يازغۇچى ئەنۋەر ناسىرى ۋاپات بولدى
& [5 \. s* l3 }+ o& F. U0 _# B5 X& U3 P/ w
7 t9 f1 O2 H. f «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەرىرى شاكىرجان ئىلاجى، غۇلجا توققۇزتارادىكى ئەدىب دوستمىز ئابدۇخېلىل مىرخېلىلنىڭ ئەۋەتكەن تېلىفۇن ئۇچۇرىدىن مەلۇم بولدىكى، بۈگۈنكى دەۋىر ئەدەبىياتىمىزدىكى ياش يازغۇچى، ئەدەبىيات تەشكىلاتچىسى، ئىلى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىنىڭ ئەڭ قىزغىن پەرۋىشكارلىرىدىن بىرى يازغۇچى ئەنۋەر ناسىر 2015-يىلى 11-ئاينىڭ 18-كۈنى چۈشتىن كېيىن سائەت 4 لەر ئەتىراپىدا غۇلجا شەھىرىدە كېسەللىك سەۋەبىدىن ۋاپات بولدى.
7 ^- Q( f! W, K% Z( y
- \: \! k- U& S4 r- J) F' K, Z+ f) V9 B. Q3 ]
قوشۇمچە:
$ ]2 x [' c H5 p$ W5 e
ئۆزگىچە ئەسەرلىرى بىلەن ئەدەبىيات سېپىمىزدە ئات چاپتۇرۇپ كېلىۋاتقان يازغۇچى ئەنۋەر ناسىرى 1969-يىلى توققۇزتارا ناھىيەسىدە تۇغۇلغان بولۇپ، ئۇ ھېكايىلىرىدىكى ئىنچىكە تۇرمۇش تەپسىلاتلىرى ئارقىلىق رېئاللىقنىڭ ئەڭ تەخىرسىز نۇقتىلىرى ئۈستىدە كىشىنى ئويغا سالىدىغان مەسىلىلەرنى ئوتتۇرىغا تاشلاپ كەلگەن ئىدى. ئۇنىڭ پوۋېستلىرىدا توققۇزتارانىڭ سېھىرلىك ھېكايەتلىرى سۆزلىنەتتى. ئۇنىڭ پىرسۇناژلىرى ئەتراپىمىزدىكى كىمدۇر بىرسىگە ئوخشاپ قالسا،ئۇ ياراتقان ئايال پىرسۇناژلار ئوبرازى ئۇيغۇر ئاياللىرىنىڭ ئىچكى دۇنياسىنى يارىتىپ بېرىشتە ئۆزگىچە خارەكتىرلىنەتتى. ئۇنىڭ نەسىرلىرىدە ھايات گۈزەللىكى،مېھرى-مۇھەببەت،بالىلىق شوخلۇقلىرى سۈرەتلەنسە، بالىلار ھېكايىلىرىدا بالىلارنىڭ ساددا،ساپ قەلبى،ئارزۇ-ئارمانلىرى جۇلالىناتتى.ئەدەبىي ئاخباراتلىرى بىزنى ھاياتقا توغرا قاراشقا،ئۈمىد بىلەن ياشاشقا ئۈندەيتتى.
ئەنۋەر ناسىرنىڭ «خۇدانىڭ غەزىپىنى ئۇنتۇش» ناملىق ھېكايىسى تۇنجى قېتىملىق ئىلى«غۇنچە» مۇكاپاتى»غا، «قۇشقاچلار ئۇچۇپ كەتتى» ناملىق ھېكايىسى 2-قېتىملىق«ئىلى دەرياسى» ئەدەبىيات مۇكاپاتىغا، «خىلۋەتتىكى مەھەللە» ناملىق پوۋېستى، 14-قېتىملىق«خانتەڭرى ئەدەبىيات مۇكاپاتى»غا، ئۇ يەنە «ئىلى دەرياسى» ژۇرنىلى نەشىر قىلىنغانلىقىنىڭ 30 يىللىقىنى خاتىرلەش پائالىيىتىدە« تۆھپىكار ئاپتۇر مۇكاپاتى»غا ئېرىشكەن ئىدى. ئۇنىڭ ھازىرغىچە «ئەنسىز ئادەم»، «مېنى كىچىك كۆرمىگىن»ناملىق كىتابلىرى نەشىر قىلىپ تارقىتىلغان ئىدى. «ئۇ «خىلۋەتتىكى مەھەللە» ناملىق پوۋېستلار توپلىمىنى نەشىرگە تاپشۇرغان. «لاي قەلئە» ناملىق رومانى ئۈستىدە جىددى ئىشلەۋاتقان ئىدى. ئۇنىڭ «ئەنسىز ئادەم» ناملىق ھېكايىسى خەنزۇچىغا تەرجىمە قىلىنىپ تونۇشتۇرۇلغان، «سۇنغان قانات» ناملىق ھېكايىسى ئۇيغۇرچە، قازاقچە تولۇقسىز ئەدەبىيات دەرسلىكىگە كىرگۈزۈلگەن ئىدى.
مەرھۇم ھايات ۋاقتىدا ئىلى ئوبلاستلىق يازغۈچىلار جەمئىيىتىنىڭ، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ يازغۇچىلار جەمئىيىتىنىڭ تەكلىپلىك يازغۇچىسى ئىدى .
" a/ S+ ]" O8 S ئەلۋىدا! ئەنۋەر ناسىرى......
0 Y! y8 r" s( S! _7 s
7 f6 \) ~8 f7 O! k, B