغا بارغانلىق ئۆزىگە ئۆلۈم تىلىگەنلىك بىلەن باراۋەر.كونىلار:‹‹ قۇترىغان پىلنىڭ يېنىغا بارغۇچى- ئۆزىگە ئەزرائىل چاقىرغۇچى.ئۇنداق ئادەمنىڭ ئالدىغا تىۋىپ ئەمەس مىيىت يۇيغۇچى چاقىرىش كېرەك›› دەپ نەسىھەت قىلىشقان، ھويلىدىن چىققۇچى بولمىسىلا سىلىگە بىرەر خەتەر يىتىپ قالسا بىرىمىزمۇ ساق قالمايمىز –دىيىشىپ ئۇنى بىر قەدەممۇ  ماڭغىلى قويمىدى.كەيىپلىكتە زەردىسى قايناپ ئاران تۇرغان رۇستەمگە بۇنداق گەپ خوش ياقاتتىمۇ ئەكسىچە ئوت ئۈستىگە ماي چاچقاندەك زەردىسىنى تېخىمۇ قاينىتىۋەتتى.ئۇ ئوڭ قولىنى تارتىۋېلىپ سول قولىغا ئېسىلىۋالغان بىرسىنىڭ بېشىغا بىر مۇشت سېلىۋىدى.ھېلىقى خىزمەتكارنىڭ بېشى خۇددى چالمىدەكلا ئېزىلىپ تاش تىگىپ مىجىلغان شاپتۇل يەرگە چۈشكەندەك گەۋدىسىىدىن ئۈزۈلۈپ‹‹ پوك›› قىلىپ يەرگە دومىلاپ چۈشتى.ئاندىن كۆزلىرىنى چەكچەيتىپ،ھەممىسىدىن  يۈز ئۆرۈپ بىر قارىۋىدى.غۇلاملار قاچا-قاچ بولۇشۇپ ئۇنىڭ ئەتراپىدىن نېرى كىتىپ يوشۇرۇنىشىۋېلىپ بىرىمۇ كىلىشكە جۈرئەت قىلالمىدى.رۇستەم چوڭ ئىشىككە چىقىپ ئۇنىڭ قات-قات زەنجىرلىۋېتىلگەنلىكىنى كۆردى. تارتىپمۇ ئۈزىۋېتەلەيدىغان نىمىسىگە غەزىپى چىكىگە يەتكەن بولغاچ ئالدىرىغان بويى گۈرزە بىلەن بىر قويۇۋىدى ئىشىك پاچاقلىنىپ زەنجىرمۇ پارچە-پارچە بولۇپ يەرگە چۈشتى.ئاندىن تاشقىرقى ھويلىغا يۈگرەپ چىقتى.ئاق پىل خۇددى كۆچمە ئاق تاغدەك ھويلا ۋە باغدا ئۇچرىغانلا ئادەمنى سۈرۈپ يۈرەتتى.باتۇرلارمۇ ئۇنىڭغا يېقىنلىشالماي بۆرىدىن قاچقان قوزىدەك ئۆزىنى ھەريان قاچۇرىشاتتى.ھويلا ۋە باغ خۇددى قىيامەت بولغاندەك پاتىپاراقچىلىق بىلەن تولغان ئىدى.رۇستەم خۇددى قۇترىغان شىردەك نەرە تارتىپ كىلىۋىدى ئاق پىلمۇ ھەيۋەتلىك تاغسىمان يوپۇرۇلۇپ شىپقاپ كەلدى.پىل خارتۇمى بىلەن يۆگەپ تۇتۇۋېلىپ زىيان سېلىش مەقسىدىدە خارتۇمىنى شۇنداق سوزىشىغا رۇستەم ئۇنىڭ خارتۇمىدىن تۇتۇۋېلىپ سىلكىپ-سىلكىپ تارتتى.پىل ئىككىنچى ھۈنىرىنى كۆرسۈتۈپ بولغۇچە تەھەمتەن(رۇستەم بەزىدە شۇنداق دەپمۇ ئاتىلىدۇ) گۈرزە بىلەن بېشىغا كىلىشتۈرۈپ بىر قويۇۋىدى.ھەيۋەت بىلەن يوپۇرۇلۇپ كىلىۋاتقان پىل شۇ زامان بوشۇشۇپ خۇددى ئىگىز تاغ غۇلىغاندەك‹‹ گۈلدۈر›› قىلىپ يىقىلىپ چۈشتى.ئاق پىلنىڭ باياتىنقى ئالەمگە پاتماي قالغان ھەيۋىسىدىن بىردەمدە ئەسەرمۇ قالماي خار- مىسكىن بولۇپ يەردە يېتىپ قالدى.بىردەمدىن كېيىن ئەتراپقا يوشۇرىنىۋالغانلار پىلنىڭ مىدىر قىلماي ياتقانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنىڭ ئكلگەنلىكىنى قەزىم قىلىشىپ بىردىن- ئىككىدىن پىلنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىشتى.رۇستەم بولسا ىاتىرقەم بولۇپ چالا قالغان ئۇيقۇسىنى ئۇخلاش ئۈچۈن ياتاق ھوجرىسىغا قاراپ ماڭدى...

ئەتىسى ئەتىگەندە ئۇياتچان گۈزەل كىلىن،نۇرلۇق قۇياش ئوتقاشتەك شەرىق ئاسمىنى مەپىسىگە ئۇيالغاندەك  قىزىرىپ چىققىنىدا زال كېچىدىكى بۇ ‹‹ئاجايىپ جەڭ››دىن خەۋەر تاپتى .بۇنداق خەۋەرنى ئاڭلاش نىسىپ بولغان قانداق ئاتا  ئۆز ئوغلىدىن ئىپتىخارلانماي تۇرالىسۇن؟! ئۇ بىر تەرەپتىن ئاق پىلىدىن ئايرىلىپ قالغىنىغا ھەسراتلەنسە ،يەنە بىر تەرەپتىن ئوغلىنىڭ بۇنداق تېز يىتىلىپ كىشىنىڭ ئەقلى يەتمىگۈدەك قالتىس ئالەم پالۋىنىغا ئايلانغانلىقىدىن شەرەپ ھىس قىلاتتى .شۇ چاغدائۇنىڭ ئىسىگە سۇمرۇغنىڭ ۋە يۇلتۇز سانار پالچىلارنىڭ مەنۇچېھىر ھوزۇرىدا بۇرۇن بەرگەن بىشارەتلىرى كەلدى.ئۇ ئادەملىرىگە قاراپ :

   -ئاق پىل ئاجايىپ باتۇر  پىل ئىدى.جەڭلەرگە مىنىپ چىقسام باتۇرلۇق كۆرسىتىپ دۈشمەن قېنىنى نىلدەك ئاققۇزاتتى.ناھايىتى كۆپ جەڭلەر ئۇنىڭ كۈچى جاسارىتى بىلەن غەلىبىگە يۈزلەنگەن ئىدى.دۈشمەن سىپىگە بۆسۈپ كىرىپ قەدىمىنى قاياققا بۇرىسا غەلىبىمۇ شۇياققا يۈزلىنەتتى.دۈشمەنلەرمۇ ئۇنىڭدىن ئەزرائىلدىن قورىققاندەك قورقاتتى.ھالا بۈگۈن ھىچقانداق ئۇرۇشتا يىڭىلمەي كەلگەن ئاق پىلىم ئوغلۇم رۇستەمنىڭ قولىدا يەر چىشلەپتۇ. بوپتۇ.ئاق پىلىم ئۆلگەن بىلەن ئاللاھ ماڭا ئاق پىلدىنمۇ مىڭ ھەسسە باتۇر ۋە شىجائەتلىك قەھرىمان ئوغۇل بېرىپتۇ.مۇشۇنىڭ ئۆزى مىنىڭ خوشال بولۇشۇمغا ،شەرەپ ھىس قىلىشىمغا يىتىپ ئاشىدۇ،ئوغلۇمنى چاقىرىڭلار ! –دىدى.

رۇستەم چاقىرىپ چىقىلغاندا زال زەر ئۇنى تېخى ئەمدىلا كۆرىۋاتقاندەك ئۈستىبېشىغا  يېڭىباشتىن سەپسېلىپ چىقتى.يېقىن دوستلاردەك ئۇنىڭ ئالقىنىغا ئۇرۇپ كۆرۈشۈپ ھۆرمەت ۋە ئىپتىخار ئىلكىدە پىشانىسىگە سۆيدىۋە دىدى:

  -ئەي باتۇر ئوغلۇم،تەڭداشسىز شىر بالا! بۈەۈن شۇنى بايقىدىمكى چاڭگىلىڭ قۇدرەتلىك كۈچكە تولۇپتۇ.گەرچە ياش بولساڭمۇ ئالەمدە ساڭا بارابەر كەلگۈدەك ئىككىنچى بىر ئەر تېخى ئانىسىدىن تۇغۇلمىدى.بۈگۈن ساڭا شۇنداق پەرمان بېرەيكى داڭقىڭ ئەتراپقا تارالماستىن،مەقسەد ئارمانلىرىڭ ئاشكارە بولماستىن بۇرۇن بوۋاڭ نەرىماننىڭ خۇنىنى تەلەپ قىلىپ لەشكەر بىلەن سىپەند تېغىغا قاراپ ئات سالغىن.ئۇ يەرنى قانداق جاي دەپ سورىساڭ،شۇنداق ئىگىز بىر قەلئە شەھەركى بېشى ئاسمانغا تاقىشىدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھەتتا بۈركۈتمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ،قەلئەسىنىڭ ئىگىزلىكى تۆت پەرسەڭ، كەڭلىكىمۇ تۆت پەرسەڭ كېلىدۇ.ئۇ يەردە ،سۇ،ئوت- چۆپ،دىنار ئالتۇن،ھەر خىل قۇش ۋە ھايۋانلار،ناھايىتى كۆپ ئىنسانلار بار.دەل-دەرەخلىرىنىڭ سان ئېدىتى يوق.يايلاق ئىكىنزارلىرىمۇ كۆز يەتكۈسىز. پاك پەرۋەردىگار قۇدرەت كامالى بىلەن شۇنداق ياراتقان ئاجايىپ بىر زىمىندۇركى تا ھازىرغىچە ھىچكىم بۇنداق بىر دىياردىن ئىككىنچى بىرىنى كۆرۈپ باقمىغان.بۇ يەرنىڭ قەلئەلىرى شۇنچە ئىگىز بولغان بىلەن چىقىدىغان بىرلا يولى بار.لىكىن بەكمۇ تار.دەرۋازىسىمۇ ئاسمان پەلەك ئىگىز ۋە ھەيۋەتلىك. پەرىدۇن شاھنىڭ زامانىدا شاھ بىرىنچى پالۋانى بوۋىمىز نەرىماننى دەل مۇشۇ سىپەند تېغىغا ھۇجۇم قىلىپ بېرىپ ئۇ يەردىكىلەرنى بويسۇندۇرۇپ كىلىشكە بۇيرۇغان ئىكەن.بوۋىمىز ئۇ يەرگە بېرىپ بىرنەچچە زامان باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىپتۇ ئالالماپتۇ.ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن نۇرغۇن ھىيلىلەرنى قىلىپ باقسىمۇ يەنە كار قىلماپتۇ.شۇندىمۇ بوۋىمىز ئىرادىسىدىن يانماي كۆپ يىللارغىچە بۇ قەلئەنى قورشاپ داۋاملىق جەڭ قىلىۋېرىپتۇ.قازارا بىر كۈنى بوۋىمىز قەلئە ئەتراپىنى چارلاۋاتقاندا ياۋۇز ھىيلىگەر دۈشمەنلەر ئۈستىدىن تاش غۇلىتىپتۇ.بوۋىمىز ئەنە شۇ تاش بېسىۋېلىپ قازا قىپتۇ.يولباشچىسىدىن ئايرىلغان قوشۇنلىرى داۋاملىق جەڭ قىلىۋېرىشنى خالىماي ئاخىر قايتىپ كەپتۇ. بىر ھەپتىلىك ماتەمدىن كىيىن بوۋاڭ سام ئاتىسىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە قوشۇن باشلاپ بېرىپ ئۇمۇ نەچچە يىل قورشاپ ياتقان، باتۇرلارچە جەڭ قىلغان بولسىمۇ قەلئە ئىچىگە كىرىدىغان يول تاپالمىدى.بۇ قەلئەگە نە بىرەر تىرىك جان كىرمەيدىكەن،نە ئۇنىڭدىن بىرەر چاشقان چاغلىق نەرسە سىرتقا چىقمايدىكەن.دەرۋازىسى يىللاپ تاقاق تۇرسىمۇ خەلقى بىرەر نانغا مۇھتاجلىق سەزمەيدىكەن.شۇندىن بۇيان بوۋاڭ سام ئاتا قىساسىنى ئالالماي بىئاراملىق ئىچىدە  نائىلاج قايتىپ كەلگەن ئىدى.جان ئوغلۇم ئەمدى نۆۋەت ساڭا كەلدى.سەن ئۇ يەرگە بارغىنىڭدىن كېيىن بوۋىلىرىڭدەك قاراملىق قىلماي ئەقىل پەم ئىشلىتىپ خۇشال خورام ھالدا سودىگەر قىياپىتىگە كىرىۋېلىپ  چوڭ كارۋان باشلاپ بارغىن.سەن تېخى تولۇق نام چىقارمىدىڭ،سېنى تونۇيدىغانلار كۆپ ئەمەس،سودىگەر قىياپىتى بىلەن بارساڭ بەلكىم ئۇلار سودا سېتىققا قىزىقىپ بولسىمۇ دەرۋازىسىنى ئېچىپ قالار،سەن ئادەملىرىڭ بىلەن قەلئە ئىچىگە كىرىپلىۋالالىساڭ كۈچۈڭنى نامايەن قىلىپ ھەرقانداق كۈچلۈك ياۋنىمۇ يوقۇتىۋېتەلەيسەن.شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى جەڭدە باتۇر بولۇپلا قالماي ئەقىللىق تەدبىرلىك بولۇپ، ئۇ ئەبلەخلەرنى بويسۇندۇرۇپ شېخىنى يىلتىزى بىلەن قوشۇپ يۇلۇپ تاشلىغىن.

كۈچ قۇۋۋىتى ئۇرغۇپ ئۇنى ئىشلىتىدىغان يەر تاپالماي تۇرغان باتۇر رۇستەمگە بۇ بۇيرۇق مايدەك ياقتى.شۇڭا دەرھال خوشاللىق بىلەن بۇيرۇقنى قوبۇل قىلدى:

  -بېشىم بىلەن    -دىدى ئۇ   - پەرمانىڭىزنى قوبۇل قىلدىم .مەن ئۇ يەرگە بارغان ئىكەنمەن چوقۇم كىرىشنىڭمۇ چارىسىنى قىلىمەن.

  -ئەي ئوغلۇم،ئەس ھۇشۇڭنى يىغ،ھەربىر ئىشتا قاتتىق ئېھتىياتچان بول،سۆزۈمدىن ھەرگىز چىقما.بۇيرۇقۇمغا بىنائەن چۆلدىن تۆگىلەر كىلىدۇ.خاس باتۇر يىگىتلىرىڭنى ۋە لەشكەرلىرىڭنى كارۋاندىكى سودىگەر ۋە قورۇغدىغۇچىلاردەك قىلىپ ياسا تۆگىلەرگە باشقا مال قاچىلىماي پەقەت ئاشتۇزىلا قاچىلا ،نىمىشقا دىسەڭ مىنىڭ ئۇ قەلئە ھەققىدە ئالغان ئەڭ يېڭى مەلۇماتىمدىن قارىغاندا ئۇ قەلئەدىكىلەرنىڭ ھەممە نەررسىسى تولۇق ئىكەن .پەقەت ئاشتۇزىلا كەمچىل ئىكەن. ئۇلاردا ئاشتۇزى بولمىغاچقا ھەم سىرت بىلەن ئالاقە قىلىپ باقمىغاچقا  تۇز قەھەتچىلىكى بەكمۇ ئېغىر ئىكەن.شۇڭا ئۇلار تۇزنى ھەممە نەرسىدىن ئەلا بىلىدىكەن.ئەگەر سەن تۇز سودىگىرى بولۇپ ياسىنىپ بارساڭ قەلئەگە كىرەلىشىڭ ۋە غەلىبە قىلالىشىڭ مۈمكىن.

رۇستەم زالنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ شۇ ھامان سەپەر ھازىرلىقىنى قىلىشقا كىرىشتى.ئۇ ئاتىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە يېقىن دوستلىرى ۋە باتۇر مەرت پالۋانلاردىن يەتتە كىشىنى ھەمراھ قىلىپ تاللاپ 10نەچچە تۆگىگە تاغارلارغا قاچىلانغان تۇز ئارتىپ تۇزئارىسىغا قىلىچ خەنجەرلىرىنى يوشۇرۇپ ھەممىسى تۇزچى كارۋانلاردەك  ياسىنىپ سەپەرگە ئاتلاندى.

ئۇلار بىرنەچەچە ھەپتە يول يۈرۈپ ئاخىر سىپەند تېغىغا يىتىپ باردى.قارىغۇدەك بولسا ھەقىقەتەن ئاتىسى تەسۋىرلەپ بەرگەندەك  كۆككە بوي سوزغان بۇلۇتلاردىنمۇ ئىگىز بىر قەلئە ئىكەن.ھەممە تەرىپى ئىگىز قەلئە تېمى بىلەن توسۇۋېتىلگەن بولۇپ سىرتقا قارايدىغان بىرلا دەرۋازىسى بار ئىكەن.لىكىن بۇ دەرۋازىسىمۇ يىل بويى تاقاقلىق تۇراتتى.ئۇلارقەلئە دەرۋازىسىغا يېقىنلا يەردىكى ئورمانلىق بويىغا كىلىپ تۆگىلىرىنى توختۇتۇپ  يالغاندىن ھاردۇق ئېلىپ ئولتۇردى.

قەلئە دەرۋازىسىنىڭ قاراۋۇلى ئۇلارنى كۆرۈپ دەرھال  قاراۋۇلخانىغا  يۈگرەپ كىرىپ سەردارىغا ئەھۋال مەلۇم قىلدى:

  -دوكلات سەردار جاناپلىرى.ئون نەچچە ئادەمدىن تەشكىللەنگەن تۆگىلىك بىر كارۋان قەلئە دەرۋازىسى ئۇدۇلىغا كېلىپ چۈشكۈن قىلىپ ئارام ئېلىۋاتىدۇ.ئۇلارنىڭ باشچىسى ئىگىز بويلۇق بىر پالۋان سۈپەت كىشىكەن.ئۇلار تۆگىلىرىگە نۇرغۇن تاغار ئارتىۋاپتۇ.گۇمانىمچە تۇز سودىگەرلىرىدەك قىلىدۇ.

سەردار بۇ مەلۇماتنى ئاڭلاپ سىرتقا دەرھال ئەھۋال ئۇقۇپ كىرىش ئۈچۈن چاپار چىقاردى:

   -سەن چىقىپ ئەھۋال ئۇقۇشۇپ كىرگىن،كارۋاننىڭ باشچىسى كىم ئىكەن،بۇ يەرگە نىمە مەقسەد بىلەن كەپتۇ.تۆگىلىرىگە ئارتىۋالغىنى نىمە ئىكەن؟ تېزرەك بىلىپ كەل،چاققان ۋە زېرەك بول،ھاڭۋاقتىلىق قىلما ! تېز بېرىپ،تېز قايتىپ كەل!

چاپار قەلئەدىن شامالدەك تېز چىقىپ رۇستەمنىڭ ئالدىغا كىلىپ ئۇنىڭدىن سورىدى:

   -ئەي كارۋان بېشى، تۆگەڭلارغا ئارتىپ كەلگىنىڭلار نىمە؟ بۇ يەرگە نىمە مەقسەد بىلەن كەلدىڭلار؟ ئەھۋالىڭلارنى مەلۇم قىلىڭلار ! مەن كىلىش مەقسىدىڭلارنى ئۇقۇپ سەردارغا ئەھۋال مەلۇم قىلاي.ئاندىن نىمە پەرمان بەرسە شۇنى سىلەرگە يەتكۈزەي.

رۇستەم مۇلايىم قىياپەتتە كۈلۈپ تۇرۇپ جاۋاپ بەردى:

-كىرىپ داڭدار باشلىقىڭغا ئېيت،بىز شەھەرمۇ شەھەر يۈرۈپ تۇز تىجارىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان سودىگەرلەر.سودا بىلەن كېتىۋېتىپ بۇيەردىن ئۆتۈپ قالدۇق.ئەگەر شەھىرىڭلاردىكىلەرنىڭ تۇزغا ئىھتىياجى بولسا بىزنى قارشى ئالساڭلار كىرىپ سودا قىلىپ كەتسەكمۇ بولىدۇ.ئېھتىياجىڭلار بولمىسا سىلەرمۇ بىزنى ئاۋارە قىلماڭلار، بىزمۇ ئۆز يولىمىزغا مېڭىۋېرىپ كۆزلىگەن يېرىمىزگە بېرىپ سودا قىلساقمۇ بىزگە زىيان يوق.ئىشقىلىپ مېلىمىز نەگىلا بارساق بازىرىئىتتىك مال.

چاپار بۇ گەپنى ئاڭلاپ قايتىپ كىرىپ باشلىقىغا يەتكۈزدى.باشلىقىنىڭ بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ ىوشال بولغىنىدىن ئاغزى يۇمۇلمايلا قالدى.ۋە تېزلىكتە بۇيرۇق چۈشۈردى:

  -دەرۋازا ئېچىلسۇن،تۇز سودىگەرلىرى قەلئەيىمىزگە كىرگۈزۈلسۇن!

دەرۋازىۋەنلەر دەرھال يوغان دەرۋازىنى ئاچتى.رۇستەملەر تۆگىلىرىنى يېتىلەپ  ئامان ئىسەن دەرۋازىدىن قەلئە ئىچىگە كىرىۋالدى.تۇز سودىگەرلىرىنىڭ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان شەھەر خەلقى كەلكۇن سۇدەك يوپۇرۇلۇپ كېلىپ بۇ ‹‹تۇز سودىگەرلىرى››نى ئورىۋېلىشتى.رۇستەم بىرىنچى بولۇپ سەردارنىڭ يېنىغا كىرىپ يەر سۆيۈپ تۈرۈپ سەردارنى قۇتلۇقلىدى ۋە ئۈچ تاغار تۇزنى ئۇنىڭغا سوغا قىلىپ بەردى.سەردار تېخىمۇ خوشال بولۇپ ئۇنىڭغا رەھمەت ئېيتتى:

   -ئەي كارۋان بېشى ،بېشىڭ مەڭگۈ ئامان بولسۇن.شادلىق ھەمىشە ھەمراھىڭ بولسۇن.ئىقبال قۇياشىڭ دائىم نۇر چېچىپ تۇرسۇن.ئەسلى سوغا قوبۇل قىلمايتتىم، قارىسام ياخشى ئادەمنىڭ بالىسىدەك قىلىپ تۇرىسەن.شۇڭا ساڭا تەشەككۈر بىلدۈرۈپ سوغاڭنى قوبۇل قىلاي.قەلئەيىمىز تولىمۇ باي باياشات.ھىچنىمىدىن غېمىمىز يوق.پەقەتلا تۇزغا ئېھتىياجىمىز بار ئىدى.سىلەر تۇز ئېلىپ كىلىپ خوپ ئوبدان ئىش قىلىپسىلەر.بىمالال شەھەرگە كىرىپ خالىغان جايدا تۇز سوداڭلارنى قىلىۋېرىڭلار.بۇندىن كېيىنمۇ تۇز ئېلىپ كەلسەڭلار دەرۋازىمىز سىلەرگە ھەر زامان ئوچۇق.

رۇستەملەر سەردارنىڭ رۇخسىتىگە بىنائەن بازارنىڭ ئەڭ ئاۋات يېرىگە بېرىپ يالغاننى راستەك قىلىپ ئويناپ شەھەر خەلقى بىلەن تۇز سودىسى قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. تۇز ھەممىلا ئادەمگە جىددى ئېھتىياجلىق بولغاچقا نەچچە مىڭلىغان كىشىلەر سودىگەرلەرنى قورشىۋېلىپ سودا قىلىشقا كىرىشىپ كەتتى. بۇ قەلئەدىكىلەر پۇل  ئىشلەتمەيتتى.لىكىن قىممەتلىك نەرسىلىرى  كۆپ ئىدى.بىرلىرى ئىسىل كىيىم بەرسە ،بىرلىرىكۈمۈش،بىرلىرى قاشتېشى بەرسە بىرلىرى ئالتۇن،يەنە بەزلىرى گۆھەر ياقۇت بەرسە يەنە بەزىلىرى ئالماس ياكى مەرۋايىتلانىمۇ ئېلىپ كىلىشەتتى. قانچە قىممەت ساتسىمۇ قىلچە ۋايسىماي تۇزغا ئېرىشەلىگىنىگە خوشال بولۇشاتتى.ئۇلار ئەكەلگەن تۇزلىرىنى بىر ئاش پىشىم ۋاقىتقا قالماي سېتىپ بولۇشتى.كىيىن  بىر سارايدىن ياتاق ئېلىپ ئورۇنلىشىۋېلىپ  كەچ كىرىشىنى كۈتتى.قاش قارايغان ھامان تاقىتى تاق بولۇپ تۇرغان رۇستەم تۇز ئىچىگە يوشۇرۇپ ئېلىپ كەلگەن گۈرزىسىنى چىقىرىپ ئادەملىرى بىلەن جەڭ باشلىۋەتتى.پۇىرالارنى ئۆلتۈرمەي لەشكەرلەر بىلەنلا جەڭ قىلدى.سەردار بۇ غەۋغادىن خەۋەر تېپىپ ئېتىنى مىنىپ قورالىنى شىلتىغىنىچە رۇستەملەر جەڭ قىلىۋاتقان يەرگە  ئات چېپىپ كىلىپ توپتوغرا رۇستەمگىلا ئېتىلدى.سەردار قىلىچىنىشىلتىپ بولغۇچە رۇستەم ‹‹ئېيتماق ئاستا قىلماق تېز ››دىگەندەك  گۈرزىسى بىلەن كىلىشتۈرۈپ بىر قويۇۋىدى.سەردارنىڭ بېشى بىلەن تېنى ئات پېتى بىلەنلا مىجىلىپ يەردىكى بىر دۆۋە گۆش تېرە ئارىلاشمىسىغا ئايلىنىپ قالدى. قورغاندىكىلەر ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىشقاندىن كېيىن شەھىرىنى ساقلاپ قالماق بولۇشۇپ لەشكەر پۇخرا دىمەي ھەممىسى تەڭ قوراللىنىپ  كەلكۇن سۇدەك يوپۇرۇلۇپ رۇستەملەرنى قورشاپ كېلىشتى.باشقىلار سەل قورقۇپ تەمتىرەشكەن بولسىمۇ رۇستەم جەڭ قىلغانچە روھلىنىپ تېخىمۇ كۈچلىنپ كېتىۋاتقاندەك بولۇپ  گۈرزىسىنى شىددەت بىلەن ئوينۇتۇپ ئالدىغا كەلگىنىنى كالتەك بىلەن قوناق سوققاندەك سوقىۋەردى.گۈرزىسىنى ھەر بىر شىلتىغاندا ئالدىغا كىلىپ قالغان  ئۆلەرمەندىن بىر ياكى ئىككىسى مىجىلىپ جېنىدىن جۇدا بولاتتى.بايا يوپرۇلۇپ كەلگەنلەر ئەمدى كۈچلۈك شىر توپىغا دۇچ كەلگەن قوي پادىلىرىدەك تەرەپ تەرەپلەرگە قېچىشقا جانلىرىنى ساقلاپ قېلىشقا ئۇرۇندى. رۇستەم بىلەن باھادىرلىرى ھاردىم -تالدىم دېمەي، ئالدىغا كەلگەننى ئورۇقكەن سىمىزكەن دىمەي، قىلىچ بىلەن چېپىپ، ئوق بىلەن ئېتىپ، گۈرزە بىلەن سېلىپ قىلچە ئاياپ قويماي باتۇرلۇق بىلەن قان كېچىپ جەڭ قىلىۋەردى.ئۇلاردا قورقۇش دىگەن تۇيغۇ قىلچە قالمىغان ئىدى. شۇ تاپتا خۇددى ئورما ئورغۇچىلارغا،ئالدىغا پۇتلاشقاننى يىقىتىپ يول ئاچقۇچىلارغىلا ئوخشاپ قالغان ئىدى.ئۇلا شۇ تەرىقىدە جەڭ قىلىپ تاڭ ئېتىپ قۇياش چىققىنىنىمۇ تۇيماي قېلىشتى.ئەتراپ لەشكەر ۋە پۇخرانىڭ ئۆلۈكلىرى بىلەن تولۇپ كەتكەن بولۇپ ،پۇتى سۇنغان،قولى ناكا بولغان ،يېرىم چېپىلىپ جان تالىشىپ ياتقان يارىدرلارنىڭمۇ ھەدى- ھېسابى يوق ئىدى.يەردە قانلار ئېرىق بولۇپ ئېقىشاتتى.قارىغۇدەك بولسا ئۆلگەنلار -ئۆلۈپ  قەلئەدە بىرمۇ ساق ساغلام تەن قالمىغان ئىدى.ساق قالغانلىرىمۇ ‹‹جېنىم تاتلىقكەن››دىيىشىپ تەرەپ –تەرەپلەرگە قېچىپ كېتىشكەن ئىدى.قولغا چۈشكەنلىرىنىمۇ غەزىبى قايناپ- تاشقان رۇستەم گۈرزىلىۋەتتى. كىيىن ئۇ ئادەملىرى بىلەن  شەھەر ئىچىنى ئاختۇرۇشقا باشلىدى.

رۇستەم تاغ ئارىسىدىكى تار قىستاڭ يول بويىدا  تاملىرىمۇ ئۆگزىلىرىمۇ تاشتىن ياسالغان بىر ئۆينى كۆردى.ئۇنىڭ پەقەت بىرلا ئىشىكى بولۇپ ئۇمۇ تۆمۈردىن ياسالغان ئىدى.ئۇنىڭغا ھىچكىم ئاچالمىسۇن دىگەندەك مەھكەم قىلىپ مۇھەندىس ئورنۇتۇپ قويغان ئىدى. رۇستەم نەدىنمۇ ئاچقۇچ ئىزدەپ يۈرسۇن گۈرزىسى بىلەن كىلىشتۈرۈپ بىر قويۇۋىدى تۆمۈر ئىشىك زەربىگە چىدىماي ئېچىلىپ كەتتى.رۇستەم ئىچىدە نىمە بارلىقىغا قىزىقىپ ئۆي ئىچىگە قەدەم قويدى.بۇ تورۇسى يوغان گۈمبەزلىك قىلىپ ياسالغان زالدەك چوڭلۇقتىكى بىر ئۆي بولۇپ يەردىن تارتىپ تاكى تورۇسقىچە جاۋاھىر بىلەن لىپمۇ لىق تولغان ئىدى.بۇنى كۆرگەن رۇستەم ھەيرانلىقتىن قېتىپلا قالدى.ئۇ ھەيرانلىق ئىچىدە لىۋىنى چىشلەپ تۇرۇپ ھەمراھلىرىغا دىدى:

  -مەن بۇ يەردە بۇ خىلدىكى مۆجىزىنى كۆرەرمەن دەپ ئويلاپمۇ باقماپتىكەنمەن.گويا  يەر يۈزىدە جقاۋاھىر كانى قالمىغاندەك، دەريا دېڭىزلاردىكى ۋە بارلىق شاھلارنىڭ غەزىنىسىدىكى قىممەتلىك بايلىقلار  بۇ يەرگە كۆچۈرۈپ كېلىنگەندەك ئاجايىپ كاتتا بىر غەزىنىگە دۇچ كەپتىمىز.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۈگۈنكى يازمىمىز مەشەدە ئاخىرلاشتى.رۇستەمگە بۇ بايلىقلار نىسىپ بولامدۇ؟ ئۇ ئۇلارنى قانداق بىر تەرەپ قىلىدۇ؟ بۇ ۋەقەلەرگە قىزىقسىڭىز ئەتە دىققىتىڭىز داۋاملىق سەھىپىمىزدە بولسۇن.

سىپەند تېغى قەلئەسىدىكى غەلىبىدىن كېيىن رۇستەم ئۆزى يىتىپ بېرىشتىن بۇرۇن بۇ خوش خەۋەرنى ئاتىسىغا بۇرۇنراق ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن بىر چاپاردىن زەپەرنامە يېزىپ زالغا ئەۋەتتى.زەپەرنامىدا سىپەنىد تېغىدا بولغان كۈرەشلەر ئىخچام ۋە مەزمۇنلۇق بايان قىلىنغان ئىدى.زەپەرنامىدە ئالدى بىلەن ئۇلۇغ پەرۋەردىگار ياد ئېلتىلدى.ئاندىن ئاتىسى زالغا ئاپىرىنلار ياغدۇردى.ئۇنىڭدىن كېيىن سىپەنىد تېغىدىكى كۈرەشلەرنى قىسقىچە بايان قىلىپ شۇنداق يازغان ئىدى:‹‹ئەمرىڭ بىلەن سىپەند تېغىغا يىتىپ كەلدىم.ئېيتقىنىڭدەك بۇ تاغ زىمىن بىلەن ئاسمان تۇتىشىپ تۇرغاندەك كۆۈرنىدىغان ناھايىتى ئىگىز تاغ ئىكەن.تاغنىڭ ئىتىكىگە كەلگەن چېغىم قورغان پاسىبانى بىزنى كۆرۈپ  ئەھۋال ئۇقۇشۇشقا چاپار چىقىرىپتۇ.ئەھۋالنى ئۇقۇپ ناھايىتى خوشال بولغان چېغى دەرھال پەرمان چۈشۈرۈپ  دەرۋازىنى ئاچتۇرۇپ بىزنى ئىچكىرىگە كىرگۈزدى.ئىچكىرىگە كىرگەندىن كېيىن ئالدى بىلەن نەچچە تاغار تۇز سوغا قىلىپ سەردارىنىئۆزىمىزگە مايىل  قىلىپ بىزنى قىزغىن قارشى ئالىدىغان ھىچكىمنىڭ دەخلىسىگە ئۇچراتماي سودا قىلغىلى قويىدىغان  ھالغا كەلتۈردۈم.كىيىنكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى خاھىشىمدىكىدەك بولدى.تۈن كېچىدە باتۇرلۇرۇم بىلەن جەڭ باشلاپ تاكى تاڭ ئاتقانغا قەدەر قاتتىق جەڭ قىلىپ  قورغاندىكىلەرنى پاك –پاكىز يوقاتتىم.تاڭ ئاتقاندا قارىسام ئۆلگەنلەر ئۆلۈپ، قاچقانلار قېچىپ يوللار ئۆلۈكلەر دۆۋىسى بىلەن تولۇپ كېتىپتۇ. بىز بىلەن قارشىلاشقۇدەك بىرسىمۇ قالماپتۇ.شۇنىڭ بىلەن غەنىمەتلەرنى يىغىشتۇرۇشقا كىرىشۇق.غەنمەت ئالغان ئولجىمىز 500مىڭ خەرۋار( بىر خەرۋار دىگىنى بىر ئىشەككە ئارتقىلى بولغۇدەك بىر ئىشەكلىك يۈك) كېلىدۇ.ئولجىلار ئىچىدە كۈمۈش،يامبۇ،گۆھەر،گىلەم،پالاس،ماتا،كىيىم كېچەك... قاتارلىق تۈرلۈك نەرسىلەر بەكمۇ كۆپ . ئەگەر ھەممىسىنى بىر يەرگە جەملەپ ھېسابىنى ئېلىشقا توغرى كەلسە بىر يىلدىمۇ ھېسابىنى قىلىپ بولغىلى بولمايدۇ. شۇڭا نىمە قىلىش توغرىسىدا بېشىم قېتىپ، پەرمانىڭىزغا ھاجەتمەن بولۇپ،  چاپاردىن نامە ئەۋەتتىم.پەرمانىڭىزنى كۈتىمەن.››

چاپار نامىنى ئېلىپ بوراندەك ئات چاپتۇرۇپ ئون نەچچە كۈن يول بېسىپ  ئاران دىگەندە زابۇلىستانغا يىتىپ كېلىپ زەپەرنامىنى زالغا تاپشۇردى.زال مەكتۇپنى ئوقۇپ ئالەمچە خوشال بولۇپ كەتتى.خۇددى قايتىدىن نەۋقىرانلىق مەزگىلىگە قايتقاندەك بولۇپ قالدى.ئاندىن دەرھال خەتتانى چاقىرتىپ بۇ خەتنىڭ جاۋابىغا خەت يازدۇردى.ئەلۋەتتە بۇ خەتتە رۇستەمنى ماختاش ۋە مەدھىيەلەشلەر كۆپ سالماقنى ئىگەللىگەن ئىدى.ئاخىرىغا بولسا مۇنداق سۆزلەر  يېزىلغان ئىدى:‹‹ئوغلۇم دىلكەش خىتىڭنى سائادەتلىك ۋاقىتتا ئوقۇپ ئىنتايىن خوشال  بولدۇم.سېنىڭ بەخت- ئامىتىڭ  ماڭا قايتىدىن جان بېغىشلىدى.مېنىڭ بارلىق ئىشلىرىم ساڭا يارىشىدۇ.سەن كىچىكىڭدىن تارتىپ مەرت ئوغلانلىقىڭنى نامايەن قىلىپ كەلگەن ئىدىڭ.بۇ دۆرەممۇ مەرت پالۋانلىقىڭ بىلەن  دۈشمەنلەرنىڭ ھەممىسىنى يوقۇتۇپ  بوۋىمىز نەرىماننىڭ  روھىنى شاد قىلدىڭ.ئەمدى ئولجىلار مەسىلىسىگە كەلسەك ئۇلارنى توشۇشقا مىڭ تۆگە ئەۋەتتىم .ئۇلار كىچە كۈندۈز ئارام ئالماي يول يۈرۈپ يېنىڭغا پات پۇرسەتتە يېتىپ بارىدۇ.سەن خېتىمنى تاپشۇرۇپ ئالغان ھامان دەرھال ئاتقا مىنىپ يولغا چۈش،چۈنكى سەنسىز دىلىم پەرىشان، يۈرىكىم غەمكىن بولۇپ قالىدىكەن.ئولجىلارنىڭ  ئىچىدىكى كېرەكلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى تۆگىلەرگە يۈكلە،ئاندىن قەلئەدىكى قالدى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىگە ئوت قويۇۋەت.قىساسىمىز ئۇرسۇن.ھايات قالغانلىرى كىيىن قاچقان يەرلىرىدىن  قايتىپ كېلىپ قايتا تەشكىللىنىپ بىزگە دۈشمەنلىك قىلالمايدىغان بولسۇن. ››

رۇستەم زالنىڭ جاۋاپ خېتىنى تاپشۇرۇرۇۋالغاندىن كېيىن ئەۋەتكەن تۆگىلەرگە بۇ يەردىنمۇ نەچچە مىڭ تۆگە ۋە ياراملىق ئاتلار –ئېشەكلەرنى قوشۇپ زور كارۋان تەشكىللەپ، بارلىق قىممەتلىك بۇيۇملارنى تاغار ساندۇقلارغا قاچىلاپ  ئۇلاغلارغا تولۇق ئارتىپ سەپەرگە تەييارلاندى.ئاندىن پەرمانغا بىنا.ئەن بارلىق قەسىر ۋە ئۆيلەرگە  ۋە باشقا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىگە تامامەن ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى.ئوت ئۇلۇغ كۆيۈپ دەۋزەخ ئوتى بىلەن بەسلەشكىدەك كۆيدى.ئوت شۇ قەدەر ئۇلۇغ ئىدىكى يالقۇنى بۇلۇتلاردىن ھالقىپ كەتكەن بولۇپ نەچچە كۈنلۈك يىراقلىقتىنمۇ ئوت يالقۇنى ۋە ئىس تۈتەكلەرنى كۆرگىلى بولار ئىدى.قەلئە تامامەن كۆيۈپ بولغاندىن كېيىن ئاندىن يولغا چىقىپ قايتىش سەپىرىگە ئاتلاندى.ئالەم بىنا بولغاندىن بېرى ھىچكىم مۇنداق زور كارۋان تەشكىللەپ ئۇزاق سەپەر جەريانىدا يۈك توشۇپ باقمىغان ئىدى.كارۋاندىكىلەرنىڭ سانى بىر تۈمەندىن  يۈك ئارتىلغان ئات ئۇلاغلار سانى ئىككى تۈمەندىن ئاشاتتى.

زال رۇستەمنى قارشى ئېلىش ئۈچۈن كاتتا تەييارلىقلارنى قىلدى.كوچىلار راسلىنىپ تۇغ ئەلەملەر قادالدى.شەھەر ۋە قىشلاقلاردىكى بارلىق لەشكەرۇ پۇقرا يولغا چىقىپ يولنىڭ ئىككى تەرىپىدە4-5 پەرسەڭ ئۇزۇنلۇقتا  سەپ بولۇپ تۇرۇپ ناغرا-دۇمباق كاناي سۇنايلارنى راسا چېلىپ شاھلار شاھىنى كۈتىۋالغاندەك زور داغدۇغا بىلەن رۇستەملەرنى كۈتىۋالدى.رۇستەم قايتىپ كىلىپلا ئاراممۇ ئالماستىن ئالدى بىلەن ئانىسى رۇدابەنىڭ يېنىغا كىرىپ ئۇنىڭ ئايىقىغا باش قويۇپ قۇچاقلىشىپ كۆرۈشتى.رۇدابەمۇ خوشاللىقىدا رۇستەمنىڭ ئىگىز تەمبەل بويىغا ئېسىلىپ بويۇن ۋە يۈزلىرىگە توختىماي سۆيۈپ كەتتى.يىگىت رۇستەم كېنىزەكلەردىن خىجىل بولغىنى بىلەن ئانىنىڭ نەزىرىدە ‹‹بالا دىگەن ھامان- بالا›› ئىدى.

بۇنداق زور خۇشخەۋەرنى سامدىن يوشۇرۇش كەچۈرگۈسىز گۇناھ بولىدۇ.سىپەند تېغىدىكىلردىن قىساس ئېلىش ئۇنىڭ يېتەلمەي يۈرگەن ئۆمۈرلۈك ئارمانى تۇرسا ئۇنىڭغا ئەلۋەتتە بۇ خوشخەۋەنى تېز يەتكۈزۈش كېرەك تە؟! زال بۇ نوقتىنى ياخشى چۈشەنگەچكە تېزلىكتە خوشخەۋەرنامە يېزىپ قىممەتلىك ھەدىيەلەرنىمۇ قوشۇپ  ئەڭ قابىل چاپارنى تاللاپ، كىچە كۈندۈز ئارام ئالماي يول مېڭىپ سامغا يەتكۈزۈپ بېرىش  ئۈچۈن جۈپ تۇلپار ئات بىلەن ئەۋەتتى.بۇنداق خەۋەرچىلەر ئاتلارنى ئالماشتۇرۇپ مىنىپ، بىرىنى يانداشتۇرۇپ يېتىلەپ خەۋەرنى تېز يەتكۈزەلەيتتى.بۇ ىەتتىمۇ ئالدى بىلەن تەڭرى نامى تىلغا ئېلىنىپ ۋە ھەمدۇ سانالار ئېيتىلىپ ئاخىرىدا رۇستەمنىڭ سىپەند تېغىدىكى غەلىبىسى بايان قىلىنغان ئىدى.

نەيرەم ئوغلى سامغا بۇ نامە يەتكەن كۈن ئۇنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ خوشاللىق،ئەڭ ئۇنتۇلماس بىر كۈن بولدى. ىەۋەر ئېلىپ كەلەەن چاپارنى مۇكاپاتقا كۆمىۋەتتى.ئۇ خوشاللىقىنى باسالماي بىر بەزمە باشلىدىكى بۇ بەزمە جۇش ئۇرۇپ تۇرغان باھاردىن نىشان بېرەلەيتتى.ئۇ بەزمە جەريانىدا رۇستەمنى ئاغزىدن چۈشۈرمەي ماختاپ ئولتۇردى.بەزمىدىن كېيىن كاتىپلارغىمۇ مۇكاپات بېرىپ زالغا جاۋاپ خەت يازدۇردى.جاۋاپ خەتتە شۇنداق مەزمۇنلار بار ئىدى:

‹‹تا ئەزەلدىن شىردىن شىر تۇغۇلۇش، ئەجەپلىنەرلىك ئىش بولماي كەلگەن.شىر بالىسىنى گۆدەك چاغلاپ قوي قوتىنىنى ماكان قىلىپ قويلار بىلەن بىرگە قويسا دەسلەپ يۇۋاش يۈرگىنى بىلەن چىشلىرى چىققاندىن كېيىن ئۇ يەنە نەسلىگە تارتىپ يەنىلا ئۆزىنىڭ شىرلىق خاراكتېرىنى نامايەن قىلىدۇ.ئۇ گەرچە شىر ئانىسىنى ئىمەلمگەن بولسىمۇ لىكىن ئەركەك شىردەك كۆكسىنى كېرىپ شىرلىق باتۇرلۇقلىرىنى ئاشكار قىلىپ يۈرىدۇ.بۇ ئارقىلىق شۇنى دىمەكچىمەنكى، رۇستەمنىڭ بۇنداق داڭدار باتۇر بولۇپ يېتىشىپ چىقىشى ئەقەپلىنەرلىك ئىش ئەمەس چۈنكى ئۇنىڭ ئاتىسى زالمۇ تۈمەن ئەرگە تەڭ كېلەلەيدىغان  داڭدار پالۋان.گۆدەكنىڭ ۋۇجۇدىغا كۈچ تولۇپ ۋايىغا يەتكەندە شىر ئۇنى ئۆزى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنىڭدىن مەدەت تىلەيدۇ.سام جاۋاپ خەتنى تەييارلاپ بولغاندا چاپارمۇ ئاللىقاچان قايتىشقا تەييارلىنىپ بولغان ئىدى.ئۇ مەكتۇب بىلەن يېڭى سوغاتلىرىنى ئېلىپ قۇشتەك ئۇچۇپ قايتىش سەپىرىنى باشلىۋەتتى.

ئەمدى گەپنى ئۇلۇغ شاھىنشاھ مەنۇچېھىردىن ئاڭلايمىز.ئۇمۇ قېرىپ يېشى بىر يۈز يىگىرمە ياشقا كىرىپ قالدى. بۇمۇ ھازىرقى ھېساپتا نورمالراق ئۆمۈر كۆرگەن ئىككى ئەرنىڭ ياكى بولمىسا  ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرگەن ئۆمۈر چولپىنىنىڭ كۆرگەن ئۆمرىگە باراۋەر كېلىدىغان  ئۆمۈر ئىدى.ئۇ ئادەم ئكمرىىنىڭ ئاخىرىدا ئكزىلا ھىس قىلىپ يېتەلەيدىغان بەزى بىشارەتلەردىن ئۆمرىىڭ ئاخىرلىشىپ قالغانلىقىنى ھىس قىلىپ يەتكەن ئىدى.ئۇ بارلىق مۇنەججىم ۋە مۇبەدلىرىنى ئەتراپىغا يىغىپ ئاسمان سىرلىرى ھەققىدە ئىزدىنىپ پال ئېچىپ بېقىشقا بۇيرۇدى.مۇنەججىملەر پالدىن بىلدىكى شاھنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىپ  دۇنيايى پانىدىن دۇنيايى باقىگە سەپەر قىلىدىغان ۋاقتى يېقىنلاپ قاپتۇ.شۇڭا ئۇلار قورقۇپ تۇرسىمۇ راستىنى دىمەي قۇتۇلالمىغاچقا شۇنداق خەۋەر بەردى:

-ئەي شاھىم،تەقەززالىرى بويىچە راست گەپنى قىلىشقا مەجبۇرمىز،بىزگە غەزەپ قىلمىغايلا!  سىلىگە قارا كۈنلەر يېقىنلىشىپ كېلىۋېتىپتۇ.پات ئارىدا باشقا بىر سارايغا سەپەر قىلغۇدەكلا،بۇ سەپەر تەڭرى ئىرادىسىدىن بولغاچقا تەڭرىدىن شۇنى تىلەيمىزكى تەڭرى سىلى ئۇ دۇنياغا رېھلەت قىلغاندا  ئۆزلىرىگە جەننەت ئاتا قىلغاي.بۇ ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار سەپەردۇر،ھىچكىم ئۇنىڭدىن قېچىپ قۇتۇلالىغان ئەمەس.شۇڭا مېڭىشتىن بۇرۇن سەپەر تەييارلىقىنى قىلغاندەك بۇ دۇنيادىكى ئىشلىرىنى كۆڭۈللىرىدەك يۈرۈشتۈرىۋالغايلا...

