2012-يىلى رايونىمىزدىن 11 كىشى جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە ئەزا بولغان
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتىگە 2012- يىللىق ئەزا تەرەققى قىلدۇرۇش خىزمىتى بۇ يىل 1- ئايدىن باشلانغان بولۇپ، تەشكىلات ئەزالىرىدىن پىكىر ئېلىش، ھەر قايسى ئەدەبىياتچىلاردىن سۈرۈشتۈرۈش، ۋە مۇتەخەسىسلەرنىڭ ئاساسلىشىدا، جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى شۇجىچۇسى 6-ئاينىڭ 4-كۈنى قاراپ چىقىش ۋە بېلەت تاشلاش ئېلىپ بېرىپ، 385 كىشىنى ئەزالىققا تەرەققى قىلدۇردى. جەمئىيەتنىڭ نازارىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، ھازىر ئىسىملىك ئاممىغا ئشكارىلاندى.
ئاممىغا ئشكارىلاش ۋاقتى 2012- يىلى 6- ئاينىڭ 5- كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 12- كۈنىگىچە. ئەگەر ئىسىملىكتىكىلەردە كۆچۈرمىكەشلىك ئەھۋاللىرى بار گۇمان قىلىنسا ئاممىغا ئاشكارىلاش ۋاقتى ئىچىدە پاش قىلىشىڭلارنى، ھەم مۇناسىۋەتلىك ئىسپاتلار بىلەن تەمىنلىشىڭلارنى سورايمىز.
ئالاقىلاشقۇچىلار: شىڭ چۇن، فەن داڭخۇي
تېلېفون: 010-64489867، 64489869، 64221703(فاكس)
ئېلخەت ساندۇقى :
64221703@163.com
جۇڭگو يازغۇچىلار جەمئىيىتى
2012- يىلى 6-ئاينىڭ 5- كۈنى
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىمىزدىن جەمئىي 11 كىشى ئەزا بولغان.
ئۇلار:
ئۆمەر مۇھەممەتئىمىن كروران، يالقۇن روزى، ئەخمەتبېك قىرجىباي(قازاق)، مۇھەممەتجان راشىدىن، چىمەنگۈل ئاۋۇت، نۇرمۇھەممەت توختى، ئابدۇقادىر جالالىددىن، بەگمەت يۈسۈپ، رىزۋانگۈل يۈسۈپ، شۆھرەت مۇھەممىدى، ياسىن زىلال.
ئەسلى مەنبەسى:
http://www.chinawriter.com.cn/news/2012/2012-06-05/129883.html
يەنە بىر تولۇقلىما خەۋەر:
بۇ قېتىم ئەزا بولغانلار ئىچىدە، نىڭشيا خۇيزۇ ئاپتونوم رايونىدا ئولتۇرۇشلۇق ئۇيغۇر ئايال يازغۇچى ياڭ يوڭ杨咏(ئائىشە阿舍) مۇ ئەزا بولۇپ كىرگەن.
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا Erchin تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2012-6-7 03:28