كېتىپتۇ دىدى
7 }: M8 q) q1 V( o; A" T B7 I! z& d, S
5 q, F& }0 r( M" U$ E9 \! gتۇرسۇنئاي سۇلتان (بەرگىيە)
# h- i; P% J5 v' Z b! O" R, Y8 K: u* J2 B9 x
1 |/ u" y0 @0 }
كېتىپتۇ دىدى؟
$ r W+ }$ n5 ?! D/ E e% G# V0 f
كىم؟
; n; }5 E/ r5 f- b& _: S2 t
ئەنۋەر ناسىرى...
* Y- L; f8 ^* E3 H. eنەگە؟
, r3 `( D/ {% @( _6 P
بارسا كەلمەس يەرگە
( t0 K* V- O Y" E( q8 a بۇ سۆزلەردىن كېيىن ھىچنىمىنى ئىلغا قىلمىدىم،ئالدىمدىكى ئادەملەرنىڭ مېنى كۆرگەنلىكىنى بىلمەيمەن،مەن كۆرمىدىم،تۇنۇشلارنىڭ ئىسمىمنى چاقىرغىنىنى بىلمەيمەن،مەن تۇنۇمۇدۇم،كۆز ئالدىمغا كەلگىنى بويلىرى ئىگىز،كۆزلىرى يوغان،قاچانلا قارىسا تەبەسسۇملۇق چىھرىدە لىققىدە مىھىرنى يېيىلدۈرۈپ،پاكىز ۋە رەتلىك تۇرقىدا كىشىنى ئەيمەندۈرۈپ،چىرايلىق دانىمۇ-دانە سۆزلەردە شۇ ئەيمىنىشلەرنى قوغلىۋىتىپ يۈرىدىغان سۇمباتلىق بىركىشى،قەلەملىرىدە دۇنيانى ھاردۇرۇشقا،ھارغان دۇنيانىڭ ئۈستىدە ئۆزى ئېغىناپ يېتىپ راھەتلىنىشكە تىرىشىۋاتقان بىر يازغۇچى.
4 k$ Q0 e: s* w) V4 f% U' w, Cكىم ھە كىم،كېتىشكە تېگىشلىكلەر كىم؟
, e7 W* {8 `% }% v2 nقېلىشقا تېگىشلىكلەر يەنە كىم؟
3 r1 y% H9 `" g$ T/ g
سەن بىلەتتىڭمۇ ئورۇنلاشتۇرۇشنى،سەن بىلەتتىڭمۇ مۇقەددەس بۇيرۇقنى،
7 E" t4 Z* `# ]- }قىزىم كۇپۇرلۇق قىلما ئاپپاق ساقاللىق بوۋام ساقاللىرىنى تىترىتىپ دۇئاغا قول كۆتىرەتتى،
; x7 ]( H" K1 `1 d) T2 W; yئەگەشتىم،تەۋرىگەن ئىلى كۆتۈرگەن قوللارغا،يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر قاتلاملىرىدىن بۇقۇلداش بىلەن چىقىۋاتقان جەننىتى تىلەش كۆزلىرىمدىكى ياشنى تۇتۇپ قېلىشقا قۇربى يەتمەيتتى.
v4 v9 M" G/ R قەلبىمنى پاچاقلايتتى ،ئۈنى بوغۇلغان كەپتەرلەردەك ئاھلارغا تولغان مەرسىيەلەر زارى،كۆز ئالدىمدىن ئۆتەتتى بىر-بىر،ئاكام بەرگەن سۆيۈملۈك مىھىر.