مەنۇچېھىر بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ  ئوغلى نەئۇزەرنى يېنىغا چاقىرتىپ كىلىپ ئۇنىڭغا ۋەسىيەت قىلىشقا باشلىدى:

   -ئەي ئوغلۇم،شاھلىق تەختى خۇددى ئەل-خەلقتەكلا بىباھادۇر.لىكىن ئۇنىڭغا ئەبەدى ئېرىشىمەن دەپ ئۆمۈرلۈك مىھرىمىزنى بېرىۋەتسەك خاتالاشقان بولىمىز.مەن بۇ دۇنيادا خاھىشىم بويىچە نۇرغۇن ياخشى -يامان ئىشلارنى قىلىپ بىر يۈز يىگىرمە يىل ياشىدىم.بۇ جەرياندا ناھايىتى نۇرغۇن ئارزۇلۇرۇمغا يەتتىم.يەنە ناھايىتى كۆپ شادلىقلارغىمۇ مۇيەسسەر بولدۇم.مەن پەرىدۇن سۆزلىرىنى يار تۇتۇپ ئۇنىڭ دېگىنى بويىچە ئىش قىلغانلىرىمدا بەدنىيەت دۈشمەنلەر ئالدىمدا تىترىدى.ھەرقانداق زىيانلىرىممۇ پايدىغا ئايلاندى.مەن نۇرغۇن مۇشەققەتلىك جەڭلەرنى قىلىپ جاھاننى يامانلاردىن تازىلاپ خەلىقنى تىنىچ تۇرمۇشقا ئېرىشتۈردۈم،بوۋامنىڭ قىساسىنىمۇ ئالدىم.تالاي –تالاي قورغان ۋە سېپىللارنى سېلىپ،  ئاۋات شەھەرلەرنى بەرپا قىلدىم.لىكىن ھازىر ئويلىسام ئەشۇ بىر يۈز يىگىرمە يىل كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا ئۆتۈپ كەتكەندەك،مەنمۇ بۇ دۇنيادا بىردەممۇ تۇرۇپ باقمىغاندەك ھىس قىلىۋاتىمەن.مىۋىسى ئاچچىق دەرەخ ھىچنىمىگە ئەرزىمىگەندەك،يامان ىۇيلۇق،يامان ئادەتلىك كىشىلەرمۇ ھاياتتا ئېتىبارغا ئېرىشەلمەيدۇ.مەن شاھلىق تەختىگە ناھايىتى كۆپ رەنىج مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرۈپ  ئېرىشكەن .لىكىن سەن ئۇنداق مۇشكىلاتلاردىن يىراقتىسەن.مەن بۇ ئورنۇمنى ساڭا سوغا سۈپىتىدە بېرىۋاتىمەن.بىر زامانلاردا بوۋاڭ پەرىدۇن بۇ تاج تەختنى ماڭا بەرگەن ئىدى.مانا ئەمدىلىكتە بولسا مەن سىناقتىن ئۆتكەن،خەتەر ئازايغان ،ھۆكمىرانلىق قىلىش ئاسانلاشقان چاغدا ساڭا بېرىۋاتىمەن. شۇنى بىلگىنكى شاھلىق ھۆكمىرانلىقنىڭ مىۋىسى تولىمۇ شىرىندۇر.لىكىن ئۇ تەخت ئۈستىگە چەكسىزلىككە تولغان مەسئۇلىيەت يۈكلەنگەندۇر.شاھلىق تەختى گويا بىر ئات بولسا ھوقۇق ئۇنىڭ تىزگىنىدۇر.ئۇنى مىنگەن چېغىڭدا ئالدىڭغا ئىككى يول ئۇچرايدۇ،بىرى ياخشىلىق يولى،يەنە بىرى بولسا يامانلىق يولى.  نەزەر سالىدىغاان بولساڭ يامانلىق يولى داغدام،چىرايلىق،يالتىراق كۆرۈنۈپ ماڭغىڭنى كەلتۈرىدۇ.ياخشىلىق يولى بولسا توپىلىق، ئەگرى توقاي،خاراب ۋە مۈشكىلاتلار بىلەن تولغاندەك كۆرۈنۈپ مەيلىڭنى تارتالمايدۇ.بۇ پۈتۈنلەي شەيتاننىڭ كۆزۈڭگە  غەپلەت پەردىسى تارتىپ سېنى ئازدۇرماقچى بولغانلىقى تۈپەيلىدىندۇر. بۇ يول داغدام كۆرۈنىدىغان سازلىق يولىدۇر.بۇ يولدا ئاچكۆزلۈك،شەخسىيەتچىلىك،ھاۋايى ھەۋەس، زۇلۇم كۈلپەت دىگەندەك سازلىق كۆزلىرى بەكمۇ تولا. سەن قايسىىرىگە كىرىپ قالساڭ ھەرگىزمۇ يېنىپ چىقالماي تىرماشقانسېرى چۆكۈپ كېتىپ ھالاك بولىسەن.مانا بۇ يامانلىقنىڭ جازاسسى. ئەگەر  سەن ياخشىلىقنى يار تۇتۇپ ئەلنى ئادالەت بىلەن باشقۇرساڭ،ئەلدە ئابروي ئىناۋەت تاپىسەن.ياخشى نامىڭ قالىدۇ.كىشىلەر سېنى ئالدىڭدىلا ئەمەس ئارقاڭدىنمۇ ماختايدىغان بولىدۇ.شۇنى ئۇنۇتمىغىنكى شاھلارغا شاھلىق تەختىنى نىسىپ ئەتكەن پەرۋەردىگار كىيىن ئۇنىڭدىن يۈكلىگەن  ئېغىر مەسۇلىيىتى ئۈچۈن ھېساپ ئېلىشقىمۇ قادىردۇر.ئەي ئوغلۇم ئىمان ئېتىقاد مەڭگۈلۈك ھەمراھىڭ ۋە ئەڭ يېقىن دوستۇڭ بولسۇن.ئىمان كىشىنى مەڭگۈ ئىزگۈلۈككە باشلايدۇ.شۇنى  بىلگىنكى شەرىقتىن بۈيۈك قۇياش كەبى جاھانغا نۇر بولغۇچى كاتتا بىر زات ۋۇجۇتقا كەلگۈسىدۇر. جاھانغا يېڭى پەيغەمبەر كېلىپ (بۇ مىلادىنىڭ دەسلەپكى ئەسىرلىرىدىكى ۋەقەلەر بولغاچ مۇھەممەت پەيغەمبەر تېخى مەيدانغا كەلمىگەن)ئادالەت قايتىدىن ئورنۇتۇلىدۇ.ئەنە شۇ چاغقا  دۇچ كېلىپ قالساڭ ھۇشيار بول، پىتنە ئاداۋەت قوزغاتما.ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ئۇ كۆرسەتكەن ھەق يول بىلەن ماڭغىن.چۈنكى ئۇ ئاللاھنىڭ ھەق پەيغەمبىرىدۇر.ئۇنىڭ تەرغىب قىلغىنى ئاللاھنىڭ دىنىدۇر.ئۇنىڭ ھۆكۈملىرىنىڭ ھەممىسى ياخشىلىق جۈملىسىدىندۇر.ئۇنىڭدىنمۇ كىيىنرەك تۇراندىن زور بىر سىپاھ مەيدانغا كېلىپ ئىران تەختىگە زور خىرىسلارنى كەلتۈرىدۇ.ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى پەشەڭ بولۇپ ئۇنىڭ  كەلتۈرگەن ئۇرۇش دەھشەتلىرىدىن  كۆپ تەڭلىكلەرنى تارتىشىڭ مۈمكىن.شۇڭا پەخەس بولغىنكى كۆپ قىيىن دەۋىرلەر تېخى ئالدىڭدا .دەۋىر خىرىسلىرى ئادەمگە خىلمۇ خىل بەلگە سۈپەتلەرنى ئاتا قىلىدۇ.بەزىدە بۆرىدەك غالىب بولساڭ،بەزىدە قوزىدەك يۇۋاشلاپ قالىسەن.ساڭا شۇنى ئالاھىدە جېكىلەيمەكى سام ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇغىدىكىلەرنى مەڭگۈ ئەتىۋارلاپ قىيىن كۈنلەردە ئاۋال ئاللاھتىن ئاندىن ئۇلاردىن مەدەت تىلىگەيسەن.ئۇلار شۇ قەدەر باتۇر ۋە ۋاپادار كىشىلەركى سېنىڭ مەڭگۈ  تايىنىشىڭ ۋە ئىشىنىشىڭگە تامامەن ئەرزىيدۇ.قانچىلىك زور دۈشمەن كېلىشىدىن قەتئى نەزەر ئۇلار دۈشمەنلىرىڭنى بويسۇندۇرۈپ سېنى ئېغىر كۈنلەردىن خالاس قىلىشقا ھەرقاچان قادىر ۋە ھازىر...

مەنۇچېھىر شۇنداق ۋەسىيەتلەرنى قىلىۋېتىپ كۆڭلى بۇزۇلۇپ يۈزلىرى نەم بولدى.ئوغلىمۇ كۆزلىرىدىن ئۈنچىلەرنى ئاقتۇرۇپ قايغۇسىنى ئىپادىلىدى.  دانالار:‹‹ ياخشىلارنىڭ ئۆلۈمى ئاسان بولۇر،يامانلارنىڭ بولسا بەسى مۈشكۈلدۇر.››دىەەن ئىكەن .مەنۇچېھىر ئۆلۈمىدىن بۇرۇن كېسەللىك ئازابى تارتمىدى ۋەياكى باشقا ئازاپ ياكى قىينىلىشلارغىمۇ ئۇچرىمىدى.ئوغلىغا ۋەسىيىتىنى تاماملاپ  ئەتراپىدىكىلەرگە ئوبدان بىر قارىۋېلىپ سوغاق بىر ئاھ تارتىپلا جان تەسلىم قىلدى.دىمەك شۇنداق ئۇلۇغ بىر شەھرىيار كۆزنى يۇمۇپ ئاچقىچىلا مەۋجۇتلۇق دۇنياسىدىن يوقلۇق ئالىمىگە سەپەر قىلىپ ئۈلگۈردى.بۇ يامانلار ئۈچۈن بىر ئىبرەتتۇر.يەنى يامانلار تىرىكلىكىدە مەڭگۈ ئۆلمەيدىغاندەك،قىلغان ئەتكەنلىرىنىڭ مەڭگۈ ھېسابى يوقتەك،بىدارلىق ئىچىدە ياشاپ ئۆزىنى بىلەلمەيلا قالىدۇ.ئۆلگەندىن كېيىن بولسا قىلغان يامانلىقلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ بولالماي  مەڭگۈلۈك ئازاپقا دۇچار بولىدۇ.ئاللاھ تابارەك قۇرئاندا يامانلارنى مۇنداق ئاگاھلاندۇرىدۇ:‹‹دەۋزەخ نىمە دىگەن يامان جاي!››

مەنۇچېھىر شاھلىق تەختىدە 120يىل ئولتۇرۇپ مەملىكەتنى گۈللەندۈردى.بۇنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ قالتىسمىۋىسى ئىدى.ئۇنىڭ دەۋرىدە تۇرانلىقلار ئىران يەرلىرىگە يېقىنمۇ كىلەلمىگەن ئىدى.

مەنۇچېھىرنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن ئەھۋال تامامەن ئۆزگۈرۈپ كېتىدۇ.نەئۇزەر ئۇنىڭ ئورنىغا ۋارىسلىق قىلغاندىن كېيىن مەملىكەت ئىچىدە ناھەقچىلىكلەرنىڭ يۈز بېرىشىگە يول قويىدۇ.ئادالەتسىزلىكلەر كۈچىيىدۇ.شۇنىڭ بىلەن مەملىكەت ئاجىزلىشىشقا باشلايدۇ.قالايمىقانچىلىقلار ئەۋىج ئالىدۇ.تۇرانلىقلار بۇنىڭدىن خەۋەر تېپىپ ھۇجۇم قىلىپ كېلىدۇ.بۇ ئۇرۇشتا ئىران قوشۇنلىرى يېڭىلىدۇ.باھادىر قۇباد جەڭدە بەرمان قولىىدا ھالاك بولىدۇ.شاھ نەئۇزەر ئەفراسىياپ بىلەن بولغان جەڭدە يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشۈپ قالىدۇ ۋە كېيىن ئۆلتۈرۈلىدۇ.

مانا بۇ ئاتا ۋەسىيىتىنى ئەستە تۇتمىغانلىق،ۋە ئەمەل قىلمىغانلىقنىڭ يامان ئاقىۋىتى ئىدى.ئەگەر ئۇ ئەلنى ئادالەت بىلەن سوراپ دۆلەتنى خاراپلاشتۇرمىغان،دۈشمەن ھۇقۇم قىلىپ كېلىپ ئېغىر كۈنلەرگە قېلىشتىن بۇرۇن زال ۋە رۇستەمدەك ئالەمگىر باتۇرلىرىنىڭ كۈچىدىن پايدىلانغان بولسا بۇنداق ئېچىنىشلىق ئاقىۋەتكە قالمىغان بولاتتى.بۇرۇنقىلار ئېيتقان:‹‹نېنىنى جايلاپ يىيەلمەس،گېپىنى ئوڭشاپ دىيەلمەس››دىگەن نەقىل نەئۇزەردەكلەرگە قارىتىلغان بولسا كېرەك.

نەئۇزەر ئۆلگەندىن كېيىن ئىراننىڭ شاھلىق تەختىگە لايىق ئادەم تېپىلمايدۇ.(زالدەك،رۇسەمدەك باتۇر شاھ ۋە شاھزادىلىرى تۇرۇپ شاھلىققا لايىق كىشى تاپالمىغانلىقى كىشىلەرنىڭ كورلىقىنى كۆرسۈتىدۇ.‹.ياندىكى ھېسىپنىڭ قەدرى يوق›،‹‹يېقىندىكىسى جا،يىراقتقىكىسى دا››دىگەن ساددا قاراش بەلكىم شۇ چاغ كىشىلىرىدىمۇ بولسا كېرەك.)نەئۇزەرنىڭ تۇس ۋە گۇستەھەم دىگەن ئىككى  باتۇر ئوغۇللىرى بار ئىدى.ئەمما چوڭ دۆلەت ئۇلارنىڭ شاھلىق تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشىغا رازى بولمايدۇ.

بۇ ئارىلىقتا رۇستەم ئۆسۈپ يېتىلىپ ئۆزىگە ئات تاللايدۇ.ئۇنىڭ تاللاپ مىنگەن ئىسىل ئېتىنى ‹تۇلپار›› دەپ ئاتىشىدۇ.زال ئەفراسىياپقا قارشى قوشۇن توپلايدۇ ۋە ئۇنىڭ بىلەن جەڭ باشلايدۇ.

ئىران باتۇرلىرىنىڭ بېشىدا تۇرۇشقا لايىق ،شۇنداقلا ئىراننىڭ قەدىمى شاھلىرىنىڭ تاجۇ تەختىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئولتۇرۇشقا لايىق بىر كىشى تېپىلمايدۇ.بۇ چاغدا قۇدرەتلىك دۆلەتنىڭ دانىشمەنلىرى مەسلىھەت قىلىشىپ :‹‹ئېلبۇرز تېغىدا بەختلىك بىر ئۆلكە بار،ئۇنىڭغا ھۆكمىرانلىق قىلىۋاتقان شاھ قۇباد پەرىدۇن ئەۋلادىدىن بولڭۇپ،ئۇ ئىراننىڭ شاھلىق تەختىگە لايىق كېلىدۇ.ئۇنى ئېلىپ كىلەلەيدىغان باتۇر بولسا بولاتتى ››دىيىشىدۇ.

كىيىن ئۇلار زال ئوغلى رۇستەمنى بۇ ئىشقا تەيىنلەپ بىرتوپ لەشكەر بىلەن يولغا سالىدۇ.رۇستەم قۇبادنى تېپىپ ئېلىپ كېلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن قۇبادنى تەخىتكە ئولتۇرغۇزۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلۈپ ئۇ ئىراننىڭ شاھى بولىدۇ.كېيىن تۇرانلىقلار بىلەن بولغان جەڭ باشلىنىدۇ.جاسارىتى ئۇرغۇپ تۇرغان رۇستەم ئەفراسىياپنى تېپىپ ئۆلتۈرمەكچى  بولۇپ ئاتىسى زالدىن ئەفراسىياپنى كۆرسۈتۈپ قويۇشنى سورايدۇ.زالنىڭ:‹‹سەن تېخى ياشسەن›› دەپ توسۇشلىرىغا قارىماي ئەفراسىياپ بىلەن جەڭ قىلىدۇ.جەڭدە ئۇ ئەفراسىياپنى ئۇچرۇتۇپ پوتىسىدىن تۇتۇپ كىچىك بالىنى كۆتەرگەندەك بېشىدىن ئىگىز كۆتۈرۈپ قوشۇن ئارىسىنى بكسپ چىقىپ شاھ كەيقۇباد تەرەپكە ئېلىپ كېتىۋاتقاندا ئەفراسىياپ تىركىشىۋەرگەچكە پوتىسى ئۈزۈلۈپ كېتىپ يەرگە چۈشۈۋېلىپ ئادەملىرىنىڭ ياردىمى بىلەن رۇستەمنىڭ قولىدىن قېچىپ قۇتۇلىدۇ.شۇنىڭ بىلەن ئىرانلىقلار بۇ جەڭدە تۇرانلىلارنى يېڭىپ چىقىدۇ.

كەيقۇباد يۈز يىل شاھلىق قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن كېيىن شاھلىق تەختىگە ئۇنىڭ ئوغلى كەيكاۋۇس چىقىدۇ.ۋە بىريۈز ئەللىك يىل شاھلىق قىلىدۇ.ئۇنىڭدىن كېيىنكى يەنە بىر نامدار پادىشاھ‹ كەيخۇسرەۋ ›› دىگەنمۇ مۇشۇ ‹‹كەي››لەر جەمەتىدىن ئىدى.

           7-كەيكاۋۇس دەۋرى

كەيكاۋۇسنىڭ تەختكە چىققانلىقى ۋە مازاندىرانغا يۈرۈش قىلغانلىقى

قەدىمكىلەردە ‹‹ دەرەخ يوغىنىسا ھوسۇلىنى تۆكەر،ئادەم قېرىسا ساپ دىللىق تىلەر›› دىگەن ماقال بار.دەرەخ قېرىغاندا يىلتىزى ئۇسساپ ، ياپرىقى سۇلۇپ،بۇرۇنقى مەغرۇر بېشى ئاجىزلىقىنى تەن ئېلىپ ئاستا پەسكە ئىگىلىدۇ.ئەگەر ئۇ مەڭگۈلۈك جايىدىن قوزغالسا ئۇنىڭ ئورنىنى باشقىلار ئالىدۇ.دەرەخ ئورنىنى بوشاتقاندا پەقەت باھار بېغىنىلا ئەمەس يەنە شېخى،مىۋىسى ۋە نۇر چىرىقىنىمۇ بېرىپ كاتىدۇ.بەزىدە ياخشى يىلتىزدىن يامان شاخمۇ چىقىپ قالىدۇ.بۇنداق چاغدا بىز يىلتىزنى ئەيىپلەپ قاغىساق توغرا قىلغان بولمايمىز.ئاتا بولغۇچى پەرزەنتىگە جاھاننى قالدۇرسا  ئۇ ئۆزى بىلگەن پەدىدە ئاتىسىنىڭ ئىشلىرىغا ۋارىسلىق قىلىدۇ.ئاتىسىنىڭ ياخشى نامىنى ساقلاپ داغ چۈشۈرمەيدىغان، بەلكى ئۇ نامنى تېخىمۇ نۇرلاندۇرىدىغان سامدەك پەرزەنىتلەرمۇ بار. ئاتا ئىزىنى باسالماي ئاتىسىنىڭ ئىشلىرىغا ياخشى ۋارىسلىق قىلماي ئاتا نامىنى يەرگە ئۇرىدىغان پەرزەنىتلەرمۇ بار.بۇنداق ئادەملەرنى پەرزەنەت دەپ تىلغا ئېلىشمۇ نومۇسلۇق.كىمىكى ياخشى يول كۆرسەتكۈچى ئۇستاز يولىنى يوقۇتۇپ تۇيۇق يولغا  كىرىپ قالسا جاپا تىغى ئۇنىڭ دىلىنى كىسىپ يارا قىلار.جاھان گويا بىر كونا سارايغا ئوخشايدۇ.ئۇنىڭغا ئادەملەر كېلىپ كىتىپ تۇرىدۇ.كىم بۇرۇن كىلىپ كىم كىيىن كېتىدۇ بۇنى بىلگىلى بولمايدۇ.كىمىكى يامانلىقنى ئادەت قىلسا ئاقىۋەتتە نامى تېزلا ئۆچىدۇ.‹‹نەسىھەت ئاچىق،مىۋىسى تاتلىق›› دىگەن گەپ بار.ياشانغانلار ياشلارغا قارىغاندا تەجرىبىلىك كىلىدۇ.شۇڭا ياشانغانلار نەسىھەتكە ئېغىز ئاچسا پۇرسەتنى غەنىمەت بىلىپ قىلغان سۆزلىرىنى يادلاپ ئال.بۇنىڭدىن ساڭا كۆپ مەنپەت تىگىدۇ.

كاۋۇس ئاتىسىنىڭ تەختىگە ۋارىسلىق قىلغاندا پۈتۈن جاھان ئۇنىڭ تەختىگە ئەسىر بولدى.ئاتىسىنىڭ بارلىق ھوقۇقلىرى قاتارىدا  غەزىنىدىكى پۈتمەس تۈگمەس دەپى –دۇنيالىرىمۇ ئۇنىڭغا مىراس بولۇپ قالدى. ئاتىسى خۇددى پۈتۈن دۇنيانى قۇل قىلغاندەك ھەممىلا ئادەم ئۇنىڭ تەسەررۇپىدا ئىدى.ئۇ ئاتىسىدىن قالغان ئىسىل مىراسلارنى ھەۋەس ئىلكىدە تاماششا قىلۇر ئىدى.تەختى ھەرقانداق پادىشاھلارنىڭكىدىنمۇ ئىسىل ۋە ھەيۋەتلىك ياسالغان،ئالتۇن تاجىدا زەبەرجەد قۇياشتەك نۇر چېچىپ تۇرغان، غەزىنىلەر-زەر -كۈمۈش،ئۈنچە –گۆھەر،ۋە تۈرلۈك گۆھەر تاشلار بىلەن تولغان ئىدى.ئاتخانىلاردا ئىسىل ئەرەپ ئاتلىرى،ۋە يالى قېلىن تۇلپارلار كىشنىشىپ چېپىشىپ يۈرەتتى.ئۇلارنىڭمۇ سان ئىدىتى يوق ئىدى.

بىر كۈنى شاھ ئوردا بېغىدىكى ئىسىل بىر گۈلشەندە پۇتلىرى بىللۇردىن ياسالغان ئالتۇن تەخت ئۈستىدە  ئولتۇرۇپ ،چوڭ بىر شاتلىق بەزمىسى ئۇيۇشتۇرۇپ،  يېقىملىق كۈي نەزمىلەرنى ئاڭلىغاچ سورۇن ئەھلى بىلەن بىرلىكتە  مەي ئىچىپ شاھلىق سەلتەنىتىدىن ھوزۇر ئالماقتا ئىدى. بۇ سورۇندا ئىراننىڭ ھەممە  داڭلىق باتۇرلىرى، ئالىم ئۆلىمالىرى،ۋەزىر ۋۇزرالىرى ۋە باشقا يېقىن كىشىلىرىمۇ تېگىشلىك جايلاردىن ئورۇن ئېلىشىپ ئولتۇرۇپ مەنلىك سۆھبەتلەرنى قىلىشقاچ شاھقا پەيزى قىلىشىپ بەرمەكتە ئىدى.شاھتا بۇ سەلتەنەتلىك كۆرۈنۈشلەردىن كىبىر، مەغرۇرلۇق پەيدا بولغان چېغى ئۆزىنى ماختاشقا چۈشتى:

    -بۇنداق ئىسىل شاھلىق تەختى ۋە  قىممەتلىك شاھلىق تاجى مەندىن باشقا يەنە قايسى شاھ ياكى سۇلتاندا بار؟ شۇڭا شۇنداق مەغرۇرلىنىشقا ھەقلىقمەنكى- جاھاندا ھەممىدىن زور كۈچ قۇدرەت ،ئەقىل پاراسەت،ئۇلۇغلۇق،ۋە شاھلىق سەلتەنىتى پەقەت ماڭىلا خاس،پەقەت ماڭىلا يارىشىدۇ...

شاھ شۇ تەرىقىدە تىنماي شاراپ ئىچىپ ئۆزىنى ھەدەپ  ماختىماقتا ئۆزىنى قۇياش ئۆزگىنى يۇلتۇز،ئكزىنى ئاسمان ئۆزگىنى تۇپراق چاغلىماقتا،خۇددى پۈتۈن جاھان ئۆز ئىلكىگە ئۆتكەندەك مەغرۇرلۇقى چېكىدىن ئاشماقتا ئىدى.

سازەندىلەر سىياقىدا ياسىنىۋالغان بىر خىيانەتكار ئىىشىك ئاغىىسىنىڭ يېنىغا كېلىپ ھەييارلىق بىلەن دىدىكى:

   -يۇرتۇم مازەندىراندىن،ئۆزۈم ئۇستا چالغۇچىمەن،ئاۋازىم شۇنداق ياخشىكى ئەگەر ساز چېلىپ ناخشا ئېيتىدىغان بولسام كىشىلەر ھەيران قېلىشىدۇ.مىنىڭ شاھقا خىزمەت قىلغۇم بار.ئەگەر جانابلىرى ماقۇل كۆرسە شاھنىڭ تەخت پايىسى بولۇپ خىزمەت قىلسام.

بۇ گەپنى ئاڭلىغان ئىشىك باقار دەرھال شاھنىڭ يېنىغا كىلىپ ئەھۋال مەلۇم قىلدى:

-     ئەي ئۇلۇغ شاھىم،ئاستانەڭگە باشقا يۇرتتىن ناھايىتى ئۇستا بىر سازەندە كېلىپ قاپتۇ. ئۇ بەربات چېلىپ ناخشا  ئېيتىشقا تولىمۇ ماھىر ئىكەن،شاھىمنىڭ خىزمىتىى قىلىشنى تولىمۇ ئارزۇ قىلىدىكەن.

-     ئۇنداق بولسا دەرھال ئالدىغا چىقىپ قارشى ئېلىڭلار،ھوزۇرۇمغا ئېلىپ كىرىپ خاس سازەندىلىرىم قاتارىغا قوشۇپ قويۇڭلار .

ھېلىقى سازەندە كىرگەنىن كېيىن  شاھنىڭ رۇخسىتى بىلەن ئۆز ماھارىتىنى كۆرسۈتۈش ئۈچۈن بەرباتنى سازلاپ مازەندىرانچە  ناخشا باشلىۋەتتى:

مازەندىرانىمنى مەن ئەيلەيىن ياد،

بېشىدىن ئاياغ ئۇ دائىما ئاۋات،

بوستانلىرىدا دائىم يېڭى گۈل،

تېغىدا لالە سۆسەن ۋە سۇمبۇل.

يېقىملىق سۈيى خۇش زىمىنى بار،

مۆتىدىل ھاۋا،ھەمىشە باھار،

بېغىدا دائىم بۇلبۇل ۋە كاككۇك،

تېغىدا ئوينايدۇ ئاھۇ ۋە كىيىك.

بىر بىرىن ئىزدىشەرئۇياقتىن بۇياق،

ھەر تامان،ھەر زامان رەڭگارەڭ بوياق.

ئېرىقلاردا ئاقار،لىپ-لىق تىنىق سۇ،

گويا ئەتىر ۋە رەيھان پۇرايدۇ  .

دەي، بەھمەن ھەم يالقۇن،پەرۋەردىن،

دائىما لالىگە تولغان بۇ زىمىن.

ئېرىق تۈۋىدە ھەمىشە خەندە،

قۇرغۇي شىكارى تاغۇ چىمەندە .

باشتىن ئاياغ تاقاپ زىبۇ زىننەتنى،

شاھى ئالتۇندىن گۈزەل جەننەتنى.

ئۇندا چۆرىلەر تاجى تازا زەر،

نامدارلار بېلىن قۇچار زەر كەمەر.

ئۇ ئاۋات يەردە بولمىغان كىشى،

ئۆتەر ئارماندا،تۈزەلمەس ئىشى.

بۇ ناخشا بولۇپمۇ ئۇنىڭدىكى مەزمۇن كاۋۇس شاھقا بەكمۇ تەسىر قىلدى:‹‹يەر يۈزىدە شۇنداق ئاۋات ۋە گۈزەل زىمىن بولسۇنۇ ماڭا نىسىپ بولماي باشقىلار قولىدا تۇرسۇن! بۇنىڭغا قانداقمۇ چىداپ تۇرغىلى بولسۇن.دەرھال ئۇ يەرگە قوشۇن تارتمىغىم،ئەشۇ جەننەتتەك زىمىننى ئۆز ئىلكىمگە ئالمىغىم لازىمدۇر.››

كاۋۇس شۇنداق قەتئى  نىيەتكە كەلدى.شۇڭا دەرھال سىپاھدارلارغا  مۇنداق دىدى:

   -بۈگۈنكى بۇ بەزمە بىزگە خۇش خەۋەر ئاتا قىلدى.باتۇرلار ھەرگىزمۇ تىنچ كۈنلەرگە شۈكۈر قىلمايدۇ. جاھاندىكى بارلىق شاھلار مەيلى ھازىرقى ھالەت جەھەتتىن، مەيلى جەمەت جەھەتتىن بولسۇن،مېنىڭ ئەجدادىمغا يەتمەيدۇ.مېنىڭ ھازىرقى بەختىمگە ئىلگىركى مەشھۇر شاھلاردىن زەھھاك ۋە قۇبادلارمۇ يېتەلمەيدۇ.مىنىڭ ئەقىل ۋە باتۇرلۇق جەھەتتىكى ھۈنەرلىرىم ئۇلاردىن كۆپ ئارتۇق.مەن شۇنداق نىيەتكە كەلدىمكى قۇدرەتلىك ھەربى كۈچىمىزگە تايىنىپ پۈتۈن جاھاننى ئىشغال قىلىپ ،جاھاننىڭ خوجىسى بولماقچىمەن.

   

سورۇندىكى قەلەمدار ئەلەمدار بەگلەر بۇ سۆزلەردىن خۇشال بولۇپ كەتمىدى.ئۇلارنىڭ يۈزلىرى تاتىرىپ كۈلكە ئالامەتلىرى يوقالدى.‹‹مازەندىران بىلەن جەڭ ››دىگەن گەپ ئەھرەمەن دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلىش دىگەنلىك بولۇپ ئۆزىنى ئوپ ئۇچۇق ئۆلۈمگە تۇتۇپ بەرگەن بىلەن باراۋەر ئىدى.لىكىن كىممۇ شاھقا ‹‹ياق ››دىيىشكە جۈرئەت قىلالىسۇن؟!  لەۋلەردە مۇزدەك ئاھلار قېتىپ قالدى.دىللار پەرىشانلىقتىن قاراڭغۇلاشتى.

ئىران باتۇرلىرىدىن،گۇدەرىز،كەشۋاد،گۆرگىنۇ،بەھرام،تۇس،گېۋ،خەرراد قاتارلىقلار بىر ئېغىزدىن :‹‹بىز يۇۋاش ئادەملەرمىز،ئەگەر سەن ئۇرۇش قىلىشنى ئىستىسەڭ يولۇڭدا پىداھ بولغايمىز›› دىيىشتى.

كىيىن سەركەردىلەر ئۆز-ئارا يىغىلىشىپ كېڭەش ئۆتكۈزۈپ پادىشاھنىڭ ئۇرۇش قىلىش پىلانىنى ھەققىدە ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقى كۆز ەاداسداەاەىققاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇشتى:

   -تەقدىر بەختسىز بېشىمىزغا نىمە كۈنلەرنى سالار ؟ شەھرىيار ئالەم يەنە مەستلىككە سېلىپ بۇئىشنى قايتا تىلغا ئالمىسا ياخشى بولاتتى.بۇ ۇرۇشتا غەلىبە قىلىشتىن قىلچە ئۈمىد يوق.بۇ ئۇرۇش بىزنىمۇ ئىراننىمۇ ھالاك قىلىدۇ.ئەڭ ئۇلۇغ پادىشاھ بولغان قەمشىد دەۋرىدىمۇ دۇنيادىكى بارلىق جىن ئالۋاستىلار دىۋە پەرىلەرنى ئۆزىگە بويسۇندۇرغان ،ھايۋاندىن قۇشلارغىچە ھۆكمىنى ئۆتكۈزگەن،ئەشۇنداق بىر ئۇلۇغ جاھانگىر شاھمۇ مازەندىرانغا تىگىش قىلىشقا جۈرئەت قىلالمىغان ئىدى.ھەيۋەتلىك ۋە بىلىملىك ئۇلۇغ شاھىمىز پەرىدۇنمۇ مازەندىران بىلەن ئۇرۇش قىلىشنى توغرا تاپمىغان.ئەگەر بۇ يولغا كىرىش لايىق بولغىنىدا ئىدى،بايلىقى،كۈچ قۇدرىتى،شان شۆھرىتى،ئەقىل پاراسىتى بىلەن شاھلار قاتارىدا دەست تۇرالىغان مەنۇچېھىر شاھ  ئاللىقاچان بۇ يولغا كىرىپ ياۋۇز دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلغان بولار  ئىدى.شۇڭا بىزنىڭ بۇ ئۇرۇش يولىغا كىرمىكىمىز تۈپتىن خاتا. شاھىمىزنى بۇ پىكرىدىن قايتۇرىدىغان بىرەر چارە تاپمىقىمىز لازىمدۇر.

چوڭ باتۇرلارنىڭ سۆزلىرى ئاخىراشقاندىن كېيىن ياشتا كىچىك باتۇرلادىن تۇس سكز باشلاپ مۇنداق دىدى:

   -ئەي ئىش كۆرگەن باتۇر،ئەي جەڭ ئارا شىر يىگىتلەر.گېپىمگە قۇلاق سېلىڭلار.بۇ ئىشنىڭ پەقەت بىرلا چارىسى بار.بىز پەقەت شۇ ئىشنى قىلساقلا بۇ بالا قازالاردىن قۇتۇلۇپ قالالايمىز.مىنىڭ تاپقان چارەم شۇكى،دەرھال بىر چاپار تەيىنلەپ تېز يۈرەر تۆگە بىلەن زال تامان ئەۋەتەيلى.بۇ چاپار بىزدىن نۇرغۇن سوغا سالاملارنى ئېلىپ بارسۇن.ۋە زالغا دىسۇن:‹‹بىز ناھايىتى جىددى ئەھۋالدا قالدۇق.بېشىڭ چاڭ توزان بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ يۇيىمەن دەپ يۈرمەي پىكىر خىيالىڭنى بۇياققا قارات،ئەلنىڭ بېشىغا كۈلپەت چۈشمەكچى بولىۋاتىدۇ.پەقەت سەنلا بېرىپ ھەل قىلالايسەن ›› دىسۇن.زال كىلىپ پادىشاھىمىزغا پەندى- نەسىھەت قىلىپ مازەندىرانغا تىگىش قىلىشنىڭ ناھايىتى خەتەرلىك ئىش ئىكەنلىكىنى،ياتقان يىلاننى چۆچۈتۈپ قويساق قانخور ۋەھشى دىۋىلەر قۇتراپ ئەل يۇرتنى ۋەيران قىلىۋېتىدۇغانلىقىنى.بۇنداق چوڭ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلساق ياخشى بولمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرۈپ شاھىنشاھنى نىيىتىدن ياندۇرسۇن.

تۇسنىڭ سۆزىدىن كىيىنمۇ نۇرغۇن سۆزلەر بولۇندى.لىكىن ئاخىرىدا ھەممىسى تۇسنىڭ پىكرىنى يوللۇق بىلىپ مەقسەدلىرىنى چۈشەندۈرۈپ بىر ئەقىللىق چاپارنى تېز يۈرەر تۆگە بىلەن زالنىڭ ھوزۇرىغا ئەۋەتتى.

چاپار نىمرۇزغا يىتىپ كەلگەندىن كېيىن زال بىلەن كۆرۈشۈپ ئالدى بىلەن نامدارلارنىڭ سالىمىنى يەتكۈزدى.ئاندىن كىلىش مەقسىدىنى چۈشەندۈرۈپ شۇنداق دىدى:

   -شاھىمىزنىڭ بېشىغا داۋاسى يوق دەرتتىن بىرى چۈشتى.شاھىمىز بۇ دەرت تۈپەيلى قىلىشقا تىگىشلىك بولمىغان بىر ئىشنى قىلماقچى بولىۋاتىدۇ.شاھىمىزنىڭ بېشىدىكى بۇ دەرتكە پەقەت سەنلا داۋا تاپالايسەن.ئەگەر بۇ ئىشتا سەن يەڭ تۈرۈپ ئوتتۇرىغا چۈشمىسەڭ ئەل يۇرتمۇ،بىزمۇ پۈتۈنلەي خاراپ بولىمىز.

   -زادى نىمە ئىش بولدى؟ ئوچۇقراق سۆزلىسەڭچۇ!

   -دىۋە ئەھرەمەن شاھىمىزنى قەستلەپ قاپقانغا چۈشۈرۈش،ئۆز ئايىقى بىلەن مازاندىرانغا بارغۇزۇپ شۇ يەردە تۇتقۇن قىلىپ يوق قىلىۋېتىش ۋە ئەل يۇرتىمىزنى تايانچىسىز قويۇپ ۋەيرانقىلىۋېتىش مەقسىدىدە بىر ئەييار مەككارنى ناخشىچى سازەندە سىياقىدا ياساپ شاھىمىز ھوزۇرىغا ئەۋەتكەن ئىكەن.ئۇ ئەييار ئۆز ناخشىسى ئارقىلىق مازەندىراننى جەننەتتەك گۈزەل بىر ماكان قىلىپ تەسۋىرلەپ ئازغاشتۇردى.ۋە شاھىمىزنى مازاندىرانغا قوشۇن تارتىپ بېرىپ دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلىشقا ئۇ يەرنىمۇ ئىگەللەپ پۈتۈن جاھانغا خوجا بولۇشقا قىزىقتۈرۈپ قويدى.ھازىر شاھىمىز ھەدەپ ئۇرۇش تەيارلىقى قىلدۇرۇۋاتىدۇ.دىۋىلەر بىلەن بولغان جەڭدە بىزنىڭ نۇسرەت قازىنىش مۈمكىنچىلىكىمىز بەكمۇ تۆۋەن بولغاچقا باتۇر سەركەردىلەر ۋە ئەقىلدار دانىشمەنلەر سىلىنى چاقىرتىپ كىلىپ شاھقا نەسىھەت قىلدۇرۇشنى ،پايدا زىياننى چۈشەندۈرۈپ ئەل –يۇرتنى ئاپەتتىن ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ساۋاپلىق ئىشتىن بىرنى قىلدۇرۇش مەقسىدىدە مېنى ھوزۇرلىرىغا ئەۋەتتى.

-بولىدۇ مەن بېرىپ نەسىھەت قىلاي،مەغرۇر كاۋۇس،مەن كۆرسەتكەن  توغرا يولنى تاللىسا ئىش ئوڭدىن چىقار،ئەگەر نەسىھەتكە قۇلاق سالماي ئۆزى بىلگەن يولنى توغرا دەپ تۇرىۋالسا ئەل يۇرتمۇ ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرىشى كاۋۇسنىڭ بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرى ئارقىغا مېڭىشى مۈمكىن.

زال نىمە قىلىش توغرىسىدا پىكىر قىلىپ تۈن بويى ئۇخلىمىدى.ئەتىسى قۇياش ككتۈرۈلگەندە سەپەر تەييارلىقىنى قىلىپ بىرنەچچە دانانى ئۆزىگە ھەمراھ قىلپ ئىرانغا قاراپ يولغا چىقتى زالنىڭ ئاللىقاچان يولغا چىققانلىقى ۋە  ئىرانغا يېقىنلىشىپ كەلگەنلىكىدىن خەۋەر تېپىپ .گۇدەرىز،گېۋ،بەھرام،گورگىنە قاتارلىق پالۋانلار نەچچە چاقرىم يەرگىچە ئالدىغا چىقىپ قىزغىن كۈتىۋالدى ۋەئامان ئىسەنلىك سورىشىشلار قىزغىن سۆھبەتلەردىن كېيىن مەقسەدلىرىنى يەنە بىر ئايان قىلىشىپ زالنى شاھ ھوزۇرىغا باشلاپ كىرىشتى.

زال زەر شاھ سارىيىغا كىرگەنىدە كاۋۇس پىل سۆڭىكىدىن ياسالغان ئىسىل تەختىدە شاد خورام ئولتۇرغان ئىدى.ئارقىسىدىكى ئورۇنلاردا زەر كەمەرلىك تۆرىلەرمۇ ئۇنىڭغا ھەمراھ بولۇپ شاھنىڭ شاھلىق ھەيۋىتىنى نامايەن قىلىشىپ ئولتۇرۇشاتتى.زال شاھنى كۆقولىنى قوشتۇرۇپ بېشىنى ئىگىپ تۇرۈپ ھۆرمەت بىلدۈردى ئاندىن كۆرسۈتۈلگەن ئورۇنغا بېرىپ ئولتۇرۇپ سۆز باشلىدى:

  -ئەي ئالەم شاھى،سەن شاھلار ئارا ھەممىدىن قابىل ۋە پاراسەتلىكسەن.ئۇلۇغلار ئارىسىدىمۇ ھەممىدىن ئۇلۇغسەن.تا ھازىرغىچە تاجۇ- تەخت سېنىڭدەك بۈيۈك شاھنى كۆرۈپ باقمىغان.ھەم باشقا شاھلارغىمۇ ساڭا نىسىپ بولغان چەكسىز بەخت ئىقبال نىسىپ بولمىغان.ساناقسىز يىللار غالىب ۋە شاد بولغايسەن.بېشىڭ بىلىم بىلەن ،قەلبىڭ ئادىللىق بىلەن مەڭگۈ ئاۋات تۇرغاي.

خوشامەت سۆزلىرىگە ئۆگىنىپ قالغان كاۋۇس بۇ تەرىپلەردىن خۇشال بولۇپ باشقىدىن چىراي ئاچتى ۋە يېنىدىن جاي بېرىپ ئولتۇرغۇزۇپ سەپەر جاپاسى توغرىسىدا ۋە رۇستەم قاتارلىق باتۇرلارھەققىدە ئېغىز ئېچىپ ھال سوراشقا باشلىدى.زال جاۋابەن :

   -ئاي بەختلىك شاھىم،ئەبەدى يېڭىلمەس بولۇپ دەۋر سۈرگەيسەن،بىزەرەر بولغايسەن،سېنىڭ بەختىڭنى كۆرۈپ ھەممىمىز شاد بولماقتىمىز.سەن بۇ بۈيۈك تەختتە ئورۇن ئېلىپ ئولتۇرۇپلا بەرسەڭ بېشىمىز مەڭگۈ ئاسمانغا تاقاشقاندەك بولىدۇ...

شۇندىن كېيىن شاھلار ۋەقەلىرى توغرىسىدا ھىكمەتلىك ھىكايىلەرنى باشلاپ ئاساسى مەقسەدكە كىلىۋالغاندىن كېيىن نەسىھەتكە ئېغىز ئېچىپ شۇنداق دىدى:

   -ئەي پۈتۈن جاھانغا شاھ بولۇشقا لايىق شەھرىيار،سەن ھەقىقەتەنمۇ ئۇلۇغلار تەختىگە ۋارىسلىق قىلىشقا لايىق قابىل شاھلاردىنسەن.مەن باشقىلاردىن سەن توغرىلىق ئېغىر بىر سۆز ئاڭلىدىم،بۇنىڭ راست ياكى يالغانلىقىنى بىلمىدىم.ئاڭلىشىمچە جاناپلىرى مازاندىران شاھلىقىغا ھەۋەس قىلىپ قالغان ئوخشايلا،مەن جانابىلىرىغا بۇرۇن ئۆتكەنلەرنىڭ ئىشلىرىدىن نەقىللەر ئېلىپ بەرسەم ئۆزلىرىدىن بۇرۇن نۇرغۇنلىغان بىلىكى زور ئالەمنى بويسۇندۇرغۇدەك قۇربى بار شاھلارمۇ ئۆتكەن،لىكىن ئۇلارمۇ مازاندىراننى پەتھى قىلشنى تىلىمىگەن.مىنىڭ بېشىمدىن ساناقسىز كۈنلەر،نۇرغۇن ئىسسىق سوغاقلار قىممەتلىك تەجرىبىلەر ئۆتتى.سابىق ئۇلۇغ شاھىمىز مەنۇچېھىرمۇ بۇ دۇنيادىن ياشاپ ئۆتتى.ئۇنىڭدىنمۇ ناھايىتى كۆپ غەزىنىلەر دۇنيا دەپىنىلەر قالدى.ئۆتمۈشتە نەئۇزەرمۇ ۋە كىيىنكى شاھ كەيقۇبادمۇ بۇ شاھلىق تەىتىگە ۋارىسلىق قىلىپ ئالى ھۆكۈمران بولغان،سان- ساناقسىز لەشكەر تۇتۇپ لەشكىرىنىڭ كۆپلۈكى بىلەن جاھاننى ھەيران قالدۇرغان.لىكىن ئۇلارمۇ بۇ ئۆلكىگە بېسىپ كىرىشنى خىيال قىلىپ باقمىغان.ئۇلار نىمىشقا شۇنداق قىلىدۇ؟ ئۇلار بۇ يەرنىڭ جەننەتىن نىشان بېرىدىغان گۈزەل جايلىقىنى،بايلىقلىرىنىڭ ھەددى ھېساپسىزلىقىنى بىلمەمدۇ؟ -بىلىدۇ.لىكىن بۇ يەر ئەپسۇنكار ۋەھشى يالماۋۇز دىۋىلەرنىڭ ماكانى.تىلسىم ۋە جادۇ ئەپسۇنلارنىڭ كەڭرى كاشانىسى.شۇڭا مەن سەندىن شۇنى ئۆتۈنۈپ سورايمەنكى بۇ بەنىدنى ئېچىشقا قەدەم قويمىغىن.بۇ بەكمۇ خەتەرلىك يول.بۇ يولغا قەدەم قويساڭ،بارلىق لەشكەرلەر خاراپ بولۇپلا قالماي غەزىنىدىكى بارلىق بايلىقلىرىمىزمۇ سەرىپ بولۇپ تۈگەيدۇ.بۇ شۇناق بىر بەنىتكى بۇ بەنىتنى قىلىچ بىلەن كەسكىلى،بايلىق بىلەن يەشكىلى بولمايدۇ.ھىچكىم بۇ يولدىن بەختكە ئېرىشەلمەس،ھىچكىمگە قىل چاغلىق ياخشىلىق ۋە نەپ يەتمەس.بۇنداق خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىشنى بۇرۇن ھىچقانداق شاھ ماقۇل كۆرمىگەن.ئۇلار ماڭا يەتمەيدۇ دەپ ئويلىشىڭ مۈمكىن. لىكىن، ئۇلارمۇ بىر ئەلنىڭ باتۇر شاھلىرى ئىدىغۇ ؟ئۇلارمۇ سەندەك ئاللاھنىڭ ئۇلۇغ بەندىسى ئىدىغۇ؟ شۆھرىتىڭنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن كىشىلەر قېنى بىلەن ئوت يېقىشنىڭ نىمە ھاجىتى.بۇ ئىشىڭنىڭ مىۋىسى ئامەت ئەمەس نەپرەت بولىدۇ.بۇ بارلىق ئەجدارلىرىمىزغا يات بولغان،قىلىشقا بولمايدىغان ئادەتتۇر.

