ئامىنە يوللىغان ۋاقتى 2015-11-13 00:04
قاپىيىسىز ئەڭ ياخشى يېزىلغان شېئىردىن بىرنى مىسال قىل ...
تۈگەيدىغان دادام
داداڭ تۈگەپ كەتتى دېيىشتى
باكتىكى ماي، خالتىدىكى گۈرۈچ تۈگىگەندەك
دادام
ئابى مەنىيدىن مېنى ياراتقان
بۈيۈك تەڭرى ئۇ!
ئۆلۈپ كېتىدىغان بولغاچقا
تېخىمۇ ھەقىقىي ۋە ساپ...
مەن يىراقتا تۇرۇپ
ئۇنىڭ ئۆلۈۋاتقان ئاۋازىنى ئاڭلىدىم
نەقەدەر جىمجىت
سۇدەك
قۇملۇقتەك
چۆمۈلىدەك
ئايرۇپىلان دادام كەبى تۆۋەنلىمەكتە
چوڭقۇرلۇقلارغا
ئۇشتۇمتۇت گەپ قىلىپ سالمىسۇن دېگەندەك
ئۇنىڭ ئېڭىكىنى مەھكەم چېتىپ قويۇپتۇ
ئاۋايلاپ يېشىۋەتتىم
تەگسىز سۆز...
ئەمدى بىزنى كۆرمىسۇن دەپ
كۆزلىرىنى يۇمدۇرۇپ قويۇپتۇ
نەم بارماقلىرىم بىلەن
كۆزلىرىنى ئاچتىم
لىق سۇ...
پاكىز كېتىدۇ دەپ
بەدەنلىرىنى يۇيۇپ، ئەتىرلەرنى چېچىۋېتىپتۇ
بۇنچە ھەشەم قىلىپ زادى قايسى جاناننىڭ يېنىغا بارار؟
يىغا-زارلار گويا تاش ئورمان
دادام – ئۆلۈك
ئەمدى ئۇنى ساقلىغىلى بولمايدۇ
ئۇ ئاستا-ئاستا پۇرايدۇ
سېسىپ كېتىدۇ
ئۇنى ئەمدى سۆيگىلى بولمايدۇ
ئۇنىڭغا ئېسىلغىلى بولمايدۇ
دادا، كىتابىم چىقتى دەپ
ئەركىلەپ تېلېفون ئۇرغىلى بولمايدۇ...
- رەھمەتلىك ياخشى ئادەم ئىدى
بىر ئۆمۈر خەلق ئۈچۈن ئىشلىگەن
باشقىلارغا يامانلىق قىلمىغان
ئۇنىڭ ياتقان يېرى جەننەت بولغاي!
- ياق!!!
ئۇ ياتمىغاي...!
ئورنىدىن دەس تۇرۇپ
پاسئان ئوغلۇم، كەلدىڭمۇ دەپ قولىنى ئۇزاتقاي...
دادامنى كۆتۈرمەكتىمىز
توي بولغاندەك
ئۇنى يەر ئاستىغا ئەكىرىپ ياتقۇزۇپ قويماقتىمىز
نەقەدەر غېرىپ
قېچىپ چىقىپ قايتا ياشىۋالمىسۇن دېگەندەك
ئېغىزىنى تاشلار بىلەن ئەتمەكتىمىز
ئاھ ئۆلۈك دادام
تىرىكلەر سەندىن قاچماقتا
سەن قالغان كىچىككىنە قىسىلچاقتا
مەنمۇ قالسامچۇ؟!
سەن پېتىپ كەتكەن قاراڭغۇلۇققا
مەنمۇ پېتىپ كەتسەمچۇ؟!
سەن قوشۇلۇپ كەتكەن مەڭگۈلۈككە
مەنمۇ قوشۇلۇپ كەتسەمچۇ...!
ئاھ ئۆلۈك دادام
قەبرەڭنىڭ ئېغىزى ئېتىلگەندىن تارتىپ
مۇدھىش كېچىدە سەن
نە كۈن نۇرى
نە توخو-كەپتەرلىرىڭ
ئۇندا نە باغ-ۋاران
نە بالىلىرىڭ
ھەمدە ساڭا ئوخشايدىغان ئوغۇل نەۋرەڭ
يۈزلىرىڭگە چۈشكەن شېغىل تاشلاردەك
ئىگە-چاقسىز سەن
ئاھ ئۆلۈك دادام
قانچىلىك چىرىپ كەتكەنسەن-ھە!؟
ھالبۇكى
ئەمدى يۈرىكىڭ ئاغرىمايدۇ
ئەمدى نەپسىڭ قىستىمايدۇ
ئەمدى بېلىڭ پۈكلىنىپ قالمايدۇ
پۇتۇڭ ئاغرىمايدۇ
كۈندە ئۈچ قېتىم ئېنسولىن تولۇقلىمىساڭمۇ بولىدۇ
ئەمدى بۇ ھاياتقا ئاچچىقلاپمۇ يۈرمەيسەن
سېنىڭ ئەمدى ھېچقانداق غېمىڭ يوق
ھېچبىر ئىدىيە
ھېچبىر غايە
ھېچبىر ئېتىقاد
سېنى ئەمدى قايتا پاراكەندە قىلالمايدۇ
زېمىننىڭ تومۇرلىرى ئارقىلىق
ھەممە جايغا يېتىپ بارىسەن
بارچە يىلتىزلاردىن ئۆرلەپ
دۇنياغا تارقىلىسەن
ھاۋادىمۇ سېنىڭ ھېدىڭ
سۇدىمۇ ھەم...
