ئە.جۇلا يوللىغان ۋاقتى 2015-11-27 11:41
ئەنۋەر جۇلا ئەپەندى: «كەنجى كېۋەزنىڭ غوزىسى يوق، تولا ...
رەھمەت! ماڭا تەرجىمانلىق ياراشتى ھەم داۋاملىق يارىشىدۇ. سىزنىڭ ئاۋۇ پوق قورسىقىڭىزغا مايكىمۇ ياراشماپتۇ.
قېرىنداشلارنى مۇشۇنداق سەت گەپ بىلەن ھاقارەتلەپ تۇرۇپ يەنە «تەرەپ-تەرەپتىن ھۇجۇملارغا ئۇچراۋاتىمەن» دېسىڭىز قاملىشامدۇ؟ سىز بۇ تېمىدا بىر ئەمەس، بىرقانچە قېرىنداشلىرىمىزغا تىل تەككۈزۈپ ھاقارەت قىلدىڭىز (كۆڭلىگە ئازار بەردىڭىز). ھەتتا ئۇنى ئاز دەپ ئىنساننى «خۇدا» دېگەن نام بىلەن ئاتاپ، خۇداغىمۇ ھاقارەت قىلدىڭىز. شۇنداق تۇرۇقلۇق باشقىلارنى ھاقارەتلەش خۇمارىدىن چىقمىغاندەك قىلىسىز تېخى.
سىز باشقىلارنى سەت گەپ قىلدى دەپ ئەيىبلەپ تۇرۇپ، ئۆزىڭىز باشقىلاردىنمۇ ئاشۇرۇپ «پوق قورساق، دەلتە، يۈزى ئېشەك تېرىسىدىن قېلىن، سەندەك نېمىلەر» دېگەندەك ئەڭ سەت گەپلەر بىلەن باشقىلارغا ھاقارەت قىلسىڭىز، ئەڭ ئاخىرىدا سەت گەپ قىلىشتا ئەيىبلەنگەن ئادەم ئۆزىڭىز بولۇپ قالمامسىز؟ ئەمەلىيەتتىمۇ شۇنداق بولۇپ بولدى. چۈنكى ئىنكاسچىلار قاتارىدا سىزدىنمۇ بەكرەك ھەم كۆپرەك سەت گەپ قىلغان بىرەر تورداشمۇ يوق.
ئەجدادلىرىمىز ناھايىتى ھېكمەتلىك قىلىپ «قۇشقاچنىمۇ قاسساپ سويسۇن» دېگەن ئىكەن. مۇشۇنىڭغا ئاساسەن ھەممىمىز ئۆزىمىز پىششىق بىلگەن كەسىپلەر توغرىسىدا مۇنازىرىلەشسەك، ئۆزىمىز پىششىق بىلمەيدىغان كەسپ ياكى بىلىم توغرىسىدا سۈكۈت قىلغان بولساق بۇنداق كۆڭۈلسىزلىكلەر يۈز بەرمىگەن بولاتتى. يەنى ئەلى قۇربانمۇ بىزدىن نەچچە ئەسىر ئىلگىرى ياشاپ ئۆتكەن يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرى قاتارلىق ئالىملىرىمىزغا «پەيلاسۇپ ئەمەس، ئالىم ئەمەس» دەپ تىل تەككۈزگىچە، ئۆزىنىڭ كەسپى بولغان قەلبشۇناسلىق توغرىسىدىلا سۆزلىگەن بولسا؛ ئۈمىد غەنىمۇ ئۆزىنىڭ رىياسەتچىلىك كەسپى توغرىسىدىلا سۆزلىگەن بولسا؛ سىزمۇ ئۆزىڭىزنىڭ كەسپى بولغان تەرجىمانلىق توغرىسىدىلا سۆزلىگەن بولسىڭىز ھېچقانداق كۆڭۈلسىزلىك يۈز بەرمەيتتى ھەم بۇنداق تېمىلارمۇ يېزىلمايتتى.
ئاڭلاشلارغا قارىغاندا، كېيىنكىلەرنىڭ بۇرۇنقى ئەجدادلىرىغا تىل تەككۈزىشى قىيامەتنىڭ ئەڭ چوڭ ئالامەتلىرىدىن بىرى ئىكەن. ئەگەر شۇ گەپ راست بولسا، بىزنىڭ قىيامىتىمىزمۇ ئازلا قالغان ئوخشايدۇ. چۈنكى يۈسۈپ خاس ھاجىپ ۋە مەھمۇد قەشقەرىدەك ئەجدادلىرىمىزغا تىل تەككۈزىدىغان ئىشلار بۇرۇن كۆرۈلۈپ باقمىغان. ئەمدى كۆرۈلۈشكە باشلىدى. ئاشۇ ئەجدادلىرىمىزنىڭ ھۆرمىتىنى قىلغانلارمۇ تىل-ئاھانەتتىن خالى بولالمايۋاتىدۇ. ھەتتا تىل-ئاھانەت يۇقىرى پەللىگە يېتىپ خۇداغىمۇ ھاقارەت بولۇۋاتىدۇ.
يازغۇچىلار، شائىرلار، تەرجىمانلار ۋە ئالىي مەكتەپ پۈتتۈرگەنلەر ياكى ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇۋاتقانلار جەم بولغان، خەلقىمىزگە ۋەكىللىك قىلالايدىغان بۇ مۇنبەردە مۇنازىرە نامى بىلەن قىلىنىۋاتقان تىل-ئاھانەتلەر، زىددىيەتلەر ۋە كۆڭۈلسىزلىكلەرگە قاراپ تولىمۇ ئېچىنىۋاتىمەن...