زال بۇ نەسىھەتكەجاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى:

-سەن ماڭا نەسىھەت قىلىمەن دەپ ئاۋارە بولما،سېنىڭ نەسىھىتىڭگە مىنىڭ ئېھتىياجىم يوق.سەن بايا پەرىدۇننى تىلغا ئالدىڭ.ئۇ بۇنچىلىك مەرتلىكنى،شان شەرەپنى ۋە كۆپلىگەن پۇل بايلىقنى قاچان كۆرۈپتىكەن.يەنە مەنۇچېھىر بىلەن كەيقۇبادنىڭمۇ مازەندىراننى ياد قىلمىغانلىقىنى تىلغا ئالدىڭ.شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى مىنىڭ ھازىر ئەسكىرىم ۋە بايلىقىم ئۇلار زامانىسىدىكىدىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈندۇر.مىنىڭ شەمشىرىم شۇ قەدەر ئۆتكۈركى ئەگەرشىلتىسام پۈتكۈل ئالەم ماڭا باش ئىگىدۇ.قىنىدىن سۇغۇرۇپ جەڭگە كىرسەم يېڭى بىر دۇنيا بەرپا قىلالايمەن.شۇنداق تۇرۇپ نىمىدەپ ئىسىل زۇلپىقارىمنى ئىىشلەتمەي ئەسكى تۆمۈر ئورنىدا تاشلاپ قويغۇدەكمەن!مەن ھازىر شۇنداق بىر قەتئى ئىرادىگە كەلدىمكى، ھازىرلا قوشۇن تارتىپ بېرىپ دىۋىلەرنىڭ قېنىنى ئىچىكۈم،قىلىچ ئويۇنىدا دۇنيادا شان شەرەپ قۇچقۇم كېلىۋاتىدۇ.مەن ھۇجۇم قىلىپ بارغاندىن كېيىن يا ئۇلار ماڭا بويۇن سۇنۇپ باج ئۇلپاڭ تاپشۇرۇدىغان ،دىگىنمىنى قىلىپ قۇللۇق قىلىدىغان بولىدۇ،ياكى قارشىلىق قىلغانلارنىڭ ھەممىسى ئۆلتۈرۈلۈپ مازاندىراندا بىرمۇ تىرىك جان قالمايدۇ. نەزىرىمدە دۇنيادىكى بارلىق زوراۋان كۈچلەر مىنىڭ ئالدىمدا خارۇ زاردۇر.ئۇلار مەيلى دىۋە ئالۋاستى بولسۇن،مەيلى جادۇگەر سېھرىگەرلەر بولسۇن ھەممىسى ئالدىمدا بىر تىيىن.پات يېقىنمدا پۈتۈن جاھاننى ئۇلاردىن بوشىدى دىگەن خەۋەرنى ئاڭلىغان چېغىڭدا مەن كەيكاۋۇسنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى بلىپ قالىسەن.قىلغان ئورۇنسىز سۆزلىرىڭ ئۈچۈن نومۇس قىلىپ ئالدىمغا كەچۈرۈم سوراشقا كىرىشكىمۇ پېتىنالماي قالىسەن.سەن رۇستەم بىلەن بۇ يەردە قېلىپ ئىراننىڭ ھۆكمىرانى بولغاچ تۇر.ماڭا سىلەرنىڭ ياردىمىڭلارنىڭ كېرىكى يوق.ماڭا پەقەت ياراتقۇچىلا مەدەتكار بولىدۇ.مەن دىۋىلەرنىڭ بېشىنى ئوۋ قىلىپ كىلىپ ئۇلۇغ نىشانىمنى ئەمەلگە ئاشۇرماي،بۇرۇنقىلار قىلىشقا پېتىنالمىغان بۇ بۇيۈك ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقارماي قويمايمەن.

كەيكاۋۇس بۇ قەدەر سۆزلەرنى قىلىۋاتقاندا ئۇنىڭغا يەنە نەسىھەت قىلىشنىڭ ئورنى بارمۇ؟! زال كۆڭلىدە:‹‹بوپتۇ پىشانەڭگە پۈتۈلگەننى كۆر››دىگەنلەرنى ئويلاپ قايتا نەسىھەتكە ئېغىز ئاچمىدى.شۇڭا ئۇنىڭ رايىغا بېقىپ شۇنداق دەپلا قويدى:

-سەن بولساڭ ھۆكۈدار شاھ ،بىز بولساڭ ئىتائەتمەن قۇللىرىڭمىز.دىلىمدا نىمە بولسا شۇنى سۆزلىدىم. ئەل يۇرتنىڭ تىنچ ئامانلىقىنى كۆزلىدىم.ئەمدى سەن نىمىنى پەرمان قىلساڭ شۇنى ئورۇنلايمەن.مەيلى سەن بىزنى ئادالەتكە باشلامسەن ياكى زۇلۇم سېتەم قىلامسەن ئىختىيار ئۆز ئىلكىڭدە.ئەزەلدىن ھەممە ئىشلار تەقدىردىن بولۇر دىگەن سۆز بار.ئەجەل كەلسە ھىچكىممۇ قېچىپ قۇتۇلالماس،زاماننىڭ كۆزىنى ھەم ھىچكىم  ئېتىپ قويالماس.ھەرقانچە ئىھتىيات قىلساڭمۇ تەقدىرنى ئۆزگەرتەلمەيسەن.تەقدىر بەلگىلىگەن قىسمەتنى كۆرمەي باشقا چارە بىلمەيسەن.بوپتۇ جاھان ساڭا رۇشەن بولۇپ كۆپ نىمەتلەرنى ئاتا قىلسۇن.نەسىھەتلىرىمگە ھاجىتىڭ بولمىسا بولدى ئەمدى ساڭا نەسىھەت  قىلمىدىم.ساڭا شۇنى ئىلتىجا قىلايكى دىلىڭ رۇشەن، ئىمانىڭ تولۇق بولسۇن.

زال دەيدىغاننى دەپ بولغاندىن كېيىن شاھ بىلەن خوشلۇشۇپ قايتىپ چىقتى.زالنى تەكلىپ قىلىپ كەلگەن ھېلىقى ئىران پالۋانلىرىمۇ ئۇنى ئۇزۇتپ بىللە چىقىشتى.گېۋ زالغا قاراپ مۇنداق دىدى:

-دەيدىغاننى دىدۇق،قولىمىزدىن كىلىدىغاننى قىلدۇق،لىكىن، شاھ قىلىمەن دىگىنىنى قىلماي قويمايدىغان ئوخشايدۇ.ئەمدى يارتاقان خۇدا ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئۆزى رەھنەما بولسۇن.ئەي ئۇلۇغ پالۋان،ئەي مەرھەمەتلىك زات،بىز مەيلى قانداقلا يولدا ماڭمايلى،ھەرقاچان ھاقىتىمىز سەندە بولۇپ كەلدى.ئىراننىڭ شاھى باشقا بولغىنى بىلەن تۈۋرىكى يار يۆلىكى سەن ۋە سېنىڭ جەمەتىڭدىكىلەردۇر.بۇ قېتىممۇ تەكلىپىمىزگە بىنائەن شاھقا نەسىھەت قىلىشقا ۋە ئىران بېشىغا كىلىدىغان خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئارىلىقنى يىراق كۆرمەي كىلىپ تىگىشلىك بۇرچۇڭنى ئادا قىلدىڭ.گەرچەشاھپەندىلىرىڭنى ئاڭلىمىغان بولسىمۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىزنى يەردە قويمۇدۇڭ.ساڭا كۆپتىن كۆپ رەھمەت ۋە ئاپىرىن ئېيتىمىز.

شۇ سۆزلەردىن كېيىن ئۇلار قۇچاقلىشىپ خەيىرلەشتى.زال سىيىستان تەرەپكە راۋان بولدى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن.كاۋۇس مازەندىرانغا ھۇجۇم قىلىپ بارغاندىن كېيىن يەنە قانداق ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى،ئىران قوشۇنىنىڭ قانداق كۈلپەتلەرگە ئۇچرىغانلىقىنى ئەتىكى يازمىمىزدىن ئوقۇغايسىز.

زال زەر سەپەرگە جۆنەپ كەتكەندىن كېيىن ئىران باتۇرلىرى بىر-بىرلەپ قايتىپ كىرىشتى. ئالدىراڭغۇ كاۋۇس دەرھال يېتەرلىك لەشكەر توپلاپ مازەندىرانغا قارشى جەڭگە ئاتلىنىش توغرىسىدا تۇس بىلەن گۇدەرزگە پەرمان قىلدى.بۇ جەڭگە  ئۆزىمۇ بىرگە بارىدىغان بولغاچقا مىلادقا ئىران زىمىنىنى تاپشۇرۇپ ئۇرۇشتىن قيتىپ كەلگۈچە باشقۇرۇپ تۇرۇشنى ھاۋالە قىلىپ  غەزىنە ئاچقۇچلىرىنى ۋە شاھلىق ئۈزۈكىنى تاپشۇرۇپ بەردى.مىلاد شاھ بىلەن خەيرلىشىدىغان چاغدا شۇنداق بىر سۆزنى تاپىلىدى:

  -ئەي شاھىم،سەپىرىڭ ئوڭۇشلۇق بولسۇن،مەڭگۈ ئامان بولغىن،بۇ جەڭدىن غەلىبە بىلەن قايتىپ كېلىشىڭنى ئۈمىد قىلىمەن.ئەگەر دۈشمەن بىزنىڭ پەرىزىمىزدىكىدىن زور چىقىپ قېلىپ قوشۇن جەڭدە بىرەر ئوڭۇشسۇزلۇققا ئۇچراپ قالسا  ئاداۋەت تىغىنى چىقىرىپ قاراملىق بىلەن ئېلىشماستىن زال ۋە رۇستەمگە چاپار ئەۋەتىپ ياردەم سورىغىن.شۇنى بىلىشىڭ كېرەككى ئۇلار شاھلىق تەختىڭنىڭ  ھۆسنى ۋە پۇشتى سىپاھىدۇر.

كاۋۇس ھاكاۋۇرلۇقىغا ئېلىپ مۇنداقلا ماقۇللۇق بىلدۈرۈپ قويدى.لىكىن كۆڭلىدە:‹‹ئۇ ئىككىسىنى ھەجەپ چوڭ بىلىپ كېتىشىدىكەن.خەپ بۇ قېتىمقى جەڭنى ناھايىتى ياخشى قىلىپ ،دىۋىلەردىن نەچچە مىڭنى ئەسىر ئېلىپ، قان يىغلىتىپ تۇرۇپ ھەيدەپ كېلىپ، بۇ بىرنىمىلەرگە مەن كاۋۇسنىڭ بوش ئادەم ئەمەسلىكىمنى ،رۇستەمدەكلەر بولمىسىمۇ نى-نى- ئۇرۇشلارنى قىلالايدىغانلىقىمنى باتۇرلۇقتا ئۇلاردىن ئۈستۈن تۇرىدىغانلىقىمنى بىر كۆرسۈتۈپ قويمىسم ھېساپ ئەمەس!›› دىگەنلەرنى ئويلاپ سوغاققىنا كۈلۈپ قويدى.

ئەتىسى سەھەردە چوڭ قوشۇن كاۋۇس بىلەن بىللە يولغا چىقتى.كانايلار چىرقىرىشىپ، ناغرا دۇمباقلار گۈمبۈرلىشىپ  قوشۇننىڭ ھەيۋىسىنى نامايەن قىلغاچ سەپىرىنى داۋام ئېتىشتى.گۇدەرىز باش سەركەردە بولۇپ شاھنى ھەم قورۇغداپ بىرگە كېتىشىۋاتاتتى...

بىر كۈنى قوشۇن ئىسپەرۇز تېغى دەپ ئاتىلىدىغان ناھايىتى ئىگىز بىر تاغ باغرىغا يېتىپ كىلىپ توختىدى.بۇ يەر باشقا جايلاردىن باشقىچە بولۇپ قۇياش نۇرىنى كۆرگىلى بولمايتتى. لىكىن، كۆڭلى قارا كاۋۇس ھىچبىر خەتەرنى بايقىمىغاندەك خاتىرجەم ئىدى. پەرمانغا بىنائەن تاغ باغرىغا زەر گىلەملەر سېلىنىپ ،شاھنىڭ ئىسىل زەرلىك چېدىرىمۇ تىكىلىپ بولغاندىن كېيىن باتۇرلار شاھنىڭ چېدىرىنى ئوتتۇرىغا ئېلىپ ،قالغانلار شۇ چېدىر ئەتراپلىرىغا چۈشكۈن قىلىشىپ تاماق ئىتىپ يىگەچ ئارام ئېلىشقا تۇتۇندى.لەشكەر باشلىقلىرى خاتىرجەم ھالدا تەلىيىنى سىنىشىپ، ئىسىل شاراپلارنى ئىچىشىپ سورۇن تۈزۈپ ئولتۇرۇشتى.بەزمە تاڭ ئاتقۇچە داۋام قىلىشتى. ئەتراپتىن بىرخىل مۇدھىش تىۋىش كىلىۋاتقاندەك تۇيۇلۇپ، لەشكەرلەر توختىغان يېرىدە چۈشكۈن قىلىپ ئۇخلاشقا ياتقاندىن كېيىنمۇ ئۇخلاشقا پېتىنالمىدى.بۇ يەر زالىم دىۋىلەرنىڭ ماكانى بولۇپ بۇ يەردە ئادەم تۈگۈل پىللار ۋە شىر  يولۋاسلارمۇ توختاشقا جۈرئەت قىلالماس ئىدى.خەيرىيەت بۇ لېچە تىنىچ ئۆتۈپ كەتتى.ئەمما، بۇندىن كېيىنكى كېچىلەردە بۇ بىچارە لەشكەرلەرنى نىمە قارا قىسمەتلەر كۈتۈپ تۇرىدۇ بۇنى بىلگىلى بولمايتتى.

تاڭ ئاتقاندىن كېيىن ئۇلار ئۇيقۇدىن ئويغۇنۇشۇپ ناشتىسىنى قىلىشىپ بولۇشقاندىن كېيىن، كۇلاھلىرىنى كىيىشىپ، بەللىرىنى باغلىشىپ، شاھ پەرمانى بىلەن بۈگۈنكى ھەربى يۈرۈشنى باشلاشقا تەييارلاندى.

بۇ چاغدا شاھتىن گېۋغا پەرمان چۈشتى:

   -سەن دەرھال  ئۆزى باتۇر ،گۈرزىسى چاققان لەشكەردىن ئىككى مىڭنى تەييار قىل،ۋە ئالدىمىزدا زەربىدار قوشۇن بولۇپ يول ئېچىپ ئىلگىرلە.ئۇلارنى شۇ تەرىقىدە روھلاندۇرغىنكى نەيزىسى بىلەن  پۈتكۈل مازەندىراننى  بويسۇندۇرۇشقا ئاتلانسۇن.بۇ جەڭدە تاش يۈرەك بولۇڭلار رەھىم شەپقەتنى ئۇنتۇڭلار. مەيلى قېرى،مەيلى  ياش ھەرقانداق بىرىگە دۇچ كەلسەڭلار ئىككىلەنمەي ئۆلتۈرۈپ تېنىنى جانسىز لەشكە ئايلاندۇرۇۋېتىڭلار. بىرەر يەردە ئاۋاتلىققا دۇچ كەلسەڭلارمۇ تامامەن بەربات قىلىۋېتىڭلار.قەيەرگە ئاپتاپ چۈشكەن بولسا شۇ يەرنى قاراڭغۇ گۆرىستانغا ئايلاندۇرۇۋېتىڭلار.مۇشۇ تەرىقىدە جەڭ قىلىپ دىۋىلەر سىلەردىن خەۋەر تېپىپ قايتۇرما ھۇجۇم قىلىپ چىققۇچە بىر مىنۇتمۇ توختاپ قالماڭلار.دىۋىلەرگە دۇچ كەلگەندە بولسا تېخىمۇ غەيرەت بىلەن جەڭ قىلىپ، بىرى ئۇچرىسا بىرىنى جاھاندىن يوق قىلىپ دۇنيانى ئىپلاس دىۋىلەردىن تازىلاڭلار!

گېۋ پەرماننى ئاڭلىغاندىن كېيىن كەمەر باغلاپ شاھ ھوزۇرىدىن قايتىپ چىقىپ، باتۇر لەشكەرلەرنى تاللاشقا كىرىشتى.لەشكەرلەر تاللىنىپ بولۇنغاندىن كېيىن خىل قوراللار بىلەن قوراللىنىپ جەڭگە ئاتلاندى.ئۇلار مازەندىراننىڭ بىر تەرىپىنى قورشاپ ئۇرۇش باشلاپ، مەيلى لەشكەر ،مەيلى پۇقرا، مەيلى ئادەم،مەيلى دىۋە بولسۇن ھىچكىم ھىچنىمىنى ئاياپ قويماي قىلىچ بىلەن چېپىپ،گۈرزە بىلەن يانچىپ،نەيزە بىلەن سانچىپ ھىچكىمنى ئامان قويمىدى. ئۇلار نەگىلا ھۇجۇم قىلىپ بارسا بىرمۇ تىرىك جان قالديرمايتتى.ئۆيلەر،باغۇ بوستانلار،قەسىر ئايۋانلار ھەممىلا نەرسىنى ۋەيران قىلىپ ماڭاتتى.ئۇرۇپ چاقاتتى، ئوت قوياتتى...شۇ تەرىقىدە ئۇلار مازەندىرانلىقلارنىڭ بېشىغا ئاپەت بولۇپ، ئىچىدىغان ئاشلىرىغا تەرياك ئەمەس زەھەر قۇيماقتا،بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ قېنىنى ناھەق تۆكمەكتە ئىدى.

ئۇلار بىر كۈنى جەننەتتەك گۈزەل بىر شەھەرگە دۇچ كەلدى.بۇ شەھەرنىڭ يېنىدا ھەيۋەت بىر دەريا ئاقاتتى،مەيلى شەھەر ،مەيلى شەھەر ئەتراپى بولسۇن ھەممىسى تەبىئى گۈزەل ئىدى.كوچىلاردا باغلاردا كۆپلىگەن ئاي مەسەللىك كېنىزەكلەر  ئوينىشىپ سەيلى قىلىشىپ يۈرىشەتتى. ئۇلار بوينىغا قاتار قاتار دۇر مارجانلار،قۇلاقلىرىغا زەر ئالتۇندىن زىرە مونچاقلار ئېسىشقان ئىدى.دىدەكلەرمۇ ئۇلاردىن ككلپرەك بولۇپ ئۇلارمۇ گۈزەللىكتە كېنىزەكلەردىن قېلىشمايدىغان بولۇپ بېشىدا ياراشقان كۇلاھ ،چىرايلىرى بولسا يورۇق ماھ ئىدى.تەرەپ تەرەپلەردە غەزىنىلەر چېچىلىپ ياتاتتى.بىر ياققا قارىسىڭىز ئالتۇن،بىر ياققا قارىسىڭىز ياقۇت -گۆھەر،شەھەر ئەتراپلىرىدا بولسا سان ساناقسىز مال چارۋىلار تۈر-تۈرى،توپ- توپى بىلەن ئوتلىشىپ يۈر گەن بولۇپ  ئاجايىپلا بىر بايلىق ماكانى ئىدى. ئەگەر يەر يۈزىدە جەننەت بار دىيىلسە مۇشۇ يەرنى دىيىشكە بولاتتى.

بۇ شەھەر ھەققىدىكى خەۋەر كاۋۇسقا تېز يەتكۈزۈلدى.پۇتۈن يۇرت بۇتىانىغا ئوىشايدىغان بولۇپ چىننىڭو يىپىكىدىن بىزەك ئالغاندەك گۈزەل كۆرۈنەتتى.ئادەملىرىمۇ ھەممىسى دىگۈدەك ئۇز بولۇپ بىھىش سەنەملىىدىن نىشان بېرەتتى...

ئىران ئەرلىرى بۇ گۈزەل شەھەرنى كۆرۈپ پەرماننىمۇ ئۇنتۇپ خۇددى ئېچىرقاپ كەتكەن بىر توپ بۆرە توپى سېمىز- سېمىز بىر توپ قوزا پادىسىغا دۇچ كەلگەندەك بۇلاڭ –تالاڭ،ئۇر- چاق، باسقۇنچۇلۇق دەپسەندى قىلىشلارغا كىرىشىپ كەتتى.كاۋۇس لەشكەرلىرىنى مەيلىگە قويۇۋەتتى.بۇلاش تالاشلار بىر ھەپتە داۋاملىشىپ توختىدى.بۇ ئارىدا مازەندىران شاھى خەۋەر تېپىپ ياۋنى قانداق چېكىندۈرۈش ئۈستىدە كېڭەش قىلىپ بېشى قاتتى.جىگەر پارىلىرى خىۇن بولدى.كىيىن ئۇ بۇ ئۇرۇشتا دىۋىلەرنىڭ كۈچىدىن پايدىلانمىسا بولمايدىغانلىقنى ھىس قىلىپ يېتىپ سەنجە ناملىق دىۋىنى چاقىرتىپ كىرىپ ئۇنى نامە بىلەن  ئاق دىۋىلەر ماكانىغا چاپار  قىلىپ ئەۋەتتى.ئاق دىۋىلەرنىڭ باشلىقى دىۋە سەپىد ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېين شۇنداق جاۋاپ بەردى:

   -دۇنيا ئىشلىرىدىن نائۈمىد بولما.مەن بوراندىنمۇ تېزلىك بىلەن كۈچلۈك قوشۇن تارتىپ يېتىپ بارىمەن.دۈشمەننى مازەندىراندىن قوغلاپ چىقىرىپ شاھىمىزنى خاتىرجەم قىلىمەن.

چاپار قايتىپ كەتتى. دىۋە سەپىد دەرھال دىۋىلەرنى يىغىلىشقا پەرمان قىلدى.نەچچە ئون مىڭ لەشكەر دىۋە يىغىلىپ بولغاندىن كېيىن خۇددى غايەت زور تاغ يۆتكەلگەندەك يۆتكىلىپ يۈرۈش باشلىۋەتتى.بۇ شۇنداق زور دىۋىلەر ئىدىكى ھەممىسىنىڭ باشلىرى كۆك ئاسمانغا يېتەر ئىدى.

كەچ كىرىپ لەشكەرگاھنى بۇلۇت باستى.جاھان خۇددى زەڭگىنىڭ يۈزىدەك قاپقارا رەڭگە كىردى.پۈتۈن ئەتراپ خۇددى  قاراماي دەرياسىدەك قارىداپ رۇشەن نەرسىلەر نىڭ ھەممىسى كىېچە قاراڭغۇلۇقى قوينىغا يوشۇرۇنۇشقا باشلىدى.كۆك قاپقاراڭغۇ بولغاچقا كۆزلەر ناكا بولغاندەك ھىچنىمى كۆرەلمەيتتى.دىۋىلەر مانا شۇ نداق پۇرسەتتن پايدىلىنىپ ئاسماندىن  ئىران لەشكەرلىرىنىڭ ئۈستىگە نەيزە ۋە تاش ياغدۇرۇۋەتتى.لەشكەرگانى ئاھ ۋاھ،ۋايجان- ۋايەي،دات پەرياد ئاۋازلىرى قاپلاپ كەتتى.كىچىدە لەشكەرلەر قەيەرگىلا قاچمىسۇن نەيزە ۋە تاشلاردىن ئامان تاپالمىدى. بىر قىسىم ھايات قالغانلىرى ئۆمىلەپ يۈرۈپ قېچىپ چىقىپ جېنىنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ئىران سەپىرىنى باشلىۋەتتى.ھەممە بۇ پاجىئەنىڭ باش جىنايەتكارى بولغان كاۋۇسقا لەنەتلەر ئوقۇشتى.كىچە شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆرۈنگەندە ئامان قالغان كاۋۇس لەشكەرلىرىى ئىدىتلاپ كۆرۈۋىدى، بۇ قىرغىندا لەشكەرلىرىنڭ ئۈچتىن ئىككى قىسمى قىرىلىپ تۈگەپتۇ.قاچقانلار قېچىپ ئازغىنە لەشكەر ۋە سەركەردىلىرى بىلەنلا قاپتۇ. قاپتۇلا ئەمەس قالغانلارنىڭ ھەممىسى ئاق دىۋىلەرنىڭ قاتمۇ قات قورشاۋىدا قاپتۇ.دىمەك شۇنچە تەستە بۇلاپ تالىغان، يىغقان غەزىنىلەر  دىۋىلەر تەرىپىدىن تاراج قىلىنىپ، بارلىق كىشىلەر ئەسىر ئېلىنىپ،شاھنىڭ بەختى تەلىيى  كاجلىق مەھەللىسىگە ئوينىغىلى كېتىپتۇ.بېشى پىرقىراپ كۆزىگە ئالەم قاراڭغۇ كۆرۈنۈشكە باشلىغان كاۋۇس ئكتكەن بەىتلىك كۈنلىرىنى ئەسلەشكە تىرشتى.لىكىن بۇنداق چاغدا پالاكەتتىن باشقا نەرسە كىشىنىڭ ئېسىگە كەلمەيدىكەن.

كاۋۇس ئەلەم بىلەن پۇشۇلداپ ئولتۇرۇپ پۇشايمان سۆزلىرىنى تۆكۈشكە باشلىدى:

  -‹‹زېرەك ئەقىل بايلىقتىن ئەۋزەل›› دىيىشەتتى دانىشمەنلەر.ئىسىت يامان نىيىتىم تۈپەيلى بارغا شۈكۈر قىلمىدىم،ئالەمگىر زالنىڭ نەسىھەت قىلىپ ئيتقان توغرا سۆزلىرىنى ئاڭلىمىدىم.مانا ئەمدى دۈشمەن قورشاۋىدا قېلىپ ھايات قېلىشىمغىمۇ ئىشەنىچ ئىمكان قالمىدى.تەقدىرىم نىمە بولۇر؟!

دەھشاتلىك بىر ھەپتە شۇ تەرىقىدە ئۆتۈپ كەتتى.بىر كۈنى ئاق دىۋىلەرنىڭ سەردارى ھەيۋە قىلىپ كېلىپ كاۋۇسقا دىدى؛

  -ئەي پالاكەت باسقان شاھ،ئەي مىۋىسىز دەرەخ،سەن ئۆزۈڭنى چاغلىماي تولا يۈكسەكلىككە ئېرىشمەك بولۇپ خاتا يۈرۈش قىلدىڭ.سەن مازەندىران تەختىنى چۈشەپ قېلىۋىدىڭمۇ؟! چۈمۈلىدەك جېنىڭغا ئۆزۈڭنى پىل چاغلاپ زور ئەجدىھاغا خىرىس قىلماق بولدۇڭمۇ؟ بىزگە قارشى كېلىشتىن بۇرۇن بىرەر داناغا مەسلىھەت قىلمىدىڭمۇ؟ ئۆزۈڭ كاتتا بىر ئەلنىڭ شاھى ۋە ھەددى ھېساپسىز مال دۇنيالىرىڭ تۇرۇپ ئۆزۈڭدە بارغا شۈكۈر قىلمىدىڭمۇ؟! سەن تولىمۇ ئەقىلسىز ئادەم ئىكەنسەن.سېنىڭ بۇ ئۇرۇشقا تەۋەككۇل قىلغىنىڭ ئۆز ئەقلىڭگە ئۆزۈڭ پەشۋا ئۇرغۇنۇڭ بولدى.‹‹نىمە قىلىدىكىن قېنى؟›› دەپ قويۇپ بەرسەك ئۆزۈڭنى بىلەلمەي مازەندىرانغا ھۇجۇم قىلىپ كۆپلەپ ئەسىر ئالدىڭ.بىگۇناھ كىشىلەرنىڭ بېشىدا گۈرزە ئوينۇتۇپ ناھايىتى كۆپ كىشىلەرنى قىرىۋەتتىڭ.يەنە بولدى قىلماي شاھىنشاھىمىز تەختىدە مەغرۇر ئولتۇرۇشقا پېتىندىڭ.مىنىڭ كىملىكىمنى، سېنى نىمىلەرنى قىلىۋېتەلەيدىغانلىقمنى قىلچە تەسەۋۋۇر قىلمىدىڭ.مانا قارا بۈگۈن قىلمىشلىرىڭنىڭ مىۋىسىنى تېتىپ ،قولۇمغا قوتۇر ئىتتەك تۇتقۇن بولۇپ ئۆزۈڭ يەتمەكچى بولغان ئاقىۋەتكە يەتتىڭ.

كىيىن دىۋە سەپىد دىۋىلەرنىڭ ئارىسىدىن ئون ئىككى مىڭنى تاللاپ ئىرانلىقلارنى قورشاشقا ،كېتەر يولىنى توسۇپ قويۇشقا،مۇشۇ تۇرغان يېرىدىن ھىچقاياققا بارغۇزماسلىققا قاتتىق ئورۇنلاشتۇرۇش قىلدى.ئۇلارنى ئاچ قېلىپ ئۆلمىسۇن دەپ يەيدىغانغا بىرە ھەپتە يەتكۈدەك ئوزۇقىنى قويۇپ قالغان بارلىق غەزىنە دەپى دۇنيالىرىۋە باشقا بايلىقلىرىنى تارتىۋېلىپ سويغان پىيازدەكلا قىلىپ  قويدى.تارتىۋېلىنغان نەرسىلەر ئىچىدە كاۋۇسنىڭ چېدىر،ئات،تەخت قاتارلىق شاھانە بويۇملىرىنىڭمۇ ھەممىسى بار بولۇپ كاۋۇس لەشكەرلىرى بىلەن ئوخشاشلا ھالغا قالغان ئىدى.ئاندىن دىۋە سەپىد ئەرجەڭگە ناملىق دىۋىنى چاقىرىپ ئۇنىڭغا ئىرانلىقلاردىن تارتىۋېلىنغان  بارلىق بايلىقلارنى تاپشۇرۇپ بەردى.ئۇنى مازەندىران شاھى يېنىغا خەۋەرچىلىككە بارىدىغان  چاپارلار باشلىقى قىلىپ تەيىنلىدى ۋە مۇنداق تاپىلىدى:

  -مازەندىران شاھىغا بېرىپ بۇ بايلىقلارنى تاپشۇرۇپ بەرگەچ بۇ جەڭ خوشخەۋىرىنى يەتكۈز.ئەھرەمەنلەر قاتناشمىسىمۇ بۇ جەڭدىن ياخشى خۇلاسە چىقىرىپ دۈشمەننى پۈتۈنلەي مەغلۇپ قىلدۇق.شاھقا نىمە كېرەك بولسا كېرەكلىك بولغان ئىشنى تولۇق بىجىرىپ بولدۇم.ئىران قوشۇنلىرى پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ ئىران باتۇرلىرىغا كۈندۈزمۇ كىچىدەك كۆرۈنىدىغان قارا قىسمەت ئاتا قىلىم. شاھىنى بىر قىسىم لەشكەر ۋە سەركەردىلىرى بىلەن ئەسىر ئېلىپ قامال قىلىپ قويدۇم.ھەممىسىنى ئۆلتۈرۈپ ھەيۋە كۆرسەتمىدىم.ئۇلارنى مەن ئۆلتۈرمىسەممۇ بۇ يەردە تۇرىۋەرسە قىلغانم ئىشلقىرىغا يېتەرلىك پۇشايمان قىلىۋېلىپ ،ئازاپ كۈلپەتلەرنى يەتكۈچە تارتىۋېلىپ،بىزنىڭ كىملىكىمىزنى ئوبدان تونۇۋېلىپ ئاخىر قىلمىشلىرىنىڭ جازاسىنى تارتىپ ئاچلىق ۋە ئۇسسۇزلۇق ئازابىنى تارتىپ ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىشىدۇ. ھىچكىم بۇلارغا ئىچ ئاغرىتىپ ياردەم قىلمىسۇن.ھىچكىم ئاھۇ زارىغا قۇلاق سالمىسۇن.

ئەرجەڭگە دىۋە پەرماننى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئىرانلىقلاردىن تارتىۋالغان مال دۇنيالارنى كۈچتۈڭگۈر دىۋىلەرگە كۆتۈرتكۈزۈپ ئۆزى يول باشلاپ مازەندىران شاھى ھوزۇرىغا قاراپ  يۈرۈپ كەتتى.

دىۋە سەپىدمۇ ئىرانلىقلارنى قامال قىلىپ تۇرىدىغان قامالچى لەشكەرلىرىنى قالدۇرۇپ قالغان لەشكەرلىرىنى ئېلىپ ئەسلى ماكانىغا قايتىپ كەتتى.كاۋۇس لەشكەرلىرى بىلەن ئاھ زار چېكىپ:‹‹ مەندىن زور گۇناھ ئۆتتى›› دەپ يىغلاپ پۇشايمان ياشلىرىنى راۋان سىرغىتىپ تۇتقۇنلۇق كۈنلىرىنى ئۆتكۈزگەچ ئۆلۈمىنى كۈتتى.

  

كاۋۇس  تۇتقۇنلۇقتا تۇرىۋەرسە ھەممەيلەننىڭ نام نىشانسىز ئۆلۈپ تۈگەيدىغانلىقىنى ھىس قىلىپ  ئۆزى ۋە لەشكەرلىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈمىدىنى زال بىلەن  رۇستەمگە باغلىدى.شۇڭا ئۇ ئىشەنىچلىك ۋە دانا خىزمەتكارلىرىدىن بىرىنى ياخشى بىر ئات بىلەن جابدۇتۇپ، كېچىدە قامال قىلىپ تۇرغان  دۈشمەنلەرنىڭ بىخۇت تۇرغان ۋاقتىدىن پايدىلىپ قاچۇرۇپ، زالنىڭ يېنىغا ياردەم تەلەپ قىلىپ ئەۋەتىۋەتتى.ئۇنىڭغا شۇنداق دەپ تاپىلىدى:

-كېچە كۈندۈز ئارام ئالماي زابۇلىستان تەرەپكە بوراندەك تېز ماڭ.زال نەدە بولسا تېزلىك بىلەن ئىزدەپ تاپ.ئاندىن ئۇنىڭغا مىنىڭ قانداق بەختسىزلىككە ئۇچرىغىنىمنى، تاجۇ تەختىمنىڭ  يەر بىلەن تەڭ بولغانلىقىنى...ئىشقىلىپ مېنىڭ بۇ يەردىكى ھەممە ئەھۋاللىرىمنى ئۇنىڭغا ئۇقتۇرۇپ مىنىڭ ياردەم تەلەپ قىلىپ سېنى ئالاھىدە ئەۋەتكەنلىكىمنى ،ئۇلارنىڭ لەشكەر باشلاپ كېلىپ بىزنى قۇتۇلدۇرۇۋېلىشىنىڭ زۆرۈرلىكىنى چۈشەندۈر، مەيلى زال ئكزى كىل؛ەمدۇ ياكى ئوغلى رۇستەمنى لەشكەر بىلەن ئەۋەتەمدۇ ئىشقىلىپ ئۇلار كىلىپ بىزنى بۇ پانى دۇنيادىكى دەۋزەختىن قۇتۇلاۇرۇۋالسۇن.

چاپار زابۇلىستانغا يىتىپ كېلىپ زال زەرنى تاپقاندىن كېيىن كاۋۇسنىڭ تاپىلىغان سۆزلىرىنى بىر بىرلەپ يەتكۈزۈپ كاۋۇسقا ۋاكالىتەن ياردەم سورىدى.زال بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ شاھنىڭ ئەھۋالىغا ئېچىنىپ لەختە –لەختە قان يۇتتى. شاھنىڭ ئىناۋىتى ۋە بىخەتەرلىك يۈزىسىدىن ئاڭلىغان خەۋەرلىرىنى ئەلدىن پىنھان تۇتتى.ئاندىن ئوغلى رۇستەمنى كېڭەشكە چاقىرىپ ئۇنىڭغا دىدى:

-شاھ كاۋۇس لەشكەرلىرى بىلەن مازەندىراندا دىۋىلەر قولىغا ئەسىر چۈشۈپ قاپتۇ.ھازىر ئەھۋالى ناھايىتى خەتەرلىك ئىكەن .بىزنىڭ لەشكەر باشلاپ بېرىپ قۇتۇلدۇرۇشىمىزنى تەلەپ قىپتۇ.شۇڭا سېنى بۇياققا چاقىردىم.ئۆزۈم لەشكەر باشلاپ باراي دىسەم مىنىڭمۇ يېشىم ئىككى يۈزدىن ئېشىپ  خېلى ياشىنىپ قاپتىمەن.شۇڭا ھازىر ھەممىمىزنىڭ ئۈمىدى سەندە قالدى.سەن بۈگۈنلا كېرەكلىك لەشكەرلەرنى تاللاپ تۇلپىرىڭنى مىن دە مازەندىرانغا قاراپ يولغا چىق.شاھ نەدە بولسا ئىزدەپ تېپىپ، دۈشمەنلەرنى بويسۇندۇرۇپ ئۇنى قۇتۇلدۇرۇپ كەل.‹‹قەھرىمانغا ماھارەت كۆرسەتمەككە مەيدان كېرەك›› دىگەندەك سېنىڭدەك ئالەم پالۋىنىنىڭ كارامىتىنى سىنايدىغان ياخشى پۇرسەت بۇ.ساڭا تاپىلايدىغىنىم شۇكى،كۈچ قۇدرىتىڭنىڭ زورلىقىغا گەپ كەتمەيدۇ.ھەرقانداق زور دۈشمەننىمۇ يېڭەلەيسەن. لىكىن جەڭ پەيتىدە پەقەت قارا كۈچ ۋە شەخسى قەھرىمانلىققا تايانغان بىلەنلا بولمايدۇ.‹‹جەڭنىڭ توققۇزى رەڭ،بىرسى جەڭ›› دىگەن جەڭ ھىكمىتى بار.شۇڭا جەڭ قىلغاندا كۈچۈڭ بىلەن ئەقلىڭنى تەڭ ئىشقا سال، شۇندىلا ھەرقانداق جەڭدە دۈشمىنىڭ ئۈستىدىن غالىپ كېلىپ كۆزلىگەن نىشانىڭنى ئىشقا ئاشۇرالايسەن.يەنە شۇ ئېسىڭدە بولسۇنكى بۇ قېتىمقى جەڭ ئادەتتىكى جەڭلەرگە ئوخشىمايدۇ.يەنى بۇ قېتىمقى جەڭ ئادەملەر بىلەن ئەمەس قانخور دىۋىلەر بىلەن بولىدۇ.شۇڭا دىۋىلەر ساڭا بىردەممۇ ئاراملىق بەرمەيدۇ.مۇداپىئە ئۈچۈن كۆكسۈڭگە يولۋاس تېرىسىنى ئورىۋال.پۈتۈن خىيالىڭنى ئۇرۇشقا قارىتىپ دۇنيا ئىشلىرىنى ئۇنۇت.تاكى قەڭدە غەلىبە قىلىپ نىشانىڭ ئەمەلگە ئاشمىغۇچە تەن قېنىڭ راھەت پاراغەتنى،ئۇيقۇ ئاراملىقنى ئىزدىمىسۇن .بۇنداق نەرسىلەر ئادەمنى بىخۇتلاشتۇرۇپ غەلىبە قىلىش پۇرسەتلىرىنى قولدىن بېرىپ قويىدۇ.جەڭدە غەلىبە قىلغاندىن كېيىن ئەرجەڭ دىۋە بىلەن دىۋە سەپىد سەندىن ئامانلىق تىلەپ ھىلىەەرلىك قىلسا ھەرگىز رەھىم قىلما.مازەندىران شاھىغىمۇ قىلچە رەھىم قىلماي گۈرزەڭ بىلەن ئۇرۇپ ئۈگە –ئۈگىلىرىنى سۇندۇرىۋەتكىن...

زال رۇستەمگە كۆپ پەندى نەسىھەتلەرنى قىلىپ قىلىشقا تىگىشكلىك مۇھىم ئىشلارنى قايتا-قايتا جېكىلىدى. ئاتىسىنىڭ گېپى تۈگىگەندىن كېيىن رۇستەم ئۇنىڭدىن سورىدى:

-مازەندىراننىڭ يولى بەكمۇ ئۇزۇن قايسى يول بىلەن مېڭىشىم كېرەك؟

ئۇ يەرگە بارىدىغان ئىككى يول بار،ھەر ئىككىلىسى بالايى ئاپەت يولى.ئۇلارنىڭ بىرى كاۋۇس يۈرگەن يول.بۇ يولدىن ماڭساڭ ۋاقىت كۆپ كېتىدۇ.يەنە بىرسى قىسقىراق يول  بولۇپ ئون تۆت كۈندە يىتىپ بارغىلى بولىدۇ.بۇ يول قاراڭغۇلۇق باسقان يول بولۇپ دىۋە،شىر،ئەجدىھا،يالماۋۇز..دىگەندەك يەتتە خەتەرلىك توسالغۇلىرى بار.مېنىڭچە سەن باتۇر بولغاندىكىن ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلىپ قىسقا يولنى تاللا،ئالدىڭغا ئۇچرىغان مۈشكىلات ۋە خەتەرلەرنى باتۇرلۇقۇڭ ۋە ئەقىل پاراسىتىڭگە تايىنىپ بىر بىرلەپ بەربات قىل.سەن ھەرقاچان ياراتقۇچىنى ياد قىلىپ مەدەت تىلە،شۇندىلا مۈشكۈللىرىڭ ئاسان بولغۇسى.دىلىڭدا غەيرەت جۇش ئۇرۇپ تۇرسا ،تۇلپارىڭ ساڭا ماسلىشىپ دۈشمەنلىرىڭ بىلەن خەتەرلەرنى چەيلەپ تۇرسا ھەرقانداق ىەتەر ساڭا باش ئەگمەي قالمايدۇ.ئۇنىڭ ئۈستىگە مەنمۇ شامدىن تارتىپ تاڭغىچە ئۇيقۇدىن بىدار بولۇپ تەڭرىگە تىېۋىنىپ سېنىڭ ئامانلىقىڭنى،ۋە نۇسرەت قازىنىپ ئامان ئېسەن قايتىپ كېلىشىڭنى تىلەپ تۇرىمەن.كىچە كۈندۈز پاك تەڭرىگە سېغىنىپ سېنى قايتا كۆرۈشنى،كەڭ كۆكرىكىڭ، دولقۇنلۇق چاچلىرىڭ،چىرايلىق بېشىڭ،كۈچلۈك بىلىكىڭ،گۈرزە پاتمانلىرىڭ ...ئىشقىلىپ سەندىكى ھەممە نەرسىنى تەل تۆكۈس ئامان ئىسەن كۆرۈشنى  ئىنتىزارلىق بىلەن كۈتىمەن.ئەگەر تەڭرى  ئىككىمىزنىڭ ئايرىلمىقىنى،سنىڭ دىۋە قولىدا خار ۋە زەبۇن بولمىقىڭنى تەقدىرىڭگە يازغان بولسا،مەن زار-زار يىغلاپ قالىمەنكى تەقدىرگە ئامال يوقتۇر.بۇ ئۆلۈم ھەممىمىزنىڭ بېشىدا بار.دۇنيادىن كېتىش پەيتى كەلسە ھىچكىممۇ  بۇ جاھاندا دەقىقە ئۇزاق تۇرالماس.ھەممىمىز بۇ دۇنياغا كىلىپ كېتىدىغان مىھمان تۇرساق كىممۇ قىسمەتتىن ئاغرىنالىسۇن؟!

ئەي بەختلىك پەدەر   -دىدى رۇستەم جاۋابەن   -پەرمانىڭىزنى كۈتۈپ بېلىمگە كەمەر باغلىدىم.بوۋىلىرىمىز بىلىپ تۇرۇپ جەھەننەم تەرەپكە قەدەم قويماسلىقى كېرەك ئىدى.پەقەت جېنىدىن تويغان كىشىلەرلا شىرغا خىرىس قىلىپ ئۇنىڭغا تاشلىنار ئىدى.خەيىر ئۇلارنىڭ ئۆزىدىن ئۆتۈپتۇ.شۇنچە ياخشى پەندىلىرىڭىزگە قۇلاق سالماي  بالا قازانى ئۆزلىرى ئىزدەپ تېپىپتۇ.بۇنداقلارنى ئەسلى قۇتۇلدۇرمىساقمۇ بولاتتى.خەيىر،ياردەم تەلەپ قىلغاننى قۇتۇلدۇرماق بار.پەقەت تەڭرى قولۇمنى تۇتۇپ، يولۇمنى ئاق قىلىپلا بەرسە بولدى.سىپاھدارغا جېنىمنى پىداھ قىلىپ مازەندىراننىڭ سېھىر تىلسىملىرىنى زىمزىيا قىلىۋېتىمەن.ئىرانلىقلاردىن قانچىسى تىرىك قالغان بولسا ھەممىسىنى قۇتۇلدۇرۇپ ،بىلىگە كەمەر باغلاپ ئامان ئىسەن قايتۇرۇپ كېلىمەن.مەن بۇ نۆۋەت شۇنداق قاتتىق  جەڭ قىلايكى،نە دىۋە سەپىد،نە ئەرجەڭ،نە سەنجا،نە پۇلادى غەندى،نە بېد دىگەنلەرنىڭ بىرىمۇ تىرىك قالمىسۇن.قەسىمىمگە ياراتقان ئۇلۇغ ئاللاھ گۇۋاھ بولسۇنكى،مەن رۇستەم دىۋە سەپىدنى تۇتۇپ قوللىرىنى تاشتەك باغلىمىغۇچە ھەرگىز ئاتتىن چۈشمەيمەن.سەپىد دىگىنىنىڭ گېلىغا سىرتماق سېلىپ ،ئات بىلەن سۆرۈتۈپ،كۆزلىرىنى ماشتەك چاچراتقۇزىۋېتىمەن.

رۇستەم سۆزىنى تۈگىتىپ ئاتىسىنىڭ نەسىھىتى بويىچە يولۋاس تېرىسىنى يېپىنىۋالدى.ئانىسى رۇدابە كۆزلىرىدىن لۆم-لۆم ياشلىىنى تۆكۈپ ئوغلى بىلەن خوشلاشقىلى كەلدى:

-جېنىم بالام رۇستەم،بۇ كۈنى خەتەرلىك يولغا يۈزلىنىپسەن.مېنى كۆپ ھىجران ۋە دەرتكە مۇپتىلا قىلدىڭ.ئەجەبا تەڭرىدىن نىمىنى ئۉمىد قىلىسەن؟

-ئەي مىھرىبان ،خۇش خۇي،جان ئانام-دىدى رۇستەم جاۋابەن  -مەن بۇ يولنى ئۆزۈم تاللاپ ئالغىنىم يوق،تەقدىر قىسمەت شۇنداق ئىكەن.شۇڭا مەندىن ئارتۇقچە غەم يىمەي مىنى ئاللاھقا تاپشۇر.

رۇستەم ئاتا-ئانىسى بىلەن خەيرلىشىپ تۇلپارى ئۉستىگە پىلدەك ئايىقىنى ئارتتى.زال بىلەن يېقىن كىشىلىرى ئۇنى خېلى ئۇزاقلارغىچە ئۇزۇتۇپ بېرىپ ئاندىن قايتىپ كەلدى.

رۇستەم كاۋۇسنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن مازەندىرانغا بارغۇچە يەتتە مۈشكىلاتقا دۇچ كىلىپ بۇ مۈشكۈللەرنى يېڭىش جەريانىدا باتۇرلۇق قەھرىمانلىق كۆرسۈتۈپ مازەندىرانغا بارماي تۇرۇپلا ‹‹پالۋانلارنىڭ پالۋىنى››،دىگەن شەرەپكە نائىل بولۇپ تېزلا داڭقى چىقىپ كېتىدۇ.بۈگۈن بىرىنچى مۈشكۈلات جەريانىدىكى سەرگۈزەشتى بايان قىلىندى.