ئاھ غايىپ دادام...
يوقلۇقتىن كېلىپ
يوقلۇققا قۇيۇلدۇڭ
بىز رېئاللىق دەپ ئاتىغان بۇ كونا قوتاندا ئەمەس
ئېسىمدە ياشىماقتىسەن
دۇئادا ئەمەس
ئويۇمدا پەرۋاز قىلىۋاتىسەن
قەبرىگە ئەمەس
كۆزۈمگە كۆمۈلدۈڭ
ئاھ جەۋھەر دادام...!
سەن بولمىغان بولساڭ
مەنمۇ بولمايتتىم
شېئىرلىرىممۇ بولمايتتى
دېمەك، ئۇلارنىڭمۇ دادىسى ئۆزۈڭ
مىللىتىممۇ سەن
ئېتىقادىممۇ سەن
ۋەتىنىممۇ سەن...!
ئەي كائىناتىم...!
ئەي قىزىلما بايلىقىم...!
ئەي كۆڭۈل ئىكرانىمدا داۋاملىق قويۇلۇپ تۇرىدىغان
كۆرۈپ قانمايدىغان ھەرىكەتلىك فىلىمىم!
ئەي يېڭى پۈتتۈرگەن رومانىم...!
ئەي ھەر كۈنى ئوينىغۇم كېلىپ تۇرىدىغان سىنوك مۇسابىقەم!
ئەي كېچە-كۈندۈز قاراپ ئولتۇرىدىغان كومپىيۇتېرىم!
ئەي كۈنسىېرى ئوماقلىشىۋاتقان كىچىك ئوغلۇم!
ئەي مۇز ئارىلاشتۇرۇپ ئىچىدىغان بىرنەچچە خىل شارابىم!
ئەي ئاۋازى بارغانچە ئېچىلىۋاتقان دۇتىرىم!
ئەي مېنىڭ ئۆلچەملىك مۇسكۇلۇم!
ئەي خالىغاندا داۋاملاشتۇرىدىغان بولمىغۇر ئىش-ھەرىكىتىم...!
ئەي بىراۋغا ئېيتىپ باقمىغان ئىدىيەۋىي نىشانىم!
ئەي كاللامدىكى قۇپقۇرۇق يەر...!
ئەي، مېنى مۇسىبىتى بىلەن مەڭگۈ باقىدىغان ئارقا تېرىكىم!
ئەي، مېنىڭ كۆتۈرگۈسىز ئۆلۈكۈم...!
ئەي، مېنىڭ ئاخىرقى ناخشام...!
تۇپراق بېشىڭغا خادا تىكلەندى
ئۈجمە، سىدە، يۇلغۇنلار كۆچۈرۈلدى
چىلەكلەپ سۇ قۇيۇۋاتىمىز
تومۇز ئىسسىقتا
تاشلار مىدىرلاپمۇ قويمايدۇ
شۇنداق، مەڭگۈ ئورنۇڭدىن تۇرالمايسەن...
ئۆلۈم - بىر ئىپلاستۇر
ئۆلۈم - چوڭ يالغانچىدۇر
ئۆلۈم - كەچۈرگۈسىز جىنايەتتۇر
ئۆلۈم – ساقايماس كېسەلدۇر
ئۆلۈم – ئېچىنىشلىق مەغلۇبىيەتتۇر
ئۆلۈم – قارا جەمئىيەتتۇر
ئۆلۈم – يەرئاستى تەجرىبىخانىدۇر
ئۆلۈم – قۇرۇق ئىستاكاندۇر...
بىلىمەن، سېنى قايتا كۆرەلمەيمەن
ئاھ، يوق دادا...
ئەمدى گۆشلىرىڭدىكى نەملىكتىن پەيدا بولغان قۇرت-قوڭغۇزلارنى دادام دەيمۇ؟
سەن ئولتۇرغان پىشايۋاندا ئۇزاق ئولتۇردۇم
سەندىن قالغان كىيىملەرنى پۇرىدىم
سەن تۇتقان كىتابنى، قوشۇقنى، ئاچقۇچلارنى بىربىرلەپ تۇتتۇم
سەن تۈگەپ كېتىشتىن ئىلگىرى
ئۆلۈم قانداق بىشارەت بەرگەن بولغىيىتى؟
سېنى قانداق قورقۇتقان ئىدى؟
نېمىشقا جىمغورلىشىپ كەتكەن ئىدىڭ...؟
ئەگەر ئەندىشەڭ ساقسىزلىقتىن بولسا
مانا، ئەمدى ئاغرىيدىغان جېنىڭ يوق، سەللىمازاسەن!
ئەگەر ئۇ پەرزەنت غېمى بولسا
ئۇنى بالىلارغا قويۇپ خاتىرجەم ھالدا تۇپراققا ئايلان!
ئەگەر ئۇ ئۆزۈڭمۇ بىلمەيدىغان مەۋھۇم نەرسە بولسا
ئىشەنگىنكى
ئۇ مېنىمۇ ئۇزاق ئۆتمەي يېنىڭغا ئېلىپ بارىدۇ
دادا!
ئەمدى بۇ چاقىرىشلىرىممۇ ساڭا ئۇرۇلمىغان ھالدا
مەڭگۈ ئىچكىرىلەپ كېتىدۇ-دە،
سەندىن قايتىدىغان
ھېچقانداق ئەكس سادامۇ بولمايدۇ...
دادا...