دەۋرىمىزگىچە «ھازىرقى زامان پارس تىلى» نىڭ جانلىق تىل سۈپىتىدە مەۋجۇت بولۇپ كەلگىنىگە 1100 يىل ئەتراپىدا بولدى. «شاھنامە»مۇ 1000 ياشقا كىردى. پۈتۈن دۇنيادىكى پارسلار بۇ ئەسەرنىڭ ئەسلى نۇسخىسىنى ئوقۇپ چۈشىنەلەيدۇ. مانا بۇ ئالاھىدىلىك «شاھنامە»نىڭ ئىلگىرىكى باشقا تىللاردا يېزىلغان لېكىن ھازىر ئاللىقاچان ئۆلگەن باشقا ئېپىك داستان ۋە باشقا ئەسەرلەردىن پەرقلەندۈرۈپ تۇرىدۇ. بۇ ئەسەر يەنە ھازىرقى زامان ئىران، ئافغانىستان، تاجىكىستان ئوقۇرمەنلىرىنىڭ ئوبرازىنىڭ تىكلىنىشىدە ناھايىتى زور رول ئوينىغان بولۇپ، بۇ ئەسەر پارس شېئىرىيىتى، سەرگۈزەشتنامە، تارىخنامە، تىلشۇناسلىق ۋە باشقا ئىجادىيەت تۈرلىرىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسەتكەن.« شاھنامە»نىڭ تۇنجى رەسمىي نەشرى 1829-يىلى ھىندىستاندا ت. مەكان تەرىپىدىن نەشر قىلىنغان.
« شاھنامە » مەيدانغا چىقىشى بىلەن شېئىرىي ئەسەر كەمچىل بولغان پارس ئەدەبىياتىدا غايەت زور زىلزىلە قوزغىدى. ھېچقانداق ئەسەر پارس تىلىنى « شاھنامە » دەك گۈزەللەشتۈرۈپ، ئىران خەلقىنى مۇنچە تىرەن تەربىيىلىگەن ئەمەس. ئىراننىڭ كېيىنكى مىڭ يىللىق تارىخىدىكى بارلىق ئىپتىخارلىق سەھىپىلەرگە بۇ ئۇلۇغ مەدەنىيەت ۋە تارىخ دەرسخانىسى بولغان « شاھنامە » نىڭ نۇرانە شولىسى چۈشكەن. بۇ ھەقتە فىردەۋسىي ئۆزىمۇ مۇنداق دېگەن:
«ئوتتۇز يىل قەھرىمدىن شۇ بولدى بىنا، ئىراننى قۇتقۇزدۇم پارس تىلىدا»
« شاھنامە »1223 -يىلى ئەرەبچىگە تەرجىمە قىلىندى. 11-ئەسىردە ئەسەدىي تۇسىي «شاھنامە » نىڭ تەسىرىدە پارسچە « كەرشەسىپ نامە » داستانىنى يازدى. ناسىر خۇسراۋ ئۆزىنىڭ «سائادەتنامە »، « سەپەرنامە » ۋە « دىۋان » لىرىدا « شاھنامە » ئىلھاملىرىنى ئىپادىلىدى. نىزامى گەنجىۋىي تۇسقا كېلىپ، فىردەۋسىينىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ ئاندىن ئۆزىنىڭ « بەنج گەنج » (بەش خەزىنە ) ناملىق « خەمىسە »سىنى يېزىشقا كىرىشتى. ئۇ « خۇسراۋ ۋە شېرىن »، « يەتتە گۈزەل »، « ئىسكەندەرنامە » داستانلىرىنىڭ ئاساسىي سيۇژىتىنى « شاھنامە » دىن ئالدى. كىشىنى ئويغا سالىدىغان يېرى شائىر ھەققىدە شۇنداق بىر ھېكايە خەلق ئارىسىدا مەڭگۈ ساقلىنىپ قالدى:
فىردەۋسى بالا ۋاقتىدا دادىسىدىن قالغان باغدا ياشايتتى، مۇشۇ باغدا ئەرەب، ھىندى تىللىرى بىلەن تونۇشقان بولۇپ، ھىندى ، يۇنان ئەپسانلىرىدىن زوق ئالاتتى. بۇ باغ دەريا بويىدا بولۇپ، ئۇ دەريا بويىدا ئويناشنى ياخشى كۆرەتتى، بۇ دەريانىڭ كۆۋرۈكى دائىم كەلكۈن تەرىپىدىن ئېقىتىلىپ كېتىدىكەن ئەمما ھېچكىممۇ بۇ كۆۋرۈكنى رېمونت قىلىپ قويمايدىكەن. ئۇ دائىم كۈنلەرنىڭ بىر كۈنى يېتەرلىك پۇلغا ئېرىشسەم بۇ كۆۋرۈكنى كەلكۈنگە تاقابىل تۇرالىغۇردەك قىلىپ ياسايمەن،دەپ ئارزۇ قىلىدىكەن. ئۇ كېيىن چوڭ بولۇپ داڭلىق شائىر بولغاندىن كېيىن پادىشاھ ئۇنى ئوردىغا چاقىرىپ پارس تارىخىنى يېزىپ چىقىشقا بۇيرۇپتۇ ھەم ئۆز ئوردىسىدىن مەخسۇس بىر ئالاھىدە ئۆي ئاجرىتىپ بېرىپتۇ.بۇ ئۆينىڭ تېمىنى فىردەۋسىينڭ شېئىرى ئىجادىيىتىنى قوزغىتالايدىغان چىرايلىق تەسۋىرلەر بىلەن بېزەپ بېرىپتۇ. ھەم پادىشاھ فىردەۋسىيگە ئەگەر بۇ ئەسەرنى پۈتتۈرەلىسە ئۇنىڭ ھەققى ئۈچۈن ھەر مىڭ كۇپلېتىغا 1000ئالتۇن تەڭگە بېرىشكە ۋەدە بىرىپتۇ... پادىشاھ تامغا يېزىلغان غەزەپلىك مىسرالاردىن خەۋەر تېپىپ چاپارمەنلىرىگە دەرھال ئۇنى تېپىپ پىلغا سۆرىتىپ ئۆلتۈرۈشكە بۇيرۇپتۇ. فىردەۋسىي تۇتۇپ كېلىنگەندىن كېيىن فىردەۋسىينىڭ ئۆتۈنۈشنى قوبۇل قىلغان پادىشاھ ئۇنى قايتا كۆرگۈسى يوقلىقىنى ئېيتىپ ئۇنى ئوردىدىن قوغلاپ چىقىرىپتۇ...كېيىن پادىشاھنىڭ فىردەۋسىينىڭ شان-شەرىپى ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن سوغاا-سالاملارنى توشۇيدىغان تۆگىلىرى تۇس شەھىرىنىڭ بىر دەرۋازىسىدىن كىرىپ كەلگەندە فىردەۋسىنڭ تاۋۇتى يەنە بىر دەرۋازىسىدىن ئېلىپ چىقىپ كېتىلىۋاتقان ئىكەن.
2012-يىل، 6-ئاينىڭ 5-كۈنى
مەنبە: «پارسنامە» ناملىق كىتابىمدىن ئېلىندى.
تۈگىدى
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا ئابدۇمىجىت.م تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-7 22:10