رۇستەم ئاتىسىنى نىمرۇزدا قالدۇرۇپ مازەندىرانغا قاراپ تەنھا يولغا چىقتى.كاۋۇسنى تېزراق  قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن ۋاقىتتا ئۇتماق بولۇپ كېچە كۈندۈز ئات چاپتۇردى.تۇلپارى ئاتلار ئىچىدىكى ئەڭ ئىسىلى بولغىنى ئكزىمۇ كېچىنى ىچە كۈندۈزنى كۈندۈز دېمەي مېڭىۋەرگەچكە بىر كۈندە ئىككى كۈنلۈك يولنى تاماملايتتى.شۇنداق يول مېڭىپ قۇرسىقى راسا  ئېچىپ،مەيدىسى ئېچىشىپ بولالماي قالغان بىر كۈنى ئاجايىپ بىر دەشتكە كېلىپ قالدى.بۇ دەشتتە سان -ساناقسىز قۇلۇنلار ئوتلىشىپ يۈرەتتى.رۇستەم ‹‹چۇھ››دەپ تۇلپارغا بىر قامچە سېلىۋىدى چېپىشىپ يۈرگەن قۇلۇنلارمۇ يېتىشەلمەي قالدى.رۇستەم شۇنداق ئات چاپتۇرۇپ كىتىۋېتىپ سېمىز بىر توسۇن قۇلۇنغا كامان تاشلاپ تۇتۇۋالدى.ئاندىن ئاتتىن چۈشۈپ قۇلۇننى سويۇپ گۆشىنى تازىلىدى.ئاندىن ئەتراپتىن قۇرۇق ئوتۇن يىغىپ تاشنى تاشقا ئۈرۈپ ئۈچقۇنىدىن ئوت چىقىرىپ ئوتۇنغا تۇتاشتۇرۇپ بۇ ئوت بىلەن قۇلۇن گۆشىنى كاۋاپ قىلىپ يىدى.ئۇ بىر نەچچە كۈندىن بېرى ئۇخلىماي يول يۈرۈپ بەكمۇ چارچاپ كەتكەن ئىدى.قۇرساق تويغان بىلەن ئۇيقۇسى كېلىپ كۆزلىرىنى ئاچالمايلا قېلىۋاتاتتى. شۇڭا بۇ يەردە بىر كېچە ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋېلىپ ئەتىسى سەپىرىنى داۋاملاشتۇرماقچى بولۇپ ئۆزىگە ئۇخلاشقا جاي راسلىدى. ئېتىنى بولسا يۈگەننى بېشىدىن بىراقلا سۇغۇرىۋېلىپ يېقىن ئەتراپتا  ئوتلاشقا قويۇپ بەردى.بۇ ئەقىللىق ئات بولغاچ ئىگىسىنىڭ غەرىزىنى چۈشىنەتتى.قېچىپ كەتمەيتتى.
رۇستەم قومۇشلۇق ئارىسىغا  جاي راسلاپ بولۇپ ئۇخلاشقا ياتتى.بەك چارچاپ كەتكەچ يېتىپلا ئۇخلاپ قالدى.لىكىن بۇ جاي ئۇخلاپ  ئارام ئالىدىغان بىخەتەر جاي ئەمەس ئىدى.رۇستەم بۇنى بىلمەيتتى.بۇ قومۇشلۇق پىلنىمۇ ئوۋلىيالايدىغان ۋەھشى ئانا  شىرنىڭ  ماكانى بولۇپ پىللارمۇ شىردىن قورقۇپ بۇ يەرگە يېقىن كېلەلمەيتتى.
قاراڭغۇ چۈشۈشكە باشلىغان، رۇستەم يېڭىلا ئۇخلاپ ياتقان شۇ مەھەلدە قومۇشلۇقتا قۇلان ئوۋلاپ يۈرگەن ھېلىقى ئانا شىر قۇرسىقىنى توقلاپ بولۇپ ئۆز ئىنى تەرەپكە قاراپ ماڭدى.ئۇ كېتىۋېتىپ قومۇشلۇق ئارىسىدا بەخارامان ئۇخلاپ ياتقان  تېنى ئادەتتىكى ئادەملەردىن بىر ئىككى ھەسسە يوغان، پالۋان سۈپەت بىر ئادىمىزاتنىڭ ئۇخلاپ ياتقانلىقىنى كۆرۈپ قالدى.ئۇنىڭ ئەتراپىدا كېلىشكەن  بىر ئات ئەتراپقا تەشۋىش بىلەن قاراپ-قاراپ قويۇپ  ئوتلاپ يۈرۈپتۇ. شىر ئويلىدى:‹‹ئالدىمغا تەييار كىلىپ قالغان ئىككى نىمەت ئىكەن بۇ.ئاۋال ئۇخلىماي ئويغاق يۈرگىنىگە ئۆزۈمنى ئېتىپ ئۇنى بىر تۇتىۋالاي.ئۇنىلا تۇتىۋالسام ئۇخلاۋاتقىنى نەگىمۇ قاچالايتتى!›› بىر قارارغا كېلىۋالغان شىر  قومۇشلۇقلار ئارىسىدىن شەپە چىقارماي يېقىن  كىلىپ ئالدى بىلەن رۇستەمنىڭ تۇلپارىغا تاشلاندى. شىر نەدىمۇ ئويلىغان دەيسىز ؟ ‹‹مال ئىگىسىنى دورىمىسا ھارام›› دىگەندەك بۇ تۇلپارمۇ ئاتلارنىڭ باتۇرى ئىدى.ئۇ قېچىش ئورنىغا شىرغا ئېتىلىپ كىلىپ ئالدى ئىككى تۇيىقىنى ئىگىز كۆتۈرۈپ شىرنىڭ بېشىغا ھەيۋەت بىلەن ئۇردى.شىر بۇ زەربىدىن  دەلدەڭشىپ قالغان ھامان ئۆتكۈر چىشلىرى بىلەن شىرنىڭ گەدىنىدىن چىشلەپ سىلكىشلەپ يۈرۈپ جېنىنى ئاز قويدى.شىر ھالسىزلىنىپ يىقىلغاندىن كېيىن بولسا ئارقا -ئارقىدىن دەسسەپ چەيلەپ،بەزىدە چىشلەپ كۆتۈرۈپ تاشلاپ  بىچارە شىرنى ئاخىرى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى.بىر كەمدە رۇستەم ئۇپۇر- تۇپۇردىن ئويغىنىپ كەتى.قارىسا تۇلپارى ئۆزى يالغۇز شىر بىلەن ئېلىشىپ ئۇنىڭ ئىشىنى تۈگىتىپتۇ.شىر مەلەخ –مەلەخ بولۇپ قانغا بويۇلۇپ يېتىپتۇ. بۇ ھەقىقەتەنمۇ كىشىنى خوشال قىلىدىغان ئىش ئىدى.لىكىن رۇستەم بۇنىڭدىن خوشال بولۇپ كەتمىدى، ئەكسىچە تۇلپارىدىن ئاغرىندى:
  -ئەي تۇلپار،مەن باتۇر دىگىنىڭ بىلەن ئەقلىڭ بەكمۇ خام ئىكەن.ئەلمىساقتىن بېرى ئات بىلەن شىرنىڭ ئېلىشقىنى نەدە بار.شىر نەدىمۇ سېنىڭ تەڭدىشىڭ بولسۇن؟ سەن بەكمۇ قاراملىق قىپسەن.ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىش ئورنىغا كىلىپ مىنى ئويغاتقان بولساڭ شىرنىڭ ئىشىنى بىر گۈرزە بىلەنلا تۈگەتمەسمىدىم.تەلىيىڭ كېلىپقۇ ئامان قاپسەن،ئەگەر شىر قولىدا ئۆلۈپ كەتكەن بولساڭ ،مەندكى بۇ يولۋاس تېرىسى،دوبۇلغا ،ساداق،گۈرزە،قىلىچ،نەيزە ،كامان،ۋە ئارغامچىلارنى كىم كۆتۈرەتتى؟! مېنى مازەندىرانغا كىم ئاپىراتتى؟ بۇندىن كېيىن بۇنداق قاراملىق قىلما !

رۇستەم ئەيىپنامىسىنى دەپ بولۇپ يەنە ئۇخلاشقا ياتتى.بۇنداق باتۇر قوغدىغۇچىسى بار تەلەيلىك كىشى ئەلۋەتتە شىرىن ئۇيقۇدىن بەھىرلىنىشكە ھەقلىق ئىدى.رۇستەم ئەتىسى قۇياش چىقىپ نەيزە بويى ئۆرلىگۈچە قېنىپ ئۇخلىۋېلىپ ئاندىن يەنە تۇلپارىنى توقۇپ سەپىرىنى داۋاملاشتۇردى.

  دەشىت چۆلدىكى چىدىغۇسىز تەشنالىق

رۇستەم ئادىمىزاتسىز باياۋاندا سەپىرىنى يەنە داۋام قىلماقتا ئىدى. قارىسا باياۋاندىن باشقا ھىچنىمە كۆزىگە كۆرۈنمەيتتى. بۇ سەرەتان ئىسسىقى ۋاقتى بولۇپ تونۇردەك يالقۇنجاپ  تۇرغان چۆل ئىسسىقىغا چىدىماق ھەقىقەتەن ئاسان ئەمەس ئىدى. بۇنداق ئىسسىقتا بۇ يەردىن قۇش ئۇچۇپ ئۆتسىمۇ قانىتى كۆيەتتى.رۇستەمنىڭ ئۈستىدىنمۇ ئاتەشلىك بوران ئۇچۇپ ئۆتكەندەك بولۇپ ئۆزىمۇ ، تۇلپارىمۇ ئىسسىققا ۋە ئۇسسۇزلۇققا پەقەت چىدىيالماي قالدى.رۇستەم ئېتىدىن چۈشۈپ پىيادە ماڭدى.ئۇ بۇنداق قاتتىق ئىسسىقتا بېشى قايغاندەك بولۇپ يولىدىنمۇ ئېزىپ قالغان ئىدى.قاياققا مېڭىشنىمۇ بىلەلمەيۋاتاتتى. ئۇ بىپايان كۆك ئاسمانغا كۆز تىكىپ قولىنى سوزۇپ  ياراتقان ئىگەمدىن مەدەت تىلىمەكچى بولدى:

-ئەي پەرۋەردىگار!  ئەي ئادىل خۇدا،بېشىمىزغا نىمانچە كۆپ  بالا-قازالارنى كەلتۈرىدىغانىسەن ؟ شۇنچە قىينىلىشلىرىمدىن رازى بولمىدىڭمۇ؟ بۇ ئازاپلارغا چىداشقا ئەمدى تەندە ئىمكانىم قالمىدى،ئكزۈڭ مەدەت بەرگەيسەن،ئۆزۈڭ رەھىم قىلىپ مۈشكۈلۈمنى ئاسان ئەيلىگەيسەن.بۇنداق ئېغىر كۈندە بەندەڭنىڭ بېشىنى سەن سىلىمىساڭ ئىككىنچى بىر قۇتقازغۇچىنىڭ بولۇشى مۈمكىن ئەمەس.ئەي قۇدرەتلىك ئىگەم،ئكزۈڭ بىلىسەن،مەن سەن يۈزۈڭنى ئۆرۈگەن گۇناھكار بەندىلىرىڭ كاۋۇس ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن كېتىۋاتىمەن. ھەرقانچە ئازغۇن بەندىلىرىڭمۇ گۇناھىنى تونۇپ چىن كۆڭلىدىن تەۋبە قىلسا ،ھەق يولغا قايتسا،  گۇناھىنى  ئەپۇ قىلىسەنغۇ ؟! ماڭاياردەم قىل.مەن ھازىر پەقەت ساڭىلا سېغىنىمەن،سەندىنلا ئۈمىد كۈتىمەن....

رۇستەم قاتتىق تەشنالىق دەستىدىن دەرمانسىزلىنىپ ئوتتەك قىزىق توپا ئۈستىگە يىقىلدى.تەشنالىقنىڭ يامانلىقىدىن ئۇنىڭ لىۋى بىلەن تىلى يېرىلىپ كەتكەن ئىدى.

رۇستەم يىقىلىپ ياتقان شۇ مەھەلدە تەڭرىنىڭ ئىنايىتى بىلەن قۇيرۇقلۇق چىرايلىق بىر قوي پەيدا بولۇپ گەۋدىسىنى رۇستەمگە كۆرسۈتۈپ قويۇپ ئوڭ قول تەرەپكە قاراپ يۈرۈپ كەتتى.رۇستەم ئۇنى ككرۈپ تەپەككۇر قىلدى:‹‹ئاللاھ ماڭا مەدەت بېرىۋېتىپتۇ. بۇ قويمۇ چوقۇم مەندەك ئۇسسۇغان،ئۇ مۇ ماڭا ئوخشاش سۇغا مۇھتاج. ئۇ ماڭغان تەرەپتە چوقۇم بىرەر بۇلاق بار. ئۇ بۇ يەرگە پىششىق بولغاچ چوقۇم سۇ ئىچكىلى ماڭدى.مەنمۇ ئۇنىڭغا ئەگىشىپ مېڭىپ سۇ ئىچىپ تەشنالىقىمنى قاندۇرۇۋالاي!›› رۇستەم قىلىچىغا تايىنىپ تەستە ئورنىدىن تۇردى،ئاندىن قوينىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.تۇلپارمۇ رۇستەمنىڭ كەينىدىن ئەگەشتى.بىچارە جانىۋارنىڭ ھالىمۇ رۇستەمدىن بەتتەر ئىدى.

ئۇلار شۇ تەرىقىدە خېلى يول ماڭغاندىن كېيىن  ئالدى تەرەپتىن بىر چەشمە بۇلاق كۆرۈندى.شاش قوي سۇنى كۆرۈپلا سۇ ئىچمەك بولۇپ يۈگۈردى.رۇستەم ئۇنداق قىلمىدى.ئۇ ئۆزىنى قۇتۇلدۇرغان،شۇنداق ئېغىر تەشنالىق كۈندە ئەشۇ قوينى ۋاستە قىلىپ سۇ بار يەرنى ككرسۈتۈپ پەزلى .ىنايىتى بىلەن بەندىسىنىڭ بېشىنى سىلىغان پاك پەرۋەردىگارغا  ھەمدى ئېيتىشى كېرەك ئىدى، ئۇ يەنە كۆزىنى ئاسمانغا تىكىپ تەشەككۈرىنى ئىزھار قىلدى:

-ئەي جاھانغا ئادالەت چاچقان قۇدرەتلىك ئاللاھ،بۇ يەردە قويلار ئىزىمۇ كۆرۈنمەيدۇ.بۇ يەر قويلارنىڭ ئوتلايدىغان ئوتلىقى ۋە سۇ ئىچىدىغان ماكانىمۇ ئەمەسكەن،بۇ پەقەت سېنىڭ پەزلىڭ بىلەن مىنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن يول باشلاشقا  پەيدا بولغان خاسىيەتلىك قوزا ئىكەن.مۇشۇنداق قىيىن كۈندە بېشىمنى سىلىغىنىڭ،چەشمە بۇلاققا ئېرىشتۈرۈپ تەشنالىقىمغا سۇ بېرىپ ئۆلۈمدىن قۇتۇلدۇرغىنىڭ ئۈچۈن ساڭا ھېساپسىز رەھمەتلەر ۋە مىليۇنلاپ ھەمدۇ سانالار بولسۇن.ھەقىقەتەن ھەمدۇ ساناغا ئىبادەتكە لايىق بىردىنبىر ئۇلۇغ ئىلاھسەن.بىز ئاجىز بەندىلىرىڭ بىر ساڭىلا تايىنىمىز،ساڭىلا ئىبادەت قىلىمىز.بىزنى نىجاتلىققا ئېرىشتۈرگەيسەن،بىزنى ياخشى يول ياخشى ئەمەللەرگە باشلىغايسەن،ئامىن!

رۇستەم دۇئاسىنى قىلىپ بولۇپ ئىككىنچى نۆۋەت ھېلىقى قويغا دۇئا قىلىشقا باشلىدى:

-     ئەي خاسىيەتلىك قوي،ئاللاھ ساڭا ھەرزامان مەدەتكار بولۇپ،چەرىخ بېشىڭغا بالالەر سالمىسۇن! ماڭغان يوللىرىڭدىن كۆپكۆك يۇمران ئوتلار ئۈزۈلمىسۇن!  بۆرى يۈزى سەندىن ھەردائىم نېرى بولسۇن.كىمكى سېنى ئوۋلۇماق بولۇپ ئوق ۋە كامانىنى تەڭلىسە كامانى سۇنسۇن!ۋە دىلى قان بولسۇن!سەن بولغاچ مەن ئامان قالدىم،كىپەنگە كىرىشتىن قۇتۇلۇپ قالدىم.ئەەەر سەن بولمىغىنىڭدا جەسىدىم ئەجدىھاغا ئۇچرىمىغان تەقدىردىمۇ  چوقۇم بۆرىلەرنىڭ  ئوزۇقى بولۇپ كېتەر ئىدى. مېنى ئىزدەپ كەلگەنلەر پارە –پارە بولۇپ كەتكەن لىباسلىرىمنىڭ پاچىلىرىنى تېپىۋېلىپ كۆز ياشلىرىنى راۋان ئاققۇزۇپ داد پەرياد كۆتۈرىشەر ئىدى...

رۇستەم دۇئالىىنى تۈگەتكىچە تۇلپار بېرىپ سۇ ئىچىپ تەشنالىقىنى قاندۇرۇۋالدى.ھېلىقى چىرايلىق قويمۇ سۇ ئىچىپ بولۇپلا غايىپ بولۇپ كەتتى.رۇستەم ئاستا چەشمە يېنىغا كىلىپ سۇ ئىچىشكە ئولتۇردى.ئالدى بىلەن  قوللۇرىنى يۇدى،ئاندىن ئاياقتەك يوغان ئالقانلىرىنى قوشلاپ سۇغا پاتۇرۇپ زۇمرەتتەك سۈزۈك،مۇزدەك سوغاق،ھەسەلدىن شېرىن بۇ قۇتقازغۇچ خاسىيەتلىك سۇنى ئوچۇمىلاپ ئىچىشكە باشلىدى.تەشنالىقىنى قاندۇرۇپ بولغاندىقن كېيىن قۇرساق دەردى قالدى.قۇرسىقىمغا نىمەيىسەم بولۇر دسەپ غەم قىلىپ تۇرغىنىدا يىراقتا چېپىپ كېتىۋاتقان بىر قۇلان كۆزىگە چېلىقتى.كاماننى قولىغا ئېلىپ  بىر ئوق ئېتىپلا قۇلاننى يىقىتتى .ئاندىن ئولجىنى ئېلىپ كىلىپ سويۇپ كاۋاپ قىلىپ يەپ قۇرساق غېمىنىمۇ غەملىدى.ئاندىن مۇھتاجلارغا ئاش ئوزۇق بېرىپ تويدۇرغۇچى،يولدىن ئازغانلارغا يول كۆرسەتكۈچى پاك پەرۋاردىگارغا ئاتاپ شۈكرانە ناماز ئوقۇدى.ئىبادىتىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن يولۋاس تېرىسىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلىماقچى بولدى.ئۇخلاش ئالدىدا تۇلپارىغا شۇنداق دەپ تاپىلىدى:

   -ئەي تۇلپارىم،مەن بىر كېچە ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋالاي،سەن بۇ بىر كېچە بىرەرسى بىلەن دوستمۇ بولما،رەقىپمۇ بولما،تىنىچ ئوتلاپ ئارامىڭنى ئال! ئەگەر ئالدىنقى كېچىدىكىدەك بىرەر كۈچلۈك رەقىپ كېلىپ قالسا ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىمەن دەپ خەتەرگە تەۋەككۇل قىلىپ شىر ۋە دىۋىلەر بىلەن دۈپۈر –دۈپۈر قىلىشماي تېز كېلىپ مىنى ئويغات،ھەرقانداق دۈششمەن كەلسە مەن ئۆزۈم تاقابىل تۇرىمەن.

رۇستەم سۆزلىرىنى تاپىلاپ بولغاندىن كېيىن خاتىرجەم ئۇيقۇغا كەتتى،ئەمما ئۇنىڭ كۆڭلى تۇيغاندەك تۇلپارغا شۇنداق تاپىلىغان ئىكەن .بۇ دەشت چۆلدە ئەڭ خەتەرلىك بىر رەقىپنىڭ ئۆزىنى پايلاپ تۇرغىنىنى ئۇ تېخى بىلمەيتتى.

رۇستەمنىڭ ئەجدىھا بىلەن ئېلىشىشى

تۈن كېچە،رۇستەم  دەشتتىكى ھېلىقى بۇلاق بويىدا قاتتىق ئۇخلاپ ئارام ئېلىۋاتقاندا دەشت تەرەپتىن چوڭ بىر ئەجدىھا كىلىپ قالدى.بۇ شۇ قەدەر زور ئەجدىھا ئىدىكى چوڭلۇقى ۋە ھەيۋەتلىكلىكىدىن ھەتتا دىۋىمۇ روبىرو كىلەلمەس ئىدى.ئۇ بۇلاققا يېقىن كىلىپ كۆردىكى يىگانە بىر ئىنسان دۇنيادىن بىغەم ھالەتتە تاتلىق ئۇخلاپ يېتىپتۇ.يېنىدا بولسا بىر ئات ئويناقلاپ ئوتلاپ يۈرۈپتۇ.ئەجدىھا بۇ ھالدىن ئەجەپلىنىپ پىكىر قىلىپ قالدى:‹‹ئەجەبا ،مەندىن قورقۇپ بۇ دەشتكە ئادىمىزات تۈگۈل شىر- يولۋاس  ،دىۋە- پەرىلەرمۇ قەدەم بېسىشالمايتتى.ئەمما، بۇ ئادىمىزات بۇ يەرگە كېلىشكە قانداق جۈرئەت قىلالىدى؟ بۇ يەردە مىنىڭ بارلىقىمنى كەلگەن ھەرقانداق مەخلۇقنىڭ مەندىن ئامانلىق تاپالمايدىغانلىقنى ئۇ بىلمەمدىكىنە؟ ئات بىلەن ئادەمدىن ئاۋال قايسنى يىسەم بولۇر؟ ھە توغرا،ئاۋال ئويغاق تۇرغان ئاتنى يەي،ئادەمگە ھۇجۇم قىلسام ئات پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ قېچىپ كەتسە بىر ئولجىدىن قۇرۇق قالغۇدەكمەن،ئاۋال ئاتنى يەۋالسام ئۇخلاۋاتقان ئادەم نەگىمۇ قاچالايتتى؟››ئەجدىھا شۇ خىياللار بىلەن ئالدى بىلەن تۇلپار تەرەپكە بېشىنى بۇراپ ئۇنىڭغا ئېتىلدى.كۈتمىگەندە تۇلپار قېچىش ئورنىغا ئەجدىھادىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ ئۇخلاۋاتقان ئادەم تەرەپكە يۈگرەپ كەلدى.خوجىسى قېشىغا  تېز كەلگەن تۇلپار بار ئاۋازى بىلەن خۇددى گۈلدۈرمامىدەك قاتتىق كىشنەپ يەر تىلغاپ ئوزىنى ئۇياق بۇياققا ئۇردى.رۇستەم ئۇيقۇسى بۇزۇلغىنىغا نارازى بولۇپ كۆزىنى قىيا ئېچىپ  باياۋاننىڭ چېتىگە قارىۋىدى ھىچنىمىنى كۆرەلمىدى.شۇنىڭ بىلەن خاپا بولۇپ تۇلپارغا ۋارقىرىدى:‹‹ھەي جانۋار بوشراق كىشنە،مىنىڭ ئۇخلاۋاتقانلىقمىنى بىلمەمسەن. بىكاردىن بىكار قاتتىق كىشنەپ ئۇيقۇمنى ھارام قىلدىڭ.›› شۇ سۆزدىن كېيىن رۇستەم بېشىنى يەردە قويۇپ يەنە قايتا ئۇخلاپ كەتتى.ئەجدىھا ئىككىنچى قېتىم ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.تۇلپار جىددىلىشىپ رۇستەمنىڭ يېنىغا يەنە چېپىپ كىلىپ ياستۇقىغا قاتتىق تىپىۋەتتى.يەنە ئويغانمىغاندىن كېيىن يەر تاتىلاپ توپا توزۇتتى ۋە يەنە قاتتىق كىشنىدى.بۇ قېتىممۇ رۇستەمنىڭ ئويغانغىنىنى كرەەن ئەجدىھا يەنە يەرگە يېتىۋالغاچقا رۇستەم ئورنىدىن تۇرۇپ باياۋانغا نەزەر تاشلىغان بولسىمۇ قاراڭغۇلۇقتا يەنە ھىچنىمىنى كۆرەلمەي يەنە قاتتىق خاپا بولۇپ غەزەپتى يۈزلىرى گۈلىاندەك ئوت بولۇپ يېنىپ تۇلپارغا كايىشقا باشلىدى:

-كېچىكى تۈن تۈگەشكە ئاز قالدى،مۇشۇ ئازغىنە كېچىدىمۇ ئارامىمدا ئۇخلىغىلى قويماي نەچچە رەت پاراكەندە قىلىپ ئۇيقۇمنى بۇزدۇڭ،ئەمدى جىم بول،كېلەر قېتىم يەنە شۇنداق پاراكەندە قىلىدىغان بولساڭ ئۆتكۈر شەمشەر بىلەن بوينۇڭنى ئۈزۈپ تاشلايمەن.سەندەك ئىگىسىنى پاراكەندە قىلىپ ئۇخلىغىلى قويمايدىغان مەخلۇقنى ھايات قويغاندىن ئۆلتۈرۈۋېتىپ گۈرزە قىلىچلىرىمنى كۆتۈرۈپ مازەندىرانغا پىيادە كەتسەممۇ ئەپسۇسلىنىپ قالمايمەن..

رۇستەم تۇلپارىنى تىللاپ قورقۇتۇپ بولغاندىن كېىيىن ئۈچىنچى قېتىم يەنە ئۇخلاشقا ياتتى.ئۈستىدە ھېلىقى يولۋاس تېرىسى يېپىنچا ئىدى.رۇستەم ئۇخلاپ بولغاندىن كېيين ئەجدىھا ئۈچىنچى قېتىم قاتتىق نەرە تارتپ ھەم ئاغزىدىن ئوت پۈركۈپ ھۇجۇم قىلىپ كەلدى.بىچارە تۇلپار قاتتىق تەڭلىىكتە قالدى،ئويغۇتاي دىسە رۇستەمنىڭ غەزەپلىنىپ چېپىپ تاشلىشىدىن،ئويغاتماي دىسە خوجايىنىنىڭ ئۇخلاۋاتقان ھالىچە بىخۇدلۇقتا ئەجدىھاغا يەم بولۇپ كېتىشىدىن قاتتىق  قورىقتى.شۇنىڭ بىلەن يە قېچىپ كېتەلمەي،يە رۇستەمنى ئويغۇتالماي قوش قورقۇنچىدا رۇستەمنىڭ ئەتراپىدا ئۇياقتىن بۇياققا چاڭ توزىتىپ تاقىراقشىپ يۈگرەشكە ،رۇستەمنىڭ ئەتراپىنى ئايلىنىپ توپا چاچرىتىشقا باشلىدى.تاقىسىدىن چىققان جىددى ئات تۇيىقى ئاۋازلىرى رۇستەمنى يەنە ئويغۇتىۋەتتى.ئۇ تۇلپارغا يەنە قاتتىق غەزەپلىنىپ ئۇنى بايا دىگىنىدەك قىلىچ بىلەن پارچىلىۋەتكۈسى  كىلىپ چاچراپ ئورنىدىن تۇردى.ئۇ  تۇلپار تامان قەدەم تاشلاۋېتىپ ئوت پۈركۈگىنىچە ئۆزىگە  ھۇجۇم قىلىپ كېلىۋاتقاندەھشەتلىك چوڭ  ئەجدىھانى كۆرۈپ قالدى ۋە باياتىندىن بېرى بولغان ئىشلارنىڭ  ھەممىنى چۈشەندى.شۇنىڭ بىلەن رۇستەم ئەجدىھا بىلەن ئېلىشماققا تەييارلىنىپ غەزەپ كۈچىدىن ئەجدىھاغا ھەيۋە كۆرسەتمەك بولۇپ، باھار گۈلدۈرمامىسدەك نەرە تارتتى.ئەجدىھا بۇ نەرە ئاۋازىدىن ۋە رەقىبىنىڭ قاچماي قىلىچ تۇتۇپ تۇرغان مەردانە قىياپىتىدىن بوش ئادەم ئەمەسلىكىنى چۈشەندى،شۇنداق بولسىمۇ قورقۇتۇش تاكتىكىسىنى قوللۇنۇپ باقماقچى بولۇپ شۇنداق دىدى:

  -ئەي ئادىمىزات،بۈگۈن بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلدىڭ؟.ئۆلۈمىڭ سېنى بۇ يەرگە سۆرەپ كەلگەن ئوخشىمامدۇ؟ئىسىت ساڭا بىچارە،ئەمدى سەن ئەتىكى كۈننى كۆرەلمەيسەن. شۇنى بىلەمسەن؟بۇ دەشت چۆل ئەزەلدىن مېنىڭ ماكانىمدۇر.بۇ كەڭ زىمىنمۇ .ئىگىز ئاسمانمۇ ماڭا تەۋە.بۇ يەرگە كېلىپ قالغان ھەرقانداق  بىر جان مىنىڭدىن ئامان قالمايدۇ. ھەتتا مەندىن قورقۇپ بۈركۈتلەرمۇ بۇ يەرنىڭ ئاسمىنىدىن ئۇچۇپ ئۆتۈشكە پېتىنالمايدۇ. شۇنداق تۇرۇپ سەن بۇ يەرگە كېلىشكە قانداق جۈرئەت قىلدىڭ؟ ئېتىڭ نىمە ؟ مىنىڭ قولۇمدا نام نىشانسىز ئۆلۈپ كەتمىگىن يەنە ؟سەن ئۆلۈپ كەتسەڭ سېنى ئىزەپ كەلگەن تۇققانلىرىڭ نىمە دەپ يىغلايدۇ؟

رۇستەم سوغاققىنا كۈلۈپ قۇيۇپ گۈلدۈرمامىدەك ياڭراق ئاۋاز بىلەن ئەجدىھاغا جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دىدى:

  -ئېتىمنى بىلەي دىسەڭ،ئېتىم رۇستەم،ئىران باتۇرلىرىدىن نەيرەم ۋە ساملارنىڭ ئەۋلادىدىنمەن.ئەجداتلىرىم باتۇرلۇقتا نامى داستان كىشىلەردۇر.مەنمۇ بوش ئەمەس،يالغۇز ئۆزۈم بىر قوشۇن لەشكەر بىلەن جەڭ قىلالايمەن.شۇڭا يالغۇز سەپەرگە چىقتىم،سېنىڭ بۇ يەردىلىكىڭنى ئاڭلاپ  سەن ئاپەتنى يوقۇتىۋەتكەچ يولۇمغا كېتەي دەپ ساقلاپ تۇرغانتىم ،خەيىر، ئاخىر ئەجىلىڭ سۆرەپ ئۆزۈڭ ئالدىمغا كەلدىڭ.بۈگۈن سەن مەخلۇقنى سەكسەن پارە قىلىۋەمىسەم ھېساپ ئەمەس، ھاياتلىقتىن ئۈمىد كۈتمە بۈگۈن مەندىن سېنى  ھىچكىم قۇتۇلدۇرالمايدۇ .

ھازىرغىچە ھىچكىم بۇ ئەجدىھاغا بۇنداق قاتىق گەپ قىلىپ باقمىغان ئىدى. ئالدىغا كىلىپ قالغانلىرىمۇ يالۋۈرۈپ رەھىم شەپقەت تىلىشەتتى.قاتتىق غەزەپلەنگەن ئەجدىھا كۆزلىرىدىن قان قۇيۇلغاچ رۇستەمگە شىددەت بىلەن تاشلاندى.ئەجدىھا رۇستەمدىن تۆت بەش ھەسسە ئىگىز بولغاچقا  تۇنجى ھۇجۇمدىلا رۇستەم بۇ زور پالاكەت مەخلۇقنىڭ تېنى ئاستىدا باسۇرۇلۇپ قالدى.تۇلپار شۇنداق قارىسا خوجايىنى يوق، ۋاپادار تۇلپار قايغۇ تۈپەيلى شۇنداق قاتتىق غەزەپلەندىكى  خەتەرنىمۇ ئۇنتۇپ ئجدىھاغا ئېتىلىپ كىلىپ ئۇنىڭ قۇلىقىنى چىشلەپ تارتىشقا، ئالدى پۇتلىرى بىلەن ئۆرۈلىنىپ غەزەپ بىلەن بېشىنىڭ يان تەرەپلىرىگە تېپىشكە باشلىدى.دەل شۇ چاغدا ئەجدىھانىڭ ئاستىدا قالغان رۇستەم بىر زور قىلىپلا ئەجدىھانىڭ بېشىنى ئۈستىدىن ئىگىز   كۆتۈرۈپ يان تەرەپكە تاشلىدى، ئارقىدىنلا قىلىچ بىلەن بىرلا چېپىپ ئۇنىڭ بېشىنى ئىككى پارە قىلىۋەتتى.ئەجدىھانىڭ بېشى كىسىلگەن جايدىن قانلار ئېرىق بولۇپ ئېقىپ ئەتراپ بىردەمدە قان پاتقىقى بولۇپ كەتتى.رۇستەم شۇ چاغدىلا بۇنىڭ ناھايىتى زور ۋە ئۇزۇن مەخلۇق ئىكەنلىكىنى كۆردى.بىپايان چۆل بۇ زور مەخلۇقنىڭ جەسىدى ئاستىدا قانغا بويۇلۇپ ياتاتتى. رۇستەم تەڭرىنىڭ شۇنداق چوڭ  ۋە ئۇزۇن مەخلۇق ياراتقىنىغا ھەيران قېلىپ بىردەم لال بولۇپ تۇرۇپ قالدى،كېيىن تەڭرىنىڭ قۇدرەت كامالىغا تەسبىھ ئېيتىپ بولۇپ ئاخىرىدا  شۇنداق دىدى:

   -ئەي ئادىل ئىگەم،سەن ماڭا،كۈچ قۇۋۋەت،بىلىم ماھارەت،ۋە ئەقىل پاراسەت ئاتا قىلىپلا قالماي،ئارقا ئارقىدىن مۈشكۈلۈمنى ئاسان قىلىپ نىجاتلىق بەردىڭ.ئەجدىھادەك زور مەخلۇقلارغا قارشى كۈرەشتىمۇ ياردىمىڭنى ئايىمىدىڭ.سېنىڭ ماڭا يار يۆلەك بولۇۋاتقانلىقىڭنى،بۇندىن كېيىنمۇ ھەرقانداق خەتەردىن ئامان ساقلايدىغانلىقىڭنى تونۇپ يەتتىم.دىمەك ماڭغان يولۇم توغرا،قىلىۋاتقان ئىشىم ساڭا مەقبۇل خەيىرلىك ئىش ئىكەن،مەن ئەمدى خاتىرجەم بولدۇم،بۇندىن كېيىن ئالدىمغا مەيلى دەريا تاغ ئۇچراپ يولۇمنى  توسسۇن،مەيلى پىل،دىۋە ئالۋاستىدەك زور مەخلۇقلار ھۇجۇم قىلىپ كەلسۇن قىلچە قورقۇپ قالماي باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىمەن.ھەرقانداق دۈشمەننى ئۆلتۈرۈپ قېنىنى دەريا قىلىپ ئاققۇزىۋېتىمەن.

رۇستەم سۆزىنى تۈگىتىپ  ھېلىقى بۇلاق بويىغا يېنىپ كىلىپ يۈز كۆزلىرىنى بەدەنلىرىنى قايتىدىىن يۇيدى.تۇلپارىنىڭ نەچچە كۈندىن بۇيانقى باتۇرلۇقى، ۋاپادارلىقى،ئۆزىنى قوغداشتا ئارقىمۇ ئارقا كۆرسەتكەن  ئەقىل ۋە جاسارىتىگە قاتتىق ئىچى كۆيۈپ ئۇنىڭ بېشىنى پۈتۈن مىھرى بىلەن سىلاپ كەتتى.كېيىن بۇلاقنىڭ ،مۇزدەك سۈيىدىن ئىچىپ ئاخشام ئېشىپ قالغان گۆشلەر بىلەن كاۋاپ قىلىپ يەپ ناشتا قىلىۋېلىپ يەنە سەپىرىنى داۋملاشتۇردى.

رۇستەمنىڭ جادۇگەرگە يولۇقىشى

رۇستەم يەنە بىرنەچچە كۈن يول يۈرۈپ جادۇگەر موماي  تۇرىۋاتقان تەۋەگە كەلدى.بۇ ئوت چۆپلىرى مول،دەل دەرەخلىرى قويۇق،بۇلاق سۇلىرى شىلدىرلاپ ئېقىپ تۇرغان كۆركەم  بىر جاي ئىدى.رۇستەم بۇ يەردە ئۆزىنى ھىلىگەر قانخور جادۇگەر موماينىڭ ساقلاپ تۇرىۋاتقانلىقى بىلمەيتتى.

قىرغاۋۇل كۆزىدەك بىر چەشمە بۇلاق بويىدا زەررىن جام،ئىسىل شاراپ،قورۇلغان كىيىك گۆشى،نان،پىشلاق،ۋە تۇزدان قاتارلىق نەرسىلەر خۇددى بىرسى:‹‹ يىراق سەپەردىن ھېرىپ كەلگەن رۇستەم بۇ يەرگە چۈشۈپ ئارام ئالغاچ يەپ ئىچىپ ھوزۇرلىنىۋالسۇن›› دەپ ئالاھىدە قويۇپ  قويغاندەك تەييارلا تۇراتتى.

رۇستەم بۇنداق مۇۋاپىق  جاينى كۆرۈپلا خۇداغا شۈكۈرلەر ئېيتىپ  سەكرەپ ئاتتىن چۈشۈپ ئاتتىن ئىگەرنى ئالدى.نان ۋە گۆشلەرنى كۆرۈپ لال بولۇپ بىراز تۇرۇپ قالدى، بۇ جادىگەرنىڭ قۇرۇپ قويغان  قىلتىقى ئىكەنلىكىنى،ئكزىنىڭ يېقىن ئەتراپتا يوشۇرۇنۇپ پەيت كۈتۈپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بولسا خىيالىغىمۇ كەلتۈرمىدى. بۇ دەل چۈشلۈك تاماق ۋاقتى بولۇپ قورسىقىمۇ راسا ئاچقان ئىدى.شۇڭا رۇستەم نېرى بېرىسىنى ئويلىمايلا بېرىپ چەشمە بويىدا  ئولتۇرۇپ قولىغا نان بىلەن گۆشنى ئېلىپ يىيىشكە كىرىشتى.جامغا شاراپتىن قۇيۇپ ئۇنىڭدىنمۇ ئىچتى.قۇرسىقى تويغاندىن كېيىن يەنە ئەتراپقا قاراپ ئاجايىپ چىرايلىق نەقىشلەنگەن بىر تەمبۇرنىڭمۇ تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ ئۇنى قولىغا ئالدى.ئۇنى سازلاپ  بولغاندىن كېيىن چېلىپ يېقىملىق ئاھاڭدا ناخشا ئېيتىپ دىلدىكى سىرلىرىنىئىزھار ئەتمەككە كىرىشتى:

بالاغا دۇچارى رۇستەمدۇر، رۇستەم،

خۇشاللىق كۈنلىرى ئۇندا بەكمۇ كەم،

جەڭ مەيدانىدۇر ئۇنىڭ مەيدانى،

باياۋان ۋە تاغلار ئۇنىڭ بوستانى.

رەقىبى دىۋە،قانخور ئەجدىھا،

دىۋە باياۋاندىن قۇتۇلماس ئەسلا.

مەيۇ جامۇ گۈل ۋە كۆكلەمزار،

بەخش قىلمىغاندۇرئاڭا روزىغار.

دائىما ئەجدىھا بىلەن قىلدىم جەڭ،

ياكى يولۋاسنى قىلدىم يەرگە تەڭ.

رۇستەمنىڭ ناخشىسىنى ئاڭلاپ تۇرغان جادۇگەر موماي يوشۇرۇنغان جايىدىن ئۆز پېتىچە چىقسا ياش يىگىتنىڭ ياخشى قارشى ئالمايدىغانلىقىنى  كۆڭلى تۇيۇپ يېڭى بىر قىلتاق پىلانلىدى دە بىر ئەپسۇن بىلەنلا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ، كۆرسە جەننەت ھۆرلىرىمۇ رەشىك قىلغۇدەك ئاجايىپ چىرايلىق بىر پەرى قىز سىياقىغا كىرىۋېلىپيۈزمىڭ ناز كەرەشمە بىلەن رۇستەمنىڭ ئالدىغا چىقتى.رۇستەم ئۇنىڭ تەڭداشسىز گۈزەل ھۆسنى جامالىنى كۆرۈپ  دەسلەپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى.كېيىن مۇشۇنداق گۈزەل ھۆسىن لاتاپەتنى ئاپىرىدە قىلغان تەڭرى ھەققىدە ھەمدۇ سانالار ئوقۇدى.رۇستەم گەپ باشلاپ بولغۇچە ھىلىگەر كاززاپ ئالدىن سۆز باشلىدى:

  -ئەي ياش يىگىت، خۇش قەدىمىڭىزگە مەرھابا،مەن نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ئىسىل مەي شاراپ،گۆش ۋە باشقا نازۇ نىمەتلەرنى تەييارلاپ بىرگە ئولتۇرۇپ پەيزى قىلىدىغانغا يىگىت ئىزدەپ شۇنچە زارىقساممۇ بىرەر ئىنسان كەپ قويمىغان ئىدى.مانا بۈگۈن سىز دەستۇرخىنىمغا قەدەم تەشرىپ قىلىپ مېنى ئاجايىپ شادلاندۇرۇۋەتتىڭىز.قېنى كىلىڭ بىرگە ئولتۇرۇپ يەپ .ئىچىشىپ راسا بىر كۆڭۈل ئاچايلى.

رۇستەم بايا يېڭى كەلگەندە تەييار تىزىقلىق تۇرغان نازۇ نىمەتلەرنى كۆرۈپ بىراز ھەيران بولغان بولسىمۇ نەپسى غالىپ كېلىپ گۇمانلىنىشقا ئۈلگۈرمىگەن ئىدى.مانا ئەمدىلىكتە پەرىزاتتەك بىر قىزنىڭ تۇيۇقسىز پەيدا بولۇشى ۋە ھېلىقىدەك بىھاياراق تەكەللۇپ سۆزلىرىنى قىلىشى ئۇنى بىراز گۇمانلاندۇرۇپ قويدى.قىز سۆزلىگنىچە كىلىپ رۇستەمنىڭ يېنىدا سۈركىلىپ ئولتۇرۇپ كوزىنى قولىغا ئېلىپ جامغا مەي قۇيۇپ رۇستەمگە تۇتتى.

رۇستەم تېخىمۇ ھەيران بولۇپ قىزدىن سورىدى:

  -ئەي پەرى مەسەل قىز ،كىم بولىسىز؟ بۇ ئادىمىزاتسىز خىلۋەت ماكاندا نىمە ئىش قىلىسىز؟

  -ئاۋال تائام،ئاندىن كالام دەپتىكەن،سىز مىنىڭ ئەزىز مىھمىنىم،ئاۋال مەيگە بېقىڭ،كىملىكىمنى سەل تۇرۇپ دەپ بېرىمەن.مىنىڭ سىز ھەيران قالغۇدەك سەرگۈزەشتەممۇ يوق   -دىدى قىز نازلىق كۈلۈپ تۇرۇپ.

- ئەي گۈزەل مەلىكە،توغرىدىن توغرىلا كىملىكىڭىزنى سورىغىنىم ئۈچۈن مېنى كەچۈرۈڭ.ئادىمىزات تۈگۈل جىنلارمۇ تۇرۇشتىن ئەيمىنىدىغان سىرلىق خىلۋەت ماكاندا تەرىپىگە تىل ئاجىزلىق قىلىدىغان سىزدەك گۈزەل رەنانى كۆرۈپ ھەقىقەتەن ھەيران قالدىم.ئۇلۇغ ئاللاھ نامىدىن قەسەمكى مەن ھازىرغىچە نۇرغۇن جايلارنى كېزىپ ساياھەت قىلغان،نۇرغۇن كىشىلەر بىلەن ئارىلاشقان بولساممۇ سىز بىلەن تەڭلىشەلىگۈدەك  گۈزەلدىن  بىرەرسىنى تېخىچە ئۇچرىتپ باقماپتىكەنمەن.ئاللاھقا ھەمدۇ ئېيتىمەنكى قۇدرەت كەرىمى بىلەن سىزدەك بىر گۈزەللەر ساھىبىنى يارىتىپتۇ...

رۇستەم سۆزلەۋېتىپ قىزنىڭ چىرايىغا زەڭ سالدى.لىكىن نىمىشقىدۇر ھەر قېتىم ئاللاھنىڭ مۇبارەك نامى تىلغا ئېلىنغىندا قىزنىڭ رەڭگى ئۆڭۈپ بىرقىسمىلا بولۇپ خۇددى قوقاسقا دەسىۋالغاندەك بىئارام بولۇپ كېتەتتى.رۇستەم ئۇنىڭ ئادەم ئەمەس ئاتىسى ئالدىن ئاگاھلاندۇرۇپ قويغان جادۇگەر ياكى ھېچ بولمىغاندا ھەق دىنغا قارشى يات دىندىكى بىر دۈشمەن ئىكەنلىكىنى چاقماق تېزلىكىدە جەزىم قىلدى- دە توساتتىنچاققانلىق بىلەن كەمەند تاشلاپ بۇ ‹‹قىز››نى  بېشىدىىن بەنىد قىلىۋالدى.كەمەند بوينىغا چۈشۈپ چىڭ سىققان ھامان ‹‹قىز›› بىر سىلكىنىپلا ئەسلىگە قايتىپ يۈزلىرى كۆك،ھىڭگاڭ توڭكاي چىشلىق،كۆزلىرى چوغدەك يېنىپ تۇرىدىغان،بۇرنى قارچۇغىنىڭ بۇرنىدەك سەت پاناق ھالەتتە ساڭگىلاپ تۇرىدىغان،ئاپپاق چاچلىرى سالۋاراپ پىت سىركىلەر مىژىلداپ ئۆمۈلۈشۈپ يۈرگەن،ئاغزى ئۈمچەيگەن بېلى مۈكچەيگەن تۇرقى ھەرجەھەتتىن سەت ،بەتبۇي پۇراپ تۇرىدىغان جادۇگەر مومايغا ئايلىنىپ قالدى.جادۇگەر موماي قوللىرىنى شىلتىپ،ئاغزىلىرىنى مىدىرلىتىپ سىھىر ئەپسۇن قىلىپ ئۈلگۈرگىچە رۇستەم كۆزنى يۇمۇپ ئاچقۇچىلا شارت قىلىپ ئۇنىڭ يىرگىنىشلىك بېشىنى كىسىپ تاشلىدى.كىسىلگەن باش ئىزىدىن ئىككىنچى قېتىم يىلان شەكىللىك باش پەيدا بولۇۋىدى ئۇنىمۇ‹‹ شارت›› قىلپ كىسىپ تاشلىدى.بۇ يەتتە باشلىق يالماۋۇز بولۇپ يەنە،شىر،يولۋاس،ئېيىق،ئىت،ۋە مايمۇن باشلىرىمۇ بار ئىدى،رۇستەم بىر بېشىنى كىسىپ بولغۇچە يەنە بىرى نۆۋەت بىلەن چىقىپ سەت كۈلۈپ ياكى ھەيۋە قىلىپ تۇراتتى.رۇستەممۇ ئۇباشلارنىڭ چىقىشىنىلا كۈتۈپ تۇرغاندەك چىقىپلا ھەركەت باشلاپ زىيانكەشلىك قىلىشقا ئۈلگۈرۈشتىن بۇرۇن ئۇنى دەرھال كىسىپ تاشلايتتى.ئەڭ ئاخىرقى مايمۇن بېشى چىققاندا ئۇنىڭغا قىلىچ ئۆتمىدى.گۈرزە بىلەن ئۇرسىمۇ كار قىلمىدى.نەيزە سانچىسىمۇ قىلچە پايدىسى بولمىدى.مايمۇن بېشى پىچىرلاپ ئەپسۇن ئوقۇشقا باشلىۋىدى رۇستەم دەرھال چاققانلىق بىلەن يەردىن بىر پارچە تاش ئېلىپ ئۇنىڭ ئاغزىغا كەپلىۋېلىپ ئاغزىنى مىدىرلىماس قىلىپ قويدى.ئاندىن ئارغامچا بىلەن پۈتۈن بەدىنىنى چەمبەرچەس باغلاپ تاشلىدى.

