ھەرقايىسى دەۋىرلەردىكى « شاھنامە » كۆرگەزمىسى بىرلىن پرگامون موزىيىدا ئۆتكۈزۈلىپتىكەن.
ئاۋىستىرىيە پەنلەر ئاكادىميىسى 11_ئەسىردىكى شاھ ئەسەر شاھنامىنى دۇنيا جىنىس رىكۇرتى ياراتقان كىتابلار تىزىملىكىگە كىرگۈزۈش تەكلىپىنى بەردى.ئىران فىردەۋسى فۇندى جەمىيىتىنىڭ باش كاتىبى ياسسىر موۋەھېدەر بۇخەۋەرنى ئىلان قىلىپ،ئاۋىستىرىيە پەنلەر ئاكادىميىسىنىڭ ۋىيانادا شاھنامەنىڭ مىڭ يىللىق خاتىرلەش مۇراسىمى ئۈتكۈزۈش تەكلىپىنى بەرگەنلىكىنى ئۇقتۇردى
فۇندى جەمىيىتى بۇ ئەسەر تۇغرىسىدا بىر كارتۇن فىلىممۇ ئىشلەپ چىقاردى،باش كاتىپ بۇ تۇغرىسىدا خەۋەر بىرىپ شەھرام سالىمى رىجىسۇرلۇق قىلغان بۇ فىلىم مۇشۇ يىللىق ئىكو فىلىم بايرىمىغا قاتناشتۇرۇلىدۇ دىدى. بۇ فىلىم شاھنامىنىڭ مەزمۇنىغا ئاساسەن يىڭىلىق تۈسى قۇشۇش ئاساسىدا ئىشلەنگەن.
شاھنامە داستانى بۇلسا فىردەۋسىنىڭ چاتما رەسىم قىستۇرۇلغان ئەسىرى، مۇناسىۋەتلىك نەقش_رەسىملەر بۇلسا تىمۇرىيلەر دەۋرىدىكى مەۋلانا جەفەر تەبرىزى تەرىپىدىن بىزەلگەن.بۇ نۇسخا شاھنامە داستانى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى يونىسكۇ تەرىپىدىن دۇنيا خاتىرىسى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
شاھنامە پارىس تىلدا شىئىرىي ۋە نەسىر بىرلەشتۈرۈلگەن ئۇسلۇبدا يىزىلغان ئىراننىڭ قەدىمقى تارىخى ۋە ئەپسانىلىرى خاتىرىلەنگەن داستاندۇر.ئەرەب تىلى ئىراننىڭ ئاساسلىق ئەدەبىي ۋە تەبئىي پەن بۇلۇشقا باشلىغان دەۋردە پارىس تىلدا يىزىلغان.
زەل ۋە رۇدابا،رۇستەم ۋە سۇھراب،سىياۋەش ۋە سۇدابې،رۇستەم ۋە ئىسفەندىيار قاتارلىقلارنىڭ تەسىرلىك ھىكايىلىرى ئەڭ قارشى ئىلىنىدىغان تىپىك ھىكايىلەر ھىسابلىنىدۇ.
باش كاتىپ ياسسىر فۇندى جەمىيەتنىڭ يەنە باشقا مەدەنيەت_سەنئەت پرۇگىراممىلارنى ئۇيۇشتۇرۇدىغانلىقنى،مەسلەن شاھنامىنى تەتقىق قىلىدىغان مۇتەخەسىسلەر بىلەن ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئۈتكۈزۈش ۋە نەققالى پرۇگىراممىلىرىنى تەشكىللەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
نەققالى بۇلسا شاھنامە ھىكايىلىرىنى تەسىرلىك قىلىپ بايان قىلىدۇ، سەففاۋىلەر سۇلالىسى دەۋرىدە نەققالى پەقەت بىر ئادەم تەرەپىدىن شىئىر_ھىكايىلەرنى بۆلەكلەرگە بۈلۈپ ئالاھىدە ئاھاڭ ۋە بايان شەكىلىدە ئۇرۇندىلاتتى.
ياسسىر يەنە تۇلۇقلاپ نۆۋەتتە فۇندى جەمىيىتى شاھنامە تۇغرىسىدىكى كىنۇنى ئىشلەش ۋە بەش يىلدا پۈتتۈرۈشنى پىلانلىغانلىقىنى.پۈتكەندىن كىيىن ياۋرۇپا دۆلەتلىرىدىمۇ بازارغا سىلىنىدىغانلىقىنى خەۋەر قىلدى.
خەۋەر مەنبەسى:
http://tajikam.com/forums/index.php?/topic/2713-shahnamah-e-firdowsi-to-enter-guinness-book/