4 [" U; S. E8 M' @3 @; y" p1 Q2 P مەن ئاكامنى قاچان تۇنۇغان،تۇنۇيدىغاندىمەن تۇغۇلغاندىن بېرى،شۇنداق دىيىشنى لايىق تاپتىم.چۈنكى ئوخشاش بىر يولغا ئىنتىلگۈچىلەر بىر بىرىنى تۇنۇمىسىمۇ،تەپەككۈرلىرى،سۈرگەن خىياللىرى،ئوقۇغان كىتابلىرى،يازغان ئەسەردىكى پىرسۇناژلىرى بىر-بىرىنى تونارمىش،شۇ سەۋەب ،قەلەم تۇتقانلار مەيلى قايسى ئېقىمدا كۈرەش قىلسۇن قەلىبداش،كۆڭۈلداش،يۈرەكداش،سەپەرداشمىش،شۇ سەۋەب ئاكامنى بىر يۇرتتا،بىر بۇلاقنىڭ سۈيىنى ئىچىپ،بىر ھاۋادىن تەڭ نەپەس ئېلىپ،كۈندە بولمىسىمۇ كۈنىدە بىر رەت ئادەم كۆپ رەستىلەردە،تاماقخانا،ياكى يوللاردا مۈرىلىرىمىزنى سوقاشتۇرۇپ ناتۇنۇش كۆزدە جىلمىيىپ ئۆتۈپ كەتكەنلىرىمىزنى رەت قىلىمەن.نەچچە يىلنىڭ ئالدىدا بىر توپلام ئىشى بىلەن تېلېفۇندا مەندىنمۇ بەك ھۆرمەت ئاھاڭىدا پاراڭ قىلىشلىرىنى تۇنۇشقاندىكى پۈتكۈل ھاياتىمغا يايىمەن.
/ @+ y- ^8 p- H) o, r- l# l
«ئەنسىز ئادەم»نىڭ ئەنسىز يۈرىكى قانچە سوققاندۇ؟ «لاي قەلئە»نىڭ يېشىلمىگەن سىرلىرى قۇرلاردا قانچە پەرياد كۆتۈرگەندۇ؟«خىلۋەتتىكى مەھەللە»قانچە مۇڭغا پاتقاندۇ؟ گۈلجەھرەم،گۈلگىنە،يالچىن دىگەن ئىسىملاردا قاراقلار قاتقاندۇ؟
6 b1 k# ]" C$ N U5 Nئاھ،ئاھ،ئاھ......
. D) E3 A4 ?% T. k' f; F: S2 g8 Z
8 L) I% J% O1 _ [, E+ i
كەتكىنىنىڭ ھەقىقەت ئىكەنلىكىنى پىغانلىق زىمىننىڭ شورلۇق باغرىدا دۈمچەكلەنگەن بىر دۆۋە توپا ئىسپاتلىماقتا،تىترىگەن ،مۇڭلانغان دوست-ئاداشلار ئارقا-ئارقىدىن يۈرىكىدىكى پىغان -ھەسرىتى ئۈچۈن قولىدىكى قەلەمگە ،ئېغىزىدىكى دۇئاغا ئىلتىجا قىلماقتا، خىرەلەشكەن ئالدىمدا نۇر ئىچىدە سوزۇلۇپ چىقىپ كېلىۋاتقان ئەنۋەر ناسىرى،يۇرتۇمنىڭ سۆيۈملۈك ئوغلانى يەنە شۇ تەبەسسۇم ،يەنە شۇ مىھىرلىك قاراشلىرىدا «قۇرلىرىم قالدى،قۇرلىرىمدا پىرسۇناژلىرىم قالدى،سىلەرگە قالدى» دىدى، بىردىنلا ئەتراپىم يورۇپ كەتتى،چۈشتىن ئۇيغانغاندەك سىلكىندىم،توغرا قۇرلىرى قالدى، پىرسۇناژلىرى بىزگە قالدى،ئۇلارنىڭ يېشىنى سۈرتۈش بىزگە ئامانەت. ئۇلار سورايدۇ چوقۇم :
/ [' C: c& M) R$ Wكېتىپتۇ دىدى،
+ w" `- V5 ^$ K: Q
كىم؟
" x; R8 h5 l/ V8 |
ئەنۋەر ناسىرى،
/ `, v/ u6 ^" d5 _" i
نەگە؟
( n; X! b+ _( q) Wبارسا كەلمەس يەرگە ......
/ T' ]9 y& Y8 l1 q
/ ~% s/ g: b+ j, G: K2015-يىلى19-نويابىر
' f& o `, b! b; A: |8 v% P+ e/ Z) J' Y$ y