ئۆلتۈرۈش ئۈچۈن ھەرخىل چارىلەرنى قىلىپ باققان رۇستەم جادۇگەرنى ھەرقانچە قىلىپمۇ ئۆلتۈرەلمىدى.يە ۆلتۈرەلمەي يەتاشلىۋېتىپ كېتەلمەي بېشى راسا قاتقان رۇستەم ئاخىر نائىلاج ئاتىسى زال سەپەرگە چىقىش ئالدىدا:  ‹‹مۈشكۈللۈككە ئۇچراپ ھەل قىلالمىساڭ كۆيدۈر ›› دەپ بەرگەن سۇمرۇغ پېيىدىن بىرنى كۆيدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.پەينىڭ دۇتى تارقىلىشى ھامان يەر قاھان قاراڭغۇلۇشۇپ سۇمرۇغ قۇش يىتىپ كەلدى،ۋە رۇستەمگە قاراپ:

  -ئەي زالنىڭ ئوغلى،بېشىڭغا نىمە كۈن كەلدى؟   -دەپ سورىدى.

رۇستەم ھۆرمەت تازىمىدىن كېيىن بولغان ئەھۋالنى سۆزلەپ بەردى.

سۇمۇغ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كېيىن شۇ ئەتراپتىن سېسىق پۇراق چىقىرىپ تۇرغان بىر  بىر خىل ئۆسۈملۈكنى كۆرسەتتى ۋە مۇنداق دىدى؛>>بۇ ئەتراپتا ياۋا توڭگۇز كۆپ شۇلاردىن بىرنى ئوۋلاپ ئۆلتۈر،قېنىنى قاچىغا ئال،ئاندىن بۇ ئۆسۈملۈكنى سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ توڭگۇز قېنى بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ جادۇگەر يالماۋۇزنىڭ بەدنىگە سۈركە ،شۇندىلا ئۇنى ئۆلتۈرەلەيسەن.››

سۇمرۇغ كۆرسەتمىسىنى بېرىپ بولۇپ رۇستەمگىمۇ بىرنەچچە تال پېيىنى بېرىپ بېشىغا كۈن كەلگەندە ئىشلىتىشنى تاپىلاپ قايتىپ كەتتى.يالماۋۇز مەھكەم باغلاقلىق بولغاچقا ھەم يېنىدا تۇلپاربولغاچقا قېچىپ كېتەلمەيتتى.رۇستەم توقايلىقا كىرىپ بىرەر سائەتچە ئىزدەپ ئاخىر ياۋاتوڭگۈزدىن ئىككىنى ئوقيا بىلەن ئېتىپ ئوۋلاپ كەلدى دە بېشىنى كىسىپ قېنىنى ئالدى.ئاندىن ھېلىقى ئۆسۈملۈكتىن يىغىپ كلىپ سىقىپ سۈيىنى چىقىرىپ ئۇ ئارىلاشمىنى يالماۋۇزنىڭ بەدىنىگە سۈركەشكە باشلىدى.يالماۇز لاغىلداپ تىترەيتتى.ئۆلتۈرمەسلىكنى ئۆتۈنگەندەك ياش تۆكۈپ يىغلايتتى.لىكىن ئۇنىڭغا رەھىم قىلىش يوق ئىدى.شۇڭا ‹‹دورا›› سۈركىلىپ بولغاندىن كېيىن رۇستەم ئۇنى گۈرزە بىلەن ئۇرۇپ زىر زەۋەر قىلپ ئۆلتۈرۈۋەتتى.تېنىنىڭ پارچىلىرىنىمۇ ئوت قويۇپ كۆيدۈرىۋەتتى.

رۇستەمنىڭ ئەۋلادنى ئەسىر ئېلىشى

رۇستەم ئۈچۈن مازەندىراننىڭ يولى ناتونۇش يول ئىدى.شۇڭا ئۇ ھايات يولى ئىزدىگۈچى كىشىلەردەك ھەر بىر ئاچا يول ئېغىزىغا كەلگەندە قاياققا مېڭىشنى بىلەلمەي تەمتىرەپ قالاتتى.بەزى يوللاردا تەكرار مېڭىپمۇ قالاتتى.ئۇ شۇنداق ئات چاپتۇرۇپ يۈرۈپ بىر كۈنى قاراڭغۇ چۈشكەندە بىر جايغا كېلىپ قالدى.بۇ جاينىڭ كېچىسى باشقا جايغا ئوخشىمايتتى،يەنى يورۇقلۇق دىگەندىن قىلچە ئەسىر يوق بولۇپ خۇددى بەدنىيەتنىڭ كۆڭلىدەك قارا ئىدى.نە ئاي كۆرۈنمەيتتى،نە بىر يۇلتۇزمۇ يوق ئىدى.گويا يۇلتۇزلارنىڭ ھەممىسىنى يامان نىيەتلىك بىر ئوغرى تاغارغا قاچىلاپ بىرنى قويماي بىر ياققا ئېلىپ كەتكەندەك بارلىق يۇلتۇزلار نام نىشانسىز يوقالغان ئىدى.بۇنداق قاراڭغۇلۇقتا رۇستەم نە مېڭىشنى نە تۇرۇشنى بىلەلمەي ئۇيان بۇيا ن دوقۇۇپ يۈرۈپ بىر كېچىنى ئۆتكۈزىۋەتتى.

ئەتىسى ئەتىگەن قۇياش كۆتۈرۈلۈپ چىققاندا جاھان قايتىدىن نۇرلۇنۇپ ھەممە نەرسە ئېنىق كۆرۈنۈشكە باشلىدى.ئېتىزلىقلاردا يېشىل زىرائەتلەر مەخمەلدەك يېيىلىپ ياتاتتى.جاھان قېرىلىقتىن بىراقلا ياش نەۋقىرانلىقىغا قايتقاندەك  ھەر تەرەپلەردە ياپ- يېشىل ئوتلاقلار،قويۇق ئورمانلار،ئورمانلىقلاردا ئۇچۇشۇپ يۈرگەن خىلمۇ خىل قۇشلار ئادەمنى مەھلىيا قىلاتتى،ئېرىقلاردىكى تاشقىن سۇلارتاشتىنتاشقا ئۇرۇلۇپ  شوخ ئويناپ ئېقىشىپ شوخ ئويناق بالىلارنى ئوغلاق قوزىلارنى ئەسلىتەتتى.بىر كېچە ئۇخلىيالماي ئۇيان بۇيان دوقۇرۇپ يۈرۈپ تازا چارچىغان رۇستەمنى ئۇيقۇ بېسىپ كۆزلىرى يۇمۇلۇپ قېلىشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ تازا ھاۋالىق،يېشىل چىمەنلىك بىر دۆڭ ئۈستىنى تاللاپ ئېتىنىڭ ئىگەر جابدۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپ ئوتلاشقا قويۇۋېتىپ  ئۆزى يۇمران ئوت چۆپلەرنى سېلىنجا،ئەتراپ شاماللىقراق بولغاچ   يولۋاس تېرىسىنى يېپىنچا قىلىپ ئۇخلاشقا ياتتى. ئۇ يولۋاس تېرىسىنى يېپىنىۋالغان بولغاچقا يىراقتىن قارىغان ئادەمگە يەر بېغىرلاپ ياتقان يولۋاستەك كۆرۈنەتتى.رۇستەمنىڭ ئادىتىدە ھەرقاچان سىرتتا ياتقاندا قولىنى قىلىچىنى ئاستىغا  قولىغا يېقىن جايغا سېلىپ، قولىنى دەستىسىدىن  ئالماي چىڭ قاماللىۋېلىپ ياتاتتى.

رۇستەم ئالاھەزەل يېرىم كۈندىن ئارتۇقراق ئۇخلاپ بىر كەمدە بىرسىنىڭ غەزەپلىك ۋارقىرىشىدىن ئويغۇنۇپ كەتتى.قارىغۇدەك بولسا يېنىغا بىر كۈزەتچى كەلگەن بولۇپ رۇستەم ئۇخلاشقا ياتقان جاي ئۇنىڭ بۇغدايلىقى ئىكەن،رۇستەم كىچىكىدىن ئوردىدا شەھەردە چوڭ بولۇپ زىرائەت دىگەننى كۆرۈپ باقمىغان بولغاچقا بۇغدايلىقنى چىملىق دەپ خاتا تونۇپ ئېتىنى ئوتلاشقا قويۇۋەتكەن ئىكەن.كۈزەتچى ئەلەم ۋە غەزەپتىن بوغۇلۇپ رۇستەمگە ھە دەپ دوق قىلاتتى،سۇئال سوراققا تارتاتتى:

  -ھەي ئەھرەمەن،قانداق نىمە سەن؟ دىھقاننىڭ زىرائەتنى قانچىلىك جاپادا تېرىپ ئۆستۈرىدىغانلىقىنى بىلمەمسەن؟ نىمىدەپ زىرائەتلىرىمنى دەسسەپ ياتقۇزىۋەتتىڭ؟ يەنە نىمە دەپ زىرائەتلىرىمگە ئېتىڭنى قويۇۋېتىپ بىرمۇنچە زىرائەتنى يىگۈزۈپ بۇزغۇنچىلىققا ئۇچراتتىڭ؟ باشقىلارنىڭ ئەمگەك مىۋىسىدىن قان تەر تۆكمەيلا بەھرىمەن بولىدىغان نەدىن كەلگەن زومىگەر نىمە سەن ؟...

رۇستەم بۇنداق تاپا تەنىلەرنى ئاڭلاپ باقمىغان ئەركە شاھزادە تۇرسا قانداقمۇ ئاڭلاۋېرىپ چىداپ تۇرالايدۇ دەيسىز.ئۇ بىردەم ئاڭلاپ تۇرۇپ بېقىپ كۈزەتچى چالۋاقاۋەرگەندىن كېيىن ياخشى- يامان دەپ بىرەر ئېغىز سۆزمۇ قىلماستىن  كاپلا قىلىپ كۈزەتچىنىڭ قۇلىقىدىن تۇتىۋېلىپ بوشقىنا بىرلا تارتىپ بىر قۇلىقىنى يۇلىۋالدى.يۇلۇنغان قۇلاق ئىزىدىن قانلار ئېقىشقا باشلىۋىدى كۈزەتچى تىللاشتىن ۋايداد سېلىپ  يىغلاشقا ئۆتتى.رۇستەم ئۇنىڭ يەنە بىر قۇلىقىنىمۇ يۇلۇش ئۈچۈن ئىنتىلىۋىدى كۈزەتچى قاتتىق قورقۇپ يىغىسىنىمۇ تاشلاپ قېچىپ كەتتى.كۈزەتچى ۋايداد سېلىپ يىغلىغىنىچە يۇلۇنغان قۇلىقى كۆتۈرىۋېلىپ شۇ يەرنىڭ ئەۋلاد ئىسىملىك باتۇرىنىڭ ئۆيىگە بېرىپ ئەرىز داد ئېيتىپ رۇستەمدىن قىساس ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى.ئەۋلاد بۇ يۇرتنىڭ ئەڭ كاتتا باتۇرى بولۇپ نامى يىراق يېقىنغا خېلىلا مەشھۇر ئىدى.ھەممە ئادەم ئۇنىڭدىن قورقاتتى،كىمىكى يۇۋاشلارنى بوزەك قىلىپ زومىگەرلىك قىلسا ئەۋلاد بوزەك بولغۇچىغا بولۇشۇپ زومىگەردىن ئۆچىنى ئېلىپ بېرەر ئىدى.

  كۈزەتچى ئەۋلادقا ئەرىز قىلىپ شۇنداق دىدى:

  - يۇرتىمىزغا ئەھرەمەن سىياق دىۋىدەك يوغان بىر ئادەم پەيدا بولۇپ قاپتۇ.ساۋۇتى يولۋاس تېرىسىدىن، قالپىقى تۆمۈردىن ئىكەن.تۇرقىغا قارىسىىڭىز ساۋۇت كىيگەن ئەجدىھاغىلا ئوخشايدىكەن.قارىسام ئۇ ئېتىنى زىرائەتلىرىمىزگە ئوتلىغىلى قويۇۋېتىپ بەخارامان ئۇخلىغىلى تۇرۇپتۇ.مەن ئۇنىڭ ئېتىنى زىرائەتتىن ھەيدىۋېتەي دەپ باسام ئالدىمدا تاغدەك توسقۇن بولۇۋېلىپ ئېتىنى ھەيدىۋېتەلمىدىم . ئۇ بۇ بۇزغۇنچىلىقى يەتمىگەندەك بىر قۇلۇقۇمنى سوزۇپ يىرتىۋەتتى،يەنە بىرسىنىمۇ يۇلماقچى بولۇۋىدى قېچىپ كەلدىم،ئۇ خىيالىدا يوق يەنە ئىزىدا ئۇخلاپ قالدى.قۇدرەتلىك باتۇرۇم خاپا بولماي شۇ ئادەمنى ئىزدەپ تېپىپ زىرائىتىم بىلەن قۇلۇقۇمنى تۆلىتىپ بەرگەن بولسىڭىز...

ئەۋلاد ھېلىقى كۈزەتچىنى ۋە بىرنەچچە باتۇر دوستىنى ئەگەشتۈرۈپ ئاتلىرىنى مىنىشكىنىچە زىمننى تۈزلىۋتىدىغاندەك ئەلپاز بىلەن رۇستەم ياتقان تەرەپكە ئات سالدى.ئۇلار رۇستەم ئۇخلاۋاتقان يەرگە يېقىن كېلىپ ىۇددى ئۇنى ئۈركۈتۈپ قاچۇرماقچى بولغاندەك غەزەپلىك چۇقان سۈرەن سالدى.رۇستەم ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ ئاۋاز چىققان تەرەپكە قاراپ بىرنەچچە ئاتلىقنىڭ قىلىچ يالىڭاچلاپ،غەزەپلىك ۋارقىراپ ئۆزى تەرەپكە ئات سېلىپ كېلىۋاتقانلىقىنى كۆردى. ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھېلىراقتا بىر قۇلىقىدىن ئايرىلىپ قالغان كۆزەتچىمۇ بار ئىدى.رۇستەم ئۇنى كۆرۈپلا ئەھۋالنى چۈشۈنۇپ يالغۇز قىلىچىنى ئېلىپلا پىيادە ئۇلارنىڭ ئالدىغا ماڭدى.ئۇ ئەزەلدىن قورقۇش دىگەننى بىلمەيتتى.بۇ بىرنەچچە ئادەم ئۇنىڭ مويىنىمۇ تەۋرىتەلمەيتتى.ئىككى تەرەپ يېقىنلىشىپ كەلگەندىن كېيىن ئازراق ئارلىق قويۇشۇپ توختاپ بىر بىرى بىلەن سۇئال سوراققا چۈشۈشتى.

-نامىڭ نىمە ؟ نەلىكسەن؟ -دەپ ئالدى بىلەن سوراق باشلىدى ئەۋلاد –بۇ يەرگە نىمە قىلغىلى كەلدىڭ؟ بۇ يەرنىڭ ئادەتتىكى يەر ئەمەس بەلكى  دىۋىلەر ماكانى ئىكەنلىكىنى بىلمەمسەن؟   

نامىم بۇلۇت  - دىدى رۇستەم قەستەنگە نامىنى يوشۇرۇپ    -بۇ يەرگە ھالىغا بېقىپ ئىش قىلماي بۇلۇتقا چالما ئاتىدىغان قاپاق نوچىلارنىڭ ئەدىپىنى بېرىپ قويغىلى كەلدىم!

-تولا يوغان سۆزلىمە،بۇلۇت بولامسەن چالما بولامسەن ھېلى كۆرىمىز،قېنى ئېيتە نىمىدەپ خەقنىڭ زىرائىتىنى بۇزۇپ ئۇنىڭدا ئات باقتىڭ؟نىمىدەپ  زىياننى تۆلەش ئورنىغا خەقنىڭ قۇلىقىنى سوزۇپ يۇلۇۋەتتىڭ؟ گەپ يوغىلاتماي راستىڭنى ئېيت،سەن زادى كىم؟ بۇ دىۋىلەر ماكانىغا نىمە مەقسەد بىلەن كەلدىڭ؟

-مەن بولسام جەڭگاھلاردا دۈشمەنلىرىمگە نەيزە ئوقلار ياغدۇرۇپ قىيامەت دەھشىتىنى سالغۇچى جەڭ تەلۋىسىمەن،ئەگەر نامىمنى ئاڭلىساڭ قورىققىنىڭدىن  قېنىڭ توڭلاپ ،يۈرىكىڭ يېرىلىپ ئىزىڭدا ئۆلۈپ قالىسەن،ياخشىسى چىشىمغا تولا تىگىۋەرمەي ئاستا قايتىپ كەت،بۇ ئىش سەن بىلەن مۇناسىۋەتسىز.ياش ئىكەنسەن ياش جېنىڭغا ئىچىم ئاغرىپ قالدى.بىكار قولۇمدا ئۆلۈپ كىتىپ قالساڭ ئايالىڭ تۇل،بالىلىرىڭ يىتىم بولۇپ قالمىسۇن .

-ئەي نامەلۇم كىشى،سېنى پالۋان دىگەندىن كۆرە پوچى دىسە توغرا بولىدىغان ئوخشايدۇ.باياتىندىنن بېرى ئۆزۈڭنى ئوخشىتىپ بىرمۇنچە چوڭ سۆزلەرنى قىلدىڭ،ئۆزۈڭنى ئايىمىدىڭ.مانا ئەمدىلىكتە شۇ سۆزلىرىڭ ئارقىلىق ئۆزۈڭگە زۇلۇم قىلدىڭ.بايتىندىن بېرى گۇناھىڭنى تەن ئالغان،مەندىن كەچۈرۈم سورىغان،ۋە كۈزەتچىنىڭ قۇلىقىنى تۆلەپ بەرگەن بولساڭ ئىش شۇنىڭ بىلەن تۈگىگەن،مەنمۇ سەندەك بىر مۇساپىرنى ئاياپ قويۇپ بەرگەن بولار ئىدىم،مانا ئەمدىلىكتە ئارقىمۇ- ئارقا چوڭچىلىق قىلىپ قۇتۇلۇش يولۇڭنى ئىتىپ قويۇپ ئۆلۈم يولىنى تاللىۋالدىڭ.بۈگۈن سېنى نەس بېسىپتۇ.ئەمدى قانداق ئۆلگىنىڭنىمۇ بىلمەي ئۆلۈپ كېتىدىغان بولدۇڭ.ئەمدى ئۆلسەڭ تېنىڭ قارا تۇپراققا ئارىلىشىپ كېتىدۇ.بېشىڭنى شەھەر دەرۋازىسىغا ئېسىپ قويۇپ ئىبرەت قىلسام كىشىلەر خەقنىڭ زىرائىتىدە ئات بېقىشقا پېتىنالمايدىغان بولىدۇ.

  رۇستەم بۇ گەپلەرنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتى.ۋە جاۋاپ بېرىپ مۇنداق دىدى:

   -بۇرۇنقىلاردا :‹‹مۈشۈكنىڭ ئۆلگىسى كەلسە بېرىپ چاشقاننىڭ قۇيرۇقىنى چىشلەپتۇ››دەيدىغان بىر تەمسىل بار ئىدى.بۇ تەمسىل بۈگۈن نەى ساڭا چۈشۈپ قالدى.خەقنىڭ ئىشىغا ئارىلىشىمەن دىمەي ئارامىڭدا سىڭگەن ئېشىڭنى ئىچكەن بولساڭ بەلكىم ھايات قالغانمۇ بولار ئىدىڭ.تاياق يىگىڭ كىلىپ دۈمبەڭ قىچىشىپ،ئۆلگۈڭ كىلىپ مازار سېغىنىپ ئالدىمغا قوشۇن باشلاپ كەلگەن تۇرساڭ سېنى قانداقمۇ ئاياپ قويغىلى بولسۇن؟ ئەمدى سېنى تۇققان ئاناڭ ئوغۇلسىز،ئايالىڭ ئەرسىز،بالىلىرىڭ ئاتىسىز قالىدىغان بولدى.بوپتۇ بۇمۇ ئۆزۈڭنىڭ شورى.سېنىڭ ئۆلۈمىڭ ساۋاق بولۇپ بۇندىن كېيىن كىشىلەر باشقىلارنىڭ ئىشىغا بىھۇدە ئارىلىشىپ جېنىنى  سەپ بەرمەيدىغان بولۇپ قالسا ئەجەپ ئەمەس.

رۇستەم شۇ سۆزلەرنى قىلىپ بولغاندىن كېيىنئېتىغا مىنىپ  خۇددى قوي پادىسىغا  تەككەن قانخور شىردەك قىلىچىنى شىلتىغان باراۋەر ئەۋلادنىڭ ئادەملىرىگە ئۆزىنى ئۇردى.ئالدىغا كىم ئۇچرىسا شۇنى چېپىپ بىردەمدە ئەۋلادنىڭ ئۆزىنىلا ئاياپ قويۇپ باشلاپ كەلگەن ئادەملىرىنىڭ ھەممىسىنى قىرىۋەتتى.

خۇددى فىردەۋىس تەسۋىرلىگەندەك

قاتىل قىلىىچىنى شىلتىغان ھامان،

باشلارنى كېسەتتى گۈل قايچىسىمان،

دىگەندەك بولدى.باياتىندىن بېرى ئۆزلىرىنى كۆپ رۇستەمنى ئاز،ئۆزلىرىنى كۈچلۈك،رۇستەمنى ئاجىز چاغلاپ كۆرەڭلىكتە تېرىسىگە پاتماي قالغان قوشۇن بىردەمدە تارمار بولۇپئەۋلادتىن باشقا  ھەممىسى ئۆلۈپ تۈگىدى.رۇستەم ئەسلى ئۇنىمۇ ھەممىدىن بۇرۇن  ئۆلتۈرىۋېتەتتى.لىكىن مازەندىرانغا بارغۇچە يول باشلايدىغانغا بىر ئەسىر كېرەك بولۇپ قالغىنى ئۈچۈن  ئۇنى ئۆلتۈرمەي ئاياپ قويغان ئىدى.رۇستەم ئەۋلادنىڭ ئادەملىرىنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن ئاخىرىدا ئۇنىڭ يېنىغا ئات سېلىپ بېرىپ ئۇزۇن ئارقاننى بىرلا ئېتىپ بوينىغا كەمەند سېلىپ ئاتتىن موللاق ئاتقۇزىۋەتتى.ئاندىن ئېتىدىن سەكرەپ چۈشۈپ قوللىرىنى باغلاپ تاشلىدى.ئاندىن ئۇنىڭغا سىياسەت قىلىپ شۇنداق دىدى:

-سەن ئۆلۈم تىلەپ كەلگەن ئەبلەخنى ھەممىدىن بۇرۇن ئۆلتۈرىۋېتەتتىم.ئەمما يول باشلىغۇچىغا مۇھتاج بولغىنىم ئۈچۈن سېنى ھايات قويدۇم.بۇيرۇقۇمنى ئاڭلا ،تىرىك قالاي دىسەڭ ماڭا يول باشلىغۇچى بولۇپ ئالدىمغا چۈشۈپ مېنى ئاق دىۋىنىڭ يېنىغا باشلاپ بارىسەن.كېيىن كاۋۇسنى ۋە ئۇنىڭ ئادەملىرىنىڭ نەدىلىكىنىمۇ تېپىپ  بېرىسەن. مانا بۇ سېنىڭ ئامان قېلىشىڭنىڭ يولى ،خالىمىساڭ ھازىرلا چېپىپ تاشلايمەن.

-ئەي مەرت پالۋان  -دىدى ئەۋلاد باش ئۇرۇپ تۇرۇپ –مەن سېنى تونۇمىغاچ بىھۆرمەتلىك قىپتىمەن، ئۆزۈم چۈمۈلىدەك تۇرۇپ  پىلغا خىرىس قىپتىمەن.بولدى مېنى ئۆلتۈرمە،گۇناھىمنى يۇيۇش ئۈچۈن سېنى كاۋۇسنىڭ لەشكەرلىرى بىلەن بەنىد قىلىنغان يېرىگە،ئاق دىۋە ماكانىغا،ۋە مازەندىران شاھىنىڭ ھوزۇرلۇرىغىچە باشلاپ باراي.قۇلۇڭ ئورنىدا خىزمىتىڭنى قىلاي.پەقەت جېنىمنىلا ئامان قوي.

-قېنى ئېيتە ،كاۋۇسنىڭ ئادەملىرى بىلەن بىرگە بەنىد قىلىنغان يېرىگە يەنە قانچىلىك ماڭساق يېتىپ بارالايمىز؟

  -كاۋۇس بار جايغا بېرىش ئۈچۈن يەنە يۈز پەرسەڭ يولغا چىداشلىق بەرمىسەڭ بارغىلى بولمايدۇ.ئۇ جايدىن دېۋگىچە يەنە يۈز پەرسەڭ يول بار.بۇ يول تولىمۇ مۈشكۈل بىر يولدۇر،بۇ يول ئىككى تاغ ئارىسىدا بولۇپ تولىمۇ ۋەھىمىلىكتۇر،ھەتتا ئۇ جايدىن قۇشمۇ ئۇچۇپ ئۆتەلمەيدۇ.بۇ يەرنىڭ تاغلىرى ئىگىز قىيالىق،جىلغىلىرى بەكمۇ چوڭقۇر،تېگىگە قارىساڭ بېشىڭ قايىدۇ.بۇ تاغلىق يولدىكى جىلغىلاردا ئون ئىككى مىڭ دىۋە كۈزەتچىلىك قىلىدۇ.ئۇلارنىڭ سىپاھدارلىرى پۇلاد،بىلەن غەندى،ھەر ئىككىلىسى تەڭداشسىز باتۇرلاردىن.بىدۇ سەنقە دىەەن يەنە بىر ياۋۇز دىۋە ئۇلارنىڭ نىگاھدارىدۇر(كۈزەتچىلەر باشلىقى).بارلىق دىۋىلەر ئاق دىۋىنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنىدۇ.ئۇ شۇنداق يامان دىۋىكى ئۇنى كۆرسە تاغلارمۇ ياپراقتەك تىترەپ كېتەر.بەدىنىنىڭ     چوڭلىقىنى دېمەمسەن؟ بەئەينى ئەزىم تاغنىڭ ئۆزى قارىساڭ بېشىغا كۆزۈڭ يەتمەيدۇ.گەجگىسىنىڭ كەڭلىكىمۇ ئون ئىككى ئارقان كېلىدۇ.سەن بۇ بوي بەستىڭ،، بۇ  ئېتىڭ،بۇ گۈرزەڭ ۋە باشقا قۇراللىرىڭ بىلەن باشقا دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلساڭمۇ ئاق دىۋىگە رەقىپ بولالمايسەن.ئۇ ئكزىنى ئالەم پالۋىنى ئاتاپ يۈرگەن داڭدار نوچىلاردىن نەچچىنى يەر بىلەن يەكسان قىلغان.ھەتتا ئىراننىڭ داڭدار پالۋانلىرىمۇ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلغىلى بېرىپ ئۇرۇشمايلا يېڭىلىپ قولىغا چۈشۈپ قاپتىمىش. شۇڭا ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرىشىپ] قېلىشتىن قاتتىق ساقلان.بۇ مىنىڭ ساڭا سەمىمى دوستلارچە نەسىھىتىم.ئۇنىڭمۇ نېرىسىغا ئۆتسەڭ تاشلىق بىر ماكان،ئۇ يەردە يول يوق،ھەممە يەر قىيا ،بۇ قىيالاردىن ھەتتا ياۋا تېكىلەرمۇ ماڭالمايدۇ.ئۇ يەردىن ئۆتسەڭ شاۋقۇنلۇق بىر دەرياغا ئۇچرايسەن.كەڭلىكى ئىككى پەرسەڭدىنمۇ ئارتۇق كېلىدۇ.ئۇ يەردە شىددەتلىك جەڭ قىلىدىغان بىر كۈزەتچى دىۋە بار.ئۇ نەچچە مىڭلىغان دىۋىلەرگە پەرماندارلىق  قىلىدۇ.ئۇ يەردىن ئۆتۈپ ئۈچيۈز پەرسەڭ يول يۈرسەڭ بۇزگۆشت  دىگەن جايغا بارىسەن.بۇزگۆشتتىن ئۆتسەڭ ئاندىن مازەندىرانغا بارىدىغان يولغا چىقىسەن.بۇمۇ مۇشەققىتى كۆپ يول،نىمىشقا دېسەڭ بۇ يولدا مازەندىراننى قوغداپ تۇرىدغىان سانىنى بىلىپ بولمايدىغان كۇرمىڭلىغان ئاتلىق كۈزەتچى لەشكەرلەر بار.ئۇلارنىڭ قولىدىكىدىن باشلاپ چىش تىرناقلىرىغىچە ھەممىنى قۇرال قىلىپ ئىشلىتەلەيدۇ.يانچۇقلىرىدىن دىرھەم ئۆكسىمەيدۇ.مازەندىران شەھىرىدە مىڭدىن ئارتۇق پىل لەشكەرلەر بار.ئۇلار شەھەرگە لىق تولۇپ دىگۈدەك كۈزەت قىلىپ يۈرىدۇ.گەرچە سەن تۆمۈر بەدەنلىك بولغىنىڭ بىلەنمۇ بۇ پىل قوشۇنىغا تەڭ كېلەلمەيسەن.ئەھرەمەنلەر بىر قەڭ بىلەنلا تىنىڭنى ئىككى بۆلەك قىلىپ تاشلايدۇ...

رۇستەم بۇڭ سۆزلەرنى ئاڭلاۋېتىپ قورقۇش ئورنىغا قاقاقلاپ كۈلۈپ كەتتى. ۋە ئەۋلادقا قاراپ شۇنداق دىدى:

  -ھازىردىن باشلاپ سەن ماڭا يولداش بولۇپ بايا سەن ئېيتقان خەتەرلىك جايلارغا مېنى بىر- بىرلەپ باشلاپ بارىسەن.ساڭا ئالدىن شۇنى ئېيتىپ قۇيايكى بايا سەن تەڭداشسىز دەپ تەسۋىرلىگەن ئاق دىۋىلىرىڭ ماڭا بىر دۇچ كېلىپ باقسۇنچۇ،ئاكاڭ رۇستەمنىڭ قانچىلىك يامانلىقىنى ،ئاق دىۋىلىرىڭنى قوي سويغاندەك قانداق سويۇپ تاشلايدىغانلىقىنى ۋاقتى كەلگەندە كۆرىسەن.مەن بۇ يەرگە ئۆلگىلى ئەمەس ما زەندىراننىڭ دىۋىلىرىنىڭ بېشىغا بالا بولغىلى كەلدىىم.بولدى ئەمدى تولا گەپ ساتماي ئالدىمغا چۈشۈپ يول باشلاپ ماڭ.

شۇ سۆزدىن كېيىن رۇستەم ئەۋلادنى باغلاقتىن ئازاد قىلدى. ئۇمۇ ئۆز ئېتىنى مىنىپ رۇستەمنىڭ ئالدىغا چۈشۈپ يول باشلاپ ماڭدى.سەپەردىكى ئۇششاق چۈششەك تەپسىلاتلارنى قويۇپ تۇرايلى. ئۇلار شۇنداق يول  يۈرۈپ بىر كۈنى ئىسپەرۇز دەپ ئاتىلىدىغان بىر تاغقا يىتىپ كەلدى.ئوقۇرمەنلىرىمىزنىڭ ئېسىدە بولسا كېرەك، كاۋۇس دەسلەپ لەشكەر تارتىپ مۇشۇ تاغقا كەلگەندە دىۋىلەر بىلەن بولغان جەڭدە يېڭىلىپ ئەسىرگە چۈشكەن ئىدى.ئۇلار بۇ يەرگە بارغان چاغدا كېچە ئىدى.ئۇلار بىخەتەر  بىر جايدا بىرئاز ئارام ئېلىپتاماقلانغاچ تاڭنى كۈتىۋالدى.تېخى تاڭ تۇلۇق ئاتماستا ئۇلار سەپىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ چۆل يولىغا چۈشۈپ كېتىۋاتقانلىرىدا تۇيۇقسىز داڭ ئاۋازى ئاڭلاندى. ئالدى تەرەپتە زور گۈلخان،ئەتراپلاردا مەشئەللەر يېقىلىپ كەتكەن ئىدى.رۇستەم ھەيران بولۇپ ئەۋلادتىن سورىدى:

-     بۇ قانداق جاي؟ ھەممە تەرەپتىن ئوت شولا كۆرۈنىۋاتىدىغۇ ؟

-     بۇ جايدا ئەرجەڭ دىۋە ئادەملىرى بىلەن  كۈزەتچىلىك قىلىدۇ.ئاخشىمى قاراڭغۇ چۈشكەندىن تارتىپ كۈن چىققانغا قەدەر سەگەك تۇرۇپ داڭ ئۇرۇپ .ئوت مەشئەللەرنى يېقىپ چىڭ كۈزەتچىلىك قىلىپ ھۆركىرەپ چىقىدۇ.بۇ يەردىن بىرتال چىۋىننىمۇ ئۆتكۈزمەيدۇ.

  -ئۇنداق بولسا بىر يەردە ئارام ئالايلى.تاڭ ئېتىپ قۇياش كۆتۈرۈلگەندە ئاندىن دۈشمەن ئالدىغا بېرىپ دۈشمەن بىلەن جەڭ قىلايلى   - دىدى  رۇستەم.

شۇ سۆزلەردىن كېيىن ئۇلار بىر خالىراق جاينى تېپىپ ئارام ئېلىپ يېتىشتى.رۇستەم يېتىپلا ئۇيقۇغا كېتىپ تاكى كۈن نەيزە بويى ئۆرلىگۈچە ئۇخلىۋالدى.ئاندىن ئورنىدىن تۇرۇپ ئەۋلادنى ئارغامچا بىلەن بىر دەرەخكە مەھكەم باغلىۋېتىپ   ئېتىنى ئىگەرلەپ بوۋىسىنىڭ كالا باشلىق چوڭ گۈرزىسىنى كۆتۈرۈپ زور جاسارەت بىلەن تەنھا بىر ئۆزى ئەھرەمەن دىۋە باشچىلىقىدىكى بىر تۈمەندىن ئارتۇق دىۋە بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن جاسارەت قىلىپ  دۈشمەن تەرەپكە ئات سېلىپ كەتتى.

ھۆرمەتلىك ئوقۇرمەن بۈگۈنكى يازمىلىرىمىز مەشەدە ئاخىرلاشتى.رۇستەم دىۋىلەرگە تەڭ كېلەلەمدۇ يوق؟ كاۋۇسنىڭ ئاقىۋىتى زادى قانداق بولىدۇ ؟ بۇلارغا قىزىقسىڭىز ئەتە دىققىتىڭىز يەنىلا تېمىمىزدا بولسۇن.


ئەرجەڭ دىۋە   بىلەن بولغان جەڭ

رۇستەم قولىغا كالا باشلىق گۈرزىسىنى ئېلىپ، بېشىغا دوبۇلغا كىيىپ،ئۇچىسىغا ساۋۇت ئورنىغا يولۋاس تېرىسى يېپىنىپ  ئەرجەڭ دىۋە بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن ئۈچۈن ئۇنى ئىزدەپ ماڭدى. ئۇ توپتوغرا دۈشمەن لەشكەرگاھى ئالدىغا كىلىپ دۈشمەننى ئۇرۇشقا چاقىرىپ دەھشەتلىك نەرە تارتتى. بۇ نەرە شۇنداق جاراڭلىق ۋە سادالىق ئىدىكى بۇ كۈچلۈك ئاۋازدىن تاغلار ئاغدۇرۇلۇپ،دەريا –دېڭىزلار چايقىلىپ كەتكەندەك لەرزە پەيدا بولدى.

ئەرجەڭ دىۋە شۇ چاغدا چېدىرىدا ئارام ئېلىۋاتاتتى،بۇ دەھشەتلىك سۈرەننى ئاڭلاپ قاتتىق چۆچۈپ نىمە ئىشلىقىنى بىلىش ئۈچۈن تېزلىك بىلەن چېدىرىدىن چىقتى.رۇستەم ئەرجەڭ دىۋىنى كۆرگەن ھامان چاقماقتەك تېزلىك بىلەن ئات چاپتۇرۇپ بېرىپ گۈرزىسى بىلەن ئۇنىڭ باش، گەدەن ،ۋە مۈرىلىرىگە گۈرزە ياغدۇرۇۋەتتى ئەرقەڭ نىمە ئىشلىقىنى بىلىپ بولغۇچە بۇ زەربىلەر دەستىدىن بىھۇش بولۇپ پالاققىدە يىقىلىپ چۈشتى.رۇستەم دەرھال شەمشەر ئۇرۇپ ئۇنىڭ بېشىنى ئۈزىۋالدى.ئاندىن قارا قان تەپچىرەپ تۇرغان دىۋە بېشىى توپىغا ئىرغىتىپ تاشلاپ باشقا دىۋىلەرگە دەھشەت سالدى.دەسلەپ باشلىقىنىڭ قىساسىنى ئېلىش ئۈچۈن بىر توپ دىۋە يوپۇرۇلۇپ كېلىشتى.رۇستەم گۈرزىسىنى شىددەت بىلەن ئوينۇتۇپ قوناق سوققاندەك سوققىلى تۇرۇۋىدى.بىردەمدە بىرمۇنچە دىۋىلەرنىڭ بەزىلىرىنڭ بېشى مىجىلىپ ،بەزىلىرىڭ بوينى ئۈزۈلۈپ، بەزىلىرىنڭ ئۇستىخىنى پاچاقلىنىپ ئۆلۈپ تۈگەشتى. رۇستەم ھىچكىمدىن قورىقمايتتى.ئالدىغا كەلگەننى ئايىماي ئۇرىۋېرەتتى.قايسى بىرىگە گۈرزە تەگسە ھەرگىز ئامان قالمايتتى. بۇنداق تۇرسا كىممۇ ئۇنىڭ بىلەن ئاخىرغىچە قارشىلىشالىسۇن.بۇنداق باتۇرغا پەقەت جېنىدىن تويغان،ئۆلۈمىنى ئارزۇ قىلىپ قالغانلارلا  روبىرو بولمىسا باشقا ھىچبىر مەخلۇق تەڭ بولالمايتتى. دىۋىلەر ئىشنىڭ چاتاقلىقىنى پەملەپ قالدى.باش دىگەن پىلەكتىكى سويما ئەمەس ئىدى،بۈگۈنى بىرسى ئۈزۈلسە ئەتىسى يەنە بىرسى چۈشىدىغان.شۇنىڭ بىلەن:‹‹ بۇ ئۇرۇشتا تۇتۇشقان باتۇر ئەمەس، قاچقان باتۇر›› دىيىشىپ قەڭ قوراللىرىنى ،چېدىر بارگاھلىرىنى تاشلىشىپ‹‹ۋاي ئاتام،ۋاي ئانام ››دەپ قاتتىق قورقۇنچىدا دات- پەرياد باشلىشىپ  تەرەپ تەرەپكە قېچىپ كېتىشتى. رۇستەم چېدىر بارگاھلارنى ئاختۇرۇپ قاچالماي قالغان دىۋىلەرنىڭ ئىشىنى توغرىلاپ تاكى قۇياش پاتقانغا قەدەر جەڭ قىلىپ بۇ ئەلنى بەتبەشىرە دىۋىلەردىن تازىلىدى.

رۇستەم كۈن پاتارغا يېقىن ئىسپەرۇز تېغىغا قايتىپ كېلىپ ئەۋلادنى باغلاقتىن بوشاتتى.تەرىتى قىستاپ ئاران تۇرغان ئەۋلاد ئىت قوغلىغان گاچىدەك ھاجەتخانىغا يۈگەردى.ئۇ ھاجەتخانىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن رۇستەم ئۇنى يەنە سوراق قىلىپ كاۋۇسلارنىڭ بەنىد قىلىنغان يېرىنى سۈرۈشتۈردى.ئاندىن ئۇنى يەنە ئاتلىق يول باشلاتقۇزۇپ كاۋۇسلار نەزەربەند قىلىنغان شەھەرگە قاراپ ماڭدى.رۇستەم شەھەر ئىشىكىدىن كىرىۋاتقاندا تۇلپار ىۇددى كاۋۇسلارغا خەۋەر بەرمەكچى بولغاندەك گۈلدۈرمامىدەك قاتتىق ئاۋاز چىقىرىپ كىشنىدى دىگەندەك  كاۋۇس تۇلپارنىڭ تونۇش ئاۋازىنى ئاڭلاپ رۇستەمنىڭ يېتىپ كەلگەنلىكىنى بىلىپ شادلاندى ۋە ئىرانلىقلارغا قاراپ دىدى:

-قۇلۇقۇمغا رۇستەمنىڭ تۇلپارىنىڭ ئاۋازى يەتتى .ئەمدى خاتىرجەم بولساق بولىدۇ.ئەمدى تەقدىرنىڭ ياۋۇزلۇقىغا بەرھەم بېرىدىغان پەيت كەلدى.رۇستەمنىڭ تۇلپارىنىڭ ئاۋازى ماڭا تونۇش،قۇباد زامانىدا رۇستەم تۇرانلىقلار بىلەن سوقۇشقانداتۇلپارى ئەشۇنداق كىشنەپ تۇرانلىقلارنىڭ يۈرىكىنى مۇجۇيتتى.

لىكىن ئىران لەشكەرلىرى بۇ گەپكە ئىشەنمەي ئۆز ئارا كۇس –كۇسقا چۈشۈپ كەتتى.

  -شاھىمىز تۇتقۇنلۇققا چىدىماي ئېلىشىپ قاپتۇ. ئازى- ماز سۆزلەيدىغان بولۇپ قاپتۇ.

  -شاھىمىزنى دىۋىلەر سوراق قىلىۋېرىپ ئازاپقا چىدىماي نېرۋىسىدىن كەتكەن گەپ بولمىسا رۇستەم تەنھا بىر ئادەم قانداقمۇ بىز نەچچە تۈمەن ئادەم تەڭ كىلەلمىگەن دۈشمەنلەرنى مەغلۇپ قىلىپ بىزنى قۇتۇلدۇرالىسۇن؟

  -قارىغاندا شاھىمىز ياخشى چۈش كۆرۈپ قالغان بولسا شۇ چۈشنىڭ خوشاللىقىدا شۇنداق دەۋاتقان بولسا كېرەك.

...

بۇ كۇس- كۇسلار رۇستەم راستىنلا كىلىپ ئۇلارنى نەزەربەنىد قىلىپ تۇرغا دىۋە لەشكەرلەرنى سۈرۈپ توقاي قىلىشقا باشلىغانغا قەدەر داۋاملاشتى.لەشكەرلەر بىراز قارشىلىشىپ بېقىپ،ئۇرۇشىۋەرسە رۇستەمگە  تەڭ كىلەلمەسلىكىنى، قارشىلىشىۋەرسە ھەممىسىنىڭ ئۆلۈپ تۈگەيدىغانلىقىنى بايقاپ قېلىپ، بىرمۇنچە ئۆلۈكلىرىنى قالدۇرۇپ تەرەپ تەرەپكە بۆرىدىن قاچقان قوي توپىدەك پىتىراپ قېچىپ كېتىشتى.رۇستەم جەڭدىن قولىنى يىغىپ كاۋۇس شاھنىڭ يېنىغا كېلىشىگە بارلىق ئىران لەشكەرلىرى توپلىشىپ كىلىپ رۇستەم بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇنىڭغا بارىكاللا ۋە رەھمەت ئېيتىشىپ كېتىشتى.گۇدەرىز،گېۋ ،بەھرام...قاتارلىق ئىران پالۋانلىرىمۇ رۇستەم بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ ئۇنىڭ جەڭدىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلەشتى.رۇستەم كەيكاۋۇسنىڭ يېنىغا كېلىپ ئۇنىڭغا باش ئەگدى ۋە كۆزلىرىگە ياش ئېلىپ تۇرۇپ ئۇنىڭدىن ھال ئەھۋال سورىدى. كاۋۇس تۇتقۇنلۇققا ئۇچرىغاندىن كېيىن يىغلاۋېرىپ ئىككى كزى ككرمەس بولۇپ قالغان ئىدى. كاۋۇس شاھمۇ رۇستەم بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ يول مۇشەققەتلىرى ۋە سەپەردىكى سەرگۈزەشتلىرىنى سورىدى.ھەممەيلەن رۇستەمنىڭ سەرگۈزەشتىلىرىنى ئاڭلاپ ھەيران قېلىشتى.شەھەر ئىچى ئىرانللىقلارنىڭ قولىغا ئۆتۈپ ھەممىسى بايرام شادلىقىغا چۆمۈشتى.

دەل شۇ چاغدا كاۋۇس رۇستەمگە قاراپ مۇنداق دىدى:

  -ئەي باتۇر،بۇ شەھەر دۈشمەن قولىدىن ئېلىنغان بىلەن يەنە نۇرغۇن شەھەرلەر دۈشمەن قولىدا،بىز ئەرجەڭ دىۋىدىن قۇتۇلغان بىلەن دىۋىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ باتۇرى ئاق دىۋە تېخى ھايات،بۇ يەردىن قاچقان لەشكەرلەر چوقۇم غەلىبە خەۋىرىمىزنى ئاق دىۋىگە يەتكۈزىدۇ. بولۇپمۇ سېنىڭ مكەلگەنلىك خەۋىرىڭنى ئاڭلىسا ھەممە دىۋىلەرنىڭ بېشىغا ئوت تۇتۇشىدۇ. شۇنىڭ بىلەن جاھانغا لىق كەلگۈدەك لەشكەر ئېلىپ قىساس ئېلىشقا كېلىشى چوقۇم. شۇڭا بۇ يەردە دۈشمەننىڭ كېلىشىنى ساقلاپ تۇرغاندىن كۆرە ئۆزۈڭ باتۇرلاردىن بىرنەچچىنى ئېلىپ دۈشمەن يېنىغا بېرىپ، دۈشمەن ئۇۋىسىدىن قوزغالماستا تېزراق يوقاتساق ياخشى بولۇرمىكىن ؟ شۇڭا سەندىن ئۆتۈنىشىم ھازىرلا  تۇلپارىڭ ۋە قۇرال ياراقلىرىڭنى ئېلىپ يولغا چىق،خۇدا يار يۆلەك بولسا جادۇگەر دىۋىنى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى قارا يەرگە باس!  دۈشمەن يېنىغا يەتكىچە قانچە تاغ دەريالاردىن ئۆتۈش كېرەك بولسا باتۇرلۇقۇڭ ۋە پاراسىتىڭ  بىلەن ئۇلاردىن ئۆتۈپ يوللاردا ئۇچرايدىغان قىم-قىم دىۋىلەرنىمۇ مەغلۇپ قىلىپ سەپىرىڭنى ئوڭۇشلۇق تاماملا .ئاڭلىشىمچە بارار  مەنزىلىڭدە ناھايىتى قورقۇنۇشلۇق ۋە ناھايىتى چوڭ بىر غار بار ئىمىش،ئۇ غاردا  سان ساناقسىز دىۋىلەر بار بولۇپ قارا دىۋە ئۇلارنىڭ باش سەردارىمىش،ئاق دىۋە غارنىڭ ئىچىدە بولۇپ ئەشۇ ساناقسىز دىۋىلەر ۋە غاردىكى خەتەرلىك تىلسىملار ئاق دىۋىنى مۇھاپىزەت قىلار ئىمىش. بۇ غاردىكى ئاددى دىۋىلەرمۇ بەك يامان بولۇپ، كىم كەلسە ئېتىلىپ كىلىپ كانىيىدن قاپلاندەك ئالار ئىمىش.ئەەەر سەن ئەشۇ يەرگە سالامەت بېرىپ ئاق قارا دىۋىلەرنى ۋە باشقا لەشكەر دىۋىلەرنى مەغلۇپ قىلالىساڭ ئاندىن مەن دۇچار بولغان ئېغىر كىسەلگە دورا تاپالايسەن.مەن  تۇتقۇنلۇق جەريانىدا  دانىشمەن تىۋىپلارغا كۆرۈنۈپ باقتىم. ئۇلار دىدىكى:‹‹بۇ كېسەل ئاق دىۋىنىڭ ئەلىمى تۈپەيلىدىن بولغان،شۇڭا كىمىكى ئاق دىۋىنى ئۆلتۈرۈپ بېشىنى كىسىپ،يۈرىكىنى سۇغۇرىۋېلىپ،ئېلىپ كىلىپ پىشۇرۇپ جاناپلىرىغا  يىگۈزسە ۋە قېنىدىن ئۈچ تېمىنى كۆز گۆھىرىگە تېمىتسا كۆزلىرى قايتا ئېچىلىدۇ.خىرەلىكتىن ئەسەرمۇ قالمايدۇ.›› شۇ ئىشىمنى بىجىرىپ بېرەلەرسەنمۇ؟

رۇستەم بۇ سۆزلەرنى ئاڭلاپ چاچراپ ئورنىدىن تۇرۇپ سەپەرگە جابدۇندى.بىللە بارماقچى بولغان باتۇرلارنى بولسا كاۋۇس شاھنى مۇھاپىزەت قىلىشقا ۋە شەھەرنى مۇداپىئە قىلىشقا قالدۇردى.ئۇ ئىرانلىقلارغا ۋەدە بىرىپ مۇنداق دىدى:

  -مەن قايتىپ كەلگۈچە قاتتىق ھۇشيار بولۇڭلار.قاچقۇن دىۋىلەر يىغىلىپ كېلىپ سىلەرنى ئاۋارە قىلىشى،قايتا ئسىر ئېلىشقا ۋە قېنىڭلارغا قەست قىلىشقا ئۇرۇنىشى مۈمكىن.شۇڭا باتۇر بولۇپ،سەركەاردىلەرنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشلىرىغا قاتتىق بوي سۇنۇپ شەھەر مۇداپىئەسىدە تۇرۇڭلار.ھەرگىز سىرتقا ئۇرۇشقىلى چىقماڭلار. مەن شاھىمىزنىڭ قىساسى ۋە كۆزىنىڭ داۋاسى ئۈچۈن ئاق دىۋە بىلەن ئېلىشىشنى قارار قىلدىم.ئۇنەچچە مىڭ پىلدەك كۈچلۈك، ئۇنىڭ ئۈستىگە سېھىر جادۇغا ئۇستا  بىر مەخلۇق.ئۇنىڭ ئەتراپىدا ھېساپسىز دىۋە لەشكەلىرىمۇ بار. مەن بۇ جەڭگە تەۋەككۇل قىلدىم ئەگەر يېڭەلىسەم ھەممىمىزگە نۇسرەت بار.ئەگەر گەدىنىم ئۇنىڭ قولىدا ئىگىلسە ھەممىمىز قارا كۈندە قالىمىز.لىكىن قەتئى ئۈمىدسىزلەنمەڭلار.ئاللاھ ئىگەم ماڭا بۇرۇنمۇ يار يۆلەك بولغان،بۇ دۆرەممۇ مەدەت قىلىپ ماڭا چوقۇم نۇسرەت ئاتا قىلىدۇ.

رۇستەم سۆزىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ يەنە تۇلپارىغا مىنىپ،قوراللىرىنى ئېلىپ، ئەۋلادنى يەنە يولباشلىغۇچىلىققا سېلىپ يېڭى سەپىرىنى باشلىۋەتتى.

رۇستەمنىڭ ئاق دىۋىنى ئۆلتۈرۈشى

رۇستەم ئاق دىۋىنى ئىزدەپ تېپىپ ئۇنى ئۆلتۈرۈپ قىساس ئېلىش ئۈچۈن جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرلىدى.ئەۋلاد ئالدىدا داۋاملىق يول باشلاپ كېتىۋاتاتتى.رۇستەمنىڭ تۇلپارىمۇ ئىگىسىگە ئوىشاش قورقۇش دىگەننىڭ نىمىلىكىنى ئۇنتۇپ شامالدەك تېز كىتىۋاتاتتى.

سەپەر جەريانىدىكى مۇشەققەتلەر ۋە بېسىپ ئۆتكەن يوللار تەپسىلاتلىرى قىسقارتىلدى.

بىر كۈنى تۇلپار ھەفتى كۇھ دىگەن جايغا يىتىپ كەلگەندە رۇستەم گۇرۇھ –گۇرۇھ بولۇشۇپ يۈرگەن سان –ساناقسىز دىۋىلەرنى كۆردى.رۇستەم بۇ دىۋىلەر بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇلارنى مەغلۇپ قىلىپ بولغاندىن كېيىن يەنە بىر كۈن يول يۈرۈپ ئاخىرى ئاق دىۋە بىكىنىپ ياشايدىغان تۈۋى يوق غار  بار جايغا يىتىپ كەلدى.بۇ يەردە رۇستەم بۇرۇن ئاڭلىغاندەك دىۋىلەر ئىتنىڭ قۇرۇتىدەك قىم قىم بولۇپ ھەممىلا يەردە چارلاپ يۈرىشەتتى.رۇستەم ئەۋلادنى يېنىغا تارتىپ ئۇنىڭغا مەسلىھەت سېلىپ دىدى:

  -ئەي ئەۋلاد،بىز تەقدىرداش بولۇپ بىرگە سەپەر قىلىپ يۈرگىلىمۇ خېلى كۈنلەر بولۇپ قاپتۇ.ھازىرغىچە مەن سەندىن نىمە ھەققىدە گەپ سورىغان بولسام بەرگەن جاۋابىڭ راست چىقتى.ئەمدى ئاخىرقى قېتىم يول كۆرسەتكىن. ئاق دىۋە بىلەن جەڭ قىلىپ ئۇنى يېڭىپ زەپەر بىلەن قايتىپ كېتەيلى.

  -ئەي باتۇرۇم –دىدى ئەۋلاد جاۋاپ بېرىپ   -ئاق دىۋە بىلەن كىچىدە جەڭ قىلىش خەتەرلىكتۇر.ئۇ سەندىن خاۋاتىرلىنىپ كېچىسى بەكمۇ ھۇشيار تۇرىدۇ.كۈندۈزى ئاپتاپ كۆتۈرۈلگەندە بولسا كۆزىنى ئۇيقۇ بېسىپ ئۇخلاشقا كىرىپ كېتىدۇ.ھازىر تېخى تاڭ ئاتمىغان ۋاقىت ئىكەن.يەنە بىراز ۋاقىت سەۋر قىلغىن .قۇياش ۆتۈرۈلۈپ مەن دىگەن پەيت  يىتىپ كەلگەندە ھۇجۇم قىلساڭ  چوقۇم زەپەر قازىنىسەن.

شۇنىڭ بىلەن رۇستەم جەڭ قىلىشقا ئالدىرىمىدى. ئۇلار بىر پىنھان جايدا ئاپتاپ كۆتۈرۈلگەنگە قەدەر ساقلاپ تۇرۇشتى .پەيت يىتىپ كەلگەندە رۇستەم ئەۋلادنى يەنە بىر دەرەخكە باغلاپ قويۇپ تۇلپارغا مىنىپ ،جەڭ قۇراللىرىنى ئېلىپ ئاڭلىغۇچىلارنىڭ يۈرىكى يېرىلغۇدەك دەھشەتلىك نەرە تارتىپ دىۋىلەرگە ھۇجۇم باشلىدى. رۇستەم بۇ قېتىم ئالدىنقى قېتىمقىلاردىنمۇ زور جاسارەت بىلەن جەڭ قىلدى.دىۋىلەر توپ توپ بولۇپ يوپۇرۇلۇپ كەلسىمۇ رۇستەم قىلچە قورقۇپ قالماي گۈرزىسىنى چاقماقتەك تېز شىلىتپ ھەر بىر شىلتىشىدا بىر ياكى ئىككى دىۋىنى جەھەننەمگە يوللاۋەردى.دىۋىلەر ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمىدى.جەڭدىن قاچاي دىسە سەركەردىلىرى چېپىپ تاشلايتتى.قاچماي دىسە رۇستەم ئەپچىل گۈرزە سوغا قىلىپ ئەجەل شەربىتى ئىچكۈزۈپ قوياتتى. شۇڭا يە قېچقىپ كېتەلمەي يە رۇستەمگە  يېقىن كېلەلمەي چۇقان سۈرەن سېلىشىپ شىر ئەتراپىدىكى لالما ئىتلاردەك چۆگىلىشىپ يۈرىشەتتى. رۇستەمگە دۇچ كەلگەنلىرىنىڭ ئۆلگىنى ئۆلۈپ ئكلمىەەنلىرىمۇ بىر يەرلىرى سۇنۇپ ئېغىر ناكا بولۇپ قېلىشتى. رۇستەم جەڭ قىلغانچە روھلۇنۇپ دىۋىلەرنى سۈرۈپ توقاي قىلغاچ ئاق دىۋە تۇرۇۋاتقان تۈۋى يوق غار تامان ئىلگىرلىدى. تۈۋى يوق غار دىگىنى غايەت چوڭ تونۇرغا ئوخشايدىغان ئىچى قاپقاراڭغۇ، لىكىن، ئىچىدىن جەھەننەم  ئوتلىرىنىڭ تەپتىدەك ناھايىتى قىزىق تەپ ئۆرلەپ تۇرىدىغان بىر غار ئىدى.ئىچىگە قارىسا قاراڭغۇلۇقتا  بىرمۇ دىۋە كۆرۈنمەيتتى.رۇستەم ھەيرانلىقتا  نىمە قىلارنى بىلەلمەي بىردەم تۇرۇپ قالدى. قاچاي دىسە تېخى،كىرىپ ئۇرۇشاي دىسە تېخى .

ئۇ ئاخىر ئۇرۇشماقنى نىيەت قىلدى.بۇ يەرگە كەلگۈچە ئاز رىيازەت تارتتىمۇ؟نەچچە ۋاقىتتىن بېرى ھىچكىم ھىچنىمىدىن قورقماي جەڭ قىلىپ ئەمدى قارڭغۇ ۋە قىزىق بىر غاردىن قورقۇپ قايتىپ كەتسە نامىغا ئۇيات ئەمەسمۇ؟ رۇستەم  كۆرۈش سەزگۈسىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن سوغاق سۇ تېپىپ يۈزىنى يۇيدى،كۆزلىرىنى ئۇۋۇلىدى.ئاندىن ئۆزىنى رۇسلاپ غارنىڭ ئىشىكىنى تېپىپ غارغا ئىچكىرىلەپ كىردى.ئۇ قاراڭغۇلۇقتا يۈرىكىنى قاتۇرۇپ ئىلگىرلىدى.كۆزىمۇ بارغانچە قاراڭغۇلۇققا ماسلىشىپ غار ئىچىنى غۇۋا كۆرۈشكە باشلىدى. بىر كەمدە ئالدىغا غار يولىنى توغرىسىغا توسۇپ ئۇخلاپ ياتقان تاغدەك بىر گەۋدە دۇچ كەلدى.ئۇنىڭ تېنى تۈندەك قارا،ئەمما چېچى سۈتتەك ئاق ئىدى. ئۇ شۇنداق چوڭ دىۋە بولغاچ غۇلىچىنى كەرسە پۈتۈن جاھان قۇچۇقىغا پاتقۇدەك دىگەنلەرنى ئويلىدى رۇستەم. رۇستەم باتۇر بولغاندىمۇ مەرت باتۇر ئىدى.بۇ دىۋىنى شۇنداق ئۇخلاۋاتقان ھالىچە ئۆلتۈرىۋەتكەن بولسا  ئىش ئاسانلا تۈگەيتتى. لىكىن بۇنداق قىلسا رۇستەمنىڭ مەردانىلىكىگە ۋە ئۇلۇغ نامىغا داغ يېتەتتى. شۇڭا ئۇ ئۆزىنى رۇسلىۋېلىپ دىۋىنى ئويغاتماق ئۈچۈن قاتتىق ئاۋازدا نەرە تارتتى. دىۋە چۆچۈپ ئويغاندى ۋە ئالدىدا گۈرزە تەڭلەپ تۇرغان رۇستەمنى كۆرۈپ دەرھال جەڭ باشلاپ رۇستەمنىڭ ئۈستىگە خۇددى قارا تاغدەكلا تاشلاندى. رۇستەم ئۇنىڭدىن چاققانلىق بىلەن ئكزىنى قاچۇردى.دىۋە تۆمۈردىن كۇلاھ كىيىپ تۆمۈر قالقان تۇتقان ئىدى. ئۇ  ئىككىنچى قېتىم  قولىغا تۈگمەن تېشىدەك چوڭ تاشتىن بىرنى ئېلىپ ، ئۇنىڭ بىلەن رۇستەمنى يانچىۋەتمەكچى بولغاندەك رۈستەم تەرەپكە بۇلۇتتەك سۈرۈلۈپ كەلدى.رۇستەمنىڭ بۇ دەھشەتلىك ھۇجۇمدىن يۈرىكى جىغىلداپ كەتتى.تېنىنى سۈر بېسىپ جېنى تۇمشۇقىغا كەلگەندەك تۇيۇلۇپ كەتتى.لىكىن بۇنداق بولسا بولمايتتى.رۇسەم ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ  ئۆتكۈر  زۇلپىقارىنى چىقىرىپ ھەيۋەتلىك شىر كەبى قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتۈپ دىۋىنىڭ دەل بېلىنى مۆلچەرلەپ قىلىچ ئۇردى. بۇ دىۋە ناھايىتى ئىگىز بولغاچقا رۇستەم ئۇنىڭ ئۈستى تەرەپكە ھۇجۇم قىلالمايتتى.بۇن قىلىچ زەربىسىدىن دىۋىنىڭ بىر پۇتى بىلەن يانپىشىنىڭ گۆشى ئۈزۈلۈپ چۈشتى.شۇنداقتىمۇ يىڭىلگىنىگە تەن بەرمەي جاراھىتى بىلەن ئېلىشىۋەردى.ئۇلارنىڭ بىرى قانخور شىردەك،يەنە بىر قۇترىغان پىلدەك بىر بىرىدىن يانماي دەھشەت ئېلىشىۋەردى.بىر چاغدا دىۋە گەۋدىسىنىڭ يوغانلىقى ۋە كۈچىنىڭ كۆپلىكىدىن پايدىلىنىپ رۇستەمنى ئۇرۇپ يىقىتىش قەستىدە ئۇنىڭ گەدىنىدىن مەھكەم سىقىۋالدى. رۇستەممۇ بوش كەلمەي دىۋىنىڭ بەدىنىگە ھەدەپ ئايىماي قىلىچ ئۇرۇپ  گۆشلىرىنى بىر- بىرلەپ تىتىپ تاشلاشقا كىرىشتى.دىۋىنىڭ چېچىلغان گۆشلىرى ۋە تۆكۈلگەن قانلىرىدىن ھەممە ياق پاتقاق  بولۇپ كەتتى.

شۇ پەيتتە رۇستەم ئويلايتتى:‹‹ بۇ قېتىمقى جەڭدىن ئامان ئىسەن يىڭىپ چىقالىسام دۇنيادا ئىككىنچى چوڭ رەقىبىم قالمايدۇ.قىسمىم ئەبەدى زاۋاللىق كۆرمەس ئىدى›› .دىۋە سەپىدمۇ  خېلى ھالسىزلانغان بولۇپ جېنىدىن ئۈمىدىنى ئۈزۈپ رۇستەمدىن قانداق قۇتۇلۇش ھەققىدە خىيالغا پېتىپ قالغان ئىدى: ‹‹ناھايەت،كۈچلۈك رەقىپكە دۇچ كېلىپ قاپتىمەن.  بۇ جەڭ نەتىجىسىدە ھايات قېلىشتىن كۆرە ئۆلۈپ كېتىش ئېھتىماللىقىم چوڭ تۇرىدۇ.ئەگەر بۇ پالۋان مىنى ئۈزۈلگەن ئايىقىم ۋە ئېغىر يارىلانغان تېنىم بىلەن قويۇپ بەرسە ئىدى.باشقىلارنىڭ نىمە دەپ مازاق قىلىشى،نىمە دەپ ئەيىپلىشىدىن قەتئى نەزەر مىنۇت توختىماستىن قېچىپ كېتەر ئىدىم.›› ئاق دىۋە ئەنە شۇنداق ئويلاردا بولۇپ سۇنۇق كۆڭلىگە تەسكىن بەرگەچ  ئېلىشىشنى داۋام قىلماقتا ئىدى.

دىۋىدىن ئېرىق بولۇپ قىزىل قانلار،رۇستەمدىن مىش-مىش تەر تامچىلىرى  شۇرۇلدپ ئېقىپ تۇراتتى. ھەر ئىككىلىسى بىر بىرىنى قويۇۋەتمەي ئۇزۇن ۋاقىتلارغىچە ئېلىشتى. رۇستەم ھىچقاچان بىرى بىلەن بۈگۈنكىدەك ئۇزۇن ئېلىشىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئېلىشقانسېرى دىۋىگە بولغان غەزەپ نەپرىتى قايناپ تېشىشقا باشلىدى

ئۇنىڭ چېكىگە يەتكەن غەزەپ نەپرىتى ۋەخۇدانىڭ مەدىتى قوشۇلۇپ بەدىنىدە تەڭداشسىز كۈچ پەيدا بولدى.شۇنىڭ بىلەن ئۇ  ئاقدىۋىنى دىۋىنى دەس كۆتۈرۈپ بېشىدىن ئايلاندۇرۇپ يەرگە ئۇردى.ئاق دىۋە خۇددى تاغ ئاغدۇرۇلغاندەك بولۇپ گۈلدۈرلەپ يەرگە چۈشۈپ تىن تارتماي ئۆلدى.رۇستەم دەرھال خەنجىرىنى چىقىرىپ ئالدى بىلەن دىۋىنىڭ بېشىنى كېسىۋالدى،ئاندىن كاۋۇسقا دورىلىق قىلىش ئۈچۈن ئاق دىۋىنىڭ كۆكرىكىنى يېرىپ جىگىرىنى سۇغۇرىۋالدى.غاردا ئۇنىڭ بىلەن قارشىلاشقۇدەك باشقا لەشكەر دىۋە قالمىغاچقا غاردىن يېنىپ چىقىپ سىرتتا تۇرغان دىۋىلەرگەئاق دىۋىىنىڭ بېشىنى كۆرسەتتى.نۇرغۇن دىۋىلەر ئاق دىۋىنىڭ بېشىنى كۆرۈپ رۇستەمگە قول قويۇپ ئەل بولدى.

رۇستەم ئاق دىۋىنى ئۆلتۈرۈپ بولغاندىن كېيىن غاردىن قايتىپ چىقىپ ئەۋلادنى باغلاپ قويغان يەرگە يىتىپ كەلدى.ئالدى بىلەن ئەۋلادنى باغلاقتىن ئازاد قىلدى.كاۋۇسنىڭ كېسىلىنىڭ تېزراق شىپا تېپىشىنى نەزەرگە ئېلىپ ئەۋلادنى كاۋۇسنىڭ يېنىغا دورىلىق دىۋە جىگىرىنى يەتكۈزۈپ بېرىشكە ئەۋەتمەكچى بولدى.ئەۋلاد سەپەرگە مېڭىش ئالدىدا رۇستەمگە مۇنداق دىدى:

  -ئەي كۈچلۈك شىر،جاھاننى تىغ بىلەن باش ئەگدۈرگەن ئەر،تىنىمدە تا ھازىرغىچە سەن باغلىغان ئارقاننىڭ جاراھەت ئىزى بار،بۇ سەۋەپلىك تېنىم تازا ساق بولمىسىمۇ مىنى ئىزگۈ ئىشقا چىللىغىنىڭ،دىلىمنى ئۈمىد نۇرى بىلەن نۇرلاندۇرغىنىڭ ئۈچۈن سەن ئۈچۈن جېنىمنى تەسەددۇق قىلىشقا ،ئۇلۇغ كۈرەشلىرىڭ يولىدا مادارىمنىڭ يېتىشىچە ياردەمدە بولۇشقا تەييارمەن.لىكىن ‹‹يولۋاس ئىزىدىن قايتماس،يىگىت سۆزىدىن››دىگەن ماقال مەزمۇنى ھەققى ھۆرمىتى ئىش ئاخىرلاشقاندىىن كېيىن ۋەدەڭدە تۇرۇپ مېنى ئازاد قىلغىن،ھايات چىرىقىمنى ئۆچۈرمىگىن.

-سەن خاتىرجەم بول   -دىدى رۇستەم جاۋابەن   -مەن ئۈچۈن قىلغان خىزمىتىڭ يەردە قالمايدۇ.بۇ يەردىكى ئىشلار تۈگەپ مازەندىران شاھىنى تەخىتتىن چۈشۈرگىنىمدىن كېيىن سېنى ئۇنىڭ ئورنىغا تەختكە چىقىرىپ پۈتۈن مازەندىران يېرىنى سېنىڭ باشقۇرۇشىڭغا بېرىمەن.ئۇنىڭغىىچە نۇرغۇن ئىشلارنى قىلىشقا، مازەندىران شاھى لەشكەرلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭلەرنى قىلپ ئۇنىڭ قارا تېنىنى قارا يەر قوينىغا تىقىشقا توغرى كېلىدۇ.كېيىنكى ئىشلىرىمىزنىڭ ئىگىز پېسى تۈگىگۈچە سەۋر قىلىپ خىزمىتىمىزنى ياخشى قىلىشىڭ كېرەك.

شۇ سۆزلەردىن كېيىن ئەۋلاد دىۋە جىگىرىنى ئېلىپ ئالدىدا يولغا چىقتى.رۇستەم بۇ يەردە بىر ئىككى كۈن تۈرۈپ قالدۇق دىۋىلەرنى ۋە باشقا ئاسى كۈچلەرنى تازىلاپ ئىرانلىقلارغا ئالىيىپ قارىيالىغۇدەك بىرەر كۈچ قالمىغاندا ئاندىن ئەۋلادنىڭ كەينىدىن يېتىشىپ بارماقچى بولۇپ قېلىپ قالدى.

رۇستەم ئەۋلاد كەتكەندىن كېيىن يەنە ئىككى كۈن تۇرۇپ دىۋە سەپىدنىڭ ماكانىدىكى (تۈۋى يوق غار ئەتراپىدىكى) نۇرغۇن قالدۇق دۈشمەنلەر بىلەن جەڭ قىلدى.بىرمۇ دىۋىنىڭ قېچىپ كېتىشىگە يول قويماي ئۆلتۈرىدىغاننى ئۆلتۈرۈپ، ئۆلمەي تەسلىم بولغانلىرىنى ئەسىر ئېلىپ، بۇ يەرنى تامامەن تىنجىتتى.ئەسىر چۈشكەنلەردىن ئىككىنچىلەپ يۈز ئۆرۈمەسلىك ،مازەندىران يېڭى شاھىنىڭ ھۆكمىرانلىقىغا تامامەن بويۇن سۇنۇش توغرىسىدا ۋەدىلەرنى ئېلىپ ئاندىن ئۇلارنى قويۇۋەتتى.

ئەمدى ئەۋلادقا كەلسەك ئۇ ئاق دىۋىنىڭ جىگىرىنى ئېلىپ،يوللاردا قارشىلىشىدىغان دىۋىلەر قالمىغاچقا  تېز يول يۈرۈپ نەچچە كۈن دىگەندە ئىسپەرۇز شەھىرىگە يېتىپ كەلدى.كېلىپلا كاۋۇس بىلەن كۆرۈشۈپ  رۇستەمنىڭ سالىمىنى  ۋە زەپەر خەۋىرىنى يەتكۈزگەچ ئېلىپ كەلگەن دىۋە جىگىرىنى تاپشۇرۇپ بەردى.

كاۋۇس خوشال بولۇپ رۇستەمنى ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي ماختاپ كەتتى:

  -رۇستەم ھەقىقەتەن زامانىمىزنىڭ باتۇر داستانى،ئالەمدە تەڭدىشى يوق پالۋان  ئىكەن.ئۇنىڭدەك ئوغۇلنى تاپقان ۋە تاربىيەلەپ ئۆستۈرگەن ئاتا- ئانىسىنىڭ بېشىغا خۇدا نۇر ئاتا قىلسۇن.باتۇر زال زەرگە تۈمەن مىڭ ئاپىرىن ئۇمۇ تەڭداشسىز باتۇر ۋە كەم تېپىلىدىغان دانىش بولغاچقا زابۇلىستان زىمىنىنى ھىچقانداق زىيان زەخمەتسىز تۇتۇپ تۇرۇۋاتىدۇ.ھىچقانداق كۈچ ئۇلارغا قارشى چىقىشقا پېتىنالمايدۇ.ھەتتا بىزمۇ بېشىمىزغا كۈن چۈشۈپ دۈشمەن بىلەن تەڭ بولالمىغاندا ئۇلاردىن مەدەت تىلەيمىز.ئۇلار ھەقىقەتەن تەڭرى بىزگە ئاتا قىلغان قۇدرەتلىك قۇتقازغۇچى نىجاتكار...

كىيىن شاھنىڭ پەرمانىغا بىنائەن شاھنىڭ خاس كىشىلىرى ئاق دىۋىنىڭ جىگىرىدىن قان چىقىرىپ ( قان داغلىرىنى) كاۋۇسنىڭ كۆزلىرىگە سۈردى ئارقىدىن جىگەرنى پىشۇرۇپ شورپىسىنى ئىچۈرگەچ ئۇنى يىگۈزدى.دانىشمەن تىۋىپلارنىڭ ئېيتقىنىدەك كاۋۇس بىر كېچە ئۇخلاپ سەھەردە كۆزىنى ئاچقىنىدا ھەقىقەتەن كارامەت يۈز بەرگەن بولۇپ كاۋۇسنىڭ كۆرۈش قۇۋۋىتى تامامەن ئەسلىگە كەلگەن ئىدى.كاۋۇسنىڭ بۇ چاغدىكى خوشاللىقىنى تىل بىلەن تەسۋىرلىەىلى بولمايتتى.ئەگەر شۇ چاغدا رۇستەم ئۇلارنىڭ يېنىدا بولغىنىدا ئىدى بەلكىم كاۋۇس ئۇنىڭ بوينىغا ئېسىلىپ چىڭ قۇچاقلىغاچ كۆزلىرىدىن ياش تۆكۈپ تۈرۈپ ھېساپسىز رەھمەتلەرنى ئېيتقان بولار ئىدى.

ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتكەندە رۇستەممۇ قايتىپ كەلدى.ئىران شاھى كاۋۇس پۈتۈن لەشكەرلىرى سەركەردىلىرى بىلەن  بەش پەرسەڭ يەرگىچە ئالدىغا چىقىپ، ناغرا دۇمباقلارنى  ئالەمنى چاڭ كەلتۈرگۈدەك چېلىپ ،زور داغدۇغا بىلەن قارشى ئېلىپ ئېزىز مىھمان سۈپىتىدە شەھەرگە ئېلىپ كىردى.كاۋۇس رۇستەمنى ئاج ياغىچىدىن قىلىنغان ھەشەمەتلىك تەختىگە تەكلىپ قىلىپ يېنىدىن جاي بېرىپ ئولتۇرغۇزۇپ ئۇنىڭغا نەچچە كۈن بۇرۇن يۈزتۇرانە ئېيتالمىغان رەھمەت بارىكاللىلىرىنى قايتا ئىزھار قىلىۋالدى.ئاندىن رۇستەمنىڭ ۋە ئۆزلىرىنىڭ غەلىبىلىرىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن ناھىت چوڭ كۆلەملىك شاتلىق بەزمىسى ئورۇنلاشتۇرۇپ بۇ بەزمىگە مازەندىراننىڭ ئەڭ كاتتا ناخشىچى،ئەڭ ئۇز ئۇسۇلچىلىرى ۋە  ماھىر سازەندىلىرىنى چاقىرتىپ كىلىپ  قاتناشتۇرۇپ،ئەڭ ئىسىل مەي شاراپلاردىن ئىچىشىپ توپتوغرا بىر ھەپتە بەزمە قىلىشتى.

بىر ھەپتىدىن كېيىن ھەممىسى سەپەر ئېتىنى مىنىپ ،جەڭ قوراللىرىنى ئېلىپ،ئىسپەرۇزدىكى ۋە تۈۋى يوق غاردىكى جەڭلەردە ئەسىرگە چۈشۈپ ئەل بولغان نەچچە تۈمەن لەشكەر بىلەن  قوشۇنلىرىنى تولۇقلاپ ئاتلىرىنى كىشنىتىپ،تۇغ ئەلەملىرىنى لەپىلدىتىپ،ناغرا -دۇمباقلىرىنى راسا ياڭرىتىپ پۈتۈن ئالەمنى بويسۇندۇرغۇدەك زور جاسارەت بىلەن مازەندىران شاھى ھۆكۈم سۈرىۋاتقان مازەندىران شەھىرىنى ئىشغال قىلىشقا، پادىشاھىنى دارغا ئېسىپ نەچچە ۋاقتىن بېرى قىلغان ئەلەملىرى ئۈچۈن بەدەل تۆلىتىپ  قانلىق قىساسىنى تامامەن ئېلىش ئۈچۈن ھەربى يۈرۈش باشلىدى.بۇ بىر رەھىمسىز ھەربى يۈرۈش بولدى.قوشۇن يۈرۈش قىلىش  جەريانىدا مەيلى يېزا،مەيلى شەھەرلەردىن ئۆتسۇن ئۇچرىغانلا ئادەمنى مەيلى لەشكەر مەيلى پۇقرا بولۇشىدىن قەتئى نەزەر بىرنى قويماي ئۆلتۈرۈپ ئېرىق ئېرىق قانلارنى ئاققۇزۇپ، قانچىلىغان بىگۇناھ پۇقرانىڭ جېنىغا زامىن بولۇپ كۆزلەردىن ياش ئورنىغا قانلارنى ئاققۇزۇپ مېڭىشتى.كېيىن رۇستەم شاھقا نەسىھەت قىلىپ پۇقرانى ئۆلتۈرمەسلىككە داللالەت قىلغاندىن كېيىنلا پۇقرانى ئۆلتۈرۈش ۋە بۇلاڭ تالاڭ قىلىش توختۇتۇلدى.ئۇلار مازەندىران شەھىرىگە يېقىنلىشىپ كەلگەن بىر كۈنى ئۇلار ھەممىسى چوڭ بىر دالىدا توختاپ، چېدىر تىكىشىپ ھەربى  بارگاھلىرىنى قۇرۇشۇپ ئارام ئېلىشقا چۈشتى. شۇكۈنى كەچ كاۋۇسنىڭ ھوزۇرىدا لەشكەر باشلىقلىرى،ئاقىل ئۆلىمالار،ھەربى مۇشاۋۇرلار ۋە بەگ تۆرىلەر يىغىلىشىپ ھەربى كېڭەش قىلىشتى.كېڭەشتە شۇنداق قارارغا كېلىشتى:‹‹شاھنىڭ قىساس پەرمانىغا بىنائەن، قوشۇنىمىزغا قارشىلىق قىلغان سانسىز لەشكەر ۋە پۇقرا ئۆلتۈرۈلۈپ يېتەرلىك قىساس ئېلىندى.ئەمدى پۇقراغا قارىتىلغان ھەرقانداق شەكىلدىكى  قىرغىنچىلىق توختۇتۇلسۇن.ئەمدى مازەندىران شەھىرىگە ئۇدۇللا باستۇرۇپ كىرمەي ئاۋال باتۇر ۋە ئاقىل بىر كىشىنى ئەلچى قىلىپ سايلاپ مازەندىران شاھى ھوزۇرىغا كىرگۈزۈلسۇن.ئۇنى ئۇلۇغ لەشكىرىمىزگە قارشىلاشماي بويۇن سۇنۇشقا ،بارلىق ھوقۇقلىرىنى ۋە لەشكەر مال دۇنيالىرىنى تاپشۇرۇش ھېسابىغا جېنىنى ئامان قويۇپ دەرىجىسىنى پۇقرالىققا چۈشۈرۈپ باشقا ئىشەنچلىك كىشىنى شاھلىققا بەلگۈلەش ›› توغرىسىدا قارار چىقىرىلدى.بۇ ئەلچىلىككە كۆپچىلىك باتۇر رۇستەمنى بىردەك توغرا تېپىپ ئۇنى ئەتىگەنلىككە مازەندىران شاھى يېنىغا  ئەلچىلىككە يولغا سالماقچى بولۇشتى.

مازەندىران شاھىغا يېزىلغان خەت

  ئاق شايىغا قارا سىياھ بىلەن  مەخسەد مۇددىئالار،ئۈمىد،تەلەپ،ۋە نەسىھەتلەر يېزىلىپ، مازەندىران شاھىغا ئەۋەتىدىغانغا مەكتۈپ تەييارلاندى.بۇ ىتنى يېزىشقا مىرزىلارنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى تاللاندى،يېزىل بولۇنغاندىن كېيىنمۇ بىرەر خاتالىق ساقلىىپ قالمىغاي دەپ قايتا –قايتا ئوقۇپ تۈزىتىلدى.ىەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:

پۈتكۈل ئالەمنى يارىتىپ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن ،ھاجەتتىن نىئمەتكىچە تەڭپۇڭ ياراتقان ئول ئادىل تەڭرىگە مىڭ-مىڭ ئاپىرىن. ئۇ بىزگە ئەقىل ۋە ھۈنەر ئاتا قىلدى.سامانى قۇياش،ئاي،ۋە يۇلتۇزلىرى بىلەن بىزەپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا ئادەملەرگە ئۆز رولىدىن خىزمەتلەرنى قىلىشنى بەلگىلىدى. ئاللاھ ئىگەم بىز ئىنسانلارنى ئوىشاش شەكىل،لىكىن ئوخشاش بولمىغان ياخشى-يامان راي ئادەتلەر بىلەن ياراتتى.ئەي مازەندىران شاھى،ياخشىلىقنى دوست تۇت،يامانلىقتىن قول ئۈز. ئاللاھ ئىگەم ياخشى ئىنسانلارنى دوست تۇتقۇچىدۇر. ئەگەر سەن يامان ئىش- ھەركەتلەرنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىلىپ بەتقىلىقلىق قىلساڭ پەلەكتىن بېشىڭغا مىڭلاپ بالا- قازا يېغىپ دەردىڭگە داۋا تېپىلمايدۇ.ئەگەر ئادىل پادىشاھ بولۇپ قانۇنۇڭنى ئادىل يۈرگۈزسەڭ،بۇيرۇقۇڭ ھەممە كىشىگە بىردەك ئۆتەر.قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە تەڭرى كاساپەتلەرگە،قانخور ياۋۇزلارغا  خويمۇ ئوبدان جازا بېرىپ كەلدى.يامانلىقتىن قول ئۈزمگەن، ئىنسانلارغا ئاپەت ياغدۇرغان دىۋىلەر توپ-توپ بولۇپ ئۆلۈپ تۈگىدى.ئەگەر سېنىڭ پەلەك ئىشلىرىدىن خەۋىرىڭ بولسا  بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭدا ئەقىل پاراسىتىڭگە تايىنىپ ئىش ئېلىپ بېرىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەمدى ئاساسى مەقسەدكە كەلسەك،  داۋاملىق ئۇرۇش قىلىمىزمۇ ياكى ئۇرۇش توختۇتىمىزمۇ؟  سېنىڭ شاھلىق ئورنۇڭ مەسىلىسىنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز ؟دىگەن ئىككى مەسىلىدە پىكرىڭنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەقىللىق چاپاردىن بۇ مەكتۇپنى ئەۋەتتىم.ئەگەر سۆھبەتكە مەيلىڭ بولسا ئىككىنچى قېتىم مەن ساڭا ئاق دىۋىنى ۋە ئاسى قوشۇنلىرىڭنى تەنھا يالغۇز  مەغلۇپ قىلالىغان تەھەمتەن باتۇرۇم رۇستەمنىڭ ئۆزىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىمەن. ئۇنىڭغا ھىچكىم قارشىلىق ۋە دوق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.شەرتىم شۇكى ئەگەر، داۋاملىق شاھلىق ئورنۇمنى ساقلاپ قالاي،ئۆز دىيارىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۆزۈمگە قالسۇن دېسەڭ،دەرھال بىزگە ئەل بولۇپ بۇندىن كېيىن مېنىڭ باشقۇرۇشۇمنى قوبۇل قىلىسەن،ھەر يىلى كىلىشىم بويىچە ۋاقتى-ۋاقتىدا  باج -خىراج تاپشۇرۇپ تۇرىسەن.ئەگەر شەرتىمىزنى قوبۇل قىلماي،بىز بىلەن ئاخىرغىچە ئۇرۇش قىلىشنى نىيەت قىلساڭ ئۇنىڭغىمۇ مەيلى، ئاق دۋىنىڭ ئاقىۋىتى سېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.پەرۋانە ئوتقا ئۆزىنى ئۈرۈپ ‹‹كۆيۈپ ئۆلىمەن›› دەپ تۇرۇۋالسا ئۇنىڭغا چىراقكەشنىڭ نىمە چارىسى بولسۇن.

خەت پۈتكەندىن كېيىن كاۋۇس ئۇنىڭغا مۆھرىنى باستى.باتۇرلارنىڭ ئارىسىدىن پەرھاد ئىسىملىك ئەقىللىق ،زېرەك،ھەممە ئىشقا قادىر،ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش تۇتۇشنى بىلىدىغان،كىشىنىڭ چىرايىغا قاراپلا كۆڭلىدە نىمە بولسا پەملىۋالالايدىغان يىگىتنى چاقىرىپ كىرىپ خاس چاپارلىققا بەلگۈلىدى.ئاندىن   ئۇنىڭغا مەكتۇپنى تۇتقۇزۇپ تاپىلايدىغان مۇھىم ئىشلارنى ئېسىگە سېلىپ قويۇپ مازەندىران شاھى يېنىغا ئەۋەتتى.

مازەندىران شاھىنىڭ پايتەخت قىلغان شەھىرىنىڭ نامى نەرمپاي ئىدى.پەرھاد شاھ سوغا قىلغان تۇلپار دەك چاپقۇر ئېتىنى بوراندەك تېز چاپتۇرۇپ ئاخىر نەرمپاي شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.

مازەندىران شاھىغا يېزىلغان خەت

  ئاق شايىغا قارا سىياھ بىلەن  مەخسەد مۇددىئالار،ئۈمىد،تەلەپ،ۋە نەسىھەتلەر يېزىلىپ، مازەندىران شاھىغا ئەۋەتىدىغانغا مەكتۈپ تەييارلاندى.بۇ خەتنى يېزىشقا مىرزىلارنىڭ ئەڭ ئەقىللىقى تاللاندى،يېزىل بولۇنغاندىن كېيىنمۇ بىرەر خاتالىق ساقلىىپ قالمىغاي دەپ قايتا –قايتا ئوقۇپ تۈزىتىلدى.ىەتنىڭ ئاساسى مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:

پۈتكۈل ئالەمنى يارىتىپ يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرگەن ،ھاجەتتىن نىئمەتكىچە تەڭپۇڭ ياراتقان ئول ئادىل تەڭرىگە مىڭ-مىڭ ئاپىرىن. ئۇ بىزگە ئەقىل ۋە ھۈنەر ئاتا قىلدى.سامانى قۇياش،ئاي،ۋە يۇلتۇزلىرى بىلەن بىزەپلا قالماي، يەنە ئۇلارغا ئادەملەرگە ئۆز رولىدىن خىزمەتلەرنى قىلىشنى بەلگىلىدى. ئاللاھ ئىگەم بىز ئىنسانلارنى ئوىشاش شەكىل،لىكىن ئوخشاش بولمىغان ياخشى-يامان راي ئادەتلەر بىلەن ياراتتى.ئەي مازەندىران شاھى،ياخشىلىقنى دوست تۇت،يامانلىقتىن قول ئۈز. ئاللاھ ئىگەم ياخشى ئىنسانلارنى دوست تۇتقۇچىدۇر. ئەگەر سەن يامان ئىش- ھەركەتلەرنى ئۆزۈڭگە ئادەت قىلىپ بەتقىلىقلىق قىلساڭ پەلەكتىن بېشىڭغا مىڭلاپ بالا- قازا يېغىپ دەردىڭگە داۋا تېپىلمايدۇ.ئەگەر ئادىل پادىشاھ بولۇپ قانۇنۇڭنى ئادىل يۈرگۈزسەڭ،بۇيرۇقۇڭ ھەممە كىشىگە بىردەك ئۆتەر.قەدىمدىن تارتىپ تا ھازىرغىچە تەڭرى كاساپەتلەرگە،قانخور ياۋۇزلارغا  خويمۇ ئوبدان جازا بېرىپ كەلدى.يامانلىقتىن قول ئۈزمگەن، ئىنسانلارغا ئاپەت ياغدۇرغان دىۋىلەر توپ-توپ بولۇپ ئۆلۈپ تۈگىدى.ئەگەر سېنىڭ پەلەك ئىشلىرىدىن خەۋىرىڭ بولسا  بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىڭدا ئەقىل پاراسىتىڭگە تايىنىپ ئىش ئېلىپ بېرىشىڭنى تەۋسىيە قىلىمەن.

ئەمدى ئاساسى مەقسەدكە كەلسەك،  داۋاملىق ئۇرۇش قىلىمىزمۇ ياكى ئۇرۇش توختۇتىمىزمۇ؟  سېنىڭ شاھلىق ئورنۇڭ مەسىلىسىنى زادى قانداق بىر تەرەپ قىلىمىز ؟دىگەن ئىككى مەسىلىدە پىكرىڭنى بىلىپ بېقىش ئۈچۈن ئالدى بىلەن ئەقىللىق چاپاردىن بۇ مەكتۇپنى ئەۋەتتىم.ئەگەر سۆھبەتكە مەيلىڭ بولسا ئىككىنچى قېتىم مەن ساڭا ئاق دىۋىنى ۋە ئاسى قوشۇنلىرىڭنى تەنھا يالغۇز  مەغلۇپ قىلالىغان تەھەمتەن باتۇرۇم رۇستەمنىڭ ئۆزىنى ئەلچى قىلىپ ئەۋەتىمەن. ئۇنىڭغا ھىچكىم قارشىلىق ۋە دوق قىلىشقا جۈرئەت قىلالمايدۇ.شەرتىم شۇكى ئەگەر، داۋاملىق شاھلىق ئورنۇمنى ساقلاپ قالاي،ئۆز دىيارىمنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ئۆزۈمگە قالسۇن دېسەڭ،دەرھال بىزگە ئەل بولۇپ بۇندىن كېيىن مېنىڭ باشقۇرۇشۇمنى قوبۇل قىلىسەن،ھەر يىلى كىلىشىم بويىچە ۋاقتى-ۋاقتىدا  باج -خىراج تاپشۇرۇپ تۇرىسەن.ئەگەر شەرتىمىزنى قوبۇل قىلماي،بىز بىلەن ئاخىرغىچە ئۇرۇش قىلىشنى نىيەت قىلساڭ ئۇنىڭغىمۇ مەيلى، ئاق دۋىنىڭ ئاقىۋىتى سېنى كۈتۈپ تۇرۇپتۇ.پەرۋانە ئوتقا ئۆزىنى ئۈرۈپ ‹‹كۆيۈپ ئۆلىمەن›› دەپ تۇرۇۋالسا ئۇنىڭغا چىراقكەشنىڭ نىمە چارىسى بولسۇن.

خەت پۈتكەندىن كېيىن كاۋۇس ئۇنىڭغا مۆھرىنى باستى.باتۇرلارنىڭ ئارىسىدىن پەرھاد ئىسىملىك ئەقىللىق ،زېرەك،ھەممە ئىشقا قادىر،ۋەزىيەتكە بېقىپ ئىش تۇتۇشنى بىلىدىغان،كىشىنىڭ چىرايىغا قاراپلا كۆڭلىدە نىمە بولسا پەملىۋالالايدىغان يىگىتنى چاقىرىپ كىرىپ خاس چاپارلىققا بەلگۈلىدى.ئاندىن   ئۇنىڭغا مەكتۇپنى تۇتقۇزۇپ تاپىلايدىغان مۇھىم ئىشلارنى ئېسىگە سېلىپ قويۇپ مازەندىران شاھى يېنىغا ئەۋەتتى.

مازەندىران شاھىنىڭ پايتەخت قىلغان شەھىرىنىڭ نامى نەرمپاي ئىدى.پەرھاد شاھ سوۋغا قىلغان تۇلپار دەك چاپقۇر ئېتىنى بوراندەك تېز چاپتۇرۇپ ئاخىر نەرمپاي شەھىرىگە يىتىپ كەلدى.

‹‹نەرمپاي›› دىگەن نام توغرىسىدا مۇنداق ئىزاھات بار.بۇ يەرنىڭ كىشىلىرى بەكمۇ ئاچچىقى يامان چۇس مىجەز  كىشىلەر بولۇپ ئاچچىقى كېلىپ قالسا پولاتنىمۇ چايناپ تاشلىشاتتى،ئاياغلىرى سۆڭەكسىز ۋە تاسمىلىق ئىدى.شۇڭا بۇ يەرنىڭ كىشىلىرىنى نەرمپايلىقلار دەپ ئاتىشىپ لەقەم قىلىشىۋالغان ئىدى.مازەندىران شاھى مانا شۇنداق بىر جاينى ماكان قىلغان بولۇپ بۇ يەرنىڭ كىشىلى باتۇر ۋە ئۇرۇشخۇمار ئىدى. جىدەل ماجراغا خۇشتار ئىدى.

پەرھاد شاھ ھوزۇرىغا تەرەپپاللا كىرمەستىن ئالدى بىلەن بىر كىشىنى شاھ ھوزۇرىغا خەۋەرچىلىككە  كىرگۈزۈپ ئۆزىنىڭ (كاۋۇس شاھنىڭ چاپارىنىڭ) كەلگەنلىكىنى خەۋەر قىلغۇزدى.مازەندىران شاھى ھىلىگەر قۇۋ ئادەم ئىدى.ئۇ ئەقىللىق چاپار  كەلگەنلىكىنى ئاڭلاپ ئالايىتەن مازەندىراننىڭ شىرى- غەررانلىرى ئارىسىدىن ئەڭ باتۇرلىرىنى ئۆزى بىر قوللۇق تاللاپ ئۇلاردىن  قوشۇن راسلىدى.ۋە ئۇلارغا شۇنداق ئەمىر قىلدى:

-دۈشمىنىمىز كاۋۇسنىڭ ئالدىدىن مەكتۇپ ئېلىپ چاپار كەپتۇ. ئۇنىڭ ئالدىدا ئۆزىمىزنى تۆۋەن تۇتساق بولمايدۇ.سىلەر ئۇنىڭ ئالدىدا ھەربى مانىۋېر شەكلىدە ئۆز ئارا جەڭ ھۈنەرلىرىنى كۆرسۈتىشىپ ،بىزدە قالتىس باتۇرلارنىڭ كۆپلۈكىنى،ھەممەيلەننىڭ ئۈستۈن جەڭ ماھارىتىگە ئىگە ئىكەنلىكىنى،جەڭدە مەن-مەن دىگەن باتۇرلارنى مات قىلالايدىغانلىقىمىزنى نامايەن قىلىڭلار. كەلگەن ھېلىقى ئەقلى كەم چاپار جاسارىتىڭلاردىن قورقۇپ قامىتى پۈكۈلۈپ كەتسۇن!

ئورۇنلاشتۇرۇشقا بىنائەن پەرھاد سوغاق كۈتىۋېلىندى. ئۇ شاھنىڭ ئالدىغا كىرگۈچە شاھ سارىيى ئالدىدا بىر بىرىگە شىر يولۋاسلاردەك ھەملە قىلىپ ئەڭ ئۈستۈن ھەربى ماھارەتلىرىنى چىقىرىپ ھەربى مەشىق قىلىۋاتقان باتۇرلارنى ئارىلاپ ئۆتتى.بۇلار گويا ھويلا ئىشىكى يېنىغا  ئۇزۇن زەنجىر بىلەن باغلاپ قويۇلۇپ ئۆيگە  كىرگەن مىھماننى سۈر باستۇرىدىغان غالجىر ئىتلارغا ئوخشاپ كەتكەن ئىدى. ئېلىشىۋاتقانلارنىڭ بەزىلىرى ئۇنى ھازىرلا چېپىپ تاشلايدىغاندەك ھەيۋە قىلىپ قورقۇتماقچىمۇ  بولۇشاتتى.ئەمما پەرھاد ھىچنىمە كۆرمىگەندەك پەرۋاسىز مېڭىۋەردى.شاھ ھوزۇرىغا كىرىپ قوبۇل قىلغۇچى ئەمەلدارلار بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا يەنە بىر باھادىر پەرھادنىڭ قولىنى شۇنداق قاتتىق سىقتىكى، ئادەتتىكى ئادەم بولغىنىدا قولىنىڭ ئالقان ئۇستىخانلىرى سۇنۇپ ‹‹ۋايداد›› سېلىپ يىغلاپ كەتكەن بولار ئىدى.لىكىن پەرھاد ئۇنداق بولمىدى،قولىنى سىقىشقا بەرداشلىق بېرىپ چىرايىنى قىلچىمۇ ئۆزگەرتمىدى.پەرھادنى شاھنىڭ يېنىغا ئېلىپ بېرىشتى.مازەندىران شاھى يول ئازابى ھەققىدە ۋە كاۋۇس شاھ ھەققىدە نۇرغۇن سۇئاللارنى سورىدى.پەرھاد ھەممىسىگە لايىقىدا جاۋاپ بەردى.كىيىن پەرھاد  كاۋۇسنىڭ نامىسىنى  ھۆرمەت بىلەن تاپشۇرۇپ بەردى.مەكتۇپ ئېچىلغان ھامان ئۇنىڭدىن خۇشبۇي مۈشىك ھىدى تارىدى.ئەمما مۇبەدلەر مەكتۇپنى ئوقۇپ بولغاندا بولسا مازەندىران شاھىنىڭ غەزىپى تېشىپ چىرايى ئاپئاق بولۇپ كەتكەن ئىدى.ئۇ شۇ غەزىپىدە پەرھادنى چايناپ پۈركىۋەتسىمۇ دەردى چىقمايتتى.لىكىن رۇستەم ئىسىگە كەلگەن ھامان ئۆزىنى تۇتۇۋېلىپ كۆزلىرىدىن قان ئاقتۇرۇپ ئوتلۇق ئاھ تارتتى.ئۇ كۆڭلىدە مۇنۇلارنى  ئويلىدى:  ‹‹كۈن ئولتۇرۇپ،كەچ كىرىپ، ھەممە يەرنى غەپلەت ئۇيقۇسى بېسىپ  تەبىئەت قوينى تىنجىسىمۇ ،ئەمما جاھان رۇستەمدىن تىنچىمايدۇ. ئۇ بۇرۇنمۇ جاھانغا تونۇلغان باتۇر ئىكەنتۇق، بۇ قېتىمقى مازەندىران جېڭىدە ئەرجەڭ دىۋىنى،ۋە ئەڭ كاتتا پالۋان دىۋە سەپىدنى مەغلۇپ قىلغىنىنى ئاڭلىسا، يەر يۈزىدىكى ھەرقانداق بىر پادىشاھ- ئۇنىڭ نامىنى ئاڭلىسىمۇ تىترەيدىغان بولۇپ كېتىدۇ.دىمەك ئۇنىڭ نامى مەڭگۈ ئۆچمەس نامغا ئايلىنىدۇ.زادى قانداق قىلسام بولۇر؟ ئۇرۇشاي دىسەم تەڭ كېلەلمەيمەن،ئۇرۇشماي دىسەم،دىۋە سەپىد،ئەرجەڭ،پۇلادى غەندىي،ۋە بېد دىۋىلەرنىڭ قىساسىنى كىمدىن ئالىمەن؟ ››

شاھ بىر قارارغا كېلەلمەي ئۈچ كۈن قاتتىق ئويلاندى،مۇبەدلىرى بىلەن مەخپى كېڭەشلەرنىمۇ قىلدى. بۇ جەرياندا پەرھاد  ئېزىز مىھمان سۈپىتىدە كۈتۈۋېلىنىپ شاھنىڭ جاۋابىنى ساقلاپ تۇردى.

تۆتىنچى كۈنى شاھ پەرھادنى  ئالدىغا چاقىرتىپ كاۋۇسنىڭ مەكتۇبىغا ئاغزىدىلا جاۋاپ بېرىپ شۇنداق دىدى:

-ئەمدى قايتىپ كەتسەڭ بولىدۇ.بېرىپ ئەقىلسىز شاھىڭغا يەتكۈز.ئۇ ھاياسىز شۇنى بىلىپ قالسۇنكى ،خىرە جام ئىچىدە مەيمۇ دۇغلۇق كۆرۈنىدۇ. مەندەك ئىنسان،جىن،دىۋە -ئالۋاستىلارغا شاھلىق قىلىۋاتقان ئۇلۇغ پادىشاھ  ئىززەت نەپسىمدىن كېچىپ، كاۋۇستەك ئادەتتىكى كىچىك دۆلەتنىڭ پادىشاھقا بويسۇنسام  قانداق بولىدۇ. مېنىڭ تەخت بارگاھىم خالىسام كۆكتە،خالىسام يەردە،ماڭا پۇقرالىق قىلىدىغان كىشىلەرمۇ كاۋۇسنىڭكىدىن نەچچە ھەسسە كۆپ،لەشكەر سىپاھلىرىمنىڭ سان ئىدىتىنى بىلمەيمەن،قانچىلىك كېرەك بولسا شۇنچىلىك چىقىرىپ جەڭگە سالالايمەن.شۇڭا كاۋۇستىن قىلچە قورقۇپ قالمايمەن.ئەگەر ئۇ ئۇرۇش قىلىشنى خالىسا مەن تەييار،شۇنداق دەھشەتلىك جەڭلەرنى قىلىپ ئىرانلىقلارنىڭ ھىچقانداق  نام نىشانىنى قويماي يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋېتىمەن. ئۇرۇشماق قەستى بولسا نېزىقاپ ئولتۇرماي تەييارلىق كۆرىۋەرسۇن.بىزمۇ ۋەتىنىمىزنى قوغداش يۈزىسىدىن، ئىرانلىقلارنى زىمىنىمىزدىن قوغلاپ چىقىرىش ئۈچۈن تۇغ ئەلەم كۆتەردۇق. بىز شىر كەبى ئاتلىقلىرىمىز بىلەن شۇنداق قاتتىق جەڭ قىلىمىزكى ئىرانلىقلار ئۇخلاۋاتقان ئۇيقۇسىدىن ئويغۇنۇپ بىزنىڭ كىملىكىمىزنى تونۇپ قالىدۇ. مەن يەنە ساڭا دەپ قوياي، قوشۇنىمدا جەڭ قىلىشقا كىرىدىغان كۈرەشچى پىلدىنلا بىرمىڭ ئىككى يۈزى بار.سەنلەردە بولسا ئۇنداق پىلدىن بىرىمۇتېپىلمايدۇ.ۋاقتى كەلگەندە چىشقاق ئاتلىرىڭ پىلنىڭ سايىسىنى كۆرگەن ھامان ئۈستىدىكى ئىگىلىرىنى ئىرغىتىپ تاشلاپ كەلگەن يېرىگە قېچىپ كېتىدۇ.بىز پىللىرىمىز بىلەن لەشكەرلىرىڭلارنى دەسسىتىپ قېنىڭلار بىلەن توپىدىن  لاي قىلىپ،بۇ لايدىن كېسەك قۇيۇپ ، سىلەر ئىككىنچى كىلەلمىگۈدەك ئىبرەت تېمى ياساپ قويىمىز!....

مازەندىران شاھى شۇنداق بىھايا ھەددىدىن ئاشقان سۆزلەرنى قىلدىكى جاۋاپنى ئاڭلىغان چاغدا كاۋۇس ۋە ئىران باتۇرلىرىنىڭ قانلىرى شۇۋۇلداپ شۇ ھامان قوشۇن تارتىپ بارغۇسى نەرمپايلىقلارنى بىرنى قويماي قىرىۋەتكۈسى كېلىپ كەتتى.

رۇستەم بۇ ئەھۋالدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن مەردانىلىق بىلەن شۇنداق دىدى:

-بۇ نۆۋەت ئۆزۈم ئەلچى بولۇپ بارىمەن.ئەلچىلىك رەسمىنى قىلغاچ ھەقىقى مەقسىدىنى ئۇقۇپ يانىمەن.ئەگەر ماڭىمۇ ئەدەپسىزلىك قىلىشقا پېتىنسا شۇ يەردىلا قىلىچىمنى قىنىدىن سۇغۇرۇپ،دۈشمەنلەر  بىلەن دەھشەتلىك جەڭ قىلىپ قارشىلىق قىلىشقا پېتىنغانلارنىڭ بىرىنىمۇ تىرىك قويمايمەن.شۇ ئارقىلىق بىزگە قىلغان ئەدەپسىزلىكى ئۈچۈن تىگىشلىك جازا بېرىمەن.بۇ قېتىم يازغام مەكتۇپتا شاھىنشاھلارغا خاس ئالماستەك ئۆتكۈر سۆزلەر ئىشلىتىلسۇن،قىلچە ئاياپ ئولتۇرۇلمىسۇن.شۇ سۆزلەرگە تاقەت قىلسا قىلدى، قىلالمىسا تەختىنىڭ ئالدىدىلا جەڭ باشلاپ نەرىمپايلىقلارغا مەن رۇستەمنىڭ كىملىكىنى ئوبدان تونۇتۇپ قويىمەن.

رۇستەمنىڭ تەلىپى، كاۋۇسنىڭ بۇيرىقى بىلەن مازەندىران شاھىغا قارىتىلغان ئىككىنچى خەت يازدۇرۇلدى.خەتنىڭ ئاساسى قىسمىدا مۇنداق سكزلەر بار ئىدى:

-كىمنىڭ ئەقلى تولۇق بولسا بىكاردىن بىكار ئۆزىگە ماس كەلمەيدىغان،شان شۆھرىتىگە ياراشمايدىغان بىھۇدە سۆزلەرنى قىلمايدۇ.يەنە بىر قېتىم ئېيتىمەنكى بويۇنتاۋلىقنى توختۇتۇپ بۇيرۇقۇمغا ئىتائەت قىلغىن! ئەگەر يامان نىيىتىڭدىن يەنىلا يانمىساڭ،بىزگە باش ئىگىشنى خالىمىساڭ مەنمۇ قوشۇن تارتىمەن.لەشكەر چېرىكلىرىم بىلەن بېشىڭغا مىڭلاپ بالالارنى سالىمەن . ئىشەنگەن تېغىڭ دىۋە سەپىدمۇ ئۆلۈپ جەسىدى قۇرۇق تاغدەك سېسىپ يېتىپتۇ.ئەگەر يەنىلا ئەقلىڭنى تاپمىساڭ سېنىڭ بېشىڭنىمۇ قاغا قۇزغۇنلار ئولجا قىلغۇسى!

رۇستەم بۇ خەتنى كۆتۈرۈپ  نەرىمپاي زىمىنىغا بارغاندىن كېيىن نىمە ئىشلارنىڭ بولغانلىقىنى، مازەندىران شاھىنىڭ قانداق ئاقىۋەتلەرگە قالغانلىقىنى  ئەتىكى يازمىلىرىمىزدىن كۆرگەيسىز.


رۇستەمنىڭ ئەلچىلىككە بېرىشى

كاۋۇس خەتنى يازدۇرۇپ تامغىسىنى بېسىپ بەرگەندىن كېيىن، شۆھرەتلىك رۇستەم ئارغىمىقىنى مىنىپ ،ئېغىر گۈرزىسىنى ئىگەر يېنىغا قويۇپ ئېتىنى چاپتۇرغىنىچە نەرمپايغا قاراپ يولغا چىقتى.كاۋۇسنىڭ ئىككىنچى قېتىم يەنە ىەت بىلەن ئەلچى ئەۋەتكەنلىكىدىن خەۋەر تاپقان مازەندىران شاھى خەۋەر قىلغۇچىدىن كەلگۈچىنىڭ تەققى تۇرقىنى سورىدى.خەۋەرچى تەسۋىرلەپ مۇنداق دىدى:

-كەلگەن ئەلچى پىلدەك قامەتلىك،شىردەك شىددەتلىك،يولۋاس سۈپەت ئادەم ئىكەن.مىنگەن ئېتىمۇ ئادەتتىكى ئاتلاردىن چوڭ ۋە گەۋدىلىك چوڭ چوڭ قەدەم تاشلاپ ماڭىدىغان شىر ئات ئىكەن.ئىككى ئۈچ ئادەم كۆتۈرەلمىگۈدەك ئېغىر گۈرزىنى،ۋە ئاتمىش غۇلاچ كەلگۈدەك كۆپ ھالقىلىق ئارقاننى ئىگەر يېنىغا جايلاشتۇرۇۋېلىپ ئەلچىلىك قىلغىلى ئەمەس ئۇرۇش قىلغىلى كەلگەندەك ھەيۋەتلىك ئەلپاز بىلەن كەپتۇ.بوش ئادەم ئەمەستەك قىلىدۇ. شاھ بۇ خەۋەرنى ئاڭلىغاندىن كېيىن ئوردىسىدىكى ئەڭ كاتتا باتۇرلىرىدىن  بىرنەچچچىنى چاقىرتىپ كىرىپ ئۇلارغا مەخپى ئىش ئورۇنلاشتۇرۇپ بولۇپ ئاخىرىدا شۇنداق دىدى:
-كەلگەن كىشىنى جەڭگىۋار تىمساھقا ئوخشىتىشىۋاتىدۇ.بەلكىم رۇستەم كەلگەن بولۇشى مۈمكىن ،شۇڭا ھەرگىز سەل قارىماي ئورۇنلاشتۇرغىنىم بويىچە قىلىپ توپلىشىپ ‹‹تەبرىكلەپ›› يېنىمغا ئېلىپ كىرىڭلار!
شاھ ئۆزىمۇ بىللە ئاتلىنىپ تاللانغان لەشكەر باشلىقلىرى بىلەن ، خۇددى كۈچلۈك دۈشمەننىڭ ئالدىغا چىققاندەك چوڭ قوشۇن تارتىپ چىقتى.ئۇلار شىرغا ئېتىماقچى بولۇشۇپ ساقلاپ تۇرغان لالما كۈچۈكلەردەك يول بويىدا ئەلچىنى ساقلاپ تۇرۇشتى.رۇستەم يېقىنلاپ كىلىۋېتىپ بىر توپ لەشكەرنىڭ ئۆزىنى ساقلاپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ دەرھال ئۇلارنىڭ چىقىش مەقسىدىنى چۈشىنىپ ئازراق ئۆزىنى كۆرسىتىپ قويۇش ئارقىلىق دۈشمەننىڭ ھەيۋىسىنى سۇندۇرماقچى بولدى.دۈشمەنگە يېقىن بىر جايدا ئادەمنىڭ قۇچىقى يەتمىگۈدەك يوغان بىر دەرەخ بار ئىدى.رۇستەم ئېتىنى شىددەت بىلەن  چاپتۇرۇپ  كەلگەنچە كىلىپ ھېلىقى دەرەخنى قۇچاقلاپ تۇرۇپ بىرلا تارتىۋىدى.يوغان دەرەخ يىلتىزى بىلەن يۇلۇنۇپ چىقتى. لەشكەرلەر بۇنى كۆرۈپ ھەيرانلىقتىن داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدى. رۇستەم ئۇنى خۇددى بىر تال ھاسىنى كۆتۈرگەندەك بېشىدىن ئىگىز قىلىپ كۆتۈرۈپ، ئات چاپتۇرغانچە كېلىپ توپلىشىپ تۇرغان لەشكەرلەرنىڭ ئۈستىگە ئاتتى.لەشكەرلەر قېچىشقىمۇ ئۈلگىرەلمىدى.بۇ بىر زەربە بىلەنلا ئون نەچچە ئاتلىق ئىزىدا دەرەى بېسىپ ئۆلگەننىڭ سىرتىغا قىرىك ئەللىكچە ئادەم ئېغىر يىنىك ئوخشاش بولمىغان دەرىجىدە يارىلاندى.
بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپھەممىسى ئىبرەت ئالسا بولاتتى.لىكىن ئادەم دىگەن بەزىدە بىلىپ تۇرۇپ خەتەرگە ئۆزىنى ئۇرىدۇ. شۇنداق باتۇرلاردىن بىرى رۇستەم بىلەن كۆرۈشمەكچى بولۇپ قول بېرىپ ئالدىنقى نۆۋەت پەرھادنىڭ قولىنى سىققاندەك رۇستەمنىڭ قولىنىمۇ قاتتىق سىقتى.رۇستەم خۇددى ھىچ ئىش بولمىغاندەك  پەرۋاسىز كۈلۈپ قويدى.ئارقىدىنلا  ئۇ باتۇرنىڭ قولىنىقويۇۋەتمەي تۇرۇپ ياندۇرۇپ بىرلا سىقىۋىدى.سۆڭەكلىرى چۇل چۇل بولۇپ سۇنغاننىڭ ئۈستىگە گۆش تېرىلىرى چاچراپ چىقىپ ھەتتا پەيلىرىمۇ ئۈزۈلۈپ كەتتى.ئۇ شۇئان ئاتتىن يىقىلىپ ئاغرىق دەستىدىن چوشقىدەك چىرقىراپ يەرگە يۇمۇلاشقا باشلىدى.لەشكەر ۋە سەركەردىلەر يەنە بىر قېتىم قاتتىق چۆچىدى.
چىراق يېنىقلىق تۇرغان چاغدا نۇرغۇن پەرۋانىلەر ئۆزىنى ئوتقا ئېتىپ كۆيۈپ ئۆلىدۇ.پەرۋانىلەر شۇ قەدەەر ئەخمەقكى، كۆز ئالدىدا بىر قېرىندىشى ئوتتا  كۆيۈپ ئۆلسە ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئېلىپ ئوتتىن يىراقلاشماستىن يەنە بىرىمۇ ئارقىدىنلا ئۆزىنى ئوتقا ئۇرىدۇ.نەرىمپايلىقلار ئەنە شۇنداق پەرۋانە مىجەز،قارام دۆت  غەلىتە ئادەملەر ئىدى.مازەندىرانلىقلار ئارىسىدا باتۇرلارنىڭمۇ باتۇرى،كاتتىلارنىڭمۇ كاتتىسى ھېساپلىنىدىغان ئەڭ زور بىر پالۋىنى بار ئىدى.ئىسمى بالاخور دىگەنگە ئاھاڭداش كەلاخور ئىدى.ئۇ ئەتىگەندىن كەچكىچە  ئۇرۇش چېقىش،بۇزۇش،جىدەللىشىش ،جەڭ قىلىشنىلا ئويلايدىغان،تىنىچ يۈرۈشنى خالىمايدىغان غەلىتە چۇس مىجەزلىك ئادەم ئىدى. ئۆزىنى دۇنيادا بىر چاغلاپ ھىچكىمنى ئۆزىگە تەڭ قىلمايتتى.ئەينى ۋاقىتتا ئاق دىۋىنىمۇ كۆزىگە ئىلماي ‹‹مىنى ئەتىۋارلاپ ئىشلەتمىدى›› دەپ شاھتىن ئاغرىنىپ قۇرسىقىدا غۇم ساقلاپ يۈرگەن ئىدى. ئاق دىۋە ئۆلگەندىن كېيىنمۇ رۇستەمنى ئىزدەپ تېپىپ كۈچ سىنىشىپ باقماقچى،ئۆزىنىڭ دۇنيادا تەڭداشسىز ئىكەنلىكىنى ئىسپاتلىماقچى بولۇپ يۈرەتتى.بۈگۈكى كۈتۈۋېلىشقا ئۇمۇ چىققان ئىدى.يېنىدىكى سەركەردىلەرنىڭ كۈشكۈرتىپ دەي-دەيگە سېلىشى ئارقىدىنلا شاھنىڭ‹‹ ھۇجۇمغا ئۆتۈپ ئۆزۈڭنى كۆرسۈتۈپ قوي››دىگەن مەنىدىكى ئىشارىنى بېرىپ قويۇشى بىلەن كەلاخورمۇ رۇستەمنىڭ ئالدىغا كېلىپ رۇستەم بىلەن كۆرۈشمەككە قول ئۇزاتتى.

كەلاخور رۇستەمنىڭ قولىنى بىرلا سىقىپ سۇندۇرۇۋەتمەكچى بولۇپ جان –جەھلى بىلەن قاتتىق سىقتى.كەلاخور قاتتىق كۈچىگەچكە ئۆزىنىڭ قوللىرى نىلدەك كۆكىرىپ ،ھەتتا يۈزلىرىمۇ ئىسىلىپ كەتتى.ئەمما رۇستەم غىڭ قىلماستىن بەرداشلىق بەردى.چىرايى يەنىلا باھار قۇياشىدەك ئېچىلىپ تۇراتتى.قول بارماقلىرى ۋە ئالقاننىڭ ئۇستىخانلىرىمۇ ھىچنىمە بولمىدى. سىقىش نۆۋىتى رۇستەمگە كەلگەندە رۇستەم ئويناشقاندەك مۇنداقلا بىر سىقىۋىدى كەلاخورنىڭ تىرناقلىرى كەچكۈز يوپۇرماقلىرىدەك تۆكۈلۈپ كەتتى.رۇستەم ئۇنىڭ قولىنى قويۇۋەتمەستىن شۇ قولىدىنلا كىچىك بالىنى كۆتۈرگەندەك كۆتۈرۈپ شاھنىڭ ئالدىغا كەلتۈرۈپ ئەسكى ئۇچۇلۇقنى تاشلىغاندەك شاھنىڭ ئالدىغا پالاققىدە تاشلىۋەتتى.شاھ قاتتىق ئىزا تارتتى. شۇنداقتىمۇ چاندۇرماسلىققا تىرىشىپ ئەلچىنى بىرگە ئېلىپ  شەھەرگە قايتىشھەققىدە  بۇيرۇق بەردى.شەھەرگە قايتىش يولىدا كەلاخور شاھقا قولىنى سوزۇپ تۇرۇپ نەسىھەت خاراكتىرىدىكى ئۆتۈنۈشلىرىنى بىلدۈردى:
-ئەي شاھى جاھان،مەن ئەمدى ھەرقانچە قىلساممۇ قولۇمنىڭ ئاغرىقىنى پىنھان تۇتالمايمەن.مەن سەندىن شۇنى ئۆتۈنمەكچىمەنكى، بىز بىر شىرغا ئەمەس قۇدرەتلىك ئەجدىھاغا دۇچ كەپتىمىز.بۇ ئەجدىھا بولغاندىمۇ بىرلا ئوت پۈركۈپ ھەممىنى كۆيدۈرۈپ كۈل قىلىۋېتىدىغان تەڭداشسىز ئەجدىھا شاھى ئىكەن،ئۆزۈڭگە ۋە دۆلىتىمىزگە ياخشى بولسۇن دىسەڭ،ئەڭ ياخشىسى ئۇنىڭ بىلەن ئاداۋەتلەشمە،جەڭ قىلىمەن دەپ ئويلىما،بۇنداق پالۋانغا ھىچقانداق كۈچلۈك قوشۇن بەرداشلىق بېرەلمەيدۇ.تەڭ كېلىش بەسى مۈشكۈل.شۇڭا ساڭا دۈشمەنلىك يولىنى تۇتماي دوستلۇق يولىنى تۇتۇش،باج خىراج ۋە پۇل مال دۇنيا بىلەن ئۆزىمىنى قۇتۇلدۇرۇش تەكلىپىنى بېرىمەن. پۇل مال- دۇنيا دىگەننى ئۆزىمىز چىقارمايمىز. پۈتۈن مەملىكىتىمىزدىكى چوڭ- كىچىك،قېرى ياش،ئاق- قارا ھەممە پۇقراغا سېلىق قىلىپ چاچساقلا ئىش پۈتىدۇ.خەۋىپلىك دۈشمەندىن مانا شۇنداق تەدبىر بىلەن قۇتۇلغىلى بولىدىغان تۇرۇپ يەنە نىمە دەپ خەتەرگە ئۆزىمىزنى ئۇرۇمىز؟
كەلاخور ئۆتكەن ئىشلاردىن ئىبرەت ئېلىپ ،دەرھال ھۇشىنى تېپىپ شۇنداق ياخشى نەسىھەتلەرنى قىلسىمۇ شاھ قۇلاق سالمىدى.شۇنىڭ بىلەن كەلاخور ‹‹نەرىمپايلىقلارنىڭ كۈنى تۈگەپتۇ.بالا كەلكۈنى كېلىۋاتسا تۇيماۋېتىپتۇ.مەن ئاستا جېنىمنى ياقىغا ئالاي›› دىگىنىچە ئاۋال ئۆيىگە قايتتى.كىيىن ئائىلىسىدىكىلەرنى ئېلىپ باشقا ياققا كۆچۈپ كەتتى.

رۇستەم مازەندىران شاھىنىڭ يېنىغا قوبۇلغا كىرگەندىن كېيىن، ئەلچىلىك رەسمىيەتلىرى بويىچە كىچىك پىئېللىق بىلەن كۆرۈشۈپ بولۇپ ھۆرمەت بىلدۈردى.

شاھ ئالدى بىلەن يول جاپاسىدىن گەپ باشلاپ ھاردۇق سورىغان بولدى،ئارقىدىن كاۋۇسنىڭ ۋە ئىران قوشۇنلىرىنىڭ ئەھۋالىنى سورىدى.رۇستەم ھەممىسىگە ھۆرمەت تەلەپپۇزىدا لايىقىدا جاۋاپ بەردى.

رەسمىيەت سۇئاللىرى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن شاھ رۇستەمدىن كىملىكىنى سورىدى:

   -ئەي ئەلچى ،باتۇرلۇق ئالامەتلىرىڭدىن قارىغاندا ‹‹يەلكىسى يەر كۆرمەس›› دەپ نام ئالغان رۇستەمى داستان سەن ئوخشىمامسەن؟

-ياق مەن رۇستەم ئەمەس  -دەپ جاۋاپ بەردى رۇستەم ئۆزىنىڭ كىملىكىنى يوشۇرۇپ   - مەن رۇستەمنىڭ يېنىدا بىللە يۈرىدىغان  ئەڭ تۆۋەن دەرىجىلىك نەۋكەرلىرىدىن بىرىمەن. ئادەتتە ئۇ نەدە بولسا مەنمۇ شۇ يەردە بولۇپ خىزمىتىنى قىلىمەن.مەن ئۇ كىشىنى بەكمۇ ھۆرمەتلەيمەن،بەختىمگە ئۇنىڭ ئۆمرى بەكمۇ  ئۇزۇن بولسۇن.

رۇستەم جاۋاپ بېرىپ بولغاندىن كېيىن كاۋۇسنىڭ يازغان نامىسىنى تاپشۇردى ۋە كاۋۇسنىڭ گېپىنى يەتكۈزۈپ:

  -شاھىمىز جاناپلىرىنى چوڭ كۆرۈپ ئۇدا ئىككى قېتىم يول قويۇپ ئىشنى تىنىچلىق بىلەن ھەل قىلىش يولىنى تۇتتى.سىلىنى ئوبدان ئويلىنىپ جاۋاپ بەرسۇن ھەرگىزمۇ يەڭگىللىك بىلەن جاۋاپ بېرىپ ئىشنى بۇزۇپ قويۇپ، كېيىن پۇشايمانغا قالىدىغان ئىش بولۇپ قالمىسۇن دىدى.ئەگەر يەنىلا ئۇرۇش قىلىش يولىنى تاللىسىلا ‹‹شەمشەرلىرىمىز ئىشقا چۈشۈپ گىدەيگەن باشلارنى بىرىنى قويماي ئۈزۈپ تاشلايدۇ›› دەپ ئېيت دىدى.

ھەم نامىدىكى قاتتىق تەلەپپۇز ھەم رۇستەمنىڭ ئاغزاكى ئېيتقان يەتكۈزمە سۆزلىرىدىن شاھنىڭ قاتتىق غەزىپى تېشىپ نىمە قىلارنى بىلەلمەي ساراڭدەكلا قېتىپ تۇرۇپ قالدى. كېيىن رۇستەمگە قاراپ جاۋاپ تەرىقىسىدە مۇنۇ سۆزلەرنى قىلدى:

  -سېنىڭ سۆزلىرىڭدە مەلۇم سىر ئەسرار يوشۇرۇنغاندەك قىلىدۇ.گەپنى ئۇدۇللا ئېيتماي پەلىپەتىش سۆزلەرنى قىلىشنىڭ نىمە ھاجىتى؟ ئىران شاھى مىنىڭ جاۋابىمنى ئاڭلىماقچى بولسا بېرىپ ئېيت! ئىران شاھىنىڭ شىر يۈرەك،شىر ئالقان لەشكەر- سەركەردىلىرى بولسا ،مەن مازەندىران شاھىمۇ بوش ئادەم ئەمەس!مېنىڭمۇ نەچچە يۈزمىڭ باتۇر لەشكەرلىرىم،نەچچە مىڭ باتۇر سەركەردىلىرىم،ھىچكىمنىڭكىدە يوق ئىسىل شاھلىق كۇلاھىم،ئەڭ ئىسىل شاھلىق تەختىم، غەزىنەمدە ھىچقانداق شاھنىڭكىدە يوق ھېساپسىز قىممەتلىك بايلىقلىرىم بار.باشقىلار بىلەن ئۈزۈل- كېسىل ئۇرۇش قىلىپ يىڭىش- يىڭىلىشنى ئايرىماي تۇرۇپ باشقىلارنى ئاجىز،ئۆزىنى كۈچلۈك  چاغلاپ  قۇرال تاپشۇرۇپ ئەل بولۇشقا،باج سېلىق ۋە ئۇرۇش تۆلىمى تاپشۇرۇشقا قىستاش ئاقىلنىڭ ۋە مەرت شاھلارنىڭ ئىشى ئەمەس.بىز مازەندىرانلىقلار قىلىچ ئالدىدا ئۆلۈشكە رازىمىزكى خورلىنىپ ياشاشنى خالىمايمىز.سەن بېرىپ شاھىڭغا ئېيت،ئەقلى بولسا ئېتىنىڭ تىزگىنىنى ئىران تەرەپكە تارتىپ مىنىڭ غەزىپىم ۋە باتۇر لەشكەرلىرىم قوزغالماستا ئاستا يۇرتىغا قايتىپ كېتىۋالسۇن.ئەگەر نەسىھىتىمگە كىرمەي تۆپەمگە لەشكەر تارتسا، قاتتىق يىڭىلىپ ،بېشى قايسى،ئايىقى قايسى تاپالماي قالىدۇ.يۇرتىغىمۇ قايتالماي ئۆلۈكلىرى چەت يەرلەردە توپىغا ئايلىنىپ كېتىدۇ.ئالدىن شۇنى دەپ قويايكى ئەگەر مەن قوشۇن تارتىدىغان بولسام ئىران شاھىنىڭ غۇرۇرى چەيلىنىپ،ئاتقان لاپلىرىنى كۈل بېسىپ كېتىدۇ.

بۇ جاۋاپنى ئاڭلاپ رۇستەمنىڭ قاتتىق ئاچچىقى كەلدى.شاھنىڭ سۆزلىرىنى قەتئى ماقۇل كۆرمىدى.شۇ يەردىلا گۈرزە كۆتۈرۈپ ئۇرۇش باشلاپ ، شاھنىڭ ۋە يېقىنلىرىنىڭ ھەممىسىنى گۈرزە بىلەن دۇمبالاپ  مىجىقىنى چىقىرىۋەتكۈسى،سۈرۈپ توقاي قىلغۇسى، ئۆزىنى چاغلىماي پو ئاتقىنىغا تويغۇزىۋەتكۈسى كەلدى.لىكىن ئۆزىنىڭ بۇ يەرگە  ئۇرۇشقىلى ئەمەس ئەلچىلىك ۋەزىپىسى بىلەن كەلگەنلىكىنى ئېسىگە ئېلىپ ئاچچىقىنى بېسىۋالدى.قارىسا بۇ يەردىكى ئادەملەردىن تارتىپ ھەشەمەتلىك سارايلىرىغىچە ھەممە ئادەم ۋە نەرسىلەر ئۇنىڭ كۆزىگە سەت كۆرۈنۈشكە باشلىدى.شۇڭا ئارتۇقچە گەپمۇ قىلماي دەرھال قايتىپ چىقىپ نەرسە كېرەكلىرىنى ئېلىپ كاۋۇسنىڭ يېنىغا قايتىپ كەلدى.

ئەييۇھەنناس،ئىشىتىڭلار ئامۇ خاس! چۆجە خۇراز مىكىيانلىرى ئارىسىدىكى كۈچ ھەيۋىسى ۋە ئىمتىيازىغا ئىشىنىپ قېلىپ نادانلىق قىلىپ يېڭىلمەس شىرنىڭ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى. قۇدرەتلىك باتۇر غەزەپكە كىلىپ  قىلىچىنى شىلتىغاندا باشلار سىلكىنگەن ئۈرۈك مىۋىلىرىدەك توروكلاپ يەرگە چۈشتى.ھەيۋەتلىك گۈرزە باشلار ئۈستىدىن ھايقىرىغىنىچە ئايلانغىنىدا باشلار شاپتۇل كەبى مىجىلىپ ،مىڭە قېتىقلىرى قېتىقچىنىڭ تۆكۈلگەن قېتىقلىرىدەك لاي پاتقاق بولۇپ تۇپراققا قان بىلەن يۇغۇرۇلۇپ ئارىلىشىپ كەتتى.كاۋۇس ۋە رۇستەملەر لەشكەر باشلاپ نەرىمپايغا ھۇجۇم قىلىپ كەلگەندە قانداق ئىشلارنىڭ بولۇپ كەتكەنلىكىنى ئەتىكى يازمىلىرىمىزدىن كۆرۈۋالغايسىز.

كاۋۇسنىڭ مازەندىران شاھى بىلەن جەڭ قىلغانلىقى

رۇستەم مازەندىران شاھى ھوزۇرىدىن قايتىپ كەلگەندىن كېيىن نەرىمپاي شەھىرىدە ئەلچىلىك جەريانىدا نىمىلەرنى كۆردى،نىمىلەرنى ئاڭلىدى،ئىشقىلىپ يۈز  بەرگەن ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى  سۆزلەپبەردى ۋە ئاخىرىدا زەردىسى قاينىغان ھالدا مۇنداق دىدى:

   -بىز مازەندىران شاھىنى غەرەز ئۇقىدىغان ئادەممىكىن دەپ كۆپ يۈز خاتىرە قىپ كەتتۇق.لىكىن ئۇ باشتىن ئاخىر بىز بىلەن دۈشمەنلىشىپ ئۆچەكىشىپلا كەلدى.ئەمدى بەس،بولا! يۈزخاتىرە قىلىشنى توختۇتۇپ ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشنىڭ،قىلغان ئەتكەنلىرىدىن بىر- بىرلەپ ھېساپ ئېلىشنىڭ تەييارلىقىنى قىلايلى.ئۇنىڭ قانچە يۈزمىڭلاپ لەشكىرى،قانچە مىڭلاپ چاققان باتۇر سەركەردىلىرى بولۇشىدىن قەتئى نەزەر مەن ئۈچۈن ھەممىسى زەئىپ نىمجان قۇرۇتقا باراۋەر نىمىلەردۇر.نەزىرىمدە ھەممىسى سىقىمىمدىكى بىر ئوچۇم تۇپراق.ئەمدى ئۇلار ئايىغاننى بىلمەي ھالاكىتىنى سېغىنىپ ئۇرۇشنى ئارزۇلىغان ئىكەن ،بىز ئۇرۇشنىڭ ياخشى نەرسە ئەمەسلىكىنى،يۇرتقا دۆلەتكە ئامەت ئەمەس بەلكى ئاپەت كەلتۈرىدىغانلىقىنى تونۇتۇپ قويمىساق بولمايدىغان يەرگە يەتتى.

ھەقىقەتەنمۇ رۇستەمنىڭ باتۇرلىقىنى سەل چاغلاپ ئۆزىنىڭ قۇم تۇپراقتەك كۆپ لەشكەرلىرىگە ئىشىنىپ كەتكەن مازەندىران شاھى رۇستەم كېتىشى ھامان ئىرانلىقلار بىلەن جەڭ قىلىش ئۈچۈن جەڭگە ھازىرلاندى. ئۇ تەۋەلىكىدىكى بارلىق جايلارغا چاپار بىلەن خەۋەر ئەۋەتىپ لەشكە يىغدى. پەرمانغا بىنائەن شۇنداق كۆپ لەشكەر يىغىلدىكى چۆلدە تۇزان كۆتۈرۈلۈپ قۇياش يۈزى قارايغاندەك بولۇپ كەتتى.بۇنچە كۆپ لەشكەرنى شەھەرگە جايلاشتۇرالمايتتى ئەلۋەتتە،جايلاشتۇرۇشقىمۇ بىرمۇنچە ئورۇن كېتەتتى. شۇڭا بارگاھلىرىنى شەھەردىن خېلى نېرى بىر يەردىكى سەھراغا قۇردى.مازەندىران شاھى ئۆزى ئىشىنىدىغان كوزېرلىرى بولغان نەچچە تۈمەن دىۋە لەشكەرلىرى بىلەن نەچچە مىڭ ھەيۋەت پىل قوشۇنلىرىنى سەپنىڭ ئالدىغا ئورۇنلاشتۇرۇپ ئىران قوشۇنلىرى تەرەپكە قارا بوراندەك باستۇرۇپ كەلدى.كاۋۇسمۇ ئىشىنىدىغان باتۇرى رۇستەمنى ئۇلارغا قارشى چىقارماقچى بولۇپ :زال ئوغلى رۇستەم سەپ ئالدىغا ھازىر بولسۇن!›،دەپ پەرمان چۈشۈردى.ئۆزىمۇ لەشكەرلىرى ۋە باشقا باتۇرلىرى بىلەن رۇستەمنىڭ ئارقىسىدا ھىماتچى بولۇشۇپ تۇردى.

كاۋۇسمۇ باتۇر لەشكەرلىرى بىلەن مازەندىران دەشتىگە كېلىپ ئورۇنلىشىپ بارگاھ قۇرغان ئىدى.پەرمانغا بىنائەن رۇستەم ئېتىنى مىنىپ قۇراللىرىنى تەق ئېلىپ،سەپنىڭ ئالدىغا چىقىپ، خۇددى يېتىپ كېلىش ئالدىدا تۇرغان شىددەتلىك قىياننىكەڭ كۆكرەكلىرى بىلەن توسۇپ قالماقچى بولغاندەك كۆكرەكلىرىنى كېرىپ مەردانە قىياپەتتە ساقلاپ تۇراتتى.قوشۇننىڭ ئوڭ قانىتىدا  نەۋزەر ئوغلى تۇس،سول قاناتتا بولسا،كەشۋۇد بىلەن گۇدەرىز ئوتتۇرىغا كاۋۇس ئورۇنلاشقان ئىدى.ناغرا دۇمباقلار ھەيۋەتلىك گۈمبۈرلەپ، كانايلار چېلىنىپ تۇراتتى.

مازەندىرانلىقلارمۇ ئەڭ زور پالۋىنى بولغان جۇيانى ئالدىغا چىقىرىشتى.پۈتۈن قوشۇن بويىچە ئۇنىڭ گۈرزىسى ھەممىدىن يوغان ئىدى.بۇ جۇيا ئادەتتىكى ئادەم ئەمەس ئىدى.ئۇنىڭ گۈرزىسى تا شۇ كەمگىچە ئالدىغا روبىرو بولۇپ كەلگەن ھەرقانداق كۈشەندىسىنى ئامان قويمىغان ئىدى.ئۆزىمۇ كارامەت سۆزمەن ۋە داڭلىق قوشاقچى ئىدى.جەڭ ۋاقىتلىرىدا نەخ مەيداندا يۇمۇرلۇق قوشاق توقۇپ  يېڭىلگەن رەقىپلىرىنى قاتتىق ئوسال قىلىۋېتەتتى.

جەڭ باشلانغان ھامان جۇيا پەرمانغا بىناەن يەكمۇ- يەك جەڭ قىلماق بولۇپ  ئات سېلىپ قارشى تەرەپ سېپى ئالدىغا كاۋۇسنى ئىزدەپ كەلدى.ئۇنىڭ ساۋۇتى قىپ- قىزىل بولۇپ كۆرگەن كىشى بۇ ساۋۇتمۇ ياكى  ئوتدانمۇ دەپ ئويلاپ قالاتتى.قىلىچى تەپتىدىنمۇ قارا يەر ئوتتەك ياناتتى. ئۇ قاتتىق ئاۋازدا توۋلاپ ئىرانلىقلار ئالدىغا كەلدى.ئۇنىڭ گۈلدۈرمامىدەك ئاۋازىدىن تاغۇ -تاشقا دەز كەتكەندەك بولدى:

   -كەلدى جۇيا بوۋاڭلار،

باشتىن قېتىق ئالغىلى.

جاندىن تويغان ناداننىڭ ،

باش كۆزىگە سالغىلى.


قېنى قايسى نوچاڭ بار،

مەن بىلەن كىم قىلار جەڭ؟

قايسىڭ كەلسەڭ چانايمەن،

بېشىڭ بولۇر يەرگە تەڭ.

جۇيا ئەنە شۇنداق قوشاق توقىغاچ ياۋنى جەڭگە چىللايتتى.لىكىن ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ ھىچكىم ئوتتۇرىغا چىقمىدى.رۇستەمنىڭ ھازىرغىچە ئوتتۇرىغا چىقماي ئىندىمەي رتۇرۇشىدىكى سەۋەپ ئۇنىڭدىن قورىقمىغان ئىدى.بەلكى، ‹‹جەڭ پۇرسەتلىرىنى مەنلا ئۆزۈم تارتىۋالماي ،باشقا ئىران پالۋانلىرىغىمۇ جەڭ قىلىپ ئۆزىنى كۆرسۈتۈش پۇرسىتى يارىتىپ بېرەي››دەپ ئويلىغىنى ئۈچۈن ئىندىمەي تۇرغان ئىدى.جۇيا نەچچە قېتىم جەڭگە چىللىغان،كاۋۇسمۇ نەچچە قېتىم چاقىرىق قىلغان بولسىمۇ جۇيانىڭ يوغان گۈرزىسىدىن قورقۇپ ئىران باتۇرلىرىدىن ھىچكىم ئۇنىڭ بىلەن ئېلىشىشىقا چىقىشقا پېتىنالمىدى.شاھ تېرىكىپ تۇرغان چاغدا رۇستەم ئۇنىڭ ئالدىغا كىلىپ جەڭگە چىقىشنى ئىلتىماس قىلدى:

-ماڭا پەرمان قىلغىن ئەي شەھرىيار،بۇ ناپاك دىۋە بىلەن ئۆزۈملا جەڭ قىلىپ جېنىنى ئېلىپ دۈشمەن قوشۇنىننىڭ  ھەيۋىسىنى سۇندۇراي!

- بولىدۇ،قوشۇنىمىز بويىچە ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشقا مۇناسىپ كېلىدىغان پەقەت سەنلا بار ئىكەنسەن.قېنى مەيدانغا چىق،پەرۋەردىگار مەدەتكارىڭ بولسۇن!


رۇستەم  چاقماقتەك تېز،ئالماستىن ئۆتكۈر  نەيزىسىنىلا  ئېلىپ ئېتىنىڭ بېشىنى بۇراپ جۇيانىڭ ئالدىغا  غەزەپلەنگەن  توسقۇنسىز شىردەك ئات سېلىپ كەلدى. ئىرانلىق دۇمباقچىلار رۇستەمگە مەدەت بېرىش يۈزىسىدىن  دۇمباقلىرىنى قۇلاقنى يارغۇدەك قاتتىق گۈمبۈرلىتىپ  چېلىۋەتتى.

رۇستەم مەيدانغا چۈشۈپلا جۇياغا تىل سالدى:

  -ئەي شاللاق نەسىلدىن بولغان پوچى،بۇ يەرگە ئۆلۈمىڭنى چىللاپ كەلدىڭمۇ؟ بىزگە قارشى مەيدانغا چىققىنىڭ ئۆزۈڭگە ئەجەل پۇرسىتى تاپقىنىڭ.ئەمدى ساڭا ھاياتلىق پۇرسىتى قالمىدى.بۈگۈن بۇ مەيداندىن سېنىڭ ئۆلۈكۈڭنى ئېلىپ كېتىشىدۇ.ئۇرۇق تۇققانلىرىڭ بېشىغا توپا چېچىپ ماتىمىڭنى تۇتۇشىدۇ،سېنىڭ ئۆلۈمىڭ بىلەن قۇرۇق نامىڭمۇ جاھاندىن ئۆچىدۇ.پوچىلار سەندىن ئىبرەت ئالىدىغان،چالا نوچىلار ئۆزىنى چاغلاپ ئىش قىلىدىغان بولىدۇ.قېنى كەل ،ئەجەل شەربىتىڭنى ئىچۈرۈپ قوياي.

جۇيا ئۆزى بىلەن ئېلىشقىلى كەلگۈچىنىڭ رۇستەم ئىكەنلىكىنى بىلمەيتتى.شۇڭا ئۇ يەنە بىر قېتىم ئېغىز پالۋانلىقى قىلغۇسى كېلىپ يەنە قوشاق قاتتى:

-جۇيادىن سەن بولما خاتىرجەم،

خەنجەر بىلەن باشىڭنى كېسەر.

باشسىز تېنىڭ يىقىلغان ھامان ،

كاللاڭ چۈشۈپ قېنىڭنى ئىچەر.

ئاڭلاپ ئۆلۈم خەۋەرلىرىڭنى،

ئاناڭ يىغلاپ قالسا مەيلىمۇ؟

يىتىم قېلىپ بىچارە بالاڭ،

دادۇ پەرياد سالسا مەيلىمۇ؟

رۇستەم ئۇنىڭ قوشىقىنى ئاڭلاپ قاتتىق غەزەپلىنىپ بىر نەرە تارتتى- دە :‹‹ئەي ناكەس،ۋالاقلاشلىرىڭنى قوي،ئۆلۈمگە تەييارلان.بۈگۈن سېنى رۇستەمنىڭ قولىدىن ھىچكىم قۇتۇلدۇرۇۋالالمايدۇ.›› دىگىنىچە ئۇنىڭغا ئېتىلدى. جۇيا ‹‹رۇستەم›› دىگەن نامنى ئاڭلاپ تاياقتەك قېتىپ تۇرۇپلا قالدى. ئۇ بۇرۇن رۇستەمنىڭ ئۇلۇغ نامىنى كۆپ ئاڭلىغان.ئۇنىڭ باتۇرلۇقلىرىغا غايىۋانە قول قويغان ئىدى.جەڭدە ئۇنىڭ بىلەن ئۇچرۇشۇپ قېلىشنى ياكى ئۇنىڭ بىلەن جەڭ قىلىشنى خالىمايتتى.شۇڭا ئۇ دەرھال ئېتىنىڭ تىزگىنىنى ئارقىسىغا تارتىپ ئۆز قوشۇنى تامان ئات سالدى. رۇستەممۇ ئۇنىڭ كەينىدىن  قارا بوراندەك تېزلىكتە  دەمبەس قەدەم قوغلاپ كېلىپ ئۇنىڭ تۆمۈر ساۋۇتىغا نەيزە ئۇردى.بىر زەربە بىلەنلا جۇيانىڭ ساۋۇت ھالقىلىرى يۈز پارچە بولۇپ چاچراپ كەتتى.ئارقىدىنلا ئۇنىڭ بېلىدىن تۇتۇپ ئات ئىگىرىدىن يۇلۇۋادى. جۇيا ھەدەپ كىچىك بالىدەك  پىلتىڭلاپ قۇتۇلۇشقا تىرىشاتتى،قويۇۋېتىشنى ئۆتۈنۈپ يالۋۇراتتى.رۇستەم  ئۇنى خۇددى زىخقا ئۆتكۈزگەن بىر چۆجىنى كۆتۈرگەندەك باشتىن ئىگىز كۆتۈرۈپ يەرگە ئۇردى. جۇيا شېغىللىق  قاتتىق يەرگە نەچچە غېرىچ پېتىپ كىرىپ كەتتى.ساۋۇتلىرى پارە- پارە بولۇپ، ،باشلىرى مىجىلىپ يىلى چىقىپ كەتكەن قانلىق توپقا ئوخشاپ قالدى.

بۇ ھالنى كۆرگەن مازەندىران پەھلىۋانلىرىنىڭ ھەممىسىنىڭ شۇئان رەڭگى ئۆڭۈپ ئىچىگە قورقۇنۇچ كىرىۋالدى. قوشۇن ئالغا ئىلگىرلەشتىن قورىقتى.   جۇيانىڭ قىساسىنى ئېلىشقا يەنە باشقا  بىرەر پالۋان چىقىشقا پېتىنالمىدى.رۇستەم توغرىسىدا  قوشۇن ئىچىدە مىش مىش گەپ تارقاپ كېتىپ، لەشكەرلەر ئالغا بېسىش ئەمەس،بەلكى  قېچىپ كېتىپ جېنىنى ساقلاپ قېلىشنىڭ كويىغا چۈشۈپ قالدى.

ئەھۋالنى پەملىگەن قوشۇن سەردارى پەرمان چۈشۈرۈپ شۇنداق دىدى:

-ئەي لەشكەرلەر،پۈتۈن جەبھەم بويلاپ ھەممە يەرنى بىزنىڭ قوشۇنلىرىمىز قاپلاپ كەتتى.بىز دۈشمەندىن ھازىر ئون ھەسسە  ئارتۇق.شۇڭا قورقۇش ھاجەتسىز.بېشىڭلارنى ئىگىز تۇتۇپ،كۆكرىكىڭلارنى كېرىپ دۈشمەن ئۈستىگە قارا كەلكۈندەك تاشلىنىپ ،بارلىق دۈشمەنلەرنى قىرىپ تاشلاڭلار!بۇ جېڭىمىز شىر ياكى يولۋاسلارنىڭ جېڭىدەك جەڭ بولسۇن. پۈتۈن سەپ بويىچە ئالغا!

بۇ گەپ قېچىشقا يۈزلەنگەن دۈشمەن لەشكەرلىرىنى قايتا روھلاندۇرۇۋەتتى.ئۇلار قىلىچلىرىنى سۇعۇرۇپ ئىران لەشكەرلىرى ئارىسىعا كەلكۇندەك بىسىپ كىردى. ئىران لەشكەرلىرىمۇ قىلچە بوش كەلمەي باتۇرلۇق بىلەن ئېلىشىشقا كىرىشتى.ھەرئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى ئارىسىدىكى دۇمباقچىلار ئۆز ئادەملىرىنى غەيرەتلىك بولۇشقا ئۈندەپ بار كۈچى بىلەن دۇمباق چېلىپ مەدەت بېرەتتى.ئۇرۇش دەستىدىن  كۆتۈرۈلگەن چاڭ توزان تۈپەيلىدىن ھاۋا نىل رەڭگە كىرگەن بولۇپ يەرنىڭ قارىسىنى كۆرگىلى بولمايتتى. گۈرزە قىلىچلار ساۋۇت قالقانلارغا تېگىپ ۋال-ۋۇل قىلىپ  خۇددى باھاردىكى يامغۇر ئالدىدىكى چاقماقلاردەك ئوتلارنى چاچرىتاتتى.لەشكەرلەر ئارىسىغا قارايدىغان بولسىڭىز ھەر خىل نەيزىلەر ، بايراقلار كۆتۈرۈلۈپ ھاۋا قارا،قىزىل ،يېشىل دىگەندەك ھەر خىل رەڭلەرگە تولۇپ يامغۇردىن كېيىنكى ھەسەن ھۈسەندەك نۇر جۇلاسى پەيدا قىلغان ئىدى.دىۋىلەرنىڭ نەرە ساداسى،ئاتلارنىڭ كىشنىشى،ئادەملەرنىڭ ۋارقىرىشى،قۇرال ياراقلارنىڭ بىر- بىرىگە تەككەندىكى جاراڭشىغان ئاۋازلىرى،ناغرا دۇمباقلارنىڭ سادالىرى قوشۇلۇپ قۇلاقنى يارغۇدەك شاۋقۇن ئاۋازلار پەيدا بولغان ئىدى. بۇ كەمگىچە جاھان بۇنداق چوڭ غەلۋە -غەۋغانى كۆرۈپ باقمىغان بولۇپ، كىشىگە خۇددى تاغلارغا دەز كېتىپ يەرلەر يېرىلىۋاتقاندەك تۇيغۇ بېرەتتى .قانلار شۇنداق كۆپ تۆكۈلدىكى تۆكۈلگەن قانلاردىن كۆل ھاسىل بولدى.ئادەمۋە ئاتلار ئەنەن شۇ قانلارنى دەريا سۈيىنى كەچكەندەك كېچىپ، ئۆلۈكلەر دۆۋىسى ئۈستىدە خۇددى دۆڭلۈكتە ماڭغاندەك مېڭىپ جەڭ قىلىشماقتا ئىدى.

بەزى يەرلەردە قانلار چوڭقۇر كۆلچەكلەرنى پەيدا قىلىۋەتكەن بولۇپ ئادەم ۋە ئاتلارنى چۆكتۈرىۋېتەلەيتتى.بۇنداق يەرلەردىن ئۈزۈپ ئۆتۈشكە توغرا كەلگەندە ئاتلار خۇددى قان ئىچىگە غەرىق بولۇۋاتقاندەك ئېچىنىشلىق كىشنىشەتتى. ساۋۇت دوبۇلغىلارغا گۈرزە -قىلىچلار يامغۇردەك ياغاتتى.ىۇددى غازان ۋاقتى بولغاندەك باش،قول پۇتلار غازان كەبى تۆكۈلەتتى.

شۇ تەرىزدە ئىككى تەرەپ لەشكەرلىرى جاھانغا ئۆلۈم چېچىپ ساق بىر ھەپتە جەڭ قىلدى.لىكىن يىڭىش يىڭىلىش ئايرىلمىدى.شۇنىڭ بىلەن كاۋۇس خىلۋەت بىر يەرگە كىرىپ غۇسلى قىلىپ بولغاندىن كېيىن بېشىدىن شاھلىق كۇلاسىنى ئېلىپ يۈكۈنۈپ ئولتۇردى دە ئىخلاس بىلەن ئاللاھنى ياد ئېتىپ مەدەت تىلىدى.ئۇ يۈزىنى يەرگە يېقىپ سەجدە قىلىپ تۇتۇپ كۆزلىرىدىن ياشلىرىنى راۋان ئاققۇزغىنىچە تىلەك تىلىمەكتە ئىدى:

-ئەي جاھاننى ياراتقان قۇدرەتلىك خۇدا!ئەي ئادالەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاقىل قازى! ھەممە ئىش ئەمرىڭدىن بولىدۇ.ھاۋا،ئوت تۇپراقلارمۇ ئەمرىڭدىن يارالغاندۇر.مەن بۈگۈن سەندىن مەدەت تىلەيمەن.ئەگەر سەن مەدەت بەرمىسەڭ تەلۋە دىۋىلەر بىزنى تۈگەشتۈرىۋېتىدىغان ئوخشايدۇ.بۈگۈن ماڭا مەدەت قىلىپ قانخور دىۋىلەرنى ۋە زومىگەر پىللارنى يوقۇتۇپ نۇسرەت- غەلىبە ئاتا قىلغايسەن.مازەندىراننى بويسۇندۇرۇشۇمغا ئىمكان بېرىپ شاھىنشاھلىق ئاتا قىلغايسەن.سەن يۆلىگەننى ھىچكىم يىقىتالماس،سەن ئەزىز قىلغاننى ھىچكىم خار قىلالالماس.شۇڭا سەندىن ئەڭ ئەزىزلەردىن قىلىشىڭنى ئۆتۈنۈپ تىلەيمەن!

كاۋۇس تىلاۋىتىنى تۈگىتىپ شاھلىق كۇلاھىنى كىيىپ يەنە قوشۇنغا قايتىپ كەلدى. شاھ گېۋ بىلەن تۇسنى سىپاھدار قىلىپ تەيىنلىدى ۋە ‹‹پۈتۈن قوشۇن قايتىدىن قوزغالسۇن، قوشۇن كەينىدىن قوش ناغرا ماڭسۇن !›› دەپ ئەمىر قىلدى. ناغرا كاناي سادالىرى باشقىدىن ياڭراپ كەتتى.ئىران لەشكەرلىرىمۇ قايتىدىن روھلۇنۇپ دۈشمەنلەرگە قاپلاندەك تاشلاندى.جەڭگىۋار گۇدەرىز،شاۋاران،گۆرگىن،زەنگى روھھام،گۇرازە بەرزىن..قاتارلىق ئىران پالۋانلىرىمۇ قايتىدىن جانلىنىپ دۈشمەن ئۈستىگە ئات سېلىپ باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلدى.سەككىز غۇلاچ ئىگىزلىكتىكى كاۋە بايرىقى لەرزان يەلپۈنۈپ قوشۇنغا ئۈمىد ۋە غەيرەت بېغىشلاپ تۇراتتى.باھادىر گۇستاھ،شادىمان بەھرام،باھادىر ھەرراد،قاتارلىق باتۇرلارمۇ قوشۇن ئىچىدە قۇيۇندەك تېز ھەركەت قىلىپ  قان كىچىپ جەڭ قىلماقتا ،ئۆلۈم بازىرىنى قىزىتماقتا ئىدى.قوشۇننىڭ ئوڭ يېقىدا گۇدەرىز بىلەن كىشۋاد ناغرا دۇمبالارنى قوشۇن نەگە يۆتكەلسە شۇ يەرگە ئېلىپ بېرىپ  ناغرا دۇمباقلارنى ئۆلۈكنىمۇ روھلاندۇرۇۋەتكۈدەك قاتتىق چالماقتا ئىدى.گېۋ ئېتىنى ئوڭ سولغا  قۇيۇندەك چاپتۇرۇپ، دۈشمەن يۈرىكىدە قوي ئىچىدىكى بۆرىدەك ئېلىشىپ، دۈشمەنلەرگە تالاپەت يەتكۈزمەكتە ئىدى.

شۇنداق قىلىپ بۇ كۈنى تاڭ سەھەردىن تارتىپ تا كۈن پاتقۇچە ئىككى تەرەپ بىر بىرىگە قىلچە رەھىم شەپقەت قىلىشماي، ھايا -نومۇسنىمۇ ئۇنتۇپ بىر -بىرىگە گۈرزە يامغۇرى ياغدۇرۇشتى.ئۆلۈكلەر تاغدەك دۆۋۈلۈنۈپ قانلار نەچچە ئېرىق بولۇپ ئېقىپ كەتتى.يانچىلغان باشلاردىن چاچرىغان مىڭە قېتىقلىرى گىياھلارنىڭ شاخ يوپۇرماقلىرىغا يېپىشىپ توپا بىلەن ئارىلىشىپ كەتكەن ئىدى.دۇمباقلار بىر خىلدا گۈمبۈرلەپ تۇراتتى.قۇياش يۈزىنى قارا تۈتەكلەر توسۇۋالغان ئىدى.رۇستەم قوشۇن ئىچىدە ھەممىدىن بەك باتۇرلۇق كۆرسۈتۈپ جەڭ قىلماقتا ،ئىرانلىقلارغا ئۈمىد ۋە بايراق بولۇپ روھلاندۇرماقتا ئىدى.ئۇ قەڭ قەريانىدا بىر مىنىۇتمۇ ئارام ئالمايتتى.قەيەر ئەڭ خەتەرلىك بولسا شۇ يەرگە ئۆزىنى ئۇرۇپ دۈشمەنلەرگە تالاپەت يەتكۈزەتتى.ھەر بىر گۈرزە ياكى قىلىچىدا بىر ياكى ئىككى دۈشمەن يەر چىشلىمەي قالمايتتى.شۇنداقتقىمۇ دۈشمەن لەشكەرلىرى قۇم تۇپراقتەك كۆپ بولغا    چقا  ئۇلارنى يوقۇتۇپ بولۇشقا كۆپ ۋاقىت كەتكەن ئىدى.

دۈشمەنلەر زەھەرلىك قولىنى رۇستەمگە سېلىپ ئۇنى يوقۇتىۋېتىش ئارقىلىق ئىرانلىقلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ ئۇرۇش ۋەزىيىتىنى تېزدىن بۇراش ئۈچۈن تاكتىكىسىنى ئۆزگەرتىپ ھەممە پىل ۋە دىۋە لەشكەرلىرىنى توپلاپ پەقەت رۇستەمنىڭ ئۈستىگىلا يۇپۇرۇلۇپ كەلدى.رۇستەم پەرۋەردىەەار نامىنى تىلغا ئېلىپ ئىشلىتىۋاتقان نەيزىسىنى بىر مەھرەمگە تۇتقۇزۇپ قويۇپ قولىغا كالا باشلىق چوڭ گۈرزىىنى ئالدى.رۇستەم دالا تۈزنى تىترىتىپ دەھشەتلىك نەرە تارتىپ دۈشمەنگە بىر ئېتىلىۋىدى.نە پىلدا ھۇش قالمىدى نە دىۋىدە جان. گۈرزە زەربىسىدىن پىللار ئۇستىخىنى پاچاقلانسا، دىۋىلەر سۇنغان دەرەخلەردەك سۇنايلىنىپ يېتىشاتتى.نەگىلا قارىسىڭىز پىللارنىڭ خارتۇمى بىلەن قۇم تۇپراقتەك ئۆلۈكلەر دۆۋىسى بىلەن تولۇپ كەتتى.

دىۋىلەر بىلەن پىللار تۈگەشكەندىن كېيىن رۇستەم گۈرزىسىنى قويۇپ قولىغا يەنە نەيزىسىنى ئالدى ۋە مازەندىران شاھىنى ئىزدەپ تۇلپارىغا قامچا سالدى.ئىككىسى ئۇچراشقاندىن كېيىن نەرە تارتىشىپ ئۇرۇشۇشقا چۈشۈپ كېتىشتى.ئەلۋەتتە مازەندىران شاھى رۇستەمنىڭ تەڭدىشى ئەمەس ئىدى.بىردەم ئېلىشقاندىن كېيىن نەيزىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ قاياققا قېچىشنى بىلمەي قالدى.

قىساس خاھىشى كۈچەيگەن رۇستەم بىر نەيزە بىلەنلا بۇ بەدبەختنىڭ ئىشىنى تۈگەتمەك بولۇپ ئۇنىڭ كىندىكىنى توغرىلاپ نەيزە ئۇردى.شاھنىڭ ساۋۇتى پارە پارە بولۇپ كەتكەن بولسىمۇ ئۆزى ھىچنىمە بولمىدى.ھەيران بولغان رۇستەم نىمە ئىش ئىكەنلىكىنى بىلىش ئۈچۈن سىنچىلاپ قارىسا شاھ  سېھىر ئىشلىتىپ  چوڭ قارا تاشقا ئايلىنىۋاپتۇ.ئىران لەشكەرلىرىمۇ بۇ غەلىتە ئىشتىن ھاڭ -تاڭ بولۇشۇپ قېلىشتى. دەل شۇ چاغدا كاۋۇس لەشكەرلىرى بىلەن بۇ يەرگە كېلىپ قالدى.ئۇ  رۇستەمنىڭ چوڭ بىر قارا تاشقا قاراپ تۇرۇپ قالغانلىقىنى كۆرۈپ سورىدى:

-ئەي گۈل يۈزلۈك باتۇرۇم، نىمە ئەھۋال بولدى؟نىمىگە ھەيران بولۇپبۇنچە  قېتىپ تۇرۇپ قالدىڭ؟

-دۈشمەن بىلەن شىددەتلىك سوقۇشۇۋاتاتتىم.ئاللاھ مەدەت بېرىپ  كۈچلۈك دۈشمەنلىرىم بىر بىرلەپ يەر چىشلىمكتە ئىدى.نۆۋەت مازەندىران شاھىغا كەلگەندە بىر نەيزە ئۇرسام بۇ سېھرىگەر ئالچاق  سېھىر ئىشلىتىپ چوڭ قارا تاشقا ئايلىنىۋالدى.بۇنى تاشنىڭ ئىچىدىن قانداق چىقىرىشنى بىلەلمەي بۇ غەيرى ھادىسىگە لال بولۇپ تۇرۇپ قالغان ئىدىم .پەمىمچە بۇ ئەبلەخ تاشتىن ئاسانلىقچە چىقمايدىغان ئوخشايدۇ .مۇشۇ تاشنىڭ ئۆزىنىلا بارگاھقا ئېلىپ كىتىپ ئۇنىڭ تاشتىن چىقىشىنى ساقلاپ تۇرايلى.

شاھ ئادەملىرىگە بۇ تاشنى يۆتكەشكە ئەمىر قىلدى.لىكىن ھىچكىمنىڭ ئۇنى جايىدىن يۆتكەش ئەمەس قىمىرلىتىشقىمۇ كۈچى يەتمىدى.شۇنىڭ بىلەن رۇستەم ئۆزى كىلىپ بىر لا زور قىلىپ ئۇنى يەردىن يۇلۇۋالدى ۋە دەس كۆتۈرۈپ بېشىدىن ئىگىز تۇتۇپ بارگاھقا پىيادە ئېلىپ ماڭدى.پۈتۈن لەشكەر ۋە سەركەردىلەر رۇستەمنىڭ باتۇرلۇقىغا يەنە بىر نۆۋەت قول قويۇپ،  ھەيرانلىقتا ياقىلىرىنى تۇتۇشۇپ قېلىشتى.ۋە رۇستەمنىڭ ئۈستىدىن زەر تىللالارنى چېچىشتى. رۇستەم ئۇ تاشنى بارگاھ ئالدىغا ئېلىپ كېلىپ ئىران كۈزەتچىلىرى تۇرغان بىر جايغا تاشلىدى.ئاندىن تاشقا خىتاپ قىلىپ دىدى:

-ئەي جادۇگەر شاھ،يا سەن ھازىر ھىلە- نەيرەڭ، جادۇ- ئەپسۇنلىرىڭدىن كېچىپ تاشنىڭ ئىچىدىن چىقىسەن! يا بولمىسا پولات بازغان گۈرزىلەر بىلەن ئۇرۇپ بۇ تاشنى پارە –پارە قىلىۋېتىمەن.شۇ چاغدا سېنى تېپىش ماڭا ئاسان بولىدۇ!

قارا تاش بۇ گەپنى ئاڭلاپ دەرھال قار تاش بۇلۇتقا ئايلاندى.ئۇچۇپ كەتمەكچى بولۇۋىدى .رۇستەم قويۇۋەتمىدى.شۇنىڭ بىلەن بېشىدا پولات دوبۇلغا،بەدىنىدە ساۋۇتى بار ،بويى نەچچە تېرەك  بويى كېلىدىغان دىۋىگە ئوخشاش بىر مەخلۇققا ئايلىنىپ قالدى.بۇ ئۇنىڭ ئەسلى قىياپىتى بولۇپ ئۇ ئەسلىدە دىۋىدىن ئادەم شەكلىگە كىرىۋېلىپ مازەندىرانغا شاھ بولۇۋالغان بەتبەشىرە دىۋە ئىكەن.

كاۋۇس ئۇنىڭ چىرايىغا سەپسېلىپ قارىۋىدى.بەئەينى ئالۋاستىلارنىڭكىدەك بەتبەشىرە بىرچىراي ئايان بولدى.بۇ مەخلۇقنىڭ بوينى ئەسكى كۆتەكتەك ،چىشلىرى توڭگۈزنىڭكىدەك،كۆزلىرى چىراغدەك،بۇرنى مورىدەك،ئاغزى كىچىكرەك قاراڭغۇ غاردەك،ساقىلىمۇ رەتسىز بوغۇلغان چوڭ سۈپۈرەىدەك، جمىكى كۆرۈمسىزلىكنى ئۆزىگە مۇجەسسەم قىلغان غەيرى مەخلۇق ئىدى.كاۋۇس ئۇنىڭ قىياپىتىدىن شاھلارغا ماس كەلگۈدەك بىرەر ئىجابى ئامىلنى تاپالمىدى.ئۇ ئۆز ئۆلۈمىدىن تەشۋىشلىنىپ يۈرىكىدىن ئوتلۇق ئاھ،ئېغىزىدىن سوغاق باد چىقىرىپ لاغىلداپ تىترەپ تۇراتتى.كاۋۇس ئۇنى دەرھال جاللاتقا تاپشۇرۇپ بەدىنىنى يۈز پارە قىلىپ ئۆلتۈرگۈزىۋەتمەكچى بولۇۋىدى رۇستەم:

-ئەي ئۇلۇغ شاھىم ،بۇ كاززاپ جاللاتنىڭ كۆزىنى باغلاپ يەنە قېچىپ كەتمىگەي،ئەڭ ياخشىسى جاللاتلىقنى مەن ئۆزۈم قىلاي !    -دەپ ئۇنى ساقىلىدىن سۆرەپ نېرى ئەكەتتى.رۇستەم قولىغا ئۆتكۈر قىلىچىنى ئېلىپ ئۇنىڭ دات پەريادى ۋە يىغلاپ تۆۋە قىلىشلىرىغا قارىماي  يۈز پارچە قىلىپ چاناپ ئۆلتۈرىۋەتتى.

ئۇرۇش مازەندىران شاھىنىڭ ئۆلۈمى بىلەن ئاخىرلاشتى.ئۇ ئۆلگەن ھامان بارلىق لەشكەرلىرى دەرھال قۇرال تاشلاپ ئەل بولدى.زەپەر قۇچقان ئىرانلىقلار كاۋۇسنىڭ پەرمانى بىلەن دەرھال جەڭ غەنىمەتلىرىنى يىغىشتۇرۇشتى.ئاتلار،پىللار،قۇرال ياراغلار،ئاش- ئوزۇقلار،زەر كۈمۈشلەر،قىممەتلىك گۆھەر تاشلار،ھەممىسى توپلىنىپ  ئاتلار بىلەن پىللاردىن باشقىلىرى تۈرى بويىچە دۆۋىلەندى.كېيىن تارتۇقلاش ئېلىپ بېرىلىپ يىغىلغان بايلىقلار جەڭدە كۆرسەتكەن  ئەجىر تۆھپىلىرىگە ئاساسەن لەشكەر ۋە سىپاھدارلارغا تەقسىملەپ بېرىلدى.ئارقىدىن كىشىلەرەە زۇلۇم قىلغان ھەددىدىن ئاشقان دىۋىلەردىن نەچچە يۈزىق يىغىپ كېلىنىپ كاللىسى ئېلىنىپ لەشكەر ۋە پۇقرا تىنجىتىلدى.

كېيىن كاۋۇس  قوشۇننى باشلاپ نەرىمپاي شەھىرىگە كىردى.شاھ سارىيىىغا ئورۇنلىشىپ ئارام ئېلىشقا تۇتۇندى.مۇشۇ قېتىىمقى جەڭ غەلىبىسىدىن كېيىن كاۋۇسنىڭ تەڭرىگە بولغان ئېتىقادى ۋە سېغىنىشى تېخىمۇ كۈچەيدى.ئۇ پاك تەڭرىگە بىر ھەپتە ئىبادەت قىلىپ رەھمەت ھەشقاللىسىنى ئىپادىلىمەكچى بولۇپ ساق بىر ھەپتە قامىتىنى ئىگىپ سەجدە ۋە ئىبادەتلەردە بولدى.ئۇ شۇنداق دۇئالارنى قىلاتتى:

-     ئەي پاك پەرۋەردىگار،خالاسكار ئۆزۈڭ،بالادىن ساقلىغۇچىمۇ ئۆزۈڭ،نىجاتكارمۇ ئۆزۈڭ.سەن مېنى يېقىن بەندەڭ قاتارىدا كۆرۈپ ياۋۇز كۈچلۈك دۈشمەنلىرىم ئۈستىدىن غەلىبە قىلىشىم،قىساس ئېلىشىم ئۈچۈن ئىمكان يارىتىپ بەردىڭ.خۇددى قېرىلىقتىن ياشلىققا قايتقاندەك بولدۇم...

سەككىزىنچى كۈنى كاۋۇس غەزىنىنى ئاچقۇزۇپ  شەھەر پۇقرالىرىغا سەدىقە تارقاتتى. مۈلكى يوق كۆك نامراتلارغا كۆپ،ئادەتىكى نامراتلارغا ئادەتتىكىچە  بولۇپ ھەركىمنىڭ ئەھۋالىغا يارىشا سەدىقە تارقىتىپ پۇقرانى قىيىنچىلىقتىن قۇتۇلدۇرۇپ ئەمىن قىلدى.

  ئۈچىنچى ھەپتە بارلىق ئىشلىرىنى سەرەمجانلاشتۇرۇپ بولغاندىن كېيىن ساپ مەي تولدۇرۇلغان جام تەلەپ قىلىپ بەزمە مەشرەپ ئۇيۇشتۇرۇپ يەنە بىر ھەپتە مازەندىراندىكى غەلىبىسىنى تەبرىكلەش يۈزىسىدىن بارلىق لەشكەر ۋە سىپاھدارلارنى قاتتىق مىھمان قىلدى.شۇ سورۇنلارنىڭ بىرىدە كاۋۇس رۇستەمنى يېنىدا ئولتۇرغۇزۇپ رەھمەت تەشەككۈرىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دىدى:

  -ئەي شاۋۋاز،جاھان پالۋانى،سەن بۇ قېتىمقى جەڭلەردە باشتىن ئاخىر ئاجايىپ قەھرىمانلىق كۆرسۈتۈپ دۈشمەنلىرىمنى بىر بىرلەپ يوق قىلدىڭ.مېنى مۈشكۈللۈك زىندانىدىن ئازاد قىلىپ، ئازادە راھەت كوچىسىغا چىقىرىپ قويدۇڭ.مەن بۈگۈنكى بەختىم ۋە ئارزۇ ئارمىنىمغا پەقەت سەن ئارقىلىقلا يېتەلىدىم.شۇڭا ساڭا قانچە قىلساممۇ ئەرزىيدۇ.مىڭ كۈنلەپ رەھمەت بارىكاللا ئېيتساممۇ ئازلىق قىلىدۇ.

-ئەي شەھرىيار ئالەم،   -دىدى رۇستەم جاۋابەن   -مەن ئۇلۇغ ئىشقا ياراپ جاناپلىرىنىڭ خىزمىتىدە بولالىغىنىمدىن ناھايىتى خۇرسەنمەن.مەن بۇ جەڭلەردە بۇنچە كۆپ  كارامەت كۆرسۈتەلمەيتتىم،ھەممىسى ئەۋلادنىڭ  ماڭا يول باشلىغانلىقى ۋە ئەقىل كۆرسەتكەنلىكىدىن بولدى.مەن ئۇنىڭغا:‹‹ مازەندىران ئۇرۇشى ئاخىرلىشىپ دۈشمەن تامام بويسۇندۇرۇلۇپ بولۇنغاندىن كېيىن، ساڭا مازەندىراننىڭ ھۆكمىرانلىقىنى ،شاھلىق تەختىنى ۋە ھۆكمىرانلىق تامغىسىنى بېرىمەن›› دەپ ۋەدە قىلغان ئىدىم.جاناپلىرىدىن باشقا نەرسە تەلەپ قىلمايمەن،پەقەت مۇشۇ ۋەدەمنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشۇم ئۈچۈن ئەۋلادنى مازەندىران ئۆلكىسىنىڭ پادىشاھى قىلىپ تەيىنلەشلىرىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئەۋلاد ئەينى ۋاقىتتا تۈۋى يوق غاردىن ئاق دىۋىنىڭ جىگىرىنى ئېلىپ كىلىپ كاۋۇسنىڭ كۆزىقنى ئېچىشتىمۇ تۆھپە قوشقان بولغاچقا كاۋۇسمۇ ئۇنى ياقتۇراتتى. ئۆزىمۇ بۇ يەردىن كەتكەندىن كىيىن قايسى ئىشەنچىلىك ئادەمنى بۇ يەرگە قويۇش توغرىسىدا باش قاتۇرۇۋاتاتتى. رۇستەمنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلاپ ھەم ئۇنىڭ مەردانىلىكىگە يەنە بىر قېتىم تەھسىن ئېيتىپ تەكلىپىنى جان دىل بىلەن قوبۇل قىلدى.ئەتىسى كاۋۇس  ئەۋلادنى ئالدىغا چاقىرىپ ئۇنى مازەندىراننىڭ شاھلىق تەختىگە ئولتۇرغۇزدى.بېشىغا تاج كىيگۈزۈپ شاھلىق مۆھۈرىنى رۇستەمنىڭ قولى بىلەن بەردى. مۇراسىمدىن كىيىن  كاۋۇس ئەۋلادقا شاھلىق يۇسۇنلىرى، ھۆكمىرانلىقتا دىققەت قىلىشقا تىگىشىلىك ئىشلار،ھەر يىلى ئىرانغا تاپشۇرۇپ تۇرۇشقا تىگىشلىك باج خىراج قاتارلىقلارنى بىر بىرلەپ ئۆگىتىپ ياكى چۈشەندۈرۈپ   چىقتى.

يۇقارقى ئىشلار تۈگىگەندىن كېيىن ھەممىسى كەلگەن يەرلىرىگە قايتىپ كەتتى.

كاۋۇسنىڭ ئىرانغا قايتقانلىقى

كاۋۇس ئىرانغا قايتىپ كەلگەندە مەملىكەتتىكى قېرى- ياش،ئۇششاقۇ چوڭ،ئايالۇ- ئەركەك  بولۇپ ھەممە ئادەم قۇياشتىن يۈكسەك خۇشاللىققا چۆمۈشۈپ، شاتلىقتىن توۋلىشىپ، ئۇنىڭ ئالدىغا چىقىپ قىزغىن كۈتۈۋالدى.پۈتۈن مەملىكەت يېڭى كىلىندەك ياسانغان بولۇپ تەرەپ تەرەپلەردە شاھنىڭ  زور غەلىبە بىلەن قايتىپ كەلگەنلىكى شەرىپىگە ئۇيۇشتۇرۇلغان خۇشال ئەنجۈمەن ۋە زىياپەتلەر قايناپ كەتكەن ئىدى.كەيكاۋۇس تەختىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن غەزىنە ئىشىكىنى كەڭ كۇشادە ئېچىپ غەزىنىچىلەرنى قاتار توختۇتۇپ نامرات پۇقرالار،يىتىم يىسىرلار،مېيىپ ئاجىزلار،ۋە قېرى ئاجىزلارغا كەڭ كۇشادە دىرھەم تارقاتتى.خەلق خۇشال بولۇشۇپ ئۇنىڭ دۆلىتىنىڭ مەڭگۈ بولۇشىنى تىلەپ دۇئالار قىلىشتى.

رۇستەمنى  كاۋۇس  ئۇدۇللا ئۆيىگە قايتقىلى قويماي مۇكاپاتلاش ئۈچۈن ئىرانغا ئېلىپ كەلگەن ئىدى.شاھ ئۇنىڭ بېشىغا مۇقەددەس كۇلاھ كىيگۈزۈپ يېنىدىن ئورۇن بېرىپ رۇستەمنى ئۆزىمۇ ئويلاپ باقمىغان دەرىجىدە كاتتا تارتۇقلار بىلەن مۇكاپاتلىماقچى بولۇۋاتاتتى. رۇستەم بولسا تۆۋەنچىلىك بىلەن سوۋغات ئېلىشنى رەت قىلىپ يۇرتىغا قايتىشقا ئالدىراۋاتاتتى.

  -ئەي ھۇمايۇن تاجدار    -دەيتتى رۇستەم،   -رۇخسەت بولسا ئاتام زال زەرنىڭ يېنىغا قايتسام.

كاۋۇس ناھايىتى كاتتا تارتۇقلاش مۇراسىمى ئېچىپ مۇراسىمدا رۇستەمنىڭ ئۇلۇغ تۆھپىلىرى،قەھرىمانلىق ئىش پائالىيەتلىرىنى خەلقى ئالەمگە جاكالىدى.ئاندىن ناھايىتى كۆپ ۋە قىممەتلىك سوغاتلارنى كەلتۈرۈپ رۇستەمنى مۇكاپاتلىدى.مۇكاپات بېرىلگەن نەرسىلەر ئارىسىدا - ئىسىل پىروزە بىلەن زىننەتلەنگەن قوي باشلىق تەخىتتىن بىر دانە،دۇررى گۆھەرلەر بىلەن تولغان بىر دانە تاج،ئىسىل شاھانە رەخت،سەرۇپالىق كىمخاپ تون،پادىشاھلارغىلا ىاس ياسالغان باھار قۇياشىدەك نۇر چاچىدىغان ئالماس ئۈزۈك،نازۇك بىلىگە كەمەر باغلىغان، ياسىنىپ تارانغان ،مۈشكى ئەنبەر پۇراپ تۇرىدىغان يۈز نەپەر ماھىرۇي كېنىزەك،چاپچىپ كۆككە چاپىمەن دەپ تۇرىدىغان ئالتۇن ئىگەرلىك يۈز ئىسىل ئەرەپ ئېتى،زەر يۈگەنلىك يۈز ياش قېچىر،بۇ قېچىرلارغا ئارتىلغان چىندىن،رۇمدىن،پەھلىۋىيدىن كەلتۈرۈلگەن ئىسىل ئەشيالار،بىر كوزا ياقۇت،توقسان توققۇز كوزا زەبەرجەد ۋە گۇلاب،يەنە يۈز خالتا دىنار قىسقىسى ئەتىر بوياق قاتارلىقلاردىن تارتىپ قىممەتلىك نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى بارئىدى.بۇلاردىن باشقا ئىسىل شايىغا ئەنبەر مۇئەتتەر سىياھىدىن يارلىق پۈتۈلۈپ باتۇرلار سەردارى بولغان رۇستەمگە نىمرۇز ۋىلايىتى مەڭگۈلۈك مۇكاپات قىلىپ بېرىلدى. كاۋۇس يەنە ئالايىتەن:‹‹رۇستەمگە مۇكاپات بېرىلگەن تەختكە ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىم چىقمىسۇن،ئۇنىڭغا مۇكاپات قىلىپ بېرىلگەن شاھلىق كۇلاسىىنىمۇ ئۇنىڭدىن باشقا ھىچكىم كىيمىسۇن›› دەپ تاپىلىدى.ئاندىن كاۋۇس يەنە رۇستەمگە ئاپىرىن ياغدۇرۇپ شۇنداق دىدى:‹‹ئاسماندىكى قۇياش بىلەن ئايمۇ سەنسىز نۇر چاچمىسۇن. بارلىق نامدارلارنىڭ مىھرىمۇ ساڭا مەڭگۈ ھەمراھ بولسۇن.روھىڭ دائىم تازا، دىلىڭ مەڭگۈ ئاۋات بولسۇن.››

رۇستەم خۇشال بولۇپ ئورنىدىن تۇرۇپ شاھنىڭ تەختىپايىنى سۆيدى.ئاندىن شاھ بىلەن ىوشلۇشۇپ چىقىپ  ئۆزىگە بېرىلگەن سوغات بۇيۇملارنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئېلىپ بېرىشقا تەيىنلەنگەن قوشۇن ۋە كارۋان بىلەن يول يۈكلىرىنى تەييارلاپ سەپەرگە جابدۇندى.ئەتىسى سەھەردە كاۋۇس بىلەن خوشلۇشۇپ زابۇلىستانغا ئاتىسى بىلەن كۆرۈشۈش ئۈچۈن يۈرۈپ كەتتى.

رۇستەم قايتىپ كەتكەندىن كېيىن كاۋۇس باشقا ئىران باتۇرلىرىغىمۇ مازەندىران ئۇرۇشىدىكى تۆھپىسىگە يارىشا مال دۇنيا ، ئەمەل مەنسەپ ۋە يەر زىمىنلارنى تارتۇق قىلىپ  بەردى.توسنى ھەربى قوماندان قىلىپ بەلگىلەپ  بارلىق  قوشۇنلارنى ئۇنىڭ ئىختىيارىغا تاپشۇردى ۋە دىدى:

-سەن بۇندىن كېيىن ئىرانغا بالاگەردان(كەلگەن بالالەرنى قايتۇرغۇچى)بولغىن !

گۇدەرىزنى ئىسپاھان زىمىنىغا ھاكىم قىلىپ بەلگىلەپ سۇيۇرغال قىلىپ بەردى.

شۇ ئىشلاردىن كېيىن كاۋۇس مەملىكەت ئىشىدىن خاتىرجەم بولۇپ، كۆڭلى مەي ۋە ئويۇن تاماششىلارنى تارتقاچقا، ئۆلۈمنى ئەستىن چىقىرىپ پاراغەت كوچىسىغا قەدەم قويدى.

ئەلدە خېلى بىر مەزگىلگىچە تىنچلىق ھۆكۈم سۈرگەچكە بەخت ئىقبال كۈلۈپ بېقىپ يەر يۈزى خۇددى كۆكلەمدەك گۈللەپ ياشنىدى.ھەممە ياق باغۇ ئېرەمدەك ياساندى. ئەھرەمەنلەر ئۆلۈپ يامانلار يوقالغاچقا خەلىق ئادالەت-تىنىچلىقتىن قۇۋۋەتكە تولدى.پۈتۈن دۇنياغا:‹‹ كەيكاۋۇس مازەندىراننى بويسۇندۇرۇپ ئۆز تەسەررۇپىغا ئالدى››دەپ خەۋەر تارقالغاچقا بارلىق چوڭ- كىچىك شاھلار:‹‹كۋۇس بۇ ئۇلۇغلۇققا قانداق ئېرىشتى؟!››دەپ ھەيران بولۇشتى ۋە كاۋۇسنى تەبرىكلەپ ئەلچى ۋە سوغا سالاملار ئەۋەتىشتى. ھەممە پاك كىشىلەر ھەدىيە ۋە تەبرىك ئەۋەتكەچكە تەبرىكلەپ كەلگۈچىلەرنىڭ ئايىقى ئۈزۈلمەيتتى.

كاۋۇسنىڭ تەسىرىدىنمۇ تەرەپ تەرەپلەردىمۇ ھىممەت ئادالەتلەر ئورنۇتۇلۇپ پۈتۈن جاھان ئاۋاتلىشىپ خۇددى جەننەتتەك بىزىنىشكە باشلىدى.

كېيىنكى ئىشلار:

كەيكاۋۇس يەنە ئۆز يۇرتىدا ھۆكمىرانلىق قىلىدۇ.رۇستەمنىڭ كۈچ قۇدرىتىگە پۇتۈن جاھان ئەھلى قايىل بولۇپ قول قويىدۇ.ئۇنىڭ جاسارىتى پۈتۈن ئىران زىمىنىغا تارقىلىدۇ.سېھرىگەرلەر ۋە دىۋىلەر شاھقا باش ئېگىپ ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولىدۇ.ئىراندا قىممەت باھا تاشلاردىن بىزەلگەن ھەشەمەتلىك ئىمارەتلەر بىنا بولىدۇ.خەلىق ئۇرۇش قان تۆكۈشلەردىن خالى بولۇپ خاتىرجەم تىنىچ ياشايدۇ.

ئەمما ئەھرەمەن دىۋىلەر ئەلەمدىن ئۆزىنى قويۇدىغان يەر تاپالمايدۇ.ئاخىر ئۇلار گۈزەل يىگىت قىياپىتىگە كىرگەن بىر دىۋىنى كاۋۇسقا رەزىل مەخسەد بىلەن ئۇچراشتۇرىدۇ.

بىر كۈنى كاۋۇس ئوۋ ئوۋلاپ يۈرگەن ۋاقتىدا ئۇنىڭ ئالدىغا گۈزەل بىر يىگىت پەيدا بولىدۇ،ۋە ئۇنىڭغا بىر دەستە گۈل تۇتىدۇ.گۈل ھىدى ھەممە ياقنى بىر ئالىدۇ.بۇ ئىش شاھقا بەكمۇ ياراپ كېتىدۇ.يىگىت شاھقا يەر سۆيۈپ تازىم قىلىپ تۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ:

   -ئەي قۇدرەتلىك شاھ،پۈتۈن ئالەم سېنىڭ ھۆكمىڭدە،ئەمدى كۆككە كۆتۈرۈلۈپ ئاسماننىمۇ ئىگەللىشىڭ،قۇياش ۋە ئاينىڭ نەدىن چىقىپ نەگە پاتىدىغانلىقىنىمۇ بىلىشىڭ ۋە باشقۇرالايدىغان بولۇشۇڭ كېرەك!

مەنمەنلىك يۈرىكىنى قاپلاپ تۇرغان كاۋۇس شاھنى دىۋىنىڭ بۇ سۆزلىرى دەرھال توغرا يولدىن ئازدۇرۇپ ،غۇرۇر چاڭلىرى ھەقىقەت نۇرلىرى بىلەن نۇرلۇنۇپ تۇرغان رۇشەن كۆزلىرىنى توسۇۋالىدۇ.شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ بارلىق پىكىر خىيالى ئاسمانغا قانداق ئۇچۇشتا بولۇپ قالىدۇ.بۇ ئارزۇسىغا يېتىش ئۈچۈن بارلىق ئالىملارنى يىغىپ تىنىچ قويمايدۇ.ئاخىر ئالىملار ئويلاپ-ئويلاپ بىر مەسلىھەتكە كېلىشىدۇ.تكت بۈركۈت بالىسىنى تۇتۇپ كېلىپ گۆش بىلەن بېقىپ ئۆستۈرىدۇ.چۆجىلەر چوڭ بولۇپ قاۋۇل قاناتلىق بۈركۈت بولۇپ يىتىشكەندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئايىقىغا كاجۋا ئېسىپ تەخت ئورنۇتىدۇ.تەختكە كاۋۇس شاھ چىقىپ ئولتۇرىدۇ.كاجۋىنىڭ تۆت بۇلۇڭىغا تۆت نەيزىدە قوي گۆشلىرىنى ئېسىپ قويۇشىدۇ.بۈركۈتلەر شۇ گۆشلەرنى يىمەك تەقەززالىقى بىلەن يۇقۇرىغا قاراپ ئۇچىدۇ.تەخت شۇ سەۋەپ بىلەن ئاسمانغا كۆتۈرىلىدۇ.بۈركۈتلەر بەك كۆپ ئۇچۇپ ئوزۇققا ئېرىشەلمەي ھېرىپ ھالىدىن كېتىدۇ.شۇنىڭ بىلەن كاۋۇس كاجۋا ۋە تەىتلىرى بىلەن ئاسماندىن يەرگە يىقىلىپ چۈشىدۇ.كاۋۇسنىڭ تەلىيىگە كاجۋا چىن ئورمانلىقىدىكى بىر دەرەخكە ئىلىنىپ قېلىپ كاۋۇس ئۆلمەي ھايات قالىدۇ.

ئۇ يەردىن قايتىپ كېتەلمەي مىڭبىر پۇشايمان ۋە ھەسرەت نادامەتلەر بىلەن تەمتىرەپ يۈرىدۇ.رۇستەم يەنە ئەھۋالدىن خەۋەر تېپىپ ئۇنى ئىزدەپ تېپىپ قايتۇرۇپ كېلىپ يەنە تەختكە ئولتۇرغۇزىدۇ.

كونا مۇنبەردىن يېڭى مۇنبەرگە يۆتكىدىم .




بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   qabiljan2004 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2012-6-8 01:28  


قابىلجان
mukam.cn

Rank: 10Rank: 10Rank: 10

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  98
يازما سانى: 548
نادىر تېمىسى: 1
تېللا: 1053
تۆھپە : 110
توردا: 189
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-4

قىزغىن ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 11:52:13 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوھ، مىڭ بىر جاپادا بۇ ئۇزۇن يازمىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم...

قابىلجان، راستىنى ئىيىتسام بىر ئۇلۇغ ئىشنى قىلىۋاتىسىز، بولسا مۇنبەرگە يوللىغاندا مەلۇم تەرتىپ بويىچە قەۋەتلەرگە ئايرىپ يوللىسىڭىز ئوقۇغاندا دىققەتنى يىغىشقا پايدىسى بولاتتى. راستىنى ئىيىتسام تور مۇھىتىدا بۇنداق ئۇزۇن يازمىنى ئوقۇش كېشىنى سەل ئازاپلايدىكەن. سەق قىسقا قىسقا ھالدا، ئىنكاس شەكىلدە يوللانغان بولسا بۆلۈپ ئوقۇشقا، قايتا قايتا ئوقۇشقا ۋە مەزمۇننى ئەستە ساقلاشقا پايدىسى بولاتتى دەپ ئويلىدىم...

Rank: 5Rank: 5

ئەزا ئۇچۇرى
تىزىم نۇمۇرى:  239
يازما سانى: 185
نادىر تېمىسى: 0
تېللا: 514
تۆھپە : 0
توردا: 82
سائەت
ھالىتى:
ئاخىرقى: 2013-9-8

ئاكتىپ يېڭى كۈچ جانلىق ئەزا

يوللىغان ۋاقتى 2012-6-8 20:01:07 |ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇمىجىت.م يوللىغان ۋاقتى  2012-6-8 11:52
ئوھ، مىڭ بىر جاپادا بۇ ئۇزۇن يازمىنى ئوقۇپ تۈگەتتىم...

...

مەن بۇنى بۇرۇن كونا مۇنبەرگە سىز دېگەندەك شەكىلدە يوللاپ يەتتىنچى بۆلۈمگە كېلىپ بولغان ئىدىم. كونا مۇنبەر ئەمەلدىن قېلىپ مۇھەررىرلەر كونا مۇنبەردىكى ئەھمىيەتلىك يازمىلارنى يېڭى مۇنبەرگە يۆتكىۋېلىش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقارغاندىن بېرى ساقلىۋالغانلىرىم ئاساسىدا يېڭى مۇنبەرگە قايتا يوللاۋاتىمەن.ھازىر يەتتىنچى بۆلۈمنىڭ ئاىىرىنى ئىشلەۋاتىمەن.ئالدىمىزدىكى ھەپتە ئىسكەندەر پادىشا ھەققىدىكى سەككىزىنچى بۆلۈمنى ئىشلەشكە ئۆتىمەن.سىزنىڭ بۇ ئەسەر ھەققىدىكى تورغا يولىغان   يازمىڭىزنى ئوقۇپ بەك خۇرسەن بولدۇم. سىزنىڭ يازغىنىڭىز بىلەن بۇ مەزمۇن بىرلىشىپ مۇنبەرداشلارغا شاھنامە ھەققىدە بىر قەدەر ئەتراپلىق بەدىئى زوق ۋە بىلىم بېرەلىگۈدەك.

قابىلجان
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش


ستاتىستىكا|يانفون نۇسخىسى|新疆作家网
Powered by Discuz! X2(NurQut Team)© 2001-2011 Comsenz Inc. For www.xjzjxh.com
چوققىغا قايتىش